Wikipedia ugwiki https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA MediaWiki 1.39.0-wmf.23 first-letter ۋاسىتە ئالاھىدە مۇنازىرە ئىشلەتكۈچى ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى Wikipedia Wikipediaمۇنازىرىسى ھۆججەت ھۆججەت مۇنازىرىسى MediaWiki MediaWiki مۇنازىرىسى قېلىپ قېلىپ مۇنازىرىسى ياردەم ياردەم مۇنازىرىسى تۈر تۈر مۇنازىرىسى TimedText TimedText talk Module Module talk Gadget Gadget talk Gadget definition Gadget definition talk لۇتپۇللا مۇتەللىپ 0 8924 154626 154352 2022-08-11T08:30:17Z Erilliq 19871 خاتا ئۇچۇرلار ۋە ئىملا خاتالىقى تۈزۈتۈلدى. ئارتۇقچە شېئىرلار قىسقارتىلدى. ھاياتى ھەققىدە تەپسىلى ئۇچۇرلار بېرىلدى. wikitext text/x-wiki {{شەخسلەر رامكىسى |ئىسىم-فامىلىسى = لۇتپۇللا مۇتەللىپ |رەسىمى = File:L mutelip.jpg |تۇغۇلغان-ۋاقتى = {{تۇغۇلغان|1922|11-ئاينىڭ 22-كۈنى}} |تۇغۇلغان-ئورنى = [[چۈنچە يېزا]] ([[ئالمۇتا]]) |ۋاپات-بولغان-ۋاقتى = {{ئۆلگەن|1945|9-ئاينىڭ18-كۈنى}} |ۋاپات-بولغان-ئورنى = |مىللىتى = [[ئۇيغۇر]] |دۆلەت-تەۋەلىگى = |ھازىرقى-ئورنى = |كەسپى = [[شائىر]] |خىزمىتى = |مائارىپ-سەۋىيىسى = |ھەمرايى = |بالىلىرى = |ئاتا-ئانىسى = |تور-بېكىتى = }} '''لۇتپۇللا مۇتەللىپ''' -(تەخەللۇسى قاينام ئۆركىشى، لۇتۇن)(1922-يىلى 22-نويابىر - 1945-يىلى18-نويابىر ) 20-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن [[ئۇيغۇر مىللىتى|ئۇيغۇر]] شائىر، دىراماتوروگ ۋە مۇستەملىكىگە قارشى تەشكىلاتچى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان شېئىرىيىتىدە ھەممىدىن تونۇلغان شائىرلارنىڭ بىرى. لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ ،ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە 23 يىللىق ھاياتىدا «[[يىللارغا جاۋاپ]] »،« [[خىيالچان تىلەك]]»، « [[بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى]] »قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنى ،«[[پادىشاھ سامورايلىرى ھالسىرايدۇ]] » « [[ئەجەل ھودۇقۇشىدا]] » ناملىق مەشھۇر فېلىيەتونلارنى، ۋە يېقىنقى ئۇيغۇر تارىخدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە رومان «داۋانلار ئاشقاندا»(بۇ ئەسەر يوقۇلۇپ كەتكەن)نى يازغان. شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل ،چۈشۈنۈشلۈك ، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرىت ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلىقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا. شېئىرىيەتتىن باشقا لۇتپۇللا تەشكىلاتچىلىق، دىرامما ئەرتىسلىكى، تەرجىمانلىق ۋە تەھرىرلىكمۇ قىلغان. مۇستەملىكىگە قارشى ئۇيغۇر مىللىي ئازاتلىق كۈرىشى تارىخىدا ئاقسۇدا قۇرۇلغان تەشكىلاتلاردىن 1945-يىلى قۇرۇلغان مەخپىي تەشكىلات «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ قۇرغۇچىسى. 1945-يىلى گومېنداڭ باشچىلىقىدىكى جوڭگۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. == ھاياتى == لوﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ 1922-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22-ﻛﯜﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ [[قازاقىستان|ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ]] ﺋﺎﻟﯩﻤﯘتا ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﭼﯜﻧﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﺒﻮﻳﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. بەزى مەنبەلەردە نىلقا ناھىيىسىدا تۇغۇلغان دەپمۇ يازىدۇ. ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﮬﯧﺰﯨﻤﺎﺧﯘﻥ 1931 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺑﯩﻠﻪﻥ [[غۇلجا شەھىرى|ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ]] كۆچۈپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. لوتپۇللا ئاۋال غۇلجىدىكى تاتار مەكتىپى(ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپ) دە، ئوتتۇرا مەكتەپنى رۇس گېمنازىيىسىدە ( كېيىنكى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتى ۋە ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ) تە ئوقۇغان. بالىلىقىدا لۇتۇن دەپمۇ ئاتالغان. 1939-يىلى، ئىمتىھان بىلەن ئۈرۈمچىدىكى «شىنجياڭ دارۇل مۇئەللىمىن»)(ھازىرقى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستۇتى)گە كىرىپ، ئۇيغۇرچە ئوقۇغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى [[ئۈرۈمچى شەھىرى|ئۈرۈمچىدىكى]] ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، سوۋىت ئىتتىپاقى ئىلىم-پەن خادىملەرىنىڭ جەنۇبىي شىنجياڭنى جۇغراپىيەلىك ۋە ئېكولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە رۇس تىلى تەرجىمانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1942-يىلى 2-ئايدا «شىنجاڭ گېزىتى»گە  خىزمەتكە كىرىپ، مۇھەررىر بولغان. كىيىن جوڭگۇ ھاكىميىتى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ 1943-يىلى 11-ئايدا، ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن ۋە «ئاقسۇ گېزىتى»دە باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئاقسۇدا [[بىلال ئەزىزى]] ، [[مۇنىردىن خوجا]] قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . 1944 يىلى غولجىدا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاپ سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان. 1945-يىلى 4-ئايدا [[ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى]] نامىدىكى مۇستەملىكىگە قارشى مەخپىي تەشكىلات قۇرغان. ئابلىمىت ئابدۇللاھ يازغان «مەرھۇم پولكوۋنىك سوپاخۇن سۈۋۈروفنى ئەسلەيمەن» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسىدە مۇنداق بىر بايان بار: «سابىق شەرقىي شىنجياڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى مۇزەپپەر ئابدۇللايوف (لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ نەۋرە ئاچاسى گۈلسۇم مۇتەللىپ ‹1919-1999-يىللار›نىڭ كۈيوغلى) لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ھايات پائالىيەتى ھەققىدە توختولۇپ مۇنداق دېگەن : “ 1945-يىلى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتى رەھبەرلىكى ئاقسۇدىكى لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپىپ، ئابدۇغوپۇر ناسىروف قاتارلىق كىشىلەرنى لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى غۇلجاغا ئالىپ چىقىش ئۈچۈن، ئالاھىدە ئاقسۇغا ئەۋەتكەن. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار ئاقسۇغا بارىپ، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ بىلەن كۆرۈشىدۇ. مەقسەتنى ئۇقتۇرغاندىن كەيىن، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئابدۇغوپۇر ناسىروفلارنىڭ پىكىرىگە قوشۇلۇپ، غۇلجاغا كەتمەكچى بولىدۇ. بىراق، يولغا چىقىدىغان چاغدا، ئاتنىڭ ئۈزەنگەسىگە پۇتىنى ئالىپ بولغان ل. مۇتەللىپ توساتتىن ئۆزىنىڭ ئىچىنى تىڭشاپ تۇرۇپ قالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروف: ‹نەمە بولدىڭىز؟ تىز بولۇڭ!› دەگەندە، ئۇ: ‹شۇ تۇرۇقتا مەن ئاقسۇدىن كەتسەم، بىرىنجىدىن، مەن گومىنداڭدىن قورققان بولمامدىمەن؟ ئىككىنجىدىن، سەپداشلارىمنى تاشلاپ كەتسەم، قانداق بولىدۇ؟ ياق، مەن كەتمەيمەن. سەپداشلارىمغا نەمە بولسا، ماڭامۇ شۇ!› دەپ، غۇلجاغا كەتىشتىن يالتايىپ قالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار نەسىھەت قىلىپ: ‹مۇتەللىپ، ياخشىسى بىز بىلەن بىللە غۇلجاغا كەتىڭ. بولماسا، ھاياتىڭىزغا خەۋپ يەتىدۇ. بۇ- رەھبەرلىك بىزگە ئالاھىدە تاپشۇرغان ۋەزىپە. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن باش قوماندانلىق ئىشتابى پات ئارادا جەنۇبىي شىنجياڭنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتىدۇ. سىز شۇ چاغدا، مىللىي ئارمىيە قىسىملارى بىلەن يەنە ئاقسۇغا كەلسەڭىز بولىدۇ ئەمەسمۇ؟› دەگەندە، مۇتەللىپ: ‹ ياق، كەتمەيمەن. سەپداشلارىم بىلەن ھايات-ماماتتا بىللە بولىمەن. مەن ئاقسۇدا، مىللىي ئارمىيەنىڭ زەپەر قۇچۇپ كەلىشىنى كۈتىمەن› دەپ، ئاقسۇدا قاپقالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار ئامالسىز ئۆزلەرى غۇلجاغا قايتىپ كەتىدۇ»<ref>شىنجياڭ تەزكىرەچىلىكى» ژۇرنالى، 2011-يىللىق 4-سان، 46-بەت</ref> 1945-يىلى مىللى ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا گومېنداڭ ھاكىميىتىدىكى جوڭگۇ ساقچى ئەمەلدارلىرى لۇپتۇللا مۇتەللىپ ، بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۇرمىگە قامىغان ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە جوڭگۇ ھۆكۈمىتى تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18 كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىلەرچە قەتىل قىلغان . كىيىن كىشلەر لۇتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتنى ئەۋرەز كارىزىغا تاشلىۋىتىلگەن يېرىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ تاراپ ئاقسۇ شەھەرى ئاق مەسچىتنىڭ ئارقىسىدىكى ( ھازىرقى شىياڭگاڭ بازىرىنىڭ ) ئۇتتۇرىدىكى ئاممىۋى قەۋرىستانلىققا دەپنە قىلغان. [[File:Lutpulla qebrisi.jpg|left|thumb|250px|لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ [[ئاقسۇ شەھىرى|ئاقسۇ]]دىكى قەبرىسى]] [[File:Lutpulla011.jpg|left|thumb|250px|لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كىيى چۈشكەن سۈرىتى]] لوتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر ، ئەدىب بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ، تىنىچلىقى ، ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزىمەت . بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش -ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز ! == لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ سىياسى پائالىيەتلىرى ۋە كۈرەشلىرى == == ئوتتۇرا ئاسىيادا لۇتپۇللا مۇتەللىپ == [[File:Lutoplla22.jpg|left|thumb|200px|ئوت يۈرەك شائىر - لۇتپۇللا مۇتەللىپ]] == لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئەسەرلىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش == #لوتپۇللاھ مۇتەللىپ يازغان « تىياتىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە راۋاجلىنىش تارىخى » ناملىق ماقالە « شىنجاڭ گېزىتى » نىڭ 1942 - يىلى 9- ئاينىڭ11 - كۈندىكى سانىدىن باشلاپ بىر نەچچە سانغا بۆلۈپ ئېلان قىلىنغان. #نېمشېھىت 1946 - يىلى ئايدا « ھەپسىدە كەتكەن دوستۇم ل . مۇتەللىپكە» ناملىق مەرسىيەسىنى يازغان. ( « يۈرەك سۆزى » شېئىرلار توپلىمى 1980 - يىلى 1- ئاي مىللەتلەر نەشرىياتى. ) #زەينىدىن سالىيۇپ 1946 - يىلى 8 - ئايدا شىخۇدا « مۇسىبەت » ناملىق مەرسىيەسىسىنى يازغان. (« بىزنىڭ تىلەك »، كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمى، 1981 - يىلى 3 - ئاي شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.) #شائىر ئەلقەم ئەختەم 1946 - يىلى 9 - ئايدا ل . مۇتەللىپكە بېغىشلانغان 54 مىسىرالىق مەرسىيەسى « ئېچىنىش » نى يازغان. بۇ مەرسىيە 1954 - يىلى قازاقىستاندىكى « قازاق ئىلى » ژورنىلى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. شائىرنىڭ « ئۆمۈد دولقۇنلىرى » ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. #تىيىپجان ئېلىيوف 1948 - يىلى 3 - ئايدا قورغاستا « لوتپۇللاغا » ناملىق شېئىرىنى يازغان. (« ت.ئېلىيوف شىئېرلىرى » 1 - تومغا كىرگۈزۈلگەن.) #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1952 - يىللىق 6 - سانىغا ل.مۇتەللىپنىڭ « لېنىن شۇنداق ئۈگەتكەن» ناملىق ئەسىرى بېسىلغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1952 - يىللىق 8 - سانىغا « ل . مۇتەللىپ خاتىرىسى » دېگەن ماۋزۇدا تەھرىر بۆلۈم نامىدىن ل . مۇتەللىپنىڭ ھاياتى رەسىمى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان ۋە ل . مۇتەللىپنىڭ « ئەجەل ھودۇقىشىدا »، « كۈرەش ئىلھامى »، « يىللارغا جاۋاب »، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق ئەسەرلىرى بېسىلغان. #ئەلقەم ئەختەم 1953 - يىلى 9 - ئايدا« دوستۇم مۇتەللىپ » ناملىق شېئىرىنى يازغان (1957 - يىل 9 - ئاي مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان« كۈرەش دولقۇنلىرى » غا كىرگۈزۈلگەن.) #« شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1955 - يىللىق 6 - سانىدا ل . مۇتەللىپنىڭ « بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ1955 - يىللىق 8 – سانىدا « ل.مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 10يىللىقى ئالدىدىن» دېگەن سەھىپە ئىچىلىپ، ت.ئېلىيوفنىڭ « ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك شائىرى » دېگەن ماقالىسى بىسىلغان، بۇ ماقالە جەمئىي 23 بەتلىك. بۇ ماقالە ل.مۇتەللىپنىڭ ئىجادىي ھاياتى ۋە ئىجادىيتىدىكى ئىلغار ئىددىيەلەرنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىشقا بىغىشلاپ ئىككى بۆلەك بويىچە يېزىلغان. مىنىڭچە ل.مۇتەللىپ ھەققىدە بۇ ئەڭ دەسلەپتە يېزىلىپلا قالماي، يەنە مۇكەممەل يېزىلغان ماقالىدۇر. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1955 - يىللىق 9 - سانىدا « ل.مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن » دېگەن مەخسۇس سەھىپە ئىچىلىپ « چىلىش يىللىرىنىڭ باتۇر كۈيچىسى » ناملىق مەخسۇس ماقالە بېسىلغان. ئاندىن « ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىدىن » دېگەن سەھىپىدە « يىللارغا جاۋاب »، « يانار تاغلار »، « ماي كۈرەشچان ئاي »، « ھورۇن دېھقانغا »، « بىزنىڭ مەمەت »، « پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ » قاتارلىق ئەسەرلىرى بىسىلغان. ل.مۇتەللىپكە ئاتالغان ئەسەرلەردىن تۇردى سامساقنىڭ « شائىر » ناملىق شېئىرى، يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھارنىڭ « مەڭگۈ بىز بىلەن » شېئىرى، مەمەت يۈسۈپنىڭ « پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىمىز » ناملىق شېئىرى، ئابدۇكېرىم خوجايوفنىڭ « بىرىنچى جەڭدە » ناملىق ھېكايىسى بىسىلدى. بۇ ھېكايىدە ل.مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇغا سۈرگۈن قىلىنىش جەريانى ۋە ئاقسۇدا « ياپۇن جاھانگىرلىكىگە قارشى ناخشىلارنى ئېيتتى » دېگەن نام بىلەن بىرىنچى قېتىم تۈرمىگە سولىنىش جەريانى تەسۋىرلەنگەن. #شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1955-يىلى نەشر قىلغان « كۈرەش ناخشىلىرى » ناملىق توپلامدا ل.مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاب »، « باھار ھەققىدە مۇۋاششەھ » ،« پارچە »، « شائىر توغرىسىدا مۇۋاششەھ »، « تەسىراتىم »، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. #مەمەت سىدىق نۇرۇزۇۋنىڭ نەشرىگە تەييارلىشى بىلەن1955 - يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ل.مۇتەللىپنىڭ « مۇھەببەت ھەم نەپرەت » ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلغان. توپلامنىڭ بىشىغا ت.ئېلىيوفنىڭ « چىلىش يىللىرىنىڭ باتۇر كۈيچىسى » ناملىق ماقالىسى بېرىلگەن، توپلامغان ل.مۇتەللىپنىڭ 37 پارچە ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن. #بېيجىڭدا1956-يىلى « يازغۇچىلار » نەشرىياتى تەرىپىدىن ل.مۇتەللىپنىڭ « ل.مۇتەللىپ شېئىرلىرى » ناملىق خەنزۇچە توپلام نەشىىر قىلىنغان. #شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1957 - يىل نەشر قىلغان « ياشلىق ئۆگەن » نامىدىكى 18 شائىرنىڭ كوللىكتىپ توپلىمىغا ل.مۇتەللىپنىڭ « ياشلىق ئۆگەن »، « بىز شىنجاڭ ئوغۇل- قىزلىرى »، « چىمەن »، « لېنىن شۇنداق ئۈگەتكەن »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا »، « پارچە » قاتارلىق ئالتە پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. #زەينىدىن ساليوف « ياشلار ئۆگىنىشى » ژۇرنىلى 1957 - يىللىق 2 - سانىدا ل . مۇتەللىپكە تەقلىد قىلىپ « غۇلاچ تاشلا » ناملىق شېئىرىنى يازغان ھەم شېئىرنىڭ بېشىغا ل . مۇتەللىپنىڭ « ياشلىق ئۆگەن » ناملىق شېئىرىدىن بىر كۇپلىت مىسال ئالغان. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1957 - يىللىق 1 - سانىغا ئابدۇكېرىم خۇجايۇف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « كۈرەشچان جۇڭگو خوتۇن قىزلىرى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1957 - يىللىق 2 - سانىغا ئابدۇكېرىم خۇجايۇف بىلەن يۈسۈپ خوجايۇف بىللە تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « كۆرىشىۋاتىمىز »، « چىمەن»، « ئىشلە دېھقان ئاكا »، « دوستۇمغا »، « خوش » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسلغان. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1957 – يىللىق 3- سانىغا ئابدۇكېرىم خۇجايۇف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « مۇھەببەت ھەم نەپرەت » داستانى بېسىلغان. #« تارىم » ژورنىلى1957 - يىللىق 9 - سانىدا شائىر ۋاپاتىنىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن « ل.مۇتەللىپنىڭ يېڭى تىپىلغان شېئىرلىرى » دېگەن سەھىپىدە ل.مۇتەللىپنىڭ « مۇختىمىلات »، « مىشچان قىز »، « تۈن يىرىپ ئىزلار باسقاندا »، « پارچە » قاتارلىق ئەسەرلىرى بېسىلغان. #« تارىم » 1958 - يىللىق 6 - سانىغا ت.ئېلىيوفنىڭ « ل.مۇتەللىپ يەنە بىز بىلەن » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. #« تارىم » 1958 - يىللىق 9 - سانغا ۋاڭ يۈخۈينىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ <جۇڭگو> دېگەن ئۆلمەس شېئىرىنى ئوقۇغاندا » ناملىق ماقالىسى بىسىلغان، يەنە ل.مۇتەللىپنىڭ « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « خەلقىمگە »، « خوش »، « كەل يېڭى يىل »، « ئازاد گۈلىستانى ياسار »، « دوستۇم » قاتارلىق يېڭى تىپىلغان شېئىرلىرىمۇ بىسىلغان. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1958 - يىللىق9 - سانىغا يۈسۈپ خوجايۈف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ« ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « بوراندىن كېيىنكى ئاپتاپ »، « جۇڭگو پارتىزانلىرى »، « كۈرەش »، « باتۇر يىللار »، « يانار تاغلار » قاتارلىق شېئىر ۋە درامىمىسى بىلەن ئابدۇكېرىم خوجايۇفنىڭ ل . مۇتەللىپنى خاتىرلەپ يازغان « سېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈڭ ئېچىلدى » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. #« ياش كوممۇنىسىت » ژۇرنىلى (يېرىم ئايلىق ژۇرنال)نىڭ 1959 - يىللىق 15 - سانىدا ھېزىم قاسىمنىڭ « مۇتەللىپ خاتىرىسى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان. #« تارىم » ژورنىلىنىڭ 1959 - يىللىق 1 - سانىدا ل.مۇتەللىپنىڭ « مىللەﺗﭽﯩ- لەرگە زەربە »، « ھەسەن - ھۈسەن »، « مۇخەممەس » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسىلغان. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1959 - يىللىق10 - سانىغا يۈسۈپ خوجايۈف تەرجىمە قىلغان « ل . مۇتەللىپنىڭ ئىككى پارچە شېئىرى » دېگەن ماۋزۇدا « ھەسەن –ھۈسەن » شېئىرى بىلەن « مۇخەممەس » شېئىرى بېسىلغان. #« تارىم » ژورنىلىنىڭ 1959 - يىللىق 10 - 11 - سانلىرىدا لىيۇ شىياۋۋۇ، ئەلقەم ئەختەم، ئابدۇكېرىم خوجايوف، زەي دىسىڭلار بىرلىكتە يازغان ل.مۇتەللىپنىڭ ئىنقىلابىي ھاياتىغا بېغىشلانغان « يېراقتىكى ئۇچقۇنلار » ناملىق سېنارىيە بېسىلغان. بۇ سىنارىيە 1958 - يىلى دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا سوۋغا سۈپىتىدە يېزىلىپ، 1959 - يىلى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلغان. #« تارىم » ژورنىلىنىڭ 1960 - يىللىق 8 - 9 قوشما سانىدا ل . مۇتەللىپنىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرىنىڭ خەنزۇچە توپلىمى چىقىرىلدۇ دەپ خەۋەر بېرىلگەن. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1962 - يىللىق 4 - سانىدا مۆمىن مۇھەممىدى يازغان « قاينام ئۆركىشى » ناملىق ئوچېرىك ئېلان قىلىنغان. #جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى شىياۋ سەن باش مۇھەرىرلىكىدىكى 1962 - يىلى 6 - ئايدا تولۇقلاپ نەشر قىلغان « ئىنقىلابىي قۇربانلار شېئىرلىرىدىن ناملىق كىتابقا ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « خىيالچان تىلەك »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « مۇخەممەس »، « كۈرەشچان جۇڭگو خوتۇن ـ قىزلىرى »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا » قاتارلىق 6 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. كىتابنىڭ شىياۋ سەن يازغان كىرىش سۆزىدە ل . مۇتەللىپنىڭ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرى تەھلىل قىلىنغان. بۇ كىتابقا يەنە تېيىپچان ئېلىيۇف يازغان « چېلىش يىللىرىنىڭ باتۇر كۈيچىسى » ناملىق ماقالىنىڭ قىسقارتىلىمىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1962 - يىللىق 11 - 12 قوشما سانىدا « ل.مۇتەللىىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن سەھىپە ئېچىلىپ، ژۇرنال نامىدىن « شائىر، جەڭچى، ۋەتەننىڭ سادىق ئوغلى » دېگەن ماقالە بېسىلغان. تىيەن جەننىڭ« ل.مۇتەللىپنى ئەسلەپ »، ئەلقەم ئەختەمنىڭ « ئەسلىدىم »، نېمشىھىتنىڭ« مېنىڭ سېغىنىشىم »، تېيىپچان ئېلىيۇفنىڭ « ئەسلەش » قاتارلىق مەرسىيەلىرى ۋە شىبە يازغۇچىسى گوجىنەننىڭ « ۋەتەننىڭ ياخشى ئوغلى » دېگەن شېئىرى بېسىلغان. ئاندىن « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرى » دېگەن ماۋزۇدا ل . مۇتەللىپنىڭ « جۇڭگو »، « ۋەتەن ئەلا، خەلق ئەلا »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى » ،« مىللەتچىلەرگە زەربە »، « يىللارغا جاۋاپ »، « ماي ناخشىسى »، « شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ »، « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « كۈرەش قىزى »، « ئەدەبىياتتىكى تىپ توغرىسىدا » قاتارلىق ئەسەرلىرى بېسىلغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1963 - يىللىق 7 - سانىغا شىياۋ سەننىڭ « ئىنقىلابىي قۇربانلار شېئىرلىرى » دېگەن كىتابقا يازغان كىرىش ماقالىسى رەخىم قاسىمۇف تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ بېسىلغان. بۇ ماقالىدا ل.مۇتەللىپنىڭ ئۈچ پارچە شېئىرى تىلغا ئېلىنغان ھەم تەھلىل قىلىنغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1965 - يىللىق 5 - سانىدا « ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز » ئىستۇنىدا ل.مۇتەللىپنىڭ « جۇڭگو پارتىزانلىرى » دېگەن شېئىرى بېسىلغان. #شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1978 - يىلى 10 - ئايدا نەشر قىلغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ« تىل ـ ئەدەبىيات دەرسلىكى » 4 - قىسىمغا ل . مۇتەللىپنىڭ « بىز شىنجاڭ ئوغۇل ـ قىزلىرى » ناملىق شېئىرىنى كىرگۈزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن نەشر قىلىغان ئۇيغۇر ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ « تىل ـ ئەدەبىيات » دەرسلىكىلىرىگە ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « خىيالچان تىلەك »، « پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ »، « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « جۇڭگو » قاتارلىق كۆپلىگەن شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى. #شائىر ئەزىزوف قاسىم 1979 - يىلى 2 - ئايدا ل.مۇتەللىپكە بېغىشلاپ « يىللار كۈيچىسىگە » ناملىق شېئىرىنى يازغان. بۇ شېئىر شائىرنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1986- يىلى نەشر قىلغان « قىلىچ » ناملىق شېئىرلار توپلمىغا كىرگۈزۈلگەن. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ1979– يىللىق 4 – سانىدا « ئىنقىلابى شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن » دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا شائىرنىڭ تەرجىمھالى، ئىجادىيەت ئەھۋالى، ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا نامى قارىلانغانلىقنى، 3 – ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن نامىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىىگە دائىر مەزمۇنلار بېسىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ « يىللارغا جاۋاب »، « جۇڭگو »، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق 3 پارچە شېئىرنى باسقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەلقەم ئەختەمنىڭ ل . مۇتەللىپكە بېغىشلىغان « ئەسلىدىم »، ھەسەن تېلىۋالدىنىڭ « ل . مۇتەللىپكە »، تۇرسۇن قۇرباننىڭ « قەۋرەڭنى ئىزلەپ » قاتارلىق شېئىرلىرىمۇ بېسلىغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ1979– يىللىق 4 – سانىغا « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن » دېگەن ماۋزۇدا لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى تونۇشتۇرغان ماقالە بېسىلغان. ئاندىن « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاپ »، « شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا » . « ماۋۇزسىز » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسىلغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ1979– يىللىق 7 – سانىغا ئىبراھىم سەيدۇللانىڭ لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ۋاپاتنىڭ 35يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان « كۈرەشچان ھايات، شانلىق قۇربان » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1979 - يىللىق 9 – سانىدا ئىنقىلاۋى شائىر ل . مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 34 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس سەھىپە ئېچىلىپ « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن » دېگەن ماۋزۇدا شائىرنىڭ يېڭىدىن تېپىلغان ماۋزۇسىز شېئىرى پارچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان 6 پارچە شېئىرنى ۋە « بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا »، « ياشلىق ئۆگەن »، « ئىككى لىرىكا » قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئېلان قىلدى. يەنە ئەزىزۇپ قاسىمنىڭ « قاينام ئۆركىشىنى ئەسلەيمەن »، ئىلھامجاننىڭ« شائىر لوتۇن »، ماھمۇت زەيدىنىڭ « قاينام ئۆركىشىگە » قاتارلىق شېئىرلىرى ئېلان قىلىندى. بۇ ساندا يەنە رەھىم قاسىمنىڭ « سۆيۈملۈك ئىنقىلاۋى شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ » ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. يەنە ئىبراھىم سەيدۇللانىڭ« كۈرەشچان ھايات، شانلىق قۇربان » تېمىلىق ماقالىسى بېسىلغان. ئۇندىن باشقا يەنە ل . مۇتەللىپنىڭ 1941 – يىلىدىكى « شىنجاڭ گېزىتى » دىكى خىزمەتدىشى ئابدۇرەھىم روزى جۇشقۇننىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ھەققىدە ئەسلىمە » ناملىق ئەسلىمىسىمۇ بېسلغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىل 1 - سانىدا شائىر رەخىم قاسىمنىڭ ل . مۇتەللىپ بىلەن نېمشېھىت ئىككىسىگە بېغىشلانغان « شائىر » ناملىق 121 كۇبلېتلىق چوڭ ھەجىملىك داستانى بېسىلغان. #شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتى نەشرگە تەييارلىغان، مىلەتلەر نەشرىياتى 1980 - يىلى نەشر قىلغان كولېكتىپ توپلام « ھېكايىلەر » توپلىمىغا ل . مۇتەللىپنىڭ « ئەجەل ھودۇقىشىدا »، « پادىشاھ سامورايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ »، « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق » قاتارلىق ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. 42. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىللىق 1 - سانىدا زەينۇرە ئەيسانىڭ « سەبدەگۈل » باللاداسى ئېلان قىلىنغان، باللادادا سەبدەگۈلنىڭ ل . مۇتەللىپكە بولغان مۇھاببىتى ۋە سېغىنىشىنى ۋاستە قىلىپ، ل . مۇتەللىپنىڭ ئازادلىقتىن بۇرۇنقى ئىنقىلاۋى ھاياتى، مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىكى نامىنىڭ قارلىنىشى، 3 - ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن قايتا ئەسلىگە كېلىش جەريانى لىرىك ئوبراز بايانى بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن. 43. « شىنجاڭ ياشلىرى » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىللىق 4 - 5 - 6 - 7 - سانلىرىغا ئابدۇللا تالىپ يازغان « ل.مۇتەللىپ ۋە ياش ئەۋلاتلار » ناملىق ماقالە بېسىلغان. 44. 1980 - يىلى 6 - ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كوللېكتىپ توپلام « داستانلار » غا ل.مۇتەللىپنىڭ « مۇھەببەت ھەم نەپرەت » داستانى كىرگۈزۈلگەن. 45. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ1980– يىللىق 9 - سانىغا ئابلەت ئابدۇللانىڭ « لوتۇن خاتىرىسىگە » ناملىق كىچىك داستانى بېسىلغان. 46. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ1980– يىللىق 9 – سانىغا تېيپچان ئېلىيۇفنىڭ « ل . مۇتەللىپنى خاتىرلەيمەن » ناملىق شېئىرى بىلەن ئەلقەم ئەختەمنىڭ « ل . مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى »، ئىبراھىم سەيدۇللانىڭ« كۈرەشچان يىللار ،پارلاق شېئىرىيەت » ناملىق ماقالىلىرى بېسىلغان. 47. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىللىق 12 - سانىغا نىياز مەخسۇتنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى ئەسلەيمەن » ناملىق ئەسلىمىسى بېسىلغان. بۇ ئەسلىمە يەنە ئاقسۇدىكى « تارىم ئەدەبىياتى » نىڭ 1980يىللىق 3 - سانىغىمۇ بېسىلغان. 48. 1980 - يىلى 2 - ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان كوللېكتىپ توپلام « تارىم ئۆركەشلىرى » گە ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « خىيالچان تىلەك »، « ياشلىق ئۆگەن » قاتارلىق 3 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. 49. ئەلقەم ئەختەمنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1981 - يىل 2 - ئاي، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان « ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرى » ناملىق بۇ توپلامغا ئەلقەم ئەختەمنىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى » ناملىق ماقالىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن، يەنە ل.مۇتەللىپنىڭ 53 پارچە شېئىرى، ئىككى فېلىيەتۇنى كىرگۈزۈلگەن. 50. جاڭ شىرۇڭ، ياڭ جىنشىياڭلار خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرى » ناملىق كىتاب 1981 - يىلى 12 - ئايدا شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 51. شائىر ئەلقەم ئەختەم يازغان « ل.مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى » ناملىق ماقالىسى 1982 - يىل 1 - ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن، كېيىن ۋاڭ يېجى تەرىپىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ « شىنجاڭ قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇلاھىزە » دېگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. 52. ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان پەسىللىك خەنزۇچە ژۇرنال « تىيانشان » نىڭ 1982 - يىللىق 2 - سانىدا ل . مۇتەللىپنى تونۇشتۇرغان ۋە ئابدۇكېرىم خوجايۇف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسىلغان. 53. شىياۋسەن ئاپتورلىقىدا تۈزۈلۈپ جوڭگۇ ياشلار نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982 - يىلى 4 - ئايدا خەنزۇچە نەشر قىلىنغان « ئېنقىلابى قۇربانلار شېئىرلىرىنىڭ داۋامى » ناملىق كىتابقا ل . مۇتەللىپنىڭ ئابدۇكېرىم خوجايوف تەرىپىدىن خەنزۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان « بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « يىللارغا جاۋاپ »، « خىيالچان تىلەك »، « مۇھاببەت ھەم نەپرەت »، « پارچىلار » قاتارلىق 6 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. 54. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1982 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلغان« شىنجاڭ قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇلاھىزە » (خەنزۇچە) دېگەن كىتابقا خەنزۇ تەتقىقاتچىلاردىن شاۋسەننىڭ« ئۆزگىچە ئېچىلغان بىر تال گۈل »، شىڭ پېڭنىڭ « شائىر، جەڭچى، ۋەتەننىڭ سادىق ئوغلى » قاتارلىق ماقالىللىرى كىرگۈزۈلگەن. 55. « شىنجاڭ سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 4 - سانىغا ئەرشىدىن تاتلىقنىڭ ل.مۇتەللىپكە بېغىشلانغان « ۋەتەن قۇربانلىرى » ناملىق دىراممىسى، بېسىلغان. 56. « ئىلى دەرياسى » 1982 - يىللىق 4 - ساندا « ئۇ ئىجاد دەرياسىغا چۆمۈلگەن، ئۇ ھەربىر مىسرا تۈۋىگە كۆمۈلگەن » دېگەن سەھىپىنى ئېچىپ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەپ ل.مۇتەللىپنىڭ « تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەم ۋاراجلىنىش تارىخى » دېگەن ماقالىسىنى باسقان. يەنە ئىسلام سادىقنىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇدىكى ھاياتىدىن ئىككى خاتىرە » ناملىق ئەسلىمىسى بىلەن يازغۇچى مۆمىن مۇھەممىدىنىڭ ل.مۇتەللىپكە بېغىشلانغان « تۇنجى قەدەم » ناملىق ئوچىرىكى ئېلان قىلىنغان. 57. « شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) 1982 - يىللىق 4 - ساندا « ل.