Wikipedia
ugwiki
https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA
MediaWiki 1.46.0-wmf.26
first-letter
ۋاسىتە
ئالاھىدە
مۇنازىرە
ئىشلەتكۈچى
ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى
Wikipedia
Wikipediaمۇنازىرىسى
ھۆججەت
ھۆججەت مۇنازىرىسى
MediaWiki
MediaWiki مۇنازىرىسى
قېلىپ
قېلىپ مۇنازىرىسى
ياردەم
ياردەم مۇنازىرىسى
تۈر
تۈر مۇنازىرىسى
TimedText
TimedText talk
Module
Module talk
Event
Event talk
قۇياش سىستېمىسى
0
7909
175773
168499
2026-05-06T05:30:59Z
Omarius257
25412
/* */ قۇياش سىستېمىسى ئىزاھاتى قوشۇلدى
175773
wikitext
text/x-wiki
[[ھۆججەت:Solar System True Color UG.png |upright=1.5|frameless|border|left]]
[[قۇياش]] سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ئىچىدىن سىرتىغا : [[مېركۇرىي]] ، [[ۋىنىرا]] ، [[يەرشارى]] ، [[مارس]] ، [[يۇپىتېر]] ، [[ساتۇرن]] ، [[ئۇران]] ، [[نېپتۇن]] .
'''[[قۇياش]] سىستىمىسى''' قۇياشنى مەركەز قىلغان ، ھەمدە بارلىق قۇياشنىڭ ئېغىرلىق كۇچ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان ئاسمان جىسىمىنىڭ بىرلەشمىسى : 8 سەييارە ، ئاز دىگەندىمۇ 165 دانە ھەمراھى بار ، 5 دانە بايقالغان [[پەتەك يۇلتۇز]] ۋە مىليونلىغان قۇياش سىستېمىسى كىچىك ئاسمان جىسىملىرىدىن تۇزەلگەن . بۇ كىچىك ئاسمان جىسىملىرى كىچىك سەييارە ، [[كۇيپېر بەلبېغى]] ئاسمان جخسىملىرى ، [[قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز]] ، بوشلۇق ئارا ماددىلاردىن تەشكىل قىلغان پىلانىتلار سىستىمىسىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .
==قۇياش==
[[قۇياش]] بولسا سامان يولى سىستىمىسىدىكى بىر ئاددى تۇرغۇن يۇلتۇز. [[قۇياش]] باشقا سانسىزلىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلارغا ئوخشاش يۇلتۇز تۇمانىدىن شەكىللەنگەن . بۇ [[يۇلتۇز تۇمانى]] بۇندىن تەخمىنەن تۆت مىليارد 600 مىليۇن يىل ئىلگىرى سامان يولى سىستىمىسىنىڭ بىر بۆلىكىدە بولۇپ ، سامان يولى سىستىمىسى مەركىزى بىلەن بولغان ئارلىقى 30 مىڭ يۇرۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا. ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ماسسى ھازىرقى قۇياش ماسسىنىڭ بەش مىليۇن ھەسسىگە تەڭ بولۇپ ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئۆز مەركىزىنى چۆرىدەپ ئايلىنىشىدىن ھازىقى قۇياش شەكىللەنگەن. قۇياش شەكىللىنپ ئۇزۇن ئۆتمەي قۇياش ئەتراپىدىكى باشقا ئالەم ماددىلىرى يىغىلىپ ھازىرقى سەككىز پىلانىت ۋە باشقا قۇياش سىستىمىسى ئەزالىرىنى شەكىلىلەندۈرگەن.
