Wikipedia
ugwiki
https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA
MediaWiki 1.39.0-wmf.21
first-letter
ۋاسىتە
ئالاھىدە
مۇنازىرە
ئىشلەتكۈچى
ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى
Wikipedia
Wikipediaمۇنازىرىسى
ھۆججەت
ھۆججەت مۇنازىرىسى
MediaWiki
MediaWiki مۇنازىرىسى
قېلىپ
قېلىپ مۇنازىرىسى
ياردەم
ياردەم مۇنازىرىسى
تۈر
تۈر مۇنازىرىسى
TimedText
TimedText talk
Module
Module talk
Gadget
Gadget talk
Gadget definition
Gadget definition talk
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى
0
7346
154446
136976
2022-07-25T04:43:06Z
Kwamikagami
2197
wikitext
text/x-wiki
<div style="direction:rtl; font-family:tahoma">
[[file:Flag of NATO.svg|thumb|]]
[[file:NATO members (blue).svg|thumb|]]
ئىنگىلىزچە قىسقاتىپ NATO دەپ ئاتىلىدۇ.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (North Atlantic Traty Organization) ناتو، 1949- يىلى 4- ئاپرىلدا قۇرۇلغان. قۇرۇلۇش باياننامىسىدە، تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى؛ «شىمالىي ئاتلانتىك رايونىدا مۇقىملىق ۋە پاراۋانلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىكى، ئورتاق مىراسى ۋە مەدەنىيەتلىرى قوغدىلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. تېخىمۇ ئېنىق بايان قىلىشقا توغرا كەلسە، ناتونىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى [[سوغۇق ئۇرۇش]] مەزگىلىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپادا تەسىرىنى زورايتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىدى. تەشكىلاتنىڭ ئەنگىلىيە، فرانسىيە، بىلگىيە، گوللاندىيە، ليۇكسىمبورگ، ئامېرىكا، كانادا، ئىتالىيە، ئىسلاندىيە، دانىيە، نورۋىگىيە ۋە پورتىگالىيە قاتارلىق 12 قۇرغۇچى ئەزاسى بار ئىدى... كېيىنكى يىللاردا تۈركىيە، يۇنانىستان (گرىتسىيە)، گېرمانىيە ۋە ئىسپانىيە بۇ تەشكىلاتقا كىردى...
خەلقئارالىق ھەربىي ۋە سىياسىي بىر تەشكىلات بولغان ناتونىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەبى، سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن تالاش – تارتىش قىلىنىشقا باشلىدى. لېكىن تالاش – تارتىشلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ناتو يېڭى ئەزالارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن كېڭىيىشكە باشلىدى... سابىق ۋارشاۋا شەرتنامىسىگە ئەزا دۆلەتلەردىن چېك جۇمھۇرىيىتى، ۋىنگىرىيە ۋە [[لەھىستان]] قاتارلىق دۆلەتلەر 1999 – يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) غا ئەزا بولدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆزگىرىش بولسا 2004- يىلى مارت ئېيىدا مەيدانغا كەلدى. بۇ قېتىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ئېستونىيە، لىتۋانىيە ۋە لېتونيە بىلەن سلوۋېنىيە، سلوۋاكىيە، بۇلغارىستان (بۇلغارىيە) ۋە رومېنىيە قاتارلىق ئەللەر ناتوغا ئەزا بولۇپ كىردى.
يۇقىرىدا، سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن بىرلىكتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى توغرىسىدا تالاش – تارتىشلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۆتتۇق...
1990- يىلى لوندوندا چاقىرىلغان ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا باشلانغان بۇ تالاش – تارتىشلار، 1991- يىلى 11- ئايدا رومادا چاقىرىلغان ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا كۆزگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە بۇ يىغىننىڭ ئاخىرىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) ئۈچۈن يېڭى بىر قۇرۇلما، ۋەزىپە ساھەسى ۋە مەسئۇلىيەتلەر بېكىتىپ چىقىلدى... يىغىننىڭ ئاخىرىدا، بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپاغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم تەھدىدىنىڭ يوقلۇقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، يەنىلا يادرو قوراللىرى، مۇقىمسىزلىق ۋە تۇراقسىزلىقلارغا يېڭى بىر تەھدىت سۈپىتىدە قارىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) نىڭ نۆۋەتتىكى يېڭى يۆنىلىشى ياۋروپادا خاتىرجەم ۋەزىيەت يارىتىش، مۇقىملىق ۋە ئىستىراتېگىيە تەڭپۇڭلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش، تىنچلىقنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە كرىزىسلەرنى ئىدارە قىلىش... قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى.
