Wikipedia
ugwiki
https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA
MediaWiki 1.47.0-wmf.18
first-letter
ۋاسىتە
ئالاھىدە
مۇنازىرە
ئىشلەتكۈچى
ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى
Wikipedia
Wikipediaمۇنازىرىسى
ھۆججەت
ھۆججەت مۇنازىرىسى
MediaWiki
MediaWiki مۇنازىرىسى
قېلىپ
قېلىپ مۇنازىرىسى
ياردەم
ياردەم مۇنازىرىسى
تۈر
تۈر مۇنازىرىسى
TimedText
TimedText talk
Module
Module talk
Event
Event talk
تۈركىيە پاسپورتى
0
21380
176446
176324
2026-09-07T08:53:37Z
~2026-48532-79
26249
/* روسىيە */
176446
wikitext
text/x-wiki
{| border=1 align=left cellpadding=4 cellspacing=0 width=300 style="margin: 0 0 1em 1em; background: ; border: 1px #aaa solid; border-collapse: collapse; font-size: 95%;"
|+
|-
|- style="background: #AACCEE; color:Black"
| align="center" colspan=2 style="border-bottom:3px" bgcolor="" | <font size="+1">'''تۈركىيە پاسپورتى'''
[[تۈركچە]]: Türk Pasaportu
|-
|align="center" colspan=2 |[[ھۆججەت: Turkish Passport.svg|center|350x350px]]'''رەسىمدە تۈركىيە پاسپورتى تاش ۋاراق ئۆرنەك (2022-يىلى 30 ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان ئۈچىنجى ئەۋلاد ئ-پاسپورتىدا RUPUBLIC OF TÜRKİYE'''
|-
|}
'''تۈركىيە پاسپورتى''' ([[ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى]]: Türkiye Pasporti) تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ دۆلەت سىرتىغا چىققاندا قوللىنىدىغان يول خېتى بولۇپ، تۇنجى قېتىم 1950-يىلى 15-ئىيۇل 5682-نومۇرلۇق پاسپورت قانۇنى بىلەن يولغا قويۇلغان.
==تارىخى==
==بۈگۈنكى پاسپورت==
===تاش ۋاراق===
نورمال پاسپورتنىڭ رەڭگى قىزىل بولۇپ، ئۈستىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە پاسپورت دىگەن ئاتالغۇلار تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە يېزىلغان.
ئاي ۋە يۇلتۇز
TÜRKİYE CUMHURİYETİ
REPUBLIC OF TÜRKİYE
PASAPORT
PASSPORT
===باش بەت===
TÜRÜ;-------------------------ÜLKE KODU: TUR------------------------PASAPORT NO.
------------------
*------------------------------------------------------------------------SOYADI
*---------------------------------------------------------------------------ADI
*CİNSİYET
*UYRUĞU
*T.C. KİMLİK NO,
*---------------------------DOĞUM TARİHİ:----------------------------DOĞUM YERİ
*-------------------------- G -12.11.1933-------------------------------HOTAN/ÇİN
دىققەت:
1. جىنسىيەت قىسمىغا E/M ياكى K/F دەپ يېزىلىدۇ.
2. دۆلەت تەۋەلىكى (UYRUĞU) قىسمىغا TUR دەپ يېزىلىدۇ.
3. كىملىك نومۇرى قىسمىغا 11 خانىلىق كىملىك نومۇرى يېزىلىدۇ.
4. توغۇلغان يېرىگە تۈركىيە ئىچىدە توغۇلغان بولسا ناھىيە شەھەر ئىسمى يېزىلىدۇ، مەسىلەن: KÜÇÜKÇEKMECE, FATİH، تۈركىيە سىرتىدا توغۇلغان بولسا توغۇت ئىسپاتى ئۈستىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ناھىيە/شەھەر ۋە دۆلەت ئىسمى يېزىلىدۇ. مەسىلەن، KAŞGAR/ÇİN, HOTAN/ÇİN, DAKKA/BANGLADEŞ
-----------------
*---------VEREN MAKAM-----------------------------------------HAMİLİNİN İMZASI
*-------------------------------------------------------------------DÜZENLEME TARİHİ
*------------------------------------------------------------------GEÇERLİLİK TARİHİ
-----
دىققەت:
1. تارقاتقان ئورگان قىسمىغا تۈركىيە ئىچىدىن بېرىلگەن پاسپورت بولسا ناھىيە (ئىلچە) ئىسمى يېزىلىدۇ، مەسىلەن: KÜÇÜKÇEKMECE, FATİH
2. ئەگەر تارقاتقان ئورگان تۈركىيەنىڭ دۆلەت تېشىدىكى دىپلوماتىك ئورگانلىرى بولسا ئۇ ھالدا شۇ ئورگاننىڭ ئىسمى يېزىلىدۇ، مەسىلەن: T.C. RİYAD BE, T.C. DUBAİ BK
==ئۇچۇرلار==
[[Image:Turkish passport page.jpg|left|thumb|300px|تۈركىيە پاسپورتىنىڭ ئىچىدىن بىر ۋاراق]]
تۆۋەندىكىسى 2023-يىللىق پاسپورت ئېلىشتا تەلەپ قىلىنىدىغان ھەقلەر بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
{| class="wikitable" width="500px"
|- style="background: #C0C0C0; color:Black"
| width="10px" style="text-align: center |'''نومۇرى'''
| width="150px" style="text-align: center" div |'''مۇددىتى'''
| width="150px" style="text-align: center" div |'''بىجىرىش ھەققى'''
| width="150px" style="text-align: center" div |'''دەپتەر ھەققى'''
| width="150px" style="text-align: center" div |'''جەمئىي'''
|-
|style="text-align:center|1
| style="text-align: center" div |6 ئاي
| style="text-align: center" div |689.70TL
| style="text-align: center" div |501TL
| style="text-align: center" div |1190.70TL
|-
|style="text-align:center|2
| style="text-align: center" div |1 يىل
| style="text-align: center" div |1008.30TL
| style="text-align: center" div |501TL
| style="text-align: center" div |1509.30TL
|-
|style="text-align:center|3
| style="text-align: center" div |2 يىل
| style="text-align: center" div |1646.10TL
| style="text-align: center" div |501TL
| style="text-align: center" div |2147.10TL
|-
|style="text-align:center|4
| style="text-align: center" div |3 يىل
| style="text-align: center" div |2338.50TL
| style="text-align: center" div |501TL
| style="text-align: center" div |2839.50TL
|-
|style="text-align:center|5
| style="text-align: center" div |3+ يىل
| style="text-align: center" div |3295.50TL
| style="text-align: center" div |501TL
| style="text-align: center" div |3796.50TL
|-
|}
تۆۋەندىكىسى يىللارغا كۆرە 3+يىللىق پاساپورت تەلەپ بەدەللىرى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
{| class="wikitable" width="700px"
|- style="background: #C0C0C0; color:Black"
| width="100px" style="text-align: center |'''يىل'''
| width="150px" style="text-align: center" div |'''مۇددىتى'''
| width="150px" style="text-align: center" div |'''بىجىرىش ھەققى'''
| width="150px" style="text-align: center" div |'''دەپتەر ھەققى'''
| width="150px" style="text-align: center" div |'''جەمئىي'''
|-
|style="text-align:center|2024
| style="text-align: center" div |3+ يىل
| style="text-align: center" div |7,833TL
| style="text-align: center" div |790TL
| style="text-align: center" div |8,623TL
|-
|style="text-align:center|2025
| style="text-align: center" div |3+ يىل
| style="text-align: center" div |11,274TL
| style="text-align: center" div |1,135TL
| style="text-align: center" div |12,409TL
|-
|style="text-align:center|2026
| style="text-align: center" div |3+ يىل
| style="text-align: center" div |13,410.40TL
| style="text-align: center" div |1,351TL
| style="text-align: center" div |14,761.40TL
|-
|}
1. تۈركىيە پاسپورتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 6 ئاي، 1، 2، 3، 4، 5 يىل ۋە 10 يىللىق بولىدۇ. 18 ياشقا توشمىغانلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇن 5 يىل بولىدۇ.
