Wikipedia ugwiki https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA MediaWiki 1.47.0-wmf.18 first-letter ۋاسىتە ئالاھىدە مۇنازىرە ئىشلەتكۈچى ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى Wikipedia Wikipediaمۇنازىرىسى ھۆججەت ھۆججەت مۇنازىرىسى MediaWiki MediaWiki مۇنازىرىسى قېلىپ قېلىپ مۇنازىرىسى ياردەم ياردەم مۇنازىرىسى تۈر تۈر مۇنازىرىسى TimedText TimedText talk Module Module talk Event Event talk ساماۋەر شورپىسى 0 20702 176449 167377 2026-09-08T19:32:48Z BasilLeaf 1525 /* */ 176449 wikitext text/x-wiki ساماۋەر شورپىسى (ئ[[ئۇيغۇر تىلى|ۇيغۇرچە]] باشقىچە ئاتىلىشى: خوگو؛ [[ئىنگلىز تىلى|ئېنگلىزچە]]: Hot pot، ھات پات؛ ئاددىيلاشتۇرۇلغان [[خەنزۇ تىلى|خەنچە:]] 火锅 خوگو؛) [[سىچۈەن ئۆلكىسى|سىچۈ]]ەندىن تارقىغان، ھازىر دۇنيادا ئالقىشقا ئىرشىۋاتقان [[خەنزۇ مىللىتى|خەنزۇ]]لىنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ماتىرياللىرى بولسا ھەرخىل گۆش، قىزىل [[مۇچ]]، كۆك مۇچ، كاۋاۋىچىن، [[پىياز]]، [[سامساق]]، [[ئاچچىقسۇ]]، [[تېتىمسۇ]]، [[تېتىتقۇ]]، پ[[پالەك|الەك]]، [[كۈدە]]، [[تەرخەمەك]]، [[پەمىدۇر]]، [[دۈمبە مەدەك (ئۆسۈملۈك)|دۈمبەمەدەك]]، [[پۇرچاق ئۈندۈرمىسى]]، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، ۋە باشقىلار. {| class="wikitable" |+ساماۋەر شورپىسى Hot pot | colspan="2" |[[ھۆججەت:Nakji-jeongol 4.jpg|thumb|ساماۋەر شورپىسى كۆرۈنىشى]] |- !باشقىچە ئاتىلىشى |خوگو |- !تۈرى |ئاساسلىق تائام |- !ئانا يۇرتى |جوڭگو |- !رايون |شەرقى ئاسيا |- !خام-ماتىرياللار |گۆش، يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلار، دۈمبەمەدەك تۈگرە، ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى |} {| class="wikitable" ! colspan="2" |Hot pot |- !ئەنئەنىۋى خەنچە |火鍋 |- !ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە |火锅 |- !يۈز-تۇرانە مەنىسى |ئوتلۇق قازان |- | colspan="2" | |- ! colspan="2" |گۇاڭدوڭچە نامى |- !ئەنئەنىۋى خەنچە |打邊爐 ياكى 打甂爐 |- !ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە |打边炉 ياكى打甂炉 |} [[ھۆججەت:Hai Di Lao Hot Pot Food.jpg|thumb|ساماۋەر شورپىسى تاللا تائام ئۈستىلى]] [[ھۆججەت:Mixed mushrooms in hot pot.jpg|thumb|ساماۋەر شورپىسى ماتىرياللىردىن بىرسى-- [[پاپا دۈمبەمەدەك]] ۋە [[پۇرچاق ئۈندۈرمىسى|پۇرچاق ئۈندۈرمسى]]]] [[ھۆججەت:Copper hot pot "tong guo".jpg|thumb|ساماۋەر شورپىسىغان ئىشلىتىدىغان تۇماقلىق قازان]] [[ھۆججەت:Beef hot pot.jpg|thumb|قايناۋاتقان ساماۋەر شورپىسى]] == مەنبەلەر == {{Reflist}} {{stub}} rgnhhmjn2glnxz68wexmhd6pmkww46d يۇنىكورىن 0 21781 176451 170304 2026-09-08T20:00:14Z Amherst99 2282 176451 wikitext text/x-wiki يۇنىكورىن ([[ئىنگلىز تىلى|ئېنگلىزچە]]: unicorn) يېڭىدىن قۇرۇلغان ياكى تىكلەنگەن، بازار قىممىتى 1 مىليارد دوللاردىن ئاشقان، شەخسى ئىگىلىكتىكى شىركەت ياكى كارخانىدۇر. بۇ ئاتالغۇ 2013-يىلى پەرىشتە كاپىتالىسىت لىيۇ ئەيلىن تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان. يۇنىكورىن دېگەن سۆزنىڭ ئېنگلىزتىلدىكى مەنسى دەل رىۋايەتلەردىكى بىر مۈڭگۈزلۈك [[ھايۋانات|ھايۋان]]نى كۆرستىدۇ. يۇنىكورىننى [[ئۇيغۇر تىلى|ئۇيغۇر]]چىدا يەنە ك[[كەركىدان|ەركىدان]] شىركەت ياكى كەركىدان كارخانا دەپ ئاتىلدۇ. يۇنىكورىن ئادەتتە يېڭىدىن تىكلەنگەن ئېگىلكلەر ئارىسىدىكى [[ماتېماتىكا|سىتاستى]]كىلىق قىممەت جەھەتتە ناھايىتى ئۇتۇق قازانغان شىركەت ياكى كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر كۆپ ساندىكى يۇنىكورىن شىركەتلىرنىڭ ھەممىسى ئۇچۇر تېخنىكىسى، سۈنئى ئىدىراك، شىفىرلىق پۇل، ۋە زامانىۋى بىيوتېخنىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەنىئەنۋى كەسىپلەر ياكى زامانى ئۆتۈپ كەتكەن ساھەلەر ناھايىتى تەس يۇنىكورىن بۇلالايدۇ. 10مىلياردتىن ئارتۇق قىممەتكە ئىگە يۇنىكورىنلانى ئادەتتە ئونكورىن دەپ ئاتايدۇ. 100 مىليارتىن ئارتۇق قىممەتكە ئىگە يۇنىكورىنلارنى ئادەتتە يۈزكورىن دەپ ئاتايدۇ. [[ئەلون ماسك|ئەلون ماسىك]] قۇرغان [[بوشلۇق ئەكىس]] 1-تىرلىيون قىممەتكە يەتكەن خۇسۇسى [[شىركەت مەدەنىيىتى|كارخانا]] بولغاچقا ئۇ ھازىر دۇنيادىكى بىردىنبىر سۇپىر يۇنىكورىن ياكى ئالامەت يۇنىكورىن، ۋە ياكى دەرىجىدىن تاشقىرى يۇنىكورىن دەپ ئاتىلدۇ. == ئالبۇم == <gallery> ھۆججەت:Unicorn 3 (PSF).png|رىۋايەتلەردىكى يۇنىكورىننىڭ قىياسى سىزمىسى ھۆججەت:Domenichounicorndetail.jpg|يۇنىكورىن سىزمىسى ھۆججەت:Unicorn wall ornament Bamberg 2.jpg|يۇنىكورىننىڭ باش ئاسما ھەيكىلى ھۆججەت:Entrance to SpaceX headquarters.jpg|بوشلۇق ئەكسى دۇنيادىكى بىردىنبىر سۇپېر يۇنىكورىن </gallery> == مەنبەلەر == {{Reflist}} {{stub}} 3a01ow9m246fpzxe6xhhdgteqsw5u5k 176458 176451 2026-09-09T11:08:23Z Bapkar 1429 176458 wikitext text/x-wiki يۇنىكورىن ([[ئىنگلىز تىلى|ئېنگلىزچە]]: unicorn) (ئۇيغۇرچە: [[10. ئوغۇزنامە.|قىئات]]) يېڭىدىن قۇرۇلغان ياكى تىكلەنگەن، بازار قىممىتى 1 مىليارد دوللاردىن ئاشقان، شەخسى ئىگىلىكتىكى شىركەت ياكى كارخانىدۇر. بۇ ئاتالغۇ 2013-يىلى پەرىشتە كاپىتالىسىت لىيۇ ئەيلىن تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان. يۇنىكورىن دېگەن سۆزنىڭ ئېنگلىزتىلدىكى مەنسى دەل رىۋايەتلەردىكى بىر مۈڭگۈزلۈك [[ھايۋانات|ھايۋان]]نى كۆرستىدۇ. يۇنىكورىننى [[ئۇيغۇر تىلى|ئۇيغۇر]]چىدا يەنە ك[[كەركىدان|ەركىدان]] شىركەت ياكى كەركىدان كارخانا دەپ ئاتىلدۇ. يۇنىكورىن ئادەتتە يېڭىدىن تىكلەنگەن ئېگىلكلەر ئارىسىدىكى [[ماتېماتىكا|سىتاستى]]كىلىق قىممەت جەھەتتە ناھايىتى ئۇتۇق قازانغان شىركەت ياكى كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر كۆپ ساندىكى يۇنىكورىن شىركەتلىرنىڭ ھەممىسى ئۇچۇر تېخنىكىسى، سۈنئى ئىدىراك، شىفىرلىق پۇل، ۋە زامانىۋى بىيوتېخنىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەنىئەنۋى كەسىپلەر ياكى زامانى ئۆتۈپ كەتكەن ساھەلەر ناھايىتى تەس يۇنىكورىن بۇلالايدۇ. 10مىلياردتىن ئارتۇق قىممەتكە ئىگە يۇنىكورىنلانى ئادەتتە ئونكورىن دەپ ئاتايدۇ. 100 مىليارتىن ئارتۇق قىممەتكە ئىگە يۇنىكورىنلارنى ئادەتتە يۈزكورىن دەپ ئاتايدۇ. [[ئەلون ماسك|ئەلون ماسىك]] قۇرغان [[بوشلۇق ئەكىس]] 1-تىرلىيون قىممەتكە يەتكەن خۇسۇسى [[شىركەت مەدەنىيىتى|كارخانا]] بولغاچقا ئۇ ھازىر دۇنيادىكى بىردىنبىر سۇپىر يۇنىكورىن ياكى ئالامەت يۇنىكورىن، ۋە ياكى دەرىجىدىن تاشقىرى يۇنىكورىن دەپ ئاتىلدۇ. == ئالبۇم == <gallery> ھۆججەت:Unicorn 3 (PSF).png|رىۋايەتلەردىكى يۇنىكورىننىڭ قىياسى سىزمىسى ھۆججەت:Domenichounicorndetail.jpg|يۇنىكورىن سىزمىسى ھۆججەت:Unicorn wall ornament Bamberg 2.jpg|يۇنىكورىننىڭ باش ئاسما ھەيكىلى ھۆججەت:Entrance to SpaceX headquarters.jpg|بوشلۇق ئەكسى دۇنيادىكى بىردىنبىر سۇپېر يۇنىكورىن </gallery> == مەنبەلەر == {{Reflist}} {{stub}} 6wo1peaubqd8klksoeot1omul97xg1n سىياھ بېلىق ئويۇنى ئىككىنچى بۆلۈم 0 23407 176447 170876 2026-09-08T19:10:50Z CommonsDelinker 100 Removing [[:c:File:Squid_Game_Maastricht.jpg|Squid_Game_Maastricht.jpg]], it has been deleted from Commons by [[:c:User:Christian Ferrer|Christian Ferrer]] because: per [[:c:Commons:Deletion requests/File:Squid Game Maastricht.jpg|]]. 176447 wikitext text/x-wiki [[سىياھ بېلىق ئويۇنى]] [[كورىيە]]نىڭ دۇنياغا داڭلىق ئالقىشلانغان تور تىياتىرى بولۇپ، [[سىياھ بېلىق ئويۇنى|بىرىنچى بۆلۈم نا]]ھايىتى ئالقىشلانغالىقى ۋە تەلەپ-ئىلتىماسنىڭ زور بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككىچىنى بۈلۈمى 2024-يىلى 12-ئايدا رەسمى ھالدا [[نەتفلىكىس]] سۇپىسىدا قويۇلۇشقا باشلاندى. ئۈچىنچى بۈلۈمى ئىشلىنىشى پىلانلانغانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ فىلىمنىڭ [[ئۇيغۇرلار|ئۇيغۇر]]چىسى شۇ زامانلار ھەر قايسى سۇپىلاردا [[تەرجىمىھلا|تەرجىمە]] قىلىنىپ تارقتىلىغان. {| class="wikitable" ! colspan="2" |سىياھ بېلىق ئويۇنى ''Squid Game'' |- | colspan="2" |ئىككىنچى بۆلۈم |- | colspan="2" |[[ھۆججەت:Squid Game international logo.png|center|thumb|سىياھ بېلىق ئويۇنى خەلىقئارالىق لوگوسى]] |- !فىلىم ئىشلىگۈچى |Hwang Dong-hyuk خۋاڭ دوڭ-خيۇك |- !ئويۇنچىلار | * Lee Jung-jae * Lee Byung-hun * Wi Ha-joon * Im Si-wan * Kang Ha-neul * Lee Jin-wook * Park Sung-hoon * Yang Dong-geun * Jo Yu-ri * Kang Ae-shim * Lee Seo-hwan [ko] * Park Gyu-young |- !قىسىم سانى |7 |- ! colspan="2" |تارقىتلىشى |- !ئانا سۇپا |[[نەتفلىكىس]] |- !تۇنجى قويۇلۇشى |2024-يىلى 26-دېكابىر |} === ئالبۇم === <gallery> ھۆججەت:Supanova 2022 Squid Game.jpg|سىياھ بېلىق ئويۇنى قىزىل رەڭلىك كىيىملىرى ھۆججەت:Squid Game player cosplay, Shibuya Halloween 2021 (October 31).jpg|سىياھ بېلىق ئويۇنى ئويۇنچىلىرى ھۆججەت:Promotional event for イカゲーム (Squid Game) in Shibuya.jpg|سىياھ بېلىق ئويۇنى ھۆججەت:Squid Game logo.png|سىياھ بېلىق ئويۇنى لوگوسى ھۆججەت:Squid Game logo (Korean).png|سىياھ بېلىق ئويۇنى لوگوسى (كورىيەچە) </gallery> == مەنبەلەر == {{Reflist}} {{stub}} 2a3dkeqhj0d6qam16t4qg3hma9v8cn1 تاللانما شېئىرلار 0 24465 176450 175141 2026-09-08T19:58:31Z UyghurArchive 25219 176450 wikitext text/x-wiki == '''سۇ''' == '''چىمەنگۈل ئاۋۇت''' ئېرىقتىكى سۇدەك مۇز تۇتالمايمەن، دەريادىكى سۇدەك يا ئاقالمايمەن . بۇلۇتتىكى سۇدەك تۆكۈلۈپ يەرگە، گۈلگە،تىكەنگە باغرىمنى ياقالمايمەن. دېڭىز سۈيىنىڭ تەمىنى خىيال قىلغاچ، كۆزۈمدىن ئاققان سۇنى تېتىپ باقىمەن. ئىستاكاندىكى قايناقسۇ سوۋۇيدۇ ئاستا، يۈرىكىم سۇ يوپۇرماقتەك ياتىمەن. سەن چىلىنىۋاتقان سۇغا قىلىمەن ھەسەت، سۇ بولغۇم كىلىدۇ پەقەت بىر يۇتۇم. شەبنەملەر،قىروۋلارمۇ بولىدۇ پارە، سۇغا سۇ قوشۇلغاندەك يۈرسەك بىز چوقۇم... == '''ئۇنداق بولمايدۇ''' == '''چىمەنگۇل ئاۋۇت''' يوپۇرماق غازاڭ بولۇپ تۆكىلىدۇ، مۇھەببەت ئۇنداق بولمايدۇ. سۇمۇ كۆيىدۇ،ئوتمۇ ئاقىدۇ جېنىم بۇنى سۆيۈلمىگەنلەر ھەرگىز بىلمەيدۇ. خىلۋەتتە كۆك تەرگەچ ياشنايدىغان تۇيغۇنى، كۆك چۆچۈرىسى يەۋاتقاچ ھىچكىم بىلمەيدۇ. جىگدىلەردىن يىلىم كولاپ باققىنىم ئېسىمدە مېنىڭ، چاچلىرىمدىكى باھارغا سەن كەلمىسەڭ قارلىغاچ كەلمەيدۇ. ھەسرىتىڭدىن باشقا ھەممە نەرسىنى ماڭا قىسىنىپ ئۆتتۈڭ، مېنىڭ مۇھەببەتتىن باشقا قىسىنغۇدەك يوقتۇر ھىچنىمەم. كۆزلىرىڭنىڭ ئېقىدا قارا بولدۇم، قارا بولدۇم، مۇشۇنداق بولىدۇ ئەسلى ھاياتتىكى تەم....                                        2018.4.6 == '''ئەتىر''' == '''چىمەنگۈل ئاۋۇت''' شىردەك ھۆكىرەيدۇ شىرىن كىچىلەر، ياپراقتەك تىترەيمەن نېمىشقا بىھۇش. قوڭۇر چاچلىرىمنى ئ‍ۆزۈم پۇرىسام، بۇغۇلداپ مۈرەمگە كىلىپ قوندى قۇش. خېنە قويغۇم كەلدى بارماقلىرىمغا، يۈرگەن يوللىرىڭنى خىيال قىلدىم ئ‍اھ. سەن جىمجىت بەخىتتەك كىلىۋاتىسەن، كۆرسەملا مەن چوقۇم سالىمەن يىغلاپ... يىغلىسام سەتلىشىپ كېتىمەن بەلكىم، ياشلىرىمنى سۈرتكەچ كۈلىۋالىمەن. ئ‍ىككىمىزدىن باشقا ھىچكىم قالمايدۇ، دۇنيادا بەھوزۇر يۈرىۋالىمەن. ساڭا شېئىر ئ‍وقۇپ بەرمەيمەن ئ‍وقۇيسەن مېنى، مەن تەلمۈرۈپ ئ‍ولتۇرىمەن كۆزۈڭگە قاراپ. سۇس ئ‍ەتىر چېچىشنى ئ‍ويلۇدۇم بۈگۈن، غۇۋا چىراق يورىقىدا چېچىمنى تاراپ. چىمەننىڭ ھېدىغا يىتەتتى نېمە، نە ئ‍ەتىر،نە خىنە ياپالماس دەرتنى. تاملارغا تىرنىقىمدا جىجىلاپ باقتىم، سېنىڭلا بولغۇم بار دېگەن بىر خەتنى..... == '''كاككۇك''' == '''ئەنۋەر ھامىت''' بۇرمىلانغان تەشنالىق رېتىملارنىڭ سىرلىق قۇدرىتىگە ئىشىنىدۇ. كۈشكۈرتۈش بىھاجەت ئۆزلىكىدىن چاك-چاك يېرىلىپ كېتىدۇ. چۈشەندۈرۈشمۇ ئوشۇقچە نېمىگە مۇھتاجلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. بەردىشى كېچىلەردىنمۇ ئېشىپ قالىدىغان قىرغاق تەنھالىقنىڭ دىمىقلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ تونۇردەك ھاۋاسى تەڭشىلىپ تۇزلىرى چېچىلىپ تەييار بولغاندا ئۇزۇن ئېقىشلار، توسۇلۇشلاردا قۇترىغان دولقۇن ئەسىرلەر بويى داۋام قىلىپ كەلگەن كونا ۋە مەڭگۈ يېڭى رېتىمنى تەمكىنلەرچە ئىشقا سالىدۇ: كاككۇك، كاككۇك... 2015.6.25 == '''سېغىنىش كۈيى (1)''' == كۆزدىن ئەجەپ ئۇچتۇڭ بۇرادەر، قايسى تاملار چۈشتى ئارىغا؟ سېنىڭ يوقۇڭ تۇز بەلكى خەنجەر، ھىجران سالغان كونا يارىغا. خۇدا سېنى بەرگەنغۇ ماڭا، بەلكى جاھان ئەھلىگە تامام. دەردلىرىمنى تۆكەتتىم ساڭا، بىلەر ئىدىڭ ھەتتا ئېيتمىسام. جان بەرمەيتتىڭ، مەنمۇ ئالمايتتىم، ئەمما بارىڭ مېنىڭكى ئىدى. سەن بار بۇنچە تەڭلىك تارتمايتتىم، مېنىڭ دەردىم سېنىڭكى ئىدى. مەن يىغلىسام جايناماز ئۆزرە، سەن تۈنەيتتىڭ مەن ئۈچۈن بىدار. كۆرسەتمەيتتىم چىھرىمنى خىرە، ئەنسىرەيتتىم بولاتتىڭ بىمار... سەن بار كۈلپەت چەكمەيتتى ئىشىك، سەن چىقاتتىڭ چەككەن تەقدىردە. قىينىمايتتى سەن بولغاچ تەڭلىك، يارالدىڭمۇ مەنچۈن تەقدىردە؟ سەن يوق، جېنىم سىقىلدى ھەيھات، توڭلاتمايتتى سەن بولغاچقا مۇز. ئېغىر كەلدى ھەتتاكى ھايات، سەن بولمىغاچ سايىسىز تومۇز... كىملەرگىدۇ ئۆزۈمنى ئېتىپ، يىغلىغۇم بار، يىغلىيالمايمەن. ئىخلاس يۈتتى ئېسىت سەن كېتىپ، كىمگە ئىشەنچ باغلىيالايمەن؟ بولۇپ قالدىم كارغا يارىماس، ھېچكىم سەندەك بەرمىدى مەدەت. شۇنچە قېچىپ تاپمىدىم خالاس، روھىم چۈشتى، چىرمىدى ھەسرەت. سېنى ماڭا خۇدايىم بەرگەن، دوست دېگەن سۆز قىلىدۇ ئازلىق. كىملەر بىزنى ۋەيران ئەيلىگەن، سەنسىز كۈنلەر تامام ئارازلىق؟ ئۈمىد بىلەن باقىمەن كۆككە، ئەجەپ ئەمەس يەردىن تاپسام دەپ. دەز كەتتىغۇ دەيمەن يۈرەككە، تاپمىغانچە دوستۇمنى ئىزدەپ؟! ھىدىڭ كېلەرباغلاردا گۈلدىن، ئاي-  يۇلتۇزدا كۈلەر جامالىڭ. سالام ساڭا خەستە كۆڭۈلدىن، شاماللاردىن قايتار سالامىڭ..! ئۇلۇغ دەيدۇ دوستلۇق دېگەننى، بىركۈن پۈتەر بەلكىم جۇدالىق. سەن يۇلارسەن دىلدىن تىكەننى، مەن كۆرسىتىپ جانىم پىدالىق! == '''سېغىنىش كۈيى (2)''' == بىللە يۈرگەن ئېڭىزلار ئارا، بىللە ئۈزگەن قوغۇن- تاۋۇزنى. بىللە ئويناپ نور بىلەن چانا، بىللە يېگەن ئالماستەك مۇزنى. بىزنى بىللە چىللىغان مەكتەپ، بىللە يازغان سالام خەتنىمۇ. ئۈجمىلەرنى بىللە تېرىپ يەپ، بىللە تارتقان تېخى «دەرت» نىمۇ. بىللە ئىدۇق توي- تۆكۈنلەردە، ھازىلاردىن بىللە قايتاتتۇق. بىر ۋاققىچە ئۇزاق تۈنلەردە، مۇڭدىشاتتۇق، ئايرىلالمايتتۇق. ئاي كۈلەتتى مەستلىكى كېلىپ، نىسپى شەبتە ئۆيگە كىرمىسەك. قىلار ئىدۇق قۇياشنى تەكلىپ، ئايرىلغىچە سېغىنىپ دېمەك... ناندا ئەمەس، بىر- بىرىمىزنىڭ، سالامىدا قىلاتتۇق ناشتا... ئۆزى ئىدۇق خۇددى بىلىقنىڭ، ئىزلىرىمىز قالاتتى قاشتا... مۇڭدىشاتتۇق مۇڭلارغا تۇلۇپ، يىغلىشاتتۇق بىر- بىرىمىزچۈن. ئۆز- ئارا يار، مۇشاۋىر بولۇپ، ئاداشمىدۇق يولدىن تا بۈگۈن... ئۇزاق يىللار ئۆتتى شۇ تەرىز، مانا ئەمدى ئاق كۈلدى باشتا. ئۇنچە يىراق ئەمەس ئارىمىز، دىللاردىمۇ ئەمەس كۈي باشقا... كۆرۈنمەس تام، كۆرۈنمەس بىر قول، كۆرۈنمەس ئىز، كۆرۈنمەس بىر يول. گۈللەر ئوخشاش ئېچىلغان ئەمما، كېپىنەك كۆپ، ناۋاسىز بۇلبۇل... ئەسلىتىدۇ سېنى چىغىرلار، مەندىن سورار دەرەخلەر سېنى. ھەيرانلىققا چۆمىدۇ قىرلار، يالغۇز كۆرسە ئېڭىزدا مېنى. ئاي، يۇلتۇزمۇ باقىدۇ مەيۈس، سېنى ئەسلەپ يۈرسەم تۈنلەردە. باغلارمۇ ھەم ئالغان غېرىپ تۈس، خۇددى مەندەك سەنسىز كۈنلەردە. مەيلى ئىدى بىر پەس يىغلىسام، دەردكە دەرمان بولسا كۆز ياشلار. شاماللاردىن يوللايمەن سالام، سېغىنىشنى يەتكۈزەر قۇشلار! ئادىل ئوغلى سەھرائى == '''ئۇچىرىشش''' == '''رۇخسارى يەھيا''' بۇ يەرنىڭ قىش پەسلى ئۇزۇن،   قىشتا ئۇلغىيار بارچە ئوتۇڭ، يەنە ئۇچۇرشارمىز… تاشتىن تاشقا چېقىلىپ، يەنە گۈلدەك ئېچىلىپ، قېلىن قارلار ئېرىشتىن بۇرۇن… كەلمە دەيتتىم، كېلەتتىڭ، كەتمە دەيتتىم كېتەتتىڭ، ماڭا قىيمايدىغانلىقىڭنى پەقەت دىمەيتتىڭ… ئون بىر يىلدا ئۇن بىر قىشنى ئۇزاتتۇق، چارىسىز، نائىلاج، ۋە شۇنچە تېز… ئۇپۇرمىدى يوللار، داۋانلار، ئۇپىراۋاتقىنى پەقەت ئىككىمىز… 2021.1.23 == '''بەشىنچى مەكتۇپ''' == '''ئۈمىت ياشار ئوغۇزجان''' تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى ئايرىلىش دەپ بىر ئىش يوق. بۇ بىزنىڭ يالغانىمىز. سۆيۈش بار ئەسلىدە، سېغىنىش بار، كۈتۈش بار. ھازىر نەدىسەن؟ نېمە قىلىۋاتىسەن؟ كۈن ئاللىبۇرۇن تۇغدى. ئويغانغان بولساڭ كېرەك. چېچىڭنى تاراۋاتقاندا مېنى ئەسلىدىڭ، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق بولسا ئايرىلمىدۇق. پەقەت ھىجراندا بىز كۈتۈۋاتىمىز. ۋاقىتنى ئەسلىتىدىغان ھەممە نەرسىدىن نەپرەتلىنىمەن. ئاۋۋال كۈتۈشتىن. ئۆمۈر بويى يا ساقلاۋاتقان يا ساقلىتىۋاتقان ئادەم. ھەر ئىككىسى چاتاق، ھەر ئىككىسى ئازابلىق تەرىپى ھاياتىمىزنىڭ. بىر بالىنىڭ ئاۋۋال تۇغۇلىشىنى كۈتىشىدۇ، ئاندىن مېڭىشىنى، گەپ قىلىشىنى، چوڭ بولۇشىنى... ۋاقىت ئۆتىدۇ، ئەمدى بۇ قېتىم پۇل تېپىشىنى، قانۇنلارغا بويسۇنۇشىنى، ئىنسانلارنى سۆيۈشىنى، ئالدانماسلىقىنى، ئالدىماسلىقىنى كۈتىشىدۇ. ۋە ئاندىن ئۆلۈمى كۈتۈلىدۇ ئىنسان بالىسىنىڭ. ئۇچۇ؟ ئۇچۇ؟ ئىنسانلاردىن دوستلۇق كۈتىدۇ، سۆيگىنىدىن ساداقەت، بالىلىرىدىن ھۆرمەت ۋە ئازراق ئارامچىلىق كۈتىدۇ، سائادەت كۈتىدۇ ياشاشتىن. ۋاقىت ئۆتىدۇ، بىر كۈنى ئۇمۇ ئۆلۈمنى كۈتىدۇ. ئىزدىگەنلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى تاپالمىغان، كۈتكەنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كەلمىگەن بىر ئىنسان بالىسى سۈپىتىدە كۆچۈپ كېتىدۇ بۇ دۇنيادىن. مانا ھايات دېگەن نەرسىنىڭ جەريانى. ياشىغاچ كۈتۈش، كۈتكەچ ياشاش ۋە ياشىغاچ كۈتۈۋېتىپ ئۆلۈش! سېغىنىشقا دەيدىغان گېپىم يوق. ئۇ _ كۆمۈر ئۇۋاقلىرى ئارىسىدا يالتىرىغان بىر ئەينەك پارچىسى. ئۇ- سۆيگۈمىزنىڭ تىنىقى، ۋېسالىمىزنىڭ مەناسى. ئۇ- كۈتۈشلىرىمىزنىڭ بىردىنبىر گۈزەل تەرىپى. ئىنسانىيەت دۇنياسى سېغىنىشلىرىمىز بىلەن جەلىپكار، ھاياتىمىز سېغىنىشلار بىلەن گۈزەل. سېغىنىشنىڭ قىرتاق بىر تەمى بار، بولۇپمۇ سېنى سېغىنىشنىڭ. بىر ھېدى بار بارلىق گۈللەرگە تېگىشمەيمەن. بىر نۇرى، بىر رەڭگى بار سېنى سېغىنىشنىڭ، تەسۋىرلىگۈسىز. سەن سالغان بارلىق ئازابلارغا چىداۋاتقان بولسام؛ سېنى سېغىنغانلىقىم ئۈچۈندۇر. كۈتۈشنىڭ قورقۇنچلۇق زەھىرى ئۆلتۈرمىگەن بولسا مېنى؛ سېنى سېغىنغانلىقىم ئۈچۈندۇر. تىرىك تۇرغان بولسام، ئىچىمدە ئۈمىت بار بولسا، يەنە سېنى سېغىنغانلىقىم ئۈچۈندۇر. سېنى بۇنچىلىك سېغىنمىسام؛ بۇنچىلىك سۆيمەيتتىم..! == '''كۆڭلۈڭگە''' == '''گۈلبەدەن''' ھەممە نەرسەڭ ئاستا ئاستا بار بولىدۇ ساڭىمۇ ھەم ئامەت كېلىپ يار بولىدۇ بۇ ھاياتنى قانماي سۆيۈپ ياشاپ تۇرغىن سۆيگەنلىرىڭ ساڭىمۇ ھەم زار بولىدۇ ياخشىلىقلار تىلەپ تۇرغىن ئۆزۈڭگە كۆپ گۈزەللىكلەر سۈرۈپ تۇرغىن كۆزۈڭگە كۆپ شېرىنلىكلەر تۆكۈپ تۇرغىن سۆزۈڭگە كۆپ چىن دىلىڭدىن مېنىڭ بولسا .. دىگەنلىرىڭ ھامان بىركۈن ئالقىنىڭدا زەر بولىدۇ سەن نېمىنى قىلالمايسەن، قىلالايسەن ! ئاسماندىكى يۇلتۇزنىمۇ يۇلالايسەن سېنىڭ ئۆچۈن سېلىنغانغۇ بۇ جاھانمۇ بىر جاناننىڭ پادىشاھى بولالايسەن ! مەيۈسلەنمە،ھەممە نەرسەڭ بار بولىدۇ تىلىگىنىڭ ساڭا چوقۇم يار بولىدۇ ! 2024-7-5 == '''ئۇنتۇشنى سېغىنىش''' == '''مەھمۇد دەرۋىش''' قاراڭغۇلۇق. كارىۋىتىمدىن: مەن نەدە؟ دېگەن سوئالغا تېگىشىپقىنە چۈشتۈم. تېنىمنى ئىزدىدىم، تېنىمنىڭ مېنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۆزۈمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرمەك بولۇپ نۇر ئاچقۇچىنى ئىزدىدىم ئەمما، تاپالمىدىم. ئورۇندۇقۇمنى ئۇچرىتىپ ئۇنى تاشلىۋەتتىم، ئۇ مېنى ناتونۇش نەرسىنىڭ ئۈستىگە تاشلىۋەتتى. شەيئىلەرنى بارماقلىرى بىلەن كۆرىدىغان كور ئادەمدەك يۆلىنىدىغان تام ئىزدىدىم. كىيىم ئىشكابىغا قىسىلىپ قالدىم، ئىشكابنى ئاچتىم... قولۇم بىر كىيىمگە تەگدى. پۇرىدىم، ئۆز ھىدىمنى تاپتىم. ئۆزۈمنى ماڭا خاس بىر ئالەمنىڭ مەيدانىدا تاپتىم. ئۇ مەندىن ئاجرىدى ياكى مەن ئۇنىڭدىن. راست بولسا تېپىپ كۆرەي دەپ نۇر ئاچقۇچىنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇردۇم. نەرسە -كېرەكلىرىم بىلەن تونۇشتۇم: بۇ كارىۋىتىم، بۇ كىتابىم ۋە بۇ سومكام، ئۇخلاش كىيىمىم ئىچىدىكى ماڭا يېقىن بىرسى. دېرىزىنى ئاچتىم، سايدىكى ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرىنى ئاڭلىدىم، بىراق قاچانلاردا قايتىپ كەلگىنىمنى ئەسلىيەلمىدىم، كۆۋرۈك ئۈستىدە قاچان تۇرغانلىقىمنىمۇ. مەن ئۇ يەردە ئەمەس، بۇ يەردە چۈش كۆرۈۋېتىپتىمەن دەپ ئويلىدىم. يۈزۈمنى سوغۇق سۇدا يۇدۇم ۋە ئويغاق ئىكەنلىكىمنى جەزىملەشتۈردۈم. ئاشخانا ئۆيگە كىردىم، يېڭى مېۋىلەرنى كۆردۈم. كەچلىك تاماقنى مۇشۇ يەردە يېگەنلىكىمگە ئىشارەت قىلىپ تۇرىدىغان يۇيۇلمىغان قاچا-قۇچىلارنى كۆردۈم. بىراق، بۇ ئىشلار قاچان يۈز بەرگەن بولغىيدى؟ پاسپورتۇمغا قارىدىم، بۈگۈن كەلگىنىم ئېنىقتى. سەپەر قىلغىنىمنىمۇ ئەسلىيەلمىدىم. خاتىرەمدە بىرەر ئۈزۈكلۈك يۈز بەرگەنمىدۇ؟ روھىم جىسمىمدىن ئاجراپ كەتكەنمىدۇ؟ ئەنسىرەپ قالدىم... بەك كەچ بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي بىر دوستۇمغا تېلېفۇن قىلدىم: خاتىرەمدە  بىر ئۈزۈكلۈك بار... مەن قەيەردە؟ دەپ سورىدىم، ئۇ: سەن راماللادا، دېدى. قاچان كەلدىم؟ ئۇ: بۈگۈن  كەلدىڭ، چۈشتىن كېيىن ۋامى باغچىسىدا بىللە ئىدۇق، دېدى.   نېمىشقا مەن ئەسلىيەلمەيمەن، كېسەل بولۇپ قالدىممۇ يا؟ دېدىم. ئۇ: ئۇنتۇشنى سېغىنىش دەيدىغان بىر خىل كېسەللىك بەزىدە ئادەمنى مۇشۇنداق قىلىپ قويىدۇ، دېدى. ئەرەبچىدىن مەھزۇن تەرجىمىسى == '''سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ''' == '''ئابدۇللا ئارىپوف''' (ئۆزبىكىستان) ئويغاتقۇچى باغلارنى كەزدىم، تاپاي دېدىم قىردىن ئىزىڭنى. جۈپ مەڭزىڭدىن رەڭ ئالغان دېدىم، لالىزارغا بۇراپ يۈزۈمنى. ئۇچراتمىدىم ئەمما ئۆزۈڭنى، سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ ؟! يىراقلاردىن ھەيۋەتلىك تاغلار، خىيالىمنى كېلىدۇ بېسىپ. ئۆتتى قانچە ئىنتىزار چاغلار، ۋەسلىڭ ماڭا بولمىدى نىسىپ. سەنسىز مەنمۇ، باھارمۇ غېرىب، سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ ؟! ئۆڭكۈرلەردە سەكرەيدۇ ئاھۇ ، بەرگىلەرنى ئوينايدۇ شامال. قارلىقلاردا شىلدىرلىغان سۇ ، دەيالاردا قىلىدۇ جەۋلان. نىگاھىمدىن پەقەت سەن پىنھان، سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟! مانا بۈگۈن نەۋرۇزى ئالەم، دوستلىرىمغا گۈللەر تۇتارمەن ، نەلەردىسەن سۆيگۈنۈم ئەركەم ؟ قۇلۇمدا گۈل سېنى كۈتەرمەن ، ئۆمرۈم بويى ساقلاپ ئۆتەرمەن، سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟!… == '''ئاخىرقى خەت''' == '''ياۋا گۈل''' ئاخىرقى رەت يازغان شۇ خېتىڭ، ئەسلىتىدۇ ماڭا ھەممىنى. يالغۇز سۆگەت غەمكىن ۋېلىسپىت غېرىپ دەريا تالاي سېغىنىش ... ئېپ قالالماس سېنىڭدە مېنى. كۆزىمىزدە خوشلاشتۇق ئۇزاق، قاي زاماندا ئۇنتارمەن سېنى؟ چاچلىرىمنى ئوڭشىغان بولۇپ، سۈرتىۋەتتىم غېرىپلىقىمنى. ئاشۇ كېچە تولۇنئاي غەمكىن، يۇلتۇز سىرغىپ چۈشتى زىمىنغا. بىلمەيمەن ئازابنىڭ رەڭگى قانداقكىن؟ شەپەقتەك قىزىلمۇ ياكى قاپقارا. «يېنىمدا قال »دەپ دېمىدىم نىچۈن؟ كۆزلىرىمدە ھەممە ئاشكارا... سوراققا تارتىدۇ شاماللار مېنى «سۆيىسەن قانچىلىك قېنى ئېيتقىنا؟» تىلىم سۆزسىز شامال پەرىشان گىياھلار يىغلايدۇ تېلىقىپ قان ـ قان ئۇچۇپ كەتتى كاككۇك بالىسى خوشلىشىشقا بەرمەستىن ئىمكان. ئاي تولغان كېچىدە ئەسلەيمەن سېنى، سېغىنىپ يامغۇرغا قىلمەن خىتاپ. بىلمەيمەن قانچىلىك سۆيىمەن سېنى، باقىمەن يىراققا تاپالماي جاۋاپ. == '''ۋىسال سازى''' == '''مەلىكە ئۇششۇق''' قۇلاق سال يار ! ئاڭلىدىڭمۇ ۋىسال سازىنى ، باغرىڭنى بەرگىن يار... ھېس ئەتتىڭمۇ ، قەھرىتاندىن كىيىنكى ئىككىمىزنىڭ يازىنى.. ئۆتتى سىتەم ، كەتتى جۇد.. ھەر دەھىردە قەيسەر بىر ۋۇجۇد ! نەپەسلىرىدە تىلەپ ساڭا قۇت.. بەس ، ئەمدى ئاتىۋەت ئۆزۈڭنى يار ! قۇبۇل ئەتمەككە گۈلنىڭ نازىنى... ئۇلانبايدىن يولغا چىقىپ ، ئالارنىڭكى تاغلىرىنى كېسىپ ، كۆنچىنىڭ دەرياسىنى كېچىپ ، مەلىكەڭ كىلىۋاتىدۇ يار ! تەكلىماكانغا ياڭرىتىپ ئاۋازىنى... مۇھەببەتكە يۈرەگى قېنىپ ، ئىلھاملىرى قايتىدىن تاپقۇسى  پەرۋازىنى...   2019.04.09 == '''ئەتە''' == '''جادى''' پۇرايدۇ بۇرنۇمغا ھېجرانلىق شۇ چاغ، ئەسلەشكە تاقەت يوق بولىمەن بىتاپ. تۇغۇلۇپ ئۆلگۈچە كۆرمىگەن قالماس، كۆك تامان قىلىمەن ئازاپلىق خىتاپ. سۆيگۈنىم مەن ئۈچۈن بەك يىراق تىلسىم، سۆيگۈسىز يۈرۈشلەر ئېسىل ئەنئەنە. بىراۋنىڭ بەختىنى قوشلاپ قۇتلۇقلاپ، ئۆزەمگە داملىتىپ قىلىمەن تەنە. مەن نىچۇن قانغۇدەك سۆيۈپ باقمىدىم، بۇ ھايات قاچانمۇ يىتەر چېكىگە ، كۈن كەبى چاراقلاپ كۈلگىنىم بىلەن. نۇرلىرىم بەك سوغۇق شۇنچە بىمەنە. ھەر سەھەر تارتىنىپ چىقىمەن چۈشتىن ، يوچۇن كۈنلەرنى چىللاپ پەتىگە. سەن مېنى ئۆزەڭدەك سۆيگىنىڭ بىلەن، ۋىساللار نېسىدۇر ئەتە-ئەتىگە.           == '''يانۋارنىڭ چۈشتىن كېيىنى''' == '''تەلئەت مەمتىمىن''' ئەسلىدە يانۋارنىڭ بىر سوغۇق چۈشتىن كېيىنى ئىدى بىر دېرىزە ئىللىق ئاپتاپ بىر ئىستاكان ئىللىق قەھۋە ۋە بىر پارچە ئىللىق شېئىرغا سېنىڭ ئىللىق تەبەسسۇمىڭ قوشۇلۇپ بۇ چۈشتىن كېيىنمۇ يۈرىكىمدەك ئىللىپ قالدى == '''ئىزدىدىم''' == '''تۇرسۇنئاي رېھىم''' مەن جاھاننى ئايلىنىپ دەردىمگە دەرمان ئىزدىدىم، نەدە بار دەرمان ماڭا، قەلبىمگە سۇلتان ئىزدىدىم. يۈرىمەن چۆللەر ئارا،بەختىم قەيەردە بىلمىدىم، توڭلىغان جىسمىمغا جان بەرمەككە گۈلخان ئىزدىدىم. نە ئۈچۈن ھالىم خاراپ،كۆيمەكتە يالقۇنلاپ جېنىم، بەلكى مەن كارۋان كەبى،خۇشلۇققا ئىمكان ئىزدىدىم. نەدە سەن دەپ نامە يازدىم،كەلمىگەن يار دەستىدىن، كەلمىسە مەيلى جانان ، كەتمەسكە مىھمان ئىزدىدىم. ئىككى كۈنلۈك بۇ جاھاندا يەتتى كىم،كىم دەردىگە، ۋە  بىلىمنى چىڭ چىگىپ،تەھسىلگە ئېرپان ئىزدىدىم. 2024/1/14 == '''يولدا قېلىش''' == '''گۈلبەدەن''' ئالدىرغان يولدا قالىدۇ يولدا قالغۇسى كەلسە ئالدىرمىغانمۇ ئوخشاشلا  قېلىۋېرىدۇ! مەن تالاي قېتىم يولدا قالغان، ئالدىراپ يولدا قالغان ئالدىرماي يولدا قالغان   ئىشىنىپ يولدا قالغان ئىشەنمەي يولدا قالغان يامغۇر  ئۇرۇپ يولدا قالغان بوران سوقۇپ يولدا قالغان ئاپتاپ چېقىپ يولدا قالغان! ھەممىدىن يامىنى - نىگارىم تاشلاپ كېتىپ يولدا قالغان   دوستۇم  يالغۇز  قويۇپ يولدا  قالغان شۇنداق بەزىدە يولدا قالىمىز ئالدىرساقمۇ ئالدىرمىساقمۇ == '''سەنمۇ شۇنداق بولامسەن؟''' == '''سەلىمە ئىسمائىل''' ھەر كۈنى قۇياشنى سەنمىكىن دەپ قالىمەن،ئاسمانغا قاراپ كېتىمەن... يول بويىدىكى ئېگىز ئۆسكەن تېرەكلەرنى سەنمىكىن دەپ قالىمەن،تىكىلىپ تۇرۇپ كېتىمەن... چاچلىرىمنى قالايمىقان ئۇچۇرىدىغان شاماللارنى سەنمىكىن دەپ قالىمەن،ئۆزۈمچە قېيداپ كېتىمەن... تاراسلاپ ياغقان يامغۇرنى سەنمىكىن دەپ قالىمەن،يۈزۈمنى يامغۇرغا تۇتۇپ ئەركىلەپ كۈلىمەن... سەنچۇ جېنىم؟! كېچىدە مۇڭلانغان ئاينى مەن دەپ قالامسەن؟ سەھەردە دېرىزەڭگە قونغان كەپتەرنى مەن دەپ قارامسەن؟ باھاردا ئېچىلغان گۈللەرنى مەن دەپ بەرگىنى سىلامسەن؟ يول بويىدىكى كىچىك ئېقىنلاردا ئويناقلىغان سۇلارنى مەن دەپ ئۇچۇمۇڭغا ئالامسەن؟ شاختا كۈلگەن چېچەكلەرنى مەن دەپ قانماي ھېدلامسەن؟ نازۇكقىنە نوتىلارنى مەن دەپ باغرىڭغا باسامسەن؟ بوينۇڭنى غىدىقلىغان يېشىل، يۇمران ياپراقلارنى مەن دەپ ئاستا ئۈزۈپ قوينۇڭغا سالامسەن؟ ئېيتقىنا جانگىنەم   سەنمۇ ھەر شەيئىدىن مېنى كۆرەمسەن؟ ھەر يەردىن مېنى ئىزدەمسەن؟ ھەر تىنىقتا مېنى ئەسلەمسەن؟ ھەر ھەرىپتە ئىسمىمنى يادلامسەن؟ تۈنلەردە سېغىنىشتىن يۇمۇلغان كۆزۈڭنى ساباھلاردا سېغىنىش بىلەن ئاچامسەن؟ 2018-يىلى 18-ئاپىرىل == '''ئەبگاھ ئادەم''' == '''ئېزىز تۇرسۇن''' مەن  يۇۋاش ئادەم، كۆمىچىمگە چوغنى تارتىماي، ئۇنى ئېلىپ مۇزغا ياققۇچى. مەن بىتەلەي ئادەم، ئۆز بالامنى بىر كۈن باقالماي، بولۇپ قالغان بالا باققۇچى. مەن  يىگانە ئادەم، دەريا سۆيىنىڭ ئېىقىشىغا باقماي، قارشىسىغا قاراپ ئاققۇچى. مەن  تۆمۈر ئادەم، سەككىز سائەت ئىشلەپ بولۇپمۇ، غايەم ئۈچۈن شېئىر يازغۇچى. مەن ئەرزىمەس ئادەم، باشقىلارنى ئەستە تۇتساممۇ، ئۇلار مېنى ئۇنتۇپ قالغۇچى. مەن يارامسىز ئادەم، باشقىلاردىن دەشنام يىسەممۇ، كەچۈرۈم سوراپ كۆڭۈل قويغۇچى.    مەن ئادەم بولۇپ بولالمىغان ئادەم،   داۋاملىق ئادەملەردىن تەلىم ئالغۇچى. مەن ئەبگاھ ئادەم……!!                                                                                                        2023.10.10 == '''مۇھەببەت ئىستىكى (غەزەل)''' == '''مۇختار داۋۇت  ئۆزيول''' سوراپ قويغىن نىگار ھالىم، نېچۈن، نەلەردە سەرسان مەن؟ دېسەم ھەق گەپنى ھىجراننىڭ كۆيۈك دەشتىدە قالغان مەن. نىگاھىڭ لەرزىدە مەستلەپ ئېزىققان تەركى سەيياھتەك، چىمەنلەر ھۆسنىدىن ئىزلەپ سېنى تاپقانلا ئىنسان مەن. بۇلۇتلار ئاھىدا كۆيسەم قېشىڭغا كۆچتى يۇلتۇزلار، سۈزۈك ئايدەك جامالىڭدا تۇتۇلغان لەرزى ئاسمان مەن. كۆڭۈل مەيلىمنى رام ئەيلەپ، بېغىڭغا باشلىماق بولساڭ، ھىدى ئالەمدە بىر-خۇشبۇي، قۇرۇق قاقشاللا رەيھان مەن. نۇرانە ئايلىرىڭ كۈلسە زىناقلار ئەۋجىدە تويلاپ، ئۆزىنى غارغا ئوخشاتقان يىراق جايلاردا پىنھان مەن. سېنىڭ قەلبىڭ باھار ئەيلەپ چېچەككە كۆمسە ھەرياننى، چېچەككە ئاشىيان ھەر تۈپ گىياھ يىلتىزىدا جان مەن. مۇھەببەت ئىستىكى ئۆزيول دىلىدا ئۆچمىگەي بەلكى، سېنىڭ ۋەسلىڭگە يەتمەكچۈن يۈرەكتە ئوخچىغان قان مەن! 2023-يىل 22-ئۆكتەبىر، ئۇچتۇرپان == '''بىلمەيلا قالغۇم بار بىلىشتۇر ئازاپ''' == '''سائادەت ساتتار ئايتۇغ''' كۈز پەسلى  سارغايغان  رەڭلەرگە قاراپ ، باھاردىن كۈتكەندە  تەسەللى -جاۋاپ . كىملەر نە خىيالدا يۈرۈيدۇ شۇ تاپ ، بىلمەيلا قالغۇم بار بىلىشتۇر ئازاپ . دوستلۇقنىڭ گۈلىنى تەرسەم  بىر تالاي ، ھاياتلىق بېغىنى بېزىسەم  ھارماي ، غېرىپتۇر نە ئۈچۈن مەن سالغان ساراي ، بىلمەيلا قالغۇم بار بىلىشتۇر ئازاپ . ئىشەنگەن تاغلاردا كىيىك ياتتىمۇ ؟ ئەقىدە باغرىغا خەنجەر  پاتتىمۇ ، مۇھەببەت نەرقىنى ئەرزان ساتتىمۇ ؟ بىلمەيلا قالغۇم بار بىلىشتۇر ئازاپ . كۈز كەلدى، تۇرنىلار ئۇچتى يىراققا ، كۈتكەنلەر قاي مەھەل كېلەر بۇياققا ، مەھكۈممەن قانچىلىك  دەردۇ -پىراققا ؟ بىلمەيلا قالغۇم بار بىلىشتۇر ئازاپ . دەرىزەم ئەينىكى چىكىلدى تەكرار ، كەچكۈزنىڭ يامغۇرى ياغدى بىقارار ، دىلدىكى يارىلار قاچان ساقىيار ؟ بىلمەيلا قالغۇم بار بىلىشتۇر ئازاپ . 2016-يىلى 10-ئاينىڭ5-كۈنى == '''ئەسلەرسەنمۇ ؟''' == '''نەسىن''' خەيرىلىشىش پەيىتى يېقىنلاپ ھوزور يامغۇر پەسلى ئاخىرلىشىۋاتقىنىدا، كۈزنىڭ گۈزەل  ياپراقلىرى تۆكۈلۈپ قىشنىڭ جۇتلىرىنى ئىشىكىمىزنى چېكىۋاتقىنىدا، سەن ھۈپپىدە ئېچىلغان، ساڭا ھۆسۈن قوشقان قىزىل گۈلنى تۇتقان سېىمايىڭ بىلەن مەندىن ئۇزاقلىشىۋاتقاندا، يىللار كېيىنكى، ئۆمۈرنىڭ بىر پەيتى، ھاياتنىڭ بىر كەچمىشى، ھەممىزنىڭ ئۆتمىشى شاھىت بولغان بىر كۈنلەرنى ئەسلەۋاتىمەن... كىتابلارنى ۋاراقلاۋاقىغىنىڭدا، ھېكمەتلەرنى ئوقۇۋاتقىنىڭدا، مېنىڭ سۆزۈمگە، جۆيلۈشلىرىمگە، ئوخشايدىغان بىر كەلمىلەرنى تاپقىنىڭدا قەلبىڭدىن بىر ھاياجان سۈزۈڭدىن بىر سادا كۈزۈڭدىن بىر ياش تامچىسى سېرغىپ چۈشەرمۇ ؟ ھاياتنىڭ مۇشەققەتلىرى ئەتراپىڭنى قورشاپ سەبىر قەدەملىرىڭ بىلەن يولۇڭنى داۋام قىلغىنىڭدا، كۈتكەن ئۈمۈتلىرىمدە ياسالغان يۈكسەك سىماغا لايىق ياشىنىغىنىڭدا، شۈكۈر كەلمىسىنىڭ كەينىدىن ئەسلەرسەنمۇ ؟ پۈتۈن تىلەكلەردە، قول كۈتۈرۈشلەردە، ئەتراپىڭنى بىر بىر ساناپ ئۇلارغا تىلەكلىرىڭنى تىلەۋاتقاندا، ئاق بولىشنى، ساق بولىشنى ئۈچۈن تىلىگەنلىرىڭدە كۆزلىرىڭدىن ئۈنچىلەر ئۈزگىنىڭدە، سانالغانلار ئارسىدا ئەسلەرسەنمۇ ؟ گۈزەل سىمالار ئارسىدا، ئۈلگىمىز ئەتراپىدا، كەۋسەر بويىدا يىغىلغىنىڭدا، كەۋسەر بويدا سېنى ئۈچرىتىشنى تىلىگەن بىر سىمانى ئەسلەرسەنمۇ؟ گۈزەل جايغا ماڭغىنىڭدا، دەرۋازىسىدىن قەدەم ئالغىنىڭدا، بۇ كۈنۈڭ ئۈچۈن قوللار كۈتۈرگەن، پىلانلار تۈزگەن، ساڭا تىلەك تىلىگەن بىر تىلەكدىشىڭنى ئەسلەرسەنمۇ؟ سېنى تىلەكلىرىدە ئۇنۇتمىغان، ئۇنۇتمايدىغان، قول كۈتۈرگەندە ئەسلىشىڭنى ئۈمۈد قىلىدىغان سېنى دائىم ئەسلىگۈچىنى ئەسلەرسەنمۇ ؟ ئەسلەرسەنمۇ ؟ == '''سۆزلىشىش(2)''' == '''غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد''' _ ھەقىقەت قەيەردە؟ _ قىلىچتىن تامچىغان قاندا. _ چىن گۈزەللىك قەيەردە؟ _ گۇناھلارنىڭ چوڭقۇرلۇقىدا. _ نە ئۈچۈن ئىزلەيسەن ئۆزۈڭنى ھامان؟ _ قالغاچقا دۇنيادا يارسىز، مەبۇدسىز. _ نە ئۈچۈن قاچىسەن روھىڭ غارىدىن؟ _ بىر بۆرە ئۇ يەردە ھۇۋلار تىنىمسىز. _ نەلەردە يوقاتتىڭ ئەركىنلىكىڭنى؟ تىگىشتىم ئەتىكى جەننەتكە ئۇنى. _ نە ئۈچۈن چىھرىڭگە يولىماس كۈلكە؟ _ ھەدىيە قىلغانمەن بۆشۈككە ئۇنى. _ نە ئۈچۈن تۇغۇلدۇڭ پانى دۇنياغا؟ _ بىلمەيمەن، ئېھتىمال ياشىشىم ئۈچۈن. _ بىلەمسەن، ياشاشتىن مەقسىدىڭ نېمە؟ _ ياشىشىم ئۆزۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن. _ ئىرىشمەك بولغان ئۇ ئۆزۈڭ قەيەردە؟ _ بىلمەيمەن، بەلكىم ئۇ مېنىڭ ئۆزۈمدە. _ ئۆزۈڭ شۇ قەدەر يىراقمۇ سەندىن؟ _ ياق، ئۇ تارىم ۋە تەكلىماكاندا. _ ياشاپ تۇرۇپسەنغۇ شۇ يەردە ھازىر؟ _ ياق ، ئۇندا تۇرغىنى تېنىم پەقەتلا. _ تېنىڭ ئۆزۈڭگە ئەمەسمۇ شاھىت؟ _ ياق، ئۇ مەن ئۈچۈن چوڭقۇر بىر قەبرە. _ چىقىسەن قەبرەڭنى پاچاقلاپ قاچان؟ _ ئەتە، ئەتە، ئەتە... 1997- يىل خوتەن == '''مەن قايتماقچى''' == '''ئايچىن''' شاماللار ۋە ئىزتىراپلار شەبنەملەر ۋە تەڭقىسلىقلار توپىلار ۋە يوقلۇق گۈللىرى قايتىشىمغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى مەن قايتماقچى  . ئېچىلمىغان ھاۋالار تۆكۈلمەيدىغان كۆز ياشلار ئىپادىلەنمەيدىغان خەيرىخاھلىقلار  ، سەل بىتايىن سەل ساختا سەل بىر قىسما مۇھەببەتكە ئوخشاپراق كېتىدىغان كۆيۈملەر  ، يۇمشاۋاتقان تۇمانلار ئېرىپ كېتىۋاتقان مۇناسىۋەتلەر قايتىشىمنى تولۇق تەستىقلىدى مەن راستىنلا قايتماقچى  … قايتسام بولامدۇ دەپ توۋلىسام ئاسمان قولىنى ئىگىز كۆتۈردى  ،   چىلانزارلىقلار باش لىڭشىتتى ئۆرۈكلەر مەڭزىنى مەڭزىمگە ياقتى  .  خوشلىشىشقا تولۇق ھازىرلاندۇق سوغۇققىنە ھاياجان بوشلۇقلارنى نەمدىدى مەن تولۇق ۋە ئۈزۈل-كېسىل قايتماقچى  … == '''چارشەنبىدە''' == '''تۇرسۇنئاي رېھىم''' بەك يىراق مەنزىلدە يار، بارماقچىتىم چارشەنبىدە، يول نىمە، بىر كۆڭلىنى ئالماقچىتىم چارشەنبىدە. ئاسمىنىدا ئاي بولۇپ، مەن كۆڭلىدىكى يار بولۇپ، يۈرىكىگە ئوتنى ھەي، سالماقچىتىم چارشەنبىدە. شۇنچىلا سەۋدايى ئاشىق مەن يەنە مەجنۇن كەبى، لەيلىدەك بىر قاپ-قارا، بولماقچىتىم چارشەنبىدە. نە ئادەمدۇرمەن كويىدا پىرقىرايمەن قۇش بولۇپ، كەل دىسە بارماقىگە قونماقچىتىم چارشەنبىدە. پەشلىرىنى تۇتىيا دەپ كۆزلىرىمگە سۈركىسەم، قال دىسە كەتمەس بولۇپ، قالماقچىتىم چارشەنبىدە. 2021/7/28 == '''سەن كەلمىدىڭ مەن كەتتىم ئاخىر''' == '''چىمەنگۈل ئاۋۇت''' نېمە دېگەن يەڭگىل تۇيغۇ بۇ، شۇنچىلىك گۈزەل، شۇنچىلىك راھەت. ئەينەككە قارىماي ،چاچمۇ تارىماي خىرامان لەيلەپ يۈرىمەن پەقەت. خۇددى سەن كېلىدىغاندەك، مېنى باغرىڭغا باسىدىغاندەك، ھېلىقى كۆينىكىمنى كىيىپ ھەركۈنى، مېنى سۆيسەڭ يۇقۇپ قالمىسۇن دەپ، يۈزۈمدىكى شەبنەمگە قوشۇپ سۈرتىۋىتەتتىم لەۋسۇرۇخۇمنى... چۈش يۇقى ياستۇقۇمنى ،كۆرپىللىرىمنى، قانداق قىلىمەن ئەمدى ئۆزۈمدەك رەتلەپ، مانا بۈگۈن ئۇلارمۇ چىقتى ئەركىنلىككە قالايمىقان پېتى قۇياش نۇرىغا تۇرار ئەركىلەپ. سەن كەلمىدىڭ يېنىمغا مەن كەتتىم ئاخىر، بىر پىيالە قېنىق چايدەك سوۋىدى كۈنلەر ھەي بىرتال تاماكىچىلىق يوقتۇر تەلىيىم ئېچىلماس بەلكىم خىيالىمنىڭ ئارىسىدا قۇرىغان گۈللەر... تىرناقلىرىم ئۆسۈپ،نىپىز پايپىقىم قاپتۇ يىرتىلىپ، ئۇمۇ كۈلىۋاتقاندەك كۆرۈندى ماڭا. ماشىنا ئەينىكىنى گۈزەل قىلغان يامغۇر ئەمەس، يامغۇرنىڭ دەردى ! قاراپ قالدىم سەن كىرىپ كېتىۋاتقان قەھۋەخانىغا... == '''ئايال  ئۇ…''' == '''ئايتېكىن''' تولىمۇ  يېقىملىق ئايال دېگەن  سۆز، مارتنىڭ  ئاپتاپلىق پەيشەنبىسىدەك. چاقنايدۇ  قۇرلاردا  لاتاپەت  بىلەن، ھاياتنىڭ ئۆڭمەس بىر شەجەرىسىدەك. ئايال ئۇ ئانامنىڭ  كۆك  چۆچۈرىسى، يا دادام  تېرىغان  باغدىكى ئوسما. ياكى ئۇ مومىلار  كەيگەن چىت كۆينەك، يا ئەرنىڭ باغرىنى ئۆرتىگەن  لاۋا. ئايال ئۇ  داغ  چايدىن  ئۆرلىگەن لەززەت، ئۇ  گويا  سەھەردە  كۈلگەن  بوسۇغا. ئۇ ئەسلى نان  پۇراپ  تۇرغان  رېپىدە، بەرىكەتنى باغ قىلىپ يايغان سوپىرىغا. تۈگۈمەس  ناخشا ئۇ  پۈتمەس  ھېكايە، ئېتىكى ئوت ئۇنىڭ  پىشانىسى  نۇر، ئۇ ھايات تەڭشىگەن  خۇشبۇي تەم خۇرۇچ. بىر چىنە  لەغمەندىن  تارىغان ھوزۇر. ئۇ كۆكلەم  پەسلىدە  سايرىغان كاككۇك، ۋە ياكى  گۈپپىدە  پۇرىغان جىگدە. ئۇ قىزلىق  نازىدا  ئۇزىغان  ئۆتمۈش، سۆزى  بار  ھېچكىشى  بىلمەس جىققىدە. كەل سېنى باغاشلاي  بارچە ئاياللار، ئايال  دەپ لەرزىگەن  شئىرىم  بىلەن. مېنى كىم يازاركىن  شئىرغا  قېتىپ، مەنمۇ  ھەم شئىرغا  پاتماس بىر لېۋەن. == '''ھەددىمنى بىلدىم''' == '''ئەھمەت موران''' مەن ھەمىشە، قەپەسكە سۇلانغان قۇچقاچنىڭ، كۆك ئاسماننى سېغىنغىنىدەك سېغىندىم، تېخىمۇ ئۈمىدۋارلىق بىلەن، يۇلتۇزلارغا تەلپۈندۈم. ئاندىن، ئوۋچى قۇشلار بىلەن ئېلىشىشنى، قۇيۇنلارغا قارشى پەرۋاز قىلىشنى، ياشاشنى ئۆگەندىم. كۈز كەلدى، قايغۇنى قۇرلارغا تىزدىم، قىشتا، باھارنىڭ چۈشىنى كۆردۈم، ياشاشنى ئۆگەندىم، لېكىن، تۇتالمىدىم قۇيرۇقىنى ئۇچقۇر ۋاقىتنىڭ. شۇنداق ئىنسانلارنى كۆردۈم، بەزىسى غادىيىۋاپتۇ كىبىردىن، بەزىسى روھىنى كىراغا بېرىپتۇ ئۈمىد ھايانكەشلىرىگە، بەزىسى تەرىنى قېتىق قىپتۇ سۆيۈپ، پېشانىسىگە سۈرگەن نانغا. سۆيۈشنى، سۆيۈلۈشنى، ئاچچىقنى، تاتلىقنى، ھەر نەرسىنى ئۆز نۆۋىتىدە تېتىپ كۆردۈم، ئوقۇشنى ئۆگەندىم، ئاندىن، يېزىپ، جىجىشنى، يەنە سۆيۈشنى! ئۆمرۈمدە كۆپ نەرسە ئۆگەندىم، ئەمما، ھەممىدىن بەك، «ھەددىمنى بىلىشنى»... == '''كىم مۇساپىر بولمىغان''' == '''چىن يار''' 2019-يىلى 27-ئىيۇل بىر دانە خاتىرە كومپىيوتېر ۋە بىر چامدان ، كېتۋاتىمەن ، مۇساپىرلىق كوچىسىدا ئۆزۈمنى قىلىپ قالقان . كىملەر مۇساپىر بولۇپ باقمىغان ، كىملەر تەۋەككۈلنىڭ دەرياسىدا ئاقمىغان  . ھەر كىمنىڭ يولى باشقا ،ئۆيى باشقا ، كىملەر غېرىپلىق سازىنى چالمىغان ، كىم مۇساپىرلىق كوچىسنى مېڭىپ تۈگىتەلىگەن ، سۆيگۈنۈممۇ ،دوستۇممۇ ياكى قېرىندىشىممۇ ؟ ياق !چۈنكى بىزنىڭ ھېكايىمىز ئوخشىمايدۇ . راستىنلا ئوخشىمايدۇ … 2013-يىلى ئۆيدىن ئايرىلىپ ، ئۈرۈمچىگە كەلگەندە مەن . سانجاق-سانجاق ئارزۇلىرىم ، يېتەتى ، سۆڭۈكۈمدە قۇرۇشقا گۈلشەن  . جەمىيەتنى ئاددى ھېس قىلىپ ، چۈشەنمەپتىمەن ،چۈشەنمەپتىمەن . يۈركۈمنى توڭلىتۋەتتى ، باھارنى ھېس قىلاي دېگەندە ، يازنى قوغلىۋەتتى . قوي تېرىسىگە ئورۇنۋالغان بۆرە سۈپەت ئادەملەر . يولسىز قالدىم ،پۇلسىز قالدىم ، نەچچە زىمىستان كېچە ئۆتتى . يارسىزمۇ قالدىم . لېكىن ئادىميلىكنى يوقاتمىدىم . قىينچلىق ئۆتكۈنچى ھامان ،تىرشچانلىقنى يەڭگەن ئەمەس … == '''قەھۋە ئىستەيدۇ''' == '''سەئىدە''' قەھۋە ئىستەيدۇ كۈڭۈل بىر ئاچچىقتا بىر ئاچچىقنى باسماق بۇلۇپ رۇمان ئىستەيدۇ يەنە قىسمىتىنىڭ ۋاراقلىرىنى يىرتىپ–يۇلۇپ يامغۇر ئىستەيدۇ كىيىن ئىچىدە كۈيىۋاتقان پىغانلارنى سۇغاققا تۇتۇپ بىر چۈش ئىستەيدۇ يېتىپ ئايلىنىپ بىر يۇپۇرماققا ئانىسىنىڭ كىرپىكىگە قۇنۇپ ۋاقىت ئىستەيدۇ بىر ھازا دۇنياغا تۆكىۋەتكەن مىھىرىنى ئۆزىگە سۇنۇپ ئويغۇنۇش ئىستەيدۇ ھالسىز بالىسىنىڭ غېرىبانە تۇرقىنى تۇنۇپ ئۈمۈد ئىستەيدۇ بارماقلىرىدىن سىقىلغان يۈرىكىگە ئايدەك يۇنۇپ مادار ئىستەيدۇ ئۈمۈدكە سەبىرسىز ئازارلاردىن مۇھەببەت ئۇيۇپ قەھۋە ئىستەيدۇ ئاخىرى يەنە سوغوققانلىق پەتنۇسىدا سۇۋۇتۇپ قۇيۇپ ئاچچىق ئىستەيدۇ قەھۋەدىنمۇ بەك زەھەرنى زەھەردە ئۆلتۈرمەك بۇلۇپ... == '''مەن سېنى ھېچقاچان كۆرمەيمەن ئەمدى''' == '''خۇرشىد دەۋران''' تەرجىمە قىلغۇچى: ماخمۇت مۇھەممەت مەن سېنى ھېچقاچان كۆرمەيمەن ئەمدى   .