Wikipedia ugwiki https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA MediaWiki 1.46.0-wmf.24 first-letter ۋاسىتە ئالاھىدە مۇنازىرە ئىشلەتكۈچى ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى Wikipedia Wikipediaمۇنازىرىسى ھۆججەت ھۆججەت مۇنازىرىسى MediaWiki MediaWiki مۇنازىرىسى قېلىپ قېلىپ مۇنازىرىسى ياردەم ياردەم مۇنازىرىسى تۈر تۈر مۇنازىرىسى TimedText TimedText talk Module Module talk Event Event talk پۇل پاخاللىقى 0 18542 175596 173590 2026-04-25T06:17:53Z CommonsDelinker 100 Replacing World_inflation_rate_October_2025.png with [[File:World_inflation_rate.png]] (by [[:c:User:CommonsDelinker|CommonsDelinker]] because: [[:c:COM:FR|File renamed]]: [[:c:COM:FR#FR1|Criterion 1]] (original uploader’s request)). 175596 wikitext text/x-wiki بۇ يەردە ئېيتىلغان پۇل ئوبوروت قىلىنىۋاتقان پۇلنى كۆرسىتىدۇ. پۇل پاخاللىقى بولسا قەغەز پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى تاۋار ئوبوروتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان پۇل پاخاللىشىش، مال باھاسى ئۆرلەپ كېتىشتەك ئىقتىسادىي ھادىسىدىن ئىبارەت. پۇل پاخاللىقنىڭ يەنە بىر ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى دەل ئىنفىلاتسىيەدۇر. پۇل پاخاللىقى چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بازاردىكى مال باھاسى ئۆزگىرىشنى كۆرسىتىدۇ، تار مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا پەقەت مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كېلىپ چىققان پاخاللىقنى كۆرسىتىدۇ. مال باھاسىنىڭ چۈشىشىدىن ھاسىل بولغان پۇل پاخاللىقنى ئادەتتە پۇل پاخالسىزلىقى دەپ ئاتىلىدۇ. پۇل پاخالسىزلىقى دەل پۇل پاخاللىقنىڭ قارشى يۈنىلىشتىكى مال باھاسى ئۆزگىرىشتۇر. [[ھۆججەت:UK and US 1989-present monthly CPI.svg|thumb|[[ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى|ئامېرىكا]] ۋە [[بۈيۈك بېرىتانىيە|ئەنگىلىيە]]نىڭ 1989-يىلدىن 2023 يىلغىچە بولغان ئارلىقتىكى ئىستىمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ قىممەتلىرى. ]] [[ھۆججەت:Argentina inflation.webp|thumb|ئارگىنتىنادىكى پۇل پاخاللىقى نىسپتىى ]]   == ئاساسىي ئۇچۇرلىرى == '''ئۇيغۇرچە نامى :'''پۇل پاخاللىقى, ئىنفىلاتسىيە '''چەتئەلچە نامى :'''inflation [[ھۆججەت:Inflation expectations.webp|thumb|پۇل پاخاللىق ئىستىكى گىرافى. ]] == ئېنىقلىمىسى == بۇ يەردە ئېيتىلغان پۇل ئوبوروت قىلىنىۋاتقان پۇلنى كۆرسىتىدۇ. پۇل پاخاللىقى بولسا قەغەز پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى تاۋار ئوبوروتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان پۇل پاخاللىشىش، مال باھاسى ئۆرلەپ كېتىشتەك ئىقتىسادىي ھادىسىدىن ئىبارەت. [[ھۆججەت:Money inflation Civil War.jpg|thumb|پۇل پاخاللىقىدىن كېلىپ چىققان ئىچكى ئۇرۇش]] == پۇل پاخاللىقىنى ئىپادىلىرى == تاۋار بازىرىدا باھانىڭ ئۆرلەپ-چۈشۈپ تۇرۇشى دائىم بولۇپ تۇرىدۇ، بۇنى ئاساسلىقى تاۋار قىممىتى ۋە تەمىنلەش بىلەن تەلەپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن، ئەگەر مەلۇم بىر مەزگىلدە مال باھاسى ئومۇميۈزلۈك مۇقىم ئۆرلىگەن بولسا، بۇنى تاۋارنىڭ قىممىتى ۋە تەمىنلەش بىلەن تەلەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولماستىن، بەلكى پۇل پاخاللىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ.مۇئەييەن مەزگىلدە، تاۋار ئوبوروتى جەريانىدا ئېھتىياجلىق بولغان پۇل مىقدارى تاۋار باھاسىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنى بىرلىك پۇلنىڭ ئوبوروت قېتىم سانىغا بۆلگەنگە باراۋەر كېلىدۇ. ئالتۇن، كۈمۈش پۇل ئوبوروتىغا قاتناشتۇرۇلغان شارائىتتا، ئەگەر ئوبوروت جەريانىدىكى پۇل مىقدارى تاۋار ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتسە، بىر قىسىم پۇل ئوبوروتتىن چېكىندۈرۈلۈپ كىشىلەر تەرىپىدىن ئادەتتىكى ئىجتىمائىي بايلىق سۈپىتىدە ساقلىنىدۇ. ئەگەر ئوبوروتتىكى پۇل مىقدارى تاۋار ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىدىن ئاز بولسا، ساقلاپ قويۇلغان پۇل ئوبروتقا قاتناشتۇرۇلىدۇ. مۇشۇنداق ئىستىخىيىلىك تەڭشەش ئارقىلىق، ئوبوروتتىكى پۇل مىقدارىنى تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى بىلەن ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ. لېكىن، قەغەز پۇلنىڭ ئوبوروت ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. قەغەز پۇلنىڭ ئۆزى قىممەتكە ئىگە ئەمەس، ئۇ پەقەت مەجبۇرىي ئوبوروتنىڭ قىممەت بەلگىسىدىنلا ئىبارەت، خالاس. ئومۇمەن ئېيتقاندا، قەغەز پۇلنى ئالتۇنغا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ساقلاش ۋاسىتىسى قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. دۆلەتنىڭ قانچىلىك قەغەز پۇل تارقىتىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى ئوبوروت ئىچىدە تۇرىدۇ. ئۇنداقتا، ئەگەر قەغەز پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتسە، بىرلىك پۇل ۋەكىللىك قىلىدىغان قىممەت كىچىكلەيدۇ، يەنى پۇل پاخاللىشىدۇ. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاۋارنىڭ قىممىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، شۇڭا، پۇل پاخاللىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى تاۋارنىڭ باھاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىگەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ. [[ھۆججەت:Biden Inflation Reduction Act.jpg|thumb|[[ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى|ئا ق ش]] ئەلبېشى [[جو بايدېن|جوۋ بايدې]]ننىڭ پ[[پۇل پاخاللىقى|ۇل پاخاللىق]]نى تۈۋەنلىتىش قانۇن لايىھەسىگە ئىمىزا قويۇش مۇراسىمى]] == مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەر == بىر دۆلەتتە، قەغەز پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارىنىڭ تاۋار ئوبوروت ئەمەلىي ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ خىل بولىدۇ، بىراق ئاخىرقى نەتىجىسى يەنىلا مال باھاسى سەۋىيىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىشىدىنلا ئىبارەت. ئېغىر پۇل پاخاللىقى خەلق ئىگىلىكىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، چوقۇم تەدبىر قوللىنىپ، پۇل پاخاللىقىنى پەسەيتىش ۋە چەكلەش كېرەك. [[ھۆججەت:World inflation rate.png|thumb|[[فوند|دۇنيا پۇل فوندى]]غان ئەزا ئەللەرنىڭ 2023- يىللىق پۇل پاخاللىق نىسپىتنىڭ رەڭلىك كۆرۈنمە خەرىتىسى. ]] == مەنبەلەر == {{Reflist}} * مەنبە: ئىزدە قامۇسى {{stub}} 9ffaute7fy6b06exeyq3hkop9dvt1lf ئىشلەتكۈچى:Maris Dreshmanis 2 24557 175595 175594 2026-04-24T21:52:50Z Maris Dreshmanis 25682 Update babel to lv|ru-4 (remove en-3, de-1) 175595 wikitext text/x-wiki {{#babel:lv|ru-4}} == Maris Dreshmanis == Open data researcher. Contributor to [[d:Wikidata:WikiProject Occupations|WikiProject Occupations]] on Wikidata. * '''[[d:User:Maris Dreshmanis|Wikidata contributions]]''' — 37,400+ edits * '''GSCO''' — Global Standard Classification of Occupations (27 national registries + ESCO, 57,000+ occupation entries, 26,991 Wikidata items, 152,000+ multilingual labels across 53 languages) * '''[[d:Wikidata:WikiProject Occupations|WikiProject Occupations]]''' — coordinating occupation label enrichment in 27 source languages [[Category:Wikipedians]] 1tm661nfud90u9uzogktjy8qwfpriv4