Wikipedia
ugwiki
https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA
MediaWiki 1.47.0-wmf.21
first-letter
ۋاسىتە
ئالاھىدە
مۇنازىرە
ئىشلەتكۈچى
ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى
Wikipedia
Wikipediaمۇنازىرىسى
ھۆججەت
ھۆججەت مۇنازىرىسى
MediaWiki
MediaWiki مۇنازىرىسى
قېلىپ
قېلىپ مۇنازىرىسى
ياردەم
ياردەم مۇنازىرىسى
تۈر
تۈر مۇنازىرىسى
TimedText
TimedText talk
Module
Module talk
Event
Event talk
ئوسمان بىننى ئەففان
0
8932
176550
162411
2026-09-28T20:29:43Z
CommonsDelinker
100
Removing [[:c:File:Uthman.png|Uthman.png]], it has been deleted from Commons by [[:c:User:ChemSim|ChemSim]] because: per [[:c:Commons:Deletion requests/Files uploaded by Ibrahim ebi|]].
176550
wikitext
text/x-wiki
{{تارىخىي شەخسلەر رامكىسى|ئات-تەگئات=ئوسمان ئىبنى ئەففان|تۇغۇلغان=ھ. بۇرۇن 47 / م. 576|ۋاپاتى=ھ. 35 / م. 656|رەسىم= }}
'''ئەبۇ ئابدۇللاھ ئوسمان ئىبنى ئەففان ئەل ئەمەۋىي ئەلقۇرەشىي''' (أبو عبد الله عثمان بن عفَّان الأموي القرشي) ئوسمان ئىبنى ئەففان ئەلئۇمەۋىي ئەلقۇرەشىي (ئەبۇ ئابدۇللاھ). (ھ. بۇرۇن 47 - ھ. 35 / م. 576 - 656) [[راشىد خەلىپىلەر|راشىد خەلىپىلەرنىڭ]] ئۈچىنچىسى، ئۇ [[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ]] ئىككى قىزى بىلەن ئۆيلەنگەنلىكى ئۈچۈن «زۇننۇرەين (ئىككى نۇر ئىگىسى)» دەپ نام ئالغان. ساھابىلەردىن تۇنجى بولۇپ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان، ئادەتتىن تاشقىرى ھاياسى ۋە ئىسلام ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغانلىقى بىلەن تونۇلغان زات. ئوسمان [[ئۆمەر ئىبنى خەتتاب|ئۆمەر بىن ئەلخەتتاب]] ۋاپات بولغاندىن كېيىن توپلانغان شۇرادىن كېيىن خەلىپىلىككە سايلانغان، ئۇنىڭ خەلىپىلىكى تەخمىنەن ئون ئىككى يىل داۋاملاشقان. ئۇنىڭ خەلىپىلىكىدە، قۇرئان توپلانغان ۋە [[مەسجىدى نەبەۋىي|پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتى]] كېڭەيتىلگەن ۋە ئۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە [[ئەرمېنىيە]]، خۇراسان، كېرمان، سىجىستان، ئىفرىكيە ۋە [[سىپرۇس]] فەتىھ قىلىنغان. ئۇ تۇنجى ئىسلام دېڭىز فىلوتىنى قۇرغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن 146 ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ھ. 35 - يىلى 18 - زۇلھەججە / م. 656- يىلى 17 - ئىيۇلدا ئۆيىدە «قۇرئان» ئوقۇۋاتقاندا شەھىد قىلىنغان<ref>[[ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى]]</ref>.
ئۇ ئۆمەردىن كېيىن خەلىپە بولغان، ئۇنىڭ دەۋرىدە ئىسلام ئۈزلۈكسز كېڭەيگەن،[[ مىسىر]] ۋە شىمالى ئافرىقىغا ئەسكەر ئەۋەتكەن، ئۇنىڭ قوشۇنى جەيھۇن دەرياسىغىچە بېرىپ، ما ۋەرائۇن نەھر ئابدۇللا بىننى ئەبى ئامىرنىڭ قولىغا ئۆتكەن، ۋىزانتىيىلىكلەر بىلەنمۇ ئۇرۇش قىلغان، زەيد بىننى سابىتنى ئۆزى جەملىگەن قۇرئاننىڭ نۇسخىسىنى يېزىشقا بۇيرىغان. ئۇنى يەھۇدىي ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
== ئالاقىدار ==
[[جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن 10 ساھابە]]
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[تۈر:كىشلەر]]
[[تۈر:ساھابەلەر]]
[[تۈر:تارىخىي شەخسلەر]]
[[تۈر:خەلىپە]]
[[تۈر:ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى]]
elhj80vzw2jl4m5jnvl4ka842uwignq
قۇرئان كەرىم
0
9192
176551
176542
2026-09-28T21:04:40Z
CommonsDelinker
100
Removing [[:c:File:Quran2.png|Quran2.png]], it has been deleted from Commons by [[:c:User:ChemSim|ChemSim]] because: per [[:c:Commons:Deletion requests/Files uploaded by Ibrahim ebi|]].
176551
wikitext
text/x-wiki
{{TwinARAB|Quran Kerim}}
{| border=1 align=left cellpadding=4 cellspacing=0 width=300 style="margin: 0 0 1em 1em; background: #f9f9f9; border: 1px #aaa solid; border-collapse: collapse; font-size: 95%;"
|+
|-
| align="center" colspan=2 style="border-bottom:3px" bgcolor="#00FFFF" | <font size="+2">'''[[تەبەررۈك بىتىگلەر]]'''<br />
|-
| align="center" colspan=2 |
|-
|align="center" colspan=2 style="border-bottom:3px" bgcolor="#66FF66" | <font size="+1">'''قۇرئان كەرىم'''<br />
القرآن الكريم</font>
|-
| align="center" colspan=2 |[[ھۆججەت:Quran cover.jpg|300px]]
|-
| width=50% | '''مەناسى'''
| مۇقەددەس كەلام
|-
|'''نۇزۇلى'''
|609-632<br />(23 يىل، جەمئىي [[114 سۇرە]])
|-
| '''تۈرى'''
| ساماۋىي كىتاب
|-
|'''نازىل قىلىنغۇچى'''<br />
|[[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام]]
|-
|'''نازىل قىلىنغان يەر'''<br />
|[[مەككە]]، [[مەدىنە]]
|-
|'''تىلى'''
|[[ئەرەب تىلى|ئەرەبچە]] (قۇرەيىشى)
|-
| '''تۇنجى مۇسھەڧ'''
|632-634 (خەلىڧە ئەبۇبەكر دەۋرى)
|-
| align="center" colspan=2 |[[ھۆججەت:Allah-green.svg|40px]] '''[[ئىسلام پورتالى]]'''
|-
|align="center" colspan=2 |
[[ھۆججەت:Opened Qur'an.jpg|300px|none]]
|}
'''قۇرئان كەرىم''' ({{ئەرەبچە|الْقُرْآن الْكَرِيم}}) ۋەيا '''قۇرئان'''، [[ھەق دىن]] [[ئىسلام دىنى]]نىڭ بىردىنبىر مۇقەددەس كىتابى<ref>{{Cite web |title=Nasr, Seyyed Hossein (2007). "Qurʼān" Encyclopædia Britannica Online. ئۇلانما كۈنى: 2007-11-04. |url=https://global.britannica.com/topic/Quran |access-date=2016-08-31 |archive-date=2016-05-29 |archive-url=https://web.archive.org/web/20160529091527/http://global.britannica.com/topic/Quran |url-status=dead }}</ref><ref>[https://web.archive.org/web/20141007110247/http://books.google.com.tr/books?id=Ggc4AAAAIAAJ&printsec=frontcover&dq=quran&hl=tr&sa=X&ei=8Yc0UrPFIorGtAbn9oDwAg&redir_esc=y#v=onepage&q=quran&f=false John Burton (1977). The Collection of the Qur'an. 2014-10-07 كۈنكى ئۇلانما]</ref>.
قۇرئان كەرىم اللە تەئالانىڭ ئاخىرقى كىتابى بولۇپ، نازىل قىلىنغاندىن باشلاپ تا قىيامەت قايىم بولغۇچە پۈتكۈل ئىنسانلارغا خىتاب قىلىدۇ. <br />[[مۇسۇلمانلار]]غا كۆرە، قۇرئان ئايەتلىرى [[اللە]]\ئاللاھ تەرىپىدىن [[جەبرائىل]] ئىسىملىك [[ڧەرىشتە]] ۋاستىسى بىلەن [[ئىسلام پەيغەمبەرى]] [[ھەزرىتى مۇھەممەد]]كە [[ۋەھىيلەر]] ھالىدا نازىل قىلىنغان بىر [[مۇقەددەس كىتاب]]دۇر.<ref>[https://web.archive.org/web/20141008131800/http://books.google.com.tr/books?id=F2oLiXT_66EC&printsec=frontcover&dq=quran&hl=tr&sa=X&ei=8Yc0UrPFIorGtAbn9oDwAg&redir_esc=y#v=onepage&q=quran&f=false Jane Dammen McAuliffe (2006). The Cambridge Companion to the Qur'an. 2014-10-08 كۈنكى ئۇلانما]</ref>. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەر زامان، ھەر ماكانغا شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئىسلام قانۇننىنىڭ ([[شەرىئەت]]) ئىجرا قىلىنىشىدا [[ھەدىس]] بىلەن بىرلىكتە ئاساس ئېلىنىدۇ <ref>''Handbook of Islamic Marketing'', Page 38, G. Rice - 2011</ref> ۋە مۇسۇلمانلار ئىبادەتلىرىدە قۇرئاندىن تۈرلۈك [[سۇرە]] ۋەيا [[ئايەت]]لەرنى ئوقۇيدۇ<ref name="ReferenceB">Literacy and Development: Ethnographic Perspectives - Page 193, Brian V Street - 2001</ref>.
مۇتلەق كۆپچىلىك [[ئۇيغۇرلار]]نى ئۆز ئىچىگە مۇسۇلمان جامائەسى، قۇرئان، [[ئىنجىل]]، [[تەۋرات]] ۋە [[زەبۇر]]نى [[اللە]] تەرەڧىدىن ئىنسانلارغا ئىبەرىلگەن [[ساماۋىي كىتابلار]] دەپ قۇبۇل قىلماقتا<ref>[https://web.archive.org/web/20141008131800/http://books.google.com.tr/books?id=F2oLiXT_66EC&printsec=frontcover&dq=quran&hl=tr&sa=X&ei=8Yc0UrPFIorGtAbn9oDwAg&redir_esc=y#v=onepage&q=quran&f=false Jane Dammen McAuliffe (2006). The Cambridge Companion to the Qur'an. 2014-10-08 كۈنكى ئۇلانما]</ref>. بۇ ۋەجدىن قۇرئاندا باشقا ساماۋىي كىتابلاردىكى بەئزى مەزمۇنلارغا ئوخشىشىپ كېتەدۇرغان مەزمۇنلارنىڭ بولىشى تەبىئىي دەپ قارىلىدۇ<ref>{{Cite web |title=Archive copy |url=http://www.sorularlaislamiyet.com/article/2479/imanin-esaslarini-kisaca-anlatir-misiniz.html |access-date=2016-08-30 |archive-date=2016-07-03 |archive-url=https://web.archive.org/web/20160703090410/http://www.sorularlaislamiyet.com/article/2479/imanin-esaslarini-kisaca-anlatir-misiniz.html |url-status=dead }}</ref>. بۇنىڭدىن باشقا، قالغان ئۈچ كىتابنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئۈچۈن، لېكىن زېمنىغا نازىل قىلىنغان ئاخىرىقى ساماۋىي كىتاب بولمىش قۇرئاننى تا قىيامەت قەدەر اللە تەرەڧىدىن قوغدىلىدىغانلىقىغا ئىتىقاد قىلىنىدۇ<ref>Understanding the Qurán - Page xii, Ahmad Hussein Sakr - 2000</ref>. ئىسلام ئىتىقادىغا كۆرە، ھەزرەتى [[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام]]نىڭ ئەڭ روشەن ۋە بۈيۈك مۆئجىزەسى<ref>{{Cite web |title=Peygamber Efendimiz (a.s.m.)'in en büyük mucizesi Kur'an-ı Kerim olduğu gibi, Kur'an-ı Kerim'in en büyük mucizesi de Peygamber Efendimizdir, denilebilir mi? |url=http://www.sorularlaislamiyet.com/article/10280/peygamber-efendimiz-a-s-m-in-en-buyuk-mucizesi-kur-an-i-kerim-oldugu-gibi-kur-an-i-kerim-in-en-buyuk-mucizesi-de-peygamber-efendimizdir-denilebilir-mi.html |access-date=2016-08-30 |archive-date=2016-03-05 |archive-url=https://web.archive.org/web/20160305023005/http://www.sorularlaislamiyet.com/article/10280/peygamber-efendimiz-a-s-m-in-en-buyuk-mucizesi-kur-an-i-kerim-oldugu-gibi-kur-an-i-kerim-in-en-buyuk-mucizesi-de-peygamber-efendimizdir-denilebilir-mi.html |url-status=dead }}</ref><ref>{{Cite web |title=En Büyük ve Ebedi Mucize Kur’an’dır |url=http://www.resulullah.org/en-buyuk-ve-ebedi-mucize-kurandir |access-date=2016-08-30 |archive-date=2015-09-07 |archive-url=https://web.archive.org/web/20150907053007/http://www.resulullah.org/en-buyuk-ve-ebedi-mucize-kurandir |url-status=dead }}</ref><ref>[http://www.alemlererahmet.net/efendimizin-mucizeleri/80/en-buyuk-mucize.html EFENDİMİZ (S.A.V)'İN MUCİZELERİ]</ref> ۋە ئۇنىڭ ھەقىيقى بىر [[پەيغەمبەر]] ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە كۆرىلىدۇ<ref>{{Cite web |title=Hz. Muhammed'in peygamberlik delilleri ve Kur'an'ın Allah kelamı olması hakkında bilgi verir misiniz? |url=http://www.sorularlaislamiyet.com/qna/9972/hz-muhammed-sav-in-peygamberlik-delilleri-ve-kur-an-in-allah-kelami-olmasi-hakkinda-bilgi-verir-misiniz.html |access-date=2016-08-30 |archive-date=2016-07-27 |archive-url=https://web.archive.org/web/20160727084538/http://www.sorularlaislamiyet.com/qna/9972/hz-muhammed-sav-in-peygamberlik-delilleri-ve-kur-an-in-allah-kelami-olmasi-hakkinda-bilgi-verir-misiniz.html |url-status=dead }}</ref><ref>{{Cite web |title=Peygamberliğin İspatı |url=http://www.kuransitesi.com/Kuran/Peygamberligin-Ispati/ |access-date=2016-08-30 |archive-date=2015-08-22 |archive-url=https://web.archive.org/web/20150822005614/http://www.kuransitesi.com/Kuran/Peygamberligin%2DIspati/ |url-status=dead }}</ref><ref>{{Cite web |title=Kur’an’ın Hz. Muhammed (s.a.v) Tarafından Yazılmamış Olduğunun 10 Kanıtı |url=http://suffagah.com/kuranin-hz-muhammed-s-v-tarafindan-yazilmamis-oldugunun-10-kaniti |access-date=2016-08-30 |archive-date=2016-08-29 |archive-url=https://web.archive.org/web/20160829091014/http://suffagah.com/kuranin-hz-muhammed-s-v-tarafindan-yazilmamis-oldugunun-10-kaniti |url-status=dead }}</ref><ref>[http://www.sorusorcevapbul.com/soru-cevap/hz-muhammed/hz-muhammedin-hak-peygamber-oldugunun-delilleri-nelerdir Hz Muhammed’in (asm) hak peygamber olduğunun delilleri nelerdir?]</ref>. ھەمدە تۇنجى ئىنسان ۋە ئىلك پەيغەمبەر قەبۇل قىلىنغۇچى ھەزرەتى [[ئادەم ئەلەيھىسسالام]] دىن ئىتىبارەن ئىبەرىلگەن ئىلاھىي مەتىنلەرنى تاماملىغۇچى دەپ قارىلىدۇ.
==ئېتىمولوگىيىسى==
[[ھۆججەت:Iqra.jpg|300px|thumb| تۇنجى ۋەھىي ۋە 96- سۇرە بولمىش [[ئەلەق سۇرىسى]]نىڭ بېشىدىكى ئايەتلەر]]
ئەڭ كەڭ قوللىنىلغان ئىسمى «'''قۇرئان كەرىم'''» ئېرۇر. قۇرئان كەلىمەسى [[ئەرەبچە]] «ئوقىدى» مەنىسىدىكى قرأ (قارائا) سۆزىنىڭ ئۈچ ھەرڧلىك ھالىدۇر. «ئوقۇلغان نەرسە» ياكى «ئوقۇماق» ؛ <nowiki>''كەرىم''</nowiki> بولسا «ئېسىلزادە» ۋە «قولى ئوچۇق، مەرد» دېگەن مەنالارغا كېلىدۇ. بۇندىن باشقا «قۇرئان » سۆزى قۇرئاندا «ئوقۇلغان، ئوقۇش، ئوقۇماق»، «قوشۇلغان، قەۋەتلىك، توپلانغان» مەنىلىرىدىمۇ قوللىنىلغان. قۇرئان كەلىمەسى، قۇرئاندا 58 ئايەتتە تىلغا ئېلىنىدۇ.
إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ قُرْآنًا عَرَبِيًّا لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ ﴿۲﴾
(شۇبھىسىزكى، سىلەرنى تۈشەنسۇن دەپ، ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق.\ [[سۇرە يۇسۇڧ]]: 2)
فَإِذَا قَرَأْتَ الْقُرْآنَ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ﴿۹۸﴾
(سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغانىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) اللەقا سىغىنىپ پاناھ تىلەگىل.\[[سۇرە نەھل]]: 98)
وَإِذَا قُرِئَ الْقُرْآنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَأَنْصِتُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ ﴿۲۰۴﴾
(اللەنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلا (يەئنى سۆز قىلماڭلار).\ [[سۇرە ئەئراڧ]]: 204)
بۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن [[ئايەت|ئايەتتە]] ئىسە قۇرئان ئۈچۈن باشقا ئىسىملارنىڭمۇ قوللىنىلغانلىقى كۆرۈلمەكتە. بۇلار ئارىسىدا: «ئەل ڧۇرقان» ([[سۇرە ڧۇرقان]]: 1)، «ئەز زىكىر» (««سۇرە ھىجر: 9)، «ئەن نۇر» ([[سۇرە نىسا]]: 174)، «ئەر رۇھ» ([[سۇرە شۇرائ]]: 52) ئۆرنەك سۈڧەتىدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ. قۇرئان بۇندىن باشقا ''ڧۇرقانى كەرىم، مۇسھاڧى شەرىڧ، كەلامۇللاھ، كىتابۇللاھ'' دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئىڧادىلىندۇ.
== تارىخچەئى قۇرئان ==
[[ھۆججەت:Uthman Koran-RZ.jpg|thumb| بىلىنگەن ئەڭ ئەسكى\كوھنە قۇرئان كەرىمنىڭ مۇسھاڧى، [[تاشكەنت]]، [[ئۆزبېكىستان]]]]
[[ئىسلام دىنى|ئىسلام دىنىغا]] كۆرە قۇرئانى ئەزمۇششان [[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا]] مىلادى 609-610- يىلى [[رامىزان]] ئېيىنىڭ [[قەدىر كېچىسى|قەدىر كېچىسىدە]] [[مەككە]]دىكى [[نۇر تېغى]] ئۈستىدىكى [[ھىرا غارى|ھىرا غارىدا]] نازىل قىلىنىشقا باشلىغان. ۋەھىي 12 يىلى [[مەككە|مەككە مۇكەررەمە]]، 11 يىلى [[مەدىنە|مەدىنە مۇنەۋۋەرە]] دەۋرى بولۇپ 23 يىل سۈرگەن. مەككەدە نازىل بولغان ئايەتلەر «مەككىي»، مەدىنەدە نازىل بولغان ئايەتلەر بولسا «مەدەنىي» دەپ ئاتىلىدۇ.
قۇرئان، [[ۋەھىي كاتىبلىرى]] تەرەڧىدىن بەئزىدە تېرە، سۆڭەك ئوخشاش نەرسلەرنىڭ ئۈستىگە يېزىلىش بىلەن بىللە، قۇرئاننىڭ ھەممىسىنىڭ [[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام]] ئەلەيھىسسەلام ھايات ۋاقتىدا يازمىچە خاتىرلەنىپ خاتىرلەنمىگەنلىكى تارتىشىلىدۇ<ref>{{Cite web |title="Quran - Compilation" Britannica.com. ئۇلانما 15-10-2015 |url=https://global.britannica.com/topic/Quran |access-date=2016-08-31 |archive-date=2016-05-29 |archive-url=https://web.archive.org/web/20160529091527/http://global.britannica.com/topic/Quran |url-status=dead }}</ref>.
تۇنجى بىلدۈرۈلگەن ئايەت [[سۇرە ئەلەق|سۇرە ئەلەقتە]] بولۇپ:
اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ ﴿۱﴾ خَلَقَ الْإِنْسَانَ مِنْ عَلَقٍ ﴿۲﴾ اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ ﴿۳﴾ الَّذِي عَلَّمَ بِالْقَلَمِ ﴿۴﴾
''ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىل.(1) ئۇ ئىنساننى لەختە قاناىن ياراتتى(2). ئوقۇغىل، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر(3). ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆرگەتتى(4). ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى(5).''
تۇنجى [[خەلىڧە]] [[ئەبۇبەكرى]] (ر.ئە) (632-634) زامانىدا جەملەنگەن قۇرئان نۇسخالارى<ref>[http://www.sorusorcevapbul.com/soru-cevap/kurani-kerim/kuran-ne-zaman-mushaf-haline-getirilmistir Kur’ân ne zaman mushaf haline getirilmiştir?]</ref><ref>{{Cite web |title=Kur'an'ın ilk yazılmış nüshaları neden ortadan kaldırıldı? Kur'an'ın aslı yakıldı mı? |url=http://m.sorularlaislamiyet.com/index.php?oku=184780 |access-date=2016-09-01 |archive-date=2015-09-08 |archive-url=https://web.archive.org/web/20150908084317/http://m.sorularlaislamiyet.com/index.php?oku=184780 |url-status=dead }}</ref><ref>{{Cite web |title=Kur'an-ı Kerim'in yazılması, toplanması ve kitap haline getirilmesi hakkında detaylı bilgi verir misiniz? Peygamber Efendimiz Kur'an'ı toplama işini hayatında yapamasa bile bunu neden vasiyet etmemiştir? Şu an elimizde bulunan en eski Kur'an hangisidir? |url=http://m.sorularlaislamiyet.com/index.php?oku=12721 |access-date=2016-09-01 |archive-date=2015-09-08 |archive-url=https://web.archive.org/web/20150908024235/http://m.sorularlaislamiyet.com/index.php?oku=12721 |url-status=dead }}</ref>، [[ئوسمان بىننى ئەففان]] دەۋرىدە كۆپەيتىلىپ مۇھىم مەركەزلەرگە ئىبەرىلگەندۇر. ئۇراتىش، نوقتا، ھەرەكە دېگەندەك ئىشارەتلەر بولمىغان بۇ يازمىلارغا كېيىنچە ئىلاۋە قىلىنغان ئىشارەتلەر بىلەن ئوقۇش ئۇسۇلى ([[تەجۋىد]]) يېزىقچە ئىپادىلەنگەن<ref>{{Cite web |title=Archive copy |url=http://www.fikirbahcesi.org/tefsir-dersleri/kuranin-harekelenmesi.html |access-date=2016-09-01 |archive-date=2013-11-01 |archive-url=https://web.archive.org/web/20131101150048/http://www.fikirbahcesi.org/tefsir-dersleri/kuranin-harekelenmesi.html |url-status=dead }}</ref>
<br />
'''مەككە دەۋرى'''<br />
مەككىي ئايەت ۋە سۈرىلەر ئىسلام ئىتىقادى ۋە ئەخلاقى بىلەن مۇناسىبەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ اللەنىڭ بىرلىكىگە، مەلەك ڧەرىشتەلەرگە، پەيغەمبەرلەرگە، كىتاپلارغا ۋە [[ئاخىرەت]] كۈنىگە ئىمان دېگەندەك مەزمۇنلار ئاساس ئېلىنىدۇ. اللەقا شىرك قوشۇلغان بۇد مەبۇدەلەر قەتئىيەن رەدد قىلىندۇ. [[ئىسلامنىڭ ئىتىقاد ئاساسلىرى]]، [[ھايات]]-[[مامات]]، [[قىيامەت]]، [[ئاخىرەت]]، [[جەننەت]] ۋە [[جەھەننەم]] ۋە [[قەۋملەرنىڭ ھالاكى]] قاتارلىق تېمىلار قولغا ئېلىنىدۇ.
تۇنجى ئايەت ۋەھىيىدىن، مەدىنەغە [[ھىجرەت|ھىجرەتكە]] قەدەر دەۋام قىلغان مەككە دەۋرى تەخمىنەن 13 يىل سۈرگەن. ھەجىم جھەتتىن قۇرئاننىڭ ⅔ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ دەۋىردە ئايەت ۋە سۇرەلەرنىڭ دەرھال يازمىچە خاتىرلىنىشىدەك بىر ئىجرائەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئېغىزچە يادقا ئېلىنغان. كېيىنچە، ھىجرەتكە يېقىن بىر قانچە يىل بىلەن مەدىنە دەۋرى دەپ ئاتالغان يازمىچە خاتىرلەش دەۋرىدە ئايەتلەر يازمىچە قەيت قىلىنغان<ref name="dergi.ilahiyat.omu.edu.tr">{{Cite web |title=Archive copy |url=http://dergi.ilahiyat.omu.edu.tr/Makaleler/1397499734_09_ZiyaSen.pdf |access-date=2016-09-01 |archive-date=2013-12-11 |archive-url=https://web.archive.org/web/20131211190809/http://dergi.ilahiyat.omu.edu.tr/Makaleler/1397499734_09_ZiyaSen.pdf |url-status=dead }}</ref><ref name="ilafdergi.hitit.edu.tr">http://www.ilafdergi.hitit.edu.tr/files/14.11.pdf</ref>.
مەككە دەۋرىدە قۇرئاننىڭ ھەزرەتى [[ئادەم ئەلەيھىسسالام|ئادەمدىن]] بۇيان دەۋام قىلىۋاتقان تەۋھىد دىنى ۋە ۋەھىي زەنجىرىنىڭ دەۋامى ئىكەنلىكى ئىڧادىلىنىدۇ:
شَرَعَ لَكُمْ مِنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ كَبُرَ عَلَى الْمُشْرِكِينَ مَا تَدْعُوهُمْ إِلَيْهِ اللَّهُ يَجْتَبِي إِلَيْهِ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَنْ يُنِيبُ ﴿۱۳﴾
(اللە سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا(يەئنى [[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا]]) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەڧرىقەچىلىك قىلماڭلار، مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەئۋەت قىلغان نەرسە (يەئنى تەۋھىد) ئاغىر كەلدى، اللە تەۋھىدكە خاھلىغان ئادەمنى تاللايدۇ. اللە نىڭ (تائەتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ. \[[سۇرە شۇرا]]: 13)
'''مەدىنە دەۋرى'''
[[مەدىنە]] دەۋرىدە [[ئىبادەت|ئىبادەتلەر]]، كىشىلىك مۇناسىبەتلەر، جەمئىيەتنىڭ تۈزۈلىشى، [[ئەخلاقىي قائىدىلەر|ئەخلاقىي]] قائىدىلەر بىلەن مۇناسىبەتلىك ئايەتلەر ۋەھىي قىلىنغان<ref>{{Cite web |title=Archive copy |url=http://www.nenedir.net/nedir/ilahiyat/187-kuran-kac-yilda-indirilmistir.html |access-date=2016-09-01 |archive-date=2013-05-30 |archive-url=https://web.archive.org/web/20130530123816/http://www.nenedir.net/nedir/ilahiyat/187-kuran-kac-yilda-indirilmistir.html |url-status=dead }}</ref><ref>http://www.islam-guide.com/frm-ch1-4.htm</ref><ref>http://www.quranexplorer.com/Default.aspx</ref>. بۇلار بىلەن بىرگە كىشىلەرنىڭ دەۋلەت بىلەن بولغان مۇناسىبەتلىرىنى تەڭشەش، [[شەرئىي قانۇن|شەرئىي قانۇننىڭ]] قائىدىلىرى، كېلىشىملەر، تېنچلىق ۋە ئۇرۇش ئەھۋاللىرى بايان قىلىنىدۇ. بۇ دەۋىردە بۇ ھۆكۈملەرنى ئىجرا قىلماق ئۈچۈن يېتەرلىك كۈچكە مالىك بىر [[ئىسلام دۆلىتى]]، [[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامنىڭ]] باشقۇرۇشىدا، مەدىنەدە تەشكىللەنگەن ئىدى. ئىسلام ئىتىقادى بويىچە، بۇ دەۋىرنىڭ ئالاھىيىدىلىكى: ياخشى ۋە ڧايدەلىق بولغانلارنىڭ قەبۇل قىلىنىشى، ناچار ۋە زىيانلىق بولغانلارنىڭ قالدۇرۇلىشى ئېرۇر<ref>[[Bakara]] : 219; [[Nisa]] : 43; [[Mâide]] : 90-91</ref>.
'''ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن'''
قۇرئاننىڭ بۇگۈنكى كىتاب ھالىدا توپلانغان شەكلىگە «مصحف ([[مۇسھاڧ|''مۇسھاڧ'']])» دېيىلۇر. ''مۇسھاڧ''، <nowiki>''سەھىپىلەر ھالىغا كەلتۈرۈلگەن'' ياكى ''ئىككى مۇقاۋە ئارىسىدىكى سەھىڧەلەر'' دېگەن مەنىگە كېلۇر ۋە ''صحف''</nowiki> (سەھىڧە) يىلتىزىدىن كەلگەن. ''قۇرئان'' ھەزرەتى مۇھەممەدنىڭ ۋەڧاتى بىلەن تامام بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ زات ھاياتتا ۋاقىتتا تولانمىغان، يادقا ئېلىنىپ مۇھاڧىزە قىلىنغان.
ھەزرەتى مۇھەممەدنىڭ ۋەڧاتىدىن سوڭرە [[يەمامە ئۇرۇشلىرى|يەمامە ئۇرۇشلىرىدا]] 70 دەك [[ھاڧىز]] ([[قارىي]]) نىڭ ئۆلىشى بىلەن [[ئەسھاب|ئەسھابلاردىن]] [[ئۆمەر بىننى خەتتاب|ئۆمەر بىن خەتتاب]] ھڧىزلارنىڭ توپلىنىشى ئۈچۈن زامانىسىنىڭ خەلىڧەسى بولمىش [[ئەبۇبەكرى]] (ر.ئە) بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ ھەقتە مەسلىھەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇبەكرى (ر.ئە) [[زەيد بىن سابىت]] رىياسەتىدە، ئارىلىرىدا [[ئابدۇللاھ بىن زۇبەير]]، [[سائاد بىن ئەبى ۋەققاس]] ۋە [[ئابدۇرراھمان بىن ھارىس بىن ھاشىم]] قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ھەيئەت قۇرۇلغان. زەيد بىن سابىت، قولىدا يازمىچە "قۇرئان" مەتنى بولغان ھەركىمنىڭ بۇ مەتىنلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى، ھەمدە مەتىنلەرنى شەخسەن ئۆزىنىڭ ھەزرەت مۇھەممەد س.ئە.ۋ دىن ئاڭلىغانلىقىغا دائىر ئىككى گۇۋاھچى كۆرسىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان. [[ئوسمان بىننى ئەففان]] توپلانغان بۇ ھەيئەتكە: "زەيد بىلەن ئىملادا كېلىشەلمىسەڭلار، [[قۇرەيش|قۇرەيشكە]] كۆرە يېزىڭلار" دەپ ئەمىر بەرگەن. زەيد بىن سابىت باشچىلىقىدا توپلانغان بۇ ئەسىل نۇسخا «ئىمام مۇسحاڧ» دېيىلۇر. [[ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد]]نىڭ تەكلىڧى بىلەن «ئىمام مۇسھاڧ» ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان مەسلىھەت ۋە ڧىكىر ئالماشتۇرۇشلار نەتىجەسىدە "كىتاب"دا ھەرقانداق بىر نۇقسان ياكى خاتالىق كۆرۈلمىگەن ۋە ئىشەنچلىكلىكى ھەققىدە ئىتتىڧاق قىلىنغاندۇر.
خەلىڧە [[ئۆمەر بىننى خەتتاب|ئۆمەر بىن خەتتاب]] دەۋرىدە قۇرئان ئۆرگىتىش تېزلەشتۈرۈلدى. مەدىنەدە ۋە ئىسلام دۆلىتىنىڭ باشقا مەركەزلىرىدە قارىي ساھابەلەرنىڭ بىۋاسىتە كۆزىتىشى ئاستىدا ناھايىتى كۆپ يېڭى ھاڧىز قۇرئانلار يېتىشتۈرۈلدى.
يېڭىدىن ڧەتىھ قىلىنغان توپراقلاردىكى قەۋم ۋە قەبىلەلەرنىڭ مۇسۇلمان بولىشى، ئوخشىمىغان شىۋە ۋە لەھچىلەرگە ئوقۇشتىكى ئوخشاشماسلىقلار توغۇلغان. 648- مىلادىدە [[ئەرمېنىيە|ئەرمەنىيە]] ۋە [[ئەزەربەيجان|ئەزەربەيجاننىڭ]] ئېلىنىشىدا [[شام|شاملىق]] ۋە [[ئىراق|ئىراقلىق]] ئەسكەرلەرنىڭ ڧەرقلىق ئوقۇشلىرى نەتىجەسىدە تالاش-تارتىش ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ تالاش-تارتىشلار ئارقىسىدىن [[خۇزەيڧە بىن يەمان]]، خەلىڧە [[ئوسمان بىننى ئەففان|ئوسمان بىن ئەففانغا]] بۇ ئەھۋالنىڭ ھەل قىلىنىشى، ئىختىلاڧنىڭ تۈگىتىلىشى ھەققىدە ئىلتىماس سۇندى. شۇنىڭ بىلەن [[ئوسمان بىننى ئەففان|ئوسمان بىن ئەففان]]، زەيد بىن سابىتنى قايتا ۋەزىڧىگە تەئيىنلەپ، [[ئەبۇبەكرى|ئەبۇبەكر]] ر.ئە نىڭ ئەمرى بىلەن توپلانغان قۇرئاننىڭ كۆپەيتىلىشىنى بۇيۇرغان ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخالار تۈرلۈك ئىسلام مەركەزلىرىگە ئىبەرىلگەن<ref name=sbukhari1>http://www.sahih-bukhari.com/Pages/Bukhari_6_61.php | work = 810-870 CE | publisher = http://www.sahih-bukhari.com | accessdate = Aug 2013 | arşivurl = https://web.archive.org/web/20160204172409/http://sahih-bukhari.com/Pages/Bukhari_6_61.php</ref>. شۇنداق قىلىپ، ھەزرەتى مۇھەممەد س.ئە.ۋ نىڭ ۋەڧاتىدىن كېيىن 20 يىل ئىچىدە قۇرئاننىڭ توپلىنىپ كىتاب قىلىنىش ۋە كۆپەيتىلىشى تاماملانغاندۇر<ref>Mohamad K. Yusuff, [http://www.irfi.org/articles/articles_251_300/zayd_ibn_thabit_and_the_glorious.htm Zayd ibn Thabit and the Glorious Qur'an]</ref> <ref>The Koran; A Very Short Introduction, Michael Cook. Oxford University Press, pp. 117–124</ref>. مۇسۇلمان ئالىملار، قۇرئاننىڭ بۇگۈنكى ھالىنىڭ ئەبۇبەكر ر.ئە زامانىسىدا توپلانغان قۇرئان بىلەن ئەينەن ئوخشاش دەپ قەبۇل قىلماقتا<ref>F. E. Peters (1991), pp.3–5: "Few have failed to be convinced that … the Quran is … the words of Muhammad, perhaps even dictated by him after their recitation."</ref>.
<br />
ئەڭ دەستلەپكى قۇرئان يېزىلىشى ئەسناسىدا، قوللىنىلغان ئەرەب ئەلىڧبەسى، بۇگۈن قوللىنىلۋاتقان 28 ھەرىڧكە قارشىلىق 22 ھەرىڧنى ئىڧادىلەيدۇرغان 15 ڧەرقلىق چىكىت - پەشسىز يېزىق (ھەرڧ) تىن تەشكىل تاپاتتى<ref name="en.wikipedia.org">http://en.wikipedia.org/wiki/History_of_the_Arabic_alphabet#Origins</ref>. قۇرئاننىڭ دەستلەپكى يېزىلىشىدىكى ئەلىڧبەگە باغلىق ھالدا قىرائەت مەزھەبلىرى ئوتتۇرىغا چىققان<ref>{{Cite web |title=Archive copy |url=http://eskidergi.cumhuriyet.edu.tr/makale/945.pdf |access-date=2016-09-01 |archive-date=2013-01-30 |archive-url=https://web.archive.org/web/20130130210117/http://eskidergi.cumhuriyet.edu.tr/makale/945.pdf |url-status=dead }}</ref>. [[ھەججاج]] زامانىسىدا بىر بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھەرڧلەرنى ئايرىش ئۈچۈن ئىملا ئىشارەتلىرى ۋە سوزۇق تاۋۇشلار ئىخترا قىلىندى<ref>http://www.nurislam.org/kuranin-yazilis-tarihi.html https://web.archive.org/web/20111227143714/http://www.nurislam.org/kuranin-yazilis-tarihi.html</ref>. قۇرئانغا قوشۇلغان يېڭى ئىشارەت ۋە ھەرەكەلەر رەڭلىك شەكىلدە يېزىلىشقا باشلىدى ۋە ئەسلىدىكى مەتىننىڭ بىر پارچەسى قەبۇل قىلىنمايىتتى. باشلانغۇچتا قۇرەيىش لەھچەسى بىلەن ئوقۇلغان قۇرئان، كېيىنچە 7 ئەرەب لەھچەسىدە ئوقۇلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان<ref>{{Cite web |title=Archive copy |url=http://ilhan-arsel.zzl.org/kissa221.htm |access-date=2016-09-01 |archive-date=2013-08-29 |archive-url=https://web.archive.org/web/20130829145138/http://ilhan-arsel.zzl.org/kissa221.htm |url-status=dead }}</ref>.
==مەتىن ۋە تۈزۈلىشى==
قۇئان [[114 سۇرە]]دىن تەركىب تاپىدۇ. سۇرەلەر ئادەتتە مەزمونىدا تىلغا ئېلىنغان تېمىلاردىن بىرىگە بېرىلگەن ئىسىملەر بىلەن يادلىنىدۇ. سۇرەلەر ئىلەىرى كېيىنلىك تەرتىبى بويىچە تىزىلمىغان<ref>https://web.archive.org/web/20210126104418/http://www.simetrikkitap.com/ Simetrik Kitap, Dr. Halis Aydemir</ref>. قۇرئاندا 86 سى [[مەككە]] دەۋرى، 28 ى [[مەدىنە]] دەۋرى بولۇپ جەمئىي 114 سۇرە باردۇر. ھەر بىر سۇرە "[[ئايەت]]" دېيىلىدىغان بۆلۈملەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئايەتلەرنىڭ ئۇزۇنلىقى بىر سۆزدىن بىر بەتكىچە ئوخشاشمايدۇ. قۇرئاننى تەشكىل قىلغۇچى 30 تەڭ ھەجىمدىكى پارچىنىڭ ھەر بىرىگە [[پارە]] ياكى جۈز دېيىلىدۇ.
