Wikipedia
ugwiki
https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA
MediaWiki 1.47.0-wmf.19
first-letter
ۋاسىتە
ئالاھىدە
مۇنازىرە
ئىشلەتكۈچى
ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى
Wikipedia
Wikipediaمۇنازىرىسى
ھۆججەت
ھۆججەت مۇنازىرىسى
MediaWiki
MediaWiki مۇنازىرىسى
قېلىپ
قېلىپ مۇنازىرىسى
ياردەم
ياردەم مۇنازىرىسى
تۈر
تۈر مۇنازىرىسى
TimedText
TimedText talk
Module
Module talk
Event
Event talk
ئالېكساندېر سېرگېيېۋىچ پۇشكىن
0
19131
176459
175581
2026-09-09T14:04:33Z
Àncilu
25236
قايتا نىشانلانغان بەت [[پۇشكىن]]
176459
wikitext
text/x-wiki
#REDIRECT [[پۇشكىن]]
515hz0railqnvrvhyfhipmgvqc5cbq3
Википедийә
0
22417
176461
170549
2026-09-09T14:06:58Z
Àncilu
25236
Requesting deletion ([[:m:Special:MyLanguage/User:TenWhile6/XReport|XReport]] v3.1c)
176461
wikitext
text/x-wiki
<noinclude>{{delete|1=Test page. Wrong language <small>[[:m:Special:MyLanguage/User:TenWhile6/XReport|XReport]]</small>}}</noinclude>
Википедийә
== мәнбәләр ==
{{reflist}}
{{stub}}
ixhnv1ndv1abbjx7n40i199jm53usso
176462
176461
2026-09-09T14:11:55Z
Àncilu
25236
Reverted 1 edit by [[Special:Contributions/Àncilu|Àncilu]] ([[User talk:Àncilu|talk]]) to last revision by Qarqushu (TwinkleGlobal)
176462
wikitext
text/x-wiki
Википедийә
== мәнбәләр ==
{{reflist}}
{{stub}}
tkn4en4s9y16u45yba1onr7l1it8drr
ھۈسەيىن ۋاھىدى
0
23345
176465
176185
2026-09-10T04:15:46Z
CommonsDelinker
100
Removing [[:c:File:Huseynvahedi_2026.png|Huseynvahedi_2026.png]], it has been deleted from Commons by [[:c:User:Krd|Krd]] because: No permission since 2 September 2026.
176465
wikitext
text/x-wiki
'''ھۈسەيىن ۋاھىدى''' ھۈسەيىن ۋاھىدى ([[ئەزەربەيجان تىلى|ئەزەربەيجان تۈركچىسى]]: حسین واحدی، Hüseyn Vahidi) يازغۇچى ، ژۇرنالىست ، تەرجىمان ۋە تەتقىقاتچى. ئۇ ئەسەرلىرىنى ئەزەربەيجان تۈرك تىلىدا يازىدۇ. ۋاھىدى 1981-يىلى 30-ئۆكتەبىر ئىراننىڭ ئۇرمىيادا تۇغۇلغان.<ref>{{Cite web |title=Archive copy |url=http://ishiq.net/?p=14980 |access-date=2024-11-27 |archive-date=2016-03-23 |archive-url=https://web.archive.org/web/20160323204621/http://ishiq.net/?p=14980 |url-status=dead }}</ref>
<ref>https://tr.wikipedia.org/wiki/H%C3%BCseyin_Vahidi</ref>
==ئىشلەيدۇ==
* مۇھەببەت يولۇچىلىرى (سئوگی یولچولاری) ، (ھېكايىلەر توپلىمى) ، ياز نەشرىياتى ، ئۇرمىيە ، 2012
* ناتونۇش (ئالبېرت كامۇس رومانى) (یابانچی) ، ئالبېرت كامۇسنىڭ «ناتونۇش ئادەم» ناملىق رومانىنىڭ تەرجىمىسى ([[ئەزەربەيجان تىلى|ئەزەربەيجان تۈركچىسى]]) ، بۇتا نەشرىياتى ، [[ئۇرمىيە]] ، 201
* ئاق كېچىلەر (بیاض گئجهلر) ، فىيودور دوستويېۋىسكىينىڭ رومانى كىرىل ئېلىپبەسىدىن ئەرەب ئېلىپبەسىگە تەرجىمە قىلىنغان. بۇتا نەشرىياتى ، ئۇرمىيا ، 2017-يىل
*ھېكايىلىرىمىز بىلەن (بيزيم حكايه لر) (ھېكايىلەر ئانتولوگىيە ، ئەزەربەيجان تۈركچىسى) ، ئەختار نەشرىياتى ، تەبرىز ، 2023-يىل.<ref>https://tr.wikipedia.org/wiki/H%C3%BCseyin_Vahidi</ref>
*يىمىرىلىش ، تەرجىمە 2024<ref>https://az.wikipedia.org/wiki/H%C3%BCseyn_Vahidi</ref>
== مەنبەلەر ==
ew0d9p5zgaep7c0tmo8s92btjgqga1d
يەتتە كۆز
0
23359
176469
170889
2026-09-10T07:18:34Z
CommonsDelinker
100
Removing [[:c:File:Yeddi-goz-sulduz.jpg|Yeddi-goz-sulduz.jpg]], it has been deleted from Commons by [[:c:User:Krd|Krd]] because: No permission since 2 September 2026.
176469
wikitext
text/x-wiki
'''يەتتە كۆز''' یاکی '''يەتتە كۆز بۇلىقى''' ([[ئەزەربەيجان تىلى|ئەزەربەيجان تۈركچىسى]]: یئددی گؤز، Yeddi göz)، ئۇ [[جەنۇبىي ئەزەربەيجان]]نىڭ [[سۇلدۇز]]دىكى [[بۇلاق]] ۋە باغچا.<ref>https://az.wikipedia.org/wiki/Yeddi_g%C3%B6z_bula%C4%9F%C4%B1</ref>
==تونۇشتۇرۇش==
[[File:Yeddigoz-photo-Huseyn+vahedi.jpg|thumb|'''يەتتە كۆز''' ، ئۇستاز شھریار]]
يەتتە كۆز سۇلدۇز شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ ، يەتتە كۆزى بولغاچقا يەتتە كۆز دەپ ئاتىلىدۇ.<ref>[https://www.mamlekatonline.ir/%D8%A8%D8%AE%D8%B4-%D8%A7%D8%B3%D8%AA%D8%A7%D9%86%DB%8C-27/14124-%D9%86%DA%AF%D8%A7%D9%87%DB%8C-%D8%A8%D9%87-%D8%AA%D9%81%D8%B1%D8%AC-%DA%AF%D8%A7%D9%87-%DB%8C%D8%A6%D8%AF%D8%AF%DB%8C-%DA%AF%D8%A4%D8%B2-%D9%86%D9%82%D8%AF%D9% يەتتە كۆز سۇلدۇز شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ] - [[ھۈسەيىن ۋاھىدى]]</ref>
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
6tyk1bvne1i1hshtdgpqeulc0p12x33
176470
176469
2026-09-10T07:18:38Z
CommonsDelinker
100
Removing [[:c:File:Yeddigoz-photo-Huseyn+vahedi.jpg|Yeddigoz-photo-Huseyn+vahedi.jpg]], it has been deleted from Commons by [[:c:User:Krd|Krd]] because: No permission since 2 September 2026.
