Wikipedia
ugwiki
https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA
MediaWiki 1.48.0-wmf.1
first-letter
ۋاسىتە
ئالاھىدە
مۇنازىرە
ئىشلەتكۈچى
ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى
Wikipedia
Wikipediaمۇنازىرىسى
ھۆججەت
ھۆججەت مۇنازىرىسى
MediaWiki
MediaWiki مۇنازىرىسى
قېلىپ
قېلىپ مۇنازىرىسى
ياردەم
ياردەم مۇنازىرىسى
تۈر
تۈر مۇنازىرىسى
TimedText
TimedText talk
Module
Module talk
Event
Event talk
زاڭزۇچە
0
6870
176667
170541
2026-10-30T00:19:22Z
InternetArchiveBot
17756
Rescuing 1 sources and tagging 0 as dead. #IABot (v2.0.9.6)
176667
wikitext
text/x-wiki
{| class="wikitable" border="1" align="right" cellpadding="4" cellspacing="0" width="300" style="margin: 0 0 1em 1em; background: ; border: 1px #aaa solid; border-collapse: collapse; font-size: 100%;"
! colspan="2" align="center" bgcolor="" style="border-bottom:3px" |<font size="+1">'''زاڭزۇچە'''</font><br><font size="+0">'''བོད་སྐད་'''</font><br><font size="+0">'''藏语'''</font>
|-
| colspan="2" |
{| class="sortable"
| width="50%" |<center>[[ھۆججەت:Standard Tibetan name.svg|200px]]</center><center>[[زاڭزۇ يېزىقى]] بىلەن يېزىلغان «زاڭزۇچە» (བོད་སྐད་) سۆزى</center>
|-
| colspan="2" |
{| class="sortable"
| width="50%" |[[ھۆججەت:Lhasa Tibetan language distribution.svg|300px]]<center>زاڭزۇچە ئىشلىتىدىغان جاي</center>
|}
|-
{| class="sortable"
|-
|- style="background: #0099ff; color:#ffffff"
| align="center" colspan=2 style="border-bottom:3px" bgcolor="" | <font size="+1">'''ھالەت'''
|-
|ئانا تىل جايى
|{{PRC}}<ref name="Ethnologue_bod">Lewis, M. Paul, Gary F. Simons, and Charles D. Fennig (eds.). 2013. [http://www.ethnologue.com/language/bod Ethnologue: Languages of the World, Seventeenth edition.] {{Wayback|url=http://www.ethnologue.com/language/bod |date=20131203084856 }} Dallas, Texas: SIL International.</ref>
|-
|ئىشلىتىلىدىغان ئادەم سانى
|6 مىليون (2014- يىلى)<ref name=speakers/>
|}
|}
|}
'''زاڭزۇچە''' ([[زاڭزۇچە]]: '''བོད་སྐད་''' ، [[خەنزۇچە]]: '''藏语''') ، '''[[زاڭزۇ]]''' لارنىڭ '''[[تىلى]]'''。 ئاساسلىقى [[جۇڭگو]] مەملىكىتىنىڭ [[شىزاڭ ئاپتونوم رايونى]] ۋە [[چىنخەي]] ، [[سىچۇئەن]] ، [[گەنسۇ]] ، [[يۈننەن]] قاتارلىق ئۆلكىلىرى ۋە [[ھىندىستان]] ، [[نىپال]] ، [[بۇدان]] (卫藏)<ref>羊忠旦增. 藏语三大方言比较研究[D]. 中央民族大学, 2013.</ref>。 تىبەت تىلى [[ۋىرزاڭ]]<ref name="xhw">{{cite news|url=http://www.jl.xinhuanet.com/2012jlpd/2013-09/18/c_117421446.htm|title =中国移动:打造高原上最优质通信品牌|quote=同时在员工招聘时,特意招收了懂康巴语、安多语、卫藏语的话务员,('''科学家''')为农牧区的群众带去了更多的便利。|date=2013-09-18|publisher =新华网|archiveurl =https://web.archive.org/web/20131225085637/http://www.jl.xinhuanet.com/2012jlpd/2013-09/18/c_117421446.htm|archivedate=2013-12-25|accessdate=2013-12-24}}</ref><ref name="yjf">{{cite web|author=杨俊峰|date=1998|title=藏语广播语言规范化之浅见|url=http://www.cnki.net/KCMS/detail/detail.aspx?QueryID=13&CurRec=5&dbcode=CJFQ&dbname=CJFD9498&filename=XZYJ199804018&urlid=&yx=&v=MDA0OTFNcTQ5RWJJUjhlWDFMdXhZUzdEaDFUM3FUcldNMUZyQ1VSTG1lWmVSckZDdmxXN3pLUFRmU1pMS3hGOW4=|journal=西藏研究》(TIBETAN STUDIES)|publisher=|volume=04|quote=如卫藏语以拉萨为标准音,安多以青海、夏河牧区为标准,康巴也找出自己的标准音。在三种标准音中找出一个方言为基础,按语法规则实现藏民族的共同语——普通话。我认为这是有可能的。|accessdate=2013-12-22|archive-date=2021-05-07|archive-url=https://web.archive.org/web/20210507141404/https://www.cnki.net/KCMS/detail/detail.aspx?QueryID=13&CurRec=5&dbcode=CJFQ&dbname=CJFD9498&filename=XZYJ199804018&urlid=&yx=&v=MDA0OTFNcTQ5RWJJUjhlWDFMdXhZUzdEaDFUM3FUcldNMUZyQ1VSTG1lWmVSckZDdmxXN3pLUFRmU1pMS3hGOW4%3D}}</ref> ، [[كىئاڭ]] (康)<ref name="xhw"/><ref name="yjf"/> ، [[ئاڭدو]] (安多)<ref name="xhw"/><ref name="yjf"/> دىگەن ئۈچ شىۋىسى بار<ref>{{cite news|url=http://cn.zyw.xizang.gov.cn/xzwh/xzwh_895/202006/t20200628_159678.html|title=藏语方言|date=2020-06-28|publisher=西藏藏语言文字网|access-date=2024-11-18|archive-date=2025-04-13|archive-url=https://web.archive.org/web/20250413221431/http://cn.zyw.xizang.gov.cn/xzwh/xzwh_895/202006/t20200628_159678.html|url-status=dead}}</ref>。
'''[[زاڭزۇ يېزىقى]]''' ، [[زاڭزۇچە]] نىڭ يېزىقچىلىق سىستېمىسى بولۇپ ، كلاسسىك زاڭزۇ تىلى تەلەپپۇزىغا ئاساسەن بېكىتىلگەن يېزىق شۇنداقلا پۈتكۈل زاڭزۇ بېرما تىلىدىكى ئەڭ بالدۇر يېزىقلارنىڭ بىرى。 تىبەت تىلى 7-ئەسىر [[سۇمزاڭانبو]] (松赞干布王) دەۋرىدىن باشلاپ يېزىقى بار بولغان ، دانىشمەن تونمى.زانبوجا (吞米·桑布扎) ھىندىستاڭھا بېرىپ قايتقاندا ئىشتىراك قىلغان。 30ئۈزۈك تاۋۇش ۋە 4 سوزۇق تاۋۇشى بار.تىلشۇناسلار دائىم لاتىن يېزىقىدا خاتىرىلەيدۇ ، بىرقەدەر كەڭ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل [[يۇتوڭچۇئان]] (于道泉) لاھىيىسىدۇر ، بۇنىڭدا پەقەت26لاتىن ھەرپى بار ، باشقا بەلگە قوشۇش بىھاجەت。
2014-يىلى پۈتۈن دۇنيادا زاڭزۇچە ئانا تىل قىلغانلار ئالتە مىليونغا يەتتى<ref name=speakers>{{cite book |given= Nicolas |surname= Tournadre |chapter= The Tibetic languages and their classification |pages= 103–129 |title= Trans-Himalayan Linguistics: Historical and Descriptive Linguistics of the Himalayan Area |editor1-given=Thomas |editor1-surname=Owen-Smith |editor2-given=Nathan W. |editor2-surname=Hill |publisher=De Gruyter |year=2014 |isbn= 978-3-11-031074-0 }} ([http://www.nicolas-tournadre.net/wp-content/uploads/multimedia/2014-The_Tibetic_languages.pdf preprint] {{Wayback|url=http://www.nicolas-tournadre.net/wp-content/uploads/multimedia/2014-The_Tibetic_languages.pdf |date=20210228070133 }})</ref>。