ئەمدى كۆزلىرىمدە ئەكس ئەتمەس كۆزۈڭ   ، يۈرەك بېغىشىمنى تىترەتمەس سۆزۈڭ . مەن سېنى ھېچقاچان كۆرمەيمەن ئەمدى   ، ئەمدى باھار - باھار كۈزمۇ ئەمدى كۈز   . سەلكىن شاماللاردا تۆكۈلەر خازان . مەن سېنى ھېچقاچان كۆرمەيمەن ئەمدى ، يامغۇر تامچىلىرى تاۋلانغان خۇشبۇي . چاچلىرىڭ كۆكسۈمگە چېچىلار ئىدى ئەمدى بۇ خاتىرە  ،  ئەمدى بۇ خىيال . مەن سېنى ھېچقاچان كۆرمەيمەن ئەمدى قەغەزگە قارايمەن  ،  تۈنگە قارايمەن ، يۇلتۇزغا قارايمەن  ،  ئايغا قارايمەن تەسەللى بېرەلمەس ئۇلارمۇ ماڭا …مەن ئەمدى ھېچقاچان كۆرمەيمەن سېنى == '''دەريا يوقتۇر چېچىڭدىن باشقا''' == '''خۇرشىد دەۋران''' تەرجىمە قىلغۇچى: ماخمۇت مۇھەممەت   ، چېچىڭدىن باشقا دەريا يوق   . دولقۇنىدا ئاقاي دېسەم   ، كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوق قاراي دېسەم  ،  باقاي دېسەم   ، ئىسمىڭدىن باشقا بىر سۆز يوق   . ئېيتاي دېسەم  ،  يازاي دېسەم كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوق . يالقۇنىدا ياناي دېسەم مېھرىڭدىن باشقا كۈندۈز يوق . يۈرىكىمنى بېرەي دېسەم يولۇڭدىن باشقا بىر يول يوق …باشقا يولدىن كېتەي دېسەم == '''ئايال ئىزھارى''' == '''خۇرشىد دەۋران''' تەرجىمە قىلغۇچى: ماخمۇت مۇھەممەت « سېنى سۆيىمەن » دەپ شېۋىرلار ئايال ، كىرلىرىڭنى يۇيۇپ بېرىمەن دەزماللايمەن كۆڭلەكلىرىڭنى   . قۇچاقلىغان قوللىرىم بىلەن   ، بىر كۈن تاڭدا تۆشەكتە يېتىپ    جىلمايغانچە شېۋىرلىسام بەس « يۈرىكىمنىڭ تەكتىدە كىمدۇر  »   . خۇددى سەندەك ئالماقتا نەپەس == '''چۈشۈمدىكى چىغىر يول''' == '''يارغول''' تالاغا چىقىشتىن بۇرۇن بىر چۈش كۆردۈم چۈشۈمدىكى ئۇ كىشى مەندەك ئورۇق ئىدى چارلاشقان ساقاللىرىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى ئۇمۇ مەندەك قەلب مۇساپىرى مەيۈس كۆزلىرىدىن مەلۇم ئىدىكى ئۇنىڭمۇ سايىسىدىن باشقا ھەمراھى يوق ئىدى ئۇمۇ ئالدانغان ئىدى قارىلانغان ئىدى يارىلانغان ئىدى ئۇ تېنىنى روھى بىلەن تىرەپ تۇرۇپ خۇددى تۈنۈگۈنكى مەندەك سۈكۈتتە ئۇزاق سۆزلىدى ئارقىدىن قۇياش پېتىۋاتقان تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى شۇ تاپتا مەن چۈشۈمدە ئۇ كەتكەن چىغىر يولغا قاراپ تۇرماقتىمەن قىزىق يېرى قۇياش يەنە شۇ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقاندەك قىلاتتى == '''توي''' == '''ئىمىن ئەھمىدى''' ئەجەب ئاددىي توي قىلغانكەنمىز، ھايات داستىخانىغا سەمىمىيلىك تىزىپ. ئەجەب مۇڭداشقانىكەنمىز نېرى ئولتۇرۇپ، مەڭزىمىزگە ياشتا خەت يېزىپ. سېنى يۆتكەيدىغانغا ماشىنا يوق، تاپالمىغانىدىم ھەتتا ئېشەك ھارۋىسى. جاز مۇزىكا دېگەنلەر نەدە؟! ئەتراپنى چاڭ كەلتۈرگەنىدى سەھرا ناغرىسى. «شېرىن ئاي» دەپ بېقىپتىكەنمىز ئېتىزغا، تاتلىق ئىدى ئاي يورۇقىدىكى ساياھەت. ئالتۇن ئۈزۈك ئالماپتىكەنمەن قولۇڭغا، قىلىپتىكەنسەن مىس ھالقىغىمۇ قانائەت. ئۆيىمىزگە كىرگەنىكەنمىز يانمۇ – يان، يۇرتداشلار ياققان ئوتتىن ئاتلاپ. ساپ ھاۋا، سوغۇق سۇ، چاڭ – توزان يولغا سېلىپ قويغانىكەن بىزنى پاكلاپ... بىلمەپتىكەنمەن سەن بايمۇ يا كەمبەغەل‎؟ سورىماپتىكەنسەن بىساتىمدىن سوئال. بەك سەبىي ئىكەنمىز، كۆڭۈلدە يوق غۇم، خۇددى ئېرىق بويىدىكى مەجنۇنتال... بالىلارغا دېگىلى بولارمۇ بۇ توينى، يازغىلى بولارمۇ ئەسلىمە قىلىپ؟ ئېھتىمال قايىل قىلماق تەس ئۇلارنى، يېرىپ بەرگەندىمۇ يۈرەكنى ئېلىپ... (شائىرنىڭ يەتمىش ياشقا كىرگەن كۈنلىرىدە يازغان شېئىرلىرىدىن) == '''ۋەسىيەت''' == '''ئەركان''' مەن ئۆلگەندە ھەممىڭلار سۆزلىمەس بولىسىلەر سىرلىرىمغا قاراش بىلەن كۇپايىلىنىسىلەر سەن ياكى ئۇ ئېزىقىشتا يۈرگۈچى سىلەرگە كۇپايە قالايمىقان تېكىست ياكى ئاۋاز ۋە ياكى ئالۋۇن تارىدا چېلىنغان بىر ساز مەن ئۆلگەندە تۈگەر بەلكى ساراڭلار تۈگەر بىكار سۆز، قۇرۇق پاراڭلار ئېھ، بوش كومزەك، چېقىلغان قەدەھ ئېچىلىدۇ مەن كۆمۈپ قويغان ياراڭلار مەن ئۆلگەندە ئەي ئادەملەر… ئوتسىز ئادەملەر ئىزدەيسىلەر نىھايىتىمنى سورايسىلەر سائادىتىمنى ئۆزۈڭلار ئۆچۈرگەن قەدەملىرىمدىن شۇ ۋاقىتتا قېنىمنى چېيىڭلارغا دەملەيسىلەر گۆشۈمدە شورپا قىلىپ داستىخانغا ئەكىلىسىلەر مەن سۆزلىگەن جۇنۇن سۆزلەرنى ئوقۇيسىلەر سەھەرنىڭ شاماللىرىدىن <nowiki>***</nowiki> ئەي، بەخىتسىزلىككە مەھكۇم بولىۋالغۇچىلار ئەي، ئۆزىدە جىمجىت تۇرىۋالغۇچىلار ئەي مۇھەببەتسىز تۆرەلمىلەر ئەي، شور پىشانىلەر ئىچىڭلاردا قەپەس بار ناتىۋان قۇشۇڭلارنى قويىۋىتىڭلار == '''بىر رەسىمگە''' == '''ئابدۇللا توقاي''' بىر گۈزەل، باققىن بۇ قىزنىڭ كۆزلەرىگە - قاشىغا، ئاپىرىن، مىڭ ئاپىرىن بۇ سۈرەتنىڭ نەققاشىغا. قايدىن ئالمىش بۇ ئۇزۇن ساچلارنى، ئەيتىڭ، ئەي قۇياش، كۆر خۇدانىڭ قۇدرەتىن كۆر، بىر كۆزۈڭ سال باشىغا. ئەي قۇياش كۆركسىزلىكىڭدىن، سەن خىجالەت بولارسەن، گەر سېلىشتۇرساڭ يۈزۈڭنى ئۇشبۇ يۈز رەناسىغا. بۇ گۈزەل قىزنىڭ پەقەت رەسىمىن كۆرۈپ قالسا مەگەر، شۈبھىسىز شىلتار قولىن مەجنۇن ھەم ئۆز لەيلاسىغا. بولسا گەر ئۇجماغ تۆرىدە ئىلگىرى رەسىمى بۇنىڭ، ئىلتىپات ئەتمەس ئىدى ئادەممۇ  ئۆز ھەۋۋاسىغا. كۆرسە ھارۇت بىرلە مارۇت يولدىن ئازماسلەر ئىدى، بەلكى باقماسلار ئىدى شەيتانلار ئىغۋاسىغا. لەئلى لەبىدىن شەربەت تارتقاندا، كىرەكمەس كەۋسەرىڭ، ئوخشىغاي ئۇ دۇنيانىڭ ئۆلمەس خىزىر ئىلىياسىغا. كۆرسە گەر ئىبلىس لەئىن ئىسيان قىلىپ يۈرمەس ئىدى، باش قوياردى سەجدىگە، قايتىپ تېخى ئاللاسىغا. سايرىماس بولسا بۇ قىز، مەدھى ساناسى ئەگەر، بارچە بۇلبۇل يول ئالغۇسى، ئۇ كەتكەن مەئۋاسىغا. (1886-1913) == '''مەن سېنى سۆيەتتىم...''' == '''تۇرسۇن قۇربان كۈلپىتى''' مەن سېنى سۆيەتتىم، شامال بىلەتتى، دەرەخلەر ھەسەتتە مەيدە ئۇراتتى. ئىشىقنى ئۇلغايتسا تىمتاس كېچىلەر، شەھەرنىڭ شاۋقۇنى كەيىپىم بۇزاتتى. خىيالغا چۆكەتتى كوچا چىرىغى، ئىسمىڭنى تەكرارلاپ يۈرەتتى يوللار. تاملاردا تىكلەنسە شېرىن بىر ئىستەك، باقاتتى سەن تامان كۆكتە يۇلتۇزلار. سۆگەتلەر قارايتتى سەن سىياق كۈلۈپ، مەسخىرلىك ھىجىيىپ ئۆتەتتى مەستلەر... بەھرىگە زۇلفىڭنىڭ بارغۇچە يىتىپ، كەلمەس بوپ كېتىشتى گۈزەل كەلمىشلەر... مەن سېنى سۆيەتتىم، شامال بىلەتتى، بىلەتتىڭ... بىلەتتىم... كەلمەسكە كەتتى... == '''تاملار سۆزلەيدۇ''' == '''گۈلخان''' ئۇيقۇسى قاچقان جۇۋاندەك تاملار، ئوت سۇنۇشقانچە ئولتۇرار قىزغىن . ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ كۆزىگە  قاراپ، چۆچەك سورايدۇ مىڭبىر كېچىدىن. تالادا  يىنىك ئىسقىرتقان ئاۋاز. مېنى ئۆزىگە قارىتار ئاستا. بىرىنچى تامدا قاراڭغۇلۇقۇم، نەمخۇش چېچىنى چۇۋۇيدۇ قايتا. كېچە قولىدا بىر ئوچۇم قوقاس، بۇندا بىرئايال جىمجىتلا كۆيەر. ئىككىنچى تامنىڭ  قىزغۇچ ھەسرىتى، ئۇۋۇلۇپ  تۇرغان جېنىغا  تېگەر. ئۈچىنچى تامدا يېڭى بىر جۈملە، باشلانمىغان يا ئاخىرلاشمىغان. لەۋلەر سۆز يۇقى قالىدۇ توختاپ، بۇ بەتكە بىر سۆز ئارتۇق پاتمىغان. تۆتىنچى تامدا مەن ئۆزۈم يالغۇز، جېنىمغا بىر سۆز تۇرار قادىلىپ. يىرتىلغان كۆڭلۈم ئۇچقاندا لەپ-لەپ، تۆت تام سۈكۈتتىن چۈشەر ئاجرىلىپ. بەشىنچى تامنى چاقىردىم مەيۇس، تۈگىدى سىرغىپ ئاخىرقى ئىمكان. ئالتىنچى تامغا ئايلاندىم ئاستا، تاشتەك ئەتىگە يۈزلىنىپ تۇرغان. 2015.10.21.چىرا == '''ئىسسىق يامغۇر''' == '''تۇيغۇن''' شېئىرنىڭ جىنىسى ۋە يېشى بولىدۇ، ئەمما يامغۇرنىڭ بولمىسا كىرەك. تىروپىك بەلباغنىڭ ئاپەتلىك يامغۇرلىرى داد دىگۈزىدۇ، تەكلىماكاننىڭ يامغۇرىدا توپا ۋە شامال ئارلاشقان، شۇنداق بىر يامغۇر باركى، ھەركۈنى سۈبھىدە سىمىلداپ چۈشىدىغان… ھەر كەچتە ئارامغا ھەمرا بولىدىغان… ئۇ چۈشكەن جايدا يېشىل ياپراقلار بولىدۇ. ئۇ بىر سۈرەت، دانچىلىرى بەرگىلەردە توختاپ قالغان. ئۇنىڭغا يامغۇرلۇق چاپان ھاجەتسىز، ئۆيدىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. قۇياش ياكى ئاي بىلەن بىللە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ، يوللاردا ئېرىق بولۇپ ئاقمايدۇ، ئاشىق ــ  مەشۇقنىڭ جۈپ گەۋدىسدىن ھارارەتلىك سىرغىيدۇ. ئۇ شاماللار ۋە بۇلۇتلارنى، كۈچلۈك قۇياش ۋە چەكسىز باياۋاننى ھارارەتلىك سۆيگۈسى بىلەن باش ئەگكۈزگەن، ئۇ يازدا ۋە كۈزدە ئوخشاشلا ياغىدۇ. ھەتتا، بەزىدە قىشتا يىغىپ قېلىن قارنى ئېرىتىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ كۆك بىلەن زېمىنغا تارتقان سۇ پەردىسى،سىمىلداشلىرى، شەكلى ۋە رەڭگى ھېچكىمنىڭ رەشىكىنى قوزغىمايدۇ، ئۇنىڭ دۈشمىنى يوق. چۈنكى ئۇ ھېچكىمگە دۈشمەن ئەمەس. ئۇ ئەخلەتلەرنى ئىقىتىدۇ، مەينەتلىكنى ئىرىتىدۇ، لىكىن، شۇلارمۇ ئۇنىڭ خىسلىتىگە ئاپىرىن ئىيتىپ ئۆز ماكانلىرىغا قاراپ قىيغىتىدۇ تۈگىمەيدىغان ھەرىكەتلىك سۈرەتتەك سېھىرلىك يامغۇر ئىللىقمۇ ئەمەس،  سوغۇقمۇ ئەمەس، مېھىرلىك يامغۇر! يېزىلىۋاتقان سونىت ۋە چىلىنىۋاتقان ئىسكىرىپكا كۈيىدەك، مەڭگۈلۈك يامغۇر! جىنسى ۋە يېشىنى بىلىپ بولماس مەشۇقنىڭ تىنقىدەك ئىسسىق يامغۇر ئۇ… 2021.7.5 == '''غەمكىن ناۋا''' == '''تۇرغۇنجان سەنسىز''' بۇ كېچە چىقمايدۇ ئاي موڭداشقىلى  بىردەم ماڭا، چۈنكى ئۇ  ئايەم بىلەن كەتتى يىراق ئىشى تولا . كىم بولۇر غەمناك  شۇدەم   سىرداشقىلى دىلبەر جانان ؟ ئېنتىزار كۈتتۈم ئۇزاق مەۋھۇمدىكى  ئاينى مانا . كۆز نۇرۇم ئۆشتى تۈگەل ئارمانلىرىم يەتمەي ئاڭا، مۇز كەبي قاتتى قاراق تەنناز لېۋەن قىلماي جۇلا . مەن يەنە باقتىم ئۆلۈپ كۆرمەككە بىر ئەبرازىنى، تارتقىنىم جەبرى - جاپا، جۇل - جۇل تېنىم جەندە - كۇلا . ئېھ ھايات بەرگىن جاۋاپ نىچۈن يولۇم ئەگرى - توقاي ؟ پەپىلەپ كۈتسەممۇ مىڭ،  كۈلمەيدۇ دىل،  غەمكىن ناۋا . 2019 - 6 - 14 == '''قۇربانلىق قوي''' == '''نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن''' ساڭا قارىسام باغرىم يۇمشاپ كېتىدۇ يۈرىكىم جىغىلدايدۇ ئىللىق سېزىمدە پۇت-قولۇم خېمىردەك كېتىدۇ بوشاپ تىزلانغۇم كېلىدۇ ئەرشى زېمىندە ساڭا قارىسام ئىسمايىلنى كۆرىمەن قولى باغلانغان ساڭا قارىسام ئىبراھىمنى كۆرىمەن قاتتىق سىنالغان كۆرىمەن ئىتائەتنىڭ سەلتەنىتىنى بالىدىن، ئاتىدىن، جاندىن ھالقىغان ساڭا قارىسام نەپەسنى ئەسلەيمەن تەندىن ئايرىلغان پىچاقنى ئەسلەيمەن بىسى قايرىلغان زېمىننى ئەسلەيمەن باغرى تىلىنغان تاغلارنى ئەسلەيمەن يۇڭدەك تىتىلغان دۇنيانى ئەسلەيمەن تۈپتۈز قىلىنغان ئاسماننى ئەسلەيمەن يەرگە بېسىلغان ئىنساننى ئەسلەيمەن گۆشتەك ئېسىلغان مەن ساڭا قارىغاندا، سەن قوي ئەمەسسەن، سەن ماڭا قارىغاندا، مەن  ئادەم ئەمەس ئىخلاس بىزنى ئايلاندۇرار بىرلا نەرسىگە مەن ساڭا قارايمەن سەن ماڭا قارايسەن مەن قارايمەن كەلگۈسىدىكى قىيىن بىر كۈندە مېنى ئۆتكۈزۈپ قويارمىكىن دەپ مېنى قۇتقۇزۇپ قويارمىكىن دەپ سېنىڭ ماڭا نېمىشقا قارايدىغانلىقىڭنى بىلمەيمەن بەلكىم قۇربان بېرىشكە ئەرزىمدۇ بۇ ئەبلەخ دەپ ئويلاۋاتقانسەن بەلكىم ئىلتىجالىق باققانسەن ماڭا ۋەياكى خەير خوش دېگەنسەن ئۈنسىز مەنلا بىلمەيدىغان ئەمما پۈتۈن دۇنيا چۈشىنىدىغان بىر تىلدا كەل، جىمجىتقىنە ئېيتايلى سانا مۇشۇنداق بىر تاللاشقا تاللانغىنىمىزغا كەل، خوشلىشايلى ئۈنسىز ۋە ئۈنسىز تەييارلىنايلى، پات ئارىدىكى ئۇچرىشىشقا سەن ماڭا قارىساڭ مۇلايىمغىنە دېگۈم كېلەر ئۈنسىز پىچىرلاپ: ئانامنى كۆرسەڭ سالام دەپ قوي دادامنى كۆرسەڭ سالام دەپ قوي كۆرگەن- كۆرمىگەن بىلىدىغان – بىلمەيدىغان تونۇيدىغان - تونۇمايدىغان ئاق تەنلىك، قارا تەنلىك چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال باي-كەمبەغەل دېمەستىن بارلىق قېرىنداش، تۇغقانلىرىمنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئەسسالام دەپ قوي ئۇلۇغ ھېيت دەپ قۇربانلىققا ماڭغاندا بىز ھەممىمىز ئايلانغانتۇق يېقىن تۇغقانغا... جېنىم قۇربانلىق تەكبىر ئېيتاي ئەمدى كەت رەھمىتىمنى ئېلىپ كەت سالامىمنى ئېلىپ كەت ئاداۋەتنى ئېلىپ كەت تەۋبىلەرنى ئېلىپ كەت سىغمايدىغان ئىككى دۇنياغا يىغا، ھەسرەت، قايغۇ، ماتەمنى سۈكۈت سىڭگەن خارلىق ئالەمنى ئۈنسىز سالغان ئاچچىق نالەمنى ئالغىن، ئالغىن بىرگە ئېلىپ كەت! قالدۇرۇپ قوي بىرلا نەرسىنى: سېنى قۇربانلىققا ئايلاندۇرغان ئىبراھىمنى تىزلاندۇرغان ئاددىي، ئاددىي، ئاددىي بىر كۈننى شۇنچىۋالا ھۆرمەتلىك قىلغان مەندەك ئاجىز، ئەرزىمەس جاننى بۈگۈنگىچە ھايات قالدۇرغان ۋە شۇنداقلا ئۇلۇغ ئايەمگە تەنتەنە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغان ھېيت قىلغۇدەك ئىشى بولمىسىمۇ ھېيت قىلغۇدەك كۆڭلى بولمىسىمۇ ساڭا قارىسام شۈكۈر دېگۈم كېلىدۇ ئادەملىكىمگە لەنەت دېگۈم كېلىدۇ ئادەملىكىمگە ساڭا قارىسام پۇتلىرى باغلانغان ئەي قۇربانلىق مەن ئۆزۈمنى كۆرىمەن! 