176470
wikitext
text/x-wiki
'''يەتتە كۆز''' یاکی '''يەتتە كۆز بۇلىقى''' ([[ئەزەربەيجان تىلى|ئەزەربەيجان تۈركچىسى]]: یئددی گؤز، Yeddi göz)، ئۇ [[جەنۇبىي ئەزەربەيجان]]نىڭ [[سۇلدۇز]]دىكى [[بۇلاق]] ۋە باغچا.<ref>https://az.wikipedia.org/wiki/Yeddi_g%C3%B6z_bula%C4%9F%C4%B1</ref>
==تونۇشتۇرۇش==
يەتتە كۆز سۇلدۇز شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ ، يەتتە كۆزى بولغاچقا يەتتە كۆز دەپ ئاتىلىدۇ.<ref>[https://www.mamlekatonline.ir/%D8%A8%D8%AE%D8%B4-%D8%A7%D8%B3%D8%AA%D8%A7%D9%86%DB%8C-27/14124-%D9%86%DA%AF%D8%A7%D9%87%DB%8C-%D8%A8%D9%87-%D8%AA%D9%81%D8%B1%D8%AC-%DA%AF%D8%A7%D9%87-%DB%8C%D8%A6%D8%AF%D8%AF%DB%8C-%DA%AF%D8%A4%D8%B2-%D9%86%D9%82%D8%AF%D9% يەتتە كۆز سۇلدۇز شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ] - [[ھۈسەيىن ۋاھىدى]]</ref>
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
bp0592ietcxtmtthie9qc2meejdsbxc
دالامپر داغی
0
23399
176467
172950
2026-09-10T07:14:23Z
CommonsDelinker
100
Removing [[:c:File:Dalamperdagi--urmia-.jpg|Dalamperdagi--urmia-.jpg]], it has been deleted from Commons by [[:c:User:Krd|Krd]] because: No permission since 2 September 2026.
176467
wikitext
text/x-wiki
[[ھۆججەت:040315-DalamperSummit-IMG 7411-2.jpg|alt=دالامپر داغی|thumb|دالامپر داغی]]
'''دالامپر''' ياكى '''دالامپر داغى''' یاکی '''دالامپر داگی''' ، ئېگىزلىكى 3449 ، جۇغراپىيىلىك ئورنى N: 12.380-37) ۋە E: 47.395-44) ئىران ، تۈركىيە ۋە ئىراقتىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ چېگرا نۇقتىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، بىرى. ئەزەربەيجان رايونىدىكى مەنزىرىلىك رايونلارنىڭ.<ref>https://azb.wikipedia.org/wiki/%D8%AF%D8%A7%D9%84%D8%A7%D9%85%D9%BE%D8%B1_%D8%AF%D8%A7%D8%BA%DB%8C
</ref>
[[ھۆججەت:040314-Dalamper-IMG 7384-2.jpg|alt=Dhalampar Gölü|thumb|Dhalampar Gölü]]
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
9e46xendkq8o715qwhkmqqmr34fq3k7
تىمېره پېتروگلىفلىرى
0
23412
176468
176432
2026-09-10T07:18:28Z
CommonsDelinker
100
Removing [[:c:File:Turktamgalari-timore.jpg|Turktamgalari-timore.jpg]], it has been deleted from Commons by [[:c:User:Krd|Krd]] because: No permission since 2 September 2026.
176468
wikitext
text/x-wiki
'''تىمېردې تۈرك پېتروگلىفلىرى''' ياكى '''تىمېرېد تۈرك تاش سەنئىتى''' ، ([[ئەزەربەيجان تىلى|ئەزەربەيجان تۈركچە]]: تیمرهنین مانىرکجه داش یازمالاریٛ) ئىراننىڭ خومېين شەھىرىنىڭ تىمېرې رايونىدا بايقالغان تاشلارغا سىزىلغان بەلگىلەر بۇ رايوندا ياشايدىغان تۈركلەرگە مەنسۇپ. يىللار بۇرۇن.<ref>[https://www.star.com.tr/guncel/irandaki-taslarda-eski-turk-izleri-haber-883074/ İran'daki taşlarda eski Türk izleri]</ref>
تىمېر رايونىدىكى تاشلارغا ئويۇلغان تۈركلەرگە مەنسۇپ سانلار مىلادىدىن 2500 يىل بۇرۇن قەدىمكى تۈركلەرگە مەنسۇپ.<ref>[https://azb.wikipedia.org/wiki/%D8%AA%DB%8C%D9%85%D8%B1%D9%87%E2%80%8C%D9%86%DB%8C%D9%86_%D8%AA%D9%88%D8%B1%DA%A9%D8%AC%D9%87_%D8%AF%D8%A7%D8%B4_%DB%8C%D8%A7%D8%B2%D9%85%D8%A7%D9%84%D8%A7%D8%B1%DB%8C تیمرهنین تورکجه داش یازمالاری]</ref>
== مەنبەلەر ==
gabvpnwne14raicxj04ipew7atjuegk
دۇنيا تۈرك تىلى ئائىلە كۈنى
0
23836
176466
173431
2026-09-10T07:11:10Z
CommonsDelinker
100
Removing [[:c:File:15dekabr-dünyatürkdiliailəsigünü.jpg|15dekabr-dünyatürkdiliailəsigünü.jpg]], it has been deleted from Commons by [[:c:User:Krd|Krd]] because: No permission since 2 September 2026.
176466
wikitext
text/x-wiki
دۇنيا تۈرك تىلى ئائىلە كۈنى ( [[ئىنگلىز تىلى|ئىنگلىزچە]]: World Turkic Language Family Day) [[بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى|یونئسکو]] نىڭ [[سەمەرقەنت]] ([[ئۆزبېكىستان]]) دا ئۆتكۈزۈلگەن ۴۳-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا چىقىرىلغان قارار.<ref>"[https://unesdoc.unesco.org/ark:/48223/pf0000396088 World Turkic Language Family Day]". unesdoc.unesco.org. Retrieved 4 November 2025.</ref> <ref>[https://tdk.gov.tr/icerik/duyurular/unesco-15-araliki-dunya-turk-dili-ailesi-gunu-olarak-kabul-etti/ UNESCO, 15 Aralık’ı “Dünya Türk Dili Ailesi Günü” Olarak Kabul Etti]</ref>
==یونئسکونىڭ قارارى==
یونئسکو نىڭ ۴۳-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.<ref>[https://kerkukgazetesi.com/unesco-15-araliki-dunya-turk-dili-ailesi-gunu-olarak-ilan-etti/ UNESCO, 15 Aralık’ı “Dünya Türk Dili Ailesi Günü” Olarak İlan Etti]</ref>
۴۳-نۆۋەتلىك یونئسکو ئومۇمىي يىغىنىدا ، [[قازاقىستان]]، [[ئەزەربەيجان]]، [[قىرغىزىستان]]، [[تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى|تۈركىيە]] ۋە [[ئۆزبېكىستان]] '''۱۵-دېكابىرنى''' «'''خەلقئارا تۈرك تىلى كۈنى'''» دەپ ئېلان قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ، بۇ تەكلىپنى ۲۱ ئەزا دۆلەت قوللىدى. بۇ تەكلىپكە ئاساسەن ، ۱۵-دېكابىر «'''خەلقئارا تۈرك تىلى كۈنى'''» دەپ ئېتىراپ قىلىندى.<ref>[https://dilcilik.az/xeber.php?id=550 Dünya Türk Dili Ailəsi Günü] - ortaq ruhun bayramı</ref>
۱۲-ئاينىڭ ۱۵-كۈنىدىكى تاللاش ئالاھىدە مۇھىم. ۱۸۹۳-يىلى ۱۲-ئاينىڭ ۱۵-كۈنى ، [[دانىيە]] ئالىمى [[ۋىلخېلم تومسېن]] تۈرك تىلىدىكى ئەڭ قەدىمكى يازما ھۆججەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئورخون يېزىقىنى يېشىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ كۈن بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارىلىپ ، تۈرك تىلى ئائىلىسىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان تارىخى ۋە ئورتاق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى نامايان قىلدى.<ref>[https://astanatimes.com/2025/11/unesco-declares-world-turkic-language-family-day-in-december/ UNESCO Declares World Turkic Language Family Day in December]</ref>
==مەنبەلەر==
i1y12rus6al833i6w0c5v37g8kl08fx
رۇبائىيلاردىن تاللانما
0
24691
176463
176457
2026-09-09T20:32:12Z
UyghurArchive
25219
176463
wikitext
text/x-wiki
== ئابدۇرېھىم قاسىم ==
1
ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ئىزدىشىپ ساۋاب،
قىلىدۇ بەزىلەر مەككىنى تاۋاپ.
