Wikipedia ugwiki https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA MediaWiki 1.47.0-wmf.17 first-letter ۋاسىتە ئالاھىدە مۇنازىرە ئىشلەتكۈچى ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى Wikipedia Wikipediaمۇنازىرىسى ھۆججەت ھۆججەت مۇنازىرىسى MediaWiki MediaWiki مۇنازىرىسى قېلىپ قېلىپ مۇنازىرىسى ياردەم ياردەم مۇنازىرىسى تۈر تۈر مۇنازىرىسى TimedText TimedText talk Module Module talk Event Event talk بېيجىڭ پايتەخت ئايروپورتى 0 12841 176430 165324 2026-09-02T09:29:14Z 哲学学者 25864 يېڭى مەزمۇن قېتىلدى 176430 wikitext text/x-wiki بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارا ئايروپورتى ([[لاتىن يېزىقى|Beijing Capital International Airport]]، [[خەنزۇچە|北京首都国际机场]]) بولسا [[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى|جۇڭگۇ]]نىڭ پايتەختى [[بېيجىڭ]] شەھىرىدە جايلاشقان ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇھىم خەلقئارا ئايروپورت. بۇ ئايروپورت بېيجىڭ شەھەر مەركىزىدىن تەخمىنەن 25 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چائوياڭ رايونى ۋە شۇنيى رايونىنىڭ چېگرىسىدا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى (Air China) نىڭ ئاساسلىق تور نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. بېيجىڭ پايتەخت ئايروپورتى 1958-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، جۇڭگۇدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ۋە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئايروپورتلارنىڭ بىرى. ھازىرقى ئايروپورتتا T1، T2 ۋە T3 قاتارلىق ئۈچ دانە يولۇچى تىرمىنال بىناسى بار. بولۇپمۇ 2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن ياسالغان T3 تىرمىنالى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئايروپورت تىرمىنال بىنالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئايروپورتنىڭ يولۇچى سىغىمچانلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان. بۇ ئايروپورت يولۇچى توشۇش مىقدارى جەھەتتىن ئاسىيادىكى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان، پۈتۈن دۇنيادا ئامېرىكىنىڭ خارتسفىلد-جاكسون ئاتلانتا خەلقئارا ئايروپورتىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئايرودروم. ئۇ جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ھاۋا قاتناش ئالاقىسىدىكى ئەڭ مۇھىم تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ. == مەنبەلەر == {{Reflist}} o1xgsss3rzuv25mlte0z302rw8u5zj3 پەخىردىن قارلۇق 0 13492 176429 163046 2026-09-01T20:19:39Z Bapkar 1429 176429 wikitext text/x-wiki {{Infobox person|ئات ۋە تەگئات=پەخىردىن قارلۇق|مىللىتى=[[ئۇيغۇر]]|توغۇلغان ۋاقتى=[[1981-يىلى]] [[9-ئاي]]نىڭ 9-كۈنى|توغۇلغان جاي=[[ئاقسۇ]] ۋىلايىتى [[شايار]] ناھىيەسى}} پەخىردىن قارلۇق ئەر، ئۇيغۇر، 1981-يىلى 9-سىنتەبىر ئاقسۇ شەھەر شايا ناھىيسىدە مەدەنىيەتلىك ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1994-يىلى Basic ۋە Assemble تىلىدىن باشلاپ كومپيۇتېر ساھەسىگە كىرگەن. 1996-يىلدىن 7-ئايدىن 1997-يىلى 8-ئايغىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر شىركىتىدە، 1997-يىلى 8-ئايدىن 1998-يىلى 11-ئايغىچە پەن-تېخنىكا ئەجدىھاسى كومپيۇتېر شىركىتىدە يېزىق-جەدىۋەل ۋە ساندان بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 1998-يىلى11-ئايدا ھازىرقى قارلۇق شىركىتىنىڭ ئاساسى بولغان «قارلۇق كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى» نى قۇرغان. 2000-يىلى 3-ئايغىچە خەنزۇچە UCDOS مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى، DOS موھىتىدىكى كۆپ تىللىق مەتىبەئە، جەدىۋەل ۋە ساندان باشقۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان گىرافىك يۈزلۈك قوللىنىش پرگراممىسى Uyghur-word نى، مالىيە-مائارىپ ساھەسىدە قوللىنىلىدىغان ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئىستاتىستكا يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىگەن 2000-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ، نىشانىنى كومپيۇتېر گىرافىك ساھەسىگە قارىتىپ، رايونىمىزنىڭ 3D كومپيۇتېر گىرافىكى ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان تۈرلەرنى ئىشلىگەن ۋە سىستېمىلاشتۇرۈغان. بېيجىڭ پايتەخىت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىي ئېستېتىكا تەتقىقات مەركىزى، CG Power ۋە Days of View قاتارلىق شىركەتلەردە CCTV-4، CCTV-9، CCTV-8 بيېجىڭ ۋە تېيەنجىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ كومپيۇتېر گىرافىكىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنىڭ تۈر باشقۇرغۇچىسى، 3D كۆرۈم ئېغغىكتى مەسئۇلى ۋە تېخنىكا يېتەكچىلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. پەخىردىن قارلۇق-قارلۇق مدېىيا تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش ئىجىرائىيە دېرىكتورى. رايونىمىزنىڭ 3D كومپيۇتېر گىرافىكى ساھەسىنىڭ باشلامچىسى. ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ جوڭگۇدىكى تۇنجى خۇسۇسىي شىركەتلەر ھەمكارلىقىدىكى يۇمشاق دېتال تەجرىبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ھازىر ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە 3D تەقىلىدلەش ۋە ئانالىزلاش ئىقىتدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتېرەكتىۋ يۇمشاق دېتال تۈرلىرى ئىشلەنمەكتە. «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى. == مەنبەلەر == {{Reflist}} {{stub}} [[تۈر:كىشلەر]] [[تۈر:ئۇيغۇرلار]] [[تۈر:ئۇچۇر-تېخنىكاچىلار]] jsf3ptgbqs607kz0ut9ceguidc589a8 ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسى 0 22837 176431 164732 2026-09-02T10:03:37Z Andre Engels 80 قايتا نىشانلانغان بەت [[ئەنگىلىيە بانكىسى]] 176431 wikitext text/x-wiki #REDIRECT [[ئەنگىلىيە بانكىسى]] j1ubkxahkzkml04mrsbhgxlsl35ye3h