2. ھەقلەر: 3 يىلغا قەدەر 229، 3 يىلدىن ئارتۇق 323.
دەپتەر پۇلى: 64، پوچتا 17.
جەمئىي 404.
===ئىلتىماس قىلىش===
Pasapor için
T.C. Kimlik kartı veya geçici kimlik belgesi
Kimlik için
Mevcut nüfus cüzdanı ya da T.C. Kimlik kartı
===قوش پاسپورت===
نورمالدا، تۆۋەندىكىدەك سەۋەپلەر بولسا ئىككىنچى بىر پاسپورتغا ئىلتىماس قىلالايسىز. 2-پاسپورتىڭىزنىڭ نومۇرى ئايرىم بولىدۇ، كۈچكە ئىگە مۇددىتى 10 يىلغا قەدەر بولىدۇ.
1. پاسپورتىڭىزنى مەلۇم بىر كونسۇلخانىغا ۋىزا ئۈچۈن بەرگەن بولسىڭىز ۋە بۇر جەرياندا چەتئەلگە چىقىش توغرا كەلگەن بولسا؛
2. پاسورتىڭىزدا ئسرائىلنىڭ كىرىش چىقىش تامغۇسى بار ۋە بەزى دۆلەتلەرگە بېرىشىڭىزغا توسالغۇ بولغان بوسا؛
3. ۋەھاكازا باشقا ھۆكۈمەت خادىملىرىنى قايىل قىلالايدىغان باشقا سەۋەپلەر.
دىققەت: 1-پاسپورتىڭىز قولىڭىزغا تەككەندىن كېيىن 2-پاسپورتىڭىزنى ھۆكۈمەتكە قايتۇرۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئۆزىڭىز ساقلاپ قويۇپ خالىغاندا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
==تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن ۋىزا تەلەپلىرى==
[[File:Visa requirements for Turkish citizens.svg|thumb|none|800px|تۈركىيە نورمال (بوردو) پاسپورتىغا ۋىزا تەلەپلىرى
{{legend|#002377|تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى}}
{{legend|#008000|ۋازا تەلەپلىرى}}]]
[[تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن ۋىزا تەلەپلىرى]]
===بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى===
[[بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى ۋىزا سىياسىتى]]
تۈرك پۇقرالىرى تور ۋىزىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، نورمالدا تۈرك ھاۋا يوللىرى تور بېتىدىن تەلەپ قىلىنىدۇ.
تەلەپ بولغاندىن كېيىن، سىزگە FAMOUS GLOBAL GROUP TURIZM LTD STI ئېلخەت يوللايدۇ. تۆۋەندىكىلەرنى يوللاپ بېرىسىز.
1. پاسپوت، PDF نۇسخىسى؛
2. باش سۈرەت
3. مېھمانخانا زاكاس، PDF نۇسخىسى؛
4. ئايروپىلان بلىتى، PDF نۇسخىسى؛
5. خزمەت ئەھۋالىڭىز: ( شىركەت ئىسمى، شىركەت ئېلخەت ئادرېسى )؛
ماتېرياللىنى يوللاپ تەخمىنەن 2 سائەتتىن كېيىن سىزگە Vize Ödeme Bilgilendirme مەۋزۇلۇق ئېلخەت كېلىدۇ، ۋە سىزدىن ۋىزا پۇلىنى (4670 لىرا, KK`ten، 106.54 دولار، BAE Vize AD SOYAD ve Referans Numarasi) يوللاپ دېكونت يوللاشنى تەلەپ قىلىدۇ. سىز ئۇلار دىگەن ۋىزا پۇلىنى بېرىلگەن شىركەت ھېسابىغا ئۇرۇپ بانكا دېكونتىنى ئېلخەت ئارقىلىق يوللاپ بېرىسىز.
بانكا دېكونتىنى يوللاپ تەخمىنەن 2 سائەتتىن كېيىن سىزگە Vize İşlem Bilgilendirme مەزۇلۇق ئېلخەت كېلىدۇ، ئېلخەتتە دېكونتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، ۋىزا ئىشلىرىنىڭ باشلىغانلىقىنى ۋە سىزنىڭ نەتىجە كۈتىشىڭىزنى دەيدۇ.
نورمالدا، 24 سائەت ئىچىدە سىزگە Vize Onay Bilgilendirme مەزۇلۇق ئېلخەت كېلىدۇ، ئېلخەتتە ۋىزىڭىزنىڭ چىققان ياكى چىقمىغانلىقىنى دەيدۇ، ئەگەر چىققان بولسا ئېلېكترونلۇق ۋىزىڭىز ئاستىدا PDF شەكلىدە بولىدۇ. مۇبارەك بولسۇن.
