Wikipedia
ugwiki
https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA
MediaWiki 1.47.0-wmf.15
first-letter
ۋاسىتە
ئالاھىدە
مۇنازىرە
ئىشلەتكۈچى
ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى
Wikipedia
Wikipediaمۇنازىرىسى
ھۆججەت
ھۆججەت مۇنازىرىسى
MediaWiki
MediaWiki مۇنازىرىسى
قېلىپ
قېلىپ مۇنازىرىسى
ياردەم
ياردەم مۇنازىرىسى
تۈر
تۈر مۇنازىرىسى
TimedText
TimedText talk
Module
Module talk
Event
Event talk
نەجىب مەھفۇز
0
21299
176305
169801
2026-08-13T16:19:48Z
IvanScrooge98
11517
/* */ +img
176305
wikitext
text/x-wiki
[[File:Naguib Mahfouz HR.jpg|thumb|upright|left]]
'''نەجىب مەھفۇز''' ({{ئەرەبچە|نَجِيب مَحْفُوظ}}) ەرەب ئەدەبىياتىدىكى يازغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر.
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[تۈر:كىشلەر]]
[[تۈر:يازغۇچىلار]]
[[تۈر:ئەرەب ئەدەبىياتى]]
[[تۈر:مىسىرلىقلار]]
ejq9h7umciapy14pnftowzleoiqq4g3
ئويغىنىش يولىدا ئۆزىمىز ۋە ئۆزلىكىمىز
0
24653
176306
2026-08-14T10:01:25Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت 'ئۆزلۈككە قايتىش ئىنتايىن مۇشەققەتلىك ۋە جاپالىق بىر جەريان. مۇرەككەپ يارالغان ئىنساننى غايىسىز قىلىپ يېتىشتۈرۈشنى، ئۆتمۈشىدىن ئەندىكتۈرۈشنى، قاراڭغۇ كېلەچەك ۋە ماددىيلىق تورىغا بېقىندى قىلىپ قويۇشنى، ئەسلىدىن ئۇزاق، مەنىۋىلىكىدىن ياتلاشقان بىر جەمئى...'
176306
wikitext
text/x-wiki
ئۆزلۈككە قايتىش ئىنتايىن مۇشەققەتلىك ۋە جاپالىق بىر جەريان. مۇرەككەپ يارالغان ئىنساننى غايىسىز قىلىپ يېتىشتۈرۈشنى، ئۆتمۈشىدىن ئەندىكتۈرۈشنى، قاراڭغۇ كېلەچەك ۋە ماددىيلىق تورىغا بېقىندى قىلىپ قويۇشنى، ئەسلىدىن ئۇزاق، مەنىۋىلىكىدىن ياتلاشقان بىر جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقىشنى مۇددىئا قىلغان زامانىۋى مائارىپ ۋە بۇ مائارىپنىڭ جۇڭگوچە ۋارىيانتى بولمىش كوممۇنىزم مائارىپى بۈگۈنىمىزنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ھالقىلىق رول ئويناپ كەلدى. يېڭى دۇنيا تۈزۈلمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدى - كەينى بولۇپ ئالاھەزەل ئىككى ئەسىر مابەينىدە، بولۇپمۇ بۇ يېڭى ئەسىر ھارپىسىدىن تاكى كۈنىمىزگە قەدەر ئىزچىل داۋالغۇش ئىچىدە ياشاپ كەلدۇق. ئاسارەتكە يۈز تۇتقاندىن بىرى مۇستەقىل مىللىي مائارىپىمىز بارلىققا كەلمىگەننى ئاز دەپ، مەجبۇرى تېڭىلغان يېڭىچە مائارىپمۇ ھېچقاچان ئۆز قولىمىزغا تاپشۇرۇلمىدى. نەتىجىدە فابرىكا خاراكتېرىنى ئالغان سۈنئىي مائارىپنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىدا مىللىي ئىرادىسى نەزەرگىمۇ ئېلىنمىغان بىر مىللەت بولۇپلا قالماي، مەزكۇر زامانىۋىلىق تۈسىنى ئالغان ئەبجەش مائارىپنىڭ قېلىپىدا شەكىللەندۈرۈلۈپ، زاۋۇتىدا ياسىلىپ چىقىشتەك كەچۈرمىشىنى مىللەتنىڭ زور كۆپ سانلىقى باشتىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇق. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مىللەتنىڭ ئومۇم بىلىم - ساپاسى ۋە ئاڭ ئىدىيەسى چەكلىمىلەردىن خالىي بولالماي، سىرتقى قولنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچراشتىن ھەمدە ئۇنىڭ ئىستىكىچە ئىدارە قىلىنىشتىن ساقلىنالماي كەلدى. ئاقىۋەت مەيلى دىنىي مائارىپ بولسۇن، مەيلى پەن مائارىپى بولسۇن تەرەققىيات ۋە داۋاملىشىش مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز بىر كۆلەڭگۈنىڭ ھەمراھلىقىدىن ئاجرىيالمىدى. يەنە كېلىپ دىنىي مائارىپ ھەر پۇرسەتتە چەكلىك ۋە پەقەتلا رۇخسەت قىلىنغان دائىرىدە بولۇشىغا قارىماي مىللەتنىڭ مەدەنىي ۋە مەنىۋى قىممەتلىرىنى يوقىتىپ قويماسلىق يولىدا ئوڭ بولسۇن، تەتۈر بولسۇن كۈرەش قىلىپ ھەمدە ئىمكانىيىتى دائىرىسىدە خىزمەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، نەتىجىدە مەزكۇر مائارىپقا ئىگە چىققان ئىنتايىن ئاز ساندىكى توپنىڭ پارتىزانچە ھەرىكەتلىرى كۆپ سانلىققا دېگەندەك تەسىر كۆرسىتەلمىدى. شۇنداق قىلىپ تىزگىن ئىچىدىكى مىللەتنىڭ زور قىسمى يېتەكلىنىش ۋە قۇرۇلما گەۋدىسىنىڭ ئومۇم سۈپىتىنى ياخشىلاش جەھەتلەردە يەنىلا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ نازارىتى ۋە ئالىقىنىدا بولۇشتىن، ئۇلارنىڭ ئىستىگەن تەرىپىگە يۈزلىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. ئاز كەم 70 يىللىق بۇ جەرياندا، بولۇپمۇ ھەر ئون يىلدا بىر سىلجىش، يېڭىلىنىش، ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلىپ تۇرغان بولسىمۇ، بۇنىڭ چوڭ جەھەتتىكى كونتروللۇقى يەنىلا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قويغان سىزىقىدىن، بەلگىلىگەن چېگراسىدىن ئاشالمىدى. ئۇلارنىڭ كۆلەڭگىسى سايىسىدە تارىخىمىز يېڭىۋاشتىن يازدۇرۇلدى، پەلسەپىمىز يېڭىۋاشتىن تۈزۈپ چىقىلدى، ئەدەبىياتىمىز بولسا ئىزچىل خامانلىنىپ ۋە ئەبجەشلىنىپ كەلدى. ھالبۇكى، بۇ خىل يېڭىلىنىش بىزنىڭ «بىز» لىكىمىزگە ۋەكىللىك قىلمايدىغان، ئىرادىمىزگە باقمايدىغان، بەلكى نېمە ۋە كىم بولۇشىمىزنى بەلگىلىگۈسى كەلگەنلەرنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋەكىللىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىستەكلىرىگە ھامىلە بولۇپ كەلدى. ئومۇمىي جەمئىيەتنى قاپلىغان ناركوزلۇق كەيپىيات تەسىرىدە نىسبەتەن مەقسىتىگە يېتىۋاتقان بۇ مۇستەملىكىچى كۈچ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىردىنلا ياۋۇزلاشتى، ئۆزىنىڭ ئەپتىنى ئاشكارىلىدى ۋە يالماپ يۇتۇۋېلىش غەرىزىنى ئاشكارا قىلىپ بىردىنلا ئۇسلۇب يەڭگۈشلىدى. غالجىرلىشىش شۇ قەدەر كۈچەيدىكى جەمئىيەت ئۈلگۈرەلىگەنچە ناركوزدىن يېشىلىشتەك، تەلەينىڭ سايىسىدە ئامان قىلىشتەك ۋەزىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىققانمۇ بولدى. ناركوزدىن يېشىلىشكە باشلىغاندىن بىرى ھەر توپ ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ۋە سەھنىدىكى رولىغا بېقىپ ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى، خەتەرنىڭ دەرىجىسىنى سەزگەندەك بولۇشتى ۋە قولدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تېپىرلاپ، ھەرىكەتكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.
