Wikipedia
ugwiki
https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA
MediaWiki 1.47.0-wmf.23
first-letter
ۋاسىتە
ئالاھىدە
مۇنازىرە
ئىشلەتكۈچى
ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى
Wikipedia
Wikipediaمۇنازىرىسى
ھۆججەت
ھۆججەت مۇنازىرىسى
MediaWiki
MediaWiki مۇنازىرىسى
قېلىپ
قېلىپ مۇنازىرىسى
ياردەم
ياردەم مۇنازىرىسى
تۈر
تۈر مۇنازىرىسى
TimedText
TimedText talk
Module
Module talk
Event
Event talk
شائىرنىڭ كۆكرەك ھەيكىلى (تۇرسۇن قۇربان تۈركەش)
0
24738
176568
2026-10-07T19:25:35Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت 'ۋاھىتجان ئوسماننىڭ ئىككى شېئىرى توپلىمى مىسالىدا تۇرسۇن قۇربان تۈركەش رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۇشۇرۋان شەرقتە ئادالەتلىكى بىلەن داڭ چىقارغان پادىشاھ ئىكەن. ئۇنىڭ زامانىدا ھەمىشە مۇشائىرە يىغىلىشلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ ت...'
176568
wikitext
text/x-wiki
ۋاھىتجان ئوسماننىڭ ئىككى شېئىرى توپلىمى مىسالىدا
تۇرسۇن قۇربان تۈركەش
رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۇشۇرۋان شەرقتە ئادالەتلىكى بىلەن داڭ چىقارغان پادىشاھ ئىكەن. ئۇنىڭ زامانىدا ھەمىشە مۇشائىرە يىغىلىشلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىكەن. شۇنداق مەجلىسلەرنىڭ بىرى دە شائىرلاردىن نارازى بولغان نۇشۇرۋان:«بىر ئايالنىڭ كىرپىك ئوقلىرىدىن كۆكرەك لەختە-لەختە قان بولىدىغان ئىش قايسى مەنتىقىدە بار،بىر قىز رومىلىنى قايرىپ شۇنچىكى قاراپ قويسا، ئالەمگە ئوت كەتەرمىش تېخى!...ھەي كۆپتۈرمىچى، ئاياللارغا خۇشامەتچى شائىرلار،سىلەرنى نېمىمۇ دەپ باق قاندىمەن! مېنىڭ ئادالەتلىك زامانىمدا ئۇنداق يوقنى، يالغاننى يازماي كىشىلەر ئىشەنگۈدەك راست، ھەقىقى شېئىرىلارنى يېزىڭلار»دەپ كېتىپ قاپتۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ يەنە شېئىرى مەجلىس بولغاندا مەشھۇر شائىرلاردىن بىرى «پادىشايى ئالەم، مانا سىزگە راست شېئىر»:
تاڭ ئاتسا يۇلتۇزلار ئۆچەر ئاسماندا،
خورازلار قىچقىرار مازاندىراندا.
ھەلەفتە كەچقۇرۇن قۇياش پاتىدۇ،
كېچىسى ئادەملەر ئۇخلاپ ياتىدۇ
دەپ ئۈنلۈك نەزمە ئوقۇپتۇ.بۇنى ئاڭلىغان نۇشۇرۋان ئۆز خاتالىقىنى دەرھال بايقاپتۇ-دە: «راست شېئىر مانا شۇنداق تۇزسىز بولسا،ئۆزەڭلار بىلگەن يالغاننى يېزىۋېرىڭلار شائىرلىرىم،بۇنىڭدىن كېيىن سى لەرنىڭ ئىشىڭلارغا ئارىلاشمايمەن»دەپ جاكارلاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا«شائىرلار يالغان نى توقۇيدۇ»دېگەن گەپ تارقاپتۇ.كېيىن ئۇلۇغ ئەزەربەيجان شائىرى فۇزۇلى(1498-1556)نىڭ تەز مىن سەنئىتى ۋاستىسىدە نۇشۇرۋاننىڭ سۆزىدىن ئىلھاملىنىپ يازغان
گەر دېسە فۇزۇلى،گۈزەللەردە ۋاپا بار،
ئالدانمىكى شائىر سۆزى ئەلبەتتە يالغاندۇر
دېگەن گۈزەل بېيىتى كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولغان ئىكەن.
ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى«يالغان» مەجازىي مەنىدە ئېيتىلغان بولۇپ،ئۇ سۆز سەنئىتىگە قارىتىلغان.
ئەگەر بىر كىشى باھارنى تەسۋىرلىمەكچى بولۇپ،«باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلدى»دەپ يازغان بولسا
ئۇ ھەۋەسكار،«قار باغرىدىن چوغلۇق»دەپ تەسۋىرلىگەن بولسا شائىر بولۇشى مۈمكىن.بىر جۇپ ئاشق-مەشۇقنى تەكرار-تەكرار دېيىلگەن سۈپەت «لەيلى-مەجنۇن»غا ئوخشاتقان بولسا دىتسىز،« ئۇلار بىر بېيىتنىڭ ئىككى مىسراسىدەك»دەپ يازغان بولسا ئىقتىدارلىق بولىدۇ.ئوخشاشلا ئۇ شېئىرىدا بىر قىزنى «ئايدەك چىرايلىق»دەپ يازغان بولسا ھەۋەسكار،«سۇدەك ياكى يۈرەكتەك گۈزەل»دەپ سۈ پەتلىگەن بولسا ھەقىقى سۆز ئۇستىسى بولغان بولىدۇ.يەنە بىر تۈرلۈك قىلىپ ئېيىتقاندا،ئاۋۋالقىدەك كونا ئۇقۇملار بىلەن تەكرار يازغانلار«شائىرلىقنى كەسىپ دەپ بىلگەن» ۋە بىر ئۆمۈر شېئىرى يازسىمۇ شائىر بۇلالمىغان بەخىتسىز «ئەدىپلەر»،كېيىنكىدەك ئادەتتىكى شەيئىلەردىن يېڭى ئىدىيە يارىتىپ داۋاملىق كۆكلەپ بېرىۋاتقانلار بولسا«شېئىرىيەتنى ھۈنەر قىلغان»تالانتلىق شائىرلاردۇر.چۈنكى شېئىرىيەت قەسرى-سۆز ماددى ۋە بىرىنچى لۇغەت مەنىسىدىن ئايرىلىپ،ئۇنىڭ ئىستېمالدىكى ھېس سى،يان،يۈكلىمە،توقۇلما ۋە ئىدراكى مەنىلىرى ئاساسىدا قايتىدىن قۇراشتۇرىلىدىغان سەنئەت. ئۇ نىڭدىكى مۇھىم مەسىلە نېمىنى يېزىشلا ئەمەس،بەلكى قانداق يېزىش؛بىلدۈرۈش ئەمەس،ھايا جانلاندۇرۇپ تەپەككۇرنىڭ قاناتلىرىدا قايتا ئىجات قىلىشتۇر.ئەدەبىياتتا قەدىمدىن ھازىرغىچە ھەۋەس كارلار كۆپ،ھەقىقى تالانتلىقلار ئاز بولۇپ كەلگەن.مەقسەتكە قايتساق،تېمىمىزنىڭ باش سەۋەپكارى
بولغان ۋاھىتجان ئوسمان پادىشاھ نۇشۇرۋان ئېيىتقاندەك ھەقىقى«يالغانچى شائىر»،بەدىئىي سۆز ئۇستىسى شۇنداقلا تالانتلىق سەنئەتكاردۇر.
گەرچە ۋاھىتجاننىڭ «ئاۋازلىق ئوقيا»بىلەن«قىرىق بىر يۈرەك»تىن ئىبارەت ئىككى نادىر دىۋانىغا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ يېزىلغان شېئىرىلىرى كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ،لېكىن شائىر نىڭ ئىجادىيىتى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان.
مېنىڭچە «تۇرمۇش ئۆگىنىش»دېگەن بۇ قائىدەنىڭ ھەممە سەنئەتكارلارغا زۆرۈرى شەرت بولۇشى ناتايىن.كەلپىن يېزىلىرىدىكى«چىم-چىم ئوغۇل»ۋە«يىغلاڭغۇ تاغ»ھەققىدىكى چۆچەكلەر،يازدىكى چۆپ ۋە جىگدە پۇراپ تۇرىدىغان مەھەلە،قىشتىكى مۇز چايناشلار،كۆڭۈللۈك يېزا ئۇيىنى،ئايدىڭدىكى تۆكۈلۈپ تۇرغان يۇلتۇزلۇق ئاسمان،يىراقتىن ئاڭلانغان ناخشا ئاۋازى ۋە ئۆي ئالدىدىكى ئېرىق سۈيىنىڭ شوخ گۈكىرەشلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شائىرنىڭ پىسىخىكىسىغا ۋە ئۆمۈرلۈك ئەسلى مىلىرىنىڭ يادروسىغا ئايلانغان.ياشلىق بوسۇغۇغىسىغا قەدەم قويۇش بىلەن ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز يۇ سۇندا شائىرنىڭ يۈرىكىدە سۆيگۈ ئۇچقۇنلىرى چاقناشقا باشلىغان.سۆيگۈ بۇ دۇنيادا ئادەملەر ساقىيىش نى خالىمايدىغان بىردىن بىر كېسەللىك! ئۇنىڭ گۈلىنى ئۆزمىگەن ۋە قىسمىغان كىم بار! كىملەر بىلەن دۇ كۆزلەرنىڭ ئىختىيارسىز ئۇچرىشىشلىرى،ئۇنىڭ خىيالى ۋە ئەل ئىچىدىكى گەپلەر قوشىلىپ ئۇنىڭغا تەشۋىش كەلتۈرگەن.نەۋايى«ئون سەككىز ياش ھەيرەتلىرى»لىرىكىسىدا ياشلىقنىڭ بۇ پەسلىدىكى تەشۋىشلىرىنى «ئون سەككىز ياشىڭدا ئالەم پىتنەسى باشىڭدادۇر»دەپ بالاغەتلىك ئەكىس ئەتتۈر گەن.دېمەك بىر قىسىم شائىرلارغا ئوخشاش ۋاھىتجان ئوسماننڭ تۇنجى ئىجادىيەتلىرىدىن بىرى مۇ ھەببەتكە بېغىشلانغان.شۇڭا شائىر «ئوت پەسلى»ناملىق لىرىكىنىڭ تۇنجى سەتىرلىرىنى«ئون سەك كىزگە كىرگەندىن باشلاپ، ئوتلارغا ئوت يېقىپ ياشىدىم» دەپ باشلىغان،كېيىنرەك يېزىلغان بول سىمۇ،ئەمما مەكتەبتىكى مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن «بىر سىنىپتا بەش يىل ئوقۇدۇق»مىسراسى بىلەن ئېچىلغان شېئىرىدىكى:
ئاسمىنىڭغا قولۇمنى سۇندۇم،
بىر شامالدا تىلەك رەت بولدى.
يىتىم قۇشقا ئايلىنىپ قالدىم،
مەن ناتىۋان ئۈچۈن سەت بولدى
دېگەن كۇبلىت پىكىرىمىزنىڭ دەلىلى.كەلپىندە يېزىلغان«دەرت»ناملىق بۇ مۇھەببەت لىرىكىسىدا مە شۇق توي قىلىپ كەتكەندىن كېيىنكى ئاشىقنىڭ پەرىشانلىقى ۋە ھەيرانلىقى قەلەمگە ئېلىنغان.بىز« ئاۋازلىق ئوقيانى»نى ۋاراقلىۋېتىپ يۇقىرىقى كۇبلېتنىڭ مەنەۋى ۋە مەنتىقى داۋامى بولغان يەنە بىر بەنتنى كېيىنكى بىر شېئىرىنىڭ تۈگەللەنمىسىدە ئۇچرىتىمىز.ئۇنىڭدا ئاپتۇر لىرىك قەھرىمان بولغان مەشۇققا:«ئەگەر سەن دوستلىرىڭنىڭ تويىنى ئويناپ بەختىيار ھالدا قايتىۋاتقىنىڭدا ،يولدا ئاتام-ئانامنى ئۇچرىتىپ قالساڭ مەن ئۈچۈن مېھرىڭ بىلەن سالام قىلىپ قوي»دەپ سەمىمى خىتاپ قىلىدۇ.بىز بۇنىڭدىن ئايرىلىشنىڭ كۆز ياشلىرىنى تامدۇرۇپ،سەپەرگە كېتىۋاتقان ئېستېتك سۇبىكىتنى تەسەۋۋۇر قىلىمىز.يەنە بىز ھەر ئىككى توپلامدا شائىرنىڭ«بۇ كوچىدىن ئۆتىدۇ بىر قىز »ۋە«كونا جاي»قاتار لىق سۆيگۈ لىرىكىلىرىنى ئۇچرىتىمىز.بۇلاردا شائىر مۇھەببەتنى خۇددى ۋىللىدە قىزىرىپ تۇرغان قىز دەك شۇنچەلىك تارتىملىق،نازۇك، مەپتۇنكار ۋە شەرمى-ھايالىق قىلىپ تەسۋىرلىگەن،يىراقتىن تۇرۇپ قىز-ئاياللار زاتىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا بولغان ئىنسانپەرۋەر سادالارنى ياڭراتقان.بۇلار تېگى-تەكتىدىدىن ئېيىتقاندا،چۈش ياكى بالىلىق تەبىئەتتىكى ئارزۇلارنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن كېيىن شائىردىكى يۇشۇرۇن
ئاڭنىڭ سىرتىغا لەيلىشىدىن ھاسىل بولغان گۈزەل دۇنيا،ئەلبەتتە!
ۋاھىتجاننىڭ ياشلىق رومانتىكىلىقى قىرانلىق رېئالىستلىق دەۋرىگە كەلگەندە ئۇنىڭ مۇھەببەت قارى شىدا ئۆسۈش ۋە بۆسۈش بولغان.
مۇھەببەتسىز نىشان يوق،
مۇھەببەتسىز ۋىجدان يوق،
تارتمايدىغان ئىنسان يوق،
مۇھەببەتنىڭ دەردىنى!
پارچىدىن ئايانكى،سۆيگۈ تار كۆڭۈل ئىشىدىن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە پەلسەپىۋىيلىككە ئىگە قى لىنغان.شېئىرىدا ھاياتلىقتىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ قەلبىدىكى غايە،بۇرۇچ،كۈرەش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بولىدىغان بەدەللەرنىڭ ھەممىسى مۇھەببەت ئىبارىسى ئارقىلىق بەدىئىي ئومۇملاشتۇرۇلغان.