== ئۈلگە ==
{|
|-
!زاڭزۇچە!! !!ئۇيغۇرچە
|-
|| <div style="direction:ltr; ">
འགྲོ་བ་མིའི་རིགས་རྒྱུད་ཡོངས་ལ་སྐྱེས་ཙམ་ཉིད་ནས་ཆེ་མཐོངས་དང༌། ཐོབ་ཐངགི་རང་དབང་འདྲ་མཉམ་དུ་ཡོད་ལ། ཁོང་ཚོར་རང་བྱུང་གི་བློ་རྩལ་དང་བསམ་ཚུལ་བཟང་པོ་འདོན་པའི་འོས་བབས་ཀྱང་ཡོད། དེ་བཞིན་ཕན་ཚུན་གཅིག་གིས་གཅིག་ལ་བུ་སྤུན་གྱི་འདུ་ཤེས་འཛིན་པའི་བྱ་སྤྱོད་ཀྱང་ལག་ལེན་བསྟར་དགོས་པ་ཡིན༎</div>
||
|| ھەممە ئادەم زاتىدىنلا ئەركىن، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھوقۇقتا بابباراۋەر بولۇپ تۇغۇلغان. ئۇلار ئەقىلغە ۋە ۋىجدانغا ئىگە ھەمدە بىر-بىرىگە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە خاش روخ بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
|-
|}
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[تۈر:خەنزۇ-زاڭزۇ تىللىرى]]
js51uiiem17fkqb9pnnwkm2zvk8p5dj
Concepción, Chile
0
12296
176665
132676
2026-10-29T23:13:53Z
InternetArchiveBot
17756
Rescuing 1 sources and tagging 0 as dead. #IABot (v2.0.9.6)
176665
wikitext
text/x-wiki
<div style="direction:ltr; font-family:tahoma">
[[ھۆججەت:Concepcion-Chile(001).jpg|right|thumb|250px|{{PAGENAME}}]]
'''Concepción''' ([[IPA]]: [kon.sepˈsjon]) bolsa [[Biobío]], [[چىلى|Chile]] dikibixahar [[2002]] nopus bar, Concepciónning 216,061 nopusibar, 221.6 km² dairaiqida nopus jaylaxkan. [http://tools.wikimedia.de/~magnus/geo/geohack.php?language=en¶ms=36_46_22_S_73_03_47_W 36° 46' 22" S 73° 03' 47" W]
[https://web.archive.org/web/20100211124604/http://www.concepcion.cl/ concepcion.cl]
[http://commons.wikimedia.org/wiki/Concepcion,_Chile Commons:Concepción]
<references/>
[[تۈر:چىلى]]
slkzq4pye0wgai9x8pht187ry85qqy7
دورائېمون
0
20808
176666
172898
2026-10-30T00:07:29Z
InternetArchiveBot
17756
Rescuing 1 sources and tagging 0 as dead. #IABot (v2.0.9.6)
176666
wikitext
text/x-wiki
'''دورائېمون''' ([[ياپونچە]] ドラえもん، [[ئىنگلىزچە]] Doraemon) [[فۇجىكو ف فۇجىئو]] (藤子·F·不二雄) نىڭ چاتما فانتازىيەلىك كارتون كىتابى بولۇپ، 1969-يىلدىن 1996-يىلغىچە 1345 پارچە كىتاب (جەمئىي 45 بۆلۈم) توختىماي ئېلان قىلىنغان. 1996-يىلى مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى فۇجىكو ف فۇجىئو ئالەمدىن كېيىنمۇ ئاپتورنىڭ شاگىرتلىرى تەرىىپىدىن ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى توختىماي ئېلان قىلىنىپ تۇرغان.
==پېرسوناژ ھەققىدە==
دورائېمون مەزكۇر ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى. كەلگۈسىدىن كەلگەن مۈشۈك شەكىللىك ماشىنا ئادەم. قورسىقىدىكى تۆت ئۆلچەملىك سومكىسىدا ھەر خىل كەلگۈسى زامان تېخنىكىسىغا تەۋە جابدۇقلار بولۇپ، دائىم ئاشۇ جابدۇقلار ئارقىلىق نوبىتاغا ياردەم قىلىدۇ.
دورائېموننىڭ ئەسلى رەڭگى سېرىق، قۇلىقىمۇ بار بولۇپ، زاۋۇتتىن چىقىش جەريانىدا بىر تال ۋىنتىسى كەم بولغانلىقتىن بەز ئىقتىدارلىرى نورمال ئەمەس. شۇڭا ماشىنا ئادەم يەرمەنكىسىدە ھېچكىم ئۇنى سېتىۋېلىشنى خالىمايدۇ. ئاخىرىدا بىر بوۋاق (نوبىتانىڭ نەۋرىسى) ئۇقۇشماي كۇنۇپكىنى بېسىپ قېلىپ ئۇنى سېتىۋالىدۇ. كېيىن ئۇنىڭ قۇلىقىنى چاشقان غاجىلاپ بۇزۇپ قويىدۇ. دورائېموننىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، دېڭىز بويىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز يىغلاپ سىرلىرى چۈشۈپ ھازىرقىدەك كۆك ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ.
دورائېمون دېگەن بۇ ئىسىمدىكى «دورا» سۆزى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك پۇرچاق تورتى (ياپونچىدىكى تەلەپپۇزى دوراياكى، Dorayaki ،どら焼き) نىڭ ئالدىنقى بۆلىكى، يەنە بەزىلەر ياۋا مۈشۈك (دورانىكو どら猫 Doraneko) نىڭ ئالدىنقى بۆلىكى دېيىشىدۇ. ئىلگىرى ئىزچىل ئالدىنقى قاراش بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن، كېيىن ئاپتور ئۆزى چۈشەنچە بېرىپ كېيىنكى قاراشنى توغرا دەپ كۆرسەتكەن. «ئېمون» بولسا ياپون تىلىدىكى «قوغدىغۇچى» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش بولۇپ، نوبىتانى قوغداش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئاپتور ئۇنىڭغا مۇشۇ ئىسىمنى قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاپتور نەشىرىياتتىن ئىسىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن باشقا ئىسىملار بىكار قىلىنغان. كېيىنچە بارلىق تەرجىمە نۇسخىلىرىمۇ ئاپتور بېكىتكەن ئىسىمنى قوللىنىشقا باشلىغان.
==ئېرىشكەن شەرەپلەر==
[[ياپونىيە]]دە دورائېموننىڭ ئورنى ئامېرىكىدىكى چاشقان [[مىكى]]يدەك ئۈستۈن. ھەتتا پۈتۈن دۇنيادا ئۇنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق دېيەرلىك. 2002-يىلى [[ئامېرىكا]] دەۋىر ھەپتىلىكى تەرىپىدىن ئاسىيا قەھرىمانى دەپ سايلانغان ھەم بۇ نامغا ئېرىشكەن بىردىنبىر مەۋھۇم پېرسوناژ، شۇنداقلا بىردىنبىر [[ياپونىيە]] كارتون پېرسوناژى. 2012-يىلى دورائېمونغا رەسمىي ھالدا كاناگاۋا ناھىيەسى كاۋاساكى شەھىرىنىڭ ئالاھىدە گىراژدانى دەپ نام بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە يەنە 100 يىل قالغانلىقى خاتىرىلەنگەن. (ئەسەردە دورائېمون 2112-يىلى دۇنياغا كەلگەن دېيىلگەن) بۇ خىل ھۆرمەت ۋە ئىمتيازلارغا ياپونىيە كارتونلىرى ئىچىدە پەقەت دورائېمونلا ئېرىشكەن.