"ساۋاب" دەپ ۋەتەندىن كېچىش مەن ئۈچۈن
دوزاختا كۆيگەندىن بەتتەر چوڭ ئازاب .
2
تويغىچە يەپ تۇرۇپ شېرىن ئۈزۈمنى،
ۋەيران قىلامدىمەن ئۇنىڭ تېكىنى.
ئۆز يۇرتۇم بار تۇرۇپ، ياتقا كۆز تىكسەم،
سانجىلسۇن كۆزۈمگە نەپرەت تىكىنى.
3
قورقمايمەن باسسىمۇ توپان بىلەن سەل،
ۋە ياكى جان سوراپ تۇرسىمۇ ئەجەل.
جاھاندا قورقىمەن بىرلا نەرسىدىن:
رەنجىسە مېنىڭدىن مېنى تۇغقان ئەل.
4
يورۇقلۇق كۆرسەتتى ئانام كۆز بېرىپ،
تىلىمنى سۆزلەتتى تاتلىق سۆز بېرىپ.
گۇناھكار بولمامدىم قەرزنى ئاقلىماي،
ئالدىدا باش تاتىلاپ تۇرسام بېزىرىپ.
5
ئانىنىڭ بىر تېمىم سۈتى ھەققىگە،
يەتتە رەت ئاپارماق ھاجەت مەككىگە.
بىر تېمىم سۈت ھەققى شۇنچە ئۇلۇغكەن،
نېمە دەيسەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئەجرىگە.
6
بولمىسا ئانىنىڭ جاپالىق ئەجرى،
كۈلەمدۇ بالىنىڭ بەختى - تەلىيى.
بولسىمۇ مەرتىۋەڭ ئەرشى ئەلادا،
كەتمىسۇن قۇلاقتىن ئاناڭ ئەللىيى.
7
مەن ئۆلسەم يۇرتۇمنى كۆرۈپ ياتىمەن،
مۇقەددەس تۇپرىقىن سۆيۈپ ياتىمەن.
ئانام ئۆز باغرىدا قۇچاقلاپ تۇرغاچ،
بەئەينى ھاياتتەك كۈلۈپ ياتىمەن.
8
ھېچقاچان چىرايدىن ئۆلچەنمەس كىشى،
ۋە ياكى تارازا ئەمەستۇر يېشى.
ئاۋارە بولماڭلار ئۆلچەمنى ئىزدەپ،
نەق باھا ئىنسانغا ئەمەلىي ئىشى.
9
بەزىلەر ياشايدۇ ئاجايىپ بېخىل،
ئۆمرىدە ئۆزگىگە ئۆتكۈزمەيدۇ قىل.
قەرزدار بولۇپ قالساڭ، ئۈندۈرەر سەندىن،
پاشىنى توخۇ دەپ، ئۆمۈچۈكنى پىل.
10
بىلىمسىز ئادەمنىڭ ئەقلىمۇ قىسقا،
تاڭ قالما ئالتۇننى تېگىشسە مىسقا.
ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى ئوخشاتقىنىڭ ھەق،
شامالدا تارىلىپ تۈگىگەن ئىسقا.
11
بەزىلەر ۋاپانى ئۇنتۇيدۇ چاققان،
ئەسلى ئۇ بىر چايان، چاققىنى چاققان.
ئىنسانلار رېتىدىن ئۆچىدۇ نامى،
ئاش ئىچىپ، كۆز يۇمۇپ تاۋاقنى چاققان.
12
يا بىنا قىلغان بىر گۈللۈك بېغىڭ يوق،
باغ تۈگۈل كۆكلەتكەن بىر تال شېخىڭ يوق.
ئۆزگىلەر گۈل تىكسە قىرقىيسەن دائىم،
قايچا بوپ ئۆتمىگەن بىرمۇ چېغىڭ يوق.
13
ئېشەككە ئوڭلاپ مېنەلمەي تۇرۇپ،
دۇلدۇلغا ئېسىلما ئۆزەڭنى ئۇرۇپ.
ھەر ئىشنىڭ يولى بار ئۆگىنىش ئاتلىق،
بۇ يولسىز زورۇقساڭ تۈگەيسەن قۇرۇپ.
14
ئۇن قىلار ئۆمرۈمنى يىللار تۈگمىنى،
خالىساڭ مەيلى چاچ، مەيلى تۈگ مېنى.
ۋە لېكىن بارىمنى سۆزلىگىن ئەينەن،
تۆگە دەپ كۆرسەتمە بىر تال تۈگمىنى.
== '''ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر''' ==
1
مەجنۇنتال قەددىنى ئېگىپ مۇلايىم،
سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم.
سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا،
بۇرچىمىز قانچىلىك، ئويلايلى دائىم.
2
ھەرقانچە ئېگىزدە قۇش پەرۋاز قىلار،
ئوزۇقى، ئۇۋىسى يەر ئۆزرە بولار.
يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بېشىڭ،
پۇتلىرىڭ يەنە شۇ تۇپراقتا بولار.
3
تاھىرغا ئۆزىنىڭ زوھراسى ياخشى،
مەجنۇنغا ھۈردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.
مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمگە،
ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.
4
ئۆمۈر مەنزىلى ئاق قەغەزگە ئوخشار،
ھەر باسقان قەدەمدىن بىر ئىزىڭ قالار،
يا ماختان، يا ئۆكۈن، ئۆزەڭنىڭ ئىشى،
ئەڭ ئادىل ھۆكۈمنى ئەل ئاڭا يازار.
5
ئالتۇن جام ئىچرە مەي قوزغاتسا ھەۋەس،
گۈزەلنىڭ كۆزلىرى سېنى قىلسا مەس،
كۈنۈڭ ئۆتسە ئالقىش - ماختاشلار ئارا،
ئاگاھ بول، ھاياتنىڭ ئۆزى بۇ ئەمەس.
6
بىراۋلار ئەلگە قىلدى جېنىنى قۇربان،
بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان.
ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز - تاۋۇشسىز،
قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇغقانغا مىكيان.
7
ئەل غېمى - شادلىقى ئىلھامغا بۇلاق،
ئۇنىڭسىز شېئىردا بولماس خۇش پۇراق.
كۆر، ئالتۇن قاچىغا چىلانسىمۇ گۈل،
سولىشىپ كېتەر تېز، بولمىغاچ تۇپراق.
8
ئەل ئۈچۈن يۈگۈرتسەڭ قەغەزدە قەلەم.
تاغلارنىڭ بېشىغا تىكەرسەن ئەلەم.
ۋە لېكىن سۇ قوشۇپ قويساڭ سىياغا،
ئىزلىرىڭ تېز ئۆچۈپ، چېكەرسەن ئەلەم.
9
شۆھرەت كەمەرىگە ئۇزاتقىچە قول،
ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئاغامچىسى بول.
تاجدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغىچە،
كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول.
10
شېئىر يازماق ئاسان، ھەق سۆزلىمەك تەس،
شائىرغا ھىرىس - تاما بولمىغاي ھەۋەس.