شائىرلار ئادەتتە بالىلىقىدىن ئۆز دۇنياسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.شائىرلىق دۇنياغا ھەيرەت كۆزى بىلەن بېقىش ۋە گۈزەل مەنىلىك گۈزەل شېئىرى نۇتۇق ئارقىلىق باشقىلارنى ئەجەپەندۈرۈش سەنئىتى! دىنى كىتاپلاردا شېئىر ۋە شائىرغا«قان-يىرىڭ»دەپ ئىزاھ بېرىلگەن.ئەپلاتۇن«ئەركىنلىك ئىدىيىلىرىنى تارقىتىدۇ»دەپ شائىرلارغا ئۆزى قۇرماقچى بولغان غايەۋىي جەمئىيەتتىن ئورۇن بەرمىگەن.رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە،نۆھ توپان بالاسىدىن ھەممە جانلىقلارنى قۇتقازغاننىڭ ئەتىسى لاي-پاتقاققا يالىڭاچ مى لىنىپ ياتقان بىر ئىنساننى ئۇچراتقان.ئەجەپلىنىپ سۈرۈشتە قىلسا ئۇ تەڭرىنىڭ دۇنيادا كېيىن پەيدا بولىدىغان ئادەملەرگە نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئادىمى يەنى شائىر ئىكەن. مۇشۇ نوقتىدىن شامانىزىم دەۋىرلىرىدە شائىرلار سىرلىق جادۇگەرلەر،ئەۋلىيالار دەپ قارالغان.
ۋاھىتجاننىڭ چەكسىز تاغلىق تەبىئەتنىڭ لىۋىدىكى سۆز سېھرىگەرلىرى بولغان باخشىلار مەھەللىسى دە ئۆسكەندىكى بالىلىق ھەيرانلىقى(«قىرلىق ئىستاكان»دىكى باخشىلارنى ئەسلەڭ)،تىلىنىڭ ھەمى شە باغلىنىپ تۇرۇشى،زۇۋىلىسىدىكى ياراتقۇچى ئاتا قىلغان ئەزەلىي قابىلىيەت-ئالىگاھ يەنى ئۇنىۋېر سىتېتتىكى قايناق ئەدەبىي مۇھىت ئارقىلىق چاخلىنىپ ئۇنى شائىر قىلغان.شېئىر ئەلۋەتتە ماغزاپ ھېسسىيات ئەمەس،ئۇ بىلىم،تەجرىبە،ئەقلىيلىك ۋە تۇرمۇش پەلسەپىسى ئارقىلىق ھاياتىيلىققا ئىگە بولمىقى زۆرۈر.بۇ شائىردا ئەقىدە ۋە ئىجتىمائىي ئادالەت تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى! ئالىگاھتا ئۆتۈلگەن كىلاسسىك ئەدەبىيات،فولكلور ۋە يېزىقچىلىق بىلىملىرى شائىرنى تىز شەكىللەندۈرگەن،ئۇنى شېئىرىيەتكە نىسبەتەن باشقىچە تۇنۇشقا ئىگە قىلغان.سىتۇدېنتلىق يىللىرىدا شائىرنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتتىن قانچىلىك ئۇزۇقلانغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىجادىيەتلىرى ئاز ئەمەس.ئالىدىغان بولساق،«نەي»شەرق پوئىزىيەسىدە«ۋەتەنگە ساداقەتلىكنىڭ سىموۋۇلى»بولغان. جالالىددىن رۇمى مەشھۇر «مەسنەۋىي مەنەۋىي»سىدە نەيدىكى بۇنداق«ئۆز ماكانىغا ئاشنالىق»نى نەينىڭ تىلى ئارقىلىق مۇنداق ھەسرەتلىك بېيىتلار ئارقىلىق ئىپادىلىگەن:
تىڭلا نەيدىن،نە ھېكايەتلەر قىلۇر،
ئايرىلىشلاردىن شىكايەتلەر قىلۇر...
كىم نەيىستاندىن مېنى تا كەستىلەر،
ھەسرىتىمدىن مەرد-ئايال داد ئەتىلەر.
يەنى «نەي»ئەسلىدە قۇمۇش ئىدى.پاتقاقلىق توقايدا ئۆسەتتى.ئۇنى كىسىپ نەي قىلدى ۋە ئوردا- سارايلارغا كەلتۈرۈشتى،مەخمەللەرگە ئوراپ،نەقىشلىك غىلاپلارغا سالدى،ئېزىزلاپ سۆيۈپ لەبلەرگە باستى.بىراق ئۇ نالە قىلدى،پەريات كۆتەردى،چۈنكى ئۇ ئۆزى ئۆسۈپ چوڭايغان توقايزارلىقنى سېغىن غاندى.ھەشەمەتلىك سارايلارنى،تاپقان ئىززەت-ھۆرمەتنى نەزەردىن يىراق توقايغا-قۇمۇشزارلىقغا تەڭ قىلمىدى.نەي كىسىلىشى،توپى ۋە ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى سەۋەپلىك«يالغۇزەك»ئاتىلىپ ئەنە شۇنداق نالەلىك ۋە مۇڭلۇق كۈيلەرمىش!...
شائىر ۋاھىتجان ھەر ئىككى توپلامدا كۆڭۈل ئىزتىراپلىرى،تەنھالىق ۋە ئازاپ تۇيغۇسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن«نەي»ئوبرازىغا مۇراجىئەت قىلدى.دىلغا سىغمىغان دەرتلىك تۇيغۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىستىئا رىۋىى مەنىسىدىن تەسەللى تاپتى.بۇ جەھەتتىن ئۇنىڭدا قەدىمقى ئىبرەتلىك نەي مەجازىغا ئاھاڭداش
مىسرالار بار:
مەن پادىچى يىتىمنىڭ قولىدىكى نەي،
باياۋان بورىنىنى يەپ ئۈنۈم پۈتمەيدۇ.
ئۈنلەپ تۇرغۇم بار مۇشۇ يەردىلا،
چۈنكى خۇلقۇم-مىجەزىم ھامان
باشقا يەرلەرنىڭ ئىقلىملىرىغا
ماس كەلمەيدۇ!
بۇنىڭدىن باشقا،«قۇمۇش نەيگە ئايلىنىپ قالدىم»(«سىم-سىم يامغۇر»دىن)،«قۇمۇش يىغلاپ ئۇخ لاپ قالسىمۇ،ئەمما پىغان تۇزار پۇپۇكتىن»(«قىرمىش ئاتا»دىن)قاتارلىق مىسرالاردىن ۋاھىتجاننىڭ كى لاسسىك شېئىرىيىتىمىزنىڭ مەزمۇن چۇڭقۇرلىقى بىلەن ئۇنىڭدىكى پەلسەپىۋى ئوبرازلارنى يېڭى شېئى رىيىتىمىزگە قانچىلىك دەرىجىدە ئىجادىي تەدبىقلىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس!مەسىلى نىڭ گەۋدىلىك تامانى شۇكى،ۋاھىتجان قەدىمكى ئەدەبىياتىمىزدىكى بەزى مەسىلىلەرگە تەنقىدى يانداشقان.ئۇ ئىجادىيدا كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدىكى سەرۋ،ئەر-ئەر،ئەرغۇۋان،بۇلبۇل،نەۋشاد ۋە فەرخار مەملىكىتى(لۇتفىي؟)دېگەندەك دوگما،ئابىستىرىكىت نەزمى ئوبرازلارنىڭ ئورنىغا يىكەن،قى ياق،يۇلغۇن،تورغاي،كاككۇك ۋە توغراق قاتارلىق ئىكىلوگىيىمىزدىكى ئاددى،ھاياتى شەيئىلەرنى تال لىۋالغان.بۇ ئارقىلىق شېئىرى تىلدا بىز ياشاپ تۇرغان تەبىئەت ۋە ئاددى يېزا ھاياتىنىڭ گۈپۈلدەپ تۇرغان چىن،مىللىي پۇرىقىنى ياراتقان سەنئەتكار.
شائىرنىڭ ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن خەلق پوئىتىك ئېغىزاكى ئىجادىدىن ئىبارەت مىللەتنىڭ ئېتنىك روھى بولغان«مىراس»تا ئىشلىشى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە قويۇق چۆچەكسىمانلىق،ئەپسانىۋى روھ ۋە ھېكمەت تۈسى بېغىشلىغان.چۈنكى«خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىللى ئانا تىل،چۆچەك بولسا مىل لەتنىڭ ئاۋازى»(ھېردىر)دۇر.كۆپ يىللىق فولكلورشۇناسلىق ھايات شائىرنى خەلق دانىشمەنلىكىنىڭ سىر-ھېكمەتلىرى بىلەن تۇنۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان.بۇنىڭ بىلەن ۋاھىتجاننىڭ شېئىرىيىتى ئۇيغۇر خەلق ئەپسانە-رىۋايەتلىرى،مەسەل-چۆچەكلىرى ۋە قوشاق داستانلىرىدىكى تەبىئەتكە يېقىن ئىپتىدائىي ئاڭ،پانتاستىك روھ،گۈزەل ۋە ئويناق شەكىل،پاكىزە ۋە ھارارەتلىك ھېسسىيات،سېھىرلىك
ئوبراز ھەم ماتىفلاردىن ئۇزۇق ئېلىشقا باشلىغان.شۇڭلاشقا ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ خىسلەت ۋە ئىستىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى شائىر ئىجادىيىتىنىڭ بارماق ياكى سەربەست شەكلىدە،5-6 كۇبلېتلىق ۋە 7-9 بوغۇملۇق بولۇشتىن ئىبارەت ئومۇمى ئۇسلوبىنى بەلگىلىگەن.شائىرنىڭ بىر قىسىم شېئىرىلىرى نىڭ ناخشىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىمۇ بۇنداق شەكىلنىڭ مۇزىيكىچانلىقى ۋە كۈيلەشكە قو لايلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.بۇنىڭدا ئەلۋەتتە بەدىئىي پىكىرنىڭ ئۆز شەكلى بىلەن تۇغىلىدىغانلىقى نى ئېتىبارغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.ئادەتتە شەرق ئەدەبىياتىدا بۇنداق شېئىرى ئۆلچەم«تۈركانە ئۇسلوپ »دېگەن نام بىلەن مەشھۇر.
شۇنى قىستۇرۇش ھاجەتكى«يېڭى شېئىرىلار»ئۆتكەن ئەسىرنىڭ90-يىللىرىدىكى ئىسلاھاتچىل شېئىرى ئىجادىيەتنىڭ شەرتلىك نامى بولۇپ،ئۇنىڭ بىزدە ھازىرغىچە ژانىر نامىنى تاپالماسلىقى ئەدە بىياتشۇناسلىقىمىزدىكى ئەپسۇسلانارلىق ھالەت.قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر شېئىرىيىتىدە ئاللىقاچان «سەربەست»دەپ ئاتالغان بۇ ژانىر ئۆلچەمگە ۋە شەكىلگە سىغمىغان تاشقىن تۇيغۇلارنىڭ ۋەزىنى بولۇپ،ۋاھىتجان خەلق قوشاقلىرى ۋە داستانچىلىقنىڭ ئەركىن ئۇسلوبىنى گەۋدىلەندۈرگەن شۇنداقلا ئارۇز ۋەزىنى بىلەن بارماق ۋەزىنىنىڭ سوقىلىشىدىن شەكىللەنگەن بۇ يېڭى شەكىل-سەربەست ۋەزى نىنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرىنى ياراتقان شائىر.قىسقىسى شائىرنىڭ«چىن تۆمۈر باتۇر»،«شەجەرەم»،« ئۇيغۇر مەشرىپى»،«قارا يۈز»قاتارلىق ھەر خىل ۋەزىندىكى شېئىرىلىرىدا خەلق فولكلورى ۋە ئېغىز ئە دەبىياتىغا خاس يەڭگىل ۋە خاسىيەتلىك ئاھاڭلار گەۋدىلەنگەن.
شۇندا خاقان-شىر يۈرەك،
ئوت يېقىپتۇ قولىغا.
مەشئەل قىلىپ كۆتۈرۈپ،
راۋان بوپتۇ يولىغا...
بۇ شائىرنىڭ«مەشئەل»شېئىرىسىدىكى بىر كۇبلېت بولۇپ، ئۇيغۇر بۇددىزىم رىۋايەتلىرى ئاساسىدا قايتا ئىشلىگەن مەزكۇر شېئىرىدا، ۋاھىتجان دۈشمەن تەرىپىدىن كېچىدە چۇڭقۇر جىلغىغا قاپسىلىپ قالغان خاقاننىڭ قولىنى مەشئەل قىلىپ ياندۇرۇپ قاراڭغۇ ئۆڭكۈردىن ئۆز تائىپىسىنى بىخەتەر ئېلىپ چىققان قەھرىمانلىقىغا مەدىھىيە ئوقۇغان.
يەنە شائىر بۇ خىلدىكى ئىجادىيىتىدە«ئوماي»،«مەستان كەمپىر»،«نۆھنىڭ كەپتىرى»ۋە«قەق نۇس»قاتارلىق تەلمېھ يەنى مەلۇم رىۋايەتلىك ۋەقەلەرگە ئىشارە قىلىنغان ئوبرازلارنى ئىشلىتىش سەن ئىتى ئارقىلىق شېئىرىنىڭ ئىچىگە شېئىر يۇشۇرغان،ئېيىتقان گەپكە ئېيىتمىغان گەپنى قوشۇپ ئىپا دىلەپ ئېستېتىكىلىق مەنەۋى قاتلام ياراتقان ۋە بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەردە ئۇلانما تەسەۋۋۇر قوزغىغان.
شائىرنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن بولغان«ئالتۇن شاخ»ۋە «روھ يىلتىزى»دىن ئىبارەت ئىككى داستانى ئېغىزاكى ۋە يازما ئەدەبىيات ھەققىدىكى ئۆزگىچە تەسىراتىنىڭ بەدىئىي ھاسىلاتى،بۇلاردا مەر كەزلىك ھالدا ۋاھىتجاننىڭ«ئۆزلۈككە قايتىش»ئېڭى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدا:
كۈن دېگىلى بولامدۇ،
ئۆتمۈشى يوق ھازىرنى
دېگەن بېيىت ئۇچرايدۇ. بۇ بىر گۈزەل شېئىر بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىبرەتلىك تارىخ پەلسەپىسىدۇر.