ساياھەت ۋىزا تۈرلىرى
58 كۈنلۈك 1 قېتىم كىرىشكە بولىدىغان، ھەر كىرگەندە 30 كۈن تۇرىغىلى بولىدىغان ۋىزا، 105 دولار؛
58 كۈنلۈك كۆپ قېتىم كىرىشكە بولىدىغان، ھەر كىرگەندە 30 كۈن تۇرىغىلى بولىدىغان ۋىزا، 185 دولار؛
58 كۈنلۈك 1 قېتىم كىرىشكە بولىدىغان، ھەر كىرگەندە 60 كۈن تۇرىغىلى بولىدىغان ۋىزا، 190 دولار؛
58 كۈنلۈك كۆپ قېتىم كىرىشكە بولىدىغان، ھەر كىرگەندە 60 كۈن تۇرىغىلى بولىدىغان ۋىزا، 350 دولار؛
ترانزىت ۋىزا تۈرلىرى
29 كۈنلۈك 1 قېتىم كىرىشكە بولىدىغان (پەقەت DUX T1, T2, T3)، ھەر كىرگەندە 48 سائەت تۇرىغىلى بولىدىغان ترانزىت ۋىزا، 35 دولار؛
29 كۈنلۈك 1 قېتىم كىرىشكە بولىدىغان (پەقەت DUX T1, T2, T3)، ھەر كىرگەندە 96 سائەت تۇرىغىلى بولىدىغان ترانزىت ۋىزا، 80 دولار؛
===سەئۇدى ئەرەبىستان===
تۈركىيە پاسپورتى بار كىشىلەر سەۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ساياھەت ئېلېكترونلۇق ۋىزىسى (e-Visa) ۋە يېتىپ كەلگەندە ئالىدىغان ۋىزىنىڭ (Visa on Arrival) ھەر ئىككىلىسىگە ئىلتىماس قىلالايدۇ.
ۋىزا ھەققى 300 سۇدى رىيالى (SAR). مەجبۇرىي تېببىي سۇغۇرتا 95 – 180 سۇدى رىيالى (تاندىغان سۇغۇرتا شىركىتىگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. ئومۇمىي چىقىم جەمئىي ~395 تەخمىنەن 480 سۇدى رىيالى (تەخمىنەن $105 – $130 ئامېرىكا دوللىرى).
ۋىزا تۈرى ۋە ئىناۋەتلىك مۇددىتى 1 يىل ئىناۋەتلىك، كۆپ قېتىم كىرىپ-چىقىدىغان ۋىزا. رۇخسەت قىلىنغان تۇرۇش مۇددىتى ھەر بىر قېتىم كىرگەندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 90 كۈنگىچە تۇرۇشقا بولىدۇ. رۇخسەت قىلىنغان پائالىيەتلەر ساياھەت قىلىش، ئۇرۇق-جەمەت/دوستلارنى يوقلاش، پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ۋە ئۆمرە قىلىش (رەسمىي ھەج مەزگىلىدىن باشقا ۋاقىتلاردا)
===مىسىر===
تۈرك پۇقرالىرىغا تور ۋىزىسى ئوچۇق ئەمەس، ئەمما ئايروپىلان بىلەتنى ئېلىپ مىسىزنىڭ ھەر قانداق بىر ئايروپورتىدىن [[كەلگەندە ۋىزا]] يولى بىلەن 30 ئامېرىكا دوللىرىغا 30 كۈن (1 ئاي) تۇرغىلى بولىدىغان ۋىزا ئالالايسىىز. 2026-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئىتىبارەن قاھىرەدە [[كەلگەندە ۋىزا]] يولى 48 سائەت بۇرۇن 36 دولارغا توردىن ئېلىنىدىغان ئىككى كودلۇق ئېلىكتورنلۇق ۋىزىغا ئالماشتۇرۇلدۇ. قاھىرەدىن باشقا ئايروپورتلاردا يەنىلا قەغەز ۋىزا دەۋام ئەتمەكتە.
1. ۋىزىنى تاموژنىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ National Bank of Egypt تىن ئالىسىز، 30 دولار (بۇرۇن 25 دوللارمىشكەن) بەرسىڭىز كىملىك كارتىسى چوڭلۇقىدىكى قەغەز ۋىزىنى بېرىدۇ.
2. ۋىزىنى، تولدۇرۇلغان ئايروپىلاندا بەرگەن جەدۋەلنى (مىسىردىن چىققاندىمۇ تولدۇرىلىدىغان جەدۋەل) ۋە پاساپورتنى ئېلىپ تاموژنىدىن ئۆتىسىز، نورمالدا ياتاق زاكاس ئەھۋالى دېگەندەك نەرسىلەرنى سوراپ كەتمەيدۇ. تاموژنا خادىمى ۋىزىنى ئۆزى پاسپورتىڭىزغا چاپلاپ ۋىزا ئۈستىگە كىرىش تامغىسى ئۇرىدۇ.
3. تاموژنىدىن ئۆتكەندىن كېيىن مىسىر گەنىي ئالماشتۇرۋېلىڭ، ۋە تېېلفۇن كارتىسى (Vodafone, Orange) بىجىرۋەلىڭ.
===روسىيە===
تۈرك پۇقرالىرى 2016 يىلىدىن بۇرۇن ۋىزىسىز روسىيەگە بارالايتتى، 2015-يىلى نويابىردا تۈركىيە سۈرىيە چېگراسىدا بىر دانە روسىيە جەڭ ئايروپىلانىنى چۈشۈرۋەتكەندىن كېيىن ۋىزا سىياسىتى بىكار قىلىندى.
ھازىر، تۈرك پۇقرالىرىغا [[روسىيە]] ئۈچۈن ئېلىكترونلۇق ۋىزا ئوچۇق، نورمالدا توردىن ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن ئالدى كەينى 4 كۈن ئىچىدە 120 كۈنلۈك 1 قېتىم كىرىشكە بولىدىغان، ھەر كىرگەندە 30 كۈن تۇرىغىلى بولىدىغان ئېلىكترونلۇق ۋىزىڭىز چىقىدۇ، تۆلەيدىغان ھەق 202 ئىمارات دىنارى (55 دولار)؛ ( 6 ياشتىن كىچىك بالىلار ئۈچۈن ھەقسىز، پەقەت ئازراق بانكا ھەققى ئېلىنىدۇ)؛
دىققەت: روسىيەدە ۋىزا ۋە ماستېركارت قاتارلىق بانكا كارتلىرى ئىشلىمەيدۇ، نەخ پۇل خەجلەيسىز.
===گرۇزىيە===
تۈرك پۇقرالىرى [[گرۇزىيە]] گە ۋىزىسىز كىرەلەيدۇ، ھەتتا كىملىك كارتىسى بىلەن كىرىش ياپالايدۇ. تۈركىيە پۇقرالىرى ۋىزىسىز 1 يىلغا قەدەر تۇرالايدۇ.
[[ترابزون]] دىن سارپ چېگرا ئېغىزىغا تەخمىنەن 185 كىلومېتىر كلىدۇ. 400 لىراغا بارالايسىز.
[[رىزە]] دىن سارپ چېگرا ئېغىزىغا تەخمىنەن 115 كىلومېتىر كلىدۇ.
===جۇڭگو===
تۈركيە پۇقرالىرى [[جۇڭگو]] غا پەقەت ۋىزا ئېلىپ كىرەلەيدۇ.
ۋىزا ئىلتىماس قىلىش تەرتىپلىرى.
بىرىنچى قەدەم: توردىن ئىلتىماس تاپشۇرۇش.
