Wikipedia
ugwiki
https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA
MediaWiki 1.47.0-wmf.13
first-letter
ۋاسىتە
ئالاھىدە
مۇنازىرە
ئىشلەتكۈچى
ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى
Wikipedia
Wikipediaمۇنازىرىسى
ھۆججەت
ھۆججەت مۇنازىرىسى
MediaWiki
MediaWiki مۇنازىرىسى
قېلىپ
قېلىپ مۇنازىرىسى
ياردەم
ياردەم مۇنازىرىسى
تۈر
تۈر مۇنازىرىسى
TimedText
TimedText talk
Module
Module talk
Event
Event talk
ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى:Revi C.
3
12832
176237
176232
2026-08-02T14:33:15Z
Pathoschild
720
global user pages ([[m:Synchbot|requested by Revi C.]])
176237
wikitext
text/x-wiki
__NOINDEX__<div class="mw-content-ltr" lang="en" dir="ltr">[[File:Revi logo (pink).png|thumb|center|<span style="color:red">PLEASE DO NOT LEAVE MESSAGE HERE!</span>]]
'''<span style="color:red"> BEFORE YOU BLOCK MY ACCOUNT: IF MY EDIT SUMMARY INCLUDE PREFIX </span>''(Script)''<span style="color:red">, DON'T BLOCK ME, JUST TELL ME TO SLOW DOWN AT COMMONS' TALK PAGE. IT IS AN AUTOMATED SCRIPT BEING USED ON COMMONS TO MOVE FILES.</span>'''
Instead, please leave your message following site:
<br />
[[File:Wikidata-logo-en.svg|45px|link=d:User talk:Revi C.]] [[d:User talk:Revi C.]] for Wikidata (Interwiki links) stuff <!--(I am {{int:Group-sysop}} there)-->
<br />
[[File:Commons-logo.svg|45px|link=commons:User talk:Revi C.]] [[commons:User talk:Revi C.]] for renaming stuff or [[User:CommonsDelinker|CommonsDelinker]] action (I am {{int:Group-sysop}} there)
<br />
[[File:Wikimedia Community Logo optimized.svg|45px|link=m:User talk:Revi C.]] [[meta:User talk:Revi C.]] for other stuff (User right notification, revert message, etc...)
Messages left on this page may be reverted or moved without any response.</div>
5b8qtz4dnjnrhc9ts3mku14m3gujbq8
ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى:-revi
3
23284
176239
166088
2026-08-02T15:45:47Z
Pathoschild
720
global user pages ([[m:Synchbot|requested by Revi C.]])
176239
wikitext
text/x-wiki
#REDIRECT [[User talk:Revi C.]]
o9z79lcc9a9pfmqmrod5w3eyk4q9i0o
ئىشلەتكۈچى:-revi
2
23285
176238
166089
2026-08-02T15:10:20Z
Pathoschild
720
global user pages ([[m:Synchbot|requested by Revi C.]])
176238
wikitext
text/x-wiki
#REDIRECT [[User:Revi C.]]
88g0cv17whfgb1wkeh281mptujwtlut
مۇستەملىكىچىنىڭ زېھنىيىتى
0
24624
176240
2026-08-02T21:14:57Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''مۇستەملىكىچىنىڭ زېھنىيىتى''' «ھەرقانداق بىر قۇلدار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش – قۇللار قوزغىلىڭى، شۇڭا ھەربىر قۇل يوشۇرۇن توپىلاڭچى. ئەمما ماڭقۇرت بولسا، مۇتلەق مۇستەسنا. ئۇنىڭدا توپىلاڭ كۆتۈرۈش، ئىسيان كۆتۈرۈش دېگەن ئۇقۇم زادىلا مەۋجۇت بولماي...'
176240
wikitext
text/x-wiki
'''مۇستەملىكىچىنىڭ زېھنىيىتى'''
«ھەرقانداق بىر قۇلدار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش – قۇللار قوزغىلىڭى، شۇڭا ھەربىر قۇل يوشۇرۇن توپىلاڭچى. ئەمما ماڭقۇرت بولسا، مۇتلەق مۇستەسنا. ئۇنىڭدا توپىلاڭ كۆتۈرۈش، ئىسيان كۆتۈرۈش دېگەن ئۇقۇم زادىلا مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن پەخەس بولۇش، ئۇنى مەخسۇس كۆزىتىشمۇ ھاجەتسىز» دەپ يازىدۇ، ئويغاق ئەدىب چىڭغىز ئايتماتوف. ئەمەلىيەتتە ئايتماتوف ھەربىر زاماندىشى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان تىلدا ئاڭلىتىشقا تىرىشقان مەزكۇر بايانىدا، مۇستەملىكىچى بىلەن ئۇنىڭ قولىغا چۈشكەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بۇ يەردە قۇلداردىن مەقسەت مۇستەملىكىچى، قۇلدىن مەقسەت مۇستەملىكىگە ئۇچرىغۇچى خەلق كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، مۇستەملىكىچى ئۈچۈن مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ھەربىر شەخس ماڭقۇرتلاشتۇرۇش ئوبيېكتى. دۈشمەن تۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى ياكى كۆتۈرمەسلىكى ئارىسىدا، ئاسىي قۇل ياكى ئىتائەتكار قۇل بولۇشى ئارىسىدا، مۆمىن پۇقرا بولۇش ياكى بۆلگۈنچى ئۇنسۇر بولۇشى ئارىسىدا مۇستەملىكىچى ئۈچۈن پەرق يوق. ئۇنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا بولۇشىنىڭ ئۆزىلا دۈشمەن تۇتۇلۇشقا، تەھدىت، دەپ بىلىنىشكە يېتەرلىك. تەھدىتنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يولى بولسا، مۇتلەق ئىتائەتكارلىقىدىن خاتىرجەم بولۇش. بۇنىڭ يولى بولسا، پەقەت ۋە پەقەت دۈشمەننى ماڭقۇرتلاشتۇرۇش، ئۇنىڭدىكى ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى ۋۇجۇدىدىن سۇغۇرۇپ تاشلاشتۇر.
بىر مەھبۇسنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلى، ئۇ تۇتقۇن قىلغۇچىسى تەرىپىدىن خورلانغان، ئوزۇقلىنىشقا تېگىشلىك ھەر تۈرلۈك ئوزۇق - تۈلۈكتىن مەھرۇم قىلىۋېتىلگەن. ئاچ – يالىڭاچ قويۇلۇپ جان ساقلاشتىن باشقا پۇرسىتى قالمىغان. مەھبۇس ياشاش ئۈچۈن يېيىشى كېرەك، كىيىنىشى كېرەك. شۇنداق چاغدا ھېلىقى تۇتقۇن قىلغۇچى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا چوشقا تېرىسىدىن ياسالغان ئىت ھەيكىلى پاسونىدىكى كىيىمنى كىيىشكە زورلايدۇ ۋە بىر قاچا ئىت گۆشى شورپىسىنى ئالدىغا قويىدۇ. ئۇ دەيدۇكى، سېنىڭ ھايات قېلىشىڭ مېنىڭ ئىلكىمدە. تىرىك قالاي دېسەڭ، بۇندىن كېيىن بۇ تۈرمە ئىچىدە ئىت ھەيكىلى پاسونىدىكى كىيىمنى كىيىشىڭ، مەن بىلەن ئۇدۇل كەلگەندە تېز چۆكۈشۈڭ، پەقەتلا ئىت گۆشى شورپىسى بىلەنلا جان ساقلىشىڭ كېرەك. سېنىڭ مەن سۇنغان ئۇسۇلدىن باشقا ئۇسۇلنى تاللاش ھەققىڭ يوق. مەن سۇنغان ياشاش يولىدىن باشقا ھايات قىلىش يولى ئىزدىشىڭگە، ھەتتا مەن تاللاپ بەرگەن ئۇسۇلدىن باشقا ئۇسۇلدا ئۆلۈشىڭگىمۇ رۇخسەت يوق.
يۇقىرىقى تەسۋىردە مەھبۇس ئاسارەتتىكى ئىنسانغا، بېرىلگەن كىيىم ئۇنىڭ كىملىكىگە، ئىت گۆشى شورپىسى ئۇنىڭ ئىنسان پېتى قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن مەجبۇرىي تەلقىن قىلدۇرۇلغان ماددىي ۋە مەنىۋى ئوزۇقلارغا تەمسىلدۇر. مانا بۇ ئاسارەت ئاستىدىكى رېجىمنىڭ ئۇنىڭ ئىسكەنجىسى ئاستىدا ياشاۋاتقان «ئىنسان»نىڭ تەقدىر – قىسمىتى. مانا بۇ دەل ئىنسانلىقىدىن چىقىرىشقا قىستىلىۋاتقان، مەجبۇرلىنىۋاتقان ۋە ئىنسانلىق شەرىپىدىن «غەلىتە مەخلۇقلۇق» دەرىجىسىگە چۈشۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان ۋە باشقا ھېچبىر چىقىش يولى بېرىلمىگەن ئاسارەتتىكى ئىنساننىڭ مۇستەملىكىچىسى ئالدىدىكى ھال – ۋەزىيىتى. ئايتماتوفنىڭ قۇل بىلەن ماڭقۇرت ئارىسىدىكى پەرقلەر ئىچىدە ماڭقۇرتنى «ئۇنىڭدا ‹مەن› دېگەن ئاڭ يوق»، ئۇ «ئۆزىنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ»، ئۇ بىر «تىلى تۇتۇق مەخلۇق (ھايۋان)» دەپ سۈپەتلىشىمۇ مۇستەملىكە ئاستىدا ئۆزىنى پۇقرا ساناۋاتقان، ئاتالمىش پۇقرالىق ھەققى ۋە ھوقۇقى بارلىقى بىلەن ئۆزىنى بەزلەۋاتقان ھەربىر شەخسنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇستەملىكىچى نەزىرىدە يوشۇرۇن تەھدىد چېكىتى ئۇرۇلغان قۇل ھېسابلىنىدىغانلىقى، تاكى ئۇ ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتلىرى ئۆلگەن بىنورمال مەخلۇققا، ئۆزىنىڭ ئەسلىدە ئىنسان ئىكەنلىكىنىمۇ ئاڭقىرىمايدىغان، ئىنسانلىقىنىڭ تەسىرىدە بولسىمۇ مۇستەملىكىچىسىگە تېز پۈكمەسلىك، قارشىلىق روھىنى يوقىتىپ قويماسلىق كېرەكلىكىنى ئاڭقىرىمايدىغان دەرىجىدىكى ئادەمسىمان ھايۋانغا ئايلانمىغۇچە تەھدىت بولۇشنى داۋام قىلىدىغانلىقىدەك بىر ئۇچۇرنى بېرىشتىن باشقا ئەمەس ئىدى. دەرۋەقە، مۇستەملىكىچى ئۈچۈن ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئىنساننىڭ ئىنسانلىقى، كىشىلىكى مۇھىم ئەمەس. ئۇ ھەر ۋاقىت بېسىۋېلىنغان تۇپراقنىڭ كەلگۈسى خوجايىنى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان، كۈنى كېلىپ ئىسيان كۆتۈرۈش پوتېنسىيالىغا ئىگە مەڭگۈلۈك تەھدىت. بۇ تەھدىتنىڭ يوق قىلىنىشى ئۈچۈن مۇتلەق ئىتائەت كېرەك. مۇتلەق ئىتائەت ئەمەلىيلەشمىگەندە، ئۇنى پۇقراسى نامىدا مەھبۇس قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشى، تىزگىنلىشى لازىمكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىنسانلىقى زەخمىلىنىشى، خورىشى لازىم. ئۇنىڭ تىزگىندە تۇتۇلۇشى ئۈچۈن باشقا جۇغراپىيەنىڭ ئىنسانلىرى بىلەن ئوخشاشلىقى بىلىنىدىغان «ئىنسانىيلىق»تىن ئىبارەت ئورتاق نۇقتىلىرى بۇزۇپ تاشلىنىشى كېرەك. ئۇ ئاسارەتتە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ مۇتلەق بويسۇنسا، مۇتلەق ئىتائەت كۆرسىتىپ كۈن كەچۈرسە بولىدۇ، لېكىن ئاشۇ تۇپراقنىڭ ئۆرپى ۋە كىملىكىنى يېپىنچا قىلغان «ئىنسان» بولۇپ ياشىسا بولمايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ يېپىنچىسىنىڭ نېمىدىن توقۇلىشى (قايسى كىملىككە مەنسۇپ بولۇشى) ۋە قانداق پىچىمدە ياشىشى پەقەت ۋە پەقەت مۇستەملىكىچى تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى لازىم. ئۇ مۇستەملىكىچى سۇنغان ماددىي ياشاش شەكلىدىن، مەنىۋىلىك تۈسى بېرىلگەن سۈنئىيلەشكەن «روھىي ئوزۇق»لاردىن يۈز ئۆرىسە بولمايدۇ. ئورنىغا پەرقلىق مەرىپەت، پەرقلىق ئىدىيە ۋە پەرقلىق كۈلتۈر بىلەن ئوزۇقلانماقچى بولسا، كىملىكىنى، ئىنسانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنسا، ئادىمىيلىك ۋەسىپلىرىنى قايتىدىن ئۆزىدە تىكلىمەكچى بولسا ۋە بۇنىڭغا كېرەكلىك مەنىۋى ئوزۇقلىنىش مەنبەلىرى بىلەن ئۇچراشسا، زەرەتلەنسە بولمايدۇ. شۇڭا تەھدىت بىرتەرەپ بولغانغا قەدەر دائىم كونترول ئاستىدا بولۇشى شەرت. تەھدىت بىرتەرەپ قىلىنغاندا، يەنى ماڭقۇرتلاشتۇرۇش، يەنە بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئەمەلگە ئاشقاندا، ئۇ چاغدا «ئىنسانلىق»تىن ئىبارەت ھېلىقى ئورتاق نۇقتىنىڭ پىلىكىگە قايتىدىن ئوت تۇتۇشىشىدىن ئەنسىرەلمىسىمۇ بولىدۇ. مانا بۇ دەۋرىمىز مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ زېھنىيىتى.
-بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:بۇرھان مۇھەممەد]]
[[تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان]]
lqpo5qpuwtriarzadtsoxe2cdpmsola
176241
176240
2026-08-02T21:16:23Z
UyghurArchive
25219
176241
wikitext
text/x-wiki
'''مۇستەملىكىچىنىڭ زېھنىيىتى'''
«ھەرقانداق بىر قۇلدار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش – قۇللار قوزغىلىڭى، شۇڭا ھەربىر قۇل يوشۇرۇن توپىلاڭچى. ئەمما ماڭقۇرت بولسا، مۇتلەق مۇستەسنا. ئۇنىڭدا توپىلاڭ كۆتۈرۈش، ئىسيان كۆتۈرۈش دېگەن ئۇقۇم زادىلا مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن پەخەس بولۇش، ئۇنى مەخسۇس كۆزىتىشمۇ ھاجەتسىز» دەپ يازىدۇ، ئويغاق ئەدىب چىڭغىز ئايتماتوف. ئەمەلىيەتتە ئايتماتوف ھەربىر زاماندىشى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان تىلدا ئاڭلىتىشقا تىرىشقان مەزكۇر بايانىدا، مۇستەملىكىچى بىلەن ئۇنىڭ قولىغا چۈشكەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بۇ يەردە قۇلداردىن مەقسەت مۇستەملىكىچى، قۇلدىن مەقسەت مۇستەملىكىگە ئۇچرىغۇچى خەلق كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، مۇستەملىكىچى ئۈچۈن مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ھەربىر شەخس ماڭقۇرتلاشتۇرۇش ئوبيېكتى. دۈشمەن تۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى ياكى كۆتۈرمەسلىكى ئارىسىدا، ئاسىي قۇل ياكى ئىتائەتكار قۇل بولۇشى ئارىسىدا، مۆمىن پۇقرا بولۇش ياكى بۆلگۈنچى ئۇنسۇر بولۇشى ئارىسىدا مۇستەملىكىچى ئۈچۈن پەرق يوق. ئۇنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا بولۇشىنىڭ ئۆزىلا دۈشمەن تۇتۇلۇشقا، تەھدىت، دەپ بىلىنىشكە يېتەرلىك. تەھدىتنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يولى بولسا، مۇتلەق ئىتائەتكارلىقىدىن خاتىرجەم بولۇش. بۇنىڭ يولى بولسا، پەقەت ۋە پەقەت دۈشمەننى ماڭقۇرتلاشتۇرۇش، ئۇنىڭدىكى ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى ۋۇجۇدىدىن سۇغۇرۇپ تاشلاشتۇر.
بىر مەھبۇسنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلى، ئۇ تۇتقۇن قىلغۇچىسى تەرىپىدىن خورلانغان، ئوزۇقلىنىشقا تېگىشلىك ھەر تۈرلۈك ئوزۇق - تۈلۈكتىن مەھرۇم قىلىۋېتىلگەن. ئاچ – يالىڭاچ قويۇلۇپ جان ساقلاشتىن باشقا پۇرسىتى قالمىغان. مەھبۇس ياشاش ئۈچۈن يېيىشى كېرەك، كىيىنىشى كېرەك. شۇنداق چاغدا ھېلىقى تۇتقۇن قىلغۇچى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا چوشقا تېرىسىدىن ياسالغان ئىت ھەيكىلى پاسونىدىكى كىيىمنى كىيىشكە زورلايدۇ ۋە بىر قاچا ئىت گۆشى شورپىسىنى ئالدىغا قويىدۇ. ئۇ دەيدۇكى، سېنىڭ ھايات قېلىشىڭ مېنىڭ ئىلكىمدە. تىرىك قالاي دېسەڭ، بۇندىن كېيىن بۇ تۈرمە ئىچىدە ئىت ھەيكىلى پاسونىدىكى كىيىمنى كىيىشىڭ، مەن بىلەن ئۇدۇل كەلگەندە تېز چۆكۈشۈڭ، پەقەتلا ئىت گۆشى شورپىسى بىلەنلا جان ساقلىشىڭ كېرەك. سېنىڭ مەن سۇنغان ئۇسۇلدىن باشقا ئۇسۇلنى تاللاش ھەققىڭ يوق. مەن سۇنغان ياشاش يولىدىن باشقا ھايات قىلىش يولى ئىزدىشىڭگە، ھەتتا مەن تاللاپ بەرگەن ئۇسۇلدىن باشقا ئۇسۇلدا ئۆلۈشىڭگىمۇ رۇخسەت يوق.
يۇقىرىقى تەسۋىردە مەھبۇس ئاسارەتتىكى ئىنسانغا، بېرىلگەن كىيىم ئۇنىڭ كىملىكىگە، ئىت گۆشى شورپىسى ئۇنىڭ ئىنسان پېتى قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن مەجبۇرىي تەلقىن قىلدۇرۇلغان ماددىي ۋە مەنىۋى ئوزۇقلارغا تەمسىلدۇر. مانا بۇ ئاسارەت ئاستىدىكى رېجىمنىڭ ئۇنىڭ ئىسكەنجىسى ئاستىدا ياشاۋاتقان «ئىنسان»نىڭ تەقدىر – قىسمىتى. مانا بۇ دەل ئىنسانلىقىدىن چىقىرىشقا قىستىلىۋاتقان، مەجبۇرلىنىۋاتقان ۋە ئىنسانلىق شەرىپىدىن «غەلىتە مەخلۇقلۇق» دەرىجىسىگە چۈشۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان ۋە باشقا ھېچبىر چىقىش يولى بېرىلمىگەن ئاسارەتتىكى ئىنساننىڭ مۇستەملىكىچىسى ئالدىدىكى ھال – ۋەزىيىتى. ئايتماتوفنىڭ قۇل بىلەن ماڭقۇرت ئارىسىدىكى پەرقلەر ئىچىدە ماڭقۇرتنى «ئۇنىڭدا ‹مەن› دېگەن ئاڭ يوق»، ئۇ «ئۆزىنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ»، ئۇ بىر «تىلى تۇتۇق مەخلۇق (ھايۋان)» دەپ سۈپەتلىشىمۇ مۇستەملىكە ئاستىدا ئۆزىنى پۇقرا ساناۋاتقان، ئاتالمىش پۇقرالىق ھەققى ۋە ھوقۇقى بارلىقى بىلەن ئۆزىنى بەزلەۋاتقان ھەربىر شەخسنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇستەملىكىچى نەزىرىدە يوشۇرۇن تەھدىد چېكىتى ئۇرۇلغان قۇل ھېسابلىنىدىغانلىقى، تاكى ئۇ ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتلىرى ئۆلگەن بىنورمال مەخلۇققا، ئۆزىنىڭ ئەسلىدە ئىنسان ئىكەنلىكىنىمۇ ئاڭقىرىمايدىغان، ئىنسانلىقىنىڭ تەسىرىدە بولسىمۇ مۇستەملىكىچىسىگە تېز پۈكمەسلىك، قارشىلىق روھىنى يوقىتىپ قويماسلىق كېرەكلىكىنى ئاڭقىرىمايدىغان دەرىجىدىكى ئادەمسىمان ھايۋانغا ئايلانمىغۇچە تەھدىت بولۇشنى داۋام قىلىدىغانلىقىدەك بىر ئۇچۇرنى بېرىشتىن باشقا ئەمەس ئىدى. دەرۋەقە، مۇستەملىكىچى ئۈچۈن ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئىنساننىڭ ئىنسانلىقى، كىشىلىكى مۇھىم ئەمەس. ئۇ ھەر ۋاقىت بېسىۋېلىنغان تۇپراقنىڭ كەلگۈسى خوجايىنى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان، كۈنى كېلىپ ئىسيان كۆتۈرۈش پوتېنسىيالىغا ئىگە مەڭگۈلۈك تەھدىت. بۇ تەھدىتنىڭ يوق قىلىنىشى ئۈچۈن مۇتلەق ئىتائەت كېرەك. مۇتلەق ئىتائەت ئەمەلىيلەشمىگەندە، ئۇنى پۇقراسى نامىدا مەھبۇس قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشى، تىزگىنلىشى لازىمكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىنسانلىقى زەخمىلىنىشى، خورىشى لازىم. ئۇنىڭ تىزگىندە تۇتۇلۇشى ئۈچۈن باشقا جۇغراپىيەنىڭ ئىنسانلىرى بىلەن ئوخشاشلىقى بىلىنىدىغان «ئىنسانىيلىق»تىن ئىبارەت ئورتاق نۇقتىلىرى بۇزۇپ تاشلىنىشى كېرەك. ئۇ ئاسارەتتە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ مۇتلەق بويسۇنسا، مۇتلەق ئىتائەت كۆرسىتىپ كۈن كەچۈرسە بولىدۇ، لېكىن ئاشۇ تۇپراقنىڭ ئۆرپى ۋە كىملىكىنى يېپىنچا قىلغان «ئىنسان» بولۇپ ياشىسا بولمايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ يېپىنچىسىنىڭ نېمىدىن توقۇلىشى (قايسى كىملىككە مەنسۇپ بولۇشى) ۋە قانداق پىچىمدە ياشىشى پەقەت ۋە پەقەت مۇستەملىكىچى تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى لازىم. ئۇ مۇستەملىكىچى سۇنغان ماددىي ياشاش شەكلىدىن، مەنىۋىلىك تۈسى بېرىلگەن سۈنئىيلەشكەن «روھىي ئوزۇق»لاردىن يۈز ئۆرىسە بولمايدۇ. ئورنىغا پەرقلىق مەرىپەت، پەرقلىق ئىدىيە ۋە پەرقلىق كۈلتۈر بىلەن ئوزۇقلانماقچى بولسا، كىملىكىنى، ئىنسانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنسا، ئادىمىيلىك ۋەسىپلىرىنى قايتىدىن ئۆزىدە تىكلىمەكچى بولسا ۋە بۇنىڭغا كېرەكلىك مەنىۋى ئوزۇقلىنىش مەنبەلىرى بىلەن ئۇچراشسا، زەرەتلەنسە بولمايدۇ. شۇڭا تەھدىت بىرتەرەپ بولغانغا قەدەر دائىم كونترول ئاستىدا بولۇشى شەرت. تەھدىت بىرتەرەپ قىلىنغاندا، يەنى ماڭقۇرتلاشتۇرۇش، يەنە بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئەمەلگە ئاشقاندا، ئۇ چاغدا «ئىنسانلىق»تىن ئىبارەت ھېلىقى ئورتاق نۇقتىنىڭ پىلىكىگە قايتىدىن ئوت تۇتۇشىشىدىن ئەنسىرەلمىسىمۇ بولىدۇ. مانا بۇ دەۋرىمىز مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ زېھنىيىتى.
-بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:بۇرھان مۇھەممەد]]
[[تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان]]
eugqrqokxzf0sr14pwldj7bmxltyd39
مۇستەملىكىگە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىمتىھانى
0
24625
176242
2026-08-02T21:18:30Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''مۇستەملىكىگە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىمتىھانى''' ئاسارەت قانداقتۇر مەھكۇملۇق تۈرمىسىنىڭ گۇندىخانىسىغا ئېسىلغان قۇرۇق ۋىۋىسكىدىن ئىبارەت ئەمەس. ئاسارەت كۈنىمىزدە ئىنساننى ئىنسانلىقتىن چىقىرىش، ئىنساننى ئىنسانلىقىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاش ئۈچۈن كەلگەن قەپەسنىڭ...'
176242
wikitext
text/x-wiki
'''مۇستەملىكىگە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىمتىھانى'''
ئاسارەت قانداقتۇر مەھكۇملۇق تۈرمىسىنىڭ گۇندىخانىسىغا ئېسىلغان قۇرۇق ۋىۋىسكىدىن ئىبارەت ئەمەس. ئاسارەت كۈنىمىزدە ئىنساننى ئىنسانلىقتىن چىقىرىش، ئىنساننى ئىنسانلىقىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاش ئۈچۈن كەلگەن قەپەسنىڭ نامى. ئاسارەت نە پەقەت جىسمانىي تۇتقۇنلۇقنى، پۇت – قولنىڭ چۈشەكىلىشىنى، ئىشغالچى كۈچ يولغا قويغان رېجىمنىڭ قۇلى بولۇشنى شەرت قىلىش بىلەن چەكلەنگەن. بەلكى ئاسارەت جىسمانىي تۇتقۇنلۇقنى ئازادلىق، روھىي تۇتقۇنلۇقنى ھۆرلۈك، تەسلىمچىلىكنى مەجبۇرىيەت بىلىش قاتارلىق مەنىلەرنىمۇ ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغاندۇر. ئاسارەتتىكى ئىنسان دېمەكلىك، جورج ئورېۋىلنىڭ «1984» رومانىدىكى تەسۋىرىدە ئېيتىلغان: ئۇرۇش تىنچلىق دېمەكتۇر، ھۆرلۈك قۇللۇق دېمەكتۇر، جاھالەت كۈچ دېمەكتۇر، دېگەن ئۈچ چوڭ بۇرمىلانما شوئارنى شوئۇرىغا سىڭدۈرگەن، ئۇنى ئۆزلەشتۈرگەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەقىقەتلىرىنى سەپسەتىلەر بىلەن يۇغۇرۇپ تاشلىغان كىشى، يەنى ھەقىقەت ئېڭى ئۆلگەن كىشى دېمەكتۇر. ئاسارەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن، رېجىمنىڭ ئەڭ چوڭ كۈشەندىسى ئالدى بىلەن قارشىسىدىكى خەلقنىڭ ئىنسانلىقى ۋە ئىنسانىيلىقىدۇر. بۇ مەنىدىن مۇستەملىكىچىنىڭ كۈنلىكى ئاستىدا قۇرۇلغان ئاسارەت ئىنساننى ئىنسانلىق خاراكتېرىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىغۇچى، قۇللۇق زەنجىرىنى چىقىش ئورنىغا ئىنساننى ئىنسان قىلىپ تۇرغان قىممەتلەر زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا، مىزانسىزلىشىشقا، قىممەتسىزلىشىشكە، ئەقىدىسىزلىشىشكە ئىتتەرگۈچى ئاسارەتتۇر. ئاسارەتتىكى ئىنسان ھۆكۈمران كۈچ ئۈچۈن پەقەتلا ئادەم سۈرەتلىك پارازىت، خالاس. شۇڭا ئۇنىڭ نورمال ئىنسان ھاياتىنى ياشاش ھەققى يوق. ئۇنىڭ ئۆز ئىرادىسى بويىچە تاللاش، خالاش ئەركىنلىكىمۇ يوق. ئەركىنلىكى، تاللىشى ۋە ئىرادىسى بولمىغان بىرىنىڭ خالىغان دىن ياكى ئېقىمنىڭ مەنسۇبى بولۇشنى تاللاپ ياشىشى، مۇستەملىكىچىسىنىڭ ئىرادىسىغا مۇخالىپ ئىدىيەلەر بىلەن ئۇچرىشىشى ئەمەلىيەتتە مۇستەملىكىچى ئۈچۈن كەلگۈسى تەھدىتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مۇستەملىكىچى پەقەت ئۆزىنىڭلا مۇتلەق كۈچ ئورنىدا كۆرۈلۈشىنى، ھەرقاچان ئاسارىتى ئاستىدىكى ھېلىقى ئادەمسىمان «پارازىت»تەرىپىدىن، يەنى دۇنيا قارىشى ئۆزى بىلەن پۈتۈنلەي باشقا بولغان مەھكۇم توپ تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشنى ئىستەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن گېزى كەلسە ئاسارىتى ئاستىدىكى مەھكۇم خەلقنىڭ ئەقىدىسىدىكى تەڭرىدىنمۇ قىزغىنىدۇ - دە، ئۆزىنى تەڭرىنىڭ ئورنىدا ئۇلۇغلىنىشىنى، ئۇنىڭغا قىلىنغان مۇتلەق تەسلىمىيەتنىڭ ئۆزىگە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى بۇ خىل غالجىرانە ئىستەك ئۇنى شۇ قەدەر قىزغانچۇق ھالغا ئېلىپ كېلىدۇكى، مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى كىشىلەر توپىنىڭ قىممەت بېرىدىغان نېمىسى بولسا، ھەممىسىنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ دەسسىتىلىشىنى ئىستەيدۇ. ئۇلارنىڭ جىمى مۇقەددەساتلىرى ئورنىغا ئۆزىنىڭ مۇقەددەسلەشتۈرۈلۈشىنى، ئەقىل قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە بولۇشىغا قارىماي مېتافىزىكىلىق مەۋجۇتلۇق ئورنىغا ئۆزىنىڭ فانتازىيەلەشتۈرۈلۈشىنى، خەلق قەلبىدىكى ياراتقۇچىنىڭ، رىزىق بەرگۈچىنىڭ ئورنىغا دەسسەشنى ئىستەيدۇ. بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، تەڭرىنىڭ دىنىنىمۇ قىزغىنىدۇ ۋە ئۆزى تەرىپىدىن پىششىقلانغان ئىدېئولوگىيەنى دىن ئورنىغا دەسسىتىشكە تىرىشىدۇ. نەزىرىدىكى ئادەمسىمان «پارازىت»لارنىڭ سۈنئىيلەشتۈرۈلگەن، سۇيىئىستېمال قىلىنغان بارچە ياسالما دىن، ئىدېئولوگىيە ۋە ساختا مەنىۋى ئوزۇقلارنى رەت قىلىشىنى ۋاقتى كەلسە ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان ناھەقچىلىككە قارشى پارتلىغان ئىسياندىنمۇ ئېغىر دەپ قارايدۇ. ئۆزى سۇنغان ساختا دىنىي تەلقىنلەرگە پەرۋا قىلماستىن دىننى ئۆز مەنبەسى بويىچە ئۆگەنمەكچى بولۇش، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىچە ياشاش يولىنى تاللاش ئەمەلىيەتتە مۇستەملىكىچى نەزىرىدە خوجىسىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق، ئۇنىڭ ئىستەكلىرى ۋە يوليورۇقلىرىنى تۆۋەن كۆرگەنلىككە باراۋەر. مۇستەملىكىچىگە قويۇپ بەرسە ئاسارەتتىكى ئىنساننىڭ، يەنى ئىشغالچى نەزىرىدىكى ئادەمسىمان «مەخلۇق»نىڭ بىرلا «ھوقۇقى» بولۇشى كېرەك. ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭلا بەلگىلەپ بەرگەن «قىممەت»لەرنىڭ مەھبۇسى، ئۇنىڭلا ئەسىرى، ئۇنىڭلا تۇتقۇنى بولۇش. مانا بۇ مەزكۇر «مەخلۇق»نىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن سۇنۇلغان بىردىنبىر تاللاش. توغرىسى بىردىنبىر مەجبۇرى چىقىش يولى. بۇ ۋەجىدىن ئاسارەتلىك ھاياتتا تەڭرىگە، پەيغەمبەرگە، ئەجدادقا، ئۆرپكە، تۆرىگە ھەقىقىي مەنىدە ئەسلا ئورۇن بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئىدىيە ۋە قىممەتتىن ئىبارەت ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ تىزگىنى ھۆكۈمران سىنىپنىڭ چاڭگىلىدا بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ چۈشۈرگەن يارلىقى نېمە دېسە شۇ بولۇشى، كىشىنىڭ كىمنى تەڭرى بىلىشى، كىمنى پەيغەمبەر بىلىشى، كىمنى ئەجداد بىلىشى ۋە نېمىنى ئۆرپى – ئادىتى قىلىپ، نېمىنى قوبۇل قىلىپ نېمىنى چۆرۈپ تاشلىشىغىچە بولغان ھەممە ئىختىيارلىقلار، قارارلار ۋە تاللاشلار پەقەتلا ھۆكۈمران كۈچ تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى كېرەك. قىسقىسى، ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق ئاپپاراتىنىڭ سۈزگۈچىدىن ئۆتكەن بولۇشى شەرت. ئەجەبا بۇنداق بىر قۇرۇلما ئاستىدا ئىنسان بولۇش، ئىنسان پېتى ياشاش ۋە ئىنسانلىق سۈپەتنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇش قانداقسىگە مۇمكىن، بولسۇن؟!