2016-يىل 11-سېنتەبىر، يەكەن، سايئۆستەڭ == '''ئۆلۈپ كەتمەيمەن''' == '''مەرھابا يۈسۈپ مەھبۇب''' ئەسكىگە ئۆلۈم يوق ياخشىغا كۈن دېمەك خاتىرجەم بولاي مەن تېخى ئۆلۈپ كەتمەيمەن كۈن كۆرەلمەيدىغان ياخشى بولغاندىن ئۆلۈم يوقلىمايدىغان ئەسكىلىك ئوبدان ماڭا! مېنى ھېچكىم ياخشى دېمەيدۇ، بىلىمەن ئەمما بىرەرمۇ ئادەم بېگىز قولىنى چىنەپ ئەسكى دەپ باقمىدى، بىلىمەن يىغلاۋېرىپ تەلمۈرىۋېرىپ پۈكۈلىۋېرىپ تىترەۋېرىپ خورلىنىۋېرىپ بىر ياپراق،  بىر ياپراقتىن ئىززىتىمنى تۆكىۋېرىپ ياخشى بولالمىغاندىكىن, دەلدەڭشىپ تۇرۇپ قارشىلىقىمنى چېكىگە يەتكۈزۈپ تاقەتلىرىمنىڭ چېكىنى يىرتىپ ئەسكى بولىۋېرىمەن ياشاۋېرىمەن ... ئىككى سوملۇق نان بولسا تويىمەن بىر چىنە سوغوق سۇ بولسا قانىمەن ئىشتىھايىم ياخشى ئۇيقۇم جايىدا ئاستىنقى قاپىقىم ئۈستۈنكى ئېڭىكىم ئىككى قۇلىقىم بىر جۈپ كۆزۈم نورمال ئىشلەيدۇ يۈرىكىم ئادەتتىكىچە رىتىمى بىلەن سوقىۋېرىدۇ تومۇرلىرىم رەسۋالارچە سەبرىسى بىلەن قان توشىۋېرىدۇ مەنمۇ بېزەڭلەرچە  زوق بىلەن كۈلۈمسىرەپ ياشاۋېرىمەن يوقىلىشىمنى تىلىگەنلەرنىڭ سالپايغان تۇرقىغا قامەت تىلەپ دېمەك خاتىرجەم بولاي مەن تېخى ئۆلۈپ كەتمەيمەن ... == '''ئازدى''' == '''مۇسا ئەخەت''' قاچان شىرىن زۇبانىڭدا مۇغەنى زەخمىكى ئازدى، سەھەر نازىڭ ئىلە تىترەپ چىمەنلەر كىرپىكى ئازدى… گويا نۇردەك قۇيۇن يەڭلىغ زىناقىڭ چۆرگىلەپ پىر-پىر، قېنىپ رەڭگىڭگە ئاپتاپتەك  چېچەكلەر پورىكى ئازدى. چېچىڭ سالماسىدىن ئاشىق چۈشىگە نەچچە دار باغلاپ، كۆيۈك قەسرىنى دەز ئەيلەپ كۆڭۈلنىڭ تۈۋرىكى ئازدى… پۇراپ جىگدە لېۋىڭدىن ھەرىلەر شىرنە يىغىپ مەست - مەست، خۇمارى قىز-جۇگانلارنى قىلىپ لال يۈرىكى ئازدى… بېھى رەڭگى يۈزۈم بويلاپ، دىلىمغا ئوت- زىيا پۈركەپ، كېچە كۆلدە ئاي ئەكسى كۆرۈپ دىل ئەينىكى ئازدى… 2022.5.27 == '''ئۆلۈمنىڭ راھىتى''' == '''نەزەرجان ياقۇپ''' تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى ئويلاپ قالدىم . بىر قېتىم ئۆلۈپ باقسام ، ئاپپاق يۆگەككە يۆگىلىپ ياتسام ، جەسىدىمنى كىشىلەر تالىشىپ تۇرۇپ كۆتۈرۈشسە ئەمما، ھىچكىم ياش تۆكمىسە، ھىچكىم تەزىيەنامە ئوقۇمىسا، ھىچكىم ماتەم مۇزىكىسى چالمىسا، دەل شۇ چاغدا ، ئادىل تۇنىياز كېلىپ قۇلىغىمغا ئاستا شىۋىرلىسا ، <<ئۆلۈم دىگەن راھەتتۇر -راھەت ، باشلىقى يوق ئىشخانىدەكلا >>..... تۇپراق بېشىمغا ھىچكىم بارمىسا، مەيلى ياخشى، مەيلى يامان  تىلەكلەر تىلەنمىسە، رەڭگارەڭ بېزەلگەن گۈلچەمبىرەكلەر، گۈل ئاسقۇلار ، قەبرەمنى بېزىمىسە. قالايمىقان چېچىلغان تىلەك قەغەزلىرىنىڭ ئارىسىدىن، بىر ۋاراق، پەقەتلا بىر ۋاراق ، سۆيگۈ قەلەندەرى  دىگەن شېئىرىم لەپىلدەپ ئۇچۇپ ئۆزى بىلەن ئوخشاش رەڭدىكى لەۋلىرىمنى سۆيسە. نەزىر بېرىش نەھاجەت يىغلاش نە ھاجەت. تەسەللىنىڭ ئورنىغا غېنى خال كېلىپ ، <<ئۇ بىر ساراڭ ئاشىق ئىدى >>دىگەن ناخشىنى ئېېيتىپ بەرسىلا  كۇپايە . دەل شۇ چاغدا، ئارمان  بولارمۇ  مەنسىزلىكىم، ھەسرەت  بولارمۇ  سەنسىزلىكىم . … … … … 2018-يىل، 15-مارت پەيزاۋات باش  مەيدان == '''زارى ھىجران''' == '''ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم''' خەپ، سېنىڭ مەغرۇرلىقىڭ، كىبرىڭنى گۇمران قىلمىسام، ھەر كۈنۈڭنى نالە - زار، فەريادۇ - ھىجران قىلمىسام. يات ئۈچۈن ياردىن تانار دەپ پەملىگەن بولسام ئۆلەي، بىۋاپالىق قەرزىگە مەيلىڭنى سەرسان قىلمىسام. سۆيگۈسىز قۇرغان مۇھەببەت سۆھبىتى بىردەمچىلىك، كۆز يېشىم يۇتقاندا كۆر، ئىشقىڭنى ۋەيران قىلمىسام. بىباھا بىلسەم بېشىمدا تۇرمىغان تاجىم ئىدىڭ، خەس ساماننىڭ نەرقىدە رەسۋايى ئەرزان قىلمىسام. ئۆتنىسى تۇتقاي جاھاننىڭ تاڭلا بەش كۈندىن كېيىن، بىداۋا كاككۇك كەبى باغرىڭنى قان - قان قىلمىسام... 2018-2-25 خوتەن، يۇرۇڭقاش == '''بالىلىق دەۋاسى'''​‎ == '''ماھىرە ھاجى ئەكبەر''' ئېگىز پاشنا ئايىقىمنى كىم كىيسە كىيسۇن، مەن تايچاقتەك سەكرىۋالاي، ۋاي تايچاقنىڭ ماسكىسى يوقكەن، مەڭزىگە سۆيۈپ ئەركىلىۋالاي، ئورمانلىقتا كېسەل يوق دەيدۇ، ئورماننى ئۆيگە ئەپكېلىۋالاي، ناتونۇش يولۋاسلار بىدىك ئەمەسكەن، ئارامخۇدا بۆلجۈرگەن يەپكېلىۋالاي، چوكا مۇزمۇ بايرام قىلارمۇ، تاپشۇرۇق دەپتىرىم مۇزلاپ قالارمۇ، باغچىدا مۇئەللىم ئۇچراپ قالارمۇ؟ ئاپتاپتا بويلىرىم ئۆسۈپ قالارمۇ؟ ئاپتاپنىڭ بەش بالىسى ئۇرۇشۇپ قالارمۇ؟ ئاپىسى تولا كوتۇلداپ ئۈنلىرى پۈتۈپ قالارمۇ؟ ۋاي نېمە كارىم؟ باشتا ئاپامنىڭ چېچىنى تۇتۇپ قېنىپ بىر ئۇخلىۋالاي، چۈشۈمدە قىزىل خورازنى قوغلاپ تۇتۇۋالاي، چۈشۈمدە ئايغا چىقسام نېمە بوپتۇ؟ دۇنيا خەرىتىسىنى يوتقانغا سىزسام نېمە بوپتۇ؟ “ر“نى “ر“دېمىسەم نېمە بوپتۇ؟ چوقۇم ئىسسىق تاماق يىمىسەم نېمە بوپتۇ؟ پايپىقىمنى يەكپاي كىيسەم نېمە بوپتۇ؟ قوينى ئات قىپ مىنسەم نېمە بوپتۇ؟ ئالا كالىنى موزايدەك ئىمسەم نېمە بوپتۇ؟ “ھاااي“دەۋەرماڭلارچۇ ئادەملەر، ئاسمان سىلەرنىڭ بولمىغاندىن كېيىن، قارلىغاچتەك ئۇچۇپ كەتسەم نېمە بوپتۇ؟ ھاۋا ئىسىغاندا كەلسەم نېمە بوپتۇ؟ تۈنۈگۈنكى يىگەن تاياقنى پاك پاكىز ئۇنتۇپ كەتسەم نېمە بوپتۇ؟! قەندالاتنى شوراپ ئاغزىمنى تاتلىق ئەتسەم نېمە بوپتۇ؟… == '''تەلۋە ھىجران (قارغىشنامە)''' == '''ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم''' سەۋرىنىڭ پەيكانىدىن بىر ئ‍وق تىلەپ ئاتسام سېنى، ئ‍ۆلمىسەڭ چاپقۇر ئ‍ېتىمنىڭ كەينىگە چاتسام سېنى. دەردلىرىم چىقمايدۇ ئەمما مەن كەبى قىينالمىساڭ، داشقازان لىق تولغىچە ياغ قاينىتىپ باسسام سېنى. يىغلىتىپ ئ‍ۆتكەنلىرىڭنى ئويلىسام قەھرىم تاشار، "سەنمۇ كۆي" دەپ مىڭ تونۇرنىڭ باغرىغا ياقسام سېنى. كۆيدۈرۈپ بىر سۆيمىگەن شېرىن زەبانىڭغا لەنەت، پارە - پارە ئ‍ەيلەبان كۆك قەرىگە چاچسام سېنى. مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ بىر تېرىلسەڭ يەنە مەن ئ‍اشىق ساڭا، قەبرىسىز قالساڭ، جېنىمنىڭ جانىدىن تاپسام سېنى...           2017-2-23      قەشقەر == '''شېرىن بىر ئالدانغۇم بار ئىدى ساڭا''' == '''ئايتېكىن''' بىلمەيسەن بەلكىم ھۈجەيرىللىرىمگە تۇلۇق سىڭىپ كەتكەنلىكىڭنى بىلمەيسەن سەھەردىكى تۇنجى سۆزۈمنىڭ ساڭا «خەيىرلىك سەھەر» بىلەن باشلىنىپ كەچتىكى خەيىرلىك كەچ بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن يەنە قايسى بىر كېچىلەردە چۈشۈمگە كىرىپ قالساڭ ئىسمىڭنى چاقرىپ شېرىن ئويغۇنۇپ كەتكىنىمنى ئىچ ئىچىمدە ئوت ئاتەش، قىل كەبى تولغۇنۇپ كەتكىنىمنى... شېرىن بىر ئالدانغۇم بار ئىدى ساڭا مېنىڭ ھاياتنم شۇ ئالدىنىش بىلەن رەڭلەنسە، ئالدىساڭ، ئالدىساڭ تاكى نەپىسىم توختىغۇچە. 2018 11 27 == '''سۆيگۈنۈمگە يېزىلغان قۇرلار''' == '''نەزەرجان ياقۇپ جانباز''' ئەسلىمەڭنىڭ بۈرجەكلىرىدە ئۆزىنى  ۋاراقلاپ ئولتۇرغان بىرسى دەل مەن. ئۇنىڭ  ھەر  بىر  ۋاراقلىرىدا ھەر بىر قۇرلىرىدا سېغىنىش ئەسلەش ئىمىر-جىمىر جىمىرلايدۇ كۆزلىرىڭنى تالدۇرۇپ. ساداقەتتىن پۈتكەن مىسرالاردا ئاقىسەن چۆكىسەن بەزى لەيلەيسەن ھەسرەتلىرىڭ ياسايدۇ ئۆركەش تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدۇ يىرتىلغان بەتلەر. ياشلىرىڭنى قىلىسەن سىياھ، تۇيغۇلىرىڭ بولىدۇ سەرسان تاپالمايسەن ئىسمىمنى ئىزدەپ سەن سۆيگۈمنى قىلغاندا پايخان، مەن بولىمەن مەڭگۈلۈك ئارمان… 2018-يىل 6-ئۆكتەبىر پەيزاۋات باش مەيدان == '''نېمىدىگەن ئاچچىق ھە''' == '''ئايچىن'''   ھېدلىرىڭنى پۇرىمايلا يىرىك ئېڭەكلىرىڭنى سىلىمايلا ،   كۆزەينىكىڭنى ئېلىۋېتىپ كىتابىڭنى يېپىۋېتىپ سېنى بىر ھازا تېرىكتۈرمەيلا ، بۇرنۇمنى چىمدىشلىرىڭنى چېچىمنى چۇۋۇشلىرىڭنى   ئالقىنىمدىكى سىزىقلارنى سىلاپ مۇغەمبەرلىك بىلەن ماڭا پال ئېچىشلىرىڭنى قىسمىتىمىزگە ئىستىكىڭنى يۆلەپ تون پىچىشلىرىڭنى كۈلمەي تۇرۇپ ئەستايىدىل قىياپەتكە كىرىۋېلىشلىرىڭنى  ، قىيداشلىرىمنى  ، ئۇششۇقلۇقۇمنى پوتلامنى ئېقىتىپ يىغلاشلىرىمنى ساڭىلا ئۆتىدىغان يولسىزلىقلىرىمنى تىترەپ تۇرغان يۈرىكىڭگە بېسىشلىرىڭنى ، دۇنيانى بىز ئۈچۈن گۈزەل قىلىۋەتكەن ھاياتنى بىز ئۈچۈن تاتلىق قىلىۋەتكەن مۇشۇنداق چىرايلىقلارنىڭ بىرىدىنمۇ ھوزورلانمايلا ، يىراقلاردىن ئېۋەتكەن بىر ئېغىز <<  خەيىرلىك كەچ >> لىرىڭ بىلەنلا ئۇيقۇنىڭ دەرۋازىسىغا يۆلىنىپ ئۈمچىيىپ ئولتۇرمىقىم نېمىدىگەن مەنىسىز ھە !؟ كۆز جىيەكلىرىمنى ئېچىشتۇرىۋېتىدۇ سۈكۈتلۈك چىراي ئىپادىسىدىن كېيىنكى << ئۇخلا  ، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ كېرەك بولمىساڭ مەيلى لېكىن سەن ماڭا لازىم  >>  دېيىشلىرىڭ ، مېنى يىغلىمىسۇن دەپ ھەممىنى ئىچىڭگە تىنىشلىرىڭ … نېمىدىگەن مەنىسىز ھە مەن سەنسىزلىكتە سەن مەنسىزلىكتە ياشىمىغاندەك ياشاشلىرىمىز نېمىدىگەن ئاچچىق ھە ساڭا خوش دېمەيلا ياستۇققا يۈزۈمنى يېقىپ بۇقۇلداپ يىغلىمىقىم نېمىدىگەن تەس ھە ھېجرانغا جېنىمىزنى سەپ بېرىپ يەنە بىز بولماق ئۈچۈن لەۋ چىشلىمىكىمىز  ! 2018- يىلى 18-ئۆكتەبىر  ، تۈن  ، كورلا == '''مەنچە بولسا ھايات دىگەن ئەنە شۇ''' == '''مۇھەممەتجان راشىدىن''' چۈشەندۈر دەپ تۇرىۋالدىڭ ھاياتنى، نىمە دەيمەن يەنە دىسەم يەنە شۇ. كەلمىدۇقمۇ ئەتە ئۈچۈن ئات چېپىپ، مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ. بېسىلمايدۇ ھاياتلىقنىڭ ۋاڭ–چوڭى، تاپالمايسەن نەدە ئۇنىڭ تەڭپۇڭى، بىرى خۇشال بىرىنىڭ بار ھال-مۇڭى، مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ. گاھ ئېتىزدا ئارپا بۇغداي تېرىيسەن، گاھ خاماندا غۇلاچىڭنى كېرىيسەن، تىرىكچىلىك ھارۋىسىدا قېرىيسەن، مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ. ئاھ ئۇرارسەن ئارزۇيۇڭغا يېتەلمەي، يا ئارزۇنىڭ ئىشىكىدىن كېتەلمەي، گاڭگىرايسەن بىرنى ئىككى ئېتەلمەي، مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ. دۇرۇس تەبىر: ئۆمۈر-ئاتقان ئوق دېگەن، بۇ ئالەمگە قانغان كىشى يوق دېگەن، بىرلىرى ئاچ بىراۋلىرى توق دېگەن، مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ! == '''قىزغىنىش''' == '''ئابابەكرى توختى''' سېنى  گۈلدىن  قىزغىنىمەن، ماڭا ئەڭ تونۇش ھېدىڭنى  ئېلىپ قاچسا. سېنى شامالدىن قىزغىنىمەن، سۇمبۇل چاچلىرىڭنى ئالقىنىدا  ئويناتسا. سېنى  يۇلتۇزدىن قىزغىنىمەن، قارچۇقلىرىڭغا يوشۇرۇنىۋېلىپ نۇر چاچسا، سېنى ئايدىن قىزغىنىمەن، خال ئەڭ يارىشىدىغان يۈزۈڭنى ئۆزىگە ئوخشاتسا. سېنى كۈندىن قىزغىنىمەن، تەبەسسۇمىڭ  سايىسىدە  نۇر چاچسا. دۇنيادىن قىزغىنىمەن سېنى ئەزىزىم، بىرىمىز كەم بولۇپ قېلىپ،  يەنە بىرىمىزنى مەڭگۈ يىغلاتسا! 2018-9-17 == '''مېنىڭ ئىسمىم ھىجران''' == '''ئابابەكرى توختى''' ئىككى يۈرەك  ئارىسىغا كۆرۈنمەس سېپىل تاملارنى سوقتۇم، ئىككى كۆزدە دەۋرەۋاتقان توپان بالاسىنى قولياغلىق بىلەن توستۇم، تىل تاۋۇشلىرىنىڭ قاناتلىرىغا سۈكۈت تامغىسىنى  باستىم، غەمكىن، تالجىققان، ئۆچەي  دەپ قالغان نىگاھلارنى ۋاقىتنىڭ  سۇمبۇل چاچلىرىغا ئاستىم. بىلەمسەن ئى جان، مىنىڭ  ئىسمىم ھىجران، مۇساپەم  ئۇزۇن، قىرتاق، يىرگىنىشلىك، مۇزدەك  ۋە  پىنھان! 2018-8-18    جىيايۈگۈەن بىلەن جاڭيې ئارىلىقىدا == '''داستان ئېتەي''' == '''شۈكرانى''' بىر جېنىمنى سەن ئۈچۈن ئۆلمەيدىغان ئون جان ئېتەي، جان ئىلە ئىشقىم چېچىپ  كەپتەرلىرىڭگە دان ئېتەي. مەن دىلىڭ مۇنبەتلىرىدىن پاك سېغىز تۇپراق ئېلىپ، جام ياساپ مەي ئىچكىلى بۇ جىسمىمە خۇمدان ئېتەي. ئۇز نىگاھىڭ تەپتىگە تۇتتۇم يۈرەكنى بىمالال، ھەر نىگاھىڭنىڭ ئوقىنى زەپ گۈزەل ھىجران ئېتەي. كۆيگىنىم كۆيگەن ئىچىمدىن چاچرىتىپ ئاتەش، زىيا، چىن ئەقىدەمنى ئەبەد ئۆچمەيدىغان ۋولقان ئېتەي. مەن كېزىپ كەلدىم كۆزىڭنىڭ سۈپسۈزۈك تۈن قەرىنى، قەرىدە تۈننىڭ ساداقەتنى نۇران چولپان ئېتەي. بەس!  شاياتۇن نازىنى يالمايدۇ نەپرەتنىڭ ئوتى، پاكلىقىمنى ئالىمىڭ سەتھىدە كەڭ ئاسمان ئېتەي. ئەيلىسۇن تەرىپ-تەسەننا چۆل قۇشى، ياپراق، گىياھ، كۇللى مەۋجۇدات تىلىدا بىقىياس   داستان ئېتەي.      2018-يىلى     21-ئاۋغۇست    ئاتۇش == '''مېنى  سەن  دەپ  ئويلىدىم''' == '''ئابابەكرى  توختى''' مېنى  سەن  دەپ  ئويلىدىم، دەرىزىنى ئاچتىڭ  ـ دە قۇچىقىڭغا ھالسىز يىقىلغان بىر تال غازاڭنى كۆرۈپ جىممىدە تۇرۇپ قالدىڭ، يۈرىكىڭ ئەنسىز سوقۇپ كەتتى… ئۇنى ئاۋايلاپقىنا قولۇڭغا ئېلىپ ئۇزاق ـ ئۇزاق قارىدىڭ، يوق ئىدى ئىسمىم، ئۇزاق ـ  ئۇزاق سىيلىدىڭ، يوق ئىدى جىسمىم! قېنىپ ـ قېنىپ ھىدلىدىڭ، جۇدالىقنى يۇشۇرالمايۋاتقان كۆزلىرىڭدە ئەگىپ قالدى ياش ! تەكرار ـ تەكرار باغرىڭغا باستىڭ، ئۈنسىز ئىسەدەشلىرىڭ تەنھالىقىڭنى، چەكسىز سېغىنىشىڭنى ۋە ھەسرىتىڭنى قىلىپ قويدى پاش! مىنى سەن ئويلىدىم، كۈزنىڭ ئالقىنىدا سارغىيىۋاتقان بىر تال غازاڭغا باقتىم. يۈرىكىم سۇ بولۇپ كەتتى، يۈرىكىڭگە ئاقتىم… 2018-10-7  خېنەن ـــــ خېبى شەھىرى == '''قەشقەرنىڭ بىر كۆزى''' == '''ئەنۋەر ھامىت''' نەزىرى ئۈستۈن كوچىلار دىمىقىنى قاقىدۇ، قۇشلارنىڭ قانات قېقىشلىرى شۇنىڭدىن. ئېگىز يار بېشى مىيىقىدا كۈلىدۇ، قۇياشنىڭ تەمتىرەپ پېتىشلىرى شۇنىڭدىن. كېچىلەر قارا كۆزلەردە ئۆلىدۇ، يىللارنىڭ كېلىپ كېتىشلىرى شۇنىڭدىن. سۈزۈكلۈكى دۇغ ئىچىدە، جانانلىقى چوغ ئىچىدە، ئاتەشلىكى دوغ ئىچىدە، قىزغىنلىقى سوغ ئىچىدە يېتىشلىرىمۇ شۇنىڭدىن... جاندۇر، ئوڭدا ياتقان يېزىلارنىڭ سۇۋادانلىرى، تەندۇر، يانپاشلىغان كوچىلارنىڭ بۇلاقلىرى، روھتۇر، ئېرىق – ئۆستەڭ، دەريالىرىدا ئاققانلىرى، ئۆمۈردۇر، سۈبھى بىلەن گۇگۇم ئارىسىغا پاتقانلىرى، سىردۇر، نەپەس ـ نەپەس ئىچىگە تارتقانلىرى، جاۋابتۇر، سۇئال كەبى سايدا تاش بولۇپ ياتقانلىرى، ئۆزىنىڭ ھېچيەردە، سۆزىنىڭ ھەر يەردە، بىر كۆزىنىڭ ھەمىشە سەندە، يەنە بىر كۆزىنىڭ دائىم مەندە، يۈزىنىڭ خىلۋەتلەردە گۈلىنىڭ يۈرەكلەردە بولۇشىمۇ شۇنىڭدىن... جاناندۇر، سېنى باغلىرى بىلەن باغرىغا باغلىغان، مۇھەببەتتۇر، تاغلىرى بىلەن يۈرىكىڭنى داغلىغان، پەيتتۇر، چاغلىرى بىلەن ئوڭ – سولۇڭنى چاغلىغان، سېغىنىشتۇر، ئۆرۈك ئوتۇنىنىڭ چوغىدەك چاراسلىغان، ۋىسالدۇر، يېرىق لەۋلىرىڭنى كۆز ـ يېشىدا ياغلىغان، تۇماردۇر، ساڭا سىڭار كۆزىدە قارىغاننى قارغىغان، ئانارىنىڭ يۈرەكلەردەك يېرىلىشى، ئەنجۈرىنىڭ بال يۈزىنى تەستەكلىشى، چۆللىرىنىڭ مۇھەببەتتەك چېچەكلىشى، كۆللىرىنىڭ ھاياجاندەك تىپچەكلىشى، ئادىراسمانلىرىنىڭ تىنماي سۈپكۆچلىشىمۇ شۇنىڭدىن... 