1994- يىلى چاقىرىلغان بريۇسسېل ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا تىنچلىق ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىش لايىھىسى قوبۇل قىلىندى... بۇ لايىھىنىڭ نىشانى، بىر تەرەپتىن سوتسىيالىزىم لاگېرىغا تەۋە دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىكلىشىشىنى قوللاپ قۇۋەتلەش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ شەرققە قاراپ كېڭىيىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىدى. سوتسىيالىزىم لاگېرىغا تەۋە دۆلەتلەرنىڭ تەشكىلاتقا ئەزالىقى مەزكۇر لايىھە دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلدى. تەشكىلات، 1995- يىلنىڭ ئاخىرىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېرىلگەن ھوقۇققا تايىنىپ تۇرۇپ، تارىخىدا تۇنجى قېتىم، كۆپ دۆلەتلىك بىر كۈچ تەشكىللەپ چىقتى. كۆپ دۆلەتلىك ھەربىي قىسمنىڭ ۋەزىپىسى، بوسنا ھەرسەكتىكى تىنچلىق كېلىشىمنامىسىنىڭ ھەربىي ساھەگە مۇناسىۋتلىك ماددىلىرىنى ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.
1999- يىلى كوسوۋادا تۇرۇشلۇق سىرپ ھەربىي قىسىملىرىنى كوسوۋادىن مەجبۇرى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن، ناتو 11 ھەپتە ئۇدا يۇگوسلاۋىيىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى. بۇ قېتىمقى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىش، ناتونىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئېلىپ بارغان كەڭ دائىرلىك ھەربىي ھەرىكەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ناتو، 1999- يىلى ئۇ دەۋرىنىڭ شەرت- شارائىتىگە ئاساسەن ئۆزنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ۋە نىشانىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ، سىياسى مۇقىمسىزلىق، تەشكىللىك ھالدا ئېلىپ بېرىلغان جىنايەتلەر، كەڭ – دائىرلىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ تارقىلىشى، يادرو قوراللار قاتارلىقلار ئەينى دەۋىرنىڭ ئاساسلىق تەھدىتلىرى، دەپ بېكىتىپ چىققان ۋە تۇنجى قېتىم تېررورىزم ۋە «ھاياتلىق مەنبەلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى»نىمۇ تەھدىت قاتارىغا كىرگۈزگەن...
ياۋروپا- ئاتلانتىك بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، مۇداپىئە جەھەتتىن ھەمكارلىق ئورنىتىش، كرىزىسقا قارشى تاقابىل تۇرۇش كومىتېتى، ھەمكارلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، دىئالوگ، كېڭىيىش، ھەربىي تەلىم- تەربىيىنىڭ كۈچەيتىلىشى، قورال- ياراقلارنىڭ كونترول قىلىنىشى ۋە قورالسىزلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ناتونىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 11- سىنتەبىر ۋەقەسى ناتوغا نىسبەتەن تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەينى دەۋىرنىڭ نۆۋەتچى باش كاتىبى، ناتونىڭ قۇرۇلۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ۋاشىنگىتون ئەھدىنامىسىنىڭ 5- ماددىسنى دەرھال ئىجرا قىلىشنى باشلىۋەتكەن. چۈنكى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇم، ناتوغا قىلىنغان ھۇجۇم بولۇپ ھېسابلىناتتى.
