Wikipedia
ugwiki
https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA
MediaWiki 1.47.0-wmf.17
first-letter
ۋاسىتە
ئالاھىدە
مۇنازىرە
ئىشلەتكۈچى
ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى
Wikipedia
Wikipediaمۇنازىرىسى
ھۆججەت
ھۆججەت مۇنازىرىسى
MediaWiki
MediaWiki مۇنازىرىسى
قېلىپ
قېلىپ مۇنازىرىسى
ياردەم
ياردەم مۇنازىرىسى
تۈر
تۈر مۇنازىرىسى
TimedText
TimedText talk
Module
Module talk
Event
Event talk
كۆرۈنمەس دۈشمەن ۋە بىز
0
24661
176351
2026-08-30T06:46:15Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت '«ئاسارەتتە قالغانلىق» شۇئۇرى بىز ئۈچۈن مۇستەملىكىچىلەر ياساپ بەرگەن ئاتالمىش «ئازاد قىلىنغانلىق» نامىدىكى سۈنئىي ئەپسۇنلارنى ئىشلىمەس قىلىشقا يارايدىغان، ئىدىيەۋى زەھەرلىرىنىڭ تەسىرىنى قايتۇرىدىغان تىرياقتۇر. شۇنداقلا ئۇ بىزنى ئىچىدە ئەسىر قىلىپ تۇت...'
176351
wikitext
text/x-wiki
«ئاسارەتتە قالغانلىق» شۇئۇرى بىز ئۈچۈن مۇستەملىكىچىلەر ياساپ بەرگەن ئاتالمىش «ئازاد قىلىنغانلىق» نامىدىكى سۈنئىي ئەپسۇنلارنى ئىشلىمەس قىلىشقا يارايدىغان، ئىدىيەۋى زەھەرلىرىنىڭ تەسىرىنى قايتۇرىدىغان تىرياقتۇر. شۇنداقلا ئۇ بىزنى ئىچىدە ئەسىر قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان زېھنىي لاگېرلاردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتىشىمىزنى تەمىنلەيدىغان، زېھنىي ئەسىرلىك زەنجىرلىرىنى چىقىپ تاشلىشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇتىدىغان ئەينەكتۇر. ئۇ ئېڭىمىزغا مەھكەم ئورنايدىكەن، بىزگە مەھكۇملۇقىمىزنى ھېس قىلدۇرۇپ، شېرىن چۈش دەپ خىيال قىلىپ قالغانلىرىمىزنىڭ ئەسلىدە ئۆزىمىزنىڭ چۈشى ئەمەسلىكىنى، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بىزگە كۆرسىتىۋاتقان چۈشلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. مانا بۇ مەنىلەرگە يۇغۇرۇلغان «ئاسارەت» شۇئۇرى بىز ئۈچۈن ئويغىنىش داڭلىرىنى ئۇرۇش كېرەكلىكىنى پىچىرلاپ تۇرغۇچى ئۈندەك، بىراۋلارنىڭ قولىدا ئىشلەپ چىقىرىلغان «ئازاد بولغانلىق» ئەپسانىلىرىگە مىراب بولۇپ كېتىشىمىزگە توسقۇن بولۇپ تۇرغۇچى رېئاكسىيە، ئۆز ئىرادىمىز ۋە جاسارىتىمىزگە تايىنىپ روھىي قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپ كېتىشىمىز كېرەكلىكىنى تەنبىھلىگۈچى ئاگاھ، ھەمدە «ھۆر ۋەتەن» ۋە «ھۆر دۆلەت» قۇرۇپ چىقىشىمىز زۆرۈرلۈكىنى تەلقىن قىلىپ تۇرغۇچى سىگنالدۇر.
ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەن كۆرۈنمەس دۈشمەن، دەيدۇ دانالار. ئەگەر دۈشمەن مۇستەملىكە قىلىنغىنىمىزغا بىر ئەسىرگە يېقىنلىشىپ قالغان بۈگۈنكى كۈنىمىزدىمۇ بىزگە ھېلىھەم ئاتالمىش «ئازاد قىلىپ قويغانلىق» تېمىسىنى مەركەز قىلغان ئالۋان - سېلىققا ئايلاندۇرۇۋەتكەن سەپسەتىلىرىنى سېتىش ئارقىلىق بىزنى ئۆز تىزگىنىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان، بۈگۈنكى تىراگېدىيەلەر كېلىشتىن بۇرۇنلا مىللەت سۈپىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئويغىنىشتىن غەپلەتتە قويالىغان، تىز پۈكمەسلىكنى مۇددىئا قىلغان ھەر تۈرلۈك قارشىلىقلىرىمىزنى تىنجىتىپ كەلگەن، شۇنداقلا ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى ئىلگىرىلەشلىرىمىزنى ئۆز يولىدا ئاقسىتىپ، ھەر تۈرلۈك ئۇرۇنۇشلىرىمىزنى ئۆز مەنپەئەتى ۋە كونتروللۇقىدا تۇتۇپ تۇرالىغان، گېزى كەلگەندە بۇلارنى ئۆز مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرالىغان ۋە ھازىرقىدەك ئاشكارا قەتلىئام ۋە قىرغىنچىلىقلار ئالدىدىمۇ بىزنى دۈشمەنگە قارشى بىرلىشەلمەس، سەمىمىيەت ئىچىدە بىر بايراق، بىر ئىدېئولوگىيە، بىر سەپ ئاستىغا يىغىلالماس، بىر قىبلە تامان ئورتاق يۈزلىنەلمەس قىلىپ قويغان بولسا، بۇ قەدەر پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تۈگەل ماددىي قورال كۈچىگە تايىنىپ قىلالىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش يۈزەكىلىك ۋە دۈشمەننى ھەقىقىي تونۇمىغانلىق، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ يەردە ئىزچىل سەل قاراپ كېلىۋاتقان ۋە مەغلۇبىيەت كاتېگورىيەسىدىن چىقالماي كېلىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان چوڭ بىر ئامىل بار دېيىلسە، مەزكۇر ئامىلنى دۈشمەننىڭ ماددىي كۈچى، كۆز - كۆز قىلىپ ھەيۋە سېلىۋاتقان زامانىۋى قورال - ئەسلىھەلىرى دېگەندىن كۆرە ئۇنىڭ كۆزگە كۆرسەتمەي ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان مەخپىي قورالى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئاتالمىش «ئازاد قىلىپ قويغانلىق»تىن باشلانغان ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مېڭە يۇيۇش ۋە يېڭىۋاشتىن شەكىللەندۈرۈپ چىقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇلىنى پۇختىلاپ كەلگەن بۇ خىل «يوشۇرۇن قورال» سايىسىدە دۈشمەن بىزگە ئاتاپ سۈنئىي كىملىك، سۈنئىي تارىخ ياساپ چىقىشنى ۋە سۈنئىي مىللەت شەكىللەندۈرۈپ چىقىشنى چوڭ جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرالىدى. نەتىجىدە يىلدىن - يىلغا ئەۋلادلار ئېڭىدا ئەجدادىغا بولغان تونۇش ئۆزگىرىپ باردى، ھەتتا قالايمىقانلاشتى. تارىخىدىن يىرگىنىدىغان، مەدەنىيىتىدىن ياتلىشىش ئاساسىدا چىقىش يولى ئىزدەيدىغان شالغۇت ئوقۇمۇشلۇقلار تەبىقىسى ھەسسىلەپ كۆپەيدى. ھەتتا خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنىڭ خەتەرلىرى ھەققىدىكى غايىبانە پەرەز تەخمىنلەرنىڭ بازىرىنى قىزىتىدىغان مەلۇم تۈركۈمدىكى ماڭقۇرتلار توپىمۇ بويۇن سوزۇپ ئۈلگۈردى. مانا بۇ تىراگېدىيەلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ھېچبىر ئەقىل ئىگىسى دۈشمەننىڭ نوقۇل قورال كۈچىگە تايىنىپ، ياكى ماددىي كۈچكە تايىنىپلا ئەمەلگە ئاشۇرالىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەيدۇ. شۇنداقلا بۇ نۇقتىغا يېتىپ كېلىشلەر ئومۇميۈزلۈك خەلقنىڭ پېشانىسىگە پىلىمۇتنى بەتلەپ تۇرغانلىقتىن شەكىللەنگەن، دەپمۇ ئېيتالمايدۇ.
ئەلۋەتتە ئىشنىڭ بۇ دەرىجىگە بېرىپ يېتىشىدە ماددىي كۈچ ئامىلى بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى بىرلەمچى ئامىل دەپ كۆرسەتكىلى بولمايدۇ. بەلكى ئۇنى تولۇقلىغۇچى، دەستەكلىگۈچى ۋە قۇۋۋەتلىگۈچى ئامىل دېيىش مۇمكىن. شۇڭا بۇ يەردىكى بىرلەمچى ئامىل يەنىلا دۈشمەننىڭ ماددىي كۈچى بولغان ئاشكارا قورالى بولماستىن، بەلكى ئەپسانە ئىشلەپ چىقىرىشقا، سەپسەتە توقۇپ ئىشەندۈرۈشكە ماھىر يوشۇرۇن قورالىدۇر. ئاسارەت قىلىنغانلىق شۇئۇرىنى ئۆچۈرۈشكە خىزمەت قىلىدىغان ۋە قىلىپ كەلگەن ھەمدە قىلىۋاتقان بارلىق ئەپسانىلەر بولسا، ئەنە شۇ يوشۇرۇن قورالنىڭ ئوبرازى ۋە ئومۇم قىياپىتىنىڭ جۈزئىيلىرىدۇر. ئاتالمىش «ئازاد قىلىنغانلىق» تەلقىنلىرىنى مەشرۇلاشتۇرۇشقا ۋە بۇنى مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئاڭ - ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈشكە خىزمەت قىلىپ كەلگەن بارلىق نەرسىلەر، جۈملىدىن نەشرىيات، مەتبۇئات، كىنو، تېلېۋىزىيە، خەۋەر - تەشۋىقات ۋە باشقا بارلىق تەشۋىقات تىپىدىكى ۋاسىتىلەر، ھەتتاكى شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىغا پۇت سېلىش ئۈچۈن تاجاۋۇزچى قولىدا تامغا مىخلانغان بىر پارچە تەشۋىقات قەغىزىدىن تارتىپ يول - يوللارغا ئېسىلغان، ئىستولبىلارغا چاپلانغان لوزۇنكىلار ۋە قىزىل شوئارلارغىچە بولغان بارلىق ۋارىيانتلار دۈشمەننىڭ يوشۇرۇن قورالى، غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرغۇچى ۋاسىتىلىرىدۇر. مانا بۇ ۋاسىتىلەر ئۇشبۇ ئاسارەتلىك دەۋرىمىزنىڭ ئەپسانىلىرىنى ياشناتقۇچى، زېھنىمىز ۋە روھىيىتىمىزنى تۇپراقلىرىمىزنى بېسىۋالغاندىن كېيىنكى قەدەمدە قايتىدىن شەكىللەندۈرۈپ چىقىشتا ئاساسىي رول ئوينىغۇچى، ھەمدە بىزنى زامانىۋى ماڭقۇرتلار سېپىگە ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن ئۆتۈشىمىزنى تەمىنلىگۈچى بىرلەمچى ئامىلدۇر. دېمەك، بۇ نۇقتىدىن تۇپراق مۇستەملىكىسىدىن كېيىنكى بۈگۈنىمىزنى يارىتىشقا بىرلەمچى ئاساس بولۇپ كەلگەن ئۇ سېھىرلىك ھاسا دەل دۈشمەننىڭ يوشۇرۇن قورالى بولمىش ئاسارەت ئەپسانىلىرى بولغان ئىدى، دەپ ئېيتالايمىز.
خۇلاسە شۇكى، روھىيىتىمىزگە كەشتە مىسالى بىرمۇبىر ئىشلىنىپ كەلگەن، قۇلاق تۈۋىمىزگە تاختاۋسىز ئوقۇلۇپ كەلگەن ئاسارەت ئەپسانىلىرى بۈگۈنكىدەك تارىخىي بۇرۇلۇشلار مەيدانغا كېلىۋاتقان ھالقىلىق پەيتلەردىمۇ بىزگە ئاسارەت ئاستىدا تۇرۇپ ياشىغان كۈنلەرنىڭ قايتىلىنىشىنى، گويا ئۆزىمىزنى «ئازاد»تەك ھېس قىلىدىغان ئالدامچى تۇيغۇلارغا رام بولۇپ، بىخۇدلۇق ئىچىدە ياشاپ ئۆتۈپ كەتكەن غەپلەتلىك كەچمىشىمىزنى چىرايلىق كۆرسىتىشنى داۋام قىلماقتا. ھەمدە بۇ ئارقىلىق بارا - بارا ۋەتەن ۋە خەلقنى ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويۇشتىن باشقا ئامال يوقلىقىغا ئىشىنىشىمىزنى تەلقىن قىلماقتا. ئاسارەت ئەپسانىلىرى يەنە نۆۋەتتە بىزنىڭ ئۇرۇشتا قولغا چۈشكەن ئەسكەرنىڭ ھۆكمىدە ئىكەنلىكىمىزنى، رىبات (ھەربىي ھالەت) ۋەزىيىتىدىكى بىر جەڭچى، ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىكى بىر مۇجاھىد مىسالى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت ئۈستىدىكى بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇشىمىزنى تەلقىن قىلماقتا. ھەمدە ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ پەقەت بۈگۈنلا ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكە قىلىنغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر ئىزچىل ئۇرۇش ئىچىدە تىركىشىۋاتقان «ۋەتەن ئەسكىرى» ھۆكمىدە ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىشىمىزگە توسقۇن بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «ئاسارەت ئاستىدا قالغانلىق» شۇئۇرى بىزنى ياغلىما سۆزگە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن ئاتالمىش «ئازاد قىلىنغانلىق»، ياكى «ئازاد بولۇپ بولغانلىق»نى مەزمۇن قىلغان ياكى ئۇنى قۇۋۋەتلەشكە خىزمەت قىلىدىغان بارلىق ئەپسۇن ۋە تىلسىماتلارغا قارىتا «سەپسەتە تامغىسى»نى بېسىشىمىز كېرەكلىكىگە، زېھنىمىز ۋە روھىيىتىمىزنى ئەڭ ئاۋۋال مەزكۇر ئەپسانىلەر دۆۋىسىدىن پاكلاپ چىقىشىمىز لازىملىقىغا، ھەر تۈرلۈك زېھنىي قۇللۇقنى رەت قىلىدىغان ساغلام ۋە مەزمۇت روھقا ئىگە بولۇشىمىز ۋە ھۆرلۈك ئەقىدىسى بولمىش تەۋھىد ئېتىقادىغا مەھكەم ئېسىلىشىمىز كېرەكلىكىگە سىگنال بەرمەكتە. ئەپسانىگە رام بولۇپ ئۆتۈشنى خالامدۇق ياكى سىگناللاردىن سىلكىنىپ ئويغىنىش چاقىرىقلىرىغا مۇرەسسەسىز ئاۋاز قوشۇشنى تاللامدۇق؛ ئۇنتۇلدۇرۇش خۇرۇچلىرىغا مەستۇ - مۇستەغرەق بولۇپ غەپلەتلىك ھاياتنى ئويغانغانلىق ساناپ ئۆتۈپ كېتەمدۇق ياكى ئەپسۇن - سېھىرلەرنى ھەقىقەت قۇياشىنىڭ نۇرىدا ئېرىتىپ ھۆرلۈك ئۈچۈن ئاتلىنىشنى، ھەمدە بۇنى يول قىلىپ بېكىتىشنى مىللىي ۋە ئىمانىي بۇرچ قىلامدۇق، بۇ يەنىلا بىز ئۈچۈن سىناق تېشى بولۇپ تۇرۇپتۇ. «ئېسىگە سالغىن، شۈبھىسىزكى ئەسلەش مۇئمىن بولغانلارغا چوقۇم ئەسقاتىدۇ». «ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز قىلمىدۇقمۇ؟ بىر تىل ۋە ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟».
-'''بۇرھان مۇھەممەد'''
مەنبەلەر:
[سۈرە زارىيات، 55 – ئايەت].
[سۈرە بەلەد، 8 – 10 ئايەتكىچە].
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان]]
[[تۈر:بۇرھان مۇھەممەد]]
bpg9frzhbmotywq4pnsvxzfqjv56z5j
176354
176351
2026-08-30T06:51:24Z
UyghurArchive
25219
176354
wikitext
text/x-wiki
«ئاسارەتتە قالغانلىق» شۇئۇرى بىز ئۈچۈن مۇستەملىكىچىلەر ياساپ بەرگەن ئاتالمىش «ئازاد قىلىنغانلىق» نامىدىكى سۈنئىي ئەپسۇنلارنى ئىشلىمەس قىلىشقا يارايدىغان، ئىدىيەۋى زەھەرلىرىنىڭ تەسىرىنى قايتۇرىدىغان تىرياقتۇر. شۇنداقلا ئۇ بىزنى ئىچىدە ئەسىر قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان زېھنىي لاگېرلاردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتىشىمىزنى تەمىنلەيدىغان، زېھنىي ئەسىرلىك زەنجىرلىرىنى چىقىپ تاشلىشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇتىدىغان ئەينەكتۇر. ئۇ ئېڭىمىزغا مەھكەم ئورنايدىكەن، بىزگە مەھكۇملۇقىمىزنى ھېس قىلدۇرۇپ، شېرىن چۈش دەپ خىيال قىلىپ قالغانلىرىمىزنىڭ ئەسلىدە ئۆزىمىزنىڭ چۈشى ئەمەسلىكىنى، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بىزگە كۆرسىتىۋاتقان چۈشلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. مانا بۇ مەنىلەرگە يۇغۇرۇلغان «ئاسارەت» شۇئۇرى بىز ئۈچۈن ئويغىنىش داڭلىرىنى ئۇرۇش كېرەكلىكىنى پىچىرلاپ تۇرغۇچى ئۈندەك، بىراۋلارنىڭ قولىدا ئىشلەپ چىقىرىلغان «ئازاد بولغانلىق» ئەپسانىلىرىگە مىراب بولۇپ كېتىشىمىزگە توسقۇن بولۇپ تۇرغۇچى رېئاكسىيە، ئۆز ئىرادىمىز ۋە جاسارىتىمىزگە تايىنىپ روھىي قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپ كېتىشىمىز كېرەكلىكىنى تەنبىھلىگۈچى ئاگاھ، ھەمدە «ھۆر ۋەتەن» ۋە «ھۆر دۆلەت» قۇرۇپ چىقىشىمىز زۆرۈرلۈكىنى تەلقىن قىلىپ تۇرغۇچى سىگنالدۇر.
ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەن كۆرۈنمەس دۈشمەن، دەيدۇ دانالار. ئەگەر دۈشمەن مۇستەملىكە قىلىنغىنىمىزغا بىر ئەسىرگە يېقىنلىشىپ قالغان بۈگۈنكى كۈنىمىزدىمۇ بىزگە ھېلىھەم ئاتالمىش «ئازاد قىلىپ قويغانلىق» تېمىسىنى مەركەز قىلغان ئالۋان - سېلىققا ئايلاندۇرۇۋەتكەن سەپسەتىلىرىنى سېتىش ئارقىلىق بىزنى ئۆز تىزگىنىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان، بۈگۈنكى تىراگېدىيەلەر كېلىشتىن بۇرۇنلا مىللەت سۈپىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئويغىنىشتىن غەپلەتتە قويالىغان، تىز پۈكمەسلىكنى مۇددىئا قىلغان ھەر تۈرلۈك قارشىلىقلىرىمىزنى تىنجىتىپ كەلگەن، شۇنداقلا ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى ئىلگىرىلەشلىرىمىزنى ئۆز يولىدا ئاقسىتىپ، ھەر تۈرلۈك ئۇرۇنۇشلىرىمىزنى ئۆز مەنپەئەتى ۋە كونتروللۇقىدا تۇتۇپ تۇرالىغان، گېزى كەلگەندە بۇلارنى ئۆز مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرالىغان ۋە ھازىرقىدەك ئاشكارا قەتلىئام ۋە قىرغىنچىلىقلار ئالدىدىمۇ بىزنى دۈشمەنگە قارشى بىرلىشەلمەس، سەمىمىيەت ئىچىدە بىر بايراق، بىر ئىدېئولوگىيە، بىر سەپ ئاستىغا يىغىلالماس، بىر قىبلە تامان ئورتاق يۈزلىنەلمەس قىلىپ قويغان بولسا، بۇ قەدەر پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تۈگەل ماددىي قورال كۈچىگە تايىنىپ قىلالىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش يۈزەكىلىك ۋە دۈشمەننى ھەقىقىي تونۇمىغانلىق، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ يەردە ئىزچىل سەل قاراپ كېلىۋاتقان ۋە مەغلۇبىيەت كاتېگورىيەسىدىن چىقالماي كېلىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان چوڭ بىر ئامىل بار دېيىلسە، مەزكۇر ئامىلنى دۈشمەننىڭ ماددىي كۈچى، كۆز - كۆز قىلىپ ھەيۋە سېلىۋاتقان زامانىۋى قورال - ئەسلىھەلىرى دېگەندىن كۆرە ئۇنىڭ كۆزگە كۆرسەتمەي ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان مەخپىي قورالى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئاتالمىش «ئازاد قىلىپ قويغانلىق»تىن باشلانغان ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مېڭە يۇيۇش ۋە يېڭىۋاشتىن شەكىللەندۈرۈپ چىقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇلىنى پۇختىلاپ كەلگەن بۇ خىل «يوشۇرۇن قورال» سايىسىدە دۈشمەن بىزگە ئاتاپ سۈنئىي كىملىك، سۈنئىي تارىخ ياساپ چىقىشنى ۋە سۈنئىي مىللەت شەكىللەندۈرۈپ چىقىشنى چوڭ جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرالىدى. نەتىجىدە يىلدىن - يىلغا ئەۋلادلار ئېڭىدا ئەجدادىغا بولغان تونۇش ئۆزگىرىپ باردى، ھەتتا قالايمىقانلاشتى. تارىخىدىن يىرگىنىدىغان، مەدەنىيىتىدىن ياتلىشىش ئاساسىدا چىقىش يولى ئىزدەيدىغان شالغۇت ئوقۇمۇشلۇقلار تەبىقىسى ھەسسىلەپ كۆپەيدى. ھەتتا خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنىڭ خەتەرلىرى ھەققىدىكى غايىبانە پەرەز تەخمىنلەرنىڭ بازىرىنى قىزىتىدىغان مەلۇم تۈركۈمدىكى ماڭقۇرتلار توپىمۇ بويۇن سوزۇپ ئۈلگۈردى. مانا بۇ تىراگېدىيەلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ھېچبىر ئەقىل ئىگىسى دۈشمەننىڭ نوقۇل قورال كۈچىگە تايىنىپ، ياكى ماددىي كۈچكە تايىنىپلا ئەمەلگە ئاشۇرالىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەيدۇ. شۇنداقلا بۇ نۇقتىغا يېتىپ كېلىشلەر ئومۇميۈزلۈك خەلقنىڭ پېشانىسىگە پىلىمۇتنى بەتلەپ تۇرغانلىقتىن شەكىللەنگەن، دەپمۇ ئېيتالمايدۇ.
ئەلۋەتتە ئىشنىڭ بۇ دەرىجىگە بېرىپ يېتىشىدە ماددىي كۈچ ئامىلى بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى بىرلەمچى ئامىل دەپ كۆرسەتكىلى بولمايدۇ. بەلكى ئۇنى تولۇقلىغۇچى، دەستەكلىگۈچى ۋە قۇۋۋەتلىگۈچى ئامىل دېيىش مۇمكىن. شۇڭا بۇ يەردىكى بىرلەمچى ئامىل يەنىلا دۈشمەننىڭ ماددىي كۈچى بولغان ئاشكارا قورالى بولماستىن، بەلكى ئەپسانە ئىشلەپ چىقىرىشقا، سەپسەتە توقۇپ ئىشەندۈرۈشكە ماھىر يوشۇرۇن قورالىدۇر. ئاسارەت قىلىنغانلىق شۇئۇرىنى ئۆچۈرۈشكە خىزمەت قىلىدىغان ۋە قىلىپ كەلگەن ھەمدە قىلىۋاتقان بارلىق ئەپسانىلەر بولسا، ئەنە شۇ يوشۇرۇن قورالنىڭ ئوبرازى ۋە ئومۇم قىياپىتىنىڭ جۈزئىيلىرىدۇر. ئاتالمىش «ئازاد قىلىنغانلىق» تەلقىنلىرىنى مەشرۇلاشتۇرۇشقا ۋە بۇنى مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئاڭ - ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈشكە خىزمەت قىلىپ كەلگەن بارلىق نەرسىلەر، جۈملىدىن نەشرىيات، مەتبۇئات، كىنو، تېلېۋىزىيە، خەۋەر - تەشۋىقات ۋە باشقا بارلىق تەشۋىقات تىپىدىكى ۋاسىتىلەر، ھەتتاكى شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىغا پۇت سېلىش ئۈچۈن تاجاۋۇزچى قولىدا تامغا مىخلانغان بىر پارچە تەشۋىقات قەغىزىدىن تارتىپ يول - يوللارغا ئېسىلغان، ئىستولبىلارغا چاپلانغان لوزۇنكىلار ۋە قىزىل شوئارلارغىچە بولغان بارلىق ۋارىيانتلار دۈشمەننىڭ يوشۇرۇن قورالى، غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرغۇچى ۋاسىتىلىرىدۇر. مانا بۇ ۋاسىتىلەر ئۇشبۇ ئاسارەتلىك دەۋرىمىزنىڭ ئەپسانىلىرىنى ياشناتقۇچى، زېھنىمىز ۋە روھىيىتىمىزنى تۇپراقلىرىمىزنى بېسىۋالغاندىن كېيىنكى قەدەمدە قايتىدىن شەكىللەندۈرۈپ چىقىشتا ئاساسىي رول ئوينىغۇچى، ھەمدە بىزنى زامانىۋى ماڭقۇرتلار سېپىگە ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن ئۆتۈشىمىزنى تەمىنلىگۈچى بىرلەمچى ئامىلدۇر. دېمەك، بۇ نۇقتىدىن تۇپراق مۇستەملىكىسىدىن كېيىنكى بۈگۈنىمىزنى يارىتىشقا بىرلەمچى ئاساس بولۇپ كەلگەن ئۇ سېھىرلىك ھاسا دەل دۈشمەننىڭ يوشۇرۇن قورالى بولمىش ئاسارەت ئەپسانىلىرى بولغان ئىدى، دەپ ئېيتالايمىز.
خۇلاسە شۇكى، روھىيىتىمىزگە كەشتە مىسالى بىرمۇبىر ئىشلىنىپ كەلگەن، قۇلاق تۈۋىمىزگە تاختاۋسىز ئوقۇلۇپ كەلگەن ئاسارەت ئەپسانىلىرى بۈگۈنكىدەك تارىخىي بۇرۇلۇشلار مەيدانغا كېلىۋاتقان ھالقىلىق پەيتلەردىمۇ بىزگە ئاسارەت ئاستىدا تۇرۇپ ياشىغان كۈنلەرنىڭ قايتىلىنىشىنى، گويا ئۆزىمىزنى «ئازاد»تەك ھېس قىلىدىغان ئالدامچى تۇيغۇلارغا رام بولۇپ، بىخۇدلۇق ئىچىدە ياشاپ ئۆتۈپ كەتكەن غەپلەتلىك كەچمىشىمىزنى چىرايلىق كۆرسىتىشنى داۋام قىلماقتا. ھەمدە بۇ ئارقىلىق بارا - بارا ۋەتەن ۋە خەلقنى ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويۇشتىن باشقا ئامال يوقلىقىغا ئىشىنىشىمىزنى تەلقىن قىلماقتا. ئاسارەت ئەپسانىلىرى يەنە نۆۋەتتە بىزنىڭ ئۇرۇشتا قولغا چۈشكەن ئەسكەرنىڭ ھۆكمىدە ئىكەنلىكىمىزنى، رىبات (ھەربىي ھالەت) ۋەزىيىتىدىكى بىر جەڭچى، ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىكى بىر مۇجاھىد مىسالى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت ئۈستىدىكى بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇشىمىزنى تەلقىن قىلماقتا. ھەمدە ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ پەقەت بۈگۈنلا ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكە قىلىنغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر ئىزچىل ئۇرۇش ئىچىدە تىركىشىۋاتقان «ۋەتەن ئەسكىرى» ھۆكمىدە ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىشىمىزگە توسقۇن بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «ئاسارەت ئاستىدا قالغانلىق» شۇئۇرى بىزنى ياغلىما سۆزگە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن ئاتالمىش «ئازاد قىلىنغانلىق»، ياكى «ئازاد بولۇپ بولغانلىق»نى مەزمۇن قىلغان ياكى ئۇنى قۇۋۋەتلەشكە خىزمەت قىلىدىغان بارلىق ئەپسۇن ۋە تىلسىماتلارغا قارىتا «سەپسەتە تامغىسى»نى بېسىشىمىز كېرەكلىكىگە، زېھنىمىز ۋە روھىيىتىمىزنى ئەڭ ئاۋۋال مەزكۇر ئەپسانىلەر دۆۋىسىدىن پاكلاپ چىقىشىمىز لازىملىقىغا، ھەر تۈرلۈك زېھنىي قۇللۇقنى رەت قىلىدىغان ساغلام ۋە مەزمۇت روھقا ئىگە بولۇشىمىز ۋە ھۆرلۈك ئەقىدىسى بولمىش تەۋھىد ئېتىقادىغا مەھكەم ئېسىلىشىمىز كېرەكلىكىگە سىگنال بەرمەكتە. ئەپسانىگە رام بولۇپ ئۆتۈشنى خالامدۇق ياكى سىگناللاردىن سىلكىنىپ ئويغىنىش چاقىرىقلىرىغا مۇرەسسەسىز ئاۋاز قوشۇشنى تاللامدۇق؛ ئۇنتۇلدۇرۇش خۇرۇچلىرىغا مەستۇ - مۇستەغرەق بولۇپ غەپلەتلىك ھاياتنى ئويغانغانلىق ساناپ ئۆتۈپ كېتەمدۇق ياكى ئەپسۇن - سېھىرلەرنى ھەقىقەت قۇياشىنىڭ نۇرىدا ئېرىتىپ ھۆرلۈك ئۈچۈن ئاتلىنىشنى، ھەمدە بۇنى يول قىلىپ بېكىتىشنى مىللىي ۋە ئىمانىي بۇرچ قىلامدۇق، بۇ يەنىلا بىز ئۈچۈن سىناق تېشى بولۇپ تۇرۇپتۇ. «ئېسىگە سالغىن، شۈبھىسىزكى ئەسلەش مۇئمىن بولغانلارغا چوقۇم ئەسقاتىدۇ». «ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز قىلمىدۇقمۇ؟ بىر تىل ۋە ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟».
-'''بۇرھان مۇھەممەد'''
مەنبەلەر:
[سۈرە زارىيات، 55 – ئايەت].
[سۈرە بەلەد، 8 – 10 ئايەتكىچە].
مەنبە: [[:تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان|«ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى]]
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان]]
[[تۈر:بۇرھان مۇھەممەد]]
mzle79oftre2rgmnurn5tptd7kt4etz
ئۇنتۇشنىڭ خەتىرى
0
24662
176352
2026-08-30T06:48:26Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت '«ئۇنتۇلغان قىرغىنچىلىق جەزمەن تەكرارلىنىدۇ»، دەيدۇ زامانىمىز سىياسىيونى ۋە مۇتەپەككۇرلىرىدىن ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ. كوممۇنىزمنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، ئىدىيەۋى ئاغمىچىلىقلىرى بىلەن ئەمەلىي كۈرەش قىلغان، شۇنداقلا سۇنماس جاسارەت ۋە ھەقىقەتپەر...'
176352
wikitext
text/x-wiki
«ئۇنتۇلغان قىرغىنچىلىق جەزمەن تەكرارلىنىدۇ»، دەيدۇ زامانىمىز سىياسىيونى ۋە مۇتەپەككۇرلىرىدىن ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ. كوممۇنىزمنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، ئىدىيەۋى ئاغمىچىلىقلىرى بىلەن ئەمەلىي كۈرەش قىلغان، شۇنداقلا سۇنماس جاسارەت ۋە ھەقىقەتپەرۋەر ئىلىم - مەرىپەت ئاساسىدا تىكلىگەن غايىنىڭ چوقۇم نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى يەر يۈزىدىكى بارچە ھۆرلۈك ئاشىنالىرىغا تونۇتقان بۇ زاتنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى بەلكىم بۇ سۆزنىڭ ھەقىقىتىنى قېتىملاپ باشتىن كەچۈرگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن شەرھلەش كەتمەيدىغان، ئاكسىئوماغا ئايلىنىپ كەتسە بولىدىغان ھەقىقەتچىل سۆزلەردىن دەپ قاراش مۇمكىن. ھەتتا بۇ سۆز بىز ئۈچۈن ھەر كۈن ئوقۇيدىغان «ۋىردە (كۈندىلىك ۋەزىپە)»گە ئايلاندۇرۇۋېلىشقا، ياكى بولمىسا ناماز ئارقىسىدىن ئوقۇلىدىغان 33 لۈك «زىكىر» مىسالى تەكرارلىۋېتىشكە ئەرزىيدىغان، پەقەت بولمىغاندا ھەر سەھەر ئورنىدىن تۇرغاندا بىر قېتىم تەكرارلىۋېتىپ كۈنىنى باشلاشنى ئادەت قىلىۋالسىمۇ ئارتۇقچە بولمىغۇدەك دەرىجىدە قىممەتكە ئىگە، دېسەك مۇبالىغە بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، ئىنسان تۈرىنىڭ يارىتىلىش قىسسەسىدىكى «ئۇنتۇش» داستانىدىن مەلۇم بولغاندەك، ئۇ ھەر ئان ئىچكى ياكى تاشقى بىر ئەسلەتكۈلەرنىڭ نۇرىدا ئەقىل كۆزىنى يورۇتىدۇ ۋە بۇ سايىدە ئۆزى باسقان خاتا قەدەملەرنىڭ بەدىلىنى تۆلەشتىن ئامان قالىدۇ. مانا شۇ ئەقىل كۆزى بىلەن ئىنسان ئۆزىنى تاپالايدۇ ۋە ھاياتنىڭ ئەگرى - توقايلىقلىرىدا يولىدىن ئاداشمايدۇ. ماددىي كۆزنىڭ خىزمىتى بىيولوگىيەلىك تۈزۈلمىسى ۋە كۆرۈش ئىقتىدارى نۇقتىسىدىن ھايۋان بىلەن ئادەم كۆزى ئوتتۇرىسىدا پەرق يوقلىقىنى دىققەتكە ئالساق، شۈبھىسىزكى ئىنساندا ئەقىل - ئىدراك ئالاھىدىلىكى بارلىقىغا، ھەمدە ھايۋاننىڭ كۆزىگە نىسبەتەن ئۆتكۈرلۈكتە تەڭداشسىز بولغان ئەقىل - پاراسەت كۆزىنىڭ بارلىقىغا قىل سىغمايدۇ. ماددىي كۆز ئۆز فۇنكسىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن يورۇقلۇققا ئېھتىياج بولغىنىدەك، ئەقىل كۆزىمۇ يورۇقلۇق ئالىدىغان نۇر مەنبەسىگە موھتاج. ئىلاھىي ۋەھيىنىڭ نۇر، دەپ تەرىپلىنىشىمۇ ئۇنىڭ ئىنساننىڭ ئىككى ئالەملىك يولىنى توغرا تەرەپكە يېتەكلەش ئىدراكىنى ئاچىدىغانلىقىدىن، ئەقىل كۆزىگە كېلىدىغان يورۇقلۇق ئۈچۈن ساپ مەنبە بولغانلىقىدىندۇر. ۋەھيىنىڭ مەھسۇلى بولمىش قۇرئاننىڭ ئىسىملىرىدىن بىرىنىڭ «زىكىر (ئەسلەتكۈ)» دەپ ئاتىلىشىمۇ ئۇنىڭ ئۇشبۇ «ئۇنتۇغاق ئىنساننىڭ» فىترىتىنى تاماملىغۇچى خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقىدا، ئۇنى ئويغاتقۇچى، ھەقىقەت تەرەپكە ئاكتىپلىغۇچى رول ئوينىغانلىقىدا، شۇنداقلا، تەن قىسمىغا مەنسۇپ پانىي كۆزدىن ھالقىغان، ساماۋىلىققا مەنسۇپ ئەقىل كۆزىنى پەردىلىگۈچى غەپلەت ئېلېمېنتلىرىدىن ئېرىغدىغۇچى ھىدايەت بۇلىقى بولغانلىقىدا گەۋدىلەنگەنلىكىدىندۇر. شانلىق تارىخىمىزدا ئۆتكەن مەشھۇر ئەجدادلاردىن «ئەلجەۋھەرىي» تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان بۈيۈك تىلشۇناس ئالىم ئەبۇ نەسىر ئىسمائىل ئەلفارابىي ئۆزىنىڭ «ئەل-سىھاھ» ناملىق قامۇسىدا ئىنسان كەلىمىسىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ۋە كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدىكى قاراشلار ئۈستىدە توختىلىدۇ ۋە ئىنسان كەلىمىسىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ھەققىدىكى قاراشلاردىن بىرىدە: «ئىنسان» سۆزى «نىسيان» كەلىمىسىدىن كېلىپ چىققان، دېيىلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇ بۇنداق دېيىلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى «چۈنكى ئىنسان ئەھدىسىنى ئۇنتۇغان»، دېگەن ئىزاھاتى ئارقىلىق ئېنىقلىما بېرىدۇ. بۇ يەردىكى «ئۇنتۇش» ئەلۋەتتە ئادەم ئاتا قىسسەسىدىكى ھەممىگە مەشھۇر «جەننەتتىن چىقىرىلىش» ۋەقەلىكىگە ئىشارەت قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، دەرۋەقە، مەزكۇر ئىشارەت «ئىنسان» ئىسمىنىڭ ماتېرىيالىستىك سەپسەتىلەرنىڭ ئەكسىچە ئادەمزاتنىڭ تۇنجى ئىنسان تۈرى بولغان ئادەمدىن تارالغانلىق تارىخىغا دىققەت تارتماقتا ۋە بۇ ئارقىلىق ئەسلەتكۈچىسىز ۋە باشباشتاقلىققا يۈگۈرۈك ئىنساننىڭ گويا ئادەم ئاتىنىڭ زېھنى بىلەن ئويناپ ئۇنى چالغىتقاندىكى، ئەھدىسىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ئورنىغا ھەۋەس ۋە خىيالىي ئارزۇنى دەسسەتكەندىكى ئەھۋالىدىن ئىبرەت ئېلىش كېرەكلىكىنى ئەسلەتمەكتە. شۇنداقلا ھۆرمەتلىك يارالغان ئادەمنىڭ ئۆز فىترىتىگە ئۇيغۇن بولغان ھايات پىرىنسىپىنى ھەۋەس - خاھىشلارغا تېگىشىۋەتمەسلىكنى، تۇنجى يەرلەشكەن ئانا ۋەتەننىڭ قولدىن كېتىشىگە سەۋەبكار بولىدىغان ھەر تۈرلۈك غاپىللىققا يول قويماسلىقنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئىلاھىي ئەھدىسىنى ئۇنتۇلدۇرغاندىكى ھالەتنىڭ قايتىدىن ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭمۇ ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ شۇنداق ئاتالغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا. ئادەم ئەۋلادىنى قەدەممۇقەدەم تۇزاققا، بەختسىزلىككە، مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە سۆرەيدىغان «ئۇنتۇش»نىڭ خەتىرىگە سەل قارىماسلىق ئۈچۈن ئۇنى ھەر ۋاقىت سىلكىپ تۇرىدىغان «ئىنسان» ئىسمىنىڭ ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇق تۈرىدىكى چاقىرىق ئىسمى بولۇپ قالغانلىقىغا نەزەر ئاغدۇرماقتا.
-بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان]]
[[تۈر:بۇرھان مۇھەممەد]]
4ur8az2ts7d03wjki6q6cl2weo2htzl
176353
176352
2026-08-30T06:50:22Z
UyghurArchive
25219
176353
wikitext
text/x-wiki
«ئۇنتۇلغان قىرغىنچىلىق جەزمەن تەكرارلىنىدۇ»، دەيدۇ زامانىمىز سىياسىيونى ۋە مۇتەپەككۇرلىرىدىن ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ. كوممۇنىزمنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، ئىدىيەۋى ئاغمىچىلىقلىرى بىلەن ئەمەلىي كۈرەش قىلغان، شۇنداقلا سۇنماس جاسارەت ۋە ھەقىقەتپەرۋەر ئىلىم - مەرىپەت ئاساسىدا تىكلىگەن غايىنىڭ چوقۇم نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى يەر يۈزىدىكى بارچە ھۆرلۈك ئاشىنالىرىغا تونۇتقان بۇ زاتنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى بەلكىم بۇ سۆزنىڭ ھەقىقىتىنى قېتىملاپ باشتىن كەچۈرگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن شەرھلەش كەتمەيدىغان، ئاكسىئوماغا ئايلىنىپ كەتسە بولىدىغان ھەقىقەتچىل سۆزلەردىن دەپ قاراش مۇمكىن. ھەتتا بۇ سۆز بىز ئۈچۈن ھەر كۈن ئوقۇيدىغان «ۋىردە (كۈندىلىك ۋەزىپە)»گە ئايلاندۇرۇۋېلىشقا، ياكى بولمىسا ناماز ئارقىسىدىن ئوقۇلىدىغان 33 لۈك «زىكىر» مىسالى تەكرارلىۋېتىشكە ئەرزىيدىغان، پەقەت بولمىغاندا ھەر سەھەر ئورنىدىن تۇرغاندا بىر قېتىم تەكرارلىۋېتىپ كۈنىنى باشلاشنى ئادەت قىلىۋالسىمۇ ئارتۇقچە بولمىغۇدەك دەرىجىدە قىممەتكە ئىگە، دېسەك مۇبالىغە بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، ئىنسان تۈرىنىڭ يارىتىلىش قىسسەسىدىكى «ئۇنتۇش» داستانىدىن مەلۇم بولغاندەك، ئۇ ھەر ئان ئىچكى ياكى تاشقى بىر ئەسلەتكۈلەرنىڭ نۇرىدا ئەقىل كۆزىنى يورۇتىدۇ ۋە بۇ سايىدە ئۆزى باسقان خاتا قەدەملەرنىڭ بەدىلىنى تۆلەشتىن ئامان قالىدۇ. مانا شۇ ئەقىل كۆزى بىلەن ئىنسان ئۆزىنى تاپالايدۇ ۋە ھاياتنىڭ ئەگرى - توقايلىقلىرىدا يولىدىن ئاداشمايدۇ. ماددىي كۆزنىڭ خىزمىتى بىيولوگىيەلىك تۈزۈلمىسى ۋە كۆرۈش ئىقتىدارى نۇقتىسىدىن ھايۋان بىلەن ئادەم كۆزى ئوتتۇرىسىدا پەرق يوقلىقىنى دىققەتكە ئالساق، شۈبھىسىزكى ئىنساندا ئەقىل - ئىدراك ئالاھىدىلىكى بارلىقىغا، ھەمدە ھايۋاننىڭ كۆزىگە نىسبەتەن ئۆتكۈرلۈكتە تەڭداشسىز بولغان ئەقىل - پاراسەت كۆزىنىڭ بارلىقىغا قىل سىغمايدۇ. ماددىي كۆز ئۆز فۇنكسىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن يورۇقلۇققا ئېھتىياج بولغىنىدەك، ئەقىل كۆزىمۇ يورۇقلۇق ئالىدىغان نۇر مەنبەسىگە موھتاج. ئىلاھىي ۋەھيىنىڭ نۇر، دەپ تەرىپلىنىشىمۇ ئۇنىڭ ئىنساننىڭ ئىككى ئالەملىك يولىنى توغرا تەرەپكە يېتەكلەش ئىدراكىنى ئاچىدىغانلىقىدىن، ئەقىل كۆزىگە كېلىدىغان يورۇقلۇق ئۈچۈن ساپ مەنبە بولغانلىقىدىندۇر. ۋەھيىنىڭ مەھسۇلى بولمىش قۇرئاننىڭ ئىسىملىرىدىن بىرىنىڭ «زىكىر (ئەسلەتكۈ)» دەپ ئاتىلىشىمۇ ئۇنىڭ ئۇشبۇ «ئۇنتۇغاق ئىنساننىڭ» فىترىتىنى تاماملىغۇچى خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقىدا، ئۇنى ئويغاتقۇچى، ھەقىقەت تەرەپكە ئاكتىپلىغۇچى رول ئوينىغانلىقىدا، شۇنداقلا، تەن قىسمىغا مەنسۇپ پانىي كۆزدىن ھالقىغان، ساماۋىلىققا مەنسۇپ ئەقىل كۆزىنى پەردىلىگۈچى غەپلەت ئېلېمېنتلىرىدىن ئېرىغدىغۇچى ھىدايەت بۇلىقى بولغانلىقىدا گەۋدىلەنگەنلىكىدىندۇر. شانلىق تارىخىمىزدا ئۆتكەن مەشھۇر ئەجدادلاردىن «ئەلجەۋھەرىي» تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان بۈيۈك تىلشۇناس ئالىم ئەبۇ نەسىر ئىسمائىل ئەلفارابىي ئۆزىنىڭ «ئەل-سىھاھ» ناملىق قامۇسىدا ئىنسان كەلىمىسىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ۋە كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدىكى قاراشلار ئۈستىدە توختىلىدۇ ۋە ئىنسان كەلىمىسىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ھەققىدىكى قاراشلاردىن بىرىدە: «ئىنسان» سۆزى «نىسيان» كەلىمىسىدىن كېلىپ چىققان، دېيىلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇ بۇنداق دېيىلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى «چۈنكى ئىنسان ئەھدىسىنى ئۇنتۇغان»، دېگەن ئىزاھاتى ئارقىلىق ئېنىقلىما بېرىدۇ. بۇ يەردىكى «ئۇنتۇش» ئەلۋەتتە ئادەم ئاتا قىسسەسىدىكى ھەممىگە مەشھۇر «جەننەتتىن چىقىرىلىش» ۋەقەلىكىگە ئىشارەت قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، دەرۋەقە، مەزكۇر ئىشارەت «ئىنسان» ئىسمىنىڭ ماتېرىيالىستىك سەپسەتىلەرنىڭ ئەكسىچە ئادەمزاتنىڭ تۇنجى ئىنسان تۈرى بولغان ئادەمدىن تارالغانلىق تارىخىغا دىققەت تارتماقتا ۋە بۇ ئارقىلىق ئەسلەتكۈچىسىز ۋە باشباشتاقلىققا يۈگۈرۈك ئىنساننىڭ گويا ئادەم ئاتىنىڭ زېھنى بىلەن ئويناپ ئۇنى چالغىتقاندىكى، ئەھدىسىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ئورنىغا ھەۋەس ۋە خىيالىي ئارزۇنى دەسسەتكەندىكى ئەھۋالىدىن ئىبرەت ئېلىش كېرەكلىكىنى ئەسلەتمەكتە. شۇنداقلا ھۆرمەتلىك يارالغان ئادەمنىڭ ئۆز فىترىتىگە ئۇيغۇن بولغان ھايات پىرىنسىپىنى ھەۋەس - خاھىشلارغا تېگىشىۋەتمەسلىكنى، تۇنجى يەرلەشكەن ئانا ۋەتەننىڭ قولدىن كېتىشىگە سەۋەبكار بولىدىغان ھەر تۈرلۈك غاپىللىققا يول قويماسلىقنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئىلاھىي ئەھدىسىنى ئۇنتۇلدۇرغاندىكى ھالەتنىڭ قايتىدىن ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭمۇ ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ شۇنداق ئاتالغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا. ئادەم ئەۋلادىنى قەدەممۇقەدەم تۇزاققا، بەختسىزلىككە، مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە سۆرەيدىغان «ئۇنتۇش»نىڭ خەتىرىگە سەل قارىماسلىق ئۈچۈن ئۇنى ھەر ۋاقىت سىلكىپ تۇرىدىغان «ئىنسان» ئىسمىنىڭ ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇق تۈرىدىكى چاقىرىق ئىسمى بولۇپ قالغانلىقىغا نەزەر ئاغدۇرماقتا.
-بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: [[:تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان|«ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى]]
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان]]
[[تۈر:بۇرھان مۇھەممەد]]
2debvf35roao4z63yq477eixtbopfgj
176355
176353
2026-08-30T06:52:14Z
UyghurArchive
25219
176355
wikitext
text/x-wiki
«ئۇنتۇلغان قىرغىنچىلىق جەزمەن تەكرارلىنىدۇ»، دەيدۇ زامانىمىز سىياسىيونى ۋە مۇتەپەككۇرلىرىدىن ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ. كوممۇنىزمنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، ئىدىيەۋى ئاغمىچىلىقلىرى بىلەن ئەمەلىي كۈرەش قىلغان، شۇنداقلا سۇنماس جاسارەت ۋە ھەقىقەتپەرۋەر ئىلىم - مەرىپەت ئاساسىدا تىكلىگەن غايىنىڭ چوقۇم نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى يەر يۈزىدىكى بارچە ھۆرلۈك ئاشىنالىرىغا تونۇتقان بۇ زاتنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى بەلكىم بۇ سۆزنىڭ ھەقىقىتىنى قېتىملاپ باشتىن كەچۈرگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن شەرھلەش كەتمەيدىغان، ئاكسىئوماغا ئايلىنىپ كەتسە بولىدىغان ھەقىقەتچىل سۆزلەردىن دەپ قاراش مۇمكىن. ھەتتا بۇ سۆز بىز ئۈچۈن ھەر كۈن ئوقۇيدىغان «ۋىردە (كۈندىلىك ۋەزىپە)»گە ئايلاندۇرۇۋېلىشقا، ياكى بولمىسا ناماز ئارقىسىدىن ئوقۇلىدىغان 33 لۈك «زىكىر» مىسالى تەكرارلىۋېتىشكە ئەرزىيدىغان، پەقەت بولمىغاندا ھەر سەھەر ئورنىدىن تۇرغاندا بىر قېتىم تەكرارلىۋېتىپ كۈنىنى باشلاشنى ئادەت قىلىۋالسىمۇ ئارتۇقچە بولمىغۇدەك دەرىجىدە قىممەتكە ئىگە، دېسەك مۇبالىغە بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، ئىنسان تۈرىنىڭ يارىتىلىش قىسسەسىدىكى «ئۇنتۇش» داستانىدىن مەلۇم بولغاندەك، ئۇ ھەر ئان ئىچكى ياكى تاشقى بىر ئەسلەتكۈلەرنىڭ نۇرىدا ئەقىل كۆزىنى يورۇتىدۇ ۋە بۇ سايىدە ئۆزى باسقان خاتا قەدەملەرنىڭ بەدىلىنى تۆلەشتىن ئامان قالىدۇ. مانا شۇ ئەقىل كۆزى بىلەن ئىنسان ئۆزىنى تاپالايدۇ ۋە ھاياتنىڭ ئەگرى - توقايلىقلىرىدا يولىدىن ئاداشمايدۇ. ماددىي كۆزنىڭ خىزمىتى بىيولوگىيەلىك تۈزۈلمىسى ۋە كۆرۈش ئىقتىدارى نۇقتىسىدىن ھايۋان بىلەن ئادەم كۆزى ئوتتۇرىسىدا پەرق يوقلىقىنى دىققەتكە ئالساق، شۈبھىسىزكى ئىنساندا ئەقىل - ئىدراك ئالاھىدىلىكى بارلىقىغا، ھەمدە ھايۋاننىڭ كۆزىگە نىسبەتەن ئۆتكۈرلۈكتە تەڭداشسىز بولغان ئەقىل - پاراسەت كۆزىنىڭ بارلىقىغا قىل سىغمايدۇ. ماددىي كۆز ئۆز فۇنكسىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن يورۇقلۇققا ئېھتىياج بولغىنىدەك، ئەقىل كۆزىمۇ يورۇقلۇق ئالىدىغان نۇر مەنبەسىگە موھتاج. ئىلاھىي ۋەھيىنىڭ نۇر، دەپ تەرىپلىنىشىمۇ ئۇنىڭ ئىنساننىڭ ئىككى ئالەملىك يولىنى توغرا تەرەپكە يېتەكلەش ئىدراكىنى ئاچىدىغانلىقىدىن، ئەقىل كۆزىگە كېلىدىغان يورۇقلۇق ئۈچۈن ساپ مەنبە بولغانلىقىدىندۇر. ۋەھيىنىڭ مەھسۇلى بولمىش قۇرئاننىڭ ئىسىملىرىدىن بىرىنىڭ «زىكىر (ئەسلەتكۈ)» دەپ ئاتىلىشىمۇ ئۇنىڭ ئۇشبۇ «ئۇنتۇغاق ئىنساننىڭ» فىترىتىنى تاماملىغۇچى خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقىدا، ئۇنى ئويغاتقۇچى، ھەقىقەت تەرەپكە ئاكتىپلىغۇچى رول ئوينىغانلىقىدا، شۇنداقلا، تەن قىسمىغا مەنسۇپ پانىي كۆزدىن ھالقىغان، ساماۋىلىققا مەنسۇپ ئەقىل كۆزىنى پەردىلىگۈچى غەپلەت ئېلېمېنتلىرىدىن ئېرىغدىغۇچى ھىدايەت بۇلىقى بولغانلىقىدا گەۋدىلەنگەنلىكىدىندۇر. شانلىق تارىخىمىزدا ئۆتكەن مەشھۇر ئەجدادلاردىن «ئەلجەۋھەرىي» تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان بۈيۈك تىلشۇناس ئالىم ئەبۇ نەسىر ئىسمائىل ئەلفارابىي ئۆزىنىڭ «ئەل-سىھاھ» ناملىق قامۇسىدا ئىنسان كەلىمىسىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ۋە كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدىكى قاراشلار ئۈستىدە توختىلىدۇ ۋە ئىنسان كەلىمىسىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ھەققىدىكى قاراشلاردىن بىرىدە: «ئىنسان» سۆزى «نىسيان» كەلىمىسىدىن كېلىپ چىققان، دېيىلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇ بۇنداق دېيىلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى «چۈنكى ئىنسان ئەھدىسىنى ئۇنتۇغان»، دېگەن ئىزاھاتى ئارقىلىق ئېنىقلىما بېرىدۇ. بۇ يەردىكى «ئۇنتۇش» ئەلۋەتتە ئادەم ئاتا قىسسەسىدىكى ھەممىگە مەشھۇر «جەننەتتىن چىقىرىلىش» ۋەقەلىكىگە ئىشارەت قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، دەرۋەقە، مەزكۇر ئىشارەت «ئىنسان» ئىسمىنىڭ ماتېرىيالىستىك سەپسەتىلەرنىڭ ئەكسىچە ئادەمزاتنىڭ تۇنجى ئىنسان تۈرى بولغان ئادەمدىن تارالغانلىق تارىخىغا دىققەت تارتماقتا ۋە بۇ ئارقىلىق ئەسلەتكۈچىسىز ۋە باشباشتاقلىققا يۈگۈرۈك ئىنساننىڭ گويا ئادەم ئاتىنىڭ زېھنى بىلەن ئويناپ ئۇنى چالغىتقاندىكى، ئەھدىسىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ئورنىغا ھەۋەس ۋە خىيالىي ئارزۇنى دەسسەتكەندىكى ئەھۋالىدىن ئىبرەت ئېلىش كېرەكلىكىنى ئەسلەتمەكتە. شۇنداقلا ھۆرمەتلىك يارالغان ئادەمنىڭ ئۆز فىترىتىگە ئۇيغۇن بولغان ھايات پىرىنسىپىنى ھەۋەس - خاھىشلارغا تېگىشىۋەتمەسلىكنى، تۇنجى يەرلەشكەن ئانا ۋەتەننىڭ قولدىن كېتىشىگە سەۋەبكار بولىدىغان ھەر تۈرلۈك غاپىللىققا يول قويماسلىقنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئىلاھىي ئەھدىسىنى ئۇنتۇلدۇرغاندىكى ھالەتنىڭ قايتىدىن ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭمۇ ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ شۇنداق ئاتالغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا. ئادەم ئەۋلادىنى قەدەممۇقەدەم تۇزاققا، بەختسىزلىككە، مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە سۆرەيدىغان «ئۇنتۇش»نىڭ خەتىرىگە سەل قارىماسلىق ئۈچۈن ئۇنى ھەر ۋاقىت سىلكىپ تۇرىدىغان «ئىنسان» ئىسمىنىڭ ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇق تۈرىدىكى چاقىرىق ئىسمى بولۇپ قالغانلىقىغا نەزەر ئاغدۇرماقتا.
-'''بۇرھان مۇھەممەد'''
مەنبە: [[:تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان|«ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى]]
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان]]
[[تۈر:بۇرھان مۇھەممەد]]
i7apxl1kd2mgyvtnhzy864ywo2oj525
ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرى
0
24663
176356
2026-08-30T07:07:57Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''ماۋزۇسىز شېئىرلار''' ۋىجدانەن ياشىدىم،بىر نى بىر دېدىم، بېشىمدا ئوينىدى قان چېچىپ تاياق. ئىت بولۇپ ياشىدىم،ھەر نېمە يېدىم، ئالدىمغا قويۇلدى ئالتۇندىن ئاياق! ئۇيۇلۇپ ياشىدىم،ئۇپرىدى خوپ جان، كېمەيدى نېسىۋەم،تارايدى يوللار...! تەلۋىگە ئايلاندىم،كۆتۈ...'
176356
wikitext
text/x-wiki
'''ماۋزۇسىز شېئىرلار'''
ۋىجدانەن ياشىدىم،بىر نى بىر دېدىم،
بېشىمدا ئوينىدى قان چېچىپ تاياق.
ئىت بولۇپ ياشىدىم،ھەر نېمە يېدىم،
ئالدىمغا قويۇلدى ئالتۇندىن ئاياق!
ئۇيۇلۇپ ياشىدىم،ئۇپرىدى خوپ جان،
كېمەيدى نېسىۋەم،تارايدى يوللار...!
تەلۋىگە ئايلاندىم،كۆتۈردۈم چۇقان،
ئاسمانغا ئېتىشتى مېنى كۆپ قوللار...
ياخشىلىق تىلىدىم ھەركىمگە ھەر كۈن،
ئورۇلدى بۇغدىيىم تېخى پىشماي خام.
جىن بولۇپ ياشىدىم،ياتمىدىم ھەر تۈن،
نى كۆركەم پەرىلەر ماڭا بولدى رام.
مېھرىمنى خەجلىدىم،سۆيگۈ تاراتتىم،
نەپرەتلىك نىگاھلار تەشتى قەددىمنى.
ئۆكتەمگە ئايلاندىم،كۆپنى قاراتتىم،
نازاكەت،جىلۋىلەر ئالدى ھەددىمنى.
ئاھ پەلەك نېمەدەي مىجەزىڭ تەتۈر،
سەن بىلگەن نە ئوي بار كەلتۈرە،كەلتۈر!
'''تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش'''
'''1'''
سىنچىلاپ قاراپ باقتىم تاڭ ۋەسلىگە،
بىھېساپ سىرلار ئاڭا ئۈيۈلگەندەك.
ئويلىسام ئۇنىڭدىكى سىر ئەسلىدە،
ئىش ئىكەن گۇياسۆيگەن،سۆيۈلگەندەك.
سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشتە سىر بولمايدۇ،
يۈرەكلەر ئېچىۋېتەر مىڭ قېتىنى.
ھەر قاتتا تۈمەن زەررە نۇر ئوينايدۇ،
شۇڭا قۇت قويغان سۆيگۈ ئۆز ئېتىنى.
ياپراقلار،گۈل كاسسىسى،چېچەك شەبنەم،
نۇرلاردىن نۇردىن ئۆزگە سىر سەزمەيدۇ.
دىلىنى يۇشۇرمايدۇ تىلسىز ئالەم،
بەل كېزەر ئۇندا،ئەمما سىر كەزمەيدۇ.
ۋاراقلاپ ئوقۇپ چىقتىم تاڭ بىر كىتاب،
ھېكمىتى كۆپ،يوق ئەمما چۈمپەردىسى.
تاڭ ئەينى دېدى تېڭىم قىلىپ خىتاب،
پەردىسىز يۈرەكلەرنىڭ سەھىپىسى.
'''2'''
تۈگىمەس كۈيدۇر ماڭا پارلاق تاڭلار،
تۈگىمەس كۈي ھەققىدە مېنىڭ قىسسەم.
تاڭلاردىن تۇغۇلىدۇ تاڭدەك ئاڭلار،
تاڭ بىلەن ئېرىپ پۈتەر غەمۇ- غۇسسەم.
رەڭلەرنىڭ جىلۋىسىدىن كۆز قامىشار،
ئۇپۇققا ئۇيۇپ قالار مۇھەببىتىم.
شولىلار چوققىلارغا ئۆز،يامىشار،
ئاياغسىز قالار تاڭغا قانائىتىم.
تارلارغا قونۇپ قالار شوخ ئاھاڭلار،
كۆرسىتىپ يۈرەكلەرگە كارامەتنى.
تاڭ سازى جاراڭلايدۇ،دىل جاراڭلار،
تۇيغۇلار باشلىۋېتەر پاراغەتنى...
ھاياجان پەللىسىدە تۇرۇپ قالدىم،
بۇ سېنىڭ خۇمارلىقنى تەرگىنىڭمۇ؟
سېنىڭدە دىلبىرىمنى كۆرۈپ قالدىم،
ئاخشام ئاي تىقىۋالغان ئىدى ئۇنى،
بۇ سېنىڭ ياندۇرغىنىڭ،بەرگىنىڭمۇ؟
'''3'''
سېنىڭدىن يىراقلاردا يۈرگىنىمدە،
ساڭا تەن ھېسلىرىمنى بۆلگىنىمدە؛
خۇمارى تۇتۇپ يەنە ئەركىلەشنىڭ،
سېغىنىش ھەسرىتىدىن ئۆلگىنىمدە؛
تاڭلارغا تەشنا بولۇپ قاراپ باقتىم،
چېچىڭ دەپ شولىلارنى تاراپ باقتىم.
مېھرىڭدەك مېھىر ئىزدەپ تاڭ ۋەسلىدىن،
خېلى بىر چاغلارغىچە ماراپ باقتىم.
جورۇيمەن ياخشىلىققا چۈشلىرىمنى،
سەپەرۋەر قىلىپ ھەممە ھوشلىرىمنى.
تاڭ بىلەن يېتىپ بار،دەپ سەن تەرەپكە
ئۇچۇردۇم خىيالىمنىڭ قۇشلىرىنى.
ھومىيىپ قاراپ قويدۇڭ ماڭا ئاخشام،
چۈشۈمكەن،تۈمەن شۈكرى،پۈتۈن ئاخشام،
ئوغلۇڭنىڭ يۈرىكىدە بىر سېغىنىش،
زېمىنمۇ كۆيۈپ كېتەر ئۇنى ياقسام!
تاڭلارغا تەشنا بولۇپ قاراپ باقتىم،
چېچىڭ دەپ شولىلارنى تاراپ باقتىم.
مېھرىڭدەك مېھىر ئىزدەپ تاڭ ۋەسلىدىن،
خېلى بىر چاغلارغىچە ماراپ باقتىم.
'''4'''
تاڭ بىلەن تۆشىكىمدىن تۇرغىنىمدا،
سۈبھىگە قوللىرىمنى سۇنغىنىمدا؛
دۇئادا دەپ ئويلايمەن،سېنى،ئانا،
ئاۋازىڭ جاراڭلايدۇ قۇلىقىمدا.
پىراقىڭ جىغىلدىتار يۈرەكلەرنى،
تىكەندىن ئېچىلدۇرار پورەكلەرنى.
سەن ئۈچۈن ئىزدىۋېدىم ئېسىل سوۋغات،
مەۋجۇدات باشلىۋەتتى كۆرەكلەرنى.
تاپمىدىم،تاپالمىدىم لايىقىڭنى،
قۇياش،ئاي سۆيسۈن سېنىڭ ئايىغىڭنى.
ئۇلۇغلار سېنى سۆيگۈم ھامان،دېمەك،
ھېچ كىممۇ تۈگىتەلمەس بايلىقىڭنى.
مېھرىڭنىڭ تامچىسىنى تاشقا بەردىم،
مۆجىزە-كارامەتنى تاشقا تەردىم.
تاشلاردىن ئۈنۈپ چىقتى مېھرىگىياھ،
كۆز ئۈزرە پەرۋازلارغا قانات كەردىم.
ئەجەپمۇ ئوخشايدىكەن تاڭلار ساڭا،
سۆزلەيدۇ سەن توغرۇلۇق قىسسە ماڭا.
باردەكلا تۇيۇلىسەن تاڭ قوينىدا،
ئىزدەيمەن تاڭدىن سېنى،تاڭدىن ئانا.
'''5'''
ھېلىمۇ بىكەتلەردە تۇرامسەنكىن؟
ئوغلۇڭنى ئوغۇللاردىن سورامسەنكىن؟
گۈل خۇمار ئىدى ئوغلۇم گۈل كۆرسۇن دەپ،
ھويلىنى كۆپ گۈللەرگە ئورامسەنكى؟
ئاجايىپ بىر كۆڭۈلنىڭ ئىگىسى سەن،
ھەر كىمنى،ھەر كۆڭۈلنى شاھ بىلىسەن.
يۇيىسەن كۆڭۈللەرنى كۆڭلۈڭ بىلەن،
ئالەمدە كۆڭۈل ئىزدەپ،ئېھ،كېلىسەن!
ئىزىڭدا نۇرلار ئاقار تارام- تارام،
ۋالىلداش،يالتىراشلار ساڭا قارام.
پۇرايسەن ئالما كەبى ھەردەم- ھەردەم،
بېجىرىم ھەر نەپىسىڭ ماڭا ئارام.
سېغىندىم،سېغىنىشنى تەگىدىم مەن.
(يۈگەنسىز خىياللاردىن سەگىدىم مەن.)
ئوخشىتىپ سېنى تاڭغا،تاڭدا تۇرۇپ،
ئۆزۈڭدەك شۇ تاڭلارنى ئەگىدىم مەن.
'''6'''
ئامەت دەيمەن سەن كۆرگەن چۈشنى،
ئامەت دەيمەن ئىزلىرىڭنى مەن.
ئامان بول دەپ سالىمەن چۇقان،
ئىككى ئالەم ھاياتىم ئۇ- سەن.
ئامەت دەيمەن سەن چىققان دۆڭنى،
ئامەت دەيمەن سەن بارغان چۆلنى.
ئامان بول دەپ سالىمەن چۇقان:
تىلەك تامچە،بەر،تەڭرىم،كۆلنى!
'''7'''
باغرىمدا بىر كۆيۈك بار مىسلى گۈلخان،
جۇش ئۇرغان نۇر ئېقىنى سەزگۈلىرىم.
شۇ تاپتا كېلىپ كەتتى بىردىن پىنھان،
قۇياشنىڭ قۇچىقىنى كەزگۈلىرىم.
قوللىرىم قاناتلارغا ئۆرۈلگەندەك،
كەرسەملا باشلىنىدۇ بۈيۈك پەرۋاز.
كۆزۈمگە ئاجايىبات كۆرۈنگەندەك،
ئاڭلىدىم،ياڭراپ كەتتى غايىپ ئاۋاز.
ئالدىمدا تۇرۇپ قالدى شۇندا دۇنيا،
تۆكۈلۈپ قاسراقتەك ئىللەتلىرى.
سۈزۈكلۈك ئىلاھىدەك ئۇ بىر گويا،
ئاق قۇشتەك جەۋلان قىلار خىسلەتلىرى.
ئىككىمىز بولۇپ كەتتۇق ئىرماش-چىرماش،
غەمزىلەر قوندى كۈي بوپ قەترىلەرگە.
تەۋەررۈك قەدەملەرگە قويۇشۇپ باش،
شوخ گۈللەر كۆمۈۋەتتى ئەترىلەرگە.
ئاجايىپ سۈرەتلەرنى بەردىڭ ماڭا،
ئاجايىپ تۇيغۇلارنى قويدۇڭ قويۇپ.
نۇرلارغا ئايلانمىسام ئېلىۋالامسەن،
تۇيغۇ ۋە سۈرەتلەرنى دىلدىن ئۇيۇپ؟
'''8'''
شېرىن چۈش ئالىمىدە تۇرماقتىمەن،
يۇلتۇزلار چاراقلايدۇ زەررىلەردە.
ئاجايىپ ئىنشائاتلار قۇرماقتىمەن،
تاغلارنى يۈكلەپ گويا زەررىلەرگە!
بەرگلەر بەرگلەرگە پىچىرلايدۇ،
كۈيلەرگە تىنىپ كەتكەن بوشلۇقىمىز.
<>
ئۈزۈلمەس دېمەك خوشلۇق،خوشلۇقىمىز...
سىرىڭنى سۆزلە،دېدىم تەبىئەتكە،
ئېقىندەك ئاقتى گويا ھېكمەت دېگەن.
بېشىمچە كىرىپ كەتتىم مۇھەببەتكە،
لەززەتلىك،شۇنچە شىرىن،شۇنچە لېۋەن.
يۈرەكتىن چۈشسە ئاڭا بىر يۇلتۇز-ئوت،
يېنىشنى كۆرۈپ قويسۇن شۇندا يېنىش.
چىن سۆيۈش-سۆيۈلۈشتە يۈز ئۆرۈش يوق،
يالغانلار ئارىلاشسا بولار چېنىش.
ھېسلىرىم چاچراپ تۇرار تۇتۇق بەرمەي،
ھەر گۈلنى،ھەر ياپراقنى سۆيۈپ ئۆتەر.
ھەر قەترە،ھەر زەررىدىن سۈمۈرۈپ مەي،
كۆيدۈرۈپ ھەممىسىنى كۆيۈپ ئۆتەر.
ئاز ئەمەس قازغان دۇرلار سەندىن پەۋەس،
ئۇنى مەن يالغۇز ئۆزۈم ئالىمەنمۇ؟
ئولجىنى يالغۇز يېگەن يىگىت ئەمەس،
ساڭىمۇ يېرىمىنى سالىمەنمۇ؟
'''9'''
بالقىيدۇ قىيالاردا شۈمۈلگەن ئاي،
ئەنە ئۇ سۈبھى ئۈزرە سىڭىپ كەتتى.
تاشلارغا جان كىرگەندۇ بەلكى ئايھاي،
پارلىغان يان بېغىرلار يېنىپ كەتتى.
دۈرۈلدەپ تۆكۈلىدۇ يامرىغان نۇر،
نۇرلارغا تاغۇ تاشلار قېنىپ كەتتى.
تاڭ چېغى يارىتىلمىش قانداق مەغرۇر،
ئۇ،تۈندىن،تۈن ئۇنىڭدىن تېنىپ كەتتى.
ياڭرايدۇ تاش تىلىدا نۇر ناخشىسى،
ئوخچۇيدۇ دىلدىن دىلغا شادلىنىشلار.
ماختىلار ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى،
نۇرلىنىش-نۇردىن نۇرغا ئاتلىنىشلار.
ئاي ئۈزرە،نۇرلار ئۈزرە بىر قىياپەت،
مەن ئۇندىن مەڭگۈ ھايات كۆرۈپ قالدىم.
غۇبارسىز ۋەسىللەردە يوق قىيامەت،
سۆزلە،تاڭ،سۆزلىرىڭگە كۆيۈپ قالدىم.
'''10'''
ئادەمدىن پەرىزاتقا ئايلاندىم مەن،
دەسلەپ بىر پەرىزاتنى سۆيگىنىمدە.
يوللاردا يولچى بولۇپ سايلاندىم مەن،
ئاجايىپ ئوت ئىچىدە كۆيگىنىمدە.
بىر قىران بۈركۈتكە نەق ئوخشاپ قالدىم،
تور نېمە،تۇمان نېمە،چۈشمەس ئەسكە.
ئاجايىپ خىياللارنى ئويلاپ قالدىم،
نىگاھلار يۈكسەكلىكتە،چۈشمەس پەسكە.
ھەسرەتنى يالغۇز ئۆزۈم ئالغۇم كەلدى،
كۈلكىنى بارسۇن دېدىم ئۆزگىلەرگە.
جۇت بىلەن يالغۇز ئۆزۈم قالغۇم كەلدى،
خىرىس قىپ باغرى مۇزدەك رەزگىلەرگە.
ئۆچكەن بىر چىراغلارنى پەرلىمىدىم،
يانغاننىڭ بولدۇم شۇئان پەرۋانىسى.
تىغ دەسسەپ يۈرگەندىمۇ تەرلىمىدىم،
ئاتالدىم مەردانىنىڭ مەردانىسى.
چاڭلارنى،توزانلارنى يەلگە بەردىم،
ئۆزۈڭنىڭ شورى دېدىم،توزغانلارغا.
ئاق يول دەپ،مۇبارەك دەپ بەلگە بەردىم،
بەيگىدە مەنزىللەرگە ئوزغانلارغا.
شولىدەك پەيدا بولدۇم ھەر كەڭلىكتە،
چاقنىدىم،ۋالىلدىدىم،تاراپ كەتتىم.
قالمىدىم سىناقلاردا ھېچ تەڭلىكتە،
ئىشقىلىپ كارغا كەلدىم،ياراپ كەتتىم.
دەۋرىسە دەريا بولۇپ تاغلار راۋان،
كۆرۈمەن ئاشۇ ئالتۇن چاغلىرىمنى.
ياكى سەن تۇنجى سۆيگۈ يا سۆيگۈ تاڭ،
باغرىڭغا تېڭىپ قوياي باغلىرىمنى.
بىر قانداق قۇسۇر يوقتۇر سۆزلىرىمدە،
يىك بېسىپ تۇرغاندۇر-ھە سۆزلىشىشلەر؟!
زور سەنۇ،سىغىپ كەتتىڭ كۆزلىرىمگە،
كۆزلەردىن باشلىنىدۇ ئۆزلىشىشلەر.
'''11'''
شان ئۈچۈن ئاتالغاندۇر ھەيرانلىقىم،
تولغاندىم،ھۆسنۈڭنى دەپ ياتالمىدىم.
سەن ئۈچۈن بولدى ئۈنچە قازغانلىقىم،
ئىزدىدىم،تەرىپىڭنى تاپالمىدىم.
سوقۇلدۇم زېمىندىكى ھارارەتكە،
سۆيۈمەن مەڭگۈ بۇنداق سوقۇلۇشنى.
ئورايمەن سېنى سۆيگۈ-جاسارەتكە،
سۆيگۈلەر بىلمەس ھەرگىز سوغۇلۇشنى.
شاخارىپ كەتتى يەنە مەغۇرۇرلۇقۇم،
ئىگە دەپ مەنمۇ سېنىڭ ھەر قەترەڭگە.
بەخشەندە ئىلھاملىرىم ئالەم-ئالەم،
مۇقەددەس،تەڭدىشى يوق ھەر زەررەڭگە.
'''12'''
بىر پورەك ياقا يىرتتى كۆرۈپ قالدىم،
ئېڭىمدا جىمى جاھان يورۇپ كەتتى.
پەيزىنى تەبىئەتنىڭ سۈرۈپ قالدىم،
ئىلھامىم ئاياغلاندى،تۇرۇپ كەتتى.
يايرىدى گۈل-گىياھلار سەزمەكتىمەن،
ئۆزگىچە ئەمەس خىلى جېنىمىزدىن.
قەترىلەر مىسلى دېڭىز كەزمەكتىمەن،
ئۇندا قان پەرقسىزدۇر قېنىمىزدىن.
زېمىننى ئېمەر پورەك،كۆكنى ئېمەر،
ئېسىللىق پۈتۈلگەنكەن يىلتىزلارغا.
ھېسابسىز شەربەت ئىچەر،كەۋسەر ئىچەر،
چاراقلاپ قارايدۇ ئۇ يۇلتۇزلارغا.
ئېچىلدى بىر تال پورەك،بىر تال غۇنچە،
لەۋسىمان بەرگىلەردە،كۈلكە،كۈلكە.
شادلىققا ئوخشاپ قالدى پورەك شۇنچە،
يۈرەكلەر ئوخشاپ قالدى گۈلگە،گۈلگە.
گۈللەر ھەم،پورەكلەر ھەم يېيىشتى رەڭ،
سۆيۈنۈش،بەخش ئەتتى تاڭدا ھەريان.
مىڭ پورەك شادلىقىنى سۆزلەيدۇ كەڭ،
بىر پورەك ۋەسلىدىكى ئاشۇ جەريان.
پارلاق بىرجىلۋىلەرگە كۆمۈۋەتتىڭ،
ئۇنىڭسىز دەمدىن دەمگە ئۆتەلمەيمەن.
ھېسابسىز ئىشتىياقنى تۆكۈۋەتتىڭ،
ئۇنىڭسىز نەپەس ئېلىپ يۈرەلمەيمەن!
'''13'''
كۆڭۈلسىز كەچمىشلەرنى ئەسلەتمەيسەن،
كۆڭلۈمنى ئۆستۈرىسەن،پەسلەتمەيسەن.
چىنلىققا تەڭرى دېسە،سېنى دېسۇن،
راستچىلسەن،ھۆل كېسەككە دەسسەتمەيسەن.
بارمايمەن ئەمچىلەرگە يارىلانسام،
سەن بارسەن شىپا ئىزدەپ دارىلانسام.
ۋە ياكى ساڭا ئوخشاش يانغىنىمچۈن،
ئىچ-تېشى ئالىلاردىن ئالىلانسام.
ئۆسەكلەر قاپلىغاندا گاھى-گاھى،
بۇ ئەسلى ئاجىزلىقنىڭ مۇڭلۇق ئاھى.
بۇمۇ بىر بەندىلىكتە،بەندىلىكتىن،
پاك ئەمەس بەندىلەرنىڭ بۇ دەرگاھى!
ھېكمەتلىك سېنىڭ قولۇڭ قۇياش،قۇياش،
سىيپىدىڭ بولدى تېنىم ساڭا ئوخشاش.
ئىككىمىز سۆزلىشىمىز،بېجىرىممەن،
مەن مەڭگۈ قېرىمايمەن،مەن مەڭگۈ ياش.
'''14'''
تاڭ يەنە كۆرگىن دېدى،بۈگۈن سىزنى،
ئۇچراشتۇق،نۇر قۇتلىدى ئىككىمىزنى.
ئايرىلىش ئۈزۈلمەپتۇ ئارىدىكى،
ئۇستازلىق ۋە شاگىرتلىق رىشتىمىزنى.
تاڭدەك بوپ كېتىپسىزغۇ،يالتىرايسىز،
بىلىمەن،يالتىراشقا ئالدىرايسىز.
ئىزگۈلۈك ئىزدەيسىزا،ئىزدەيسىزا،
ئىزگۈلۈكتىن ئۆزگىگە قارىمايسىز.
ياش تولدى كۆزلىرىمگە،ئېسەدىدىم،
يۈرەككە ئەرك بەردىم،تېپە،دېدىم.
نېمانچە لەززەتلىكتۇر دىدارلىشىش،
كۆڭلۈمگە تاڭ شارابىن ئىچە،دېدىم.
ھەممىگە مېھرىڭىزنى تەڭ تۆكتىڭىز،
قالتىسسىز،تار يەردىمۇ كەڭ ئۆتتىڭىز.
كەستىڭىز ئەتىمىزگە توغرا كېسىم،
گۇگۇمدەك قاراشلارنى بەك سۆكتىڭىز.
ئاتا بوپ يېتىملەرگە غەم يېدىڭىز،
مەن تۇرغاندا يېتىم يوق،كەل دېدىڭىز.
ياغدى سىزدىن شاپائەت ئاق يامغۇردەك،
ئورمان ئېيىتقان ناخشىلار سىز ئىدىڭىز.
بالا-بەخىت،دېگەن بىر سۆزىڭىز بار،
بەخىت-قۇتنى قويۇشتا ئۆزىڭىز بار.
ئىشەنمىسە قارىسۇن لوقمان ھېكىم،
كۆزىمىزدە ھازىرمۇ كۆزىڭىز بار.
تۇغۇلۇپسىز بىز ئۈچۈن ئەمدى بىلسەك،
قەلبىڭىزنى باغ سۆزلەر باغقا كىرسەك.
ئەجرىڭىز بار تۈگىمەس زىممىمىزدە،
سىزنى دەيمىز ھەر جايدا ئۇلۇغ دېسەك.
تاڭدەك بوپ كېتىپسىزغۇ،يالتىرايسىز،
بىلىمەن،يالتىراشقا ئالدىرايسىز.
ئىزگۈلۈك ئىزدەيسىزا،ئىزدەيسىزا،
ئىزگۈلۈكتىن ئۆزگىگە قارىمايسىز!
'''15'''
ئۇچراشتۇقمۇ؟ئۇچراشتۇق،مەيلى،مەيلى،
ئۇپۇق بولار،كۆك بولار قىسمىتىمىز.
تۆت يۇمۇم لەۋ گوياكى لەيلى،لەيلى،
سۆيۈش بىلەن ئۆلچەنسۇن خىسلىتىمىز.
چاقىرماقتا،ئاق يوللار چاقىرماقتا،
يېڭى كۈندە يېڭىدىن ئىشىك ئېچىپ.
چاقىرماقتا،ئاق يوللار چاقىرماقتا،
ئۆزلەشكۈچى ئامەتتىن چاچقۇ چېچىپ.
چاقىرماقتا،گۈل باغلار چاقىرماقتا،
تەشنا كۈتكەن قىزىل گۈل دەستە-دەستە.
چاقىرماقتا،گۈل باغلار چاقىرماقتا،
سەپكە تۇرغان چىمەنلەر رەستە،رەستە.
تارتىشمايمىز،باقمايمىز،قارىمايمىز،
كەينىمىزدە قېپقالغان تۇريغۇلارغا.
ئالدىمىزدا بەخت بار،يالتىرايدۇ،
ئۈزۈپ گۇيا بەختىيار تۇيغۇلاردا...
قېنى چاپسان ماڭايلى تاشلاپ قەدەم،
سەزگۈ باشقا،ھېس باشقا،سەپەر باشقا.
تىنىقلارغا ئۇرۇلدى ھاياتىي دەم،
تۇتاشقاندۇر بىزنىڭ يول دەل قۇياشقا!
'''16'''
ياخشىلىقسىز ياشىماس،ياخشى جانلار،
ياخشىلىققا كۆمۈلدۈم،خامان ئالدىم.
تومۇرۇمدا جۇش ئۇردى يېڭى قانلار،
ئاپەتلەردىن قۇتۇلدۇم،ئامان قالدىم.
چۆللەر كەزدىم،ئالۋۇنغا كۆزۈم چۈشتى،
چاڭقاپ ئۆلدۈم،قەترە سۇ بولدى ھايات!
كارامىتىم پاش بولدى،ئۈنۈم ئۆچتى،
قوندى باشقا قۇش بولۇپ قارا مامات!
يولچى قۇيغان سۇ تاراپ تەنگە پەقەت،
ھاياتىمنى خەتەردىن تارتىۋالدىم.
قايتا كىرگەن جان قالتىس،قۇدرەت قالتىس،
تاغنى يۈدتۈم،ئۇچامغا ئارتىۋالدىم.
شېرىن- شەربەت تاغلاردىن ئۆتكىنىمدە،
شېرىن- شەربەت ياشناتتى بويلىرىمنى.
شىرنىسى يوق دەرەخنى سۆككىنىمدە،
بىلىۋالدى مېۋىلەر ئويلىرىمنى.