2020/10/29 9t5m6dieot81zh145m7bwo0s2bt8k9c تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن 0 24666 176448 176361 2026-09-08T19:29:05Z UyghurArchive 25219 176448 wikitext text/x-wiki [[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:تەرجىمە شېئىر]] [[تۈر: ياسىن ھاۋازى]] '''تەرجىمە قىلغۇچى:''' '''ياسىن ھاۋازى''' =='''تاغدا'''== '''ۋاڭ بۇ''' باستى دەرت، چاڭجياڭ ئارا بولغاچ قامال، كەتكىلى يۇرتۇمغا ئىزدەيمەن ئامال. تاغمۇ-تاغدا ئۇچۇرۇپ غازاڭلىنى، ئىلكىگە ئالدى جاھاننى سوغ شامال. =='''لەشكەرلىكتە'''== '''ياڭ جيۇڭ''' كەلدى غەربىي ئاستانىنى يورۇتۇپ گۈلخان، بۇنى كۆرۈپ جان – جېنىمغا ئۇلاشتى پىغان. چەۋەندازلار چىك قاپىدى ئەجدەر بالىقنى، خان سارايدىن چىقىشىغا لەشكىرىي پەرمان. جەڭ دۇمبىغى بوران ئارا ئاڭلىنار پات-پات، خىرە ئەتتى جەڭ تۇغىنى قار ۋە شىۋىرغان. ئەلا ماڭا تالىپ بولۇپ ئۆمۈر سۈرگەندىن ئاتلىنىپ جەڭ مەيدانىغا ئون بېشى بولغان! =='''يۇجۇ راۋىقىغا چىققاندا'''== '''چېن زىئاڭ''' باقىمەن ئارقامغا، ئەجداتلار قېنى؟ باقىمەن ئالدىمغا، ئەۋلاتلار قېنى؟ ئۇچ-چېكى يوقكەن جاھاننىڭ، ئويلىسام، تۇتتى ھەسرەت يىغىغا قىستاپ مېنى! =='''يۇرتۇمغا قايتقاندا'''== '''خې جژجاڭ''' يۇرتۇمغا ياندىم ياشىنىپ، چىققاندا مەن ئىدىم گۆدەك، ئاقاردى چېكە چاچلىرىم، گەپ-سۆزلىرىم ئاۋالقىدەك. «مېھمان قاياقتىن ئۆزلىرى؟» دەيدۇ سوراپ شوخ بالىلار، ئۇلار ساناشقان چېغى بار ئەسلىمنى يات-يېگانىدەك. =='''دوستۇمنى يوقلاپ سەھراغا بارغاندا'''== '''مېڭ خاۋرەن''' چىللىدى سەھراغا دوستۇم ئۆيىگە، راسلاپ توخۇ گۆشى، سوكتىن تائام. مەلىسىنىڭ چەتلىرى بوستان ئىكەن، سىرتىنى ئوراپتۇ كۆپ-كۆك تاغ تامام. مەي بىلەن چۈشتۇق پاراڭغا زوقلىنىپ، خامىنى مول، باغ ئىكەن ھويلا-ئارام. ئالدىمىزدا بولسا چۇڭياڭ بايرىمى، كېلىمەن گۈل سەيلىسىگە مەن داۋام. =='''باھار ئەتىگەنلىكى'''== '''مېڭ خاۋرەن''' ئۇيقۇلۇق، سەزمەپتىمەن ئېتىپتۇ تاڭ. كەلتۈرۈپتۇ قۇشلىمۇ ئەتراپنى چاڭ. تۈن بويى ياققان ئىدى يامغۇر-يېشىن، قانچىلىك ياپراق-چېچەك چۈشكەنكى تاڭ! =='''لياڭجۇ نەزمىسى'''== '''ۋاڭ جژخۇەن''' كىرگەن بۇلۇتلار قەرىگە خۇاڭخې يىراقتىن تولغۇنۇپ، تەنھا شەھەرنى قورشىغان ئاسمان پەلەك تاغ جەم بولۇپ. شۇ «تالى مەجنۇن» كۈيىنى ياڭراتمىغىن چياڭ نېيىدىن، كەلمەيدۇ كۆكلەم شامىلى تاش قاپقىغا ئىللىق ئۇرۇپ. =='''لەگلەك راۋىقىغا چىققاندا'''== '''ۋاڭ جژخۇەن''' بولدى غايىپ، مۆكتى كۈن تاغ كەينىگە، ئاقتى خۇاڭخېمۇ دېڭىزنىڭ قەرىگە. يەنىمۇ يىراققا تەلپۈنسەڭ ئەگەر، ئۆرلىگىن ئاندىنمۇ يۈكسەك پەللىگە. =='''لەشكەرلىكتە'''== (ئىككى شېئىر) '''ۋاڭ چاڭلىڭ''' '''1''' كۆكنۇر بويىدا تاغنى تۇمان قاپلىغان قات-قات، باقىمىز يىراقلاردىن تاش قاپقا تامان پات-پات. جەڭ قىلىپ باياۋاندا جۇلجۇل بولدى ساۋۇتلار، يانماق يوق ئاخىر جەڭدىن قىروران بولمىسا بەربات. '''2''' بوران-قۇم دەستىدىن چۆلدە قۇياش نۇرى خىرەلەشتى، لاگىردىن چىقتى لەشكەرلەر، شامال تۇغلارنى يۆگەشتى. ئاۋانگارتلار زەپەر قىپتۇ كېچە تاۋخې شىمالىدا، خەۋەر كەلدى تۇيۇخۇن باشلىقى قولغا تىرىك چۈشتى. =='''چېگرا ناخشىسى'''== '''ۋاڭ چاڭلىڭ''' تاكى خەن، چىن دەۋرىدىن قورۇلغا نۇر سەپتى قەمەر، يانمىدى چېگرا تامان كەتكەنلىمۇ بېرىپ خەۋەر. ھەددى يوق خۇر ئېتىنىڭ ئۆتمەككە يىنشەندىن قەدەم، بولسىلا لى گۇاڭ كەبى سەرگەردىمىز بىزدە ئەگەر. =='''كىيىك ماكانى'''== '''ۋاڭ ۋېي''' تاغدا پىنھاندا چېلىقماس ھېچ كىشى، ئاڭلىنار قاياقتىدۇ گۇدۇڭلىشى. چاقنىتار مۇخلاردا نۇرنىڭ ئەكسىنى، شاخ ئارا كەچكى شەپەقنىڭ شۇڭغىشى. =='''شىكار سەيلىسى'''== '''ۋاڭ ۋېي''' كاماندىن ئوق ئۇچىدۇ شامال بىلەن شىددەتتە، شىكار قىلار ۋېيچېڭدا شىكار خۇمار سەركەردە. تاقىر سايدا ئۆتكۈردۇر ئالمان قۇشنىڭ كۆزلىرى، ئويناقلايدۇ ئاتلىرى قار ئېرىگەن يەرلەردە. رەستىسىدىن شىنفېڭنىڭ خوشال يايراپ ئۆتۈپ ئۇ، قىرچىن تاللىق قەلئەدە پەيدا بولدى بىر دەمدە. باقسام سەييات ئوق ئۈزۈپ شۇڭقار ئاتقان جايغا مەن، كەچكى تۇمان ئېسىپتۇ سۇس، گرىمىسەن دەرپەردە. =='''چېگرىغا ھال سوراپ بارغاندا'''== '''ۋاڭ ۋېي''' ھارۋىدا جۇييەننى يول-ئۆتەڭ قىلىپ، ئەلچى بوپ چېگراغا ماڭدىم ھال سوراپ. بارىمەن تۇرنا، بېسىلغاقتەك ئۇچۇپ، خەن يېرىدىن خۇر دىيارىغا ئۇزاپ. كى ئۇزۇن دەرياغا دۆگلەك كۈن پاتار، چۆل ئارا گۈلخان يانار، ئىس پۇرقىراپ. ئۇچرىشىپ شياۋگۇەندە چارلامچى بىلەن، ئاڭلىسام يەنرەندىكەن دوتەي جاناپ. =='''خوشلىشىپ چىقتىم سەھەر بەيدى بىلەن'''== '''لى بەي''' خوشلىشىپ چىقتىم سەھەر بەيدى بىلەن شەپەق ئارا، يېتىمەن مىڭ لى يىراق جياڭلىڭغا مەن بىر كۈندىلا. قاشتا مايمۇنلار ساداسى ئاڭلىنىپ قالدى، بىراق، قاتمۇ-قات تاغلاردىن ئۆتتى قولۋىغىم بىر دەمدىلا. =='''جىنمېندا خوشلىشىش'''== '''لى بەي''' بېسىپ جىنمېن تېغىنى مەن بۇ يان كەلدىم، قەدىم چۇگودا بولماققا زىيارەتكە. ئۇلاشتى تۈزگە تاغ ئاخىر بولۇپ غايىپ، ئەزىم دەريا ئۆزىنى تۈزدى سۈرئەتتە. قەسىر سالدى شەپەقلەر سۇدا بىردىنلا، تولۇن ئاي جىلۋىلىك ئوينىدى ئەينەكتە. ئانا يۇرتۇڭ سۈيىنى ئەتىۋا بىلگىل، سېنى يەتكۈزگۈسى مەنزىلگە ئەلۋەتتە. =='''لۇشەن شاقىراتمىسىنى تاماشا قىلىش'''== '''لى بەي''' بىنەپشە رەڭ تۇمان ئۆرلەر شۇ ئىسرىقدانغا كۈن چۈشسە، ئېسىلغان شاقىراتما تىك يىراقتىن ئۇڭا كۆز تىكسە. تۇرار سەكرەپلا ئۈچ مىڭ چى ئىگىزدىن باغرى دەرياغا، گويا ئاسمان يولى ئەرشتىن غۇلاۋاتقان كەبى پەسكە. =='''سېرىق تۇرنا راۋىقىدا مېڭ خاۋرەننى گۇاڭلىڭغا ئۇزىتىش'''== '''لى بەي''' قەدىناس دوست تېپىپ سائەت ئۈچىنچى ئاي باھارىدىن، راۋان بولدى شۇ گۇاڭلىڭغا سېرىق تۇرنا راۋاقىدىن. ئۇپۇق بويلاپ ئاقار چاڭجياڭ لومۇلداپ شەرق تامانىغا، قاراسى يۈتتى يەلكەننىڭ ئۇپۇقنىڭمۇ يىراقىدىن. =='''چاڭگەن نەزمىسى'''== '''لى بەي''' سېكىلىگىم ماڭلىيىمغا چۈشكەندە، گۈللەر ئۈزۈپ ئوينار ئىدىم گۈلشەندە. كېلەتتىڭىز تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ، قوغلىشاتتۇق قاشالارنى ئايلىنىپ. چاڭگەندە بىز بىر مەلىدە چوڭ بولدۇق، كۆڭلىمىز ئاق خۇددى قوشماق، ئوڭ بولدۇق. ئون تۆت ياشتا بولدۇم سىزگە مەن ياتلىق، يۈزۈم تۆۋەن بىر قىز ئىدىم ئۇياتلىق. بېشىم سېلىپ باقار ئىدىم تامغىلا، قايرىلمايتتىم، مىڭ چاقىرسا زادىلا. ئون بەش ياشتا ئاستا ئېچىلدىم، سىزگە چىندىن ئاخىرەتلىك قېتىلدىم. سىزدە تۇرسا كۆۋرۈكتىكى ساداقەت، دۆڭگە چىقماق ماڭا بولغاي نە ھاجەت؟! ئون ئالتىدە، ئوقەت بىلەن كەتتىڭىز، يەنيۇدۇي ھەم چۇيتاڭلاردىن ئۆتتىڭىز. ماي ئايلىرى ئۇ ئۆتكەللەر خەتەرلىك، مايمۇنلارمۇ چىقىرىشار ھەسرەتلىك. ئاياق ئىزى چۈشكەن ھويلام ئالدىدا، قاتار مۇخلار ئۆستى ئەمدى بارىدا. سۈپۈرگەنگە مۇخ يىلتىزى چىقمىدى، شامال سوقۇپ شاختا ياپراق تۇرمىدى. ئاۋغۇست چېغى ئېچىلغاندا گۈل-چېچەك، جۈپ-جۈپ ئۇچار باغلار ئارا كېپىنەك. كېپىنەكلەر يارا قىلدى كۆڭلۈمنى، غەم-دەردلىرىم خازان قىلدى ھۆسنۈمنى. ئۆيگە يانماق ئىزدىسىڭىز سىز ئەگەر، ماڭا دەرھال يوللىۋېتىڭ خوش خەۋەر. نە بولسىمۇ ئالدىڭىزغا بارىمەن، چاڭفېڭشاغا بارغىلىمۇ رازىمەن. ltfx5xyvysvu9hezfgo1xa3l5lbgwen رۇبائىيلاردىن تاللانما 0 24691 176452 2026-09-08T20:36:57Z UyghurArchive 25219 قۇرۇلغان بەت '== ئابدۇرەھىم قاسىم == 1 ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ئىزدىشىپ ساۋاب، قىلىدۇ بەزىلەر مەككىنى تاۋاپ. "ساۋاب" دەپ ۋەتەندىن كېچىش مەن ئۈچۈن دوزاختا كۆيگەندىن بەتتەر چوڭ ئازاب . 2 تويغىچە يەپ تۇرۇپ شېرىن ئۈزۈمنى، ۋەيران قىلامدىمەن ئۇنىڭ تېكىنى. ئۆز يۇرتۇم بار تۇرۇپ...' 176452 wikitext text/x-wiki == ئابدۇرەھىم قاسىم == 1 ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ئىزدىشىپ ساۋاب، قىلىدۇ بەزىلەر مەككىنى تاۋاپ. "ساۋاب" دەپ ۋەتەندىن كېچىش مەن ئۈچۈن دوزاختا كۆيگەندىن بەتتەر چوڭ ئازاب . 2 تويغىچە يەپ تۇرۇپ شېرىن ئۈزۈمنى، ۋەيران قىلامدىمەن ئۇنىڭ تېكىنى. ئۆز يۇرتۇم بار تۇرۇپ، ياتقا كۆز تىكسەم، سانجىلسۇن كۆزۈمگە نەپرەت تىكىنى. 3 قورقمايمەن باسسىمۇ توپان بىلەن سەل، ۋە ياكى جان سوراپ تۇرسىمۇ ئەجەل. جاھاندا قورقىمەن بىرلا نەرسىدىن: رەنجىسە مېنىڭدىن مېنى تۇغقان ئەل. 4 يورۇقلۇق كۆرسەتتى ئانام كۆز بېرىپ، تىلىمنى سۆزلەتتى تاتلىق سۆز بېرىپ. گۇناھكار بولمامدىم قەرزنى ئاقلىماي، ئالدىدا باش تاتىلاپ تۇرسام بېزىرىپ. 5 ئانىنىڭ بىر تېمىم سۈتى ھەققىگە، يەتتە رەت ئاپارماق ھاجەت مەككىگە. بىر تېمىم سۈت ھەققى شۇنچە ئۇلۇغكەن، نېمە دەيسەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئەجرىگە. 6 بولمىسا ئانىنىڭ جاپالىق ئەجرى، كۈلەمدۇ بالىنىڭ بەختى - تەلىيى. بولسىمۇ مەرتىۋەڭ ئەرشى ئەلادا، كەتمىسۇن قۇلاقتىن ئاناڭ ئەللىيى. 7 مەن ئۆلسەم يۇرتۇمنى كۆرۈپ ياتىمەن، مۇقەددەس تۇپرىقىن سۆيۈپ ياتىمەن. ئانام ئۆز باغرىدا قۇچاقلاپ تۇرغاچ، بەئەينى ھاياتتەك كۈلۈپ ياتىمەن. 8 ھېچقاچان چىرايدىن ئۆلچەنمەس كىشى، ۋە ياكى تارازا ئەمەستۇر يېشى. ئاۋارە بولماڭلار ئۆلچەمنى ئىزدەپ، نەق باھا ئىنسانغا ئەمەلىي ئىشى. 9 بەزىلەر ياشايدۇ ئاجايىپ بېخىل، ئۆمرىدە ئۆزگىگە ئۆتكۈزمەيدۇ قىل. قەرزدار بولۇپ قالساڭ، ئۈندۈرەر سەندىن، پاشىنى توخۇ دەپ، ئۆمۈچۈكنى پىل. 10 بىلىمسىز ئادەمنىڭ ئەقلىمۇ قىسقا، تاڭ قالما ئالتۇننى تېگىشسە مىسقا. ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى ئوخشاتقىنىڭ ھەق، شامالدا تارىلىپ تۈگىگەن ئىسقا. 11 بەزىلەر ۋاپانى ئۇنتۇيدۇ چاققان، ئەسلى ئۇ بىر چايان، چاققىنى چاققان. ئىنسانلار رېتىدىن ئۆچىدۇ نامى، ئاش ئىچىپ، كۆز يۇمۇپ تاۋاقنى چاققان. 12 يا بىنا قىلغان بىر گۈللۈك بېغىڭ يوق، باغ تۈگۈل كۆكلەتكەن بىر تال شېخىڭ يوق. ئۆزگىلەر گۈل تىكسە قىرقىيسەن دائىم، قايچا بوپ ئۆتمىگەن بىرمۇ چېغىڭ يوق. 13 ئېشەككە ئوڭلاپ مېنەلمەي تۇرۇپ، دۇلدۇلغا ئېسىلما ئۆزەڭنى ئۇرۇپ. ھەر ئىشنىڭ يولى بار ئۆگىنىش ئاتلىق، بۇ يولسىز زورۇقساڭ تۈگەيسەن قۇرۇپ. 14 ئۇن قىلار ئۆمرۈمنى يىللار تۈگمىنى، خالىساڭ مەيلى چاچ، مەيلى تۈگ مېنى. ۋە لېكىن بارىمنى سۆزلىگىن ئەينەن، تۆگە دەپ كۆرسەتمە بىر تال تۈگمىنى. hfjkk8sf6fi1f9buc67yzh91oyu4er0 176453 176452 2026-09-08T20:37:54Z UyghurArchive 25219 176453 wikitext text/x-wiki == ئابدۇرېھىم قاسىم == 1 ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ئىزدىشىپ ساۋاب، قىلىدۇ بەزىلەر مەككىنى تاۋاپ. "ساۋاب" دەپ ۋەتەندىن كېچىش مەن ئۈچۈن دوزاختا كۆيگەندىن بەتتەر چوڭ ئازاب . 2 تويغىچە يەپ تۇرۇپ شېرىن ئۈزۈمنى، ۋەيران قىلامدىمەن ئۇنىڭ تېكىنى. ئۆز يۇرتۇم بار تۇرۇپ، ياتقا كۆز تىكسەم، سانجىلسۇن كۆزۈمگە نەپرەت تىكىنى. 3 قورقمايمەن باسسىمۇ توپان بىلەن سەل، ۋە ياكى جان سوراپ تۇرسىمۇ ئەجەل. جاھاندا قورقىمەن بىرلا نەرسىدىن: رەنجىسە مېنىڭدىن مېنى تۇغقان ئەل. 4 يورۇقلۇق كۆرسەتتى ئانام كۆز بېرىپ، تىلىمنى سۆزلەتتى تاتلىق سۆز بېرىپ. گۇناھكار بولمامدىم قەرزنى ئاقلىماي، ئالدىدا باش تاتىلاپ تۇرسام بېزىرىپ. 5 ئانىنىڭ بىر تېمىم سۈتى ھەققىگە، يەتتە رەت ئاپارماق ھاجەت مەككىگە. بىر تېمىم سۈت ھەققى شۇنچە ئۇلۇغكەن، نېمە دەيسەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئەجرىگە. 6 بولمىسا ئانىنىڭ جاپالىق ئەجرى، كۈلەمدۇ بالىنىڭ بەختى - تەلىيى. بولسىمۇ مەرتىۋەڭ ئەرشى ئەلادا، كەتمىسۇن قۇلاقتىن ئاناڭ ئەللىيى. 7 مەن ئۆلسەم يۇرتۇمنى كۆرۈپ ياتىمەن، مۇقەددەس تۇپرىقىن سۆيۈپ ياتىمەن. ئانام ئۆز باغرىدا قۇچاقلاپ تۇرغاچ، بەئەينى ھاياتتەك كۈلۈپ ياتىمەن. 8 ھېچقاچان چىرايدىن ئۆلچەنمەس كىشى، ۋە ياكى تارازا ئەمەستۇر يېشى. ئاۋارە بولماڭلار ئۆلچەمنى ئىزدەپ، نەق باھا ئىنسانغا ئەمەلىي ئىشى. 9 بەزىلەر ياشايدۇ ئاجايىپ بېخىل، ئۆمرىدە ئۆزگىگە ئۆتكۈزمەيدۇ قىل. قەرزدار بولۇپ قالساڭ، ئۈندۈرەر سەندىن، پاشىنى توخۇ دەپ، ئۆمۈچۈكنى پىل. 10 بىلىمسىز ئادەمنىڭ ئەقلىمۇ قىسقا، تاڭ قالما ئالتۇننى تېگىشسە مىسقا. ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى ئوخشاتقىنىڭ ھەق، شامالدا تارىلىپ تۈگىگەن ئىسقا. 11 بەزىلەر ۋاپانى ئۇنتۇيدۇ چاققان، ئەسلى ئۇ بىر چايان، چاققىنى چاققان. ئىنسانلار رېتىدىن ئۆچىدۇ نامى، ئاش ئىچىپ، كۆز يۇمۇپ تاۋاقنى چاققان. 12 يا بىنا قىلغان بىر گۈللۈك بېغىڭ يوق، باغ تۈگۈل كۆكلەتكەن بىر تال شېخىڭ يوق. ئۆزگىلەر گۈل تىكسە قىرقىيسەن دائىم، قايچا بوپ ئۆتمىگەن بىرمۇ چېغىڭ يوق. 13 ئېشەككە ئوڭلاپ مېنەلمەي تۇرۇپ، دۇلدۇلغا ئېسىلما ئۆزەڭنى ئۇرۇپ. ھەر ئىشنىڭ يولى بار ئۆگىنىش ئاتلىق، بۇ يولسىز زورۇقساڭ تۈگەيسەن قۇرۇپ. 14 ئۇن قىلار ئۆمرۈمنى يىللار تۈگمىنى، خالىساڭ مەيلى چاچ، مەيلى تۈگ مېنى. ۋە لېكىن بارىمنى سۆزلىگىن ئەينەن، تۆگە دەپ كۆرسەتمە بىر تال تۈگمىنى. ony3o1k8jiurr25utsoamts2z11of7z 176455 176453 2026-09-08T21:02:57Z UyghurArchive 25219 176455 wikitext text/x-wiki == ئابدۇرېھىم قاسىم == 1 ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ئىزدىشىپ ساۋاب، قىلىدۇ بەزىلەر مەككىنى تاۋاپ. "ساۋاب" دەپ ۋەتەندىن كېچىش مەن ئۈچۈن دوزاختا كۆيگەندىن بەتتەر چوڭ ئازاب . 2 تويغىچە يەپ تۇرۇپ شېرىن ئۈزۈمنى، ۋەيران قىلامدىمەن ئۇنىڭ تېكىنى. ئۆز يۇرتۇم بار تۇرۇپ، ياتقا كۆز تىكسەم، سانجىلسۇن كۆزۈمگە نەپرەت تىكىنى. 3 قورقمايمەن باسسىمۇ توپان بىلەن سەل، ۋە ياكى جان سوراپ تۇرسىمۇ ئەجەل. جاھاندا قورقىمەن بىرلا نەرسىدىن: رەنجىسە مېنىڭدىن مېنى تۇغقان ئەل. 4 يورۇقلۇق كۆرسەتتى ئانام كۆز بېرىپ، تىلىمنى سۆزلەتتى تاتلىق سۆز بېرىپ. گۇناھكار بولمامدىم قەرزنى ئاقلىماي، ئالدىدا باش تاتىلاپ تۇرسام بېزىرىپ. 5 ئانىنىڭ بىر تېمىم سۈتى ھەققىگە، يەتتە رەت ئاپارماق ھاجەت مەككىگە. بىر تېمىم سۈت ھەققى شۇنچە ئۇلۇغكەن، نېمە دەيسەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئەجرىگە. 6 بولمىسا ئانىنىڭ جاپالىق ئەجرى، كۈلەمدۇ بالىنىڭ بەختى - تەلىيى. بولسىمۇ مەرتىۋەڭ ئەرشى ئەلادا، كەتمىسۇن قۇلاقتىن ئاناڭ ئەللىيى. 