==پىلانېتلار==
ھازىر قۇياش سىستىمىسىدا سەككىز چوڭ پىلانىت بار
*[[مېركۇرىي]] ، [[ۋىنىرا]] ، [[يەرشارى]] ، [[مارس]] ، [[يۇپىتېر]] ، [[ساتۇرن]] ، [[ئۇران]] ، [[نېپتۇن]]
==باشقىلار==
ھازىر قۇياش سىستىمىسىدا سەككىز چوڭ پىلانىت بار. بۇ پىلانىتلار ئىككى تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ [[يەرشارى]] تىپىدىكىلەر: [[مىركۇرى]] ، [[ۋىنىرا]] ، [[مارس]] ، [[يەر شارى]] قاتارلىق قاتتىق بولغان يەر پوستىغا ئىگە بولغان پىلانىتلار. بۇلارنىڭ ھەمراھى ناھايىتى ئاز بولۇپ مىركۇرى ۋىنىرىلارنىڭ ھەمراھى يوق. مارىسنىڭ سىرتىدا كىچىڭ پىلانىتلار بەلبىغى بولغانىقى ئۈچۈن بۇ پىلانىتلار يەنە بەلباغ ئىچىدىكى پىلانىتلار دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر تىپتىكىلەر يۇپىتىر تىپىدىكىلەر : يەنى بەلباغ سىرسىتىدىكىلەر . ئۇلارنىڭ قاتتىق يەر پوستى يوق . ئاساسەن گازلاردىن تۈزۈلگەن. ئۇلارنىڭ ھەمراھى ناھايىتى كۆپ . ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئۇلار نۇر بەلبىغىغا ئىگە بولۇپ ساتۇرىننىڭ نۇر بەلبىغى ئەڭ گەۋدىلىك ھەم ناھايىتى ھەيۋەتلىك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇياش سىستىمىسىنىڭ يىراق بۇرجىكىدە ھەجىمى كىچىك ئۆزىنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن ئەتراپىدىكى باشقا ئاسمان جىسىملىرىنى ھەيدىۋىتەلمەي ئەگەشتۈرۋالىدىغان پىلوتۇن ، چارون قاتارلىق پەتەك پىلانىتلارمۇ بار .
قۇياش سىستىمىسىنى سانسىزلىغان ئۇششاق مۇزسىمان ئاسمان جىسىملىرىدىن تەركىپ تاپقان‹‹ ئوۋتې ›› يۇلتۇز بۇلىتى ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇلار قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرسىلا قۇياش سىستىمىسغا قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز نامى بىلەن كىرىدۇ. ئۇلار قۇياشنىڭ يۇقىرى تىمپىراتۇرسى ۋە [[قۇياش بورىنى]]نىڭ تەسىرىدە ناھايىتى ھەيۋەتلىك قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ھاسىل قىلىدۇ. قۇياشقا قانچە يىقىنلاشقانسىرى قۇيرۇقى شۇنچە چوڭ ھەم شۇنچە يورۇق بولىدۇ. [[قۇياش]] سىستىمىسى [[ئالەم]] ئارا بوشلۇقى ھەرگىزمۇ قۇرۇق ئەمەس ھەرخىل [[رادئاتسىيەلىك نۇرلار]]، [[گازلار]] ، ئالەم ئارا ماددىلار بىلەن تولغان.
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
==سىرتقى ئۇلانمىلار==
[[تۈر:ئالەم بوشلۇقى]]
[[تۈر:يۇلتۇز تۈركۈمى]]
[[تۈر:قۇياش سىستېمىسى]]
[[تۈر:تۇرغۇن يۇلتۇزلار]]
1jp6il94etg2ynz51911wmgfo5lzlco
قېلىپ:Excellent Article/2025-05
10
23670
175771
175385
2026-05-06T00:50:59Z
Bapkar
1429
175771
wikitext
text/x-wiki
* [[1- ماي]] — [[1889]] - [[پارىژ]]دا [[ئىككىنچى ئىنتېرناتسيونال]] تەرىپىدىن [[خەلقئارالىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى]] ئېلان قىلىندى.
* [[2- ماي]] — [[1945]] - [[سوۋېت ئىتتىپاقى]] ئارمىيىسى [[بېرلىن|بېرلىننىڭ]] ئېلىنغانلىقىنى ۋە [[ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى]] ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
* [[3- ماي]] — [[1943]] - [[سوۋېت ئىتتىپاقى]] ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى [[شېڭ شىسەي|شېڭ شىسەيگە]] [[دۇشەنزى]] نېفىتلىكتىكى بارلىق سوۋېتلىك ئىشچى ۋە تېخنىكلەرنىڭ ھەمدە بارلىق سوۋېت پۇقراسى خادىملارنىڭ ئەتىدىن باشلاپ (4 - ماي) ئىشقا چىقمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
* [[4- ماي]] —
** [[1937]] - [[مەمتېلى تەۋپىق ئەپەندى]] قولغا ئېلىنغان.
**[[1919]] - [[بېيجىڭ]] شەھرىدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىش قىلدى: [[4 - ماي ياشلار ھەرىكىتى]].
* [[5- ماي]] — [[1260]] - [[قۇبىلاي]] [[موڭغۇل ئىمپېرىيىسى]] قاغانى بولدى.