مۇتەللىپ توغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن ئىستون ئېچىلىپ، شائىرنىڭ ياڭ جىن شىياڭ، جاڭ شىرۇڭلار خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان « كۈرەش سېپىدىن شەپە »، « كۈرەش »، « كۆرىشىۋاتىمىز »، « مۇخەممەس »، « كەل يېڭى يىل »، « چوڭ قەھرىمان ئويغاندى »، « دوستۇمغا »، « يەنە ئويغان »، « ماۋزۇسىز »، « يانار تاغلار »، « ھەسەن ـ ھۈسەن »، « ئىككى شېئىر » قاتارلىق 12 پارچە شېئىرنى، « ماركىس، ئېنگىلىسلار ئەدەبىيات توغرىسىدا »، « سەنئەتكە مۇھەببەت » ناملىق ئىككى پارچە ماقالىسىنى، قۇربان باراتنىڭ « ئاسىيا ئاسمىندا چاقىنىغان يۇلتۇز » ناملىق سېلىكىنى ھەمدە مۇھەممەت ھەسەر ئىركەنىڭ « ل.مۇتەللىپكە » ناملىق شېئىرى بىلەن ئىسلام سادىقنىڭ « ل.مۇتەللىپنى ئەسلەيمەن » ناملىق ئەسلىمىسىنى باسقان. « ئۇ ئىجاد دەرياسىغا چۆمۈلگەن، ئۇ ھەربىر مىسرا تۈۋىگە كۆمۈلگەن » دېگەن سەھىپىنى ئېچىپ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەپ ل.مۇتەللىپنىڭ « تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەم ۋاراجلىنىش تارىخى » دېگەن ماقالىسىنى باسقان. يەنە ئىسلام سادىقنىڭ « ل.مۇتەللىپ ئاقسۇدىكى ھاياتىدىن ئىككى خاتىرە » ناملىق ئەسلىمىسىنىمۇ باسقان. 58. « شوغىلا » (قازاقچە) ژۇرنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 11 - سانىدا ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن دېگەن سەھىپە ئېچىلىپ، ل . مۇتەللىپنىڭ 60 يىللىقى خاتىرلەندى ۋە شائىرنىڭ « تاڭ يورۇپ ئىزلار باسقاندا »، « ھەسەن ـ ھۈسەن »، « ياشلىق ئۈگەن » قاتارلىق ئۈچ پارچە شېئىرى بېسلدى. 59. 1982 - يىل9 - ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « ل.مۇتەللىپ ھەققىدە ھېكايە » ناملىق پوۋىستى نەشر قىلىنغان. 60. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 10 - سانىدا « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى ئەسلەيمىز » دېگەن سەھىپە ئېچىلىپ قۇربان باراتنىڭ « ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز » ناملىق 7 پارچە شېئىردىن تەركىب تاپقان ئىپىك شېئىرىنى، ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ « گۈل باللاداسى » ناملىق باللاداسىنى باسقان. 61. شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982 - يىل 10 - ئايدا ئابدۇللا تالىپ يازغان « قاينام ئۆركىشى » ناملىق بىئوگىرافىك رومان 31 مىڭ تراژدا نەشر قىلىنغان. 62. « مىللەتلەر ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە)، 1982 - يىللىق 10 - ساندا « شېئرىيەتنىڭ سېغىنىشى » دېگەن ئستون ئېچىلىپ ل . مۇتەللىپ، موڭغۇل شائىرى سايىن چوكتۇ، نېمشىھىت ئۈچىنى سىزما رەسىمى، تەرجىمھالى ۋە شېئىرلىرى بىلەن تونۇشتۇردى. ل . مۇتەللىپنىڭ ئابدۇكېرىم خوجايۇف تەرجىمە قىلغان « بۇ مېنىڭ ياش گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاب » ناملىق ئۈچ پارچە شېئىرى بېسىلغان. 63. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 11 - سانىدا ژۇرنال نامىدىن « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ » ناملىق ئوبزور ماقالىسى بېسىلغان. ئاندىن « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئەسەرلىرىدىن » نامىدا شائىرنىڭ « جۇڭگو »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا »، « ھەسەن – ھۈسەن »، « يىللارغا جاۋاب »، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق » ناملىق ئەسىرى بېسىلغان. يەنە تەتقىقاتچى ئابدۇشۇكۈر تۇردىنىڭ( كىچىك ماۋزۇدا : ل . مۇتەللىپنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى توغرىسىدا ) « ئۇلۇغ غايىنىڭ بايرىقى مەڭگۈ لەپىلدەيدۇ » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 64. « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى » ژۇرنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 4 - سانىغا تەتقىقاتىچى قادىر ئەكبەر يازغان« لوتپۇللاھ مۇتەللىپ پوئېزىيەسىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 65. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 12 - سانىدا « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى ئەسلەيمىز » دېگەن مەخسۇس ئىستون ئېچىلىپ تىيەن جىيەن، جاڭ جژمىن، ليۇ شياۋۇ، ئەزىزۇپ قاسىم، جاپپار ئەمەت، ماخمۇتجان ئىسلام، قېيۇم سوپى قاتارلىقلانىڭ ل . مۇتەللىپكە بېغىشلانغان شېئىرلىرىنى باستى. يەنە تېيىپجان ئېليوفنىڭ « يىللاغا جاۋاب توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسىنى باستى. ئابدۇللا تالىپنىڭ « قاينام ئۆركىشى » ناملىق رومانىدىن 4 - بابى بولغان « سۈرگۈن » نى باستى. تىيەن چەن بىلەن جاڭ جژمىننىڭ شېئىرلىرى 1962 - يىلى 9 - ئايدا ئاقسۇدا يېزىلغان. 66. 1982 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى جۇڭگو يازغۇچىلار جەميىتى شىنجاڭ شۆبىسى ئۈرۈمچىدە ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىن خەلق تىياتىرخانىسىدا ئېچىلىدى. 200 دەك ئادەم قاتناشتى. ماقالە ئوقۇلدى. يىغىندا ئاپتونۇم رايۇننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىنۇپ ھامۇت « ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش يولىدا تىرىشايلى » دېگەن تېمىدا سۆزلەپ ل . مۇتەللىپنىڭ ئالغا بېسىش، قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق، ھاياتىنى ۋەتەن، خەلق ئىشلىرىغا بېغىشلاش روھىدىن ئۆگىنىشكە چارقىردى. 67. « شىنجاڭ گېزىتى » نىڭ 1982 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى سانىغا تېيىپچان ئېلىيۇف يازغان« ۋەتەننىڭ سادىق، مۇنەۋۋەر ئوغلى - ۋەتەنپەرۋەر شائىر ل، مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » ناملىق ماقالە بېسىلغان. 68. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) 1982 - يىللىق 12 - سانىغا لى ماۋكۈي يازغان « ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ۋەتەنپەرۋەر شائىرى - ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقنىڭ 60يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » ناملىق ماقالە بېسىلغان. 69. شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 4 - سانىغا جاپپار ئەمەتنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيتى » ناملىق ماقالىسى بېسلىغان. 70. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1983 - يىللىق 1 - سانىغا تېيپجان ئېلىيوفنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن ماقالىسى ۋە ئابدۇمىجىت قاسىمى، غۇلام ئەبەيدۇللا، ئابدۇغېنى سىيىت قاتارلىقلارنىڭ ل . مۇتەللىپكە بېغىشلانغان « يېشىل قارىغاي »، « يادىنامە »، « شائىر خاتىرىسىگە » ناملىق شېئىرلىرى بېسىلغان. 71. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1983 - يىللىق 1 - سانىنىڭ ئىچ مۇقاۋىسىغا رەسسام غازى ئەھمەت سىزغان ل . مۇتەللىپنىڭ رەسىمىنى باستى. 72. « شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1983 - يىللىق 1 - ساندا « ل.مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنى » مۇناسىۋىتى بىلەن « ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن سەھىپە ئېچىپ شۇ ۋاقىتتىكى ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىنوف ھامۇتنىڭ « ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز » نى باستى. ت.ئېلىيوفنىڭ « ۋەتەننىڭ سادىق، مۇنەۋۋەر ئوغلى » دېگەن ماقالىسىنى، ئابدۇشۈكۈر تۇردىنىڭ « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك » ناملىق ماقالىنى باستى. شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسىتلىرى شائىرنىڭ « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاب » ناملىق شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلغانلىقى، مۇھاكىمە يىغىنىدا ت. ئېلىيوف، ئا. تۇردى، ئابلەت ئۆمەر، بۇغدا ئابدۇللا، ئەخمەتبەگ كىرىشبايلارنىڭ ماقالە ئوقۇغانلىقىنى، 2000 دەك ئادەم قاتنىشىپ، « يىراقتىكى ئۇچقۇنلار » كىنوسى قويۇپ بېرىلگەنلىكى، يىغىننىڭ 1982 - يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەلق تىياتىرىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىندى. 73. 1983 - يىل 8 - ئايدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنى نەشرىگە تەييارلاش گۇرۇپپىسى تۈزگەن ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ تولۇقلاپ نەشر قىلىنغان توپلىمى« ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرى » نى نەشر قىلدى. كىتابنىڭ بىشىغا « ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ تولۇقلاپ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن » دېگەن ماقالە بېسىلدى. بۇ توپلامغا ئۇنىڭ شېئىرلىرى، نەسىر، فېلىيەتونلىرى، « كۈرەش قىزى »، « چىن مودەن » ناملىق دراممىسى، « ئەدەبىيات نەزەرىيىسى »، « سەنئەتكە مۇھەببەت »، « تىياتىرنىڭ كىلىپ چىقىش ۋە راۋاجلىنىش تارىخى » ناملىق ئۈچ پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلدى. 74. « مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » ژورنىلىنىڭ (خەنزۇچە) 1984 - يىللىق 2 - ساندا جاڭ يۆ ئىمزاسىدا « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئىنقىلابى ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىسى » دېگەن تېمىدىكى ل . مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيتى مۇھاكىمە قىلىنغان ماقالىسىى بېسىلغان. 75. شائىر ھېيتەم ھۈسەيىننىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008 - يىلى نەشر قىلغان « گۈل ئوغرىسى » ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا 1984 - يىلى يازغان « ل.مۇتەللىپ قەبرىسى ئالدىدا » ناملىق شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. 76. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1984 - يىلى نەشر قىلغان قازاق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ 7 - سىنىپ دەرسلىكى « ئەدەبىيات ئوقۇشلۇقى » 2 - بۆلۈمدە ل . مۇتەللىپنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان ۋە شائىرىنىڭ « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق » ناملىق نەسىرى كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى نەشر قىلىنغان قازاق ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ « ئەدەبىيات ئوقۇشلۇقى » دەرسلىكلىرىگە ل . مۇتەللىپنىڭ « لېنىن شۇنداق ئۈگەتكەن »، « يىللارغا جاۋاپ »، « ھەسەن ـ ھۈسەن » قاتارلىق كۆپلىگەن شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى. 77. تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « لوتۇن » ناملىق كىتابى 1984 - يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 78. « تارىم » ژورنىلىنىڭ1985 - يىللىق9 - سانىغا ئىمىن تۇرسۇن يازغان « ئوت يۈرەك شائىر » ناملىق نەسىرى بېسىلغان. 79. شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلى1986 - يىللىق يىللىق 4 - سانىغا نۇرمۇھەممەت زامانىنىڭ ل.مۇتەللىپ ئىجادىيتى تەھلىل قىلىنغان « جاپالىق يىللاردىكى جەڭگىۋار ئەدەبىيات » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 80. « شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 1986 - يىللىق 4 - سانىغا جاپپار ئەمەتنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ شېئىر ئىجادىيتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىىسى بېسلىغان. 81. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1987 - يىللىق 2 – سانىدا ئۆزبەكىستاننىڭ تاشكەندە 1976 - يىلى غەپۇر غۇلام نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت نەشرىياتى ل . مۇتەللىپنىڭ شائىر خەمىت غۇلام، روزى قادىرلار تەرجىمە قىلغان بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى « ياشلىق خۇددى چاقماق دېگەن نام بىلەن كىتابچە قىلىپ نەشر قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. 82. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1988 - يىل نەشر قىلغان ئالىي مەكتەپ دەرسلىكى، « ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى » نىڭ نۇرمۇھەممەت زامانى تۈزگەن 4 - كىتابى « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى » قىسىمىدا لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى تونۇشتۇرۇلغان. 83. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1988 - يىللىق 2 - سانىدا « ئۇيغۇر دېمكۇراتىك ئەدەبىياتى ۋەكىللىرىدىن » سەھىپىسىدە « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ » دېگەن نام بىلەن ل . مۇتەللىپنى تونۇشتۇرغان. 84. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ « قانلىق ساۋاق » ناملىق درامىسىدا ل . مۇتەللىپ ئوبرازى يارىتىلغان. بۇ دىرامما ئاپتۇرنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990 - يىل نەشر قىلغان « كۈرەش يولى » دراممىلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. 85. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1992 - يىللىق 1 - سانىغا شائىرە سەييارە سەلەينىڭ : « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىكى بەدىئي ئۇسلۇب توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 86. ۋۇ چوڭياڭ يازغان،مەركىزىي مىللەرتلەر ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1992 - يىلى نەشر قىلغان « جۇڭگو ھازىرقى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى » ناملىق كىتابتا ل . مۇتەللىپنىڭ ھاياتى، ئىجادىيتى تونۇشتۇرۇلغان. 87. 1993 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە نىلقىدا « ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 71 - يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئېچىلىدى. يىغىندا قېيۇم تۇردى، ئازاد سۇلتان، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، مەمەت شاۋۇدۇن قاتارلىقلار ماقالە ئوقۇدى. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 11 - سانىدا بۇ ھەقتىكى خەۋەر ۋە ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ يىغىندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكىمىتىنىڭ رەئىسى يولداش ماۋزېدۇڭ ئىمزا قويغان، 1956 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكىمىتى چۈشۈرگەن ل . مۇتەللىپكە ئىنقىلاۋى قۇربان دەپ شەرەپلىك نام بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى گۇۋاھنامە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى. 88. « تارىم » ژۇرنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 11 - سانىغا ئازات سۇلتاننىڭ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 71يىللىقىغا بېغىشلاپ يازغان « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇلاھىزە » ناملىق ماقالە بېسىلغان. مۇشۇ سانغا نىلقا ناھىيەلىك پارتىكوم شۇجىسى جاۋ دېجۇڭنىڭ « ل . مۇتەللىپ مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەن تەبرىك سۆز » ى بېسىلغان. 89. « مىللىي يازغۇچىلار » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 6 - ساندا « ل . مۇتەللىپ توغۇلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى خاتىرلەندى » دېگەن ژۇرنال ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، بۇ يىغىننىڭ 1993 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە ل . مۇتەللىپنىڭ يۇرتى نىلقىدا ئېچىلغانلىقى، يىغىندا ئىسمائىل ئەھمەت، تۆمۈر داۋامەتلەرنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ ئوقۇپ ئۆتۈلگەنلىكى، ئاندىن ئاپتونوم رايونلوق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى قەييۇم تۇردىنىڭ « ۋەتەنپەرۋەر شائىر، ئىنقىلابىي قۇربان ل . مۇتەللىپ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات » دېگەن تېمىدا سۆز قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى باستى. خەۋەردە يەنە يىغىندا ئاتاقلىق يازغۇچى لىيۇ شاۋۋۇ، ئاپتونوم رايونلوق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چىن بەيجۇڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتكەنلىكى، تەتقىقاتچىللاردىن ئازات سۇلتان، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم قاتارلىقلارنىڭ ماقالە ئوقۇغانلىقى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇللا تالىپ قاتارلىقلارنىڭ ل . مۇتەللىپ ھەققىدە سۆزلىگەنلىكى، يىغىندا يەنە نىلقا ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسىمۇ سۆز قىلغانلىقى، نىلقا ناھىيەلىك 2،3 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز تىللىرىدا ل . مۇتەللىپنىڭ « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاب » شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلغانلىقى، بۇ يىغىننى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيتى، شىنجاڭ كۆرگەزمىخانىسى، سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك ئەدەبىىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، نىلقا ناھيەلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغانلىقى، يىغىن مەزگىلىدە ل.مۇتەللىپنىڭ ئېنقىلابى ھاياتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن « يىراقتىكى ئۇچقۇنلار » ناملىق كىنونىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلى خەۋەر بېرىلدى. ژورنالنىڭ بۇ سانىغا يەنە جاڭ يۆنىڭ « ل . مۇتەللىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاساسى » دېگەن ماقالىسىمۇ بېسىلدى. 90. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 11 - سانىغا قېيۇم تۇردىنىڭ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 71يىللىقىغا بېغىشلانغان « ۋەتەنپەرۋەر شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 91. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 12 - سانىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى مۇقاۋىلىرىغا ل . مۇتەللىپ ھەققىدە نىلقىدا ئېچىلغان 1993 - يىلىدىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ سۈرەتلىرى بېسىلغان. 92. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993 - يىلى نەشر قىلغان مەخمۇتجان ئىسلام، ئابلىمىت ئىسمائىل تۈزگەن، « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى » ناملىق كىتابتا لوتپۇللا مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلغان. 93. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ 1994 - يىللىق 4 - سانىغا مۇھەممەت ئەيسا جامىنىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ دراما ئىجادىيتى ھەققىدە ئىزدىنىش » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 94. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 1 - سانىغا. تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « ل . مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىسى بىلەن نەشر قىلىنغان نۇسخىسىدىكى ئوخشىماسلىقلار » ناملىق ماقالىسى بېسلىغان. 95. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 2 - سانىغا شائىر ئابدۇكىرىم مەخسۇت يازغان« مۇتەللىپ ئېلىپ كەلدى نىلقىغا مېنى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان. 96. شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 2 - سانىغا ئەنەيتۇللا قۇربان يازغان « <يىللارغا جاۋاب> نىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئېستىتىك قىممىتى توغرىسدا » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 97. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 7 - سانىدا جاپپار ئەمەتنىڭ « ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى » دېگەن ماقالىسى بېسىلغان. 98. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 8 - سانىغا ئابدۇللا تالىپنىڭ « شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئىجادىيىتىنىڭ قىممىتى » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 99. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلغان ئىمىنجان ئەھمىدى تۈزگەن « ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخدىكى نامايەندىلەر » ناملىق كىتابتا ل . مۇتەللىپ تونۇشتورۇلغان. 100. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1997 - يىلى 4 - ئايدا نەشر قىلغان، ئۇچقۇنجان ئۆمەر تۈزگەن« ئاھ نۇرلۇق ئابىدىلەر » ناملىق توپلامغا ل . مۇتەللىپكە بېقىشلانغان مەرسىيەلەردىن ئەلقەم ئەختەمنىڭ 1953 - يىلى يازغان« دوستۇم مۇتەللىپ »، تۇردى سامساق 1955 - يىلى يازغان « شائىرغا »، رەخمىتۇللا جارى 1962 - يىلى يازغان« ئوت يۈرەك شائىر »، ئابدۇللا تالىپ 1980 - يىلى يازغان « جەڭگىۋار شائىر »، ھەجەر قادىر 1980 - يىلى يازغان« ئىجادىڭ ئۆمرى تەڭ مىڭ ئۆمۈرگە »، ئوسمانجان ساۋۇت 1981 - يىلى يازغان « لوتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرىسىگە »، جەمىلەم غۇجەش 1982 - يىلى يازغان « شائىر ئۆلمىدى »، ئايىمخان ئاۋامسىلىم 1983 - يىلى يازغان « ئۆچمەس يۇلتۇز »، ئابدۇساتتار ناسىرى 1983 - يىلى يازغان « ئۆچمەس يۇلتۇز »، ئابدۇكېرىم خوجايۇف 1986 - يىلى يازغان « لوتپۇللا مۇتەللىپ قەبرىسى ئالدىدا »، ئابدۇكېرىم مەخسۇت 1986 - يىلى يازغان« تۇر شائىر، ئېنىڭ كەلدى سېنى ئىزدەپ »، ئابدۇسالام توختى 1995 - يىلى يازغان « خەلق ئوغلانى لوتپۇللا »، ئابلىز ئۆمەر يازغان « ئىزىڭ ئۆچمەيدۇ » قاتارلىق مەرسىيەلەر كىرگۈزۈلگەن. 101. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1997 - يىللىق 12 - سانىغا مەمەت شاۋدۇننىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ خەلقنىڭ قەلبىدىكى شائىر » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 102. مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1998 - يىلى يازغۇچى مۆمىن مۇھەممىدى يازغان ل.مۇتەللىپنىڭ بالىلىق ھاياتىغا بېغىشلانغان « شاۋقۇن » ناملىق رومان نەشر قىلىنغان. #شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى 2001 - يىلى نەشر قىلغان، ئازاد سۇلتان، جاڭ مىڭ، نۇرمۇھەممەت زامانلار تۈزگەن« 20 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى » ناملىق كىتابتا لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى ھاياتى ئىجادىيىتى تونۇشتۇرۇلغان. #مىللەتلەر نەشرىياتى 2001 – يىلى 8 - ئايدا نەشر قىلغان مۇھەممەت ئەيسا جامى يازغان « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا » ناملىق ئىلمى كىتابتا ل . مۇتەللىپ درامىلىرى بىر باب تەھلىل قىلىنغان. #مىللەتلەر نەشرىياتى 2002 - يىلى 10- ئايدا نەشر قىلغان« جۇڭگو مىللەتلەر تىل - ئەدەبىيات تەتقىقاتى ماقالىللىرى » (خەنزۇچە) ناملىق كىتابقا خۇجىڭخۇا يازغان « ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر شائىرى ل.مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيتى » ناملىق ماقالە كىرگۈزۈلگەن. #شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2002 - يىلى نەشر قىلغان ئەركىن ئوغۇز ئابدۇرېھىم، ئابدۇللا سۇلايمان تۈزگەن « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخى » ناملىق كىتابتا ل . مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلۇپ، تەھلىل قىلىنغان. #« شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » نىڭ2003 - يىللىق 1 - سانىغا تەتقىقاتچى شەۋكەت ئېلاخۇن يازغان « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ بەدىئىي مىراسلىرىنىڭ مەنىۋى قىممىتى » ناملىق ماقالە بېسىلغان. #« شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 2003 - يىللىق 2 - سانىغا دوكتۇر مۇھەممەت ھوشۇر يازغان « ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە لوتپۇللاھ مۇتەللىپ شېئىرلىرى ئۈستىدە دەسلەپكى سېلىشتۇرما» ناملىق ماقالە بېسىلغان. #شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003 - يىل نەشر قىلغان ھاجى ئەھمەت كۆلتىگىن يازغان، « ئىككى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ رىشتىسى - ئەھمەت زىيائىي » ناملىق كىتابىدا ل . مۇتەللىپ بىلەن ئەھمەت زىيائىينىڭ دوستلىقى بايان قىلىنغان. #« شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 2004 - يىللىق 3 - سانىغا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ژانىر تۈرلەرگە قوشقان تۆھپىسى » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. #شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004 - يىلى نەشر قىلغان تەتقىقاتچى قاۋسلىقان قامىجانىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى ناملىق كىتاب ھەققىدە » ناملىق ماقالە « ئەدەبىيات تەرەققىياتى ھەققىدە ئويلار » ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. #مىللەرتلەر نەشرىياتى 2006 - يىل نەشر قىلغان ئىمىنجان ئەھمدى، مۇھەممەت تۇردى مىرزائەھمەت، ھەبىبۇللا ئابدۇسالام، شەۋكەت ئېلاخۇن، ماخمۇتجان مۇھەممەتلەر تۈزگەن، « ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى » (3 - قىسىم)دا لوتپۇللاھ مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلغان. #« شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى » ژورنىلىنىڭ 2006 - يىللىق 2- سانىغا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىىيات قارىشى ھەققىدە تەتقىقات » ناملىق ماقالە بېسىلغان. #شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ 2006 - يىلىلىق 2 - سانىغا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « 40 - يىللاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەۋائىي ئوبرازى » ناملىق ماقالە بېسىلغان. ماقالىدا ل . مۇتەللىپ ھەققىدە توختالغان. #« مەركىزىي مىللەرتلەر ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » (خەنزۇچە)نىڭ 2006 - يىللىق 4 - سانىغا ۋۇ شىياۋچىڭ، ئەكبەر قادىر بىرلىكتە يازغان « شىنجاڭ ھازىرقى زامان شائىرى مۇتەللىپ بىلەن تاڭجارىق ئەسەرلىرى ئۈستىدە تەتقىقات » ناملىق بېسىلغان. ماقالىدە لوتپۇللاھ مۇتەللىپ بىلەن قازاق شائىرى تاڭجارىق سېلىشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىنغان. #لىياۋ نىڭ نەشرىياتى 2006 - يىل نەشر قىلغان خەنزۇچە كىتاب « جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەزكىرىسى » دەل . مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلغان. #« شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 2007 - يىللىق 2 - سانىغا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى ۋە لوتپۇللاھ مۇتەللىپ» ناملىق ماقالە بېسىلغان. #ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئاتاقلىق شائىرلىرى دېگەن يۈرۈشلۈك كىتابلار قاتارىدا2008 - يىلى 7 - ئايدا ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ » ناملىق شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. #شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى نەشرىياتى 2008 - يىلى نەشر قىلغان كېرىمجان ئابدۇرېھىم باش تۈزگۈچىلىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر دەرىسلىكى« ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى » ناملىق كىتابتا ل.مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلغان. #« شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 2008 - يىللىق 3 - سانىدا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ۋە پۇشكىن » ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدا ل. مۇتەللىپ ھەققىدىمۇ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگەن. #تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « ل.مۇتەللىپ » ناملىق كىتابى 2008 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. #شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2008 - يىلى نەشر قىلغان ئۇيغۇر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ « تىل - ئەدەبىيات » دەرسلىكى 1 - قسىمغا ل . مۇتەللىپنىڭ « تەسىراتىم » ناملىق شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. #شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2008 - يىلى 6 - ئايدا نەشر قىلغان ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ « تىل - ئەدەبىيات » دەرسلىكى 1 - قسىمغا ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « تەسىراتىم » ناملىق شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. #« ئىلى دەرياسى » ژورنىلىنىڭ 2010 - يىللىق 6 - سانىدا يۈسۈپ ئەيسا يازغان « قاينام ئۆركىشى تەخەللۇسى ھەققىدە » ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان. #تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « تەڭرىتاغ دىيارىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز » ناملىق كىتابنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1984 - يىلى نەشر قىلىندى. #تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « ل.مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى » ناملىق كىتابىنى شىجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1998 - يىلى 11 - ئايدا نەشر قىلىندى. #شىيا چىنرۇ يازغان « ل . مۇتەللىپ ھەققىدە ھېكايە » ناملىق قوش تىللىق رەسىملىك كىتابچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2010 - يىلى 12 - ئايدا نەشر قىلىغان. #« مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » ( خەنزۇچە) ژۇرنىلىنىڭ 2010 - يىللىق 4 - سانىغا چى شىياۋبىڭ يازغان « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شائىرى ل . مۇتەللىپ ۋە رۇس سوۋېت ئەدەبىياتى » ناملىق ماقالە بېسىلدى. #شىنجاڭ ئۈن - سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن 2011 - يىلى« لوتپۇللاھ مۇتەللىپ » ناملىق ئۇيغۇرچە بالىلار ئوقۇشلۇق كىتابى نەشر قىلىندى. === ل.مۇتەللىپنىڭ چەتئەلدە نەشر قىلىنغان كىتابلىرى === #قادىر ھەسەنوفنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1951 - يىلى ئالمۇتادا « قازاق ئىلى» نەشرىياتى تەرىپىدىن ل.مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاب » ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان. #قازاقىستان دۆلەت ئوقۇش پېداگوكىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن 1957 - يىلى نەشر قىلىنغان ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 9 - ،10 - سىنىپلىرى ئۈچۈن دەرسلىك « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى » ناملىق كىتابقا ل . مۇتەللىپنىڭ تەرجىمھالى ۋە شېئىرلىرى ئۈستىدىكى تەھلىل كىرگۈزۈلگەن. #مۇرات ھەمرايوفنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1975 - يىلى ئالمۇتادا « يازغۇچى » نەشرىياتى تەرىپىدىن ل.مۇتەللىپنىڭ تاللانما ئەسەرلىرىدىن تۈزۈلگەن « لوتپۇللا مۇتەللپ » ناملىق كىتاب تۈزۈلگەن. #ئا.كورىنوۋ بىلەن مۇرات ھەمرايوفنىڭ روس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1976 - يىلى موسكوۋادا « ھەقىقەت » نەشرىياتى تەرىپىدىن ل.مۇتەللىپنىڭ « ياشلىق خۇددى چاقماق» ناملىق توپلىمى روس تىلىدا نەشر قىلىنغان. #خەمىت غۇلام بىلەن روزى قادىرلارنىڭ روسچىدىن تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن1976 - يىلى ئۆزبەگىستاننىڭ تاشكەنت شەھرىدە غاپۇر غۇلام نامىدىكى نەشرىيات تەرىپىدىن ئىبراھم غەپۇرۇپ مۇھەرىرلىكىدە « ياشلىق خۇددى چاقماق » ناملىق كىتابنىڭ ئۆزبەكچە تەرجىمىسى نەشر قىلىنغان. #ياش گىۋاردىيە نەشرىياتىنىڭ نەشرگە تەييارلىشى ھەم نەشر قىلىشى بىلەن 1982 - يىلى ئۆزبەكىستاننىڭ تاشكەنت شەھرىدە ل.مۇتەللىپنىڭ « [[ماي ناخشىسى]] » ناملىق توپلىمى روس تىلىدا نەشر قىلىنغان. #ئۆزبېكىسىتاننىڭ پايتەختى تاشكەنىت شەھىرىدە1982 - يىلى ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. #مۇرات ھەمرايوفنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1983 - يىلى ئۆزبەكىستاننىڭ تاشكەنت شەھرىدە ل.مۇتەللىپنىڭ « [[يىللارغا جاۋاب]] » ناملىق توپلىمى ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلىنغان. ==پايدىلانغان مەنبەلەر== *[[category: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شائىرلىرى]] *[[category:ئۇيغۇر شائىرلىرى]] [[تۈر:1922 - يىلى تۇغۇلغان كىشىلەر]]‏ [[تۈر:1945 - يىلى ۋاپات بولغان كىشىلەر]]‏ [[تۈر:ئۇيغۇرلار]] 4pb6v8d2rbpso08rmh4g1m3fisrl9as 154627 154626 2022-08-11T08:30:55Z Erilliq 19871 مەنبە بېرىلدى wikitext text/x-wiki {{شەخسلەر رامكىسى |ئىسىم-فامىلىسى = لۇتپۇللا مۇتەللىپ |رەسىمى = File:L mutelip.jpg |تۇغۇلغان-ۋاقتى = {{تۇغۇلغان|1922|11-ئاينىڭ 22-كۈنى}} |تۇغۇلغان-ئورنى = [[چۈنچە يېزا]] ([[ئالمۇتا]]) |ۋاپات-بولغان-ۋاقتى = {{ئۆلگەن|1945|9-ئاينىڭ18-كۈنى}} |ۋاپات-بولغان-ئورنى = |مىللىتى = [[ئۇيغۇر]] |دۆلەت-تەۋەلىگى = |ھازىرقى-ئورنى = |كەسپى = [[شائىر]] |خىزمىتى = |مائارىپ-سەۋىيىسى = |ھەمرايى = |بالىلىرى = |ئاتا-ئانىسى = |تور-بېكىتى = }} '''لۇتپۇللا مۇتەللىپ''' -(تەخەللۇسى قاينام ئۆركىشى، لۇتۇن)(1922-يىلى 22-نويابىر - 1945-يىلى18-نويابىر ) 20-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن [[ئۇيغۇر مىللىتى|ئۇيغۇر]] شائىر، دىراماتوروگ ۋە مۇستەملىكىگە قارشى تەشكىلاتچى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان شېئىرىيىتىدە ھەممىدىن تونۇلغان شائىرلارنىڭ بىرى. لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ ،ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە 23 يىللىق ھاياتىدا «[[يىللارغا جاۋاپ]] »،« [[خىيالچان تىلەك]]»، « [[بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى]] »قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنى ،«[[پادىشاھ سامورايلىرى ھالسىرايدۇ]] » « [[ئەجەل ھودۇقۇشىدا]] » ناملىق مەشھۇر فېلىيەتونلارنى، ۋە يېقىنقى ئۇيغۇر تارىخدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە رومان «داۋانلار ئاشقاندا»(بۇ ئەسەر يوقۇلۇپ كەتكەن)نى يازغان. شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل ،چۈشۈنۈشلۈك ، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرىت ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلىقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا. شېئىرىيەتتىن باشقا لۇتپۇللا تەشكىلاتچىلىق، دىرامما ئەرتىسلىكى، تەرجىمانلىق ۋە تەھرىرلىكمۇ قىلغان. مۇستەملىكىگە قارشى ئۇيغۇر مىللىي ئازاتلىق كۈرىشى تارىخىدا ئاقسۇدا قۇرۇلغان تەشكىلاتلاردىن 1945-يىلى قۇرۇلغان مەخپىي تەشكىلات «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ قۇرغۇچىسى. 