يازغاننى قەدىرلە ئاۋۋال سەن ئۆزەڭ،
سېتىپ خەجلىگىلى ئۇ تاۋار ئەمەس.
11
قەددىڭنى پۈكۈپ سەن قىلمىغۇنچە يا،
ئاقمىسا تەرىڭدىن ۋە ياكى دەريا،
ئىندەككە كەلمەيدۇ بىلىمنىڭ قۇشى،
گەر بولسا قەلبىڭدە تېرىقچە رىيا.
12
ئۆتنە-يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش،
بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش.
بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېيىش،
ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ئار ئىش.
13
بىلمەكتىن مۇراد نام - شۆھرەت ئەمەستۇر،
شۆھرەتكە ئىنتىلىش رەزىل ھەۋەستۇر.
بىلگەننى دان قىلىپ ئېتىزغا چاچساڭ،
ھوسۇلى ئەلگە نەپ بولسا، شۇ بەستۇر.
14
بىرەر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش،
كۈلۈپ قويغىن ئاڭا، سەن قىلما كايىش.
ئېشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭراپ تاشلىشى،
ئاتوم دەۋرىدىمۇ تۇرمۇشتا بار ئىش.
15
دۇئا قىلسا ھەرچاغ مۆمىن مۇسۇلمان،
تىلەيدۇ دوزاختىن بولماقنى ئامان.
ۋە لېكىن دوزاخنىڭ ئۆزى ئېيتارمىش:
«مەن ئۆزەم قورقىمەن ناداندىن يامان.»
16
كۆپەيسە دۈشمىنىڭ، سەن بولما غەمناك،
بېرۇر ئۇ ھەم ساڭا ئەقىل ۋە ئىدراك.
ئەگەرچە چاقمىسا ئادەمنى يىلان،
قەيەردىن تېپىلاتتى دورا - تەرياك.
17
ئۇنىكىم دوست دېمە، راھەتتە ئىناق،
ئايرىلسا سېنىڭدىن غۇربەتتە بىراق.
سايەڭگە نەزەر سال تەپەككۇر بىلەن،
يورۇقتا بىللەيۇ، زۇلمەتتە يىراق.
18
نېچۈن ئوتقا ئۇرار ئۆزىن پەرۋانە،
نېچۈن شام ئاققۇزار كۆزدىن دۇردانە.
نە بىلسۇن ھاياتنىڭ بۇ سىرلىرىنى،
تۇرمۇشتىن چەتلەشكەن زاھىد مەستانە.
19
يالغانچىنىڭ تىلى چېچەكسىز پەلەك،
چېچەكسىز پەلەكتە نە قىلسۇن خەمەك.
ئۇزارغانسېرى ئۇ ئۆز ئىگىسىنى،
بوغىدۇ يىلاندەك بولۇپ چەمبىرەك.
20
ئالتۇن ھەل يالاتساڭ كېسەكتۇر كېسەك،
گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ تېزەكلەر ئېشەك.
كۆرۈمسىز شۇ پىلە قۇرۇتىغا باق،
يەپ ئاددىي يوپۇرماق، بېرىدۇ يىپەك.
21
جاراڭلىق ھەر سادا بولمايدۇ ناخشا،
مۇھەببەت، نەپرەتسىز چىقمايدۇ ناخشا.
ئېشەكمۇ بەزىدە ھاڭرايدۇ قاتتىق،
ئۇنى ئەل ھېچقاچان دېمەيدۇ ناخشا.
22
ئەجىبا بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەر خىل ھېس قىلار ئىكەن.
ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،
ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
23
ئۇنىكىم دوست دېمە غەيۋەتكە ماھىر،
سېنى ھەم قويمىغاي بىر چەتتە ئاخىر.
مىسالى چاياندۇر، ئۇنىڭ ئالدىدا
قېرى - ياش ۋە بوۋاق، دانىش بەرىبىر.
24
بۈيۈك تاغنى تالقان قىلسىمۇ ئەگەر،
ئۆزىگە تەمەننا قويماس يىگىت - ئەر.
كۆر، پىلە قۇرۇتى چېغىدا ھەر ياز،
پۈتتۈرگەچ غوزىنى، بىمىننەت ئۆلەر.
25
ياشلىق - ئۇ ئۆمۈرنىڭ تۇنجى باھارى،
باھارغا باغلىقتۇر ھەر يىلنىڭ كارى.
نېمە چاچسا يەرگە باھاردا دېھقان،
شۇنىڭ بىرلە توشقاي كۈزدە باھارى.
26
كۆكلەم-باھار كەتسە، يېنىپ كەلگەن بار،
جاندىن كەچسە جاناننى تېپىپ سۆيگەن بار.
ئېيتىڭچۇ بىر كەتكەن ياشلىق كەينىدىن،
قوغلىشىپ جاھاندا كىممۇ يەتكەن بار.
27
نەزەر سال يېقىلغان گۈلخانغا بىردەم،
ئۇنىڭ خۇلقى - مىجەزى قانداق مۈكەررەم.
يورۇتقاچ بىپايان چۆللەرنى، ئاندىن
ياتار بىر دۆۋە كۈل بولۇپ ئۇ دىلجەم.
28
كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ،
جاھان تۇرماق، ھەتتا ئاسمان سىغىدۇ.
مۇبادا رەشك - ھەسەت قاپلىسا ئۇنى،
تېرىقنىڭ قاسرىقىمۇ ئاران سىغىدۇ.
29
مېنى باغدىن ئەمەس، چۆلدىن ئىزدەڭلار،
ۋە يا باغراش دېگەن كۆلدىن ئىزدەڭلار.
ئۇنىڭدىن ياخشىسى، ئۇزۇن سەپەردە
يېقىلغان گۈلخاندىكى كۈلدىن ئىزدەڭلار.
== '''ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر''' ==
1
ۋاز كەچمەيدىغانلار ھارام نىيەتتىن،
كۆپەرەك سۆزلەيدۇ سەمىمىيەتتىن.
ئالدىڭدا راۋاققا تەكلىپ قىلسىمۇ،
ئارقاڭدىن ئورا كولار ھەسەتتىن.
2
بەزىلەر ئالدىڭدا دولاڭنى قېقىپ،
ماختايدۇ ھە دېسە شالىنى چېچىپ.
ئۇلارنىڭ ساڭا تون ياپمىقى يالغان،
يۈرىدۇ پىنھاندا كېپەنلىك پىچىپ.
== '''ئابدۇسەمەت خېلىل''' ==
1
بىراۋغا ھەرگىز قىلما يامانلىق،
ئۆلسە ئۇ ساڭا تەگمەس سامانلىق.
كەڭرى يول ئاچساڭ ئامانلىق ئۈچۈن،
ھەر كىم تىلەيدۇ ساڭا ئامانلىق.
2
قولۇڭدىن كەلگەنچە قىل ھامان ھىممەت،
ئارقىدىن ئۇنى قىلمىغىن مىننەت.
چۈنكى ئىنساننىڭ قەدرى - قىممىتى،
خالىس ئىش بىلەن ئۆلچىنەر پەقەت.
== '''ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن''' ==
1
ئايلاندىم كۆپ دىيار - ۋەتەننى، ياتنى،
تاپمىدىم ئۆز يۇرتتەك قۇدرەت - قاناتنى.
ئەل ئالتۇن بۆشۈكۈم، ئەل گۆھەر تەختىم،
قۇت بىلدىم بىر زامان چەككەن پەريادنى.
2
ئەقىلنىڭ جەۋھىرى ھېكمەت يېڭىلمەس،
ھېكمەتسىز مەنىلىك سۆھبەت تۈزۈلمەس.