مەۋجۇتلۇق خەتىرى يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۇش، مىللەتنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئىشلار ئۈستىدە باش قاتۇرۇش كېرەك، ئەلۋەتتە. ھالبۇكى، مەيدانغا كېلىۋاتقان قارشىلىق ئىنكاسلىرى تېگى - تەكتىدىن ئويغاق تۇرغۇچى جەڭگىۋار روھتىن ئۇرغۇپ چىققان بولماستىن، پەقەتلا ناركوزدىن كېيىنكى يېشىلىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە كېلىشىمىزنىڭ مۇقەددىمىسىگە مانا بۇ خىل تۈردىكى «ئويغىنىش»لار تۈرتكە بولماقتا ئىدى. دەرۋەقە، مەسىلىمىزنى بۇ نۇقتىدىن تارازىغا سالغان ۋاقتىمىزدا، يېشىلىشتىن مەيدانغا كەلگەن بۇ خىل ئويغىنىشنى ئەسلىمىزنى تېپىشىمىزغا، ئۆزلۈككە قايتىشقا يېتەرلىك دېگىلى بولمايدىغانلىقى ئېنىق. شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتتە مۇھىم بولۇۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئىشلاردىن بىرىنى ئۆزلۈكنى تېپىش ياكى ئۆزلۈككە قايتىش دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. دەرھەقىقەت، ئاسارەتتىن يۇقتۇرۇۋالغانلىرىمىز، يۇقتۇرۇلغان ۋە يۇيۇلۇپ قاچىلانغانلاردىن ئېرىغدىلىپ ئۇيغۇرلۇق ساپ فىترىتىمىزگە قايتىشىمىز ۋاقىت ئالىدىغان، ئىنتايىن كەسكىن ئىرادە ۋە سەگەكلىك تەلەپ قىلىدىغان ئۇزۇن بىر جەريان. بۇ جەرياندا يوقاتقانلىرىمىز بىلەن ئېرىشكەنلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى پايدا - زىياننى دەڭسەش، قانچىلىك ياتلاشتۇق ۋە قانچىلىك ئۆزىمىزدە تۇرۇۋاتىمىز، مىللەت مەۋجۇتلۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولساق، تومۇرىمىزدا ئېقىۋاتقان ئەجداد قېنىغا قانچىلىك ۋارىسلىق قىلىۋاتىمىز، ئۇلارغا لاياقەتلىك ئەۋلاد بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنى قانچىلىك چۈشىنەلىدۇق، دېگەنلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشىمىز زۆرۈر. قارايدىغان بولساق، بۈگۈن مىللىيلىقنىڭ مونۇپۇللاشقان ئوبرازىغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقان زىيالىي (بۇ ئاتالغۇمۇ ساپ مەدەنىيىتىمىزگە سىڭىپ كىرگەن يات ئاتالغۇ) توپىمىزدىكى بىر قىسىم ھاياجان كىشىلىرىمىز ئەنئەنە دېگەن ئۇقۇمنىڭ مەنىسى بىلەن مىللىي پائالىيەتلىرى، ھەمدە مىللەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخىغا ئەينەك تۇتقۇچى بايراملىرىنى بىر - بىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويماقتا. بىزگە قانداق يېتىپ كەلگەن بولسا، شۇ بويىچە مۇھاپىزەت قىلىش، ئاسارەتنى ئەسلىتىدىغان ھەر تۈرلۈك ياۋا ھەرىكەتلەردىن ئۈزۈل-كېسىللىشىش مۇھىم بولۇۋاتقان، ھەقىقىي ئەنئەنىۋى پائالىيەت ۋە بايراملىرىمىزنى مىللىي خاسلىق گەۋدىلەنگەن بويىچە تاكامۇللاشتۇرۇش، بۇرمىلانغان، چاكىنىلاشتۇرۇلغان ياكى پۈچەكلەشتۈرۈلگەن ۋە ياكى ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكنىڭ مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن ھالىتىنى ئىسلاھ قىلىپ ساپلاشتۇرۇش ئورنىغا، ئەسلىدە بارىنى جايلاپ جارى قىلدۇرالمىغاندىن تاشقىرى بۇزۇلغان پېتى راۋاجلاندۇرۇش، بۇنىڭغا قانماي ئۈستىلەپ يېڭى ئىجادلارنى پەيدا قىلىش ۋە بۇنى مىللىي ئەنئەنە قىلىپ كۆرسىتىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل يۈزلىنىشنى ۋاقىتلىق چارە خاراكتېردە قوللانغان نەرسىلەر بىلەن مىللەتنىڭ قەدىمىيلىكىگە، ھەمدە مەدەنىيەت ئۇلىغا ۋەكىللىك قىلغۇچى ئەنئەنىلىرى ئوتتۇرىسىنى پەرقلەندۈرمەسلىكتىن، مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىلەردىكى ئانا گەۋدە بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدە ئورۇن تۇتىدىغان ۋارىيانتلارنىڭ قىممەت دەرىجىسىنى دەڭسىيەلمەسلىكتىن، پەرقىنى ئايرىيالماسلىقتىن كېلىپ چىققان بىنورمال ھادىسىلەر، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ يەنە باشقىلار قۇرۇپ بەرگەن ياكى ئۇلارنىڭ كۆز يۇمۇشى ئاستىدىكى غەيرى رەسمىي تەرەققىي قىلغان بىر دۇنيانىڭ ئىدىيەۋى مەھسۇلى بىلەن، ئەجدادلارنىڭ قۇرۇپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن دۇنياسىدىكى پەرقلەرنى ئايرىغۇدەك دىت ۋە ساپا يېتىلدۈرۈپ بولالمىغانلىقنى، ئىلمىي ۋە پەلسەپەۋى چوڭقۇرلۇقتىن ھەمدە ئېستېتىك زوقتىن يېتەرلىك نېسىۋە ئالالمىغانلىقنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تازنى تاز دېسە ئۆلگۈسى كېلۇر، دېگەندەك، سىلكىنىش ۋە رېئاللىقنى ئەينى ھالىتىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان پىكىرلەردىن ئۈركۈپ، چىچاڭشىپ كېتىشلەردىن قارىغاندىمۇ شالغۇت ئىدىيەلەر، شالغۇت ئاڭ، شالغۇت مەپكۇرىلەرنىڭ بۇ خىلدىكى كىشىلىرىمىزدىن ئېرىغدىلىپ تازلانمىغانلىقى، يېتەرلىك دەرىجىدە ساپلىشىپ بولالمىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. بۇنى يەنە يېقىنقى پىكرىي پەرقلەرگە، ئۆزى چوڭقۇرلاپ يېتەلمىگەن نۇقتىلاردا سوغۇققان ئويلىنىپ كۆرۈش، پىكىرلىشىش ئورنىغا، سەۋرسىزلارچە، ئەخلاقسىزلارچە چىڭقىلىپ قاقشاشلاردىن، ھاقارەتكە تۇتۇنۇشلاردىن ھېس قىلىپ يېتىش مۇمكىن. شۇنداقلا بۇ يەنە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قاتلاملىرىغا چۆكۈش ئىستىكىدە بولمىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزلۈككە قايتىش سەپىرىگە يولغا چىقىش باسقۇچىدىمۇ ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسانىي ئورتاقلىق شۇكى، كىشى بىلمىگەن نەرسىسىگە دۈشمەن بولغىنىدەك، چۈشەنمىگەن نەرسىسىدىن ئەندىكىدۇ، تېگىگە يېتەلمىسە تېرىكىدۇ. ياتلاشقانسېرى يېقىنلىشىشتىن قاچىدۇ. بۇ نۇقتىدىنمۇ ئۇلارنى مەلۇم جەھەتتىن توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.