سەمىمىزدە بولغايكى، مىللەت بولۇش ئالدى بىلەن ئىنسان بولۇشنى شەرت قىلىدۇ. مىللىي روھ ھېچقاچان ئىنسانلىق (ئادىمىيلىك)نى پايخان قىلىش بەدىلىگە ئىنشا بولغان ئەمەس. بىيولوگىيەلىك مەۋجۇتلۇق مىللىي روھ قەتلى قىلىنغان «ئىنسانلىق» بىلەن بىر گەۋدە ئىچىدە ھەرگىزمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. مىللىي روھ بولسا، مىللىي دەۋانىڭ جېنىدۇر. ئىسلام بۇ روھنى كۆكلەتكۈچى زىلال سۇ مىسالى ھاياتلىق مەنبەسىدۇر. ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق بولسا، ئۇشبۇ ھاياتىيلىقنى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ كاپالىتىدۇر. بۇ مەنىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادىمىيلىكىنى قۇرۇپ چىقالمىغان دىندارلىقتىن، دىندارلىقىنى يوقاتقان مىللەتۋازلىقتىن مىللەتكە خەيرلىك كەلمەيدۇ. شۇنداقلا ئۆز مىللەتداشلىرىنى ياتنىڭ قولىدا بابلاشتا ۋاسىتە تاللىمايدىغان، كاللىسى باشقىلارنىڭ ئەقلىنى ئويۇنچۇق قىلىش تەدبىرنامىلىرى بىلەن پىروگراممىلىنىپ كەتكەن «شالغۇت زېھنىيەت» بىمارلىرىدىنمۇ ۋەتەن -مىللەتكە خەيرلىك كەلمەيدۇ. شۇنىڭدەك، ئىنسانلىقى زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزەلمىگەن بىرىنىڭ مىللىي دەۋا يولىدىكى سەمىمىيتىمۇ دەرگۇماندۇر. بۇ نۇقتىدا شۇنىمۇ سوراقلاپ كۆرۈشكە ھاجەتمىزكى: ئەجەبا ۋەتەن – مىللەت يولىدا قىلىۋاتقان ئۇرۇنۇشلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مىللەتنىڭ ئەزاسىغا لايىق رەۋىشتە قىلىنىۋاتقان سەمىمىي تىرىشچانلىقلار، پۈتۈنلەي مۇقەددەس غايىنى كۆزلەپ قېلىۋاتقان، باشقا ھەرقانداق مەنپەئەت بىلەن دۇغلاشتۇرماي ئېلىپ بېرىۋاتقان سەمىمىي ئۇرۇنۇشلار دېگىلى بولامدۇ، يوق. مۇنداقچە ئېيتساق، قىلىۋاتقانلىرىمىزنى راستتىنلا داۋا، دېگىلى بولۇۋاتامدۇ، يوق؟! قىلىۋاتقانلىرىمىزدا ئۇيغۇرلۇقىمىزنىڭ بىزدىن نېمە كۈتىدىغانلىقىنى، مۇسۇلمانلىقىمىزنىڭ بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئىنسانلىقىمىزنىڭ بىزدىن قانداق ئىنسان بولۇشىمىزنى كۈتىدىغانلىقىنى ئىش – پائالىيەتلىرىمىزدە قانچىلىك دىققەتكە ئېلىۋاتىمىز، قايسى دەرىجىدە سەمىمىي بولۇۋاتىمىز؟ ئەجەبا، ھېلىھەم ئىنسان پېتى قىلىشتەك ئەقەللىي خۇسۇسىيىتىمىزنى مۇھاپىزەت قىلالاۋاتامدۇق - يوق، ئىنسانلىقىمىزنىڭ ئۇلارچە ئىنسانلىققا ئۆزگىرىپ كەتمەيۋاتقانلىقىغا كاپالىتىمىز نېمە؟ ئىنسانلىقىمىزنى ساق – سالامەت دېسەك، ئۇنداقتا بۇ ئىنسانلىقىمىز ئاڭ – ئىدراكىمىزغا، ۋىجدان ۋە ئىرادىمىزگە ئەقەللىي بىر ھەرىكەت چاغلىق قارشىلىق روھىنى ئەكس ئەتتۈرەلەۋاتامدۇ - يوق، ئىنسانلىقىمىز زادى بىزنى قايسى دەرىجىدە ھەرىكەتكە كەلتۈرەلىدى ۋە كەلتۈرۈۋاتىدۇ؟
مانا بۇلار ھەقىقەتەن ئىنسانلىقى ئىشغالغا ئۇچرىمىغان، ئىنسانلىقى قايتا شەكىللەندۈرۈشنى رەت قىلىپ كەلگەن ھەمدە ۋەتىنى ۋە خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان دەپسەندىچلىكلەرنىڭ، قىرغىنچىلىقلارنىڭ تاماشىبىنى بولۇشتىن باشقىغا يارىمايۋاتقان كۈنىمىز دۇنياسىدا «ئىنسان پېتى قېلىش» كۈرىشىنى توختاتمىغان ۋە ئاسارەتكە قارشى كۈرەشتىن شاشماسلىقنى ئىنسانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى دەپ بىلگەن، قىسقىسى ئىنسانلىقى تېخى نابۇت بولۇپ ئۈلگۈرمىگەن ھەربىر ۋىجدان ئىگىسى ئۈچۈن ئەمەلىي جاۋاب كۈتۈۋاتقان سوئاللاردۇر.
-بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:بۇرھان مۇھەممەد]]
[[تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان]]
jdmp4bubzgq0k2bbwhrjfvrj9d6vd2p
ئامان بول ئەي «قەدىردانلىق»!
0
24626
176243
2026-08-02T21:20:10Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''ئامان بول ئەي «قەدىردانلىق»!''' نۆۋەتتىكى ھال - ئەھۋالىمىز مەنزىرە جەھەتتىن ئىزاھلاش بەكمۇ مۇرەككەپ ۋە قىيىن بولغان، ئەمما چۈشىنىشنى ئىختىيار قىلغان ھەربىر كۆڭۈل ئىگىسى كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ھېس قىلىپ يېتەلەيدىغان بىر ھالەتتە تۇرۇپتۇ. خۇسۇسەن يېقىنقى...'
176243
wikitext
text/x-wiki
'''ئامان بول ئەي «قەدىردانلىق»!'''
نۆۋەتتىكى ھال - ئەھۋالىمىز مەنزىرە جەھەتتىن ئىزاھلاش بەكمۇ مۇرەككەپ ۋە قىيىن بولغان، ئەمما چۈشىنىشنى ئىختىيار قىلغان ھەربىر كۆڭۈل ئىگىسى كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ھېس قىلىپ يېتەلەيدىغان بىر ھالەتتە تۇرۇپتۇ. خۇسۇسەن يېقىنقى ئون يىللىق كەچۈرمىشلىرىمىزنى ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگە كېلىپ خۇلاسىلىسەك نېمىنى قەدىرلەپ، نېمىنى قەدىرلىمىگەنلىكىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر مەنزىرىنى كۆرەلەيدىغانلىقىمىز يۈرەككە قول سېلىشقا جۈرئەت قىلغان ھەربىر سەمىمىيەت ئىگىسى ئۈچۈن ئايان ۋە باياندۇر.
قەدىر ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدا، دەرۋەقە ئەسلىمىز خۇددى نەسلىمىز مىسالى پاك ۋە قەدىرلىك ئىدى. بىرىمىز يەنە بىرىمىز ئۈچۈن قەدىرلىك ئىدۇق، ئامانەت ئىدۇق. قەدىردانلىق بىزنى بىر ئارىدا تۇتۇپ تۇراتتى. جانابى ھەقنىڭ «بارچە مۇئمىنلەر قېرىنداش» دەپ جاكارلىغان ئىلاھىي يارلىقى بىز ئۈچۈن گويا «بارچە مۇئمىنلەر بىر - بىرى ئۈچۈن قەدىرداندۇر» دەپ قوبۇل قىلىنغاندەك ئىدى. تۈپ مەنىدىن ئېيتقاندا، بىز ھەم قەدىرداش ھەمدە تەقدىرداش ئىدۇق. قەدىر ۋە ئىمان قەدەرىيەت جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىمىزنىڭ مەنبەسى، يىلتىزى ئىدى. شۇنداقلا تەقدىرىمىزنى چېتىشتۇرغۇچى رىشتە، مىللەت سۈپىتىدە بىرلىكىمىزنى ھىمايە قىلغۇچى ۋە بىر ئارىدا تۇتۇپ تۇرغۇچى قورغان ئىدى. نېمىگىدۇر «قەدىر»لەر بىزدىن يىراقلاپ كەتتى. ئارىمىز يىراق، ئارىلىقىمىز ئۇزاقلاشتى، بۆلۈندى. بارا - بارا قەدەرىيەتلەر ئىگە – چاقىسىزلاشتى. نەتىجىدە قەدەرىيەتسىزلىشىشكە باشلىدۇق، قەدەرىيەتسىزلەشتۇق. قەدرىمىزنى ساقلاشنى بىلمىدۇق ۋە يوقىتىلىشقا يارىغۇدەك نېمىمىز قالغان بولسا گېزى كەلگەندە بىر – بىرلەپ، بىراقلا يوقىتىپ قاراپ ئولتۇردۇق. قەدىرلەشكە تېگىشلىكنى قەدىرلىيەلمەس بولدۇق. نېمە قەدىرلىك ۋە نېمە قەدىرسىز ئىدى ئايرىيالماس ھالغا كەلدۇق. بارا – بارا قەدىردانلىرىمىزدىنمۇ ئايرىلدۇق. چىن گەپ شۇكى، ھەممىنىڭ قەدرى ئۆتۈلدى. ئانا قەدرى، ئاتا قەدرى، ئاكا قەدرى، ئۇكا قەدرى، ئاچا ۋە سىڭىل قەدرى. پەرزەنت قەدرى ۋە يۇرت - ماكان قەدرى.
قەدىر – قىممەت ئەسلىدە بىزدە بىباھا ئىدى، ئارزۇلۇق ئىدى. كۈنى كەلدى ھەممە قەدەرىيەتلىرىمىزنىڭ قىسمىتى كەبى قەدىرنىڭ ئۆزىمۇ ئەرزانلىشىپ كەتتى، نەرخى چۈشتى، سېتىلدى، چىرىدى، بۇزۇلدى. ئاسرىماقچى بولدۇق ئەمما خەستىلەندۇق. تىرىلدۈرمەكچى بولدۇق، ئەمما ئۆلتۈرۈپ قويدۇق. دەپنە قىلاي دېدۇقيۇ كۆمەلمىدۇق، ياكى قوشۇلۇپ كۆمۈلەلمىدۇق. كەتتۇق، قايتالمىدۇق، كەلدۇق، كېلەلمىدۇق ۋە ياكى كېتەلمىدۇق.
قۇدرەت - قەدىرلىنىشتىن تۇغۇلىدىغان كۈچ ئىدى. قەدىردانلىق بولسا، قۇدرەتنى زورايتقۇچى، قەدىر – قىممەت ئۈنچىلىرىنى بىر – بىرىگە چاتقۇچى، ئۈزۈلمەس ۋە يېڭىلمەس كۈچنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرغۇچى رىشتە ئىدى. نېمىشقىدۇر رىشتىلەرنى پارە – پارە ئەتتۇق، غەپلەتكە ئىنتىلگۈچىلەرگە، غەپلەتلىك كەچمىشنى سېغىنغۇچىلارغا، غەپلەتلىك دەۋرنى چۈشەكىگۈچىلەرگە ئايلاندۇق. نىھايەت شۇ بولدىكى، قەدىر ۋە قەدەرىيەت خاتىرىمىزدىن خىرەلەشتى، قەدىردانلىق سۇسلاشتى، قەدرىنى تونۇماس بولدۇق، بىلمەس بولدۇق. ئۆتمۈشتىمۇ، ھېلىھەممۇ.
ئېيتىلغاندەك، «كەتكەن كەلمەيدۇ»، «بولۇشى كېرەك بولغىنى ھامان بولماي قويمايدۇ». بەلكىم ئەگەر يېڭىدىن قۇدرەت تېپىش پۇرسىتىمىز بولۇپ قالغان تەقدىردە، بۇنىڭ بىرىنچى قەدىمىنىڭ قەدىرسىزلەرچە ياشىغان، غاپىللارچە ئۆتكۈزۈۋەتكەن ئاشۇ قەدىرلىك كۈنلىرىمىزدىن كەچۈرۈم سوراشتىن باشلىساق خاتالاشمىساق كېرەك.
شۇڭىمۇ كىشى بەزىدە راستتىنلا دېيىشكە يۈزىمىز بولىدىغان، پۇشايماننى تەن ئېلىشنىڭ ۋە ئۆزگىرىشنى باشلاشنىڭ بىرىنچى ئىپادىسى قىلىشقا بولىدىغان «كەچۈر» دىن ئىبارەت بىرلا سۆزىمىز قالغان چېغى، دېمەي تۇرالمايدۇ.
شۇنداق، كەچۈر ئەي رەببىم، كەچۈر ئەي قەدىردان ئانا، قەدىردان ئاتا، قەدىردان قېرىنداش، قەدىردان يۇرتداش، قەدىردان دوست، قەدىردان قەۋم، قەدىردان ئۇيغۇر، قەدىردان خەلق، قەدىردان ئەي ئانا ۋەتەن!
سەنمۇ شۇ ئەي دىل ساھىبى! سەنمۇ ھەم كەچۈر ۋە قەدىرلە! بىلكى، قەدىرلىسەڭ ئەرزىيدىغان ۋە قەدىرلەشسەڭ كېچىكمەيدىغان يەنە نۇرغۇن قەدىرلەشلەر سېنىڭ قايتا تىرىلىشىڭگە ئىنتىزار بولماقتا. ھېلىھەم بىزگە ئۆزىمىزدىن باشقا قەدرىمىزنى قىلىدىغان تەڭرىدىن ئۆزگە يار - يۆلىكىمىزنىڭ قالمىغانلىقىنى، يوقلۇقىنى ئەسلىتىدىغان قەدىردانلىرىمىز، قەدەرىيەتلىرىمىز بارلىقىنى ئەسلە. ئۇنتۇمىغىنكى، قەدىردىن قۇدرەت، قۇدرەتتىن تەقدىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قەدەملەر بارلىققا كېلىدۇ. بۇنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى بىردىنبىر چىقىش يولىمىز بولسا، بوشاشماسلىق، ئەسكە ئېلىش، ئۈمىدۋار بولۇش ۋە ئەسلا ۋاز كەچمەسلىكتۇر.
شۇنداق، كەچۈرگىن ئەي «قەدىر»لىرىم، ئامان بول، ئەي «قەدىردانلىرىم»!
- بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:بۇرھان مۇھەممەد]]
[[تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان]]
lldyym9a9jtubwh7vwbv4kcdwg3erv1
دەرد ئۆزۈڭدە، دەرمانمۇ ھەم
0
24627
176244
2026-08-02T21:22:01Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''دەرد ئۆزۈڭدە، دەرمانمۇ ھەم''' ۋاز كېچىپ بېرىش ھېچبىر زامان مەۋجۇتلۇق كۈرىشىنىڭ چارىلىرىدىن بىرى بولغان ئەمەس ۋە بولالمايدۇ. ۋەھالەنكى ئاسارەت تارىخىمىزنىڭ مۇقەددىمىسىدىن تارتىپ بۈگۈنكىدەك مۈستەملىكىچىنى قۇتقازغۇچى ئورنىدا كۆرۈپمۇ، ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ...'
176244
wikitext
text/x-wiki
'''دەرد ئۆزۈڭدە، دەرمانمۇ ھەم'''
ۋاز كېچىپ بېرىش ھېچبىر زامان مەۋجۇتلۇق كۈرىشىنىڭ چارىلىرىدىن بىرى بولغان ئەمەس ۋە بولالمايدۇ. ۋەھالەنكى ئاسارەت تارىخىمىزنىڭ مۇقەددىمىسىدىن تارتىپ بۈگۈنكىدەك مۈستەملىكىچىنى قۇتقازغۇچى ئورنىدا كۆرۈپمۇ، ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ، ياكى ئىتائەت قىلىپ «ئىسىم ۋە جىسىمىڭىز»نى ئۆزگەرتىپمۇ رازى قىلىپ بولالمايۋاتقان، دىنىغا، مىللىتىگە تەۋەلىك بىلدۈرۈپمۇ، قوپالراق قىلىپ ئېيتقاندا، تۇخۇم كاكىلاپ بېرىپمۇ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىشتەك ئاقىۋەتلەرنىڭ ھەربىر پەللىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە «ۋاز كېچىپ بېرىش»، «چۈشۈپ بېرىش» ئاتلىق بالداقلاردىن ياسىلىپ كەلگەنلىكى، ئۇنى ھاياتلىق ئۆگزىمىزگە چىقىشنىڭ شوتىسى قىلىۋېلىشتىن، تىنچلىققا ئۆزلۈكنى تەسلىم قىلىش بەدىلىگە ئېرىشمەكچى بولۇش تەمەسىنى قىلىشتەك خام - خىياللاردىن پۈتۈپ چىققان رېئاللىق ئىكەنلىكى بىر ئەمەلىيەت. مىللەت سۈپىتىدە پېشانىگە بېسىلغان ئاسارەت مۆھرى ئاشۇ تالايلىغان ۋاز كېچىپ بېرىشلەرنى شەرت قىلغان تىل خەتلەرنىڭ گۇۋاھلىق تامغىسى بولغانىدى.
ئاچچىق بولسىمۇ رېئاللىق شۇكى، ئاسارەتنىڭ باشلىنىشىدىن بۈگۈنگە قەدەر كەلگەن بارچە ئەۋلاد - نەسىللەر يىللار مابەينىدە يۇقىرىقى ھەر ئىككى نۇقتىدىن زىيان تارتىپلا كەلدۇق. قارايدىغان بولساق، ئىچىمىزدىن چىقىرىلغان «سەركە»لەر ۋاز كېچىپ بېرىشنىڭ بەدىلىنى ئۆزلىرى ئارزۇلىغان يېڭى باغۋەننىڭ قولىدا بوغۇزلىنىش بىلەن ئۆتىدى. ئۆلگەندىمۇ چىللاپ ئەمەس، چىللىتىلغان بولۇپ ئۆلتۈرۈلدى. توغرىسى نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن، ھېكمىتى بويىچە كوللېكتىپچە ئېلىپ بېرىلغان خاتا تاللاشنىڭ نەتىجىسىنى كۆردى. «يېڭى باغۋەن»مۇ ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ پەدىسىدە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپلا توختىمىدى. ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى بەرگىنى بىلەن روھىنى ئېلىپ قالدى. ئەپ قالغان بۇ سېسىق روھلارنى پادىلارغىمۇ ئابى كەۋسەر ئورنىدا دورا قىلىپ چاچتى، ئېزىپ ئىچۈردى. بۇ روھ كۈنى كېلىپ پادىلار ئۈچۈن چوقۇنىدىغان بۇتقا، مەنىۋى داھىيلارغا، ئۈلگىلىك قەھرىمانلارغا ئايلاندى. «قەھرىمانلار»مۇ پادىلارنىڭ كوللېكتىپ بوغۇزلىنىش نۆۋىتى كەلگەنگە قەدەر ئۇلارنى قوتاندا سولاپ تۇرۇشقا خېلىلا تۆھپە يارىتالىدى. ساق قالغان پادىلارنى بەلگىلەنگەن سىزىقتىن چىقىپ كەتمەي تۇرۇشى ئۈچۈن پەپىلەپ كۆندۈرۈشكىمۇ ئوبدانلا ئەسقاتتى. نەتىجىدە ئۆچرەت بىلەن نۆۋىتى يېتىپ كەلگەنلەر قۇربان بولۇپ مېڭىۋەردى. ئەمدىلىكتە ئۆچرەتمۇ ئېلىۋېتىلدى. قوتان كېڭەيتىلىپ دەڭگە، قەپەس چوڭايتىلىپ لاگېرغا ئايلاندى. ئۆچرەتسىز قەتلىئام ئاخىرىدا بۈگۈنكىدەك ھەر تەرەپتىن قىستاپ كېلىدىغان بولدى ۋە كېلىۋاتىدۇ.
ۋاز كېچىپ بېرىش ئەسلا چارە قىلغانلىق، چۈشۈپ بەرگەنلىك ئەسلا تەدبىر ئىشلەتكەنلىك ئەمەس ئىدى. ئەسلىدە چارە - تەدبىر «ئىلاجسىزلىق» باھانىسىدە ۋاز كېچىپ بېرىشتە ئەمەس، ئىچ - ئىچىدىن قېتىپ پولاتتەك مۇستەھكەم بولۇشتا، ئورۇنسىز تېيىلىپ بېرىشتە ئەمەس، زەبەردەست تۇرۇشتا ئىدى. سىياسىي سىزىقتىن كۈلتۈرەل سىزىققىچە، ئەقىدە چەك - چېگراسىدىن مەدەنىيەت پاسىللىرىمىزغىچە بۇزۇپ تاشلىنىشىغا ئەنە شۇ قەدەممۇقەدەم چۈشۈپ بېرىشلەر، بىر - بىرلەپ ۋاز كېچىپ بېرىشلەر، لايىقىدا ئۆزئارا ئىگە چىقماسلىقلار يېشىل چىراغ بولۇپ بەردى. ئاقىۋەت نېمە بولدى؟ ھەممىنى تارتقۇزۇپ قويدۇق. جىسمىمىز ساقلا بولسا ھازىرچە روھىمىزنى تەسلىم قىلىپ تۇرۇپ يەنە ئاستا - ئاستا ئۆزىمىزگە كېلىۋالالايمىز دېدۇق-يۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ ماھىيەتتە تەسلىمىيەتچىلىكنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالمىدۇق. چۈشۈپ بەردۇق-يۇ، تارتقۇزۇپ قويغانلىرىمىزنىڭ ھېچبىرىنى كۈتكىنىمىزدەك قايتۇرۇپ ئالالمىدۇق. ئېرىشكەنلىرىمىز ھېچنېمە ئەسلىگە كەلمەسكە ماڭىدىغان تەرزدە تۈگەل نابۇتلۇق، نوقۇل زىيان تارتىش بولۇپلا كەلدى. سۇنماس ھەقىقەت شۇ ئاچچىق دەرسنى بەردىكى، پىرىنسىپلىرىدىن ۋاز كېچىپ بېرىش تىرىك قېلىشنىڭ يولى ئەمەس ئىكەن. بەلكى بۇ ئۆلتۈرۈلۈش بىلەن ئۆلۈۋېلىش ئارىسىدىكى تاللاشتا نومۇسى بىلەن ئۆلۈشتىن نومۇسسىزچە ئۆلۈشنى ئەلا بىلىشتەك تاللاش مەسىلىسى ئىكەن. ئېچىنارلىقى ھەر ئىككى تاللاشنىڭ قايسىسىغا بارمايلى، ئالىدىغان نېسىۋە ئاقىۋەتتە ئوخشاشلا ئۆلۈم. چىقىدىغان نەتىجە بەرىبىر زىيان تارتىشتىن باشقا ئەمەس ئىكەن.
خوش، ئۇنداقتا چۈشۈپ بېرىش بەدىلىگە ئېرىشىدىغان نەتىجە زىياندىن باشقا نەرسە بولمىغان ئىكەن، ئەجەبا بىزنىڭ زامانىمىز كەلمەستىلا بۇنىڭدىن نەچچە ئەۋلاد بۇرۇنلا كوللېكتىپ دەرس چىقىرىپ بولۇشىمىز، كېيىنكى بىزلەرمۇ بۇلاردىن ئىبرەت - ساۋاق ئېلىپ بولۇشىمىز كېرەك ئەمەسمىدى؟ ۋاز كېچىپ بېرىشنى چىقىش يوللىرىدىن بىرى قىلىش ئورنىغا ئىمان قەلئەسىنى پۇختىلاش، ھەرىكەت ۋە پوزىتسىيەدە زەبەردەس تۇرۇش، نېمىلا تاللاش ئالدىمىزغا تاشلانسۇن، ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقەتلىرى ئۈستىدە چىڭ تۇرۇش، دۇچ كەلگەن ھەر تۈرلۈك كىرىزىسلاردا ۋاز كېچىپ بېرىش ئورنىغا مۇستەھكەم تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، بۇنىڭدىن كېلىدىغان سىناقلارنى ۋاقتى كەلسە سەۋر ماقامىدا تۇرۇپ كوللېكتىپ ھالدا تەڭ بېرىش، ھەقىقەت يولىدىكى بەدەللىرىمىزنى غەيرەت - شىجائەت بىلەن قەھرىمانلارچە ئۆتەشنى بۇرۇچ بىلىشىمىز ۋە گېزى كەلگەندە بۇ يولدا شەرەپ بىلەن ئۆلۈشنى خارۇزارلىق ئىچىدە ئىڭراپ ياشاشتىن، مەجبۇر ئۆلۈمگە قىستىلىشتىن، جان تالىشىپ ئۆتۈشتىن ئەلا بىلىشىمىز كېرەك ئەمەسمىدى؟
دەرھەقىقەت، شىددەتلىك زۇلمەت قاراڭغۇلۇقىدىن كېيىن ئەڭ تېز سۈرئەتتە يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا تۇرغان ئايدىڭلىق بىزنى ھېلىھەم كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. بىراق مەلۇم بولماقتىكى ئىنسانلىقىمىزنى ئاللىبۇرۇن خەتەر رايونىغا ئەكىرىپ قويۇپ، جىسمىمىزنى، قۇرۇق ئىسكىلىتىمىزنى ئېلىپ قېچىش كويىدا يۈرمەكتىمىز. روھىمىزنى گۆرۈگە قويۇپ تۇرۇپ ئالغان بۇ قېچىش قارارىنىڭمۇ خاتا تاللاشلارنىڭ داۋامى ھەمدە ئەڭ قورقۇنچلىقى ئىكەنلىكىگىمۇ دىققەت ئېتىبارىمىز تايىنلىقتەك، ئىبرەت - ساۋاق ئالغۇدەك ھالىمىزمۇ چاغلىقتەك. ھالبۇكى، ھاياتلىق دەستۇرىمىز نۆۋەتتىكى سەكراتلىق ھالىتىمىزگە قارىماي، ئۆزىنىڭ جاراڭلىق سادالىرى بىلەن ھەربىرىمىزنى مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىمىزدا توغرا تاللاشقا ئىگە بولۇشقا ۋە ھەقىقەت تامان ئىلگىرىلەپ زىياننى تەكرار سادىر قىلماسلىققا شۇ تەرزدە چىللاپ كەلمەكتە ئىدى: ئەي مىللەت! بەس يېتەر، ئويغان، دەس تۇرغىن! «زامان بىلەن قەسەمكى، ئىنسان ھەقىقەتەن زىيان ئىچىدە. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر - بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر - بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەر زىيان تارتمايدۇ». [سۈرە ئەسىر].
-بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:بۇرھان مۇھەممەد]]
[[تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان]]
196bwn2adw8e91mq8skqyw243nvxjsy
دۈشمەننى «بىلىش» بىلەن «تونۇش» ئوتتۇرىسىدىكى پەرق
0
24628
176245
2026-08-02T21:23:04Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت 'دۈشمەننى «بىلىش» بىلەن «تونۇش» ئوتتۇرىسىدىكى پەرق «بىلىش» ئۇقۇمى ئادەتتە تىلىمىزدا بىر نەرسىنىڭ ئوبيېكتىپ ھالىتىنى بىلىشكە، ئاڭدا بولسا شەيئىنىڭ شەكلى ياكى قىياپىتى ۋە ياكى ئوبرازى ئاساسىدىكى تەسەۋۋۇرىغا قارىتىلغان. تونۇشقا كەلسەك، بۇ سۆز خىتاب تىل...'
176245
wikitext
text/x-wiki
دۈشمەننى «بىلىش» بىلەن «تونۇش» ئوتتۇرىسىدىكى پەرق
«بىلىش» ئۇقۇمى ئادەتتە تىلىمىزدا بىر نەرسىنىڭ ئوبيېكتىپ ھالىتىنى بىلىشكە، ئاڭدا بولسا شەيئىنىڭ شەكلى ياكى قىياپىتى ۋە ياكى ئوبرازى ئاساسىدىكى تەسەۋۋۇرىغا قارىتىلغان. تونۇشقا كەلسەك، بۇ سۆز خىتاب تىلىمىزدا بىلىشنىڭ چوڭقۇرلاشقان، ئەتراپلىق چۈشىنىپ يەتكەن، بىلىشنىڭ ماھىيەتلەشكەن ھالىتىدۇر. بىلىش كۆپىنچە ھالدا ئومۇم قىياپەتنى كۆرسەتسە، تونۇش كۆپىنچە ماھىيەتكە ئىشارەت قىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزۈڭنى بىل، دېيىلىدۇ، ئۆزۈڭنى تونۇ دېيىلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ يەردىكى بىلىش ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىنى، چېگراسىنى بىلىشتۇر. ئۆزۈڭنى تونۇ، دېيىلمەسلىكى ھەرقانداق كىشى ئۆزىنى باشقىلاردىن ئەڭ ياخشى چۈشىنىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە بىل، دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن. يەنى بۇ يەردىكى بىلىش سۆزىدە ئۇنىڭ ئۆز ماھىيىتىنى بىلىشى كۆزدە تۇتۇلغان ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ھەددى - ھۇدۇدىنى، ئوبيېكتىپ مەنزىلىنى، ئاشسا بولمايدىغان چېگرا سىزىقىنى بىلىشى مەقسەت قىلىنغانلىقتىندۇر. دېمەك، نازۇك نۇقتىلاردا ماھىيەتلىك ۋە ئەتراپلىق بىلىش مەقسەت قىلىنغاندا «بىلمەك» سۆزى ئىشلىتىلمەستىن، تونۇماق سۆزى ئىشلىتىلىتىگەن. «ئۆزىنى تونۇغان كىشى رەببىنىمۇ تونۇيدۇ»، دېگەن ئىبارىدىمۇ بۇ نۇقتا دىققەتكە سازاۋەردۇر. چۈنكى، مەزكۇر ھېكمەتتىكى تونۇش ماھىيەتلىك بىلىش، يەنى ئىرپانىي پەللىدە تۇرۇپ ئىدراك قىلىش بولۇپ، ئىلمىي ياكى نەزەرىيەۋى بىلىش ئەمەس، بەلكى ئارىفلىق ماقامىدىكى بىلىش، نەزەرىيەۋى شەكىلدە ئىلمىي ياكى بىلىم نۇقتىسىدىنلا بىلىش ئەمەس، بەلكى ماھىيەتلىك تونۇپ يېتىشتۇر. بۇ ۋەجىدىن تىلىمىزدىكى تونۇش سۆزىنىڭ قارشىلىقى قۇرئان تىلىدىكى ئېرپانىي بىلىشكە ئۇدۇل كەلسە، بىلىش، بىلىم قاتارلىق سۆزلەرنىڭ قارشىلىقى قۇرئان تىلىدىكى ئىلىم مەرتىۋىسىدە بىلىشكە، يەنى «ئىلىم» ئۇقۇمىغا ئۇدۇل كېلىدۇ. كىلاسسىك تىلىمىز بويىچە ئىپادىلىگەندە، بىلىش «ئىلىم»غا، تونۇش «مەئرىفەت»كە تەقابۇلدۇر.
«دۈشمەننى تونۇش» دېگەن بۇ خىتابتىمۇ ئەينەن يۇقىرىقى مەنە جەھەتتىكى نازۇكلۇققا ئېتىبار بېرىلگەن. شۇ سەۋەبتىن دۈشمەننى تونۇش، دېگەندە نوقۇل دۈشمەننىڭ كىملىكىنى بىلىش، ياكى مەلۇم ئوبيېكتنى دۈشمەن دەپ بېكىتىش، مەقسەت قىلىنغان بولمايدۇ. ئەكسىچە، دۈشمەننى ئوبيېكتىپ ھالدا ئېنىق بەلگىلەپلا قالماي، مەزكۇر ئوبيېكتنى ماھىيەتلىك چۈشىنىش، ئۇنىڭ ئىچكى يۈزىنى ۋە غەرەز - مۇددىئاسىنى چۈشىنىپ يېتىش، ئۇنىڭ رەزىل تەبىئىتىنى ھەر تەرەپلىمە ۋە ئىچ - ئىچىدىن تونۇپ يەتكەن ئاساستا ئۇنىڭغا قارشى تەۋرەنمەس قارارغا ئىگە بولۇش، ئۇنىڭ شەررىدىن ھەر زامان ئويغاق ۋە سەگەك بولۇش ئىشارەت قىلىنغان. بۇ نۇقتىدىن دۈشمەننى تونۇشقا چاقىرىق قىلىش، ئۆز نۆۋىتىدە بىلىش دەرىجىسىدىن ئاشقان چوڭقۇر تونۇپ يېتىشكە، ماھىيەتلىك چۈشىنىپ يېتىشكە، بۇ ھەقتە تەۋرەنمەس قارارغا ئىگە بولۇشقا چاقىرىقتۇر. دۈشمەننى بىلىش كىشى ئېڭىغا قارشى تەرەپنىڭ ئۆز كۈشەندىسى ئىكەنلىكىنى تەيىن قىلىشنى ئۇرغۇلىسا، «دۈشمەننى تونۇش» مەزكۇر تەيىن قىلىنغان ئوبيېكتىنى بىلىشتىن ھالقىپ دىققەتنى ئۇنىڭدىن بۇرايدىغان بارلىق مەشغۇلىيەتلەرگە خاتىمە بېرىشنى، دۈشمەن، دەپ بىلىنىۋاتقان بىر قاتار ئوبيېكتىپلار ئىچىدە ھەقىقىسىنى ۋە ھەرقاچان سەل قاراشقا بولمايدىغاننى نىشان قىلىپ بېكىتىشنى، ھېچقاچان غەپلەتتە قالماسلىقنى ئۇرغۇلايدۇ. دۈشمەننى تونۇشقا چاقىرىش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئۇنىڭ ياسالما قىياپىتىگە ئالدانماسلىققا، ئۇنى ھېچبىر زامان دوست قاتارى كۆرمەسلىككە، ساڭا چېقىلمايۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئۇنى زىيانسىز ۋە زەرەرسىز دەپ چۈشىنىپ قالماسلىققا چاقىرىق قىلىشتۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ ساڭا تۇتقان مەيدانى دۈشمەنلەرچە بولۇشتىن سىرت، ئىچ دۇنياسى پۈتۈنلەي ساڭا بولغان ئۆچمەنلىك ۋە سۇيىقەستلەر بىلەن تولغان. ئۇنىڭ ساڭا مەزگىللىك چېقىلمايۋاتقانلىقى ياكى سېنى ئارامىڭدا قويۇپ باشقىلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ سېنى ئۆز ئىرقىڭ ئىچىدە پەرقلىق دەپ بىلگەنلىكىدىن ياكى سېنى دوستى قاتارى كۆرگەنلىكىدىن ياكى ئۇنىڭ ساڭا ھېچقاچان دۈشمەنلىك قىلمايدىغانلىقىدىن ۋە ياكى ساڭا قارىتىپ دۈشمەنلىك قىلىش نۆۋىتىنىڭ ئەسلا كەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
دەرھەقىقەت، ئى ئۇيغۇر، دۈشمىنىڭنى تونۇ! دۈشمىنىڭنى تونۇغىنكى، ئۇنىڭ ئۆتمۈشتە سېنىڭ ئەجدادلىرىڭغا، قەھرىمانلىرىڭغا، ئالىملىرىڭغا، مۇتەپەككۇرلىرىڭغا، ھېچبىر گۇناھسىز ۋە مەسۇم ئەۋلادلىرىڭغا، تۇپراقلىرىڭغا، مەدەنىي مىراسلىرىڭغا نېمىلەرنى قىلغانلىقى ۋە قىلىۋاتقانلىقى كۆزۈڭدىن قاچمىسۇن، ئېسىڭدىن چىقمىسۇن. ئۇنى تونىغىنكى، ھەر بىر قەدىمىڭدە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرىڭ ئاقىلانە بولسۇن. ئۇزۇنغا سوزۇلسىمۇ، تەييارلىقىڭ ھېچ ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن. ئەگەر سەن بىر كۈنلىرى تۇيۇقسىز ئۇنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغۇدەك بولساڭ، ئۇنىڭ چاڭگىلىغا تەييارلىقسىز تۇتۇلغۇدەك بولساڭ، ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئورنىغا كەلتۈرۈۋالغۇسىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇدەك بولساڭ، بىلگىنكى، بۇ دۈشمىنىڭنىڭ كىملىكىنى بىلگەنلىكىڭدىن ئەمەس، بەلكى دۈشمىنىڭنى تونىمىغانلىقىڭنىڭ ياكى يېتەرلىك دەرىجىدە تونۇپ بولالمىغانلىقىڭنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.
- بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:بۇرھان مۇھەممەد]]
[[تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان]]
rjbjcar8xld99n8503kg40o2zv8z4jq
«ئىنسان پېتى قېلىش» كۈرىشى
0
24629
176246
2026-08-02T21:24:07Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت '«ئىنسان پېتى قېلىش» كۈرىشى ئىنسان پېتى قالماق ئۆز نۆۋىتىدە فىترىتى ساق بولۇشنى، ئىمانى رۇس بولۇشنى ، ئەقىدىسى ساغلام بولۇشنى، مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسان پېتى قالماق قەدەرىيەتلىرىگە كۆرە ياشاشتىن بىردەممۇ ۋاز كەچمەسلىكنى...'
176246
wikitext
text/x-wiki
«ئىنسان پېتى قېلىش» كۈرىشى
ئىنسان پېتى قالماق ئۆز نۆۋىتىدە فىترىتى ساق بولۇشنى، ئىمانى رۇس بولۇشنى ، ئەقىدىسى ساغلام بولۇشنى، مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسان پېتى قالماق قەدەرىيەتلىرىگە كۆرە ياشاشتىن بىردەممۇ ۋاز كەچمەسلىكنى، ئادەم نەسلىگە خاس سۈپەت ئىگىسى بولۇشنى شەرت قىلىدۇ. ئىنسان پېتى قېلىش كىم ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق، كىم بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىش ۋە نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىنسان پېتى قېلىش ئۆز نۆۋىتىدە ھەد – ھۇدۇدى بولۇشنى، چېگراسى بار خاراكتېر ئىگىسى بولۇشنى، ھەققى ۋە مەجبۇرىيىتى بار كىشىلىك ئىگىسى بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ساماۋى ۋەھيىنىڭ مۇخاتابى، شەرەپ، ئىززەت ۋە ھۆرمەتنىڭ ئوبيېكتى بولۇش مانا بۇ بېجىرىم ئىنسان بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر تەڭرى ئۆزىنىڭ ۋەھيى ھەقىقەتلىرىدە «ئى ئىنسان!»، «ئى ئىنسانلار!» دەپ خىتاب قىلغان بولسا، شۈبھىسىزكى، بۇ ۋىجدان ۋە ئەقىلدىن نېسىۋىسى ئۈزۈلمىگەن «ھايۋانى ناتىق»غا، يەنى ئادەم ئەۋلادىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئورتاق خاراكتېرىنى، يەنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولىدىغان ۋىجدان ئىگىسىنى، ئەقىل ۋە ئوي – تەپەككۇر قابىلىيەتلىرى تېخى كاردىن چىقمىغان ھەربىر «ئىنسان»نى مۇخاتەبى قىلىشتىندۇر.