==سىرتقى ئۇلىنىش ==
* [https://web.archive.org/web/20050415040355/http://www.tv-asahi.co.jp/doraemon/ '' دورېمون'' رەسمىي تېلېۋىزىيە ئاساخى تور بېكىتى]
* [https://web.archive.org/web/20141129122837/http://www.doraemon.com/ '' دورېمون'' ئامېرىكا رەسمىي تور بېكىتى]
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[سەھىپە: ماڭگا]]
[[Category:كارتون]]
nx3b5f9tiqz5kv3z1ia6xo0r2jzultr
يۆياڭ
0
21958
176668
170289
2026-10-30T00:53:06Z
InternetArchiveBot
17756
Rescuing 1 sources and tagging 0 as dead. #IABot (v2.0.9.6)
176668
wikitext
text/x-wiki
يۆياڭ ([[خەنزۇچە]]: 岳陽) خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىغا جايلاشقان. ئەمىنىيە دەۋرىدە چۇ بەگلىكىگە قاراشلىق بولغان. جىن سۇلالىسىدىن باشلاپ بالىڭ ناھىيىسى قۇرۇلۇپ، ۋىلايەت، ئايماق، مەھكىمە، ناھىيە تۇرۇشلۇق جاي قىلىنغان
[[File:Frontal_view_of_Yueyang_Tower,_Hunan,_China1.jpg|250px|thumb|]]
=='''تەرەققىيات تارىخى'''==
خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىغا جايلاشقان. ئەمىنىيە دەۋرىدە چۇ بەگلىكىگە قاراشلىق بولغان. جىن سۇلالىسىدىن باشلاپ بالىڭ ناھىيىسى قۇرۇلۇپ، ۋىلايەت، ئايماق، مەھكىمە، ناھىيە تۇرۇشلۇق جاي قىلىنغان. چۇ مەدەنىيىتى بىلەن بەييۆ مەدەنىيىتى بىرىككەن جاي. بۇ جايدىكى چيۇياڭ راۋىقى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى. بۇ يەردە يەنە يۆجۇ كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، سىشى مۇنارى، لۇ سۇ قەبرىسى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار.
=='''مەمۇرىي رايونلار'''==
يۆياڭ قاراشلىق يۆياڭ راۋىقى رايونى، يۈن شى رايونى، پادىشاھ تاغلىق رايونلىرىنى، شياڭيىن ناھىيەسى، يۆياڭ ناھىيەسى ، خۇارۇڭ ناھىيە سى، پىڭجياڭ ناھىيەسى قاتارلىق تۆت ناھىيە، مىلو شەھىرى، لىنشياڭ شەھىرى ئىككى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، دۆلەت دەرىجىلىك يۆياڭ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تەسىس قىلىندى. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭ لىڭجىغىچە پورتقا يېقىن كەسىپ يېڭى رايون، يۆياڭ نەنخۇ كۆلى مەنزىرىلىك رايونى ۋە چۈ يۈەننىڭ باشقۇرۇش رايونى ، ئومۇمىي كۆلىمى 15019 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇس 5 مىليون 951 مىڭ 100، بۇلار ئىچىدە، بازار نوپۇسى 2 مىليون 925 مىڭ 800 ئادەم.
=='''جۇغراپىيىلىك مۇھىتى '''==
===جۇغراپىيىلىك ئورنى===
يۆياڭ شەھىرى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىي بۇرجىكىگە جايلاشقان، بۇ يەر « خۇنەن شەرقىي شىمال ئىشىكى » ھېسابلىنىدۇ . شىمالىي كەڭلىك 28°25′33″~29°51′00″، شەرقىي ئۇزۇنلۇق112°18′31″~114°09′06″ ئارىلىقىدا بولىدۇ . شەرقىي جياڭشى ئۆلكىسى بىلەن قوشنا ، تۇڭگۇ ، شيۇشۇي ناھىيەسى ۋە خۇبىي ئۆلكىسى توڭچىڭ ناھىيەسى ؛ جەنۇبىي خۇنەن ئۆلكىسى ليۇياڭ شەھىرى، چاڭشا شەھىرى، ۋاڭچېڭ رايونى؛ غەربتە خۇنەن ئۆلكىسى يۈئەنجاڭ شەھىرى، ۋە پىڭنەن ناھىيەسى قارايدۇ، ئەن ناھىيەسى؛ شىمالىي خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ چىبى، خوڭخ، جيەنلى، شىشۇ ناھىيە ( شەھەر ). شەھەر توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان 177.84 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنىسىغا كەتكەن157.87 كىلومېتىر . يەر كۆلىمى 15087 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، پۈتۈن ئۆلكە ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ % 7.05 بولۇپ . شەھەرلەرنىڭ پىلانلانغان رايونى كۆلىمى 854 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر قۇرۇلغان رايون كۆلىمى 88 كۇۋادىرات كىلومېتىر .
===يەر شەكلى===
يۆياڭ شەھىرى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىي بۇرجىكىگە جايلاشقان، ئوراپ تۇرىدۇ ، پىنلىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ بويىدا بولۇپ ، شىمالدا چوڭ تۈزلەڭلىك ھاسىل بولغان . ، جۇغراپىيلىك ئورنى شەرقىي ئۇزۇنلۇق ° 10 ′ 112 32 114 3 ° 6 ′ 9 ″ بولىدۇ ، شىمالىي كەڭلىك 28 ° 25 ″ 33 ′ 29 ° 48 ′ ″ 27 ئوتتۇرىسىدىكى ، شەرقتە جياڭشى ، خۇبېي ئۆلكىلىرىدىكى ، شىمالىي چاڭجياڭ - خەنجياڭ تۈزلەڭلىكى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ ، غەربىي تەرىپى خۇبېي تاش غارى قوشنا . شەھەر بويىچە ئومۇمىي كۆلىمى 15 مىڭ كۋادرات كىلومېتر ، تېرىلغۇ كۆلىمى 4 مىليون 500 مىڭ موغا يەتتى .
===ئىقلىم شارائىتى===
يۆياڭ شەھىرى شەرقىي ئاسىيا مۇسسۇن شامىلى كىلىمات رايونى ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، كىلىماتى ئوتتۇرا سۇبتروپىك بەلباغ شىمالى سۇبتروپىك بەلباغنىڭ ئۆتكۈنچى خاراكتېر، نەم قۇرۇقلۇق پەسىل بورىنى كېلىماتىغا تەۋە. ئۇنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى : ئىللىق، نەم، تۆت پەسىل ئېنىق. پەسىل خاراكتېرلىكى كۈچلۈك؛ ئىسسىقلىق مىقدارى مول ، قەھرىتان سوغۇق مەزگىلى قىسقا، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق، ئەتىيازلىقى تېمپېراتۇرا كۆپ، تومۇز ئىسسىق؛ ھۆل - يېغىن يېتەرلىك , يامغۇر پەسلى روشەن، ھۆل - يېغىن مەركەزلەشكەن؛ « قۇرۇقلۇق شامىلى » ئەۋج ئېلىپ، « دۇڭتىڭخۇ كۆلىدە كۈز ئېيى ». كۆل رايونىنىڭ ئىقلىمى ئوخشاش، تاغلىق رايونلارنىڭ كىلىماتى چوڭ پەرق قىلىدۇ.
===سۇ رايى ئالاھىدىلىكى ===
يۆياڭ شەھىرى سۇ سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، كۆللەر ناھايىتى كۆپ ، دەريا - ئۆستەڭلەر تورلاشقان ، 165 كىچىك كۆل بار، 280 دىن ئارتۇق چوڭ - كىچىك دەريا ئېقىپ دۇڭتىڭخۇ كۆلى بىلەن چاڭجياڭ دەرياسى . دۇڭتىڭخۇ كۆلى ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆل ، كۆلنىڭ كۆلىمى 2691 كۋادرات كىلومېتىر ، ئومۇمىي سىغىم ، 17 مىليارد كۇب مىتېر ، شەرقىي غەرب , جەنۇبىي دۇڭتىڭخۇ كۆلى . دۇڭتىڭخۇ كۆلى كۆلىمى تەخمىنەن 1328 كۋادرات كېلومىتىر يۆياڭ شەھىرى تەۋەسىدە . شەرقىي دۇڭتىڭخۇ كۆلى ۋە دۇڭتىڭخۇ كۆلىدىن ئىبارەت كۆل تۈركۈمى ئىچىدە ئەڭ چوڭ ، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان تەبىئىي پەسىللىك كۆل ، دۇڭتىڭخۇ كۆلى ئىگىلەيدۇ ، ئومۇمىي سۇ بولۇپ ، ئۇنىڭ سۇ يۈزى كۆپ قىسىم يۆياڭ تەۋەسىگە جايلاشقان .