*ئېلخەت بىلەن ۋىزا سېستىمىسىغا تىزىملىتىمىز، ئۇندىن كېيىن تەرتىپ ۋىزا ئىلتىماس جەدۋەللىرىنى ئەمەلىي ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن تولدۇرىسىز. ئەڭ ئاخىرىدا پاساپورت، تەكلىپ خەت، تەكلىپ قىلغۇچىنىڭ كىملىكىنىڭ ئالدى كەينى قاتارلىق ماتېرياللارنى يۈكلەپ تاپشۇرىمىز.
ئىككىچى قەدەم: ماتېريال ۋە ھەق تاپشۇرۇش. (9:00-12:00)
*توردىن تاپشۇرغان ئىلتىماس قوبۇل بولغاندىن كېيىن، يەنى ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، 30 كۈن ئىچىدە نومۇر ئالماستىن بىۋاستە ۋىزا مەركىزىگە بېرىپ ماتېريال ۋە ھەق تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ.
1. تۆۋەندىكى ماتېرياللارنى تاپشۇرىسىز:
*(1)ۋىزا ئىلتىماس قەغىزى (ئېلخەتتىكى قىسقۇچ)؛
*(2)ۋىزا ئىلتىماسنىڭ باش بېتى ۋە ئىمزا بېتى، ئىمزا قىلىنىشى كېرەك؛
*(3) پاسپورت ئەسلى ۋە كوپىسى
*(4) 2 تال رەسىم (ئاق تەگلىك (48mm*33mm)،
*(5) كىملىك كارتىڭىزنىڭ ئالدى كەينى كوپىسى؛
*(6) ئائىلە ئەزالىرى جەدۋېلى؛
*(7) يېقىنقى ئۈچ قېتىم ئالغان جۇڭگو ۋىزىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك پاسپورتنىڭ كوپىسى؛
*(8) ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىشلەتكەن جۇڭگو پاسپورتىنىڭ كوپىسى (ئەگەر بۇرۇن جۇڭگو پۇقراسى بولغان بولسا)؛
Q2 ۋىزا ئۈچۈن باشقا تۆۋەندىكىلەرنى تاپشۇرۇسىز:
*(1) تەكلىپ خەت (كوپىسى ھەم قوبۇل قىلىنىدۇ)؛
*(2) تەكلىپ قىلغۇچىنىڭ كىملىكىنى ئالدى كەينى كوپىسى؛
*(3) مۇناسىۋەت ئىسپاتى؛
2. ھەق تاپشۇرۇش
*بىر قېتىم كىرىشكە بولىدىغان ۋىزا، تەخمىنەن 122$ (30$ كونسول ھەققى+92$ خىزمەت ھەققى)؛
*6 ئايلىق ئىككى قېتىم كىرىشكە بولىدىغان ۋىزا، 136$ (44$ كونسول ھەققى+92$ خىزمەت ھەققى)؛
*1 يىللىق كۆپ قېتىم كىرىشكە بولىدىغان ۋىزا،تەخمىنەن 180$ (88$ كونسول ھەققى+92$ خىزمەت ھەققى)؛
ئۈچىنچى قەدەم: كىنىشكىنى ئېلىش. (9:00-14:00)
ئەڭ ئاخىردا كېنىشكە ئېلىش ۋاراقچىسى ئۈستىدىكى كېنىشكە ئېلىش ۋاقتىغا ئاساسەن بېرىپ كېنىشكىڭىزنى ئېلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
===پاكىستان===
تۈرك پۇقرالىرىغا تور ۋىزىسى (E-Visa) ئوچۇق، ناھايىتى ئاددى ماتېرياللارنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن 25 ئامېرىكا دوللىرىغا ۋىزا ئالالايسىىز. بىر ھەپتە ئىچىدە ۋىزىڭىز كېلىدۇ.
==ئۆزگىرىشلەر==
2022-يىلى 25-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا پاسپورتتا ۋە ئەھلىيەتتە تۇغۇلغان يېرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى خالىغان قېرىنداشلار كۈچۈكچەكمەجە ۋە باشقا نوپۇس مۇدىرلىكلەرگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماس جەريانىدا چىقىۋاتقان قىيىنچىلىقلار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلتىماسنى يېزىشىدىكى خاتالىق سەۋەبلىك بولۇپ، ئىلتىماسقا «پاسپورتۇمدا ياكى ئەھلىيىتىمدە تۇغۇلغان يېرىم شىنجاڭ چىن يېزىلىپ قالغان بولۇپ، قەشقەر چىن / ئۈرۈمچى چىن/خوتەن چىن يېزىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن دەپ يازسا، پاسپورت ۋە ئەھلىيەتكە ئاپتوماتىك قەشقەر، خوتەن، ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىغا ئوخشاش يېزىلىپ چىقىدۇ. سىستېما ئۆزى «چىن» دېگەننى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ.
Gheni Batur yazmisi
شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئائىلە بويىچە تۈركىيە پۇقراسى بولدۇق. بۇ ھەقىقەتەن تەسكە توختىدى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ساقلاپ بېقىپ، چىقمىسا كېلەر يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ باشقا دۆلەتكە يۆتكىلىشنى ئەستايىدىل پىلانلاشنى ئويلاپ تۇراتتىم. تەلىيىمىزگە چىقىپ قالدى. تۈركىيەدە بىزگە ئوخشاش ئېتىبارلىق بىر مىللەتنىڭ ئىشى بۇنچىلىك تەس بولسا، سۈرىيەلىك، ئافغانىستانلىق ۋە باشقا كۆچمەنلەرنىڭ ئىشلىرى قانچىلىك تەستۇ دەپ ئويلىدىم. ئاللاھ تېخىچە ۋەتەنداشلىقى چىقمىغان باشقا بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋە بارلىق مەزلۇم كۆچمەنلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسۇن!
تېلېفونىڭىزغا ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىڭىزنىڭ تەستىقلانغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر كەلگەندىن كېيىن، شۇ ئۇچۇرنىڭ ئىچىدىكى ئۇلانمىغا چېكىپ، ئېچىلغان PDF ھۆججىتىنى قەغەزگە بېسىپ چىقىرىۋېلىڭ. بۇنى دۇيۇرۇ بەلگەسى دەيدىكەن. بىر ئائىلىدە دادا ۋە بالىلارغا بىر پارچە ئۇچۇر، ئانىغا بىر پارچە ئۇچۇر كېلىدىكەن.
تور كۆرگۈچتە
https://web.archive.org/web/20180401041758/https://randevu.nvi.gov.tr/
يۇقىرىدىكى بېكەتكە كىرىپ، دۇيۇرۇ بەلگەسىدىكى يېڭى كىملىك نومۇرى بويىچە ئۆيىڭىزگە ئەڭ يېقىن نوپۇس مۇدىرلىكىدىن كىملىك كارتىسى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال راندېۋۇ ئېلىۋىلىڭ. چۈنكى ھازىر راندېۋۇ ئالسىڭىز ئون كۈندىن كېيىنگە ئاران چىقىدىكەن.