7 مەن ئۆلسەم يۇرتۇمنى كۆرۈپ ياتىمەن، مۇقەددەس تۇپرىقىن سۆيۈپ ياتىمەن. ئانام ئۆز باغرىدا قۇچاقلاپ تۇرغاچ، بەئەينى ھاياتتەك كۈلۈپ ياتىمەن. 8 ھېچقاچان چىرايدىن ئۆلچەنمەس كىشى، ۋە ياكى تارازا ئەمەستۇر يېشى. ئاۋارە بولماڭلار ئۆلچەمنى ئىزدەپ، نەق باھا ئىنسانغا ئەمەلىي ئىشى. 9 بەزىلەر ياشايدۇ ئاجايىپ بېخىل، ئۆمرىدە ئۆزگىگە ئۆتكۈزمەيدۇ قىل. قەرزدار بولۇپ قالساڭ، ئۈندۈرەر سەندىن، پاشىنى توخۇ دەپ، ئۆمۈچۈكنى پىل. 10 بىلىمسىز ئادەمنىڭ ئەقلىمۇ قىسقا، تاڭ قالما ئالتۇننى تېگىشسە مىسقا. ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى ئوخشاتقىنىڭ ھەق، شامالدا تارىلىپ تۈگىگەن ئىسقا. 11 بەزىلەر ۋاپانى ئۇنتۇيدۇ چاققان، ئەسلى ئۇ بىر چايان، چاققىنى چاققان. ئىنسانلار رېتىدىن ئۆچىدۇ نامى، ئاش ئىچىپ، كۆز يۇمۇپ تاۋاقنى چاققان. 12 يا بىنا قىلغان بىر گۈللۈك بېغىڭ يوق، باغ تۈگۈل كۆكلەتكەن بىر تال شېخىڭ يوق. ئۆزگىلەر گۈل تىكسە قىرقىيسەن دائىم، قايچا بوپ ئۆتمىگەن بىرمۇ چېغىڭ يوق. 13 ئېشەككە ئوڭلاپ مېنەلمەي تۇرۇپ، دۇلدۇلغا ئېسىلما ئۆزەڭنى ئۇرۇپ. ھەر ئىشنىڭ يولى بار ئۆگىنىش ئاتلىق، بۇ يولسىز زورۇقساڭ تۈگەيسەن قۇرۇپ. 14 ئۇن قىلار ئۆمرۈمنى يىللار تۈگمىنى، خالىساڭ مەيلى چاچ، مەيلى تۈگ مېنى. ۋە لېكىن بارىمنى سۆزلىگىن ئەينەن، تۆگە دەپ كۆرسەتمە بىر تال تۈگمىنى. == '''ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر''' == 1 مەجنۇنتال قەددىنى ئېگىپ مۇلايىم، سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم. سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا، بۇرچىمىز قانچىلىك، ئويلايلى دائىم. 2 ھەرقانچە ئېگىزدە قۇش پەرۋاز قىلار، ئوزۇقى، ئۇۋىسى يەر ئۆزرە بولار. يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بېشىڭ، پۇتلىرىڭ يەنە شۇ تۇپراقتا بولار. 3 تاھىرغا ئۆزىنىڭ زوھراسى ياخشى، مەجنۇنغا ھۈردىنمۇ لەيلاسى ياخشى. مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمگە، ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى. 4 ئۆمۈر مەنزىلى ئاق قەغەزگە ئوخشار، ھەر باسقان قەدەمدىن بىر ئىزىڭ قالار، يا ماختان، يا ئۆكۈن، ئۆزەڭنىڭ ئىشى، ئەڭ ئادىل ھۆكۈمنى ئەل ئاڭا يازار. 5 ئالتۇن جام ئىچرە مەي قوزغاتسا ھەۋەس، گۈزەلنىڭ كۆزلىرى سېنى قىلسا مەس، كۈنۈڭ ئۆتسە ئالقىش - ماختاشلار ئارا، ئاگاھ بول، ھاياتنىڭ ئۆزى بۇ ئەمەس. 6 بىراۋلار ئەلگە قىلدى جېنىنى قۇربان، بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان. ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز - تاۋۇشسىز، قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇغقانغا مىكيان. 7 ئەل غېمى - شادلىقى ئىلھامغا بۇلاق، ئۇنىڭسىز شېئىردا بولماس خۇش پۇراق. كۆر، ئالتۇن قاچىغا چىلانسىمۇ گۈل، سولىشىپ كېتەر تېز، بولمىغاچ تۇپراق. 8 ئەل ئۈچۈن يۈگۈرتسەڭ قەغەزدە قەلەم. تاغلارنىڭ بېشىغا تىكەرسەن ئەلەم. ۋە لېكىن سۇ قوشۇپ قويساڭ سىياغا، ئىزلىرىڭ تېز ئۆچۈپ، چېكەرسەن ئەلەم. 9 شۆھرەت كەمەرىگە ئۇزاتقىچە قول، ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئاغامچىسى بول. تاجدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغىچە، كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول. 10 شېئىر يازماق ئاسان، ھەق سۆزلىمەك تەس، شائىرغا ھىرىس - تاما بولمىغاي ھەۋەس. يازغاننى قەدىرلە ئاۋۋال سەن ئۆزەڭ، سېتىپ خەجلىگىلى ئۇ تاۋار ئەمەس. 11 قەددىڭنى پۈكۈپ سەن قىلمىغۇنچە يا، ئاقمىسا تەرىڭدىن ۋە ياكى دەريا، ئىندەككە كەلمەيدۇ بىلىمنىڭ قۇشى، گەر بولسا قەلبىڭدە تېرىقچە رىيا. 12 ئۆتنە-يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش، بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش. بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېيىش، ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ئار ئىش. 13 بىلمەكتىن مۇراد نام - شۆھرەت ئەمەستۇر، شۆھرەتكە ئىنتىلىش رەزىل ھەۋەستۇر. بىلگەننى دان قىلىپ ئېتىزغا چاچساڭ، ھوسۇلى ئەلگە نەپ بولسا، شۇ بەستۇر. 14 بىرەر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش، كۈلۈپ قويغىن ئاڭا، سەن قىلما كايىش. ئېشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭراپ تاشلىشى، ئاتوم دەۋرىدىمۇ تۇرمۇشتا بار ئىش. 15 دۇئا قىلسا ھەرچاغ مۆمىن مۇسۇلمان، تىلەيدۇ دوزاختىن بولماقنى ئامان. ۋە لېكىن دوزاخنىڭ ئۆزى ئېيتارمىش: «مەن ئۆزەم قورقىمەن ناداندىن يامان.» 16 كۆپەيسە دۈشمىنىڭ، سەن بولما غەمناك، بېرۇر ئۇ ھەم ساڭا ئەقىل ۋە ئىدراك. ئەگەرچە چاقمىسا ئادەمنى يىلان، قەيەردىن تېپىلاتتى دورا - تەرياك. 17 ئۇنىكىم دوست دېمە، راھەتتە ئىناق، ئايرىلسا سېنىڭدىن غۇربەتتە بىراق. سايەڭگە نەزەر سال تەپەككۇر بىلەن، يورۇقتا بىللەيۇ، زۇلمەتتە يىراق. 18 نېچۈن ئوتقا ئۇرار ئۆزىن پەرۋانە، نېچۈن شام ئاققۇزار كۆزدىن دۇردانە. نە بىلسۇن ھاياتنىڭ بۇ سىرلىرىنى، تۇرمۇشتىن چەتلەشكەن زاھىد مەستانە. 19 يالغانچىنىڭ تىلى چېچەكسىز پەلەك، چېچەكسىز پەلەكتە نە قىلسۇن خەمەك. ئۇزارغانسېرى ئۇ ئۆز ئىگىسىنى، بوغىدۇ يىلاندەك بولۇپ چەمبىرەك. 20 ئالتۇن ھەل يالاتساڭ كېسەكتۇر كېسەك، گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ تېزەكلەر ئېشەك. كۆرۈمسىز شۇ پىلە قۇرۇتىغا باق، يەپ ئاددىي يوپۇرماق، بېرىدۇ يىپەك. 21 جاراڭلىق ھەر سادا بولمايدۇ ناخشا، مۇھەببەت، نەپرەتسىز چىقمايدۇ ناخشا. ئېشەكمۇ بەزىدە ھاڭرايدۇ قاتتىق، ئۇنى ئەل ھېچقاچان دېمەيدۇ ناخشا. 22 ئەجىبا بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن، ھەر تەندە ئۇ ھەر خىل ھېس قىلار ئىكەن. ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن، ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن. 23 ئۇنىكىم دوست دېمە غەيۋەتكە ماھىر، سېنى ھەم قويمىغاي بىر چەتتە ئاخىر. مىسالى چاياندۇر، ئۇنىڭ ئالدىدا قېرى - ياش ۋە بوۋاق، دانىش بەرىبىر. 24 بۈيۈك تاغنى تالقان قىلسىمۇ ئەگەر، ئۆزىگە تەمەننا قويماس يىگىت - ئەر. كۆر، پىلە قۇرۇتى چېغىدا ھەر ياز، پۈتتۈرگەچ غوزىنى، بىمىننەت ئۆلەر. 25 ياشلىق - ئۇ ئۆمۈرنىڭ تۇنجى باھارى، باھارغا باغلىقتۇر ھەر يىلنىڭ كارى. نېمە چاچسا يەرگە باھاردا دېھقان، شۇنىڭ بىرلە توشقاي كۈزدە باھارى. 26 كۆكلەم-باھار كەتسە، يېنىپ كەلگەن بار، جاندىن كەچسە جاناننى تېپىپ سۆيگەن بار. ئېيتىڭچۇ بىر كەتكەن ياشلىق كەينىدىن، قوغلىشىپ جاھاندا كىممۇ يەتكەن بار. 27 نەزەر سال يېقىلغان گۈلخانغا بىردەم، ئۇنىڭ خۇلقى - مىجەزى قانداق مۈكەررەم. يورۇتقاچ بىپايان چۆللەرنى، ئاندىن ياتار بىر دۆۋە كۈل بولۇپ ئۇ دىلجەم. 28 كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ، جاھان تۇرماق، ھەتتا ئاسمان سىغىدۇ. مۇبادا رەشك - ھەسەت قاپلىسا ئۇنى، تېرىقنىڭ قاسرىقىمۇ ئاران سىغىدۇ. 29 مېنى باغدىن ئەمەس، چۆلدىن ئىزدەڭلار، ۋە يا باغراش دېگەن كۆلدىن ئىزدەڭلار. ئۇنىڭدىن ياخشىسى، ئۇزۇن سەپەردە يېقىلغان گۈلخاندىكى كۈلدىن ئىزدەڭلار. hyarddj3entu9ma0jp68qetohxgzbyi 176456 176455 2026-09-08T21:03:16Z UyghurArchive 25219 176456 wikitext text/x-wiki == ئابدۇرېھىم قاسىم == 1 ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ئىزدىشىپ ساۋاب، قىلىدۇ بەزىلەر مەككىنى تاۋاپ. "ساۋاب" دەپ ۋەتەندىن كېچىش مەن ئۈچۈن دوزاختا كۆيگەندىن بەتتەر چوڭ ئازاب . 2 تويغىچە يەپ تۇرۇپ شېرىن ئۈزۈمنى، ۋەيران قىلامدىمەن ئۇنىڭ تېكىنى. ئۆز يۇرتۇم بار تۇرۇپ، ياتقا كۆز تىكسەم، سانجىلسۇن كۆزۈمگە نەپرەت تىكىنى. 3 قورقمايمەن باسسىمۇ توپان بىلەن سەل، ۋە ياكى جان سوراپ تۇرسىمۇ ئەجەل. جاھاندا قورقىمەن بىرلا نەرسىدىن: رەنجىسە مېنىڭدىن مېنى تۇغقان ئەل. 4 يورۇقلۇق كۆرسەتتى ئانام كۆز بېرىپ، تىلىمنى سۆزلەتتى تاتلىق سۆز بېرىپ. گۇناھكار بولمامدىم قەرزنى ئاقلىماي، ئالدىدا باش تاتىلاپ تۇرسام بېزىرىپ. 5 ئانىنىڭ بىر تېمىم سۈتى ھەققىگە، يەتتە رەت ئاپارماق ھاجەت مەككىگە. بىر تېمىم سۈت ھەققى شۇنچە ئۇلۇغكەن، نېمە دەيسەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئەجرىگە. 6 بولمىسا ئانىنىڭ جاپالىق ئەجرى، كۈلەمدۇ بالىنىڭ بەختى - تەلىيى. بولسىمۇ مەرتىۋەڭ ئەرشى ئەلادا، كەتمىسۇن قۇلاقتىن ئاناڭ ئەللىيى. 7 مەن ئۆلسەم يۇرتۇمنى كۆرۈپ ياتىمەن، مۇقەددەس تۇپرىقىن سۆيۈپ ياتىمەن. ئانام ئۆز باغرىدا قۇچاقلاپ تۇرغاچ، بەئەينى ھاياتتەك كۈلۈپ ياتىمەن. 8 ھېچقاچان چىرايدىن ئۆلچەنمەس كىشى، ۋە ياكى تارازا ئەمەستۇر يېشى. ئاۋارە بولماڭلار ئۆلچەمنى ئىزدەپ، نەق باھا ئىنسانغا ئەمەلىي ئىشى. 9 بەزىلەر ياشايدۇ ئاجايىپ بېخىل، ئۆمرىدە ئۆزگىگە ئۆتكۈزمەيدۇ قىل. قەرزدار بولۇپ قالساڭ، ئۈندۈرەر سەندىن، پاشىنى توخۇ دەپ، ئۆمۈچۈكنى پىل. 10 بىلىمسىز ئادەمنىڭ ئەقلىمۇ قىسقا، تاڭ قالما ئالتۇننى تېگىشسە مىسقا. ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى ئوخشاتقىنىڭ ھەق، شامالدا تارىلىپ تۈگىگەن ئىسقا. 11 بەزىلەر ۋاپانى ئۇنتۇيدۇ چاققان، ئەسلى ئۇ بىر چايان، چاققىنى چاققان. ئىنسانلار رېتىدىن ئۆچىدۇ نامى، ئاش ئىچىپ، كۆز يۇمۇپ تاۋاقنى چاققان. 12 يا بىنا قىلغان بىر گۈللۈك بېغىڭ يوق، باغ تۈگۈل كۆكلەتكەن بىر تال شېخىڭ يوق. ئۆزگىلەر گۈل تىكسە قىرقىيسەن دائىم، قايچا بوپ ئۆتمىگەن بىرمۇ چېغىڭ يوق. 13 ئېشەككە ئوڭلاپ مېنەلمەي تۇرۇپ، دۇلدۇلغا ئېسىلما ئۆزەڭنى ئۇرۇپ. ھەر ئىشنىڭ يولى بار ئۆگىنىش ئاتلىق، بۇ يولسىز زورۇقساڭ تۈگەيسەن قۇرۇپ. 14 ئۇن قىلار ئۆمرۈمنى يىللار تۈگمىنى، خالىساڭ مەيلى چاچ، مەيلى تۈگ مېنى. ۋە لېكىن بارىمنى سۆزلىگىن ئەينەن، تۆگە دەپ كۆرسەتمە بىر تال تۈگمىنى. == '''ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر''' == 1 مەجنۇنتال قەددىنى ئېگىپ مۇلايىم، سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم. سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا، بۇرچىمىز قانچىلىك، ئويلايلى دائىم. 2 ھەرقانچە ئېگىزدە قۇش پەرۋاز قىلار، ئوزۇقى، ئۇۋىسى يەر ئۆزرە بولار. يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بېشىڭ، پۇتلىرىڭ يەنە شۇ تۇپراقتا بولار. 3 تاھىرغا ئۆزىنىڭ زوھراسى ياخشى، مەجنۇنغا ھۈردىنمۇ لەيلاسى ياخشى. مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمگە، ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى. 4 ئۆمۈر مەنزىلى ئاق قەغەزگە ئوخشار، ھەر باسقان قەدەمدىن بىر ئىزىڭ قالار، يا ماختان، يا ئۆكۈن، ئۆزەڭنىڭ ئىشى، ئەڭ ئادىل ھۆكۈمنى ئەل ئاڭا يازار. 5 ئالتۇن جام ئىچرە مەي قوزغاتسا ھەۋەس، گۈزەلنىڭ كۆزلىرى سېنى قىلسا مەس، كۈنۈڭ ئۆتسە ئالقىش - ماختاشلار ئارا، ئاگاھ بول، ھاياتنىڭ ئۆزى بۇ ئەمەس. 6 بىراۋلار ئەلگە قىلدى جېنىنى قۇربان، بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان. ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز - تاۋۇشسىز، قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇغقانغا مىكيان. 7 ئەل غېمى - شادلىقى ئىلھامغا بۇلاق، ئۇنىڭسىز شېئىردا بولماس خۇش پۇراق. كۆر، ئالتۇن قاچىغا چىلانسىمۇ گۈل، سولىشىپ كېتەر تېز، بولمىغاچ تۇپراق. 8 ئەل ئۈچۈن يۈگۈرتسەڭ قەغەزدە قەلەم. تاغلارنىڭ بېشىغا تىكەرسەن ئەلەم. ۋە لېكىن سۇ قوشۇپ قويساڭ سىياغا، ئىزلىرىڭ تېز ئۆچۈپ، چېكەرسەن ئەلەم. 9 شۆھرەت كەمەرىگە ئۇزاتقىچە قول، ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئاغامچىسى بول. تاجدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغىچە، كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول. 10 شېئىر يازماق ئاسان، ھەق سۆزلىمەك تەس، شائىرغا ھىرىس - تاما بولمىغاي ھەۋەس. يازغاننى قەدىرلە ئاۋۋال سەن ئۆزەڭ، سېتىپ خەجلىگىلى ئۇ تاۋار ئەمەس. 11 قەددىڭنى پۈكۈپ سەن قىلمىغۇنچە يا، ئاقمىسا تەرىڭدىن ۋە ياكى دەريا، ئىندەككە كەلمەيدۇ بىلىمنىڭ قۇشى، گەر بولسا قەلبىڭدە تېرىقچە رىيا. 12 ئۆتنە-يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش، بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش. بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېيىش، ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ئار ئىش. 13 بىلمەكتىن مۇراد نام - شۆھرەت ئەمەستۇر، شۆھرەتكە ئىنتىلىش رەزىل ھەۋەستۇر. بىلگەننى دان قىلىپ ئېتىزغا چاچساڭ، ھوسۇلى ئەلگە نەپ بولسا، شۇ بەستۇر. 14 بىرەر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش، كۈلۈپ قويغىن ئاڭا، سەن قىلما كايىش. ئېشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭراپ تاشلىشى، ئاتوم دەۋرىدىمۇ تۇرمۇشتا بار ئىش. 15 دۇئا قىلسا ھەرچاغ مۆمىن مۇسۇلمان، تىلەيدۇ دوزاختىن بولماقنى ئامان. ۋە لېكىن دوزاخنىڭ ئۆزى ئېيتارمىش: «مەن ئۆزەم قورقىمەن ناداندىن يامان.» 16 كۆپەيسە دۈشمىنىڭ، سەن بولما غەمناك، بېرۇر ئۇ ھەم ساڭا ئەقىل ۋە ئىدراك. ئەگەرچە چاقمىسا ئادەمنى يىلان، قەيەردىن تېپىلاتتى دورا - تەرياك. 17 ئۇنىكىم دوست دېمە، راھەتتە ئىناق، ئايرىلسا سېنىڭدىن غۇربەتتە بىراق. سايەڭگە نەزەر سال تەپەككۇر بىلەن، يورۇقتا بىللەيۇ، زۇلمەتتە يىراق. 18 نېچۈن ئوتقا ئۇرار ئۆزىن پەرۋانە، نېچۈن شام ئاققۇزار كۆزدىن دۇردانە. نە بىلسۇن ھاياتنىڭ بۇ سىرلىرىنى، تۇرمۇشتىن چەتلەشكەن زاھىد مەستانە. 