=='''تەبىئىي بايلىقلىرى'''==
===يەر بايلىقى===
20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى يېزا ئىگىلىكىنى رايونلارغا ئايرىش بويىچە ھېسابلىغاندا، يۆياڭ شەھىرى يەر بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئەھۋالى ، 5 مىليون 521 مىڭ 900 مو تېرىلغۇ يەر ، ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ 24.64% ، بۇنىڭ ئىچىدە 3 مىليون 917 مىڭ 200 مو سۇلۇق ئېتىز ، قۇرغاق يەرلەرگە بىرمىليون 604 مىڭ 700 مو ؛ ئورمان 8 مىليون 462 مىڭ 500 مو ، %37.77 نى ئىگىلىدى؛ باغ 511 مىڭ 600 مو ، باشقا تارماقلارنىڭكى % 2.28 نى ؛ ئوتلاق 231 مىڭ 700 مو بولۇپ % 40.29 سۇ يۈزى 3 مىليون 804 مىڭ 700 مو بولۇپ ،% 16.98 ئاشقان ؛ باشقا يېرىنى 3 مىليون 894 مىڭ 200 مو ،% 17.38 نى ئىگىلەيدۇ .
تۇپراق تەۋەسىدە 8 خىل تۇپراق تۈرى، 21 كەنجى تۈرى، 76 تۇپراق ئۇرۇقدىشى ، 222 تۇپراق تۈرى ، 400 دىن ئارتۇق ئۆزگەرگەن تۈر قاتارلىقلار.
===مىنېرال بايلىقى===
يۆياڭ شەھىرى تەۋەسىدە كان بايلىقى بىر قەدەر مول، كان بايلىقى، 200 گە يېقىن جايدا كان نۇقتىسىدىن ئومۇمىي رۇدا ئېلىش، ئۇنىڭ تۈرى تۆت تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ : بىرىنچىسى، مېتال قېزىلما بايلىق، ئالتۇن بار، قوغۇشۇن، ۋانادىي، ئۇنى ھامان بىر تەڭلىمە بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ، مانگان، مىش، ۋولفروم، قەلەي ( Sn )، سۈرمە قاتارلىقلار بار. ئىككىنچى، غەيرىي مېتال قېزىلما بايلىقى، دولومىت بار، كۋارتس، كالىيلىق دالا شپاتى، لار ۋە كالتسىي، ئوتقا چىداملىق سېغىز توپا، كائولىن توپىسى، بارىت، ئاق چىرىمتال، ئۇششاق تاش ، تورف، مەرمەر تېشى، تاش مۇم، گىرانىت، ھاك تاش، ئىسلىق كۆمۈر قاتارلىقلار بار. ئۈچىنچى، ئاز ئۇچرايدىغان يېنىك سىرەك يەر مېتال قېزىلما بايلىق، نىئوبىي بار، تانتال ( Ta )، نەشتەر ( جۇڭگو تېبابىتىدە قان ئېلىش يىڭنىسى )، لىتىي، ( Rb ) روبىدىي، سېزىي، مۇنازېت، قاتارلىقلار بار. تۆتىنچى، يەر ئاستى مېنىرال سۇ بىلەن ئىسسىق سۇ، چېگرا ئىچىدىكى مىنېرال ئىچىملىك ئۆلچىمىگە يەتتى ، 30 غا يېقىن ؛ 10 نام بېرىش ئۆلچىمىگە يەتتى يېقىن ، بۇنىڭ ئىچىدە ئارشاڭ بىلەن ئاتالغاندىن ئىككىسى، تارقالغان ئورنى ، يۆياڭ ، مىلو ، خۇارۇڭ ، پىڭجياڭ قاتارلىق جايلار.
===سۇ بايلىقى ===
يۆياڭ شەھىرى سۇ سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان، دەريا، كۆللەر كۆپ، يامغۇر مىقدارى يېتەرلىك، چېگرىدىن ئۆتۈش مىقدارى چوڭ، سۇ بايلىقى مول.
يەر ئۈستى سۈيىنىڭ : كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن ئومۇمىي مىقدارى 1373مىللىمىتېر، يىللىق سىرغىم مىقدارى9 مىليارد 521 مىليون كۇب مېتىر.
===ئورمان بايلىقى===
ئىككىلەمچى بەلباغ كۆكىرىپ تۇرىدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان يۆياڭ راۋىقى رايونى كىلىماتى ئوتتۇرا سۇبتروپىك بەلباغنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. ئۆسۈملۈك خىللىرى كۆپ، ئۆرنەك ئۆسۈملۈك 80 ئائىلىسى 200 گە يېقىن كۆپ خىل تۈرلىرى. ياغاچ غوللۇق دەرەخ بولۇپ، ئاساسلىقى، قارىغاي ئائىلىسى قىل يوپۇرماقلىق قارىغاي، دېڭىز بويى قارىغىيى، زەرناپ، شەمشاد ئائىلىسى شەمشاد، كامفورا ئائىلىسىدىكى كامفورا دەرىخى، ئاق دۇب دەرىخى ئائىلىسىگە كىرىدىغان، ھەرەچىشسىمان دۇب دەرىخى، ئاچچىق كاشتان، تۈكلۈك كاشتان قاتارلىقلار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شاپتۇل، ئەينۇلا دەرىخى، ئاپلىسىن، ئۈجمە دەرىخى قاتارلىقلار بار. چاتقال ئاساسلىق لوروپېتالۇم دەرىخى ھامامېلىس دەرىخى ئائىلىسى بار، كاككۇك ئائىلىسى لالىگۈل كاككۇكگۈلنىڭ بىر خىلى، ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى مالىنا، دولانا دەرىخى ۋە مېۋىسى، ئىلېكس ئائىلىسى دەرىخى. تاغ ئارىلىقى شەھەر رايونىغا يېقىن، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى، ئىپتىدائىي ئېكولوگىيىلىك تىپى ئاساسەن سۈنئىي ئورنىنى ئالدى، تۈر توپى ئاساسلىقى كۆڭلەك، ياغاچ غوللۇق دەرەخ، زەرناپ، چەت ئەل كامفورا دەرىخى. ئۇنىڭدىن باشقا، جامائەت كوچا دەرەخلەر شەكىللەنگەن كوچا ئورمان بەلۋېغى شۇنداقلا سۈنئىي ئۇسۇلدا بىنا قىلىنغان بىر ئاساسلىق ئىپادىلىنىش شەكلى.
===جانلىقلار بايلىقى===
دۇڭتىڭخۇ كۆلى يۆياڭ رايونىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان، شەرقىي دۇڭتىڭخۇ كۆلى دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بىر قىسمى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، ياۋايى ھايۋان بايلىقى ئىنتايىن مول. ئاپتونوم رايون بويىچە ياۋايى ھايۋانلار 30 ئەترىتى،
69 ئائىلىسى، 110 تۈر بار. دۆلەت بويىچە 1 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئاق تۇرنا، ئاق باش تۇرنا، يىلپىز، دۆلەت تەرىپىدىن 2 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن 26 ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان 53 خىلى بار. يۆياڭدىكى دۇڭتىڭخۇ كۆلى سۇكۆلىمى % 60، شەرقىي دۇڭتىڭخۇ كۆلى نەم يەر « خەلقئارا نەم يەر ئەھدىنامىسى »، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان
قۇش 7 خىل، 2 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان 37 خىلى بار؛ دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئىككى خىل بېلىق، 2 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ؛ دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان سۇدا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار؛ دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئۈچ خىل ، 2 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان 31 خىل ھايۋان بار؛
=='''ئىقتىسادىي ئەھۋالى '''==
2014 - يىلى ، نېفىت خىمىيە سانائىتى ئىككى زاۋۇتنىڭ ئىش توختىتىپ رېمونت قىلىنىشى، تاشقى مۇھىت مۇرەككەپ كەسكىن بولىۋاتقان ئەھۋالدا ، يۆياڭ شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، « مۇقىم ئېشىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتە يېڭى، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەر، ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇش، « بىر »، پۈتۈن شەھەر ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەپ، ئىلگىرىلەش داۋامىدا سەرخىللاشقان تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.
( 1 ) ئۈچ كەسىپنى مۇقىم راۋاجلاندۇرۇش
1. يېزا ئىگىلىكى. يۆياڭ شەھىرى، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 44 مىليارد 530 مىليون يۈەن، % 4.6 ئاشتى، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن ئۆسۈشىدە ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاشلىق مەھسۇلاتى % 2.7 ئاشتى ، قوتاندىن قوي ( ئۆچكە ) ، % 1.5 ئاشتى ، سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى % 9.1 ئاشتى.