* [[6- ماي]] — [[2014]] - [[گۇاڭجۇ پويىز ئىستانسى ۋەقەسى]]، گۇماندار مەمەتتوختى غۇجابدۇللاھ.
* [[7- ماي]] — [[1104]] - [[سەلجۇقىيلار|سەلجۇقىيلەر]] ھارران ئۇرۇشىدا ئەھلىسەبنى بۇزغۇنغا ئۇچراتتى.
* [[10- ماي]] — [[1865]] - [[قوقەند خانلىقى|قوقەند]] خانى [[ئالىمقۇلى خان]] دەپىن قىلىندى.
* [[14- ماي]] — [[2010]] - [[5 - ئىيۇل ۋەقەسى]] كەينىدىنلا پۈتۈن [[شىنجاڭ|ئۇيغۇر]] بويىچە ئېتىۋېتىلگەن ئىنتېرنېت قايتا ئېتىچېتىلدى.
* [[15- ماي]] — [[1871]] - [[چاررۇسىيە]] ئاتالمىش رۇس پۇقرا ۋە سودىگەرلىرىنى قوغداش، قاچقۇنلارنى تۇتۇش باھانىسىدە ئىلىغا ئەسكەر كىرگۈزۈپ، [[4 - ئىيۇل]] [[غۇلجا شەھىرى|غۇلجىنى]] بېسىۋالدى.
* [[16- ماي]] — [[1966]] - ئاتالمىش [[مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى]] رەسمىي باشلاندى ([[1976]] - يىلى [[6 - ئۆكتەبىر]] ئاياغلاشتى).
* [[17- ماي]] — [[1979]] - .
* [[18- ماي]] — [[1983]] - [[شىنجاڭ ئىشلەپچىقرىشى قۇرۇلۇش دېۋىزىيەسى خەلق قۇراللىق قىسىمى|بىڭتۈەن خەلق قۇراللىق قىسىمى]] قۇرۇلدى.
* [[19- ماي]] —
** [[1931]] — [[ما جوڭيىڭ]] ئاتالمىش «بۇيرۇققا بىنائەن» 36 - دېۋىزىيەنىڭ 500 ئەسكىرىنى باشلاپ [[قۇمۇل ۋىلايىتى|قومۇلغا]] چىقتى.
**[[1989]] - [[19 - ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى]] يۈز بەردى.
* [[20- ماي]] — [[1935]] — [[ما خۇسەن]] قوماندانلىقىدىكى يېڭى [[36 - دېۋىزىيە]] قەشقەر ئايرودرومىغا ھۇجۇم قىلدى.
**[[2006]] - [[ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى]] [[ج خ ج]] تۇنجى قېتىملىق دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددى مەدەنىي مىراس تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
**[[2021]] — [[لىتۋا]] پارلامېنتى ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان دېگەن قارارنى قوبۇل قىلدى.
* [[21- ماي]] — [[1947]] - [[مەسئۇت سابرى]] يېڭى قۇرۇلغان [[شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت]] رەئىسى سايلاندى.
* [[22- ماي]] — [[1934]] - [[ما فۇيۈەن]] [[قەشقەر يېڭىشەھەر]]دە قورشاۋدا قالغان [[ما جەنساڭ|ما جەنساڭنى]] قوتقۇزۇۋالدى. تۇنگانلار [[قىزىل ۋەقەسى|قىزىلنىڭ]] ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن قەشقەر كوناشەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ شەھەردىكى 2000 دىن 8000 غىچە پۇقرانى قىرغىن قىلدى.
* [[23- ماي]] — [[1893]] -
* [[24- ماي]] — [[1975]] - [[ش ئۇ ئا ر]] بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش باش ئىدارىسى قۇرۇلدى. [[1981]] - يىلى قالدۇرۇلدى.
* [[28- ماي]] — [[1947]] - [[مەسئۇت سابرى]] يېڭى قۇرۇلغان [[شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت]] رەئىسى بولدى.
* [[29- ماي]] — [[1957]] - [[قاراماي شەھىرى|قاراماي]] ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ قۇرۇلدى.