نۇر ۋەسلىدىن ۋەسلىمگە نۇر يۇققاندەك،
ياخشىلاردىن ياخشىلىق يۇقتى ماڭا.
ئاشۇلارنى سەن ئۇققىن،مەن ئۇققاندەك،
ئاشۇلارنى ئامانەت قوياي ساڭا!
'''17'''
تار تىترەپ،تارلار بويلاپ كۈي ئاققاندا،
كۆزۈمگە يار سۈرەتلىك ئاي باققاندا.
ئالتۇنغا ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم،
جىلۋىلەر چىرىغىغا ئوت ياققاندا...
كۆرمىگەن بىر چېچەكنى كۆرگىنىمدە،
سۆيمىگەن بىر ياپراقنى سۆيگىنىمدە؛
كۈمۈشكە ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم،
كۆيمىگەن ئوت ئىچىدە كۆيگىنىمدە.
شاماللار قانىتىدا ئىپار ئاڭقىپ،
يېڭى بىر پۇراق بىلەن ئۆتسە چاڭقىپ.
ئىپارغا ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم،
بارمىغان جايلار قالماي تازا قاڭقىپ.
كۆزۈمدە يېڭى ھۆسىن،رەڭ ئوينىسا،
پەيزىگە پەيزى خۇمار دىل تويمىسا؛
رەڭلەرگە ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم،
كۈلمەيسەن،كۈلەلمەيسەن رەڭ بولمىسا.
مەن سۆزلەپ خىياللارنى ساڭا بەردىم،
چىلان تۇپراق،مۇنبەت يەر ئۇرۇق تەردىم.
بىخ سۆزلەيدۇ بەرگىلەر قىسسىسىنى،
گۈزەللىككە جان تەردىم،قويۇق تەردىم.
1988-يىلى ئىيۇن،ئۈرۈمچى
'''ئەقىدە'''
مەن تېخى تاقەتتىن ۋاز كەچكىنىم يوق،
سەن دېگەن دوقمۇشتا تۇرىمەن كۈتۈپ.
ھەر سۆزۈڭ كىرىچتىن ئۈزۈلگەن بىر ئوق،
ماڭلايغا قىسمەتنى قويغان چىڭ پۈتۈپ.
بىر دەملىك يادىڭغا ئۆمرۈم تەسەددۇق،
سەن ياغقان چىراقلار قالمايدۇ ئۆچۈپ.
شۈركۈنلۈك شىۋىرغان دەۋەتلەر گۇيا،
تۇرىدۇ قۇلاققا ھەردەم قۇيۇلۇپ:
«يىتكەنلەر يوقالدى،ئاشۇنداق دۇنيا،
جۇلغۇنۇپ تۇرىدۇ ئۆمۈر سويۇلۇپ.
يېڭى بىر كۆرپەزلەر،بىر ئالتۇن قىيا.
ئالدىڭدا،يۈرمىگىن ئەمدى ئۇيۇلۇپ...»
سەن يۈرگەن يوللاردا كېلىمەن يالغۇز،
چىقمايدۇ ئىچىمدىن ئاشۇ بىر سادا.
كەچمىشلەر شېرىندۇر بەئەينى بالمۇز،
سۆيگۈلەر ئاسماندىن قۇيۇلغان يادا.
قىياغا چىقمايمەن،قېشىڭغا ئالغۇز،
قىزغىنىش،ھىجراندىن بولايلى ئادا.
ھەسرەتلەر قاينايدۇ،چاپچىيدۇ پىغان،
ئالەمدە ئەستىلىك تەڭرى نەقەدەر.
ئۇ قىلار ھۆسنىڭنى ماڭا ئارمىغان،
ئىزلىرىڭ مەھكۇمدۇر،ئىزدەي دەربەدەر.
سەرۋىلەر بەرگىدە ئىپار چاڭقىغان،
قولۇڭنى ماڭا سۇن!ئەكەل،ماڭا بەر.
8mly1q7khu8j32eixvnn2qclc1fj33w
176357
176356
2026-08-30T07:09:43Z
UyghurArchive
25219
176357
wikitext
text/x-wiki
'''ماۋزۇسىز شېئىرلار'''
ۋىجدانەن ياشىدىم،بىر نى بىر دېدىم،
بېشىمدا ئوينىدى قان چېچىپ تاياق.
ئىت بولۇپ ياشىدىم،ھەر نېمە يېدىم،
ئالدىمغا قويۇلدى ئالتۇندىن ئاياق!
ئۇيۇلۇپ ياشىدىم،ئۇپرىدى خوپ جان،
كېمەيدى نېسىۋەم،تارايدى يوللار...!
تەلۋىگە ئايلاندىم،كۆتۈردۈم چۇقان،
ئاسمانغا ئېتىشتى مېنى كۆپ قوللار...
ياخشىلىق تىلىدىم ھەركىمگە ھەر كۈن،
ئورۇلدى بۇغدىيىم تېخى پىشماي خام.
جىن بولۇپ ياشىدىم،ياتمىدىم ھەر تۈن،
نى كۆركەم پەرىلەر ماڭا بولدى رام.
مېھرىمنى خەجلىدىم،سۆيگۈ تاراتتىم،
نەپرەتلىك نىگاھلار تەشتى قەددىمنى.
ئۆكتەمگە ئايلاندىم،كۆپنى قاراتتىم،
نازاكەت،جىلۋىلەر ئالدى ھەددىمنى.
ئاھ پەلەك نېمەدەي مىجەزىڭ تەتۈر،
سەن بىلگەن نە ئوي بار كەلتۈرە،كەلتۈر!
'''تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش'''
'''1'''
سىنچىلاپ قاراپ باقتىم تاڭ ۋەسلىگە،
بىھېساپ سىرلار ئاڭا ئۈيۈلگەندەك.
ئويلىسام ئۇنىڭدىكى سىر ئەسلىدە،
ئىش ئىكەن گۇياسۆيگەن،سۆيۈلگەندەك.
سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشتە سىر بولمايدۇ،
يۈرەكلەر ئېچىۋېتەر مىڭ قېتىنى.
ھەر قاتتا تۈمەن زەررە نۇر ئوينايدۇ،
شۇڭا قۇت قويغان سۆيگۈ ئۆز ئېتىنى.
ياپراقلار،گۈل كاسسىسى،چېچەك شەبنەم،
نۇرلاردىن نۇردىن ئۆزگە سىر سەزمەيدۇ.
دىلىنى يۇشۇرمايدۇ تىلسىز ئالەم،
بەل كېزەر ئۇندا،ئەمما سىر كەزمەيدۇ.
ۋاراقلاپ ئوقۇپ چىقتىم تاڭ بىر كىتاب،
ھېكمىتى كۆپ،يوق ئەمما چۈمپەردىسى.
تاڭ ئەينى دېدى تېڭىم قىلىپ خىتاب،
پەردىسىز يۈرەكلەرنىڭ سەھىپىسى.
'''2'''
تۈگىمەس كۈيدۇر ماڭا پارلاق تاڭلار،
تۈگىمەس كۈي ھەققىدە مېنىڭ قىسسەم.
تاڭلاردىن تۇغۇلىدۇ تاڭدەك ئاڭلار،
تاڭ بىلەن ئېرىپ پۈتەر غەمۇ- غۇسسەم.
رەڭلەرنىڭ جىلۋىسىدىن كۆز قامىشار،
ئۇپۇققا ئۇيۇپ قالار مۇھەببىتىم.
شولىلار چوققىلارغا ئۆز،يامىشار،
ئاياغسىز قالار تاڭغا قانائىتىم.
تارلارغا قونۇپ قالار شوخ ئاھاڭلار،
كۆرسىتىپ يۈرەكلەرگە كارامەتنى.
تاڭ سازى جاراڭلايدۇ،دىل جاراڭلار،
تۇيغۇلار باشلىۋېتەر پاراغەتنى...
ھاياجان پەللىسىدە تۇرۇپ قالدىم،
بۇ سېنىڭ خۇمارلىقنى تەرگىنىڭمۇ؟
سېنىڭدە دىلبىرىمنى كۆرۈپ قالدىم،
ئاخشام ئاي تىقىۋالغان ئىدى ئۇنى،
بۇ سېنىڭ ياندۇرغىنىڭ،بەرگىنىڭمۇ؟
'''3'''
سېنىڭدىن يىراقلاردا يۈرگىنىمدە،
ساڭا تەن ھېسلىرىمنى بۆلگىنىمدە؛
خۇمارى تۇتۇپ يەنە ئەركىلەشنىڭ،
سېغىنىش ھەسرىتىدىن ئۆلگىنىمدە؛
تاڭلارغا تەشنا بولۇپ قاراپ باقتىم،
چېچىڭ دەپ شولىلارنى تاراپ باقتىم.
مېھرىڭدەك مېھىر ئىزدەپ تاڭ ۋەسلىدىن،
خېلى بىر چاغلارغىچە ماراپ باقتىم.
جورۇيمەن ياخشىلىققا چۈشلىرىمنى،
سەپەرۋەر قىلىپ ھەممە ھوشلىرىمنى.
تاڭ بىلەن يېتىپ بار،دەپ سەن تەرەپكە
ئۇچۇردۇم خىيالىمنىڭ قۇشلىرىنى.
ھومىيىپ قاراپ قويدۇڭ ماڭا ئاخشام،
چۈشۈمكەن،تۈمەن شۈكرى،پۈتۈن ئاخشام،
ئوغلۇڭنىڭ يۈرىكىدە بىر سېغىنىش،
زېمىنمۇ كۆيۈپ كېتەر ئۇنى ياقسام!
تاڭلارغا تەشنا بولۇپ قاراپ باقتىم،
چېچىڭ دەپ شولىلارنى تاراپ باقتىم.
مېھرىڭدەك مېھىر ئىزدەپ تاڭ ۋەسلىدىن،
خېلى بىر چاغلارغىچە ماراپ باقتىم.
'''4'''
تاڭ بىلەن تۆشىكىمدىن تۇرغىنىمدا،
سۈبھىگە قوللىرىمنى سۇنغىنىمدا؛
دۇئادا دەپ ئويلايمەن،سېنى،ئانا،
ئاۋازىڭ جاراڭلايدۇ قۇلىقىمدا.
پىراقىڭ جىغىلدىتار يۈرەكلەرنى،
تىكەندىن ئېچىلدۇرار پورەكلەرنى.
سەن ئۈچۈن ئىزدىۋېدىم ئېسىل سوۋغات،
مەۋجۇدات باشلىۋەتتى كۆرەكلەرنى.
تاپمىدىم،تاپالمىدىم لايىقىڭنى،
قۇياش،ئاي سۆيسۈن سېنىڭ ئايىغىڭنى.
ئۇلۇغلار سېنى سۆيگۈم ھامان،دېمەك،
ھېچ كىممۇ تۈگىتەلمەس بايلىقىڭنى.
مېھرىڭنىڭ تامچىسىنى تاشقا بەردىم،
مۆجىزە-كارامەتنى تاشقا تەردىم.
تاشلاردىن ئۈنۈپ چىقتى مېھرىگىياھ،
كۆز ئۈزرە پەرۋازلارغا قانات كەردىم.
ئەجەپمۇ ئوخشايدىكەن تاڭلار ساڭا،
سۆزلەيدۇ سەن توغرۇلۇق قىسسە ماڭا.
باردەكلا تۇيۇلىسەن تاڭ قوينىدا،
ئىزدەيمەن تاڭدىن سېنى،تاڭدىن ئانا.
'''5'''
ھېلىمۇ بىكەتلەردە تۇرامسەنكىن؟
ئوغلۇڭنى ئوغۇللاردىن سورامسەنكىن؟
گۈل خۇمار ئىدى ئوغلۇم گۈل كۆرسۇن دەپ،
ھويلىنى كۆپ گۈللەرگە ئورامسەنكى؟
ئاجايىپ بىر كۆڭۈلنىڭ ئىگىسى سەن،
ھەر كىمنى،ھەر كۆڭۈلنى شاھ بىلىسەن.
يۇيىسەن كۆڭۈللەرنى كۆڭلۈڭ بىلەن،
ئالەمدە كۆڭۈل ئىزدەپ،ئېھ،كېلىسەن!
ئىزىڭدا نۇرلار ئاقار تارام- تارام،
ۋالىلداش،يالتىراشلار ساڭا قارام.
پۇرايسەن ئالما كەبى ھەردەم- ھەردەم،
بېجىرىم ھەر نەپىسىڭ ماڭا ئارام.
سېغىندىم،سېغىنىشنى تەگىدىم مەن.
(يۈگەنسىز خىياللاردىن سەگىدىم مەن.)
ئوخشىتىپ سېنى تاڭغا،تاڭدا تۇرۇپ،
ئۆزۈڭدەك شۇ تاڭلارنى ئەگىدىم مەن.
'''6'''
ئامەت دەيمەن سەن كۆرگەن چۈشنى،
ئامەت دەيمەن ئىزلىرىڭنى مەن.
ئامان بول دەپ سالىمەن چۇقان،
ئىككى ئالەم ھاياتىم ئۇ- سەن.
ئامەت دەيمەن سەن چىققان دۆڭنى،
ئامەت دەيمەن سەن بارغان چۆلنى.
ئامان بول دەپ سالىمەن چۇقان:
تىلەك تامچە،بەر،تەڭرىم،كۆلنى!
'''7'''
باغرىمدا بىر كۆيۈك بار مىسلى گۈلخان،
جۇش ئۇرغان نۇر ئېقىنى سەزگۈلىرىم.
شۇ تاپتا كېلىپ كەتتى بىردىن پىنھان،
قۇياشنىڭ قۇچىقىنى كەزگۈلىرىم.
قوللىرىم قاناتلارغا ئۆرۈلگەندەك،
كەرسەملا باشلىنىدۇ بۈيۈك پەرۋاز.
كۆزۈمگە ئاجايىبات كۆرۈنگەندەك،
ئاڭلىدىم،ياڭراپ كەتتى غايىپ ئاۋاز.
ئالدىمدا تۇرۇپ قالدى شۇندا دۇنيا،
تۆكۈلۈپ قاسراقتەك ئىللەتلىرى.
سۈزۈكلۈك ئىلاھىدەك ئۇ بىر گويا،
ئاق قۇشتەك جەۋلان قىلار خىسلەتلىرى.
ئىككىمىز بولۇپ كەتتۇق ئىرماش-چىرماش،
غەمزىلەر قوندى كۈي بوپ قەترىلەرگە.
تەۋەررۈك قەدەملەرگە قويۇشۇپ باش،
شوخ گۈللەر كۆمۈۋەتتى ئەترىلەرگە.
ئاجايىپ سۈرەتلەرنى بەردىڭ ماڭا،
ئاجايىپ تۇيغۇلارنى قويدۇڭ قويۇپ.
نۇرلارغا ئايلانمىسام ئېلىۋالامسەن،
تۇيغۇ ۋە سۈرەتلەرنى دىلدىن ئۇيۇپ؟
'''8'''
شېرىن چۈش ئالىمىدە تۇرماقتىمەن،
يۇلتۇزلار چاراقلايدۇ زەررىلەردە.
ئاجايىپ ئىنشائاتلار قۇرماقتىمەن،
تاغلارنى يۈكلەپ گويا زەررىلەرگە!
بەرگلەر بەرگلەرگە پىچىرلايدۇ،
كۈيلەرگە تىنىپ كەتكەن بوشلۇقىمىز.
<>
ئۈزۈلمەس دېمەك خوشلۇق،خوشلۇقىمىز...
سىرىڭنى سۆزلە،دېدىم تەبىئەتكە،
ئېقىندەك ئاقتى گويا ھېكمەت دېگەن.
بېشىمچە كىرىپ كەتتىم مۇھەببەتكە،
لەززەتلىك،شۇنچە شىرىن،شۇنچە لېۋەن.
يۈرەكتىن چۈشسە ئاڭا بىر يۇلتۇز-ئوت،
يېنىشنى كۆرۈپ قويسۇن شۇندا يېنىش.
چىن سۆيۈش-سۆيۈلۈشتە يۈز ئۆرۈش يوق،
يالغانلار ئارىلاشسا بولار چېنىش.
ھېسلىرىم چاچراپ تۇرار تۇتۇق بەرمەي،
ھەر گۈلنى،ھەر ياپراقنى سۆيۈپ ئۆتەر.
ھەر قەترە،ھەر زەررىدىن سۈمۈرۈپ مەي،
كۆيدۈرۈپ ھەممىسىنى كۆيۈپ ئۆتەر.
ئاز ئەمەس قازغان دۇرلار سەندىن پەۋەس،
ئۇنى مەن يالغۇز ئۆزۈم ئالىمەنمۇ؟
ئولجىنى يالغۇز يېگەن يىگىت ئەمەس،
ساڭىمۇ يېرىمىنى سالىمەنمۇ؟
'''9'''
بالقىيدۇ قىيالاردا شۈمۈلگەن ئاي،
ئەنە ئۇ سۈبھى ئۈزرە سىڭىپ كەتتى.
تاشلارغا جان كىرگەندۇ بەلكى ئايھاي،
پارلىغان يان بېغىرلار يېنىپ كەتتى.
دۈرۈلدەپ تۆكۈلىدۇ يامرىغان نۇر،
نۇرلارغا تاغۇ تاشلار قېنىپ كەتتى.
تاڭ چېغى يارىتىلمىش قانداق مەغرۇر،
ئۇ،تۈندىن،تۈن ئۇنىڭدىن تېنىپ كەتتى.
ياڭرايدۇ تاش تىلىدا نۇر ناخشىسى،
ئوخچۇيدۇ دىلدىن دىلغا شادلىنىشلار.
ماختىلار ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى،
نۇرلىنىش-نۇردىن نۇرغا ئاتلىنىشلار.
ئاي ئۈزرە،نۇرلار ئۈزرە بىر قىياپەت،
مەن ئۇندىن مەڭگۈ ھايات كۆرۈپ قالدىم.
غۇبارسىز ۋەسىللەردە يوق قىيامەت،
سۆزلە،تاڭ،سۆزلىرىڭگە كۆيۈپ قالدىم.
'''10'''
ئادەمدىن پەرىزاتقا ئايلاندىم مەن،
دەسلەپ بىر پەرىزاتنى سۆيگىنىمدە.
يوللاردا يولچى بولۇپ سايلاندىم مەن،
ئاجايىپ ئوت ئىچىدە كۆيگىنىمدە.
بىر قىران بۈركۈتكە نەق ئوخشاپ قالدىم،
تور نېمە،تۇمان نېمە،چۈشمەس ئەسكە.
ئاجايىپ خىياللارنى ئويلاپ قالدىم،
نىگاھلار يۈكسەكلىكتە،چۈشمەس پەسكە.
ھەسرەتنى يالغۇز ئۆزۈم ئالغۇم كەلدى،
كۈلكىنى بارسۇن دېدىم ئۆزگىلەرگە.
جۇت بىلەن يالغۇز ئۆزۈم قالغۇم كەلدى،
خىرىس قىپ باغرى مۇزدەك رەزگىلەرگە.
ئۆچكەن بىر چىراغلارنى پەرلىمىدىم،
يانغاننىڭ بولدۇم شۇئان پەرۋانىسى.
تىغ دەسسەپ يۈرگەندىمۇ تەرلىمىدىم،
ئاتالدىم مەردانىنىڭ مەردانىسى.
چاڭلارنى،توزانلارنى يەلگە بەردىم،
ئۆزۈڭنىڭ شورى دېدىم،توزغانلارغا.
ئاق يول دەپ،مۇبارەك دەپ بەلگە بەردىم،
بەيگىدە مەنزىللەرگە ئوزغانلارغا.
شولىدەك پەيدا بولدۇم ھەر كەڭلىكتە،
چاقنىدىم،ۋالىلدىدىم،تاراپ كەتتىم.
قالمىدىم سىناقلاردا ھېچ تەڭلىكتە،
ئىشقىلىپ كارغا كەلدىم،ياراپ كەتتىم.
دەۋرىسە دەريا بولۇپ تاغلار راۋان،
كۆرۈمەن ئاشۇ ئالتۇن چاغلىرىمنى.
ياكى سەن تۇنجى سۆيگۈ يا سۆيگۈ تاڭ،
باغرىڭغا تېڭىپ قوياي باغلىرىمنى.
بىر قانداق قۇسۇر يوقتۇر سۆزلىرىمدە،
يىك بېسىپ تۇرغاندۇر-ھە سۆزلىشىشلەر؟!
زور سەنۇ،سىغىپ كەتتىڭ كۆزلىرىمگە،
كۆزلەردىن باشلىنىدۇ ئۆزلىشىشلەر.
'''11'''
شان ئۈچۈن ئاتالغاندۇر ھەيرانلىقىم،
تولغاندىم،ھۆسنۈڭنى دەپ ياتالمىدىم.
سەن ئۈچۈن بولدى ئۈنچە قازغانلىقىم،
ئىزدىدىم،تەرىپىڭنى تاپالمىدىم.
سوقۇلدۇم زېمىندىكى ھارارەتكە،
سۆيۈمەن مەڭگۈ بۇنداق سوقۇلۇشنى.
ئورايمەن سېنى سۆيگۈ-جاسارەتكە،
سۆيگۈلەر بىلمەس ھەرگىز سوغۇلۇشنى.
شاخارىپ كەتتى يەنە مەغۇرۇرلۇقۇم،
ئىگە دەپ مەنمۇ سېنىڭ ھەر قەترەڭگە.
بەخشەندە ئىلھاملىرىم ئالەم-ئالەم،
مۇقەددەس،تەڭدىشى يوق ھەر زەررەڭگە.
'''12'''
بىر پورەك ياقا يىرتتى كۆرۈپ قالدىم،
ئېڭىمدا جىمى جاھان يورۇپ كەتتى.
پەيزىنى تەبىئەتنىڭ سۈرۈپ قالدىم،
ئىلھامىم ئاياغلاندى،تۇرۇپ كەتتى.
يايرىدى گۈل-گىياھلار سەزمەكتىمەن،
ئۆزگىچە ئەمەس خىلى جېنىمىزدىن.
قەترىلەر مىسلى دېڭىز كەزمەكتىمەن،
ئۇندا قان پەرقسىزدۇر قېنىمىزدىن.
زېمىننى ئېمەر پورەك،كۆكنى ئېمەر،
ئېسىللىق پۈتۈلگەنكەن يىلتىزلارغا.
ھېسابسىز شەربەت ئىچەر،كەۋسەر ئىچەر،
چاراقلاپ قارايدۇ ئۇ يۇلتۇزلارغا.
ئېچىلدى بىر تال پورەك،بىر تال غۇنچە،
لەۋسىمان بەرگىلەردە،كۈلكە،كۈلكە.
شادلىققا ئوخشاپ قالدى پورەك شۇنچە،
يۈرەكلەر ئوخشاپ قالدى گۈلگە،گۈلگە.
گۈللەر ھەم،پورەكلەر ھەم يېيىشتى رەڭ،
سۆيۈنۈش،بەخش ئەتتى تاڭدا ھەريان.
مىڭ پورەك شادلىقىنى سۆزلەيدۇ كەڭ،
بىر پورەك ۋەسلىدىكى ئاشۇ جەريان.
پارلاق بىرجىلۋىلەرگە كۆمۈۋەتتىڭ،
ئۇنىڭسىز دەمدىن دەمگە ئۆتەلمەيمەن.
ھېسابسىز ئىشتىياقنى تۆكۈۋەتتىڭ،
ئۇنىڭسىز نەپەس ئېلىپ يۈرەلمەيمەن!
'''13'''
كۆڭۈلسىز كەچمىشلەرنى ئەسلەتمەيسەن،
كۆڭلۈمنى ئۆستۈرىسەن،پەسلەتمەيسەن.
چىنلىققا تەڭرى دېسە،سېنى دېسۇن،
راستچىلسەن،ھۆل كېسەككە دەسسەتمەيسەن.
بارمايمەن ئەمچىلەرگە يارىلانسام،
سەن بارسەن شىپا ئىزدەپ دارىلانسام.
ۋە ياكى ساڭا ئوخشاش يانغىنىمچۈن،
ئىچ-تېشى ئالىلاردىن ئالىلانسام.
ئۆسەكلەر قاپلىغاندا گاھى-گاھى،
بۇ ئەسلى ئاجىزلىقنىڭ مۇڭلۇق ئاھى.
بۇمۇ بىر بەندىلىكتە،بەندىلىكتىن،
پاك ئەمەس بەندىلەرنىڭ بۇ دەرگاھى!
ھېكمەتلىك سېنىڭ قولۇڭ قۇياش،قۇياش،
سىيپىدىڭ بولدى تېنىم ساڭا ئوخشاش.
ئىككىمىز سۆزلىشىمىز،بېجىرىممەن،
مەن مەڭگۈ قېرىمايمەن،مەن مەڭگۈ ياش.
'''14'''
تاڭ يەنە كۆرگىن دېدى،بۈگۈن سىزنى،
ئۇچراشتۇق،نۇر قۇتلىدى ئىككىمىزنى.
ئايرىلىش ئۈزۈلمەپتۇ ئارىدىكى،
ئۇستازلىق ۋە شاگىرتلىق رىشتىمىزنى.
تاڭدەك بوپ كېتىپسىزغۇ،يالتىرايسىز،
بىلىمەن،يالتىراشقا ئالدىرايسىز.
ئىزگۈلۈك ئىزدەيسىزا،ئىزدەيسىزا،
ئىزگۈلۈكتىن ئۆزگىگە قارىمايسىز.
ياش تولدى كۆزلىرىمگە،ئېسەدىدىم،
يۈرەككە ئەرك بەردىم،تېپە،دېدىم.
نېمانچە لەززەتلىكتۇر دىدارلىشىش،
كۆڭلۈمگە تاڭ شارابىن ئىچە،دېدىم.
ھەممىگە مېھرىڭىزنى تەڭ تۆكتىڭىز،
قالتىسسىز،تار يەردىمۇ كەڭ ئۆتتىڭىز.
كەستىڭىز ئەتىمىزگە توغرا كېسىم،
گۇگۇمدەك قاراشلارنى بەك سۆكتىڭىز.
ئاتا بوپ يېتىملەرگە غەم يېدىڭىز،
مەن تۇرغاندا يېتىم يوق،كەل دېدىڭىز.
ياغدى سىزدىن شاپائەت ئاق يامغۇردەك،
ئورمان ئېيىتقان ناخشىلار سىز ئىدىڭىز.
بالا-بەخىت،دېگەن بىر سۆزىڭىز بار،
بەخىت-قۇتنى قويۇشتا ئۆزىڭىز بار.
ئىشەنمىسە قارىسۇن لوقمان ھېكىم،
كۆزىمىزدە ھازىرمۇ كۆزىڭىز بار.
تۇغۇلۇپسىز بىز ئۈچۈن ئەمدى بىلسەك،
قەلبىڭىزنى باغ سۆزلەر باغقا كىرسەك.
ئەجرىڭىز بار تۈگىمەس زىممىمىزدە،
سىزنى دەيمىز ھەر جايدا ئۇلۇغ دېسەك.
تاڭدەك بوپ كېتىپسىزغۇ،يالتىرايسىز،
بىلىمەن،يالتىراشقا ئالدىرايسىز.
ئىزگۈلۈك ئىزدەيسىزا،ئىزدەيسىزا،
ئىزگۈلۈكتىن ئۆزگىگە قارىمايسىز!
'''15'''
ئۇچراشتۇقمۇ؟ئۇچراشتۇق،مەيلى،مەيلى،
ئۇپۇق بولار،كۆك بولار قىسمىتىمىز.
تۆت يۇمۇم لەۋ گوياكى لەيلى،لەيلى،
سۆيۈش بىلەن ئۆلچەنسۇن خىسلىتىمىز.
چاقىرماقتا،ئاق يوللار چاقىرماقتا،
يېڭى كۈندە يېڭىدىن ئىشىك ئېچىپ.
چاقىرماقتا،ئاق يوللار چاقىرماقتا،
ئۆزلەشكۈچى ئامەتتىن چاچقۇ چېچىپ.
چاقىرماقتا،گۈل باغلار چاقىرماقتا،
تەشنا كۈتكەن قىزىل گۈل دەستە-دەستە.
چاقىرماقتا،گۈل باغلار چاقىرماقتا،
سەپكە تۇرغان چىمەنلەر رەستە،رەستە.
تارتىشمايمىز،باقمايمىز،قارىمايمىز،
كەينىمىزدە قېپقالغان تۇريغۇلارغا.
ئالدىمىزدا بەخت بار،يالتىرايدۇ،
ئۈزۈپ گۇيا بەختىيار تۇيغۇلاردا...
قېنى چاپسان ماڭايلى تاشلاپ قەدەم،
سەزگۈ باشقا،ھېس باشقا،سەپەر باشقا.
تىنىقلارغا ئۇرۇلدى ھاياتىي دەم،
تۇتاشقاندۇر بىزنىڭ يول دەل قۇياشقا!
'''16'''
ياخشىلىقسىز ياشىماس،ياخشى جانلار،
ياخشىلىققا كۆمۈلدۈم،خامان ئالدىم.
تومۇرۇمدا جۇش ئۇردى يېڭى قانلار،
ئاپەتلەردىن قۇتۇلدۇم،ئامان قالدىم.
چۆللەر كەزدىم،ئالۋۇنغا كۆزۈم چۈشتى،
چاڭقاپ ئۆلدۈم،قەترە سۇ بولدى ھايات!
كارامىتىم پاش بولدى،ئۈنۈم ئۆچتى،
قوندى باشقا قۇش بولۇپ قارا مامات!
يولچى قۇيغان سۇ تاراپ تەنگە پەقەت،
ھاياتىمنى خەتەردىن تارتىۋالدىم.
قايتا كىرگەن جان قالتىس،قۇدرەت قالتىس،
تاغنى يۈدتۈم،ئۇچامغا ئارتىۋالدىم.
شېرىن- شەربەت تاغلاردىن ئۆتكىنىمدە،
شېرىن- شەربەت ياشناتتى بويلىرىمنى.
شىرنىسى يوق دەرەخنى سۆككىنىمدە،
بىلىۋالدى مېۋىلەر ئويلىرىمنى.
نۇر ۋەسلىدىن ۋەسلىمگە نۇر يۇققاندەك،
ياخشىلاردىن ياخشىلىق يۇقتى ماڭا.
ئاشۇلارنى سەن ئۇققىن،مەن ئۇققاندەك،
ئاشۇلارنى ئامانەت قوياي ساڭا!
'''17'''
تار تىترەپ،تارلار بويلاپ كۈي ئاققاندا،
كۆزۈمگە يار سۈرەتلىك ئاي باققاندا.
ئالتۇنغا ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم،
جىلۋىلەر چىرىغىغا ئوت ياققاندا...
كۆرمىگەن بىر چېچەكنى كۆرگىنىمدە،
سۆيمىگەن بىر ياپراقنى سۆيگىنىمدە؛
كۈمۈشكە ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم،
كۆيمىگەن ئوت ئىچىدە كۆيگىنىمدە.
شاماللار قانىتىدا ئىپار ئاڭقىپ،
يېڭى بىر پۇراق بىلەن ئۆتسە چاڭقىپ.
ئىپارغا ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم،
بارمىغان جايلار قالماي تازا قاڭقىپ.
كۆزۈمدە يېڭى ھۆسىن،رەڭ ئوينىسا،
پەيزىگە پەيزى خۇمار دىل تويمىسا؛
رەڭلەرگە ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم،
كۈلمەيسەن،كۈلەلمەيسەن رەڭ بولمىسا.
مەن سۆزلەپ خىياللارنى ساڭا بەردىم،
چىلان تۇپراق،مۇنبەت يەر ئۇرۇق تەردىم.
بىخ سۆزلەيدۇ بەرگىلەر قىسسىسىنى،
گۈزەللىككە جان تەردىم،قويۇق تەردىم.
1988-يىلى ئىيۇن،ئۈرۈمچى
'''ئەقىدە'''
مەن تېخى تاقەتتىن ۋاز كەچكىنىم يوق،
سەن دېگەن دوقمۇشتا تۇرىمەن كۈتۈپ.
ھەر سۆزۈڭ كىرىچتىن ئۈزۈلگەن بىر ئوق،
ماڭلايغا قىسمەتنى قويغان چىڭ پۈتۈپ.
بىر دەملىك يادىڭغا ئۆمرۈم تەسەددۇق،
سەن ياغقان چىراقلار قالمايدۇ ئۆچۈپ.
شۈركۈنلۈك شىۋىرغان دەۋەتلەر گۇيا،
تۇرىدۇ قۇلاققا ھەردەم قۇيۇلۇپ:
«يىتكەنلەر يوقالدى،ئاشۇنداق دۇنيا،
جۇلغۇنۇپ تۇرىدۇ ئۆمۈر سويۇلۇپ.
يېڭى بىر كۆرپەزلەر،بىر ئالتۇن قىيا.
ئالدىڭدا،يۈرمىگىن ئەمدى ئۇيۇلۇپ...»
سەن يۈرگەن يوللاردا كېلىمەن يالغۇز،
چىقمايدۇ ئىچىمدىن ئاشۇ بىر سادا.
كەچمىشلەر شېرىندۇر بەئەينى بالمۇز،
سۆيگۈلەر ئاسماندىن قۇيۇلغان يادا.
قىياغا چىقمايمەن،قېشىڭغا ئالغۇز،
قىزغىنىش،ھىجراندىن بولايلى ئادا.
ھەسرەتلەر قاينايدۇ،چاپچىيدۇ پىغان،
ئالەمدە ئەستىلىك تەڭرى نەقەدەر.
ئۇ قىلار ھۆسنىڭنى ماڭا ئارمىغان،
ئىزلىرىڭ مەھكۇمدۇر،ئىزدەي دەربەدەر.
سەرۋىلەر بەرگىدە ئىپار چاڭقىغان،
قولۇڭنى ماڭا سۇن!ئەكەل،ماڭا بەر.
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:رۇبائىي]]
[[تۈر:ئوسمانجان ساۋۇت]]
k37vcybxr9ng9fw5bv48knwpr0sc5yn
ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلىرى
0
24664
176358
2026-08-30T07:14:33Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''ئىككى قۇياش قەسىدىسى''' گۈزەللەردىن ئەمەسسەن جېنىم، سەندە يوقتۇر گۈلنىڭ ياشنىشى. ئاهۇ كۆزى ئەمەس كۆزلىرىڭ، ئەمما ئۇندا نۇرنىڭ چاقنىشى. بېزىمەيدۇ سېنى باش باھار، ئۇزاتمايدۇ كەچ كۈز جۇدۇنى، ئىككى قۇياش يانسا يۈزۈڭدە، ئۇنىڭ ئەكسى تۇرسا كۆزۈمدە. '''سۆي...'
176358
wikitext
text/x-wiki
'''ئىككى قۇياش قەسىدىسى'''
گۈزەللەردىن ئەمەسسەن جېنىم،
سەندە يوقتۇر گۈلنىڭ ياشنىشى.
ئاهۇ كۆزى ئەمەس كۆزلىرىڭ،
ئەمما ئۇندا نۇرنىڭ چاقنىشى.
بېزىمەيدۇ سېنى باش باھار،
ئۇزاتمايدۇ كەچ كۈز جۇدۇنى،
ئىككى قۇياش يانسا يۈزۈڭدە،
ئۇنىڭ ئەكسى تۇرسا كۆزۈمدە.
'''سۆيگۈمىزنىڭ نەدىكەن تۈنى؟!'''
كۆزلىرىڭدە بارار يىراقلاپ،
ھەسرىتىمنىڭ يېشىل بۇلۇتى.
ئىسىڭدىكى تامچە شەبنەمدە
يۇيۇنىدۇ سۆيگۈمنىڭ ئوتى.
ساھىلىڭدا كونا قولۋىقىم،
ھېلىغىچە ئولتۇرار مۈگدەپ.
توزان باسقان قوڭغۇراقلىرىم،
چېركاۋىڭدا تۇرىدۇ ئۈنلەپ.
چۈشلىرىڭنىڭ شىلدىرلىشىغا،
قۇلاق سېلىپ ياتار ئورمىنىم.
تۈمەن يىللار ساقلىدىم سېنى،
تۈن قوينىدىن كەلسەڭچۇ جېنىم.
'''ئاه، ۋەتىنىم، سېنى سورايمەن!'''
ئاخشاملىرى چىقىپ تالاغا،
قەلبىمنى پاك ھېسقا ئورايمەن.
مەغرىب تامان ئۇچقان شامالنى،
ھۇزۇرلىنىپ ئۇزاق پۇرايمەن.
شەبنەم تامغان كىرپىكلەر ئارا،
مېھرىم بىلەن ئايغا قارايمەن.
ئاسمىنىڭنى كەزگەن شۇ ئايدىن،
تۇپرىقىڭنى سۆيگەن شامالدىن،
ئاه، ۋەتىنىم، سېنى سورايمەن!
'''دولقۇنلايدۇ بىپايان كۆزۈڭ'''
دولقۇنلايدۇ بىپايان كۆزۈڭ،
ئېزىپ قالغان يەلكەنمەن ئۇندا.
بورانلىرىڭ پەسەيمەس زادى،
بىر ۋەھىمە ياڭرار شاۋقۇندا.
ئىستىمەيمەن قىرغا بېرىشنى،
ھايات-ئۆلۈم ماڭا بېرىبىر.
پاچاقلىنىپ دولقۇنلىرىڭدا،
ئاڭا چۆكۈپ كېتەرمەن ئاخىر.
'''قاچان سۆيدۈم سېنى'''
جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟
تۇنجى باھار تۇغۇلغاندىمۇ؟
كۆيۈپ كۆكتە ئىلاھىي ھىجران،
ئاي ۋە قۇياش ئايرىلغاندىمۇ؟
جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟
كۆزلىرىڭدە يۇيۇنار ۋىناس.
كىرپىكىڭدە مۈگىدەر قۇشلار،
ئۇخلىغاندا سىرلىرىڭ تىمتاس.
جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟
چېچەكلەردىن كېلەر پۇرىقىڭ.
يادلىشىدۇ ئىسمىڭنى سۇلار،
ئاڭلىنىدۇ يەردىن تىنىقىڭ.
جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟
قانداق كىرىپ كەلدىڭ چۈشۈمگە؟
كەتتىڭ تاڭنى مەندىن ئۇزارتىپ،
سېھرىي ناخشا بولۇپ كۈيۈمگە.
جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟
تۈمەن يىللار ياشىدۇق گويا.
شائىرىڭمەن پەقەتلا سېنىڭ،
يۈرىكىمدە ئىلاھىي ئوقيا.
جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟
تۆرەلدىممۇ سېنىڭدىن ياكى؟
ئاشىقىڭمەن پىنھان، كائىنات
ۋۇجۇدلۇقتىن ئۆچكىچە تاكى.
'''تۈن قۇياشى'''
''بىر مۇھاجىرنىڭ سالام خېتى''
سەن ئۆلگەندە بولالمىسام قېشىڭدا، ئانا،
ئارمانىمنى تۇزلىغايسەن يېشىڭدا، ئانا.
قات-قات چېگرا ئارقىسىدا قالدى ئالۋۇندەك،
قۇشتەك ئەگىپ يۈرگەن چاغلار پېشىڭدە، ئانا.
شۇ چاغلاردا پېشىڭنى چىڭ تۇتقان بۇ قولۇم،
كۆك بۆرىنى تۇتتى ئەمدى، ئاغزىمدا گۇگۇم.
چۆچەكلىرىڭ مانا بۈگۈن كېچەمگە ئايدىڭ،
مەيلى كېلەر، مەيلى كەلمەس، بارماقتا يولۇم.
تۆكۈلمەكتە ياپراقلىرىم، پەسلىم كۈز ئەمەس،
بوران-چاپقۇن، قاراڭغۇلۇق، يولۇم تۈز ئەمەس.
كۈندۈزۈمدە ئاي-يۇلتۇزلار، تۈنۈمدە قۇياش،
ۋەتەن، دېسەم ئاغزىم قانار، قان بۇ... سۆز ئەمەس.
'''كىشنەيدۇ يۈرەك'''
ئاشىقىڭمەن ئۈنسىز، ئۈمىدسىز،
تونۇمايسەن لېكىن سەن مېنى.
چاچلىرىڭنى پۇرايمەن پەقەت،
قۇچاقلايمەن چۈشۈمدە سېنى.
تەنھا قالدىم ئايدىڭ كېچىدە،
سىردىشىم يوق شۇ ئايدىن بۆلەك،
يايلىقىدا سۆيگۈڭنىڭ شۇدەم،
ئۇزاق-ئۇزاق كىشنەيدۇ يۈرەك.
'''ئەتىلەرنىڭ ئۆتكەن بۈگۈنى'''
تەقدىرىمنىڭ ئۆيى ئەلمىساق،
قىيامەتتىن كېلەر ئۆتمۈشۈم.
كۈن تۈنىدە ئۇخلايمەن ئويغاق،
ھەقىقەتتىن بالقىيدۇ چۈشۈم.
زامانسىرار مەن ئۈنگەن تۇپراق،
باشلانمىدى تېخى كەچمىشىم.
دىلدا يارا، زۇلمەتلىك چىراق،
يىغلار كۈلكەم، كۈلەر كۆز يېشىم.
بۇلدۇقلايمەن بۇلاقتىن چاڭقاق،
كۆكسىرەيمەن كۆكنى قۇچاقلاپ.
ئەبەدىيەت — روھىمدا دوزاخ،
بارار يوللار مەندە ئۇزاقلاپ...
تەبىرلەسمەن ئۆمرۈمنى ئەگەر:
ئەتىلەرنىڭ ئۆتكەن بۈگۈنى!
ئۆزلۈكۈمنىڭ بارماقلىرىدا،
يېشىلمەكتە مانا تۈگۈنى.
'''سۈرگۈن'''
ئۆزلىرىنى ئالار ئولتۇرۇپ،
كۆكرىكىڭدە يېشىل دەرەخلەر.
چېقىلىدۇ روھۇم ئۈستىدە
بارمىقىڭدىن چۈشكەن قەدەھلەر.