ئۆتمۈش كەلگۈسىگە يول ئاچىدۇ.تىلى ۋە تارىخى مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇش نائېنىق كەلگۈسىگە قاراپ يۈز لىنىشتۇر.شائىرنىڭ ئىككى داستانى بولۇپمۇ«روھ يىلتىزى»2000-يىللار دۇنيا ئەدەبىياتىدا مودا بول غان ئەدەبىياتتا مىللىي مەدەنىيەتنى قېزىش ئارقىلىق يىلتىزنى تېپىش،كۈلتۈرەل ئاڭنى نامايەن قىلىش ،مىللەتنىڭ ھاياتلىق ۋە تارىخنىڭ ئالغا سىلجىش جەريانىدىكى ئىتنىك مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە روھىنى ئېچىشقا بېغىشلانغان ئىزدىنىشلىرىنىڭ مەھسۇلى.
داستان يىراق قەدىمكى قەھرىمان ئەجداتلىرىمىزدىن بۆكۈخان قاتارلىقلارنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت يارىتىش جەريانىدىكى مىفولوگىيەلىك ھە رېئالىستىك كەچمىشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە بېغىشلان غان.«روھ يىلتىزى» مەسنەۋىي شەكىلدىكى كىلاسسىك فورمىدا ئەمەس،بەلكى ئالماش قاپىيەلىك تۆتلۈكتە يېزىلغان بولۇپ،مۇقەددىمىدىن باشقا بەش بولەكتىن تۈزۈلگەن.
«روھ يىلتىزى»لىرىك داستان،ئۇنىڭدىكى تەسەۋۋۇرلۇق سوژېت كۆلەڭگىسىنىڭ ئېچىلىشى«بۆكە خان رىۋايىتى»نىڭ باشلىنىش ۋەقەلىكى بىلەن تاناسىپ چۈشكەن.بىزدە ئىجادىيەتنىڭ بىردىن-بىر مەنبەسىنىڭ تۇرمۇش ئىكەنلىكى كۆپ تەكىتلىنىدۇ.ئەمما ۋاھىتجان چىنلىق تەسىراتلىرى ۋە رەسىم- مۇزىكىدىكى تاغ-دەريا تەسۋىرلىرىگە ئاساسەن داستاننىڭ باش قىسىمىدا ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەدىم كى ھاياتلىق ماكانلىرىدىن بولغان-قاراقۇرۇم ۋە ئورقۇن بويلىرىنىڭ كەڭ تەبىئەت مەنزىرىسىنى شائى رانە كەيپىياتتا سىزىپ كۆرسەتكەن.
رىۋايەت قەھرىماننىڭ نۇردىن-دەرەختىن جۈملىدىن ئاتىسىز تۇغۇلغانلىق ماتىفى(ئىسا پەيغەمبەرمۇ شۇنداق)ۋە قەدىمكى ئەجداتلارنىڭ تەبىئەت ئىلاھچىلىقى ئاساسىدىكى«ئاسمان ئاتا،يەر ئانا»يە نى«كۆكتىن تامدۇق،يەردىن ئۈندۇق»دېگەن باشلانغۇچ دىنى كۈلتۈر ئېڭىنى ئارقا كۆرۈنىش قىلىپ، ئىنساننىڭ مەڭگۈ قايتىلانماس بالىلىق تەبىئەتكە قايتىشتەك پانتاستىك ئارسۇسى بىلەن باشلانغان. مۇشۇنىڭغا ئاھاڭداش ھالدا«سۆز»مۇ قەدىمكى لاتىن مەدەنىيىتىدە«تۇپراقتىن يارىلىپ،تەڭرى ۋەس لىگە يىتىش»دېگەن قوشماق مەنىدە ئىستېمال قىلىنغان.بۇ ئارقىلىق داستاندا رىۋايەتكە قارىغاندا، ئەجدات-قەھرىمانلارنى ۋە مىللىي سىموۋۇللارنى ئۇلۇقلاشتەك دۇنياۋى ئەدەبىياتلىق ئالاھىدىلىك ۋە غايە خائىشلىق ئالغا سۈرۈلگەن.
كۆكتىن چۈشتى ئىلاھى بىر نۇر،
دەرەخ ئەسلىي قىزمىكىن لەۋەن...
پارچىدە رىۋايەتكە خاس سىرلىقلىق بىلەن ۋاھىتجان شېئىرىيىتىگە خاس ئەپسانىۋى سىقىقلىق ئەكىس ئەتكەن.
رىۋايەتتىكى بۆكەخانغا ئائىت ۋەقەلىكنىڭ تارىخىي بايانى «روھ يىلتىزى»دا لىرو-ئىپىكىلىققا ئو رۇن بوشاتقان بولۇپ ئۇ داستاندىكى پىكىر ۋە غايەنى ماكان،زامان تەرتىبى بويىچە سىلجىتىشنىڭ ئاسا سىي قىلىنغان.بۆكەخاندا ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەدىمكى ئورقۇن بويلىرىغىچە كۆپ ئەسىرلىك ھاياتى نىڭ تۈرلۈك ئىما-ئىشارىلىرى يېرىم خۇراپات ۋە يېرىم ھەقىقەت سۈپىتىدە يۈكسەك بەدىئىي ئومۇمىلاش تۇرۇپ ئەكىس ئەتتۈرۈلسە،«روھ يىلتىزى»دا ئاشۇ ۋەقەلەر ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئېنىق باسقۇچ ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىغا ئىگە قىلىنغان،تارىخىي دەۋىر ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە قايتىدىن قۇراشتۇرۇلغان.
داستاندا شائىر نۇر،دەرەخ،ئىلاھى پەرى ۋە ئورقۇن يېزىقى قاتارلىق شېئىرى ھېسسىياتقا نىسبەت بولالايدىغان ئوبرازلار ئارقىلىق بىر تەرەپتىن لىرىك قەھرىماننىڭ خارەكتېرىنى گەۋدىلەندۈرسە،يەنە بىر ياقتىن شېئىرى پىكىر ۋە ھېسسىياتنىڭ مىسرالار ئارا ئەركىنلىكى،ھەرىكەتچانلىقى،بىردەكلىكى ھەم راۋاجىنى كاپالەتلەندۈرگەن.شۇڭا داستاننىڭ ئىككىنچى قىسىمىدا
يىغىلسا گەر تارقاق يۇلتۇزلار،
تولۇن ئايدەك بولىدۇ نۇرلۇق.
بىر غولدا كۆپ بولسا يىلتىزلار،
بوران-چاپقۇن قىلالماس خورلۇق
قاتارلىق لىرىك سۇبېيكىتقا خىتاپ تەرىزدە قىلىنغان جۇشقۇن شېئىرى تەلقىنلەر ئارقىلىق، بۆكەخان نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئۇرۇق ۋە قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇلغايتقاندىكى قەھرىمانلىق داستانى غا خاس تارىخىي چىنلىقنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن.
بىز داستاننىڭ3- ۋە 4-قىسىملىرى ئارقىلىق ۋاھىتجاننىڭ بەدىئىي ئىستېداتىغا قائىل بولماي قالماي مىز. ئۇنىڭدا شائىر مەلۇم رىۋايەتلىك خېمىتۇرۇچ ئارقىلىق ئەجدات روھىنى قايتا نامايەن قىلىدىغان تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئىشقا سالغان.بۇنىڭ بىلەن كىتابخانلاردا ئورقۇن ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىجات قىلىپ،
تاش ئابىدىلەردە مەدەنىيەت يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ سەھىپە رىۋايەتنىڭ تەبىئىي مەنتىقى راۋاجىدەك
تەسىرات قالدۇرغان.بىر مۇتەپەككۇر ئېيىتقاندەك:«تىل-يېزىق بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئادەم بىلەن ياراتقۇچىنىڭ ۋە زىمىننىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش.مەلۇم بىر تىل-يېزىق مەدەنىيەت ئەنئەنى سىدىن ھەم مىللىي تۇپرىقىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن مەۋجۈتلۇق ئاساسىنى يوقىتىدۇ».شائىر داستان نىڭ مەزكۇر سەھىپىلىرىدە ماددى ۋە مەنەۋى مەدەنىيەت ياراتقۇچىلار بولغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھى كەچمىشلىرىنى چۇڭقۇر قېزىش ئارقىلىق كىتابخانلار بىلەن كۈنىمىز ۋە كەلگۈسىمىز ھەققىدىكى چۇڭقۇر تەشۋىىشلىرىنى ئورتاقلىشىدۇ. بۇ ھەقتە
تىل-يېزىقتۇر روھتىكى ۋەتەن!...
قاتارلىق ئەقلىي،پەلسەپەۋىي سەترىلەر دىققەتكە سازاۋەر.
شائىر داستاننىڭ خاتىمىسىدە تارىخىي چىنلىق پىرىنسىپى بويىچە دانىشمەن تۇنيۇقۇق،بىلگە قا غان ۋە باتۇر كۆلتېگىنلارنى بۆكەخاننىڭ ئەۋلاتلىرى قىلىپ كۆرسىتىپ،ئېستېتكىلىق قايتا ئىجات ئې لىپ بارغان.«بۆكەخان رىۋايىتى»دە ئېستېتىك ئۇبېيكىت بىلەن ئېستېتىك سۇبېيكىتنىڭ مۇساپىسى بەكمۇ يىراق بولغانلىقتىن رىۋايەت كىشىدە غۇۋا تەسىرات قالدۇرسا،داستاندا بۇنداق رۇجەكلەر مۇۋاپىق بەدىئىي توقۇلمىلار ئارقىلىق يارقىنلاشتۇرۇلغان.
رىۋايەتكە قارىغاندا داستان دىنى سىمفونىيەلەرنىڭ چۈشۈرگىسىدەك«كۆچ-كۆچ»سەرسانلىقى ئار قىلىق مۇڭلۇق كەيپىياتتا ئاخىرلاشتۇرۇلغان.بۇ يەردە يىللاپ چۆل-داۋان ئېشىپ شالاڭلاپ كېلىۋاتقان ئۇزاق سەپ ئۇپۇقتىكى سۈرەتلەردەك كۆز ئالدىمىزدا خىرە-شىرە نامايەن بولىدۇ. مۇھىمى رىۋايەتتىن داستانغا كۆچكەن تارىخىي چىنلىق بىلەن ئاپتورنىڭ ھېسسىيات چىنلىقىنىڭ بىرلىكىنى ئەل-ئۇلۇس نىڭ تارىخى سەرگۈزەشتىسىدىكى پاجىئە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش-مانا بۇ ئاپتور ئەسەردە يەتمەك چى بولغان تىراگېدىيەلىك يۈكسەكلىك! شائىرنىڭ داستاننى
يىلتىزى بار تۆكۈلگەن ياشنىڭ،
يىلتىزى بار يۈرەكتە داغنىڭ
دەپ بۇنداق ئېستېتىك ئازاپ ئېڭى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمۇ تارىخىي ئۆزلۈكىمىزنىڭ ئەخلاقى،ئەقلى ۋە روھى جەھەتتىكى زەئىپلىكلىرى،يىمىرىش كۈچى،ئۆزلۈكىمىزدىن ياتلىشىش ۋە ئۆزگەرگەن خارەكتېرىمىزنىڭ پاجىئەلىرى ئۈستىدە بىزنى ئويلاندۇرۇش! قىسقىسى ۋاھىتجاننىڭ كۆرسى تىلگەن ۋەكىللىك ئەسەرلىرى قەدىمكى دانىشمەنلەر ئېيىتقاندەك«ئىلىمنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىلىمى»غا بې غىشلانغان بولۇپ ئۇ بىزنى كىملىكىمىز ۋە كىم ئەمەسلىكىمىز ھەققىدە چۇڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ.
بۇلاردىن باشقا ئىلمىي جامائەتچىلىك ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئىجتىمائىي،ئەخلاقى ۋە پەلسەپەۋى تېمىلار ھەققىدىكى شېئىرىلىرىدا شائىرنىڭ لىرىك قەھرىمانى ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلغۇ چى پەيلاسوپ سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ.بۇنداق لىرىكىلاردا ۋاھىتجان ھايات چىنلىقىنى ئەقىل كۈزى بىلەن كۈزىتىپ شېئىرى تومۇرنى ھېسسىيلىق بىلەن ئەقلىيلىقنىڭ دېئالېكتىكىسى ئارقىلىق ئوزۇقلان
دۇرغان.بۇ خىل تىزمىلار ماھارەت جەھەتتىن مەنىلىك ۋە گۈزەل سۆز-مىسرالارنى پۈتۈن شېئىرى داۋامى دا ئىجادىي قايتىلاش (مەسىلەن،يىلتىز،يامغۇردا سۆيۈشىش)،قۇرۇلمىدىكى ئىخچاملىق،قاپىيە ۋە كۇبلېتلاردا شەكىلداش ھەتتا مەناداش سۆزلەرنى تەكرار ئىشلەتمەسلىكتەك شەكلەن گۈزەللىك،مەنان لوندىلىك ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ.
ئەلۋەتتە شائىر دەرت-ئىزتىراپلارنى يارىتىدۇ ۋە بۇلار شائىرغا خوشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.ئۇ ئۇنۋان ئەمەس،تولغاقتىكى ئانىدەك تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئازاپلاردىن زوقلانغۇچى.ۋاھىتجاننىڭ دىۋانىدىكى شائىرلىق ھەققىدىكى تۈركۈم لىرىكىلار مۇئەللىپنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ۋە پىسىخىكىلىق سۇبېيكتىپلىقى رېئال بېسىمغا ياكى توسالغۇغا ئۇچراپ روھى جەھەتتىن ئەركىنلەشكەنلىكنىڭ،ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت لەرگە پىسەنت قىلمىغانلىقنىڭ مەھسۇلى.
شۇنىڭغا ئۇرغۇ بېرىش كېرەككى، شېئىرىيەت نوقۇل سۆز سەنئىتىلا ئەمەس،بەلكى قىسقا،پىغانلىق ۋە گۈزەل ئاۋازلىق كاككۇكتەك قايغۇ- مۇھەببەتنى ئادەملەرنىڭ كۆز ئالدىدا جانلاندۇرۇش سەنئىتى! ئييتىلىشىچە،ھەقىقى شائىرلانىڭ ئىچىدە بىر قۇش توختاۋسىز ئۈنلەپ تۇرغىدەك.ئۇ ئەركىن قۇشقا ئايلىنىش ئۈچۈن شائىرنىڭ كۆكرەك قەپىزىگە ئۈزىنى ئۇرۇپ،قان تامچىلىتىپ شائىرنى قىيناپ ھۇش سىزلاندۇرارمىش! ئەمما شائىر بۇنداق شىرىن ئازاپنىڭ ئاشناسى بولغاچقا ئۇنىڭغا ئەرك بەرگىلى ئۇنى ماسمىش،قۇش ئۆمۈرلۈك ئېلىشىشتا ئاخىر شائىرنى داغدا قالدۇرۇپ،كۆككە ئۇچۇپ كېتەرمىش! دېمەك شائىرلىقتا تالانتقا قوشۇلغان ئەنە شۇنداق توختاۋسىز جىسمانى-روھى«تامچىلاش ۋە ھۇشسىزلىنىش» لا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.شۇنداق،شائىرلىق ئەل دەردىگە دەرمان بولۇش سەنئىتى. شائىر ھەممە زاماندىكى مۇپتىلالىق ۋە قىسمەت! ئۇنداق بولمىغاندا نەۋايىدەك شۇنچە بۈيۈك زات قەلەندەردىن شېئىرى تىلەپ يۈرىمەگەن بۇلاتتى.شائىر يارالدى دېمەك ئەقىدە ۋە سەۋدالىق يارالدى دېمەكتۇر. ئەمما ۋاھىتجان توپلامدا شائىرلار ھەققىدىكى كونا رىۋايەتنىڭ يېڭىچە تەلقىىنى بەرگەن.
