Wikipedia
ugwiki
https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA
MediaWiki 1.47.0-wmf.20
first-letter
ۋاسىتە
ئالاھىدە
مۇنازىرە
ئىشلەتكۈچى
ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى
Wikipedia
Wikipediaمۇنازىرىسى
ھۆججەت
ھۆججەت مۇنازىرىسى
MediaWiki
MediaWiki مۇنازىرىسى
قېلىپ
قېلىپ مۇنازىرىسى
ياردەم
ياردەم مۇنازىرىسى
تۈر
تۈر مۇنازىرىسى
TimedText
TimedText talk
Module
Module talk
Event
Event talk
ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل
0
9554
176485
176483
2026-09-21T16:25:03Z
Bapkar
1429
176485
wikitext
text/x-wiki
{{Infobox person|ئات ۋە تەگئات=ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل|رەسىم ئىزاھى=Idris_Abdurusu.jpg|مىللىتى=ئۇيغۇر|توغۇلغان ۋاقتى=[[1951-يىلى]] [[3-ئاي]]نىڭ 29-كۈنى|ئىش=ئارخېئولوگ|توغۇلغان جاي=ئۈرۈمچى}}
ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل جۇڭگودىكى داڭلىق ئۇيغۇر ئارخېئولوگى، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى تاش دەۋرى ئارخېئولوگىيەسى بويىچە بىردىنبىر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى. كروران ۋە كىچىك مىرەن ئەتراپلىرىدىكى ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئىشلىرىدا، ئۆزىنىڭ زور تۆھپىسى بىلەن ئىلىم ساھەسىدە چوڭ شۆھرەت تاپقان ئارخې'ئولوگ ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل 1951-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۇ 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ، مەملىكەت بويىچە ئىلغار خىزمەتچى ، ئاپتونوم رايون مەدەنىيەت نازارىتى سىستېمىسى ئىلغار پارتىيە ئەزاسى ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار پەن تېخنىكا خادىمى ، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان مۇتەخەسسىس قاتارلىق شەرەپلەرگە نا'ئىل بولغان. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان 30 نەچچە يىل داۋامىدا 30 نەچچە قېتىم دالا ئارخې'ئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشىگە قاتناشقان . بۇلاردىن ئاساسلىقى : 1973~ 1974 – يىللىرى تۇرپان ئاستانىدىكى قېزىش ؛ 1979 – يىلى چاقىلىق قەدىمكى قەبرىستانلىق جىلغا (گۇموگۇ)دىكى قېزىش؛ 1979 ~ 1989 – يىللىرى بايىنغولىندىكى لوپ رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان سەككىز قېتىملىق تەكشۈرۈش ؛ 1980 - ، 1987- ، 1989 – يىللىرى نىيا تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ قېتىملىق تەكشۈرۈشلەرگە قاتناشقان. 1991 – يىلىدىن 2005 – يىلىغىچە فرانسىيە پەن تەتقىقات مەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيا ئارخې'ئولوگىيە ئورنى بىلەن بىرلىشىپ كۆپ قېتىم كېرىيە دەرياسى بويىدا ئارخې'ئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە بولغان. 1995 – يىلى تۇرپان يارغول قەدىمكى شەھىرى غەربىي تۆپىلىكتىكى كونا تاش قورال ئىزىنى تەكشۈرۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان . 2002 – يىلىدىن 2005 – يىلىغىچە كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىنى تەكشۈرۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان . ئۇ فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا «جۇڭگو شىنجاڭ سىپتا تاش قورال ئىزلىرى» 《新疆细石器遗存》 ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنى تاماملىغان. ئارخې'ئولوگىيە ساھەسىدە نەچچە ئون پارچە ماقالە ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە ، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ «شىنجاڭ ئارخې'ئولوگىيىسىدىكى يېڭى بايقاشلار» قاتارلىق بىر قانچە ئەسەرنى تۈزگەن. ئۇنىڭ 2002 – يىلىدىكى قېزىشتىن يازغان چوڭ ئىلمىي دوكلاتى «چېگرا رايون ئارخې'ئولوگىيىسى تەتقىقاتى» زھۇرنىلىنىڭ 2004 – يىللىق 4 – سانىدا «2002 – يىلىدىكى كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى تەكشۈرۈش ۋە قېزىشتىن دوكلات» دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىنغان.
[[ھۆججەت:Idris Abdurusu.jpg|alt=ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل|thumb|72 ياشلىق (سۈرەت 2023-يىلى تارتىلغان) ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل ئىلگىرى شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان.]]