1945-يىلى گومېنداڭ باشچىلىقىدىكى جوڭگۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. == ھاياتى == لوﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ 1922-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22-ﻛﯜﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ [[قازاقىستان|ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ]] ﺋﺎﻟﯩﻤﯘتا ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﭼﯜﻧﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﺒﻮﻳﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. بەزى مەنبەلەردە نىلقا ناھىيىسىدا تۇغۇلغان دەپمۇ يازىدۇ. ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﮬﯧﺰﯨﻤﺎﺧﯘﻥ 1931 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺑﯩﻠﻪﻥ [[غۇلجا شەھىرى|ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ]] كۆچۈپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. لوتپۇللا ئاۋال غۇلجىدىكى تاتار مەكتىپى(ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپ) دە، ئوتتۇرا مەكتەپنى رۇس گېمنازىيىسىدە ( كېيىنكى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتى ۋە ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ) تە ئوقۇغان. بالىلىقىدا لۇتۇن دەپمۇ ئاتالغان. 1939-يىلى، ئىمتىھان بىلەن ئۈرۈمچىدىكى «شىنجياڭ دارۇل مۇئەللىمىن»)(ھازىرقى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستۇتى)گە كىرىپ، ئۇيغۇرچە ئوقۇغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى [[ئۈرۈمچى شەھىرى|ئۈرۈمچىدىكى]] ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، سوۋىت ئىتتىپاقى ئىلىم-پەن خادىملەرىنىڭ جەنۇبىي شىنجياڭنى جۇغراپىيەلىك ۋە ئېكولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە رۇس تىلى تەرجىمانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1942-يىلى 2-ئايدا «شىنجاڭ گېزىتى»گە  خىزمەتكە كىرىپ، مۇھەررىر بولغان. كىيىن جوڭگۇ ھاكىميىتى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ 1943-يىلى 11-ئايدا، ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن ۋە «ئاقسۇ گېزىتى»دە باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئاقسۇدا [[بىلال ئەزىزى]] ، [[مۇنىردىن خوجا]] قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . 1944 يىلى غولجىدا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاپ سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان. 1945-يىلى 4-ئايدا [[ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى]] نامىدىكى مۇستەملىكىگە قارشى مەخپىي تەشكىلات قۇرغان. ئابلىمىت ئابدۇللاھ يازغان «مەرھۇم پولكوۋنىك سوپاخۇن سۈۋۈروفنى ئەسلەيمەن» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسىدە مۇنداق بىر بايان بار: «سابىق شەرقىي شىنجياڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى مۇزەپپەر ئابدۇللايوف (لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ نەۋرە ئاچاسى گۈلسۇم مۇتەللىپ ‹1919-1999-يىللار›نىڭ كۈيوغلى) لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ھايات پائالىيەتى ھەققىدە توختولۇپ مۇنداق دېگەن : “ 1945-يىلى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتى رەھبەرلىكى ئاقسۇدىكى لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپىپ، ئابدۇغوپۇر ناسىروف قاتارلىق كىشىلەرنى لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى غۇلجاغا ئالىپ چىقىش ئۈچۈن، ئالاھىدە ئاقسۇغا ئەۋەتكەن. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار ئاقسۇغا بارىپ، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ بىلەن كۆرۈشىدۇ. مەقسەتنى ئۇقتۇرغاندىن كەيىن، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئابدۇغوپۇر ناسىروفلارنىڭ پىكىرىگە قوشۇلۇپ، غۇلجاغا كەتمەكچى بولىدۇ. بىراق، يولغا چىقىدىغان چاغدا، ئاتنىڭ ئۈزەنگەسىگە پۇتىنى ئالىپ بولغان ل. مۇتەللىپ توساتتىن ئۆزىنىڭ ئىچىنى تىڭشاپ تۇرۇپ قالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروف: ‹نەمە بولدىڭىز؟ تىز بولۇڭ!› دەگەندە، ئۇ: ‹شۇ تۇرۇقتا مەن ئاقسۇدىن كەتسەم، بىرىنجىدىن، مەن گومىنداڭدىن قورققان بولمامدىمەن؟ ئىككىنجىدىن، سەپداشلارىمنى تاشلاپ كەتسەم، قانداق بولىدۇ؟ ياق، مەن كەتمەيمەن. سەپداشلارىمغا نەمە بولسا، ماڭامۇ شۇ!› دەپ، غۇلجاغا كەتىشتىن يالتايىپ قالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار نەسىھەت قىلىپ: ‹مۇتەللىپ، ياخشىسى بىز بىلەن بىللە غۇلجاغا كەتىڭ. بولماسا، ھاياتىڭىزغا خەۋپ يەتىدۇ. بۇ- رەھبەرلىك بىزگە ئالاھىدە تاپشۇرغان ۋەزىپە. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن باش قوماندانلىق ئىشتابى پات ئارادا جەنۇبىي شىنجياڭنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتىدۇ. سىز شۇ چاغدا، مىللىي ئارمىيە قىسىملارى بىلەن يەنە ئاقسۇغا كەلسەڭىز بولىدۇ ئەمەسمۇ؟› دەگەندە، مۇتەللىپ: ‹ ياق، كەتمەيمەن. سەپداشلارىم بىلەن ھايات-ماماتتا بىللە بولىمەن. مەن ئاقسۇدا، مىللىي ئارمىيەنىڭ زەپەر قۇچۇپ كەلىشىنى كۈتىمەن› دەپ، ئاقسۇدا قاپقالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار ئامالسىز ئۆزلەرى غۇلجاغا قايتىپ كەتىدۇ»<ref>شىنجياڭ تەزكىرەچىلىكى» ژۇرنالى، 2011-يىللىق 4-سان، 46-بەت</ref> 1945-يىلى مىللى ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا گومېنداڭ ھاكىميىتىدىكى جوڭگۇ ساقچى ئەمەلدارلىرى لۇپتۇللا مۇتەللىپ ، بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۇرمىگە قامىغان ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە جوڭگۇ ھۆكۈمىتى تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18 كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىلەرچە قەتىل قىلغان . كىيىن كىشلەر لۇتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتنى ئەۋرەز كارىزىغا تاشلىۋىتىلگەن يېرىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ تاراپ ئاقسۇ شەھەرى ئاق مەسچىتنىڭ ئارقىسىدىكى ( ھازىرقى شىياڭگاڭ بازىرىنىڭ ) ئۇتتۇرىدىكى ئاممىۋى قەۋرىستانلىققا دەپنە قىلغان. [[File:Lutpulla qebrisi.jpg|left|thumb|250px|لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ [[ئاقسۇ شەھىرى|ئاقسۇ]]دىكى قەبرىسى]] [[File:Lutpulla011.jpg|left|thumb|250px|لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كىيى چۈشكەن سۈرىتى]] لوتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر ، ئەدىب بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ، تىنىچلىقى ، ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزىمەت . بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش -ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز ! == لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ سىياسى پائالىيەتلىرى ۋە كۈرەشلىرى == == ئوتتۇرا ئاسىيادا لۇتپۇللا مۇتەللىپ == [[File:Lutoplla22.jpg|left|thumb|200px|ئوت يۈرەك شائىر - لۇتپۇللا مۇتەللىپ]] == لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئەسەرلىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش == #لوتپۇللاھ مۇتەللىپ يازغان « تىياتىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە راۋاجلىنىش تارىخى » ناملىق ماقالە « شىنجاڭ گېزىتى » نىڭ 1942 - يىلى 9- ئاينىڭ11 - كۈندىكى سانىدىن باشلاپ بىر نەچچە سانغا بۆلۈپ ئېلان قىلىنغان. #نېمشېھىت 1946 - يىلى ئايدا « ھەپسىدە كەتكەن دوستۇم ل . مۇتەللىپكە» ناملىق مەرسىيەسىنى يازغان. ( « يۈرەك سۆزى » شېئىرلار توپلىمى 1980 - يىلى 1- ئاي مىللەتلەر نەشرىياتى. ) #زەينىدىن سالىيۇپ 1946 - يىلى 8 - ئايدا شىخۇدا « مۇسىبەت » ناملىق مەرسىيەسىسىنى يازغان. (« بىزنىڭ تىلەك »، كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمى، 1981 - يىلى 3 - ئاي شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.) #شائىر ئەلقەم ئەختەم 1946 - يىلى 9 - ئايدا ل . مۇتەللىپكە بېغىشلانغان 54 مىسىرالىق مەرسىيەسى « ئېچىنىش » نى يازغان. بۇ مەرسىيە 1954 - يىلى قازاقىستاندىكى « قازاق ئىلى » ژورنىلى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. شائىرنىڭ « ئۆمۈد دولقۇنلىرى » ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. #تىيىپجان ئېلىيوف 1948 - يىلى 3 - ئايدا قورغاستا « لوتپۇللاغا » ناملىق شېئىرىنى يازغان. (« ت.ئېلىيوف شىئېرلىرى » 1 - تومغا كىرگۈزۈلگەن.) #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1952 - يىللىق 6 - سانىغا ل.مۇتەللىپنىڭ « لېنىن شۇنداق ئۈگەتكەن» ناملىق ئەسىرى بېسىلغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1952 - يىللىق 8 - سانىغا « ل . مۇتەللىپ خاتىرىسى » دېگەن ماۋزۇدا تەھرىر بۆلۈم نامىدىن ل . مۇتەللىپنىڭ ھاياتى رەسىمى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان ۋە ل . مۇتەللىپنىڭ « ئەجەل ھودۇقىشىدا »، « كۈرەش ئىلھامى »، « يىللارغا جاۋاب »، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق ئەسەرلىرى بېسىلغان. #ئەلقەم ئەختەم 1953 - يىلى 9 - ئايدا« دوستۇم مۇتەللىپ » ناملىق شېئىرىنى يازغان (1957 - يىل 9 - ئاي مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان« كۈرەش دولقۇنلىرى » غا كىرگۈزۈلگەن.) #« شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1955 - يىللىق 6 - سانىدا ل . مۇتەللىپنىڭ « بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ1955 - يىللىق 8 – سانىدا « ل.مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 10يىللىقى ئالدىدىن» دېگەن سەھىپە ئىچىلىپ، ت.ئېلىيوفنىڭ « ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك شائىرى » دېگەن ماقالىسى بىسىلغان، بۇ ماقالە جەمئىي 23 بەتلىك. بۇ ماقالە ل.مۇتەللىپنىڭ ئىجادىي ھاياتى ۋە ئىجادىيتىدىكى ئىلغار ئىددىيەلەرنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىشقا بىغىشلاپ ئىككى بۆلەك بويىچە يېزىلغان. مىنىڭچە ل.مۇتەللىپ ھەققىدە بۇ ئەڭ دەسلەپتە يېزىلىپلا قالماي، يەنە مۇكەممەل يېزىلغان ماقالىدۇر. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1955 - يىللىق 9 - سانىدا « ل.مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن » دېگەن مەخسۇس سەھىپە ئىچىلىپ « چىلىش يىللىرىنىڭ باتۇر كۈيچىسى » ناملىق مەخسۇس ماقالە بېسىلغان. ئاندىن « ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىدىن » دېگەن سەھىپىدە « يىللارغا جاۋاب »، « يانار تاغلار »، « ماي كۈرەشچان ئاي »، « ھورۇن دېھقانغا »، « بىزنىڭ مەمەت »، « پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ » قاتارلىق ئەسەرلىرى بىسىلغان. ل.مۇتەللىپكە ئاتالغان ئەسەرلەردىن تۇردى سامساقنىڭ « شائىر » ناملىق شېئىرى، يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھارنىڭ « مەڭگۈ بىز بىلەن » شېئىرى، مەمەت يۈسۈپنىڭ « پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىمىز » ناملىق شېئىرى، ئابدۇكېرىم خوجايوفنىڭ « بىرىنچى جەڭدە » ناملىق ھېكايىسى بىسىلدى. بۇ ھېكايىدە ل.مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇغا سۈرگۈن قىلىنىش جەريانى ۋە ئاقسۇدا « ياپۇن جاھانگىرلىكىگە قارشى ناخشىلارنى ئېيتتى » دېگەن نام بىلەن بىرىنچى قېتىم تۈرمىگە سولىنىش جەريانى تەسۋىرلەنگەن. #شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1955-يىلى نەشر قىلغان « كۈرەش ناخشىلىرى » ناملىق توپلامدا ل.مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاب »، « باھار ھەققىدە مۇۋاششەھ » ،« پارچە »، « شائىر توغرىسىدا مۇۋاششەھ »، « تەسىراتىم »، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. #مەمەت سىدىق نۇرۇزۇۋنىڭ نەشرىگە تەييارلىشى بىلەن1955 - يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ل.مۇتەللىپنىڭ « مۇھەببەت ھەم نەپرەت » ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلغان. توپلامنىڭ بىشىغا ت.ئېلىيوفنىڭ « چىلىش يىللىرىنىڭ باتۇر كۈيچىسى » ناملىق ماقالىسى بېرىلگەن، توپلامغان ل.مۇتەللىپنىڭ 37 پارچە ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن. #بېيجىڭدا1956-يىلى « يازغۇچىلار » نەشرىياتى تەرىپىدىن ل.مۇتەللىپنىڭ « ل.مۇتەللىپ شېئىرلىرى » ناملىق خەنزۇچە توپلام نەشىىر قىلىنغان. #شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1957 - يىل نەشر قىلغان « ياشلىق ئۆگەن » نامىدىكى 18 شائىرنىڭ كوللىكتىپ توپلىمىغا ل.مۇتەللىپنىڭ « ياشلىق ئۆگەن »، « بىز شىنجاڭ ئوغۇل- قىزلىرى »، « چىمەن »، « لېنىن شۇنداق ئۈگەتكەن »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا »، « پارچە » قاتارلىق ئالتە پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. #زەينىدىن ساليوف « ياشلار ئۆگىنىشى » ژۇرنىلى 1957 - يىللىق 2 - سانىدا ل . مۇتەللىپكە تەقلىد قىلىپ « غۇلاچ تاشلا » ناملىق شېئىرىنى يازغان ھەم شېئىرنىڭ بېشىغا ل . مۇتەللىپنىڭ « ياشلىق ئۆگەن » ناملىق شېئىرىدىن بىر كۇپلىت مىسال ئالغان. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1957 - يىللىق 1 - سانىغا ئابدۇكېرىم خۇجايۇف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « كۈرەشچان جۇڭگو خوتۇن قىزلىرى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1957 - يىللىق 2 - سانىغا ئابدۇكېرىم خۇجايۇف بىلەن يۈسۈپ خوجايۇف بىللە تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « كۆرىشىۋاتىمىز »، « چىمەن»، « ئىشلە دېھقان ئاكا »، « دوستۇمغا »، « خوش » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسلغان. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1957 – يىللىق 3- سانىغا ئابدۇكېرىم خۇجايۇف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « مۇھەببەت ھەم نەپرەت » داستانى بېسىلغان. #« تارىم » ژورنىلى1957 - يىللىق 9 - سانىدا شائىر ۋاپاتىنىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن « ل.مۇتەللىپنىڭ يېڭى تىپىلغان شېئىرلىرى » دېگەن سەھىپىدە ل.مۇتەللىپنىڭ « مۇختىمىلات »، « مىشچان قىز »، « تۈن يىرىپ ئىزلار باسقاندا »، « پارچە » قاتارلىق ئەسەرلىرى بېسىلغان. #« تارىم » 1958 - يىللىق 6 - سانىغا ت.ئېلىيوفنىڭ « ل.مۇتەللىپ يەنە بىز بىلەن » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. #« تارىم » 1958 - يىللىق 9 - سانغا ۋاڭ يۈخۈينىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ <جۇڭگو> دېگەن ئۆلمەس شېئىرىنى ئوقۇغاندا » ناملىق ماقالىسى بىسىلغان، يەنە ل.مۇتەللىپنىڭ « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « خەلقىمگە »، « خوش »، « كەل يېڭى يىل »، « ئازاد گۈلىستانى ياسار »، « دوستۇم » قاتارلىق يېڭى تىپىلغان شېئىرلىرىمۇ بىسىلغان. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1958 - يىللىق9 - سانىغا يۈسۈپ خوجايۈف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ« ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « بوراندىن كېيىنكى ئاپتاپ »، « جۇڭگو پارتىزانلىرى »، « كۈرەش »، « باتۇر يىللار »، « يانار تاغلار » قاتارلىق شېئىر ۋە درامىمىسى بىلەن ئابدۇكېرىم خوجايۇفنىڭ ل . مۇتەللىپنى خاتىرلەپ يازغان « سېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈڭ ئېچىلدى » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. #« ياش كوممۇنىسىت » ژۇرنىلى (يېرىم ئايلىق ژۇرنال)نىڭ 1959 - يىللىق 15 - سانىدا ھېزىم قاسىمنىڭ « مۇتەللىپ خاتىرىسى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان. #« تارىم » ژورنىلىنىڭ 1959 - يىللىق 1 - سانىدا ل.مۇتەللىپنىڭ « مىللەﺗﭽﯩ- لەرگە زەربە »، « ھەسەن - ھۈسەن »، « مۇخەممەس » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسىلغان. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1959 - يىللىق10 - سانىغا يۈسۈپ خوجايۈف تەرجىمە قىلغان « ل . مۇتەللىپنىڭ ئىككى پارچە شېئىرى » دېگەن ماۋزۇدا « ھەسەن –ھۈسەن » شېئىرى بىلەن « مۇخەممەس » شېئىرى بېسىلغان. #« تارىم » ژورنىلىنىڭ 1959 - يىللىق 10 - 11 - سانلىرىدا لىيۇ شىياۋۋۇ، ئەلقەم ئەختەم، ئابدۇكېرىم خوجايوف، زەي دىسىڭلار بىرلىكتە يازغان ل.مۇتەللىپنىڭ ئىنقىلابىي ھاياتىغا بېغىشلانغان « يېراقتىكى ئۇچقۇنلار » ناملىق سېنارىيە بېسىلغان. بۇ سىنارىيە 1958 - يىلى دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا سوۋغا سۈپىتىدە يېزىلىپ، 1959 - يىلى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلغان. #« تارىم » ژورنىلىنىڭ 1960 - يىللىق 8 - 9 قوشما سانىدا ل . مۇتەللىپنىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرىنىڭ خەنزۇچە توپلىمى چىقىرىلدۇ دەپ خەۋەر بېرىلگەن. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1962 - يىللىق 4 - سانىدا مۆمىن مۇھەممىدى يازغان « قاينام ئۆركىشى » ناملىق ئوچېرىك ئېلان قىلىنغان. #جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى شىياۋ سەن باش مۇھەرىرلىكىدىكى 1962 - يىلى 6 - ئايدا تولۇقلاپ نەشر قىلغان « ئىنقىلابىي قۇربانلار شېئىرلىرىدىن ناملىق كىتابقا ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « خىيالچان تىلەك »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « مۇخەممەس »، « كۈرەشچان جۇڭگو خوتۇن ـ قىزلىرى »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا » قاتارلىق 6 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. كىتابنىڭ شىياۋ سەن يازغان كىرىش سۆزىدە ل . مۇتەللىپنىڭ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرى تەھلىل قىلىنغان. بۇ كىتابقا يەنە تېيىپچان ئېلىيۇف يازغان « چېلىش يىللىرىنىڭ باتۇر كۈيچىسى » ناملىق ماقالىنىڭ قىسقارتىلىمىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1962 - يىللىق 11 - 12 قوشما سانىدا « ل.مۇتەللىىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن سەھىپە ئېچىلىپ، ژۇرنال نامىدىن « شائىر، جەڭچى، ۋەتەننىڭ سادىق ئوغلى » دېگەن ماقالە بېسىلغان. تىيەن جەننىڭ« ل.مۇتەللىپنى ئەسلەپ »، ئەلقەم ئەختەمنىڭ « ئەسلىدىم »، نېمشىھىتنىڭ« مېنىڭ سېغىنىشىم »، تېيىپچان ئېلىيۇفنىڭ « ئەسلەش » قاتارلىق مەرسىيەلىرى ۋە شىبە يازغۇچىسى گوجىنەننىڭ « ۋەتەننىڭ ياخشى ئوغلى » دېگەن شېئىرى بېسىلغان. ئاندىن « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرى » دېگەن ماۋزۇدا ل . مۇتەللىپنىڭ « جۇڭگو »، « ۋەتەن ئەلا، خەلق ئەلا »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى » ،« مىللەتچىلەرگە زەربە »، « يىللارغا جاۋاپ »، « ماي ناخشىسى »، « شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ »، « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « كۈرەش قىزى »، « ئەدەبىياتتىكى تىپ توغرىسىدا » قاتارلىق ئەسەرلىرى بېسىلغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1963 - يىللىق 7 - سانىغا شىياۋ سەننىڭ « ئىنقىلابىي قۇربانلار شېئىرلىرى » دېگەن كىتابقا يازغان كىرىش ماقالىسى رەخىم قاسىمۇف تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ بېسىلغان. بۇ ماقالىدا ل.مۇتەللىپنىڭ ئۈچ پارچە شېئىرى تىلغا ئېلىنغان ھەم تەھلىل قىلىنغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1965 - يىللىق 5 - سانىدا « ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز » ئىستۇنىدا ل.مۇتەللىپنىڭ « جۇڭگو پارتىزانلىرى » دېگەن شېئىرى بېسىلغان. #شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1978 - يىلى 10 - ئايدا نەشر قىلغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ« تىل ـ ئەدەبىيات دەرسلىكى » 4 - قىسىمغا ل . مۇتەللىپنىڭ « بىز شىنجاڭ ئوغۇل ـ قىزلىرى » ناملىق شېئىرىنى كىرگۈزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن نەشر قىلىغان ئۇيغۇر ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ « تىل ـ ئەدەبىيات » دەرسلىكىلىرىگە ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « خىيالچان تىلەك »، « پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ »، « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « جۇڭگو » قاتارلىق كۆپلىگەن شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى. #شائىر ئەزىزوف قاسىم 1979 - يىلى 2 - ئايدا ل.مۇتەللىپكە بېغىشلاپ « يىللار كۈيچىسىگە » ناملىق شېئىرىنى يازغان. بۇ شېئىر شائىرنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1986- يىلى نەشر قىلغان « قىلىچ » ناملىق شېئىرلار توپلمىغا كىرگۈزۈلگەن. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ1979– يىللىق 4 – سانىدا « ئىنقىلابى شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن » دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا شائىرنىڭ تەرجىمھالى، ئىجادىيەت ئەھۋالى، ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا نامى قارىلانغانلىقنى، 3 – ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن نامىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىىگە دائىر مەزمۇنلار بېسىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ « يىللارغا جاۋاب »، « جۇڭگو »، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق 3 پارچە شېئىرنى باسقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەلقەم ئەختەمنىڭ ل . مۇتەللىپكە بېغىشلىغان « ئەسلىدىم »، ھەسەن تېلىۋالدىنىڭ « ل . مۇتەللىپكە »، تۇرسۇن قۇرباننىڭ « قەۋرەڭنى ئىزلەپ » قاتارلىق شېئىرلىرىمۇ بېسلىغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ1979– يىللىق 4 – سانىغا « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن » دېگەن ماۋزۇدا لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى تونۇشتۇرغان ماقالە بېسىلغان. ئاندىن « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاپ »، « شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا » . « ماۋۇزسىز » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسىلغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ1979– يىللىق 7 – سانىغا ئىبراھىم سەيدۇللانىڭ لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ۋاپاتنىڭ 35يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان « كۈرەشچان ھايات، شانلىق قۇربان » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1979 - يىللىق 9 – سانىدا ئىنقىلاۋى شائىر ل . مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 34 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس سەھىپە ئېچىلىپ « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن » دېگەن ماۋزۇدا شائىرنىڭ يېڭىدىن تېپىلغان ماۋزۇسىز شېئىرى پارچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان 6 پارچە شېئىرنى ۋە « بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا »، « ياشلىق ئۆگەن »، « ئىككى لىرىكا » قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئېلان قىلدى. يەنە ئەزىزۇپ قاسىمنىڭ « قاينام ئۆركىشىنى ئەسلەيمەن »، ئىلھامجاننىڭ« شائىر لوتۇن »، ماھمۇت زەيدىنىڭ « قاينام ئۆركىشىگە » قاتارلىق شېئىرلىرى ئېلان قىلىندى. بۇ ساندا يەنە رەھىم قاسىمنىڭ « سۆيۈملۈك ئىنقىلاۋى شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ » ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. يەنە ئىبراھىم سەيدۇللانىڭ« كۈرەشچان ھايات، شانلىق قۇربان » تېمىلىق ماقالىسى بېسىلغان. ئۇندىن باشقا يەنە ل . مۇتەللىپنىڭ 1941 – يىلىدىكى « شىنجاڭ گېزىتى » دىكى خىزمەتدىشى ئابدۇرەھىم روزى جۇشقۇننىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ھەققىدە ئەسلىمە » ناملىق ئەسلىمىسىمۇ بېسلغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىل 1 - سانىدا شائىر رەخىم قاسىمنىڭ ل . مۇتەللىپ بىلەن نېمشېھىت ئىككىسىگە بېغىشلانغان « شائىر » ناملىق 121 كۇبلېتلىق چوڭ ھەجىملىك داستانى بېسىلغان. #شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتى نەشرگە تەييارلىغان، مىلەتلەر نەشرىياتى 1980 - يىلى نەشر قىلغان كولېكتىپ توپلام « ھېكايىلەر » توپلىمىغا ل . مۇتەللىپنىڭ « ئەجەل ھودۇقىشىدا »، « پادىشاھ سامورايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ »، « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق » قاتارلىق ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. 42. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىللىق 1 - سانىدا زەينۇرە ئەيسانىڭ « سەبدەگۈل » باللاداسى ئېلان قىلىنغان، باللادادا سەبدەگۈلنىڭ ل . مۇتەللىپكە بولغان مۇھاببىتى ۋە سېغىنىشىنى ۋاستە قىلىپ، ل . مۇتەللىپنىڭ ئازادلىقتىن بۇرۇنقى ئىنقىلاۋى ھاياتى، مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىكى نامىنىڭ قارلىنىشى، 3 - ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن قايتا ئەسلىگە كېلىش جەريانى لىرىك ئوبراز بايانى بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن. 43. « شىنجاڭ ياشلىرى » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىللىق 4 - 5 - 6 - 7 - سانلىرىغا ئابدۇللا تالىپ يازغان « ل.مۇتەللىپ ۋە ياش ئەۋلاتلار » ناملىق ماقالە بېسىلغان. 44. 1980 - يىلى 6 - ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كوللېكتىپ توپلام « داستانلار » غا ل.مۇتەللىپنىڭ « مۇھەببەت ھەم نەپرەت » داستانى كىرگۈزۈلگەن. 45. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ1980– يىللىق 9 - سانىغا ئابلەت ئابدۇللانىڭ « لوتۇن خاتىرىسىگە » ناملىق كىچىك داستانى بېسىلغان. 46. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ1980– يىللىق 9 – سانىغا تېيپچان ئېلىيۇفنىڭ « ل . مۇتەللىپنى خاتىرلەيمەن » ناملىق شېئىرى بىلەن ئەلقەم ئەختەمنىڭ « ل . مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى »، ئىبراھىم سەيدۇللانىڭ« كۈرەشچان يىللار ،پارلاق شېئىرىيەت » ناملىق ماقالىلىرى بېسىلغان. 47. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىللىق 12 - سانىغا نىياز مەخسۇتنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى ئەسلەيمەن » ناملىق ئەسلىمىسى بېسىلغان. بۇ ئەسلىمە يەنە ئاقسۇدىكى « تارىم ئەدەبىياتى » نىڭ 1980يىللىق 3 - سانىغىمۇ بېسىلغان. 48. 1980 - يىلى 2 - ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان كوللېكتىپ توپلام « تارىم ئۆركەشلىرى » گە ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « خىيالچان تىلەك »، « ياشلىق ئۆگەن » قاتارلىق 3 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. 49. ئەلقەم ئەختەمنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1981 - يىل 2 - ئاي، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان « ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرى » ناملىق بۇ توپلامغا ئەلقەم ئەختەمنىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى » ناملىق ماقالىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن، يەنە ل.مۇتەللىپنىڭ 53 پارچە شېئىرى، ئىككى فېلىيەتۇنى كىرگۈزۈلگەن. 50. جاڭ شىرۇڭ، ياڭ جىنشىياڭلار خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرى » ناملىق كىتاب 1981 - يىلى 12 - ئايدا شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 51. شائىر ئەلقەم ئەختەم يازغان « ل.مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى » ناملىق ماقالىسى 1982 - يىل 1 - ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن، كېيىن ۋاڭ يېجى تەرىپىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ « شىنجاڭ قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇلاھىزە » دېگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. 52. ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان پەسىللىك خەنزۇچە ژۇرنال « تىيانشان » نىڭ 1982 - يىللىق 2 - سانىدا ل . مۇتەللىپنى تونۇشتۇرغان ۋە ئابدۇكېرىم خوجايۇف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسىلغان. 53. شىياۋسەن ئاپتورلىقىدا تۈزۈلۈپ جوڭگۇ ياشلار نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982 - يىلى 4 - ئايدا خەنزۇچە نەشر قىلىنغان « ئېنقىلابى قۇربانلار شېئىرلىرىنىڭ داۋامى » ناملىق كىتابقا ل . مۇتەللىپنىڭ ئابدۇكېرىم خوجايوف تەرىپىدىن خەنزۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان « بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « يىللارغا جاۋاپ »، « خىيالچان تىلەك »، « مۇھاببەت ھەم نەپرەت »، « پارچىلار » قاتارلىق 6 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. 54. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1982 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلغان« شىنجاڭ قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇلاھىزە » (خەنزۇچە) دېگەن كىتابقا خەنزۇ تەتقىقاتچىلاردىن شاۋسەننىڭ« ئۆزگىچە ئېچىلغان بىر تال گۈل »، شىڭ پېڭنىڭ « شائىر، جەڭچى، ۋەتەننىڭ سادىق ئوغلى » قاتارلىق ماقالىللىرى كىرگۈزۈلگەن. 55. « شىنجاڭ سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 4 - سانىغا ئەرشىدىن تاتلىقنىڭ ل.مۇتەللىپكە بېغىشلانغان « ۋەتەن قۇربانلىرى » ناملىق دىراممىسى، بېسىلغان. 56. « ئىلى دەرياسى » 1982 - يىللىق 4 - ساندا « ئۇ ئىجاد دەرياسىغا چۆمۈلگەن، ئۇ ھەربىر مىسرا تۈۋىگە كۆمۈلگەن » دېگەن سەھىپىنى ئېچىپ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەپ ل.مۇتەللىپنىڭ « تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەم ۋاراجلىنىش تارىخى » دېگەن ماقالىسىنى باسقان. يەنە ئىسلام سادىقنىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇدىكى ھاياتىدىن ئىككى خاتىرە » ناملىق ئەسلىمىسى بىلەن يازغۇچى مۆمىن مۇھەممىدىنىڭ ل.مۇتەللىپكە بېغىشلانغان « تۇنجى قەدەم » ناملىق ئوچىرىكى ئېلان قىلىنغان. 57. « شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) 1982 - يىللىق 4 - ساندا « ل.مۇتەللىپ توغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن ئىستون ئېچىلىپ، شائىرنىڭ ياڭ جىن شىياڭ، جاڭ شىرۇڭلار خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان « كۈرەش سېپىدىن شەپە »، « كۈرەش »، « كۆرىشىۋاتىمىز »، « مۇخەممەس »، « كەل يېڭى يىل »، « چوڭ قەھرىمان ئويغاندى »، « دوستۇمغا »، « يەنە ئويغان »، « ماۋزۇسىز »، « يانار تاغلار »، « ھەسەن ـ ھۈسەن »، « ئىككى شېئىر » قاتارلىق 12 پارچە شېئىرنى، « ماركىس، ئېنگىلىسلار ئەدەبىيات توغرىسىدا »، « سەنئەتكە مۇھەببەت » ناملىق ئىككى پارچە ماقالىسىنى، قۇربان باراتنىڭ « ئاسىيا ئاسمىندا چاقىنىغان يۇلتۇز » ناملىق سېلىكىنى ھەمدە مۇھەممەت ھەسەر ئىركەنىڭ « ل.مۇتەللىپكە » ناملىق شېئىرى بىلەن ئىسلام سادىقنىڭ « ل.مۇتەللىپنى ئەسلەيمەن » ناملىق ئەسلىمىسىنى باسقان. « ئۇ ئىجاد دەرياسىغا چۆمۈلگەن، ئۇ ھەربىر مىسرا تۈۋىگە كۆمۈلگەن » دېگەن سەھىپىنى ئېچىپ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەپ ل.مۇتەللىپنىڭ « تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەم ۋاراجلىنىش تارىخى » دېگەن ماقالىسىنى باسقان. يەنە ئىسلام سادىقنىڭ « ل.مۇتەللىپ ئاقسۇدىكى ھاياتىدىن ئىككى خاتىرە » ناملىق ئەسلىمىسىنىمۇ باسقان. 58. « شوغىلا » (قازاقچە) ژۇرنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 11 - سانىدا ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن دېگەن سەھىپە ئېچىلىپ، ل . مۇتەللىپنىڭ 60 يىللىقى خاتىرلەندى ۋە شائىرنىڭ « تاڭ يورۇپ ئىزلار باسقاندا »، « ھەسەن ـ ھۈسەن »، « ياشلىق ئۈگەن » قاتارلىق ئۈچ پارچە شېئىرى بېسلدى. 59. 1982 - يىل9 - ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « ل.مۇتەللىپ ھەققىدە ھېكايە » ناملىق پوۋىستى نەشر قىلىنغان. 60. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 10 - سانىدا « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى ئەسلەيمىز » دېگەن سەھىپە ئېچىلىپ قۇربان باراتنىڭ « ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز » ناملىق 7 پارچە شېئىردىن تەركىب تاپقان ئىپىك شېئىرىنى، ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ « گۈل باللاداسى » ناملىق باللاداسىنى باسقان. 61. شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982 - يىل 10 - ئايدا ئابدۇللا تالىپ يازغان « قاينام ئۆركىشى » ناملىق بىئوگىرافىك رومان 31 مىڭ تراژدا نەشر قىلىنغان. 62. « مىللەتلەر ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە)، 1982 - يىللىق 10 - ساندا « شېئرىيەتنىڭ سېغىنىشى » دېگەن ئستون ئېچىلىپ ل . مۇتەللىپ، موڭغۇل شائىرى سايىن چوكتۇ، نېمشىھىت ئۈچىنى سىزما رەسىمى، تەرجىمھالى ۋە شېئىرلىرى بىلەن تونۇشتۇردى. ل . مۇتەللىپنىڭ ئابدۇكېرىم خوجايۇف تەرجىمە قىلغان « بۇ مېنىڭ ياش گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاب » ناملىق ئۈچ پارچە شېئىرى بېسىلغان. 63. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 11 - سانىدا ژۇرنال نامىدىن « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ » ناملىق ئوبزور ماقالىسى بېسىلغان. ئاندىن « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئەسەرلىرىدىن » نامىدا شائىرنىڭ « جۇڭگو »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا »، « ھەسەن – ھۈسەن »، « يىللارغا جاۋاب »، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق » ناملىق ئەسىرى بېسىلغان. يەنە تەتقىقاتچى ئابدۇشۇكۈر تۇردىنىڭ( كىچىك ماۋزۇدا : ل . مۇتەللىپنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى توغرىسىدا ) « ئۇلۇغ غايىنىڭ بايرىقى مەڭگۈ لەپىلدەيدۇ » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 64. « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى » ژۇرنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 4 - سانىغا تەتقىقاتىچى قادىر ئەكبەر يازغان« لوتپۇللاھ مۇتەللىپ پوئېزىيەسىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 65. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 12 - سانىدا « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى ئەسلەيمىز » دېگەن مەخسۇس ئىستون ئېچىلىپ تىيەن جىيەن، جاڭ جژمىن، ليۇ شياۋۇ، ئەزىزۇپ قاسىم، جاپپار ئەمەت، ماخمۇتجان ئىسلام، قېيۇم سوپى قاتارلىقلانىڭ ل . مۇتەللىپكە بېغىشلانغان شېئىرلىرىنى باستى. يەنە تېيىپجان ئېليوفنىڭ « يىللاغا جاۋاب توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسىنى باستى. ئابدۇللا تالىپنىڭ « قاينام ئۆركىشى » ناملىق رومانىدىن 4 - بابى بولغان « سۈرگۈن » نى باستى. تىيەن چەن بىلەن جاڭ جژمىننىڭ شېئىرلىرى 1962 - يىلى 9 - ئايدا ئاقسۇدا يېزىلغان. 66. 1982 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى جۇڭگو يازغۇچىلار جەميىتى شىنجاڭ شۆبىسى ئۈرۈمچىدە ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىن خەلق تىياتىرخانىسىدا ئېچىلىدى. 200 دەك ئادەم قاتناشتى. ماقالە ئوقۇلدى. يىغىندا ئاپتونۇم رايۇننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىنۇپ ھامۇت « ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش يولىدا تىرىشايلى » دېگەن تېمىدا سۆزلەپ ل . مۇتەللىپنىڭ ئالغا بېسىش، قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق، ھاياتىنى ۋەتەن، خەلق ئىشلىرىغا بېغىشلاش روھىدىن ئۆگىنىشكە چارقىردى. 67. « شىنجاڭ گېزىتى » نىڭ 1982 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى سانىغا تېيىپچان ئېلىيۇف يازغان« ۋەتەننىڭ سادىق، مۇنەۋۋەر ئوغلى - ۋەتەنپەرۋەر شائىر ل، مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » ناملىق ماقالە بېسىلغان. 68. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) 1982 - يىللىق 12 - سانىغا لى ماۋكۈي يازغان « ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ۋەتەنپەرۋەر شائىرى - ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقنىڭ 60يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » ناملىق ماقالە بېسىلغان. 69. شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 4 - سانىغا جاپپار ئەمەتنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيتى » ناملىق ماقالىسى بېسلىغان. 70. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1983 - يىللىق 1 - سانىغا تېيپجان ئېلىيوفنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن ماقالىسى ۋە ئابدۇمىجىت قاسىمى، غۇلام ئەبەيدۇللا، ئابدۇغېنى سىيىت قاتارلىقلارنىڭ ل . مۇتەللىپكە بېغىشلانغان « يېشىل قارىغاي »، « يادىنامە »، « شائىر خاتىرىسىگە » ناملىق شېئىرلىرى بېسىلغان. 71. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1983 - يىللىق 1 - سانىنىڭ ئىچ مۇقاۋىسىغا رەسسام غازى ئەھمەت سىزغان ل . مۇتەللىپنىڭ رەسىمىنى باستى. 72. « شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1983 - يىللىق 1 - ساندا « ل.مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنى » مۇناسىۋىتى بىلەن « ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن سەھىپە ئېچىپ شۇ ۋاقىتتىكى ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىنوف ھامۇتنىڭ « ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز » نى باستى. ت.ئېلىيوفنىڭ « ۋەتەننىڭ سادىق، مۇنەۋۋەر ئوغلى » دېگەن ماقالىسىنى، ئابدۇشۈكۈر تۇردىنىڭ « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك » ناملىق ماقالىنى باستى. شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسىتلىرى شائىرنىڭ « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاب » ناملىق شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلغانلىقى، مۇھاكىمە يىغىنىدا ت. ئېلىيوف، ئا. تۇردى، ئابلەت ئۆمەر، بۇغدا ئابدۇللا، ئەخمەتبەگ كىرىشبايلارنىڭ ماقالە ئوقۇغانلىقىنى، 2000 دەك ئادەم قاتنىشىپ، « يىراقتىكى ئۇچقۇنلار » كىنوسى قويۇپ بېرىلگەنلىكى، يىغىننىڭ 1982 - يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەلق تىياتىرىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىندى. 73. 1983 - يىل 8 - ئايدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنى نەشرىگە تەييارلاش گۇرۇپپىسى تۈزگەن ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ تولۇقلاپ نەشر قىلىنغان توپلىمى« ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرى » نى نەشر قىلدى. كىتابنىڭ بىشىغا « ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ تولۇقلاپ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن » دېگەن ماقالە بېسىلدى. بۇ توپلامغا ئۇنىڭ شېئىرلىرى، نەسىر، فېلىيەتونلىرى، « كۈرەش قىزى »، « چىن مودەن » ناملىق دراممىسى، « ئەدەبىيات نەزەرىيىسى »، « سەنئەتكە مۇھەببەت »، « تىياتىرنىڭ كىلىپ چىقىش ۋە راۋاجلىنىش تارىخى » ناملىق ئۈچ پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلدى. 74. « مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » ژورنىلىنىڭ (خەنزۇچە) 1984 - يىللىق 2 - ساندا جاڭ يۆ ئىمزاسىدا « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئىنقىلابى ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىسى » دېگەن تېمىدىكى ل . مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيتى مۇھاكىمە قىلىنغان ماقالىسىى بېسىلغان. 75. شائىر ھېيتەم ھۈسەيىننىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008 - يىلى نەشر قىلغان « گۈل ئوغرىسى » ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا 1984 - يىلى يازغان « ل.مۇتەللىپ قەبرىسى ئالدىدا » ناملىق شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. 76. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1984 - يىلى نەشر قىلغان قازاق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ 7 - سىنىپ دەرسلىكى « ئەدەبىيات ئوقۇشلۇقى » 2 - بۆلۈمدە ل . مۇتەللىپنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان ۋە شائىرىنىڭ « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق » ناملىق نەسىرى كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى نەشر قىلىنغان قازاق ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ « ئەدەبىيات ئوقۇشلۇقى » دەرسلىكلىرىگە ل . مۇتەللىپنىڭ « لېنىن شۇنداق ئۈگەتكەن »، « يىللارغا جاۋاپ »، « ھەسەن ـ ھۈسەن » قاتارلىق كۆپلىگەن شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى. 77. تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « لوتۇن » ناملىق كىتابى 1984 - يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 78. « تارىم » ژورنىلىنىڭ1985 - يىللىق9 - سانىغا ئىمىن تۇرسۇن يازغان « ئوت يۈرەك شائىر » ناملىق نەسىرى بېسىلغان. 79. شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلى1986 - يىللىق يىللىق 4 - سانىغا نۇرمۇھەممەت زامانىنىڭ ل.مۇتەللىپ ئىجادىيتى تەھلىل قىلىنغان « جاپالىق يىللاردىكى جەڭگىۋار ئەدەبىيات » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 80. « شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 1986 - يىللىق 4 - سانىغا جاپپار ئەمەتنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ شېئىر ئىجادىيتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىىسى بېسلىغان. 81. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1987 - يىللىق 2 – سانىدا ئۆزبەكىستاننىڭ تاشكەندە 1976 - يىلى غەپۇر غۇلام نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت نەشرىياتى ل . مۇتەللىپنىڭ شائىر خەمىت غۇلام، روزى قادىرلار تەرجىمە قىلغان بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى « ياشلىق خۇددى چاقماق دېگەن نام بىلەن كىتابچە قىلىپ نەشر قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. 82. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1988 - يىل نەشر قىلغان ئالىي مەكتەپ دەرسلىكى، « ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى » نىڭ نۇرمۇھەممەت زامانى تۈزگەن 4 - كىتابى « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى » قىسىمىدا لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى تونۇشتۇرۇلغان. 83. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1988 - يىللىق 2 - سانىدا « ئۇيغۇر دېمكۇراتىك ئەدەبىياتى ۋەكىللىرىدىن » سەھىپىسىدە « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ » دېگەن نام بىلەن ل . مۇتەللىپنى تونۇشتۇرغان. 84. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ « قانلىق ساۋاق » ناملىق درامىسىدا ل . مۇتەللىپ ئوبرازى يارىتىلغان. بۇ دىرامما ئاپتۇرنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990 - يىل نەشر قىلغان « كۈرەش يولى » دراممىلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. 85. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1992 - يىللىق 1 - سانىغا شائىرە سەييارە سەلەينىڭ : « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىكى بەدىئي ئۇسلۇب توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 86. ۋۇ چوڭياڭ يازغان،مەركىزىي مىللەرتلەر ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1992 - يىلى نەشر قىلغان « جۇڭگو ھازىرقى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى » ناملىق كىتابتا ل . مۇتەللىپنىڭ ھاياتى، ئىجادىيتى تونۇشتۇرۇلغان. 87. 1993 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە نىلقىدا « ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 71 - يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئېچىلىدى. يىغىندا قېيۇم تۇردى، ئازاد سۇلتان، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، مەمەت شاۋۇدۇن قاتارلىقلار ماقالە ئوقۇدى. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 11 - سانىدا بۇ ھەقتىكى خەۋەر ۋە ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ يىغىندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكىمىتىنىڭ رەئىسى يولداش ماۋزېدۇڭ ئىمزا قويغان، 1956 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكىمىتى چۈشۈرگەن ل . مۇتەللىپكە ئىنقىلاۋى قۇربان دەپ شەرەپلىك نام بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى گۇۋاھنامە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى. 88. « تارىم » ژۇرنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 11 - سانىغا ئازات سۇلتاننىڭ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 71يىللىقىغا بېغىشلاپ يازغان « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇلاھىزە » ناملىق ماقالە بېسىلغان. مۇشۇ سانغا نىلقا ناھىيەلىك پارتىكوم شۇجىسى جاۋ دېجۇڭنىڭ « ل . مۇتەللىپ مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەن تەبرىك سۆز » ى بېسىلغان. 89. « مىللىي يازغۇچىلار » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 6 - ساندا « ل . مۇتەللىپ توغۇلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى خاتىرلەندى » دېگەن ژۇرنال ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، بۇ يىغىننىڭ 1993 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە ل . مۇتەللىپنىڭ يۇرتى نىلقىدا ئېچىلغانلىقى، يىغىندا ئىسمائىل ئەھمەت، تۆمۈر داۋامەتلەرنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ ئوقۇپ ئۆتۈلگەنلىكى، ئاندىن ئاپتونوم رايونلوق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى قەييۇم تۇردىنىڭ « ۋەتەنپەرۋەر شائىر، ئىنقىلابىي قۇربان ل . مۇتەللىپ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات » دېگەن تېمىدا سۆز قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى باستى. خەۋەردە يەنە يىغىندا ئاتاقلىق يازغۇچى لىيۇ شاۋۋۇ، ئاپتونوم رايونلوق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چىن بەيجۇڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتكەنلىكى، تەتقىقاتچىللاردىن ئازات سۇلتان، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم قاتارلىقلارنىڭ ماقالە ئوقۇغانلىقى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇللا تالىپ قاتارلىقلارنىڭ ل . مۇتەللىپ ھەققىدە سۆزلىگەنلىكى، يىغىندا يەنە نىلقا ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسىمۇ سۆز قىلغانلىقى، نىلقا ناھىيەلىك 2،3 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز تىللىرىدا ل . مۇتەللىپنىڭ « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاب » شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلغانلىقى، بۇ يىغىننى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيتى، شىنجاڭ كۆرگەزمىخانىسى، سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك ئەدەبىىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، نىلقا ناھيەلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغانلىقى، يىغىن مەزگىلىدە ل.مۇتەللىپنىڭ ئېنقىلابى ھاياتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن « يىراقتىكى ئۇچقۇنلار » ناملىق كىنونىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلى خەۋەر بېرىلدى. ژورنالنىڭ بۇ سانىغا يەنە جاڭ يۆنىڭ « ل . مۇتەللىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاساسى » دېگەن ماقالىسىمۇ بېسىلدى. 90. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 11 - سانىغا قېيۇم تۇردىنىڭ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 71يىللىقىغا بېغىشلانغان « ۋەتەنپەرۋەر شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 91. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 12 - سانىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى مۇقاۋىلىرىغا ل . مۇتەللىپ ھەققىدە نىلقىدا ئېچىلغان 1993 - يىلىدىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ سۈرەتلىرى بېسىلغان. 92. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993 - يىلى نەشر قىلغان مەخمۇتجان ئىسلام، ئابلىمىت ئىسمائىل تۈزگەن، « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى » ناملىق كىتابتا لوتپۇللا مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلغان. 93. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ 1994 - يىللىق 4 - سانىغا مۇھەممەت ئەيسا جامىنىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ دراما ئىجادىيتى ھەققىدە ئىزدىنىش » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 94. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 1 - سانىغا. تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « ل . مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىسى بىلەن نەشر قىلىنغان نۇسخىسىدىكى ئوخشىماسلىقلار » ناملىق ماقالىسى بېسلىغان. 95. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 2 - سانىغا شائىر ئابدۇكىرىم مەخسۇت يازغان« مۇتەللىپ ئېلىپ كەلدى نىلقىغا مېنى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان. 96. شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 2 - سانىغا ئەنەيتۇللا قۇربان يازغان « <يىللارغا جاۋاب> نىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئېستىتىك قىممىتى توغرىسدا » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 97. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 7 - سانىدا جاپپار ئەمەتنىڭ « ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى » دېگەن ماقالىسى بېسىلغان. 98. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 8 - سانىغا ئابدۇللا تالىپنىڭ « شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئىجادىيىتىنىڭ قىممىتى » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 99. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلغان ئىمىنجان ئەھمىدى تۈزگەن « ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخدىكى نامايەندىلەر » ناملىق كىتابتا ل . مۇتەللىپ تونۇشتورۇلغان. 100. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1997 - يىلى 4 - ئايدا نەشر قىلغان، ئۇچقۇنجان ئۆمەر تۈزگەن« ئاھ نۇرلۇق ئابىدىلەر » ناملىق توپلامغا ل . مۇتەللىپكە بېقىشلانغان مەرسىيەلەردىن ئەلقەم ئەختەمنىڭ 1953 - يىلى يازغان« دوستۇم مۇتەللىپ »، تۇردى سامساق 1955 - يىلى يازغان « شائىرغا »، رەخمىتۇللا جارى 1962 - يىلى يازغان« ئوت يۈرەك شائىر »، ئابدۇللا تالىپ 1980 - يىلى يازغان « جەڭگىۋار شائىر »، ھەجەر قادىر 1980 - يىلى يازغان« ئىجادىڭ ئۆمرى تەڭ مىڭ ئۆمۈرگە »، ئوسمانجان ساۋۇت 1981 - يىلى يازغان « لوتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرىسىگە »، جەمىلەم غۇجەش 1982 - يىلى يازغان « شائىر ئۆلمىدى »، ئايىمخان ئاۋامسىلىم 1983 - يىلى يازغان « ئۆچمەس يۇلتۇز »، ئابدۇساتتار ناسىرى 1983 - يىلى يازغان « ئۆچمەس يۇلتۇز »، ئابدۇكېرىم خوجايۇف 1986 - يىلى يازغان « لوتپۇللا مۇتەللىپ قەبرىسى ئالدىدا »، ئابدۇكېرىم مەخسۇت 1986 - يىلى يازغان« تۇر شائىر، ئېنىڭ كەلدى سېنى ئىزدەپ »، ئابدۇسالام توختى 1995 - يىلى يازغان « خەلق ئوغلانى لوتپۇللا »، ئابلىز ئۆمەر يازغان « ئىزىڭ ئۆچمەيدۇ » قاتارلىق مەرسىيەلەر كىرگۈزۈلگەن. 101. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1997 - يىللىق 12 - سانىغا مەمەت شاۋدۇننىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ خەلقنىڭ قەلبىدىكى شائىر » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 102. مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1998 - يىلى يازغۇچى مۆمىن مۇھەممىدى يازغان ل.مۇتەللىپنىڭ بالىلىق ھاياتىغا بېغىشلانغان « شاۋقۇن » ناملىق رومان نەشر قىلىنغان. #شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى 2001 - يىلى نەشر قىلغان، ئازاد سۇلتان، جاڭ مىڭ، نۇرمۇھەممەت زامانلار تۈزگەن« 20 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى » ناملىق كىتابتا لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى ھاياتى ئىجادىيىتى تونۇشتۇرۇلغان. #مىللەتلەر نەشرىياتى 2001 – يىلى 8 - ئايدا نەشر قىلغان مۇھەممەت ئەيسا جامى يازغان « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا » ناملىق ئىلمى كىتابتا ل . مۇتەللىپ درامىلىرى بىر باب تەھلىل قىلىنغان. #مىللەتلەر نەشرىياتى 2002 - يىلى 10- ئايدا نەشر قىلغان« جۇڭگو مىللەتلەر تىل - ئەدەبىيات تەتقىقاتى ماقالىللىرى » (خەنزۇچە) ناملىق كىتابقا خۇجىڭخۇا يازغان « ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر شائىرى ل.مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيتى » ناملىق ماقالە كىرگۈزۈلگەن. #شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2002 - يىلى نەشر قىلغان ئەركىن ئوغۇز ئابدۇرېھىم، ئابدۇللا سۇلايمان تۈزگەن « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخى » ناملىق كىتابتا ل . مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلۇپ، تەھلىل قىلىنغان. #« شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » نىڭ2003 - يىللىق 1 - سانىغا تەتقىقاتچى شەۋكەت ئېلاخۇن يازغان « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ بەدىئىي مىراسلىرىنىڭ مەنىۋى قىممىتى » ناملىق ماقالە بېسىلغان. #« شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 2003 - يىللىق 2 - سانىغا دوكتۇر مۇھەممەت ھوشۇر يازغان « ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە لوتپۇللاھ مۇتەللىپ شېئىرلىرى ئۈستىدە دەسلەپكى سېلىشتۇرما» ناملىق ماقالە بېسىلغان. #شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003 - يىل نەشر قىلغان ھاجى ئەھمەت كۆلتىگىن يازغان، « ئىككى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ رىشتىسى - ئەھمەت زىيائىي » ناملىق كىتابىدا ل . مۇتەللىپ بىلەن ئەھمەت زىيائىينىڭ دوستلىقى بايان قىلىنغان. #« شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 2004 - يىللىق 3 - سانىغا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ژانىر تۈرلەرگە قوشقان تۆھپىسى » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. #شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004 - يىلى نەشر قىلغان تەتقىقاتچى قاۋسلىقان قامىجانىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى ناملىق كىتاب ھەققىدە » ناملىق ماقالە « ئەدەبىيات تەرەققىياتى ھەققىدە ئويلار » ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. #مىللەرتلەر نەشرىياتى 2006 - يىل نەشر قىلغان ئىمىنجان ئەھمدى، مۇھەممەت تۇردى مىرزائەھمەت، ھەبىبۇللا ئابدۇسالام، شەۋكەت ئېلاخۇن، ماخمۇتجان مۇھەممەتلەر تۈزگەن، « ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى » (3 - قىسىم)دا لوتپۇللاھ مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلغان. #« شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى » ژورنىلىنىڭ 2006 - يىللىق 2- سانىغا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىىيات قارىشى ھەققىدە تەتقىقات » ناملىق ماقالە بېسىلغان. #شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ 2006 - يىلىلىق 2 - سانىغا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « 40 - يىللاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەۋائىي ئوبرازى » ناملىق ماقالە بېسىلغان. ماقالىدا ل . مۇتەللىپ ھەققىدە توختالغان. #« مەركىزىي مىللەرتلەر ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » (خەنزۇچە)نىڭ 2006 - يىللىق 4 - سانىغا ۋۇ شىياۋچىڭ، ئەكبەر قادىر بىرلىكتە يازغان « شىنجاڭ ھازىرقى زامان شائىرى مۇتەللىپ بىلەن تاڭجارىق ئەسەرلىرى ئۈستىدە تەتقىقات » ناملىق بېسىلغان. ماقالىدە لوتپۇللاھ مۇتەللىپ بىلەن قازاق شائىرى تاڭجارىق سېلىشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىنغان. #لىياۋ نىڭ نەشرىياتى 2006 - يىل نەشر قىلغان خەنزۇچە كىتاب « جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەزكىرىسى » دەل . مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلغان. #« شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 2007 - يىللىق 2 - سانىغا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى ۋە لوتپۇللاھ مۇتەللىپ» ناملىق ماقالە بېسىلغان. #ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئاتاقلىق شائىرلىرى دېگەن يۈرۈشلۈك كىتابلار قاتارىدا2008 - يىلى 7 - ئايدا ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ » ناملىق شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. #شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى نەشرىياتى 2008 - يىلى نەشر قىلغان كېرىمجان ئابدۇرېھىم باش تۈزگۈچىلىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر دەرىسلىكى« ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى » ناملىق كىتابتا ل.مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلغان. #« شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 2008 - يىللىق 3 - سانىدا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ۋە پۇشكىن » ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدا ل. مۇتەللىپ ھەققىدىمۇ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگەن. #تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « ل.مۇتەللىپ » ناملىق كىتابى 2008 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. #شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2008 - يىلى نەشر قىلغان ئۇيغۇر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ « تىل - ئەدەبىيات » دەرسلىكى 1 - قسىمغا ل . مۇتەللىپنىڭ « تەسىراتىم » ناملىق شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. #شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2008 - يىلى 6 - ئايدا نەشر قىلغان ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ « تىل - ئەدەبىيات » دەرسلىكى 1 - قسىمغا ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « تەسىراتىم » ناملىق شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. #« ئىلى دەرياسى » ژورنىلىنىڭ 2010 - يىللىق 6 - سانىدا يۈسۈپ ئەيسا يازغان « قاينام ئۆركىشى تەخەللۇسى ھەققىدە » ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان. #تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « تەڭرىتاغ دىيارىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز » ناملىق كىتابنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1984 - يىلى نەشر قىلىندى. #تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « ل.مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى » ناملىق كىتابىنى شىجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1998 - يىلى 11 - ئايدا نەشر قىلىندى. #شىيا چىنرۇ يازغان « ل . مۇتەللىپ ھەققىدە ھېكايە » ناملىق قوش تىللىق رەسىملىك كىتابچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2010 - يىلى 12 - ئايدا نەشر قىلىغان. #« مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » ( خەنزۇچە) ژۇرنىلىنىڭ 2010 - يىللىق 4 - سانىغا چى شىياۋبىڭ يازغان « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شائىرى ل . مۇتەللىپ ۋە رۇس سوۋېت ئەدەبىياتى » ناملىق ماقالە بېسىلدى. #شىنجاڭ ئۈن - سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن 2011 - يىلى« لوتپۇللاھ مۇتەللىپ » ناملىق ئۇيغۇرچە بالىلار ئوقۇشلۇق كىتابى نەشر قىلىندى. === ل.مۇتەللىپنىڭ چەتئەلدە نەشر قىلىنغان كىتابلىرى === #قادىر ھەسەنوفنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1951 - يىلى ئالمۇتادا « قازاق ئىلى» نەشرىياتى تەرىپىدىن ل.مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاب » ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان. #قازاقىستان دۆلەت ئوقۇش پېداگوكىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن 1957 - يىلى نەشر قىلىنغان ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 9 - ،10 - سىنىپلىرى ئۈچۈن دەرسلىك « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى » ناملىق كىتابقا ل . مۇتەللىپنىڭ تەرجىمھالى ۋە شېئىرلىرى ئۈستىدىكى تەھلىل كىرگۈزۈلگەن. #مۇرات ھەمرايوفنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1975 - يىلى ئالمۇتادا « يازغۇچى » نەشرىياتى تەرىپىدىن ل.مۇتەللىپنىڭ تاللانما ئەسەرلىرىدىن تۈزۈلگەن « لوتپۇللا مۇتەللپ » ناملىق كىتاب تۈزۈلگەن. #ئا.كورىنوۋ بىلەن مۇرات ھەمرايوفنىڭ روس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1976 - يىلى موسكوۋادا « ھەقىقەت » نەشرىياتى تەرىپىدىن ل.مۇتەللىپنىڭ « ياشلىق خۇددى چاقماق» ناملىق توپلىمى روس تىلىدا نەشر قىلىنغان. #خەمىت غۇلام بىلەن روزى قادىرلارنىڭ روسچىدىن تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن1976 - يىلى ئۆزبەگىستاننىڭ تاشكەنت شەھرىدە غاپۇر غۇلام نامىدىكى نەشرىيات تەرىپىدىن ئىبراھم غەپۇرۇپ مۇھەرىرلىكىدە « ياشلىق خۇددى چاقماق » ناملىق كىتابنىڭ ئۆزبەكچە تەرجىمىسى نەشر قىلىنغان. #ياش گىۋاردىيە نەشرىياتىنىڭ نەشرگە تەييارلىشى ھەم نەشر قىلىشى بىلەن 1982 - يىلى ئۆزبەكىستاننىڭ تاشكەنت شەھرىدە ل.مۇتەللىپنىڭ « [[ماي ناخشىسى]] » ناملىق توپلىمى روس تىلىدا نەشر قىلىنغان. #ئۆزبېكىسىتاننىڭ پايتەختى تاشكەنىت شەھىرىدە1982 - يىلى ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. #مۇرات ھەمرايوفنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1983 - يىلى ئۆزبەكىستاننىڭ تاشكەنت شەھرىدە ل.مۇتەللىپنىڭ « [[يىللارغا جاۋاب]] » ناملىق توپلىمى ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلىنغان. ==پايدىلانغان مەنبەلەر== *[[category: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شائىرلىرى]] *[[category:ئۇيغۇر شائىرلىرى]] [[تۈر:1922 - يىلى تۇغۇلغان كىشىلەر]] [[تۈر:1945 - يىلى ۋاپات بولغان كىشىلەر]] ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر «مەن بىلىدىغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ» «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» 2006–يىللىق ئۇيغۇرچە 1–سان [[تۈر:ئۇيغۇرلار]] bzu8sojdgnrqoib64h4yyl3qwhlyihq 154630 154627 2022-08-11T08:50:24Z Erilliq 19871 wikitext text/x-wiki {{شەخسلەر رامكىسى |ئىسىم-فامىلىسى = لۇتپۇللا مۇتەللىپ |رەسىمى = File:L mutelip.jpg |تۇغۇلغان-ۋاقتى = {{تۇغۇلغان|1922|11-ئاينىڭ 22-كۈنى}} |تۇغۇلغان-ئورنى = [[چۈنچە يېزا]] ([[ئالمۇتا]]) |ۋاپات-بولغان-ۋاقتى = {{ئۆلگەن|1945|9-ئاينىڭ18-كۈنى}} |ۋاپات-بولغان-ئورنى = |مىللىتى = [[ئۇيغۇر]] |دۆلەت-تەۋەلىگى = |ھازىرقى-ئورنى = |كەسپى = [[شائىر]] |خىزمىتى = |مائارىپ-سەۋىيىسى = |ھەمرايى = |بالىلىرى = |ئاتا-ئانىسى = |تور-بېكىتى = }} '''لۇتپۇللا مۇتەللىپ''' -(تەخەللۇسى قاينام ئۆركىشى، لۇتۇن)(1922-يىلى 22-نويابىر - 1945-يىلى18-نويابىر ) 20-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن [[ئۇيغۇر مىللىتى|ئۇيغۇر]] شائىر، دىراماتوروگ ۋە مۇستەملىكىگە قارشى تەشكىلاتچى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان شېئىرىيىتىدە ھەممىدىن تونۇلغان شائىرلارنىڭ بىرى. لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ ،ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە 23 يىللىق ھاياتىدا «[[يىللارغا جاۋاپ]] »،« [[خىيالچان تىلەك]]»، « [[بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى]] »قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنى ،«[[پادىشاھ سامورايلىرى ھالسىرايدۇ]] » « [[ئەجەل ھودۇقۇشىدا]] » ناملىق مەشھۇر فېلىيەتونلارنى، ۋە يېقىنقى ئۇيغۇر تارىخدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە رومان «داۋانلار ئاشقاندا»(بۇ ئەسەر يوقۇلۇپ كەتكەن)نى يازغان. شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل ،چۈشۈنۈشلۈك ، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرىت ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلىقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا. شېئىرىيەتتىن باشقا لۇتپۇللا تەشكىلاتچىلىق، دىرامما ئەرتىسلىكى، تەرجىمانلىق ۋە تەھرىرلىكمۇ قىلغان. مۇستەملىكىگە قارشى ئۇيغۇر مىللىي ئازاتلىق كۈرىشى تارىخىدا ئاقسۇدا قۇرۇلغان تەشكىلاتلاردىن 1945-يىلى قۇرۇلغان مەخپىي تەشكىلات «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ قۇرغۇچىسى. 1945-يىلى گومېنداڭ باشچىلىقىدىكى جوڭگۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. == ھاياتى == لوﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ 1922-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22-ﻛﯜﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ [[قازاقىستان|ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ]] ﺋﺎﻟﯩﻤﯘتا ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﭼﯜﻧﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﺒﻮﻳﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. بەزى مەنبەلەردە نىلقا ناھىيىسىدا تۇغۇلغان دەپمۇ يازىدۇ. 