قۇرئاننىڭ يېزىلىشدا چىكىت-پەش ئىشارەتلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بەئزى ئايەتلەرنىڭ نەردىن باشلاپ نەردە تۈگىگەنلىكى ئېنىق بولمىغىنىدەك دېگەندەك مەۋزۇلارمۇ ئېنىق ئەمەستۇر. بەئزى ئالىملار، بىر قىسىم ئۇزۇن جۈملىلەرنى ئىككى ئۈچ ئايەت سانىسا، بەئزىلىرى بىر ئايەت قەبۇل قىلماقتا. يەنە شاڧىئىي ئالىملەرى "بسم اللە الرحمن الرحيم"نى بېشىدا زىكىر قىلىنغۇچى سۇرە بىلەن بىر پۈتۈن دەپ سانىسا، ھەنەڧى ئالىملار بىسمىللاھنى ئايرىم بىر ئايەت دەپ سانايدۇ. سۇرەلەر باشىدا كەلگەن "يسن، حم" دېگەندەك "ھۇرۇڧۇ مۇتەھھارات" ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئەھۋال كۈچكە ئىگە. بۇنڭغا كۆرە، قۇرئان، سۇرەلەرنىڭ باشىداكى بىسمىللاھنى ئايرىم بىر ئايەت سانىمىغاندا 6236 ئايەتتىن تەشكىل تاپىدۇ. ئايەتلەرنىڭ سانىنى [[ئىبنى ئابباس]] 6616، [[ناڧى]] 6217، [[شەيبە]] 6214، [[مىسىر ئالىملەرى 6226 دېگەنلەر. [[زەمەخشەرى]]، ئىبنى ھۇزەيمە، شەيخۇلئىسلام ئىبنى كەمال ۋە بەدئۇززامان سەئىد نۇرسى قاتارلىقلار 6666 ئايەت دېگەنلەر.
بۇگۈن قولىمىزدا بولغان ۋە دۇنيا يۈزىنىڭ ھەر تەرەڧىدە قوللىنىلۋاتقان مۇسھاڧلارنىڭ نىزامى، كۇڧى تەرەڧتارى ئالىملارنىڭ ھەزرەتى ئەلىدىن رىۋايەت قىلىنغان [[پەيغەمبەر]] س.ئە.ۋ گە تاقىلىدىغان بىر تىپدۇر. بۇ قۇرئاندىكى مەۋجۇد ئايەت سانى، 6236 دۇر<ref>{{Cite web |title=Archive copy |url=http://www.sorularlaislamiyet.com/qna/1269/kuran-da-6666-ayet-var-mi.html |access-date=2016-09-01 |archive-date=2013-02-18 |archive-url=https://web.archive.org/web/20130218031326/http://www.sorularlaislamiyet.com/qna/1269/kuran-da-6666-ayet-var-mi.html |url-status=dead }}</ref>.
'''مەزمۇن ۋە بەيان شەكلى'''<br />
قۇرئاندا ئاساسلىق اللەقا ئىشىنىش، تەۋھىد، يارىتىلىش، دۇنيانىڭ ئاخىرى، پەيغەمبەرلىك ۋە پەيغەمبەرلەر بىلەن بىرگە دىنى ۋە ئەخلاقى قىسسەلەر سۆزلىنىدۇ. يۇسۇڧ قىسسىسى، زۇلقەرنەيىن، ئەسھابۇل كەھڧ، سۇلەيمان، نۇھ ۋە يۇنۇس قىسسىلىرىدەك قۇرئاندا ھەجىم تەرەڧتىن كەڭ ئورۇن تۇتقان.
بەيان بەئزىدە شىئېرىي، بەئزىدە تۈز بەيان شەكلى قوللىنىلغاندۇر. قۇرئاندا خەبەرلەر ئەدەبىي شەكىل ۋە ۋاستەلەر بىلەن ئىبەرىلگەن. ئەرەبچە مەتىندە، سۇرەلرە ۋە ئايەتلەر خەبەرلەرنى يادقا سېلىش ئۈچۈن ڧونېتىك ۋە تېماتىك شەكىللەر قوللىنىلىدۇ. قۇرئاننىڭ بايانى باش - ئاخىرى ۋە ئورتاسى بولغان تۈز بايان شەكلىدە ئەمەس، تېما ۋە قىسسىلەرنىڭ پارچە پارچە بۆلۈنگەن، بەئزىدە تەكرارلانغان، باشقا قايتقان ياكى ئوتتۇرىدىن ئېلىنغان تورسىمان بىر توقۇلمىغا ئىگە<ref>Approaches to the Asian Classics, Irene Blomm, William Theodore De Bary, Columbia University Press, 1990, ss. 65</ref>. مۇسۇلمانلار قۇرئاننىڭ مەزمۇن ۋە بەيانىنى تەڭداشسىز ۋە تەقلىد قىلنغۇسىز دەپ ئىشىنىدۇ.
[[ھۆججەت:Folio Blue Quran Met 2004.88.jpg|thumb|[[نيو يورك]] - [[Metropolitan Museum of Art]]تا كۆرگەزمە قىلىنغان كۆك قۇرئان دەپ بىلىنىدىغان قۇرئاننىڭ 30. سۇرەسى [[سۇرە رۇم]]]]
[[ھۆججەت:FirstSurahKoran (fragment).jpg|thumb|باشلانغۇچ سۇرەسى بولمىش [[سۇرە ڧاتىھە]]]]
[[ھۆججەت:AndalusQuran.JPG|thumb| 12. ئەسردىن قالغان بىر [[ئەندۇلۇس]] قۇرئانى]]
[[ھۆججەت:Qur'anic Manuscript - Maghribi script.jpg|thumb|Chester Beatty كۈتۈبخانەسىدە كۆرگەزمىگە سۇنۇلغان 13-14. ئەسرلەرغە ئائىت بىر [[مەغرىبى]] [[ئىسلام]] خەتتىدە يېزىلغان قۇرئان ئۆرنىكى، [[دابلىن]]، [[ئىرلاندىيە]]]]
== قۇرئان ھەققىدە==
[[ھۆججەت:Qur'anic Manuscript - Kufic script.jpg|thumb|[[كۇڧى]] تەرزىدە 7- ئەسرگە ئائىت بىر قۇرئان، [[مەدىنە]]دە نازىل بولغان [[سۇرە مائىدە]]]]
[[ھۆججەت:FirstSurahKoran.jpg|thumb|باسما قۇرئاننىڭ تۇنجى سۇرەسى بولمىش [[سۇرە ڧاتىھە]] ''خەتتات ئەزىز ئەپەندى'']]
[[ھۆججەت:Muhammad ibn Mustafa Izmiri - Right Side of an Illuminated Double-page Incipit - Walters W5771B - Full Page.jpg|thumb| قۇرئان، [[خەت سەنئىتى]]، ئوسمانلى دەۋرى]]
[[ھۆججەت:BM Quran.JPG|thumb|11.ئەسر قوليازما شىمالىي ئاڧرىقا قۇرئانى، [[British مۇرېيى]]]]
[[ھۆججەت:Ilkhanid Quran.jpg|thumb| [[ئەرەبچە]] قۇرئان ۋە [[ڧارسچە]] تەرجىمىسى، [[ئىلخانىيلار]] دەۋرى]]
ئۇ، ھىدايەت رەھبىرى، سائادەت بۇلىقى ۋە ئادالەت دەستۇرىدۇر. «ئۇ، ھەقىقەتەن غالىب، ھېچبىر تەرىپىدىن باتىل ئارىلاشمىغان ۋە ئارىلاشمايدىغان بىر كىتابتۇر. ئۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ۋە ھەر ئىشىنى ياخشى قىلىدىغان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان» (فۇسسىلەت 41/41- ۋە 42- ئايەتلەر). «ئۇ، ناھايىتى كەسكىن بىر سۆزدۇر. ئۇ، ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەستۇر» (تارىق 86/13، 14).
ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلار دۇنيادا بەخت ۋە ھۆرلۈككە ، ئاخىرەتتە ئىززەت ۋە جەننەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلار بولسا، دۇنيادا بەختسىزلىك ۋە خورلۇققا، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.
1- قۇرئان كەرىم بۇيرۇغان ئىبادەتلەر
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى بىر كېچە-كۈندۈزدە مەخسۇس شەرتلەر ئاستىدا، مۇئەييەن سۈپەتلەر بىلەن بەش ۋاقىت ناماز، ھەپتىدە بىر جۈمە نامىزى، يىلدا ئىككى ھېيت نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭدەك ئۆلگەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ دۇئا ماھىيىتىدە بىر خىل ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/238؛ نىسا 4/103؛ تەۋبە 9/84؛ جۇمۇئە 62/9-11؛ ئەئلا 87/14، 15؛ كەۋسەر 108/2؛).
2- زاكات
قۇرئان كەرىم مال-مۈلكى مۇئەييەن مىقدارغا يەتكەن دېھقان، چارۋىچى ۋە تىجارەتچى مۇسۇلمانلارنى مەخسۇس شەرتلەر ئاستىدا بىر يىلدا بىر قېتىم زاكات بېرىشكە (ئۆز مەھسۇلات ۋە پۇللىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئايرىپ تېگشلىك شەخس ۋە ئورۇنلارغا بېرىشكە) بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/267؛ ئەنئام 6/141؛ تەۋبە 9/103؛ مۇززەممىل 73/20).
3- روزا
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ھىجرىيە يىلىنىڭ 9- ئېيى بولغان رامىزان ئېي داۋامىدا ھەر كۈنى روزا تۇتۇشقا (سۈبھىدىن كۈن پاتقۇچە- پۈتۈن كۈن- يېيىشتىن، ئىچىشتىن ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىبادەت نىيىتى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇشقا) بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/183- 185، 187).
4- ھەج
قۇرئان كەرىم ھەج قىلىش شارائىتىگە ئىگە بولغان مۇسۇلمانلارنى ئۆمرى ئىچىدە بىر قېتىم ھەج قىلىشقا (بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مەككە مۇكەررەمەگە بېرىپ ئەرەفاتتا تۇرۇش، مۇزدەلىفەدە قونۇش، كەبىنى تاۋاپ قىلىش، سافا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيە قىلىش، شەيتانغا تاش ئېتىش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئورۇنداشقا) بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/158، 189، 196، 197، 198؛ ئال ئىمران 3/97؛ ھەج 22/26- 37).
2- قۇرئان كەرىم بۇيرۇغان ئەخلاقلار
1- سەۋرچان بولۇش
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى دىن يولىدا يولۇققان ئېغىرچىلىقلارغا چىداشقا، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/45، 155- 157؛ ئال ئىمران 3/200؛ نەھل 16/127، 97؛ سەجدە 32/24؛ لوقمان 31/17).
2- تەۋەككۇل قىلىش
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى اللەغا تەۋەككۇل قىلىشقا (بىر غايىگە يېتىش ئۈچۈن، اللە تەئالا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان قانۇن-نىزاملارغا ئۇيغۇن ئىش قىلىش بىلەن بىرگە ئاقىۋەتنى اللەغا تاپشۇرۇشقا) بۇيرۇيدۇ. (ئال ئىمران 3/122؛ مائىدە 5/23؛ فۇرقان 25/58).
3- باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىش
قۇئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ئالدى بىلەن باشقىلارنى (مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى ) ئويلاشقا، ئۆز مەنپەتىنى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. (ھەشر 59- 9؛ مۇززەممىل /7320؛ فاتىر 35/29، 30).
4- ئادىل بولۇش
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ئېتىقادىدا ۋە پۈتكۈل سۆز-ھەرىكەتلىرىدە ھەققانىيەتنى ئاساس قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. (نىسا 4/58؛ ئەنئام 6/152؛ نەھل 16/90؛ ھۇجۇرات 49/9).
5- مەرھەمەت قىلىشىش
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشىشقا (بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشكە) بۇيرۇيدۇ. (بەلەد 90/17،18).
6- ئېھسان قىلىش
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى خەيرلىك ئىشلارنى قىلىشقا، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، يېتىم-يېسىر، پېقىر-مىسكىن، قولۇم-قوشنا ۋە غېرىب-مۇساپىرلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ۋە ئىنسانلارغا ياخشى سۆز قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/83، 195؛ نىسا 4/36؛ نەھل 16/90).
7- راستچىل بولۇش
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ئېتىقاددا سەمىمىي، گەپ-سۆزدە راستچىل، تائەت-ئىبادەتتە ئەستايىدىل، مۇئامىلىدە دۇرۇس بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/177؛ تەۋبە 9/119؛ ئەھزاب 33/23، 35؛ زۇمەر 39/33).
8- سېخىي بولۇش
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى سېخيلىققا يەنى ياخشى يوللاردىن ھېچ نەرسىسىنى ئايىماسلىققا بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/272؛ ھەدىد 57/10؛ ھەشر 59/9؛ مۇنافىقۇن 63/10؛ مەئارىج 70/19- 25؛ لەيل 92/5- 11).
9- كەمتەر بولۇش
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى بىر-بىرىگە كەمتەر بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. (مائىدە 5/54؛ ئىسرا 17/37؛ شۇئەرا 26/215؛ قەسەس 28/83).
3- قۇرئان كەرىم چەكلىگەن ئىش-ھەرىكەتلەر
1- زۇلۇم
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى زۇلۇمدىن يەنى اللەغا شېرىك كەلتۈرۈش- چۈنكى اللەغا شېرىك كەلتۈرۈش بۈيۈك بىر زۇلۇمدۇر- (لوقمان 31/13)، گۇناھ-مەئسىيەت ۋە پىسىق-فۇجۇر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى بۇلغاش ۋە باشقىلارغا ھەقسىزلىك قىلىش يەنى كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈش، ئۇلارغا جىسمانىي ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق ھەر تۈرلۈك زۇلۇمدىن چەكلەيدۇ. (بەقەرە 28/279؛ نەھل 16/160؛ فۇرقان25/19؛ ھۇد 11/102).
2- ھەسەت
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ھەسەتخورلۇقتىن يەنى باشقىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلىرىنىڭ يوقىلىشىنى ئويلاشتىن چەكلەيدۇ. (نىسا 4/54؛ زۇخرۇف 43/32؛ فەلەق 113/5).
3- سۇخەنچىلىك
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى سۇخەنچىلىك قىلىشتىن يەنى بىراۋنىڭ گېپىنى باشقىلارغا يامان غەرەزدە يەتكۈزۈشتىن چەكلەيدۇ. (ھۇمەزە 104/1).
4- ھۇرۇنلۇق
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى اللەنىڭ مەغپىرىتى ۋە جەننىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىشكە بۇيرۇيدۇ. (ھەدىد 57/21؛ مۇتەففىفىين 83/26). بۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ مۇسۇلمانلارنى بوشاڭلىق، ئىرادىسىزلىك ۋە ھۇرۇنلۇق قاتارلىق يامان ئەخلاقلاردىن چەكلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى بۇلاردىن باشقا بىر-بىرىنى مەسخىرە قىلىش، بىر-بىرىنى ئەيىبلەش، بىر-بىرىنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرىش، گۇمانخورلۇق قىلىش، بىر-بىرىنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش، بىر-بىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلەيدۇ. (ھۇجۇرات 49/11، 12).
قۇرئان كەرىم يەنە بېخىللىق قىلىش، ئىسراپ قىلىش، زىناغا يېقىنلىشىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، ئۆلچەمنى كەم تۇتۇش، بىلمىگەننى بىلىمەن دېيىش، گىدىيىپ مېڭىش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، ئەۋلاتقا كۆڭۈل بۆلمەسلىك قاتارلىق قەبىھ ئىشلاردىن توسىدۇ. (ئىسرا 17/29-38).
شۇنىڭدەك، ئوغرىلىق قىلىش، جازانىخورلۇق قىلىش، مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش، مال-دۇنيانى بۇزۇپ چېچىش قاتارلىق ئىشلاردىن مەنئى قىلىدۇ. (مائىدە 5/38، 90 ۋە 91؛ بەقەرە 2/275- 278؛ ئال ئىمران 3/130؛ نىسا 4/161؛ رۇم 30/39؛ ئىسرا 17/26 ۋە 27).
* [https://web.archive.org/web/20090129090725/http://al-quran.info/ Al-Quran (قۇرئان_كەرىم)]
* قۇرئان https://web.archive.org/web/20211126191904/http://ayatlar.org/
[https://islamhouse.com/ug/books/1501/ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى]
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[تۈر:كىتابلار]]
[[تۈر:ئىسلام دىنى]]
<references group=" Nasr, Seyyed Hossein (2007). "Qurʼān"" />
n05l1i666cyui0mh8nfg1f2jepcapv8
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب
0
14661
176547
162718
2026-09-28T20:27:40Z
CommonsDelinker
100
Removing [[:c:File:Umar.png|Umar.png]], it has been deleted from Commons by [[:c:User:ChemSim|ChemSim]] because: per [[:c:Commons:Deletion requests/Files uploaded by Ibrahim ebi|]].