19 يالغانچىنىڭ تىلى چېچەكسىز پەلەك، چېچەكسىز پەلەكتە نە قىلسۇن خەمەك. ئۇزارغانسېرى ئۇ ئۆز ئىگىسىنى، بوغىدۇ يىلاندەك بولۇپ چەمبىرەك. 20 ئالتۇن ھەل يالاتساڭ كېسەكتۇر كېسەك، گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ تېزەكلەر ئېشەك. كۆرۈمسىز شۇ پىلە قۇرۇتىغا باق، يەپ ئاددىي يوپۇرماق، بېرىدۇ يىپەك. 21 جاراڭلىق ھەر سادا بولمايدۇ ناخشا، مۇھەببەت، نەپرەتسىز چىقمايدۇ ناخشا. ئېشەكمۇ بەزىدە ھاڭرايدۇ قاتتىق، ئۇنى ئەل ھېچقاچان دېمەيدۇ ناخشا. 22 ئەجىبا بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن، ھەر تەندە ئۇ ھەر خىل ھېس قىلار ئىكەن. ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن، ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن. 23 ئۇنىكىم دوست دېمە غەيۋەتكە ماھىر، سېنى ھەم قويمىغاي بىر چەتتە ئاخىر. مىسالى چاياندۇر، ئۇنىڭ ئالدىدا قېرى - ياش ۋە بوۋاق، دانىش بەرىبىر. 24 بۈيۈك تاغنى تالقان قىلسىمۇ ئەگەر، ئۆزىگە تەمەننا قويماس يىگىت - ئەر. كۆر، پىلە قۇرۇتى چېغىدا ھەر ياز، پۈتتۈرگەچ غوزىنى، بىمىننەت ئۆلەر. 25 ياشلىق - ئۇ ئۆمۈرنىڭ تۇنجى باھارى، باھارغا باغلىقتۇر ھەر يىلنىڭ كارى. نېمە چاچسا يەرگە باھاردا دېھقان، شۇنىڭ بىرلە توشقاي كۈزدە باھارى. 26 كۆكلەم-باھار كەتسە، يېنىپ كەلگەن بار، جاندىن كەچسە جاناننى تېپىپ سۆيگەن بار. ئېيتىڭچۇ بىر كەتكەن ياشلىق كەينىدىن، قوغلىشىپ جاھاندا كىممۇ يەتكەن بار. 27 نەزەر سال يېقىلغان گۈلخانغا بىردەم، ئۇنىڭ خۇلقى - مىجەزى قانداق مۈكەررەم. يورۇتقاچ بىپايان چۆللەرنى، ئاندىن ياتار بىر دۆۋە كۈل بولۇپ ئۇ دىلجەم. 28 كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ، جاھان تۇرماق، ھەتتا ئاسمان سىغىدۇ. مۇبادا رەشك - ھەسەت قاپلىسا ئۇنى، تېرىقنىڭ قاسرىقىمۇ ئاران سىغىدۇ. 29 مېنى باغدىن ئەمەس، چۆلدىن ئىزدەڭلار، ۋە يا باغراش دېگەن كۆلدىن ئىزدەڭلار. ئۇنىڭدىن ياخشىسى، ئۇزۇن سەپەردە يېقىلغان گۈلخاندىكى كۈلدىن ئىزدەڭلار. an8pugg83lkzvtnxeazgtwqhgc90olx 176457 176456 2026-09-08T21:14:42Z UyghurArchive 25219 176457 wikitext text/x-wiki == ئابدۇرېھىم قاسىم == 1 ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ئىزدىشىپ ساۋاب، قىلىدۇ بەزىلەر مەككىنى تاۋاپ. "ساۋاب" دەپ ۋەتەندىن كېچىش مەن ئۈچۈن دوزاختا كۆيگەندىن بەتتەر چوڭ ئازاب . 2 تويغىچە يەپ تۇرۇپ شېرىن ئۈزۈمنى، ۋەيران قىلامدىمەن ئۇنىڭ تېكىنى. ئۆز يۇرتۇم بار تۇرۇپ، ياتقا كۆز تىكسەم، سانجىلسۇن كۆزۈمگە نەپرەت تىكىنى. 3 قورقمايمەن باسسىمۇ توپان بىلەن سەل، ۋە ياكى جان سوراپ تۇرسىمۇ ئەجەل. جاھاندا قورقىمەن بىرلا نەرسىدىن: رەنجىسە مېنىڭدىن مېنى تۇغقان ئەل. 4 يورۇقلۇق كۆرسەتتى ئانام كۆز بېرىپ، تىلىمنى سۆزلەتتى تاتلىق سۆز بېرىپ. گۇناھكار بولمامدىم قەرزنى ئاقلىماي، ئالدىدا باش تاتىلاپ تۇرسام بېزىرىپ. 5 ئانىنىڭ بىر تېمىم سۈتى ھەققىگە، يەتتە رەت ئاپارماق ھاجەت مەككىگە. بىر تېمىم سۈت ھەققى شۇنچە ئۇلۇغكەن، نېمە دەيسەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئەجرىگە. 6 بولمىسا ئانىنىڭ جاپالىق ئەجرى، كۈلەمدۇ بالىنىڭ بەختى - تەلىيى. بولسىمۇ مەرتىۋەڭ ئەرشى ئەلادا، كەتمىسۇن قۇلاقتىن ئاناڭ ئەللىيى. 7 مەن ئۆلسەم يۇرتۇمنى كۆرۈپ ياتىمەن، مۇقەددەس تۇپرىقىن سۆيۈپ ياتىمەن. ئانام ئۆز باغرىدا قۇچاقلاپ تۇرغاچ، بەئەينى ھاياتتەك كۈلۈپ ياتىمەن. 8 ھېچقاچان چىرايدىن ئۆلچەنمەس كىشى، ۋە ياكى تارازا ئەمەستۇر يېشى. ئاۋارە بولماڭلار ئۆلچەمنى ئىزدەپ، نەق باھا ئىنسانغا ئەمەلىي ئىشى. 9 بەزىلەر ياشايدۇ ئاجايىپ بېخىل، ئۆمرىدە ئۆزگىگە ئۆتكۈزمەيدۇ قىل. قەرزدار بولۇپ قالساڭ، ئۈندۈرەر سەندىن، پاشىنى توخۇ دەپ، ئۆمۈچۈكنى پىل. 10 بىلىمسىز ئادەمنىڭ ئەقلىمۇ قىسقا، تاڭ قالما ئالتۇننى تېگىشسە مىسقا. ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى ئوخشاتقىنىڭ ھەق، شامالدا تارىلىپ تۈگىگەن ئىسقا. 11 بەزىلەر ۋاپانى ئۇنتۇيدۇ چاققان، ئەسلى ئۇ بىر چايان، چاققىنى چاققان. ئىنسانلار رېتىدىن ئۆچىدۇ نامى، ئاش ئىچىپ، كۆز يۇمۇپ تاۋاقنى چاققان. 12 يا بىنا قىلغان بىر گۈللۈك بېغىڭ يوق، باغ تۈگۈل كۆكلەتكەن بىر تال شېخىڭ يوق. ئۆزگىلەر گۈل تىكسە قىرقىيسەن دائىم، قايچا بوپ ئۆتمىگەن بىرمۇ چېغىڭ يوق. 13 ئېشەككە ئوڭلاپ مېنەلمەي تۇرۇپ، دۇلدۇلغا ئېسىلما ئۆزەڭنى ئۇرۇپ. ھەر ئىشنىڭ يولى بار ئۆگىنىش ئاتلىق، بۇ يولسىز زورۇقساڭ تۈگەيسەن قۇرۇپ. 14 ئۇن قىلار ئۆمرۈمنى يىللار تۈگمىنى، خالىساڭ مەيلى چاچ، مەيلى تۈگ مېنى. ۋە لېكىن بارىمنى سۆزلىگىن ئەينەن، تۆگە دەپ كۆرسەتمە بىر تال تۈگمىنى. == '''ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر''' == 1 مەجنۇنتال قەددىنى ئېگىپ مۇلايىم، سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم. سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا، بۇرچىمىز قانچىلىك، ئويلايلى دائىم. 2 ھەرقانچە ئېگىزدە قۇش پەرۋاز قىلار، ئوزۇقى، ئۇۋىسى يەر ئۆزرە بولار. يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بېشىڭ، پۇتلىرىڭ يەنە شۇ تۇپراقتا بولار. 3 تاھىرغا ئۆزىنىڭ زوھراسى ياخشى، مەجنۇنغا ھۈردىنمۇ لەيلاسى ياخشى. مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمگە، ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى. 4 ئۆمۈر مەنزىلى ئاق قەغەزگە ئوخشار، ھەر باسقان قەدەمدىن بىر ئىزىڭ قالار، يا ماختان، يا ئۆكۈن، ئۆزەڭنىڭ ئىشى، ئەڭ ئادىل ھۆكۈمنى ئەل ئاڭا يازار. 5 ئالتۇن جام ئىچرە مەي قوزغاتسا ھەۋەس، گۈزەلنىڭ كۆزلىرى سېنى قىلسا مەس، كۈنۈڭ ئۆتسە ئالقىش - ماختاشلار ئارا، ئاگاھ بول، ھاياتنىڭ ئۆزى بۇ ئەمەس. 6 بىراۋلار ئەلگە قىلدى جېنىنى قۇربان، بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان. ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز - تاۋۇشسىز، قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇغقانغا مىكيان. 7 ئەل غېمى - شادلىقى ئىلھامغا بۇلاق، ئۇنىڭسىز شېئىردا بولماس خۇش پۇراق. كۆر، ئالتۇن قاچىغا چىلانسىمۇ گۈل، سولىشىپ كېتەر تېز، بولمىغاچ تۇپراق. 8 ئەل ئۈچۈن يۈگۈرتسەڭ قەغەزدە قەلەم. تاغلارنىڭ بېشىغا تىكەرسەن ئەلەم. ۋە لېكىن سۇ قوشۇپ قويساڭ سىياغا، ئىزلىرىڭ تېز ئۆچۈپ، چېكەرسەن ئەلەم. 9 شۆھرەت كەمەرىگە ئۇزاتقىچە قول، ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئاغامچىسى بول. تاجدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغىچە، كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول. 10 شېئىر يازماق ئاسان، ھەق سۆزلىمەك تەس، شائىرغا ھىرىس - تاما بولمىغاي ھەۋەس. يازغاننى قەدىرلە ئاۋۋال سەن ئۆزەڭ، سېتىپ خەجلىگىلى ئۇ تاۋار ئەمەس. 11 قەددىڭنى پۈكۈپ سەن قىلمىغۇنچە يا، ئاقمىسا تەرىڭدىن ۋە ياكى دەريا، ئىندەككە كەلمەيدۇ بىلىمنىڭ قۇشى، گەر بولسا قەلبىڭدە تېرىقچە رىيا. 12 ئۆتنە-يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش، بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش. بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېيىش، ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ئار ئىش. 13 بىلمەكتىن مۇراد نام - شۆھرەت ئەمەستۇر، شۆھرەتكە ئىنتىلىش رەزىل ھەۋەستۇر. بىلگەننى دان قىلىپ ئېتىزغا چاچساڭ، ھوسۇلى ئەلگە نەپ بولسا، شۇ بەستۇر. 14 بىرەر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش، كۈلۈپ قويغىن ئاڭا، سەن قىلما كايىش. ئېشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭراپ تاشلىشى، ئاتوم دەۋرىدىمۇ تۇرمۇشتا بار ئىش. 15 دۇئا قىلسا ھەرچاغ مۆمىن مۇسۇلمان، تىلەيدۇ دوزاختىن بولماقنى ئامان. ۋە لېكىن دوزاخنىڭ ئۆزى ئېيتارمىش: «مەن ئۆزەم قورقىمەن ناداندىن يامان.» 16 كۆپەيسە دۈشمىنىڭ، سەن بولما غەمناك، بېرۇر ئۇ ھەم ساڭا ئەقىل ۋە ئىدراك. ئەگەرچە چاقمىسا ئادەمنى يىلان، قەيەردىن تېپىلاتتى دورا - تەرياك. 17 ئۇنىكىم دوست دېمە، راھەتتە ئىناق، ئايرىلسا سېنىڭدىن غۇربەتتە بىراق. سايەڭگە نەزەر سال تەپەككۇر بىلەن، يورۇقتا بىللەيۇ، زۇلمەتتە يىراق. 18 نېچۈن ئوتقا ئۇرار ئۆزىن پەرۋانە، نېچۈن شام ئاققۇزار كۆزدىن دۇردانە. نە بىلسۇن ھاياتنىڭ بۇ سىرلىرىنى، تۇرمۇشتىن چەتلەشكەن زاھىد مەستانە. 19 يالغانچىنىڭ تىلى چېچەكسىز پەلەك، چېچەكسىز پەلەكتە نە قىلسۇن خەمەك. ئۇزارغانسېرى ئۇ ئۆز ئىگىسىنى، بوغىدۇ يىلاندەك بولۇپ چەمبىرەك. 20 ئالتۇن ھەل يالاتساڭ كېسەكتۇر كېسەك، گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ تېزەكلەر ئېشەك. كۆرۈمسىز شۇ پىلە قۇرۇتىغا باق، يەپ ئاددىي يوپۇرماق، بېرىدۇ يىپەك. 21 جاراڭلىق ھەر سادا بولمايدۇ ناخشا، مۇھەببەت، نەپرەتسىز چىقمايدۇ ناخشا. ئېشەكمۇ بەزىدە ھاڭرايدۇ قاتتىق، ئۇنى ئەل ھېچقاچان دېمەيدۇ ناخشا. 22 ئەجىبا بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن، ھەر تەندە ئۇ ھەر خىل ھېس قىلار ئىكەن. ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن، ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن. 23 ئۇنىكىم دوست دېمە غەيۋەتكە ماھىر، سېنى ھەم قويمىغاي بىر چەتتە ئاخىر. مىسالى چاياندۇر، ئۇنىڭ ئالدىدا قېرى - ياش ۋە بوۋاق، دانىش بەرىبىر. 24 بۈيۈك تاغنى تالقان قىلسىمۇ ئەگەر، ئۆزىگە تەمەننا قويماس يىگىت - ئەر. كۆر، پىلە قۇرۇتى چېغىدا ھەر ياز، پۈتتۈرگەچ غوزىنى، بىمىننەت ئۆلەر. 25 ياشلىق - ئۇ ئۆمۈرنىڭ تۇنجى باھارى، باھارغا باغلىقتۇر ھەر يىلنىڭ كارى. نېمە چاچسا يەرگە باھاردا دېھقان، شۇنىڭ بىرلە توشقاي كۈزدە باھارى. 26 كۆكلەم-باھار كەتسە، يېنىپ كەلگەن بار، جاندىن كەچسە جاناننى تېپىپ سۆيگەن بار. ئېيتىڭچۇ بىر كەتكەن ياشلىق كەينىدىن، قوغلىشىپ جاھاندا كىممۇ يەتكەن بار. 27 نەزەر سال يېقىلغان گۈلخانغا بىردەم، ئۇنىڭ خۇلقى - مىجەزى قانداق مۈكەررەم. يورۇتقاچ بىپايان چۆللەرنى، ئاندىن ياتار بىر دۆۋە كۈل بولۇپ ئۇ دىلجەم. 28 كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ، جاھان تۇرماق، ھەتتا ئاسمان سىغىدۇ. مۇبادا رەشك - ھەسەت قاپلىسا ئۇنى، تېرىقنىڭ قاسرىقىمۇ ئاران سىغىدۇ. 29 مېنى باغدىن ئەمەس، چۆلدىن ئىزدەڭلار، ۋە يا باغراش دېگەن كۆلدىن ئىزدەڭلار. ئۇنىڭدىن ياخشىسى، ئۇزۇن سەپەردە يېقىلغان گۈلخاندىكى كۈلدىن ئىزدەڭلار. مەنبە: [https://uyghur-archive.blogspot.com/2026/09/blog-post_09.html رۇبائىيلاردىن تاللانما] lfgrppmdani7a3q9f4y2q0791tul2qw رۇبائىيلار (ئابدۇرېھىم قاسىم) 0 24692 176454 2026-09-08T20:38:55Z UyghurArchive 25219 قۇرۇلغان بەت ''''ئابدۇرەھىم قاسىم''' 1 ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ئىزدىشىپ ساۋاب، قىلىدۇ بەزىلەر مەككىنى تاۋاپ. "ساۋاب" دەپ ۋەتەندىن كېچىش مەن ئۈچۈن دوزاختا كۆيگەندىن بەتتەر چوڭ ئازاب . 2 تويغىچە يەپ تۇرۇپ شېرىن ئۈزۈمنى، ۋەيران قىلامدىمەن ئۇنىڭ تېكىنى. ئۆز يۇرتۇم بار تۇرۇ...' 176454 wikitext text/x-wiki '''ئابدۇرەھىم قاسىم''' 1 ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ئىزدىشىپ ساۋاب، قىلىدۇ بەزىلەر مەككىنى تاۋاپ. "ساۋاب" دەپ ۋەتەندىن كېچىش مەن ئۈچۈن دوزاختا كۆيگەندىن بەتتەر چوڭ ئازاب . 2 تويغىچە يەپ تۇرۇپ شېرىن ئۈزۈمنى، ۋەيران قىلامدىمەن ئۇنىڭ تېكىنى. ئۆز يۇرتۇم بار تۇرۇپ، ياتقا كۆز تىكسەم، سانجىلسۇن كۆزۈمگە نەپرەت تىكىنى. 3 قورقمايمەن باسسىمۇ توپان بىلەن سەل، ۋە ياكى جان سوراپ تۇرسىمۇ ئەجەل. جاھاندا قورقىمەن بىرلا نەرسىدىن: رەنجىسە مېنىڭدىن مېنى تۇغقان ئەل. 4 يورۇقلۇق كۆرسەتتى ئانام كۆز بېرىپ، تىلىمنى سۆزلەتتى تاتلىق سۆز بېرىپ. گۇناھكار بولمامدىم قەرزنى ئاقلىماي، ئالدىدا باش تاتىلاپ تۇرسام بېزىرىپ. 5 ئانىنىڭ بىر تېمىم سۈتى ھەققىگە، يەتتە رەت ئاپارماق ھاجەت مەككىگە. بىر تېمىم سۈت ھەققى شۇنچە ئۇلۇغكەن، نېمە دەيسەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئەجرىگە. 6 بولمىسا ئانىنىڭ جاپالىق ئەجرى، كۈلەمدۇ بالىنىڭ بەختى - تەلىيى. بولسىمۇ مەرتىۋەڭ ئەرشى ئەلادا، كەتمىسۇن قۇلاقتىن ئاناڭ ئەللىيى. 7 مەن ئۆلسەم يۇرتۇمنى كۆرۈپ ياتىمەن، مۇقەددەس تۇپرىقىن سۆيۈپ ياتىمەن. ئانام ئۆز باغرىدا قۇچاقلاپ تۇرغاچ، بەئەينى ھاياتتەك كۈلۈپ ياتىمەن. 8 ھېچقاچان چىرايدىن ئۆلچەنمەس كىشى، ۋە ياكى تارازا ئەمەستۇر يېشى. ئاۋارە بولماڭلار ئۆلچەمنى ئىزدەپ، نەق باھا ئىنسانغا ئەمەلىي ئىشى. 9 بەزىلەر ياشايدۇ ئاجايىپ بېخىل، ئۆمرىدە ئۆزگىگە ئۆتكۈزمەيدۇ قىل. قەرزدار بولۇپ قالساڭ، ئۈندۈرەر سەندىن، پاشىنى توخۇ دەپ، ئۆمۈچۈكنى پىل. 10 بىلىمسىز ئادەمنىڭ ئەقلىمۇ قىسقا، تاڭ قالما ئالتۇننى تېگىشسە مىسقا. ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى ئوخشاتقىنىڭ ھەق، شامالدا تارىلىپ تۈگىگەن ئىسقا. 11 بەزىلەر ۋاپانى ئۇنتۇيدۇ چاققان، ئەسلى ئۇ بىر چايان، چاققىنى چاققان. ئىنسانلار رېتىدىن ئۆچىدۇ نامى، ئاش ئىچىپ، كۆز يۇمۇپ تاۋاقنى چاققان. 12 يا بىنا قىلغان بىر گۈللۈك بېغىڭ يوق، باغ تۈگۈل كۆكلەتكەن بىر تال شېخىڭ يوق. ئۆزگىلەر گۈل تىكسە قىرقىيسەن دائىم، قايچا بوپ ئۆتمىگەن بىرمۇ چېغىڭ يوق. 13 ئېشەككە ئوڭلاپ مېنەلمەي تۇرۇپ، دۇلدۇلغا ئېسىلما ئۆزەڭنى ئۇرۇپ. ھەر ئىشنىڭ يولى بار ئۆگىنىش ئاتلىق، بۇ يولسىز زورۇقساڭ تۈگەيسەن قۇرۇپ. 14 ئۇن قىلار ئۆمرۈمنى يىللار تۈگمىنى، خالىساڭ مەيلى چاچ، مەيلى تۈگ مېنى. ۋە لېكىن بارىمنى سۆزلىگىن ئەينەن، تۆگە دەپ كۆرسەتمە بىر تال تۈگمىنى. chr9oyqauqsuzadkzvjr36pcdg1i7o8