* [[30- ماي]] — [[2002]] - [[1877]] — [[يەتتىشەھەر]] ھۆكۈمدارى ئاتالىق غازى [[ياقۇب بەگ]] ئۆلدى.
lun43j5zpfsesx1pkzp4ddmxzdgs4z5
قانۇن
0
23719
175770
172761
2026-05-06T00:45:27Z
~2026-27373-86
25737
175770
wikitext
text/x-wiki
== ئەھدىنامە ==
'''[[مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش ئەھدىنامىسى]]'''
== خەلقئارا قانۇن ==
[[ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى]]
== خەلقئارا كېلىشىم ==
[[كيوتو كىلىشىمنامىسى]]
== خەلقئارا خىتابنامە ==
[[دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى]]
== دۆلەت قانۇنى ==
=== جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى ===
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بالا بېقىۋېلىش قانۇنى]]
[[ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى]]
[[ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باج ئېلىش - باشقۇرۇش قانۇنى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى]]
[[ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى|جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى]]
[[ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ]]
[[جۇڭخۇا خةلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئةمگةك توختام قانۇنى|جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىركەت قانۇنى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پاسپورت قانۇنى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى]]
[[سودىيىلەر قانۇنى|جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودىيەلەر قانۇنى]]
[[ئۇرۇقچىلىق قانۇنى|جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ كەسپى مائارىپ قانۇنى]]
[[ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى|ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ- تۇپراق ساقلاش قانۇنى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى]] (2002-12-28)
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى (2009-8-27)]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق مۇرەسسە قانۇنى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى]]
[[باھا قانۇنى|جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ باھا قانۇنى]]
[[توختام قانۇنى|جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ توختام قانۇنى]]
[[شەخسىي شېرىكسىز كارخانا قانۇنى|جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ شەخسىي شېرىكسىز كارخانا قانۇنى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى]]
[[ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قانۇنى|جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قانۇنى]]
[[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ- تۇپراق ساقلاش قانۇنى]]
[[دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى]]
== دۆلەت نىزامى ==
[[كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالىنى قوغداش نىزامى]]
[[ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى نىزامى]]
== يەرلىك قانۇن ==
[[شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى]]
[[ش ئۇ ئا ر مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي كوچا ۋە تارىخىي ئىمارەتلەرنى قوغداش نىزامى]]
[[شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش نىزامى]]
[[شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن–تېخنىكا جەمئىيىتى نىزامى]]
ad5x9ep2im70xggtnqa1uu2bh4k2d53
ئىشلەتكۈچى:Anlztrk/common.css
2
23848
175774
173567
2026-05-06T07:36:53Z
Anlztrk
5450
175774
css
text/css
@font-face {
font-family: 'Microsoft Uighur';
src: local('');
}
.mw-body h1, .mw-body-content h1, .mw-body-content h2 {
font-family: FreeSerif, 'Times New Roman', Times, serif;
}
html, body {
font-family: Arial,'Liberation Sans',Arimo,sans-serif;
}
5kpukwusz7ltcmk4iw733rplfvnlet7
175775
175774
2026-05-06T07:37:39Z
Anlztrk
5450
175775
css
text/css
@font-face {
font-family: 'Microsoft Uighur';
src: local('');
}
.mw-body h1, .mw-body-content h1, .mw-body-content h2 {
font-family: 'EB Garamond',Garamond,'Gentium Book Plus','Georgia Pro',Georgia,'Charis SIL Compact','Charis SIL',FreeSerif,'Times New Roman',Times,serif;
}
html, body {
font-family: Frutiger,'Segoe UI','Verdana Pro Cond',Tahoma,'Noto Sans',Inter,-apple-system,'SF Pro Text',Roboto,'Helvetica Neue',Helvetica,'Arial Nova',Arial,'Liberation Sans',Arimo,sans-serif;
}
i4oquz13i2euhttb18tbbrlq9dqilj4
175776
175775
2026-05-06T07:38:17Z
Anlztrk
5450
175776
css
text/css
@font-face {
font-family: 'Microsoft Uighur';
src: local('Verdana');
}
.mw-body h1, .mw-body-content h1, .mw-body-content h2 {
font-family: 'EB Garamond',Garamond,'Gentium Book Plus','Georgia Pro',Georgia,'Charis SIL Compact','Charis SIL',FreeSerif,'Times New Roman',Times,serif;
}
html, body {