2 . سانائەت جەھەتتە . كۆلەملىك سانائەت قوشۇلما قىممىتى % 9.2 ئاشتى 2011 - ئايغىچە 0.9 پىرسەنت پوئىنتى ئۆستۈرۈش كېرەك . ئايرىپ قارىغاندا ، يېنىك سانائەتنىڭ % 12.2 ئېشىپ ، ئېغىر سانائەتنىڭ % 7.3 ئاشتى . تارماق مۈلۈكچىلىكى قارىغاندا ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا سانائەت % 14.1 ئاشقان ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك سانائەت ،% 5.6 تۆۋەنلەيدۇ . ئىگىلىك تۈرىدىن قارىغاندا ، پاي تۈزۈمىدىكى كارخانا % 7.9 ئاشتى ، چەتئەل سودىگەرلىرى ۋە شياڭگاڭ ، ئاۋمېن ، تەيۋەنلىك سودىگەرلەر مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ سانائىتى % 12.1 ئاشۇرۇلغان ؛ باشقا ئىقتىسادىي تىپتىكى سانائەتنىڭ % 17.3 كۆپەيدى . تەۋەلىك ئايرىپ قارىغاندا ، ۋازارىتى سانائىتى % 8.8 ئازايدى ، يەرلىك سانائەتنىڭ % 13 ئاشتى . كارخانا كۆلىمى قارىغاندا ، شەھەر بويىچە چوڭ ، ئوتتۇرا تىپتىكى سانائەت % 4.8 ئاشتى ، ئوتتۇرا ، كىچىك ۋە مىكرو سانائەت % 13.5 ئاشقان .
3. باشلاپ مۇلازىمەت كەسپى . 15 كەسىپ چوڭ تۈرلىرى بارلىق ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە پۇل مۇئامىلە كەسپى ، % 20.3 ئاشتى، ئاممىۋى ئىدارە قىلىش، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات ، % 20.8 ئاشتى . يۆياڭ شەھىرىنىڭ 3 - كەسپنىڭ باج 5 مىليارد 255 مىليون يۈەن ، 11.8 % ئاشتى ، بارلىق باج كىرىمىنىڭ ئېشىشى، 3 - كەسىپنىڭ باج پۇتۇن باجنىڭ % 27.4 ، ٪ 2.7 يۇقۇرى بولغان باج كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى .
( 2 ) ئۈچ چوڭ ئېھتىياج بىلەن بىرلىكتە تۈرتكە بولۇش
1. سېلىنما مەبلەغ . بىر يىلدا تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش 179 مىليارد 13 مىليون يۈەن ، % 20.5 ئېشىپ ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 6.2 ئۆستۈرۈش كېرەك . تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش ، % 20.6 ئاشتى ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 6.2 ئۆستۈرۈش ؛ ئۆي - زېمىن تەرەققىيات كارخانىسى مەبلەغ سېلىنىپ ، % 19.9 ئاشتى ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 6.0 پىرسەنت پوئېنتى تېزلەتتى.
2 . ئىستىمال قىلىش ئەھۋالى . ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 88 مىليارد 31 مىليون يۈەنگە يېتىپ % 12.6 ئاشتى ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 1.1 پىرسەنت پوئېنتى ئۆستۈرۈش . بۇنىڭ ئىچىدە ، توپ تارقىتىش كەسپى % 10.4 ئاشتى ، پارچە سېتىش كەسپى % 13.5 ئاشتى ، مېھمانخانا ساھەسىنىڭ % 11.4 ئاشقان ، يېمەك - ئىچمەك % 11.7 ئاشتى .
3. تاشقى ئەھۋالى . شەھەر بويىچە ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى بىر مىليارد 566 مىليون يۈەن ، % 21.7 ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 30.5 پىرسەنت پوئېنتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇلار ئىچىدە، ئىمپورت سوممىسىبىر مىليارد 534 مىليون يۈەن ، 38 تۆۋەنلەپ كەتتى؛ ئېكسپورت سوممىسى 3 مىليارد 332 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، % 9.119 ئورۇندالدى . ئاكتىپ بالانىس 1 مىليارد 798 مىليون يۈەن .
( 3 ) ئۈچ تۈرلۈك كىرىمنى ئاشۇرۇش
1. كارخانىنىڭ كىرىمى . شەھەر كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي تىجارەت كەسپىينىڭ كىرىمى 461 مىليارد 647 مىليون يۈەن ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 1.6 ئاشتى ، ئاساسىي تىجارەت كەسپىي تەننەرخى 400 مىليارد 632 مىليون يۈەن ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6.7 ئاشتى ، پايدا ئومۇمىي سوممىسى 11 مىليارد 540 مىليون يۈەنگە يەتتى .
2. ھۆكۈمەت كىرىمى. يۆياڭ شەھىرى ئاممىۋى مالىيە خامچوت كىرىمى 25 مىليارد 635مىليون يۈەن ، % 0.1 ئاشقان . يەرلىك مالىيە خامچوت كىرىمى 12 مىليارد 174 مىليون يۈەن ، % 14.9 ئاشتى ، يەرلىك ئاممىۋى مالىيە خامچوت كىرىمى ، جامائەت مالىيە خامچوت كىرىمى ئىگىلىگەن نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6.1 پىرسەنت ئۆستۈرۈش .
3 . ئاھالىلەر كىرىمى . پۈتۈن بىر يىلدا شەھەر - بازار ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 23121 يۈەن ۋە 11062 يۈەن بولۇپ ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا % 9.1 ئاشتى ۋە % 11.4 ئاشتى . شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى بانكىغا ئامانەت قويغان پۇلنىڭ قالدۇقى 96 مىليارد 85 مىليون يۈەن ، يىل بېشىدىكىدىن10 مىليارد222 مىليون يۈەن ، % 11.9 ئاشقان .
=='''قاتناش ئەھۋالى'''==
===سۇ يولى قاتنىشى ===
خۇنەن يۆياڭ بىردىنبىر دەريا بويىغا جايلاشقان پورت شەھىرى، چېڭ لىڭجى پورتى چاڭجياڭ دەرياسىدىكى سەككىز چوڭ پورتلارنىڭ بىرى. 1992– يىلى، چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى يۆياڭ گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن بېكىتكەن تۇنجى تۈركۈمدىكى تاشقى نۇقتىلىق ئېچىۋېتىلگەن شەھەر، يۆياڭ چېڭ لىڭجى پورتى خېلىلا بۇرۇن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يەنى خۇنەن تېلۋىزىيە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش تاموژنا ئورگىنى تەسىس قىلىنغان بىردىن بىر پورتى.
===تۆمۈر يول قاتنىشى===
ناھىيە تەۋەسىدە بېيجىڭ - گۇاڭجۇ تۆمۈريولى، بېيجىڭ - گۇاڭجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، جىڭيۆ تۆمۈريول ( قۇرۇلۇش )، يۆچاڭ تۆمۈريول ( يىرىك پىلان )، يۆيى تۆمۈريول خۇارۇڭ بۆلىكى، يۆجىيۇ تۆمۈر يولى ( يىرىك پىلان )، يۆجى تۆمۈر يولى ( يىرىك پىلان ) قاتارلىقلار بار.
===تاشيول قاتنىشى===
يۆياڭ شەھىرى چېگرىسى ئىچىدىكى ئاساسلىق بېيجىڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، بېيجىڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن قوش يۆنىلىشى، سۈيجۇ - يۆياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، خاڭجۇ - رۈيلى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، يۆ يى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، يۆ رۇجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، يۆچاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك ، شىخۋا تېز سۈرئەتلىك، يۆ توڭ تېز سۈرئەتلىك، 107 دۆلەت تاشيولى، 308 - ئۆلكە تاشيولى، بەش يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول.