تېرىپ كېلەر ئىزىڭدىن يوللار،
چۈشۈپ قالغان چۆچەكلىرىڭنى.
ئۆلۈپ قالار يۇمران چۈشلىرىڭ،
چىڭ سىقىملاپ ئەمچەكلىرىڭنى.
سۈرگۈنۈڭمەن ئەبەدىلىك جېنىم،
ئىسيانىمدا كۈيلەيمەن سېنى.
چېچەكلىدى سېپىللىرىڭدا
چاچراپ تۇرغان سۆيگۈمنىڭ قېنى.
ئۆلۈمۈمدىن تۇرارمەن بەزەن،
ھەسرىتىڭنىڭ جىمغۇرلۇقىدىن.
چاچلىرىڭدىن سۆرەپ كېلىمەن،
زۇلمەتلەرنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن.
'''ئىنتىزار'''
كۆزلىرىڭدە بارار يىراقلاپ،
ھەسرىتىمنىڭ يېشىل بۇلۇتى.
ئېسىڭدىكى تامچە شەبنەمدە
يۇيۇنىدۇ سۆيگۈمنىڭ ئوتى.
ساھىلىڭدا كونا قولۋىقىم،
ھېلىغىچە ئولتۇرار مۈگدەپ.
توزان باسقان قوڭغۇراقلىرىم،
چېركاۋىڭدا تۇرىدۇ ئۈنلەپ.
چۈشلىرىڭنىڭ شىلدىرلىشىغا،
قۇلاق سېلىپ ياتار ئورمىنىم.
تۈمەن يىللار ساقلىدىم سېنى،
تۈن قوينىدىن كەلسەڭچۇ جېنىم.
'''ئۆمۈرلۈك كېچە'''
كېچە ئىكەن تۇغۇلغاندا مەن،
تاڭ ناخشىسى ئېيتاركەن ئانام.
ئۇپۇقلارغا باقسام ھەر قېتىم،
تاڭ ئاتىدۇ، دەيدىغان ئاتام.
قاراڭغۇلۇق ئىزناسىمىكىن،
چېچىم قارا، كۆزلىرىم قارا.
ۋۇجۇدۇمغا غۇۋا نۇر چاچار،
قەلبىمدىكى ساقايماس يارا.
ياشاپتىمەن قىرىق ئىككى يىل،
تۈگىمىدى بۇ ئۇزۇن كېچە.
قانچىلىغان يۇلتۇزلار ئاقار،
ئاھ... ئىلاھىم، شۇ تاڭ ئاتقىچە.
'''مىڭ بىر كېچە'''
بەست شەھىرزات، يېتەر چۆچىكىڭ،
كېتەي پۈتمەس ۋەھىمە ئىچىدىن.
قۇياش يانغان نۇرلۇق بىر كۈندۈز،
ئارتۇق ماڭا مىڭ بىر كېچىدىن.
مىڭ بىر كېچە، مىڭ بىر كېچە،
مىڭ بىر كېچە، مىڭ بىر كېچە.
تىلسىم كېچە كۆزدە يوق ئۇيقۇ،
ئۆتمۈشۈمنى قالىمەن ئەسلەپ.
ئارزۇلايمەن مىڭ بىر كۈندۈزنى،
چۆچەكلەردىن تەسەللى ئىزلەپ.
مىڭ بىر كېچە، مىڭ بىر كېچە،
مىڭ بىر كېچە، مىڭ بىر كېچە.
'''سىلەرگىمۇ دەپ قوياي'''
ئاڭلاپ قالدىم مومامدىن،
سىلەرگىمۇ دەپ قوياي.
نۇرغۇن چۆچەك بىلەرمىش،
ئاسماندىكى تولۇن ئاي.
ئۇخلىماڭلار بۇ كېچە،
ئۆگزىلەردىن ئېلىپ جاي.
ئويغا سېلىپ سىلەرنى،
چۆچەك ئېيتىپ بېرەر ئاي.
rtvephro8pj2p64yn4chdyfrqoevt7k
176359
176358
2026-08-30T07:15:21Z
UyghurArchive
25219
176359
wikitext
text/x-wiki
'''ئىككى قۇياش قەسىدىسى'''
گۈزەللەردىن ئەمەسسەن جېنىم،
سەندە يوقتۇر گۈلنىڭ ياشنىشى.
ئاهۇ كۆزى ئەمەس كۆزلىرىڭ،
ئەمما ئۇندا نۇرنىڭ چاقنىشى.
بېزىمەيدۇ سېنى باش باھار،
ئۇزاتمايدۇ كەچ كۈز جۇدۇنى،
ئىككى قۇياش يانسا يۈزۈڭدە،
ئۇنىڭ ئەكسى تۇرسا كۆزۈمدە.
'''سۆيگۈمىزنىڭ نەدىكەن تۈنى؟!'''
كۆزلىرىڭدە بارار يىراقلاپ،
ھەسرىتىمنىڭ يېشىل بۇلۇتى.
ئىسىڭدىكى تامچە شەبنەمدە
يۇيۇنىدۇ سۆيگۈمنىڭ ئوتى.
ساھىلىڭدا كونا قولۋىقىم،
ھېلىغىچە ئولتۇرار مۈگدەپ.
توزان باسقان قوڭغۇراقلىرىم،
چېركاۋىڭدا تۇرىدۇ ئۈنلەپ.
چۈشلىرىڭنىڭ شىلدىرلىشىغا،
قۇلاق سېلىپ ياتار ئورمىنىم.
تۈمەن يىللار ساقلىدىم سېنى،
تۈن قوينىدىن كەلسەڭچۇ جېنىم.
'''ئاه، ۋەتىنىم، سېنى سورايمەن!'''
ئاخشاملىرى چىقىپ تالاغا،
قەلبىمنى پاك ھېسقا ئورايمەن.
مەغرىب تامان ئۇچقان شامالنى،
ھۇزۇرلىنىپ ئۇزاق پۇرايمەن.
شەبنەم تامغان كىرپىكلەر ئارا،
مېھرىم بىلەن ئايغا قارايمەن.
ئاسمىنىڭنى كەزگەن شۇ ئايدىن،
تۇپرىقىڭنى سۆيگەن شامالدىن،
ئاه، ۋەتىنىم، سېنى سورايمەن!
'''دولقۇنلايدۇ بىپايان كۆزۈڭ'''
دولقۇنلايدۇ بىپايان كۆزۈڭ،
ئېزىپ قالغان يەلكەنمەن ئۇندا.
بورانلىرىڭ پەسەيمەس زادى،
بىر ۋەھىمە ياڭرار شاۋقۇندا.
ئىستىمەيمەن قىرغا بېرىشنى،
ھايات-ئۆلۈم ماڭا بېرىبىر.
پاچاقلىنىپ دولقۇنلىرىڭدا،
ئاڭا چۆكۈپ كېتەرمەن ئاخىر.
'''قاچان سۆيدۈم سېنى'''
جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟
تۇنجى باھار تۇغۇلغاندىمۇ؟
كۆيۈپ كۆكتە ئىلاھىي ھىجران،
ئاي ۋە قۇياش ئايرىلغاندىمۇ؟
جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟
كۆزلىرىڭدە يۇيۇنار ۋىناس.
كىرپىكىڭدە مۈگىدەر قۇشلار،
ئۇخلىغاندا سىرلىرىڭ تىمتاس.
جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟
چېچەكلەردىن كېلەر پۇرىقىڭ.
يادلىشىدۇ ئىسمىڭنى سۇلار،
ئاڭلىنىدۇ يەردىن تىنىقىڭ.
جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟
قانداق كىرىپ كەلدىڭ چۈشۈمگە؟
كەتتىڭ تاڭنى مەندىن ئۇزارتىپ،
سېھرىي ناخشا بولۇپ كۈيۈمگە.
جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟
تۈمەن يىللار ياشىدۇق گويا.
شائىرىڭمەن پەقەتلا سېنىڭ،
يۈرىكىمدە ئىلاھىي ئوقيا.
جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟
تۆرەلدىممۇ سېنىڭدىن ياكى؟
ئاشىقىڭمەن پىنھان، كائىنات
ۋۇجۇدلۇقتىن ئۆچكىچە تاكى.
'''تۈن قۇياشى'''
''بىر مۇھاجىرنىڭ سالام خېتى''
سەن ئۆلگەندە بولالمىسام قېشىڭدا، ئانا،
ئارمانىمنى تۇزلىغايسەن يېشىڭدا، ئانا.
قات-قات چېگرا ئارقىسىدا قالدى ئالۋۇندەك،
قۇشتەك ئەگىپ يۈرگەن چاغلار پېشىڭدە، ئانا.
شۇ چاغلاردا پېشىڭنى چىڭ تۇتقان بۇ قولۇم،
كۆك بۆرىنى تۇتتى ئەمدى، ئاغزىمدا گۇگۇم.
چۆچەكلىرىڭ مانا بۈگۈن كېچەمگە ئايدىڭ،
مەيلى كېلەر، مەيلى كەلمەس، بارماقتا يولۇم.
تۆكۈلمەكتە ياپراقلىرىم، پەسلىم كۈز ئەمەس،
بوران-چاپقۇن، قاراڭغۇلۇق، يولۇم تۈز ئەمەس.
كۈندۈزۈمدە ئاي-يۇلتۇزلار، تۈنۈمدە قۇياش،
ۋەتەن، دېسەم ئاغزىم قانار، قان بۇ... سۆز ئەمەس.
'''كىشنەيدۇ يۈرەك'''
ئاشىقىڭمەن ئۈنسىز، ئۈمىدسىز،
تونۇمايسەن لېكىن سەن مېنى.
چاچلىرىڭنى پۇرايمەن پەقەت،
قۇچاقلايمەن چۈشۈمدە سېنى.
تەنھا قالدىم ئايدىڭ كېچىدە،
سىردىشىم يوق شۇ ئايدىن بۆلەك،
يايلىقىدا سۆيگۈڭنىڭ شۇدەم،
ئۇزاق-ئۇزاق كىشنەيدۇ يۈرەك.
'''ئەتىلەرنىڭ ئۆتكەن بۈگۈنى'''
تەقدىرىمنىڭ ئۆيى ئەلمىساق،
قىيامەتتىن كېلەر ئۆتمۈشۈم.
كۈن تۈنىدە ئۇخلايمەن ئويغاق،
ھەقىقەتتىن بالقىيدۇ چۈشۈم.
زامانسىرار مەن ئۈنگەن تۇپراق،
باشلانمىدى تېخى كەچمىشىم.
دىلدا يارا، زۇلمەتلىك چىراق،
يىغلار كۈلكەم، كۈلەر كۆز يېشىم.
بۇلدۇقلايمەن بۇلاقتىن چاڭقاق،
كۆكسىرەيمەن كۆكنى قۇچاقلاپ.
ئەبەدىيەت — روھىمدا دوزاخ،
بارار يوللار مەندە ئۇزاقلاپ...
تەبىرلەسمەن ئۆمرۈمنى ئەگەر:
ئەتىلەرنىڭ ئۆتكەن بۈگۈنى!
ئۆزلۈكۈمنىڭ بارماقلىرىدا،
يېشىلمەكتە مانا تۈگۈنى.
'''سۈرگۈن'''
ئۆزلىرىنى ئالار ئولتۇرۇپ،
كۆكرىكىڭدە يېشىل دەرەخلەر.
چېقىلىدۇ روھۇم ئۈستىدە
بارمىقىڭدىن چۈشكەن قەدەھلەر.
تېرىپ كېلەر ئىزىڭدىن يوللار،
چۈشۈپ قالغان چۆچەكلىرىڭنى.
ئۆلۈپ قالار يۇمران چۈشلىرىڭ،
چىڭ سىقىملاپ ئەمچەكلىرىڭنى.
سۈرگۈنۈڭمەن ئەبەدىلىك جېنىم،
ئىسيانىمدا كۈيلەيمەن سېنى.
چېچەكلىدى سېپىللىرىڭدا
چاچراپ تۇرغان سۆيگۈمنىڭ قېنى.
ئۆلۈمۈمدىن تۇرارمەن بەزەن،
ھەسرىتىڭنىڭ جىمغۇرلۇقىدىن.
چاچلىرىڭدىن سۆرەپ كېلىمەن،
زۇلمەتلەرنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن.
'''ئىنتىزار'''
كۆزلىرىڭدە بارار يىراقلاپ،
ھەسرىتىمنىڭ يېشىل بۇلۇتى.
ئېسىڭدىكى تامچە شەبنەمدە
يۇيۇنىدۇ سۆيگۈمنىڭ ئوتى.
ساھىلىڭدا كونا قولۋىقىم،
ھېلىغىچە ئولتۇرار مۈگدەپ.
توزان باسقان قوڭغۇراقلىرىم،
چېركاۋىڭدا تۇرىدۇ ئۈنلەپ.
چۈشلىرىڭنىڭ شىلدىرلىشىغا،
قۇلاق سېلىپ ياتار ئورمىنىم.
تۈمەن يىللار ساقلىدىم سېنى،
تۈن قوينىدىن كەلسەڭچۇ جېنىم.
'''ئۆمۈرلۈك كېچە'''
كېچە ئىكەن تۇغۇلغاندا مەن،
تاڭ ناخشىسى ئېيتاركەن ئانام.
ئۇپۇقلارغا باقسام ھەر قېتىم،
تاڭ ئاتىدۇ، دەيدىغان ئاتام.
قاراڭغۇلۇق ئىزناسىمىكىن،
چېچىم قارا، كۆزلىرىم قارا.
ۋۇجۇدۇمغا غۇۋا نۇر چاچار،
قەلبىمدىكى ساقايماس يارا.
ياشاپتىمەن قىرىق ئىككى يىل،
تۈگىمىدى بۇ ئۇزۇن كېچە.
قانچىلىغان يۇلتۇزلار ئاقار،
ئاھ... ئىلاھىم، شۇ تاڭ ئاتقىچە.
'''مىڭ بىر كېچە'''
بەست شەھىرزات، يېتەر چۆچىكىڭ،
كېتەي پۈتمەس ۋەھىمە ئىچىدىن.
قۇياش يانغان نۇرلۇق بىر كۈندۈز،
ئارتۇق ماڭا مىڭ بىر كېچىدىن.
مىڭ بىر كېچە، مىڭ بىر كېچە،
مىڭ بىر كېچە، مىڭ بىر كېچە.
تىلسىم كېچە كۆزدە يوق ئۇيقۇ،
ئۆتمۈشۈمنى قالىمەن ئەسلەپ.
ئارزۇلايمەن مىڭ بىر كۈندۈزنى،
چۆچەكلەردىن تەسەللى ئىزلەپ.
مىڭ بىر كېچە، مىڭ بىر كېچە،
مىڭ بىر كېچە، مىڭ بىر كېچە.
'''سىلەرگىمۇ دەپ قوياي'''
ئاڭلاپ قالدىم مومامدىن،
سىلەرگىمۇ دەپ قوياي.
نۇرغۇن چۆچەك بىلەرمىش،
ئاسماندىكى تولۇن ئاي.
ئۇخلىماڭلار بۇ كېچە،
ئۆگزىلەردىن ئېلىپ جاي.
ئويغا سېلىپ سىلەرنى،
چۆچەك ئېيتىپ بېرەر ئاي.
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:ئەخمەتجان ئوسمان]]
ts07amdjrehngvs1kdkldv1hpzcl3av
ياسىن زىلال شېئىرلىرى
0
24665
176360
2026-08-30T07:17:49Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ' [[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:رۇبائىي]] [[تۈر:ياسىن زىلال]] '''1''' ساماۋات سەيلىسىدە كۆكتە ئىز قويغان مۇساپەم بار، تولۇن ئاي كۆكسىگە باغرىمنﯽ چەككەن ھەم ھېكايەم بار. قۇياشقا مەرھابالار ئېيتقۇزۇپ يالقۇنغا پۈركەلسەم، شەبىستانلارغا يۇلتۇز يايغۇدەك نۇرانە...'
176360
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:رۇبائىي]]
[[تۈر:ياسىن زىلال]]
'''1'''
ساماۋات سەيلىسىدە كۆكتە ئىز قويغان مۇساپەم بار،
تولۇن ئاي كۆكسىگە باغرىمنﯽ چەككەن ھەم ھېكايەم بار.
قۇياشقا مەرھابالار ئېيتقۇزۇپ يالقۇنغا پۈركەلسەم،
شەبىستانلارغا يۇلتۇز يايغۇدەك نۇرانە غايەم بار.
ياۋا ئورماندا شىر، يولۋاس يولۇمغا مۇنتەزىر ئەرمىش،
ئۇلۇغ ئوكياندا كىتلار قارنىدا شاھانە خانەم بار.
زېمىندىن بوي سوزۇپ تا ئەرشﯽ تاقىغا بېشىم يەتكەي،
قۇچۇپ بار كائىناتنﯽ سۆيگۈدەك ئېزگۈ ئىرادەم بار.
يېقىپ زاتىمنﯽ سەجدەمدە مۇقەددەس يەرنﯽ ھىدلايمەن،
ئاۋايلا بۇ ئانا تۇپراق تېگىدە پۇشتﯽ ئادەم بار!
سەھەر گۈللەرگە تامغان قەترىلەر بەھرىدە مەن ھازىر،
قومۇشلار كۆكلىگەن قۇملۇق ئىچىدە دانە - دانەم بار.
كېزەر يەرۇ پەلەك، دەشتۇچىمەن، سەھرا - شەھەر روھىم،
ئېقىنلار تەكتىگە چۆكسەم ئېگىز تاغلاردا سايەم بار.
ۋىسال تەشناسىدا ھىجران تىغىدىن لالەدۇر باغرىم،
مۇھەببەت بابىدىن بۇلبۇل تىلىدىن زارە قىسسەم بار.
زىلال دەريا جاھان بەھرىڭگە قانسا سەن ھامان چاڭقاق،
تېرەن پىنھانلىرىمدا بىئايان روھﯽ ھىمايەم بار.
'''2'''
ھامانەم ئالغا باقسام مەن نىگاھىمدا تالاي كەلمىش،
خىيالەن ئارتقا قايرىلسام تۈمەنمىڭ چېھرﯼ ياش كەچمىش.
زېمىنۇ كۆك ئارا تۈرلۈك تاسادىپقا بولۇپ شاھىت،
ھاياتىمنﯽ قۇچۇپ ئۆتتﯽ تولۇق ئەللىك باھار ھەم قىش.
ئانام ئاق سۈت بېرىپ باقتﯽ، دادام قەلبىمگە شام ياقتﯽ،
ئۇلۇغ قەۋمىمدە چوڭ بولدۇم، تۇغۇلغان يەر بېھىش ئەرمىش.
قۇرۇم تاغ باغرىدا ئەنھار تولا، قوينىدا لىق گەۋھەر،
تاراملاپ ئوخچىغان ھەيۋەت ئېقىنلار ھەۋزﯼ كەۋسەرمىش.
يورۇڭقاش، كېرىيە دەريالىرﯼ بەھرىدە قاش بولدۇم،
مۇقەددەس تەڭرىتاغنىڭ راھﯽ بولدﯼ دىلدىكﯽ خاھىش...
رىيالىق يالتىراق شۆھرەت - ئاتاققا بولمىدىم پارە،
دىلىستانىمدا ئۈن بەرگەي ساماۋﯼ غايە پەرمايىش.
تەسەننا رەھنامەمايىم، ئەھلﯽ پۇشتۇم، گۈل دىيارىمغا،
ئۆزۈمنﯽ ئوتقا تاپشۇردۇم، بولاي دەپ ئەل ئۈچۈن زەرخىش.
ئۇزاق دەشتۇ راباتلار قوينىدا چۆچەكلىرىم قالدﯼ،
بورانلىق لەھزىلەردە ئىپتىخارىم كەلمىدﯼ رايىش.
مۇھەببەت شەۋقىدە ھىجران چېكىپ، باغلارغا تەلمۈرسەم،
گۈلىستانلاردا گۈل - لالە ئارا پىنھان زەھەرلىك نىش.
نىھايەت بىقارار بارلىق ئىچىدە چوڭ كىتاب بولدۇم.
ھەقىقەت ھېسلىرﯼ ھەم ھۆر خىيالىم بولدﯼ پىر - دانىش.
زىلالىم، ئىپتىخارىڭ ئەرلىكىڭ - ئەركەكلىكىڭ قالتىس،
يالا دوقمۇشلىرﯼ ئەۋرەز ئېرۇركىم، ئەرزىمەس مىش - مىش.
'''3'''
بۇرادەرلەر، جاھان ئۆتكۈنچىدۇر، دەۋرانىلىق سايە،
رىيا شۆھرەتكە شەيدالىق قىلار ئەرنﯽ پىتەك - پايە.
قارا تارىخ چۆلىگە، تاجﯽ - تونلارنﯽ قۇيۇن ئوينار،
زېمىندىن ئايغا قونساڭ يىغلىماي يەر ئۈزرە ئۇز غايە.
دېيۇرلەر: قانچە ئون يىل مەنمۇ شەيتان سۆڭرە ئەگەشتىم،
گۈزەل ئارمانلىرىمنﯽ قايسﯽ چاغ قىلدىم نېچۈك زايە.
قېنﯽ ئۇ ئارغىماقتەك شاش، قىران ھەم ئوت تۇياق چاغلار،
ئۇلۇغ چاقماق كەبﯽ ئىدراك نىھان كويلارغا سەرمايە...
يېشىم بىر يەرگە يەتكەندە جاھاننﯽ تونۇدۇم قايتا،
نىھايەت ئەسلىيەت روھىمغا مەشغۇل ئەيلىگەي رايە.
زىلالىڭ بەھرىگە قايتتﯽ، زىلالغا چاڭ چۈشۈرمەستىن،
كېلىڭلار چاڭقىغان دوستلار، قىلاي بارىمنﯽ دەسمايە.
'''4'''
بۇ جاھاندا ياخشىلار كۆپ، دەيمىزۇ پەسلەر تولا،
بۇ گويا زەر شۇنچە قىس بولغان بىلەن خەسلەر تولا.
ياخشىلار ئويلاپ پەقەتلا ياخشىلىق، قىلماس گۇمان،
ئېزگۈلۈك ساھىبلىرﯼ ئىچرە مۇقەددەسلەر تولا.
ئول مۇقەددەسلەر غۇبارسىز، بىرىيا، دىلكەش كېلۇر،
ھەرقاچان ئەتراپىدا شۇم تۈلكىلەر، قەستلەر تولا.
تاشمۇتاش، گۆرھەرمۇ تاش، تاش تاشقا تەگسە قاش سۇنار،
تاش ۋە قاش پەرقىنﯽ كۆرمەس ساددا بىخەستىلەر تولا.
تاغدىكﯽ تۈرلۈك چېچەكنىڭ رەڭ، پۇراقﯽ ئۆزگىدۇر،
قاي شېكەرۇ قاي زەھەر بىلمەستە دىلخەسلەر تولا.
قانچە كەچمىشلەر ئۆتۈپتۇ، لەھزىلەر مىڭبىر كىتاب،
نەچچە يۈز يىل سۆزلىسەڭ پۈتمەيدىغان ئەسلەر تولا.
ئەي زىلال، سېھرىي جاھاننىڭ قات - قېتىنﯽ سويغۇلۇق،
مەرگىمۇش يۇتقان كەبﯽ كەلمىشنﯽ بىلمەسلەر تولا.
'''5'''
پۈركىنىپ گۈلگۈن شەپەققە، كۆكنﯽ سۆيگەن زەر راۋاق،
بولسا ھەق مۈلكۈڭ ناۋادا ئۇ ساڭا قۇت يالتىراق.
بولمىساڭ مالىك قەسىرلەردىن كۆزۈڭنﯽ يەرگە ئال،
شادىمان كۈلكەڭگە تولغان بورىگاھىڭ ياخشىراق.
بولسا ئۆز زۇلپۇڭ قولۇڭدا تارىلار تال - تال بولۇپ،
يەلپۈتۈپ تۇرغان شاماللارغا ھەۋەسكار كۆز - قاراق.
ھەر نېچۈك ھال رەڭگﯽ ھالىڭ بىرلە ماس كەلسە بەلەن،
بەك غەلەت تۇرمامدۇ چاچسىز باشتىكﯽ ئالتۇن تاراق.
ئارىيەتلىك شاھﯽ تون كۆرمەككە ئۇزدۇر، تەنگە مۇز،
قارنﯽ باغرىڭنﯽ قىلار قان قىزغىنىپ بەرگىن تاماق.
نە ئەجەب گۆھەرپۇرۇشتىن ئاڭلساڭ دۇردانە سۆز،
ساختا مارجاندا بازار ئاچساڭ ئاۋام قىلغاي مازاق.
كەڭتاشا ئالەمدە ھەركىمگە نېسىۋە ئۆزگىدۇر،
ئايرىلىپ بولغاي تىرىكلىك دەملىرﯼ جەننەت دوزاخ.
شۈركىنىپ ياتقان سارايدىن دىلئارامدۇر ئايدالا،
سۇڭدىشىپ مىنگەن ئۇلاغ قويغاي يېرىم يولدا ياياق.
ئەي زىلال ئىلكىڭدە ھۇش، مۈلكۈڭ تولا روھىڭدا قوش،
كىر - غۇبارلار قونمىغايكﯽ، قارمۇ ئاق قەلبىڭمۇ ئاق.
'''6'''
دوست دېگەنگە دوست بولامدۇ ئېتىقادﯼ بولمىسا،
جان پىدالىق پەيتىدە قاشىڭدا بىللە تۇرمىسا.
سەن ئاڭا مېھرىڭنﯽ بەرسەڭ بىرىيا قەلبىڭ بىلەن،
ئۇ ساڭا ئىقبالﯽ، رايﯽ، زەۋقىنﯽ ئۇقتۇرمىسا.
تەقدىرﯼ كاج پەيلىدىن غايىب جاھان يۈرسەڭ ھەلەك،
ئول بۇرادەر قايدا يۈردﯼ؟ دەپ سېنﯽ ئاقتۇرمىسا.
ئەسكﯽ پۇشقاقتا يالاكەشلەر ساڭا سۈرتەر قارا،
ئاڭلىبان جىم، رەزگﯽ تۆھمەتنﯽ چېقىپ سۇندۇرمىسا.
ھەرقاچان مېھرﯼ نىھان ھەم بولمىسا قەھرﯼ ئايان،
جان چىقار ھالەتتىمۇ ھەققىڭدە ھەق گەپ ئۇرمىسا.
دوست بولامدۇ قۇرسا سۆھبەت ساڭا بىدوستلار بىلەن،
غۇسسا - غەم باغرىڭنﯽ تۆكسە، تامچە ياش ئاقتۇرمىسا.
تىغ يېغىپ كۆكتىن بېشىڭنﯽ چاكۇچاك قىلغاندىمۇ،
ھالﯽ - ئەھۋالىڭ نېچۈك دەپ، سەن ئۈچۈن قايغۇرمىسا.
ئەي زىلالىم بولدﯼ قىلغىن، قىلمىغىن ئارتۇق تاپا،
ئۇھسىنامتىڭ سەن ئەقىدەڭگە ئەلەملەر ئۇرمىسا.
'''7'''
ھەر نېچۈك ھالدا ئەقىدەمگە پىدامەن، دوز ئەمەس،
دەممۇدەم چېھرىدە رەڭ ئۆزگەرتكىلﯽ مەن توز ئەمەس.
بۇ مېنىڭ جانىم سېنىڭدۇر ھەم سېنىڭ جانىڭ مېنىڭ،
بىز پاكار قىرلاردىكﯽ ئاجىز، يېتىم يالپۇز ئەمەس.
جانمۇ بىر ھەم قانمۇ بىر دوستلار بىلەن ئارمانمۇ بىر،
دوستمۇ دوست، دۈشمەنمۇ تەڭ دوست دەيدىغان داپ يۈز ئەمەس.
ئىپتىخارسىز پەخرﯼ بىلمەس ھەمتاۋاق ئەغيار بىلەن
ئەھلﯽ ئىنسان ئىلغىمايلا يەيدىغان توڭگۇز ئەمەس.
دوستقا سادىق ئەقرابالار يارىغا يارمەن تۈگەل،
چىن ۋاپا يارانلىرىم بار، مەن غېرىب يالغۇز ئەمەس.
دوست بىلەن چۆللەرنﯽ كەزسەم ھەم ئاياغسىز ھەم ياياق،
گۈل بېھىش - جەننەت ئېرەملەر ئېھ، مۇشۇنچە ئۇز ئەمەس.
دوست بىلەن قىشتا تالادا تۈنىسەڭ ئىللىيدۇ جان،
قار يېڭﯽ ئاق پاختىدەك، مۇزلار گويا چوغ، مۇز ئەمەس.
قەدرﯼ دوستلۇق نەرخﯽ دۇنيا خەرجىدىن ئارتۇق ئېرۇر،
ئاي، قۇياشلىق ئاسمىنىمدۇر دوستلىرىم، يۇلتۇز ئەمەس،
دوستقا ھەم دوستلارغا دوستلۇق ئەيلىگەنگە ھەرقاچان
قىلغۇلۇق مىڭ رەت تەسەددۇق جان دېگەننﯽ، يۈز ئەمەس.
دوستلىرىمغا كىم قارا سۈرسە، زىلال ئەنھار ئۆزۈم،
دوق - يالا دەريا ئارا ئۆڭمەيدىغان قۇندۇز ئەمەس.
'''8'''
نەرخﯽ ئالتۇندىن ئېگىز قۇشنىڭمۇ ئالىم ئالدىدا،
قەدرﯼ ئىنسان بولمىغاي بىر قۇشچە زالىم ئالدىدا.
كىم ئېرۇر ئالىم دېگەن، ئالىم ھاياتنىڭ ئەختىرﯼ،
خەسمۇ تاپقاي نەرخىنﯽ ھېكمەت مۇكالىم ئالدىدا.
كىم ئېرۇر زالىم دېگەن، زالىم ھاياتنىڭ دۈشمىنﯽ،
نەرخﯽ زەر ئوت - خەس ئېرۇر ھەردەم ئۇۋالىم ئالدىدا...
كىمكﯽ ئالىم ئۇ قەدىردان، مېھرىبان ئالىي مۇقام،
كىمكﯽ زالىم ئۇ نادان، بەدبەخت، خىيالىم ئالدىدا.
يورۇماس ئالەم يۈزﯼ ئېرپان قۇياشﯽ يانمىسا،
دىل گۆرىستاندۇر ھامان كەلگەي زاۋالىم ئالدىدا.
تەختىگاھىمدا پىرىم - ئۇستازلىرىم نۇرلۇق سېما،
ياققۇسﯽ يۇلتۇز بولۇپ، پاك ئېھتىرامىم ئالدىدا.
پايىدىن تۇپراق ئېلىپ، چاچساڭ گۈلىستان يەر - جاھان،
لەۋزىدىن يۇلتۇز يۇتۇپ، تولغاي ھىلالىم ئالدىدا.
مەيلﯽ شاھ، دەۋرانىي ئالىي بول، زىلال، كېرىلمىگىن،
يەر ئۆپۈپ تۇرماق كېرەك ئۇستاز - مىسالىم ئالدىدا.
'''9'''
ماكانىم باغرىدىن تۇپراقنﯽ تۇتساڭ ئەھلﯽ زەرگەرگە،
مۇھەببەت ئىلكىدە تۇپراق - توپا ئايلانغۇسﯽ زەرگە.
ھاياتﯽ لازىماتلار ئېھتىياجﯽ توق ئۇلۇغ ئەلدە،
تەبىئەت ھەممىنﯽ بەخشەندە قىلغان بۇ ئانا يەرگە.
ئىلىم - ھېكمەت، ھۈنەر - سەنئەت، ئادالەت، چىن ساداقەتتە،
بوۋام - يەكتالىرىم ئالەم ئارا سايلاندﯼ سەرۋەرگە.
قۇرۇم تاغ باغرىدىن قاش چايقىغان ئەنھار ۋۇجۇدۇمدا،
تامايىم - ئىلتىجايىم يوق ساماۋﯼ ھەۋزﯼ كەۋسەرگە.
مالايىكلارغا ئېيتىڭ بىنەزەرمەن ھۆرﯼ غىلماندىن،
دىلىم تالىق لېۋﯼ يۇلغۇن گۈلىدەك يارﯼ دىلبەرگە.
يورۇڭقاش زەمزىمﯽ ھەيدەر ۋۇجۇدلاردىن زەرەر تاشنﯽ،
گۈلىستان ئاشىيانىمدا يىگىت ئايلاندﯼ شەمشەرگە.
زەرەپشان، قاش، تۈمەن، تارىم، قۇرۇم، خانتەڭرﯼ، ئالتۇنتاغ،
مۇقەددەس تاغۇ دەريا كۆمدىغۇ ئالەمنﯽ گۆھەرگە.
نېمىشقا مەن ساماغا تەلمۈرەي كۆكتىن تىلەپ يۇلتۇز،
دىلىستانىم كۆمۈلمىش كۈن بىلەن ئاي نۇرﯼ، ئەختەرگە.
زىلال دەريادا مىڭ يىل چايقىسام دۇنيا ئېرىغلانسا،
شاپائەت شەۋقىنﯽ تۆكسەم قىيامەت - روزﯼ مەھشەرگە.
'''10'''
كىرىدۇ گاھﯽ چۈشۈمگە رەھمىتﯽ دانىش بوۋام،
مەن ئۇنىڭ مېھرىدە چوڭ بولغانىدىم مەغرۇر، يارام.
بېشىڭىز كۆككە تاقاشقاي جان بالام» دەپ ھەر بازار»
تۆگە - تايلاق ئېتىشىپ ئويناپ كېلەتتۇق شاد - خۇرام.
ھەرقاچان يادىمدىدۇر جەڭنامە، چۆچەك، قىسسەلەر
ئۇ ماڭا ئېيتقانىدﯼ نۇرغۇن نەسىھەت، خۇش كالام.
كېلىدۇ مىسكىن خىيالىمغا يەنە غەمخان پەدەر،
ئېيتىدۇ: ھالىڭ نېچۈك، جانۇ جىگەر پارەم بالام؟!
يۈز - كۆزۈمگە يۈز يېقىپ، گۈلدەك پۇراپ پاك روھىدا،
باغرىغا باسقاي بوۋاقتەك مېھرىبانىم جان ئانام.
ۋادەرىخا، ھەممىسﯽ شېرىن ساماۋﯼ ھېسلىرىم،
يا بوۋام يوق، يا دادام ياكﯽ ئانام يوق، يا ئاكام.
تۇرىمەن تەنھا زىلال نەھرىدە يەرۇ كۆك ئارا،
ئاھ ئۇلۇغ ئەجداد كۆمۈلگەن، كۆكلىگەن گۈلگۈن دالام.
بار ئۈچۈن سەن مەنمۇ بار، مەن بار ئۈچۈن ھەم سەنمۇ بار،
مىڭ تەۋەززۇ سەجدىدە ئەجدادلىرىمغا ئېھتىرام!
ئانا يەر ئەجدادﯼ، ئەۋلادﯼ زىلال بىر گەۋدىدۇر،
تائەبەدلىك بۇ ئۇدۇمنﯽ بالىلار قىلغاي داۋام!
4wnv48p8b74hyegd5na8mr7zw2mpjln
تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن
0
24666
176361
2026-08-30T07:26:26Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ' [[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:تەرجىمە شېئىر]] [[تۈر: ياسىن ھاۋازى]] '''تەرجىمە قىلغۇچى:''' '''ياسىن ھاۋازى''' '''تاغدا''' '''ۋاڭ بۇ''' باستى دەرت، چاڭجياڭ ئارا بولغاچ قامال، كەتكىلى يۇرتۇمغا ئىزدەيمەن ئامال. تاغمۇ-تاغدا ئۇچۇرۇپ غازاڭلىنى، ئىلكىگە ئالدى جاھاننى...'
176361
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:تەرجىمە شېئىر]]
[[تۈر: ياسىن ھاۋازى]]
'''تەرجىمە قىلغۇچى:''' '''ياسىن ھاۋازى'''
'''تاغدا'''
'''ۋاڭ بۇ'''
باستى دەرت، چاڭجياڭ ئارا بولغاچ قامال،
كەتكىلى يۇرتۇمغا ئىزدەيمەن ئامال.
تاغمۇ-تاغدا ئۇچۇرۇپ غازاڭلىنى،
ئىلكىگە ئالدى جاھاننى سوغ شامال.
'''لەشكەرلىكتە'''
'''ياڭ جيۇڭ'''
كەلدى غەربىي ئاستانىنى يورۇتۇپ گۈلخان،
بۇنى كۆرۈپ جان – جېنىمغا ئۇلاشتى پىغان.
چەۋەندازلار چىك قاپىدى ئەجدەر بالىقنى،
خان سارايدىن چىقىشىغا لەشكىرىي پەرمان.
جەڭ دۇمبىغى بوران ئارا ئاڭلىنار پات-پات،
خىرە ئەتتى جەڭ تۇغىنى قار ۋە شىۋىرغان.
ئەلا ماڭا تالىپ بولۇپ ئۆمۈر سۈرگەندىن
ئاتلىنىپ جەڭ مەيدانىغا ئون بېشى بولغان!
'''يۇجۇ راۋىقىغا چىققاندا'''
'''چېن زىئاڭ'''
باقىمەن ئارقامغا، ئەجداتلار قېنى؟
باقىمەن ئالدىمغا، ئەۋلاتلار قېنى؟
ئۇچ-چېكى يوقكەن جاھاننىڭ، ئويلىسام،
تۇتتى ھەسرەت يىغىغا قىستاپ مېنى!
'''يۇرتۇمغا قايتقاندا'''
'''خې جژجاڭ'''
يۇرتۇمغا ياندىم ياشىنىپ، چىققاندا مەن ئىدىم گۆدەك،
ئاقاردى چېكە چاچلىرىم، گەپ-سۆزلىرىم ئاۋالقىدەك.
«مېھمان قاياقتىن ئۆزلىرى؟» دەيدۇ سوراپ شوخ بالىلار،
ئۇلار ساناشقان چېغى بار ئەسلىمنى يات-يېگانىدەك.
'''دوستۇمنى يوقلاپ سەھراغا بارغاندا'''
'''مېڭ خاۋرەن'''
چىللىدى سەھراغا دوستۇم ئۆيىگە،
راسلاپ توخۇ گۆشى، سوكتىن تائام.
مەلىسىنىڭ چەتلىرى بوستان ئىكەن،
سىرتىنى ئوراپتۇ كۆپ-كۆك تاغ تامام.
مەي بىلەن چۈشتۇق پاراڭغا زوقلىنىپ،
خامىنى مول، باغ ئىكەن ھويلا-ئارام.
ئالدىمىزدا بولسا چۇڭياڭ بايرىمى،
كېلىمەن گۈل سەيلىسىگە مەن داۋام.
'''باھار ئەتىگەنلىكى'''
'''مېڭ خاۋرەن'''
ئۇيقۇلۇق، سەزمەپتىمەن ئېتىپتۇ تاڭ.
كەلتۈرۈپتۇ قۇشلىمۇ ئەتراپنى چاڭ.
تۈن بويى ياققان ئىدى يامغۇر-يېشىن،
قانچىلىك ياپراق-چېچەك چۈشكەنكى تاڭ!
'''لياڭجۇ نەزمىسى'''
'''ۋاڭ جژخۇەن'''
كىرگەن بۇلۇتلار قەرىگە خۇاڭخې يىراقتىن تولغۇنۇپ،
تەنھا شەھەرنى قورشىغان ئاسمان پەلەك تاغ جەم بولۇپ.
شۇ «تالى مەجنۇن» كۈيىنى ياڭراتمىغىن چياڭ نېيىدىن،
كەلمەيدۇ كۆكلەم شامىلى تاش قاپقىغا ئىللىق ئۇرۇپ.
'''لەگلەك راۋىقىغا چىققاندا'''
'''ۋاڭ جژخۇەن'''
بولدى غايىپ، مۆكتى كۈن تاغ كەينىگە،
ئاقتى خۇاڭخېمۇ دېڭىزنىڭ قەرىگە.
يەنىمۇ يىراققا تەلپۈنسەڭ ئەگەر،
ئۆرلىگىن ئاندىنمۇ يۈكسەك پەللىگە.
'''لەشكەرلىكتە'''
(ئىككى شېئىر)
'''ۋاڭ چاڭلىڭ'''
'''1'''
كۆكنۇر بويىدا تاغنى تۇمان قاپلىغان قات-قات،
باقىمىز يىراقلاردىن تاش قاپقا تامان پات-پات.
جەڭ قىلىپ باياۋاندا جۇلجۇل بولدى ساۋۇتلار،
يانماق يوق ئاخىر جەڭدىن قىروران بولمىسا بەربات.
'''2'''
بوران-قۇم دەستىدىن چۆلدە قۇياش نۇرى خىرەلەشتى،
لاگىردىن چىقتى لەشكەرلەر، شامال تۇغلارنى يۆگەشتى.
ئاۋانگارتلار زەپەر قىپتۇ كېچە تاۋخې شىمالىدا،
خەۋەر كەلدى تۇيۇخۇن باشلىقى قولغا تىرىك چۈشتى.
'''چېگرا ناخشىسى'''
'''ۋاڭ چاڭلىڭ'''
تاكى خەن، چىن دەۋرىدىن قورۇلغا نۇر سەپتى قەمەر،
يانمىدى چېگرا تامان كەتكەنلىمۇ بېرىپ خەۋەر.
ھەددى يوق خۇر ئېتىنىڭ ئۆتمەككە يىنشەندىن قەدەم،
بولسىلا لى گۇاڭ كەبى سەرگەردىمىز بىزدە ئەگەر.
'''كىيىك ماكانى'''
'''ۋاڭ ۋېي'''
تاغدا پىنھاندا چېلىقماس ھېچ كىشى،
ئاڭلىنار قاياقتىدۇ گۇدۇڭلىشى.
چاقنىتار مۇخلاردا نۇرنىڭ ئەكسىنى،
شاخ ئارا كەچكى شەپەقنىڭ شۇڭغىشى.