ناتو، 2003- يىلى تۇنجى بولۇپ، ياۋروپانىڭ سىرتىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى. ناتو، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل ۋە ئەتىراپىدىكى رايونلاردا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ قارارى بىلەن تەشكىللەنگەن تىنچلىقىنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ، ئىستراتېگىيىلىك قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئالدى... ئىراق ئىشغال قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى ۋە كېينكى مەزگىللەردە پەيدا بولغان تالاش تارتىشلار، ناتونىڭ تارىخىدا جىددىي كرىزسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، چۈنكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىشغالىيەتچى قىسىملار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ناتو بىر گەۋدە سۈپىتىدە ئىشغالىيەتچى قىسىملار قاتارىدىن ئورۇن ئالمىدى. ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر، ھازىرىمۇ ناتونىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ۋە مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە تالاش- تارتىش ئېلىپ بارماقتا
08urae8vtnjn3gi0kb37okw2swywcqe
قەھۋە
0
15111
154443
152920
2022-07-24T13:40:49Z
Comotevafernando
19048
wikitext
text/x-wiki
[[ھۆججەت:Roasted coffee beans.jpg|thumb|قەھۋە پۇرچىقى]]
قەھۋە ([[ئىنگلىز تىلى|ئېنگلىزچە]]: Coffee، كوفى؛ [[ئۇيغۇر تىلى|ئۇيغۇرچە]] باشقىچە ئاتىلىشى: كوفى) دۇنيادىن [[چاي]]دىن كېيىن قالسىلا ئەڭ كۆپ ئىستىمال قىلىندىغان بىر خىل ئىچىملىك. قەھۋەنى ئادەتتە قەھۋە پۇرچىقنى قۇرۇق ئىسسىتىپ ھاسىل بولغاندىكى سۇيۇقلۇقنى (قارا قەھۋە دەپ ئاتىلدۇ) قايناق [[سۇ]]، [[سۈت چاي|سۈت]]، [[شېكەر]] ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن تەڭشەپ ئېتىلدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق قەھۋە شىركىتى [[سىتارباكىس (قەھۋاخانا)|سىتارباكىس]] زەنجىرسىمان قەھۋەخانىسدۇر.
قەھۋەنىڭ ئەسلى تەمى ناھايىتى قىرتاق بولۇپ، كىشىگە بىر خىل سەسكىنىشلىك ھېسىيات بېرىدۇ. لېكىن قەھۋەنى ئىچكەندىن كېيىن ئۇ كىشلەرنىڭ ئۇيقۇسنى كەينىگە سۈردۇ ۋە شەخىسنى سەگەك تۇتۇدۇ. شۇڭىلاشقا قەھۋەگە شېكەر، ناۋات، ياكى [[سۈت چاي|سۈت]] قېتىلىپ قىرتاق تەمنى يوتىقتىدۇ. قەھۋە ھازىرقى زاماندا كىشلەر تەرىپىدىن ئالى ئىچىملىك سۈپىتىدە ئىستىمال قىلىنماقتا.
{| class="wikitable"
|+قەھۋە
Coffee
| colspan="2" |[[ھۆججەت:A small cup of coffee.JPG|thumb|بىر تەخسە قەھۋە]]
|-
!تىپى
|قىزىق ياكى مۇز سوغوق
|-