2008 – يىلى چاقىلىق ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۇنجى قېتىملىق كروران مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى»دا ناھىيىمىزنىڭ ئارخې'ئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن مۇكاپاتلانغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئارخولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[تۈر:كىشلەر]]
qnw77fuur21erqqluzdpr3itf9jmqmd
176486
176485
2026-09-21T16:29:21Z
Bapkar
1429
176486
wikitext
text/x-wiki
{{Infobox person|ئات ۋە تەگئات=ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل|رەسىم ئىزاھى=Idris_Abdurusu.jpg|مىللىتى=ئۇيغۇر|توغۇلغان ۋاقتى=[[1951-يىلى]] [[3-ئاي]]نىڭ 29-كۈنى|ئىش=ئارخېئولوگ|توغۇلغان جاي=ئۈرۈمچى}}
ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل جۇڭگودىكى داڭلىق ئۇيغۇر ئارخېئولوگى، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى تاش دەۋرى ئارخېئولوگىيەسى بويىچە بىردىنبىر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى. كروران ۋە كىچىك مىرەن ئەتراپلىرىدىكى ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئىشلىرىدا، ئۆزىنىڭ زور تۆھپىسى بىلەن ئىلىم ساھەسىدە چوڭ شۆھرەت تاپقان ئارخېئولوگ ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل 1951-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان.
ئۇ 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەت بويىچە ئىلغار خىزمەتچى، ئاپتونوم رايون مەدەنىيەت نازارىتى سىستېمىسى ئىلغار پارتىيە ئەزاسى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار پەن تېخنىكا خادىمى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان مۇتەخەسسىس قاتارلىق شەرەپلەرگە نائىل بولغان. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان 30 نەچچە يىل داۋامىدا 30 نەچچە قېتىم دالا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشىگە قاتناشقان .
بۇلاردىن ئاساسلىقى:
1973~ 1974 – يىللىرى تۇرپان ئاستانىدىكى قېزىش ؛
1979 – يىلى چاقىلىق قەدىمكى قەبرىستانلىق جىلغا (گۇموگۇ)دىكى قېزىش؛
1979 ~ 1989 – يىللىرى بايىنغولىندىكى لوپ رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان سەككىز قېتىملىق تەكشۈرۈش ؛
1980 - ، 1987- ، 1989 – يىللىرى نىيا تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ قېتىملىق تەكشۈرۈشلەرگە قاتناشقان.
1991 – يىلىدىن 2005 – يىلىغىچە فرانسىيە پەن تەتقىقات مەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيا ئارخېئولوگىيە ئورنى بىلەن بىرلىشىپ كۆپ قېتىم كېرىيە دەرياسى بويىدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە بولغان.
1995 – يىلى تۇرپان يارغول قەدىمكى شەھىرى غەربىي تۆپىلىكتىكى كونا تاش قورال ئىزىنى تەكشۈرۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان .
2002 – يىلىدىن 2005 – يىلىغىچە كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىنى تەكشۈرۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان . ئۇ فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا «جۇڭگو شىنجاڭ سىپتا تاش قورال ئىزلىرى» 《新疆细石器遗存》 ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنى تاماملىغان. ئارخې'ئولوگىيە ساھەسىدە نەچچە ئون پارچە ماقالە ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە ، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ «شىنجاڭ ئارخې'ئولوگىيىسىدىكى يېڭى بايقاشلار» قاتارلىق بىر قانچە ئەسەرنى تۈزگەن. ئۇنىڭ 2002 – يىلىدىكى قېزىشتىن يازغان چوڭ ئىلمىي دوكلاتى «چېگرا رايون ئارخې'ئولوگىيىسى تەتقىقاتى» زھۇرنىلىنىڭ 2004 – يىللىق 4 – سانىدا «2002 – يىلىدىكى كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى تەكشۈرۈش ۋە قېزىشتىن دوكلات» دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىنغان.
[[ھۆججەت:Idris Abdurusu.jpg|alt=ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل|thumb|72 ياشلىق (سۈرەت 2023-يىلى تارتىلغان) ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل ئىلگىرى شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان.]]
2008 – يىلى چاقىلىق ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۇنجى قېتىملىق كروران مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى»دا ناھىيىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن مۇكاپاتلانغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئارخولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[تۈر:كىشلەر]]
99s31jo8hbiimdnypgyaw8vucoqdrkt