'''شىكار سەيلىسى'''
'''ۋاڭ ۋېي'''
كاماندىن ئوق ئۇچىدۇ شامال بىلەن شىددەتتە،
شىكار قىلار ۋېيچېڭدا شىكار خۇمار سەركەردە.
تاقىر سايدا ئۆتكۈردۇر ئالمان قۇشنىڭ كۆزلىرى،
ئويناقلايدۇ ئاتلىرى قار ئېرىگەن يەرلەردە.
رەستىسىدىن شىنفېڭنىڭ خوشال يايراپ ئۆتۈپ ئۇ،
قىرچىن تاللىق قەلئەدە پەيدا بولدى بىر دەمدە.
باقسام سەييات ئوق ئۈزۈپ شۇڭقار ئاتقان جايغا مەن،
كەچكى تۇمان ئېسىپتۇ سۇس، گرىمىسەن دەرپەردە.
'''چېگرىغا ھال سوراپ بارغاندا'''
'''ۋاڭ ۋېي'''
ھارۋىدا جۇييەننى يول-ئۆتەڭ قىلىپ،
ئەلچى بوپ چېگراغا ماڭدىم ھال سوراپ.
بارىمەن تۇرنا، بېسىلغاقتەك ئۇچۇپ،
خەن يېرىدىن خۇر دىيارىغا ئۇزاپ.
كى ئۇزۇن دەرياغا دۆگلەك كۈن پاتار،
چۆل ئارا گۈلخان يانار، ئىس پۇرقىراپ.
ئۇچرىشىپ شياۋگۇەندە چارلامچى بىلەن،
ئاڭلىسام يەنرەندىكەن دوتەي جاناپ.
'''خوشلىشىپ چىقتىم سەھەر بەيدى بىلەن'''
'''لى بەي'''
خوشلىشىپ چىقتىم سەھەر بەيدى بىلەن شەپەق ئارا،
يېتىمەن مىڭ لى يىراق جياڭلىڭغا مەن بىر كۈندىلا.
قاشتا مايمۇنلار ساداسى ئاڭلىنىپ قالدى، بىراق،
قاتمۇ-قات تاغلاردىن ئۆتتى قولۋىغىم بىر دەمدىلا.
'''جىنمېندا خوشلىشىش'''
'''لى بەي'''
بېسىپ جىنمېن تېغىنى مەن بۇ يان كەلدىم،
قەدىم چۇگودا بولماققا زىيارەتكە.
ئۇلاشتى تۈزگە تاغ ئاخىر بولۇپ غايىپ،
ئەزىم دەريا ئۆزىنى تۈزدى سۈرئەتتە.
قەسىر سالدى شەپەقلەر سۇدا بىردىنلا،
تولۇن ئاي جىلۋىلىك ئوينىدى ئەينەكتە.
ئانا يۇرتۇڭ سۈيىنى ئەتىۋا بىلگىل،
سېنى يەتكۈزگۈسى مەنزىلگە ئەلۋەتتە.
'''لۇشەن شاقىراتمىسىنى تاماشا قىلىش'''
'''لى بەي'''
بىنەپشە رەڭ تۇمان ئۆرلەر شۇ ئىسرىقدانغا كۈن چۈشسە،
ئېسىلغان شاقىراتما تىك يىراقتىن ئۇڭا كۆز تىكسە.
تۇرار سەكرەپلا ئۈچ مىڭ چى ئىگىزدىن باغرى دەرياغا،
گويا ئاسمان يولى ئەرشتىن غۇلاۋاتقان كەبى پەسكە.
'''سېرىق تۇرنا راۋىقىدا مېڭ خاۋرەننى گۇاڭلىڭغا ئۇزىتىش'''
'''لى بەي'''
قەدىناس دوست تېپىپ سائەت ئۈچىنچى ئاي باھارىدىن،
راۋان بولدى شۇ گۇاڭلىڭغا سېرىق تۇرنا راۋاقىدىن.
ئۇپۇق بويلاپ ئاقار چاڭجياڭ لومۇلداپ شەرق تامانىغا،
قاراسى يۈتتى يەلكەننىڭ ئۇپۇقنىڭمۇ يىراقىدىن.
'''چاڭگەن نەزمىسى'''
'''لى بەي'''
سېكىلىگىم ماڭلىيىمغا چۈشكەندە،
گۈللەر ئۈزۈپ ئوينار ئىدىم گۈلشەندە.
كېلەتتىڭىز تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ،
قوغلىشاتتۇق قاشالارنى ئايلىنىپ.
چاڭگەندە بىز بىر مەلىدە چوڭ بولدۇق،
كۆڭلىمىز ئاق خۇددى قوشماق، ئوڭ بولدۇق.
ئون تۆت ياشتا بولدۇم سىزگە مەن ياتلىق،
يۈزۈم تۆۋەن بىر قىز ئىدىم ئۇياتلىق.
بېشىم سېلىپ باقار ئىدىم تامغىلا،
قايرىلمايتتىم، مىڭ چاقىرسا زادىلا.
ئون بەش ياشتا ئاستا ئېچىلدىم،
سىزگە چىندىن ئاخىرەتلىك قېتىلدىم.
سىزدە تۇرسا كۆۋرۈكتىكى ساداقەت،
دۆڭگە چىقماق ماڭا بولغاي نە ھاجەت؟!
ئون ئالتىدە، ئوقەت بىلەن كەتتىڭىز،
يەنيۇدۇي ھەم چۇيتاڭلاردىن ئۆتتىڭىز.
ماي ئايلىرى ئۇ ئۆتكەللەر خەتەرلىك،
مايمۇنلارمۇ چىقىرىشار ھەسرەتلىك.
ئاياق ئىزى چۈشكەن ھويلام ئالدىدا،
قاتار مۇخلار ئۆستى ئەمدى بارىدا.
سۈپۈرگەنگە مۇخ يىلتىزى چىقمىدى،
شامال سوقۇپ شاختا ياپراق تۇرمىدى.
ئاۋغۇست چېغى ئېچىلغاندا گۈل-چېچەك،
جۈپ-جۈپ ئۇچار باغلار ئارا كېپىنەك.
كېپىنەكلەر يارا قىلدى كۆڭلۈمنى،
غەم-دەردلىرىم خازان قىلدى ھۆسنۈمنى.
ئۆيگە يانماق ئىزدىسىڭىز سىز ئەگەر،
ماڭا دەرھال يوللىۋېتىڭ خوش خەۋەر.
نە بولسىمۇ ئالدىڭىزغا بارىمەن،
چاڭفېڭشاغا بارغىلىمۇ رازىمەن.
q1dg7r39ys7pujcaasgkr4a7zbmdup8
ۋۇجۇد شەرھى (شېئىر)
0
24667
176362
2026-08-30T07:29:26Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ' [[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:غەزەل]] ئاپتورى: '''ئابلىز ئوسمان''' '''1''' ھامانە ئىشق ئارا يۈردۈم ھاياتنى گۈل-سەنەم ئەيلەپ، ۋۇجۇد مەنزىلىدە سەيياد بولۇشنى چىن قەسەم ئەيلەپ. دىلىم دەريا كەبى دەۋرەپ، مۇھەببەتكە قۇچاق ئاچتى، تۇغۇلدى كۈن، شەبىستاننى كۆڭۈلدى...'
176362
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:غەزەل]]
ئاپتورى: '''ئابلىز ئوسمان'''
'''1'''
ھامانە ئىشق ئارا يۈردۈم ھاياتنى گۈل-سەنەم ئەيلەپ،
ۋۇجۇد مەنزىلىدە سەيياد بولۇشنى چىن قەسەم ئەيلەپ.
دىلىم دەريا كەبى دەۋرەپ، مۇھەببەتكە قۇچاق ئاچتى،
تۇغۇلدى كۈن، شەبىستاننى كۆڭۈلدىن يوق-ئەدەم ئەيلەپ.
سەپەر مۈشكۈل، نىگاھلاردا لەئىنىڭ جىلۋىسى ئوينار،
»گۇناھلار« مېھرىنى ئەفسۇن بىلەن جىسمىمغا ئەم ئەيلەپ.
ئۈزۈلمەس تىركىشىش، ئوڭ ۋە سولۇمدىن تارتىلار ئارقان،
قۇلۇمدا تەڭشىگىم داردا قەدەمنى دەمبەدەم ئەيلەپ.
تىكەندۇر سىر-تېپىشماقلار ئۇنى كىم چاچتىكىن ھەر يان،
يېشەرمەن، روھى سەرۋەرنى جېنىمغا جانۇ دەم ئەيلەپ.
ئاتام ئادەم بىلەن ھاۋا ئانام غايىب دىلىستانىم،
ياشارمەن پاك ئەقىدەمنى ئۆمۈر جامىمغا تەم ئەيلەپ.
'''2'''
نىگار ۋەسلىڭ ئۈچۈن چۆلدە بولۇپ توغراق تۇراي دەيمەن،
ئوتۇڭدا تەڭ كۆيۈپ، چەشمەڭدە گۈلدەك بەرق ئۇراي دەيمەن.
خىيالىم دەدتىدە كۈلگەن خىرامان جىلۋىسەن، گۈلسەن،
بولۇپ روھى راۋانىڭ چىن پۇراقىڭنى پۇراي دەيمەن.
بۇ سۆيگۈم تاشلىماس قاسراق، ئەبەدلىك بولسىمۇ ھىجرىڭ،
ئوڭۇمدا سەرۋى تالىڭغا بولۇپ كاككۇك قوناي دەيمەن.
ناكەسلەر بولسىمۇ كۆپ گەر ۋاپا ئەھلى ئەمەس يالغان،
سېنىڭچۈن باغ ياساپ، سۆيگۈ راۋاقىنى قۇراي دەيمەن.
سەھەر تاغلارنى ئۆپكەندە، ئۇپۇقتىن كۆرۈنەر چېھرىڭ،
شەپەققە چۆمكۈلۈپ پىنھان ۋىسالىڭنى قۇچاي دەيمەن.
'''3'''
ئاچال-دوقمۇشتا ئايرىلدۇق، نىچۈن دوستلۇققا قەست قىلدىڭ،
پۈكۈپ قەددىڭنى شەيتانغا، دىلىڭنى ھەمنەپەس قىلدىڭ.
ۋاپانىڭ رىشتىسىن تەقلەپ يۈرەكلەرنى چېتىپ يۈرسەم،
تىكىپ يوللارغا ئازغاننى ئۆزۈڭ ماڭماقنى تەس قىلدىڭ.
ئۈمىد-ئىقبالىمىز بىر، دەپ قولۇڭغا جۈپ قولۇم سۇنسام،
ھەسەتتىن ئۆزگىرىپ مەڭدەپ مېنى ھەيرانۇ ھەس قىلدىڭ.
چۈشەندىم ھېچقاچان توغراق بىلەن قامغاق تۇرالماس بىر،
شامالدا ئۆرلىگەن پەيدەك ئۇچۇشنى كۆپ ھەۋەس قىلدىڭ.
ئېسىلغانچە ئېگىز شاخقا ئايان پىنھانى مايمۇننىڭ،
شۇ يەڭلىغ كۈلكىلىك ھالىڭ، ئۆزۈڭنى خارۇ پەس قىلدىڭ.
ياشاشنىڭ يوللىرى بەك كۆپ، بىراق، ئەركەك ئۈچۈن بىرلا،
نىقاپلاشچۈن قاۋاقلاردا زەئىپ روھىڭنى مەست قىلدىڭ.
تەشەككۈر ھىممىتىم چەكسىز ھاياتنىڭ ئىمتىھانىغا،
خويۇڭنى نازغىتىپ پىنھان، مېنى سەگەك پەخەس قىلدىڭ.
'''4'''
جانان باغرىڭ باھارىستان، يۈزۈڭدىن گۈلجامال ھەيران،
قىرىق كۇكۇل چېچىڭ بوستان، بويۇڭدىن سەرۋى تال ھەيران.
ۋۇجۇدۇڭ باغ-ئانارىستان، ئۇرار بۇلبۇللىرىڭ خەندان،
ھىدىڭ گويا ئىپارىستان، لېۋىڭدىن تەمى بال ھەيران.
قاچان قارماقلىرىڭ ئىلدى چۈشىمنى ئىشقى يۈمچەكتە،
ھۇشۇم سەرگەشتە سۇمۇرۇغتەك كېزەر ئالەم، شامال ھەيران.
تەجەللى ئەيلىدىم كۆكتە جامالىڭنى كۆرەرمەن دەپ،
گۈزەل تەنھالىقىم-سۆيگۈم نۇرىدىن ئاي-ھىلال ھەيران.
مېنىڭ ئاشىقلىقىمغا پال سالالماس ئەھلى شەيتانمۇ،
يېتەلمەي تەكتىگە سىرنىڭ جاھاننىڭ ئەقلى لال-ھەيران.
'''5'''
قاچان كۆردۈم جامالىڭنى، زاۋالىم تاڭ-سەھەر بولدى،
بىراق، ۋەسلىڭ يولى مۈشكۈل داۋانلىق بىر سەپەر بولدى.
كۆرەرمەن، دەپ يەنە بىر رەت دىدارىڭ ئىزلىدىم ھەرئان،
بېرىپ مەللەڭگە ئايلانسام، قىزىق چۆچەك-خەۋەر بولدى.
بېقىپلا بىر يېقىپ گۈلخان، ئۆزۈڭنى ئەيلىدىڭ پىنھان،
تۇغۇلدۇممەن بولۇپ مەشرەپ، ئوتۇڭدا دەر بەدەر بولدى.
سېنىڭدە ئۇلغىيىپ ياندىم، چېچىمغا كىرسىمۇ ئاقلار،
ئۆزۈم قاقشال، ۋۇجۇدۇم گۈل، باراقسانلاپ شەجەر بولدى.
پېقىر ھەرگىز ئەمەس زاھىد خىياباندا ماكان تۇتقان،
ئەقىل بىرلە ئىشق مەنزىل ئارا ئۆلمەس سەمەر بولدى.
'''6'''
نىگاھىمغا نىگاھ ئەيلەپ، سامادا خۇش كۈلەر يۇلتۇز،
نۇرىغا نۇر قوشۇپ ھەردەم قاراغىمنى سۆيەر يۇلتۇز.
كېچە-تۈن دىلبىرى دىلنىڭ، ۋاپادار بۇلبۇلى گۈلنىڭ،
بولۇپ يوللاردا ھەمراھىم، ئېڭىمدا جىلۋىگەر يۇلتۇز.
ئەمەس تەنھا تولۇنئايىم، نە ئايكى روھى ۋىجدانىم،
بولۇپ ھەمدەم ئاڭا ھەردەم بىدار — ئويغاق يۈرەر يۇلتۇز.
ۋۇجۇدۇم بەھرى ئۇممانى تۇتاشتۇر كۆككە-ئاسمانغا،
چۆمۈپ باغرىمدا ئەفشانغا تومۇرۇمدا ئۈزەر يۇلتۇز.
ntonzak9433nz3vndjwpdyoykitxacm
176363
176362
2026-08-30T07:39:19Z
UyghurArchive
25219
176363
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:غەزەل]]
ئاپتورى: '''ئابلىز ئوسمان'''
'''1'''
ھامانە ئىشق ئارا يۈردۈم ھاياتنى گۈل-سەنەم ئەيلەپ،
ۋۇجۇد مەنزىلىدە سەيياد بولۇشنى چىن قەسەم ئەيلەپ.
دىلىم دەريا كەبى دەۋرەپ، مۇھەببەتكە قۇچاق ئاچتى،
تۇغۇلدى كۈن، شەبىستاننى كۆڭۈلدىن يوق-ئەدەم ئەيلەپ.
سەپەر مۈشكۈل، نىگاھلاردا لەئىنىڭ جىلۋىسى ئوينار،
»گۇناھلار« مېھرىنى ئەفسۇن بىلەن جىسمىمغا ئەم ئەيلەپ.
ئۈزۈلمەس تىركىشىش، ئوڭ ۋە سولۇمدىن تارتىلار ئارقان،
قۇلۇمدا تەڭشىگىم داردا قەدەمنى دەمبەدەم ئەيلەپ.
تىكەندۇر سىر-تېپىشماقلار ئۇنى كىم چاچتىكىن ھەر يان،
يېشەرمەن، روھى سەرۋەرنى جېنىمغا جانۇ دەم ئەيلەپ.
ئاتام ئادەم بىلەن ھاۋا ئانام غايىب دىلىستانىم،
ياشارمەن پاك ئەقىدەمنى ئۆمۈر جامىمغا تەم ئەيلەپ.
'''2'''
نىگار ۋەسلىڭ ئۈچۈن چۆلدە بولۇپ توغراق تۇراي دەيمەن،
ئوتۇڭدا تەڭ كۆيۈپ، چەشمەڭدە گۈلدەك بەرق ئۇراي دەيمەن.
خىيالىم دەدتىدە كۈلگەن خىرامان جىلۋىسەن، گۈلسەن،
بولۇپ روھى راۋانىڭ چىن پۇراقىڭنى پۇراي دەيمەن.
بۇ سۆيگۈم تاشلىماس قاسراق، ئەبەدلىك بولسىمۇ ھىجرىڭ،
ئوڭۇمدا سەرۋى تالىڭغا بولۇپ كاككۇك قوناي دەيمەن.
ناكەسلەر بولسىمۇ كۆپ گەر ۋاپا ئەھلى ئەمەس يالغان،
سېنىڭچۈن باغ ياساپ، سۆيگۈ راۋاقىنى قۇراي دەيمەن.
سەھەر تاغلارنى ئۆپكەندە، ئۇپۇقتىن كۆرۈنەر چېھرىڭ،
شەپەققە چۆمكۈلۈپ پىنھان ۋىسالىڭنى قۇچاي دەيمەن.
'''3'''
ئاچال-دوقمۇشتا ئايرىلدۇق، نىچۈن دوستلۇققا قەست قىلدىڭ،
پۈكۈپ قەددىڭنى شەيتانغا، دىلىڭنى ھەمنەپەس قىلدىڭ.
ۋاپانىڭ رىشتىسىن تەقلەپ يۈرەكلەرنى چېتىپ يۈرسەم،
تىكىپ يوللارغا ئازغاننى ئۆزۈڭ ماڭماقنى تەس قىلدىڭ.
ئۈمىد-ئىقبالىمىز بىر، دەپ قولۇڭغا جۈپ قولۇم سۇنسام،
ھەسەتتىن ئۆزگىرىپ مەڭدەپ مېنى ھەيرانۇ ھەس قىلدىڭ.
چۈشەندىم ھېچقاچان توغراق بىلەن قامغاق تۇرالماس بىر،
شامالدا ئۆرلىگەن پەيدەك ئۇچۇشنى كۆپ ھەۋەس قىلدىڭ.
ئېسىلغانچە ئېگىز شاخقا ئايان پىنھانى مايمۇننىڭ،
شۇ يەڭلىغ كۈلكىلىك ھالىڭ، ئۆزۈڭنى خارۇ پەس قىلدىڭ.
ياشاشنىڭ يوللىرى بەك كۆپ، بىراق، ئەركەك ئۈچۈن بىرلا،
نىقاپلاشچۈن قاۋاقلاردا زەئىپ روھىڭنى مەست قىلدىڭ.
تەشەككۈر ھىممىتىم چەكسىز ھاياتنىڭ ئىمتىھانىغا،
خويۇڭنى نازغىتىپ پىنھان، مېنى سەگەك پەخەس قىلدىڭ.
'''4'''
جانان باغرىڭ باھارىستان، يۈزۈڭدىن گۈلجامال ھەيران،
قىرىق كۇكۇل چېچىڭ بوستان، بويۇڭدىن سەرۋى تال ھەيران.
ۋۇجۇدۇڭ باغ-ئانارىستان، ئۇرار بۇلبۇللىرىڭ خەندان،
ھىدىڭ گويا ئىپارىستان، لېۋىڭدىن تەمى بال ھەيران.
قاچان قارماقلىرىڭ ئىلدى چۈشىمنى ئىشقى يۈمچەكتە،
ھۇشۇم سەرگەشتە سۇمۇرۇغتەك كېزەر ئالەم، شامال ھەيران.
تەجەللى ئەيلىدىم كۆكتە جامالىڭنى كۆرەرمەن دەپ،
گۈزەل تەنھالىقىم-سۆيگۈم نۇرىدىن ئاي-ھىلال ھەيران.
مېنىڭ ئاشىقلىقىمغا پال سالالماس ئەھلى شەيتانمۇ،
يېتەلمەي تەكتىگە سىرنىڭ جاھاننىڭ ئەقلى لال-ھەيران.
'''5'''
قاچان كۆردۈم جامالىڭنى، زاۋالىم تاڭ-سەھەر بولدى،
بىراق، ۋەسلىڭ يولى مۈشكۈل داۋانلىق بىر سەپەر بولدى.
كۆرەرمەن، دەپ يەنە بىر رەت دىدارىڭ ئىزلىدىم ھەرئان،
بېرىپ مەللەڭگە ئايلانسام، قىزىق چۆچەك-خەۋەر بولدى.
بېقىپلا بىر يېقىپ گۈلخان، ئۆزۈڭنى ئەيلىدىڭ پىنھان،
تۇغۇلدۇممەن بولۇپ مەشرەپ، ئوتۇڭدا دەر بەدەر بولدى.
سېنىڭدە ئۇلغىيىپ ياندىم، چېچىمغا كىرسىمۇ ئاقلار،
ئۆزۈم قاقشال، ۋۇجۇدۇم گۈل، باراقسانلاپ شەجەر بولدى.
پېقىر ھەرگىز ئەمەس زاھىد خىياباندا ماكان تۇتقان،
ئەقىل بىرلە ئىشق مەنزىل ئارا ئۆلمەس سەمەر بولدى.
'''6'''
نىگاھىمغا نىگاھ ئەيلەپ، سامادا خۇش كۈلەر يۇلتۇز،
نۇرىغا نۇر قوشۇپ ھەردەم قاراغىمنى سۆيەر يۇلتۇز.
كېچە-تۈن دىلبىرى دىلنىڭ، ۋاپادار بۇلبۇلى گۈلنىڭ،
بولۇپ يوللاردا ھەمراھىم، ئېڭىمدا جىلۋىگەر يۇلتۇز.
ئەمەس تەنھا تولۇنئايىم، نە ئايكى روھى ۋىجدانىم،
بولۇپ ھەمدەم ئاڭا ھەردەم بىدار — ئويغاق يۈرەر يۇلتۇز.
ۋۇجۇدۇم بەھرى ئۇممانى تۇتاشتۇر كۆككە-ئاسمانغا،
چۆمۈپ باغرىمدا ئەفشانغا تومۇرۇمدا ئۈزەر يۇلتۇز.
مەنبە: [https://uyghur-archive.blogspot.com/2026/08/blog-post_22.html ۋۇجۇد شەرھى (شېئىر)]
trsm00namce6s6tieypqrwmni3to5tu
رۇبائىيلار (ئابدۇرېھىم زۇنۇن)
0
24668
176364
2026-08-30T07:46:20Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت '1 ئۆچۈپ كەتكەي ساماننىڭ چوغىدەك تاشقى جۇلا - زىننەت، كۆچۈپ كەتكەي بولۇپ كارۋان جاھان شاھ مۈلكى ــ دۇر قىممەت. ئېتەر ئىنسان نامايان قىممىتىنى ھەر قاچان كۈندەك، چېچىپ زەر نۇر - زىياسىنى، مۇجەسسەم بولسا گەر خىسلەت. 2 يېقىن تۇرساڭ زەكىيلەرگە ئەقىل قۇببەڭگە نۇ...'
176364
wikitext
text/x-wiki
1
ئۆچۈپ كەتكەي ساماننىڭ چوغىدەك تاشقى جۇلا - زىننەت،
كۆچۈپ كەتكەي بولۇپ كارۋان جاھان شاھ مۈلكى ــ دۇر قىممەت.
ئېتەر ئىنسان نامايان قىممىتىنى ھەر قاچان كۈندەك،
چېچىپ زەر نۇر - زىياسىنى، مۇجەسسەم بولسا گەر خىسلەت.
2
يېقىن تۇرساڭ زەكىيلەرگە ئەقىل قۇببەڭگە نۇر قونغاي،
سۈمۈرسەڭ بال ـــ بىلىم ھەردەم ھۇما تۇتقاي بېشىڭنى جاي.
چېكەڭدىن ئاقسا ئۈزلۈكسىز كۈمۈش تەرىڭ بولۇپ دەريا،
ھوسۇلۇڭ مول، يولۇڭ تۈز، بەختۇ ئىقبالىڭ گۈزەل بولغاي.
3
ھۇرۇن- يالقاۋغا قۇت - ئىقبال قىزى ھەرگىز كۈلۈپ باقماس،
سۇباتسىز، لايغەزەللەر ھېچ كىشىنىڭ كۆڭلىگە ياقماس.
ياتار ئۇ: «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ھەر قاچان ئۇخلاپ،
شۇڭا مەڭگۈ پۈتۈنلەنمەس نېنى، ھېچ بىر ئىشى ئاقماس.
4
«پۇچەك دان» دەيدۇ: خىللانغان بىرى مەن چىن، يېڭى سورتنىڭ،
شۇنى ئېيتىدۇ خائىنمۇ: ۋاپادار ئوغلىمەن يۇرتنىڭ.
سۆڭەك يوق تىلدا، سۆزلەر ھەر كىشى ئاغزىغا كەلگەننى،
ئىشىغا باق، ئىشەنمە كۆپ ۋالاقلاپ سۆزلىگەن «قۇرت»نىڭ.
5
بۇ ھاياتلىق سەھنىسىدە رول ئالار ھەر بىر كىشى،
ئوخشىمايدۇ بىر - بىرىگە ئوينىغان رول ـــ كەچمىشى.
باقىۋەندە بولمىغاي باش رول ئېلىش بىر كىشىگە،
چۈنكى جىم تۇرمايدۇ بىر ئىزدا پەلەكنىڭ گەردىشى.
6
«ھە» دېمە ئالدىڭدا دولا قاققانغا،
ماختاشتىن دەسىستەر سېنى قاپقانغا.
كەلگەندۇر ئېھتىمال كېپەنلىك پىچىپ،
ئىشەنمە دالدىدا زەر تون ياپقانغا.
7
خۇش قىلدىڭىز ئاللاھدىن تىلەك تىلەپ، ئامىنەم،
ئولتۇرىمەن ھەر كۈنى تۇيغۇ ئىزلەپ، ئامىنەم...
تور ئالدىدىن كېتەلمەي قالغىنىڭىز ئاشىقلىق،
ۋىسال تېپىڭ، قۇت تېپىڭ، كېتىڭ گۈللەپ، ئامىنەم!
8
چاتىقى يوق ياش بىلەن ئوت-ئىشىقنىڭ،
بىقارارلىق، ئىشىق دىلنى ياشنىتار.
نېسىپ بولار ئاخىر بىر كۈن شائىرلىق،
ئىلھام قىزى تۈرتۈپ سىزگە بولۇپ يار...
9
بال بېرىدۇ ئەلگە ھەسەل ھەرىسى،
يىغىپ ھامان گۈلزاردىن گۈل شىرنىسى.
شائىر ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ،
ئەلگە تالىق يىغقىنىنىڭ ھەممىسى.
10
ھۇرۇن- يالقاۋغا قۇت - ئىقبال قىزى ھەرگىز كۈلۈپ باقماس،
سۇباتسىز، لايغەزەللەر ھېچ كىشىنىڭ كۆڭلىگە ياقماس.
ياتار ئۇ: «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ھەر قاچان ئۇخلاپ،
شۇڭا مەڭگۈ پۈتۈنلەنمەس نېنى، ھېچ بىر ئىشى ئاقماس.
11
چىققىنىڭ تاغ ئەمەس، پەقەتلا بىر دۆڭ،
ھېس قىلدىڭ چوققىغا چىققاندەك ئۆزۈڭ.
ئېدىرلار ئۈستىدە تاغ بار ھولۇقما،
قادالسۇن تېخىمۇ يىراققا كۆزۈڭ...
12
ئادەمىي ئادەم پەزىلەت، تىل بىلەن،
ئەل ئەرا تەرغىبىى ھېكمەت تىل بىلەن.
تىلنى جارى قىلغۇلۇق ھەق–راست ئۈچۈن،
ئەكسى ھالدا ھەممە ئىللەت تىل بىلەن.
13
ھەركىمنىڭ قولىدا قىسمەت، تەقدىرى،
تاسقايدۇ دۇنيانى ئەقىل غەلۋىرى.
شۇ سەۋەب ئىزدەيمەن مەنمۇ تىنىمسىز
سىرغا باي ئالەمدىن ھېكمەت جەۋھىرى.
14
تارتتى رايىڭنى بىلىملىك ـــ قوش مېغىزلار چاينىغان،
بىل، ئەجىر بەركاتىدىن ئۇ بۈك - باراقسان ئاينىغان.
بۇ رەھىمسىز جەڭ ـــ ھايات جەڭگاھىدا شان تاپقۇچە
دەرد - رىيازەت قازىنىدا نەچچە مىڭ رەت قاينىغان...
15
كۈنلىرىم ئۆتتى خۇشال ئۈلپەتلىشىپ بەڭ، مەي بىلەن،
گاھى ياتتىم تۈندە ئەۋرەزنى قۇچاقلاپ، قەي بىلەن.
كەتتى ئاخىر ئۇز، ھالال جۈپتۇم، قەدىردان، جان بالام،
بەختۇ ئىقبالىم توزۇپ، قالدىم يېگانە «ھەي...!» بىلەن.
16
چاڭ- توزان، كىر -داغدىن بۇلغىنار ئەينەك،
ئوخشايدۇ ئۇنىڭغا نازۇك كۆڭۈل بەك.
كىر-غۇبار يۇقتۇرماي ياشىغان جانلار،
نۇر سۆيگەن ھاياتقا گۈزەل گۈل-بېزەك.
17
ھەۋەس-شەيتانغا يار بولساڭ، ھامان موللاقلىتار ھاڭغا،
تىقىپ ۋەيلۇن دوزاخ ــ ئوتقا، كۆمەر پاتقاق، غۇبار-چاڭغا.
بىلىمدىن كۈچ تېپىپ، راسلاپ قانات-پەر كۆكلىسەڭ كۆكتە،
يېتەرسەن بىر نۇرانە، ھۆر كېلىچەككە، گۈزەل تاڭغا.
18
مېھرىڭ ــ دېڭىز، ئەركىن ئۈزگەن بېلىق مەن،
چېھرىڭ ــ كۈن، نۇر ئېلىپ ئۆسكەن تېرىق مەن.
سەن ئۇلۇغلۇق تەختىدە شاھ جان ئانا،
ساڭا سادىق چاكار، قۇل مەن، رەپىق مەن.
19
سىرتىغا قارىساڭ قوتۇر تاش ياڭاق،
ئىچىدە ساقلانغان مېغىزى قايماق.
پەزىلەت ئەھلىگە مىسال شۇ نېمەت،
پۈتمىسەڭ، زەن سېلىپ ئەتراپىڭغا باق.
20
دەردكە لىق تولدى ئىچىم، ياتقاچ توراپ ئالدىمنى ئىت،
ھەر ئۈگەم ئاغرىيدۇ چاققاچ شۇم چايانۇ بۈرگە، پىت.
ئاشقىنىمدىن مىڭ داۋان تەس ئۆز ئۆيۈمگە كىرمىكىم،
چۈنكى مورلايدۇ بېغىمغا قىر-قاشا قىلغان شۇ چىت.
21
ياسىلار تۆمۈردىن بولقايۇ سەندەل،
تۆمۈر __ ئۇ ئارىدا سوقۇلغانمۇ دەل.
بىزگىمۇ يەتتى شۇ قىسمىتى شورلۇق،
شۇڭلاشقا تۆلەيمىز ئۆمۈردىن بەدەل.
22
سەمىمىي قەلبتىن تۆكۈلەر چىن گەپ،
لەۋزىدىن مەلۇم، ئۇ كۆزلىمەيدۇ نەپ.
سوتلىغاچ ئۆزىنى ۋىجدان سوتىدا،
جىنايەت ئۆتكۈزمەس، پايدىسىنى دەپ.
23
قاراپ باق، بۇ جاھان مېھمانلىرىدىن ئۆلمىگەن كىم بار؟
داۋاملىق چاچ يۇلۇپ، پەرياد ئۇرۇپ، شاد كۈلمىگەن كىم بار؟
ياشا شاد، سۈر ھايات، سۆيگۈ -مۇھەببەت پەيزىنى ھەر دەم،
تېخى تۇپراق تېشىدا سەن، ئاڭا كۆمۈلمىگەن كىم بار؟!
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:رۇبائىي]]
[[تۈر:ئابدۇرېھىم زۇنۇن]]
ggcza7yzkhytupannpfvc0xu3camk9k
رۇبائىيلار (تېيىپجان ئېلىيوف)
0
24669
176365
2026-08-30T07:54:55Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ' [[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:رۇبائىي]] [[تۈر:تېيىپجان ئېلىيوف]] قەترىدىن تولىدۇ دېڭىزنىڭ قىنى، دېڭىزسىز ئۈزەلمەس ھايات يەلكىنى. ئەگەر مىننەت قىلساڭ ئۆز قەترەڭنى سەن، ئۈزۈپ باققىنا شۇ قەترەڭدە، قېنى. نامەردلەر قورقۇنچاق كېلىدۇ قەۋەت، بۇ شەكسىز ھەقىقەت...'
176365
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:رۇبائىي]]
[[تۈر:تېيىپجان ئېلىيوف]]
قەترىدىن تولىدۇ دېڭىزنىڭ قىنى،
دېڭىزسىز ئۈزەلمەس ھايات يەلكىنى.
ئەگەر مىننەت قىلساڭ ئۆز قەترەڭنى سەن،
ئۈزۈپ باققىنا شۇ قەترەڭدە، قېنى.
نامەردلەر قورقۇنچاق كېلىدۇ قەۋەت،
بۇ شەكسىز ھەقىقەت ئەزەلدىن ئەبەت.
ياق، ئۇنىڭ بار دېسەڭ قورقمايدىغىنى،
ھە راست، ئۇ قورقمايدۇ نومۇستىن پەقەت.
تال-تال كۈمۈش چاچلىرىڭنى ماڭا بەر، ئانا،
تەشۋىشىڭنى بىللە قوشۇپ ئۆتكۈزگىن ماڭا.
سېنىڭ ئۆلمەس بەختىڭ بىلەن بىللە ياشايمەن،
ياشلىقىمنى، شاتلىقىمنى بەخش ئېتىپ ساڭا.
مۇبادا راست بولسا ئەيسا قىسمىتى،
ۋە ماڭا پۈتۈلسە ئۇنىڭ جەننىتى.
مەن ئۈچۈن دوزاخ بۇ، چۈنكى زەھەرغۇ،
ۋەتەننىڭ ھىجرىدە جەننەت لەززىتى.
دىلبەرنىڭ كۆزىدىن كۈلكە ئاختۇرۇپ،
يېلىنىپ يالۋۇرسام شۇنچە ئاھ ئۇرۇپ.
ئۇ دېدى: كۆزۈمدىن كۈلكە ئىزدېسەڭ،
رەقىبنىڭ كۆزىگە قادال ئوق بولۇپ.
بۇ بىنالار بەلەن بولدى ھەممىدىن،
(بۇ تېخى بىر ۋاراق بەخت تومىدىن).
نەدىن كەلدى دەيسەن، نەدىن كېلەتتى،
تۈنۈگۈن بىز قازغان ئاكوپ-گەمىدىن!
ھاقارەت تۆھمىتى كەلسە ھەرقاچان،
ئۇنى قاراقچىدەك سېزىسەن ھامان.
مېھماندەك كېلىدۇ ماختاش تۆھمىتى،
لېكىن ئۇ قاراقچىدىن مىڭ ھەسسە يامان.
سۆيگۈڭگە كېلىدۇ تالاي خېرىدار،
ۋىجدانغا باي بولساڭ بولدۇڭ ئېتىبار.
ئەگەر سۆيگۈڭ بولسا بەڭۋاشلىققا باي،
ۋىجدان گادايلىقى قىلار سېنى خار.
شېئىر يازمىقىم ھەۋەستىن ئەمەس،
مەن ئۈچۈن شېئىر-ۋىجدان ئىشى بەس.
پىكىر-يۈرىكىم، مىسرالار-تومۇر،
ھەرپلەر-قېنىم، ۋەزىنلەر-نەپەس!
قۇيۇن چىققاندا ھەممىدىن بالدۇر،
ئۇچىدۇ قامغاق-بىچارە مەغرۇر.
قىزىل يۇلغۇن تۇرۇپتۇ ياشناپ،
چۈنكى ئۇنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر.
ھەزەر قىل، بەزىلەر «جۆندەشكە» ئۇستا،
بىر ئىشقا ئالدىدىن ئۈندەشكە ئۇستا.
ئەپلەشسە ئۆزىنى داڭلاشقا ئۇستا،
چاتىقى چىقسىلا دۆڭگەشكە ئۇستا.
جىق ئىشقا پۇتلاشتى ھەۋەس-ھېرىسىم،
ئويلىسام، بولىدۇ كۆڭلۈم بىر قىسىم.
ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرمىگەنلەرگە،
كېلىدۇ ئەمدى ئەجەپ ھەۋىسىم.
تېرىق يەپ ماڭغانلار ئۇزۇن سەپەرنى،
قان بىلەن يېزىشتى قانلىق ئەسەرنى.
شۇنداق ئەسەرنى يىرتىشنىڭ ئۆزى،
ئۇرغانلىق ئەمەسمۇ تاشقا گۆھەرنى.
ئۇزۇن سەپەردىن ئېچىلغاندا گەپ،
قاتنىشالمىغانغا قىلاتتىم ھەسرەت.
ئەمدى ئويلىسام، ئۇزۇن سەپەرمۇ،
ھازىرمۇ بار ئىكەن، قېنى سەن، جۈرئەت؟
ئىمتىھان بەرمەي ئاق قەغەز بېرىپ،
يۈرۈشتى بەزىلەر كۆكسىنى كېرىپ.
ئۇنداقلار ھەرگىزمۇ تىكمەيدۇ كۆچەت،
مېۋىنى يەيدۇ شېخىنى يىرىپ.
ساقاللىرىمغا خېلى ئاق كىردى،
رەڭگىمگە، ياشلىققا يات سىياق كىردى.
بىراق، توۋلاش ئۈچۈن يېڭى ناخشىنى،
كۆڭلۈمگە تېخىمۇ ئىشتىياق كىردى.
مېنىڭلا راست دېيىش خەتەر شۇ قەدەر،
شۇنداق دەپ بولىدۇ ئادەم زومىگەر.
شەكسىزكى، ھەممىنى مۇشتلىغانلارنىڭ،
ماكچىيار تۇمشۇقى ھەممىدىن بەتتەر.
كىمىكى مەستانە بولسا شۆھرەتكە،
بولىدۇ موھتاج ئۇ خوشامەتكە.
ساختا شۆھرەتتىن ئالتۇن تاپقانلار،
ئايلىنار ئاخىرى ئۆزى ئەخلەتكە.
مەرتىۋە قوغلىشىپ تاپماق ئەتىۋار،
پەسكەشلەرگە لايىق ئىقتىدار.
خەلقنىڭ ئاددىي چاكىرى بولماق،
ئەمەلدار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئىپتىخار.
چاقچاق قىلمايمەن قانۇنىيەتكە،
بويسۇنمايدىكەن شەخسى نىيەتكە.
ئۇنىڭغا بوزەك بولمايدىكەنمەن،
تايانسام پەقەت سەمىمىيەتكە.
ئېگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى،
مېۋىسى قانچە ئوخشىغانسېرى.
كەمتەرلىك بىلەن ئادەم چىرايلىق،
سەتلىشىدىكەن غادايغانسېرى.
سۆكۈشلەرگە بەرداش بېرىپسەن،
بۇ خىسلەت بىلەن يېرىم يىگىتسەن.
پۈتۈن يىگىت بولىمەن دېسەڭ،
ماختاش ئالدىدا كەتمە ئېرىپ سەن.
ھەممىمىز سۆزلەيمىز ھەققانىيەتتىن،
بىراق ئاشالمايمىز ئىمكانىيەتتىن.
نېمىمىز توغرا، نېمىمىز خاتا،
سورايلى، يولداش، ئەمەلىيەتتىن.
زەر زۇننارغا شەيدا بولۇپ مۇنچىلىك،
بويۇنغا ئاسماقلىق ھاجەت قانچىلىك.
زىننەت مەستانىسىگە ياراشماپتۇ ئۇ،
تۆگىگە كولدۇرما ياراشقانچىلىك.
موزدوزلۇقنى ئۆگەندىم ئىشقىمنى بېرىپ،
يىگىرمە يىل ئىشلىدىم غۇلاچنى كېرىپ.
كېيىن گىلەم توقۇشقا يۆتكىگەن ئىدى،
قويدۇم ئىككى خالۋاپنىڭ بېشىنى يېرىپ.
بىر ئېشەك بېشىغا ئوراپ سەللىنى،
قاپتۇ بەك كۈلكىگە دوراپ موللىنى.
تېخىمۇ كۈلكىلىك ئەمەسمۇ مېنىڭ،
تۆرگە باشلىغىنىم «تەقسىر» دەپ ئۇنى.
چاغلىقتۇر دۈشمەننىڭ ئەزۋەيلىگىنى،
يامىنى يوشۇرۇن قەستلەيدىغىنى.
خەتەرلىك ئەمەسمۇ قاۋىغان ئىتتىن،
ئەركىلەپ تۇرۇپلا چىشلەيدىغىنى.
ئۇرۇشتىن كېيىن بىر قەھرىمان چىقتى،
ئاۋازى ھەممىدىن بەك يوغان چىقتى.
بىراق، شېھىت قېنى تىلغا كىرگەندە،
ئۇنىڭ ئاغزىدىن نە زۇۋان چىقتى.
مەرد ئېيتتى: «رەنجىم يوق باغلانغىنىمدىن،
بۇ مېنىڭ خاتا ئىش تۇتقانلىقىمدىن.