!ئانا يۇرتى
|[[ئافرىقا|ئافىرىقا]] بۇرنى ۋە
جەنۇبى [[سەئۇدى ئەرەبىستان]] يېرىم ئارلى
|-
!كەڭ كۆلەمدە
تونۇلغان
ۋاقتى
|15 - ئەسىر
|-
!رەڭگى
|قارا، قوڭۇر، سۇس قوڭۇر،
قىزغۇچ سېرىق
|}
=== قەھۋەنىڭ تۈرلىرى ===
[[ھۆججەت:Girls cleaning coffee.JPG|thumb|قىزلار قەھۋەنى تازلىماقتا]]
{| class="wikitable"
|+قەھۋەنىڭ تۈرلىرى
!ئۇيغۇرچە نامى
!ئېنگلىزچە نامى
|-
|[[كاپۇچىنو (قەھۋە)|كاپۇچىنو]] (ياكى كاپۇچىنو
قەھۋەسى)
|Cappuccino
|-
|[[ئەسپرەسسو (تېز قەھۋە)|ئەسپرەسسو]]
|Espresso
|-
|سۈتلۈك ئەسپرەسسو
(ياكى [[لاتەي (قەھۋە)|لاتەي]])
|Latte
|-
|[[ئامېرىكانو (قەھۋە)|ئامېرىكانو]]
|Caffè Americano
|-
|[[ماكىياتو (قەھۋەسى)|ماكىياتو]] قەھۋەسى
|Caffè macchiato
|-
|[[موكا (قەھۋە)|موكا]] قەھۋەسى
|Caffè mocha
|-
|[[ئافۇگاتا (قەھۋە)|ئافىگاتو]] (ئافۇگاتو)
|Affogato
|-
|[[كورتادو (قەھۋە)|كورتادو]]
|Cortado
|-
|[[مۇزلۇق قەھۋە]]
|Iced coffee
|-
|سوغوق ئېچىتىلغان قەھۋە
|Cold brew coffee
|-
|[[فىراپېي (قەھۋە)|فىراپىيە]] قەھۋەسى
|Frappé coffee
|-
|[[تۈرك قەھۋەسى|تۈرك قەھۋە]]سى
|Turkish coffee
|-
|قېنىق ئېكىس پراسو قەھۋەسى
(ياكى [[رىسچرەتوۋ (قەھۋە)|رىستېرتو]] قەھۋەسى)
|Ristretto
|-
|سۈت يېرىم قەھۋەسى
([[ئولېي (قەھۋە)|ئولېي قەھۋەسى]])
|Café au lait
|-
|[[كاراخىلو (قەھۋە)|كاراخىلو]] قەھۋەسى
|Carajillo
|-
|[[دوپىيو (قەھۋە)|دوپىيە]] قەھۋەسى (دوپىيو)
|Doppio
|-
|[[لاڭگو (قەھۋە)|لاڭگو]] قەھۋەسى
|Lungo
|-
|[[ۋېيتنام مۇزلۇق قەھۋەسى|ۋېتنام مۇز قەھۋەسى]]
|Vietnamese iced coffee
|-
|[[كۇبا ئەسپرەسسوسى (قەھۋە)|كۇبا ئەسپرەسسو]] قەھۋەسى
|Cuban espresso
|-
|[[كىچىك ئىدىش قەھۋەسى (قەھۋە)|كىچىك ئىدىش قەھۋەسى]] (ياكى
مېكسىكا قەھۋەسى،
ئوللا قەھۋەسى)
|Café de olla
|-
|[[كان لەچېي قەھۋەسى (قەھۋە)|كان لەچېي]] قەھۋەسى
|Café con leche
|-
|[[كۇرد تىلى|كۇرد]] قەھۋەسى (ياكى
[[مەنەڭگىچ قەھۋەسى (قەھۋە)|مەنەڭگىچ قەھۋەسى]])
|Menengiç Coffee
|-
|[[كورىتو (قەھۋە)|كورىتو]] قەھۋەسى
|Caffè corretto
|-
|[[تۇخۇم قەھۋەسى]] (ياكى
[[ۋيېتنام|ۋېيتنام]] تۇخۇم قەھۋەسى)
|Egg coffee
|-
|قايماقلىق قەھۋە (ياكى
كون پاننا قەھۋەسى،
[[ئەسپرەسسو كون پانا (قەھۋە)|ئەسپرەسسو كون پان]]ا)
|Espresso con panna
|-
|[[ئۇزۇن قارا قەھۋە|ئۇزۇن قارا]] قەھۋە
|Long black
|-
|[[ماروكىنو (قەھۋە)|ماروكىنو]] قەھۋەسى
|Marocchino
|-
|[[بىجېرىن (قەھۋە)|بىجېرىن]] قەھۋەسى
|Bicerin
|-
|[[مىررا (قەھۋە)|مىررا]] قەھۋەسى (
ياكى مىررا [[تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى|تۈركىيە]] قەھۋەسى)