font-family: Frutiger,'Segoe UI','Verdana Pro Cond',Tahoma,'Noto Sans',Inter,-apple-system,'SF Pro Text',Roboto,'Helvetica Neue',Helvetica,'Arial Nova',Arial,'Liberation Sans',Arimo,sans-serif;
}
3ff0ft74jmwtqf88ysjyygd4birmzrm
175777
175776
2026-05-06T07:39:19Z
Anlztrk
5450
175777
css
text/css
@font-face {
font-family: 'Microsoft Uighur';
src: local('') !important;
}
.mw-body h1, .mw-body-content h1, .mw-body-content h2 {
font-family: 'EB Garamond',Garamond,'Gentium Book Plus','Georgia Pro',Georgia,'Charis SIL Compact','Charis SIL',FreeSerif,'Times New Roman',Times,serif;
}
html, body {
font-family: Frutiger,'Segoe UI','Verdana Pro Cond',Tahoma,'Noto Sans',Inter,-apple-system,'SF Pro Text',Roboto,'Helvetica Neue',Helvetica,'Arial Nova',Arial,'Liberation Sans',Arimo,sans-serif;
}
qizjrh65fjwc2pfopi8wavry442ppv5
175778
175777
2026-05-06T07:41:34Z
Anlztrk
5450
175778
css
text/css
@font-face {
font-family: "Microsoft Uighur";
src: url("data:font/woff2;base64,d09GMgABAAAAA") format("woff2");
}
.mw-body h1, .mw-body-content h1, .mw-body-content h2 {
font-family: 'EB Garamond',Garamond,'Gentium Book Plus','Georgia Pro',Georgia,'Charis SIL Compact','Charis SIL',FreeSerif,'Times New Roman',Times,serif;
}
html, body {
font-family: Frutiger,'Segoe UI','Verdana Pro Cond',Tahoma,'Noto Sans',Inter,-apple-system,'SF Pro Text',Roboto,'Helvetica Neue',Helvetica,'Arial Nova',Arial,'Liberation Sans',Arimo,sans-serif;
}
69ormz73lxwcjutpehhe14uzl5kdfp4
175779
175778
2026-05-06T07:43:51Z
Anlztrk
5450
ئالماشتۇرۇلغان مەزمۇن '.* { font-family: Verdana, Arial, sans-serif; }'
175779
css
text/css
.* {
font-family: Verdana, Arial, sans-serif;
}
bmqniztcm72u6miz3k5xxdbhfh47mdr
175780
175779
2026-05-06T07:44:12Z
Anlztrk
5450
175780
css
text/css
.* {
font-family: Verdana, Arial, sans-serif !important;
}
7jzzh6y0g5lh8jypaili9czdek9c4sh
175781
175780
2026-05-06T07:44:34Z
Anlztrk
5450
175781
css
text/css
* {
font-family: Verdana, Arial, sans-serif !important;
}
e1lxhj4kf2c5ekhlalv1dt3qhd6m14i
175782
175781
2026-05-06T07:46:30Z
Anlztrk
5450
بەتنى قۇرۇقدا
175782
css
text/css
phoiac9h4m842xq45sp7s6u21eteeq1
دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى
0
24602
175772
2026-05-06T01:08:07Z
Bapkar
1429
دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى يوللاندى
175772
wikitext
text/x-wiki
= دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى =
(1988-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدا ماقۇللاندى)
== 1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ ==
1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاپ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلدى.
2-ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكى-دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئۇ، قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئاساسەن بەلگىلەنگەن، مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە مۇئەييەن دائىرىدىكى خادىملار بىلىش بىلەنلا چەكلىنىدىغان ئىش.
3-ماددا بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، سىياسىي پارتىيەلەر، ئىجتىمائىي گۇرۇھلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە گىراژدانلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار.
4-ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتىدە پائال ئالدىنى ئېلىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ھەم دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ھەم تۈرلۈك خىزمەتلەرگە قولايلىق بولۇش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ.
5-ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى مەملىكەت بويىچە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ناھىيەدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تارماقلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسى ئىچىدە ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسى ئىچىدە ئۆز سىستېمىسىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ ياكى ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
6-ماددا ناھىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىشلىق ئورۇنلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتى ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىپ ياكى مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ، ئۆز ئورگىنى ۋە ئۆز ئورنىدىكى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا دائىر كۈندىلىك خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ.
7-ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ۋە قوغداش شۇنداقلا مەخپىيەتلىك ساقلاش تېخنىكىسى ۋە تەدبىرلىرىنى ياخشىلا قاتارلىق جەھەتلەردە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ياكى شەخسلەر تەقدىرلىنىدۇ.