176547
wikitext
text/x-wiki
{{تارىخىي شەخسلەر رامكىسى|رەسىم= |ئات-تەگئات=ئۆمەر بىن خەتتاب|ئات=|تۇغۇلغان=(ھ. بۇرۇن 40 / م. 586 ياكى 590|ۋاپاتى=ھ. 23 / م. 644 نويابىر 7}}
'''ئەبۇ ھافىز ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئەل ئەدەۋىي ئەل قۇرەشىي''' (أبو حفص عمر بن الخطاب العدوي القرشي) (ھ. بۇرۇن 40 ـ - 26 زۇلھەججە ھ. 23 / م. 586 ياكى 590 - 7 نويابر 644 مىلادى)
'''ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئىبنى نۇھىل''' (ئەرەبچە: عمر بن الخطاب ) (مىلادىيە 579-644 يىللار) ھىجرەتتىن 45يىل بۇرۇن مەككىدە تۇغۇلغان بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قېينىئاتىسى، دوستى ۋە تارىختا خۇلافەئى راشىدىن دەپ ئاتالغان تۆت خەلىپىنىڭ ئىككىنچىسى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جەننەتتىن خۇشخەۋەر بېرىلگەن ئون ساھابىنىڭ بىرى. دوكتۇر مىخائىل خارت تەرىپىدىن «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز مەشھۇر شەخس» نىڭ 52-سى قىلىپ تىزىلغان.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سىڭلىسى فاتىمە ۋە ئۇنىڭ يولدىشى سەئىد ئىبنى زەيدنىڭ دەۋىتى بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرگەن. ئىش بېجىرىشتىكى كەسكىنلىكى ۋە سىياسى تالانتى بىلەن ئەلفەررۇق(ياخشى ياماننى پەرقلەندۈرگۈچى) دەپ ئاتالغان. زېھنى قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، تالانتلىق سىياسىئون بولۇپ، سەمىمىي، ئادىل، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىنتايىن يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە ئىدى. ئۆمەرنىڭ تولۇق ئىسمى— ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئىبنى نۇھىل، كېلىپ چىقىشى مەككە قۇرەيىش قەبىلىسىنىڭ بەنى ئادى جەمەتىدىن ئىدى. ئۆمەر ياش ۋاقىتلىرىدا باشقا قۇرەيىشلىكلەرگە ئوخشاش سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، مەككىدىكى ئابرويلۇق بىر سودىگەر ئىدى. ئۆمەر بۇرۇن ھاراققا ئامراق بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭدىن تەپ تارتىپ قورقاتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىن تارقىتىشقا باشلىغان چاغلاردا، ئۇ قەتئىي قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ھەتتا ئاچىسى بىلەن ئاچىسىنىڭ ئېرىنى دىنىغا كىرىپسىلەر دەپ قاتتىق ئۇرغانىدى. ئەمما، ئۇ «قۇرئان كەرىم» نى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغاندىن كېيىن، قەلبى لەرزىگە كېلىپ، ئۇدۇل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىپ، شۇ مەيداندىلا ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان، ئۇ ئادىل، تۈز كۆڭۈل ئادەم بولۇپ، ئىسلام دىنى ئۇنى دۇنياغا قايتىدىن ئاپىرىدە قىلغان ئىدى. مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، ئۇ دىنىنى يۈرەكلىك تارقىتىدۇ ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مۇسۇلمانلار مەككىدىن كەتمەكچى بولغاندا، ئۇلارنى قوغداپ ئۇزىتىپ قويىدۇ، ئەمما ئۆزى مەدىنىگە كەتمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا جاكارلايدۇ، قۇرەيىش مۇشرىكلىرىمۇ ئۇنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ. مەدىنىدىكى ۋاقىتلاردا ئۇ ئەبۇ بەكرى بىلەن بىرگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ھەربىي ئىشلاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق مەسلىھەتچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ قىزى ھەفىسەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نىكاھلاپ قويىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنى ھاكىمىيىتىنىڭ ھايات-ماماتى قىل ئۈستىدە قالغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن ئەبۇ بەكرىنى خەلىپىلىككە كۆرسىتىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئۆتكەلدىن تىنچ ئۆتۈشىگە شارائىت ھازىرلايدۇ. ئەبۇ بەكرى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىللەردە، ئۇ ئوسمان، ئەلى، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللا قاتارلىق ئاتاقلىق ساھابىلەر بىلەن بىرگە مەدىنىنى قوغداپ، ئەبۇ بەكرىگە ھەمدەم بولۇپ، توپىلاڭلارنى تىنجىتىدۇ. تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. ئەبۇ بەكرىمۇ ئۇنى ئىنتايىن ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدۇ. ئۇ خەلىپە بولغاندا، ئاران 42 ياش بولۇپ، كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، چىڭقى چۈشتىكى قۇياشتەك پارلاپ تۇرغان ۋاقتى ئىدى. ئەگەردە، ياشلىق دەۋىرلىرىدە ئۆمەرنىڭ مىجەزىدە ئازراق قاراملىق بار دېيىلسە، كېيىنكى دەۋىرلەردىكى ئۆمەر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكرىنىڭ تەربىيلىشى ھەمدە ئۆزىنىڭ چېنىقىشى ئارقىلىق، ئۇلۇغۋار ئىرادىگە ئىگە، يىراقنى كۆرەر پىشقان بىر سىياسىيون بولۇپ يېتىشىپ چىققان ئىدى. مۇسۇلمان تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۇرمۇشتا ئاددى-ساددا، سەمىمىي، ئادىل، كەسكىن، پاراسەتلىك، پولاتتەك ئىرادىگە ئىگە بولۇپ، ئاتاقلىق سىياسىيونلاردا بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەتلەرنى ھازىرلىغان ئىكەن. ئۆمەر، ئەبۇبەكرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىزباسارى—خەلىپە، ئۆزىنى بولسا «ساھابىلەرنىڭ باشلىقى (ئەمرى.مۆمىنىيە) دەپ قارايتتى.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئىبنى نۇھىلنىڭ ھاكىمىيەت يۇرگۈزىۋاتقان مەزگىلىدىكى ئىسلام ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىگەللىگەن دائىرسى
ئۆمەر خەلىپە بولغاندىن كېيىن، ئەبۇ بەكرىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش پىلانىنى داۋاملىق ئىجرا قىلدى. تېخىمۇ زور، تېخىمۇ يىراق نىشانلارغا يۈرۈش قىلىپ، ئىسلام دىنىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تارقىتىش ئۈچۈن كۆزگە كۆرىنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. 634-يىلى، ئۆمەر شەرقى يول ۋە غەربى يولدىن ئىبارەت ئىككى زور قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، رىم ئىمپىرىيىسىگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ ئىككى قوشۇننىڭ باش قوماندانى بولغانلار «ئاللاھنىڭ قىلىچى» دېگەن نامغا ئىگە بولغان خالىد، يەنە بىرسى ئەبۇ سۇفىيانىنىڭ ئوغلى يەزىد ئىدى. ئۇلار ئالدى بىلەن سۈرىيىگە ھۇجۇم قىلدى. ئېزنادىن ۋە يەرمۇك ئىككى جايدىكى ئېلىشىش ئارقىلىق، رىم قوشۇنلىرى دەمەشىق شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلىپ، 635-يىلى 9-ئايدا ئىشغال قىلىدى. شەھەر فەتىھ قىلىنغاندىن كېيىن، خالىد دەرھال تىنىچلىق سىياسىتىنى ئېلان قىلدى: شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى قوغدىلىدۇ، خرىستىئانلارنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى قوغدىلىدۇ. مۇسۇلمانلار چېركاۋلارغا، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرمەيدۇ. خرىستىئانلار خەلىپە دۆلىتىنىڭ پۇقراسى ھېسابلىنىپ، ياشانغانلار، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ ۋە ئاياللار بالىلاردىن باشقا كىشىلەر ھەر يىلى ئادەم بېشىغا بىر دىناردىن باج تۆلەيدۇ. بۇ سىياسەت كېيىن ئىشغال قىلىنغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۈلگە تىكلەپ بەردى.
ئاندىن كېيىن، ئەمىر.ئىبنى.ئاس قوشۇنلىرىنى باشلاپ دېڭىز بويلىرىدىكى شەھەر-پورتلارنى ۋە غەززە قاتارلىق جايلارنى ئىگەللىدى. شىمالدىكى خورمۇس شەھىرىنى فەتىھ قىلىپ، 3 دىن (يەھۇدى دىنى، خرىستىئان دىنى، ئىسلام دىنى) نىڭ مۇقەددەس جايى بولغان ئېروسالىمنى قورشىۋالدى. شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن، شەھەردىكى گۇناھسىز ئاھالىگە تالاپەت يېتىپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەمىر سۇلىھ تەشەببۇس قىلىپ، شەھەرنى ساقلاپ ياتقان خرىستىئان دىنىنىڭ باش ئىپىسكوپىدىن 3 دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى—ئىروسالىمنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، رەت قىلىندى. مۇھاسىرە بىر نەچچە ئاي داۋام قىلغاندىن كېيىن، ئىپسكوپ، قۇدرەتلىك مۇسۇلمان قوشۇنلىرىغا ھەقىقەتەن تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئاندىن خەلىپە ئۆمەر بىلەن سۇلىھ قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆمەر ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى. 638-يىلى شەخسەن ئۆزى ئېروسالىمىغا كېلىپ، داغدۇغىلىق تەسلىم قوبۇل قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ھەمدە بەيتۇل مۇقەددەستە بارلىق مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە ناماز ئوقۇدى. ئاندىن كېيىن، قەدىمكى زاماندىكى پەيغەمبەر ياقۇب «ۋەھىي» قوبۇل قىلغان تاشنىڭ ئۈستىگە بىر مەسچىت سالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن 3 خىل دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى مۇسۇلمانلارنىڭ باشقۇرىشىغا تەۋە بولدى. ئەمما، خرىستىئان ۋە يەھۇدى دىنلىرىنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىگىمۇ ھۆرمەت قىلىنىپ، چېركاۋ ۋە ئىبادەتخانىلار قوغدالدى. بۇ خىل ھالەت 1000 يىللارغىچە داۋاملاشتى (ئەھلىسە لىپ قوشۇنلىرىنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى بۇنىڭ سىرتىدا) ئېروسالىمدىن كېيىن، ئەمىر يەنە قەيسەرىيە پورتىنى ئىشغال قىلدى ھەمدە ئۇنى مىسىرغا كىرىشتىكى بازا قىلىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، سۈرىيە، پەلەستىننىڭ پۈتكۈل زېمىنى ھەمدە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرق قىرغىقىدىكى شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى فەتىھ قىلىنىپ بولدى.
مىسىرنىڭ يېرى مۇنبەت، بايلىقى مول، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنىڭ مۇھىم جايىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىستىراتىگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. 639-يىلى، ئەمىر 4000 كىشلىك قوشۇنىنى باشلاپ، تارىختىكى مەشھۇر دېڭىز بويى لىنىيىسىنى بويلاپ مىسىرغا يۈرۈش قىلدى. 12-ئايدا، ئارىشنى تارتىۋالدى. كېلەركى يىلنىڭ بېشىدا، مىسىرنىڭ كىرىش يولى بولغان شەرقتىكى فارما ۋە باشقا مۇھىم شەھەرلەرنى بېسىۋالدى. 641-يىلى، ئەمىر بىلەن زۇبەيىر. ئىبنى. ئەۋۋام بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىپ، بۈگۈنكى قاھىرە ئەتراپىدىكى بابىلۇن قەلئەسىنى ئالدى. پۈتۈن قەلئەنى «ئاللاھۇ ئەكبەر» ئاۋازلىرى تىترىتىۋىتەتتى. ئارقىدىنلا، مۇسۇلمان قوشۇنلىرى مىسىرنىڭ پايتەختى ئالىكساندىرىيە پورتىغا يۈرۈش قىلدى. ئالىكساندىرىيە پورتىنى ساقلاۋاتقان قوشۇنلاردا 50 مىڭ ئادەم بولۇپ، يەنە ۋىزانتىيەنىڭ بارلىق دېڭىز ئارمىيىسىمۇ ئۇلارنى قوللايتتى. مۇسۇلمانلار قوشۇنىدا بولسا 20 مىڭ ئادەم بولۇپ، ئادەم سانى ۋە قوراللىنىش جەھەتلەردىمۇ ئۇلاردىن تۆۋەن تۇراتتى. ئەمما، مۇسۇلمان قوشۇنلىرىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەيۋىتى، مۇداپىئە قوشۇنلىرىنىڭ يۈرىكىگە قورقۇنچ سېلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، 641-يىلى ۋىزانتىيە پادىشاھى ھىراقىلي ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا نەۋرىسى كونستانتىن Ⅱ (مىلادىيە 641-668 يىللار) ئولتۇرغان. ئۇ، بوۋىسى ۋاز كەچكەن ئالىكساندىرىيە پورتىنىڭ سابىق ھاكىمى قوشۇمچە باش ئىپسكوپى كۈيچۇڭشىنى قايتا ئىشلىتىپ، شەھەر مۇداپىئەسىگە قويغان ئىدى. بۇ ئىپىسكوپ بولسا كىشى بېشىغا قاراپ باج (جىزيە) تۆلەشكە قوشۇلۇپ، تىنچلىقنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، پۈتكۈل مىسىر مۇسۇلمانلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتۈپ، شەرق رىم ئىپىرىيىسى ئامالسىز تەسلىم بولدى. ئەمىر بابىلۇن قورغىنىنىڭ سىرتىغا فوستان ھەربىي گازارمىسىنى قۇرۇپ، ئۇنى مىسىرنىڭ پايتەختى قىلدى. 641-يىلىدىن 642-يىلىغىچە، ئەمىر بۇ يەرگە مىسىردىكى تۇنجى مەسچىد مەشھۇر ئەمىر مەسچىتىنى سالدۇردى. بۇ مەسچىد ھازىرغىچە مەۋجۇد بولۇپ تۇرماقتا. نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن، ئىسلام دىنى مىسىردا پۈتۈنلەي ئومۇملىشىپ، ئەرەب تىلى ئەسلىدىكى قىبتى تىلى ۋە گىرىك تىلىنىڭ ئورنىنى ئالدى.
مۇسۇلمانلار مىسىرنى فەتىھ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، داۋاملىق شىمالى ئافرىقىغا يۈرۈش قىلدى. ئەمىر قوشۇنلىرىنى باشلاپ دېڭىز بويىدىكى قەدىمكى يوللار بىلەن ئۇدۇل گۇتا پولسىنىڭ شىمالىغا (بۈگۈنكى لىۋىيەنىڭ سىرانىكا ئەتراپلىرى) غا كىرىپ، ناھايىتى تېزلا بارىكانى ئىگەللىدى. لىۋاتانى ئۆز ئىچىگە ئالغان رىبولدىكى بەربەرلەر كەينى-كەينىدىن تەسلىم بولدى.
غەربتىكى ۋىزانتىيە ئارمىيسى مۇسۇلمانلار قوشۇنى ئالدىدا كەينى-كەينىدىن يېڭىلىپ تۇرغان پەيتتە، شەرقتىكى پىرسىيەمۇ «قۇملۇق بورىنى» نىڭ زەربىسىگە ئۇچراۋاتاتتى. ئۆمەر ئىككى تەرەپتىن قىسماققا ئېلىش، غەرب ۋە شەرققە تەڭ يۈرۈش قىلىش ئىستىراتىگىيىسىنى قوللىنىپ، ئەمىرنى مىسىرغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىش بىلەن بىرگە، سەيىد ئىبنى ئەبۇ ۋاققاسىنى باش قوماندان قىلىپ، قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئىراقنىڭ ھىرا شەھىرى ئەتراپىدىكى قەدىسىيەگە ئەۋەتتى. 637-يىلى 5-ئايدا، ۋاققاسىنىڭ باشچىلىقىدىكى 6000 كىشلىك قوشۇن پىرسىيە ۋەزىرى رۇستاننىڭ 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن قەدسىيەدە ئۇچراشتى. رۇستان ئىنتايىن ھاكاۋۇر بولۇپ، قۇملۇقتىن كەلگەن بۇ مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنى كۆزىگە ئىلىپمۇ قويمىدى. ئۇ ۋاققاستىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ۋەكىل مۇيىلەينى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. ۋاققاس مۇيىلەينى رۇستان بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىتىنى شەرھلىدى. رۇستان بۇنىڭغا قىلچە پەرۋا قىلماي: «بىزنىڭ بايلىقىمىز مول، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچىكىڭلار كام بولسا، بىز ياردەم قىلساق بولىدۇ، سىلەر تېز قايتىپ كېتىڭلا!» دەيدۇ. مۇيىلەي: «سىلەرنىڭ باي ۋە كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭلارنى بىز بۇرۇنلا ئاڭلىغان. ئەمدى مەن بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى سىلەرگە دەپ قوياي! ئاللاھ بىزگە ئۆزىمىزنىڭ ئەلچىسىنى ئەۋەتىپ بىزنى گۇمراھلىقتىن قۇتقازدى. ئۇ بىزنى مۇقەددەس دەستۇرگە ئىشىنىشكە بۇيرىدى. بىز ئۇنىڭغا ئىشىنىمىز، ئۇنىڭ يولىنى تۇتىمىز. كىشىلەرنى ئادەم ئادەمگە چوقۇنۇشتىن، شېرىكى يوق بىردىن-بىر ئاللاھغا ئىبادەت قىلىشقا يېتەكلەيمىز. كىمدە-كىم بىز بىلەن قارشىلاشسا، جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ» دەيدۇ. رۇستان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپمۇ قىلچىلىك پەرۋا قىلمايدۇ. مۇيىلەي قايتىپ كېتىدۇ. بىر مەيدان ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش مۇقەررەرلىشىپ قالىدۇ. ھەل قىلغۇچ جەڭ باشلانغان كۈنى، قاتتىق بوران چىقىپ، كۈننىمۇ كۆرگىلى بولماي قالىدۇ. بۇ خىل ھاۋارايىدىن پىرسىيەلىكلەرنىڭ كاللىسى ئايلىنىپ كېتىدۇ. باش قوماندانى رۇستان جەڭدە ئۆلىدۇ. پىرسىيە قوشۇنلىرى قاتتىق مەغلۇپ بولىدۇ. قەدسىيە غازىتى ئىسلام دىنى تارىخىدىكى داڭلىق غازاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، تارىختىن بۇيان تارىخشۇناسلار ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن؛ ئەدىپلەرمۇ ئۇنى ئەڭ ياخشى ئۇرۇش تېمىسى قىلىپ ئەدەبى ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئىراق جۇمھۇرىيىتى «قەدسىيەدىكى قانلىق جەڭ» دېگەن بىر كىنو ئىشلىگەن. كىنونىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ، نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلغان. قەدسىيە غازىتى زور غەلبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ۋاققاس غەلبىسېرى ئىلگىرلەپ تېخىمۇ ئىچكىرى كىرمەكچى بولغان، ئەمما، ئۆمەر رۇخسەت قىلمىغان. ئۇ: «ئالغا بېسىش دەرھال توختىتىلسۇن!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئەسكەرلەرنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن قۇملۇقتا بىر شەھەر قۇرۇشنى بۇيرۇغان. ئۇ دېڭىزدىن ئۆتۈپ ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدۇ، ئەسكەرلىرىم بىلەن مېنى دېڭىز ئايرىپ تۇرسا ھەرگىز بولمايدۇ، دەپ قارىغان. ئۆمەرنىڭ قارىشىچە ھەربىي قوشۇن جەڭنى پۇختا قەدەم بىلەن قىلىشى، يالغۇز قوشۇن دۈشمەننىڭ ئىچىگە بەك ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىدى. ۋاققاس بۇيرۇققا بىنائەن قەدسىيەنىڭ جەنۇبىغا 13 ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان جايغا چوڭ بىر ھەربىي گازارما سالدۇرغان. بۇ گازارما كېيىن تەرەققى قىلىپ ئاتاقلىق شەھەر كۈفە بولۇپ قالغان.
مۇسۇلمانلار كۈفەدە پۇت دەسسەپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئۆمەر، ۋاققاسىنىڭ پىرسىيە زىمىنىغا داۋاملىق يۈرۈش قىلىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ. ۋاققاس قوشۇنىنى باشلاپ 637-يىلى پىرسىيە پادىشاھى يەزىد جىرىد (يېڭى تاڭنامە. غەربى دىيار تەزكىرىسىدە يىسئەي دەپ خاتىرلەنگەن) جەڭدە مەغلۇپ بولىدۇ. 640-يىلى خوردىستاننى، 641-يىلى مۇسۇلنى فەتىھ قىلىدۇ. 642-يىلى نىھاۋەند غازىتىدا، پىرسىيە قوشۇنلىرى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. 651-يىلى، قېچىپ يۈرگەن يەزىد. جىرىد (ھازىرقى ئورتا ئاسىيا تۈركمەنىستاننىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى مەرۋ) ئەتراپىدا بىر تۈگمەنچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن 4 ئەسىر ھۆكۈم سۈرگەن ساسانىلار خاندانلىقى مۇنقەرىز بولىدۇ.
پىرسىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئىچكى جەھەتتە قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، خەلقنىڭ ياشاش ئىمكانىيىتىنى قويمايدۇ، سىرتقا نىسبەتەن، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، پۇقرالارنى مەجبۇرى ئەسكەرلىككە ئېلىپ، ئۇرۇشقا سالىدۇ، سانسىزلىغان ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلۈگى ياقا يۇرتلاردا قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پىرىسىيە ھۆكۈمرانلىرى خەلقنى زورو ئاستىر دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلاپ، مازداك دىنى مۇرىتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنى باستۇرىدۇ. خەلق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولىدۇ. شۇڭا، پۇقرالار پىرىسىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئاللا بۇرۇن نارازى ئىدى. مۇسۇلمانلار پىرىسىيەنى فەتىھ قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۈنۈملۈك باشقۇردى. يەھۇدى، ناسارا، زەردۇش دىنى مۇرىتلىرىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقى، ھەرقايسىسىنىڭ دىنى ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىدى. پەقەت بەلگىلىمە بويىچە باج تاپشۇرۇشنى قوغداشنىڭ شەرتى قىلدى. بۇ، پىرسىيە خەلقىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. شۇندىن تارتىپ، پىرسىيە چېگرىسى ئىچىدە كىشىلەرنىڭ كۆڭلى ئورنىغا چۈشۈپ، جەمئىيەت مۇقىم، تىنچ بولدى، ئىقتىساد تەرەققىي قىلدى.
