Wikipedia ugwiki https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA MediaWiki 1.47.0-wmf.9 first-letter ۋاسىتە ئالاھىدە مۇنازىرە ئىشلەتكۈچى ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى Wikipedia Wikipediaمۇنازىرىسى ھۆججەت ھۆججەت مۇنازىرىسى MediaWiki MediaWiki مۇنازىرىسى قېلىپ قېلىپ مۇنازىرىسى ياردەم ياردەم مۇنازىرىسى تۈر تۈر مۇنازىرىسى TimedText TimedText talk Module Module talk Event Event talk ئۇيغۇرچە تور لۇغەت ۋە تور تەرجىمە بېكەتلىرى 0 18013 176193 174145 2026-07-01T20:44:15Z ~2026-37671-17 25971 add new sources 176193 wikitext text/x-wiki '''1. لۇغەت تورى''' https://lughet.com/ '''2. ئەۋلاد كۆپ تىللىق لۇغىتى''' https://www.ewlat.biz/ug '''3. ئوكيانۇس خەزىنىسى''' https://uyghur-language.github.io/ '''4. گوگۇل تەرجىمە''' https://translate.google.com.tr/?sl=ug&tl=en&op=translate '''5. ئىزچى تور لۇغىتى''' https://izqi.org/ '''6. ئۇيغۇر قامۇسى''' https://wiki.uygur.com/ '''7. كۆپ تىللىق تور لۇغىتى''' https://lughet.org/ '''8. Turkiclex كۆپ تىللىق تۈركىي تىللار لۇغىتى''' https://turkiclex.com/ == مەنبەلەر == {{Reflist}} {{stub}} ppipky6oar0m4zv1xjfz0jnr5d37gd8 گوۋۇيۈەن (جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ھۆكۈمىتى) 0 19037 176194 168983 2026-07-02T06:09:19Z HyBoxwood 25973 [[w:zh:Template_talk:中华人民共和国国徽#編輯請求_2026-04-17_将svg替换为File:中華人民共和國國徽.svg]] 176194 wikitext text/x-wiki [[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى]] گوۋۇيۈەنى ([[ئۇيغۇرچە]] باشقىچە ئاتىلىشى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت كېڭىشى، مىنىسترلا مەھكىمىسى، گوۋيۈەن، گوۋيەن ؛ [[ئىنگلىز تىلى|ئېنگلىزچە]]: State Council of the People's Republic of China،؛ ئاددىيلاشتۇرۇلغان [[خەنچە]]: 中华人民共和国国务院) دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى ۋە دۆلەتنىڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنىدۇر. {| class="wikitable" |+جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى | colspan="2" |جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت كېڭىشى |- | colspan="2" |[[ھۆججەت:中華人民共和國國徽.svg|thumb|جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بەلگىسى]] |- ! colspan="2" |ئورگان ئومۇمىي ئەھۋالى |- !شەكىللەنگەن |1954-يىلى 27-سېنتەبىر |- !ئالدىنقى ئورگان | * ھۆكۈمەت باشقۇرۇش كېڭىشى نىڭ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى |- !تىپ |ئىجرائىيە تارمىقى بولغان مەركەز ھۆكۈمەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىگە مەسئۇل دۆلەتنىڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنىدۇر |- !ھوقۇق تىرىرتوريەسى |جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى |- !باش شىتابى |[[بېيجىڭ شەھىرى|بېيجىڭ]]، [[جوڭنەنخەي]] ، دۆلەت كېڭىشى زالى |- !شۇئارى |« خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش » |- !يىللىق خامچوت |2 تىرىليون 700 مىليارد دوللار (2019) |- !ئورگان مەسئۇللىرى | * [[لى كېچياڭ]] ، باش مىنىستىر * [[خەن جېڭ]] ، [[سۈن چۈنلەن|سۈن چۈن]]لان ، خۇ چۈنخۇا ، [[ليۇ خې]] ، مۇئاۋىن باشلىقلار * ۋېي فېڭخې ، ۋاڭ يوڭ ، ۋاڭ يى ، جاۋ كېجى ، دۆلەت كېڭەش ئەزالىرى |- !شۆبە ئاپپاراتلىرى | * دۆلەت مەجلىسىنىڭ باش ئىشخانىسى * كابىنېت دەرىجىلىك تارماقلار |- !تور بېكەت |English.gov.cn |} === ھەققىدە === [[ھۆججەت:Li Keqiang-19052015.png|thumb|باش باقان لى كېچىياڭ (2013-2023)]] جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى ۋە دۆلەتنىڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنىدۇر. ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، 1954-يىلى ئېچىلغان 1-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا گوۋۇيۈەن تەسىس قىلىنغان. === تەركىبى قىسمى === گوۋۇيۈەن باش باقان، مۇئاۋىن باش باقانلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، مىنىستىرلىكلەرنىڭ مىنىستىرلىرى، كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش ۋە باش كاتىپتىن تەركىب تاپىدۇ. گوۋۇيۈەندە باش باقان مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. مىنىستىرلىك-كومىتېتلاردا مىنىستىر ۋە مۇدىرلار مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. === ھوقوقلىرى === گوۋۇيۈەن دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى چىقارغان ئاساسىي قانۇن، قانۇن ۋە قارارلارنى ئىجرا قىلىشقا بىر تۇتاش مەسئۇل بولىدۇ، گوۋۇيۈەن تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ: ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي تەدبىرگە ئاساسەن، مەمۇرىي قانۇن-نىزام چىقىرىش، قارار ۋە بۇيرۇقلارنى ئېلان قىلىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا تەكلىپ سۇنۇش؛ مىنىستىرلىك، كومىتېتلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلەپ، مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش ھەمدە مەملىكەت بويىچە مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتلارغا تەۋە بولمىغان مەمۇرىي خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش؛ مەملىكەت بويىچە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، مەركەز ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى كونكرېت ئايرىشنى بەلگىلەش؛ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، شۇنىڭدەك دۆلەت خام چوتىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش؛ ئىقتىسادىي خىزمەتكە ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش؛ مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش؛ خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى ۋە مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش؛ تاشقى ئىشلارنى باشقۇرۇش؛ چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامە ۋە كېلىشىم تۈزۈش؛ دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش؛ مىللەتلەر ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى ۋە مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛ جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش؛ مىنىستىرلىك، كومىتېتلار ئېلان قىلغان نامۇۋاپىق بۇيرۇق، يوليورۇق ۋە بەلگىلىمىلەرنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ رايونغا ئايرىلىشىنى تەستىقلاش، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەر، ناھىيىلەرنىڭ تۈزۈلمىسى ۋە رايونغا ئايرىلىشىنى تەستىقلاش؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ دائىرىسىدىكى قىسمەن رايونلاردا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىش؛ مەمۇرىي ئاپپاراتلارنىڭ شتاتىنى بېكىتىش، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي خادىملارنى تەيىنلەش-قالدۇرۇش، تەربىيىلەش، باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش-جازالاش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزۈش. === ۋەزىيە مۇددىتى === گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. باش باقان، مۇئاۋىن باش باقانلار ۋە دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرىنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. === تارماق ئاپپاراتلىرى === گوۋۇيۈەن تەسىس قىلىش ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن تەركىبىگە كىرىدىغان تارماقلار ( 27 )، گوۋۇيۈەننىڭ بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئاپپارات ( 1 )، گوۋۇيۈەنگە بىۋاستە قاراشلىق ئاپپاراتلار ( 16 ) گوۋۇيۈەننىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى ( 4 )، گوۋۇيۈەنگە بىۋاستە قاراشلىق كەسپىي ئورۇن ( 17 ) گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلار باشقۇرىدىغان دۆلەت ئىدارىسى ( 22 ) ، گوۋۇيۈەننىڭ كېڭىشىش - ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتى ( 33 ) قاتارلىق ئورۇنلار تەسىس قىلىندى. ==== جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ==== جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ھەمكارلىشىپ گوۋۇيۈەننىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئاپپاراتى. 11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا تەستىقلانغان گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھىسى ۋە « گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى » نى گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى تەسىس قىلىندى، مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ مەسلىھەتچىلىك، ياردەمچىلىك ۋە تۈگۈنلۈك رول ئوينايدۇ. يېتەكچىلىك قىلىشتىن، مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى. ==== گوۋۇيۈەننىڭ تەركىبىدىكى تارماقلار ==== جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى دىپلوماتيە مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى مائارىپ مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى دۆلەت مىللەت ئىشلىرى كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى دۆلەت خەۋىپىسىزلىكى مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى مەمۇرى تەپتىش مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ئەدلىيە مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى،جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى سۇچىلىق مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى سودا مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى جۇڭگۇ خەلق بانكىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ئىقتىسادي تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىقلار. ==== گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئاپپاراتى ==== گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى  10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا تەستىقلانغان گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى ۋە « گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى » دا، گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قارايدىغان مىنىستىرلىك دەرىجىلىك ئالاھىدە ئاپپاراتى تەسىس قىلىنغان. ==== گوۋۇيۈەنگە بىۋاستە قاراشلىق ئورگان ==== جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى تاموژنا باش مەھكىمىسى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى، دۆلەت سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە كارانتىن - پىرىيوم باش ئىدارىسى، رادىئو - كىنو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات باش مەھىكىمىسى ( دۆلەت نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسى )، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، مەملىكەتلىك ساياھەت ئىدارىسى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، گوۋۇيۈەن مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئورگانلار خوجىلىق ئىدارىسى، دۆلەت چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسى گوۋۇيۈەنگە بىۋاستە قاراشلىق ئاپپاراتلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىغا قوشۇپ ۋىۋىسكا ئېسىلدى. ==== گوۋۇيۈەننىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى ==== گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ - ئاۋمىن ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارلىقلار.   ==== گوۋۇيۈەنگە بىۋاستە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار ==== شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادېمىيىسى، جۇڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى، جۇڭگۇ قۇرۇلۇش پەنلىرى ئاكادىمىيسى، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقاتى مەركىزى، دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنىستىتۇتى، جۇڭگۇ يەر تەۋرەش ئىدارىسى، جۇڭگۇ مېتېئورولۇگيىە ئىدارىسى، جۇڭگۇ بانكىچىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگۇ ئاكسيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگۇ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، دۆلەت ئېلېكتر ئىنرگىيە نازارەت قىلپ باشقۇرۇش كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئىجتمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشى،  دۆلەت تەبئىي پەنلەر فوندى كومىتېتى قاتارلىقلار.   ==== گوۋۇيۈەننىڭ ئىلىكتىرۇن تەرەققىياتى گورۇپپىسى ئىشخانىسى ==== گوۋۇيۈەننىڭ ئىلىكتىرۇن تەرەققىياتى گورۇپپىسى ئىشخانىسىنى، ھازىر دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى باشقۇرغاندىن باشقا، ھەممىسى گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي تارماقلىرى باشقۇرىدىغان دۆلەت مەمۇرىي ئاپپاراتى « گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي ئاپپاراتلىرى ۋە ئىشتاتىنى باشقۇرۇش نىزامى » نىڭ 6 - ماددىسىدا، « گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي ئاپپاراتلىرى فونكىسيىسىگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن تەركىبىگە كىرىدىغان تارماقلار، گوۋۇيۈەنگە بىۋاستە قاراشلىق ئورگان، گوۋۇيۈەننىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي تارماقلىرى باشقۇرىدىغان دۆلەت مەمۇرىي ئاپپاراتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ كېڭىشىش - ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتى » ، « گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي تارماقلىرى باشقۇرىدىغان دۆلەت مەمۇرىي ئاپپاراتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ تەركىبىدىكى تارماقلارنى باشقۇرۇش، ئالاھىدە مۇلازىمەتكە  مەسئۇل، مەمۇرىي باشقۇرۇش فۇنكسىيىسىنى يۈرگۈزىدۇ. » ==== گوۋۇيۈەننىڭ كېڭىشىش - ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى ==== گوۋۇيۈەننىڭ كېڭىشىش - ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي ئاپپاراتلىرى فۇنكسىيىسىنىڭ بىر تارمىقى. گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي ئاپپاراتلىرى مۇھىم كەسپىي خىزمەتلەرنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىدىن ھالقىغان خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. === تۈزۈمى === ==== باش باقان جاۋابكارلىق تۈزۈمى ==== باش باقان گوۋۇيۈەننىڭ خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش، باش باقان گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ؛ مۇئاۋىن باش باقانلار، دۆلەت كومىسسارلىرى باش باقاننىڭ خىزمىتىگە ياردەملشىدۇ، ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى، مىنستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسى بانكا باشلىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى بىلەن بىللە باش باقان ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ خىزمىتىدىكى چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرنى، باش باقان ئەڭ ئاخىرقى تەدبىر بەلگىلەشكە ئىگە؛ باش باقان قىلىشقا ھوقۇقلۇق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى مۇئاۋىن باش باقان ئوتتۇرىغا قويغان، دۆلەت كومىسسارى، مىنستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسى بانكا باشلىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى، گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەش - قالدۇرۇش توغرىسىدا. گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان قارار، بۇيرۇق ۋە مەمۇرى نىزاملارغا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىغا سۇنغان تەكلىپ، ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، مەمۇرىي خادىملار، چوقۇم باش باقانلىرى ئىمزا قويىدۇ، ئىقتىدار قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. ==== يىغىن تۈزۈمى ==== گوۋۇيۈەننىڭ يىغىنى « گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇمىي يىغىنى »، « گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى » ۋە « باش باقان ئىش بېجىرىش يىغىنى ». گوۋۇيۈەننىڭ خىزمىتىدىكى چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرنى، چوقۇم گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇمى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىدۇ. ==== تەشكىلات - كادىرلار تۈزۈمى ==== جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىق مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى باشقۇرىدۇ. === كونا باش باقانلار === جۇ ئېنلەي (1898-1976)، 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1954-9-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشىنىڭ باش باقانلىرى بولغان. ==== گوۋۇيۈەننىڭ باش باقانلىرى ( 1954 - يىلى ھازىرغىچە ) ==== * جۇ ئېنلەي ( 1898-1976 )، 1954-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 1959-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە بىرىنچى قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. 1959-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 1965-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە، ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. 1965-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1975-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە ئۈچىنچى قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. 1975-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 1976-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن ھەمدە ۋەزىپىدىكى چېغىدا ۋاپات بولغان. <br /> * خۇا گوفېڭ (1921-2008 )، 1976-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 1976-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە مۇۋەققەت باش باقان بولغان. 1976-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 1978-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ۋەزىپىدە ئولتۇرغان. 1978-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. <br /> * جاۋ زىياڭ (1919-2005 )، 1980-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 1983-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە باش باقانلىق ئورنىغا تەيىنلەنگەن. 1983-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 1987-يىل 11-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە ۋەزىپىدە ئولتۇرغان. <br /> * لى پېڭ (1928-)، 1987-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 1988-يىلى 4-ئاينىڭو 13-كۈنىگىچە مۇۋەققەت باش باقانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 1988-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 1993-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1993-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە سەككىزىنچى قېتىملىق گوۋۇيۈەننىڭ باش باقانلىرى بولغان. <br /> * جۇ رۇڭجى (1928-)، 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە 9- قېتىملىق گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلسى بولغان. <br /> * ۋېن جياباۋ (1942-)، 2003-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 16كۈنىگىچە 10-قېتىملىق گوۋۇيۈەننىڭ باش باقانلىرى بولغان. 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە 11-قېتىملىق گوۋۇيۈننىڭ باش باقانلىرى بولغان. * لى كېچياڭ (1955-يىلى 7-ئاي )، 2013-يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن ھازىرغىچە 12-قېتىملىق گوۋۇيۈننىڭ باش باقانلىرى بولغان. === مەنبە === # تور دۇنياسى == مەنبەلەر == {{Reflist}} {{stub}} mpkh4vxd7tsiw4knvib6t1ffhp7huej