=='''سىرتقى ئۇلىنىش'''==
*[https://web.archive.org/web/20151102213838/http://www.yueyang.gov.cn/ 岳陽市人民政府]
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[Category:جۇڭگونىڭ شەھىرى]]
q6mvyxqcxxoqyi6oo3by98n2u3js3qm
ئىشلەتكۈچى:Nurokresh
2
22238
176669
158350
2026-10-30T08:57:20Z
CommonsDelinker
100
Removing [[:c:File:ئەتلەس.jpg|ئەتلەس.jpg]], it has been deleted from Commons by [[:c:User:Túrelio|Túrelio]] because: [[:c:COM:L|Copyright violation]]: https://www.alamy.com/classic-traditional-uzbek-fabric-khan-atlas-is-made-from-uzbek-cocoons-of-the-silk
176669
wikitext
text/x-wiki
ئەتلەستىكى قىممەت ۋە سەنئەت
(مۇھەممەدئىمىن سابىر)
ئەتلەس ئۇيغۇر قول ھۈنەر مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە ھېلىھەم كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ كەلگەن توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتى. ئاپتورنىڭ 15 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيانقى ئىزدىنىشلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھازىر ئەتلەس توقۇلمىلار ساپ يىپەك ئەتلەس، ئارىلاش توقۇلما (ساپ يىپەك - سۈنئىي يىپەك ئارىلاش) ئەتلەس، سۈنئىي يىپەك ئەتلەس، ئەنئەنىۋى تەبىئىي بوياق ئەتلەس، زەرلىك (كالۋۇتونلۇق) ئەتلەس، باشقا ئەتلەس (ئەتلەس شارپا، ئەتلەس ياستۇق قېپى، ئەتلەس قولياغلىق) توقۇلمىلاردىن ئىبارەت ئالتە خىل مەھسۇلات تۈرى، 26 خىل ئاساسى گۈل نۇسخىىسى،31 خىل قېرىنداش گۈل نۇسخىسىغا مەنسۇپ بولغان 145 خىل رەڭ تۈرىدە ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ خام ئەشيا پەرقى، بوياق ماتېرىيال پەرقى، شەكىل پەرقى قاتارلىقلارنى ھېسابقا ئالغاندا ئەتلەس ۋە ئەتلەس ئائىلىسىدىكى توقۇلما مەھسۇلاتلار 620 خىلدىن ئاشىدۇ.
ئەتلەس بىر خىل نوقۇل سەنئەت بۇيۇمى ئەمەس، ئۇ ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ كىيىنىش ئېھتىياجىنى قامدايدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى. لېكىن، ئەتلەس يۈزىدە سەرخىل رەڭلەرنى ۋاسىتە قىلىپ ئىپادىلەنگەن خىلمۇخىل گۈل، نەقىش، ئوبراز ۋە شەكىللەرگە يۈكسەك بەدىئىي سەنئەت مۇجەسسەملەنگەن. شۇڭا ئۇ، مۇئەييەن ئىقتىسادىي قىممەت ۋە ئىستېمال ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يۇقىرى بەدىئىي ئالاھىدىلىك ۋە سەنئەت قىممىتىگە ئىگە.
1. ئەتلەسنىڭ گۈل - نەقىش ئالاھىدىلىكى ۋە بەدىئىي سەنئەت قىممىتى
ئەتلەسنىڭ گۈل - نەقىشلىرى قويۇق يەرلىك پۇراق،كۈچلۈك مىللىي خاسلىققا ئىگە. ئۇ، «رەڭ چېگرىسى ئېنىقسىز بولۇش ئۇسۇلى» ئارقىلىق ئىجاد قىلىنغان تۇتۇق تەسۋىر ئۇسلۇبىدىكى بەدىئىي سەنئەت ئەسىرىدۇر. بۇ قاراشلىرىمىزنى تۆۋەندىكىدەك جەھەتلەردىن دەلىللەشكە بولىدۇ.
ئەتلەس گۈل - نەقىشلىرىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان گۈل- نەقىش ئۆرنەك ئوبيېكتلىرىنى مۇنداق بىر قانچە تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
تەبىئەت جىسىملىرى ۋە تەبىئىي ھادىسىلەر ئۆرنەك قىلىنغان گۈل- نەقىشلەر؛ ھىلال ئاي، يۇلتۇز، كەلكۈن، بۇلۇت، چاقماق شەكىل كۆرۈنۈشلىرى:
دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەر ئۆرنەك قىلىنغان گۈل نەقىشلەر: بادام، ئامۇت، ئالما گۈل قاتارلىقلار؛
ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ئۆرنەك قىلىنغان گۈل -نەقىشلەر؛ ئورغاق گۈل، زەنجىرگۈل، مويىنكەش گۈل، موكا گۈل قاتارلىقلار ؛
ئادەم ئەزالىرى ئۆرنەك قىلىنغان گۈل - نەقىشلەر: يۈرەك (قوش يۈرەك)گۈل؛
ھايۋان ئەزالىرى ئۆرنەك قىلىنغان گۈل- نەقىشلەر؛ قوچقىراق (مۈڭگۈز) گۈل، بۆرەك گۈل، كەكلىك قېشى گۈل، ئۇي كۆزى گۈل، قوي كۆزى گۈل، تۆگە ئىزى گۈل قاتارلىقلار؛
بېزەك بۇيۇملىرى ئۆرنەك قىلىنغان گۈل- نەقىشلەر: تاج گۈل، مۇنچاق گۈل. تاغاق گۈل. چاچتەڭگە گۈل قاتارلىقلار؛
چالغۇ ئەسۋابلىرى ئۆرنەك قىلىنغان گۈل- نەقىشلەر: راۋاب شەكىللىك گۈل، ناغرا گۈل قاتارلىقلار؛
گېئومېتىرىيەلىك شەكىللەر ئۆرنەك قىلىنغان گۈل- نەقىشلەر: چاقماق (تىزما سىزىق)، تۈز سىزىق قاتارلىقلار؛
يۇقىرىدىكى ئۆرنەك ئوبيېكتلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرۈلگەن ئەتلەس گۈل - نەقىشلىرى مۇئەييەن ئىچكى مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت قارىشى، تۇرمۇش قارىشى، ئۆرپ - ئادەتلىرى قاتارلىق بەلگىلىك ئىدىيە - ھېسسىيات مايىللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، تەبىئەت جىسىملىرى، دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋان ئەزالىرى قاتارلىقلارنىڭ ئۆرنەك قىلىنىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۆسۈملۈك، ھايۋانلارنى تەبىئەت زەنجىرىنىڭ بىر ھالقىسى، ئىنسانلار ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مەۋجۇتلۇق دەپ قارايدىغان تەبىئەت قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ. ئورغاق، مويىنكەش، مۇكا قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ ئۆرنەك قىلىنىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەمگەك ۋە ئىختىرانى ھاياتلىقنىڭ ئاساسى دەپ بىلىدىغان، مېھنەت ۋە ئىجتىھاتنى قەدىرلەيدىغان تۇرمۇش قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ. بىر سىزىق بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان ئىككى يۈرەك شەكلىنىڭ ئۆرنەك قىلىنىشى ئۇيغۇر خەلقنىڭ سۆيگۈ - مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان، ئىناق - ئېجىللىقى سۆيىدىغان ھېسسىيات مايىللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. تاج، مۇنچاق، تاغاق قاتارلىق بېزەك بۇيۇملىرىنىلا گۈل ئېلېمېنتى قىلىنىشى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش - تارىنىشنى ياقتۇرىدىغان، گۈزەللىك ۋە پاكىزلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان ئېستېتىك خاراكتېرىنى ئىپادىلەيدۇ. راۋاب، ناغرا قاتارلىق چالغۇلارنىڭ ئۆرنەك قىلىنىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈي خۇمار، سەنئەت سۆيەر ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئەتلەس گۈل - نەقىشلىرى ئومۇمەن رەڭ پەرقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان توق، قېنىق رەڭلەرنى يانداش ئىشلىتىش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدۇ. بۇ، تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىغا يۇلتۇزدەك جايلاشقان پارچە- پارچە بوستانلىقلاردا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ھەر دائىم قۇم- بوران، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچراپ تۇرۇشى ۋە ئاپەتكە قارشى كۈرەش قىلىش داۋامىدا شەكىللەنگەن بوستانلىق، يېشىللىقنى ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلۇق شەرتى دەپ بىلىدىغان مۇھىت قارىنى ۋە بۇ ئاساستا بارلىققا كەلگەن رەڭدارلىق قانچە كۆپ بولسا، ھاياتلىق شۇنچە ياشنايدۇ، بوستانلىقلاردىكى ھەرخىل رەڭلىك كۆرۈنۈشلەر قانچە شوخ بولسا، تۇرمۇش شۇنچە پاراۋان بولىدۇ دەپ قارايدىغان رەڭ پىسخىكىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئەتلەس گۈللىرىدە ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ بىر پۈتۈن ئوبرازى نەقىش ئېلېمېنتى قىلىنمايدۇ. بۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئادەم، ھايۋان قاتارلىقلارنىڭ سۈرىتىنى سىزىشنى ئېغىر گۇناھ دەپ بىلىدىغان ئېتىقاد ساداقىتىنى ئىپادىلەيدۇ.