مىڭ ئەلا ھەق سۆزدە قارىلانغىنىم،
يالغانغا يۆلىنىپ ئاقلانغىنىمدىن.»
دېۋېدىڭ: «بولمايدۇ ھېساب ئۆگەنمەي،
ھېسابنى ھەر ياڭزا ياساپ ئۆگەنمەي.»
ئاخىرى سوتلاندىڭ باغلىنىپ چۈنكى،
ھېسابتىن ئىلگىرى ئىنساب ئۆگەنمەي.
ئەيىبىڭنى سۆككەندىن كەتتىڭ يۈز ئۆرۈپ،
ماختىغانلار قاچتى سېنى ئۆڭتۈرۈپ.
ھەي نادان، بوۋايلار دېمىگەنمىدى:
«دوست ئېيتار يىغلىتىپ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ.»
راستىنلا كۆپ ئىكەن دۇنيانىڭ سىرى،
سوئالىم كۆپەيدى تونۇشقانسېرى.
يېشىپ باقماق بولدۇم خېلى تۈگۈچنى،
تېخىچە يېشىلىپ بولماپتۇ بىرى.
ئادەم مەنسۇپ دېسە مايمۇن نەسلىگە،
ئىشەنمەك شۇنچە تەس قاراپ ھۆسنىگە.
ئادەمگە ئايلىنىش شۇنچە تەس ئىكەن،
ئەپسۇس ئاسان ئىكەن يانماق ئەسلىگە.
ئۆزۈڭدىن ئۆزگىنى قىلساڭ ئېتىراپ،
دېمىگىن خۇشاللىق ماڭىلا ھېساب.
رەنجىشتىن ھەر كۆڭۈل بىر ئازاب چەكسە،
رەنجىتىشتىن ۋىجدان چېكەر مىڭ ئازاب.
بىناۋا ئىشقىنى گۈلگە بېرەمدۇ؟
بۇلبۇل نەغمىسىگە ئاپىرىن دەمدۇ؟
بىر ھېكىم ھەجەپمۇ توغرا دەپتىكەن،
سەدەپنىڭ قەدرىنى دەريا بىلەمدۇ؟
ئۇستا ئىكەنسەن چىۋىن قورۇشقا سەنمۇ،
تېخى يەلپۈگۈچنىڭ سېپى بىلەنمۇ.
چىۋىن ئۇچۇپ كەتتى، بېشىم يېرىلدى،
ئۆلتۈرمەك بولغىنىڭ چىۋىنمۇ، مەنمۇ؟
باشلىققا ياقامدۇ-يوق ياخشىچاقلىق،
ياقتۇرسا ياخشىچاقنى ئۇمۇ چاغلىق.
يۆلىنىپ ياخشىچاققا غادايسا كىم،
بەرىبىر، بېشى ئۇنىڭ ساڭگىلاقلىق.
كۆرگەندە قارانچۇقنى قۇشقاچ كېلىپ،
دەسلەپتە ئۈركۈپ قاچتى ئادەم بىلىپ.
ئەتىسى «كارامەت»نى ئۇقۇپ قېلىپ،
ئوينىدى ھەتتا ئۇنى قونداق قىلىپ.
كوتۇلداپ ئۇنىڭ-بۇنىڭ ئارقىسىدىن،
قىزغانسا كىمكى ئەلنىڭ ئالقىشىدىن.
ئازابتا ئۆتەر ئۆزى زەھەر يۇتۇپ،
نېسىۋە ئېلىپ ئەلنىڭ قارغىشىدىن.
ئۇلۇغ دەريا سۈيى ئاقار مۇلايىم،
قىيساڭ ساي سۈيىنىڭ غوۋغاسى ئايرىم.
كۆكسى كەڭ ئىنساننىڭ كۆڭلى خاتىرجەم،
كۆكسى تارنىڭ كۆڭلى پەرىشان دائىم.
ئەل نېمىگە سۆيۈنسە، زوقلانساڭ شۇڭا،
ئەل نېمىدىن يىرگەنسە، ھومايساڭ ئاڭا.
ئالقىش تۇرماق، راھەتتۇر ھەتتا ھاقارەت،
بۇندىن ئارتۇق ئىپتىخار نە ھاجەت ساڭا.
ئېچىلساڭ رەڭگىڭدىن گۈلىستان كۆرىمەن،
تۇتۇلساڭ، گوياكى زېمىستان كۆرىمەن.
مەن يېلىڭ ئاشىقمەن، ئىللىقلىققا موھتاج،
زېمىستان سوغۇقنى بەك يامان كۆرىمەن.
تىللىدىم ساقىينى: «چىقسۇنا جېنىڭ،
بۇلغامسەن شۇنچىلا ئەقلىمنى مېنىڭ؟»
دېدى: «نەپسىڭ كەلدى دېۋەيلەپ ماڭا،
كۆرۈپتۇ كىم بۇنداق ئەقلىڭنى سېنىڭ؟»
ياماننىڭ دەستىدىن شۇنداق دېدىمكى:
«نېمە بىر قىلغىنىم باردۇر مېنىڭكى؟»
ئاقىل دېدى: «بەلكى، بىلىپ يا بىلمەي،
يامانغا يانتاياق بولغانمىدىڭكى...»
كۈندۈزى تۆت ئاغىنەم بىللە ئىدى،
يولۋاسمۇ مۈشۈكچىلىك كۆرۈنمىدى.
ئاخشىمى يالغۇز مېڭىپ چاشقان بولدۇم،
ئالدىمغا مۈشۈك ئۇچراپ قېلىۋېدى.
بىر يەردە ئېغىز-بۇرۇن يالىشىدۇ،
بىر يەردە بىر سۆڭەكنى تالىشىدۇ.
دەيدىكەن شۇنداق تۇرۇپ: «چىن ئىنسان بىز،
ئۇنداق ئىش ئىتلارغىلا يارىشىدۇ.»
رىياكار سوپىلار مەككار كېلىدۇ،
يوغان سەللىنى دەستەك قىلىدۇ.
غەرەزسىز ئادەملەر ساختا سەللىدىن،
راست پايپاقنى ئەلا بىلىدۇ.
قەدىرلىك سانىلار كىم قىلسا ھىممەت،
مىننەتنى بىلمەسلىك ئۇنىڭدىن قىممەت.
پاك نەرسە بولسىمۇ ھىممەتنىڭ ئۆزى،
بۇلغىنىپ كېتىدۇ قوشۇلسا مىننەت.
كۆرۈپ تۇرۇپ ئوغرىنىڭ تام تەشكىنىنى،
قاراڭلار! مېنى قارا باسقىنىنى.
ئوغرىغا ھامىي بولۇپ گەپكە قالدىم،
پاسكىنا بولدۇم ئاياپ پاسكىنىنى.
«پۇشايمان يەيدۇ — دېدى بىرى ماڭا،
چۈشەنمەي كىم خاتا مۇشت ئاتسا ساڭا.
بەتنىيەت قەستەن خاتا قىلار شۇڭا،
خاتاغا ئىقرار بولۇش ئۆلۈم ماڭا.»
hwmxo3iheabrrgj1i06d9naicopcak5
رۇبائىيلار (ئەھەدى)
0
24670
176366
2026-08-30T07:57:23Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ' [[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:رۇبائىي]] [[تۈر:ئەھەدى]] (1) ھايات — شام، ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يېنىق، كەلدىڭمۇ جاھانغا، كەتمىشىڭ ئېنىق. شۇ «كېلىپ-كەتمەك»نىڭ ئۆزى بىر سوئال، جاۋابقا ھازىر بول، ئۆچكىچە تىنىق! (2) ئوخشايدۇ ئېتىزغا ھاياتنىڭ يولى، مېھنەتكە باغلىقتۇر...'
176366
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:رۇبائىي]]
[[تۈر:ئەھەدى]]
(1)
ھايات — شام، ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يېنىق،
كەلدىڭمۇ جاھانغا، كەتمىشىڭ ئېنىق.
شۇ «كېلىپ-كەتمەك»نىڭ ئۆزى بىر سوئال،
جاۋابقا ھازىر بول، ئۆچكىچە تىنىق!
(2)
ئوخشايدۇ ئېتىزغا ھاياتنىڭ يولى،
مېھنەتكە باغلىقتۇر ئۇنىڭ ھوسۇلى.
نېمىنى تېرىساڭ ئالىسەن شۇنى،
دېمەككى، مۇھىمدۇر تېرىش ئۇسۇلى.
(3)
ئادەمگە ئادەملىك زىننىتى ئەلا،
نە زىننەت، شان-تۆھپە، مېھنىتى ئەلا.
ئەبەدىي ئەمەستۇر ئادەمگە ياشاش،
دېمەككى، ھەر دەقىق قىممىتى ئەلا!
(4)
ئالەمدىن ئادەمدەك ئۆتكىنىڭ خوپتۇر،
«ئويناش»تىن ئويلاشقا كۆچكىنىڭ خوپتۇر.
مەي ئىچسەڭ چىرايلىق ھايا بىلەن ئىچ،
بولمىسا سوغۇق سۇ ئىچكىنىڭ خوپتۇر.
(5)
ھايات ۋە ماماتنىڭ ئارىسى بىر قاش،
قاش كەتسە شاھ، گادا... ھەممىسى ئوخشاش.
بەرىبىر ئوخشاشقۇ بارار جايىمىز،
نېمەڭگە يوغانلىق قىلىسەن ئاداش!
(6)
سەن نېمە، مەن نېمە، ئوخشاشلا ئادەم،
مېنى پەس چاغلىما، ئۆزۈڭنى ھاتەم.
ئۇچارمىش پاختەكمۇ بەزىدە ئوڭدا،
ئالمىشىپ تۇرارمىش توي بىلەن ماتەم.
(7)
ئادەمدە كۆز ئىككى، ئەمما ئېغىز بىر،
مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر ھېكمەت، ئەمەس سىر.
ناۋادا ئالماشسا ئېغىز بىلەن كۆز،
ھالىمىز نە بولۇپ كېتەتتى، يا پىر...!
(8)
ئەي كۆڭۈل، ياخشىنىڭ ئاشىناسى بول،
زاۋالسىز ئەسكىنىڭ ئىستىلاسى بول.
پاراغەت تەختىنىڭ شاھى بولغىچە،
ئەل-ۋەتەن ئىشقىنىڭ مۇپتىلاسى بول.
(9)
مەيلى سەن باي ياكى گادايدىن تۇغۇل،
بول ئاۋۋال ياخشى قىز، ۋاپادار ئوغۇل.
تۇزكورنىڭ دۇئاسى بولمايدۇ مەقبۇل،
بولسىمۇ بىر ئۆمۈر تائەتكە مەشغۇل!
(10)
بالىلىق چاغلىرىم قۇچاقتا ئۆتتى،
ياشلىقىم يالقۇنلۇق ئوچاقتا ئۆتتى.
قېرىلىق يېقىنلاپ كەلگەندە ئۆمرۈم،
يۈرەككە قادالغان پىچاقتا ئۆتتى...!
hw4ygmxrfe3ngf56x58cr7bpqxth5am
رۇبائىيلار (ئابابەكرى ئالىم)
0
24671
176367
2026-08-30T07:59:46Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ' [[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:رۇبائىي]] بەزىلەر دولاڭغا ئۇرۇپ قويىدۇ، «لەببەي» دەپ يېنىڭدا تۇرۇپ قويىدۇ. ئويلىنىپ باسمىساڭ ھەر بىر قەدەمنى، يولۇڭغا قاپقاننى قۇرۇپ قويىدۇ. پىتنىخور غەيۋەتچى سۆزىدىن ئايان، قاش ئېتىپ ئويناتقان كۆزىدىن ئايان. پۈتمىسەڭ س...'
176367
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:رۇبائىي]]
بەزىلەر دولاڭغا ئۇرۇپ قويىدۇ،
«لەببەي» دەپ يېنىڭدا تۇرۇپ قويىدۇ.
ئويلىنىپ باسمىساڭ ھەر بىر قەدەمنى،
يولۇڭغا قاپقاننى قۇرۇپ قويىدۇ.
پىتنىخور غەيۋەتچى سۆزىدىن ئايان،
قاش ئېتىپ ئويناتقان كۆزىدىن ئايان.
پۈتمىسەڭ سۆزۈمگە قاراپ باق ئۇنىڭ،
ئەلەمدە تاتارغان يۈزىدىن ئايان.
ماختانچاق ھەر قاچان يۈرەر ماختىنىپ،
مەدھىيە ئالقىشقا ئۆتەر ئالدىنىپ.
ئۇنداقلار بىر مەھەل تاپسىمۇ بازار،
ئاقىۋەت زاماندىن قالار شاللىنىپ.
lmznvy2szxrqpilkiz10gs2ysmwf72p
قەدەھتە تاشقان رۇبائىيلار
0
24672
176368
2026-08-30T08:02:05Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ' [[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:رۇبائىي]] '''نۇرمۇھەممەت ھاشىم''' 1 شارابنى كۆپ ئىچتىم غەرق مەست بولدۇم، ئۆزۈمنى ئىگىلەپ شاھ-خاقان بولدۇم. ئىشقىمنىڭ گۆھىرى تاشتى خەزىنەمدىن، ھەممىدە بار بولدۇم، ھەمدە يوق بولدۇم. 2 كېچە-كۈندۈز شارابىمنى خۇش ئىتە...'
176368
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:رۇبائىي]]
'''نۇرمۇھەممەت ھاشىم'''
1
شارابنى كۆپ ئىچتىم غەرق مەست بولدۇم،
ئۆزۈمنى ئىگىلەپ شاھ-خاقان بولدۇم.
ئىشقىمنىڭ گۆھىرى تاشتى خەزىنەمدىن،
ھەممىدە بار بولدۇم، ھەمدە يوق بولدۇم.
2
كېچە-كۈندۈز شارابىمنى خۇش ئىتەي،
جور بولۇپ يار ساڭا توختىماي ئىچەي.
سىمايىڭ چاقنىغان مەيگە قاراپلا،
بىر ئۆمۈر ئولتۇرۇپ مەست بولۇپ ئۆتەي.
3
قەدەھتە سۈزۈك مەي تىترەر تولۇن ئاي،
مەستانە بولغانچە كۆزۈڭگە قاراي.
مىسلىسىز گۈزەلدۇر ئاشۇ دەقىقە،
بىر ئۇلۇغ ئېقىندەك ئۆركەشلەپ ئاقاي.
4
مۇھەببەت شارابتۇر، شاراب مۇھەببەت،
بىرسىلا بولسىمۇ رازىمەن پەقەت.
مۇھەببەت شەربىتى مەست قىلسا مېنى،
شارابنىڭ لەززىتى ئۇنىڭدىن دەھشەت.
5
سەن ئاشىق بولمىساڭ ئىچمىگىن شاراب،
ۋە ياكى ئاشىق بول ئىچكەندە شاراب.
بىرسىمۇ بولمىسا سەندە ناۋادا،
جىممىدە ئولتۇرغىن ئۆزۈڭگە قاراپ.
6
مەندە بار بىر يۈرەك مەستۇ-مەستانە،
سۆيگۈگە لىق تولغان گۈل-گۈلىستانە.
مەن گۈلىستاندا ھەم گۈلىستان مەندە،
كەيپ مەن ئۆزۈمدە قىلىپ سەيلانە.
jsaphivkg2b1ab0gm92u1w0kj8jwg0x
رۇبائىيلار (ئاپتورى نامەلۇم)
0
24673
176369
2026-08-30T08:04:53Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ' [[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:رۇبائىي]] ئەمەل ۋە مەرتىۋە چوڭ نەرسە ئەمەس، قىلمىسۇن دىلىڭنى ئۇنىڭ زوقى مەس. ئەمەل – تاج سۈرىدىن ئىزدىسەڭ ھۆرمەت، ئاۋامنىڭ قەلبىدە ئورنۇڭ بولۇر پەس. مەي تۇتسا ناۋادا ساڭا بىر رايىش، گەر سۇلتان بولساڭمۇ بەر ئاڭا ئا...'
176369
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:رۇبائىي]]
ئەمەل ۋە مەرتىۋە چوڭ نەرسە ئەمەس،
قىلمىسۇن دىلىڭنى ئۇنىڭ زوقى مەس.
ئەمەل – تاج سۈرىدىن ئىزدىسەڭ ھۆرمەت،
ئاۋامنىڭ قەلبىدە ئورنۇڭ بولۇر پەس.
مەي تۇتسا ناۋادا ساڭا بىر رايىش،
گەر سۇلتان بولساڭمۇ بەر ئاڭا ئالقىش.
مۆمىننىڭ ئالدىدا غادايماق ئاسان،
ھەممىدىن كۈلكىلىك ياۋاشقا كايىش.
چۈشسە گەر بىراۋنىڭ ھاجىتى ساڭا،
قولۇڭدىن كەلسە قىل ئىلتىپات.
سۇ ئىچىش مۇمكىنمۇ ئېڭىشمەي تۇرۇپ،
ئويلاپ كۆر، نە سەۋەب ئەڭ ئۇلۇغ ئانا؟!
رىزقىڭغا ھالاللىق ئىزدىسەڭ ئەگەر،
ئۆزگىنىڭ ئەجرىگە بولما تەمەگەر.
بىمىھنەت شۇنچىلىك بولارمۇ قىممەت،
سايدىكى تاشلارنىڭ بەرى بولسا زەر؟
تىلەيسەن دوستۇڭدىن سەمىمىيەتنى،
تىلەيدۇ ئۇ سەندىن خالىس نىيەتنى.
بېغىڭغا جۇت تەگسە، قوغدىماي تۇرۇپ،
كۈتكىنىڭ نېمىسى شېرىن – شەربەتنى؟!
مەيلىچە ھېچكىمنىڭ ئۆلگۈسى كەلمەس،
تىرىكنىڭ جەننەتنى كۆرگۈسى كەلمەس.
بولسا گەر شۇ جەننەت ئاخىرەتتە راست،
موللىلار ھېچقانداق پايىندا يۈرمەس.
راستتىنلا جەننەت بار دېسەڭ باقىيدا،
تاۋۇتقا چىققىن تېز قالماي ئارقىدا.
ئۆزگىنى جەننەتكە ئۈندەيسەن، بىراق،
سەن يەنە يۈرىسەن پىنھان – دالىدا.
كىيمىسەم بېشىمغا تومۇزدا كۇلا،
دېدىڭسەن «باشتاقلىق بەك ئېغىر گۇناھ».
تەر باسقان شۇ سەللەڭ ئەزىزمۇ باشتىن،
ئەسلىدە قايسىنى ياراتقان خۇدا؟!
ئۆلگەنلەر كەتتى، بىز يىغلىشىپ قالدۇق،
ھەتتاكى مازارغا ئۇزىتىپ باردۇق.
كەتكەنلەر كەتتى، بىز __ تىرىك قالغانلار،
«ئۆلگەن»نىڭ ئىشىدىن نە ساۋاق ئالدۇق.
نەپ دېسە توخۇدىن دان تىلەر دوستۇم،
قىزارماي مۈشۈكتىن نان تىلەر دوستۇم.
زامانە ئاخىردا پايدا بار دېسە،
ھەتتاكى ئۆلۈكتىن جان تىلەر دوستۇم.
ئىتلارنىڭ چىشلىشى چىشىدىن مەلۇم،
مەككارنىڭ ھىيلىسى ئىشىدىن مەلۇم.
سىرتى گۈل، ئىچىدىن توڭگۇز ماڭارنىڭ،
سەن كۈلسەڭ، يىغلىغان يېشىدىن مەلۇم.
ئىنسانغا قىممەتتۇر ئىنسانلىق خىسلەت،
ھايۋانىي قىلمىشلار ئادەمگە ئىللەت.
تونۇماي يۈرسە گەر ئۆز نۇقسانىنى،
يوقىلار تارىختىن شۇ نادان مىللەت.
ئۆزىچە پۈتمەيدۇ ئىمارەت – بىنا،
قانچىلىك ئادەمسەن، ئۆزۈڭنى سىنا.
ۋە لېكىن قىلالماي ھېچقانداق ئىشنى،
قويمىغىن قىلغاننىڭ پۇتىغا مىنا.
miu7m2i7q25y31yvq3ohop8tp27z7ju
رۇبائىيلار (ئابابەكرى ئابدۇقادىر)
0
24674
176370
2026-08-30T08:06:41Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت '[[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:رۇبائىي]] ھاياتلىق مەشئىلى دېھقاندۇر ئەسلى، چېھرى ھەم گوياكى باھار، ياز پەسلى. ئۇ شۇنداق ساددا ھەم سۆيۈملۈك ئىنسان، كۆڭلىدە يوق پەقەت ھىيلىسى-قەستى. ئۆز تەرىڭ، ئەجرىڭدىن يېتىشتۈرگىن باغ، شۇندىلا خاتىرجەم چاينايسەن گۆش-ياغ...'
176370
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:رۇبائىي]]
ھاياتلىق مەشئىلى دېھقاندۇر ئەسلى،
چېھرى ھەم گوياكى باھار، ياز پەسلى.
ئۇ شۇنداق ساددا ھەم سۆيۈملۈك ئىنسان،
كۆڭلىدە يوق پەقەت ھىيلىسى-قەستى.
ئۆز تەرىڭ، ئەجرىڭدىن يېتىشتۈرگىن باغ،
شۇندىلا خاتىرجەم چاينايسەن گۆش-ياغ.
قولۇڭنى ئۇزارتساڭ بىراۋ مۈلكىگە،
چۈشىدۇ يۈزۈڭگە ئۆچمەس قارا-داغ.
كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمىگىن دوستۇم،
بىھۇدە ھىجىيىپ كۈلمىگىن دوستۇم.
كۈن چۈشسە بېشىڭغا ئەگەر بىر كۈنى،
يېشىڭنى يامغۇردەك تۆكمىگىن دوستۇم.
3b5xv4ny7sa651lh2s3lbbssygg6of2
رۇبائىيلار (ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)
0
24675
176371
2026-08-30T08:10:22Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت '[[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:رۇبائىي]] [[تۈر:ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر]] '''رۇبائىيلار (1)''' '''ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر''' (1) قەلەم سۇندى، ئەلەم ئەزدى دىلىمنى، شامال دارىپ كىكەچ قىلدى تىلىمنى. قولۇم تۇتماس، پۇتۇم باسماس پالەچ مەن، نېمەم بىلەن قىلاي رازى ئېلىمنى؟ (2) قارا ي...'
176371
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:رۇبائىي]]
[[تۈر:ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر]]
'''رۇبائىيلار (1)'''
'''ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر'''
(1)
قەلەم سۇندى، ئەلەم ئەزدى دىلىمنى،
شامال دارىپ كىكەچ قىلدى تىلىمنى.
قولۇم تۇتماس، پۇتۇم باسماس پالەچ مەن،
نېمەم بىلەن قىلاي رازى ئېلىمنى؟
(2)
قارا يىللار بۆشۈكىدە تۇغۇلدۇم،
تۇغۇلدۇميۇ، قەپەز ئىچرە بوغۇلدۇم.
ئۆمرۈم مېنىڭ ھەسرەت بىلەن ئۆتەرمۇ؟
ئەلگە خىزمەت قىلاي دېگەن ئوغۇلتۇم.
(3)
يوق ئىدىم، بىر كېچىدە بار قىلدى مېنى،
بار قىلدىيۇ، جاپاغا دۇچار قىلدى مېنى.
يەتمەسمىدى شۇ، پەرزەنت تاپقىنىم نېمە؟
ساراڭلىقىم تولا گۇناھكار قىلدى مېنى.
(4)
مېنىڭ مەن بولمىقىم ئۆز مەيلىم ئەمەس،
يا ئورۇق-سېمىزلىك تۈپەيلىم ئەمەس.
ئۆز يۇرتتا مۇساپىر، ئۆز يۇرتتا غېرىب
بولمىقىم ھەرگىز ئۆز خۇي-پەيلىم ئەمەس.
(5)
تىرىك دېسەم تىرىكلىكتىن مەنى يوق،
ئۆلەي دېسەم ئۆلمىكىمگە باھانە يوق.
كۈندە خىيال، كۈندە تەشۋىش، كۈندە غەم،
دەردىم ئېيتسام دەردكە دەرمان دانا يوق.
(6)
بۇ نىچۈك تۇرمۇشكى ئەمدى، پاك كىشى ئاندىن بىزار،
تەن بىزار جاندىن يەنە جانمۇ ھەم تەندىن بىزار.
كۆڭلۈم ئىستەر مەڭگۈلۈك خىلۋەت ماكان،
ۋاھ ئەجەبكىم! دىلمۇ بۇ جاندىن بىزار.
(7)
ئىلمىڭ بولدى نېمىيۇ، ئەقلىڭ نېمە؟
ئادىمىيلىك خىسلىتىڭ، پەزلىڭ نېمە؟
باقمىسا دەۋران ساڭا كۈلمەس گۈلۈڭ،
قانچىلىك سىڭگەن بىلەن ئەجرىڭ نېمە؟
(8)
قارۇنغا خەزىنىيۇ، ئەيساغا ئېشەك،
چىۋىنگە قەنت-شىكەر، ھۇماغا سۆڭەك.
نېمە بۇ بۇنچىلىك بىدادلىق، سىتەم؟
قاچانمۇ تۈزىلەر رەپتارى پەلەك؟
(9)
تۆرەلمەكلىك مېنىڭ ئۆز ئىشىممىدۇر؟
تۇغۇلماقلىق مېنىڭ خاھىشىممىدۇر؟
ئانامنىڭ قارنىغا سىغقان ئىدىمكى،
جاھانغا سىغمىغان شۇ بېشىممىدۇر؟
(10)
ئۈمىد پەرقلەندۈرەر بىزنى شەيتاندىن،
ئۈمىدسىز — شەيتان ئىمىش بىنەسىپ جاندىن.
مەڭگۈلۈك زۇلمەتتە قالماس بۇ ۋەتەن،
ئۈمىدنى ئۈزمىگىن سەن سۇبھى تاڭدىن.
'''رۇبائىيلار (2)'''
'''ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر'''
(1)
قاياشتۇر ئاي بىلەن قۇياش ئۆمۈربات،
قۇياشسىز قالسا ئاي بولۇر زۇلۇمات.
ھاياتىم بۆشۈكى شۇ ئانا ۋەتەن،
ۋەتەنسىز نە قىلسۇن بۇ تەندە ھايات؟
(2)
ئۆستۈردى قوينىدا مېنى شۇ تۇپراق،
ئۆلسەممۇ ماڭا ئۇ بولغۇسى يۇمشاق.
شۇ ۋەتەن ئىشقىدىن ئۇلۇغ نېمە بار،
سىغمايدۇ كۆڭلۈمگە بۆلەك ئىشتىياق.
(3)
مەجنۇن تال قەددىنى ئېگىپ مۇلايىم،
سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم.
سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا
بۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم!
(4)
ھەر قانچە ئېگىزدە قوش پەرۋاز قىلار،
ئوزۇغى، ئۇۋىسى يەر ئۈزرە بولار.
يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بېشىڭ،
پۇتلىرىڭ ھامان شۇ تۇپراقتا تۇرار.
(5)
ئانا سۈتى ئاقارتقاي دىلىڭنى سېنىڭ،
مەرىپەت يورۇتقاي يولۇڭنى سېنىڭ.
ۋەتەنگە مۇھەببەت كۈچ-ئۈمىد بېرىپ،
پەلەككە يەتكۈزگەي قولۇڭنى سېنىڭ.
(6)
تاھىرغا ئۆزىنىڭ زۆھرىسى ياخشى،
مەجنۇنغا ھۆردىنمۇ لەيلىسى ياخشى.
مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمغا،
ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.
(7)
جاھاندا ئىككى نەرسە مەڭگۈ ئۆلمەس،
بىرى خەلق، بىرى «ھەق ئېگىلەر سۇنماس».
بۇلۇت گەرچە توسار بەزىدە قۇياشنى،
قۇياش ئۆچمەس، يۈزىگە توزان قونماس.
(8)
چىۋىننىڭ قانىتى ئاينى ياپالماس،
چۈمۈلە ھارۋىنى يولدىن توسالماس.
ئالقانچە يەردىكى قۇياش نۇرىنى
مىڭ ھارۋا توپىمۇ ھەرگىز كۆمەلمەس.
(9)
باھار كەتسە توزار گۈلشەندە غۇنچە،
تىرىكنىڭ قەدرىمۇ كۆز يۇمۇلغۇنچە.
لېكىن ئۆلمەس كىشىلەر ھەم بار جاھاندا،
قۇياشنىڭ ئۆمرى قانچە، ياشار شۇنچە.
(10)
ئاقار دەريا يۈزىمۇ قىشتا مۇزلار،
قىزىلگۈلنىڭمۇ بىر كۈن خازانى بار.
ئۇلۇغ غايە بىلەن سوغۇرۇلسا دىل،
ئۇنىڭدا ھەمىشە تۆت پەسىل باھار.
(11)
بىراۋلار ئەلگە قىلدى جاننى قۇربان،
بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان.
ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز-تاۋۇشسىز،
قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇققانغا مىكىيان.
(12)
كىشىكىم مەيلى شاھ، مەيلى گادادۇر
ۋە مەيلى دانىشمەن، مەيلى سىپاھدۇر.
دېڭىزدىن تامچە بىز ھەرقاندىقىمىز،
ئادەمزات تارىخى بۇڭا گۇۋاھدۇر.
(13)
مېنى باغدىن ئەمەس چۆلدىن ئىزلەڭلار،
ۋە يا باغراش دېگەن كۆلدىن ئىزلەڭلار؛
ئۇنىڭدىن ياخشىسى ئۇزۇن سەپەردە —
يېقىلغان گۈلخاندىكى كۈلدىن ئىزلەڭلار.
(14)
چېچىپ نۇر قوغلايدۇ زۇلمەتنى گۈلخان،
ئۆزى كۈل بولۇپ دەشتتە قالار بىنىشان.
نە يەڭلىغ ئۇلۇغۋار ئۇنىڭ غايىسى،
بولالىسام كاشكى شۇ گۈلخانسىمان.
(15)
بۇلبۇل ئېيتۇر: گۈلزارىمدىن ئايرىما،
لاچىن ئېيتۇر: قاناتىمنى قايرىما.
مەن ئېيتۇرمەن: بېلىق سۇسىز نە قىلغاي،
مېنى خەلقىم قۇچىقىدىن ئايرىما.
(16)
ئۆمۈرنىڭ تولىسى ئۆتتى مەنىسىز،
قاراڭغۇ كېچىدەك ئۈنسىز، شولىسىز.
قىراۋ باستى باش ۋە ساقالنى تەڭلا،
ئەمدى قالارمۇ مەندىن بىرەر ئۆچمەس ئىز؟
(17)
ئالدىمدا بىپايان ۋادىلار، باغلار،
ئارقامدا ئاسمانغا تۇتاشقان تاغلار.
تېزلەتسەم قەدەمنى نە بەخت ئىدى؟
دەرىخا، كەلمەس ئۇ نەۋقىران چاغلار.
(18)
شاتلىق بىلەن قايغۇ قوشكېزەك ئىمىش،
مۆلدۈرگە باھارۇ-كۈز بىردەك ئىمىش.
ئۇتۇقتا يوق دېمە ئوڭۇشسىزلىقنى،
كىشىلىك ھاياتى شۇ دېمەك ئىمىش.
(19)
ئۆمۈر مەنزىلى ئاق قەغەزگە ئوخشار،
ھەر باسقان قەدەمدىن بىر ئىزىڭ قالار.
يا ماختان، يا ئۆكۈن ئۆزۈڭنىڭ ئىشى،
ئەڭ ئادىل ھۆكۈمنى ئەل ئاڭا يازار.
(20)
ئالتۇن جام ئىچرە مەي قوزغاتسا ھەۋەس،
گۈزەلنىڭ كۆزلىرى سېنى قىلسا مەس.
كۈنۈڭ ئۆتسە ئالقىش-ماختاشلار ئارا،
ئاگاھ بول، ھاياتنىڭ بۇ ئۆزى ئەمەس!
(21)
قارىغاينىڭ كۆكلىكى ئۇنىڭ زىننىتى،
تۈزلىكى ئۇنىڭكى قەدىر-قىممىتى.
ھەر كىشى قارىغايدەك بولالىسا تۈز،
ئەل ئىچرە ساقلىنار ئىززەت-ھۆرمىتى.
(22)
ئەل غېمى، شاتلىقى ئىلھامغا بۇلاق،
ئۇنىڭسىز شېئىردا بولماس خۇشبۇراق.
كۆر، ئالتۇن قاچىغا چىلانسىمۇ گۈل،
سولىشىپ كېتەر تېز بولمىغاچ تۇپراق.
(23)
ئەل ئۈچۈن يۈگۈرتسەڭ قەغەزدە قەلەم،
تاغلارنىڭ بېشىغا تىكەرسەن ئەلەم.
ۋە لېكىن سۇ قوشۇپ قويساڭ سىياھقا،
ئىزلىرىڭ تېز ئۆچۈپ چېكەرسەن ئەلەم.
(24)
شۆھرەت كەمىرىگە ئۇزاتقىچە قول،
ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئارغامچىسى بول.
تاجىدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغۇچە،
كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول.
(25)
شېئىر يازماق ئاسان، ھەق سۆزلىمەك تەس،
شائىرغا ھېرىس-تاما بولمىغاي ھەۋەس.
يازغاننى قەدىرلە ئاۋۋال سەن ئۆزۈڭ،
سېتىپ خەجلىگىلى ئۇ تاۋار ئەمەس.
(26)
بىلىمدۇر يۈگەنسىز بىر ئۇچقۇر تۇلپار،
مىنەلىگەن كىشى مۇرادقا يېتەر.
ئۇ شۇنداق ئاجايىپ مۆجىزىدۇركى،
قارا تاش ئۈستىگە تېرىساڭ ئۈنەر.
(27)
كىشى ھەر نەرسىنى بىلمەككە ماھىر،
بىلىپ بولماققا لېكىن ئۇ ئەمەس قادىر.
ئارىستودەك ھېكىممۇ ئېيتقان ئىدىكى:
«بىلگەنسېرى بىلدىم بىلمەسلىكنى ئاخىر».
(28)
قەددىڭنى پۈكۈپ سەن قىلمىغۇنچە يا،
ئاقمىسا تەرىڭدىن ۋە ياكى دەريا،
ئىندەككە كەلمەيدۇ بىلىمنىڭ قۇشى،
قەلبىڭدە گەر بولسا تېرىقچە رىيا.
(29)
بىلىم ئۇ، خۇددى چىن سۆيگۈ مىسالى،
پەرھاتقىلا مەنسۇپ شىرىن ۋىسالى؛
كىمىكى ساختىلىق قىلسا خۇسراۋدەك،
ۋىسالغا ئېرىشمەك ئۇنىڭ خىيالى.
(30)
سايلام بىلەن كىشى تۆرگە چىققان بار،
دۆلەت قۇشى قونسا ئەمەل تۇتقان بار.
ۋەلىكىن ئالىملىق مەرتىۋىسىنى
رىيازەت چەكمەستىن قاچان تاپقان بار؟
(31)
ئۆتنە-يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش،
بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش.
بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېيىش
ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ئار ئىش.
(32)
بىلمەكتىن مۇرات: نام-شۆھرەت ئەمەستۇر،
شۆھرەتكە ئىنتىلىش رەزىل ھەۋەستۇر.
بىلگەننى دان قىلىپ ئېتىزغا چاچساڭ،
ھوسۇلى ئەلگە بولسا، ئۇشبۇ بەستۇر.
(33)
ئالدىڭدا يېقىملىق شام-چىراققا باق،
كېچىنى قىلىدۇ كۈندۈزدەك ئاپپاق.
تەپەككۇر كۆزىدە ئۇنى بىر كۈزەت،
ئۆزى ئۈچۈن يانامدۇ ئۇشبۇ شام-چىراق.
(34)
ماڭلايدىن ئاقمىسا تارام-تارام تەر،
كۆكەرمەس ھېچقاچان باھاردىمۇ يەر.
بىلىم مەنزىلىمۇ تاشلىق، داۋانلىق،
نىچۈن ئالغاي مېدال جەڭدىن قاچقان ئەر؟
(35)
گەر نادان ئۆگەتسە ساڭا ئەقىل-ئىش،
كۈلۈپ قويغىن ئاڭا سەن قىلما كايىش.
ئېشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭراپ تاشلىشى
ئاتوم دەۋرىدىمۇ ئەزەلدىن بار ئىش.
(36)
دۇئا قىلسا ھەر ۋاق مۆمىن-مۇسۇلمان
تىلەيدۇ دوزاقتىن بولماقنى ئامان.
ۋەلىكىن دوزاقنىڭ ئۆزى ئېيتارمىش:
«مەن ئۆزۈم قورقىمەن ناداندىن يامان».
(37)
يولۇڭ بولسا توغرا مەردانە بولغىن،
ھەقىقەت شامىغا پەرۋانە بولغىن.
«ئېشىڭ بولسا ھالال تۆت كوچىدا ئىچ»
دەيدۇ ئەل، ھەق ئۈچۈن قۇربانە بولغىن.
(38)
كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ،
جاھان تۇرماق ھەتتا ئاسمان سىغىدۇ.
مۇبادا رەشك-ھەسەت قاپلىسا ئۇنى،
تېرىقنىڭ قاسرىقىغىمۇ ئاران سىغىدۇ.
(39)
ئاسمانغا نەزەر سال، يۇلتۇز بىساناق،
ئۈسۈشمەي ئۆتىدۇ ئەزەلدىن ئىناق.
جاھان كەڭرى، دوستۇم، يېتەر ھەممىگە،
ئادەمگە ياراشماس سۆڭەك تالاشماق.
(40)
كۆپەيسە دۈشمىنىڭ سەن بولما غەمناك،
بېرىدۇ ئۇ ساڭا ئەقىل ھەم ئىدراك.
ئەگەردە چاقمىسا ئادەمنى يىلان،
نەدىن تېپىلاتتى دورايى تەرياك؟
(41)
ئۇنىكىم دوست دېمە راھەتتە ئىناق،
ئايرىلسا غۇربەتتە سېنىڭدىن بىراق.
سايەڭگە نەزەر سال تەپەككۇر بىلەن،
يورۇقتا بىللەدۇر، زۇلمەتتە يىراق.
(42)
ئۇنىكىم دوست دېمە غەيۋەتكە ماھىر،
سېنى ھەم قويمىغاي بىر چەتتە ئاخىر.
مىسال شۇكى: چايانغا بەرى ئوخشاش،
قېرى-ياش ھەم بوۋاق، دانىش، ئاكابىر.
(43)
ئۇنىكىم دوست دېمە ھەر كۈندە ۋەدە،
بۈگۈننىڭ ئەتىسىمۇ يەنە ئەتە.
مىسالى چۆلدىكى ۋىلۋىلگە ئوخشار،
ئۇنى قوغلاپ يېتىشمەك ساڭا نەدە؟
(44)
ئۇنىكىم دوست دېمە، ھەم ساڭا يولداش،
رەقىبىڭ بىرلە ھەم ئۇ بولسا مۇڭداش.
مىسال شۇكى: نېمە دەر خەلقى ئالەم،
ئەگەردە ئىككى يار تۇتسا قەلەمقاش؟
(45)
نىچۈن ئوتقا ئۇرار ئۆزىنى پەرۋانە؟
نىچۈن شام ئاققۇزار كۆزدىن دۇردانە؟
نە بىلسۇن ھاياتنىڭ بۇ سىرلىرىنى
تۇرمۇشنى تەرك ئەتكەن زاھىد مەستانە؟
(46)
يالغانچىنىڭ تىلى چېچەكسىز پىلەك،
چېچەكسىز پىلەكتە بولامدۇ خەمەك؟
ئۇزارغانسېرى ئۇ ئۆز ئىگىسىنى
بوغىدۇ يىلاندەك بولۇپ چەمبىرەك.
(47)
ئالتۇن ھەل يالاتساڭ كېسەكتۇر كېسەك،
گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ تىزەكلەر ئېشەك.
كۆرۈمسىز شۇ پىلە قۇرتىغا باق،
يەپ ئاددىي يوپۇرماق بېرىدۇ يىپەك.
(48)
بۈيۈك تاغنى تالقان قىلسىمۇ گەر
ئۆزىگە تەمەننا قويماس يىگىت-ئەر.
كۆر پىلە قۇرتى چېغىدا ھەر يىل
بەرسىمۇ غوزىنى بىمىننەت ئۆلەر.
(49)
قېرىماس نەرسە يوق جاھاندا پەقەت،
قۇياشمۇ قېرىيدۇ ھەتتا ھەر سائەت.
ۋەلىكىن بۇنىڭمۇ مۇستەسناسى بار،
ئۇنىڭكى نامىدۇر سۆيگۈ-مۇھەببەت.
(50)
ئەزىم دەريا ئاقار شاۋقۇن-سۈرەنسىز،
نى ئەرلەر قالدى چۆل-دەشتتە كېپەنسىز.
نە ھاجەت كۆرەڭلەش بىزگە ئەي دوستۇم!
ئايلىنار يەر شارى سەنسىزمۇ-مەنسىز.
(51)
نى ئەرلەر كەچتى قان، يەنە قان كېچەر،
ئەل بەختى يەنە كۆپ قان-تەرنى تىلەر.
قان ۋە تەر ئاققۇزۇپ بولۇپ بىر ئۆستەڭ
قاندۇرساڭ چۆلنى ئەل ئەجرىڭنى بېرەر.
(52)
جاراڭلىق ھەر سادا بولمايدۇ ناخشا،
مۇھەببەت-نەپرەتسىز چىقمايدۇ ناخشا.
ئېشەكمۇ بەزىدە ھاڭرايدۇ قاتتىق،
ئۇنى ئەل ھېچقاچان دېمەيدۇ ناخشا.
(53)
ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەر خىل ھېس قىلار ئىكەن.
ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،
ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
(54)
بىر زاھىد ئۆتەركەن نامازنى سەھەر،
ئوي-پىكرى جەننەتتىن ھۆرلەرنى ئىزلەر.