چىن ھېكمەت تۇرمۇشنىڭ ئەينىكى، كۆركى،
ئەل ئامان، ھېكمەتنىڭ يىپى ئۈزۈلمەس.
3
قىسمىتى قامۇس ھاياتنىڭ ھەر بېتى راھەت ماڭا،
مەيلى قايغۇ، مەيلى شادلىق كەلگىنى ئامەت ماڭا.
بولسا گەر قەلبىڭدە ھېكمەت قىلغۇلۇق جۇتنى باھار،
بولمىسا قەلبىمدە ھېكمەت، ئامىتىم ئاپەت ماڭا.
4
بولمىسا شاخىڭدا بۇلبۇل سەرۋى قامەت مەنىسىز،
كۈلمىسە يېنىڭدا جانان، بەختۇئامەت مەنىسىز.
زېھنۇ كارىڭنى ئەگەر ئەل، بەختىگە بەخش ئەتمىسەڭ،
ئۆز غېمىڭ ئۈستىدە قىلغان ئىستىقامەت مەنىسىز.
5
قەلەم قۇدرەتلىك ئەجدىھا، سىياھ قان،
ئۇنىڭ ئالدىدا ئاجىز شاھۇ سۇلتان.
يوقالدى يەتتە گۈلشەن باغى بەھرام،
ياشار نىزامى پۈتكەن ئۇشبۇ داستان.
6
ئۆزگىنى ياراتماس ئۆزىدىن باشقا،
تەڭ كۆرمەس ياقۇتنى ئۆزدىكى تاشقا.
ۋە بەلكىم سالغاندۇر رەببىم ئەخمەقلىق
دەردىنى ئەڭ ئەخمەق رەشىكچى باشقا.
== '''ئابدۇكېرىم خوجا''' ==
1
ئانام بوغدا زەردىن تۇتۇپ جىيەكلىك،
كىيىۋاپتۇ خان ئەتلەستىن كۆڭلەكلىك.
ئولتۇرۇپتۇ قىلىپ چوڭقۇر تەپەككۇر،
كۆك گىلەمنىڭ ئۈستىدە ئاق لىچەكلىك.
2
سالمىقى سۆزنىڭ ئەمەس ئاۋازىدا،
ياكى ناتىقنىڭ ئۇلۇغ ئەلپازىدا.
بارمۇ، يوق قىلغان سۆزىنىڭ قىممىتى،
ئۆلچىگىن چوتتا ئەمەس تارازىدا.
3
مېۋىنىڭ ئىنسان ئارا ھۆرمىتى كۆپ،
بەلكى گۈلنىڭمۇ پۇراق لەززىتى كۆپ.
ئەمما ئاددىي چاغلىما ياپراقنىمۇ،
گۈل ۋە مېۋە ئالدىدا خىزمىتى كۆپ.
4
مېۋىلىك قىلغان دەرەخنى يىلتىزى،
تولىدۇ شۇڭا ئېتەكمۇ كۈز كېزى.
مېۋىنى يېگەن بۇنى ئويلامدۇ، يوق،
بىر خۇدا بىلگەي ئۇنى ھەم بىر ئۆزى.
5
كۈندۈزى بولسا ھاۋا قانچە ئوچۇق،
كېتىدۇ سايەم بولۇپ شۇنچە قويۇق.
تۈن بىراق قورشاپ مېنى كەلسە شۇ دەم،
تاپقىلى بولماس پەقەت ئۇ ياندا يوق.
6
ئاۋۇغاي دەپ سۈتكە سۇ قوشساڭ بىراق،
سۈيى سۇچە قالىدۇ ھەم ئېقى ئاق.
چىن ھەقىقەتنىڭ سىرى شۇنداق نېمە،
سۇ كۆتۈرمەس سىركىسى ياق، زادى ياق.
7
كىم ئىشەنچكە قالسا گەر لايىق بولۇپ،
قالغىنى شۇ ئەلگە ئۇ بايلىق بولۇپ.
ئەمما بۇ مەرتىۋىگە يەتمەك قىيىن،
كەلمىسە ھەر ئىشىدا سادىق بولۇپ.
8
شوتىنىڭ رولى ئېنىق ئۆرگە چىقىش،
زادىلا پۈتۈلمىگەن تۆرگە چىقىش.
باسمىساڭ راۋۇرۇس ئاياغ بالدىقىغا،
كۈتىدۇ پەستە سېنى موللاق ئېتىش.
9
ھاك تېشىنىڭ تېشى خۇنۈك، ئىچى ئاق،
قەلبى چوغ، گەر بولسىمۇ تەرى سوغاق.
سەن ئاڭا سەپسەڭ سوغاق سۇ قانچە كۆپ،
ئىچىدىن قاينايدۇ ئوت شۇنچە ئۇزاق.
10
يازدا باقسام ياش ئىدى باغدا ياڭاق،
كۈزدە قېرىپتۇ بېسىپ قورۇق بىراق.
كاللىسىنىڭ پىشقىنى ئەمەسمۇ شۇ،
پۈتمىسەڭ، يېرىپ ئۇنى، ئىچىگە باق.
11
مامكاپ ئەنجۈرگە دەرمىش دوق قىلىپ:
«گۈل ئارا نەدىن ئېزىپ قالدىڭ كېلىپ؟»
دەپتۇ ئەنجۈر: «كەلسە كۈز ئايان بولۇر،
كەلگىنى كىمنىڭ دۇرۇس، كىمنىڭ ئېزىپ.»
12
ماركىنىڭ ھەرقانچە بولسۇن سەنئىتى،
بەرىبىر بولغاي تاۋارنىڭ زىننىتى.
تېگى پىششىق، چىڭلا بولسا شۇ تاۋار،
ماركىسىزمۇ زادى كەتمەس قىممىتى.
13
لاپ قىلىپ ياندى گۇگۇت، ئۆچتى، بىراق
قالدى تۈن ئىلكىدە ئۇندىن شام - چىراق.
كى ئۆمۈرنىڭ قىممىتى ھەم قەدرى شۇ،
بولمىسا ھاجەت نېمە ياشاش ئۇزاق.
14
- يارىشىپتۇ دوپپىڭىز سىزگە قەۋەت،
نە سەۋەبتىن كەلدىڭىز كىيمەي پەقەت؟
- بولمىسا ئۇ چاغدا باش زادى بىكار،
دوپپىغا نەدىن نېسىپ بولسۇن نۆۋەت.
15
چوت ۋە يا كەتمەننى ساپلاش تەس ئەمەس،
كېتىدۇ نايەت ئاڭا ئىرغايلا، بەس.
تاج ياساشمۇ ئانچە بىر تەس ئىش ئەمەس،
ئاڭا لايىق باش تېپىش تەس، بەكمۇ تەس.
16
ئىت ساڭا ھۈرگەندە رەنجىپ كەتمىگىن،
ھۈنىرى، خۇي - پەيلى شۇنداق ئەسلىدىن.
ھۈرمىسە قانداق ئاتالسۇن ئىت بولۇپ،
كىم سېنى بول دەپتۇ ئادەم نەسلىدىن.
17
مۇبادا پاقىلار ئاشۇ پىلىدەك،
چىقىرالايدىغان بولسىدى يىپەك.
قۇلاقنى يەپ، جانغا جازا سالاتتى،
كۇكۇراپ جاھاننى باشقا كىيگىدەك.
18
كېلىدۇ يازدا تومۇزغا، ئۆزىچە،
ناخشا ئېيتار توختىماي كۈندۈز - كېچە.
ئېيتقىنى ئېيتقان ئۇنىڭ بىر ناخشىنى،
بىلمىدىم ئېيتار يەنە قاچانغىچە.