قىسقىسى، ئەتلەسنىڭ ناھايىتى مول ۋە رەڭگارەڭ گۈل نەقىشلىرىدە، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش مۇھىتىدا، تۇرمۇشىدا، ئادىتىدە ۋە ئىدىيە - ھېسسىياتىدا مەۋجۇت بولمىغان ھېچقانداق نەرسىنى بايقىمايمىز. دېمەك، ئەتلەس گۈل نەقىشلىرى تەبىئىي مەۋجۇتلۇق ۋە ئىجتىمائىي ھاياتنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان. ئۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت قارىشى، مۇھىت قارىشى، سۆيگۈ - مۇھەببەت قارىشى، گۈزەللىك قارىشى، ئېتىقاد قارىشى قاتارلىق نازۇك ئىچكى ھېسسىيات - قاراشلىرىنىڭ رەڭ ۋە شەكىللەر ئارقىلىق ئەتلەس يۈزىدە يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈلۈشىدۇر. يارقىن ئەكس ئەتكەن شۇ نەرسە دەل ئۇنىڭدىكى يەرلىك خاسلىق ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكتۇر.
ئەتلەس گۈل نەقىشلىرىنىڭ ئىپادىلىنىش ئۇسۇلىغا كەلسەك، ئەتلەس گۈللىرىدە گەرچە ئاسماندىن يەرگىچە بولغان كەڭ كائىنات ۋە جەمئىيەتتىكى ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولغان شۇنچە كەڭ ئوبيېكتلار گۈل نەقىشلەرگە ئۆرنەك قىلىنسىمۇ، لېكىن، باشقا مىللەت كىشىلىرىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر مۇئەييەن بىر پارچە ئەتلەس يۈزىدە نېمىلەر نەقىشلەنگەنلىكى ۋە نېمە مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئېتىپ بېرەلمەيدۇ. ئەتلەسچى ئۇستىلار ياكى ئەتلەسنى تەتقىق قىلغان كەسىپ ئەھلىلىرى چۈشەندۈرۈپ بەرگەندە ئاندىن ئىچ- ئىچىدىن قايىل بولۇپ ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. ئەتلەس گۈل - نەقىشلىرىنىڭ ئىپادىلىنىش ئۇسۇلى ئۇيغۇر نەقىشگەرلىكىدە گۈل - نەقىشلەرگە ئەڭ تويۇنغان زىلچا - گىلەم گۈللىرى، دوپپا گۈللىرىنىڭ ئىپادىلىنىش ئۇسۇلىغا ئانچە ئوخشىمايدۇ. گەرچە، گىلەم، دوپپا، زەدىۋال، كىگىز قاتارلىق گۈللۈك مەھسۇلاتلارنىڭ گۈل نەقىشلىرىدىمۇ ئوبيېكتلار مۇبالىغە، ئوخشىتىش، قايتا قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەنسىمۇ، لېكىن، ئۇلاردىكى گۈل نەقىشلەر چىنلىققا يېقىنراق بولىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر كۆرۈپلا چۈشىنەلەيدۇ.
ئەتلەس گۈل - نەقىشلىرىدە توق قىزىل، شوخ سېرىق، تۇم قارا، قېنىق يېشىل قاتارلىق رەڭ پەرقى ئىنتايىن چوڭ بولغان، رەڭ تۈسى جەھەتتە بىر – بىرىگە تۈپتىن قارىمۇقارشى بولغان رەڭ - بوياقلار ھەمىشە يانداش ئىشلىتىلىدۇ. بوياقچىلىق ۋە رەڭ ماسلىق نەزەرىيىسى جەھەتتىن ئېيتقاندا، قارىمۇقارشى رەڭلەرنى بۇنداق يانداش ئىشلىتىش يول قويغىلى ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئەتلەس گۈل - نەقىشلىرىدە دەل مۇشۇ «ناتوغرا ئۇسۇل» ئاساسىي ۋاسىتە قىلىنىدۇ. چەگمە بوياق ئۇسۇلىدا بوياش ئارقىلىق ئەتلەس يۈزىدە بىر - بىرىگە قارىمۇقارشى بولغان رەڭلەر ئارىسىدا «بىر - بىرىگە ئاستا- ئاستا سىڭىپ كىرىش» بەلۋېغى شەكىللەندۈرۈلۈپ، رەڭ چېگرا ئېنىقسىزلىقى ھاسىل قىلىنىدۇ - دە، قارشى تۈستىكى رەڭلەر تەبىئىي ماسلىققا ئىگە قىلىنىدۇ.
دېمەك، ئەتلەس تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش چىنلىقىنى مەنبە قىلغان، يۈكسەك دەرىجىدە ئابىستراكىسيىلەنگەن شەكىللەر ئارقىلىق مۇئەييەن ھېسسىيات ۋە قاراشنى ئىپادىلەيدىغان، تۇتۇق تەسۋىر ئۇسلۇبىدىكى گۈزەل سەنئەت بۇيۇمى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماي بوياق ۋە موي قەلەم ئىشلەتمەي، ئاددىي بوياق ۋە يىپەك تالادىن پايدىلىنىپ ئىجاد قىلغان سەنئەت ئەسىرىدۇر .
2. ئەتلەسنىڭ ئىستېمال ئالاھىدىلىكى ۋە ئىستېمال قىممىتى
ئەتلەس ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ كىيىنىش ئېھتىياجىنى قامدايدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى، ئۇنىڭ كىيىم - كېچەك ساھەسىدىكى ئىستېمالى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە كىچىك قىزلاردىن تارتىپ، ياشانغان مومايلارغىچە ھەممىسى ئەتلەس كۆڭلەك كىيىشنى ياقتۇرىدۇ.
قىزلار بولسۇن ياكى قايتا ياتلىق قىلىنغان ئاياللار بولسۇن، تويلۇق ماللىرى ئىچىدە ئەتلەس كىيىم كەم بولمايدۇ. ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرىنىڭ ئەتلەسكە بۇنچىلىك ھېرىسمەنلىكى، بىر جەھەتتىن ئەتلەس (يەنى، يىپەك)نىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيەتلىرىدىن، يەنە بىر جەھەتتىن، ئەتلەسنىڭ يۇقىرى بەدىئىي قىممىتىدىن كەلگەن.
ئالدى بىلەن ئەتلەس (يىپەك)نىڭ رەڭ ئېلىش، رەڭ تۇتۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى، بوياقنى تەكشى ئالىدۇ. ئاسان ئۆڭۈپ كەتمەيدۇ. يىپەك تالاسى سىلىق، سىپتا. ئەتلەس پەردازلانغاندىن كېيىن، نۇر قايتۇرۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچىيىپ، كۈن نۇرى ياكى چىراغ نۇرىدا جىلۋە - جۇلاسى تېخىمۇ ئاشىدۇ. يىپەكنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشى ياخشى، ئىسسىق، نەملىك شارائىتىمۇ بەدەنگە چاپلاشمايدۇ، تەر سۈمۈرىدۇ، بەدەنگە راھەت بەخش ئېتىدۇ، نۇر قايتۇرۇشى ياخشى بولغاچقا كىشىگە سالقىنلىق بېغىشلايدۇ. يىپەك توقۇلمىلار يەنە يۇقىرى ھارارەتكە چىداملىق، دائىم كۈن نۇرىغا قاقلانسىمۇ ئاسان چىرىپ كەتمەيدۇ. نەملىككە چىداملىق، نەملىك يۇقىرى بولغاندىمۇ بىخسىپ، ئۆڭۈپ كەتمەيدۇ. مىتە، كۈيە قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلار ئۇنىڭغا ئاسانلىقچە زىيان سالالمايدۇ. سوزۇلۇش، سۈركىلىشكە چىداملىق، مەلۇم سەۋەبلەردىن سوزۇلۇش، سۈركىلىشكە ئۇچرىسىمۇ ئاسانلىقچە شەكلى ئۆزگىرىپ ياكى يىرتىلىپ كەتمەيدۇ. يۇيۇش، تازىلاشقا چىداملىق، كىر - داغلاردىن ئاسان پاكلىنىدۇ. دېمەك، يۇقىرىقى ھەرخىل خۇسۇسىيەتلەردە پاختا، يۇڭ قاتارلىق باشقا تەبىئىي تالالار يىپەكتىن ئۈستۈنلۈك تالىشالمايدۇ.