نوپۇس مۇدىرلىكىگە ئاپىرىدىغان ماتېرىياللار:
1. بايىقى دۇيۇرۇ بەلگەسى، ئائىلە بولسا ئىككى پارچە بەلگەنىڭ قەغەزگە بېسىپ چىقىرىلغان نۇسخىسى؛
2. ئۇزۇن دۆنەم ئىقامەت، نوپۇس ئىدارىسى ئىش پۈتكەندە ئىقامەتنى ئۆزلىرى ئېلىۋىلىپ، ئورنىغا گەچىجى كىملىك بەلگەسى دەپ بىر پارچىدىن قەغەز بېرىدىكەن؛
3. نوپۇس ئىدارىسىدە چوقۇم ئادرېس كايدىڭىز بولۇشى كېرەككەن؛
4. مۇشۇ يىلى تارتىلغان كىنىشكا رەسىمىدىن بىر پارچە؛
5. كىملىك كارتىسى بەدەلىنى تۆلەش ئۈچۈن، PTT بانكىسىغا بېرىپ، ھەر بىر كىملىك نومۇرى ئۈچۈن ئايرىم ئايرىم 37.5 لىرا ياتقۇزۇش كېرەككەن. بۇنى كۈۋەيت تۈركنىڭ ئەپ دېتالىدا قىلغىلى بولمىدى. ئەڭ ياخشىسى PTT بانكىسىغا بېرىڭلا. ئۆچىرەتمۇ يوقكەن.
6. بالىلار 15 ياشقا توشمىغان بولسا، نوپۇس مۇدىرلىكىگە ئېلىپ بارمىسىمۇ بولىدىكەن. 15 ياشقا توشقان بولسا بارماق ئىزىنى ئالىدىكەن. بالىلارنىڭ كىملىك كارتىسىنى رەسىملىك چىقىرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز رەسىملىك چىقىرىپ بېرىدىكەن.
تۈركىيەگە خۇش كەلدىڭىز! بىر تۈركىيە پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تۈركىيەگە كەلگەن بارلىق ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنى قارشى ئالىمەن.😀
خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئىنكاسى:
==تۈرك ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىڭىز قانچىنچى باسقۇچتا؟==
تۈرك ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىڭىز قانچىنچى باسقۇچتا؟
تۆۋەندىكى ئادرىستا تەكشۈرەلەيسىز.
https://vatan.nvi.gov.tr/.../basvuru/basvurudurumbilgi.aspx
بۇ ئادرىستا ئېچىلغان بەتتىكى بوش ئورۇنلارغا ئىلتىماس قىلغان چاغدا قىسقا ئۇچۇر بولۇپ كەلگەن ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ تەكشۈرسىڭىز، سىزگە ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىڭىزنىڭ قانچىنچى باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
رەسىمدە ھەربىر باسقۇچتا بولىدىغان ئۇچۇرلارنى پايدىلىنىش مەقسەتتە تەمىنلەپ قويدۇم. تېخىمۇ ئېنىق ۋە توغرا بولغان تەپسىلاتىنى سىز ئىلتىماس قىلغان نۇپۇس ئىدارىسىدىن سورىسىڭىز بولىدۇ.
*ئارشوۋ دىگەن يەردىن ئۆتسە باشقا باسقۇچ 3-4 ئاي سۈرۈپ قىلىشى مۇمكىن.
*9-باسقۇچقا بارغاندا نۇپۇس ئىدارىسىغا بارسىڭىز كىملىك نومۇرى بېرىدۇ. باش سۈرەت ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ.
==ئۇيغۇرلارغا ئىستىسنائي پاسپورت==
نوپۇس مۈدۈرلىكىنىڭ 2022-يىلى 30-مايدىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىسنا شەكلىدە ۋەتەنداشلىققا ئىرىشەلەيدىغانلىقى يېزىلغان.
<ref>{{Cite web |title=ئۇيغۇرلارغا ئىستىسنائي ۋەتەنداشلىق<!-- ئۇلانما --> |url=https://nvi.gov.tr/istanbul/uygurturkleri |access-date=2022-10-25 |archive-date=2022-10-25 |archive-url=https://web.archive.org/web/20221025173421/https://nvi.gov.tr/istanbul/uygurturkleri |url-status=dead }}</ref>
Avrupa Yakası Cevizlibağ Nüfus Hizmetleri Merkezi Müdürü sayın Yalçın AKTAŞ
سىز 1- قىتىم بالىنىڭ تۇغۇت ئىسپاتىنى ئىلىپ دۇنيا تىجارەت مەركىزىدىكى گۆچ ئىدارىسىغا بىرىڭ، ئۇلار سىزگە قىزىڭىز ئۈچۈن يابانچى ئىقامەت نومۇر بىرىدۇ، ياكى قانداق قىلىش ھەققىدە يول كۆرسىتىدۇ، ئاندىن ئىقامەت نومۇرنى ئىلىپ ۋەتەن جاددىسىدىكى گۆچ ئىدارىسىنىڭ ئىچىدىكى ۋەتەنداشلىق مۇدۇرلىكىگە كىرىپ شۇيەرگە ئەھۋالنى دەڭ
*جەۋىزلىباي نۇپۇس ئىدارىسى.
*زەيتىنبۇرنۇ نۇپۇس ئىدارىسى.
*كۈچۈكچەكمەجە نۇپۇس ئىدارىسى.
==باشقا دىققەت قىلىدىغان ئىشلەر==
تۈرك ۋەتەندىشى بولغاندىن كېيىن ئەگەر ئىشلىمىسىڭز SGK )Sasyal Güvenlik Kurumu) غا بېرىپ خەۋەر قىلىۋەتمىسەڭلەر قەرز بولۇپ قالىدىغان.
*ۋەتەنداشلىق چىققاندىن باشلاپ ئايلىقى 300 لىرادىن سوغۇرتا پۇلى تاپشۇرىلىشى كېرەك، سوغۇرتىنى ptt غا بېرىپ ئاچقۇزىسىز.