- شائىردىن ئايالى ئەنسىرەرمىش
- نېمىشقا؟
- شائىر كۈندە نەچچە قانسىرارمىش!
شائىرلىق تېمىسىدىكى لىرىكى(«ئوت كېتىدۇ ماڭا بىر كۈنى»قاتارلىق)لاردا ۋاھىتجان غايەۋى ئىدى ئالىغا ئويغۇن خەنجەر،يۇلتۇز،كېچە،ئانا،يۈرەك،يىغلاش،ھەسرەت-نادامەت،ئوت،بىھۇشلۇق ۋە ۋا قىت قاتارلىق شېئىرى ئىماگ ۋە مەنا ئوب رازلىرىغا ئۇرغۇ بېرىش ئارقىلىق ئاساسىي ئىدىيە بىلەن ھېسسىياتنى مەركەزلەشتۈرگەن،بۇلارنىڭ ۋاستىسىدە يېپ-يېڭى ئوبرازلىق ئىپادە ۋە چاقناق پوئىتىك مەنزىرە يارىتىپ،كىتابخانلاردا«مەن»نىڭ«ئىچىدىن تۈتەپ تۇرغان»تۇيغۇلار ئالەمى ھەققىدە تەسەۋ ۋۇر قوزغاتقان.ئۆز نۆۋىتىدە شائىرنىڭ لىرىك سۇبيكتى بۇلارغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق مىللىيەت لىكى ئومۇمەن ئىنسانىيەت ئالدىدىكى بۇرۇچ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئىزھار قىلغان.شائىرلىق نېمىتى ۋە ئىجادىيەتنىڭ قىسمىتى ھەققىدى كى ئۆزگىچە مۇلاھىزىلىرىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەدىئىي زوقىغا سۇنغان.
ئاز ساندىكى سەنئەتكارلارلا ھەر قېتىملىق ئىجادىدا سۈپەت ئۆزگىرىشى قىلىپ،ئەۋۋىلىدىن ۋە ئۆزى دىن ھالقىپ تۇرۇشى مۈمكىن.چۈنكى شېئىر ياشلىق سەنئىتى،ئۇنىڭ ئوت كۈچى ۋە شىددىتى يۈرەك ھارارىتىىنى مەنبە قىلغان.مۇشۇ نوقتىدىن«قىرىق بىر يۈرەك»نى مەنەۋى پاساھەت،بەدىئىي بالاغەت ۋە ھېسسىي ھارارەت جەھەتتىن ۋاھىتجان شېئىرىيىتىنىڭ بەدىئىي پەللىسى دېيىشكە بولىدۇ.توپلامدا ئىجتىمائىي،ئەخلاقى تېمىدىكى ئەسەرلەر بىر قۇچاق! بۇلاردىن غايەۋى تېما تىك مەزمۇنىنىڭ چۇڭقۇرلىقى،تەسەۋۋۇر بوشلىقىنىڭ يۈكسەك،پايانسىزلىقى؛ياراتقان شېئىرى ئوبراز لىرنىڭ بىتەكرارلىقى؛ژانىرلىق ئالاھىدىلىكىنىڭ ئىجادىي ۋە ئويناقلىقى شۇنداقلا شېئىرى ھېسسىيا تنىڭ چىنلىقى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان يالقۇنلۇق بىر لىرىكا بار.ئۇنى يالغۇز ۋاھىتجان شېئىرىيىتى دىلا ئەمەس بەلكى ئاتا-ئانا ماۋزۇسى بويىچە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى مەنەۋى پەللە دېيىش مۈمكىن.
ئاتا سېنى ئوتتىن سورىسام،
ئوت لالىدەك قىزىرىپ تۇرۇپ:
ماڭا ئوخشاش كۈيەتتى،دېدى.
شائىرنىڭ «ئاتامنىڭ شەجەرىسى»شېئىرى ئەنە شۇنداق ئېچىلغان.كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدىكى«
مۇسەللەس»نىڭ مەنىسى«ئۈچلۈك»،ئەكسىنچە ۋاھىتجاننىڭ ئۈچلۈكى مۇسەللەس ئەمەس.«ئۈچ»بىز
دە ئۇلۇغ سان،ئاتا-ئانىمۇ ئوخشاشلا ئۇلۇغ،چۈنكى ئۇلار دۇنيا ياراتقۇچىلار!
پېقىر شائىرنىڭ ئاتىسى-ئوسمان ئاكىنى ياخشى تۇنۇيتتىم.بىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدا ۋاھىتجان ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىكەن.مېنىڭ مەكتەبتىكى ھاياتىم جۇشقۇن ۋە شائىرانە ئۆتكەن.ئۇ كىشى ئىلىم ئەھلىنىڭ دوستى ۋە تەرغىباتچىسى ئىدى! 2000-يىللارنىڭ ياز ئايلىرى،خىزمەت ئىشى بىلەن كەلپىنگە باردىم.بىر كۈنى ناھىيە بازىرىدا ئوسمان ئاكا توساتتىن كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى- دە،ۋېلىسىپىتتىن قۇشتەك ئېتىلىپ چۈشۈپ مېنى ئاتايەن يېزىدىكى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ چىققان لىقىنى ئېيتتى.دوپپىسىدىكى بادام گۈلى بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرغاندىكى بۇرۇتلۇق قاراچە، قىزىل يۈزى رۇشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ ئۇ ئادەمگە ئەرلىك جاسارەت ۋە ياشلىق نازاكەت بېغىشلاپ تۇراتتى.«ۋاھىتجان ئۈرۈمچىدىن كەلگەنمۇ؟-سورىدىم»،كەلمىگەنلىكىنى ئېيىتتى. ئىنسان پەرزەنتى ھامان كەم ئەقىل-دە!كۆز ئالدىڭدىكى ۋە ئالىقىنىڭدىكى پۇرسەتنىڭ خاسيىتىنى چۈشەنمەسلىك ئادەم تەپەككۇرىنىڭ تۇغما چەكلىمىلىكى.تاغنى ھەقىقى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ھامان يىراقلى شىش كېرەككەن!
مەن ئوسمان ئاكىنى ئايىغان ياكى قورۇنغان بولىشىم مۈمكىن،يالغاندىن ئىش ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىمنى،رەخمىتىمنى ئېيىتتىم.ئەمەلىيەتتە تەنھالىق خائىشىم ئىدى.بىزگە يەنە بىرنەچچە بۇرا دەرلەر كېلىپ قوشۇلدى،سالاملاشتۇق!بىرئازدىن كېيىن ئەتراپقا قارىسام ئوسمان ئاكا يوق! «ئاتامنىڭ شەجەرىسى»نى ئوقۇپ ئەسلەپ قالدىمكى،شائىرنىڭ ئاتىسى ئۇنداق مەن يالغان سۆزلەيدىغان ئادەم ئەمەسكەن،بەلكى مەنەۋىيىتى سۇ،زىمىن ۋە قەلبكە سىغماس روھىنات ئىكەن!
ئاتا سېنى سۇدىن سورىسام،
سۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ:
ماڭا ئوخشاش كۈلەتتى،دېدى.
شۇنداق،بۇ يەردە شائىر ھاياتلىقنىڭ ئاساسىي بولغان سۇغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق شەخسى مۇرە بىيسىنى ئەمەس،بەلكى ھەممىمىزنىڭ غەمگۇزار ئاتا-ئانىسىنى،ئەجدادىنى،ۋىجدانىنى،ئىمانىنى،پى غانلىق پۇشايمانلىرىنى يازغان!دۇنيادا«بالام»دەپ چاقىرىدىغان يېقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ،يى تىملىك دەردىنى تارتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ياشلىق كۆزى بىلەن تەبەسسۇم قىلغان! قەلەم كۈچى بىلەن دەريانى قەترە،سەدەپنى گەۋھەر تامان ئاققۇزغان!
شائىر لىرىكىدا بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ھېچكىم ياراتمىغان يېپ-يېڭى بەدىئىي مۇھىت ياراتقان.ھەتتا مىتاپىزىكقا خاس ئىدراك بىلەن بىر بىرىدىن يىراق ھەتتا زىت ئوقۇم ۋە شەيئىلەرنى مىسرا قاتلىرىغا جۇغلاپ،تەسەۋۋۇرنىڭ كۆزى بىلەن ئۇلار ئارىسىدىن جىلۋىلىك باغلىنىش ۋە غەيرى تەبىئىي ئوخشاشلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان.بۇ ئارقىلىق ئۈچلۈكتە«ئاتا»دىن ئىبارەت ئىندىۋىدىئال ئو
مۇمىيلىقنىڭ مەلۇم پەيىتتىكى ئىش-ھەرىكىتى،كۆچۈرمىشى،ئىجتىمائىي-ئەخلاقى روھىنى ئوت،كۆك
،تاغ،گۈل قاتارلىق پوئىتىك ئوبرازلارنىڭ خاسىيىتى بىلەن قىياسلاپ ۋە مەنتىقى ئاساسلاپ ئۇنىڭدىن پەلسەپەۋى ھاياتى پىكىر كەلتۈرۈپ چىقارغان:
ئاتا سېنى قۇشتىن سورىسام،
قۇش ھەسرەتتە تولغىنىپ تۇرۇپ:
ئۇ دەرەختەك تۇراتتى،دېدى.
بەدىئىي سۆز ئۇستىسى كۇبلېتتا كۆكىرىپ تۇرغان دەرەخ قۇش ئۇۋىسىنى ئۆز بېشىدا كۆتىرىپ ئۇلارغا باشپاناھ بولغان بولسا،ئاتا ئۆز ساخاۋىتى ئارقىلىق «مېنىڭ جەننىتىم ئىدى»دېگەن پىكىرنى ئەنە شۇنداق ئىستىئارىۋى ئىپادىلىگەن.
بىر پارچە ئەسەر مەزمۇن،شەكىل ۋە بەدىئىيلىكتىن تەركىپ تاپىدۇ. بەدىئىيلىكنى بولسا بەدىئىيات يارىتىدۇ.ئاۋۋالقى ئىككى ئامىلنىڭ تەبىئىي بىرلىكىگە سۆز سەنئىتى قوشۇلسا،بۇنداق ئەسەر زىننەتلەن
گەن قەسىرگە ئايلىنىدۇ.«ئاتامنىڭ شەجەرىسى»كۆپ تەرەپلىمە ئىجادىيلىقنىڭ ھاسىلاتى! ئۇنىڭدا جانلاندۇرۇش قوللىنىلىپ لىرىك قەھرىماننىڭ پەزىلىتى شەيئىنىڭ ھالىتى ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەچكە شېئىرى تىل چۆچەكسىمانلىققا ئىگە بولغان.شېئىرىدا شائىر ئەقىلغا،تەسەۋۋۇرغا ۋە ئادەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئەھۋالنىڭ مۇبالىغىلىك تەسۋىرىنى ياراتقاندا،ئوقۇرمەنلەرنى ئۇنىڭغا ئىشەندۈرۈشنى ئەمەس،
بەلكى شۇ خىل ھالەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ھەققىدە ئويلاندۇرۇپ،تەسۋىر ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ شۇ قەدەر گۈزەللىكىدىن ئېستېتىك زوقلاندۇرغان.چۈنكى ئېستېتىك تەسىرات-نەپەستىن كۆڭۈلگە،كۆڭۈل دىن روھقا،روھتىن سىرغا،سىردىن مەنا- ماھىيەتكە ئۆتىدىغان نۇرەپشان جەريان!
يەنە ۋاھىتجان«ئاتامنىڭ شەجەرىسى»دىن ئىبارەت بۇ«خاسىيەتلىك قۇتا»غا ئىنشا سەنئىتىنىڭ تى لەك،خىتاپ ۋە سوراق قاتارلىق شەكىللىرىنى قاچىلىغان.بۇ ئارقىلىق «مەن»گە ۋەكىللىك قىلغۇچى لىرىك قەھرىماننىڭ ئىچكى ئالىمى،قەلبىدە مەۋج ئۇرىۋاتقان ئاتەشلىك تۇيغۇلىرى ۋە گۈزەل ئارزۇلىرى ھەققىدە يەرۇ-كۆككە مۇراجىئەت قىلىپ،رېتورىك سۇئال ۋاستىسىدە دىلىنى ئۆرتىۋاتقان ھېس-ھايا جىنى ھەم ئاتىغا بولغان قەلىپ ھەيرانلىقىنى نامايەن قىلغان.
ئاتا سېنى يەردىن سورىسام،
يەر ئاسمانغا تىكىلىپ تۇرۇپ:
بىزگە كۆكلەم چاچاتتى،دېدى.
شائىر ئاتىلارنىڭ دۇنياغا نېممەت،پاراغەت ۋە بەرىكەت ياغدۇرغۇچى ساخاۋەتچى ئىكەنلىكىنى ئۇلار نىڭ باھاردىن باشلانغان مېھنىتى ئارقىلىق ئەنە شۇنداق ئېسىمىزگە سالىدۇ.يەنە شېئىرىدا شېئىرى پىكىر بىلەن ھېسسىيات ھەممە كۇبلېتلاردا ئوخشاشلا چۇڭقۇر بىرلىك ۋە ھارارەت ھاسىل قىلغان،بۇ خىل كەيپىيات ئۈچلۈكنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئەۋجىگە كۆتىرىلگەنكى،سۇسلاشمىغان.ۋاھىتجان «ئاتا شەجەرىسى» ئارقىلىق كىلاسسىك شەرق شېئىرىيىتىدە«سۇئالۇ جاۋاپ»،«دىئالوگ»دەپ ئاتال غان ژانىر ياكى ئۇسلوپنىڭ زامانىۋىيلاشقان يېڭى ۋارىيانتىنى ئىجات قىلغان.
