Wikipedia
ugwiki
https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA
MediaWiki 1.47.0-wmf.18
first-letter
ۋاسىتە
ئالاھىدە
مۇنازىرە
ئىشلەتكۈچى
ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى
Wikipedia
Wikipediaمۇنازىرىسى
ھۆججەت
ھۆججەت مۇنازىرىسى
MediaWiki
MediaWiki مۇنازىرىسى
قېلىپ
قېلىپ مۇنازىرىسى
ياردەم
ياردەم مۇنازىرىسى
تۈر
تۈر مۇنازىرىسى
TimedText
TimedText talk
Module
Module talk
Event
Event talk
بىلىم ئىشقىدا
0
23961
176444
173898
2026-09-06T09:14:17Z
~2026-48237-46
26246
176444
wikitext
text/x-wiki
'''<big>بىلىم ئىشقىدا</big>'''
نىمشېھىت ئەرمىيا ئېلى سايرامىي
جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق ،
بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار ، بولۇر ئۇ گاھىدا بار - يوق .
قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن يولداش ،
ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ ، سېنى تاشلايدۇ ، ھېچ ئار يوق.
كىرىپ كەينىگە نەپسىڭنىڭ ، بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ ،
بېشىڭغا چۈشسە بىر كۈنلەر ، ئۇ چاغدا سەن كەبى خار يوق .
قۇلاق سالساڭ مۇھەببەت ئەھلىنىڭ پەريادى - ئاھىغا ،
يۇتۇپ زەرداپ ، پىراقتىن دات دېمەكتىن باشقىچە زار يوق .
تەپەككۇر ئەيلىسەڭ ئىشقى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھەردەم ،
قاراڭغۇ دەر يورۇق دۇنيانى ھەم ئالەم كەبى تار يوق .
يۈرۈپ مەنمۇ گۈزەل ئىزدەپ ، جاھالەتكە ئەسىر بولغان ،
خالايىق ئالدىدا يۈرسەم ، مېنىڭدەك بەلكى ئەغيار يوق .
ھاياتىمغا رەقىبلەر خاتىمە بەرمەكچى بولغاندا
قىلىپ تەۋبە ، بولۇپ ئازاد ، دېدىم : بۇ يولدا زىنھار يوق .
پاراغەت ئىستىسەڭ ، ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما ! ...
سېنىڭ قەدرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق .
ھاياتلىقتا بىلىم قانداق كىشىنىڭ يولدىشى بولسا ،
قەيەرگە بارسا باش قاتماس ، بىلىمدەك ئاڭا غەمكار يوق .
بىلىمسىز ساق تېنىڭ مەجرۇھلاردەك نالە - پەريادتا ،
جاھان ئىچرە بىلىمسىزنىڭ دىلىدەك ئەسكى بىمار يوق .
بىلىمگە ئاشنا بولساڭ ئوقۇش ئىشقىدا بول بۇلبۇل ،
ئۆگەنمەككە مائارىپ باغچىسىدەك ياخشى گۈلزار يوق .
بۇ دۇنيانىڭكى قانداق پۇچقىقىغا باش تىقىپ ياتساڭ ،
بىلىم تارتىپ چىقار مەيدانغا ھېچبىر كىمگە ئەخبار يوق .
بىلىم روھى ئوزۇق ئىنسان ھاياتىغا ئەگەر بىلسەڭ ،
بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلگەنلەر ئۆلمەس ، بۇڭا ئىنكار يوق .
چاپان ھۆرمەتلىرى ھېچ چاغ چاپاندىن ئايرىلىپ قالماس ،
كېتەر پۇلدىن يىغىلغان ھۆرمىتىڭ پۇل بىرلە ئەسرار يوق .
چاپان بىرلە ئۆزۈڭنى پارقىراتساڭ بىر بوياقچىسەن ،
بىلىم ئەسرى بۈگۈن ، سىرلىق چاپانلارغا خېرىدار يوق .
بۇلاردىن قولغا كەلگەن ئابرۇي جىنلار چۈشى ئوخشاش ،
خىيالىي بۇ تىلەكتە سەن كەبى باخشىغا جىندار يوق .
گۇمان قىلما پەلەكنى ھەرقاچان بەختىڭگە چۆرگىلىمەس ،
بۈگۈن باي ، ئەتە سەندەك ھېچ گاداي يوق ، بەلكى قەرزدار يوق .
بىلىمدىن چەتتە كۆرگەن دۆلىتىڭ جاننىڭ جاپاسىدۇر ،
جاپا قىلماققا جېنىغا بىلىمسىزدەك سىتەمكار يوق .
بىلىمدىن ھەممە ئىش مەيدانغا چىققان ئەسىردۇر بۇ ،
بىلىش لازىم ، بىلىمسىزلەرگە بۇ ئەسىردە خېرىدار يوق .
بىلىمدىن باتىنىڭ نۇرلانمىسا ، كۆڭلۈڭ قاراڭغۇ تۈن ،
قۇياش نۇرىغا مۇنكىر شەپەرەڭلەرگە مەدەتكار يوق .
زېمىننى توپ قىلىپ ئويناشنى سەن چاقچاق گۇمان قىلما ! ...
ھەقىقەتتۇر بۈگۈن ھەر ئىش ، كەمەك تەك جادۇ - ھەييار يوق .
ئەجەبلەنمە بۇلار كۆڭلى بىلىم نۇرىدا نۇرلانغان ،
شۇنىڭچۈن كۆكتە ، سۇدا ، تاغ ، دېڭىزدا يۈرسە دىشۋار يوق .
بىلىمدىن باغ قىلىشتا تاغنى ھېچقانداق جاپا كۆرمەس ،
نادامەتتىن يۇتاردا قان نادانلاردەك جاپاكار يوق .
نادانلار كۆڭلى تۈن ئوخشاش ، ئۇنى پەرق ئەتكىلى بولماس ،
قارا تۈنگە شەپەرەڭدىن بۆلەك ئەسلا تەلەپكار يوق .
ئۆزۈڭ ھەم ، نىمشېھىت ، بۇ پىكىرنىڭ تەستىقى بول قۇربان ،
بىلىمدىن يۈز ئۆرۈگەنلەر كەبى قاتتىق گۇناھكار يوق .
1936 - يىل فېۋرال ، باي
pzd8s39urxgix4shueejw1bzsvuubya