شۇ چاغدا بىر دېھقان قوغۇننى كۈچلەپ،
«ئىلاھىم ئوخشىغاي بۇ قوغۇنۇم» دەر.
(55)
سۇۋادان تىرەككە تاش ئاتماس كىشى،
سەۋەب شۇكى يوقتۇر ئۇنىڭ يېمىشى.
يېمىشلىك دەرەخكە تېگىپ كۆپ تاياق
ھەمىشە يېرىقلىق تۇرىدۇ بېشى.
(56)
ياشلىق — ھەر كىشىنىڭ گۈلىستان بېغى،
ھەر تاڭدا بۇلبۇلنىڭ ناۋاكەش چېغى.
بىر قاچا سۈت بولسا بۇ ئۆمۈر دېگەن،
ياشلىقىڭ شۇ سۈتنىڭ قايمىقى، يېغى.
(57)
ياشلىقتۇر ئۆمۈرنىڭ تۇنجى باھارى،
باھارغا باغلىقتۇر بىر يىلنىڭ كارى.
نېمە چاچسا يەرگە باھاردا دېھقان
شۇنىڭ بىرلە توشقاي كۈزدە تاغارى.
(58)
كۆكلەم-باھار كەتسە يېنىپ كەلگەن بار،
جاندىن كەچسە ئەگەر يارنى سۆيگەن بار.
ۋەلىكىن نەدىمۇ بىر قېتىم كەتكەن
ياشلىقنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يەتكەن بار؟
(59)
ۋەتەن يادى مېنىڭ سۈبھىگاھىمدۇر،
ئۇ كۈندۈز ئاپتىپىم، تۈندە ماھىمدۇر.
ئەگەرچە ئەيلىسە رەشك مەيلى كەئبە،
ئانا تۇپراق مۇقەددەس سەجدىگاھىمدۇر.
(60)
نەزەر سال يېقىلغان گۈلخانغا بىر دەم،
ئۇنىڭ خۇلقى-مىجەزى قانداق مۇكەررەم.
يورۇتقاچ بىپايان چۆللەرنى شۇڭا
ياتار ئۇ كۈل بولۇپ كەتسىمۇ دىلجەم.
93e8lvx5n9g7qycbkrbctmu7nrqtse9
رۇبائىيلار (غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد)
0
24676
176372
2026-08-30T08:13:04Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت '[[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:رۇبائىي]] [[تۈر:غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد]] 1 بىر نىگاھ سېنى گەر ئىشق دەرياسىغا غەرق ئەتسە، جۇنۇن ئەفغانلىرى سەلدەك يۈرىكىڭدە بەرق ئەتسە. چۈشەن ھەسرەت ۋە شادلىقتىن ھەۋەسنىڭ ئىختىراسىنى، بۇ ئىشق شەپقەت ئاتا قىلماس جاھان ھەرقانچە...'
176372
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:رۇبائىي]]
[[تۈر:غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد]]
1
بىر نىگاھ سېنى گەر ئىشق دەرياسىغا غەرق ئەتسە،
جۇنۇن ئەفغانلىرى سەلدەك يۈرىكىڭدە بەرق ئەتسە.
چۈشەن ھەسرەت ۋە شادلىقتىن ھەۋەسنىڭ ئىختىراسىنى،
بۇ ئىشق شەپقەت ئاتا قىلماس جاھان ھەرقانچە چەرخ ئەتسە.
2
نە مەنىسى سەيلە-سۆھبەتنىڭ جانانىڭ بولمىسا،
ياكى ئۈلپەت بىرلە ئەسراردا گۇلابىڭ بولمىسا.
مەيلى كۈل قىلسۇن پىراق، يا مەيلى بول يار قوينىدا،
ساختىدۇر ئاشىقلىقىڭ پۈتمەس ئازابىڭ بولمىسا.
3
ھىجرىدىن بەزگەن دۇرۇس ئاشىق ئەمەس،
يار ئۈچۈن كىيگەن كۇلاھ پاسىق ئەمەس.
بەزلىمەڭ بۇلبۇلنى سىز ئازغان بىلەن،
قۇزغۇن قىزىل گۈلگە پەقەت لايىق ئەمەس.
4
بەزىلەرنىڭ يۈزى چىرايلىق،
بەزىلەرنىڭ كۆزى چىرايلىق.
كۆڭلىدە كىر، غۇبار بولمىسا،
ئۇنداقلارنىڭ ئۆزى چىرايلىق.
5
يەردە تاش بولغۇم كېلۇر، ئوكياندا قولۋاق بولغۇچە،
تاغدا گۈل بولغۇم كېلۇر، باغلاردا يانتاق بولغۇچە.
بۇ ھايات بولغاچ مۇرەككەپ گاھى ئاپتاپ گاھ جۇدۇن،
پەستە غول بولغۇم كېلۇر، شاخلاردا ياپراق بولغۇچە.
6
سۆيگۈنى بىلمەس جاھاندا ئەھلى ۋىجداندىن بۆلەك،
بولمىغاچ ئۇندا ھېكايەت داغى-ھىجراندىن بۆلەك.
ئويلىما يەتتىم مۇرادقا دەپكى گۈل ئۈزمەك بىلەن،
پەرۋىشى زىلالىگە لازىم ئەمەس قاندىن بۆلەك.
7
بولغۇچە ھەرچاغ نادانلار بىرلە خۇش ئەسرادىمەن،
تۇرغىنىم ئەۋزەل بىر مىنۇت ئاقىل بىلەن پەگادىمەن.
ئىشىملىرىم پۈتكەي، بۇ دۇنيادىن پەقەت قالماس ئېشىپ،
ئۆچ-قىساس، ئال-بەرگۈسىز ئاخىر زامان دەۋادىمەن.
8
خۇشناۋا بۇلبۇلنى كۆردۈم ھەر باھار بوستاندا مەن،
ھەم يەنە كۆردۈم ئىشىقنىڭ تەپتىنى ۋولقاندا مەن.
ۋادەرىخ، كۆردۈم يەنە مەن شىر بىلىپ ئۆز سايىسىن،
پەيلىدىن كەچكەن خۇلقنى شەرمىسار توشقاندا مەن.
9
زەررە نۇقسان ئاچتى ئابرۇيدىن لەنەتلەرگە كاۋاك،
قىلچە تۆھپە ياپتى نۇقساننى يەنە ياڭراپ چاۋاك.
خۇددى قاينام ئۆزرە ياپراقتەك چۆكۈپ، لەيلەر كىشى،
سەن ئۈچۈن بولغان ئېزىتقۇ ئۆزگىگە بولغاي ماياك.
10
دوست دېمە داستىخاندا ھەمخان بولغاننى،
ئامىتىڭ كەلگەندە غەمخان بولغاننى.
دوست دېگىن مۇشەققەت تىغلىرى بىلەن
ئەيىبى قىرقىلىپ «ئىنسان» بولغاننى.
gmctvfepzmgisx0op3hk4uohulcdurw
رۇبائىيلار (روزى گۈلباي)
0
24677
176373
2026-08-30T08:14:50Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت '[[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:رۇبائىي]] [[تۈر:روزى گۈلباي]] 1 كۈلۈپلا ئالدىڭدا ئېگىلىپ تۇرسا، دوستۇم دەپ ئۆزۈڭگە قىلمىغىن شوتا. ئېگىلمەس تاغ چوققا تۇرار ھەيۋەتلىك، نەپ بېرەر مىننەتسىز ئۆزگەرمەس ئۇدا. 2 تەبىئەت ئالدىڭدا گۈزەل بىر سۈرەت، ئاسرىساڭ سەن ئۇنى...'
176373
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:رۇبائىي]]
[[تۈر:روزى گۈلباي]]
1
كۈلۈپلا ئالدىڭدا ئېگىلىپ تۇرسا،
دوستۇم دەپ ئۆزۈڭگە قىلمىغىن شوتا.
ئېگىلمەس تاغ چوققا تۇرار ھەيۋەتلىك،
نەپ بېرەر مىننەتسىز ئۆزگەرمەس ئۇدا.
2
تەبىئەت ئالدىڭدا گۈزەل بىر سۈرەت،
ئاسرىساڭ سەن ئۇنى تاپىسەن پۇرسەت.
ھالقىماس ئۇ ھەرگىز قانۇنىيىتىدىن،
تەر تۆكسەڭ قوينىدىن ئالىسەن زۇمرەت.
3
سۆيگۈ دەپ يۈرىكىم قاتتى بولۇپ تاش،
ھىجراننىڭ دەردىدە قۇرىمىدى ياش.
قولۇمدىن ئۇچقان قۇش قايتىپ كەلمىدى،
قاقشاتتى بۇ ھايات، ئاقاردى بۇ باش.
4
كۆزۈڭدە سۆيگۈنىڭ نۇرى تاڭ جۇلا،
زىياسى قەلبىمدە يۈرىكىم يارا.
كۆرگىنىم ئەمەسكەن ۋىسالنىڭ تويى،
بۇ بىر چۈش ھاياتقا ئەكېردى تەنھا.
5
چىن ئىخلاس مۇھەببەتكە بېرىدۇ جۇلا،
سۆيگۈنىڭ لەززىتى چاچار نۇر-زىيا.
تىلەكلەر ئىجابەت ئۆچمەس روھىدا،
پاكلىقتا ئېگىلمەس مەزمۇت تىك قىيا.
6
تاتلىق سۆز، ئاققان ياش بىر روھىي پەردە،
قاراپ باق پۇت، قولى يۈرەر قەيەردە.
بال سۆزنى مارجاندەك تىزىش بەك ئاسان،
قىيىندۇر بىر ئۆمۈر ساقلاش ئەقىدە.
7
شارابنىڭ كەيپىدە يولۇم ئېگىز-پەس،
كارىم يوق، كۈلىمەن باسسا مېنى نەس.
بۇ كۈنلەر تاتلىق يا ئاچچىق بىلمىدىم،
ھاياتنىڭ تەسكىيىدە قىينالدى نەپەس.
8
نادانلىق قوينىغا يۆگەكلىك قىلتاق،
تەپەككۇر نوتىنى كېسەر ئۇ ھەرۋاق.
روھىيەت تاۋابدىن ئىزدەر بەختىنى،
بېشىغا بىر ئۆمۈر كۈن چۈشمەس بىراق.
9
جامالىڭغا تەشنا مەن كۆرمىدىم ئۇزاق،
ئىلھامدۇر قەلبىمگە جۈپ كۆزۈڭ ئويناق.
ئىنتىزار بوپ ئۆرتەندى يۈرەك ئاتەشتە،
قىينىما، ھىجراندىن قويمىغىن توزاق.
10
چاقنىدى پامىردا بىر گۈزەل ئارمان،
كۈن نۇرى پايانداز، رەققاسقۇ چولپان.
ئاق، قىزىل رەڭ تەبىئىي ئەجەب جەلپكار،
يوقاتماس ئەسلىنى پەردازسىز چوپان.
11
ھايات ئۇ چوڭ قاينام تولغىنار ئىنسان،
زامانلارغا ئەجرىدىن قالدۇرار نىشان.
ياخشىمۇ، يامانمۇ قىسمىتى ئوخشاش،
كېتىدۇ ھەممىسى كىيىپ ئاق چاپان.
12
بۇ دۇنيادىن كېتىمىز بۇ بىر ھەقىقەت،
كەتكىچە مەي ئىچىش بۇ بىزگە پۇرسەت.
خۇش كەيپ بولغانساق بىلىنمەيدۇ ھەم،
دۆڭگەيمىز شەيتانغا بىز ئادەم سۈرەت.
13
سېھرىلىك قاينامغا ئوخشايدۇ تۇرمۇش،
تەس كېلەر مەيدىنى كېرىپلا ئۇتۇش.
سىنايدۇ ھاياتنى تاشقىن، قايناملار،
بەك قىيىن ھالاۋەت سۈرۈپلا تۇرۇش.
14
ۋاقىتنىڭ قىممىتى بىلىنەر كېيىن،
ياشلىقتا تۇتمايمىز قويىمىز ئەركىن.
سەھەردەك چېغىمىز بولغاندا پېشىن،
پۇشايماندا قاترايمىز يولىمىز قىيىن.
15
ھەۋەستىن پارلايدۇ بىر گۈزەل ئارمان،
يۈرەكتە قاينايدۇ گويا بوپ ۋولقان.
ئىنساننىڭ خىيالى كېزەر ئالەمنى،
ھالقىيدۇ پانىيدىن ئارزۇسى ھامان.
16
ياشايدۇ ئىنسانلار، ياشىدۇق شۇنداق،
نەپ ئۈچۈن ھەر ئىشتىن يانمىدۇق بىراق.
پاك كەلدۇق، نەپنى دەپ بۇلغاندۇق راسا،
پاكلانماي كېتىمىز بۇ قىسمەت شۇنداق.
17
ۋاپانى ئىزدەيمىز ھەربىر ئىنساندىن،
ئىنسانىي پەزىلەت، سۆيگۈ، ئېھساندىن.
بىلگىنكى، نەق ۋاپا ئانا قەلبىدە،
پەرزەنتنىڭ ئىشقىدا كېچىدۇ جاندىن.
rzkju87hbxmg24b0i8opa2hygqpz2m2
رۇبائىيلار (ئىمىن تاجى)
0
24678
176374
2026-08-30T08:17:01Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت '[[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:رۇبائىي]] [[تۈر:ئىمىن تاجى]] نومۇسسىز ئادەمنىڭ قان يوق يۈزىدە، ئادەملىك سىياقى يوقتۇر سۆزىدە. ئالدىدا ھەقىقەت تۇرسىمۇ ئوچۇق، قىلچىلىك خاتالىق قويماس ئۆزىدە. بىر ئىشنى قىلىشقا بارمايدۇ رايىڭ، ھەددىدىن زىيادە ئۈستۈندۇر ھالىڭ...'
176374
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:رۇبائىي]]
[[تۈر:ئىمىن تاجى]]
نومۇسسىز ئادەمنىڭ قان يوق يۈزىدە،
ئادەملىك سىياقى يوقتۇر سۆزىدە.
ئالدىدا ھەقىقەت تۇرسىمۇ ئوچۇق،
قىلچىلىك خاتالىق قويماس ئۆزىدە.
بىر ئىشنى قىلىشقا بارمايدۇ رايىڭ،
ھەددىدىن زىيادە ئۈستۈندۇر ھالىڭ.
باشقىلار تىرىشىپ قازانسا ئۇتۇق،
كېچىچە ياتالماي ئاغرىيدۇ قارنىڭ.
18859xnkxaw7qbcvv4zsjxdnm3ue07m
رۇبائىيلار (مەمتىمىن ھەزرەت)
0
24679
176375
2026-08-30T08:18:45Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت '[[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:رۇبائىي]] [[تۈر:مەمتىمىن ھەزرەت]] يىلان پوستىنى تاشلايدۇ، ئەمما تاشلىمايدۇ خۇلقى-پەيلىنى. قۇشخانىغا ئۆگەنگەن ئىتلار، ئۈزەلمەيدۇ قاندىن مەيلىنى. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ياخشى ئادەم، ئۆزىنى تۇتالايدۇ يامانلىقتىن. ئىنساننىڭ مەن-...'
176375
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:رۇبائىي]]
[[تۈر:مەمتىمىن ھەزرەت]]
يىلان پوستىنى تاشلايدۇ، ئەمما
تاشلىمايدۇ خۇلقى-پەيلىنى.
قۇشخانىغا ئۆگەنگەن ئىتلار،
ئۈزەلمەيدۇ قاندىن مەيلىنى.
كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ياخشى ئادەم،
ئۆزىنى تۇتالايدۇ يامانلىقتىن.
ئىنساننىڭ مەن-مەن دېگەن داناسىمۇ،
ھېچقاچان ساقلىنالماس نادانلىقتىن.
ئىگىسىز بىچارە قوينىڭ ئۆلمىكى،
گۆش خۇمار يىرتقۇچ ئۈچۈن بەزمە ئىكەن.
تولغىنىپ خورلۇقتا ياتقان بەندىنىڭ،
ھەسرىتى، ساتقىن ئۈچۈن نەزمە ئىكەن.
ئامراق سېغىزخان شوخلىنىپ ماختانغىلى،
سازاڭ مۆكەر كۈن نۇرىدىن ساقلانغىلى.
شۆھرەت تەلەپ قىلمايدۇ بۈركۈت ھېچقاچان،
تەييار لېكىن قۇزغۇنغا دەل ئاتلانغىلى.
بىۋاپا يار ئالدىدا سۆز ئاقمىدى،
يۈرىكىم ئۆرتەندى-يۇ، ياش ئاقمىدى.
چىرمىماستا مېنى ئىشقنىڭ زەنجىرى،
ئېيتقىنا، رەڭگىم قىروۋدەك ئاقمىدى؟
دۇنيا ئەسلى بولغاندا بىنا،
ئەپچىللەرگە تەئەللۇق ئىدى.
كۆپلەر بىلمەي تۇغۇلۇپ قالدى،
سۆرەلمىگە ئورۇن يوق ئىدى.
بۇ جاھاننىڭ ھېكمىتى شۇ دوستلىرىم سالغىن قۇلاق،
تەلىيى ئوڭلارغا جەننەت، تەلىيى كاجغا دوزاق.
ئەجرى تۆككەنگە سېخىيدۇر، ئەھلى يالقاۋغا بېخىل،
بىئەقىللەرگە باياۋان، زېھنى بارلارغا بۇلاق.
ساپ دىل بولسا ئىنسان بالىسى،
راست سۆزلىسە، يالغان قاتمىسا.
غۇرۇر بىلەن ئۆتسە جاھاندىن،
باش كەتسىمۇ ۋىجدان ساتمىسا.
تا ئەزەلدىن ئىشتىياق دېگەن،
ۋىجدانى پاك ئىنسانلارغا خاس.
ئىشتىياقتىن خالىي كۆڭۈلدە،
ئۆمۈرۋايەت ئىستەك تۇغۇلماس.
b3ashys29xq7dy0p7jxqrloh98jmryk
رۇبائىيلار (ئۆمەر ھەييام)
0
24680
176376
2026-08-30T08:26:34Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت '[[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:رۇبائىي]] [[تۈر:ئۆمەر ھەييام]] بىلەمسەن نېمىشقا خوراز ھەر سەھەر — ماتەملىك قىچقىرىپ، ئاھ-نالە چېكەر؟ ئۇ دەيدۇ: «ئەي ئىنسان، تاڭ ئەينىكىدە، ئۆمرۈڭدىن تۈن ئۆتتى، ئۆزۈڭ بىخەۋەر!» دۇنيانىڭ تىلىكى، مېۋىسى ئىنسان، ئەقىل كۆزىنىڭ ق...'
176376
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:رۇبائىي]]
[[تۈر:ئۆمەر ھەييام]]
بىلەمسەن نېمىشقا خوراز ھەر سەھەر —
ماتەملىك قىچقىرىپ، ئاھ-نالە چېكەر؟
ئۇ دەيدۇ: «ئەي ئىنسان، تاڭ ئەينىكىدە،
ئۆمرۈڭدىن تۈن ئۆتتى، ئۆزۈڭ بىخەۋەر!»
دۇنيانىڭ تىلىكى، مېۋىسى ئىنسان،
ئەقىل كۆزىنىڭ قارىسى — جەۋھىرى ئىنسان.
دۆگىلەك يەر شارىنى ئۈزۈك دەپ بىلسەك،
شەكسىز ئۇنىڭ كۆزى — گۆھىرى ئىنسان.
يان باسما، بۇ دۇنيا ئەسلىدىن بىداد،
ئۆتكەنلەر غېمىنى قىلما ماڭا ياد.
بەرمە بىر گۈزەلدىن ئۆزگىگە كۆڭۈل،
مەيسىز بولما، ئۆمرۈڭنى ئەيلىمە بەرباد.
ئۆمرۈڭ قاچانغىچە ئۆزۈم دەپ ئۆتەر،
يوقلۇق، بارلىق ئارا كەزسەم دەپ ئۆتەر.
مەي ئىچ، غەم ئۆمرۈڭنىڭ پېيىگە چۈشكەچ،
ئۇيقۇ يا مەستلىكتە بىردەمدەك ئۆتەر.
ئۆتكەنكى كۈنۈڭنى ھېچ قىلمىغىن ياد،
ئەتەڭ كەلمەي تۇرۇپ، قىلما كۆپ پەرياد.
ئۆتكەن، كەلمىگەنگە قايغۇرما ياق، قوي،
شات ياشا، ئۆمرۈڭنى ئەيلىمە بەربات.
سەن، مەندىن بۇرۇنمۇ تۈن-كۈن بار ئىدى،
چۆرگىلىگەن پەلەكمۇ پۈتۈن بار ئىدى.
تۇپراققا ئاۋايلاپ قەدىمىڭنى قوي،
بۇ تۇپراق قارا كۆز بىر نىگار ئىدى.
ھەر سىرنى دىلىدا ساقلىسا دانا،
يوشۇرۇن بولسۇن ئۇ، مىسالى ئانقا.
سەدەپنىڭ ئىچىدە دۇر بولار قەترە،
سىر قىلىپ قەلبىدە يوشۇرغاچ دەريا.
مەن كەلدىم بۇ دۇنيا كۆردى نە پايدا؟
كەتسەم مەرتىۋىسى ئاشارمۇ؟ قايدا!
ھېچكىم چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدىغۇ:
كېلىشىم، كېتىشىم سەۋەبى قايدا.
بار بۇ يەر يۈزىدە ھەرخىل چاڭ-توزان،
بولغان ئۇ ئاي يۈزلۈك دىلدار بىر زامان.
نازىنىن يۈزىدىكى چاڭنى ئاستا سۈرت،
بىر چاغلار ئىدى ئۇ گۈزەل بىر جانان.
ھۇشيار بولسام، مەندىن خۇشاللىق يىراق،
مەس بولسام ئەقلىمدىن ئاجرايمەن بىراق.
مەستلىك ۋە ھۇشيارلىق ئارىلىقى بار،
ھايات شۇ، ئاڭا قۇل بولسام ياخشىراق.
ئەي پەلەك، ناكەسلەرنى قىلدىڭ پاراۋان،
بەردىڭ ھاممام، يەر، سۇ، تۈگمەن، ئۆي-ماكان.
توغرا كىشى زاردۇر بىر بۇردا نانغا،
جىرتەككە ئەرزىمەس بۇنىڭدەك دەۋران.
خۇشاللىق كىتابىنى ئوقۇماق كېرەك،
دىلىڭدا غەم-قايغۇ بولمىسۇن قىلدەك.
مەي ئىچىپ ئارزۇيۇڭنى ئاشۇر ئەمەلگە،
مەلۇمكى، تېز كېلەر ئۆلۈمدىن دېرەك.
ئالىملار بار ئىدى كۈندەك خۇش چىراي،
ھەر بىرى خەزىنە — ئىلىم-پەنگە باي.
بىرەر ئەپسانە دەپ ئۆتتى ئالەمدىن،
بۇ زۇلمەت كېچىدىن يول تېپىشالماي.
ياش-قېرى ھاياتقا ھەركىمكى يېتەر،
ھەممىسى ئىزمۇ-ئىز، بىرمۇ-بىر ئۆتەر.
بۇ دۇنيا ھېچكىمگە ئەمەستۇر باقىي،
كېتىشتى، كېتىمىز، كېلىشەر، كېتەر.
يۈرىكىم قېنىدىن يۈزلەپ ئۆي ۋەيران،
بولار بەك قورقۇنچلۇق، چەكسەم ئاھ-پىغان.
ھەر بىر كىرپىكىمدە قان دەرياسى بار،
كىرپىكلەر يۇمۇلسا باشلىنار تۇپان.
ئەپسۇسكى يىگىتلىك مەۋسۈمى ئۆتتى،
كۆكلەم ئۇزاپ كەتتى، قىش پەسلى يەتتى.
ياشلىق دەپ ئاتالغان ئۇ شادلىق قۇشى،
بىلمىدىم، قاچاندۇر كەلدى ۋە كەتتى.
غادايغان باشنى مەي ئېگىدۇ ھەردەم،
مەيدىن يېشىلمىگەن بىرەر تۈگۈن كەم.
بىر يۇتۇم مەي ئىچكەن بولسىدى شەيتان،
مىڭ سەجدە قىلاتتى ئادەمگە ئۇ ھەم.
يوقلۇقتىن پاك كېلىپ، ناپاك بولدۇق بىز،
شوخ ۋە خۇشال كېلىپ، غەمناك بولدۇق بىز.
كۆزىمىز تولغان ياش — يۈرەكتە يالقۇن،
ئۆمۈر بىكار كەتتى ھەم خاك بولدۇق بىز.
مەي — بالقىغان ياقۇت، كوزىسى كاندۇر،
قەدەھى بەدەندۇر، شارابى جاندۇر.
ياقۇتتەك بۇ قەدەھ مەيدىن خەنداندۇر،
كۆز ياشتۇر، دىل قېنى ئۇندا پىنھاندۇر.
مەي ئىچسەڭ، ئاقىل ھەم دانا بىلەن ئىچ،
ياكى بىر گۈل يۈزلۈك رەنا بىلەن ئىچ.
ئاز-ئاز ئىچ، گاھ-گاھ ئىچ، ھەم يوشۇرۇن ئىچ،
ئېزىلمە، رەسۋا بولما، ھايا بىلەن ئىچ.
بىر كۈنى چۈشۈمدە قېرى بىلىمدان،
دېدى: ئۇيقۇ بىلەن بەخت كەلمەس، نادان.
ئەتىلىككە ئەجەلگە قوش دوست بولارمىز،
ئىچىۋال، قەبرەڭدە ئۇخلارسەن ئوبدان.
بىز بىر تەييار تاپمىز، قازادۇر دېھقان،
غەم چېكىش بىھۇدە پايدىسىز پىغان.
قەدەھنى توشقۇزۇپ، تېزرەك قولغا ئال،
بولغۇلۇق بولۇپتۇ، ئىچەي بىئارمان.
تىرىكلىكتىن نېمە غېمىڭ بار ئەي يار،
بىھۇدە پىكىردىن دىل، جاندا ئازار.
شات ئۆتكۈز ئۆمرۈڭنى ياشىغىن خۇشال،
تەقدىر قولۇڭدا ئەمەس، نېمە چارەڭ بار؟!
ئالەم قىلتىقىدىن ئازاد ئەمەسمىز،
بىر نەپەس ئالماقتىن ھەم شاد ئەمەسمىز.
ھاياتقا كۆپ شاگىرت بولدۇق، ھازىرمۇ،
دۇنيانىڭ ئىشىغا ئۇستاد ئەمەسمىز.
شارابس Hercules يوق ماڭا ھاياتلىق بىردەم،
مەيسىز كۆتۈرەلمەيمەن تەن يۈكىنى ھەم.
ساقىي مەي ئۇزاتسا، ئالالماي قالسام،
شۇ دەمنىڭ سەدىقىسى بولاي ھەمىشەم.
دوستلىرىم بىر-بىرلەپ كەتتى — يول سالدى،
ئەجەلدىن تۇپراققا كىرىپ جاي ئالدى.
ئۆمۈر مەجلىسىدە ئىچىشتۇق بىر قۇر،
ئاۋۋالراق مەست بولۇپ، بېرى يوقالدى.
بۇ زاماندا ئەقىلدىن پايدا يوق زىنھار،
ئەقىلسىز كىشىگە جاھان ئۈنۈمدار.
ئەقىلنى ئالغۇچى نەرسىنى كەلتۈر،
زامان شۇ چاغ ئاھ-زار ماڭا بولغاي يار.
كوزىنىڭ لېۋىگە لەۋ قويۇپ بىردەم،
ئۇزۇنراق ياشاشنى تەلەپ قىپ كۆرسەم.
لېۋىنى لېۋىمگە توغرىلاپ دېدى:
مەنمۇ سەندەك ئىدىم، بىر دەم بول ھەمدەم.
ئويلىما، پۇلسىز ۋە ناچار ئىچمەيمەن،
رەسۋالىقتىن قىلىپ يا ئار ئىچمەيمەن.
دىلخۇشلۇق يولىدا ئىچەتتىم مەينى،
بۇ كۈنچۇ قەلبىمدە سەن بار، ئىچمەيمەن.
بىز كېلىپ كەتكۈچى شار كەبى جاھان،
نە بېشى مەلۇم، نە ئاخىرى ئايان.
ھېچكىشى راستىنى ئېيتىپ بېرەلمەس،
بىز نەدىن كەلدۇق ۋە بارارمىز قايان؟
سىرلار پەردىسىگە يول يوق ھېچقانداق،
بۇ — ھېچكىم تاپالمىغان چىگىش تېپىشماق.
بىزلەرگە بىردىن-بىر مەنزىلدۇر تۇپراق،
مەي ئىچ، بۇ چۆچەكلەر ئۇزاقتىن-ئۇزاق.
تامچە سۇ دەريادا يوق بولۇپ كەتتى،
يەرگە چاڭ قوندى-دە، كۆمۈلۈپ كەتتى.
دۇنياغا كېلىشىڭ، كېتىشىڭ نېمە؟
بىر چىۋىن تۇغۇلدى يا ئۆلۈپ كەتتى.
ئۆمرۈڭدىن بىر نەپەس ئۆتسە ئەي ئىنسان،
قولۇڭدىن چىقارما، بولمىغىن شادمان.
قانداق ئۆتكۈزسەڭ، شۇنداق ئۆتىدۇ ئۆمۈر،
ھۇشيار بول، مۇشۇنداق ئەسلىدە جاھان.
پەلەكنىڭ ئۈستىدىن كىم تاپتى زەپەر،
يەر قاچان ئادەم يەپ تويغان، كىم بىلەر.
يېمىدى مېنى دەپ، غادايىپ كەتمە،
ئالدىرما، كۆپ ئۆتمەي نۆۋىتىڭ كېلەر.
مەڭگۈ ياشار ئىچكەن مەينى-شەربەتنى،
تېتىيدۇ ئالەمدىكى بارچە لەززەتنى.
مەي ئابى ھاياتتەك جۇش ئۇرۇپ تاشار،
مەي ئۆرتەر يالقۇندەك قايغۇ-ھەسرەتنى.
مېنىڭ قايغۇلىرىم ئۇزاقتىن-ئۇزاق،
سېنىڭ خۇشاللىقىڭ چەكسىزدۇر، بىراق.
ئۇنىڭغا، بۇنىڭغا يۆلەنمە، چۈنكى،
بۇ پەلەك ھەممىنى قىلار ئويۇنچاق.
جاپانى كىم چەكسە، ئادەم ھۆر بولار،
سەدەپمۇ قامىلىپ، قەترە دۇر بولار.
مال كەتسە، باش قالار ئۇنىڭ ئورنىغا،
قەدەھ بوشىتىلسا، قايتىدىن تولار.
بىر-ئىككى كۈنلۈك ئۆمۈر ئۆتىدۇ دەرھال،
ئۇ خۇددى دەريا سۈيى يا چۆلدە شامال.
ئۆتكەن ۋە كەلمىگەن ھەر ئىككى كۈننىڭ،
غېمىنى ئەسلىتىپ، كۆپ قىلما مالال.
توغرىلىق بولسىدى پەلەكنىڭ ئىشى،
ياقتۇرغان بولاتتى ئۇنى ھەر كىشى.
دۇنيانىڭ ئىشىدا بولسا ئادالەت،
بولماستى دانالار كۆڭۈل ئاغرىشى.
گۈل ئۆزرە كۆكلەمنىڭ شەبنىمى ياخشى،
چىمەندە يۈز ئاچقان ھەمدىمى ياخشى.
ياخشى ئەمەس ئۆتكەنكى كۈندىن سۆز ئاچماق،
شات بولغىن، بۇ كۈننىڭ ھەر دېمى ياخشى.
ئاغرىقمەن، ئىسسىتما ئىمتىھان قىلار،
ئىچمىسەم، مەي ماڭا قەستى جان قىلار.
بۇ قىزىق ئىشنى كۆر، تاۋىم يوقتا،
مەيدىن باشقا نەرسە كۆپ زىيان قىلار.
خۇشاللىق يولىنى تۇتۇپ، غەم سۈرمەي،
قىرغاقتا يار بىلەن ئىچسەڭ تازا مەي.
بار بولدۇم، باردۇرمەن، تا بار بولىمەن،
مەي ئىچتىم، ئىچىۋاتىمەن، دائىما ئىچەي.
مەس ئىدىم، تاشقا ئۇردۇم كوزامنى بىر كۈن،
ئۇ كۆڭۈل تىلىدىن چىقاردى بىر ئۈن:
مەنمۇ سەندەك ئىدىم، سەنمۇ ئاخىرى،
بولارسەن مېنىڭدەك، رەنجىتىش نەچۈن!
يۈز شەبنەمىن تۆكمە، تەك گويا كېلىن،
ئىپلاسلار قېنىنى تۆككىن، قورقمىغىن.
تۆكسەڭمۇ ئىككى مىڭ كالۋا قېنىنى،
تۇپراققا بىر يۇتۇم مەينى تۆكمىگىن.
باشقىلار بېشىدىن نىچۈك ئايلىناي،
يا يېڭى سۆيگۈنى مەن قانداق باشلاي؟
كۆزۈمدىن تۆكۈلگەن يېشىم توختىماي،
ئۆزگە يار ھۆسنىگە قانداق باغلىناي؟
بۇ جاھان سىرىنى دىلدا تۇت ھەرۋاق،
ئاچساڭ باشقا بالا كېلىدۇ بىراق.
دىلدىكى ھەر سۆزنى ئېيتقىلى بولماس،
سەن بۇ نادانلاردىن تۇرغىن نېرىراق.
كاشكى تىنچ جاي تېپىپ، كېتىپ بولسىدى،
يا بۇ ئۇزاق يولنى كېزىپ بولسىدى.
يۈزمىڭ يىلدىن كېيىن ئارزۇ-ئۈمىدلەر،
تۇپراقتىن مايسىدەك ئۈنۈپ كۈلسىدى.
ئەي كۈن-تۈن دۇنياغا كۆز تىككەن كىشى،
ئەقلىڭنى يۇمىسۇن دۇنيا تەشۋىشى.
ئاخىر ئېسىڭنى يىغ، ھۇشيارراق بىر باق،
نېمىدۇر ئۆزگىگە ئۇنىڭ قىلمىشى.
ئەپسۇسكى بىكاردىن-بىكار سولدۇق بىز،
پەلەكنىڭ دەستىدىن كۇكۇم بولدۇق بىز.
كۆز ئېچىپ يۇمغىچە كۆرگەن دەرد بىلەن،
تىلەككە يېتەلمەي ئاخىر ئۆلدۇق بىز.
خۇشۋاق بول، ھەسرەتنىڭ چېكى يوق ھامان،
بۇ چەرخ يۇلتۇزلارغا سالىدۇ قىران.
سېنىڭ تۇپرىقىڭدىن ياسالغان كېسەك،
بولار ئۆزگىلەرگە مەنزىل ۋە ماكان.
ئەمەس ئۆز ئەركىڭدە، ئاخىر ئەتە كۈن،
ئەتەڭنى كۆپ ئويلاپ بولما جىگەرخۇن.
بۇ دەمنى بىكارغا ئۆتكۈزمە ئەسلا،
بىلىپ قوي، دۇنياغا بولمايسەن ئۈستۈن.
بۇ قەبرىدىكىلەر بولىدۇ تۇپراق،
زەررە-زەررە بولۇپ، يېتىشار تارقاق.
ئاھ، بۇ قانداق شاراب، ئۇنى ئىچكەنلەر،
تا قىيامەتكە ئەس-ھۇشتىن يىراق.
ئەجەل باش ئەگدۈرسە، بولمىسا چارە،
دەستىدىن تەن ۋە دىل بولسا يۈز پارە.
تۇپرىقىمدىن پەقەت ياساڭلار كوزا،
مەينىڭ پۇرىقى بىلەن، تىرىلسەم زەررە.
قېرىلىقتىن باشتا نە چاغلىق بالا،
جۈپ مەڭزىم ئانارى ھازىر كەھرىۋا.
ۋۇجۇدۇم تېمى ئوت، بىراق ئۆگزىسى،
بۇزۇلغان، تىتىلغان، خاراب، بىداۋا.
ئىناق بولسا يالقۇن ئىچرە ھەم ئىنسان،
ئىناق كىشىلەرگە شۇ ئوتمۇ ئاسان.
نائەھلى كىشىلەر سۆھبىتىدىن قاچ،
نائەھلى سۆھبىتى ياماندىن يامان.
ھۇشيار بول، ياغدۇرار بالا بۇ جاھان،
خاتىرجەم ئولتۇرما، نەشتەر بۇ دەۋران.
ئاغزىڭغا شېرىن بال سالغان چاغدىمۇ،
ھەرگىز يۇتما ئۇنى، ئوغىسى پىنھان.
دىلىڭدا بولمىسۇن قايغۇدىن نىشان،
شاتلىق كىتابىنى ئوقۇغىن ھامان.
ئەي دوستۇم مەي ئىچكىن، كۈلسۈن ئارمانىڭ،
مەلۇمغۇ تۆت كۈنلۈك، ئاخىر بۇ دەۋران.
بىر سۆڭەككە ساداق قانائەت قىلغان،
ئەۋزەلدۇر پەسكەشكە بولغاندىن مېھمان.
پەسكەشنىڭ شىرنىلىك نېنىدىن ياخشى،
ئۆزۈڭ تېپىپ يېگەن بۇردا قوناق نان.
ئەي كۆز، كور بولمىساڭ گۆردىن بول ئاگاھ،
پىتنە تولا ئالەم، ھەريان قايغۇ-ئاھ.
چۈمۈلە ئاغزىدا ئايدەك گۈل يۈزلەر،
يەر قوينىدا سۇلتان، سەردار، پادىشاھ.
قولنى قولغا تۇتۇپ، بولمىساق ھەمدەم،
شاتلىق ئايىغىدىن پەشۋا يېمەس غەم.
تاڭ پەيتى تۇرغىن-دە، سەھەرلىك مەي تۇت،
بەكمۇ كۆپ تاڭ ئاتار بىزدىن كېيىن ھەم.
ئىناقلىقنى ئادەت قىلساڭلار، ھامان —
دوستلار پات-پات كۆرۈشۈپ بولۇڭلار شادمان.
ئەسلەڭلار دۇئا قىپ مەن بىچارىنى،
ساقىي پاكىز مەينى قۇيغان ھەرزامان.
prh45je2lxyzk5dl1sg4yp0g44urzbw
غەزەللەر (مەشرەب)
0
24681
176377
2026-08-30T08:30:37Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت '[[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:غەزەل]] (1) نەمەنگان شەھىرىدىن كەتسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟ غېرىبلىق شەھىرىدە يۈرسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟ قېنى قەۋمۇ قېرىندىشىم، بۇ يولدا بولسا يولدىشىم، كۆزۈمدىن ئاققۇزۇپ ياشىم، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟ مۇھەببەت ش...'
176377
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:غەزەل]]
(1)
نەمەنگان شەھىرىدىن كەتسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
غېرىبلىق شەھىرىدە يۈرسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
قېنى قەۋمۇ قېرىندىشىم، بۇ يولدا بولسا يولدىشىم،
كۆزۈمدىن ئاققۇزۇپ ياشىم، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
مۇھەببەت شەربىتىن ئىچتىم، قازاندەك قاينابان تاشتىم،
بۇ پانىي دۇنيادىن كەچتىم، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
تۈشۈپتۇر باشىمە سەۋدا، رۇمۇزى ئىشقىدىن غەۋغا،
ئۆزىگە ئەيلىدى شەيدا، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
تۇرارغا تاقىتىم يوقتۇر، يۈرەرگە ھالىتىم يوقتۇر،
يۈرەكتە ئىشق ئوتى كۆپتۇر، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
قارارىم يوق تۇراي دېسەم، نەمەنگاندا يۈرەي دېسەم،
جاھاننى سەير ئېتىپ كەزسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
بۇ مىسكىن زارى مەشرەبنىڭ كىشى ھالىنى بىلمەيدۇ،
بۇ يەردىن باش ئېلىپ كەتسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
(2)
سەھەردە تولغىنىپ تولغاقتا تاپقان بىر بالاڭ كەلدى،
يۈزى ئاقۇ-قىزىل گۈلدەك شەھىدى كەربالاڭ كەلدى.
ئانادەك مېھرىبان قايدا، ئاتادەك غەمگۈزار قايدا،
ئۇلاردەك ئىچ كۆيەر قايدا، غېرىب بولغان بالاڭ كەلدى.
ئانا رازى خۇدا رازى، مۇھەممەد چاھار يار رازى،
رىزا بولغىل ئانا جانىم، دۇئا ئالغان بالاڭ كەلدى.
بۇ مەشرەبنىڭ دۇئاسىنى خۇدايا نائۈمىد ئەتمە،
كۆزى ياشلىق، دىلى غەملىك بۇ سارغايغان بالاڭ كەلدى.
(3)
سەتارىم تارىغا جان رىشتىسىدىن تار ئېشىپ سالسام،
ئانىڭكىم نالىسىدىن بىۋاپانىڭ كۆڭلىنى ئالسام.
مۇقام ئېلىپ مۇقام ئىچرە مۇقامنى دىلغا جا قىلسام،
مۇھەببەت كۈيىگە سالسا، ئانىڭ ئالدىدا مەن چالسام.
مۇقاملارنىڭ ئاتاسىنى ھۈسەينى ۋە ئەجەم دەرلەر،
بۇلاردىن يۇقىرى كىم پەردەئى باياتىنى چالسام.
باياتى ھەق تەئالا يادىدا چالسام پايامپاي كىم،
كى كۆڭۈل بىنەۋا بولغىنىنى بىلسەم ناۋا چالسام.
كەل ئەي مەشرەب، قەدەھ سۇنغىل، بولايىن مەستۇ مۇستەغرەق،
بىر قولغا كاسەئى تەنبۇر، بىرىگە جامنى ئالسام.