قىسقىسى ئىجاتكار شېئىرىدىكى تىل ۋە ئوبرازلارنى نەپىسى،قېنى ۋە يۈرىكى بار«تىرىك جان» دەپ بىلگەن،شۇڭا ئۇلار بىلەن ئەركىن دىئالوگلاشقان.مەنزىرە بىلەن مەنانىڭ مەنتىقى بىرلىكىدىن ھاسىل بولغان ئىدىيەنىڭ پىنھان قاتلاملىرىدىكى تەسىر كۈچنى ئاشۇرۇپ،ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كى تابخانلارغا شېئىرى تەپەككۇرنىڭ نازۇك ۋە يۇشۇرۇن تەرەپلىرىنى يەتكۈزۈشكە تىرىشقان. شېئىرىدىكى ھەر بىر كۇبلېت لىرىك قەھرىماننىڭ ھاياتى ۋە خارەكتېرىدىكى گەۋدىلىك پەزىلەت،كۆرۈنىشلەرنىڭ ھېسسىيات ۋە ھاياجان جەھەتتىكى يېڭى ئۆركىشىنى ياسىغان.نەتىجىدە قەلبىدە مەڭگۈ كۆكىرىپ تۇرىدىغان«ئاتا دەرىخى»نىڭ ھاياتىيلىقى ۋە چىنلىقى ئاشقان.تەبىئەتكە كەڭ قۇچاق ئېچىپ قىلغان خىتاپ جۈملىدىن ئۆزى بىلەن سۆزلەشىش شەكلى ئارقىلىق كۇبلېتلار ئارا سەكرەتمىلىك ياساپ بىر تەرەپتىن شېئىرى قۇرۇلمىنى پىرىسلىسا،يەنە بىر ياقتىن تەپەككۇر بوشلىقىنىڭ كېڭىيىشىنى تەمىن ئەتكەن.ئۈچلۈكتىكى ھەممە-ھەممە نەرسە ئاتا پەخرىيەسى ئارقىلىق يۈكسەك ئىنسانى غايىلەرنىڭ تەر
غىباتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.
خۇلاسە قىلغاندا،شېئىر مىللەت روھى ۋە ئۆزلۈك ئاڭنىڭ مەھسۇلى. ئىككىنچى ۋەتەن- ئانا تىل تەرە قىياتىنىڭ يۇقىرى چوقىسى! بۇلارغا سەل قاراش كەلگۈسىنى ئىنكار قىلغانلىق.شۇڭا داغىستانلىقلاردا يامان روھ ۋە دۈشمەنلەرنى:«بالىلىرىڭ بىلەن ئۆز ئانا تىلىڭدا سۆزلىشەلمەيدىغان جىنلارغا ئايلىنىپ كەتكەيسەن»دەپ قاغاش ئادىتى ساقلانغان!بۈگۈنكىدەك ئەدەبىياتتىن زوقلىنىشنىڭ يوللىرى كېڭەي گەن،ماددى راھەتپەرەسلىككە چوقۇنۇش ئەۋىج ئالغان يەنە كېلىپ كىشىلەرنىڭ رېئاللىق تۇيغۇسى كۈچىيىۋاتقان زاماندا ياخشى شائىر بولماق تەس،ھەممە ئادەمدىن شېئىر ئوقۇشنى تەلەپ قىلىش بىر خام خىيال.پەقەت سېنىڭ توپلىمىنڭنى يۈرىكىدە ئوتى بار كىشىلەر يېنىدىن ئايرىماي ئوقىسا ياكى رو مانتىك مۇھەببەت تورىغا چۈشۈپ قالغان قىز ئۇنىڭدىن پارچە ئېلىپ سۆيگۈ مەكتۇبى قىلىپ يوللىسا، شۇنىڭ ئۆزى كوپايە،بەخىتلىك شائىرسەن!
ۋاھىتجان ئوسمان يېقىندىن بېرى شېئىرلىرى گويا يۇقۇملۇق زۇكامدەك ئۈندىداردا ئەڭ كوپ تارقال غان ئاماتلىك شائىر.ئۇ مەزمۇن بىلەن شەكىل،ئەنئەنىۋىيلىك بىلەن زامانىۋىيلىق، مىللىيلىق بىلەن دۇنياۋىيلىق،«يىلتىز روھى» بىلەن رېئال كىرىزىس ئېڭىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئە سەرلىرى ئارقىلىق بۈگۈنكى ئەدەبىياتشۇناسلىقىمىزدىكى مەۋجۈت ئېستېتىكىلىق پىرىنسىپلارغا يېڭىلىق ئېلىپ كەلدى.ئۇ دەۋرىمىز كىشىلىرىنىڭ يۈرەك تىۋىشىغا ماس يېڭىچە ئۇسلوپتا تەرەققى قىلدۇرغان سەربەستلىرى ئارقىلىق بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتىمىزنىڭ ژانىرلار ئۇپۇقىنى كېڭەيتتى.شېئىرىيەتتە
سىلكىنىش پەيدا قىلدى.بىزدە ئانىلارنىڭ قىرىق بىر جېنى بار،بىرىسىنى ئۆزىگە ئېلىپ قېلىپ قال غىنىنى بالىلىرىغا بېغىشلايدۇ،قىرىق بىر تۆگىنىڭ يۈكىنى بىر ئەر يەلكىسىدە كۆتىرىدۇ،دېگەن ھېك مەت ساقلانغان.شائىرنىڭ دەل مانا شۇنداق پىداكارلىققا ئىشارە قىلىنغان«قىرىق بىر يۈرەك»توپلىمى
«ئاۋازلىق ئوقيا»نىڭ مەنان،شەكلەن ۋە مەنتىقى داۋامى سۈپىتىدە ئىجات قىلىنغان.شۇڭا ئاۋالقى توپ
لامدىكى «قىرىق بىر يۈرەك»شېئىرىنىڭ :
ئالتۇن ئوقيانى سانجىپ بېغىشقا،
كۈلۈپ ياتىدۇ قىرىق بىر يۈرەك
دەپ تۈگەللىنىشى تەسەددىبى ئەمەس!
«قىرىق بىر يۈرەك»نىڭ بەدىئىي تەپەككۇر تەرەققىياتىمىزنى نامايەن قىلىشتىكى يەنە بىر گەۋدى لىك خاسىيىتى شۇكى،توپلامغا ئۆزبېكىستانلىق مەشھۇر ئۇيغۇر رەسسام،سانت-پېتربورگ رەسساملار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى(تاشكەنتتىكى ۋاقتىمدا پېقىر بۇ كىشى بىلەن نەچچە قېتىم كۆرۈشكەن) لېكىم ئىبراھىمنىڭ تامامەن يېڭى ئۇسلوپتىكى،ئاجايىپ نەپىس رەسىملىرى قىستۇرما قىلىنغان. كىتاب خانلارنىڭ رەسىملەر ھەققىدىكى پايانسىز ئوي-پىكىرلىرى توپلامدىكى بىر قىسىم شېرىلارنىڭ ئوقۇم لىشىش،مەنتىقى ئىزچىلسىزلىق ۋە شېئىرى بوشلۇق جەھەتتىكى يىتىشسىزلىكىنى تولدۇرغان.
يەنە« ئاۋازلىق ئوقيا»ۋاھىتجاننىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ90–يىللىرىدىكى يەنى27 ياش ۋاقتىدىكى ئىجادىيەتلىرى بىلەن باشلانغان.مۇشۇنداق ياشلاردا لتپۇللا مۇتەللىپ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،پوش كىن،يېسىنىن ۋە بايرونلار ئاللىقاچان شائىر بولۇپ بولغان.ئېنىقكى ۋاھىتجان بۇنىڭدىن ئاۋاللا ياش شائىر سۈپىتىدە ئەلگە تۇنۇلغان.«ئاۋازلىق ئوقيا»تاللانما توپلام ئەمەس،شۇڭا ئۇنىڭ ياشلىق دەۋرى شېئىرىلىرىنىڭ توپلامغا كىرگۈزەلمەسلىكى شائىرنىڭ ئىجادىي بىئوگراپىيەسىنى ئۆگىنىشتە كەمتۈكلۈك شەكىللەندۈرگەن.نەتىجىدە كىتاپ«باشسىز گېنىرالغا»ئوخشاپ قالغىلى تاس قالغان.
«ئاۋازلىق ئوقيا»«قىرىق بىر يۈرەك»كە بەتلەنگەن.ئىككىلا توپلام ئىسىمىنىڭ سىموۋۇللۇق مەنى سى ئىنساننىڭ كۆكسىگە ئىشارە قىلىنغان! ئانىنى،ۋەتەننى،ئانا تىلنى ۋە ئىجتىمائىي ئادالەتنى سۆ يۈشكە ئادەتلەنگەن يۈرەك كۆكرەكتە! ئۇ ئىنساننىڭ ۋىجدانى،تەپەككۇرى ۋە ئېڭىنىڭ بۇلىقى! شۇڭا بۇ ئىككى دىۋان شائىرنىڭ باش ۋە كۆكرەك ھەيكىلى بولۇشقا مۇناسىپ!
ساددا قىلىپ ئېيىتقاندا،ئالىقاندىكى تەقدىر سىزىقلىرى شېئىرى بىلەن تەقرىزنىڭ ئوبرازلىق سى خېمىسى! ئۇنىڭدا قىسمەن سىزىقلار مەلۇم پەللىلەردە تۇتىشىپ ئورتاق نوقتا ھاسىل قىلغاندىن باش قىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆز يۆلىنىشىگە ئىگە.ئەمما بىز بۇ ئاددى نۇتۇقتا ئوقۇرمەنلەر،جۈملىدىن شائىر دۇنياسىنىڭ ھازىرغىچە بايقالمىغان مەنزىللىرىدە ئۆزىنى قايتىدىن كەشىپ قىلىشى ئۈچۈن بوشلۇق يا راتتۇق.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى
2014-يىل،ماي
«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
oyszijmt0f8hj3iqskdmk93j1y3helj
176571
176568
2026-10-07T19:47:01Z
UyghurArchive
25219
176571
wikitext
text/x-wiki
'''ۋاھىتجان ئوسماننىڭ ئىككى شېئىر توپلىمى مىسالىدا'''
رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، نۇشىرۋان شەرقتە ئادىللىقى بىلەن داڭ چىقارغان پادىشاھ ئىكەن. ئۇنىڭ زامانىدا ھەمىشە مۇشائىرە يىغىلىشلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىكەن. شۇنداق مەجلىسلەرنىڭ بىرىدە شائىرلاردىن نارازى بولغان نۇشىرۋان: «بىر ئايالنىڭ كىرپىك ئوقلىرىدىن كۆكرەك لەختە-لەختە قان بولىدىغان ئىش قايسى مەنتىقىدە بار، بىر قىز ياغلىقىنى قايرىپ شۇنچىكى قاراپ قويسا، ئالەمگە ئوت كېتەرمىش تېخى!... ھەي كۆپتۈرمىچى، ئاياللارغا خۇشامەتچى شائىرلار، سىلەرنى نېمىمۇ دەپ باققاندىمەن! مېنىڭ ئادالەتلىك زامانىمدا ئۇنداق يوقنى، يالغاننى يازماي كىشىلەر ئىشەنگۈدەك راست، ھەقىقىي شېئىرلارنى يېزىڭلار» دەپ كېتىپ قاپتۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ يەنە شېئىرىي مەجلىس بولغاندا مەشھۇر شائىرلاردىن بىرى: «پادىشايى ئالەم، مانا سىزگە راست شېئىر:
تاڭ ئاتسا يۇلتۇزلار ئۆچەر ئاسماندا،
خورازلار قىچقىرار مازاندىراندا.
ھەلەبتە كەچقۇرۇن قۇياش پاتىدۇ،
كېچىسى ئادەملەر ئۇخلاپ ياتىدۇ
دەپ ئۈنلۈك نەزمە ئوقۇپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان نۇشىرۋان ئۆز خاتالىقىنى دەرھال بايقاپتۇ-دە: «راست شېئىر مانا شۇنداق تۇزسىز بولسا، ئۆزۈڭلار بىلگەن يالغاننى يېزىۋېرىڭلار شائىرلىرىم، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنىڭ ئىشىڭلارغا ئارىلاشمايمەن» دەپ جاكارلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا «شائىرلار يالغاننى توقۇيدۇ» دېگەن گەپ تارقاپتۇ. كېيىن ئۇلۇغ ئەزەربەيجان شائىرى فۇزۇلى (1498–1556) نىڭ تەزمىن سەنئىتى ۋاسىتىسىدە نۇشىرۋاننىڭ سۆزىدىن ئىلھاملىنىپ يازغان:
گەر دېسە فۇزۇلى، گۈزەللەردە ۋاپا بار،
ئالدانمىكى شائىر سۆزى ئەلبەتتە يالغاندۇر
دېگەن گۈزەل بېيىتى كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولغان ئىكەن.
ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى «يالغان» مەجازىي مەنىدە ئېيتىلغان بولۇپ، ئۇ سۆز سەنئىتىگە قارىتىلغان.
ئەگەر بىر كىشى باھارنى تەسۋىرلىمەكچى بولۇپ، «باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلدى» دەپ يازغان بولسا ئۇ ھەۋەسكار، «قار باغرىدىن چوغلۇق» دەپ تەسۋىرلىگەن بولسا شائىر بولۇشى مۇمكىن. بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنى تەكرار-تەكرار دېيىلگەن سۈپەت «لەيلى-مەجنۇن»غا ئوخشاتقان بولسا دىتسىز، «ئۇلار بىر بېيىتنىڭ ئىككى مىسراسىدەك» دەپ يازغان بولسا ئىقتىدارلىق بولىدۇ. ئوخشاشلا ئۇ شېئىرىدا بىر قىزنى «ئايدەك چىرايلىق» دەپ يازغان بولسا ھەۋەسكار، «سۇدەك ياكى يۈرەكتەك گۈزەل» دەپ سۈپەتلىگەن بولسا ھەقىقىي سۆز ئۇستىسى بولغان بولىدۇ. يەنە بىر تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئاۋۋالقىدەك كونا ئۇقۇملار بىلەن تەكرار يازغانلار «شائىرلىقنى كەسىپ دەپ بىلگەن» ۋە بىر ئۆمۈر شېئىر يازسىمۇ شائىر بولالمىغان بەختسىز «ئەدىبلەر»، كېيىنكىدەك ئادەتتىكى شەيئىلەردىن يېڭى ئىدىيە يارىتىپ داۋاملىق كۆكلەپ بېرىۋاتقانلار بولسا «شېئىرىيەتنى ھۈنەر قىلغان» تالانتلىق شائىرلاردۇر. چۈنكى شېئىرىيەت قەسىرى — سۆز ماددىي ۋە بىرىنچى لۇغەت مەنىسىدىن ئايرىلىپ، ئۇنىڭ ئىستېمالدىكى ھېسسىي، يان، يۈكلىمە، توقۇلما ۋە ئىدراكىي مەنىلىرى ئاساسىدا قايتىدىن قۇراشتۇرۇلىدىغان سەنئەت. ئۇنىڭدىكى مۇھىم مەسىلە نېمىنى يېزىشلا ئەمەس، بەلكى قانداق يېزىش؛ بىلدۈرۈش ئەمەس، ھاياجانلاندۇرۇپ تەپەككۇرنىڭ قاناتلىرىدا قايتا ئىجاد قىلىشتۇر. ئەدەبىياتتا قەدىمدىن ھازىرغىچە ھەۋەسكارلار كۆپ، ھەقىقىي تالانتلىقلار ئاز بولۇپ كەلگەن. مەقسەتكە قايتساق، تېمىمىزنىڭ باش سەۋەبكارى بولغان ۋاھىتجان ئوسمان پادىشاھ نۇشىرۋان ئېيتقاندەك ھەقىقىي «يالغانچى شائىر»، بەدىئىي سۆز ئۇستىسى شۇنداقلا تالانتلىق سەنئەتكاردۇر.