ئۆمەر ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ھەم ئەلەمنى ھەم قەلەمنى تۇتتى. ئۇ تەرتىپ ۋە قۇرۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەمەلىيەتچى ئادەم ئىدى. تېرىتورىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، خەلىپە ئىمپىرىيىسى غەربى ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، شىمالى ئافرىقا قاتارلىق رايونلارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، كۆپ مىللەتلىك، كۆپ دىنلىق، قىتئەلەر ئاتلىغان چوڭ بىر دۆلەتكە ئايلاندى. ئەمما، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرمۇ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى. مۇشۇنداق بىپايان چوڭ بىر دۆلەتنى قانداق قىلىپ ياخشى باشقۇرۇش، ئۆمەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغان زور، مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. ئۆمەر قۇرئان كەرىمنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، جانلىق، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەڭ ئېتىبار بېرىپ، پىرىنسىپچانلىق بىلەن جانلىقلىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇردى. ھوقۇق تۇتقان 10 يىل ئىچىدە، ئۇ قۇرئاننىڭ روھى بويىچە، فەتىھ قىلىنغان رايونلاردا بىر يۈرۈش تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقىپ، بىر قاتار مەمۇرى قانۇن-تۈزۈملەرنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىشقا جەلپ قىلىپ، ئىسلام دىنىنى مىسلىسىز دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇردى. ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ پوچتا ئىشلىرى مانا مۇشۇ دەۋىردە راۋاجلانغان ئىدى. شۇڭا خەلىپە ئۆمەر ئىسلام قانۇنىنى تۇرغۇزغۇچى «پىكىرچىلەر» (راي) لارنىڭ ئىجادچىسى دەپ قارىلىدۇ.
كالېندار تۇرغۇزۇش
ۋاقىت، دەۋىرنى خاتىرىلەش—بىر دۆلەت، بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ دائىم زور مۇھىم تارىخى دەۋىرنىڭ باشلانغانلىقىنى ئىپادىلەپ، دەۋر بۆلگۈچ خارەكتېرگە ئىگە بولىدۇ. ئەبۇ بەكرىنىڭ ھوقۇق تۇتقان ۋاقتى قىسقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە توپۇلاڭلارنى تىنجىتىش، ئىككى ئىمپىرىيىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋاقتى چىقمىغان ئىدى. ئۆمەر ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، مىلادىي ھېسابلاشنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەندى. مىلادى 622-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى باشلاپ، مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان ئىدى. بۇ زور تارىخى ۋەقەنى خاتىرلەش ئۈچۈن، ئۆمەر 622-يىلنى ئىسلام دىنى كالىندارىنىڭ يىل بېشى قىلىشنى بېكىتىپ، ئۇنى ھىجرىيە (كۆچۈش) نىڭ بىرىنچى يىلى دەپ ئاتىدى. ھېسابلاشقا ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن، شۇ يىلنى ئەرەب قەمەرىيە يىلىنىڭ يىل بېشى (622-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى) نى، ھىجرىيە كالىندارىنىڭ يېڭى يىلى قىلىپ بەلگۈلىدى. بۇ ئۇسۇلنى —ھىجرىيە كالىندارىنى، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ھازىرغا قەدەر ئىشلىتىپ كەلمەكتە.
ھىجرىيە كالىندارى ئاينىڭ بىر قېتىم كەمتۈك ۋە تولۇن بولغان ۋاقىتنى بىر ئاي ھېسابلايدۇ. بۇنىڭ ۋاقتى 29 كۈن 12 سائەت 44 مىنۇت 2.8 سېكۇنت، 12 ئاي بىر يىل بولىدۇ، بۇنىڭ ۋاقتى 354 كۈن 8 سائەت 48 مىنۇت 33.6 سېكۇنت. تاق ئايلار 30 كۈن، جۈپ ئايلار 29 كۈن بىر يىل 354 كۈن 8 سائەت 48 مىنۇت 33.6 سېكۇنت بولۇپ، كەبىسە يىلى يوق. ئارتۇق چىققان 8 سائەت 48 مىنۇت 33.6 سېكۇنت قوشۇلسا 3 يىلدا بىر كۈن ئارتۇق قوشۇلۇپ كەبىسە يىلى قىلىنغان. شۇڭلاشقا كەبىسە يىلىدا بىر يىل 355 كۈن بولىدۇ. مەزكۇر كالىنداردا 30 يىل بىر دەۋر قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 1-، 3-، 4-، 6-، 8-، 9-، 11-، 12-، 14-، 15-، 17-، 19-، 20-، 22-، 23-، 25-، 27-، 28-، 30-قاتارلىق 19 يىل ئادەتتىكى يىل، قالغان 11 يىل كەبىسە يىلى قىلىنغان.
ھىجرىيە كالىندارى—قەمەرىيە كالىندارى بولۇپ، مىلادىيە كالىندارىغا سېلىشتۇرغاندا ھەريىل 10 كۈن 21 سائەت 1 مىنۇت كام، بۇ ۋاقىت 2.7 قۇياش يىلىدا بىر ئاي، 32.6 قۇياش يىلىدا بىر يىل پەرق قىلىدۇ. يەنى مىلادىدا 32 يىل بولغاندا، ھىجرىيە كالىندارىدا 33 يىل توشقان بولىدۇ. شۇڭلاشقا ھىجرىيە كالىندارىدا ھەرقايسى ئايلارنىڭ ھەرقايسى پەسىللەردىكى تۇتقان ئورنى مۇقىم بولمايدۇ. تەخمىنەن ھەر 32.5 يىلىدا بىر قېتىم دەۋر قىلىپ ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيىتلارنىڭ بەزىدە قىشتا، بەزىدە يازدا ۋە بەزىدە ئەتىياز ياكى كۈزدە كېلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. بۇندىن تاشقىرى، ھىجرىيە كالىندارى بىلەن مىلادىيە كالىندارىنىڭ يەنە بىر ئوخشىمايدىغان يىرى، ئۇنىڭدا سوتكا ھېسابلاش كۈن ئولتۇرغاندا باشلىنىپ، ئەتىسى كۈن ئولتۇرغانغا قەدەر دەل بىر كۈن بولىدۇ.
ھىجرىيە كالىندارىدا ھەرقايسى ئايلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى گەرچە مۇقىم بولسىمۇ، رامىزان (9-ئاي) نىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشنى بېكىتىشتە ئايغا قاراشقا توغرا كېلىدۇ. 8-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە يېڭى ئاي كۆرۈنسە، 2-كۈنى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى بولىدۇ، يەنى رامىزان كىرىدۇ. ئەگەردە يېڭى ئاي كۆرۈنمىسە، ئەتىسى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بولۇپ، چوڭ ئاي بولىدۇ، 3-كۈنى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى (رامىزاننىڭ 1-كۈنى) بولىدۇ. ئوخشاشلا 9-ئاينىڭ 29-كۈنى رامىزان ئاياقلاشقاندا يەنە ئايغا قاراشقا توغرا كېلىدۇ. ئاي كۆرۈنمىسە، ئەتىسى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى روزا ھېيت، بولمىسا، ئىككىنچى كۈنى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى بولۇپ، 3-كۈنى روزا ھېيت بولىدۇ. قۇربان ھېيتقىمۇ ھۆكۈم قىلىشمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ.
622 -يىلنى ئىسلام ھىجرىيە كالىندارىنىڭ يىل بېشى قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيىتى بار. چۈنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلىقى ئىسلام دىنى تارىخىدا زور بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە، مەككە خەلقى ئارىسىدا ئاللاھنىڭ بىرلىكى، قىيامەت كۈنىدىكى سوراق، ساۋاب-گۇناھ، جەننەت-دوزاخ قاتارلىقلارنى تەرغىب قىلغانىدى. ئۇنىڭغا ئاز بىر قىسىم ئادەملەر ئاۋاز قوشقاندىن سىرىت، نۇرغۇن ئادەملەر بولۇپمۇ قۇرەيىش ئاقسۆڭەكلىرى قارشى پوزىتسىيە تۇتقان، ھەتتا ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان ئىدى. مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يالغۇز ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە مەدىنە خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن سىياسى داھىغا ئايلاندى. ئۇ خارتىيە (ئاساسى قانۇن-ت) تۈزۈپ چىقىپ ئۈممە ھاكىمىيىتىنى قۇردى. مۇسۇلمانلارغا رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلارنى غەلبىدىن-غەلبىگە باشلاپ ئاخىرىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈردى. بۇندىن سىرىت بۇ قېتىمقى ھىجرەت يەنە مۇنداق بىر مەنىگىمۇ ئىگە بولدى: مۇسۇلمانلار مەلۇم بىر جايدا زىيانكەشلىك ۋە بېسىمغا ئۇچرىغاندا، ئۇلار ئۇ جايدىن ئايرىلىپ، نىسبەتەن ئەركىنرەك بولغان باشقا بىر جايغا ھىجرەت قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ تېگىشلىك نورمال تۇرمۇش كەچۈرىشى، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلىشى كېرەك. ئۇنداق قىلماي ياۋۇز كۈچلەرگە مادارا قىلىپ، تىز پۈكۈپ جان ساقلىغاننى ئاللاھ راۋا كۆرمەيدۇ.
دۆلەت تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش
ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە يېڭىدىن فەتىھ قىلىنغان رايونلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۆمەر، يېڭى ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، بىر قاتار سىياسى، ئىقتىسادى، ھەربىي ۋە ئەدلىيە تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ چىقتى. ئاساسىي مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
1 ). خەلىپە دۆلىتىنىڭ زور دۆلەت سىياسەتلىرىنى ئىناۋەتلىك ساھابىلەر كوللېكتىپ مەسلىھەتلىشىپ قارار قىلىش؛ مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربى، مەمۇرى ئەمەلدارلىرىنى خەلىپە بىۋاسىتە ساھابىلەر ئىچىدىن تەيىنلەش.
2 ). مەملىكەتنى بىر قانچە ئۆلكە-رايونلارغا بۆلۈش، خەلىپە تەيىنلىگەن ۋالى پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ھەربىي، سىياسى ۋە مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇش؛ چوڭ مەمۇرى رايونلار ۋە نۇقتىلىق شەھەرلەردە، ۋالى ھەربىي ۋە مەمۇرى ئىشلارغىلا مەسئۇل بولۇپ، ئۇلارنىڭ مالىيە ۋە ئەدلىيە ئىشلىرىنى خەلىپە بىۋاسىتە تەيىنلىگەن زاكاتچى ۋە قازىلار باشقۇرۇش؛
3). ئۇرۇقداش جەمەتلەرنىڭ جەڭگىۋار تەشكىللىرىنى دائىمى زاپاس قوشۇن قىلىپ ئۆزگەرتىپ، پىيادە قىسىم ۋە ئاتلىق قىسىملارنى تەشكىللەپ خەلىپە بىۋاسىتە ئۆزى باشقۇرۇش، ئۇرۇشتىكى تۆھپىسى، دەرىجسىگە قاراپ يىللىق تەمىنات ۋە ئايلىق بېرىش، ھەربىي قوشۇنلار چوڭ شەھەرلەردىن ئايرىلىپ يېڭى ھەربىي گازارمىلاردا تۇرۇش ھەمدە بۇ ھەربىي گازارمىلارنى ئاساس قىلىپ، بىر تۈركۈم يېڭى ھەربىي بازىلارنى قۇرۇپ چىقىش.
4). ئەرەبلەرنىڭ يېڭىدىن فەتىھ قىلىنغان رايونلاردىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگەللىۋېلىشىنى مەنئى قىلىش، مۇسادىرە قىلىنغان يەرلەرنى يانچى دېھقانلارنىڭ تېرىشىغا بۆلۈپ بېرىش، ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغان دېھقانلارنىڭ ئۆز يېرىنى تېرىشىغا رۇخسەت قىلىپ، تۆۋەن باج ئېلىپ، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىغا ئىلھام بېرىش.
دۆلەتنىڭ باج يىغىش ۋە تەقسىمات تۈزىمىنى تۇرغۇزۇپ، پەقەت كۆچمە مۈلۈكلەرنىلا غەنىيمەت ھېسابلاش، دۆلەتنىڭ باج كىرىمىنى پۈتۈنلەي دۆلەت غەزىنىسىگە كىرگۈزۈش بەلگىلەندى. دۆلەت چىقىمدىن ئاشقان غەزىنە قالدۇقى يىللىق تەمىنات قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەن ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكى ۋە ئۇرۇش تۆھپىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە، يەنە ئوخشىمىغان دەرىجىلىرىگە ئاساسەن تىزىملىك تۈزۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇسۇلمانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، پەيغەمبەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ يىللىق تەمىناتى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، جەڭلەردە شەھىت بولغان تۆھپىكارلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى.
ئەبۇبەكرى دەۋرىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنلىرىغا مۇقىم يىللىق تەمىنات ياكى مائاش بېرىلمەي پەقەت ئۇرۇش غەنىمەتلىرى ئەسكەرلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى. ئۆمەرنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە ئىسلام دىنىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى رايونلار كۈنسايىن كۆپەيدى، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەھۋالى خىلمۇ-خىل بولۇپ، توختامنامە تۈزۈپ تەسلىم بولىدىغان شەھەرلەر كۆپەيدى. ئۇرۇش غەنىمەتلىرى بولسا نىسبى ھالدا ئازلاپ كەتتى. بۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئۆمەر ھەربىي تەمىنات تۈزىمىنى تۇرغۇزۇپ، قەبىلە ياكى ئۇرۇقداش جەمەتلەرنىڭ جەڭگىۋار تەشكىللىرىنى تەدرىجى دائىمى زاپاس قوشۇن قىلىپ ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆمەر پارسلارنىڭ «دىۋان» تۈزىمىدىن دادىللىق بىلەن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلدى. دىۋاننىڭ فۇنكىسسىيىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، دۆلەتنىڭ كىرىم-چىقىمىنى باشقۇرۇش، يىللىق تەمىنات ئالىدىغان باشلىق ۋە ئەسكەرلەرنى تىزىملاش، تەمىنات ئۆلچىمىنى بېكىتىش، دۆلەت ئارخىپى (مەسىلەن دۆلەتنىڭ كىرىم-چىقىم مالىيە ئارخىپى) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. بۇنىڭ بىلەن، جەڭگە چىققان ھەربىر ئادەمنىڭ ۋە ئارقا سەپتىكى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ مۇقىم تەمىناتى بار بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ئالاھىدە ئېتىۋارغا ئېرىشىپ، يىللىق تەمىناتى نىسبەتەن يۇقىرى بولدى. مەسىلەن، ئائىشەنىڭ يىللىق تەمىناتى تەخمىنەن 12 مىڭ دىرھەم بولدى. شەھىت بولغان تۆھپىكارلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە بېرىلىدىغان يىللىق تەمىناتمۇ نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلدى. باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئوخشاشلا كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. مەيلى نامرات بولسۇن، سىرتتا سەپەردىكىلەر بولسۇن ياكى دۈشمەنلەر قۇل قىلىۋالغان، پۇل تۆلەپ ئازاد قىلىشقا تېگىشلىكلەر بولسۇن «ھەق يولى» نى (سەمىئاللا» نى تۇتقانلا ئادەم بولىدىكەن بىر كىشىلىك نېسىۋىسىدىن بەھرىمەن قىلىندى.
ئۆمەر مۇسۇلمانلارنىڭ فەتىھ قىلىنغان يەرلەرنى تېرىشى ۋە ئىگەللىۋېلىشىنى مەنئى قىلدى. فەتىھ جەريانىدا، ئۇ قېچىپ كەتكەن خان جەمەتلىرى، ئاقسۆڭەك، ئەمەلدار، پومىشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلغاندىن كېيىن، شۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ تېرىشىغا تەقسىم قىلىپ بەردى. باج تۆلەش شەرتى ئاستىدا، پۇقرالارنىڭ ئۆز مەئىشىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىپ، قول تىقىپ ئارىلىشىۋالمىدى.
ئۆمەر دەۋرىدە، دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىمى تېز كۆپەيدى، ئۇرۇش غەنىمەتلىرى، جىزيە ، يەر بېجى، ئۈشرە قاتارلىقلاردىن دۆلەت غەزىنىسى تولۇقلىنىپ، دۆلەت كۈچى قۇدرەت تاپتى. جىزيە-يەھۇدى، ناسارا—مەجۇسىيلەر ھەمدە سابى دىنى مۇرىتلىرىدىن ئېلىنىدىغان بىر خىل باج. بۇ دىنلارنىڭ مۇرىتلىرى «زىممىيلەر» (قوغدالغۇچىلار) دەپ ئاتالدى. دۆلەت ئۇلارنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى قوغدىدى. ئۇلاردىن ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەپ جەڭ قىلىش مەجبۇرىيىتىمۇ تەلەپ قىلىنمىدى. قوغداش شەرتى سۈپىتىدە، قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ، ئاياللار ۋە بالىلاردىن سىرت، قالغانلارنىڭ ھەممىسىدىن جىزيە تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىندى. يەر بېجى ئۆلچىمى ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلدى. ئۆلكە يېرى ۋە تاغ يېرى، مول-ھوسۇل ئالغان يىلى بىلەن ھوسۇل كام چىققان يىللىرىدىن ئېلىنىدىغان باج ئۆلچىمى پەرقلىق بولۇپ، ئومۇمەن كونا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولدى. ئۈشرە پەقەت مۇسۇلمانلارغىلا قارىتىلغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار تېرىلغۇ يېرىدىن چىققان ھوسۇلنىڭ 10 دىن بىر قىسمىنى تاپشۇرىدىغان، زاكاتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، «ئۈشرە» دەپ ئاتىلىدۇ (101 قىسىم دېگەن مەنىدە).
ئىسلام دىنى پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىكى «جاھىلىيەت» دەۋرىدە، ئەرەب يېرىم ئارىلى قەبىلداشلىق جەمئىيىتىدە بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن مەمۇرى باشقۇرۇش ئورگىنى يوق ئىدى. ھەرقايسى قەبىلىلەر ئۆزىنى-ئۆزى سوراپ، ئوت-سۇنى قوغلۇشۇپ ياشايدىغان كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى كەچۈرەتتى. ھېچقانداق سانائەت يوق ئىدى، قۇيمىچىلىق سانائىتىدىن ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايتتى، پۇل قۇيۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەينى چاغدىكى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى مالنى مالغا ئالماشتۇرۇش بولۇپ، قىسمەن سودا شەھەرلىرىدە ۋىزانتىيە ۋە پىرسىيەنىڭ پۇللىرى (دىنار ۋە دىرھەم) ئىشلىتىلەتتى. ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكرىنىڭ دەۋىرلىرىدە، دىن تەرغىب قىلىش، توپىلاڭلارنى تىنجىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، پۇل قويۇش ئىشى قولغا ئېلىنماي، يەنىلا ۋىزانتىيە ۋە پىرسىيەنىڭ پۇللىرى ئىشلىتىلدى. ئۆمەر دەۋرىدە، دۆلەت زېمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. نۇرغۇن غەيرى ئەرەب مىللەتلىرىمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدى. شۇڭلاشقا، ئىقتىسادى ۋە سودا پائالىيەتلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. ئەھۋاللارمۇ بارغانسېرى مۇرەككەپلەشتى. ئۆمەر پۇل قۇيدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، پىرسىيەدە ئۈستىگە «ئىمان جۈملىسى» ئويۇلغان، ئىسلام ئالاھىدىلىكىگە ئىگە پۇل قۇيدۇردى. ئوسمان دەۋىرىگە كەلگەندە، پۇلنىڭ ئۈستىگە «ئاللا ئۇلۇغدۇر» دېگەن خەت ئۇيۇلدى.