== 2-باب دۆلەت مەخپىيەتلىكىنىڭ دائىرىسى ۋە مەخپىيەتلىك دەرىجىسى ==
8-ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكى مۇشۇ قانۇننىڭ 2-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان تۆۋەندىكى مەخپىي ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1) دۆلەت ئىشلىرىدىكى چوڭ-چوڭ تەدبىرلەرگە دائىر مەخپىي ئىشلار؛
(2) دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ۋە قوراللىق كۈچلەرنىڭ پائالىيىتىدىكى مەخپىي ئىشلار؛
(3) دىپلوماتىيە ۋە تاشقى ئىشلار پائالىيىتىدىكى مەخپىي ئىشلار، شۇنداقلا چەت ئەللەر ئالدىدا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى ئۈستىگە ئېلىنغان ئىشلار؛
(4) خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مەخپىي ئىشلار؛
(5) پەن-تېخنىكىدىكى مەخپىي ئىشلار؛
(6) دۆلەتنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش پائالىيىتى ۋە جىنايى ئىشلار جىنايەتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشكە دائىر مەخپىي ئىشلار؛
(7) دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى بەلگىلىگەن دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە دائىر ئىشلار.
بۇ قانۇننىڭ 2-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرى دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرمەيدۇ.
سىياسىي پارتىيەنىڭ مەخپىي ئىشلىرىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 2-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە كىرىدۇ.
9-ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنىڭ مەخپىيلىك دەرىجىسى «مۇتلەق مەخپىي»،«قەتئىي مەخپىي»،«مەخپىي» دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
«مۇتلەق مەخپىي» دېگىنىمىز ئەڭ مۇھىم دۆلەت مەخپىيىتى بولۇپ، ئاشكارىلىنىپ قالسا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىنى پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدىغان مەخپىيەتلىك؛«قەتئىي مەخپىي» دېگىنىمىز، مۇھىم دۆلەت مەخپىيىتى بولۇپ، ئاشكارىلىنىپ قالسا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدىغان مەخپىيەتلىك؛«مەخپىي» دېگىنىمىز، ئادەتتىكى دۆلەت مەخپىيىتى بولۇپ، ئاشكارىلىنىپ قالسا، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان مەخپىيەتلىك.
10-ماددا دۆلەت مەخپىيىتى ۋە ئۇنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنىڭ كونكرېت دائىرىسىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا دىپلوماتىيە، ج خ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە باشقا مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.
دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتىكى دۆلەت مەخپىيىتى ۋە ئۇنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنىڭ كونكرېت دائىرىسىنى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بەلگىلەيدۇ.
دۆلەت مەخپىيىتى ۋە ئۇنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنىڭ كونكرېت دائىرىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر مۇناسىۋەتلىك دائىرىدە ئېلان قىلىنىدۇ.
11-ماددا ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئورۇنلىرىدىكى دۆلەت مەخپىيىتىگە دائىر ئىشلارنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسى دۆلەتنىڭ مەخپىيىتى ۋە ئۇنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنىڭ كونكرېت دائىرىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.
دۆلەت مەخپىيىتى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى ۋە قايسى خىلدىكى مەخپىيەتلىك دەرىجىسىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغان ئىشلارنىڭ دۆلەت مەخپىيىتى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى ۋە ئۇنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنى دۆلەت مەخپىيەتلىك خىزمىتى تارماقلىرى، ئۆلكىلىك ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى، ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەرلەر ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن چوڭراق شەھەرلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ئورگانلار بەلگىلەيدۇ. مەخپىيەتلىك دەرىجىسى بېكىتىلىشتىن ئىلگىرى مەخپىيەتلىككە دائىر ئىشلار كۆرۈلگەن ئورگان ۋە ئورۇنلار ئۆزلىرى بەلگىلىگەن مەخپىيەتلىك دەرىجىسى بويىچە ئالدىنئالا مەخپىيەتلىك ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى لازىم.
12-ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغان ھۆججەت، ماتېرىياللارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 9-، 10-، 11-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەخپىيەتلىك دەرىجە بەلگىسى قويۇلىدۇ، دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرمەيدىغانلارغا دۆلەتنىڭ مەخپىي ھۆججىتى ۋە ماتېرىيالى دېگەن بەلگە قويۇلمايدۇ.