گەرچە ۋاھىتجاننىڭ «ئاۋازلىق ئوقيا» بىلەن «قىرىق بىر يۈرەك» تىن ئىبارەت ئىككى نادىر دىۋانىغا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ يېزىلغان شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن شائىرنىڭ ئىجادىيىتى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان.
مېنىڭچە «تۇرمۇش ئۆگىنىش» دېگەن بۇ قائىدىنىڭ ھەممە سەنئەتكارلارغا زۆرۈرىي شەرت بولۇشى ناتايىن. كەلپىن يېزىلىرىدىكى «چىم-چىم ئوغۇل» ۋە «يىغلاڭغۇ تاغ» ھەققىدىكى چۆچەكلەر، يازدىكى چۆپ ۋە جىگدە پۇراپ تۇرىدىغان مەھەللە، قىشتىكى مۇز چايناشلار، كۆڭۈللۈك يېزا ئويۇنى، ئايدىڭدىكى تۆكۈلۈپ تۇرغان يۇلتۇزلۇق ئاسمان، يىراقتىن ئاڭلانغان ناخشا ئاۋازى ۋە ئۆي ئالدىدىكى ئېرىق سۈيىنىڭ شوخ گۈركىرەشلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شائىرنىڭ پىسخىكىسىغا ۋە ئۆمۈرلۈك ئەستىلىكلىرىنىڭ يادروسىغا ئايلانغان. ياشلىق بوسۇغىسىغا قەدەم قويۇش بىلەن ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز يوسۇندا شائىرنىڭ يۈرىكىدە سۆيگۈ ئۇچقۇنلىرى چاقناشقا باشلىغان. سۆيگۈ بۇ دۇنيادا ئادەملەر ساقىيىشنى خالىمايدىغان بىردىنبىر كېسەللىك! ئۇنىڭ گۈلىنى ئۈزمىگەن ۋە قىستۇرمىغان كىم بار! كىملەر بىلەن دۇ كۆزلەرنىڭ ئىختىيارسىز ئۇچرىشىشلىرى، ئۇنىڭ خىيالى ۋە ئەل ئىچىدىكى گەپلەر قوشۇلۇپ ئۇنىڭغا تەشۋىش كەلتۈرگەن. نەۋائىي «ئون سەككىز ياش ھەيرەتلىرى» لىرىكىسىدا ياشلىقنىڭ بۇ پەسلىدىكى تەشۋىشلىرىنى «ئون سەككىز ياشىڭدا ئالەم پىتنىسى باشىڭدادۇر» دەپ بالاغەتلىك ئەكس ئەتتۈرگەن. دېمەك، بىر قىسىم شائىرلارغا ئوخشاش ۋاھىتجان ئوسماننىڭ تۇنجى ئىجادىيەتلىرىدىن بىرى مۇھەببەتكە بېغىشلانغان. شۇڭا شائىر «ئوت پەسلى» ناملىق لىرىكىنىڭ تۇنجى سەتىرلىرىنى: «ئون سەككىزگە كىرگەندىن باشلاپ، ئوتلارغا ئوت يېقىپ ياشىدىم» دەپ باشلىغان. كېيىنرەك يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەكتەپتىكى مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن «بىر سىنىپتا بەش يىل ئوقۇدۇق» مىسراسى بىلەن ئېچىلغان شېئىرىدىكى:
ئاسمىنىڭغا قولۇمنى سۇندۇم،
بىر شامالدا تىلەك رەت بولدى.
يېتىم قۇشقا ئايلىنىپ قالدىم،
مەن ناتىۋان ئۈچۈن سەت بولدى
دېگەن كۇبلېت پىكرىمىزنىڭ دەلىلى. كەلپىندە يېزىلغان «دەرد» ناملىق بۇ مۇھەببەت لىرىكىسىدا مەشۇق توي قىلىپ كەتكەندىن كېيىنكى ئاشىقنىڭ پەرىشانلىقى ۋە ھەيرانلىقى قەلەمگە ئېلىنغان. بىز «ئاۋازلىق ئوقيا»نى ۋاراقلاپ يۈرۈپ يۇقىرىقى كۇبلېتنىڭ مەنىۋى ۋە مەنتىقىي داۋامى بولغان يەنە بىر بەنتنى كېيىنكى بىر شېئىرىنىڭ تۈگەللەنمىسىدە ئۇچرىتىمىز. ئۇنىڭدا ئاپتور لىرىك قەھرىمان بولغان مەشۇققا: «ئەگەر سەن دوستلىرىڭنىڭ تويىنى ئويناپ بەختىيار ھالدا قايتىۋاتقىنىڭدا، يولدا ئاتام-ئانامنى ئۇچرىتىپ قالساڭ مەن ئۈچۈن مېھرىڭ بىلەن سالام قىلىپ قوي» دەپ سەمىمىي خىتاب قىلىدۇ. بىز بۇنىڭدىن ئايرىلىشنىڭ كۆز ياشلىرىنى تامدۇرۇپ، سەپەرگە كېتىۋاتقان ئېستېتىك سۇبيېكتنى تەسەۋۋۇر قىلىمىز. يەنە بىز ھەر ئىككى توپلامدا شائىرنىڭ «بۇ كوچىدىن ئۆتىدۇ بىر قىز» ۋە «كونا جاي» قاتارلىق سۆيگۈ لىرىكىلىرىنى ئۇچرىتىمىز. بۇلاردا شائىر مۇھەببەتنى خۇددى ۋىللىدە قىزىرىپ تۇرغان قىزدەك شۇنچىلىك تارتىملىق، نازۇك، مەپتۇنكار ۋە شەرمى-ھايالىق قىلىپ تەسۋىرلىگەن، يىراقتىن تۇرۇپ قىز-ئاياللار زاتىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا بولغان ئىنسانپەرۋەر سادالارنى ياڭراتقان. بۇلار تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، چۈش ياكى بالىلىق تەبىئەتتىكى ئارزۇلارنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن كېيىن شائىردىكى يوشۇرۇن ئاڭنىڭ سىرتىغا لەيلىشىدىن ھاسىل بولغان گۈزەل دۇنيا، ئەلبەتتە!
ۋاھىتجاننىڭ ياشلىق رومانتىكلىقى قىرانلىق رېئالىستلىق دەۋرىگە كەلگەندە ئۇنىڭ مۇھەببەت قارىشىدا ئۆسۈش ۋە بۆسۈش بولغان:
مۇھەببەتسىز نىشان يوق،
مۇھەببەتسىز ۋىجدان يوق،
تارتمايدىغان ئىنسان يوق،
مۇھەببەتنىڭ دەردىنى!
پارچىدىن ئايانكى، سۆيگۈ تار كۆڭۈل ئىشىدىن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە پەلسەپىۋىلىككە ئىگە قىلىنغان. شېئىردا ھاياتلىقتىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ قەلبىدىكى غايە، بۇرۇچ، كۈرەش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بولىدىغان بەدەللەرنىڭ ھەممىسى مۇھەببەت ئىبارىسى ئارقىلىق بەدىئىي ئومۇملاشتۇرۇلغان.
شائىرلار ئادەتتە بالىلىقىدىن ئۆز دۇنياسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. شائىرلىق دۇنياغا ھەيرەت كۆزى بىلەن بېقىش ۋە گۈزەل مەنىلىك گۈزەل شېئىرىي نۇتۇق ئارقىلىق باشقىلارنى ھەيران قالدۇرۇش سەنئىتى! دىنىي كىتابلاردا شېئىر ۋە شائىرغا «قان-يىرىڭ» دەپ ئىزاھ بېرىلگەن. ئەپلاتۇن «ئەركىنلىك ئىدىيەلىرىنى تارقىتىدۇ» دەپ شائىرلارغا ئۆزى قۇرماقچى بولغان غايىۋى جەمئىيەتتىن ئورۇن بەرمىگەن. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، نۇھ توپان بالاسىدىن ھەممە جانلىقلارنى قۇتقازغاننىڭ ئەتىسى لاي-پاتقاققا يالىڭاچ مىلىنىپ ياتقان بىر ئىنساننى ئۇچراتقان. ئەجەبلىنىپ سۈرۈشتە قىلسا، ئۇ تەڭرىنىڭ دۇنيادا كېيىن پەيدا بولىدىغان ئادەملەرگە نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئادىمى، يەنى شائىر ئىكەن. مۇشۇ نۇقتىدىن شامانلىق دەۋرلىرىدە شائىرلار سىرلىق جادۇگەرلەر، ئەۋلىيالار دەپ قارالغان.
ۋاھىتجاننىڭ چەكسىز تاغلىق تەبىئەتنىڭ لېۋىدىكى سۆز سېھرىگەرلىرى بولغان باخشىلار مەھەللىسىدە ئۆسكەندىكى بالىلىق ھەيرانلىقى («قىرلىق ئىستاكان» دىكى باخشىلارنى ئەسلەڭ)، تىلىنىڭ ھەمىشە باغلىنىپ تۇرۇشى، زۇۋالىسىدىكى ياراتقۇچى ئاتا قىلغان ئەزەلىي قابىلىيەت — ئالىيگاھ، يەنى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى قايناق ئەدەبىي مۇھىت ئارقىلىق چاقلىنىپ ئۇنى شائىر قىلغان. شېئىر ئەلۋەتتە ماغزاپ ھېسسىيات ئەمەس، ئۇ بىلىم، تەجرىبە، ئەقلىيلىك ۋە تۇرمۇش پەلسەپىسى ئارقىلىق ھاياتىيلىققا ئىگە بولمىقى زۆرۈر. بۇ شائىردا ئەقىدە ۋە ئىجتىمائىي ئادالەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى! ئالىيگاھتا ئۆتۈلگەن كلاسسىك ئەدەبىيات، فولكلور ۋە يېزىقچىلىق بىلىملىرى شائىرنى تېز شەكىللەندۈرگەن، ئۇنى شېئىرىيەتكە نىسبەتەن باشقىچە تونۇشقا ئىگە قىلغان. ستۇدېنتلىق يىللىرىدا شائىرنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتتىن قانچىلىك ئوزۇقلانغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىجادىيەتلىرى ئاز ئەمەس. ئالىدىغان بولساق، «نەي» شەرق پوئېزىيەسىدە «ۋەتەنگە ساداقەتنىڭ سىمۋولى» بولغان. جالالىددىن رۇمى مەشھۇر «مەسنەۋىي مەنىۋى»سىدە نەيدىكى بۇنداق «ئۆز ماكانىغا ئاشنالىق» نى نەينىڭ تىلى ئارقىلىق مۇنداق ھەسرەتلىك بېيىتلار بىلەن ئىپادىلىگەن:
تىڭلا نەيدىن، نە ھېكايەتلەر قىلۇر،
ئايرىلىشلاردىن شىكايەتلەر قىلۇر...
كىم نەيىستاندىن مېنى تا كەستىلەر،
ھەسرىتىمدىن ئەر-ئايال داد ئەتتىلەر.
يەنى «نەي» ئەسلىدە قۇمۇش ئىدى. پاتقاقلىق توقايدا ئۆسەتتى. ئۇنى كېسىپ نەي قىلدى ۋە ئوردا-سارايلارغا كەلتۈرۈشتى، مەخمەللەرگە ئوراپ، نەقىشلىك غىلاپلارغا سالدى، ئەزىز Cross-Ref لەبلەرگە باستى. بىراق ئۇ نالە قىلدى، پەريات كۆتۈردى، چۈنكى ئۇ ئۆزى ئۆسۈپ چوڭايغان توقايزارلىقنى سېغىنغانىدى. ھەشەمەتلىك سارايلارنى، تاپقان ئىززەت-ھۆرمەتنى نەزەردىن يىراق توقايغا — قۇمۇشزارلىققا تەڭ قىلمىدى. نەي كېسىلىشى، توپى ۋە ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك «يالغۇزەك» ئاتىلىپ ئەنە شۇنداق نالىلىك ۋە مۇڭلۇق كۈيلەرمىش!...
شائىر ۋاھىتجان ھەر ئىككى توپلامدا كۆڭۈل ئىزتىراپلىرى، تەنھالىق ۋە ئازاب تۇيغۇسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن «نەي» ئوبرازىغا مۇراجىئەت قىلدى. دىلغا سىغمىغان دەردلىك تۇيغۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىستىئارىۋى مەنىسىدىن تەسەللى تاپتى. بۇ جەھەتتىن ئۇنىڭدا قەدىمكى ئىبرەتلىك نەي مەجازىغا ئاھاڭداش مىسرالار بار:
مەن پادىچى يېتىمنىڭ قولىدىكى نەي،
باياۋان بورىنىنى يەپ ئۈنۈم پۈتمەيدۇ.
ئۈنلەپ تۇرغۇم بار مۇشۇ يەردىلا،
چۈنكى خۇلقۇم-مىجەزىم ھامان
باشقا يەرلەرنىڭ ئىقلىملىرىغا
ماس كەلمەيدۇ!