*nüfus kayıt örneği belgesi
https://blog.microfon.co/nufus-kayit-ornegi-belgesi/
e- Devlet Kapısı https://giris.turkiye.gov.tr/Giris/ → e-hizmetler → Nüfus ve Vatandaşlık İşleri → Nüfus ve Vatandaşlık İşleri Genel Müdürlüğü/Nüfus Kayıt Örneği Belgesi Sorgulama
==باشقىلار==
* [[تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن ۋىزا تەلەپلىرى]]
* [[تۈركىيە كىملىك كارتىسى]]
* [[تۈركىيە كىملىك نومۇرى]]
* [[تۈركىيە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى]]
* [[تۈركىيە پاسپورتى]]
* [[تۈركىيە ئىقامەت ئىزنى بەلگىسى]]
* [[تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار]]
==سىرتقى ئۇلانما==
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
tpem4snv8driut3jztve2ev8gpbdomw
خىيانەت كۆلەڭگۈلىرى قورشاۋىدىكى «مىللىي» دەۋا
0
24690
176445
2026-09-06T20:15:29Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ' [[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:بۇرھان مۇھەممەد]] [[تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان]] مۇستەقىللىق مىللەتنىڭ قۇللۇق گىردابىدىن قۇرتۇلۇشىنىڭ شاھادەتنامىسى. ئاسارەت ئوكيانۇسىغا غەرق بولۇپ يۇتۇلماسلىقىنىڭ ۋە يۇتۇلمايدىغانلىقىنىڭ كاپالىتى. مۇستەقىللىق ھەر تۈرلۈك ئىدېئو...'
176445
wikitext
text/x-wiki
[[تۈر:ئۇيغۇر]]
[[تۈر:بۇرھان مۇھەممەد]]
[[تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان]]
مۇستەقىللىق مىللەتنىڭ قۇللۇق گىردابىدىن قۇرتۇلۇشىنىڭ شاھادەتنامىسى. ئاسارەت ئوكيانۇسىغا غەرق بولۇپ يۇتۇلماسلىقىنىڭ ۋە يۇتۇلمايدىغانلىقىنىڭ كاپالىتى. مۇستەقىللىق ھەر تۈرلۈك ئىدېئولوگلار ئالدىدا تېز پۈكتۈرۈشكە بولمايدىغان سىياسىي نىشان، ھېچبىر ۋاقىت سودا ئوبيېكتى قىلىنمايدىغان ئۇلۇغۋار مەقسەت، ھەرقانداق شارائىتتا پىدا قىلىۋېتىشكە، تاۋارلاشتۇرۇشقا بولمايدىغان ئالىي غايەدۇر. ئۇ قانداقتۇر ۋاز كېچىلىش بەدىلىگە قۇربان قىلىنىدىغان چاھارپاي قىممىتىدىكى «مال-چارۋا» ياكى باھا – نەرخ قويۇش مۇمكىن بولىدىغان تاۋار ئەمەس.
مۇستەقىللىق ئۇقۇمىنى مەجازغا جوراشقا بولمىغاندەك، ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ ئىپادىسىمۇ مەجازىيلىققا باغلانمايدۇ. ئۇنىڭ ھەقىقەتلىكى قۇياش مىسالى ئىسىم ۋە جىسمىدە بىر گەۋدىلىكتۇركى، مەجاز ۋە كىنايىلەرنىڭ، تەشبىھ - مېتافورالارنىڭ ئوبيېكتى بولغان ئايغا ئوخشاپ قالماسلىقى، ھېچقاچان «ئاي»نىڭ دەرىجىسىگە چۈشۈرۈلمەسلىكى لازىم. چۈنكى قۇياشنىڭ ھەقىيقەتلىكى پەقەت ۋە پەقەت قۇياش ۋە گەۋدىسىنىڭ كۆكتە پارلاپ تۇرۇشىدەك شەكىل ۋە مەزمۇندا، قۇرۇلما ۋە فۇنكسىيەسىدە ئوچۇق، كونكرېت ۋە رېئال بولۇشى تەقەززادۇر. ئۇ ئاي مىسالى ئەدەبىياتچىنىڭ قولىغا چۈشكەندە قايسى شەكىلگە كىرگۈزۈۋالسا بولۇۋېرىدىغان، نېمە ئۈچۈن يۇغۇرۇلغانلىقى ۋەزىيەتكە قاراپ ئىزاھلىنىۋالسا، ئىستىگەن غىزاغا، ئىستىگەن شەكىلدىكى يېمەككە ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگەرتىۋېلىنسا بولىدىغان بولدۇرۇلمۇش خېمىرغا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ. ئايلانغان تەقدىردە ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ ھەقىقىتى بۇزۇپ تاشلانغان، ماھىيىتىدىن يىراقلىشىپ ياتلاشتۇرۇلغان بولىدۇ. مەجاز ۋە كىنايىلەر ھەقىقەتنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلمىغىنىدا، ساختىلىقنىڭ، ئالدامچىلىق ۋە ھىيلە - مىكىرنىڭ سۇيىئىستېمال ۋاسىتىسى بولۇپ قېلىشى، خىيانەتنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ياپىدىغان يوپۇققا ئايلىنىپ كېتىشى ھېچ گەپ ئەمەس. يېقىن تارىخىمىزدا مىللىيلىكتىن ئەسەر بولمىغان، پۈتۈنلەي يات ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ خام - خىيالىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىش يولىدا ۋەتەننىڭ ئىستىقبالىنى ئىستىقلالى بىلەن قوشۇپ قوش قوللاپ مۇستەملىكچىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ساتقىن داھىيلارنىڭ ئەڭ قاملاشتۇرغان ئىشى دەل ھەقىقەتنى مەجازلارغا كۆمۈپ تاشلاش، ئۇقۇم - ئاتالغۇلار بىلەن كەلسە - كەلمەس ئويناپ خەلقنى ئاغزىغا قارىتىپ گاڭگىرىتىش، كىنايە - تەشبىھلەرگە سىغىنىپ تۇرۇپ خەلقنى گوللاش، ئىككى يۈزلىمىچىلىكلىرىنى قوش بىسلىق ئۇقۇملار بىلەن يوشۇرۇپ مىللەتنى ئالداش، خەلقتە يوق نەرسىنى خەلقنىڭ ئىستىكى قىلىپ كۆرسىتىش، مۇنداقچە ئېيتقاندا، «قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سېتىش» بولغانىدى. ئۇلارنىڭ خالىسلىق بىلەن ئېلىپ بارغان ۋەتەن سېتىش خىزمىتىدىكى مۇۋەپپەقىيىتىنى يىغىنچاقلاشقا توغرا