|Mırra
|-
|[[كوپى (قەھۋە)|كوپى]] قەھۋەسى
|Kopi
|-
|[[يىن يوڭ (ئىچىملىك)|يىن يوڭ]] ئىچىملىكى
|Yuenyeung
|-
|گالاۋ قەھۋەسى (ياكى
پورتۇگالىيە قەھۋەسى)
|Galão
|-
|ئپوخ ئاق قەھۋەسى
|Ipoh white coffee
|-
|[[تايلاند]] مۇزلۇق قەھۋەسى
(ياكى ئولياڭ قەھۋەسى)
|Oliang
|-
|ئالجىريە قەھۋەسى
(ياكى مازاگران قەھۋەسى)
|Mazagran
|-
|ئاسياچە قەھۋە (ياكى
ئاسياتىك قەھۋەسى)
|Asiático
|-
|بىكا قەھۋەسى
|Bica
|-
|ئېكىس پراسىنو قەھۋەسى
(جەنۇبى ئىتالىيە قەھۋەسى)
|Espressino
|-
|كوپى تۇبرۇك
|Kopi tubruk
|-
|توبا قەھۋەسى
|Café Touba
|-
|سانگېر قەھۋەسى
|Sanger
|-
|قىشىر قەھۋەسى (ياكى
[[يەمەن]] قەھۋەسى)
|Qishr
|-
|چېيرىنخو قەھۋەسى
|Café com cheirinho
|-
|ماستاڭ قەھۋەسى
|Mustang coffee
|-
|مۇزلۇق ئاتما قەھۋەسى (ياكى
ئايس شات قەھۋەسى)
|Ice Shot
|-
|فىرەدو كاپۇچىنو
|Freddo Cappuccino
|-
|فىرەدو ئېكىس پراسو
|Freddo Espresso
|-
|[[ئاۋستىرىيە|ۋېننا]] قەھۋەسى
|Vienna coffee
|}
[[ھۆججەت:Classical Cappuccino in Savour Cafe.jpg|thumb|كىلاسسىك كاپۇچىنو قەھۋەسى]]
=== قەھۋە سىتاتكلىرى ===
{| class="wikitable"
! colspan="2" |2020-يېشىل قەھۋە ئىشلەپ چىقىرىش
ئەھۋەلى
|-
!ئۇلۇس
!مىقدارى(60 كىلوگراملىق خالتا بىر بىرلىك
-مىڭ)
|-
|[[برازىلىيە|بىرازىليە]]
|69,000
|-
|[[ۋيېتنام|ۋېيتنام]]
|29,000
|-
|[[ھىندونېزىيە]]
|12,400
|-
|[[كولومبىيە|كولۇمىبيە]]
|14,300
|-
|[[ئېفىئوپىيە|ئىفوپىيە]]
|7,373
|-
|[[ھوندۇراس]]
|6,100
|-
|[[ھىندىستان]]
|5,700
|-
|'''دۇنيا'''
|'''175,647'''
|-
| colspan="2" |مەنبە: خەلقئارالىق قەھۋە بىرلەشمىسى
|}
[[ھۆججەت:Turkish Coffee with Crema.jpg|thumb|قايماقلىق [[تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى|تۈركىيە]] قەھۋەسى]]
[[ھۆججەت:Espresso.svg|thumb|ئېكىس پراسو قەھۋەسى]]
[[ھۆججەت:Coffee consumption map-en.svg|thumb|قەھۋە ئىسىتمال مىقدارى خەرىتىسى]]
[[ھۆججەت:CoffeeYield.png|thumb|دۆلەتلەرنىڭ ئۇتتۇرچە قەھۋە ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى خەرىتىسى]]
[[تۈر:ئىچىملىك]]
bmbko9rbpml1yk9iu8f1kfvicrxoff2
يىن يوڭ (ئىچىملىك)
0
21158
154442
2022-07-24T13:27:25Z
Comotevafernando
19048
قۇرۇلغان بەت 'يىن يوڭ (ياكى يىنيوڭ، يۈەن ياڭ، يۈەنياڭ؛ 鴛鴦؛ [[ئىنگلىز تىلى|ئېنگلىزچە]]: Yuenyeung) [[شياڭگاڭ|خوڭكوڭ]]نىڭ [[قەھۋە]] بىلەن [[چاي]] ئارلاشتۇرۇپ ئېتىلگەن بىر خىل ئىچىملىكى. بۇ ئىچىملىككە ئىشلىتىلدىغان چاي خوڭكوڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكگە ئىگە سۈت چايدۇر. 2010-يىلدىن باشلا...'