دەرۋەقە، مىللەت سۈپىتىدە تارتىۋاتقانلىرىمىز ۋە تارتىپ كەلگەنلىرىمىز بىزنى دىنىمىزنى قوغداشتىن تىلىمىزنى قوغداشقا، تىلىمىزنى قوغداشتىن ئۆرپىمىزنى قوغداشقا، بارا – بارا ھەممىنى تاشلاپ جىنىمىزنى ساقلاشقا قىستاپ ھالىمىزنى قويمىدى. ھەر تۈرلۈك باھانە ياكى سەۋەبلەردىن تەسەللى ئىزدىمەكچى بولايلۇق، ئەمدىلىكتە قوغداشقا مەجبۇر قېلىۋاتقانلىقىمىزنىڭ يالغۇز ئىنسانلىقىمىز بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىمۇ ئەمەلىيەت بولۇپ تۇرۇپتۇ. دىنىمىز خەتەردە دېدۇق، ئەمما دىنىمىزغا سەمىمىيەت بىلەن يېپىشىشنى بەجا كەلتۈرەلمىدۇق، تىلىمىز خەتەردە دېدۇق، ئەمما تىلىمىزغا ھەقىقىي مەنىدە كۆيۈنمىدۇق، يازغان - پۈتكىنىمىز تىلىمىزنىڭ ھاياتىيلىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈشتىن باشقىغا يارىمىدى. كۈلتۈرىمىز، مەدەنىيىتىمىز تەھدىتكە ئۇچرىدى دېدۇق، ئەمما ھېچبىرىنى ھاياتىمىزنىڭ ۋاز كەچمەس ياشاش سەنئىتى قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشتا بىرلىككە كېلەلمىدۇق. قىسقىسى ۋەتەن ئىچىدە كۈچ بېسىمىدە يىمىرىلگەن جىمى قەدەرىيەتلىرىمىز ۋەتەن سىرتىدا ساقلىنىپ قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن شالغۇتلاشتۇرۇلۇشتىن باشقا مۇئامىلە كۆرمىدى. خىرىسلار ئالدىدا بويۇن قىسىدىغان، پەقەتلا شەكىلۋازلىقنىڭ تەنتەنىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇرىلىدىغان «مالاي» دەرىجىسىگە چۈشۈرۈۋېتىلدى. ئەجەبا، بىز نېمە ئۈچۈن بۇ دەرىجىگە كېلىپ قېلىشنى ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز راۋا كۆرىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدۇق؟ ئەگەر ئىخچام جاۋاب بېرىشكە توغرا كەلسە، يۇقىرىقى نۇقتىئىينەزەرلەر ئاساسىدا شۇنداق جاۋاب بېرىش مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ: ئاسارەتنى قارشى تۇرۇش روھىمىزنىڭ يېقىلغۇسى قىلماستىن، ھالىمىزغا رازى بولۇشنىڭ باھانىسى قىلىۋېلىشىمىز، ئۆزىمىزنى ئۇلارغا قاراپ شەكىللەندۈرۈشتەك ئەجەللىك خاتانى بەس قىلغۇدەك سەۋىيە – ساپا يېتىلدۈرمەسلىكىمىز، ياتلارنىڭ ھەر تۈرلۈك سىياسىي ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى ئۆزىمىزگە تەتبىقلىغاندا، بۇنىڭ مېنى مەن قىلىپ تۇرغان ئىنسانلىقىمنى زېدىلەمدۇ - يوق، دېگەن ئەقەللىي بىر ئۆتكەلنى قويۇشقا ئادەتلەنمەسلىكىمىز، نەتىجىدە ئۆزگىگە قاراپ شەكىللىنىش، مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈپ بولالماسلىق قاتارلىقلار ئۆزىمىزنىڭ نېمىگە ئۆزگىرىپ قېلىۋاتقانلىقىنى سەزمەس، كۆرۈپ يەتمەس ۋە كۆرۈپ يېتىشنى خالىماس ھالغا كېلىشتەك قېچىپ قۇتۇلغۇسىز ئاقىۋەتنى قارشىمىزغا ئېلىپ چىقىپ تۇرۇپتۇ.
شۇنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى، مىللەت بولۇش ئالدى بىلەن ئىنسان بولۇشنى شەرت قىلىدۇ. مىللىي روھ ھېچقاچان ئىنسانلىق (ئادىمىيلىك)نى پايخان قىلىش بەدىلىگە ئىنشا بولغان ئەمەس. بىيولوگىيەلىك مەۋجۇتلۇق مىللىي روھ قەتلى قىلىنغان «ئىنسانلىق» بىلەن بىر گەۋدە ئىچىدە ھەرگىزمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. مىللىي روھ بولسا، مىللىي دەۋانىڭ جېنىدۇر. ئىسلام بۇ روھنى كۆكلەتكۈچى زىلال سۇ مىسالى ھاياتلىق مەنبەسىدۇر. ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق بولسا، ئۇشبۇ ھاياتىيلىقنى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ كاپالىتىدۇر. بۇ مەنىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادىمىيلىكىنى قۇرۇپ چىقالمىغان دىندارلىقتىن، دىندارلىقىنى يوقاتقان مىللەتۋازلىقتىن مىللەتكە خەيرلىك كەلمەيدۇ. شۇنداقلا ئۆز مىللەتداشلىرىنى ياتنىڭ قولىدا بابلاشتا ۋاسىتە تاللىمايدىغان، كاللىسى باشقىلارنىڭ ئەقلىنى ئويۇنچۇق قىلىش تەدبىرنامىلىرى بىلەن پىروگراممىلىنىپ كەتكەن «شالغۇت زېھنىيەت» بىمارلىرىدىنمۇ ۋەتەن -مىللەتكە خەيرلىك كەلمەيدۇ. شۇنىڭدەك، ئىنسانلىقى زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزەلمىگەن بىرىنىڭ مىللىي دەۋا يولىدىكى سەمىمىيتىمۇ دەرگۇماندۇر. بۇ نۇقتىدا شۇنىمۇ سوراقلاپ كۆرۈشكە ھاجەتمىزكى: ئەجەبا ۋەتەن – مىللەت يولىدا قىلىۋاتقان ئۇرۇنۇشلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مىللەتنىڭ ئەزاسىغا لايىق رەۋىشتە قىلىنىۋاتقان سەمىمىي تىرىشچانلىقلار، پۈتۈنلەي مۇقەددەس غايىنى كۆزلەپ قېلىۋاتقان، باشقا ھەرقانداق مەنپەئەت بىلەن دۇغلاشتۇرماي ئېلىپ بېرىۋاتقان سەمىمىي ئۇرۇنۇشلار دېگىلى بولامدۇ، يوق. مۇنداقچە ئېيتساق، قىلىۋاتقانلىرىمىزنى راستتىنلا داۋا، دېگىلى بولۇۋاتامدۇ، يوق؟! قىلىۋاتقانلىرىمىزدا ئۇيغۇرلۇقىمىزنىڭ بىزدىن نېمە كۈتىدىغانلىقىنى، مۇسۇلمانلىقىمىزنىڭ بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئىنسانلىقىمىزنىڭ بىزدىن قانداق ئىنسان بولۇشىمىزنى كۈتىدىغانلىقىنى ئىش – پائالىيەتلىرىمىزدە قانچىلىك دىققەتكە ئېلىۋاتىمىز، قايسى دەرىجىدە سەمىمىي بولۇۋاتىمىز؟ ئەجەبا، ھېلىھەم ئىنسان پېتى قىلىشتەك ئەقەللىي خۇسۇسىيىتىمىزنى مۇھاپىزەت قىلالاۋاتامدۇق - يوق، ئىنسانلىقىمىزنىڭ دۈشمەن نەزىرىدىكى ئاتالمىش ئىنسانلىققا ئۆزگىرىپ كەتمەيۋاتقانلىقىغا كاپالىتىمىز نېمە؟ ئىنسانلىقىمىزنى ساق – سالامەت دېسەك، ئۇنداقتا بۇ ئىنسانلىقىمىز ئاڭ – ئىدراكىمىزغا، ۋىجدان ۋە ئىرادىمىزگە ئەقەللىي بىر ھەرىكەت چاغلىق قارشىلىق روھىنى ئەكس ئەتتۈرەلەۋاتامدۇ - يوق، ئىنسانلىقىمىز زادى بىزنى قايسى دەرىجىدە ھەرىكەتكە كەلتۈرەلىدى ۋە كەلتۈرۈۋاتىدۇ؟
مانا بۇلار ھەقىقەتەن ئىنسانلىقى ئىشغالغا ئۇچرىمىغان، ئىنسانلىقى قايتا شەكىللەندۈرۈشنى رەت قىلىپ كەلگەن ھەمدە ۋەتىنى ۋە خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان دەپسەندىچلىكلەرنىڭ، قىرغىنچىلىقلارنىڭ تاماشىبىنى بولۇشتىن باشقىغا يارىمايۋاتقان كۈنىمىز دۇنياسىدا «ئىنسان پېتى قېلىش» كۈرىشىنى توختاتمىغان ۋە ئاسارەتكە قارشى كۈرەشتىن شاشماسلىقنى ئىنسانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى دەپ بىلگەن، قىسقىسى ئىنسانلىقى تېخى نابۇت بولۇپ ئۈلگۈرمىگەن ھەربىر ۋىجدان ئىگىسى ئۈچۈن ئەمەلىي جاۋاب كۈتۈۋاتقان سوئاللاردۇر.
-بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:بۇرھان مۇھەممەد]]
[[تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان]]
11sb9qi3mosv22wx762yfvqmsy7dg7q
ۋەتەن ئەھدىدە ۋاپا كىرزىسى
0
24630
176247
2026-08-02T21:25:13Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت 'ۋەتەن ئەھدىدە ۋاپا كىرزىسى ۋاپادارلىق ئىنسانلىق خاراكتېرنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى قالقان، ئاڭنى تىرىك تۇتۇپ تۇرغۇچى ئالىي شۇئۇردۇر. قاچانكى بۇ شۇئۇر ئەمەلىي تۇرمۇشتا رولىنى يوقاتسا، پىرىنسىپاللىقى بولمىسا، ئادىمىيلىك ئەخلاقتىن ئاجرىسا، سۆزلىنىدىغان ئەمما...'