كەلسە، بۇنى «سۆز ئويىنى ئويناش» دەپ خۇلاسىلەش مۇمكىن. خەلقنىڭ سىياسىي ئىرادىسى، قىممەت قاراشلىرى ۋە دىنىي قەدەرىيەتلىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ ئويناش، ھەقىقەتلىرىنى مەجازىي مەنىلەرگە ئورالغان سۈنئىي شوئارلىق كەلىمىلەر بىلەن سۇيۇقلاندۇرۇپ ئېرىتىش، ئاتالغۇلارنى قاراتمىلىقى خەلققە تونۇشلۇق بولغان سۆزلەرىن تاللاش، ئەمما مەفھۇم ۋە مەناسىنى پۈتۈنلەي ئۆز ئىدېئولوگىيەسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان شەكىلدە ئىشلىتىپ مەقسىتىگە يېتىش... قاتارلىقلار مەزكۇر ئىدىيە ماڭقۇرتلىرىنىڭ سۆز ئويىنىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاشتىكى مېتود ۋە ماھارەتلىرىدىن ئىدى. دىققەت قىلىدىغان بولساق، بۇ تۈر مېتود ۋە ماھارەتلەر گويا ئاتىدىن بالىغا قالغان مىراستەك، ئۇستازدىن شاگرىتقا باقىۋەندە قالىدىغان ئۇدۇمدەك پات - پات قارىشىمىزغا چىقىپ تۇرىدۇ. ھەر قېتىم خەلقتە بىرەر تەۋرىنىش، بېسىمغا قارشى بىرەر سىلكىنىش، غەپلەتتىن چۆچۈش مەيدانغا كېلىۋاتقاندا، بىردىنلا قوزغىتىش كونۇپكىسى بېسىلغان روبوتلاردەك جانلىنىپ كېتىشىدىغان، گاھ چاپان يېڭىلاش، گاھ بۇرۇنقى پەدىنى ئۆز ئەينى تەكرارلاش تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بۇ تۈردىكى ئىدىيە ماڭقۇرتلۇقى مېتود ۋە ماھارەت جەھەتتە ئەسكىگىنىگە قارىماي ھېلىھەم ئۆزىنى تەكرارلاشنى، ئەسكىپ كەتكىنىدىن نومۇسمۇ قىلماي سەھنىمۇسەھنە ئويۇن قويۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ تۇرۇپتۇ. قەھرىمانى كىم بولسا، شۇنىڭ ئىزىنى داۋاملاشتۇرۇش ئەنئەنىسى بويىچە سۈنئىي قەھرىمانلىرىنىڭ ئىزىدىن يۈرۈشنى، ئۇلارچە قاملاشتۇرالمىسىمۇ، سەھنىگە چىقىپ كېتىۋېتىپ پاشنىسى خوپ كەلمەي مۈدۈرۈپ چۈشىدىغان ئىچ كىيم مودېللىرىدەك زامان - زامان پۇتلىشىپ سەتلىشىپ تۇرسىمۇ، قاياشلىرىنىڭ، داستىخانداشلىرىنىڭ ياردىمىدە يۆلەپ تۇرغۇزۇلۇۋاتقىنىغا باقماي، گويا ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك بولۇۋېلىش ھۈنىرى بىلەن كۆز بوياشماقتا.
مەسىلە شۇكى، مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت مىللىي غايىنىڭ ھەقىقەتكە ئايلىنىشىنى ئىدېئولوگىيەسىگە ئايلاندۇرالمىغان، توغرىسى مۇستەقىللىق ئىدىيەسىنى زېھنىيىتىگە سىغدۇرالمىغان، ئەكسىچە مۇستەملىكىچىسىنىڭ كۈنلۈكى ئاستىغا سىغىنىپ ئۆتۈشنى ياتلاشقان ئىدېئولوگىيەسىنىڭ تەلەپ - تەقەززاسىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلارنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ۋەتەنساتارلىقتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشتە 70 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى ھال - ۋەزىيىتىمىز بىزنى يېتىپ ئاشقۇدەك پاكىتلارغا، ئىبرەت - ساۋاقلارغا ئىگە قىلىپ تۇرۇپتۇ. بۇنى چۈشىنىپ يەتمەسلىك ئۈچۈن بىر بولسا ماڭقۇرت بولغانلىقنى جاكارلاش، يەنە بىر بولسا مۇناپىقانە زېھنىيەتنىڭ قاماللىقىدا سېسىپ يېتىش لازىم كېلىدۇ، خالاس!
شۇنىمۇ ئەسكەرتىش ھاجەتكى، باشقىلار تىكلەپ بەرگەن بۇتلارنى چېقىش ئۈچۈن ۋاقتى كەلسە بىر ئىنقىلاب يېتەرلىك. ئەمما ئۆز قولىمىز بىلەن قاتۇرۇپ تىكلىگەن بۇتلىرىمىزنى زېھنىيىتىمىزدىن سۆكۈپ چىقىرىش ئۈچۈن ئەسىر بويى ئاقارتىش ئېلىپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ھالبۇكى، باشقىلارنىڭ تىكلەپ بەرگەن بۇتلىرىنى دەۋر ئۆتۈشى بىلەن ئەسلىي قىياپىتىنى پاش قىلىش، مىللەت قەلبىدىن سۇسلىتىش، ھەتتا ئۆچۈرۈۋېتىش مۇمكىن. ئەمما ئۆز قولىمىزدا تىكلەنگەن بۇتلار ھۈجەيرىلىرىمىزگە قەدەر ئارىلىشىپ كېتىدىغان بولغاچ نەچچە ئەۋلاد يۇقۇندىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. زېھنىي قۇللۇقتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ ھۆرلۈكتىن لاپ ئۇرۇش، روھىي بىتابلىقنى تۈگەتمەي تۇرۇپ جىسمانىي كۈچ - قۇۋۋەتتىن سۆز ئېچىش، مەنىۋىيات سەددىلىرىنى بىنا قىلماي تۇرۇپ ماددىيات سېپىل - قورغانلىرىنى قۇرۇپ چىقىش بىر تۈرلۈك خىيالىي دۇنيانىڭ شېرىن فانتازىيەلىرىدۇر. فانتازىيە ئىچىدە ياشاشنى تاللاپ تۇرۇپ رېئال دۇنيادا مۇستەقىل پۇت تىرەپ تۇرۇشنىڭ خىيالىنى سۈرۈشتىنمۇ ئارتۇق خىيالپەرەسلىك بولمىسا كېرەك. بىلىش كېرەككى، چوقۇنىلىدىغان بۇتقا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن «قەھرىمانلار» بىلەن رېئال قەھرىمانلار پەرق ئېتىلمەي تۇرۇپ، ئىبرەت ئېلىنىدىغانلار بىلەن ئۈلگە قىلىنىدىغان تارىخىي شەخسىيەتلەر مىللەت نەزىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەسلىي ئورنىنى تاپماي تۇرۇپ زېھىنلارغا مىخ بولۇپ قېقىلىپ كەتكەن «روھىي قۇللۇق»نى چۆرۈپ تاشلاش مەڭگۈ ۋە مەڭگۈ ئەمرى مۇھال.