ئۆمەر يېڭى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىراق، مىسىرلاردا بەزىبىر ھەربىي گازارمىلارنى سالدۇردى. بۇ گازارمىلار تەدرىجى ھالدا تەرەققى قىلىپ شەھەرلەرگە ئايلاندى. بەسرە شەھىرى ئىراقنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، 635-يىلى بوۋىبو غازىتىدىن كېيىن قۇرۇلغان. ئۆمەر مەزكۇر رايوننىڭ مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ئورنىنى پىششىق بىلگەچكە، ئەبۇ مۇسا ئەشرىلىگە بۇيرۇق قىلىپ بەسرە شەھىرىنى سالدۇرغان. ئۇ ئەشرىلىگە بۇيرۇق قىلىپ، بەسرە شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا قانال قازدۇرۇپ، ئېبورا پورتى بىلەن تۇتاشتۇرغان، شەھەر ئىچىگە يەنە بىر مەسچىد، بىر ساراي سالدۇرغان. كېيىن، بەسرە شەھىرى ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ قالغان.
كۈفە شەھىرى قەدىمكى بابىلۇن قەلئەسىنىڭ ئورنىغا ئۈچ ئىنگىلىز مىلى كېلىدىغان ھىرا ئەتراپىغا، ئىفرات دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان بولۇپ، 638-يىلى ئۆمەر پىرسىيەنى فەتىھ قىلغان سەيىد. ئىبنى. ئەبۇ ۋاققاسقا بۇيرۇق قىلىپ سالدۇرغان. كېيىن، مۇسۇلمانلار قوشۇنىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ تەدرىجى كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى؛ ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغان پارسلارنىڭ كۆچۈپ كېلىشى، يەنە سۈرىيىدىن كەلگەن ناسارالار ۋە يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىدىكى نەجلەدىن كۆچۈپ كەلگەن يەھۇدىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشى بىلەن ئاستا-ئاستا، كۈفە شەھىرى ئىسلام دىنىنىڭ مەشھۇر تارىخى مەدەنىيەت شەھىرىگە ئايلانغان.
فۇستان شەھىرى (قاھىرە شەھىرىنىڭ دەسلەپكى ئىزناسى) بابىلۇن قەلئەسىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان. 641-يىلى، ئۆمەر مىسىرنى فەتىھ قىلغان ھەربىي قوماندان ئەمىر. ئىبنى ئاسقا بۇيرۇق قىلىپ ئاتاقلىق ئەمىر مەسچىتىنى سالدۇرغان. كېيىن فۇستان شەھىرىنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى زورىيىپ، بۈگۈنكى قاھىرە شەھىرى ئۇنىڭ ئاساسىدا تەرەققى قىلغان. مەزكۇر شەھەر ئىسلام دىنى تارىخىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەشھۇر ئىلىم-پەن مەدەنىيەت شەھىرى بولۇپ قالغان. يۇقىرىقى 3 شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى خەلىپە دۆلىتىنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
ئۆمەر كۆكسى-قارنى كەڭ، ئۇلۇغۋار ئىرادىگە ئىگە سىياسىئون بولۇپ، مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلاتتى. ئۇ ھەربىي قوماندان ۋە ھاكىم قاتارلىق مۇھىم ئەمەللەرگە مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنىڭ ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر ساھابىلەرنى تاللاپ قوياتتى. ئەمما، مۇشۇنداق كۆپ مىللەت، كۆپ دىن، كۆپ مەدەنىيەتلىك، زېمىنى كەڭ، زور بىر دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا يەنە نۇرغۇن مەمۇرى باشقۇرغۇچى خادىملار كېرەك ئىدى. نۇرغۇنلىغان مۇھاجىر ۋە ئەنسارلار مەمۇرى باشقۇرۇشتىن تېخى خەۋەرسىز بولۇپ ئۇلارنىڭ بۇ خىزمەت بىلەن تونۇشۇشىغا يەنە بىر جەريان لازىم ئىدى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئۆمەر ھەربىر جاينى فەتىھ قىلغاندىن كېيىن ئۆلگىچە قارشىلىق قىلىدىغان ۋىزانتىيە ۋە پىرسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ خان-پادىشاھ، ئاقسۆڭەكلىرىگە زەربە بەرگەندىن سىرىت، قالغان ئادەتتىكى ئەمەلدارلىرىنى داۋاملىق ئىشلەتتى. كونا ھاكىمىيەتنىڭ مەمۇرى ئورگانلىرىغا قارىتا، ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ساقلاپ قىلىپ، ئۆز ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردى. بۇنىڭ بىلەن، فەتىھ قىلىنغان جايلاردىكى ھاكىمىيەتنىڭ تىنچ ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زۆرۈر بولمىغان ئىجتىمائىي داۋالغۇش ۋە ئىقتىسادى زىيانلاردىن ساقلىنىپ قالدى.
ئۆمەر، ھەرقانچە ياخشى قانۇن بولسىمۇ ئۇنى ئىجرا قىلمىسا ھېچبىر ئەھمىيىتى بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلگەچكە، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. ئۇ نۇرغۇن ئالىملارنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىپ، دىنى قائىدە، دىنى ئەھكاملارنى تەشۋىق-تەرغىب قىلىپ، ھەممە ئائىلىلەرگە بىلدۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈردى. مۇشۇ ئاساستا، ئۇ ئىسلام شەرئىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە قازىلارنى ئەۋەتتى. مەسىلەن، ئەبۇ دەجدا مەدىنىنىڭ قازىلىقىغا، شەلىھ كۈفەنىڭ قازىلىقىغا، ئەبۇ مۇسا ئەشرىلى بەسرەنىڭ قازىلىقىغا، گاھىس مىسىرنىڭ قازىلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇ يەنە مۇنەۋۋەر ساھابىلەر ۋە ئالىملارنى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەپ، دۆلەتنىڭ زور سىياسى فاڭجىنلىرىنى بەلگىلەشكە قاتناشتۇردى. مەسىلەن، ئوسمان، ئەلى، ئابدۇراخمان. ئىبنى ئەۋف قاتارلىقلار. ئۆمەر مۇسۇلمانلارغا قارىتا تەلەپنى قاتتىق قوياتتى، قانۇن ئىجرا قىلىش پوزىتسىيەسى ئىنتايىن قەتئى ئىدى. ئالدى بىلەن، ئۇ پايتەخت مەدىنىدە جامائەتكە ئىماملىق قىلىپ ناماز ئۆتەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي قائىدە، دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئىجرا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلاتتى. شۇنىڭدەك، ئۇ ھەرقايسى جايلاردىكى ھاكىم ۋە ئەمەلدارلاردىنمۇ بىۋاسىتە ئىماملىق قىلىپ ناماز ئۆتەشنى تەلەپ قىلاتتى. ئىككىنچىدىن، سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىمۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشنى قەتئى تەلەپ قىلاتتى. نىمىنىڭ قانۇنلۇق، نىمىنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكى، ھەق-ناھەق ئېنىق ئايرىلىپ، قانۇندىن قىلچىلىك سىرتىغا چىقىپ كېتىشكە ئەسلا يول قويمايتتى. بولمىسا، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، ھېچقانداق ئادەمگە يۈز خاتىرە قىلمايتتى. بىر قېتىم، بىر نەپەر مىسىرلىق كېپۇت (خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان يەرلىك مىللەت) ئۆمەرگە مىسىر ۋالىسى ئەمىرنىڭ ئوغلى ئۈسىتىدىن، ھوقۇقىغا تايىنىپ ئادەم بوزەك قىلدى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە يېڭىپ چىققان كېپۇتلارنى قامچا بىلەن ئۇردى، دەپ ئەرز قىلىدۇ. ئۆمەر تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئىككى داۋاگەرنى چاقىرىپ كېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا قامچىنى تۇتقۇزۇپ، ئوخشاش ئۇسۇل، ئوخشاش دەرىجىدە ھاكىمنىڭ ئوغلىنى ئۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. كېپۇتلار ئۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغاندا، ئۆمەر: «مەن سىلەرگە ئىگە بولىمەن» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆمەرنىڭ دېگىنى بويىچە ھاكىمنىڭ ئوغلىنى ئۇرىدۇ. بۇ داۋا شۇنىڭ بىلەن ئاياقلىشىدۇ. ئادىللىق ئەدلىيەنىڭ جېنى، ئۆمەر بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر چۈشەنگەچكە، ئائىلىسىدىكىلەرگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئومۇمنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا، سودىگەرچىلىك قىلىپ پايدا ئېلىشىغا ھەمدە قانۇنغا خىلاپ ھەرقانداق ئىشنى قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايتتى. ئۇدائىم ئائىلىسىدىكىلەرگە: «مەن بىرەر ئىشنى قىلىشنى مەنئى قىلسام، كىشىلەر سىلەرنىڭ ھەرىكىتىڭلارغا دىققەت قىلىدۇ. سىلەر قىلساڭلار ئۇلارمۇ ئەگىشىپ قىلىدۇ، سىلەر قىلمىساڭلار ئۇلارمۇ قىلمايدۇ» دەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ بىر ئوغلى شەرىئەت قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ھاراق ئىچكەندە، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي شەرىئەت قانۇنى بويىچە ئوغلىنى جازالايدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئوغلى دەررە يەپ تۈرمىگە قامىلىپ، تۈرمىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۆمەرنىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، شەپقەتسىزلىك دەرىجىسىگە دېگىدەك يەتكەن بولۇپ، ئۇ ئاز يېيىش، ئاز ئىچىش، ئاز ئۇخلاش، ئاز كۈلۈش؛ كۆپ ئويلىنىش، كۆپ غەم قىلىش، كۆپ ئىبادەت قىلىشنى قەتئى داۋاملاشتۇراتتى.
ئۆمەر قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلاتتى، ئەمما، گۇناھ بېكىتىشتە ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇپ، جانلىق بىر تەرەپ قىلاتتى. بىر قېتىم، بىر ياللىغۇچى ياللىغان ئادىمىم تۆگەمنى ئوغرىلىدى دەپ ئەرز قىلىپ كېلىدۇ. ئەسلىدە، شەرىئەت قانۇنى بويىچە ئوغرىلىق قىلغانلارنىڭ قولى كېسىلەتتى. ئۆمەر ئالدىراقسانلىق بىلەن گۇناھ بېكىتمەي، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئاخىرىدا، ياللىغۇچىنىڭ ياللىغان ئادىمىنى ئۇزۇن مۇددەت ھەق بەرمەي ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئامالسىزلىقتىن تۆگە ئوغرىلىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياللانغۇچىنى جازالىماي، خەقنىڭ ھەققىنى بەرمىگەن ياللىغۇچىنى جازالايدۇ.
ئۆمەر بەرپا قىلىپ چىققان دۆلەت تۈزۈملىرى ئەرەب ئىمپىرىيەسىنىڭ تىكلىنىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالىدۇ. شۇڭا، دۇنيا تارىخشۇناسلىرى ئۇنى «ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىككىنچى ھۇل سالغۇچىسى» دەپ تەرىپلىسە، ئەرەب ئالىملىرى ئۇنى «قانۇننىڭ تۈۋرىگى» دەپ مەدھىيلەيدۇ.
==ئۆمەرنىڭ قەستكە ئۇچرىشى
مەدىنىدىكى نەبەۋىي مەسچىتىدىكى خەلىپە ئۆمەرنىڭ قەبرەتېشى
ئۆمەر ئۇلۇغۋار ئىرادىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئالەمشۇمۇل پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقاندا، بەزىلەر ئۇنى كۆزدىن يوقىتىشنى ئويلايتتى. ئۆمەر دەۋرىدىكى غازاتلار خۇددى شامال غازاڭلارنى ئۇچۇرغاندەك، بىر مەزگىل جاھانغا پاتماي قالغان رىم ئىمپىرىيىسىنى تىترىتىپ، ئوتتۇرا شەرقتە مىڭ يىللاپ دەۋر سۈرگەن پىرىسىيە ئىمپىرىيىسىنى ئۈزۈل-كېسىل بىتچىت قىلدى، ئۆمەرمۇ خۇددى ئابەكرىگە ئوخشاش، غەيرى مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئۈچتىن بىرنى تاللاشقا قويدى. يەنى دىنىغا كىرىش، باج-خىراجەت تۆلەش ياكى ئۇرۇش قىلىش. بۇنىڭغا قارىتا غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنكاسى ھەرخىل بولدى. بەزىلەر ئىسلام دىنىغا كىردى؛ بەزىلەر باج-خىراجەت تۆلەپ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى؛ يەنە بەزىلەر بولسا ھەم دىنىغا ئىشەنمەي، ھەم باج تۆلەشنى خالىماي، ئۆلگىدەك قارشىلاشتى. بىرىنچى خىل تاللاشنى ئىختىيار قىلغان (دىنىغا كىرگەن) ئادەملەر ئىچىدە، بەزىلەر چىن دىلىدىن ئىسلام دىنىغا كىرگەن بولسا، بەزىلىرى ئېقىمغا ئەگىشىپ مۇسۇلمان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئاساسى ئېقىم بولغان ئىسلام دىنى جەمئىيىتىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالدى. بۇ خىل ئادەملەر ئادەتتە باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش «ئىمان» ئېيتىپ، ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتسىمۇ، ئەمما، كۆڭلىدە ئۆتمۈشنى ئېسىدىن چىقارمىدى. بولۇپمۇ ئەزەلدىن ئۆزلىرىنى ئۈستۈن چاغلايدىغان پارىسلار قۇملۇقتىن كەلگەن مۇسۇلمانلارغا يېڭىلىپ قالغانلىقىغا تەن بەرگۈسى كەلمەيتتى. مۇنقەرىزلىك ھەسرىتى ئۇلارنىڭ قەلبىنى چۇلغىۋالغان ئىدى. بۇ خىل كەيپىيات تەدرىجى ھالدا مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئۆچمەنلىككە ئايلاندى ھەمدە بۇ خىل ئۆچمەنلىك مۇسۇلمانلارنىڭ داھىسى بولغان ئۆمەرگە مەركەزلەشتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۆمەرنى نىشان قىلغان بىر مەيدان سۈيقەست باش كۆتەردى.
كۈفەدە ئەبۇ. لۇلۇ دېگەن بىر پارس بولۇپ، كۈفە ۋالىسى مۇيىلەينىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيتتى. بۇ ئادەم ئۇستا ھۈنەرۋەن بولۇپ، تۆمۈرچىلىك، ياغاچچىلىق ۋە ئويمىچىلىقنى بىلەتتى. ئۇ ۋالىغا پايتەخت مەدىنىگە بېرىپ ئىشلەش ئارزۇسىنى بىلدۈرىدۇ. ۋالى ئۆمەرنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن،ئۇنىڭ مەدىنىگە بېرىشىغا رۇخسەت بېرىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئادەم ئىنتايىن مەككار، ھىيلىگەر ئادەم بولۇپ، مەدىنىگە بارغاندىن كېيىن، قول سېلىش پەيتىنى كۆزلەپ، مەخپى ھالدا ئۆمەرنىڭ ھەرىكەت ۋە تۇرمۇش قانۇنىيەتلىرىنى كۆزىتىشكە باشلايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇ ئۆمەرنىڭ جامائەت بىلەن مەسچىتتە ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا قول سېلىشنى قارار قىلىدۇ. چۈنكى، مەسچىتتە ھەممە ئادەم پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ ئىبادەت قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغاچقا، مۇداپىئە تەدبىرلىرى يوق ئىدى.
644-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى (ھىجرىيىنىڭ 23-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى)، ئۆمەر كۈندىكىگە ئوخشاش ئەتىگەن قوپۇپ، بامدات نامىزىنى ئۆتەش ئۈچۈن مەسچىتكە ماڭىدۇ. مەسچىتتە ئۇ جامائەتكە قاراپ: «سەپراس» دەپ ۋارقىراپ بولۇپ، يۈزىنى كەئىبىگە (قىبلىگە) قارىتىپ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ، پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ نامازنى باشلايدۇ. بۇ چاغدا، پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان ئەبۇ. لۇلۇ ئۆمەرنىڭ كەينىدىن ئالتە يېرىگە خەنجەر تىقىۋىتىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۆرۈلۈپ سىرتقا قاچىدۇ ھەمدە قاچقاچ قولىدىكى خەنجەرنى شىلتىپ 13 ئادەمنى يارىلاندۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. جامائەت نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇقالمايلا قالىدۇ، ئۇلار ئەبۇ لۇلۇنى چاپان بىلەن چۈمكەپ تۇتىۋالىدۇ. بۇ قاتىل قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، قولىدىكى خەنجىرى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ. مۇشۇ چاغدا، بىر تەرەپتە تۇرغان ئابدۇراخمان. ئىبنى ئەۋف ئىمام ئۆمەرنىڭ: «بۇ ئاللاھنىڭ قىسمىتى! بۇ ئاللاھنىڭ قىسمىتى!» دەپ يەردە ياتقانلىقىنى بايقايدۇ. ئۆمەر ئابدۇراخماننىڭ قولىنى تۇتۇپ، نامازنى داۋاملىق ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۆمەر تىرىشىپ-تىرمىشىپ قايتىدىن كىچىك تاھارەت ئېلىپ، بامدات نامىزىنى ئوقۇپ تۈگىتىدۇ. ئاندىن كېيىن جامائەت ئۇنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە ئەپكىلىپ قويىدۇ. «ئۆمەر مەن بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغان ئوخشايمەن، شۇڭا بىرسى ماڭا پىچاق تىقتى» دەپ قاراپ، ساھابىلەردىن ئىبنى. ئابباسنى ئەھۋالنى ئۇقۇپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ. ئىبنى. ئابباس ئەھۋالنى ئىگەللىگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا: «ئى، ساھابىلەرنىڭ باشلىقى، سەندە نېمە گۇناھ بولسۇن؟ كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئوغلىدىن ئايرىلغاندەك قايغۇرۇپ ياش تۆكمەكتە» دەيدۇ. ئۆمەر ئۆزىنىڭ ھايات قالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئوغلى ئابدۇللانى بۇيرۇپ بارلىق قەرىزلىرىنى تۆلەتكۈزىدۇ ھەمدە پەيغەمبەرنىڭ ئايالى ئائىشەدىن ئۆزىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەبۇ بەكرىنىڭ قەبرىسى يېنىغا دەپىن قىلىشقا رۇخسەت سوراپ ئادەم ئەۋەتىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىدىن كېيىن كىمنىڭ باش بولىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئەسلىدە، ئۇ ئىزباسار بېكىتىشنى ئويلاشمىغان بولۇپ، مۇيىلەي ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللانى ئىزباسار قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۆمەر قاتتىق خاپا بولۇپ: «ئاللاھ جاجاڭنى بەرسۇن! ئاللاھغا قەسەمكى، مەن بۇنداق قىلىشنى خالىمايمەن، مەن بىزنىڭ ئائىلىدىكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىزباسار بولىشىنى خالىمايمەن» دەيدۇ. ئارقىدىن، ئوسمان، ئەلى، تەلىھە. ئىبنى ئۇبەيدۇللا، زۇبەير. ئىبنى ئەۋۋام، ئابدۇراخمان. ئىبنى. ئەۋف، سائاد. ئىبنى. ئەبباد قاتارلىق ئالتە كىشىدىن سايلام ھەيئىتى تەشكىل قىلىشنى بېكىتىدۇ، يېڭى خەلپىنى مۇشۇ ئالتە ئادەم ئىچىدىن مەسلىھەتلىشىپ بارلىققا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆمەر ئۇلارغا مۇۋاپىق ئادەمنى يېڭى خەلىپە قىلىپ سايلاپ چىقىش ئۈچۈن 3 كۈن مۆھلەت بېرىدۇ ھەمدە قوغداش ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ، ھېچقانداق ئادەمنىڭ سايلامغا دەخلى يەتكۈزىشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ. بۇ مەزگىل ئىچىدە ئىماملىققا شۇ ئەيبنى بەلگىلەيدۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۆمەر قازا قىلىدۇ. شۇ يىلى ئۇ 53 ياشتا ئىدى. شۇ ئەيىب جامائەتكە ئىمام بولۇپ ئۆمەرنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوقۇيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىش ۋە پائال كېڭىشىش ئارقىلىق، 6 كىشىلىك سايلام ھەيئىتى ئوسماننى 3-نۆۋەتلىك خەلىپىلىككە كۆرسىتىدۇ.