ئۆزلۈككە قايتىش، ئەسلىنى تېپىش ئەمەلىيەتتە بىر جەمئىيەتنىڭ مەلۇم توپىغىلا خاس زۆرۈرىيەت ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ھەر ساھە سەرخىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىكى ئىشلاردىن بىرى. بۇ يەنە يىلدىن يىلغا تەمسىزلىشىۋاتقان، جەڭگىۋارلىقىنى تالاش تارتىشقا، گاڭگىراش ۋە تۇرغۇنلۇققا سەرپ قىلىۋاتقان دەۋانىڭ ساھىبلىرىغىمۇ كېرەك بولغان مەسئۇلىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر. سىلكىنىش دەۋرىمىزدە، چوقۇم ئاسارەت كەچمىشىمىزنى سوراققا تارتىپ كۆرۈش، تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولۇپ بېقىش، مەيلى ئۇزۇنلۇقى 10 يىلغا، يىگىرمە يىلغا، 30 يىلغا سوزۇلغان كۆنۈكۈشلىرىمىزگىمۇ قايتا قاراپ چىقىش، ۋەزنىنى ئۆلچەش، ئورنىنى جايىدا ئىشلىتىش بۇ سەپەردە يولۇقۇش مۇمكىن بولغان ئەڭ رېئال ئىشلاردىن، ئەلۋەتتە.
ئۆزلۈككە قايتىش سەپىرىمىزدە، مۇساپە ئۇزۇن، ۋاقتىمىز چەكلىك. ئەمما بۇ چوقۇم بېسىپ ئۆتۈلمىسە، ھېچ بولمىغاندا ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت قاتلىمى تەكىتلىنىۋاتقان، تېگىشلىك خىزمەتلەر قىلىنىۋاتقان مەزگىللەردىمۇ توختاپ قالسا بولمايدىغان، كېلەچەكتىكى رولى سەل قارىغۇسىز دەرىجىدىكى مۇھىم بولغان باسقۇچلارنىڭ بىرى. شۇنداقلا بۇ يەنە كېلەچەكنى قۇرۇپ چىقىشتا ئېلىنمىسا بولمايدىغان مۇھىم قەدەملەردىن بىرىدۇر. قۇرئاندىن ئىبارەت ئىلاھىي دەستۇرىمىز شىددەتلىك جەڭ زامانىدىمۇ بىلىم قاتلىمىغا چۆككەن ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ كايىغان بولسا، پەيغەمبىرىمىزمۇ ساغلام روھىيەت ۋە ساغلام كىشىلىك قۇرۇپ چىقىش، ئۆزلۈككە ۋە ئاللاھ ياراتقان ھۆر فىترەتكە قايتىشقا ئاساس بولغۇچى نەپىس جىھادىدىن تەلىم بەرگەن. دەرۋەقە، قۇرئان ۋە سۈننەتتىن تارتىپ بۈگۈنكى رېئاللىقىمىزنىڭ ئەمەلىي تەلىپىگە قەدەر، ئەقلىي ھەمدە نەقلىي نۇقتىدىن بۇ نۇقتىلار تەكىتلىنىۋاتقان ئىكەن، بىز چوقۇم بۇ سەپەرگە ئوزۇق تۈلۈك يېغىشقا كىرىشىشىمىز، تەۋەككۈل قىلىپ ئاتلىنىشىمىز، ھەمدە ئاتلىنىدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ كۆپىيىشىگە كۈچ چىقىرىشىمىز، ئۇچرىغان مەسىلىلەردە غەرەزلەرگە تايىنىپ ئەمەس، پىكىرگە پىكىر بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىۋېلىشمىز لازىم. بىر ياندىن سىياسىي كۈرەشلىرىمىز ئۆز يولىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىكەن، يەنە بىر ياندىن مەزكۇر ئەمەلىي ھەرىكەتلەرگە پاراللېل شەكىلدە پىكىرلەر تاۋلىنىپ، ئەقىللەر سۈزۈلۈپ، روھلار پاكلىنىپ ماڭمىقى لازىم. ئۇنداق بولمايدىكەن، پىكىردىكى تېيىزلىكلەرنىڭ، ھەرىكەتتىكى كالامپايلىقلارنىڭ ئوڭشىلىپ ساغلام بىر يولغا كىرىشىدىن، ساپانىڭ ئۆسۈشىدىن، ئىماننىڭ ساپلىشىشى ۋە كۈچىيىشىدىن ئۈمىد كۈتمىسەكمۇ بولىدۇ.
مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ھېكايىمىزنىڭ مەركىزى ئىدىيەسىدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىلاھىي نىزامغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئۆزلۈكنى كەشىپ قىلىش، ئەسلىنى تېپىش ۋە ئۆزگىرىش ئىسلاھاتى بەرپا قىلىش بولمايدىكەن، تەڭرىنىڭ بىزگە تۇتقۇزغان بۇ قىسقىغىنا پۇرسىتىدىن ئۈنۈملۈك نەتىجە قازىنىش مۇمكىن ئەمەس. قانۇنىيەتكە رىئايە قىلماي مۆجىزە كۈتۈش بۈگۈننىڭ رېئاللىقىدىن كۆپ يىراق. بۈگۈن زۇلۇم ئادالەت ئۈستىدىن، سەپسەتە ھەقىقەت ئۈستىدىن غالىب. ئادالەتنىڭ زۇلۇم ئۈستىدىن، ھەقىقەتنىڭ سەپسەتە ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان كۈننىڭ كېلىشىنى ئارزۇ قىلساق، مەستلىكتىن يېشىلگەن ئويغىنىش بىز ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس. مىللىي ئىرادە، ئىسلامىي روھ ئويغىنىشى ۋە ئىلاھىي ئادالەت ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىش ئويغىنىشى بەرپا بولۇشى لازىم. بەلكىم بۇلار بۈگۈنكى زەيپانە ھالىتىمىز ئۈچۈن كۈنىمىزنىڭ چۈشىدەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن، بىراق، شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، بۈگۈننىڭ چۈشى، ئەتىنىڭ خىيالى، ئۆگۈننىڭ رېئاللىقى بولۇشى مۇمكىن. مەۋلانا رۇمىي شۇنداق ئېيتىدۇ: «ئۇچار قۇشلارغا قارا، نە تېرىيدۇ، نە ئورايدۇ. شۇلارنىڭ نېسىۋىسىنى ئويلاشقان خۇدا سېنىڭ ھالىڭغا پەرۋاسىز قارارمۇ؟ يېتەركى، سەن قانداق ئىستەشنى بىل!». شۇنداق، ئادالەت زۇلۇم ئۈستىدىن، ھەقىقەت سەپسەتە ئۈستىدىن ھامان غالىب كېلىدۇ. يېتەركى، بىز قانداق ئىستەشنى بىلەيلى.
-بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان]]
[[تۈر:بۇرھان مۇھەممەد]]
502eergckw2pb4modqngzzboiz2nesy