wikitext
text/x-wiki
يىن يوڭ (ياكى يىنيوڭ، يۈەن ياڭ، يۈەنياڭ؛ 鴛鴦؛ [[ئىنگلىز تىلى|ئېنگلىزچە]]: Yuenyeung) [[شياڭگاڭ|خوڭكوڭ]]نىڭ [[قەھۋە]] بىلەن [[چاي]] ئارلاشتۇرۇپ ئېتىلگەن بىر خىل ئىچىملىكى. بۇ ئىچىملىككە ئىشلىتىلدىغان چاي خوڭكوڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكگە ئىگە سۈت چايدۇر. 2010-يىلدىن باشلاپ [[سىتارباكىس (قەھۋاخانا)|سىتارباكىس]] [[ئاۋمېن]] (ماكاۋ) ۋە [[شياڭگاڭ|شىياڭگاڭ]] (خوڭكوڭ) دا يىن يوڭ قەھۋەسنىڭ فىراپۇچىنو نۇسخىسنى بازارغا سالدى.
{| class="wikitable"
|+يىن يوڭ قەھۋەسى
Yuenyeung
| colspan="2" |[[ھۆججەت:Yuanyang (drink).jpg|thumb|يىن يوڭ (ياكى يۈەن ياڭ) قەھۋە ئىچىملىكى]]
|-
!تۈرى
|ئىچىملىك
|-
!ئانا يۇرتى
|[[شياڭگاڭ|خوڭكوڭ]]
|-
!ئىستىمال تېمپىراتۇراسى
|قىزق ياكى [[مۇزلۇق قەھۋە|مۇز]]لۇق
|-
!ئاساسلىق ماتىرياللار
|ئىچىتىلغان [[قەھۋە]]،
[[شېكەر]]،
قارا چاي،
ئۇيۇشتۇرۇلغان سۈت
|}
gptg600l0o15j1404nsi5xlhnhm6vj0
ھايۋانلارنىڭ ھەرىكىتى
0
21159
154444
2022-07-25T03:48:47Z
Cocomacoy
19751
قۇرۇلغان بەت 'ھايۋانلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ ، جۈملىدىن ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەت قىلىش ، بېقىش ، بېقىش ، ھۇجۇم قىلىش ۋە قوغداش ۋە باشقا ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، ھەتتا ھايۋانلارمۇ ئاۋاز چىقىرىش ۋە بەدەن رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ھايۋانلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى.'
wikitext
text/x-wiki
ھايۋانلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ ، جۈملىدىن ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەت قىلىش ، بېقىش ، بېقىش ، ھۇجۇم قىلىش ۋە قوغداش ۋە باشقا ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، ھەتتا ھايۋانلارمۇ ئاۋاز چىقىرىش ۋە بەدەن رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ھايۋانلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى.
4y6nh4oxiqdego6j6512urd95wilevx
ئۆسۈملۈك ئېكولوگىيىسى
0
21160
154445
2022-07-25T04:03:24Z
Cocomacoy
19751
قۇرۇلغان بەت 'ئۆسۈملۈكلەر (شەخسلەر ، ئاھالىلەر ۋە مەھەللىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر قىلىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ ، مۇھىتنىڭ مورفولوگىيەلىك قۇرۇلما ، فىزىئولوگىيە ۋە بىئو-خىمىيىلىك ، گېن ئالاھىدىلىكى ، مىقدارنىڭ داۋالغۇشى ۋە...'
wikitext
text/x-wiki
ئۆسۈملۈكلەر (شەخسلەر ، ئاھالىلەر ۋە مەھەللىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر قىلىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ ، مۇھىتنىڭ مورفولوگىيەلىك قۇرۇلما ، فىزىئولوگىيە ۋە بىئو-خىمىيىلىك ، گېن ئالاھىدىلىكى ، مىقدارنىڭ داۋالغۇشى ۋە جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مېخانىزىمنى ئاشكارىلىدى. شۇنداقلا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىشى ۋە ئۆزگىرىشنىڭ ماھىيىتى.
3imdy1ff3p7mjnebvd1oziuzlxjk4bs