(4)
بۇ تەنى خاكىنى ۋە روھى راۋاننى نە قىلاي؟
بولمىسا قاشىمدا جانانە بۇ جاننى نە قىلاي؟
يارسىز ھەم بادىسىز مەككىگە بارماق نە كېرەك،
ئىبراھىمدىن قالغان ئول ئەسكى دۇكاننى نە قىلاي؟
ئورايىنمۇ باشىمغا سەككىز بېھىشتۇ دەۋزىخىن،
بولمىسا ۋەسلى ماڭا ئىككى جاھاننى نە قىلاي؟
ئەرشنىڭ كۈنگۈرىسى ئۈستىگە قويدۇم ئايىغىم،
لاماكاندىن جاي ئېلىپ، مەن بۇ ماكاننى نە قىلاي؟
زەررەئى نۇرى قۇياشتەك بۇ جاھان ئىچرە تامام،
ئاشكارا بولمىسا سىرى نىھاننى نە قىلاي؟
بىر خۇدادىن ئۆزگىسى بارچە غەلەتتۇر مەشرەبا،
گۈل ئەگەر بولسا قولۇمدا ئول تىكەننى نە قىلاي؟
(5)
يەتتە دەۋزەخ مەردى ھەقنىڭ ئالدىدا گۈلزاردۇر،
قول تۇتارغا رەھنامايىم مەردى ساھىبكاردۇر.
گەر قولۇڭدىن كەلسە ھەرگىز مۇرچىنى ئاغرىتماغىل،
ھەم خۇدا بەندەم دېمەس ھەر كىمكى دىلئازاردۇر.
تا تىرىكسەن دىدىدىن ھەر لەھزە تۆككىل ئابچەشم،
دىلدا دەردىڭ بولمىسا مىڭ تائىتىڭ بىكاردۇر.
بولماغىل زاھىد سۈپەت، دۇنيادا بول مەردى پېقىر،
كىمكى بەدھالەت بولۇپ كەتتى، تەنى مۇرداردۇر.
ئالىمى خۇدبىن بولما، ئالىمى كەستىن بول،
روزى مەھشەر ھامىيىمىز ئەھمەدى مۇختاردۇر.
سەن ئەزىز ئەتكەن قۇلۇڭنى ھېچ كىشى خار ئەيلىمەس،
سەن ئەگەر خار ئەيلىسەڭ ھەر يەردە بولسا خاردۇر.
مەشرەبا، دەرگاھى ھەق چۈن راھ نەۋمىد ئەمەس،
ھەق تەئالا ساڭا ھەم بىر ساقلىغىنى باردۇر.
pp0nt20331nba69in898u88fkply7ex
176378
176377
2026-08-30T08:32:06Z
UyghurArchive
25219
176378
wikitext
text/x-wiki
(1)
نەمەنگان شەھىرىدىن كەتسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
غېرىبلىق شەھىرىدە يۈرسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
قېنى قەۋمۇ قېرىندىشىم، بۇ يولدا بولسا يولدىشىم،
كۆزۈمدىن ئاققۇزۇپ ياشىم، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
مۇھەببەت شەربىتىن ئىچتىم، قازاندەك قاينابان تاشتىم،
بۇ پانىي دۇنيادىن كەچتىم، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
تۈشۈپتۇر باشىمە سەۋدا، رۇمۇزى ئىشقىدىن غەۋغا،
ئۆزىگە ئەيلىدى شەيدا، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
تۇرارغا تاقىتىم يوقتۇر، يۈرەرگە ھالىتىم يوقتۇر،
يۈرەكتە ئىشق ئوتى كۆپتۇر، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
قارارىم يوق تۇراي دېسەم، نەمەنگاندا يۈرەي دېسەم،
جاھاننى سەير ئېتىپ كەزسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
بۇ مىسكىن زارى مەشرەبنىڭ كىشى ھالىنى بىلمەيدۇ،
بۇ يەردىن باش ئېلىپ كەتسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
(2)
سەھەردە تولغىنىپ تولغاقتا تاپقان بىر بالاڭ كەلدى،
يۈزى ئاقۇ-قىزىل گۈلدەك شەھىدى كەربالاڭ كەلدى.
ئانادەك مېھرىبان قايدا، ئاتادەك غەمگۈزار قايدا،
ئۇلاردەك ئىچ كۆيەر قايدا، غېرىب بولغان بالاڭ كەلدى.
ئانا رازى خۇدا رازى، مۇھەممەد چاھار يار رازى،
رىزا بولغىل ئانا جانىم، دۇئا ئالغان بالاڭ كەلدى.
بۇ مەشرەبنىڭ دۇئاسىنى خۇدايا نائۈمىد ئەتمە،
كۆزى ياشلىق، دىلى غەملىك بۇ سارغايغان بالاڭ كەلدى.
(3)
سەتارىم تارىغا جان رىشتىسىدىن تار ئېشىپ سالسام،
ئانىڭكىم نالىسىدىن بىۋاپانىڭ كۆڭلىنى ئالسام.
مۇقام ئېلىپ مۇقام ئىچرە مۇقامنى دىلغا جا قىلسام،
مۇھەببەت كۈيىگە سالسا، ئانىڭ ئالدىدا مەن چالسام.
مۇقاملارنىڭ ئاتاسىنى ھۈسەينى ۋە ئەجەم دەرلەر،
بۇلاردىن يۇقىرى كىم پەردەئى باياتىنى چالسام.
باياتى ھەق تەئالا يادىدا چالسام پايامپاي كىم،
كى كۆڭۈل بىنەۋا بولغىنىنى بىلسەم ناۋا چالسام.
كەل ئەي مەشرەب، قەدەھ سۇنغىل، بولايىن مەستۇ مۇستەغرەق،
بىر قولغا كاسەئى تەنبۇر، بىرىگە جامنى ئالسام.
(4)
بۇ تەنى خاكىنى ۋە روھى راۋاننى نە قىلاي؟
بولمىسا قاشىمدا جانانە بۇ جاننى نە قىلاي؟
يارسىز ھەم بادىسىز مەككىگە بارماق نە كېرەك،
ئىبراھىمدىن قالغان ئول ئەسكى دۇكاننى نە قىلاي؟
ئورايىنمۇ باشىمغا سەككىز بېھىشتۇ دەۋزىخىن،
بولمىسا ۋەسلى ماڭا ئىككى جاھاننى نە قىلاي؟
ئەرشنىڭ كۈنگۈرىسى ئۈستىگە قويدۇم ئايىغىم،
لاماكاندىن جاي ئېلىپ، مەن بۇ ماكاننى نە قىلاي؟
زەررەئى نۇرى قۇياشتەك بۇ جاھان ئىچرە تامام،
ئاشكارا بولمىسا سىرى نىھاننى نە قىلاي؟
بىر خۇدادىن ئۆزگىسى بارچە غەلەتتۇر مەشرەبا،
گۈل ئەگەر بولسا قولۇمدا ئول تىكەننى نە قىلاي؟
(5)
يەتتە دەۋزەخ مەردى ھەقنىڭ ئالدىدا گۈلزاردۇر،
قول تۇتارغا رەھنامايىم مەردى ساھىبكاردۇر.
گەر قولۇڭدىن كەلسە ھەرگىز مۇرچىنى ئاغرىتماغىل،
ھەم خۇدا بەندەم دېمەس ھەر كىمكى دىلئازاردۇر.
تا تىرىكسەن دىدىدىن ھەر لەھزە تۆككىل ئابچەشم،
دىلدا دەردىڭ بولمىسا مىڭ تائىتىڭ بىكاردۇر.
بولماغىل زاھىد سۈپەت، دۇنيادا بول مەردى پېقىر،
كىمكى بەدھالەت بولۇپ كەتتى، تەنى مۇرداردۇر.
ئالىمى خۇدبىن بولما، ئالىمى كەستىن بول،
روزى مەھشەر ھامىيىمىز ئەھمەدى مۇختاردۇر.
سەن ئەزىز ئەتكەن قۇلۇڭنى ھېچ كىشى خار ئەيلىمەس،
سەن ئەگەر خار ئەيلىسەڭ ھەر يەردە بولسا خاردۇر.
مەشرەبا، دەرگاھى ھەق چۈن راھ نەۋمىد ئەمەس،
ھەق تەئالا ساڭا ھەم بىر ساقلىغىنى باردۇر.
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:غەزەل]]
mcwzw4b4zhl27m68mc19qf1t1qrp3zf
غەزەللەر (ساداقەتجان ھاجى)
0
24682
176379
2026-08-30T08:36:56Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ' [[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:غەزەل]] '''ئەي بۇلبۇل، ناۋا ئەتكىن''' ئەي بۇلبۇل ئىشقىدا گۈلنىڭ ناۋا ئەتكىن، ناۋا ئەتمەك بىلەن دىلغا داۋا ئەتكىن. چېچىلسۇن خۇشپۇراق ئەتراپقا گۈللەردىن، سابا تاڭدا كېلىپ خۇشبۇي ھاۋا ئەتكىن. قۇياش سەنمۇ چىقىپ جىلۋەڭ بىلەن...'
176379
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:غەزەل]]
'''ئەي بۇلبۇل، ناۋا ئەتكىن'''
ئەي بۇلبۇل ئىشقىدا گۈلنىڭ ناۋا ئەتكىن،
ناۋا ئەتمەك بىلەن دىلغا داۋا ئەتكىن.
چېچىلسۇن خۇشپۇراق ئەتراپقا گۈللەردىن،
سابا تاڭدا كېلىپ خۇشبۇي ھاۋا ئەتكىن.
قۇياش سەنمۇ چىقىپ جىلۋەڭ بىلەن كۆككە،
شۇ دەم بۇلبۇل ئۈچۈن نۇرلۇق ساما ئەتكىن.
قېنى شەبنەم، يۇيۇپ گۈلنىڭ جامالىنى،
يېشىل ياپراق ئارا قەددىن زىبا ئەتكىن.
ۋىسال بېغىدا ئەي بۇلبۇل ياشا ئويغاق،
گۈزەل گۈلنى ئۆمۈرلۈك دىلرۇبا ئەتكىن.
ئۆزۈڭنى گەر دېسەڭ ئىشقى بىدار ئاشىق،
ئەشۇ بۇلبۇل كەبى يارغا ۋاپا ئەتكىن.
(1989-يىل 25-ئاۋغۇست، قەشقەر)
'''ۋىسال كۈيى'''
گۈل ئېچىلدى غۇنچىسى قات-قات بولۇپ،
سايرىدى بۇلبۇل دىلى ھەم شات بولۇپ.
كۆك يۈزى نۇرلاندى زەڭگەر رەڭ ئارا،
قارا رەڭنىڭ قىسمىقى بەربات بولۇپ.
سۇ ئىچىپ نورۇز بۇلاقتىن سەرۋىلەر
ئۆستى ياشناپ قامىتى شەمشاد بولۇپ.
جىلۋە قىلدى جامدا ئوت رەڭ مەي-شاراب،
ساقىي كۈلدى مەيخانا ئاۋات بولۇپ.
قۇچتى يار ۋەسلىن شۇ دەم ئىشقى بىدار،
قەلبى ھىجران دەردىدىن ئازاد بولۇپ.
(1989-يىل 25-ئاۋغۇست، قەشقەر)
'''قىيان بولدى'''
كۆزۈڭ ئوتتەك يېنىپ سېھرى ئايان بولدى،
يۈزۈڭ لالە، بويۇڭ سەرۋى راۋان بولدى.
چېچىڭ چىرماش بولۇپ نازۇك تېنىڭ ئۆزرە،
گويا سۇمبۇل ئارا سەرۋى ئامان بولدى.
ئېتىپ كىرپىك ئوقۇڭنى تەن ئارا جانغا،
كۆزۈڭ ئوقدان، قېشىڭ گويا كامان بولدى.
تىلىڭ بۇلبۇل كەبى سايراپ ناۋا ئەتسە،
لېۋىڭ غۇنچە بولۇپ كىم ئاشىيان بولدى.
كۆرۈپ ھۆسنۈڭنى ھەم ئويلاپ ۋەسلىڭنى،
شۇ دەم ئىشقى بىدار ئىشقى قىيان بولدى.
(1989-يىل 27-ئاۋغۇست، قەشقەر)
'''ئىشقى بىدارمەن'''
ئەي گۈزەل ئوتۇڭدا يانارمەن،
تۈنلىرى ئۇخلىماي ياتارمەن.
ناخشامدىن ئۆرلەيدۇ غەمكىن تۇمانلار،
ئاھ ئۇرۇپ تولغانغان دۇتارمەن.
ئىشقىڭنىڭ تېغىدىن پارتلاپ چىققان،
ئالەمنى ئۆرتىگەن ئوت-نارمەن.
دەردىمگە دەرمان يوق، قىلمىدىڭ پىسەنت،
ئۆزۈم ساق، كۆزۈم قان بىمارمەن.
قانخۇمار ۋەسلىڭدىن ئۈزمىدىم ئۈمىد،
ھەرقاچان مەن ئىشقى بىدارمەن.
(1989-يىل 2-مارت، قەشقەر)
'''كۆزلىرىڭ'''
كىرپىك بوستانلىرى ئارا كۆزلىرىڭ،
بېقىپ جىلۋە بىرلە قارا كۆزلىرىڭ.
چېچىپ مۇھەببەتنىڭ سىرلىق نۇرىنى،
قىلدى يۈرىكىمنى يارا كۆزلىرىڭ.
خىيال دەرياسىغا ئەيلىدى غەرق،
بۇزۇپ ئارامىمنى بالا كۆزلىرىڭ.
ۋەسلىڭگە زار بولۇپ يۈردۈم كوچاڭدا،
سالدى جېنىمغا كۆپ جاپا كۆزلىرىڭ.
كىمگە ئېيتاي يۈرەك دەردىمنى يارەي؟
ئەگەر ئەيلىمىسە ۋاپا كۆزلىرىڭ.
يورۇتسۇن ئىشقى بىدارنىڭ يولىنى،
قىلىپ ئۆز بۇرچىنى ئادا كۆزلىرىڭ.
(1991-يىل 5-ئاۋغۇست، قەشقەر)
'''سەۋەب'''
جىمى ياخشى-يامانلارغا ئۆزۈڭ بائىس،
جىمى نەپسى بالالارغا كۆزۈڭ بائىس.
جاھاندىن رەنجىمە يەتكۈزمىسە پايدا،
ھەقىقەت سۇنسا گەر يالغان سۆزۈڭ بائىس.
قۇياش كۆرسەتمىسە نۇرلۇق جامالىنى،
بۇنىڭغا رەڭمۇ-رەڭ داپشاق يۈزۈڭ بائىس.
قۇرۇپ كەتسە لېۋىڭ تەشنالىقىڭ قانماي،
ئاڭا توڭلاتقۇدا قاتقان مۇزۇڭ بائىس.
سېنى لايدىن ياراتتى تەڭرى ھېكمەتتە،
ئەگەر تەڭشەلمىسە تەمىڭ تۇزۇڭ بائىس.
(1997-يىل 26-فېۋرال، قەشقەر)
'''ئىلتىجا'''
گۈل ئەيلە مېنى، خار ئەيلىمە يارەب،
يەتكۈز مۇرادىمغا، زار ئەيلىمە يارەب.
چۈشۈرمە شەيتاننىڭ دامىغا مېنى،
نائەھلى يامانغا يار ئەيلىمە يارەب.
ياشىغۇم كېلىدۇ قىسىلىپ قالماي،
جاھان قۇچىقىنى تار ئەيلىمە يارەب.
ئەلنى خۇشال قىلاي شېئىرىم بىلەن،
ناۋاسى يوق دۇتار ئەيلىمە يارەب.
سۇغا سال، ئوتقا سال، ئاقارمەن، كۆيەرمەن،
لېكىن غەپلەتتە بىكار ئەيلىمە يارەب.
نادانلىق قەپىزىدىن قۇتقازماي تۇرۇپ،
ئۆمۈر قۇشۇمنى شىكار ئەيلىمە يارەب.
ئەگەر ئەلگە زۇلۇم ئەيلىسەم زەررە،
مېنى ئىشقى بىدار ئەيلىمە يارەب.
(1997-يىل 26-فېۋرال، قەشقەر)
'''خۇمار بولدى'''
قۇيە ساقىي شارابىڭنى، كۆڭۈل مەيگە خۇمار بولدى،
قەدەھنىڭ پارچىسى ئەمدى ماڭا ئالتۇن تۇمار بولدى.
قۇيە دېسەم، ھاراق قۇيما، گۇلابقا جامنى توشقۇزغىن،
ئېچىلىپ باغدا گۈل-غۇنچە ئانا يۇرت گۈلدىيار بولدى.
ساماۋەرنىڭ چېيى كەۋسەر، پىيالەمگە قېنى قۇيغىن،
ھاراقتىن نەچچە يۈز ھەسسە مېنى چاي خۇش قىلار بولدى.
بولۇپ يۈرمە ئايا ساقىي، ئاۋارە ئوت قالاپ مەشكە،
تۈمەن دەريا سۈيى مۇزدەك يۈرەككە بەك ياقار بولدى.
شارابتىن تەم تەلەپ قىلساڭ، تۈمەننىڭ سۈيىنى ئىچكەن
ئەزىزانە دىيار كۆركى — قوغۇندىن بال تامار بولدى.
ئىچىپ باققانمۇ رەڭدار مەي جاناننىڭ لېۋىدەك قىزىل،
بېھىشكىرەم ئانارىدىن قىزىل ياقۇت ئاقار بولدى.
شاھانە جامدا مەي ئىچمەي بېسىلماس بۇ خۇمار ئەسلا،
گويا ئالتۇن قەدەھ — ئەنجۈر، قەدەھ يۇرتى — دىيار بولدى.
كۆرۈپ بىزنىڭ شارابلارنى ھاراق ئاتلىق ھارام ھەمراھ،
كۆڭۈل بوستانىدىن قېچىپ نەزەردىن ھەم بىكار بولدى.
خۇمارى تۇتتى خەلقىمنىڭ، قېنى ساقىي شاراب كەلتۈر،
سۆزۈم ساقىي ئۈچۈن مەيلەر بېغىدا بىر شىكار بولدى.
(1985-يىل 2-ئاي، قەشقەر)
'''تەلپۈنۈش'''
ئەي گۈزەل ئايدۇر يۈزۈڭ، بىر جۈپ كۆزۈڭ كۆك ئەختىرى،
جاننى قويغاي ئوڭدا جىلۋە قىلسا قاشىڭ خەنجىرى.
قايسى جاننىڭ جۈرئىتى بار كۆرگىلى شەھلا كۆزۈڭ،
تۇرسا قوغداپ بىرلە سەپ ھەيۋەتتە كىرپىك ئەسكىرى.
ئىزدىمەس جەننەت ماكاندىن كەۋسەرۇ زەمزەم كۆڭۈل،
تۇرسا غۇنچە لەۋلىرىڭ گوياكى چەشمە كەۋسىرى.
گۈلگە زار بۇلبۇل كەبى باققاي كۆزۈم ھەردەم ساڭا،
توز قاناتىدەك لىباسىسڭدۇر چىمەنلەر تەسۋىرى.
ئەيلىگەي دەرمان بولۇپ دەردمەن دىلىمنى شاد-خۇرام،
يەتسە دىماققا بويۇڭدىن تارىغان خۇش ئەنبىرى.
ئەي گۈزەل، ئىشقى بىدار ئىشقىڭدا چەكتى كۆپ پىراق،
ئاڭا باغرىنى ئاچار قاي چاغ ۋەسلىنىڭ مۇنبىرى؟
(1985-يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى)
'''غوجىمۇھەممەد غەزەللىرىگە مۇشائىرە'''
(بۇ غەزەللەر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ «جان ئارا جانان ياتۇر ئايەت ئوقۇپ» دېگەن ماۋزۇدىكى غەزەللىرىدىن ئۈچ غەزەلگە مۇشائىرە)
'''خەنجەردە ئاھىم'''
ئوقۇپ غەزەلنى ئۆرتەندى باغرىم،
كۆكسۈمگە پاتقان خەنجەردە ئاھىم.
تۈننىڭ كۆزىدە كۆيمەكتە زۇلمەت،
ئىزدەيدۇ ئاينى مەنزەردە ئاھىم.
ئون بەش تامچە قان، قاننىڭ دەردىنى،
سۆزلەيدۇ قانغا مۇنبەردە ئاھىم.
قان بولۇپ تاشقان ئىدى خوتەندە،
قار بولۇپ ياغدى قەشقەردە ئاھىم.
ئىشقى بىدارنىڭ ئىشقى شېھىددۇر،
مەئشۇقنى كۆرگەي مەھشەردە ئاھىم.
(2008-يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى)
'''ئاشىقى شازادىخان'''
بەختىخاننىڭ بەختىنى قىلسام بايان،
ئالمىخان ئاھ ئۇردى كۆز يېشى قىيان.
سەيدىخان سايلاردا سەرسان قۇش ئىكەن،
روزىخان كۈندە تۇتۇپتۇ رامىزان.
قار ئىكەن قەمبەرنىسانىڭ قەبرىسى،
غەرق ئىكەن مۇڭ دەشتىگە مىراجىخان.
ئالمىخاننىڭ ئاھىنى ئاڭلاپ غوجام،
كەتتى مەشرەبتەك چىقىپ چۆللەر سايان.
ئىشقى بىدار ئاشىقى ئازادىخان،
ھۆرىخاننىڭ ھەسرىتى ئاندىن يامان.
(2008-يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى)
'''خۇدا ياخشى'''
بەندىگە ھەممىدىن خۇدا ياخشى،
خۇدا دەپ قىلسا جان پىدا ياخشى.
مەندەك سارايدىكى بىغەم بەگدىن،
غوجىدەك سايدىكى گادا ياخشى.
مەشرەبكە غاردىكى ئىبادەتتىن،
داردىكى مەنسۇردەك ساما ياخشى.
مىڭ پاتمان «ئىمان»دىن قىيامەتتە،
بىر قېتىم ئاھ دېگەن ناۋا ياخشى.
خۇدايا مەن ئىشقى بىدارىڭغا،
بىر تاشتىن بىر تامچە زىيا ياخشى.
(2008-يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى)
'''قوشۇمچە: غوجامنىڭ غەزەللىرى'''
'''(1)'''
كەزسەم خوتەننى، قەشقەردە ئاھىم،
ياش تۆكتى ئاقسۇ، مىڭ ئەردە ئاھىم.
ئىزدەپ تىنچلىق بارسام ئىلىغا،
قانىتى بوغۇق كەپتەردە ئاھىم.
ئاتۇشقا چىقسام تاشلار يېرىلدى،
جاندا بىلەنگەن شەمشەردە ئاھىم.
تۇرپاندا قەبرە، بولدۇم ھازىدار،
شائىرنى چاپقان خۇمپەردە ئاھىم.
كەزدىم ۋەتەننى ئون بەش چۆرگىلەپ،
ئون بەش تامچە قان مەھشەردە ئاھىم.
'''(2)'''
ئالمىخاننىڭ ئالمىسى بار، بېغى يوق،
لەيلىخاننىڭ گۈلى بار، گۈلزارى يوق.
سايرىماڭلار غۇنچىخانغا تەلمۈرۈپ،
ئېچىلىشقا بەھرى ئاپتاپ يازى يوق.
تاڭغا يىغلاپ ئولتۇرىدۇ نۇرىخان،
تۈندە كەلمەڭلار ئۇنىڭ چىراغى يوق.
چىللىماڭلار ھۆرىخاننى بەزمىگە،
ئاڭا ئاشىق يىگىتى-سەردارى يوق.
تىڭشىماڭلار كۈيلىسە ئازادىخان،
جان غېمىدىن كۆڭلىنىڭ ئارامى يوق.
'''(3)'''
سېغىنىپ باش ئۇرايلى خۇدا ياخشى،
ئاڭا يەتكىلى ھەم گۇناھ ياخشى.
ۋەتەنسىز قالمايدۇ ئىتمۇ ئاخىرى ھەرگىز،
تىللىما، زىكرىگە ھەمدۇ-سانا ياخشى.
گادايلىق تونىنى سال، دېدىڭ كىمگە؟
بىراۋنىڭ تاجىدىن ئەسكى كۇلاھ ياخشى.
قۇياشقا تەلمۈرۈپ ياتقان كېچىلەردىن،
سەپەردە بولغىنىڭ جاندىن جۇدا ياخشى.
غوجىجان ئايۋىنىدىن چىق قىلىپ ئىسيان،
سايدىكى قارا تاشقىمۇ سادا ياخشى.
pi01agx2dnflpectflxfd9kwkn0d3fs
يار ھەققىدە تۆت غەزەل
0
24683
176380
2026-08-30T08:41:10Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ' [[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:غەزەل]] '''غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد''' '''يارنىڭ ئەگىم قاشلىرى ھەققىدە غەزەل''' رەستىدە بىر يار كېلۇرلەر قاشلىرىن ھەريان ئېتىپ، ھەر ئېتىشتە مىڭ قېتىم جان بەرگىلى پەرمان ئېتىپ. قارلىغاچنى پەي-قاناتىدىن جۇدا ئەيلەپ نېتەي، كى ھىل...'
176380
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:غەزەل]]
'''غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد'''
'''يارنىڭ ئەگىم قاشلىرى ھەققىدە غەزەل'''
رەستىدە بىر يار كېلۇرلەر قاشلىرىن ھەريان ئېتىپ،
ھەر ئېتىشتە مىڭ قېتىم جان بەرگىلى پەرمان ئېتىپ.
قارلىغاچنى پەي-قاناتىدىن جۇدا ئەيلەپ نېتەي،
كى ھىلال ئاينى پەلەكتە رەشكىدىن سەرسان ئېتىپ.
ئىككى كۆۋرۈككى، ئۇنىڭدىن ئۆتتى ئەگىپ كىم قاچان؟
ئۆتتى، ئۆتتى ھەممە ئەل شاد كۆڭلىنى ۋەيران ئېتىپ.
كى جانانغا بارغىلى چىققاندا تەننىڭ ئۆيىدىن،
ئۆتتى جان ئۇندىن ئۆلۈمنىڭ كۆڭلىنى ھەيران ئېتىپ.
كى قەلەمقاش دەر ئۇنى كۆرگەن كىشى ھەيرانۇ ھەست،
رىغبىتى مىڭلارچە ھىجراننى بۈيۈك داستان ئېتىپ.
گۈلچىمەن ئاسماندىكى ئۇ، قاپقارا دەردى-پىراق،
نە ھىلال ئاسماندا ئىككى، پارلىغاي جەۋلان ئېتىپ.
مەشرەبى دەر: يارىيار، قاشى قاراسىنى كۆرۈڭ،
ئەي غوجى چىق سەنمۇ يارنىڭ قاشىغا ئىسيان ئېتىپ.
'''يارنىڭ تال-تال كىرپىكلىرى ھەققىدە غەزەل'''
ئولتۇرۇپ بىردەم ئارام ئال كىرپىكى بوستانىدا،
قىل شىكار ئاھۇ-كىيىكنى قاپقارا ئورمانىدا.
سانچىلىپ جانغا ئارام بەرمەس قىلىچتۇر ھەر بىرى،
جان چىقىپ بولغۇنچە يۈرگىن سۆيگۈنىڭ پەرمانىدا.
قىپقىزىل قاننىڭ چېقىلغان ئەينىكى دولقۇن ياساپ،
ئۆرلىسۇن كۆككە مۇھەببەتنىڭ بۈيۈك جەۋلانىدا.
لىپ قىلىپ بەرسە ۋىسالدىن خۇشخەۋەر ھەر لەھزىدە،
جان نىچۈك ئولتۇرمىسۇن ساقلاپ بەدەن ئايۋانىدا؟
باسسا قۇم، ئاندىن قەلەندەرلەر ئۆتەر پەرياد ئېتىپ،
چۆرگىلەر چەرخى پەلەكمۇ ئاشىقى ئىسيانىدا.
پارقىرار شەبنەمكى نە، خۇددى مۇھەببەت رەھمىتى،
مەۋج ئۇرۇپ ئاققاي يۈرەكلەر بۇ ئەزىم ئوكيانىدا.
كىرپىكىدىن ئۈزدى ئوق، ئۆلدۈم مۇھەببەت شەھىرىدە،
يەتكۈسى يار ۋەسلىگە جان بۇ ئۆلۈم جەريانىدا.
'''يارنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرى ھەققىدە غەزەل'''
يار، كۆزۈڭنىڭ ئەينىكىدىن ساقىغان ئاسمانمىدۇ؟
ياندۇرۇپ بىر جۈپ چىراغنى پۈۋلىگەن سۇبھانمىدۇ؟
خۇددى دەريادەك دېڭىزدا قاغجىراپ ئاققان ئۆلۈك،
ياكى خىلۋەت بىر بۇلاقتىن يامرىغان ئوكيانمىدۇ؟
قاپقارا ئىشق زۇلمىتىدە بىر قەلەم پەرياد ئېتەر،
ئاھ، ئۇنىڭكى نالىسىدىن ياڭرىغان داستانمىدۇ؟
يىرتىلىپ كەتكەن ئەجەلنىڭ ۋارىقى خۇددى ھايات،
ئاندىكى جانلارنى جانان قىلغۇچى غەليانمىدۇ؟
بىر بېقىپ ئالدىڭ جېنىمنى، ئىككى باققاندا، نېتەي،
ئاھ، مېنىڭ بۇندا تىرىك يۈرگەنلىرىم يالغانمىدۇ؟
كۆزلىرىڭ چايقاپ قەدەھنى بولدى مەست دەريا، دېڭىز،
كۆز يېشىڭ چىللاپ سەھەرنى چاقنىغان چولپانمىدۇ؟
كۆز — كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى دەرلەر ئىشىق ئەھلى ھامان،
ئۇندا كىم ئىزدەپ ئۆزىنى بىر ئۆمۈر سەرسانمىدۇ؟
'''يارنىڭ جىنەستىدەك لەۋلىرى ھەققىدە غەزەل'''
لەۋلىرىنىڭ كاسىسىدىن مەي ئىچەي ئارمان بىلەن،
مەستۇ مۇستەغرەق كېتەي يار يانىدىن خەندان بىلەن.
غۇنچىسىن ئېچىلدۇراي نەپىسىم ئىلە جان چىققۇچە،
گۈل ئۈزەي نازۇك بېغىدىن لالەيۇ رەيھان بىلەن.
مەي نېمە، بىر سۆيمىسە؟ يار لەۋلىرى ئابى ناۋات،
نە ناۋات، ئاندىن شېرىندۇر بۇ ئۆلۈم ھەر جان بىلەن.
لەززىتى بىھۇش، چىرايلىق ئاھ جىنەستە باغلىرى،
شىرنىسى ئاقسۇن جېنىمغا تولغىنىپ خەندان بىلەن.
ئاقسا قان ئاھ، لەختە-لەختە قىپقىزىل دەريا بولۇپ،
قان ئىلە جاننى يۇيۇپ مەن نۇرلىناي ئارمان بىلەن.
قەبرىگاھ ئەتسە كېپىنەكلەر بۇ يار گۈلزارىنى،
ئىشقىدىن پەرياد ئۇرۇپ مەن ياش تۆكەي مارجان بىلەن.
ئەي غوجى يارنىڭ لېۋىدىن ئىچ شاراب، مەستلىكتە سەن،
قىل ئاۋات سۆيگۈ بېغىنى جەننەتۇل رىزۋان بىلەن.
(2012-يىلى مارت، خوتەن)
3n0j716r9a7tmb9dxa02gje9w4rt1ii
نەۋائىي غەزەللىرىگە تەجنىسلەر (غەزەللەر)
0
24684
176381
2026-08-30T08:44:09Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ' [[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:غەزەل]] '''ئابابەكرى توختى''' '''مۇقەددىمە''' بەش ئەسىر ئۇيقۇدا ياتقان چۆل ئارا بىر ئۈن كېلۇر، ئۇندا «دىۋان»نى قۇچاقلاپ ھالىتى مەجنۇن كېلۇر. بىر تەرەپتە تۇغ بولۇپتۇ ھەزرىتىمگە زەر قۇياش، بىر تەرەپتىن سۈڭدىشىپ ئايسىز تاتارغان...'
176381
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:شېئىر]]
[[تۈر:غەزەل]]
'''ئابابەكرى توختى'''
'''مۇقەددىمە'''
بەش ئەسىر ئۇيقۇدا ياتقان چۆل ئارا بىر ئۈن كېلۇر،
ئۇندا «دىۋان»نى قۇچاقلاپ ھالىتى مەجنۇن كېلۇر.
بىر تەرەپتە تۇغ بولۇپتۇ ھەزرىتىمگە زەر قۇياش،
بىر تەرەپتىن سۈڭدىشىپ ئايسىز تاتارغان تۈن كېلۇر.
ھەر قەدەمدە بىر سوئال تاشلاپ ئۆتەر دۇنياغا ئۇ،
شۇ سوئالنى يەشكىلى مەشرەپ يۈرىكى خۇن كېلۇر.
شۇ سوئالدىن ئويغىنىپ ئەرشى تېپىپتۇ ئەسلىنى،
نەۋبەتى، گۇمنام، زەلىلى... ھەممىسى سۇلغۇن كېلۇر.
خانىقالار ھۆكمىنى سۇندۇردى كۈيلەر نەرىسى،
ئۇشبۇ ۋەھدەتتە قاياقتىن تاپ بېسىپ ئالۋۇن كېلۇر؟
قىز پېتى قالدى جاھان ئۆلگەن يۈرەكلەر تەكتىدە،
ئۇشبۇ قىزنى ئەپكىتىشكە توختىماي پەيتۇن كېلۇر.
ئاشىنالىق ئارىمىغان بولدى نەۋائىيدىن بۈگۈن،
ئول پىرىمنىڭ خەزىنىسىنى ئاقتۇرۇپ ئۇيغۇن كېلۇر.
'''1'''
ماڭا نە مەنزىلۇ مەئۋا ئەيان، نە خانۇمان پەيدا،
سېنىڭ ھىجرىڭدە بۇ غەمسىز يۈرەكتە لەختە قان پەيدا.
ئەقىلنىڭ قۇشلىرى قوندى سولاشقان بەرگى ياپراققا،
جاھان ھۆسنىدە سۆيگۈمدىن بولۇپتۇ زەپىران پەيدا.
ناۋالار ئەيلىسە بۇلبۇل قىزىل گۈل ئىشتىياقىدا،
كى تاڭ چېھرىدە ھىجرەتنىڭ دالاسىدەك تۇمان پەيدا.
شەبىستان كۈيلىرى كەتتى يىراقلاپ ئاستا كۈلبەمدىن،
ھىلالنىڭ كۆز يېشى تامغاچ چىمەندە مۇڭ-پىغان پەيدا.
بۇ تەن پەرۋازىدىن قالدى، ئۇنىڭ مولجالى تىمتاسلىق،
سۈكۈت ئەۋجىدە روھىمدا ياراقسىز پەھلىۋان پەيدا.
خىيال دەپتىرىدىن زەرگۈن پەلەكنىڭ شولىسى يۈتتى،
پەلەك دىشۋارىدىن بولدى گويا ئاخىر زامان پەيدا.
چېچىڭ زۇلمىتىدىن كۆيگەن كېچەڭگە ئاشىنا چۈشلەر،
شۇ چۈشلەر سەتھىدە بولغاچ ھەۋۋادەك مېھرىبان پەيدا.
ئىشق زەنجىرىدە مەڭگۈ بۇ ئۇيغۇن قەلبى باغلاقلىق،
نە ھاجەت ئىستىمەك ئەركنى، يېنىدا ئول جانان پەيدا.
'''2'''
جان يېتىپ ئاغزىمغا تاپمان دەردى ھىجراندىن خەلاس،
نەكى ھىجران، بەلكى بولدۇم ئابى ھايۋاندىن خەلاس.
كىرپىكىڭ ئوقياسىدىن سۇلدى چېچەكلەر جىلۋىسى،
ئەيلىگەي كىم باغىباننى ئۇشبۇ غەلياندىن خەلاس؟
زۇلفى قەللابىڭ مېنى ئالدى بوغۇپ، يوق ئىختىيار،
كۆزلىرىم بولماس نېرى بىر لەھزە تۇپاندىن خەلاس.
ئاھ، ئىشق زىندانىدا قىينالغۇچى بىر مەن ئەجەب،
خۇددى قۇش بولغان كەبى پەرۋازى جەۋلاندىن خەلاس.
ئىزدىبان سۆيگۈ گۈلىستانى زېمىستان قوينىدىن،
ئىشقى گۈللەرنىڭ دىلىمدا بولمىدى قاندىن خەلاس.
بۇ جۇنۇن سەھراسىنىڭ خىلۋەت راباتى قايدىدۇر،
جىلۋىسىز ئازغۇن ۋىسال قىلماس سەراتاندىن خەلاس.
مۇڭدىشىم بولدى پىراقنىڭ ئەۋجىدە تەنھالىقىم،
ۋەھدىتىم جامىدا مەي بولماستا شەيتاندىن خەلاس.
بۇ ھاياتقا ساختىلىقتىن ياپما پەردە ئەي پەلەك،
قىل مېنى جاندىن خەلاس، قىلغۇچە جاناندىن خەلاس.
'''3'''
يارەب، ئول يۈزنى دەمى كۆزۈمگە پىنھان ئەيلىمە،
ئاشنالىق دەستىدىن ھالىم پەرىشان ئەيلىمە.
ئوت قويۇپتۇ بۇ جاھانغا مەئشۇقۇمنىڭ غەمزىسى،
بىرلا مەن تۇترۇق بولاي، ئۆزگىنى قۇربان ئەيلىمە.
يايمىسۇن زۇلفىنى ئۇ، يالمار قۇياشنى سويلىشى،
تاڭغا تەشنا بۇ يۈرەكنى تىغ ئۇرۇپ قان ئەيلىمە.
باغلىرىمدا گۈل-چېچەكلەر بولمىسۇن زىنھار خازان،
شۇ نىگارىم ھۆسنىنى بۇ باغدا مېھمان ئەيلىمە.
نە ئەجەبكىم مەي بىلەن ئازسام ھوشۇمدىن بىر يولى،
نازىنى ئول پەرىنىڭ ئالدامچى شەيتان ئەيلىمە.
يول سېلىپ چىقتىم بۈگۈن ئەيلەپ ھىلالنى قولۋىقىم،
كۆز يېشىمنى ناگىھان بۇ يولدا ئوكيان ئەيلىمە.
قۇلۇڭنى ئەيلىگىن تەن بىر ئۆزۈمگە تائەبەد،
باشپاناھسىزلا ئۆلەي، شۇل يارنى سۇلتان ئەيلىمە.
جان قۇشى قاقسا قانات قونغاي شېخىغا سۆيگۈنىڭ،
ئاشۇ تەررانىڭ بىراق كۆكسىنى ئاسمان ئەيلىمە.
ئۇشبۇ ھىجران دەشتىدە ئۆلتۈرۈپ ئۇيغۇننى يار،
گاھ تىرىلدۈرۈپ يەنە تەڭرىمنى ھەيران ئەيلىمە.
'''4'''
جۇنۇن تېشى ئۇرۇپ ھەريان يېڭى داغىمنى ئەپكار ئەت،
ھۆسن باغىڭغا ئەي رەنا مېنى ئاشىق خېرىدار ئەت.
كۆزۈم بىر لەھزە توختاتسۇن مۇھەببەت زۇلمىدىن تۇپان،
قارا كاكۈل چېچىڭنىڭ سويلىشىنى بىر ماڭا دار ئەت.
نېتەي سىنەم ئارا كۈلسە يەنە ئىشقىڭ گۈلىستانى،
تېنىم چۆللەرگە تاشلانسۇن ۋە مەيلى قەترىگە زار ئەت.
يۈرەك ئۆتمە تۈشۈك بولسۇن نىگاھىڭ خەنجىرى بىرلە،
شۇڭا لوقمانمۇ كۈچ قىلماس بىمارلارغا نەمۇدار ئەت.
قاراقلار سەتھىدىن ئۆچسۇن ھىلالسىز توزىغان ئاسمان،
بۇ رەسۋالىق كوچاسىدا ناھايەتكى بىر مېنى خار ئەت.
بۇ ھالىمدىن جاھان ئەھلى تۇتۇپ قالسۇن ياقىسىنى،
ۋاپا تەسۋىسىنى ئەمما ھامان بوينۇمدا زۇننار ئەت.
سېنىڭ كۈلپەتلىرىڭ بىرلە ساراڭ، تەلۋە ئاتالساممۇ،
بۇ ئۇيغۇننى ئاداققى رەت لېۋىڭدە ئېرىگەن قار ئەت.
'''5'''
ئارىزىڭنى باغ ئارا چۈن كۆردى ھەيران بولدى گۈل،
قامىتىڭگە ئەي پەرى ئۈنسىز غەزەلخان بولدى گۈل.
بەرگىلەرنى تىترىتىپ ئۆتتى گويا كۈز سەلكىنى،
خۇددى مەندەك نائۈمىد قالدى پەرىشان بولدى گۈل.
ياغلىقىڭنى قايرىساڭ كۆيدى گۈرۈلدەپ بۇ جاھان،
بۇ مالمەت دەستىدىن بىر پەستە گۈلخان بولدى گۈل.
بىر نىگاھ بىرلە ئېتىلدى شۇ نىگاھتىن مىڭ باشاق،
ھالىغا مىڭ ۋايىكىم، جەڭگاھتا قۇربان بولدى گۈل.
يەنە بىر رەت ئەيلىدىڭ گۈلگۈن نىگاھتىن بۆسەلەر،
بۇ يۈرىكىمدەك شۇئان قاتمۇ-قات قان بولدى گۈل.
ئۇشبۇ قىسمەتتىن ياقاڭنى يىرتمىغىن ئەي بۇلبۇلۇم،
ئول نىگارىم ھۆسنىدە مەڭگۈگە مېھمان بولدى گۈل.
گۈل ئۈزەي دەپ تاڭ سەھەر كىرگەندە باغقا ناتىۋان،
شۇندا ھەيران قالدۇرۇپ ئۇيغۇننى ئىنسان بولدى گۈل.
(1995-يىلى 5-6-ئايلار، ئۈرۈمچى)
d3o0xjeo9yqw3t9xrq6mz2rct1bgbw7