بۇنىڭدىن باشقا، «قۇمۇش نەيگە ئايلىنىپ قالدىم» («سىم-سىم يامغۇر» دىن)، «قۇمۇش يىغلاپ ئۇخلاپ قالسىمۇ، ئەمما پىغان تۇزار پۆپۈكتىن» («قىرمىش ئاتا» دىن) قاتارلىق مىسرالاردىن ۋاھىتجاننىڭ كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزنىڭ مەزمۇن چوڭقۇرلىقى بىلەن ئۇنىڭدىكى پەلسەپىۋى ئوبرازلارنى يېڭى شېئىرىيىتىمىزگە قانچىلىك دەرىجىدە ئىجادىي تەتبىقلىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس! مەسىلىنىڭ گەۋدىلىك تەرىپى شۇكى، ۋاھىتجان قەدىمكى ئەدەبىياتىمىزدىكى بەزى مەسىلىلەرگە تەنقىدىي يانداشقان. ئۇ ئىجادىيىتىدە كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدىكى سەرۋ، ئەرئەر، ئەرغۇۋان، بۇلبۇل، نەۋشاد ۋە فەرخار مەملىكىتى (لۇتفىي؟) دېگەندەك دوگما، ئابستراكت نەزمىي ئوبرازلارنىڭ ئورنىغا يېكەن, قىياق، يۇلغۇن، تورغاي، كاككۇك ۋە توغراق قاتارلىق ئېكولوگىيەمىزدىكى ئاددىي، ھاياتىي شەيئىلەرنى تاللىۋالغان. بۇ ئارقىلىق شېئىرىي تىلدا بىز ياشاپ تۇرغان تەبىئەت ۋە ئاددىي يېزا ھاياتىنىڭ گۈپۈلدەپ تۇرغان چىن، مىللىي پۇرىقىنى ياراتقان سەنئەتكار.
شائىرنىڭ ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن خەلق پوئېتىك ئېغىز ئىجادىدىن ئىبارەت مىللەتنىڭ ئېتنىك روھى بولغان «مىراس» تا ئىشلىشى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە قويۇق چۆچەكسىمانلىق، ئەپسانىۋى روھ ۋە ھېكمەت تۈسى بېغىشلىغان. چۈنكى «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى — مىللىي ئانا تىل، چۆچەك بولسا مىللەتنىڭ ئاۋازى» (ھېردېر) دۇر. كۆپ يىللىق فولكلورشۇناسلىق ھاياتى شائىرنى خەلق دانىشمەنلىكىنىڭ سىر-ھېكمەتلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ۋاھىتجاننىڭ شېئىرىيىتى ئۇيغۇر خەلق ئەپسانە-رىۋايەتلىرى، مەسەل-چۆچەكلىرى ۋە قوشاق-داستانلىرىدىكى تەبىئەتكە يېقىن ئىپتىدائىي ئاڭ، فانتاستىك روھ، گۈزەل ۋە ئويناق شەكىل، پاكىز ھەم ھارارەتلىك ھېسسىيات، سېھرىلىك ئوبراز ھەم موتىفلاردىن ئوزۇق ئېلىشقا باشلىغان. شۇڭلاشقا ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ خىسلەت ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى شائىر ئىجادىيىتىنىڭ بارماق ياكى ئەركىن (سەربەست) شەكلىدە، 5–6 كۇبلېتلىق ۋە 7–9 بوغۇملۇق بولۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي ئۇسلۇبىنى بەلگىلىگەن. شائىرنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنىڭ ناخشىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىمۇ بۇنداق شەكىلنىڭ مۇزىكىلىقلىقى ۋە كۈيلەشكە قولايلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭدا ئەلۋەتتە بەدىئىي پىكىرنىڭ ئۆز شەكلى بىلەن تۇغۇلىدىغانلىقىنى ئېتىبارغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە شەرق ئەدەبىياتىدا بۇنداق شېئىرىي ئۆلچەم «تۈركانە ئۇسلۇب» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر.
شۇنى قىستۇرۇش ھاجەتكى، «يېڭى شېئىرلار» ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى ئىسلاھاتچىل شېئىرىي ئىجادىيەتنىڭ شەرتلىك نامى بولۇپ، ئۇنىڭ بىزدە ھازىرغىچە ژانىر نامىنى تاپالماسلىقى ئەدەبىياتشۇناسلىقىمىزدىكى ئەپسۇسلىنارلىق ھالەت. قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر شېئىرىيىتىدە ئاللىقاچان «سەربەست» دەپ ئاتالغان بۇ ژانىر ئۆلچەمگە ۋە شەكىلگە سىغمىغان تاشقىن تۇيغۇلارنىڭ ۋەزنى بولۇپ، ۋاھىتجان خەلق قوشاقلىرى ۋە داستانچىلىقنىڭ ئەركىن ئۇسلۇبىنى گەۋدىلەندۈرگەن، شۇنداقلا ئارۇز ۋەزنى بىلەن بارماق ۋەزنىنىڭ سوقۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن بۇ يېڭى شەكىل — سەربەست ۋەزنىنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرىنى ياراتقان شائىر. قىسقىسى، شائىرنىڭ «چىن تۆمۈر باتۇر»، «شەجەرەم»، «ئۇيغۇر مەشرىپى»، «قارا يۈز» قاتارلىق ھەر خىل ۋەزنىدىكى شېئىرلىرىدا خەلق فولكلورى ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىغا خاس يەڭگىل ۋە خاسىيەتلىك ئاھاڭلار گەۋدىلەنگەن.
شۇندا خاقان — شىر يۈرەك،
ئوت يېقىپتۇ قولىغا.
مەشئەل قىلىپ كۆتۈرۈپ،
راۋان بوپتۇ يولىغا...
بۇ شائىرنىڭ «مەشئەل» شېئىرىدىكى بىر كۇبلېت بولۇپ، ئۇيغۇر بۇددىزم رىۋايەتلىرى ئاساسىدا قايتا ئىشلەنگەن مەزكۇر شېئىرىدا، ۋاھىتجان دۈشمەن تەرىپىدىن كېچىدە چوڭقۇر جىلغىغا قاپسىلىپ قالغان خاقاننىڭ قولىنى مەشئەل قىلىپ ياندۇرۇپ، قاراڭغۇ ئۆڭكۈردىن ئۆز تائىپىسىنى بىخەتەر ئېلىپ چىققان قەھرىمانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇغان.
يەنە شائىر بۇ خىلدىكى ئىجادىيىتىدە «ئۇماي»، «مەستان كەمپىر»، «نۇھنىڭ كۆپتۈرى» ۋە «قەقنۇس» قاتارلىق تەلمېھ، يەنى مەلۇم رىۋايەتلىك ۋەقەلەرگە ئىشارەت قىلىنغان ئوبرازلارنى ئىشلىتىش سەنئىتى ئارقىلىق شېئىرىنىڭ ئىچىگە شېئىر يوشۇرغان، ئېيتقان گەپكە ئېيتىلمىغان گەپنى قوشۇپ ئىپادىلەپ ئېستېتىكىلىق مەنىۋى قاتلام ياراتقان ۋە بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەردە ئۇلانما تەسەۋۋۇر قوزغىغان.
شائىرنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن بولغان «ئالتۇن شاخ» ۋە «روھ يىلتىزى» دىن ئىبارەت ئىككى داستانى ئېغىزچە ۋە يازما ئەدەبىيات ھەققىدىكى ئۆزگىچە تەسىراتىنىڭ بەدىئىي ھاسىلاتى، بۇلاردا مەركەزلىك ھالدا ۋاھىتجاننىڭ «ئۆزلۈككە قايتىش» ئېڭى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدا:
كۈن دېگىلى بولامدۇ،
ئۆتمۈشى يوق ھازىرنى
دېگەن بېيىت ئۇچرايدۇ. بۇ بىر گۈزەل شېئىر بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىبرەتلىك تارىخ پەلسەپىسىدۇر.
ئۆتمۈش كەلگۈسىگە يول ئاچىدۇ. تىلى ۋە تارىخىي مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇش نائېنىق كەلگۈسىگە قاراپ يۈزلىنىشتۇر. شائىرنىڭ ئىككى داستانى، بولۇپمۇ «روھ يىلتىزى» 2000-يىللاردا دۇنيا ئەدەبىياتىدا مودا بولغان ئەدەبىياتتا مىللىي مەدەنىيەتنى قېزىش ئارقىلىق يىلتىزنى تېپىش، مەدەنىيەت ئېڭىنى نامايەن قىلىش، مىللەتنىڭ ھاياتلىق ۋە تارىخنىڭ ئالغا سىلجىش جەريانىدىكى ئېتنىك مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە روھىنى ئېچىشقا بېغىشلانغان ئىزدىنىشلىرىنىڭ مەھسۇلى.
داستان يىراق قەدىمكى قەھرىمان ئەجدادلىرىمىزدىن بۆكۈخان قاتارلىقلارنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت يارىتىش جەريانىدىكى مىفولوگىيەلىك ھەم رېئالىستىك كەچمىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بېغىشلانغان. «روھ يىلتىزى» مەسنەۋى شەكىلدىكى كلاسسىك فورمىدا ئەمەس، بەلكى ئالماش قاپىيەلىك تۆتلىكتە يېزىلغان بولۇپ، مۇقەددىمىدىن باشقا بەش بۆلەكتىن تۈزۈلگەن.
«روھ يىلتىزى» لىرىك داستان، ئۇنىڭدىكى تەسەۋۋۇرلۇق سۇژېت كۆلەڭگىسىنىڭ ئېچىلىشى «بۆكۈخان رىۋايىتى» نىڭ باشلىنىش ۋەقەلىكى بىلەن مۇناسىپ چۈشكەن. بىزدە ئىجادىيەتنىڭ بىردىنبىر مەنبەسىنىڭ تۇرمۇش ئىكەنلىكى كۆپ تەكىتلىنىدۇ. ئەمما ۋاھىتجان چىنلىق تەسىراتلىرى ۋە رەسىم-مۇزىكىدىكى تاغ-دەريا تەسۋىرلىرىگە ئاساسەن داستاننىڭ باش قىسمىدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى ھاياتلىق ماكانلىرىدىن بولغان قاراقۇرۇم ۋە ئورخۇن بويلىرىنىڭ كەڭ تەبىئەت مەنزىرىسىنى شائىرانە كەيپىياتتا سىزىپ كۆرسەتكەن.
رىۋايەت قەھرىمانىنىڭ نۇردىن، دەرەختىن، جۈملىدىن ئاتىسىز تۇغۇلغانلىق موتىفى (ئەيسا پەيغەمبەرمۇ شۇنداق) ۋە قەدىمكى ئەجدادلارنىڭ تەبىئەت ئىلاھچىلىقى ئاساسىدىكى «ئاسمان ئاتا، يەر ئانا»، يەنى «كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق» دېگەن باشلانغۇچ دىنىي مەدەنىيەت ئېڭىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، ئىنساننىڭ مەڭگۈ قايتىلانماس بالىلىق تەبىئەتكە قايتىشتەك فانتاستىك ئارزۇسى بىلەن باشلانغان. مۇشۇنىڭغا ئاھاڭداش ھالدا «سۆز» مۇ قەدىمكى لاتىن مەدەنىيىتىدە «تۇپراقتىن يارىلىپ، تەڭرى ۋەسلىگە يېتىش» دېگەن قوشماق مەنىدە ئىستېمال قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق داستاندا رىۋايەتكە قارىغاندا، ئەجداد-قەھرىمانلارنى ۋە مىللىي سىمۋوللارنى ئۇلۇغلاشتەك دۇنياۋى ئەدەبىيات ئالاھىدىلىكى ۋە غايىۋى مەقسەت ئالغا سۈرۈلگەن:
كۆكتىن چۈشتى ئىلاھىي بىر نۇر،
دەرەخ ئەسلى قىزمىكىن لەۋەن...
پارچىدا رىۋايەتكە خاس سىرلىقلىق بىلەن ۋاھىتجان شېئىرىيىتىگە خاس ئەپسانىۋى سىقىقلىق ئەكس ئەتكەن.
رىۋايەتتىكى بۆكۈخانغا ئائىت ۋەقەلىكنىڭ تارىخىي بايانى «روھ يىلتىزى» دا لىرو-ئېپىكىلىققا ئورۇن بوشاتقان بولۇپ، ئۇ داستاندىكى پىكىر ۋە غايىنى ماكان، زامان تەرتىپى بويىچە سىلجىتىشنىڭ ئاساسى قىلىنغان. بۆكۈخاندا ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى ئورخۇن بويلىرىغىچە بولغان كۆپ ئەسىرلىك ھاياتىنىڭ تۈرلۈك ئىما-ئىشارەتلىرى يېرىم خۇراپات ۋە يېرىم ھەقىقەت سۈپىتىدە يۈكسەك بەدىئىي ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئەكس ئەتتۈرۈلسە، «روھ يىلتىزى» دا ئاشۇ ۋەقەلەر ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئېنىق باسقۇچ ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىغا ئىگە قىلىنغان، تارىخىي دەۋر ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە قايتىدىن قۇراشتۇرۇلغان.
داستاندا شائىر نۇر، دەرەخ، ئىلاھىي پەرى ۋە ئورخۇن يېزىقى قاتارلىق شېئىرىي ھېسسىياتقا نىسبەت بولالايدىغان ئوبرازلار ئارقىلىق بىر تەرەپتىن لىرىك قەھرىماننىڭ خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرسە، يەنە بىر ياقتىن شېئىرىي پىكىر ۋە ھېسسىياتنىڭ مىسرالار ئارا ئەركىنلىكى، ھەرىكەتچانلىقى، بىردەكلىكى ھەم راۋاجىنى كاپالەتلەندۈرگەن. شۇڭا داستاننىڭ ئىككىنچى قىسمىدا:
يىغىلسا گەر تارقاق يۇلتۇزلار،
تولۇن ئايدەك بولىدۇ نۇرلۇق.
بىر غولدا كۆپ بولسا يىلتىزلار،
بوران-چاپقۇن قىلالماس خورلۇق
قاتارلىق لىرىك سۇبيېكتقا خىتاب تەرزىدە قىلىنغان جۇشقۇن شېئىرىي تەلقىنلەر ئارقىلىق، بۆكۈخاننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئۇرۇق ۋە قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇلغايتقاندىكى قەھرىمانلىق داستانىغا خاس تارىخىي چىنلىقنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن.