1931 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺑﯩﻠﻪﻥ [[غۇلجا شەھىرى|ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ]] كۆچۈپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.   لۇتپۇللانىڭ دادىسى ھېزىم قوشۇمچە مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىماملىقى ۋە دىنىي ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر تەرىپىدىن « ھېزىم موللا » دەپ ئاتالغان. لۇتپۇللانىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەركىلەتمە ئىسمى «لۇتۇن» بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىدا بۇ ئىسىمنى تەخەللۇس ئورنىدا ئىشلەتكەن.     لۇتپۇللا دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە بەش يېشىدىلا ساۋاتىنى چىقارغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاۋۋال چۇنجىدا، كېيىن غۇلجىدىكى تاتار مەكتىپى(ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپ) دە، ئوتتۇرا مەكتەپنى رۇس گېمنازىيىسىدە ( كېيىنكى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتى ۋە ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ) تە ئوقۇغان. 1939-يىلى، ئىمتىھان بىلەن ئۈرۈمچىدىكى «شىنجياڭ دارۇل مۇئەللىمىن»)(ھازىرقى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستۇتى)گە كىرىپ، ئۇيغۇرچە ئوقۇغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى [[ئۈرۈمچى شەھىرى|ئۈرۈمچىدىكى]] ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، سوۋىت ئىتتىپاقى ئىلىم-پەن خادىملەرىنىڭ جەنۇبىي شىنجياڭنى جۇغراپىيەلىك ۋە ئېكولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە رۇس تىلى تەرجىمانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1942-يىلى 2-ئايدا «شىنجاڭ گېزىتى»گە  خىزمەتكە كىرىپ، مۇھەررىر بولغان. كىيىن جوڭگۇ ھاكىميىتى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ 1943-يىلى 11-ئايدا، ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن ۋە «ئاقسۇ گېزىتى»دە باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئاقسۇدا [[بىلال ئەزىزى]] ، [[مۇنىردىن خوجا]] قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . 1944 يىلى غولجىدا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاپ سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان. 1945-يىلى 4-ئايدا [[ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى]] نامىدىكى مۇستەملىكىگە قارشى مەخپىي تەشكىلات قۇرغان. ئابلىمىت ئابدۇللاھ يازغان «مەرھۇم پولكوۋنىك سوپاخۇن سۈۋۈروفنى ئەسلەيمەن» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسىدە مۇنداق بىر بايان بار: «سابىق شەرقىي شىنجياڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى مۇزەپپەر ئابدۇللايوف (لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ نەۋرە ئاچاسى گۈلسۇم مۇتەللىپ ‹1919-1999-يىللار›نىڭ كۈيوغلى) لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ھايات پائالىيەتى ھەققىدە توختولۇپ مۇنداق دېگەن : “ 1945-يىلى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتى رەھبەرلىكى ئاقسۇدىكى لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپىپ، ئابدۇغوپۇر ناسىروف قاتارلىق كىشىلەرنى لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى غۇلجاغا ئالىپ چىقىش ئۈچۈن، ئالاھىدە ئاقسۇغا ئەۋەتكەن. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار ئاقسۇغا بارىپ، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ بىلەن كۆرۈشىدۇ. مەقسەتنى ئۇقتۇرغاندىن كەيىن، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئابدۇغوپۇر ناسىروفلارنىڭ پىكىرىگە قوشۇلۇپ، غۇلجاغا كەتمەكچى بولىدۇ. بىراق، يولغا چىقىدىغان چاغدا، ئاتنىڭ ئۈزەنگەسىگە پۇتىنى ئالىپ بولغان ل. مۇتەللىپ توساتتىن ئۆزىنىڭ ئىچىنى تىڭشاپ تۇرۇپ قالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروف: ‹نەمە بولدىڭىز؟ تىز بولۇڭ!› دەگەندە، ئۇ: ‹شۇ تۇرۇقتا مەن ئاقسۇدىن كەتسەم، بىرىنجىدىن، مەن گومىنداڭدىن قورققان بولمامدىمەن؟ ئىككىنجىدىن، سەپداشلارىمنى تاشلاپ كەتسەم، قانداق بولىدۇ؟ ياق، مەن كەتمەيمەن. سەپداشلارىمغا نەمە بولسا، ماڭامۇ شۇ!› دەپ، غۇلجاغا كەتىشتىن يالتايىپ قالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار نەسىھەت قىلىپ: ‹مۇتەللىپ، ياخشىسى بىز بىلەن بىللە غۇلجاغا كەتىڭ. بولماسا، ھاياتىڭىزغا خەۋپ يەتىدۇ. بۇ- رەھبەرلىك بىزگە ئالاھىدە تاپشۇرغان ۋەزىپە. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن باش قوماندانلىق ئىشتابى پات ئارادا جەنۇبىي شىنجياڭنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتىدۇ. سىز شۇ چاغدا، مىللىي ئارمىيە قىسىملارى بىلەن يەنە ئاقسۇغا كەلسەڭىز بولىدۇ ئەمەسمۇ؟› دەگەندە، مۇتەللىپ: ‹ ياق، كەتمەيمەن. سەپداشلارىم بىلەن ھايات-ماماتتا بىللە بولىمەن. مەن ئاقسۇدا، مىللىي ئارمىيەنىڭ زەپەر قۇچۇپ كەلىشىنى كۈتىمەن› دەپ، ئاقسۇدا قاپقالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار ئامالسىز ئۆزلەرى غۇلجاغا قايتىپ كەتىدۇ»<ref>شىنجياڭ تەزكىرەچىلىكى» ژۇرنالى، 2011-يىللىق 4-سان، 46-بەت</ref> 1945-يىلى مىللى ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا گومېنداڭ ھاكىميىتىدىكى جوڭگۇ ساقچى ئەمەلدارلىرى لۇپتۇللا مۇتەللىپ ، بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۇرمىگە قامىغان ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە جوڭگۇ ھۆكۈمىتى تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18 كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىلەرچە قەتىل قىلغان . كىيىن كىشلەر لۇتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتنى ئەۋرەز كارىزىغا تاشلىۋىتىلگەن يېرىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ تاراپ ئاقسۇ شەھەرى ئاق مەسچىتنىڭ ئارقىسىدىكى ( ھازىرقى شىياڭگاڭ بازىرىنىڭ ) ئۇتتۇرىدىكى ئاممىۋى قەۋرىستانلىققا دەپنە قىلغان. [[File:Lutpulla qebrisi.jpg|left|thumb|250px|لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ [[ئاقسۇ شەھىرى|ئاقسۇ]]دىكى قەبرىسى]] [[File:Lutpulla011.jpg|left|thumb|250px|لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كىيى چۈشكەن سۈرىتى]] لوتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر ، ئەدىب بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ، تىنىچلىقى ، ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزىمەت . بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش -ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز ! == لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ سىياسى پائالىيەتلىرى ۋە كۈرەشلىرى == == ئوتتۇرا ئاسىيادا لۇتپۇللا مۇتەللىپ == [[File:Lutoplla22.jpg|left|thumb|200px|ئوت يۈرەك شائىر - لۇتپۇللا مۇتەللىپ]] == لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئەسەرلىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش == #لوتپۇللاھ مۇتەللىپ يازغان « تىياتىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە راۋاجلىنىش تارىخى » ناملىق ماقالە « شىنجاڭ گېزىتى » نىڭ 1942 - يىلى 9- ئاينىڭ11 - كۈندىكى سانىدىن باشلاپ بىر نەچچە سانغا بۆلۈپ ئېلان قىلىنغان. #نېمشېھىت 1946 - يىلى ئايدا « ھەپسىدە كەتكەن دوستۇم ل . مۇتەللىپكە» ناملىق مەرسىيەسىنى يازغان. ( « يۈرەك سۆزى » شېئىرلار توپلىمى 1980 - يىلى 1- ئاي مىللەتلەر نەشرىياتى. ) #زەينىدىن سالىيۇپ 1946 - يىلى 8 - ئايدا شىخۇدا « مۇسىبەت » ناملىق مەرسىيەسىسىنى يازغان. (« بىزنىڭ تىلەك »، كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمى، 1981 - يىلى 3 - ئاي شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.) #شائىر ئەلقەم ئەختەم 1946 - يىلى 9 - ئايدا ل . مۇتەللىپكە بېغىشلانغان 54 مىسىرالىق مەرسىيەسى « ئېچىنىش » نى يازغان. بۇ مەرسىيە 1954 - يىلى قازاقىستاندىكى « قازاق ئىلى » ژورنىلى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. شائىرنىڭ « ئۆمۈد دولقۇنلىرى » ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. #تىيىپجان ئېلىيوف 1948 - يىلى 3 - ئايدا قورغاستا « لوتپۇللاغا » ناملىق شېئىرىنى يازغان. (« ت.ئېلىيوف شىئېرلىرى » 1 - تومغا كىرگۈزۈلگەن.) #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1952 - يىللىق 6 - سانىغا ل.مۇتەللىپنىڭ « لېنىن شۇنداق ئۈگەتكەن» ناملىق ئەسىرى بېسىلغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1952 - يىللىق 8 - سانىغا « ل . مۇتەللىپ خاتىرىسى » دېگەن ماۋزۇدا تەھرىر بۆلۈم نامىدىن ل . مۇتەللىپنىڭ ھاياتى رەسىمى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان ۋە ل . مۇتەللىپنىڭ « ئەجەل ھودۇقىشىدا »، « كۈرەش ئىلھامى »، « يىللارغا جاۋاب »، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق ئەسەرلىرى بېسىلغان. #ئەلقەم ئەختەم 1953 - يىلى 9 - ئايدا« دوستۇم مۇتەللىپ » ناملىق شېئىرىنى يازغان (1957 - يىل 9 - ئاي مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان« كۈرەش دولقۇنلىرى » غا كىرگۈزۈلگەن.) #« شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1955 - يىللىق 6 - سانىدا ل . مۇتەللىپنىڭ « بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ1955 - يىللىق 8 – سانىدا « ل.مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 10يىللىقى ئالدىدىن» دېگەن سەھىپە ئىچىلىپ، ت.ئېلىيوفنىڭ « ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك شائىرى » دېگەن ماقالىسى بىسىلغان، بۇ ماقالە جەمئىي 23 بەتلىك. بۇ ماقالە ل.مۇتەللىپنىڭ ئىجادىي ھاياتى ۋە ئىجادىيتىدىكى ئىلغار ئىددىيەلەرنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىشقا بىغىشلاپ ئىككى بۆلەك بويىچە يېزىلغان. مىنىڭچە ل.مۇتەللىپ ھەققىدە بۇ ئەڭ دەسلەپتە يېزىلىپلا قالماي، يەنە مۇكەممەل يېزىلغان ماقالىدۇر. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1955 - يىللىق 9 - سانىدا « ل.مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن » دېگەن مەخسۇس سەھىپە ئىچىلىپ « چىلىش يىللىرىنىڭ باتۇر كۈيچىسى » ناملىق مەخسۇس ماقالە بېسىلغان. ئاندىن « ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىدىن » دېگەن سەھىپىدە « يىللارغا جاۋاب »، « يانار تاغلار »، « ماي كۈرەشچان ئاي »، « ھورۇن دېھقانغا »، « بىزنىڭ مەمەت »، « پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ » قاتارلىق ئەسەرلىرى بىسىلغان. ل.مۇتەللىپكە ئاتالغان ئەسەرلەردىن تۇردى سامساقنىڭ « شائىر » ناملىق شېئىرى، يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھارنىڭ « مەڭگۈ بىز بىلەن » شېئىرى، مەمەت يۈسۈپنىڭ « پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىمىز » ناملىق شېئىرى، ئابدۇكېرىم خوجايوفنىڭ « بىرىنچى جەڭدە » ناملىق ھېكايىسى بىسىلدى. بۇ ھېكايىدە ل.مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇغا سۈرگۈن قىلىنىش جەريانى ۋە ئاقسۇدا « ياپۇن جاھانگىرلىكىگە قارشى ناخشىلارنى ئېيتتى » دېگەن نام بىلەن بىرىنچى قېتىم تۈرمىگە سولىنىش جەريانى تەسۋىرلەنگەن. #شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1955-يىلى نەشر قىلغان « كۈرەش ناخشىلىرى » ناملىق توپلامدا ل.مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاب »، « باھار ھەققىدە مۇۋاششەھ » ،« پارچە »، « شائىر توغرىسىدا مۇۋاششەھ »، « تەسىراتىم »، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. #مەمەت سىدىق نۇرۇزۇۋنىڭ نەشرىگە تەييارلىشى بىلەن1955 - يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ل.مۇتەللىپنىڭ « مۇھەببەت ھەم نەپرەت » ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلغان. توپلامنىڭ بىشىغا ت.ئېلىيوفنىڭ « چىلىش يىللىرىنىڭ باتۇر كۈيچىسى » ناملىق ماقالىسى بېرىلگەن، توپلامغان ل.مۇتەللىپنىڭ 37 پارچە ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن. #بېيجىڭدا1956-يىلى « يازغۇچىلار » نەشرىياتى تەرىپىدىن ل.مۇتەللىپنىڭ « ل.مۇتەللىپ شېئىرلىرى » ناملىق خەنزۇچە توپلام نەشىىر قىلىنغان. #شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1957 - يىل نەشر قىلغان « ياشلىق ئۆگەن » نامىدىكى 18 شائىرنىڭ كوللىكتىپ توپلىمىغا ل.مۇتەللىپنىڭ « ياشلىق ئۆگەن »، « بىز شىنجاڭ ئوغۇل- قىزلىرى »، « چىمەن »، « لېنىن شۇنداق ئۈگەتكەن »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا »، « پارچە » قاتارلىق ئالتە پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. #زەينىدىن ساليوف « ياشلار ئۆگىنىشى » ژۇرنىلى 1957 - يىللىق 2 - سانىدا ل . مۇتەللىپكە تەقلىد قىلىپ « غۇلاچ تاشلا » ناملىق شېئىرىنى يازغان ھەم شېئىرنىڭ بېشىغا ل . مۇتەللىپنىڭ « ياشلىق ئۆگەن » ناملىق شېئىرىدىن بىر كۇپلىت مىسال ئالغان. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1957 - يىللىق 1 - سانىغا ئابدۇكېرىم خۇجايۇف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « كۈرەشچان جۇڭگو خوتۇن قىزلىرى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1957 - يىللىق 2 - سانىغا ئابدۇكېرىم خۇجايۇف بىلەن يۈسۈپ خوجايۇف بىللە تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « كۆرىشىۋاتىمىز »، « چىمەن»، « ئىشلە دېھقان ئاكا »، « دوستۇمغا »، « خوش » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسلغان. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1957 – يىللىق 3- سانىغا ئابدۇكېرىم خۇجايۇف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « مۇھەببەت ھەم نەپرەت » داستانى بېسىلغان. #« تارىم » ژورنىلى1957 - يىللىق 9 - سانىدا شائىر ۋاپاتىنىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن « ل.مۇتەللىپنىڭ يېڭى تىپىلغان شېئىرلىرى » دېگەن سەھىپىدە ل.مۇتەللىپنىڭ « مۇختىمىلات »، « مىشچان قىز »، « تۈن يىرىپ ئىزلار باسقاندا »، « پارچە » قاتارلىق ئەسەرلىرى بېسىلغان. #« تارىم » 1958 - يىللىق 6 - سانىغا ت.ئېلىيوفنىڭ « ل.مۇتەللىپ يەنە بىز بىلەن » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. #« تارىم » 1958 - يىللىق 9 - سانغا ۋاڭ يۈخۈينىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ <جۇڭگو> دېگەن ئۆلمەس شېئىرىنى ئوقۇغاندا » ناملىق ماقالىسى بىسىلغان، يەنە ل.مۇتەللىپنىڭ « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « خەلقىمگە »، « خوش »، « كەل يېڭى يىل »، « ئازاد گۈلىستانى ياسار »، « دوستۇم » قاتارلىق يېڭى تىپىلغان شېئىرلىرىمۇ بىسىلغان. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1958 - يىللىق9 - سانىغا يۈسۈپ خوجايۈف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ« ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « بوراندىن كېيىنكى ئاپتاپ »، « جۇڭگو پارتىزانلىرى »، « كۈرەش »، « باتۇر يىللار »، « يانار تاغلار » قاتارلىق شېئىر ۋە درامىمىسى بىلەن ئابدۇكېرىم خوجايۇفنىڭ ل . مۇتەللىپنى خاتىرلەپ يازغان « سېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈڭ ئېچىلدى » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. #« ياش كوممۇنىسىت » ژۇرنىلى (يېرىم ئايلىق ژۇرنال)نىڭ 1959 - يىللىق 15 - سانىدا ھېزىم قاسىمنىڭ « مۇتەللىپ خاتىرىسى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان. #« تارىم » ژورنىلىنىڭ 1959 - يىللىق 1 - سانىدا ل.مۇتەللىپنىڭ « مىللەﺗﭽﯩ- لەرگە زەربە »، « ھەسەن - ھۈسەن »، « مۇخەممەس » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسىلغان. #شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشىمىسىدىن چىقىرىلىدىغان خەنزۇچە « تىيانشان » ژۇرنىلىنىڭ 1959 - يىللىق10 - سانىغا يۈسۈپ خوجايۈف تەرجىمە قىلغان « ل . مۇتەللىپنىڭ ئىككى پارچە شېئىرى » دېگەن ماۋزۇدا « ھەسەن –ھۈسەن » شېئىرى بىلەن « مۇخەممەس » شېئىرى بېسىلغان. #« تارىم » ژورنىلىنىڭ 1959 - يىللىق 10 - 11 - سانلىرىدا لىيۇ شىياۋۋۇ، ئەلقەم ئەختەم، ئابدۇكېرىم خوجايوف، زەي دىسىڭلار بىرلىكتە يازغان ل.مۇتەللىپنىڭ ئىنقىلابىي ھاياتىغا بېغىشلانغان « يېراقتىكى ئۇچقۇنلار » ناملىق سېنارىيە بېسىلغان. بۇ سىنارىيە 1958 - يىلى دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا سوۋغا سۈپىتىدە يېزىلىپ، 1959 - يىلى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلغان. #« تارىم » ژورنىلىنىڭ 1960 - يىللىق 8 - 9 قوشما سانىدا ل . مۇتەللىپنىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرىنىڭ خەنزۇچە توپلىمى چىقىرىلدۇ دەپ خەۋەر بېرىلگەن. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1962 - يىللىق 4 - سانىدا مۆمىن مۇھەممىدى يازغان « قاينام ئۆركىشى » ناملىق ئوچېرىك ئېلان قىلىنغان. #جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى شىياۋ سەن باش مۇھەرىرلىكىدىكى 1962 - يىلى 6 - ئايدا تولۇقلاپ نەشر قىلغان « ئىنقىلابىي قۇربانلار شېئىرلىرىدىن ناملىق كىتابقا ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « خىيالچان تىلەك »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « مۇخەممەس »، « كۈرەشچان جۇڭگو خوتۇن ـ قىزلىرى »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا » قاتارلىق 6 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. كىتابنىڭ شىياۋ سەن يازغان كىرىش سۆزىدە ل . مۇتەللىپنىڭ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرى تەھلىل قىلىنغان. بۇ كىتابقا يەنە تېيىپچان ئېلىيۇف يازغان « چېلىش يىللىرىنىڭ باتۇر كۈيچىسى » ناملىق ماقالىنىڭ قىسقارتىلىمىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1962 - يىللىق 11 - 12 قوشما سانىدا « ل.مۇتەللىىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن سەھىپە ئېچىلىپ، ژۇرنال نامىدىن « شائىر، جەڭچى، ۋەتەننىڭ سادىق ئوغلى » دېگەن ماقالە بېسىلغان. تىيەن جەننىڭ« ل.مۇتەللىپنى ئەسلەپ »، ئەلقەم ئەختەمنىڭ « ئەسلىدىم »، نېمشىھىتنىڭ« مېنىڭ سېغىنىشىم »، تېيىپچان ئېلىيۇفنىڭ « ئەسلەش » قاتارلىق مەرسىيەلىرى ۋە شىبە يازغۇچىسى گوجىنەننىڭ « ۋەتەننىڭ ياخشى ئوغلى » دېگەن شېئىرى بېسىلغان. ئاندىن « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرى » دېگەن ماۋزۇدا ل . مۇتەللىپنىڭ « جۇڭگو »، « ۋەتەن ئەلا، خەلق ئەلا »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى » ،« مىللەتچىلەرگە زەربە »، « يىللارغا جاۋاپ »، « ماي ناخشىسى »، « شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ »، « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « كۈرەش قىزى »، « ئەدەبىياتتىكى تىپ توغرىسىدا » قاتارلىق ئەسەرلىرى بېسىلغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1963 - يىللىق 7 - سانىغا شىياۋ سەننىڭ « ئىنقىلابىي قۇربانلار شېئىرلىرى » دېگەن كىتابقا يازغان كىرىش ماقالىسى رەخىم قاسىمۇف تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ بېسىلغان. بۇ ماقالىدا ل.مۇتەللىپنىڭ ئۈچ پارچە شېئىرى تىلغا ئېلىنغان ھەم تەھلىل قىلىنغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1965 - يىللىق 5 - سانىدا « ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز » ئىستۇنىدا ل.مۇتەللىپنىڭ « جۇڭگو پارتىزانلىرى » دېگەن شېئىرى بېسىلغان. #شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1978 - يىلى 10 - ئايدا نەشر قىلغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ« تىل ـ ئەدەبىيات دەرسلىكى » 4 - قىسىمغا ل . مۇتەللىپنىڭ « بىز شىنجاڭ ئوغۇل ـ قىزلىرى » ناملىق شېئىرىنى كىرگۈزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن نەشر قىلىغان ئۇيغۇر ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ « تىل ـ ئەدەبىيات » دەرسلىكىلىرىگە ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « خىيالچان تىلەك »، « پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ »، « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق »، « جۇڭگو » قاتارلىق كۆپلىگەن شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى. #شائىر ئەزىزوف قاسىم 1979 - يىلى 2 - ئايدا ل.مۇتەللىپكە بېغىشلاپ « يىللار كۈيچىسىگە » ناملىق شېئىرىنى يازغان. بۇ شېئىر شائىرنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1986- يىلى نەشر قىلغان « قىلىچ » ناملىق شېئىرلار توپلمىغا كىرگۈزۈلگەن. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ1979– يىللىق 4 – سانىدا « ئىنقىلابى شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن » دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا شائىرنىڭ تەرجىمھالى، ئىجادىيەت ئەھۋالى، ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا نامى قارىلانغانلىقنى، 3 – ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن نامىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىىگە دائىر مەزمۇنلار بېسىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ « يىللارغا جاۋاب »، « جۇڭگو »، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق 3 پارچە شېئىرنى باسقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەلقەم ئەختەمنىڭ ل . مۇتەللىپكە بېغىشلىغان « ئەسلىدىم »، ھەسەن تېلىۋالدىنىڭ « ل . مۇتەللىپكە »، تۇرسۇن قۇرباننىڭ « قەۋرەڭنى ئىزلەپ » قاتارلىق شېئىرلىرىمۇ بېسلىغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ1979– يىللىق 4 – سانىغا « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن » دېگەن ماۋزۇدا لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى تونۇشتۇرغان ماقالە بېسىلغان. ئاندىن « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاپ »، « شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا » . « ماۋۇزسىز » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسىلغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ1979– يىللىق 7 – سانىغا ئىبراھىم سەيدۇللانىڭ لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ۋاپاتنىڭ 35يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان « كۈرەشچان ھايات، شانلىق قۇربان » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1979 - يىللىق 9 – سانىدا ئىنقىلاۋى شائىر ل . مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 34 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس سەھىپە ئېچىلىپ « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن » دېگەن ماۋزۇدا شائىرنىڭ يېڭىدىن تېپىلغان ماۋزۇسىز شېئىرى پارچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان 6 پارچە شېئىرنى ۋە « بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا »، « ياشلىق ئۆگەن »، « ئىككى لىرىكا » قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئېلان قىلدى. يەنە ئەزىزۇپ قاسىمنىڭ « قاينام ئۆركىشىنى ئەسلەيمەن »، ئىلھامجاننىڭ« شائىر لوتۇن »، ماھمۇت زەيدىنىڭ « قاينام ئۆركىشىگە » قاتارلىق شېئىرلىرى ئېلان قىلىندى. بۇ ساندا يەنە رەھىم قاسىمنىڭ « سۆيۈملۈك ئىنقىلاۋى شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ » ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. يەنە ئىبراھىم سەيدۇللانىڭ« كۈرەشچان ھايات، شانلىق قۇربان » تېمىلىق ماقالىسى بېسىلغان. ئۇندىن باشقا يەنە ل . مۇتەللىپنىڭ 1941 – يىلىدىكى « شىنجاڭ گېزىتى » دىكى خىزمەتدىشى ئابدۇرەھىم روزى جۇشقۇننىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ھەققىدە ئەسلىمە » ناملىق ئەسلىمىسىمۇ بېسلغان. #« شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىل 1 - سانىدا شائىر رەخىم قاسىمنىڭ ل . مۇتەللىپ بىلەن نېمشېھىت ئىككىسىگە بېغىشلانغان « شائىر » ناملىق 121 كۇبلېتلىق چوڭ ھەجىملىك داستانى بېسىلغان. #شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتى نەشرگە تەييارلىغان، مىلەتلەر نەشرىياتى 1980 - يىلى نەشر قىلغان كولېكتىپ توپلام « ھېكايىلەر » توپلىمىغا ل . مۇتەللىپنىڭ « ئەجەل ھودۇقىشىدا »، « پادىشاھ سامورايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ »، « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق » قاتارلىق ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. 42. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىللىق 1 - سانىدا زەينۇرە ئەيسانىڭ « سەبدەگۈل » باللاداسى ئېلان قىلىنغان، باللادادا سەبدەگۈلنىڭ ل . مۇتەللىپكە بولغان مۇھاببىتى ۋە سېغىنىشىنى ۋاستە قىلىپ، ل . مۇتەللىپنىڭ ئازادلىقتىن بۇرۇنقى ئىنقىلاۋى ھاياتى، مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىكى نامىنىڭ قارلىنىشى، 3 - ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن قايتا ئەسلىگە كېلىش جەريانى لىرىك ئوبراز بايانى بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن. 43. « شىنجاڭ ياشلىرى » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىللىق 4 - 5 - 6 - 7 - سانلىرىغا ئابدۇللا تالىپ يازغان « ل.مۇتەللىپ ۋە ياش ئەۋلاتلار » ناملىق ماقالە بېسىلغان. 44. 1980 - يىلى 6 - ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كوللېكتىپ توپلام « داستانلار » غا ل.مۇتەللىپنىڭ « مۇھەببەت ھەم نەپرەت » داستانى كىرگۈزۈلگەن. 45. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ1980– يىللىق 9 - سانىغا ئابلەت ئابدۇللانىڭ « لوتۇن خاتىرىسىگە » ناملىق كىچىك داستانى بېسىلغان. 46. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ1980– يىللىق 9 – سانىغا تېيپچان ئېلىيۇفنىڭ « ل . مۇتەللىپنى خاتىرلەيمەن » ناملىق شېئىرى بىلەن ئەلقەم ئەختەمنىڭ « ل . مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى »، ئىبراھىم سەيدۇللانىڭ« كۈرەشچان يىللار ،پارلاق شېئىرىيەت » ناملىق ماقالىلىرى بېسىلغان. 47. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىللىق 12 - سانىغا نىياز مەخسۇتنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى ئەسلەيمەن » ناملىق ئەسلىمىسى بېسىلغان. بۇ ئەسلىمە يەنە ئاقسۇدىكى « تارىم ئەدەبىياتى » نىڭ 1980يىللىق 3 - سانىغىمۇ بېسىلغان. 48. 1980 - يىلى 2 - ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان كوللېكتىپ توپلام « تارىم ئۆركەشلىرى » گە ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « خىيالچان تىلەك »، « ياشلىق ئۆگەن » قاتارلىق 3 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. 49. ئەلقەم ئەختەمنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1981 - يىل 2 - ئاي، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان « ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرى » ناملىق بۇ توپلامغا ئەلقەم ئەختەمنىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى » ناملىق ماقالىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن، يەنە ل.مۇتەللىپنىڭ 53 پارچە شېئىرى، ئىككى فېلىيەتۇنى كىرگۈزۈلگەن. 50. جاڭ شىرۇڭ، ياڭ جىنشىياڭلار خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرى » ناملىق كىتاب 1981 - يىلى 12 - ئايدا شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 51. شائىر ئەلقەم ئەختەم يازغان « ل.مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى » ناملىق ماقالىسى 1982 - يىل 1 - ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن، كېيىن ۋاڭ يېجى تەرىپىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ « شىنجاڭ قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇلاھىزە » دېگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. 52. ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان پەسىللىك خەنزۇچە ژۇرنال « تىيانشان » نىڭ 1982 - يىللىق 2 - سانىدا ل . مۇتەللىپنى تونۇشتۇرغان ۋە ئابدۇكېرىم خوجايۇف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسىلغان. 53. شىياۋسەن ئاپتورلىقىدا تۈزۈلۈپ جوڭگۇ ياشلار نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982 - يىلى 4 - ئايدا خەنزۇچە نەشر قىلىنغان « ئېنقىلابى قۇربانلار شېئىرلىرىنىڭ داۋامى » ناملىق كىتابقا ل . مۇتەللىپنىڭ ئابدۇكېرىم خوجايوف تەرىپىدىن خەنزۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان « بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « يىللارغا جاۋاپ »، « خىيالچان تىلەك »، « مۇھاببەت ھەم نەپرەت »، « پارچىلار » قاتارلىق 6 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. 54. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1982 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلغان« شىنجاڭ قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇلاھىزە » (خەنزۇچە) دېگەن كىتابقا خەنزۇ تەتقىقاتچىلاردىن شاۋسەننىڭ« ئۆزگىچە ئېچىلغان بىر تال گۈل »، شىڭ پېڭنىڭ « شائىر، جەڭچى، ۋەتەننىڭ سادىق ئوغلى » قاتارلىق ماقالىللىرى كىرگۈزۈلگەن. 55. « شىنجاڭ سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 4 - سانىغا ئەرشىدىن تاتلىقنىڭ ل.مۇتەللىپكە بېغىشلانغان « ۋەتەن قۇربانلىرى » ناملىق دىراممىسى، بېسىلغان. 56. « ئىلى دەرياسى » 1982 - يىللىق 4 - ساندا « ئۇ ئىجاد دەرياسىغا چۆمۈلگەن، ئۇ ھەربىر مىسرا تۈۋىگە كۆمۈلگەن » دېگەن سەھىپىنى ئېچىپ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەپ ل.مۇتەللىپنىڭ « تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەم ۋاراجلىنىش تارىخى » دېگەن ماقالىسىنى باسقان. يەنە ئىسلام سادىقنىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇدىكى ھاياتىدىن ئىككى خاتىرە » ناملىق ئەسلىمىسى بىلەن يازغۇچى مۆمىن مۇھەممىدىنىڭ ل.مۇتەللىپكە بېغىشلانغان « تۇنجى قەدەم » ناملىق ئوچىرىكى ئېلان قىلىنغان. 57. « شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) 1982 - يىللىق 4 - ساندا « ل.مۇتەللىپ توغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن ئىستون ئېچىلىپ، شائىرنىڭ ياڭ جىن شىياڭ، جاڭ شىرۇڭلار خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان « كۈرەش سېپىدىن شەپە »، « كۈرەش »، « كۆرىشىۋاتىمىز »، « مۇخەممەس »، « كەل يېڭى يىل »، « چوڭ قەھرىمان ئويغاندى »، « دوستۇمغا »، « يەنە ئويغان »، « ماۋزۇسىز »، « يانار تاغلار »، « ھەسەن ـ ھۈسەن »، « ئىككى شېئىر » قاتارلىق 12 پارچە شېئىرنى، « ماركىس، ئېنگىلىسلار ئەدەبىيات توغرىسىدا »، « سەنئەتكە مۇھەببەت » ناملىق ئىككى پارچە ماقالىسىنى، قۇربان باراتنىڭ « ئاسىيا ئاسمىندا چاقىنىغان يۇلتۇز » ناملىق سېلىكىنى ھەمدە مۇھەممەت ھەسەر ئىركەنىڭ « ل.مۇتەللىپكە » ناملىق شېئىرى بىلەن ئىسلام سادىقنىڭ « ل.مۇتەللىپنى ئەسلەيمەن » ناملىق ئەسلىمىسىنى باسقان. « ئۇ ئىجاد دەرياسىغا چۆمۈلگەن، ئۇ ھەربىر مىسرا تۈۋىگە كۆمۈلگەن » دېگەن سەھىپىنى ئېچىپ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەپ ل.مۇتەللىپنىڭ « تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەم ۋاراجلىنىش تارىخى » دېگەن ماقالىسىنى باسقان. يەنە ئىسلام سادىقنىڭ « ل.مۇتەللىپ ئاقسۇدىكى ھاياتىدىن ئىككى خاتىرە » ناملىق ئەسلىمىسىنىمۇ باسقان. 58. « شوغىلا » (قازاقچە) ژۇرنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 11 - سانىدا ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن دېگەن سەھىپە ئېچىلىپ، ل . مۇتەللىپنىڭ 60 يىللىقى خاتىرلەندى ۋە شائىرنىڭ « تاڭ يورۇپ ئىزلار باسقاندا »، « ھەسەن ـ ھۈسەن »، « ياشلىق ئۈگەن » قاتارلىق ئۈچ پارچە شېئىرى بېسلدى. 59. 1982 - يىل9 - ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « ل.مۇتەللىپ ھەققىدە ھېكايە » ناملىق پوۋىستى نەشر قىلىنغان. 60. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 10 - سانىدا « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى ئەسلەيمىز » دېگەن سەھىپە ئېچىلىپ قۇربان باراتنىڭ « ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز » ناملىق 7 پارچە شېئىردىن تەركىب تاپقان ئىپىك شېئىرىنى، ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ « گۈل باللاداسى » ناملىق باللاداسىنى باسقان. 61. شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982 - يىل 10 - ئايدا ئابدۇللا تالىپ يازغان « قاينام ئۆركىشى » ناملىق بىئوگىرافىك رومان 31 مىڭ تراژدا نەشر قىلىنغان. 62. « مىللەتلەر ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە)، 1982 - يىللىق 10 - ساندا « شېئرىيەتنىڭ سېغىنىشى » دېگەن ئستون ئېچىلىپ ل . مۇتەللىپ، موڭغۇل شائىرى سايىن چوكتۇ، نېمشىھىت ئۈچىنى سىزما رەسىمى، تەرجىمھالى ۋە شېئىرلىرى بىلەن تونۇشتۇردى. ل . مۇتەللىپنىڭ ئابدۇكېرىم خوجايۇف تەرجىمە قىلغان « بۇ مېنىڭ ياش گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاب » ناملىق ئۈچ پارچە شېئىرى بېسىلغان. 63. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 11 - سانىدا ژۇرنال نامىدىن « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ » ناملىق ئوبزور ماقالىسى بېسىلغان. ئاندىن « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئەسەرلىرىدىن » نامىدا شائىرنىڭ « جۇڭگو »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا »، « ھەسەن – ھۈسەن »، « يىللارغا جاۋاب »، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق » ناملىق ئەسىرى بېسىلغان. يەنە تەتقىقاتچى ئابدۇشۇكۈر تۇردىنىڭ( كىچىك ماۋزۇدا : ل . مۇتەللىپنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى توغرىسىدا ) « ئۇلۇغ غايىنىڭ بايرىقى مەڭگۈ لەپىلدەيدۇ » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 64. « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى » ژۇرنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 4 - سانىغا تەتقىقاتىچى قادىر ئەكبەر يازغان« لوتپۇللاھ مۇتەللىپ پوئېزىيەسىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 65. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 12 - سانىدا « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى ئەسلەيمىز » دېگەن مەخسۇس ئىستون ئېچىلىپ تىيەن جىيەن، جاڭ جژمىن، ليۇ شياۋۇ، ئەزىزۇپ قاسىم، جاپپار ئەمەت، ماخمۇتجان ئىسلام، قېيۇم سوپى قاتارلىقلانىڭ ل . مۇتەللىپكە بېغىشلانغان شېئىرلىرىنى باستى. يەنە تېيىپجان ئېليوفنىڭ « يىللاغا جاۋاب توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسىنى باستى. ئابدۇللا تالىپنىڭ « قاينام ئۆركىشى » ناملىق رومانىدىن 4 - بابى بولغان « سۈرگۈن » نى باستى. تىيەن چەن بىلەن جاڭ جژمىننىڭ شېئىرلىرى 1962 - يىلى 9 - ئايدا ئاقسۇدا يېزىلغان. 66. 1982 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى جۇڭگو يازغۇچىلار جەميىتى شىنجاڭ شۆبىسى ئۈرۈمچىدە ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىن خەلق تىياتىرخانىسىدا ئېچىلىدى. 200 دەك ئادەم قاتناشتى. ماقالە ئوقۇلدى. يىغىندا ئاپتونۇم رايۇننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىنۇپ ھامۇت « ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش يولىدا تىرىشايلى » دېگەن تېمىدا سۆزلەپ ل . مۇتەللىپنىڭ ئالغا بېسىش، قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق، ھاياتىنى ۋەتەن، خەلق ئىشلىرىغا بېغىشلاش روھىدىن ئۆگىنىشكە چارقىردى. 67. « شىنجاڭ گېزىتى » نىڭ 1982 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى سانىغا تېيىپچان ئېلىيۇف يازغان« ۋەتەننىڭ سادىق، مۇنەۋۋەر ئوغلى - ۋەتەنپەرۋەر شائىر ل، مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » ناملىق ماقالە بېسىلغان. 68. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) 1982 - يىللىق 12 - سانىغا لى ماۋكۈي يازغان « ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ۋەتەنپەرۋەر شائىرى - ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقنىڭ 60يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » ناملىق ماقالە بېسىلغان. 69. شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 4 - سانىغا جاپپار ئەمەتنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيتى » ناملىق ماقالىسى بېسلىغان. 70. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1983 - يىللىق 1 - سانىغا تېيپجان ئېلىيوفنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن ماقالىسى ۋە ئابدۇمىجىت قاسىمى، غۇلام ئەبەيدۇللا، ئابدۇغېنى سىيىت قاتارلىقلارنىڭ ل . مۇتەللىپكە بېغىشلانغان « يېشىل قارىغاي »، « يادىنامە »، « شائىر خاتىرىسىگە » ناملىق شېئىرلىرى بېسىلغان. 71. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1983 - يىللىق 1 - سانىنىڭ ئىچ مۇقاۋىسىغا رەسسام غازى ئەھمەت سىزغان ل . مۇتەللىپنىڭ رەسىمىنى باستى. 72. « شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1983 - يىللىق 1 - ساندا « ل.مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنى » مۇناسىۋىتى بىلەن « ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن سەھىپە ئېچىپ شۇ ۋاقىتتىكى ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىنوف ھامۇتنىڭ « ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز » نى باستى. ت.ئېلىيوفنىڭ « ۋەتەننىڭ سادىق، مۇنەۋۋەر ئوغلى » دېگەن ماقالىسىنى، ئابدۇشۈكۈر تۇردىنىڭ « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك » ناملىق ماقالىنى باستى. شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسىتلىرى شائىرنىڭ « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاب » ناملىق شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلغانلىقى، مۇھاكىمە يىغىنىدا ت. ئېلىيوف، ئا. تۇردى، ئابلەت ئۆمەر، بۇغدا ئابدۇللا، ئەخمەتبەگ كىرىشبايلارنىڭ ماقالە ئوقۇغانلىقىنى، 2000 دەك ئادەم قاتنىشىپ، « يىراقتىكى ئۇچقۇنلار » كىنوسى قويۇپ بېرىلگەنلىكى، يىغىننىڭ 1982 - يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەلق تىياتىرىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىندى. 73. 1983 - يىل 8 - ئايدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنى نەشرىگە تەييارلاش گۇرۇپپىسى تۈزگەن ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ تولۇقلاپ نەشر قىلىنغان توپلىمى« ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرى » نى نەشر قىلدى. كىتابنىڭ بىشىغا « ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ تولۇقلاپ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن » دېگەن ماقالە بېسىلدى. بۇ توپلامغا ئۇنىڭ شېئىرلىرى، نەسىر، فېلىيەتونلىرى، « كۈرەش قىزى »، « چىن مودەن » ناملىق دراممىسى، « ئەدەبىيات نەزەرىيىسى »، « سەنئەتكە مۇھەببەت »، « تىياتىرنىڭ كىلىپ چىقىش ۋە راۋاجلىنىش تارىخى » ناملىق ئۈچ پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلدى. 74. « مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » ژورنىلىنىڭ (خەنزۇچە) 1984 - يىللىق 2 - ساندا جاڭ يۆ ئىمزاسىدا « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئىنقىلابى ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىسى » دېگەن تېمىدىكى ل . مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيتى مۇھاكىمە قىلىنغان ماقالىسىى بېسىلغان. 75. شائىر ھېيتەم ھۈسەيىننىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008 - يىلى نەشر قىلغان « گۈل ئوغرىسى » ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا 1984 - يىلى يازغان « ل.مۇتەللىپ قەبرىسى ئالدىدا » ناملىق شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. 76. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1984 - يىلى نەشر قىلغان قازاق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ 7 - سىنىپ دەرسلىكى « ئەدەبىيات ئوقۇشلۇقى » 2 - بۆلۈمدە ل . مۇتەللىپنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان ۋە شائىرىنىڭ « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق » ناملىق نەسىرى كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى نەشر قىلىنغان قازاق ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ « ئەدەبىيات ئوقۇشلۇقى » دەرسلىكلىرىگە ل . مۇتەللىپنىڭ « لېنىن شۇنداق ئۈگەتكەن »، « يىللارغا جاۋاپ »، « ھەسەن ـ ھۈسەن » قاتارلىق كۆپلىگەن شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى. 77. تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « لوتۇن » ناملىق كىتابى 1984 - يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 78. « تارىم » ژورنىلىنىڭ1985 - يىللىق9 - سانىغا ئىمىن تۇرسۇن يازغان « ئوت يۈرەك شائىر » ناملىق نەسىرى بېسىلغان. 79. شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلى1986 - يىللىق يىللىق 4 - سانىغا نۇرمۇھەممەت زامانىنىڭ ل.مۇتەللىپ ئىجادىيتى تەھلىل قىلىنغان « جاپالىق يىللاردىكى جەڭگىۋار ئەدەبىيات » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 80. « شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 1986 - يىللىق 4 - سانىغا جاپپار ئەمەتنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ شېئىر ئىجادىيتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىىسى بېسلىغان. 81. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1987 - يىللىق 2 – سانىدا ئۆزبەكىستاننىڭ تاشكەندە 1976 - يىلى غەپۇر غۇلام نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت نەشرىياتى ل . مۇتەللىپنىڭ شائىر خەمىت غۇلام، روزى قادىرلار تەرجىمە قىلغان بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى « ياشلىق خۇددى چاقماق دېگەن نام بىلەن كىتابچە قىلىپ نەشر قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. 82. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1988 - يىل نەشر قىلغان ئالىي مەكتەپ دەرسلىكى، « ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى » نىڭ نۇرمۇھەممەت زامانى تۈزگەن 4 - كىتابى « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى » قىسىمىدا لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى تونۇشتۇرۇلغان. 83. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1988 - يىللىق 2 - سانىدا « ئۇيغۇر دېمكۇراتىك ئەدەبىياتى ۋەكىللىرىدىن » سەھىپىسىدە « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ » دېگەن نام بىلەن ل . مۇتەللىپنى تونۇشتۇرغان. 84. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ « قانلىق ساۋاق » ناملىق درامىسىدا ل . مۇتەللىپ ئوبرازى يارىتىلغان. بۇ دىرامما ئاپتۇرنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990 - يىل نەشر قىلغان « كۈرەش يولى » دراممىلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. 85. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1992 - يىللىق 1 - سانىغا شائىرە سەييارە سەلەينىڭ : « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىكى بەدىئي ئۇسلۇب توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 86. ۋۇ چوڭياڭ يازغان،مەركىزىي مىللەرتلەر ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1992 - يىلى نەشر قىلغان « جۇڭگو ھازىرقى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى » ناملىق كىتابتا ل . مۇتەللىپنىڭ ھاياتى، ئىجادىيتى تونۇشتۇرۇلغان. 87. 1993 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە نىلقىدا « ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 71 - يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئېچىلىدى. يىغىندا قېيۇم تۇردى، ئازاد سۇلتان، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، مەمەت شاۋۇدۇن قاتارلىقلار ماقالە ئوقۇدى. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 11 - سانىدا بۇ ھەقتىكى خەۋەر ۋە ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ يىغىندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكىمىتىنىڭ رەئىسى يولداش ماۋزېدۇڭ ئىمزا قويغان، 1956 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكىمىتى چۈشۈرگەن ل . مۇتەللىپكە ئىنقىلاۋى قۇربان دەپ شەرەپلىك نام بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى گۇۋاھنامە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى. 88. « تارىم » ژۇرنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 11 - سانىغا ئازات سۇلتاننىڭ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 71يىللىقىغا بېغىشلاپ يازغان « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇلاھىزە » ناملىق ماقالە بېسىلغان. مۇشۇ سانغا نىلقا ناھىيەلىك پارتىكوم شۇجىسى جاۋ دېجۇڭنىڭ « ل . مۇتەللىپ مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەن تەبرىك سۆز » ى بېسىلغان. 89. « مىللىي يازغۇچىلار » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 6 - ساندا « ل . مۇتەللىپ توغۇلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى خاتىرلەندى » دېگەن ژۇرنال ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، بۇ يىغىننىڭ 1993 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە ل . مۇتەللىپنىڭ يۇرتى نىلقىدا ئېچىلغانلىقى، يىغىندا ئىسمائىل ئەھمەت، تۆمۈر داۋامەتلەرنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ ئوقۇپ ئۆتۈلگەنلىكى، ئاندىن ئاپتونوم رايونلوق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى قەييۇم تۇردىنىڭ « ۋەتەنپەرۋەر شائىر، ئىنقىلابىي قۇربان ل . مۇتەللىپ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات » دېگەن تېمىدا سۆز قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى باستى. خەۋەردە يەنە يىغىندا ئاتاقلىق يازغۇچى لىيۇ شاۋۋۇ، ئاپتونوم رايونلوق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چىن بەيجۇڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتكەنلىكى، تەتقىقاتچىللاردىن ئازات سۇلتان، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم قاتارلىقلارنىڭ ماقالە ئوقۇغانلىقى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇللا تالىپ قاتارلىقلارنىڭ ل . مۇتەللىپ ھەققىدە سۆزلىگەنلىكى، يىغىندا يەنە نىلقا ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسىمۇ سۆز قىلغانلىقى، نىلقا ناھىيەلىك 2،3 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز تىللىرىدا ل . مۇتەللىپنىڭ « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاب » شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلغانلىقى، بۇ يىغىننى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيتى، شىنجاڭ كۆرگەزمىخانىسى، سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك ئەدەبىىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، نىلقا ناھيەلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغانلىقى، يىغىن مەزگىلىدە ل.مۇتەللىپنىڭ ئېنقىلابى ھاياتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن « يىراقتىكى ئۇچقۇنلار » ناملىق كىنونىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلى خەۋەر بېرىلدى. ژورنالنىڭ بۇ سانىغا يەنە جاڭ يۆنىڭ « ل . مۇتەللىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاساسى » دېگەن ماقالىسىمۇ بېسىلدى. 90. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 11 - سانىغا قېيۇم تۇردىنىڭ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 71يىللىقىغا بېغىشلانغان « ۋەتەنپەرۋەر شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 91. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 12 - سانىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى مۇقاۋىلىرىغا ل . مۇتەللىپ ھەققىدە نىلقىدا ئېچىلغان 1993 - يىلىدىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ سۈرەتلىرى بېسىلغان. 92. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993 - يىلى نەشر قىلغان مەخمۇتجان ئىسلام، ئابلىمىت ئىسمائىل تۈزگەن، « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى » ناملىق كىتابتا لوتپۇللا مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلغان. 93. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ 1994 - يىللىق 4 - سانىغا مۇھەممەت ئەيسا جامىنىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ دراما ئىجادىيتى ھەققىدە ئىزدىنىش » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 94. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 1 - سانىغا. تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « ل . مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىسى بىلەن نەشر قىلىنغان نۇسخىسىدىكى ئوخشىماسلىقلار » ناملىق ماقالىسى بېسلىغان. 95. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 2 - سانىغا شائىر ئابدۇكىرىم مەخسۇت يازغان« مۇتەللىپ ئېلىپ كەلدى نىلقىغا مېنى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان. 96. شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 2 - سانىغا ئەنەيتۇللا قۇربان يازغان « <يىللارغا جاۋاب> نىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئېستىتىك قىممىتى توغرىسدا » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 97. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 7 - سانىدا جاپپار ئەمەتنىڭ « ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى » دېگەن ماقالىسى بېسىلغان. 98. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 8 - سانىغا ئابدۇللا تالىپنىڭ « شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئىجادىيىتىنىڭ قىممىتى » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 99. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلغان ئىمىنجان ئەھمىدى تۈزگەن « ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخدىكى نامايەندىلەر » ناملىق كىتابتا ل . مۇتەللىپ تونۇشتورۇلغان. 100. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1997 - يىلى 4 - ئايدا نەشر قىلغان، ئۇچقۇنجان ئۆمەر تۈزگەن« ئاھ نۇرلۇق ئابىدىلەر » ناملىق توپلامغا ل . مۇتەللىپكە بېقىشلانغان مەرسىيەلەردىن ئەلقەم ئەختەمنىڭ 1953 - يىلى يازغان« دوستۇم مۇتەللىپ »، تۇردى سامساق 1955 - يىلى يازغان « شائىرغا »، رەخمىتۇللا جارى 1962 - يىلى يازغان« ئوت يۈرەك شائىر »، ئابدۇللا تالىپ 1980 - يىلى يازغان « جەڭگىۋار شائىر »، ھەجەر قادىر 1980 - يىلى يازغان« ئىجادىڭ ئۆمرى تەڭ مىڭ ئۆمۈرگە »، ئوسمانجان ساۋۇت 1981 - يىلى يازغان « لوتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرىسىگە »، جەمىلەم غۇجەش 1982 - يىلى يازغان « شائىر ئۆلمىدى »، ئايىمخان ئاۋامسىلىم 1983 - يىلى يازغان « ئۆچمەس يۇلتۇز »، ئابدۇساتتار ناسىرى 1983 - يىلى يازغان « ئۆچمەس يۇلتۇز »، ئابدۇكېرىم خوجايۇف 1986 - يىلى يازغان « لوتپۇللا مۇتەللىپ قەبرىسى ئالدىدا »، ئابدۇكېرىم مەخسۇت 1986 - يىلى يازغان« تۇر شائىر، ئېنىڭ كەلدى سېنى ئىزدەپ »، ئابدۇسالام توختى 1995 - يىلى يازغان « خەلق ئوغلانى لوتپۇللا »، ئابلىز ئۆمەر يازغان « ئىزىڭ ئۆچمەيدۇ » قاتارلىق مەرسىيەلەر كىرگۈزۈلگەن. 101. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1997 - يىللىق 12 - سانىغا مەمەت شاۋدۇننىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ خەلقنىڭ قەلبىدىكى شائىر » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 102. مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1998 - يىلى يازغۇچى مۆمىن مۇھەممىدى يازغان ل.مۇتەللىپنىڭ بالىلىق ھاياتىغا بېغىشلانغان « شاۋقۇن » ناملىق رومان نەشر قىلىنغان. #شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى 2001 - يىلى نەشر قىلغان، ئازاد سۇلتان، جاڭ مىڭ، نۇرمۇھەممەت زامانلار تۈزگەن« 20 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى » ناملىق كىتابتا لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى ھاياتى ئىجادىيىتى تونۇشتۇرۇلغان. #مىللەتلەر نەشرىياتى 2001 – يىلى 8 - ئايدا نەشر قىلغان مۇھەممەت ئەيسا جامى يازغان « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا » ناملىق ئىلمى كىتابتا ل . مۇتەللىپ درامىلىرى بىر باب تەھلىل قىلىنغان. #مىللەتلەر نەشرىياتى 2002 - يىلى 10- ئايدا نەشر قىلغان« جۇڭگو مىللەتلەر تىل - ئەدەبىيات تەتقىقاتى ماقالىللىرى » (خەنزۇچە) ناملىق كىتابقا خۇجىڭخۇا يازغان « ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر شائىرى ل.مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيتى » ناملىق ماقالە كىرگۈزۈلگەن. #شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2002 - يىلى نەشر قىلغان ئەركىن ئوغۇز ئابدۇرېھىم، ئابدۇللا سۇلايمان تۈزگەن « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخى » ناملىق كىتابتا ل . مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلۇپ، تەھلىل قىلىنغان. #« شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » نىڭ2003 - يىللىق 1 - سانىغا تەتقىقاتچى شەۋكەت ئېلاخۇن يازغان « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ بەدىئىي مىراسلىرىنىڭ مەنىۋى قىممىتى » ناملىق ماقالە بېسىلغان. #« شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 2003 - يىللىق 2 - سانىغا دوكتۇر مۇھەممەت ھوشۇر يازغان « ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە لوتپۇللاھ مۇتەللىپ شېئىرلىرى ئۈستىدە دەسلەپكى سېلىشتۇرما» ناملىق ماقالە بېسىلغان. #شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003 - يىل نەشر قىلغان ھاجى ئەھمەت كۆلتىگىن يازغان، « ئىككى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ رىشتىسى - ئەھمەت زىيائىي » ناملىق كىتابىدا ل . مۇتەللىپ بىلەن ئەھمەت زىيائىينىڭ دوستلىقى بايان قىلىنغان. #« شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 2004 - يىللىق 3 - سانىغا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ژانىر تۈرلەرگە قوشقان تۆھپىسى » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. #شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004 - يىلى نەشر قىلغان تەتقىقاتچى قاۋسلىقان قامىجانىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى ناملىق كىتاب ھەققىدە » ناملىق ماقالە « ئەدەبىيات تەرەققىياتى ھەققىدە ئويلار » ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. #مىللەرتلەر نەشرىياتى 2006 - يىل نەشر قىلغان ئىمىنجان ئەھمدى، مۇھەممەت تۇردى مىرزائەھمەت، ھەبىبۇللا ئابدۇسالام، شەۋكەت ئېلاخۇن، ماخمۇتجان مۇھەممەتلەر تۈزگەن، « ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى » (3 - قىسىم)دا لوتپۇللاھ مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلغان. #« شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى » ژورنىلىنىڭ 2006 - يىللىق 2- سانىغا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىىيات قارىشى ھەققىدە تەتقىقات » ناملىق ماقالە بېسىلغان. #شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ 2006 - يىلىلىق 2 - سانىغا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « 40 - يىللاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەۋائىي ئوبرازى » ناملىق ماقالە بېسىلغان. ماقالىدا ل . مۇتەللىپ ھەققىدە توختالغان. #« مەركىزىي مىللەرتلەر ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » (خەنزۇچە)نىڭ 2006 - يىللىق 4 - سانىغا ۋۇ شىياۋچىڭ، ئەكبەر قادىر بىرلىكتە يازغان « شىنجاڭ ھازىرقى زامان شائىرى مۇتەللىپ بىلەن تاڭجارىق ئەسەرلىرى ئۈستىدە تەتقىقات » ناملىق بېسىلغان. ماقالىدە لوتپۇللاھ مۇتەللىپ بىلەن قازاق شائىرى تاڭجارىق سېلىشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىنغان. #لىياۋ نىڭ نەشرىياتى 2006 - يىل نەشر قىلغان خەنزۇچە كىتاب « جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەزكىرىسى » دەل . مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلغان. #« شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 2007 - يىللىق 2 - سانىغا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى ۋە لوتپۇللاھ مۇتەللىپ» ناملىق ماقالە بېسىلغان. #ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئاتاقلىق شائىرلىرى دېگەن يۈرۈشلۈك كىتابلار قاتارىدا2008 - يىلى 7 - ئايدا ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ » ناملىق شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. #شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى نەشرىياتى 2008 - يىلى نەشر قىلغان كېرىمجان ئابدۇرېھىم باش تۈزگۈچىلىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر دەرىسلىكى« ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى » ناملىق كىتابتا ل.مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلغان. #« شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 2008 - يىللىق 3 - سانىدا كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ۋە پۇشكىن » ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدا ل. مۇتەللىپ ھەققىدىمۇ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگەن. #تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « ل.مۇتەللىپ » ناملىق كىتابى 2008 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. #شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2008 - يىلى نەشر قىلغان ئۇيغۇر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ « تىل - ئەدەبىيات » دەرسلىكى 1 - قسىمغا ل . مۇتەللىپنىڭ « تەسىراتىم » ناملىق شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. #شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2008 - يىلى 6 - ئايدا نەشر قىلغان ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ « تىل - ئەدەبىيات » دەرسلىكى 1 - قسىمغا ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « تەسىراتىم » ناملىق شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. #« ئىلى دەرياسى » ژورنىلىنىڭ 2010 - يىللىق 6 - سانىدا يۈسۈپ ئەيسا يازغان « قاينام ئۆركىشى تەخەللۇسى ھەققىدە » ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان. #تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « تەڭرىتاغ دىيارىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز » ناملىق كىتابنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1984 - يىلى نەشر قىلىندى. #تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « ل.مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى » ناملىق كىتابىنى شىجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1998 - يىلى 11 - ئايدا نەشر قىلىندى. #شىيا چىنرۇ يازغان « ل . مۇتەللىپ ھەققىدە ھېكايە » ناملىق قوش تىللىق رەسىملىك كىتابچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2010 - يىلى 12 - ئايدا نەشر قىلىغان. #« مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » ( خەنزۇچە) ژۇرنىلىنىڭ 2010 - يىللىق 4 - سانىغا چى شىياۋبىڭ يازغان « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شائىرى ل . مۇتەللىپ ۋە رۇس سوۋېت ئەدەبىياتى » ناملىق ماقالە بېسىلدى. #شىنجاڭ ئۈن - سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن 2011 - يىلى« لوتپۇللاھ مۇتەللىپ » ناملىق ئۇيغۇرچە بالىلار ئوقۇشلۇق كىتابى نەشر قىلىندى. === ل.مۇتەللىپنىڭ چەتئەلدە نەشر قىلىنغان كىتابلىرى === #قادىر ھەسەنوفنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1951 - يىلى ئالمۇتادا « قازاق ئىلى» نەشرىياتى تەرىپىدىن ل.مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاب » ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان. #قازاقىستان دۆلەت ئوقۇش پېداگوكىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن 1957 - يىلى نەشر قىلىنغان ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 9 - ،10 - سىنىپلىرى ئۈچۈن دەرسلىك « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى » ناملىق كىتابقا ل . مۇتەللىپنىڭ تەرجىمھالى ۋە شېئىرلىرى ئۈستىدىكى تەھلىل كىرگۈزۈلگەن. #مۇرات ھەمرايوفنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1975 - يىلى ئالمۇتادا « يازغۇچى » نەشرىياتى تەرىپىدىن ل.مۇتەللىپنىڭ تاللانما ئەسەرلىرىدىن تۈزۈلگەن « لوتپۇللا مۇتەللپ » ناملىق كىتاب تۈزۈلگەن. #ئا.كورىنوۋ بىلەن مۇرات ھەمرايوفنىڭ روس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1976 - يىلى موسكوۋادا « ھەقىقەت » نەشرىياتى تەرىپىدىن ل.مۇتەللىپنىڭ « ياشلىق خۇددى چاقماق» ناملىق توپلىمى روس تىلىدا نەشر قىلىنغان. #خەمىت غۇلام بىلەن روزى قادىرلارنىڭ روسچىدىن تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن1976 - يىلى ئۆزبەگىستاننىڭ تاشكەنت شەھرىدە غاپۇر غۇلام نامىدىكى نەشرىيات تەرىپىدىن ئىبراھم غەپۇرۇپ مۇھەرىرلىكىدە « ياشلىق خۇددى چاقماق » ناملىق كىتابنىڭ ئۆزبەكچە تەرجىمىسى نەشر قىلىنغان. #ياش گىۋاردىيە نەشرىياتىنىڭ نەشرگە تەييارلىشى ھەم نەشر قىلىشى بىلەن 1982 - يىلى ئۆزبەكىستاننىڭ تاشكەنت شەھرىدە ل.مۇتەللىپنىڭ « [[ماي ناخشىسى]] » ناملىق توپلىمى روس تىلىدا نەشر قىلىنغان. #ئۆزبېكىسىتاننىڭ پايتەختى تاشكەنىت شەھىرىدە1982 - يىلى ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. #مۇرات ھەمرايوفنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1983 - يىلى ئۆزبەكىستاننىڭ تاشكەنت شەھرىدە ل.مۇتەللىپنىڭ « [[يىللارغا جاۋاب]] » ناملىق توپلىمى ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلىنغان. ==پايدىلانغان مەنبەلەر== *[[category: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شائىرلىرى]] *[[category:ئۇيغۇر شائىرلىرى]] [[تۈر:1922 - يىلى تۇغۇلغان كىشىلەر]] [[تۈر:1945 - يىلى ۋاپات بولغان كىشىلەر]] ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر «مەن بىلىدىغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ» «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» 2006–يىللىق ئۇيغۇرچە 1–سان [[تۈر:ئۇيغۇرلار]] kak4dkgdtlo5yo8usgcthuu8p7h7xn9 ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى:Velimir Ivanovic 3 21228 154624 2022-08-11T06:41:48Z Liuxinyu970226 5188 قۇرۇلغان بەت '<div lang="en" dir="ltr" class="mw-content-ltr"> == Global ban proposal notification == Apologies for writing in English. {{int:Please-translate}} There is an on-going discussion about a proposal that you be globally banned from editing all Wikimedia projects. You are invited to participate at [[:m:Requests for comment/Global ban for Velimir Ivanovic|Requests for comment/Global ban for Velimir Ivanovic]] on Meta-Wiki. {{int:Feedback-thanks-title}} ~~~~' wikitext text/x-wiki <div lang="en" dir="ltr" class="mw-content-ltr"> == Global ban proposal notification == Apologies for writing in English. {{int:Please-translate}} There is an on-going discussion about a proposal that you be globally banned from editing all Wikimedia projects. You are invited to participate at [[:m:Requests for comment/Global ban for Velimir Ivanovic|Requests for comment/Global ban for Velimir Ivanovic]] on Meta-Wiki. {{int:Feedback-thanks-title}} [[ئىشلەتكۈچى:Liuxinyu970226|Liuxinyu970226]] ([[ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى:Liuxinyu970226|سۆزلىشىش]]) 06:41, 11 ئاۋغۇست 2022 (UTC) plj3h34g3rt7qs2pvllq75siz6pqo5y ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى 0 21229 154625 2022-08-11T07:49:10Z Erilliq 19871 created item wikitext text/x-wiki '''ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى''' (''ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتالغان'')، تەخمىنەن 1945-يىلى 4-ئايدا داڭلىق شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار يېتەكچىلىكىدە ئاقسۇدا قۇرۇلغان مۇستەملىكىگە قارشى مەخپىي تەشكىلات. '''تەشكىلات تۈزۈلمىسى:''' لۇتپۇللا مۇتەللىپ __ تەشكىلات رەئىسى مۇنىرىدىن خۇجا __ كاتىپ ،مۇئاۋىن رەئىس ھېكىم نۇرى __ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى   ئوسمان مۇھەممەد -تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ كاتىپى ئابدۇللا داۋۇتوف __ تارىخ تەتقىقات بۆلۈمى باشلىقى ئابباسوف يۈسۈپجان __ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى '''تەشكىلات مەقسىتى:''' تەشكىلات مەقسىتى غۇلجىدا پارتىلىغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ماسلىشىپ، دېھقانلارنى قوراللىق قوزغىلاڭغا قوزغاشتىن ئىبارەت . «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى »مىللى ئارمىيە ئاقسۇغا يېقىنلاشقان ھامان قوراللىق قوزغىلاڭ كۈتۈرۈپ ئاقسۇنى ئازات قىلىش پىلانىنى تۈزدى . بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللار ئاقسۇ گومىنداڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئارخىپىدا مۇنداق خاتىرلەنگەن . «لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەشكىلارتى تەشۋىقات ئىشلىرىنى يېزا -سەھرالاردا مەخپى يۈرگۈزۈپ ياشلارنى ،گومىنداڭ ھاكىميىتىگە قارشى كىشىلەرنى قوزغاپ ئىقتىساد توپلاپ ،ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇپ ،قوراللىنىپ مىللى ئارمىيە ئاقسۇ تەۋەسىگە كىلىش بىلەنلا قوراللىق ھەركەت باشلاپ ئاقسۇنى قولغا كەلتۈرۈپ مىللىي ئارمىيەگە قوشۇلماقچىكەن».   لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ غۇلجىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئەۋەتكەن خېتىدا «بىز جۈمە نامىزىغا تاھارەت ئېلىپ قويدۇق ، جۈمە نامىزىنى سىلەر بىلەن بىللە ئوقۇماقچىمىز »دەپ تەشكىلات مەقسىتى ۋە ھەركەتلىرىنى ئىپادىلىگەن. '''تەشكىلات تارىخىي:''' مۇنىرىدىن خوجا تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولغان، بۇ ۋاقىتتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە بولغانلىقتىن سىرتتىن ياردەم قىلغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ 5-پولكتىكى ئودىلكوم (ئوتدىلىنىيە كومانىدىرى، بەنجاڭ) ئوسمانجان (ۋۇجەنگوڭ) قاتارلىق بەزى ئىلغار پىكىرلىك ياشلارنى تەشكىلاتقا تارتقان. ئوسمانجان لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۆز-ئارا دوستلاشقان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇنىڭغا ئۆزلىرى قۇرغان گومىنداڭ باشچىلىقىدىكى جوڭگۇ ھاكىميىتىگە قارشى تەشكىلاتقا قاتنىشىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئىلتىماس يېزىپ ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئارمىيە ئىچىدە ئەزا كۆپەيتىشكە ياردەملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كېيىن ئۇ پولكنىڭ ئات دوختۇرى مۇسا ئەلىنى تونۇشتۇرغان. مۇسا ئەلى (قازاق) تەشكىلاتقا كىرىپ ئۇزۇن بولماي قولغا ئېلىنىپ ئۈلتۈرۈلگەن. شۇ يىلى 7-ئايدا ئوسمانجان ئۆز ئوتدىلىنىيەسى بىلەن مۇزداۋاندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ يەنە خاچېڭ (ئودىلكوم) ئوتدىلىنىيەسى قاتارلىق ئالتە ئوتدىلىنىيە مۇزداۋاندا تۇراتتى، ئوسمانجان خاچېڭغا كۆپچىلىك بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىپ، سىزنىڭ بىر ئوتدىلىنىيە، مېنىڭ بىر ئوتدىلىنىيە كىشىلىرىم بار، بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتۈرەيلى، دەيدۇ، لېكىن خاچېڭ رەت قىلىدۇ. مىللىي ئارمىيە مۇز داۋانغا يېقىنلاشقاندا، ئۇلار ئاقسۇغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ئوسمانجان يەنە خاچېڭغا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ رەت قىلغان. ئۇلار يەنە مۇز داۋانغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ يولدا كېتىۋېتىپ، ئوسمانجان بىر ئەسكەرنى مىللىي ئارمىيە بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئەۋەتكەن، بۇ ئەسكەرنىڭ ئىسمى ئابدۇللا بولۇپ باي ناھىيەسىدە قارىبەگ دېگەن باۋجاڭ تۇتۇۋېلىپ گومىنداڭ ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ باشلىقى جاۋ خەنچىڭ ئۇنى سوراق قىلغاندا، ئۇ قورقماستىن «ئىلى تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇلارنى باشلاپ كېلىپ كاللاڭنى ئالغىلى ماڭغان، ھازىر سەن مېنى تۇتۇۋالدىڭ، قانداق قىلساڭ شۇنداق قىل» دېگەن.  بۇ ۋەقەلەر 1945-يىلى 8-ئايدا بولغان. 8-ئاينىڭ ئاخىرى مىللىي ئارمىيە مۇز داۋانغا كەلگەندە ئوسمانجان ئوتدىلىنىيەسىنى باشلاپ مىللىي ئارمىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن . ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتىدا شۇ چاغدىكى ئىلغار كىشىلەر بولۇپ، بەزى مۇھىم شەخسىلەر يۈسۈپجان، تەۋەككۈل، يۈسۈپجان ئابدۇكېرىم، ئارىپوف قاتارلىقلار مىسال بولۇشى مۇمكىن. يۈسۈپجان باي ناھىيە ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئۇيۇشمىدىكى ھامۇت ئەزىزنى، ھامۇت ئەزىز  ھاكىم ھېكىم نۇرنى قوبۇل قىلغان. ھامۇت ئەزىز ئۇيغۇر ئويۇشمىسىغا باشلىق ۋاقتىدا  ھاكىم ھېكىم نۇر ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن ئىدى. ھاكىم بۇ ئىشلارنى ئۇققاندىن كېيىن ساقچى 2-بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خا يىۋېنغا مەلۇمات يوللىغان. «مەن ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىندىم، مەن سىلەرنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيمەن، مەن ھاكىم بولغاندىن كېيىن ھېچقانداق نەتىجە ياراتمىدىم، ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن ماتېرىيال توپلاپ سەمىمىيىتىمنى بىلدۈرسەم»، دەپ دوكلات يازغان. كېيىن بۆلۈم باشلىقى خا يىۋېن ئۇيغۇرچە بىر پارچە خەت يېزىپ، ياسىن ئەزىزدىن ئەۋەتىپ بەرگەن. خەتتە «سىز ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا كىرسىڭىز بولىدۇ، دائىم بىزگە ماتېرىيال يوللاپ تۇرۇڭ، قانچىلىك پۇل لازىم بولسا بېرىمىز»، دېيىلگەن ئىدى. ياسىن ئەزىز خەتنى ھاكىمنىڭ ئۆيىگە ئەلىپ بارغاندا، ھاكىم ئابدۇللا داۋۇت، مامۇت ئەزىز، يۈسۈپجان قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ شاراب ئىچىۋاتقان ئىكەن. ياسىن ئەزىز ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، يۈسۈپجان يالغاندىن مەست بولۇۋېلىپ كارىۋاتتا ياتقان ئىكەن. ياسىن ئەزىز ھاكىم قۇيۇپ بەرگەن بىر رومكا ھاراقنى ئىچىپ بولۇپ، يېنىپ ئىشىك ئالدىغا چىققاندا ھاكىممۇ چىقىپ ساقچى ئىدارىسىىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇ خەتنى كۆرۈپ بولۇپ ياسىن ئەزىزگە «ماڭا پۇل لازىم ئەمەس، مەندە پۇل بار، پەقەت خىزمەت قىلدىم، ئازراق كۈچ چىقاردىم، بۇندىن كېيىن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرايلى، بۇندىن كېيىن سىز بىر ئادەملا كېلىڭ، باشقىلار كەلمىسۇن، بولمىسا باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويىمىز»، دېگەن. شۇندىن كېيىن  ھېكىم نۇر دائىم ماتېرىيال يوللاپ تۇرغان، ئۇ يوللىغان مەلۇماتلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق  1) تەشكىلات قۇرۇش توغرىلىق مۇزاكىرەنىڭ مەزمۇنى . 2) تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلىدىغان ۋاقتى ۋە ئورنى (قىزىل كۆۋرۈكنىڭ سىرتىدىكى ئورمانلىق 3) تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئەھۋالى، تەشكىلاتنىڭ نامى ۋە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى، جۈملىدىن تەشكىلاتنىڭ «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئىكەنلىكى، مۇنىرىدىن خوجىنىڭ سېكىرىتار، ئابباسوف يۈسۈپجاننىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى، كەسىف ئىۋان (رۇس) نىڭ كاتىب،  ئۆزىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى، ئوسمان مۇھەممەد تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ كاتىپى، ئابدۇللا داۋۇتنىڭ تارىخ تەتقىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكى، بۇ تەشكىلاتقا سىياسىي جەھەتتىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقى، يەنە ئابدۇللا روزىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان . 4) يەنە مۇشۇ تەشكىلاتتىكى 5–پولكنىڭ ئات دوختۇرى مۇسا ئەلىنىڭ ئەھۋالى . 5) تەشكىلاتنىڭ مۇددىئاسى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزا كۆپەيتمەكچى بولغانلىقى، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئىلى ئىنقىلابىغا ياردەم قىلىپ، ئاقسۇنى ئازاد قىلىش قاتارلىق سىياسىي ئەھۋاللار . 6) 15 كۈن ئۆتكەندە ساقچى ئىدارىسىگە مەلۇمات يوللاپ، ئۇلارنىڭ گۇمانلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى سەۋەب قىلىپ، 11 ~ 12 ياشلاردىكى سىڭلىسى پاتەمنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ماتېرىيال يوللىغان. كېيىن بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقى، 1-قېتىم يىغىن ئاچقانلىقى، تەشكىلاتنىڭ پىلانى، يىغىندا بۆلۈم باشلىقلىرىدىن باشقا مال دوختۇرخانىسىنىڭ ئادىمى ئەلى ئاخۇن، يۈسۈپ قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلغان. ھاكىم ئۇچتۇرپانغا بېرىپ ئابدۇكېرىم ئايۇپوف، تەۋەككۈل يۈسۈپ قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلغان، قادىر ئېلى (ئەرمىيا ئېلىنىڭ ئىنىسى) نى تېپىپ خىزمەت پىلانىغا ئىمزا قويدۇرغان . «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» نىڭ باشتىكى ئەزالىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا، (سېيىت) ئابباسوف، يۈسۈپجان، ئابدۇللا داۋۇت، ھۈسەيىنوف، ئوسمانجان مۇھەممەت، ئەلى ئاخۇن (مال دوختۇرى)، مۇسا ئەلى (مال دوختۇرى)، ئابدۇللا روزى، تەۋەككۈل يۈسۈپوف، ئابدۇكېرىم ئايۇپوف، ئىۋان، قادىر ئەلى، ئىبراھىم ئىدرىس، ئابدۇرەھىم مۇھەممەت، بىلال ئەزىزى، جالالىددىن ئاخۇن، مەۋلانجان تۇردى، رەھمەت يۈسۈپ، ئوسمان قاسىم، ئوسمان يۈسۈپ . '''ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىدىكى ئەزالارنىڭ قولغا ئېلىنىشى'''   ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ بىر يېرىم ئاي بولغاندا 5-پولكنىڭ مال دوختۇرى مۇسا ئەلى قولغا ئېلىنغان. 7-ئايدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ قولغا ئېلىنغان. 3-قېتىمدا ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بىلال ئەزىزى ساقچى ئىدارىسىدە بىر قانچە كۈن نازارەت قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي قولغا ئېلىنغان. بىلال ئەزىزىنىڭ قولغا ئېلىنغاندىكى ئەھۋال مۇنداق: ئەينى ۋاقىتتىكى ئاقسۇ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ  خادىمى ئۆمەر بىلال ئەزىزگە «ئىككىمىز ئىلگىرى ساۋاقداش ئىدۇق، شۇڭا بۇرۇندىنلا تونۇشىمىز، ئىلگىرى ھەممىمىز ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىدۇق، ھازىر نۇرغۇنلىغان يولداشلىرىمىز قولغا ئەلىندى. بىز دائىم لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن ئىنقىلاب مەسىلىلىرىنى سۆزلىشەتتۇق، ھازىر ئۇ قولغا ئېلىندى، سەنمۇ ئويغۇنىشىڭ كېرەك، بۇ ژۇرناللارنى كۆپرەك كۆر»، دەپ 4-5 پارچە «شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلىنى بەرگەن، ئۇندىن كېيىن ئۇنىڭغا ژۇرناللارنى ساقچى ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىر پارچە ماتېرىيال يېزىپ ئىلگىرى خاتا قىلغانلىقىنى ئېيتسا، ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇنى قولغا ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىلال ئەزىزى ماتېرىيال يېزىپ ژۇرناللار بىلەن بىرگە ئاقسۇ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە تاپشۇرغاندىن كېيىن ئۇنى ئاقسۇ ساقچى ۋىلايەتلىك ئىدارىسىگە يۆتكەپ ئاپىرىپ نازارەت قىلىپ ئون نەچچە كۈندىن كېيىن قولغا ئالغان . 8-ئايدىكى بىر يەكشەنبە كۈنى ھېكىم نۇر ساقچى ئىدارەسىگە كېلىپ ئۇلارنى تۇتىدىغان ۋاقىتنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتقان، شۇندىن كېيىن ساقچى ئىدارەسىنىڭ باشلىقى كوناشەھەر ناھىيەسىگە چىقىپ ئىنقىلابىي ياشلارنى تۇتۇشقا بۇيرۇق قىلغان. ھېكىم نۇر نۇرغۇن ئادەمنى ئاشكارىلىغان. ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇئاۋىنىنى ئەۋەتىپ ياردەملەشتۈرگەن. ھېكىم نۇر ئۇلارغا «سىلەر ماڭغاندا مەندىن يىراقراق يۈرۈڭلەر، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مۇنىرىدىن خوجا ساتىراشخانىدا چاچ ياسىتىۋېتىپتۇ، ئاۋۋال ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆرۈپ باقايلى، ئەگەر ئۆيىدە بولمىسا قاۋاس ساتىراشخانىسىغا بېرىپ قاراپ باقايلى، سىلەر ئاۋۋال بېرىپ ساتىراشخانىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇڭلار، مەن كىرىپ كەتكەندىن كېيىن سىلەر ئەگىشىپ كىرىڭلار، ئاۋۋال ئۇنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ خىزمەت پىلانىنى قولغا چۈشۈرۈڭلار، شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام»، دېگەن. يۇقىرىقى گەپلەرنى ئېيتىپ بولۇپ ھېكىم نۇر ئاۋۋال مۇنىرىدىن خوجىنىڭ ئۆيىگە، ئۇندىن كېيىن قاۋاس ساتىراشخانىسىغا بارغان. ساتىراشخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن قول ئاستىدىكىلەرگە «مەن ئۇنى چىققىلى قويماي تۇتۇپ تۇرىمەن، سىلەر مۇنىرىدىن خوجىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاختۇرۇڭلار، ئەگەر خىزمەت پىلانىنى تاپالىساڭلار دەرھال ئېلىۋېلىڭلار، ئۇندىن كېيىن ئامال قىلىپ ئۇنى تۇتىمىز». ھېكىم نۇر يۇقىرىقى ئىشلارنى تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن ساتىراشخانىغا كىرىپ كەتكەن. ساقچى ئىدارىسىدىكى زۇنۇن (زومېڭ)، ياسىن، نىيازۇف، ھىمىتلار مۇنىرىدىن خوجىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئالدىن تەييارلىۋالغان ئاچقۇچى بىلەن ئۇنىڭ قۇلۇپىنى ئاچماقچى بولغان، لېكىن ئېچىلمىغانلىقتىن كالتەك تېپىپ كېلىپ قايرىپ ئاچقان. ئۇلار مۇنىرىدىن خوجىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ خىزمەت پىلانىنى تېپىپ چىقىپ تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن زۇنۇنغا بەرگەن. ئۇلار يەنە بېرىپ مۇنىرىدىن خوجىنى قولغا ئالغان ۋە ئىككى كۈن ئۆتكەندە ئۇنى سوراق قىلغان. سوراقتا «سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭنى بىلدۇق، سىلەرنىڭ تەشكىلاتىڭلارنىڭ خىزمەت پىلانىغىمۇ ئېرىشتۇق، تەشكىلاتىڭلارنىڭ ئەھۋالى يېزىپ چىق»، دەپ ئۇنىڭغا بىر ۋاراق قەغەز بەرگەن. مۇنىرىدىن خوجا ھېچنەرسىنى يوشۇرۇپ قالماستىن يېزىپ چىققان، شۇندىن كېيىن ئۇ قاماققا ئېلىنغان. مۇنىرىدىن خوجا قاماققا ئېلىنغاندىن كېيىن ساقچى ئىدارىسى قالغان ياشلارنى قولغا ئەلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئادەم تۇتۇشقا بارغانلار − ياسىن ئەزىز، شىن باۋشەن، مىجىت، لىن يۈشەن، ياڭ شۈنخەيلەر دەرھال  قوراللىنىپ بېرىپ ئۇلارنى تۇتقان. ياسىن ۋە شىن باۋشەنلەر يۈسۈپجان، ئابدۇللا داۋۇت، ئوسمان مۇھەممەد، ئېلاخۇن دوختۇر، ئابدۇللا روزى قاتارلىقلارنى تۇتقان. يەنە بىر توپ كوناشەھەر ناھىيەسىگە ئەۋەتىلىپ ئابدۇللا ئارىپۇف، تەۋەككۈل يۈسۈپۇف، ئىبراھىم ئىدرىس، ئابدۇرەھىم ئەھمەد قاتارلىق كىشىلەرنى تۇتۇپ قارا ماشىنا بىلەن ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىپ قامىغان. ھېكىم نۇر ئەينى چاغدا ساقچى باشلىقىغا «مېنىمۇ قاماڭلار، بولمىسا ئۇلار مەندىن گۇمانلىنىدۇ ۋە سالاھىيىتىم ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، جاسۇس دېگەن قالپاقنى كەيگۈم يوق»، دېگەن. شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ تۈرمىگە ئېلىپ كىرىلىپ ياسىداق ئۆيگە قامىغان ۋە خوتۇنىنىمۇ ئېلىپ كىرگەن، سىرتتا بولسا ئۇنىمۇ قولغا ئاپتۇ دېگەن گەپ تارقالغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ ناھايىتى ياخشى شارائىتتىن بەھرىمەن بولغان ھەمدە يىگىرمە مىڭ سوم مۇكاپات ئالغان. 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى مىللىي ئارمىيە ئاقسۇدىن چېكىنگەندىن كېيىن «تۈرمىدىن چىققان»، ئۇنىڭغا كەنجى لېيتېنانت (شاۋۋېي) ئۇنۋانى بېرىلىپ ساقچى ئىدارىسى 2-بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان . «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنى بەلگە قىلغان ھالدا ئىنقىلابىي ياشلار بىر قانچە تۈركۈمگە بۆلۈپ قولغا ئېلىنغان. ئەڭ ئالدى بىلەن مۇسا ئەلى، 2-قېتىمدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ، 3-قېتىمدا بىلال ئەزىزى، 4-قېتىمدا مۇنىردىن خوجا، 5-قېتىمدا باشقا ئەزالار قولغا ئېلىنغان. «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىنىشىدا، مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى بولۇۋالغان ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ قورچاق ھاكىمى ھېكىم نۇر ئالاھىدە «چوڭ خىزمەتلەرنى» ئىشلىگەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تەشكىلاتنىڭ بارلىق ماتېرىياللىرىنى تەمىنلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى قولغا ئالىدىغان پەيتنىمۇ بېكىتىپ مەلۇم قىلغان. 1945-يىلى ئىيۇلنىڭ باشلىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوف،قاسىمجان قەمبىرى، داموللا رازىيوف قاتارلىقلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، سوپاخۇن ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۈپىتىدە ئاقسۇ رايۇنىغا ئاتلانغان. بۇ قوشۇن1945-يىلى 8-ئاۋغۇست باي ناھىيەسىگە يېقىن قېيىر دېگەن جايدا پەيدا بولۇپ بۇ جاينى مۇداپىئە قىلىۋاتقان بىر لىيەن جوڭگۇ ئارمىيىسىنى يوقاتقان. 14-چىسلا باي ناھىيەسىگە يىتىپ كېلىپ تۆت سائەتتىن ئوشۇق جەڭ قىلىپ باي ناھىيەسىنى ئالغان. ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىغا ئىشپىيۇنلۇققا ئەۋەتىلگەن ھېكىم نۇر «مەن سىلەرگە پاش قىلىپ بېرىۋاتقان بۇ ماتېرىياللارنى ئۆزۈم ئاپىرىپ بەرسەم، ئەتراپتىكىلەرنىڭ گۇمانى تۇغۇلۇشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا سىڭلىم ئارقىلىق ئەۋەتىۋاتىمەن (سىڭلىسى 12 ياشتا ئىدى)، ئۇلار يېقىن ئارىدا ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن بىرلىكتە خەلقنى قوزغاپ، باي، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەرنى ئالماقچى ، شۇڭا تېز ھەرىكەت قىلىپ، ل.مۇتەللىپ باشلىق «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنى قولغا ئالماي بولمايدۇ.»دەپ ئۇچۇر يوللىغان. بۇ ۋاقىتتا جەڭگە تەييارلىنىۋاتقان « ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ ئەزالىرى ئارقىمۇ -ئارقا قولغا ئېلىنغان. ساقچى ئورۇنلىرى ئۆمەر سامى بىلەن ھېكىم نۇرنىڭ يازغان ماتېرىياللىرىغا ئاساسلىنىپ، 1945-يىلى، ئاۋغۇست ئېيىدا، «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنى قولغا ئېلىشقا باشلايدۇ. ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن غوجا، يۈسۈپجان ئابدۇللا، داۋۇت ھۆسەنوۋ، ئوسمانجان مۇھەممەت، ئېلاخۇن، مۇسا ئېلى، ئابدۇللا روزى، تەۋەككۈل يۇسۇپوۋ، ئابدۇكېرىم ئايۇپوۋ، ۋاسىلىي، ئىۋان (بۇلارنىڭ فامىلىسى ئېنىقلانمىدى)، قادىر ئېلى، ئىبراھىم ئىدرىس، ئابدۇرېھىم مۇھەممەت، بىلال ئەزىزى، جالالىدىن ئاخۇن، مەۋلانجان، رەھمەت يۈسۈپ، ئوسمان قاسىم، ئوسمان يۈسۈپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ھېكىم نۇر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا كېلىپ «مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ماتېرىيال بەرگىنىم ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، خەلقنىڭ ئالدىدا «ئىشپىيون» دېگەن ئاتاققا قېلىشنى خالىمايمەن، شۇڭلاشقا مېنىمۇ قوشۇپ قاماققا ئېلىڭلار، ئۇلار مېنىڭدىن گۇمانلىنىپ قالمىسۇن» دەيدۇ. ئۆزىنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇنىمۇ قولغا ئالغان بولۇپ، تۈرمىگە سولاپ قويىدۇ، بىراق بۇ سولانغان ئۆي گىلەم ۋە باشقا زىننەتلىك جابدۇقلار بىلەن بېزەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ئاقسۇدا ۋەزىيەت بىر ئاز قېلىپلاشقاندىن كېيىن، ئۇ تۈرمىدىن بوشىتىلىپ، ساقچى ئىدارىسىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. 12-سېنتەبىر كۈنى گۇگۇم چۈشكەندە، ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ شاۋبىڭ بۆلۈم باشلىقلىرىنى يىغىپ، «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىدىكى بەش كىشىگە ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋىتى بار دەپ ئېيتىلغان ئابلا داۋۇت، ئابدۇللا روزى، ئەخمەت يۈسۈپ، ئوسمان مۇھەممەت، ئارىپوۋ، تەۋەككۈل ئۇلۇغوۋ، ئىبراھىم ئىدرىسوۋ، مەۋلانجان، ھاپىز داموللام، مۇسا ئېلى قاتارلىق كىشىلەرگە سىياسىي باشقارمىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىش بۇيرۇقى كەلگەنلىكىنى جاكارلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈرمە جاللاتلىرى ئىشقا كىرىشىپ، ئەڭ ئالدى بىلەن، يۈسۈپجاننىڭ ئىسمى ئوقۇلۇپ، گۇندىپايلار ئۇنى سىرتقا سۆرەپ چىقىدۇ. ساقچى باشلىقى ۋۇ شاۋبىڭ يۈسۈپجاننىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ھازىر ساڭا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ» دەيدۇ. ئاندىن ساقچى باشلىقى يۈسۈپجاننىڭ ئاغزىغا پاختا تىقىپ كەپلەپ قويۇشنى بۇيرۇيدۇ، بىراق يۈسۈپجان قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، گۇندىپايلار يۈسۈپجاننى ئۇرۇپ ھوشسىزلاندۇرۇپ، ئاغزىغا پاختا تىقىپ، كەپلەپ قويىدۇ. ئاندىن ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان ئۆرەكنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، قىلىچ بىلەن چاپىدۇ، ئەتراپقا قىپ-قىزىل قان چاچراپ، ئۇنىڭ تېنى پارچىلىنىپ ئۆرەككە تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارمۇ شۇ تەرىقىدە چېپىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ دەل شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئىدى. 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى يېرىم كىچىدە لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خۇجا ،بىلال ئەزىزى ،ئابدۇللا روزى ، مەۋلانجان تۇردى ،تۇردى ئاخۇن ، ئابدۇللا داۋۇتوف، يۈسۈپجان ،ھامىت ئەزىز ،ئىلاخۇنۇم ، ئارىپوف، ھۈسەيىن ،قادىر ئېلى قاتارلىق «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ 21نەپەر ئەزاسى شۇنداقلا خىتتاي مۇستەملىكە ھاكىمىيىتى گۇمانلانغان 13 كىشى بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلگەن . ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىلال ئەزىزى يالقۇنلۇق نۇتۇق سۆزلىگەن ھەم ساقچىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن .بۇ ئىككەيلەن ئېتىلغاندىن كېيىن باشقىلارمۇ ئېتىلغان ھەم بۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئازگالغا تاشلاپ ئوت قويىۋەتكەندىن كېيىن بۇ يەرنىڭ ئۈستىگە چوشقا قوتىنى ھەم ھاجەتخانىلارنى ياسىغان .   ئەينى چاغدىكى قانلىق پاجىئە ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ ۋە ئىنىق مەلۇمات بەرگەن«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى ».تەرىپىدىن چىقىرىلغان«كۈرەش »ژورنىلىنىڭ 1946-يىلدىكى 6-7-قوشما سانىدا مۇنداق يېزىلغان :«ئۆلتۈرۈش شۇ تەرەقىدە مۇدەھىش بولغانكى ،ئاساسلىق ھۆججەتلەرگە قارىغاندا بىر خوتۇننىڭ قارنى يېرىلغان ،12كىشى چېپىلغان ۋە جادۇدا توغرالغان ، 23كىشى ئېتىلغان ، شۇ قاتاردا ياش شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپمۇ ئۆلتۈرۈلگەن .ئاخىرىدا ياش شائىرىمىز بىلەن بىر قاتاردا تورىدىغان بىلال ئەزىزىمۇ ئېتىلغان ................. ۋەھشىلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن 36نەپەر ئىنقىلابچىمىزۋە شەھىتلىرىمىزنىڭ پاك جەسەتلىرى ئاقسۇ يېڭى شەھەر سىپىلىنىڭ غەربى بۈلىكىدە ئىتىبارسىزلارچە تۇپراق ئاستىغا يوشۇرۇلدى .ئەمما بۈگۈنكى ئىنقىلابى خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر دىلىدا ئۇلارنىڭ ئىنقىلابى روھى ئەبەدى تىرىك »دەپ يېزىلغان. <references /> '''مەنبەلەر''' : ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى (3)» مىللەتلەر نەشرىياتى 2006-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 414-بەت . تۇرسۇن ئەرشىدىن «لۇتپۇللا مۇتەللىپ» شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت – فوتو سۈرەت نەشرىياتى 1995-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1-بەت . باي ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش «باي تارىخ ماتېرىياللىرى (1)» 1995-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 312-بەت .' "ئىلى دەرياسى" ژۇرنىلى 2012-يىللىق 2-سان ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر «مەن بىلىدىغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ» «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» 2006–يىللىق ئۇيغۇرچە 1–سان شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش-تەھرىرلەش كومىتېتى تۈزگەن «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» مىللەتلەر نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 140-بەت . rl577l2uu0e9h7sxe8e25hqeqkhgpfr 154628 154625 2022-08-11T08:45:02Z Erilliq 19871 wikitext text/x-wiki '''ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى''' (''ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتالغان'')، تەخمىنەن 1945-يىلى 4-ئايدا داڭلىق شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار يېتەكچىلىكىدە ئاقسۇدا قۇرۇلغان مۇستەملىكىگە قارشى مەخپىي تەشكىلات. == '''تەشكىلات تۈزۈلمىسى:''' == لۇتپۇللا مۇتەللىپ __ تەشكىلات رەئىسى مۇنىرىدىن خۇجا __ كاتىپ ،مۇئاۋىن رەئىس ھېكىم نۇرى __ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى   ئوسمان مۇھەممەد -تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ كاتىپى ئابدۇللا داۋۇتوف __ تارىخ تەتقىقات بۆلۈمى باشلىقى ئابباسوف يۈسۈپجان __ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى == '''تەشكىلات مەقسىتى:''' == تەشكىلات مەقسىتى غۇلجىدا پارتىلىغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ماسلىشىپ، دېھقانلارنى قوراللىق قوزغىلاڭغا قوزغاشتىن ئىبارەت . «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى »مىللى ئارمىيە ئاقسۇغا يېقىنلاشقان ھامان قوراللىق قوزغىلاڭ كۈتۈرۈپ ئاقسۇنى ئازات قىلىش پىلانىنى تۈزدى . بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللار ئاقسۇ گومىنداڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئارخىپىدا مۇنداق خاتىرلەنگەن . «لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەشكىلارتى تەشۋىقات ئىشلىرىنى يېزا -سەھرالاردا مەخپى يۈرگۈزۈپ ياشلارنى ،گومىنداڭ ھاكىميىتىگە قارشى كىشىلەرنى قوزغاپ ئىقتىساد توپلاپ ،ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇپ ،قوراللىنىپ مىللى ئارمىيە ئاقسۇ تەۋەسىگە كىلىش بىلەنلا قوراللىق ھەركەت باشلاپ ئاقسۇنى قولغا كەلتۈرۈپ مىللىي ئارمىيەگە قوشۇلماقچىكەن».   لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ غۇلجىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئەۋەتكەن خېتىدا «بىز جۈمە نامىزىغا تاھارەت ئېلىپ قويدۇق ، جۈمە نامىزىنى سىلەر بىلەن بىللە ئوقۇماقچىمىز »دەپ تەشكىلات مەقسىتى ۋە ھەركەتلىرىنى ئىپادىلىگەن. == '''تەشكىلات تارىخىي:''' == مۇنىرىدىن خوجا تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولغان، بۇ ۋاقىتتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە بولغانلىقتىن سىرتتىن ياردەم قىلغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ 5-پولكتىكى ئودىلكوم (ئوتدىلىنىيە كومانىدىرى، بەنجاڭ) ئوسمانجان (ۋۇجەنگوڭ) قاتارلىق بەزى ئىلغار پىكىرلىك ياشلارنى تەشكىلاتقا تارتقان. ئوسمانجان لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۆز-ئارا دوستلاشقان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇنىڭغا ئۆزلىرى قۇرغان گومىنداڭ باشچىلىقىدىكى جوڭگۇ ھاكىميىتىگە قارشى تەشكىلاتقا قاتنىشىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئىلتىماس يېزىپ ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئارمىيە ئىچىدە ئەزا كۆپەيتىشكە ياردەملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كېيىن ئۇ پولكنىڭ ئات دوختۇرى مۇسا ئەلىنى تونۇشتۇرغان. مۇسا ئەلى (قازاق) تەشكىلاتقا كىرىپ ئۇزۇن بولماي قولغا ئېلىنىپ ئۈلتۈرۈلگەن. شۇ يىلى 7-ئايدا ئوسمانجان ئۆز ئوتدىلىنىيەسى بىلەن مۇزداۋاندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ يەنە خاچېڭ (ئودىلكوم) ئوتدىلىنىيەسى قاتارلىق ئالتە ئوتدىلىنىيە مۇزداۋاندا تۇراتتى، ئوسمانجان خاچېڭغا كۆپچىلىك بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىپ، سىزنىڭ بىر ئوتدىلىنىيە، مېنىڭ بىر ئوتدىلىنىيە كىشىلىرىم بار، بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتۈرەيلى، دەيدۇ، لېكىن خاچېڭ رەت قىلىدۇ. مىللىي ئارمىيە مۇز داۋانغا يېقىنلاشقاندا، ئۇلار ئاقسۇغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ئوسمانجان يەنە خاچېڭغا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ رەت قىلغان. ئۇلار يەنە مۇز داۋانغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ يولدا كېتىۋېتىپ، ئوسمانجان بىر ئەسكەرنى مىللىي ئارمىيە بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئەۋەتكەن، بۇ ئەسكەرنىڭ ئىسمى ئابدۇللا بولۇپ باي ناھىيەسىدە قارىبەگ دېگەن باۋجاڭ تۇتۇۋېلىپ گومىنداڭ ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ باشلىقى جاۋ خەنچىڭ ئۇنى سوراق قىلغاندا، ئۇ قورقماستىن «ئىلى تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇلارنى باشلاپ كېلىپ كاللاڭنى ئالغىلى ماڭغان، ھازىر سەن مېنى تۇتۇۋالدىڭ، قانداق قىلساڭ شۇنداق قىل» دېگەن.  بۇ ۋەقەلەر 1945-يىلى 8-ئايدا بولغان. 8-ئاينىڭ ئاخىرى مىللىي ئارمىيە مۇز داۋانغا كەلگەندە ئوسمانجان ئوتدىلىنىيەسىنى باشلاپ مىللىي ئارمىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن . ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتىدا شۇ چاغدىكى ئىلغار كىشىلەر بولۇپ، بەزى مۇھىم شەخسىلەر يۈسۈپجان، تەۋەككۈل، يۈسۈپجان ئابدۇكېرىم، ئارىپوف قاتارلىقلار مىسال بولۇشى مۇمكىن. يۈسۈپجان باي ناھىيە ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئۇيۇشمىدىكى ھامۇت ئەزىزنى، ھامۇت ئەزىز  ھاكىم ھېكىم نۇرنى قوبۇل قىلغان. ھامۇت ئەزىز ئۇيغۇر ئويۇشمىسىغا باشلىق ۋاقتىدا  ھاكىم ھېكىم نۇر ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن ئىدى. ھاكىم بۇ ئىشلارنى ئۇققاندىن كېيىن ساقچى 2-بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خا يىۋېنغا مەلۇمات يوللىغان. «مەن ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىندىم، مەن سىلەرنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيمەن، مەن ھاكىم بولغاندىن كېيىن ھېچقانداق نەتىجە ياراتمىدىم، ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن ماتېرىيال توپلاپ سەمىمىيىتىمنى بىلدۈرسەم»، دەپ دوكلات يازغان. كېيىن بۆلۈم باشلىقى خا يىۋېن ئۇيغۇرچە بىر پارچە خەت يېزىپ، ياسىن ئەزىزدىن ئەۋەتىپ بەرگەن. خەتتە «سىز ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا كىرسىڭىز بولىدۇ، دائىم بىزگە ماتېرىيال يوللاپ تۇرۇڭ، قانچىلىك پۇل لازىم بولسا بېرىمىز»، دېيىلگەن ئىدى. ياسىن ئەزىز خەتنى ھاكىمنىڭ ئۆيىگە ئەلىپ بارغاندا، ھاكىم ئابدۇللا داۋۇت، مامۇت ئەزىز، يۈسۈپجان قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ شاراب ئىچىۋاتقان ئىكەن. ياسىن ئەزىز ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، يۈسۈپجان يالغاندىن مەست بولۇۋېلىپ كارىۋاتتا ياتقان ئىكەن. ياسىن ئەزىز ھاكىم قۇيۇپ بەرگەن بىر رومكا ھاراقنى ئىچىپ بولۇپ، يېنىپ ئىشىك ئالدىغا چىققاندا ھاكىممۇ چىقىپ ساقچى ئىدارىسىىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇ خەتنى كۆرۈپ بولۇپ ياسىن ئەزىزگە «ماڭا پۇل لازىم ئەمەس، مەندە پۇل بار، پەقەت خىزمەت قىلدىم، ئازراق كۈچ چىقاردىم، بۇندىن كېيىن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرايلى، بۇندىن كېيىن سىز بىر ئادەملا كېلىڭ، باشقىلار كەلمىسۇن، بولمىسا باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويىمىز»، دېگەن. شۇندىن كېيىن  ھېكىم نۇر دائىم ماتېرىيال يوللاپ تۇرغان، ئۇ يوللىغان مەلۇماتلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق  1) تەشكىلات قۇرۇش توغرىلىق مۇزاكىرەنىڭ مەزمۇنى . 2) تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلىدىغان ۋاقتى ۋە ئورنى (قىزىل كۆۋرۈكنىڭ سىرتىدىكى ئورمانلىق 3) تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئەھۋالى، تەشكىلاتنىڭ نامى ۋە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى، جۈملىدىن تەشكىلاتنىڭ «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئىكەنلىكى، مۇنىرىدىن خوجىنىڭ سېكىرىتار، ئابباسوف يۈسۈپجاننىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى، كەسىف ئىۋان (رۇس) نىڭ كاتىب،  ئۆزىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى، ئوسمان مۇھەممەد تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ كاتىپى، ئابدۇللا داۋۇتنىڭ تارىخ تەتقىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكى، بۇ تەشكىلاتقا سىياسىي جەھەتتىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقى، يەنە ئابدۇللا روزىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان . 4) يەنە مۇشۇ تەشكىلاتتىكى 5–پولكنىڭ ئات دوختۇرى مۇسا ئەلىنىڭ ئەھۋالى . 5) تەشكىلاتنىڭ مۇددىئاسى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزا كۆپەيتمەكچى بولغانلىقى، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئىلى ئىنقىلابىغا ياردەم قىلىپ، ئاقسۇنى ئازاد قىلىش قاتارلىق سىياسىي ئەھۋاللار . 6) 15 كۈن ئۆتكەندە ساقچى ئىدارىسىگە مەلۇمات يوللاپ، ئۇلارنىڭ گۇمانلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى سەۋەب قىلىپ، 11 ~ 12 ياشلاردىكى سىڭلىسى پاتەمنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ماتېرىيال يوللىغان. كېيىن بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقى، 1-قېتىم يىغىن ئاچقانلىقى، تەشكىلاتنىڭ پىلانى، يىغىندا بۆلۈم باشلىقلىرىدىن باشقا مال دوختۇرخانىسىنىڭ ئادىمى ئەلى ئاخۇن، يۈسۈپ قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلغان. ھاكىم ئۇچتۇرپانغا بېرىپ ئابدۇكېرىم ئايۇپوف، تەۋەككۈل يۈسۈپ قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلغان، قادىر ئېلى (ئەرمىيا ئېلىنىڭ ئىنىسى) نى تېپىپ خىزمەت پىلانىغا ئىمزا قويدۇرغان . «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» نىڭ باشتىكى ئەزالىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا، (سېيىت) ئابباسوف، يۈسۈپجان، ئابدۇللا داۋۇت، ھۈسەيىنوف، ئوسمانجان مۇھەممەت، ئەلى ئاخۇن (مال دوختۇرى)، مۇسا ئەلى (مال دوختۇرى)، ئابدۇللا روزى، تەۋەككۈل يۈسۈپوف، ئابدۇكېرىم ئايۇپوف، ئىۋان، قادىر ئەلى، ئىبراھىم ئىدرىس، ئابدۇرەھىم مۇھەممەت، بىلال ئەزىزى، جالالىددىن ئاخۇن، مەۋلانجان تۇردى، رەھمەت يۈسۈپ، ئوسمان قاسىم، ئوسمان يۈسۈپ . == '''ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى ئەزالىرنىڭ قولغا ئېلىنىشى'''   == ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ بىر يېرىم ئاي بولغاندا 5-پولكنىڭ مال دوختۇرى مۇسا ئەلى قولغا ئېلىنغان. 