مەنبە: [https://uyghur-archive.blogspot.com/2026/09/blog-post_09.html رۇبائىيلاردىن تاللانما]
rw50594x9ewxep9xlfxccqod2a3bgoq
176464
176463
2026-09-09T20:37:56Z
UyghurArchive
25219
176464
wikitext
text/x-wiki
== ئابدۇرېھىم قاسىم ==
1
ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ئىزدىشىپ ساۋاب،
قىلىدۇ بەزىلەر مەككىنى تاۋاپ.
"ساۋاب" دەپ ۋەتەندىن كېچىش مەن ئۈچۈن
دوزاختا كۆيگەندىن بەتتەر چوڭ ئازاب .
2
تويغىچە يەپ تۇرۇپ شېرىن ئۈزۈمنى،
ۋەيران قىلامدىمەن ئۇنىڭ تېكىنى.
ئۆز يۇرتۇم بار تۇرۇپ، ياتقا كۆز تىكسەم،
سانجىلسۇن كۆزۈمگە نەپرەت تىكىنى.
3
قورقمايمەن باسسىمۇ توپان بىلەن سەل،
ۋە ياكى جان سوراپ تۇرسىمۇ ئەجەل.
جاھاندا قورقىمەن بىرلا نەرسىدىن:
رەنجىسە مېنىڭدىن مېنى تۇغقان ئەل.
4
يورۇقلۇق كۆرسەتتى ئانام كۆز بېرىپ،
تىلىمنى سۆزلەتتى تاتلىق سۆز بېرىپ.
گۇناھكار بولمامدىم قەرزنى ئاقلىماي،
ئالدىدا باش تاتىلاپ تۇرسام بېزىرىپ.
5
ئانىنىڭ بىر تېمىم سۈتى ھەققىگە،
يەتتە رەت ئاپارماق ھاجەت مەككىگە.
بىر تېمىم سۈت ھەققى شۇنچە ئۇلۇغكەن،
نېمە دەيسەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئەجرىگە.
6
بولمىسا ئانىنىڭ جاپالىق ئەجرى،
كۈلەمدۇ بالىنىڭ بەختى - تەلىيى.
بولسىمۇ مەرتىۋەڭ ئەرشى ئەلادا،
كەتمىسۇن قۇلاقتىن ئاناڭ ئەللىيى.
7
مەن ئۆلسەم يۇرتۇمنى كۆرۈپ ياتىمەن،
مۇقەددەس تۇپرىقىن سۆيۈپ ياتىمەن.
ئانام ئۆز باغرىدا قۇچاقلاپ تۇرغاچ،
بەئەينى ھاياتتەك كۈلۈپ ياتىمەن.
8
ھېچقاچان چىرايدىن ئۆلچەنمەس كىشى،
ۋە ياكى تارازا ئەمەستۇر يېشى.
ئاۋارە بولماڭلار ئۆلچەمنى ئىزدەپ،
نەق باھا ئىنسانغا ئەمەلىي ئىشى.
9
بەزىلەر ياشايدۇ ئاجايىپ بېخىل،
ئۆمرىدە ئۆزگىگە ئۆتكۈزمەيدۇ قىل.
قەرزدار بولۇپ قالساڭ، ئۈندۈرەر سەندىن،
پاشىنى توخۇ دەپ، ئۆمۈچۈكنى پىل.
10
بىلىمسىز ئادەمنىڭ ئەقلىمۇ قىسقا،
تاڭ قالما ئالتۇننى تېگىشسە مىسقا.
ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى ئوخشاتقىنىڭ ھەق،
شامالدا تارىلىپ تۈگىگەن ئىسقا.
11
بەزىلەر ۋاپانى ئۇنتۇيدۇ چاققان،
ئەسلى ئۇ بىر چايان، چاققىنى چاققان.
ئىنسانلار رېتىدىن ئۆچىدۇ نامى،
ئاش ئىچىپ، كۆز يۇمۇپ تاۋاقنى چاققان.
12
يا بىنا قىلغان بىر گۈللۈك بېغىڭ يوق،
باغ تۈگۈل كۆكلەتكەن بىر تال شېخىڭ يوق.
ئۆزگىلەر گۈل تىكسە قىرقىيسەن دائىم،
قايچا بوپ ئۆتمىگەن بىرمۇ چېغىڭ يوق.
13
ئېشەككە ئوڭلاپ مېنەلمەي تۇرۇپ،
دۇلدۇلغا ئېسىلما ئۆزەڭنى ئۇرۇپ.
ھەر ئىشنىڭ يولى بار ئۆگىنىش ئاتلىق،
بۇ يولسىز زورۇقساڭ تۈگەيسەن قۇرۇپ.
14
ئۇن قىلار ئۆمرۈمنى يىللار تۈگمىنى،
خالىساڭ مەيلى چاچ، مەيلى تۈگ مېنى.
ۋە لېكىن بارىمنى سۆزلىگىن ئەينەن،
تۆگە دەپ كۆرسەتمە بىر تال تۈگمىنى.
== '''ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر''' ==
1
مەجنۇنتال قەددىنى ئېگىپ مۇلايىم،
سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم.
سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا،
بۇرچىمىز قانچىلىك، ئويلايلى دائىم.
2
ھەرقانچە ئېگىزدە قۇش پەرۋاز قىلار،
ئوزۇقى، ئۇۋىسى يەر ئۆزرە بولار.
يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بېشىڭ،
پۇتلىرىڭ يەنە شۇ تۇپراقتا بولار.
3
تاھىرغا ئۆزىنىڭ زوھراسى ياخشى،
مەجنۇنغا ھۈردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.
مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمگە،
ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.
4
ئۆمۈر مەنزىلى ئاق قەغەزگە ئوخشار،
ھەر باسقان قەدەمدىن بىر ئىزىڭ قالار،
يا ماختان، يا ئۆكۈن، ئۆزەڭنىڭ ئىشى،
ئەڭ ئادىل ھۆكۈمنى ئەل ئاڭا يازار.
5
ئالتۇن جام ئىچرە مەي قوزغاتسا ھەۋەس،
گۈزەلنىڭ كۆزلىرى سېنى قىلسا مەس،
كۈنۈڭ ئۆتسە ئالقىش - ماختاشلار ئارا،
ئاگاھ بول، ھاياتنىڭ ئۆزى بۇ ئەمەس.
6
بىراۋلار ئەلگە قىلدى جېنىنى قۇربان،
بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان.
ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز - تاۋۇشسىز،
قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇغقانغا مىكيان.
7
ئەل غېمى - شادلىقى ئىلھامغا بۇلاق،
ئۇنىڭسىز شېئىردا بولماس خۇش پۇراق.
كۆر، ئالتۇن قاچىغا چىلانسىمۇ گۈل،
سولىشىپ كېتەر تېز، بولمىغاچ تۇپراق.
8
ئەل ئۈچۈن يۈگۈرتسەڭ قەغەزدە قەلەم.
تاغلارنىڭ بېشىغا تىكەرسەن ئەلەم.
ۋە لېكىن سۇ قوشۇپ قويساڭ سىياغا،
ئىزلىرىڭ تېز ئۆچۈپ، چېكەرسەن ئەلەم.
9
شۆھرەت كەمەرىگە ئۇزاتقىچە قول،
ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئاغامچىسى بول.
تاجدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغىچە،
كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول.
10
شېئىر يازماق ئاسان، ھەق سۆزلىمەك تەس،
شائىرغا ھىرىس - تاما بولمىغاي ھەۋەس.
يازغاننى قەدىرلە ئاۋۋال سەن ئۆزەڭ،
سېتىپ خەجلىگىلى ئۇ تاۋار ئەمەس.
