Wikipedia ugwiki https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA MediaWiki 1.47.0-wmf.14 first-letter ۋاسىتە ئالاھىدە مۇنازىرە ئىشلەتكۈچى ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى Wikipedia Wikipediaمۇنازىرىسى ھۆججەت ھۆججەت مۇنازىرىسى MediaWiki MediaWiki مۇنازىرىسى قېلىپ قېلىپ مۇنازىرىسى ياردەم ياردەم مۇنازىرىسى تۈر تۈر مۇنازىرىسى TimedText TimedText talk Module Module talk Event Event talk رومان تىلى 0 16661 176286 167185 2026-08-07T10:36:41Z Amherst99 2282 /* */ 176286 wikitext text/x-wiki [[ھۆججەت:Fr-carte-balkans-vlachs.png|thumb|273x273px]] '''رومان تىلى''' ياكى '''رومانچە''' (رومانچە: română)، رومېنىيەنىڭ رەسمىي تىلىدۇر ۋە رومان تىللىرىنىڭ شەرقىي تارمىقىغا مەنسۇبتۇر. كۆپچىلىكى [[رۇمىنىيە|رومېنىيە]] ۋە [[مولداۋىيە|مولداۋىيەدە]] ياشىغۇچى 28 مىلىيون كىشى تامانىدىن سۆزلىشىلمەكتەدۇر. مولداۋىيەنىڭ رەسمىي تىلى مولداۋىيانچە ھەم رومانچە بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنلىرى قاپسامىدا دۆلەتنىڭ رەسمىي تىلى مولداۋىيانچە دەپ قەيت قىلىنماقتا. == مەنبەلەر == {{Reflist}} {{stub}} [[تۈر:رومەن تىللىرى]] evhxkt13aodrvs2oi9sjl70gkdt5avd غولىماس مىللىي چىنارىمىز 0 24650 176285 2026-08-07T00:47:10Z UyghurArchive 25219 قۇرۇلغان بەت ''''غولىماس مىللىي چىنارىمىز''' مىللەت گەۋدىسى بىر بىناغا ئوخشىتىلسا، ھەر بىر شەخس بۇ بىنانىڭ شەكىللىنىشىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئامىللىرىدىن بىرى بولغان خىشلىرى ۋە ئۇيۇل تاشلىرىدۇر. مىللەت گەۋدىسىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە مەزمۇت يىلتىزىنى تەشكىل قىلغۇچى نەچ...' 176285 wikitext text/x-wiki '''غولىماس مىللىي چىنارىمىز''' مىللەت گەۋدىسى بىر بىناغا ئوخشىتىلسا، ھەر بىر شەخس بۇ بىنانىڭ شەكىللىنىشىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئامىللىرىدىن بىرى بولغان خىشلىرى ۋە ئۇيۇل تاشلىرىدۇر. مىللەت گەۋدىسىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە مەزمۇت يىلتىزىنى تەشكىل قىلغۇچى نەچچە مىڭ يىلغا سوزۇلغان تارىخىنىڭ بولۇشى، مەدەنىيىتىنىڭ ۋە ئىلاھىي تۇتقۇ بولغان قۇرئان ۋە سۈننىتىنىڭ بولۇشى ئۇنىڭ ئاسان غۇلاپ كەتمەيدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرغۇچى ئەۋزەللىكلىرىدىندۇر. مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ۋە دىنىنى بۇرمىلاش، بىر پۈتۈن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش غەرىزىدە بولۇۋاتقان زالىم كۈچلەر يىللاردىن بىرى ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان «يىلتىزدىن قومۇرۇپ تاشلاش» سىياسىتىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان بولۇشىغا قارىماي، دېگەندەك ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ ئېقىشىغا بېقىپ مىللەتنىڭ ئىچىدىن ئويغىنىش مەيدانغا كېلىپ، ئىدىيە ۋە كۈچ بىرلىكىنى بەرپا قىلىش ئۈمىدىنىڭ يېڭىۋاشتىن جۇلالىنىۋاتقانلىقىنى سەزدى ۋە ئىنتايىن رەزىل، پەسكەش يۈزىنى ئاشكارا قىلدى ھەمدە دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا گويا كونىنى بۇزۇپ يېڭىنى ياسىماقچى بولغان قۇرۇلۇشچىلار سىياقىدا يۈزلىرىگە نىقاب تاقاپ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق بىناسىنى ئاشكارا بۇزۇپ چېقىشقا، مىللەت چىنارىنىڭ يىلتىزىغا، شاخلىرى ۋە مېۋىلىرىگە قويماي پالتا چېپىشقا باشلىدى. ۋەتەن ئىچىدە قانلار دەريا بولۇپ ئاقتى ۋە ئېقىۋاتىدۇ، جانلار قىيىن - قىستاقلار ئىچىدە سۇغۇرۇلدى ۋە سۇغۇرۇلۇۋاتىدۇ، سەكراتتىكىلەر ئۆلەي دەپمۇ ئۆلەلمەي، ئۆلگەنلەر بولسا، ئىنسانغا لايىق كۆمۈلەلمەي نام - نىشانسىز يوقىتىلدى ۋە يوقىتىلىۋاتىدۇ. رەزىللىكنىڭ ئەڭ قەبىھ يۈزى ئاشكارا بولۇۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، بۈگۈننىڭ دۇنياسىنى قۇرغان كۈچلەر، ئاتاقتا دېموكراتىيەنى تۇغ قىلىۋالغان، ئەمما نوقۇل مەنپەئەت ئۈچۈنلا ئىنسانلىقتىن ئېغىز ئاچىدىغان غەربنىڭ كاپىتال ۋە سوتسىيال نىزاملىرىنى قۇرغۇچى ۋە ھىمايىچى كۈچلىرى، ھەمدە بۇ كۈچلەرنىڭ شەرقتىكى تاسمىلىق ئىجراچى ھوقۇقدارلىرى بۇنى گاھ رەسمىي گاھ غەيرى رەسمىي يوسۇندا دەستەكلىدى ۋەدەستەكلىمەكتە. ئەلۋەتتە، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان، مەردلىكى، جاسارىتى ۋە ھەقىقەت ئۈچۈن تەۋەككۈلچىلىكى بىلەن تونۇلغان تۈرك دۇنياسىمۇ بۈگۈن بىلىپ - بىلمەي، ھەقىقەتلىرىنى ئۇنتۇشقا، ئوڭايلا مەنپەئەتنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشقا تەرەددۇتلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ دەرىجىدە تېشى پال - پال ئىچى غال - غال كېتىۋاتقان دۇنيا سىياسىتى ئالدىدا تۈگەل زىيان تارتقۇچىغا ئايلىنىپ قېلىشىمىزنى نوقۇل بىزنىڭ تەلەيسىزلىكىمىزنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكىلى بولمايدۇ. مۇشۇ تەلەيسىزلىكنى بىزگە راۋا كۆرۈۋاتقان كۈچلەرنىڭ، كۆز يۇمۇۋېلىۋاتقان، بىزگە ياردەم قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ ئەمەلىيەتتە پەپىلەۋاتقان، يىللاپ ئىشخانىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇياندىن - بۇيانغا قاتۇرغۇزۇشتىن، ئۈمىدلەندۈرۈپ قويۇپ قۇشقۇنغا ئولتۇرۇۋېلىشتىن باشقىغا يارىمايۋاتقان ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا ئاللىقانداق خەلقئارا دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىمۇ ئاز ئەمەس. بۇنىڭغا يەنە، بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن ئۆزىمىزگە ئائىت قورغانىمىزنى ۋە ئىستىھكاملىرىمىزنى قۇرۇپ چىقالمىغانلىقىمىزنى، رەقىبلەر پالتا چېپىشقا يەڭ تۈرۈشكە جاسارەت قىلاي دېگەندە ئۇنى يالتايتقۇدەك سۈر - ھەيۋىمىزنىڭ قالمايۋاتقانلىقىنى، مەنىۋىيەت دۇنيايىمىزنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى قوۋۇق - سېپىللىرىمىزنىڭ ئەبجەق ھالغا كېلىپ قالغانلىقى قاتارلىقلارنىمۇ نەزەردىن يىراق قىلالمايمىز، ئەلۋەتتە! مىللەت ئۇزۇن يىللىق ئېزىلىش ۋە قېقىلىشلارنى، بېسىم ۋە دىشۋارچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، دوستى ۋە دۈشمىنىنى پۈتۈنلەي تونۇپ يېتەلمىگۈدەك، ئۇنتۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئومۇميۈزلۈك خاتىرىسىنى يوقىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغىنى يوق. تاجاۋۇزچىلار ئاتىنى بالىدىن، بالىنى ئائىلىدىن، دىننى جەمئىيەتتىن، خەلقنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىپ تاشلىيالىغان بولسىمۇ، مىللەت يۈرىكىنىڭ ھېچكىم يېتەلمەيدىغان ئەڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا يوشۇرۇلغان ئىمانىنى، ئۈمىدىنى، قان ھۈجەيرىلىرىگە سىڭىپ ياتقان تۈركلۈك، ئۇيغۇرلۇق روھىنى، مۇسۇلمانلىق خۇسۇسىيىتىنى پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلىيالىغىنى، قىرىپ چىقىرىۋېتەلىگىنى يوق. بۇ مىللەت ھەر تۈرلۈك مەرەزلىكلەرگە گىرىپتار بولۇشى، ھەرخىل ئىللەتلەر بىلەن يۇقۇملىنىشى، ھەتتا مەزگىللىك ئۆزىدىن ياتلىشىش قىسمىتىنى باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىن. لېكىن مىللىي غۇرۇرىنى، ئىسلامىي شەرىپىنى، ئەجدادىنىڭ كىملىكىنى بىر پۈتۈن ھالدا ئۇنتۇغىنى يوق. ساداقەتنى، ۋاپانى ئەلا بىلىدىغان ئۈستۈن روھىنى پۈتۈنلەي ئەستىن چىقارغۇدەك دەرىجىدە ماڭقۇرتلىشىپ كەتكىنىمۇ يوق. مىللەت ھەرقانداق شەكىلدىكى قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، ئەمما بىر جان قالغان، بىر نەپەس ئالالىغۇدەك ئىمكان بولغان مۇددەتچە بۇ مىللەت ھامان ئورنىدىن تۇرىدۇ. چۈنكى ھېلىھەم بۇ مىللەتنىڭ قولىدا تارىخنى ئۆزگەرتكەن، ئىنسانىيەتكە يېڭى بىر مەدەنىيەت، يېڭى بىر دەۋر سۇنغان، دەستۇرى ۋە ھىدايەت چىرىغى بولغان ئىلاھىي كىتابى، قۇرئان كەرىمى بار. تېخى بۇ مىللەت ئىنسانىيەتكە رەھمەت بولغان، ئۇلارغا يولباشچى تەيىنلەنگەن، ئىككى دۇنيانىڭ سەردارى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بولۇشتەك بۈيۈك شەرەپتىن ۋاز كەچمىدى. بۇ مىللەتنىڭ قولىدا يەنە ئۆز قەلىمى بىلەن ئۆزىنىڭ تۇتقان يولىنىڭ ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئەبەدىيلىكى ئۈچۈن باش قاتۇرغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ كەبى ئەجدادلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئانا ۋەتىنىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، مەنىۋى مىراسلىرىنىڭ ھەرقانداق بوران چاپقۇندا يوقاپ كەتمەسلىكى، ھەرقانداق دەۋردە پارلاپ تۇرۇشى ئۈچۈن تەر تۆككەن، كۈرەش قىلغان ئەلشىر نەۋايى كەبى ئۇلۇغلىرىنىڭ دۇنياۋى مىراسى بار. ئۆزىنى قۇرۇپ چىقالايدىغان، ئىسلاھ قىلالايدىغان، قەد كۆتۈرگۈزىدىغان بۇ قەدەر بىباھا ئەڭگۈشتەرلەرگە ئىگە بىر مىللەت قانداقمۇ ئورنىدىن دەس تۇرماي تۇرالىسۇن! پەقەتلا ۋاقىت كېرەك. شۇنداقلا يۇيۇلغان خاتىرىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇرسەتكە، ئاسايىشلىقنى ئاساس قىلغان مەنىۋى ۋە ماددىي جەھەتتىن تەييارلىنىشقا، باشقىلاردىن ئەمەس، ئۆزىدىن باشلانغان ئىسلاھات پىرىنسىپىنى قانات يايدۇرۇشقا ئېھتىياجى بار.    