ئەبۇ بەكرى (مىلادىيە 573-634 يىللار)، ئەسلى ئىسمى ئابدۇللا ئىبنى ئوسمان. ئىبنى ئەمىر، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر ئىككىلىسىلا قۇرەيىشلەردىن بولۇپ، ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر ئۇرۇقداش جەمەتتىن ئەمەس ئىدى. ئەبۇ بەكرى كىچىكىدىنلا ياخشى تەربىيە ئالغان بولۇپ، بىلىملىك، مېڭىسى ئۆتكۈر، گەپ-سۆزلىرى جايىدا ئىدى. ئۇ كىشىلەرگە سەمىمىي-سادىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى، ئاچچىقلانمايتتى. ئۇ، مۇۋاپپىقىيەت قازانغان، تەجرىبىلىك سودىگەر بولۇپ، رەخت سودىسى قىلىپ بېيىغان، مال-مۈلكى 40 مىڭ دىنار (ئالتۇن تەڭگە) غا يېتەتتى. ئەينى چاغدىكى ئەبۇ سوفيان قاتارلىق سودىگەرلەرگە ئوخشىمايدىغىنى، ئۇ باي بولغىنى بىلەن ھاكاۋۇرلۇق قىلمايتتى، بايلىقنى دەپ رەھىمسىزلىك قىلمايتتى؛ ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇ مەرد قولى ئوچۇق بولۇپ، دائىم دوستلىرى، قېرىنداشلىرىنى سېخىيلىق بىلەن مېھمان قىلاتتى. ئۇ دوستلۇقنى قەدىرلەيتتى، دوستلىرى كۆپ ئىدى. ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئىناۋىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك دوستلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىككىسى بىرلىكتە شامغا (سۈرىيەگە) بېرىپ سودىگەرچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى چۈشىنەتتى، ئىشىنەتتى.
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[تۈر:كىشلەر]]
[[تۈر:تارىخىي شەخسلەر]]
[[تۈر:ساھابەلەر]]
kqvtaa7sqwrs3834al2lo3owlftco2f
ئەشەرەئى مۇبەششەرە
0
19347
176548
166594
2026-09-28T20:27:43Z
CommonsDelinker
100
Removing [[:c:File:Umar.png|Umar.png]], it has been deleted from Commons by [[:c:User:ChemSim|ChemSim]] because: per [[:c:Commons:Deletion requests/Files uploaded by Ibrahim ebi|]].
176548
wikitext
text/x-wiki
'''ئەشەرەئى مۇبەششەرە''' (ئەرەبچە: اَلْعَشَرَةِ الْمُبَشِّرُونَ بِاْلْجَنَّةِ/ ئەل ئەشەرەت-ىل مۇبەششىرۇنە بىل جەننەھ). [[سۈننىي]] ئىسلام ئاتالغۇسى بولۇپ، [[پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام]] تەرىپىدىن ھايات ۋاقتىدىلا جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن، يەنى ئاللاھ تائالا جەننەتكە كىرىدىغانلىقلىرىنى ۋەدە قىلغان ئون كىشى ئۈچۈن قوللىنىلغان بىر ئاتالغۇ. شۇنداقلا ئەل مۇبەششىرۇن بىل جەننەھ ئاتالغۇسىمۇ بۇ كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ھەقتە ساھابە [[ئابدۇراھمان ئىبن ئەۋف]] ۋە [[سەئىد بىن زەيىد|سەئىد بىن زەيىدنىڭ]] شۇ رىۋايىتى باردۇر: «أبو بكر في الجنة، وعمر في الجنة، وعثمان في الجنة، وعلي في الجنة، وطلحة في الجنة، والزبير في الجنة، وعبد الرحمن بن عوف في الجنة، وسعد بن أبي وقاص في الجنة، وسعيد بن زيد في الجنة وأبو عبيدة بن الجراح في الجنة.» (ئەبۇ بەكرى جەننەتلىك، ئۆمەر جەننەتلىك، ئوسمان جەننەتلىك، ئەلى جەننەتلىك، تالھا جەننەتلىك، زۇبەير جەننەتلىك، ئابدۇرراھمان بىن ئەۋف جەننەتلىك، سەئىد بىن ئەبى ۋەققاس جەننەتلىك، سەئىد بىن زەيىد جەننەتلىك ۋە ئەبۇ ئۇبەيدە بىن جەرراھ جەننەتلىكتۇر)
بۇ ئون زاتنىڭ تۆرتى [[خۇلەڧائى راشىددىن]] دەپ تونۇلغان تۆرت خەلىپىدۇر.
بۇلاردىن باشقا يەنە ساھابەلەردىن [[خەدىجە بىنت خۇۋەيلىد]]، [[ئابدۇللاھ ئىبن سالام]]، [[ئۇكاشا بىن مۇھسىن]] قاتارلىقلارغىمۇ جەننەت بىلەن سۆيۈنچ بېرىلگەن. لېكىن بۇ ئون كىشى بىر ھەدىستە تەڭ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئاتايىن ئەشەرەئى مۇبەششەرە دەپ ئاتالغان. [[ئەھلى شىئە]] بۇ ھەدىسنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.
{| class="wikitable"
!رەسم
!ئىسم
!ئۆمرى
!كۆمۈلگەن يېرى
!ھەققىدە
|-
|[[ھۆججەت:Abu bakr.png|frameless|200x200px]]
|[[ئەبۇبەكر سىددىق ئابدۇللاھ ئىبن ئەبى قۇھافە ئەتتەيمىي ئەل قۇرەشىي]]
أبو بَكر الصّدِّيق عبد الله بن أبي قُحافة التَّيمي القُرَشيّ
|(ھ. بۇرۇن 50 ـ - ھ. 13 / م. 573 - 634)
|[[مەسجىدى نەبەۋىي]]،
[[رەسۇلۇللاھ]] ۋە [[ئۆمەر ئىبنى خەتتاب]] بىلەن بىرگە،
[[مەدىنە مۇنەۋۋەرە]]
|[[راشىد خەلىپىلەر|راشىد خەلىپىلەردىن]] بىرىنچىسى، شۇنداقلا ئىسلامنى تۇنجى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرىنچىسى، ئۇ [[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەدنىڭ]] يېقىن دوستى، [[مەدىنە|مەدىنەگە]] ھىجرەت قىلىشتا سەپەردىشى. ئەبۇ بەكرى ئىسلام دۆلىتىگە سادىق بولۇشقا ۋەدە بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىشلىرىنى ۋەلىي، ئەدلىيە ۋە قوشۇن تۇرغۇزۇشتىن باشلىغان. رەسۇلۇللاھدىن كېيىن نۇرغۇن ئەرەب قەبىلىلىرى ئىسلام دىنىدىن يۈز ئۆرۈدى. شۇڭا ئۇ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باشلىدى ۋە پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ئىسلام ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا توپلىغۇچە ئەبۇ بەكرى ئىسلام ئوردۇسىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىراق ۋە شام فەتھىنى باشلىغان، ئۇ ئىراق ۋە شامنىڭ كۆپ قىسمىنى بويسۇندۇردى.
|-
|
|[[ئەبۇ ھافىز ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئەل ئەدەۋىي ئەل قۇرەشىي]]
أبو حفص عمر بن الخطاب العدوي القرشي
|(ھ. بۇرۇن 40 ـ - 26 زۇلھەججە ھ. 23 / م. 586 ياكى 590 - 7 نويابر 644 مىلادى)
|[[مەسجىدى نەبەۋىي]]،
[[رەسۇلۇللاھ]] ۋە [[ئەبۇبەكرى|ئەبۇبەكرى سىددىق]] بىلەن بىرگە،
[[مەدىنە مۇنەۋۋەرە]]
|[[راشىد خەلىپىلەر|راشىد خەلىپىلەرنىڭ]] ئىككىنچىسى، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ۋە لەقەبى '''فارۇق''' ئېرۇر. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەزگىلدە ئىسلام دىنى زور دەرىجىدە كېڭەيدى، ئىسلام دۆلىتىنىڭ دائىرىسى ئىراق، مىسىر، لىۋىيە، شام، پېرسىيە، خوراسان، شەرقىي ئانادولۇ، جەنۇبىي ئەرمېنىيە، سىجىستان ۋە ئېرۇسالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
|-
|[[ھۆججەت:Uthman.png|frameless|200x200px]]
|[[ئەبۇ ئابدۇللاھ ئوسمان ئىبنى ئەففان ئەل ئەمەۋىي ئەلقۇرەشىي]]
أبو عبد الله عثمان بن عفَّان الأموي القرشي
|(ھ. بۇرۇن 47 - ھ. 35 / م. 576 - 656)
|[[باقىيە قەبرىستانلىقى]]
[[مەدىنە مۇنەۋۋەرە]]
|[[راشىد خەلىپىلەر|راشىد خەلىپىلەرنىڭ]] ئۈچىنچىسى، ئۇ [[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ]] ئىككى قىزى بىلەن ئۆيلەنگەن ۋە [[ھەبەشسىتان|ھەبەشىستانغا]] ھىجرەت قىلغان، لەقەبى زىننۇرەيىندۇر. ئوسمان [[ئۆمەر ئىبنى خەتتاب|ئۆمەر بىن ئەلخەتتاب]] ۋاپات بولغاندىن كېيىن توپلانغان شۇرادىن كېيىن خەلىپىلىككە سايلانغان، ئۇنىڭ خەلىپىلىكى تەخمىنەن ئون ئىككى يىل داۋاملاشقان. ئۇنىڭ خەلىپىلىكىدە، قۇرئان توپلانغان ۋە [[مەسجىدى نەبەۋىي|پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتى]] كېڭەيتىلگەن ۋە ئۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە ئەرمېنىيە، خۇراسان، كېرمان، سىجىستان، ئىفرىكيە ۋە سىپرۇس فەتىھ قىلىنغان. ئۇ تۇنجى ئىسلام دېڭىز فىلوتىنى قۇرغان. ئۇنىڭ خەلىپىلىكىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئۇنىڭ شېھىت بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان ۋەقەلەر يۈز بەردى.
|-
|[[ھۆججەت:Alī.png|frameless|220x220px]]
|[[ئەبۇلھەسەن ئەلى بىن ئەبى تالىب ئەل ھاشىمىي ئەل قۇرەشىي]]
أبو الحسن علي بن أبي طالب الهاشمي القُرشي
|(هـ . بۇرۇن 13 رەجەب 23 / م. 17 مارت 599 - ھ. 21 رامىزان 40 / م. 27 يانۋار 661)
|[[كۇفە]]، [[نەجەف]]
|[[مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم|مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ]] نەۋرە ئىنىسى ۋە قىزى [[ڧاتىمە بىنت مۇھەممەد|فاتىمەنىڭ]] يولدىشى، [[توغرا يېتەكلەنگەن خەلىپىلەر|توغرا يېتەكلەنگەن خەلىپىلەرنىڭ]] تۆتىنچىسىدۇر. ئۇ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلەرنىڭ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچىسى، شۇنداقلا ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ئۆسمۈرلەرنىڭ بىرىنچىسى. ئۇ ھىجرىيە 35 - يىلى (مىلادىيە 656 - يىلى) مەدىنەدىكى خەلىپىلىككە ئولتۇرغان، ئۇ بەش يىل ئۈچ ئاي خەلىپەلىك قىلغان ۋە خەلىپە ئوسماننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدىكى كېڭىيىشى سەۋەبىدىن نۇرغۇن جەڭلەر يۈز بەرگەن، بۇنىڭ بىرىنچىسى [[تۆگە جېڭى|تۆگە جېڭىدۇر]]. ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىدىغان، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە سىياسىتىگە قارشى گۇرۇپپىلار ناۋاسىب دەپ ئاتالغان، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى خاۋارىجلار بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مىلادىيە 401 - يىلى رامىزاندا [[ئابدۇراھمان بىن مۇلجەم|ئابدۇراھمان بىن مۇلجەمنىڭ]] قولىدا شەھىد بولغان.
|-
|[[ھۆججەت:تخطيط اسم الزبير بن العوام.png|frameless|220x220px]]
|[[ئەل زۇبەير بىن ئەل ئەۋۋام ئەل قۇرەشىي ئەل ئەسەدىي]]
الزُّبَيْرُ بن العَوَّام القرشي الأسدي
|(ھ. بۇرۇن 28 - 36 / م. 594 - 656)
|[[بەسرە]]
|[[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|رەسۇلۇللاھنىڭ]] نەۋرە ئاكىسى ۋە [[ئىسلام دىنى|ئىسلام دىنىنى]] تۇنجى قوبۇل قىلغان سەككىز كىشىنىڭ بىرى، لەقىمى رەسۇلۇللاھنىڭ شاگىرتى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان ۋە [[مىسىر|مىسىرنى]] بويسۇندۇرۇشقا قاتناشقان، [[ئۆمەر ئىبنى خەتتاب|ئۆمەر بىن خەتتاب]] ئۇنى خەلىپە سايلايدىغان ئالتە كىشىلىك شۇراغا قوشقان.
|-
|[[ھۆججەت:طلحة بن عبيد الله.png|frameless|220x220px]]
|[[تالھا بىن ئۇبەيدۇللاھ ئەتتەيمىي ئەل قۇرەشىي]]
طَلْحَة بن عُبَيْد اللّه التَّيمي القُرشي
|(ھ. بۇرۇن 28 - 36 / م. 594 - 656)
|[[بەسرە]]
|ئۇ [[ئىسلام دىنى|ئىسلام دىنىنى]] تۇنجى قوبۇل قىلغان سەككىز كىشىنىڭ بىرى. [[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|مۇھەممەد پەيغەمبەر]] ئۇنى يەردە مېڭىۋاتقان شەھىد دەپ ئاتىغان. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان، ئۇ [[بەدر ئۇرۇشى]]، [[ئۇھۇد ئۇرۇشى|ئۇھۇد ئۇرۇشىدىن]] باشقا شام فەتھىگە قاتناشقان. [[ئۆمەر ئىبنى خەتتاب|ئۆمەر بىن خەتتاب]] ئۇنى خەلىپە سايلايدىغان ئالتە كىشىلىك شۇراغا قوشقان. [[ئوسمان بىننى ئەففان|ئوسمان بىن ئەففان]] ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوسمان قاتىللىرىنىڭ جازاسىنى تەلەپ قىلىپ بەسرەگە بارغان ۋە [[تۆگە ئۇرۇشى|تۆگە ئۇرۇشىدا]] ئۆلتۈرۈلگەن.
|-
|[[ھۆججەت:عبد الرحمن بن عوف 2.png|frameless|220x220px]]
|[[ئابدۇرراھمان ئىبن ئەۋف ئەل قۇرەشىي ئەززۇھرىي]]
عبد الرّحمن بن عوف القرشيّ الزهريّ
|(43 ق هـ - 32 هـ / 580 - 656م)
|[[باقىيە قەبرىستانلىقى]]
[[مەدىنە مۇنەۋۋەرە]]
|ئۇ [[ئىسلام دىنى|ئىسلام دىنىنى]] تۇنجى قوبۇل قىلغان سەككىز كىشىنىڭ بىرىدۇر، ئىسلامدىن ئىلگىرىكى دەۋردە ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇل ئەمر بولۇپ، ئابدۇلقابا دېيىلگەن، كېيىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئابدۇراھمان دەپ ئىسىم قويغان. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى بارلىق جىھادلارغا قاتناشقان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بىر فەتىھتە ئۇنىڭ ئارقىسىدا دۇئا - تىلاۋەت قىلغان، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئالاتتى.
|-
|[[ھۆججەت:سعيد بن زيد.png|frameless|220x220px]]
|[[سەئىد بىن زەيىد ئەل قۇرەشىي ئەل ئەدەۋىي]]
سَعِيد بن زَيْد القرشي العدوي
|(22 ق.هـ - 51 هـ / 600 - 671م)
|ئەقىق
[[مەدىنە مۇنەۋۋەرە]]
|ئىسلامغا دەسلەپ كىرگەن ئەرلەردىن بىرى بولۇپ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ئون ئۈچىنچى كىشىدۇر. دادىسى زەيد ئىسلامدىن ئىلگىرىكى دەۋردە ھەنىفلەردىن ئىدى. بۇتقا چوقۇنمايتتى ۋە سەجدە قىلمايتتى. ئۇ ئۆمەر بىن ئەل خەتتابنىڭ نەۋرە ئاكىسى، سىڭلىسى ئاتىكە بىنت زەيد ئۆمەرنىڭ ئايالى، ئۇنىڭ ئايالى فاتىمە بىنتى ئەل خەتتاب بولسا ئۆمەرنىڭ سىڭلىسى ئىدى. ئۇ ئۆمەر بىن ئەل خەتتابنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان. سەئىد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بەدرى ئۇرۇشىدىن باشقا بارلىق غازاتلارغا شاھىت بولغان. ئۇ يەرمۇك ئۇرۇشى، دەمەشىق قورشاۋى ۋە فەتھىگە قاتناشقان.
|-
|[[ھۆججەت:سعد بن أبي وقاص.png|frameless|220x220px]]
|[[سەئىد بىن ئەبى ۋەققاس مالىك ئەل قۇرەشىي ئەززۇھرىي]]
سَعْد بن أَبي وقاص مَالِك القرشي الزهري
|(23 ق هـ أو 27 ق هـ - 55 هـ / 595 أو 599 - 674م)
|[[باقىيە قەبرىستانلىقى]]
[[مەدىنە مۇنەۋۋەرە]]
|[[ئىسلام دىنى|ئىسلام دىنىنى]] تۇنجى قوبۇل قىلغان سەككىز كىشىنىڭ بىرىدۇر، ئۇ تۇنجى بولۇپ ئاللاھ يولىدا ئوق چىقارغان، ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسىنىڭ ئوغلى، ئۇ پەيغەمبەر بىلەن بىللە بارلىق غازاتلارغا شاھىت بولغان. ئۇ ماھارەتلىك ئوقياچىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ قەدىسسىيە ئۇرۇشىدا پارسلارنى مەغلۇب قىلدى ۋە جالاۋلادىكى پارسلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتتى، ئۇلارنى مەغلۇب قىلدى، ئۇ ئىراقتىكى خۇسرا شەھەرلىرىنى بويسۇندۇردى. ئۇ ئىسلامنىڭ پېرسىيەنى بويسۇندۇرۇشىدىكى رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھىجرىيە 17 - يىلى كۇفەنىڭ تۇنجى ھۆكۈمرانى بولغان، [[ئۆمەر ئىبنى خەتتاب|ئۆمەر بىن خەتتاب]] ئۇنى خەلىپە سايلايدىغان ئالتە كىشىلىك شۇراغا قوشقان.
|-
|[[ھۆججەت:تخطيط اسم أبو عبيدة بن الجراح.png|frameless|220x220px]]
|[[ئەبۇ ئۇبەيدە ئامىر بىن ئابدۇللاھ بىن ئەل جەرراھ ئەل فەھرىي ئەل قۇرەشىي]]
أبو عبيدة عامر بن عبد الله بن الجراح الفهري القرشي
|(ھ. بۇرۇن 40 / م. 584 - ھ. 18ـ / م. 639)
|[[ئىئوردانىيە]]
|[[ئىسلام دىنى|ئىسلام دىنىنى]] تۇنجى قوبۇل قىلغان سەككىز كىشىنىڭ بىرىدۇر، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئۈممەتنىڭ كاتىپى دەپ ئاتىغان ۋە مۇنداق دېگەن: «ئى ئۇممەت، ھەر مىللەتنىڭ بىر ۋەكىلى بار، بىزنىڭ ۋكىلىمىز ئەبۇ ئۇبەيدە بىن ئەل جەرراھتۇر». ئۇ رەسۇلۇللاھ بەدر ئۇرۇشى ۋە بارلىق غازاتلارغا شاھىت بولدى، ئەبۇ ئۇبەيدە ئەبۇ بەكرى تەرىپىدىن شام دىيارىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن تەيىنلەنگەن تۆت رەھبەرنىڭ بىرى بولۇپ، خەلىپە ئۆمەر بىن ئەلخەتتاب خالىد بىن ۋەلىدنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئەبۇ ئۇبەيدەنى تەيىنلىگەن، ئەبۇ ئۇبەيدە دەمەشىق ۋە باشقا شەھەر ۋە كەنتلەردە غەلىبە قىلغان. ھىجرى 18 - يىلى (مىلادىيە 639)، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىئوردانىيە ۋادىسىدىكى ئېممۇس ۋاباسى سەۋەبىدىن قازا قىلغان ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.
|}
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[تۈر:كىشلەر]]
rh18s735k1veb7prvk5zwlgxpdvz0qm
176549
176548
2026-09-28T20:29:40Z
CommonsDelinker
100
Removing [[:c:File:Uthman.png|Uthman.png]], it has been deleted from Commons by [[:c:User:ChemSim|ChemSim]] because: per [[:c:Commons:Deletion requests/Files uploaded by Ibrahim ebi|]].