11
قەددىڭنى پۈكۈپ سەن قىلمىغۇنچە يا،
ئاقمىسا تەرىڭدىن ۋە ياكى دەريا،
ئىندەككە كەلمەيدۇ بىلىمنىڭ قۇشى،
گەر بولسا قەلبىڭدە تېرىقچە رىيا.
12
ئۆتنە-يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش،
بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش.
بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېيىش،
ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ئار ئىش.
13
بىلمەكتىن مۇراد نام - شۆھرەت ئەمەستۇر،
شۆھرەتكە ئىنتىلىش رەزىل ھەۋەستۇر.
بىلگەننى دان قىلىپ ئېتىزغا چاچساڭ،
ھوسۇلى ئەلگە نەپ بولسا، شۇ بەستۇر.
14
بىرەر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش،
كۈلۈپ قويغىن ئاڭا، سەن قىلما كايىش.
ئېشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭراپ تاشلىشى،
ئاتوم دەۋرىدىمۇ تۇرمۇشتا بار ئىش.
15
دۇئا قىلسا ھەرچاغ مۆمىن مۇسۇلمان،
تىلەيدۇ دوزاختىن بولماقنى ئامان.
ۋە لېكىن دوزاخنىڭ ئۆزى ئېيتارمىش:
«مەن ئۆزەم قورقىمەن ناداندىن يامان.»
16
كۆپەيسە دۈشمىنىڭ، سەن بولما غەمناك،
بېرۇر ئۇ ھەم ساڭا ئەقىل ۋە ئىدراك.
ئەگەرچە چاقمىسا ئادەمنى يىلان،
قەيەردىن تېپىلاتتى دورا - تەرياك.
17
ئۇنىكىم دوست دېمە، راھەتتە ئىناق،
ئايرىلسا سېنىڭدىن غۇربەتتە بىراق.
سايەڭگە نەزەر سال تەپەككۇر بىلەن،
يورۇقتا بىللەيۇ، زۇلمەتتە يىراق.
18
نېچۈن ئوتقا ئۇرار ئۆزىن پەرۋانە،
نېچۈن شام ئاققۇزار كۆزدىن دۇردانە.
نە بىلسۇن ھاياتنىڭ بۇ سىرلىرىنى،
تۇرمۇشتىن چەتلەشكەن زاھىد مەستانە.
19
يالغانچىنىڭ تىلى چېچەكسىز پەلەك،
چېچەكسىز پەلەكتە نە قىلسۇن خەمەك.
ئۇزارغانسېرى ئۇ ئۆز ئىگىسىنى،
بوغىدۇ يىلاندەك بولۇپ چەمبىرەك.
20
ئالتۇن ھەل يالاتساڭ كېسەكتۇر كېسەك،
گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ تېزەكلەر ئېشەك.
كۆرۈمسىز شۇ پىلە قۇرۇتىغا باق،
يەپ ئاددىي يوپۇرماق، بېرىدۇ يىپەك.
21
جاراڭلىق ھەر سادا بولمايدۇ ناخشا،
مۇھەببەت، نەپرەتسىز چىقمايدۇ ناخشا.
ئېشەكمۇ بەزىدە ھاڭرايدۇ قاتتىق،
ئۇنى ئەل ھېچقاچان دېمەيدۇ ناخشا.
22
ئەجىبا بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەر خىل ھېس قىلار ئىكەن.
ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،
ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
23
ئۇنىكىم دوست دېمە غەيۋەتكە ماھىر،
سېنى ھەم قويمىغاي بىر چەتتە ئاخىر.
مىسالى چاياندۇر، ئۇنىڭ ئالدىدا
قېرى - ياش ۋە بوۋاق، دانىش بەرىبىر.
24
بۈيۈك تاغنى تالقان قىلسىمۇ ئەگەر،
ئۆزىگە تەمەننا قويماس يىگىت - ئەر.
كۆر، پىلە قۇرۇتى چېغىدا ھەر ياز،
پۈتتۈرگەچ غوزىنى، بىمىننەت ئۆلەر.
25
ياشلىق - ئۇ ئۆمۈرنىڭ تۇنجى باھارى،
باھارغا باغلىقتۇر ھەر يىلنىڭ كارى.
نېمە چاچسا يەرگە باھاردا دېھقان،
شۇنىڭ بىرلە توشقاي كۈزدە باھارى.
26
كۆكلەم-باھار كەتسە، يېنىپ كەلگەن بار،
جاندىن كەچسە جاناننى تېپىپ سۆيگەن بار.
ئېيتىڭچۇ بىر كەتكەن ياشلىق كەينىدىن،
قوغلىشىپ جاھاندا كىممۇ يەتكەن بار.
27
نەزەر سال يېقىلغان گۈلخانغا بىردەم،
ئۇنىڭ خۇلقى - مىجەزى قانداق مۈكەررەم.
يورۇتقاچ بىپايان چۆللەرنى، ئاندىن
ياتار بىر دۆۋە كۈل بولۇپ ئۇ دىلجەم.
28
كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ،
جاھان تۇرماق، ھەتتا ئاسمان سىغىدۇ.
مۇبادا رەشك - ھەسەت قاپلىسا ئۇنى،
تېرىقنىڭ قاسرىقىمۇ ئاران سىغىدۇ.
29
مېنى باغدىن ئەمەس، چۆلدىن ئىزدەڭلار،
ۋە يا باغراش دېگەن كۆلدىن ئىزدەڭلار.
ئۇنىڭدىن ياخشىسى، ئۇزۇن سەپەردە
يېقىلغان گۈلخاندىكى كۈلدىن ئىزدەڭلار.
== '''ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر''' ==
1
ۋاز كەچمەيدىغانلار ھارام نىيەتتىن،
كۆپەرەك سۆزلەيدۇ سەمىمىيەتتىن.
ئالدىڭدا راۋاققا تەكلىپ قىلسىمۇ،
ئارقاڭدىن ئورا كولار ھەسەتتىن.
2
2
بەزىلەر ئالدىڭدا دولاڭنى قېقىپ،
ماختايدۇ ھە دېسە شالىنى چېچىپ.
ئۇلارنىڭ ساڭا تون ياپمىقى يالغان،
يۈرىدۇ پىنھاندا كېپەنلىك پىچىپ.
== '''ئابدۇسەمەت خېلىل''' ==
1
بىراۋغا ھەرگىز قىلما يامانلىق،
ئۆلسە ئۇ ساڭا تەگمەس سامانلىق.
كەڭرى يول ئاچساڭ ئامانلىق ئۈچۈن،
ھەر كىم تىلەيدۇ ساڭا ئامانلىق.
2
2
قولۇڭدىن كەلگەنچە قىل ھامان ھىممەت،
ئارقىدىن ئۇنى قىلمىغىن مىننەت.
چۈنكى ئىنساننىڭ قەدرى - قىممىتى،
خالىس ئىش بىلەن ئۆلچىنەر پەقەت.
== '''ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن''' ==
1
ئايلاندىم كۆپ دىيار - ۋەتەننى، ياتنى،
تاپمىدىم ئۆز يۇرتتەك قۇدرەت - قاناتنى.
ئەل ئالتۇن بۆشۈكۈم، ئەل گۆھەر تەختىم،
قۇت بىلدىم بىر زامان چەككەن پەريادنى.
2
2
ئەقىلنىڭ جەۋھىرى ھېكمەت يېڭىلمەس،
ھېكمەتسىز مەنىلىك سۆھبەت تۈزۈلمەس.
چىن ھېكمەت تۇرمۇشنىڭ ئەينىكى، كۆركى،
ئەل ئامان، ھېكمەتنىڭ يىپى ئۈزۈلمەس.