7-ئايدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ قولغا ئېلىنغان. 3-قېتىمدا ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بىلال ئەزىزى ساقچى ئىدارىسىدە بىر قانچە كۈن نازارەت قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي قولغا ئېلىنغان. بىلال ئەزىزىنىڭ قولغا ئېلىنغاندىكى ئەھۋال مۇنداق: ئەينى ۋاقىتتىكى ئاقسۇ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ  خادىمى ئۆمەر بىلال ئەزىزگە «ئىككىمىز ئىلگىرى ساۋاقداش ئىدۇق، شۇڭا بۇرۇندىنلا تونۇشىمىز، ئىلگىرى ھەممىمىز ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىدۇق، ھازىر نۇرغۇنلىغان يولداشلىرىمىز قولغا ئەلىندى. بىز دائىم لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن ئىنقىلاب مەسىلىلىرىنى سۆزلىشەتتۇق، ھازىر ئۇ قولغا ئېلىندى، سەنمۇ ئويغۇنىشىڭ كېرەك، بۇ ژۇرناللارنى كۆپرەك كۆر»، دەپ 4-5 پارچە «شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلىنى بەرگەن، ئۇندىن كېيىن ئۇنىڭغا ژۇرناللارنى ساقچى ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىر پارچە ماتېرىيال يېزىپ ئىلگىرى خاتا قىلغانلىقىنى ئېيتسا، ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇنى قولغا ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىلال ئەزىزى ماتېرىيال يېزىپ ژۇرناللار بىلەن بىرگە ئاقسۇ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە تاپشۇرغاندىن كېيىن ئۇنى ئاقسۇ ساقچى ۋىلايەتلىك ئىدارىسىگە يۆتكەپ ئاپىرىپ نازارەت قىلىپ ئون نەچچە كۈندىن كېيىن قولغا ئالغان . 1945-يىلى ئىيۇلنىڭ باشلىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوف،قاسىمجان قەمبىرى، داموللا رازىيوف قاتارلىقلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، سوپاخۇن ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۈپىتىدە ئاقسۇ رايۇنىغا ئاتلانغان. بۇ قوشۇن1945-يىلى 8-ئاۋغۇست باي ناھىيەسىگە يېقىن قېيىر دېگەن جايدا پەيدا بولۇپ بۇ جاينى مۇداپىئە قىلىۋاتقان بىر لىيەن جوڭگۇ ئارمىيىسىنى يوقاتقان. 14-چىسلا باي ناھىيەسىگە يىتىپ كېلىپ تۆت سائەتتىن ئوشۇق جەڭ قىلىپ باي ناھىيەسىنى ئالغان. ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىغا ئىشپىيۇنلۇققا ئەۋەتىلگەن ھېكىم نۇر «مەن سىلەرگە پاش قىلىپ بېرىۋاتقان بۇ ماتېرىياللارنى ئۆزۈم ئاپىرىپ بەرسەم، ئەتراپتىكىلەرنىڭ گۇمانى تۇغۇلۇشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا سىڭلىم ئارقىلىق ئەۋەتىۋاتىمەن (سىڭلىسى 12 ياشتا ئىدى)، ئۇلار يېقىن ئارىدا ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن بىرلىكتە خەلقنى قوزغاپ، باي، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەرنى ئالماقچى ، شۇڭا تېز ھەرىكەت قىلىپ، ل.مۇتەللىپ باشلىق «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنى قولغا ئالماي بولمايدۇ.»دەپ ئۇچۇر يوللىغان. بۇ ۋاقىتتا جەڭگە تەييارلىنىۋاتقان « ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ ئەزالىرى ئارقىمۇ -ئارقا قولغا ئېلىنغان. ساقچى ئورۇنلىرى ئۆمەر سامى بىلەن ھېكىم نۇرنىڭ يازغان ماتېرىياللىرىغا ئاساسلىنىپ، 1945-يىلى، ئاۋغۇست ئېيىدا، «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنى قولغا ئېلىشقا باشلايدۇ. ساقچى ئىدارىسىدىكى زۇنۇن (زومېڭ)، ياسىن، نىيازۇف، ھىمىتلار مۇنىرىدىن خوجىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئالدىن تەييارلىۋالغان ئاچقۇچى بىلەن ئۇنىڭ قۇلۇپىنى ئاچماقچى بولغان، لېكىن ئېچىلمىغانلىقتىن كالتەك تېپىپ كېلىپ قايرىپ ئاچقان. ئۇلار مۇنىرىدىن خوجىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ خىزمەت پىلانىنى تېپىپ چىقىپ تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن زۇنۇنغا بەرگەن. ئۇلار يەنە بېرىپ مۇنىرىدىن خوجىنى قولغا ئالغان ۋە ئىككى كۈن ئۆتكەندە ئۇنى سوراق قىلغان. سوراقتا «سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭنى بىلدۇق، سىلەرنىڭ تەشكىلاتىڭلارنىڭ خىزمەت پىلانىغىمۇ ئېرىشتۇق، تەشكىلاتىڭلارنىڭ ئەھۋالى يېزىپ چىق»، دەپ ئۇنىڭغا بىر ۋاراق قەغەز بەرگەن. مۇنىرىدىن خوجا ھېچنەرسىنى يوشۇرۇپ قالماستىن يېزىپ چىققان، شۇندىن كېيىن ئۇ قاماققا ئېلىنغان. مۇنىرىدىن خوجا قاماققا ئېلىنغاندىن كېيىن ساقچى ئىدارىسى قالغان ياشلارنى قولغا ئەلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئادەم تۇتۇشقا بارغانلار − ياسىن ئەزىز، شىن باۋشەن، مىجىت، لىن يۈشەن، ياڭ شۈنخەيلەر دەرھال  قوراللىنىپ بېرىپ ئۇلارنى تۇتقان. ياسىن ۋە شىن باۋشەنلەر يۈسۈپجان، ئابدۇللا داۋۇت، ئوسمان مۇھەممەد، ئېلاخۇن دوختۇر، ئابدۇللا روزى قاتارلىقلارنى تۇتقان. ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن غوجا، يۈسۈپجان ئابدۇللا، داۋۇت ھۆسەنوۋ، ئوسمانجان مۇھەممەت، ئېلاخۇن، مۇسا ئېلى، ئابدۇللا روزى، تەۋەككۈل يۇسۇپوۋ، ئابدۇكېرىم ئايۇپوۋ، ۋاسىلىي، ئىۋان (بۇلارنىڭ فامىلىسى ئېنىقلانمىدى)، قادىر ئېلى، ئىبراھىم ئىدرىس، ئابدۇرېھىم مۇھەممەت، بىلال ئەزىزى، جالالىدىن ئاخۇن، مەۋلانجان، رەھمەت يۈسۈپ، ئوسمان قاسىم، ئوسمان يۈسۈپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ھېكىم نۇر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا كېلىپ «مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ماتېرىيال بەرگىنىم ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، خەلقنىڭ ئالدىدا «ئىشپىيون» دېگەن ئاتاققا قېلىشنى خالىمايمەن، شۇڭلاشقا مېنىمۇ قوشۇپ قاماققا ئېلىڭلار، ئۇلار مېنىڭدىن گۇمانلىنىپ قالمىسۇن» دەيدۇ. ئۆزىنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇنىمۇ قولغا ئالغان بولۇپ، تۈرمىگە سولاپ قويىدۇ، بىراق بۇ سولانغان ئۆي گىلەم ۋە باشقا زىننەتلىك جابدۇقلار بىلەن بېزەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ئاقسۇدا ۋەزىيەت بىر ئاز قېلىپلاشقاندىن كېيىن، ئۇ تۈرمىدىن بوشىتىلىپ، ساقچى ئىدارىسىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. 12-سېنتەبىر كۈنى گۇگۇم چۈشكەندە، ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ شاۋبىڭ بۆلۈم باشلىقلىرىنى يىغىپ، «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىدىكى بەش كىشىگە ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋىتى بار دەپ ئېيتىلغان ئابلا داۋۇت، ئابدۇللا روزى، ئەخمەت يۈسۈپ، ئوسمان مۇھەممەت، ئارىپوۋ، تەۋەككۈل ئۇلۇغوۋ، ئىبراھىم ئىدرىسوۋ، مەۋلانجان، ھاپىز داموللام، مۇسا ئېلى قاتارلىق كىشىلەرگە سىياسىي باشقارمىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىش بۇيرۇقى كەلگەنلىكىنى جاكارلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈرمە جاللاتلىرى ئىشقا كىرىشىپ، ئەڭ ئالدى بىلەن، يۈسۈپجاننىڭ ئىسمى ئوقۇلۇپ، گۇندىپايلار ئۇنى سىرتقا سۆرەپ چىقىدۇ. ساقچى باشلىقى ۋۇ شاۋبىڭ يۈسۈپجاننىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ھازىر ساڭا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ» دەيدۇ. ئاندىن ساقچى باشلىقى يۈسۈپجاننىڭ ئاغزىغا پاختا تىقىپ كەپلەپ قويۇشنى بۇيرۇيدۇ، بىراق يۈسۈپجان قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، گۇندىپايلار يۈسۈپجاننى ئۇرۇپ ھوشسىزلاندۇرۇپ، ئاغزىغا پاختا تىقىپ، كەپلەپ قويىدۇ. ئاندىن ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان ئۆرەكنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، قىلىچ بىلەن چاپىدۇ، ئەتراپقا قىپ-قىزىل قان چاچراپ، ئۇنىڭ تېنى پارچىلىنىپ ئۆرەككە تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارمۇ شۇ تەرىقىدە چېپىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ دەل شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئىدى. 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى يېرىم كىچىدە لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خۇجا ،بىلال ئەزىزى ،ئابدۇللا روزى ، مەۋلانجان تۇردى ،تۇردى ئاخۇن ، ئابدۇللا داۋۇتوف، يۈسۈپجان ،ھامىت ئەزىز ،ئىلاخۇنۇم ، ئارىپوف، ھۈسەيىن ،قادىر ئېلى قاتارلىق «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ 21نەپەر ئەزاسى شۇنداقلا خىتتاي مۇستەملىكە ھاكىمىيىتى گۇمانلانغان 13 كىشى بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلگەن . ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىلال ئەزىزى يالقۇنلۇق نۇتۇق سۆزلىگەن ھەم ساقچىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن .بۇ ئىككەيلەن ئېتىلغاندىن كېيىن باشقىلارمۇ ئېتىلغان ھەم بۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئازگالغا تاشلاپ ئوت قويىۋەتكەندىن كېيىن بۇ يەرنىڭ ئۈستىگە چوشقا قوتىنى ھەم ھاجەتخانىلارنى ياسىغان .   ئەينى چاغدىكى قانلىق پاجىئە ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ ۋە ئىنىق مەلۇمات بەرگەن«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى ».تەرىپىدىن چىقىرىلغان«كۈرەش »ژورنىلىنىڭ 1946-يىلدىكى 6-7-قوشما سانىدا مۇنداق يېزىلغان :«ئۆلتۈرۈش شۇ تەرەقىدە مۇدەھىش بولغانكى ،ئاساسلىق ھۆججەتلەرگە قارىغاندا بىر خوتۇننىڭ قارنى يېرىلغان ،12كىشى چېپىلغان ۋە جادۇدا توغرالغان ، 23كىشى ئېتىلغان ، شۇ قاتاردا ياش شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپمۇ ئۆلتۈرۈلگەن .ئاخىرىدا ياش شائىرىمىز بىلەن بىر قاتاردا تورىدىغان بىلال ئەزىزىمۇ ئېتىلغان ................. ۋەھشىلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن 36نەپەر ئىنقىلابچىمىزۋە شەھىتلىرىمىزنىڭ پاك جەسەتلىرى ئاقسۇ يېڭى شەھەر سىپىلىنىڭ غەربى بۈلىكىدە ئىتىبارسىزلارچە تۇپراق ئاستىغا يوشۇرۇلدى .ئەمما بۈگۈنكى ئىنقىلابى خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر دىلىدا ئۇلارنىڭ ئىنقىلابى روھى ئەبەدى تىرىك »دەپ يېزىلغان. <references /> '''مەنبەلەر''' : ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى (3)» مىللەتلەر نەشرىياتى 2006-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 414-بەت . تۇرسۇن ئەرشىدىن «لۇتپۇللا مۇتەللىپ» شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت – فوتو سۈرەت نەشرىياتى 1995-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1-بەت . باي ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش «باي تارىخ ماتېرىياللىرى (1)» 1995-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 312-بەت .' "ئىلى دەرياسى" ژۇرنىلى 2012-يىللىق 2-سان ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر «مەن بىلىدىغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ» «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» 2006–يىللىق ئۇيغۇرچە 1–سان شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش-تەھرىرلەش كومىتېتى تۈزگەن «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» مىللەتلەر نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 140-بەت . g1j93jdq9vrclaqaxtqg1nshwduosku 154629 154628 2022-08-11T08:45:53Z Erilliq 19871 wikitext text/x-wiki '''ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى''' (''ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتالغان'')، تەخمىنەن 1945-يىلى 4-ئايدا داڭلىق شائىر [[لۇتپۇللا مۇتەللىپ]] قاتارلىقلار يېتەكچىلىكىدە ئاقسۇدا قۇرۇلغان مۇستەملىكىگە قارشى مەخپىي تەشكىلات. == '''تەشكىلات تۈزۈلمىسى:''' == لۇتپۇللا مۇتەللىپ __ تەشكىلات رەئىسى مۇنىرىدىن خۇجا __ كاتىپ ،مۇئاۋىن رەئىس ھېكىم نۇرى __ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى   ئوسمان مۇھەممەد -تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ كاتىپى ئابدۇللا داۋۇتوف __ تارىخ تەتقىقات بۆلۈمى باشلىقى ئابباسوف يۈسۈپجان __ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى == '''تەشكىلات مەقسىتى:''' == تەشكىلات مەقسىتى غۇلجىدا پارتىلىغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ماسلىشىپ، دېھقانلارنى قوراللىق قوزغىلاڭغا قوزغاشتىن ئىبارەت . «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى »مىللى ئارمىيە ئاقسۇغا يېقىنلاشقان ھامان قوراللىق قوزغىلاڭ كۈتۈرۈپ ئاقسۇنى ئازات قىلىش پىلانىنى تۈزدى . بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللار ئاقسۇ گومىنداڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئارخىپىدا مۇنداق خاتىرلەنگەن . «لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەشكىلارتى تەشۋىقات ئىشلىرىنى يېزا -سەھرالاردا مەخپى يۈرگۈزۈپ ياشلارنى ،گومىنداڭ ھاكىميىتىگە قارشى كىشىلەرنى قوزغاپ ئىقتىساد توپلاپ ،ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇپ ،قوراللىنىپ مىللى ئارمىيە ئاقسۇ تەۋەسىگە كىلىش بىلەنلا قوراللىق ھەركەت باشلاپ ئاقسۇنى قولغا كەلتۈرۈپ مىللىي ئارمىيەگە قوشۇلماقچىكەن».   لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ غۇلجىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئەۋەتكەن خېتىدا «بىز جۈمە نامىزىغا تاھارەت ئېلىپ قويدۇق ، جۈمە نامىزىنى سىلەر بىلەن بىللە ئوقۇماقچىمىز »دەپ تەشكىلات مەقسىتى ۋە ھەركەتلىرىنى ئىپادىلىگەن. == '''تەشكىلات تارىخىي:''' == مۇنىرىدىن خوجا تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولغان، بۇ ۋاقىتتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە بولغانلىقتىن سىرتتىن ياردەم قىلغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ 5-پولكتىكى ئودىلكوم (ئوتدىلىنىيە كومانىدىرى، بەنجاڭ) ئوسمانجان (ۋۇجەنگوڭ) قاتارلىق بەزى ئىلغار پىكىرلىك ياشلارنى تەشكىلاتقا تارتقان. ئوسمانجان لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۆز-ئارا دوستلاشقان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇنىڭغا ئۆزلىرى قۇرغان گومىنداڭ باشچىلىقىدىكى جوڭگۇ ھاكىميىتىگە قارشى تەشكىلاتقا قاتنىشىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئىلتىماس يېزىپ ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئارمىيە ئىچىدە ئەزا كۆپەيتىشكە ياردەملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كېيىن ئۇ پولكنىڭ ئات دوختۇرى مۇسا ئەلىنى تونۇشتۇرغان. مۇسا ئەلى (قازاق) تەشكىلاتقا كىرىپ ئۇزۇن بولماي قولغا ئېلىنىپ ئۈلتۈرۈلگەن. شۇ يىلى 7-ئايدا ئوسمانجان ئۆز ئوتدىلىنىيەسى بىلەن مۇزداۋاندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ يەنە خاچېڭ (ئودىلكوم) ئوتدىلىنىيەسى قاتارلىق ئالتە ئوتدىلىنىيە مۇزداۋاندا تۇراتتى، ئوسمانجان خاچېڭغا كۆپچىلىك بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىپ، سىزنىڭ بىر ئوتدىلىنىيە، مېنىڭ بىر ئوتدىلىنىيە كىشىلىرىم بار، بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتۈرەيلى، دەيدۇ، لېكىن خاچېڭ رەت قىلىدۇ. مىللىي ئارمىيە مۇز داۋانغا يېقىنلاشقاندا، ئۇلار ئاقسۇغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ئوسمانجان يەنە خاچېڭغا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ رەت قىلغان. ئۇلار يەنە مۇز داۋانغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ يولدا كېتىۋېتىپ، ئوسمانجان بىر ئەسكەرنى مىللىي ئارمىيە بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئەۋەتكەن، بۇ ئەسكەرنىڭ ئىسمى ئابدۇللا بولۇپ باي ناھىيەسىدە قارىبەگ دېگەن باۋجاڭ تۇتۇۋېلىپ گومىنداڭ ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ باشلىقى جاۋ خەنچىڭ ئۇنى سوراق قىلغاندا، ئۇ قورقماستىن «ئىلى تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇلارنى باشلاپ كېلىپ كاللاڭنى ئالغىلى ماڭغان، ھازىر سەن مېنى تۇتۇۋالدىڭ، قانداق قىلساڭ شۇنداق قىل» دېگەن.  بۇ ۋەقەلەر 1945-يىلى 8-ئايدا بولغان. 8-ئاينىڭ ئاخىرى مىللىي ئارمىيە مۇز داۋانغا كەلگەندە ئوسمانجان ئوتدىلىنىيەسىنى باشلاپ مىللىي ئارمىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن . ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتىدا شۇ چاغدىكى ئىلغار كىشىلەر بولۇپ، بەزى مۇھىم شەخسىلەر يۈسۈپجان، تەۋەككۈل، يۈسۈپجان ئابدۇكېرىم، ئارىپوف قاتارلىقلار مىسال بولۇشى مۇمكىن. يۈسۈپجان باي ناھىيە ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئۇيۇشمىدىكى ھامۇت ئەزىزنى، ھامۇت ئەزىز  ھاكىم ھېكىم نۇرنى قوبۇل قىلغان. ھامۇت ئەزىز ئۇيغۇر ئويۇشمىسىغا باشلىق ۋاقتىدا  ھاكىم ھېكىم نۇر ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن ئىدى. ھاكىم بۇ ئىشلارنى ئۇققاندىن كېيىن ساقچى 2-بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خا يىۋېنغا مەلۇمات يوللىغان. «مەن ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىندىم، مەن سىلەرنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيمەن، مەن ھاكىم بولغاندىن كېيىن ھېچقانداق نەتىجە ياراتمىدىم، ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن ماتېرىيال توپلاپ سەمىمىيىتىمنى بىلدۈرسەم»، دەپ دوكلات يازغان. كېيىن بۆلۈم باشلىقى خا يىۋېن ئۇيغۇرچە بىر پارچە خەت يېزىپ، ياسىن ئەزىزدىن ئەۋەتىپ بەرگەن. خەتتە «سىز ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا كىرسىڭىز بولىدۇ، دائىم بىزگە ماتېرىيال يوللاپ تۇرۇڭ، قانچىلىك پۇل لازىم بولسا بېرىمىز»، دېيىلگەن ئىدى. ياسىن ئەزىز خەتنى ھاكىمنىڭ ئۆيىگە ئەلىپ بارغاندا، ھاكىم ئابدۇللا داۋۇت، مامۇت ئەزىز، يۈسۈپجان قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ شاراب ئىچىۋاتقان ئىكەن. ياسىن ئەزىز ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، يۈسۈپجان يالغاندىن مەست بولۇۋېلىپ كارىۋاتتا ياتقان ئىكەن. ياسىن ئەزىز ھاكىم قۇيۇپ بەرگەن بىر رومكا ھاراقنى ئىچىپ بولۇپ، يېنىپ ئىشىك ئالدىغا چىققاندا ھاكىممۇ چىقىپ ساقچى ئىدارىسىىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇ خەتنى كۆرۈپ بولۇپ ياسىن ئەزىزگە «ماڭا پۇل لازىم ئەمەس، مەندە پۇل بار، پەقەت خىزمەت قىلدىم، ئازراق كۈچ چىقاردىم، بۇندىن كېيىن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرايلى، بۇندىن كېيىن سىز بىر ئادەملا كېلىڭ، باشقىلار كەلمىسۇن، بولمىسا باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويىمىز»، دېگەن. شۇندىن كېيىن  ھېكىم نۇر دائىم ماتېرىيال يوللاپ تۇرغان، ئۇ يوللىغان مەلۇماتلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق  1) تەشكىلات قۇرۇش توغرىلىق مۇزاكىرەنىڭ مەزمۇنى . 2) تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلىدىغان ۋاقتى ۋە ئورنى (قىزىل كۆۋرۈكنىڭ سىرتىدىكى ئورمانلىق 3) تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئەھۋالى، تەشكىلاتنىڭ نامى ۋە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى، جۈملىدىن تەشكىلاتنىڭ «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئىكەنلىكى، مۇنىرىدىن خوجىنىڭ سېكىرىتار، ئابباسوف يۈسۈپجاننىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى، كەسىف ئىۋان (رۇس) نىڭ كاتىب،  ئۆزىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى، ئوسمان مۇھەممەد تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ كاتىپى، ئابدۇللا داۋۇتنىڭ تارىخ تەتقىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكى، بۇ تەشكىلاتقا سىياسىي جەھەتتىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقى، يەنە ئابدۇللا روزىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان . 4) يەنە مۇشۇ تەشكىلاتتىكى 5–پولكنىڭ ئات دوختۇرى مۇسا ئەلىنىڭ ئەھۋالى . 5) تەشكىلاتنىڭ مۇددىئاسى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزا كۆپەيتمەكچى بولغانلىقى، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئىلى ئىنقىلابىغا ياردەم قىلىپ، ئاقسۇنى ئازاد قىلىش قاتارلىق سىياسىي ئەھۋاللار . 6) 15 كۈن ئۆتكەندە ساقچى ئىدارىسىگە مەلۇمات يوللاپ، ئۇلارنىڭ گۇمانلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى سەۋەب قىلىپ، 11 ~ 12 ياشلاردىكى سىڭلىسى پاتەمنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ماتېرىيال يوللىغان. كېيىن بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقى، 1-قېتىم يىغىن ئاچقانلىقى، تەشكىلاتنىڭ پىلانى، يىغىندا بۆلۈم باشلىقلىرىدىن باشقا مال دوختۇرخانىسىنىڭ ئادىمى ئەلى ئاخۇن، يۈسۈپ قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلغان. ھاكىم ئۇچتۇرپانغا بېرىپ ئابدۇكېرىم ئايۇپوف، تەۋەككۈل يۈسۈپ قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلغان، قادىر ئېلى (ئەرمىيا ئېلىنىڭ ئىنىسى) نى تېپىپ خىزمەت پىلانىغا ئىمزا قويدۇرغان . «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» نىڭ باشتىكى ئەزالىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا، (سېيىت) ئابباسوف، يۈسۈپجان، ئابدۇللا داۋۇت، ھۈسەيىنوف، ئوسمانجان مۇھەممەت، ئەلى ئاخۇن (مال دوختۇرى)، مۇسا ئەلى (مال دوختۇرى)، ئابدۇللا روزى، تەۋەككۈل يۈسۈپوف، ئابدۇكېرىم ئايۇپوف، ئىۋان، قادىر ئەلى، ئىبراھىم ئىدرىس، ئابدۇرەھىم مۇھەممەت، بىلال ئەزىزى، جالالىددىن ئاخۇن، مەۋلانجان تۇردى، رەھمەت يۈسۈپ، ئوسمان قاسىم، ئوسمان يۈسۈپ . == '''ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى ئەزالىرنىڭ قولغا ئېلىنىشى'''   == ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ بىر يېرىم ئاي بولغاندا 5-پولكنىڭ مال دوختۇرى مۇسا ئەلى قولغا ئېلىنغان. 7-ئايدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ قولغا ئېلىنغان. 3-قېتىمدا ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بىلال ئەزىزى ساقچى ئىدارىسىدە بىر قانچە كۈن نازارەت قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي قولغا ئېلىنغان. بىلال ئەزىزىنىڭ قولغا ئېلىنغاندىكى ئەھۋال مۇنداق: ئەينى ۋاقىتتىكى ئاقسۇ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ  خادىمى ئۆمەر بىلال ئەزىزگە «ئىككىمىز ئىلگىرى ساۋاقداش ئىدۇق، شۇڭا بۇرۇندىنلا تونۇشىمىز، ئىلگىرى ھەممىمىز ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىدۇق، ھازىر نۇرغۇنلىغان يولداشلىرىمىز قولغا ئەلىندى. بىز دائىم لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن ئىنقىلاب مەسىلىلىرىنى سۆزلىشەتتۇق، ھازىر ئۇ قولغا ئېلىندى، سەنمۇ ئويغۇنىشىڭ كېرەك، بۇ ژۇرناللارنى كۆپرەك كۆر»، دەپ 4-5 پارچە «شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلىنى بەرگەن، ئۇندىن كېيىن ئۇنىڭغا ژۇرناللارنى ساقچى ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىر پارچە ماتېرىيال يېزىپ ئىلگىرى خاتا قىلغانلىقىنى ئېيتسا، ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇنى قولغا ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىلال ئەزىزى ماتېرىيال يېزىپ ژۇرناللار بىلەن بىرگە ئاقسۇ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە تاپشۇرغاندىن كېيىن ئۇنى ئاقسۇ ساقچى ۋىلايەتلىك ئىدارىسىگە يۆتكەپ ئاپىرىپ نازارەت قىلىپ ئون نەچچە كۈندىن كېيىن قولغا ئالغان . 1945-يىلى ئىيۇلنىڭ باشلىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوف،قاسىمجان قەمبىرى، داموللا رازىيوف قاتارلىقلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، سوپاخۇن ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۈپىتىدە ئاقسۇ رايۇنىغا ئاتلانغان. بۇ قوشۇن1945-يىلى 8-ئاۋغۇست باي ناھىيەسىگە يېقىن قېيىر دېگەن جايدا پەيدا بولۇپ بۇ جاينى مۇداپىئە قىلىۋاتقان بىر لىيەن جوڭگۇ ئارمىيىسىنى يوقاتقان. 14-چىسلا باي ناھىيەسىگە يىتىپ كېلىپ تۆت سائەتتىن ئوشۇق جەڭ قىلىپ باي ناھىيەسىنى ئالغان. ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىغا ئىشپىيۇنلۇققا ئەۋەتىلگەن ھېكىم نۇر «مەن سىلەرگە پاش قىلىپ بېرىۋاتقان بۇ ماتېرىياللارنى ئۆزۈم ئاپىرىپ بەرسەم، ئەتراپتىكىلەرنىڭ گۇمانى تۇغۇلۇشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا سىڭلىم ئارقىلىق ئەۋەتىۋاتىمەن (سىڭلىسى 12 ياشتا ئىدى)، ئۇلار يېقىن ئارىدا ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن بىرلىكتە خەلقنى قوزغاپ، باي، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەرنى ئالماقچى ، شۇڭا تېز ھەرىكەت قىلىپ، ل.مۇتەللىپ باشلىق «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنى قولغا ئالماي بولمايدۇ.»دەپ ئۇچۇر يوللىغان. بۇ ۋاقىتتا جەڭگە تەييارلىنىۋاتقان « ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ ئەزالىرى ئارقىمۇ -ئارقا قولغا ئېلىنغان. ساقچى ئورۇنلىرى ئۆمەر سامى بىلەن ھېكىم نۇرنىڭ يازغان ماتېرىياللىرىغا ئاساسلىنىپ، 1945-يىلى، ئاۋغۇست ئېيىدا، «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنى قولغا ئېلىشقا باشلايدۇ. ساقچى ئىدارىسىدىكى زۇنۇن (زومېڭ)، ياسىن، نىيازۇف، ھىمىتلار مۇنىرىدىن خوجىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئالدىن تەييارلىۋالغان ئاچقۇچى بىلەن ئۇنىڭ قۇلۇپىنى ئاچماقچى بولغان، لېكىن ئېچىلمىغانلىقتىن كالتەك تېپىپ كېلىپ قايرىپ ئاچقان. ئۇلار مۇنىرىدىن خوجىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ خىزمەت پىلانىنى تېپىپ چىقىپ تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن زۇنۇنغا بەرگەن. ئۇلار يەنە بېرىپ مۇنىرىدىن خوجىنى قولغا ئالغان ۋە ئىككى كۈن ئۆتكەندە ئۇنى سوراق قىلغان. سوراقتا «سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭنى بىلدۇق، سىلەرنىڭ تەشكىلاتىڭلارنىڭ خىزمەت پىلانىغىمۇ ئېرىشتۇق، تەشكىلاتىڭلارنىڭ ئەھۋالى يېزىپ چىق»، دەپ ئۇنىڭغا بىر ۋاراق قەغەز بەرگەن. مۇنىرىدىن خوجا ھېچنەرسىنى يوشۇرۇپ قالماستىن يېزىپ چىققان، شۇندىن كېيىن ئۇ قاماققا ئېلىنغان. مۇنىرىدىن خوجا قاماققا ئېلىنغاندىن كېيىن ساقچى ئىدارىسى قالغان ياشلارنى قولغا ئەلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئادەم تۇتۇشقا بارغانلار − ياسىن ئەزىز، شىن باۋشەن، مىجىت، لىن يۈشەن، ياڭ شۈنخەيلەر دەرھال  قوراللىنىپ بېرىپ ئۇلارنى تۇتقان. ياسىن ۋە شىن باۋشەنلەر يۈسۈپجان، ئابدۇللا داۋۇت، ئوسمان مۇھەممەد، ئېلاخۇن دوختۇر، ئابدۇللا روزى قاتارلىقلارنى تۇتقان. ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن غوجا، يۈسۈپجان ئابدۇللا، داۋۇت ھۆسەنوۋ، ئوسمانجان مۇھەممەت، ئېلاخۇن، مۇسا ئېلى، ئابدۇللا روزى، تەۋەككۈل يۇسۇپوۋ، ئابدۇكېرىم ئايۇپوۋ، ۋاسىلىي، ئىۋان (بۇلارنىڭ فامىلىسى ئېنىقلانمىدى)، قادىر ئېلى، ئىبراھىم ئىدرىس، ئابدۇرېھىم مۇھەممەت، بىلال ئەزىزى، جالالىدىن ئاخۇن، مەۋلانجان، رەھمەت يۈسۈپ، ئوسمان قاسىم، ئوسمان يۈسۈپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ھېكىم نۇر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا كېلىپ «مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ماتېرىيال بەرگىنىم ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، خەلقنىڭ ئالدىدا «ئىشپىيون» دېگەن ئاتاققا قېلىشنى خالىمايمەن، شۇڭلاشقا مېنىمۇ قوشۇپ قاماققا ئېلىڭلار، ئۇلار مېنىڭدىن گۇمانلىنىپ قالمىسۇن» دەيدۇ. ئۆزىنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇنىمۇ قولغا ئالغان بولۇپ، تۈرمىگە سولاپ قويىدۇ، بىراق بۇ سولانغان ئۆي گىلەم ۋە باشقا زىننەتلىك جابدۇقلار بىلەن بېزەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ئاقسۇدا ۋەزىيەت بىر ئاز قېلىپلاشقاندىن كېيىن، ئۇ تۈرمىدىن بوشىتىلىپ، ساقچى ئىدارىسىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. 12-سېنتەبىر كۈنى گۇگۇم چۈشكەندە، ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ شاۋبىڭ بۆلۈم باشلىقلىرىنى يىغىپ، «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىدىكى بەش كىشىگە ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋىتى بار دەپ ئېيتىلغان ئابلا داۋۇت، ئابدۇللا روزى، ئەخمەت يۈسۈپ، ئوسمان مۇھەممەت، ئارىپوۋ، تەۋەككۈل ئۇلۇغوۋ، ئىبراھىم ئىدرىسوۋ، مەۋلانجان، ھاپىز داموللام، مۇسا ئېلى قاتارلىق كىشىلەرگە سىياسىي باشقارمىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىش بۇيرۇقى كەلگەنلىكىنى جاكارلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈرمە جاللاتلىرى ئىشقا كىرىشىپ، ئەڭ ئالدى بىلەن، يۈسۈپجاننىڭ ئىسمى ئوقۇلۇپ، گۇندىپايلار ئۇنى سىرتقا سۆرەپ چىقىدۇ. ساقچى باشلىقى ۋۇ شاۋبىڭ يۈسۈپجاننىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ھازىر ساڭا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ» دەيدۇ. ئاندىن ساقچى باشلىقى يۈسۈپجاننىڭ ئاغزىغا پاختا تىقىپ كەپلەپ قويۇشنى بۇيرۇيدۇ، بىراق يۈسۈپجان قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، گۇندىپايلار يۈسۈپجاننى ئۇرۇپ ھوشسىزلاندۇرۇپ، ئاغزىغا پاختا تىقىپ، كەپلەپ قويىدۇ. ئاندىن ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان ئۆرەكنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، قىلىچ بىلەن چاپىدۇ، ئەتراپقا قىپ-قىزىل قان چاچراپ، ئۇنىڭ تېنى پارچىلىنىپ ئۆرەككە تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارمۇ شۇ تەرىقىدە چېپىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ دەل شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئىدى. 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى يېرىم كىچىدە لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خۇجا ،بىلال ئەزىزى ،ئابدۇللا روزى ، مەۋلانجان تۇردى ،تۇردى ئاخۇن ، ئابدۇللا داۋۇتوف، يۈسۈپجان ،ھامىت ئەزىز ،ئىلاخۇنۇم ، ئارىپوف، ھۈسەيىن ،قادىر ئېلى قاتارلىق «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ 21نەپەر ئەزاسى شۇنداقلا خىتتاي مۇستەملىكە ھاكىمىيىتى گۇمانلانغان 13 كىشى بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلگەن . ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىلال ئەزىزى يالقۇنلۇق نۇتۇق سۆزلىگەن ھەم ساقچىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن .بۇ ئىككەيلەن ئېتىلغاندىن كېيىن باشقىلارمۇ ئېتىلغان ھەم بۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئازگالغا تاشلاپ ئوت قويىۋەتكەندىن كېيىن بۇ يەرنىڭ ئۈستىگە چوشقا قوتىنى ھەم ھاجەتخانىلارنى ياسىغان .   ئەينى چاغدىكى قانلىق پاجىئە ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ ۋە ئىنىق مەلۇمات بەرگەن«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى ».تەرىپىدىن چىقىرىلغان«كۈرەش »ژورنىلىنىڭ 1946-يىلدىكى 6-7-قوشما سانىدا مۇنداق يېزىلغان :«ئۆلتۈرۈش شۇ تەرەقىدە مۇدەھىش بولغانكى ،ئاساسلىق ھۆججەتلەرگە قارىغاندا بىر خوتۇننىڭ قارنى يېرىلغان ،12كىشى چېپىلغان ۋە جادۇدا توغرالغان ، 23كىشى ئېتىلغان ، شۇ قاتاردا ياش شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپمۇ ئۆلتۈرۈلگەن .ئاخىرىدا ياش شائىرىمىز بىلەن بىر قاتاردا تورىدىغان بىلال ئەزىزىمۇ ئېتىلغان ................. ۋەھشىلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن 36نەپەر ئىنقىلابچىمىزۋە شەھىتلىرىمىزنىڭ پاك جەسەتلىرى ئاقسۇ يېڭى شەھەر سىپىلىنىڭ غەربى بۈلىكىدە ئىتىبارسىزلارچە تۇپراق ئاستىغا يوشۇرۇلدى .ئەمما بۈگۈنكى ئىنقىلابى خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر دىلىدا ئۇلارنىڭ ئىنقىلابى روھى ئەبەدى تىرىك »دەپ يېزىلغان. <references /> '''مەنبەلەر''' : ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى (3)» مىللەتلەر نەشرىياتى 2006-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 414-بەت . تۇرسۇن ئەرشىدىن «لۇتپۇللا مۇتەللىپ» شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت – فوتو سۈرەت نەشرىياتى 1995-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1-بەت . باي ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش «باي تارىخ ماتېرىياللىرى (1)» 1995-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 312-بەت .' "ئىلى دەرياسى" ژۇرنىلى 2012-يىللىق 2-سان ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر «مەن بىلىدىغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ» «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» 2006–يىللىق ئۇيغۇرچە 1–سان شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش-تەھرىرلەش كومىتېتى تۈزگەن «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» مىللەتلەر نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 140-بەت . frpg9kdws190td2hcpzqhqirks5k25n تۈركى مىللەتلەر 0 21230 154631 2022-08-11T09:10:05Z Mirawidin 19282 قۇرۇلغان بەت 'ئوغۇز خاقان تىلىدىن بىركەلىمە مەن ئۇغۇرلارنىڭخاقانىمەن ئوغۇز نامىدىن ئىلىندى' wikitext text/x-wiki ئوغۇز خاقان تىلىدىن بىركەلىمە مەن ئۇغۇرلارنىڭخاقانىمەن ئوغۇز نامىدىن ئىلىندى j6f5ge65hi74rvazrdd755mdxycfrim 154632 154631 2022-08-11T09:14:56Z Mirawidin 19282 wikitext text/x-wiki ئوغۇز خاقان تىلىدىن بىركەلىمە مەن ئۇيغۇرلارنىڭخاقانىمەن ئوغۇز نامىدىن ئىلىندى etxqdis4kikcr5zov9uq8kkj48p2ezm