176549
wikitext
text/x-wiki
'''ئەشەرەئى مۇبەششەرە''' (ئەرەبچە: اَلْعَشَرَةِ الْمُبَشِّرُونَ بِاْلْجَنَّةِ/ ئەل ئەشەرەت-ىل مۇبەششىرۇنە بىل جەننەھ). [[سۈننىي]] ئىسلام ئاتالغۇسى بولۇپ، [[پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام]] تەرىپىدىن ھايات ۋاقتىدىلا جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن، يەنى ئاللاھ تائالا جەننەتكە كىرىدىغانلىقلىرىنى ۋەدە قىلغان ئون كىشى ئۈچۈن قوللىنىلغان بىر ئاتالغۇ. شۇنداقلا ئەل مۇبەششىرۇن بىل جەننەھ ئاتالغۇسىمۇ بۇ كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ھەقتە ساھابە [[ئابدۇراھمان ئىبن ئەۋف]] ۋە [[سەئىد بىن زەيىد|سەئىد بىن زەيىدنىڭ]] شۇ رىۋايىتى باردۇر: «أبو بكر في الجنة، وعمر في الجنة، وعثمان في الجنة، وعلي في الجنة، وطلحة في الجنة، والزبير في الجنة، وعبد الرحمن بن عوف في الجنة، وسعد بن أبي وقاص في الجنة، وسعيد بن زيد في الجنة وأبو عبيدة بن الجراح في الجنة.» (ئەبۇ بەكرى جەننەتلىك، ئۆمەر جەننەتلىك، ئوسمان جەننەتلىك، ئەلى جەننەتلىك، تالھا جەننەتلىك، زۇبەير جەننەتلىك، ئابدۇرراھمان بىن ئەۋف جەننەتلىك، سەئىد بىن ئەبى ۋەققاس جەننەتلىك، سەئىد بىن زەيىد جەننەتلىك ۋە ئەبۇ ئۇبەيدە بىن جەرراھ جەننەتلىكتۇر)
بۇ ئون زاتنىڭ تۆرتى [[خۇلەڧائى راشىددىن]] دەپ تونۇلغان تۆرت خەلىپىدۇر.
بۇلاردىن باشقا يەنە ساھابەلەردىن [[خەدىجە بىنت خۇۋەيلىد]]، [[ئابدۇللاھ ئىبن سالام]]، [[ئۇكاشا بىن مۇھسىن]] قاتارلىقلارغىمۇ جەننەت بىلەن سۆيۈنچ بېرىلگەن. لېكىن بۇ ئون كىشى بىر ھەدىستە تەڭ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئاتايىن ئەشەرەئى مۇبەششەرە دەپ ئاتالغان. [[ئەھلى شىئە]] بۇ ھەدىسنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.
{| class="wikitable"
!رەسم
!ئىسم
!ئۆمرى
!كۆمۈلگەن يېرى
!ھەققىدە
|-
|[[ھۆججەت:Abu bakr.png|frameless|200x200px]]
|[[ئەبۇبەكر سىددىق ئابدۇللاھ ئىبن ئەبى قۇھافە ئەتتەيمىي ئەل قۇرەشىي]]
أبو بَكر الصّدِّيق عبد الله بن أبي قُحافة التَّيمي القُرَشيّ
|(ھ. بۇرۇن 50 ـ - ھ. 13 / م. 573 - 634)
|[[مەسجىدى نەبەۋىي]]،
[[رەسۇلۇللاھ]] ۋە [[ئۆمەر ئىبنى خەتتاب]] بىلەن بىرگە،
[[مەدىنە مۇنەۋۋەرە]]
|[[راشىد خەلىپىلەر|راشىد خەلىپىلەردىن]] بىرىنچىسى، شۇنداقلا ئىسلامنى تۇنجى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرىنچىسى، ئۇ [[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەدنىڭ]] يېقىن دوستى، [[مەدىنە|مەدىنەگە]] ھىجرەت قىلىشتا سەپەردىشى. ئەبۇ بەكرى ئىسلام دۆلىتىگە سادىق بولۇشقا ۋەدە بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىشلىرىنى ۋەلىي، ئەدلىيە ۋە قوشۇن تۇرغۇزۇشتىن باشلىغان. رەسۇلۇللاھدىن كېيىن نۇرغۇن ئەرەب قەبىلىلىرى ئىسلام دىنىدىن يۈز ئۆرۈدى. شۇڭا ئۇ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باشلىدى ۋە پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ئىسلام ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا توپلىغۇچە ئەبۇ بەكرى ئىسلام ئوردۇسىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىراق ۋە شام فەتھىنى باشلىغان، ئۇ ئىراق ۋە شامنىڭ كۆپ قىسمىنى بويسۇندۇردى.
|-
|
|[[ئەبۇ ھافىز ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئەل ئەدەۋىي ئەل قۇرەشىي]]
أبو حفص عمر بن الخطاب العدوي القرشي
|(ھ. بۇرۇن 40 ـ - 26 زۇلھەججە ھ. 23 / م. 586 ياكى 590 - 7 نويابر 644 مىلادى)
|[[مەسجىدى نەبەۋىي]]،
[[رەسۇلۇللاھ]] ۋە [[ئەبۇبەكرى|ئەبۇبەكرى سىددىق]] بىلەن بىرگە،
[[مەدىنە مۇنەۋۋەرە]]
|[[راشىد خەلىپىلەر|راشىد خەلىپىلەرنىڭ]] ئىككىنچىسى، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ۋە لەقەبى '''فارۇق''' ئېرۇر. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەزگىلدە ئىسلام دىنى زور دەرىجىدە كېڭەيدى، ئىسلام دۆلىتىنىڭ دائىرىسى ئىراق، مىسىر، لىۋىيە، شام، پېرسىيە، خوراسان، شەرقىي ئانادولۇ، جەنۇبىي ئەرمېنىيە، سىجىستان ۋە ئېرۇسالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
|-
|
|[[ئەبۇ ئابدۇللاھ ئوسمان ئىبنى ئەففان ئەل ئەمەۋىي ئەلقۇرەشىي]]
أبو عبد الله عثمان بن عفَّان الأموي القرشي
|(ھ. بۇرۇن 47 - ھ. 35 / م. 576 - 656)
|[[باقىيە قەبرىستانلىقى]]
[[مەدىنە مۇنەۋۋەرە]]
|[[راشىد خەلىپىلەر|راشىد خەلىپىلەرنىڭ]] ئۈچىنچىسى، ئۇ [[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ]] ئىككى قىزى بىلەن ئۆيلەنگەن ۋە [[ھەبەشسىتان|ھەبەشىستانغا]] ھىجرەت قىلغان، لەقەبى زىننۇرەيىندۇر. ئوسمان [[ئۆمەر ئىبنى خەتتاب|ئۆمەر بىن ئەلخەتتاب]] ۋاپات بولغاندىن كېيىن توپلانغان شۇرادىن كېيىن خەلىپىلىككە سايلانغان، ئۇنىڭ خەلىپىلىكى تەخمىنەن ئون ئىككى يىل داۋاملاشقان. ئۇنىڭ خەلىپىلىكىدە، قۇرئان توپلانغان ۋە [[مەسجىدى نەبەۋىي|پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتى]] كېڭەيتىلگەن ۋە ئۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە ئەرمېنىيە، خۇراسان، كېرمان، سىجىستان، ئىفرىكيە ۋە سىپرۇس فەتىھ قىلىنغان. ئۇ تۇنجى ئىسلام دېڭىز فىلوتىنى قۇرغان. ئۇنىڭ خەلىپىلىكىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئۇنىڭ شېھىت بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان ۋەقەلەر يۈز بەردى.
|-
|[[ھۆججەت:Alī.png|frameless|220x220px]]
|[[ئەبۇلھەسەن ئەلى بىن ئەبى تالىب ئەل ھاشىمىي ئەل قۇرەشىي]]
أبو الحسن علي بن أبي طالب الهاشمي القُرشي
|(هـ . بۇرۇن 13 رەجەب 23 / م. 17 مارت 599 - ھ. 21 رامىزان 40 / م. 27 يانۋار 661)
|[[كۇفە]]، [[نەجەف]]
|[[مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم|مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ]] نەۋرە ئىنىسى ۋە قىزى [[ڧاتىمە بىنت مۇھەممەد|فاتىمەنىڭ]] يولدىشى، [[توغرا يېتەكلەنگەن خەلىپىلەر|توغرا يېتەكلەنگەن خەلىپىلەرنىڭ]] تۆتىنچىسىدۇر. ئۇ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلەرنىڭ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچىسى، شۇنداقلا ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ئۆسمۈرلەرنىڭ بىرىنچىسى. ئۇ ھىجرىيە 35 - يىلى (مىلادىيە 656 - يىلى) مەدىنەدىكى خەلىپىلىككە ئولتۇرغان، ئۇ بەش يىل ئۈچ ئاي خەلىپەلىك قىلغان ۋە خەلىپە ئوسماننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدىكى كېڭىيىشى سەۋەبىدىن نۇرغۇن جەڭلەر يۈز بەرگەن، بۇنىڭ بىرىنچىسى [[تۆگە جېڭى|تۆگە جېڭىدۇر]]. ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىدىغان، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە سىياسىتىگە قارشى گۇرۇپپىلار ناۋاسىب دەپ ئاتالغان، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى خاۋارىجلار بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مىلادىيە 401 - يىلى رامىزاندا [[ئابدۇراھمان بىن مۇلجەم|ئابدۇراھمان بىن مۇلجەمنىڭ]] قولىدا شەھىد بولغان.
|-
|[[ھۆججەت:تخطيط اسم الزبير بن العوام.png|frameless|220x220px]]
|[[ئەل زۇبەير بىن ئەل ئەۋۋام ئەل قۇرەشىي ئەل ئەسەدىي]]
الزُّبَيْرُ بن العَوَّام القرشي الأسدي
|(ھ. بۇرۇن 28 - 36 / م. 594 - 656)
|[[بەسرە]]
|[[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|رەسۇلۇللاھنىڭ]] نەۋرە ئاكىسى ۋە [[ئىسلام دىنى|ئىسلام دىنىنى]] تۇنجى قوبۇل قىلغان سەككىز كىشىنىڭ بىرى، لەقىمى رەسۇلۇللاھنىڭ شاگىرتى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان ۋە [[مىسىر|مىسىرنى]] بويسۇندۇرۇشقا قاتناشقان، [[ئۆمەر ئىبنى خەتتاب|ئۆمەر بىن خەتتاب]] ئۇنى خەلىپە سايلايدىغان ئالتە كىشىلىك شۇراغا قوشقان.
|-
|[[ھۆججەت:طلحة بن عبيد الله.png|frameless|220x220px]]
|[[تالھا بىن ئۇبەيدۇللاھ ئەتتەيمىي ئەل قۇرەشىي]]
طَلْحَة بن عُبَيْد اللّه التَّيمي القُرشي
|(ھ. بۇرۇن 28 - 36 / م. 594 - 656)
|[[بەسرە]]
|ئۇ [[ئىسلام دىنى|ئىسلام دىنىنى]] تۇنجى قوبۇل قىلغان سەككىز كىشىنىڭ بىرى. [[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|مۇھەممەد پەيغەمبەر]] ئۇنى يەردە مېڭىۋاتقان شەھىد دەپ ئاتىغان. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان، ئۇ [[بەدر ئۇرۇشى]]، [[ئۇھۇد ئۇرۇشى|ئۇھۇد ئۇرۇشىدىن]] باشقا شام فەتھىگە قاتناشقان. [[ئۆمەر ئىبنى خەتتاب|ئۆمەر بىن خەتتاب]] ئۇنى خەلىپە سايلايدىغان ئالتە كىشىلىك شۇراغا قوشقان. [[ئوسمان بىننى ئەففان|ئوسمان بىن ئەففان]] ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوسمان قاتىللىرىنىڭ جازاسىنى تەلەپ قىلىپ بەسرەگە بارغان ۋە [[تۆگە ئۇرۇشى|تۆگە ئۇرۇشىدا]] ئۆلتۈرۈلگەن.
|-
|[[ھۆججەت:عبد الرحمن بن عوف 2.png|frameless|220x220px]]
|[[ئابدۇرراھمان ئىبن ئەۋف ئەل قۇرەشىي ئەززۇھرىي]]
عبد الرّحمن بن عوف القرشيّ الزهريّ
|(43 ق هـ - 32 هـ / 580 - 656م)
|[[باقىيە قەبرىستانلىقى]]
[[مەدىنە مۇنەۋۋەرە]]
|ئۇ [[ئىسلام دىنى|ئىسلام دىنىنى]] تۇنجى قوبۇل قىلغان سەككىز كىشىنىڭ بىرىدۇر، ئىسلامدىن ئىلگىرىكى دەۋردە ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇل ئەمر بولۇپ، ئابدۇلقابا دېيىلگەن، كېيىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئابدۇراھمان دەپ ئىسىم قويغان. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى بارلىق جىھادلارغا قاتناشقان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بىر فەتىھتە ئۇنىڭ ئارقىسىدا دۇئا - تىلاۋەت قىلغان، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئالاتتى.
|-
|[[ھۆججەت:سعيد بن زيد.png|frameless|220x220px]]
|[[سەئىد بىن زەيىد ئەل قۇرەشىي ئەل ئەدەۋىي]]
سَعِيد بن زَيْد القرشي العدوي
|(22 ق.هـ - 51 هـ / 600 - 671م)
|ئەقىق
[[مەدىنە مۇنەۋۋەرە]]
|ئىسلامغا دەسلەپ كىرگەن ئەرلەردىن بىرى بولۇپ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ئون ئۈچىنچى كىشىدۇر. دادىسى زەيد ئىسلامدىن ئىلگىرىكى دەۋردە ھەنىفلەردىن ئىدى. بۇتقا چوقۇنمايتتى ۋە سەجدە قىلمايتتى. ئۇ ئۆمەر بىن ئەل خەتتابنىڭ نەۋرە ئاكىسى، سىڭلىسى ئاتىكە بىنت زەيد ئۆمەرنىڭ ئايالى، ئۇنىڭ ئايالى فاتىمە بىنتى ئەل خەتتاب بولسا ئۆمەرنىڭ سىڭلىسى ئىدى. ئۇ ئۆمەر بىن ئەل خەتتابنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان. سەئىد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بەدرى ئۇرۇشىدىن باشقا بارلىق غازاتلارغا شاھىت بولغان. ئۇ يەرمۇك ئۇرۇشى، دەمەشىق قورشاۋى ۋە فەتھىگە قاتناشقان.
|-
|[[ھۆججەت:سعد بن أبي وقاص.png|frameless|220x220px]]
|[[سەئىد بىن ئەبى ۋەققاس مالىك ئەل قۇرەشىي ئەززۇھرىي]]
سَعْد بن أَبي وقاص مَالِك القرشي الزهري
|(23 ق هـ أو 27 ق هـ - 55 هـ / 595 أو 599 - 674م)
|[[باقىيە قەبرىستانلىقى]]
[[مەدىنە مۇنەۋۋەرە]]
|[[ئىسلام دىنى|ئىسلام دىنىنى]] تۇنجى قوبۇل قىلغان سەككىز كىشىنىڭ بىرىدۇر، ئۇ تۇنجى بولۇپ ئاللاھ يولىدا ئوق چىقارغان، ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسىنىڭ ئوغلى، ئۇ پەيغەمبەر بىلەن بىللە بارلىق غازاتلارغا شاھىت بولغان. ئۇ ماھارەتلىك ئوقياچىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ قەدىسسىيە ئۇرۇشىدا پارسلارنى مەغلۇب قىلدى ۋە جالاۋلادىكى پارسلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتتى، ئۇلارنى مەغلۇب قىلدى، ئۇ ئىراقتىكى خۇسرا شەھەرلىرىنى بويسۇندۇردى. ئۇ ئىسلامنىڭ پېرسىيەنى بويسۇندۇرۇشىدىكى رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھىجرىيە 17 - يىلى كۇفەنىڭ تۇنجى ھۆكۈمرانى بولغان، [[ئۆمەر ئىبنى خەتتاب|ئۆمەر بىن خەتتاب]] ئۇنى خەلىپە سايلايدىغان ئالتە كىشىلىك شۇراغا قوشقان.
|-
|[[ھۆججەت:تخطيط اسم أبو عبيدة بن الجراح.png|frameless|220x220px]]
|[[ئەبۇ ئۇبەيدە ئامىر بىن ئابدۇللاھ بىن ئەل جەرراھ ئەل فەھرىي ئەل قۇرەشىي]]
أبو عبيدة عامر بن عبد الله بن الجراح الفهري القرشي
|(ھ. بۇرۇن 40 / م. 584 - ھ. 18ـ / م. 639)
|[[ئىئوردانىيە]]
|[[ئىسلام دىنى|ئىسلام دىنىنى]] تۇنجى قوبۇل قىلغان سەككىز كىشىنىڭ بىرىدۇر، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئۈممەتنىڭ كاتىپى دەپ ئاتىغان ۋە مۇنداق دېگەن: «ئى ئۇممەت، ھەر مىللەتنىڭ بىر ۋەكىلى بار، بىزنىڭ ۋكىلىمىز ئەبۇ ئۇبەيدە بىن ئەل جەرراھتۇر». ئۇ رەسۇلۇللاھ بەدر ئۇرۇشى ۋە بارلىق غازاتلارغا شاھىت بولدى، ئەبۇ ئۇبەيدە ئەبۇ بەكرى تەرىپىدىن شام دىيارىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن تەيىنلەنگەن تۆت رەھبەرنىڭ بىرى بولۇپ، خەلىپە ئۆمەر بىن ئەلخەتتاب خالىد بىن ۋەلىدنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئەبۇ ئۇبەيدەنى تەيىنلىگەن، ئەبۇ ئۇبەيدە دەمەشىق ۋە باشقا شەھەر ۋە كەنتلەردە غەلىبە قىلغان. ھىجرى 18 - يىلى (مىلادىيە 639)، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىئوردانىيە ۋادىسىدىكى ئېممۇس ۋاباسى سەۋەبىدىن قازا قىلغان ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.
|}
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[تۈر:كىشلەر]]
boirfle6pjfa7jq3ducvihc0nx0scx2