ئۇنىڭدىن قالسا، ئەتلەسنىڭ گۈل نۇسخىلىرى ۋە رەڭ تۈرلىرى كۆپ، ھەرخىل ياش قۇرامىدىكى ۋە ھەرخىل تەبىقىدىكى قىز - ئاياللارنىڭ ئۆزى، ياقتۇرىدىغان نۇسخا، رەڭ تۈرىدىكى ئەتلەسنى تاللاپ سېتىۋېلىشى كەڭ ئىمكانىيەتكە ئىگە. رەڭگى شوخ، ئۆزگىرىشكە باي. ئالدىدىكى ماۋزۇدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئەتلەس يۇقىرى ئېستېتىك قىممەت ۋە بەدىئىي قىممەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان.
ئەتلەسكە يۇقىرىدىكى ئىككى خىل خاسىيەت (يەنى، ئەسلىي خۇسۇسىيەت ئەۋزەللىكى بىلەن ئەتلەسكە قول ھۈنەر ئارقىلىق بەخشەندە قىلىنغان يۇقىرى بەدىئىي قىممەت) مۇجەسسەم بولغانلىقتىن، ئۇ ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرى ئەڭ ياقتۇرىدىغان، كىيىم - كېچەك ئىستېمالىدا كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان ئەتىۋارلىق بۇيۇمغا ئايلانغان. دېمىسىمۇ، ئەتلەس ئېگىن كىچىك قىزلارغا جۇشقۇنلۇق ۋە ئوماقلىق بېغىشلايدۇ. ياش قىزلارنىڭ ئەگرى سىزىق گۈزەللىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ ئۇلارغا نازاكەت ۋە لاتاپەت ئاتا قىلىدۇ. ئوتتۇرا ياش ئاياللارنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي يېشىدىن خېلى ياش كۆرسىتىپ، ياشلىق جەزبىدارلىقىنى قايتا نامايان قىلالايدۇ. ياشانغان ئاياللارغا سۈلكەت، سۆلەت قوشۇپ، «ئۆزى قېرىسىمۇ كۆڭلى قېرىماسلىق»تەك ئىچكى ھېسسىياتىنى ئاۋازسىز ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەتلەس كىيىم كىيىشى بەزى مىللەت خەلقلىرىدىكىدەك بايرام ۋە مۇراسىملاردىلا كىيىلىدىغان، باشقا چاغلاردا كۆزگە چېلىقمايدىغان «بايرام كىيىمى» ئادىتى ئەمەس. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھېيتلىق، مۇراسىملىق ئەتلەس كىيىملىرى بولغاندىن سىرت، ئۇلار ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا، ھەتتا ئېتىز ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغان چاغلرىدىمۇ ئەتلەس كىيىملەرنى كىيىۋېرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئەتلەس يوتقان تېشى ۋە كۆرپە تېشى قىلىشقا، دېرىزە، تام پەردىسى تىكىشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ يەنە ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەنلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ياخشى سوۋغات بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. تۇغقانلار، دوستلار ئارىسىدا توي مۇبارەكلىگەن، تۇغۇت يوقلىغان، ئۇزاق ئايرىلغانلار قايتا كۆرۈشكەن ياكى سەپەردىن قايتىپ ھاردۇق سوراپ كەلگەن يېقىن تۇغقان، دوستلىرى بىلەن دىدارلاشقان چاغلىرىدا قارشى تەرەپكە ئەتلەس سوۋغا قىلىشىدۇ.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدىن بۇيان، بولۇپمۇ يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئەتلەسنىڭ «ماھارەت كۆرسىتىدىغان مەيدانى» تېخىمۇ كېڭەيدى. ئەتلەس ئارتىسلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان سەھنە كىيىمى ۋە بەزى ماگىزىن ۋە مېھمانسارايلارنىڭ مىللىي، يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلىگۈچى بېزەك بۇيۇمىغا ئايلىنىۋاتىدۇ. كىتاب، ژۇرنال قاتارلىق باسما بۇيۇملارنىڭ مۇقاۋا بېزەكلىرىگە ئۆرنەك قىلىنىۋاتىدۇ. كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرىدىكى كوچا ئۇسسۇل ئەترەت ئارتىسلىرى، مېھمانساراي، رېستورانلاردىكى كۈتكۈچى، مۇلازىم قىزلار، بەدىئىي سەنئەت تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ۋە باشقا تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدىكى رىياسەتچى قىزلار، لېنتا كېسىش پائالىيەتلىرىدىكى مۇلازىم قىزلارنىڭ ئەدەپ مۇراسىم كىيىمى قىلىنىۋاتىدۇ. «ئەتلەس شاھى»، «ئەتلەس دۇنياسى»، «ئەتلەس ماكانى» دېگەندەك ئاتالغۇلار ماگىزىن، مېھمانساراي، كوچا، يۇرت قاتارلىقلارنىڭ ۋىۋىسكا نامى، خاس نامى ياكى ئوبراز نامى قىلىنىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئەتلەسنىڭ ئۆزگىچىلىك، خاسلىق، قەدىمىيلىك ئەنئەنىۋىلىك مەنىلىرى ئىپادە قىلىنىۋاتىدۇ.
رەڭگارەڭ ئەتلەس گالىستۇكلارنىڭ بازارغا سېلىنىشى بىلەن ئەتلەسنىڭ «ئاياللارغا خاس پاتېنت بۇيۇمى» بولۇش ئىمتىيازى بۇزۇپ تاشلاندى. ئەرلەرگە بىر چىرايلىق ياراشقان ئەتلەس گالىستۇكلار كۆزگە چېلىقىدىغان بولدى. ئەتلەس شارپا، ئەتلەس ياستۇق، ئەتلەس قولياغلىق، ئەتلەس سومكا، ئەتلەس ھەميان قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك بۇيۇمىغا ئايلىنىپلا قالماي، بارا - بارا، ئىچكى جايلاردىن ۋە چەت ئەللەردىن كەلگەن مېھمانلار ۋە ساياھەتچىلەرگە «ئەگىشىپ كېتىدىغان بولدى». يەنى، ئۇلار بۇخىل ئەتلەس بۇيۇملارنى ساياھىتىنىڭ يادنامىسى سۈپىتىدە ئېلىپ كېتىدىغان بولدى.
ئەمدى، تېخىمۇ چوڭقۇرراق پىكىر يۈرگۈزىدىغان بولساق بايرام - مۇراسىم، سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدە ئەتلەس بىلەن دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئەڭ مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرىدىغان سىمۋوللۇق كىيىمگە ئايلاندى. كىشىلەر مەيلى كىنو، تېلېۋىزورلاردا ياكى ھەرخىل سۈرەت، رەسىملەردە ئەتلەس كىيىم ياكى دوپپا كىيگەن ئوبرازنى كۆرسە، ئۇنى تونۇسۇن، تونۇمىسۇن «ئەنە ئاشۇ ئۇيغۇر» دەپ ھۆكۈم قىلىدىغان بولدى. دېمەك، ئەتلەس ئۇيغۇرنىڭ كىيىم - كېچەك، ھۈنەر سەنئەت ئالاھىدىلىكىنى، تېخىمۇ توغرىسى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان سىمۋوللۇق بۇيۇمغا ئايلاندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەتلەس ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئىقتىسادىي قىممىتى ۋە بەدىئىي قىممىتىدىن ئۆزگە يەنە مەلۇم سىمۋوللۇق قىممەتكە ئىگە بولدى. ئەتلەسنىڭ بۇ ئۈچىنچى قات قىممىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۇنىڭ بىرىنچى قات قىممىتى، يەنى، ئۇنىڭ ئىلتىماس بۇيۇمى بولغانلىقىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي قىممىتى بىلەن پەقەت مۇناسىۋەتسىز دېگىلى بولماس. لېكىن، ئۇنىڭ ئەتلەسنىڭ يۇقىرىدا كۆرسەتكىنىمىزدەك يۈكسەك بەدىئىي سەنئەت قىممىتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەنلىكى ئېنىق.
بۇ تەپەككۇرىمىزنى قارشى يۆنىلىش بويىچە داۋاملاشتۇرىدىغان بولساق، ئەتلەسنىڭ مۇئەييەن سىمۋوللۇق قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىدىن بۇنداق خۇلاسىگە كېلىشىمىز تەس ئەمەسكى، ئەتلەس مۇئەييەن ئىستېمال قىممىتىگە ئىگە تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇپلا قالماي، ناھايىتى يۇقىرى بەدىئىي قىممەتكە ئىگە سەنئەت بۇيۇمى، ئۇيغۇر قول ھۈنەر مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ بىرى.
(ئاپتور: خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ پېنسىيونىرى)
kucr1e6u8ishfb4ayyvxj5eyjlrii1w