13-ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغان ياكى كىرمەيدىغانلىقى، قايسى خىلدىكى مەخپىيەتلىك دەرىجىسىگە كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا تالاش-تارتىش بولغانلىرىنىڭ دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغان-كىرمەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى بەلگىلەيدۇ.
14-ماددا ئورگان، ئورۇنلار دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە دائىر ئىشلارنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنى بېكىتىشتە، ئەھۋالغا قاراپ مەخپىيەتلىك ساقلاش مۇددىتى بېكىتىش كېرەك. مەخپىيەتلىك ساقلاش مۇددىتىنى بېكىتىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى بەلگىلەيدۇ.
15-ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە دائىر ئىشلارنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مۇددىتى ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ۋاقتىدا ئۆزگەرتىلىشى كېرەك. مەخپىيەتلىك دەرىجىسى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مۇددىتىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا مەخپىيەتلىك دەرىجىسى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مۇددىتىنى بەلگىلىگەن ئەسلىدىكى ئورگان ۋە ئورۇنلار قارار چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرى قارار چىقارسىمۇ بولىدۇ.
16-ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە دائىر ئىشلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش مۇددىتى توشقاندا، مەخپىيەتلىكى ئۆزلۈكىدىن ئەمەلدىن قالىدۇ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مۇددىتى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، مەخپىيەتلىك دەرىجىسى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مۇددىتىنى بەلگىلىگەن ئەسلىدىكى ئورگان، ئورۇنلار ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرى قارار چىقىرىدۇ.
دۆلەت مەخپىيىتىگە دائىر ئىشلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش مۇددىتى ئىچىدە داۋاملىق مەخپىي تۇتۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىسا، مەخپىيەتلىك دەرىجىسى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مۇددىتىنى بەلگىلىگەن ئەسلىدىكى ئورگان، ئورۇن ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرى ۋاقتىدا مەخپىيەتلىكنى بىكار قىلىشى كېرەك.
== 3-باب مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تۈزۈمى ==
17-ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە دائىر ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملارنى تەييارلاش، ئېلىپ تارقىتىش، يەتكۈزۈش، ئىشلىتىش، كۆپەيتىش، قىسقارتىپ كۆچۈرۈش، ساقلاش ۋە كۆيدۈرۈۋېتىش توغرىسىدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش-ئېلىش، بىر تەرەپ قىلىش، يەتكۈزۈش چارىسى توغرىسىدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.
18-ماددا مۇتلەق مەخپىي دەرىجىلىك دۆلەتنىڭ مەخپىي ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملىرىدا تۆۋەندىكى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرلىرى قوللىنىلىشى كېرەك:
(1) مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنى بېكىتكەن ئورگان، ئورۇن ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ كۆپەيتىشكە ۋە قىسقارتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ؛
(2) ئېلىش-تارقىتىش، يەتكۈزۈش ۋە سىرتقا ئېلىپ چىقىشنى بەلگىلەنگەن خادىملار ئۈستىگە ئېلىشى ھەمدە زۆرۈر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللىنىلىشى كېرەك؛
(3) ئۈسكۈنىلىرى مۇكەممەل بولغان بىخەتەرلىك قۇرۇلمىلاردا ساقلىنىشى كېرەك. كۆپەيتىش، كۆچۈرۈش تەستىقلانغان مۇتلەق مەخپىي دەرىجىلىك دۆلەتنىڭ مەخپىي ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملىرىدا ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرلىرى قوللىنىلىشى كېرەك.
19-ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغان ئۈسكۈنە ياكى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىشلەش، يۆتكەش، ئىشلىتىش، ساقلاش، رېمونت قىلىش ۋە كۆيدۈرۈۋېتىش توغرىسىدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
20-ماددا گېزىت-ژۇرنال، كىتاب، خەرىتە، سۈرەتلىك ماتېرىيال، ئۇنئالغۇ، سىنئالغۇ بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، تارقىتىشتا ۋە رادىيو پىروگراممىسى، تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى، كىنو ئىشلەش ۋە قويۇشتا، مۇناسىۋەتلىك مەخپىيەتلىكنى ساقلاش بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويماسلىق لازىم.
21-ماددا تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقتا دۆلەت مەخپىيىتىگە دائىر ئىشلارنى ئېيتىشقا توغرا كەلسە، بەلگىلىمىدىكى تەرتىپلەر بويىچە ئالدىنئالا تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.