176247
wikitext
text/x-wiki
ۋەتەن ئەھدىدە ۋاپا كىرزىسى
ۋاپادارلىق ئىنسانلىق خاراكتېرنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى قالقان، ئاڭنى تىرىك تۇتۇپ تۇرغۇچى ئالىي شۇئۇردۇر. قاچانكى بۇ شۇئۇر ئەمەلىي تۇرمۇشتا رولىنى يوقاتسا، پىرىنسىپاللىقى بولمىسا، ئادىمىيلىك ئەخلاقتىن ئاجرىسا، سۆزلىنىدىغان ئەمما ئىش - ئەمەلدە، ھەرىكەت ۋە تۇتۇمدا سايىسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خاراكتېرسىزلەشسە، بۇنداق بىر ھالەت ئەمەلىيەتتە جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ بىخۇدلار توپىغا ئايلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىدىنلا دېرەك بېرىپ قالمايدۇ. بەلكى بۇ مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ كوللېكتىپ يىمىرىلىشىگە، جەمئىيەت ئەزالىرىنى بىر - بىرىگە چېتىپ تۇرىدىغان مۇھىم ھالقىنىڭ ئۈزۈلۈپ چۇل چۇل بولىشىغا ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى ۋاپادارلىق يالغۇز خۇلق ۋە خاراكتېردىن مەيدانغا كېلىدىغان خىسلەتلا ئەمەس. ئۇ يەنە ئىنساننىڭ پېئىل - ئەتۋارلىرىنىڭ ھەممىسىدە يوشۇرۇن سايە تاشلاپ تۇرىدىغان ئالاھىدە تۈرتكە. ئادىمىيلىك ئەخلاق مىزانىدا ئىنساننىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلغۇچى شەرەپ، ئىززەت، ئۇلۇغۋارلىق، سەباتلىق، ئىپپەت، ساداقەت، مەردلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە شىجائەت قاتارلىق بىر قاتار ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ ھەيدەكچى ئامىلى. ئاتىنى ئەۋلادىغا، ئانىنى بالىغا، بالىنى ئائىلىگە، ئائىلە ئەزالىرىنى بىر - بىرىگە، مەھەللىنى رايونغا، خەلقنى يۇرت - ماكانغا باغلاپ تۇرغۇچى رىشتە ئىنساندىكى ۋاپا خۇلقىدۇر. ئائىلىلەردىن تەركىبلەنگەن جەمئىيەتنىڭ زەنجىرسىمان ۋە قاتلاملاشقان چوڭ گەۋدىسىنى مۇستەھكەملىگۈچى ئۇل - پىرىنسىپلاردىن بىرىمۇ دەل مۇشۇ ۋاپا خۇلقىدۇر. بىر توپلۇمنىڭ جەمئىيەت ھالىتىدە پۇت تىرەپ تۇرۇشى ئارقىسىدا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرىدا بىر - بىرىگە ئىگە چىقىش، ھەمدەم بولۇش، ئۇيۇشۇش، پۈتۈنلۈكنى ساقلاش، ئاسايىشلىق ئورنىتىش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ئورۇندىلىشى بار دېسەك، بۇ مەسئۇلىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئانا خۇلق مەزكۇر جەمئىيەت روھىدا يىلتىز تارتقان ۋاپا شۇئۇرىنىڭ تىرىكلىكىدىندۇر. ئوخشاشلا يىمىرىلىشكە يۈزلەنگەن، چۈشكۈنلۈككە پاتقان ۋە پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەن بىر جەمئىيەت، بىر ئائىلە، بىر توپلۇم مەيدانغا كەلگىنىدە ئۇنىڭ جەۋھىرىدە ۋاپا خۇلقىنىڭ ھاياتىيلىقىدىن شۈبھىلىنىشكە بولىدۇ. ۋاپا خۇلقىغا تويۇنمىغان جەمئىيەت ئۆلۈك جەمئىيەتتۇر. بۇنداق جەمئىيەتتە مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى ئومۇملاشمىغان، بىر-بىرىگە تارتىشىپ ياشاش، بىر - بىرىگە خىزمەت قىلىپ، بىر - بىرىنى قامداپ ياشاش ئېڭى بولمايدۇ. بىر - بىرىگە موھتاجلىقىنى، ئوخشاش تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت مەنسۇبىيىتى ئاساسىدا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغاندىلا بىر جەمئىيەت، بىر مىللەت، بىر خەلق سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدىغانلىقىنى ئاڭقىرىپ ياشاشتەك ئەقەللىي بولغان ئىنسانىي روھ يوقىغان، يوقسۇزلاشقان، مەسئۇلىيەتسىزلىك باش كۆتۈرگەن بولىدۇ. بۇنداق روھسىز جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋەتەن ئۈچۈن ساداقەت، مەسئۇلىيەت، پىداكارلىق، مۇھەببەت كۈتۈپ بولسۇنمۇ؟!
دەر ھەقىقەت، ۋاپادارلىق كىشىنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقىنىڭ سىناق تېشىدۇر. ۋەتەن سۆيگۈسى، ۋەتەنگە خىزمەت، ۋەتەننى ئەزىزلەش بولسا، ۋاپادارلىقنىڭ سىناق تېشىدۇر. بۇنى ئەڭ يارقىن ۋە سەمىمىي رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، ۋىجدانىي جاۋابكارلىقلارغا قارىتا رىياسىز ھالدا جاۋاب قايتۇرغىلى بولىدىغان مەيدان ۋەتەن ھىجرانىغا مۇپتىلا بولغان زامان - ماكانلاردۇر. ناۋادا سىزدە تېپىرلاش توختىغان، ئۆزگە يۇرتنىڭ، ئۆزگە ئىقامەتگاھلارنىڭ قەغەز يۈزىدىكى «ۋەتەنداش» قىلغانلىق رەسمىيەتلىرى، خاتىرجەم بىر ئەلدە قورساق توقلۇقى ياكى شۇنىڭ ھەلەكچىلىكىگە باغلىنىپ ئۆتۈۋاتقان ئۆمۈر سىزنى ۋەتەنگە ۋاپادارلىق كۆرسىتىشتىن توسۇپ قويسا، ئەكسىچە ۋىجدانى مەسئۇلىيەتلىرىڭىزنى سۇسلىتىشتىن باشقىغا يارىمىسا، ئىتتىن كېلىدىغان ۋاپاچىلىك سۈكۈتنى بۇزدۇرالمىسا، ساداقەتكە چاقىرالمىسا بۇ سىزدىكى كىشىلىك خاراكتېرنىڭ ئاللىبۇرۇن ۋاپادارلىقتىن يوقسۇزلىشىپ بولغانلىقىنى ئىشارەتلەيدۇ. ئەگەردە ھاياتنىڭ ئەگرى توقايلىقلىرى ئارا راھەتلىك ئىزدەپ كېتىۋاتقان، ياكى جان ساقلاشتا ئۆتۈۋاتقان بۇ پەيتلەر سىزنى ۋەتەن سېغىنىشىدىن مەشغۇل قىلىۋاتقان، شۇنداق تۇرۇپ سىز بۇنىڭ پەرقىگە بارماستىن جاھاندارچىلىققا كىرىپ كېتىۋاتقان بولسىڭىز، ياكى ۋەتەننىڭ زىيىنىغا قاراپ قەدەم بېسىۋاتقانلارنىڭ سېپى سىزنى جەلپ قىلىپ كەتكەن، خىيانەتچىلەر سېپىنى تاشلاشقا جۈرئەت قىلىشتىن، ۋەتەن ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىشتىن قېچىپ ياشاۋاتقان بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ۋاپادارلىق ئەردەملىرىگە رىئايە قىلىدىغان «ئەركەكلىك»، «مەردلىك» ۋەسپىنىڭ قارىمۇقارشىسى بولغان ۋاپاغا جاپا سالىدىغان «خوتۇن» ۋەسپىدىكى بىرىگە ئايلىنىپ قېلىش بىلەن ئىت مىسالى ۋاپادارلىقنى جارى قىلدۇرغۇچى ئارىسىدا قارارسىز قېلىۋاتقان بېرىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئەسكە سېلىشقا يېتەرلىك. ۋەتەندىكى ئەسلىمىلىرىڭىزنىڭ سۇسلاۋاتقانلىقى، ئانا تۇپراقتا ئۆتكەن ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىىز كەچمىشلەرنىڭ سىزنىڭ پىنھان دەقىقىلىرىڭىزدە يۈرەك تارىڭىزنى چەكمەس بولۇپ قېلىشى، نېمە ئۈچۈن قايتالماس پالاندىغا، قوغلاندىغا، سۈرگۈندىگە ئايلىنىشقا مەجبۇر قالغانلىقنىڭ ۋاپا تۇيغۇلىرىڭىزنى ئەڭ يۇقىرى چەككە كۆتۈرەلمەيۋاتقانلىقى، يۇرت - ماكانلىرىڭىزغا كەلگۈندى بولۇپ زورىغا كەلگەنلەرچىلىك ئادەم مۇئامىلىسىگە ئېرىشەلمەس بولۇپ قېلىشنىڭ غورۇرىڭىزنى بىئارام قىلماسلىقى، ھۆر ئىرادە بىلەن كىرىپ، يەنە ھۆر ئىرادە بىلەن قايتىپ چىقىشتەك ئەقەللىي ھەقنىڭ قولىڭىزدا بولماسلىقىغا ئىچىڭىزنىڭ پۇشماس بولۇپ كېتىشى ۋاپا تۇيغۇسىدىن روھىڭىزدىن ئېرىغدىلىۋاتقانلىقنىڭ سىگناللىرىدۇر. بولۇپمۇ رىۋايەتلەردىكى ئايلىق باسىدىغان مۇساپىلەرنى سائەت ۋە دەقىقىلەرگە سىغدۇرىدىغان تىلسىملار يېشىلگەن، رېئاللىققا ئايلىنىپ بولغان بىر زاماندا تۇرۇپ سىز بىلەن ۋەتەن ئارىسىغا ھاڭنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ سىرلىرى سىزنى قىزىقتۇرمايدىغان بولۇپ قېلىشى، يار ۋە قېرىنداشلىقلارنىڭ سىز ئۈچۈن ئەسلەشكىمۇ ۋاقىت چىقارغىلى بولمايدىغان كىمەرسەلەر بولۇپ قېلىشى قاتارلىقلار ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئىت ۋاپاسىدىنمۇ تۆۋەن بىر ياشام يولىدا كېتىۋاتقانلىقىڭىزغا سىگنالىدۇر.
شۇنى ئەستە تۇتۇش كېرەككى، ۋەتەنگە مەنسۇپلەنمەك ۋاپادارلىقتۇر. ۋەتەنگە خىزمەت ۋاپادارلىقتۇر. ۋەتەنگە پىداكارلىق ۋاپادارلىقتۇر. ۋەتەن بىزگە ئاۋات قىلىشىمىز ئۈچۈن، ئورۇنباسارلىق مەسئۇلىيىتىمىزنى بەجا كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن، كەلىمەتۇللاھنى ئۈستۈن قىلىپ، ئىنساندەك ياشىشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز ئۈچۈن بېرىلگەن ئاللاھنىڭ ئامانىتىدۇر. ئامانەتنى تاپشۇرۇپ ئالماق ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئەھدى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنى تاجاۋۇزچىغا يەم قىلماسلىقنى، قەدىر - قىممىتىنى دەپسەندە قىلغۇچىغا يول قويماسلىقنى، بىزنى ئۇندىن ئايرىشقا، ئۇنى بىزدىن ياتلاشتۇرۇشقا، بىزنى ئۇنىڭ باغرىدا ھۆر ياشىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىشقا تۇتۇنغۇچىغا قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانا بۇ ۋەتەن ئەھدىسىدۇر. ئەھدىگە ۋاپا قىلىش بۇرچتۇر. ساداقەتتۇر. ئەركەكلىكتۇر. ئەھدىنى ئۇنتۇش بولسا، ۋاپاسىزلىقتۇر، ساداقەتسىزلىكتۇر. ئۇنى زايە قىلىش خىيانەتتۇر. ۋاپاسىزلىق ۋە خىيانەت ئارىسىدا دەۋرى قىلىپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئامانەت كۆز ئالدىمىزدا ھالاكەتلىك خەتەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئامانەتلىك ۋەتەن ئىپادىلەپ بولغۇسىز دەرىجىدە قاباھەتلىك دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ كۈنلىرىدە ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالغان ھەقىقىي ساداقەتپەرۋەر ساھىبلىرىنى سېغىنماقتا. ھۆرلۈك يولىدا قېنىنى ئاققۇزغان، بارلىقىنى پىدا قىلغان قەھرىمان شەھىدلىرىنى ياد ئەتمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىزباسارلىرىدىن ۋاپا مىزانىغا ئولتۇرغۇزغىلى بولغىدەك جاراڭلىق سادانى كۈتمەكتە. تاجاۋۇزچىلارنىڭ دەھشەتلىك دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا بارلىقىنى ئاتىغان، ۋاپادارلىق شۇئۇرى ئۆلمىگەن سادىق قوشۇننى ساقلاپ تۇرماقتا. بولمىدى دېگەندە دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرنىڭ رىتىمىنى بولسىمۇ ئاستىلىتىشقا يارايدىغان، بازارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئەمەس، خەتەرنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ ئىش تۇتۇشىنى، بۇنىڭدىنمۇ ئەدەشكە يۈزلىنىۋاتقان خەتەرگە ئالدىن توغان سېلىشنى بىلىدىغان ئاۋانگارتلارنى، ۋاپادارلىقىنى «قاۋاش» چاغلىق ھەققانىي پوزىتسىيە بىلەنمۇ بولسا ساھىب چىقىشنى ئويلايدىغان ۋاپاكار ۋەتەن مەنسۇپلىرىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
- بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:بۇرھان مۇھەممەد]]
[[تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان]]
avutk2ismm4y3l9dfjgqezvmr6xkx7l