يۇقىرىقى نۇقتىلارنى پەملىگەن ۋە مىللەت چىنارىغا پالتا ئۇرۇۋاتقان رەزىل كۈچلەر 100 يىللاپ قىلغان زورلۇق - زومبۇلۇقلىرى، بۇلاڭ - تالاڭلىرى، قىرغىنچىلىقلىرى ئاز كەلگەندەك، مىللەتنىڭ ئاز ساندا ھايات قالغان توپلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنچىلىك پۇرسەتنى ئوشۇق كۆرۈپ يول قويمايۋاتىدۇ. بۈگۈنكى رېئاللىقىمىزغا قارىغان ۋاقتىمىزدا، ۋەتىنىمىزنى ئاسارەتتە تۇتۇۋاتقان زالىملارنىڭ بىزنىڭ بۈيۈك پالاكىتىمىز، ياۋۇز كۈشەندىمىز ئىكەنلىكىدە شەك يوق. بۇ زالىملار ھەقىقەتەن ئىنسانلىقتىن ھالقىغان شەكىلدە زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ، ئىنسانلىققىلا ئەمەس، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلىۋاتىدۇ، قىلغاندىمۇ بۇنى دەرىجىدىن تاشقىرى كونترول ئاستىدا قىلىۋاتىدۇ. كونترولىدىن چىقىپ كەتكەنلىرىنى بولسا، بىر يوللار بىلەن يۆگەپ يېپىشقا كۈچەۋاتىدۇ. زۇلۇمنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگە يەتكەن مۇشۇنداق بىر پەيتتە ياشاۋاتقانلار، ھەمدە بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ئىچكى يۈزىنى ئەڭ ياخشى بىلگەنلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شۇنى دېيەلەيمىزكى، بۇ زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتى مەزلۇملار ئۈچۈن ياخشى بولمىغاندەك، زالىملارغىمۇ ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ، شۈبھىسىزكى، مەزلۇمغا تۇتاشقان ئوتنىڭ يالقۇنى زالىمغىمۇ چاچرايدۇ. مەزلۇمنىڭ داد - پەريادى پەلەككە يەتكەن، پۇرسەت زالىمنىڭ قولىدىن چىقىپ مەزلۇمنىڭ قولىغا ئۆتكەن كۈندە بولسا، چوقۇمكى ئىش تېخىمۇ پاجىئەلىك ۋە دەھشەتلىك بولماي قالمايدۇ. خۇددى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتقاندەك، «مەزلۇمنىڭ زالىمدىن ئىنتىقامىنى ئالىدىغان كۈن، شۈبھىسىزكى، زالىمنىڭ مەزلۇمغا قىلغانلىرىدىنمۇ ئەشەددىي ۋە دەھشەتلىك بولىدۇ».   ئىلاھىي ئادالەت تەجەللى بولغاندا زالىملار بىلەن بىرگە ئۇلارغا يانتاياق بولغانلارمۇ تېگىشلىك نېسىۋىسىنى ئېلىشتىن قاچالمايدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ ئالمىشىپ تۇرىدىغانلىقى بىر ھەقىقەت، شۇنداقلا بۇ تارىخىي تەجرىبىلەرگىمۇ،  ئىلاھىي دەستۇر بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ بايانىغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەمەلىي رېئاللىقلار جۈملىسىدىندۇر. -بۇرھان مۇھەممەد مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى [[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان]] [[تۈر:بۇرھان مۇھەممەد]] fjc3pn00zy8gl00pc7j8rqx3dswev86