دەرھەقىقەت، مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى قۇياش مىسالى ئىسىم ۋە جىسىم بىلەن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك ئىستىقبال ئورنىدا كۆرمەستىن، ئۆمۈر ھاياتىنى بۆبۆلەشتۈرۈۋېتىلگەن ئاتالمىش سىياسىي ئانالىزلارنى، سەپسەتىۋى ئۇتوپىيەلەرنى باھانە قىلىپ ئېغىزدىن چىققان ھورغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ ئۆتكۈزگەن، خەلقنى سۆز ئويىنىغا بوغۇپ تاشلىۋېتىش ئارقىلىق ياتلاشقان ئىدېئولوگىيەسىگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەشتىن كەيىپلىنىپ ياشىغان ۋە شۇ يولدا قۇربان بولغان بۇ بىچارە «قەھرىمان»لار مىللىي تارىخنىڭ يۈزىگە چۈشكەن ئۆچمەس ۋە ئۆچۈرگىلى بولماس داغ بولۇشتىن باشقىغا يارىمىدى. ئۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك بولۇۋاتقىنى بۇ داغنىڭ بۈگۈنمۇ پەرقلىق مېلودىيەلەردە تەكرارلىنىشىغا يول قويۇشىمىز، ئىشنىڭ شەكىل ۋە ماجىرا قىسمىغا چېپىلىپ قېلىپ ماھىيىتىنى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشىنى پۈتۈنلەي دىققەتتىن ساقىت قىلىشىمىز بولماقتا. دەرۋەقە، مۇھەببەت ۋە نەپرەت، ھەقىقەت ۋە سەپسەتە ئارىسىدىكى مادارالارغا كۆمۈلۈپ ياشاۋاتقان بۇ ھالىتىمىز مەلۇم مەنىدە بىزنىڭمۇ كەلگۈسى ئۈچۈن داغقا ئايلىنىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىمىزدىن، مەلئۇنلۇققا ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ لايىقلىشىپ قالغان خەلق ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاپ ياشاشقا مايىللىشىۋاتقانلىقىمىزدىن دېرەك بولۇپ تۇرۇپتۇ. بۇنداق ئاپەت خاراكتېرلىك زېھنىيەتنىڭ بىزنى مەشغۇل قىلىۋاتقانلىقى بىزنىڭلا ئەمەس، كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلارنىڭمۇ تىراگېدىيەسى بولۇپ قېلىشى ۋاقىت مەسىلىسى، خالاس! بۇنداق قورقۇنچلۇق كېلەچەكنىڭ بۈگۈنكى مەسئۇلىيەتكارلىرىغا ئايلىنىشتىنمۇ ئارتۇق بەختسىزلىك، پاجىئە بولسۇنمۇ؟!
گەپ يەنىلا ئۆزىمىزدە، ئۆزىمىزنى قانداق ئۆزگەرتىشتە. ئىسلاھاتنى قايسى دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرالىشىمىزدا. ئىبنى خەلدۇن ۋە گېگىل كەبى تارىخ پەيلاسوپلىرى كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، تارىخ ئىنسانغىلا خاس بولغان ۋە ئۇنىڭ ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلىدۇر. تارىخسىزلىق پەقەت ھايۋانلارغا ئائىتتۇر. ئەگەر ئىنسانىي سۈرىتىمىزدىن تاشقىرى، شۇنداقلا يەپ - ئېچىپ ياشاشتىن، ئورمان قانۇنى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان دۇنيادا پۇتتىرەپ تۇرۇش كۆرۈشى يولىدىكى تىرىكچىلىك كويىغا بەند بولۇپ ئۆتۈشتىن باشقا ئىنسانىي خۇسۇسىيىتىمىز ھېلىھەم تىرىك دەپ قارىساق، بۇلغانغان تارىخنى قۇچاقلاپ يېتىپ ئەللەيلىنىپ ياشاشنى، ماھىيەتتە تارىخسىز مىللەتكە ئايلىنىشنى قوبۇل قىلىپ ياشاۋاتقىنىمىز يەتمىگەندەك، تارىخسىز توپ بولۇپ ئېرىپ تۈگەشنىمۇ قوبۇل قىلىشقا قاراپ ئىلگىرىلەشتەك سۈنئىي ۋە ھالاكەتلىك يولنىڭ بىزنى رام قىلىۋېلىشىغا يول قويماسلىقىمىز، ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ ئىلەڭگۈچلىرىدە ساڭگىلتىلغانچە ئۆزلۈكىمىزنى يىتتىرىپ قويۇشتىن سەگەكلىك بىلەن مۇداپىئەدە تۇرۇشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن مىللەتنىڭ تارىخىنى ئۆزلۈكسىز قىلىپ تۇرۇش رولىغا ئىگە بولغان تىل، دىن، مەدەنىيەت، كۈلتۈر ۋە ئابا - ئەجداد مىراسى كەبى مىللىي قەدەرىيەتلىرىمىزگە ئىگە چىقىشنى ئۈزۈپ قويماسلىقىمىز زۆرۈر. بۇنى توسالغۇسىزلاشتۇرۇش، كارغا كېلەر ھالەتكە ئېلىپ كېلىشنىڭ يولى بولسا، ئالدى بىلەن توسالغۇلارنىڭ نېمىلىكىنى بېكىتىش ۋە بىرتەرەپ قىلىش، ھەر تۈرلۈك روھىي قۇللۇققا قارشى كەسكىن تەرزدە جەڭ ئېلان قىلالايدىغان، «ياق» دېيەلەيدىغان ئاڭنى زېھنىيىتىمىزدە شەكىللەندۈرۈشتۇر. شۇنىڭدەك ۋەتەنساتار داھىيلار بىلەن ئۇنتۇلدۇرۇلغان ۋە ئوبرازى بۇلغىۋېتىلگەن قەھرىمانلىرىمىزنى پەرقلەندۈرگۈدەك سەۋىيە - ساپا يېتىلدۈرۈش، ئۆز قولىمىزدا تىكلەتكۈزۈلگەن مىللىي بۇتلارنى ئىككىلەنمەستىن يەنە ئۆز قولىمىز بىلەن چېقىپ تاشلاشقا جۈرئەت قىلالايدىغان «ئىبراھىمىي»چە روھتىن، سۇتۇقچە جاسارەتتىن، يۈسۈپ خاس ھاجىپچە بىلگە – ھېكمەت ۋە پاراسەتتىن نېسىۋە ئالمىقىمىز زۆرۈر. قاچانكى، سۈزۈك ئىمان، مىللىي روھ ۋە ئىلىم - ھېكمەتنى بىر گەۋدە قىلىپ شەكىللەنگەن ئۆزلۈكنى، ئۆزىمىزگە خاس بولغان زېھنىيەتنى پەرپا قىلىپ چىقالايدىكەنمىز، شۈبھىسىزكى، ئاسارەت كىشەنلىرىنىڭ بىر تال ھالقىسىمۇ قالماي پاچاقلانغۇسى ۋە بۇ بىزنى مۇھەققەق ئىستىقلال ۋە ئىستىقبالغا يۈزلەندۈرگۈسى، ئېرىشتۈرگىسىدۇر، ئىنشائاللاھ!
- بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: '''«[[:تۈر:ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان|ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان]]»''' سەھىپىسى
c3dzs2a5xpqy588kot5rcb6ozknwr3c