3
3
قىسمىتى قامۇس ھاياتنىڭ ھەر بېتى راھەت ماڭا،
مەيلى قايغۇ، مەيلى شادلىق كەلگىنى ئامەت ماڭا.
بولسا گەر قەلبىڭدە ھېكمەت قىلغۇلۇق جۇتنى باھار،
بولمىسا قەلبىمدە ھېكمەت، ئامىتىم ئاپەت ماڭا.
4
4
بولمىسا شاخىڭدا بۇلبۇل سەرۋى قامەت مەنىسىز،
كۈلمىسە يېنىڭدا جانان، بەختۇئامەت مەنىسىز.
زېھنۇ كارىڭنى ئەگەر ئەل، بەختىگە بەخش ئەتمىسەڭ،
ئۆز غېمىڭ ئۈستىدە قىلغان ئىستىقامەت مەنىسىز.
5
5
قەلەم قۇدرەتلىك ئەجدىھا، سىياھ قان،
ئۇنىڭ ئالدىدا ئاجىز شاھۇ سۇلتان.
يوقالدى يەتتە گۈلشەن باغى بەھرام،
ياشار نىزامى پۈتكەن ئۇشبۇ داستان.
6
6
ئۆزگىنى ياراتماس ئۆزىدىن باشقا،
تەڭ كۆرمەس ياقۇتنى ئۆزدىكى تاشقا.
ۋە بەلكىم سالغاندۇر رەببىم ئەخمەقلىق
دەردىنى ئەڭ ئەخمەق رەشىكچى باشقا.
== '''ئابدۇكېرىم خوجا''' ==
1
ئانام بوغدا زەردىن تۇتۇپ جىيەكلىك،
كىيىۋاپتۇ خان ئەتلەستىن كۆڭلەكلىك.
ئولتۇرۇپتۇ قىلىپ چوڭقۇر تەپەككۇر،
كۆك گىلەمنىڭ ئۈستىدە ئاق لىچەكلىك.
2
2
سالمىقى سۆزنىڭ ئەمەس ئاۋازىدا،
ياكى ناتىقنىڭ ئۇلۇغ ئەلپازىدا.
بارمۇ، يوق قىلغان سۆزىنىڭ قىممىتى،
ئۆلچىگىن چوتتا ئەمەس تارازىدا.
3
3
مېۋىنىڭ ئىنسان ئارا ھۆرمىتى كۆپ،
بەلكى گۈلنىڭمۇ پۇراق لەززىتى كۆپ.
ئەمما ئاددىي چاغلىما ياپراقنىمۇ،
گۈل ۋە مېۋە ئالدىدا خىزمىتى كۆپ.
4
4
مېۋىلىك قىلغان دەرەخنى يىلتىزى،
تولىدۇ شۇڭا ئېتەكمۇ كۈز كېزى.
مېۋىنى يېگەن بۇنى ئويلامدۇ، يوق،
بىر خۇدا بىلگەي ئۇنى ھەم بىر ئۆزى.
5
5
كۈندۈزى بولسا ھاۋا قانچە ئوچۇق،
كېتىدۇ سايەم بولۇپ شۇنچە قويۇق.
تۈن بىراق قورشاپ مېنى كەلسە شۇ دەم،
تاپقىلى بولماس پەقەت ئۇ ياندا يوق.
6
6
ئاۋۇغاي دەپ سۈتكە سۇ قوشساڭ بىراق،
سۈيى سۇچە قالىدۇ ھەم ئېقى ئاق.
چىن ھەقىقەتنىڭ سىرى شۇنداق نېمە،
سۇ كۆتۈرمەس سىركىسى ياق، زادى ياق.
7
7
كىم ئىشەنچكە قالسا گەر لايىق بولۇپ،
قالغىنى شۇ ئەلگە ئۇ بايلىق بولۇپ.
ئەمما بۇ مەرتىۋىگە يەتمەك قىيىن،
كەلمىسە ھەر ئىشىدا سادىق بولۇپ.
8
شوتىنىڭ رولى ئېنىق ئۆرگە چىقىش،
زادىلا پۈتۈلمىگەن تۆرگە چىقىش.
باسمىساڭ راۋۇرۇس ئاياغ بالدىقىغا،
كۈتىدۇ پەستە سېنى موللاق ئېتىش.
9
9
ھاك تېشىنىڭ تېشى خۇنۈك، ئىچى ئاق،
قەلبى چوغ، گەر بولسىمۇ تەرى سوغاق.
سەن ئاڭا سەپسەڭ سوغاق سۇ قانچە كۆپ،
ئىچىدىن قاينايدۇ ئوت شۇنچە ئۇزاق.
10
10
يازدا باقسام ياش ئىدى باغدا ياڭاق،
كۈزدە قېرىپتۇ بېسىپ قورۇق بىراق.
كاللىسىنىڭ پىشقىنى ئەمەسمۇ شۇ،
پۈتمىسەڭ، يېرىپ ئۇنى، ئىچىگە باق.
11
11
مامكاپ ئەنجۈرگە دەرمىش دوق قىلىپ:
«گۈل ئارا نەدىن ئېزىپ قالدىڭ كېلىپ؟»
دەپتۇ ئەنجۈر: «كەلسە كۈز ئايان بولۇر،
كەلگىنى كىمنىڭ دۇرۇس، كىمنىڭ ئېزىپ.»
12
12
ماركىنىڭ ھەرقانچە بولسۇن سەنئىتى،
بەرىبىر بولغاي تاۋارنىڭ زىننىتى.
تېگى پىششىق، چىڭلا بولسا شۇ تاۋار،
ماركىسىزمۇ زادى كەتمەس قىممىتى.
13
13
لاپ قىلىپ ياندى گۇگۇت، ئۆچتى، بىراق
قالدى تۈن ئىلكىدە ئۇندىن شام - چىراق.
كى ئۆمۈرنىڭ قىممىتى ھەم قەدرى شۇ،
بولمىسا ھاجەت نېمە ياشاش ئۇزاق.
14
14
- يارىشىپتۇ دوپپىڭىز سىزگە قەۋەت،
نە سەۋەبتىن كەلدىڭىز كىيمەي پەقەت؟
- بولمىسا ئۇ چاغدا باش زادى بىكار،
دوپپىغا نەدىن نېسىپ بولسۇن نۆۋەت.
15
15
چوت ۋە يا كەتمەننى ساپلاش تەس ئەمەس،
كېتىدۇ نايەت ئاڭا ئىرغايلا، بەس.
تاج ياساشمۇ ئانچە بىر تەس ئىش ئەمەس،
ئاڭا لايىق باش تېپىش تەس، بەكمۇ تەس.
16
16
ئىت ساڭا ھۈرگەندە رەنجىپ كەتمىگىن،
ھۈنىرى، خۇي - پەيلى شۇنداق ئەسلىدىن.
ھۈرمىسە قانداق ئاتالسۇن ئىت بولۇپ،
كىم سېنى بول دەپتۇ ئادەم نەسلىدىن.
17
17
مۇبادا پاقىلار ئاشۇ پىلىدەك،
چىقىرالايدىغان بولسىدى يىپەك.
قۇلاقنى يەپ، جانغا جازا سالاتتى،
كۇكۇراپ جاھاننى باشقا كىيگىدەك.
18
18
كېلىدۇ يازدا تومۇزغا، ئۆزىچە،
ناخشا ئېيتار توختىماي كۈندۈز - كېچە.
ئېيتقىنى ئېيتقان ئۇنىڭ بىر ناخشىنى،
بىلمىدىم ئېيتار يەنە قاچانغىچە.
مەنبە: [https://uyghur-archive.blogspot.com/2026/09/blog-post_09.html رۇبائىيلاردىن تاللانما]
b3rynyo0kf3pjws3iiki4haggkc9pfd