22-ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغان مەزمۇنغا ئىگە يىغىن ۋە باشقا پائالىيەتلەردە باشقۇرغۇچى ئورۇن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى ھەم يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ھەققىدە تەربىيە بېرىشى، كونكرېت تەلەپلەرنى بەلگىلىشى كېرەك.
23-ماددا ھەربىي ئىشلاردا چەكلەنگەن رايون ۋە دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلمىگەن باشقا مەخپىي سورۇن، ئورۇنلىرىدا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرلىرى قوللىنىلىشى، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەستىقلىتىلغاندىن باشقىلىرى ئۆز مەيلىچە سىرتقا ئېچىۋېتىلمەسلىكى ياكى ئېچىۋېتىش دائىرىسى كېڭەيتىلمەسلىكى كېرەك.
24-ماددا شەخسىي ئالاقە ۋە ئالاقىلىشىش ئىشلىرىدا دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغان ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملارنى ئېلىپ سىرتقا چىقىشتا، مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا دائىر بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ.
ئاممىۋى سورۇنلاردا دۆلەت مەخپىيىتى ئۈستىدە سۆزلىشىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
25-ماددا سىملىق ۋە سىمسىز ئالاقە ئىشلىرىدا دۆلەت مەخپىيىتىنى يەتكۈزۈشتە، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.
ئاشكارا شىفىر ياكى مەركەزدىكى ئالاقىدار ئورگانلار تەكشۈرۈپ تەستىقلىمىغان مەخپىي شىفىر ئارقىلىق دۆلەت مەخپىيىتىنى يەتكۈزۈشتە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئادەتتىكى پوچتا ئارقىلىق دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغان ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا ماددىي نەرسىلەرنى يەتكۈزۈشتە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
26-ماددا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغان ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرۈشكە، يەتكۈزۈشكە، چېگرادىن ئېلىپ چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
27-ماددا دۆلەت مەخپىيىتى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەلۇم دائىرىدىكى خادىملارنىڭ بىلىشى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، مۇتلەق مەخپىي دەرىجىلىك دۆلەت مەخپىيىتىنى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈلگەن خادىملارنىڭلا بىلىشىگە بولىدۇ.
28-ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە دائىر ئىشلارنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىنىدىغان مەخسۇس خادىملار دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى ۋە كادىرلار ئىشلىرىغا مەسئۇل تارماقلارنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىلىشى كېرەك.
دۆلەت مەخپىيىتىگە دائىر ئىشلارنى باشقۇرىدىغان مەخسۇس خادىملار چېگرادىن چىقىشتا ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى تەستىقلىغان ئورگانلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك؛ گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار باشقۇرغۇچى ئورگانلىرى چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ ياكى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان كەلتۈرىدۇ، دەپ قارىغان خادىملارنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى تەستىقلاشقا بولمايدۇ.
29-ماددا ئورگان ۋە ئورۇنلار خىزمەتچى خادىملارغا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشى كېرەك.
30-ماددا دۆلەت خىزمەتچىلىرى ياكى باشقا گىراژدانلار دۆلەت مەخپىيىتى ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقى ياكى ئاشكارىلىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى سەزگەندە، دەرھال قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى ھەم ئالاقىدار ئورگان ۋە ئورۇنلارغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك، ئالاقىدار ئورگان ۋە ئورۇنلار خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
== 4-باب قانۇنىي جاۋابكارلىق ==
31-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ قەستەن ياكى سەۋەنلىك بىلەن دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلارنىڭ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 618-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغان، لېكىن جىنايى ئىشلار جازاسى بېرىشكە توشمايدىغانلارغا ئەھۋالغا قاراپ مەمۇرىي چارە كۆرۈلسە بولىدۇ.
32-ماددا چەت ئەلدىكى ئاپپارات، تەشكىلات ۋە خادىملارغا دۆلەت مەخپىيىتىنى ئوغرىلاپ بەرگەن، ئۇقۇشۇپ بەرگەن، سېتىپ بەرگەن ۋە قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بەرگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
== 5-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ ==
33-ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.
34-ماددا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش نىزامىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
35-ماددا بۇ قانۇن 1989-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 9511-يىلى 6-ئايدا ئېلان قىلىنغان «دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق نىزام» شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
92jmy8evv2xodo6hmpkro1hmzcl249b