بىز داستاننىڭ 3- ۋە 4-قىسىملىرى ئارقىلىق ۋاھىتجاننىڭ بەدىئىي ئىستېداتىغا قايىل بولماي قالمايمىز. ئۇنىڭدا شائىر مەلۇم رىۋايەتلىك خېمىرتۇرۇچ ئارقىلىق ئەجداد روھىنى قايتا نامايەن قىلىدىغان تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئىشقا سالغان. بۇنىڭ بىلەن كىتابخانلاردا ئورخۇن ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىجاد قىلىپ، تاش ئابىدىلەردە مەدەنىيەت يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ سەھىپە رىۋايەتنىڭ تەبىئىي مەنتىقىي راۋاجىدەك تەسىرات قالدۇرغان. بىر مۇتەپەككۇر ئېيتقاندەك: «تىل-يېزىق بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئادەم بىلەن ياراتقۇچىنىڭ ۋە زېمىننىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش. مەلۇم بىر تىل-يېزىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن ھەم مىللىي تۇپرىقىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن، مەۋجۇتلۇق ئاساسىنى يوقىتىدۇ». شائىر داستاننىڭ مەزكۇر سەھىپىلىرىدە ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ياراتقۇچىلار بولغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھىي كەچمىشلىرىنى چوڭقۇر قېزىش ئارقىلىق كىتابخانلار بىلەن كۈنىمىز ۋە كەلگۈسىمىز ھەققىدىكى چوڭقۇر تەشۋىشلىرىنى ئورتاقلىشىدۇ. بۇ ھەقتە:
تىل-يېزىقتۇر روھتىكى ۋەتەن!...
قاتارلىق ئەقلىي، پەلسەپىۋى سەتەرلەر دىققەتكە سازاۋەر.
شائىر داستاننىڭ خاتىمىسىدە تارىخىي چىنلىق پىرىنسىپى بويىچە دانىشمەن تۇنيۇقۇق، بىلگە قاغان ۋە باتۇر كۆلتېگىنلارنى بۆكۈخاننىڭ ئەۋلادلىرى قىلىپ كۆرسىتىپ، ئېستېتىك قايتا ئىجاد ئېلىپ بارغان. «بۆكۈخان رىۋايىتى» دە ئېستېتىك ئوبيېكت بىلەن ئېستېتىك سۇبيېكتنىڭ مۇساپىسى بەكمۇ يىراق بولغانلىقتىن رىۋايەت كىشىدە غۇۋا تەسىرات قالدۇرسا، داستاندا بۇنداق كەمتۈكلۈكلەر مۇۋاپىق بەدىئىي توقۇلمىلار ئارقىلىق يارقىنلاشتۇرۇلغان.
رىۋايەتكە قارىغاندا داستان دىنىي سىمفونىيەلەرنىڭ چۈشۈرگىسىدەك «كۆچ-كۆچ» سەرسانلىقى ئارقىلىق مۇڭلۇق كەيپىياتتا ئاخىرلاشتۇرۇلغان. بۇ يەردە يىللاپ چۆل-داۋان ئېشىپ شالاڭلاپ كېلىۋاتقان ئۇزاق سەپ ئۇپۇقتىكى سۈرەتلەردەك كۆز ئالدىمىزدا خىرە-شىرە نامايەن بولىدۇ. مۇھىمى، رىۋايەتتىن داستانغا كۆچكەن تارىخىي چىنلىق بىلەن ئاپتورنىڭ ھېسسىيات چىنلىقىنىڭ بىرلىكىنى ئەل-ئۇلۇسنىڭ تارىخىي سەرگۈزەشتىسىدىكى پاجىئە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش — مانا بۇ ئاپتور ئەسەردە يەتمەكچى بولغان تىراگېدىيەلىك يۈكسەكلىك! شائىرنىڭ داستاننى:
يىلتىزى بار تۆكۈلگەن ياشنىڭ،
يىلتىزى بار يۈرەكتە داغنىڭ
دەپ بۇنداق ئېستېتىك ئازاب ئېڭى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمۇ تارىخىي ئۆزلۈكىمىزنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە روھىي جەھەتتىكى زەئىپلىكلىرى، يىمىرىلىش كۈچى، ئۆزلۈكىمىزدىن ياتلىشىش ۋە ئۆزگەرگەن خاراكتېرىمىزنىڭ پاجىئەلىرى ئۈستىدە بىزنى ئويلاندۇرۇش! قىسقىسى، ۋاھىتجاننىڭ كۆرسىتىلگەن ۋەكىللىك ئەسەرلىرى قەدىمكى دانىشمەنلەر ئېيتقاندەك «ئىلىمنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىلىمى» گە بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇ بىزنى كىملىكىمىز ۋە كىم ئەمەسلىكىمىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ.
بۇلاردىن باشقا، ئىلمىي جامائەتچىلىك ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي ۋە پەلسەپىۋى تېمىلار ھەققىدىكى شېئىرلىرىدا شائىرنىڭ لىرىك قەھرىمانى ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلغۇچى پەيلاسوپ سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. بۇنداق لىرىكىلاردا ۋاھىتجان ھايات چىنلىقىنى ئەقىل كۆزى بىلەن كۆزىتىپ، شېئىرىي تومۇرنى ھېسسىيلىق بىلەن ئەقلىيلىكنىڭ دىئالېكتىكىسى ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرغان. بۇ خىل تىزمىلار ماھارەت جەھەتتىن مەنىلىك ۋە گۈزەل سۆز-مىسرالارنى پۈتۈن شېئىر داۋامىدا ئىجادىي قايتىلاش (مەسىلەن: يىلتىز، يامغۇردا سۆيۈشۈش)، قۇرۇلمىدىكى ئىخچاملىق، قاپىيە ۋە كۇبلېتلاردا شەكىلداش ھەتتا مەناداش سۆزلەرنى تەكرار ئىشلەتمەسلىكتەك شەكلەن گۈزەللىك، مەنىۋى لوڭقىلىق ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ.
ئەلۋەتتە شائىر دەرد-ئىزتىراپلارنى يارىتىدۇ ۋە بۇلار شائىرغا خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ ئۇنۋان ئەمەس، تولغاق تۇتقان ئانىدەك تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئازابلاردىن زوقلانغۇچى. ۋاھىتجاننىڭ دىۋانىدىكى شائىرلىق ھەققىدىكى تۈركۈم لىرىكىلار مۇئەللىپنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق سۇبيېكتىپلىقى رېئال بېسىمغا ياكى توسالغۇغا ئۇچراپ، روھىي جەھەتتىن ئەركىنلەشكەنلىكنىڭ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە پىسەنت قىلمىغانلىقنىڭ مەھسۇلى.
شۇنىڭغا ئۇرغۇ بېرىش كېرەككى، شېئىرىيەت نوقۇل سۆز سەنئىتىلا ئەمەس، بەلكى قىسقا، پىغانلىق ۋە گۈزەل ئاۋازلىق كاككۇكتەك قايغۇ-مۇھەببەتنى ئادەملەرنىڭ كۆز ئالدىدا جانلاندۇرۇش سەنئىتى! ئېيتىلىشىچە، ھەقىقىي شائىرلارنىڭ ئىچىدە بىر قۇش توختاۋسىز ئۈنلەپ تۇرغىدەك. ئۇ ئەركىن قۇشقا ئايلىنىش ئۈچۈن شائىرنىڭ كۆكرەك قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ، قان تامچىلىتىپ شائىرنى قىيناپ ھوشسىزلاندۇرارمىش! ئەمما شائىر بۇنداق شېرىن ئازابنىڭ ئاشناسى بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئەرك بەرگىلى ئۇنىماسمىش؛ قۇش ئۆمۈرلۈك ئېلىشىشتا ئاخىر شائىرنى داغدا قالدۇرۇپ، كۆككە ئۇچۇپ كېتەرمىش! دېمەك، شائىرلىقتا تالانتقا قوشۇلغان ئەنە شۇنداق توختاۋسىز جىسمانىي-روھىي «تامچىلاش ۋە ھوشسىزلىنىش» لا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنداق، شائىرلىق ئەل دەردىگە دەرمان بولۇش سەنئىتى. شائىر ھەممە زاماندىكى مۇپتىلالىق ۋە قىسمەت! ئۇنداق بولمىغاندا نەۋائىيدەك شۇنچە بۈيۈك زات قەلەندەردىن شېئىر تىلەپ يۈرمىگەن بولاتتى. شائىر يارالدى دېمەك، ئەقىدە ۋە سەۋدالىق يارالدى دېمەكتۇر. ئەمما ۋاھىتجان توپلامدا شائىرلار ھەققىدىكى كونا رىۋايەتنىڭ يېڭىچە تەلقىنىنى بەرگەن:
— شائىردىن ئايالى ئەنسىرەرمىش.
— نېمىشقا؟
— شائىر كۈندە نەچچە قانسىرارمىش!
شائىرلىق تېمىسىدىكى لىرىكىلاردا («ئوت كېتىدۇ ماڭا بىر كۈنى» قاتارلىقلاردا) ۋاھىتجان غايىۋى ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن خەنجەر، يۇلتۇز، كېچە، ئانا، يۈرەك، يىغلاش، ھەسرەت-نادامەت، ئوت، بىھوشلۇق ۋە ۋاقىت قاتارلىق شېئىرىي ئوبرازلارغا ئۇرغۇ بېرىش ئارقىلىق، ئاساسىي ئىدىيە بىلەن ھېسسىياتنى مەركەزلەشتۈرگەن؛ بۇلارنىڭ ۋاسىتىسىدە يېپ-يېڭى ئوبرازلىق ئىپادە ۋە چاقناق پوئېتىك مەنزىرە يارىتىپ، كىتابخانلاردا «مەن» نىڭ «ئىچىدىن تۈتەپ تۇرغان» تۇيغۇلار ئالىمى ھەققىدە تەسەۋۋۇر قوزغىغان. ئۆز نۆۋىتىدە شائىرنىڭ لىرىك سۇبيېكتى بۇلارغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق مىللىيلىك، ئومۇمەن ئىنسانىيەت ئالدىدىكى بۇرۇچ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئىزھار قىلغان. شائىرلىق نېئمىتى ۋە ئىجادىيەتنىڭ قىسمىتى ھەققىدىكى ئۆزگىچە مۇلاھىزىلىرىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەدىئىي زوقىغا سۇنغان.
ئاز ساندىكى سەنئەتكارلارلا ھەر قېتىملىق ئىجادىيىتىدە سۈپەت ئۆزگىرىشى ياساپ، ئەۋۋەلقىسىدىن ۋە ئۆزىدىن ھالقىپ تۇرۇشى مۇمكىن. چۈنكى شېئىر ياشلىق سەنئىتى، ئۇنىڭ ئوت كۈچى ۋە شىددىتى يۈرەك ھارارىتىنى مەنبە قىلغان. مۇشۇ نۇقتىدىن «قىرىق بىر يۈرەك» نى مەنىۋى پاساھەت، بەدىئىي بالاغەت ۋە ھېسسىي ھارارەت جەھەتتىن ۋاھىتجان شېئىرىيىتىنىڭ بەدىئىي پەللىسى دېيىشكە بولىدۇ. توپلامدا ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي تېمىدىكى ئەسەرلەر بىر قۇچاق! بۇلاردىن غايىۋى تېماتىك مەزمۇننىڭ چوڭقۇرلىقى، تەسەۋۋۇر بوشلۇقىنىڭ يۈكسەكلىكى، پايانسىزلىقى؛ ياراتقان شېئىرىي ئوبرازلىرىنىڭ بىتەكرارلىقى؛ ژانىرلىق ئالاھىدىلىكىنىڭ ئىجادىي ۋە ئويناقلىقى شۇنداقلا شېئىرىي ھېسسىياتنىڭ چىنلىقى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان يالقۇنلۇق بىر لىرىكا بار. ئۇنى يالغۇز ۋاھىتجان شېئىرىيىتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانا تېمىسى بويىچە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى مەنىۋى پەللە دېيىش مۇمكىن:
ئاتا سېنى ئوتتىن سورىسام،
ئوت لالىدەك قىزىرىپ تۇرۇپ:
ماڭا ئوخشاش كۈيەتتى، دېدى.
شائىرنىڭ «ئاتامنىڭ شەجەرىسى» شېئىرى ئەنە شۇنداق ئېچىلغان. كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدىكى «مۇسەللەس» نىڭ مەنىسى «ئۈچلۈك»، ئەكسىچە ۋاھىتجاننىڭ ئۈچلۈكى مۇسەللەس ئەمەس. «ئۈچ» بىزدە ئۇلۇغ سان، ئاتا-ئانىمۇ ئوخشاشلا ئۇلۇغ، چۈنكى ئۇلار دۇنيا ياراتقۇچىلار!
پېقىر شائىرنىڭ ئاتىسى ئوسمان ئاكىنى ياخشى تونۇيتتىم. بىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدا ۋاھىتجان ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىكەن. مېنىڭ مەكتەپتىكى ھاياتىم جۇشقۇن ۋە شائىرانە ئۆتكەن. ئۇ كىشى ئىلىم ئەھلىنىڭ دوستى ۋە تەشۋىقاتچىسى ئىدى! 2000-يىللارنىڭ ياز ئايلىرى، خىزمەت ئىشى بىلەن كەلپىنگە باردىم. بىر كۈنى ناھىيە بازىرىدا ئوسمان ئاكا توساتتىن كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى-دە، ۋېلىسىپىتتىن قۇشتەك ئېتىلىپ چۈشۈپ مېنى ئاتايىن يېزىدىكى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى. دوپپىسىدىكى بادام گۈلى بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرغاندىكى بۇرۇتلۇق بۇغداي ئۆڭ، قىزىل يۈزى روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ، ئۇ ئادەمگە ئەرلىك جاسارەت ۋە ياشلىق نازاكەت بېغىشلاپ تۇراتتى. «ۋاھىتجان ئۈرۈمچىدىن كەلگەنمۇ؟» دەپ سورىدىم، كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئىنسان پەرزەنتى ھامان كەم ئەقىل-دە! كۆز ئالدىڭدىكى ۋە ئالىقىنىڭدىكى پۇرسەتنىڭ خاسىيىتىنى چۈشەنمەسلىك ئادەم تەپەككۇرىنىڭ تۇغما چەكلىمىلىكى. تاغنى ھەقىقىي بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ھامان يىراقلىشىش كېرەككەن!
مەن ئوسمان ئاكىنى ئايىغان ياكى قورۇنغان بولۇشۇم مۇمكىن، يالغاندىن ئىش ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىمنى، رەھمىتىمنى ئېيتتىم. ئەمەلىيەتتە تەنھالىق خاھىشىم ئىدى. بىزگە يەنە بىرنەچچە بۇرادەرلەر كېلىپ قوشۇلدى، سالاملاشتۇق! بىرئازدىن كېيىن ئەتراپقا قارىسام ئوسمان ئاكا يوق! «ئاتامنىڭ شەجەرىسى» نى ئوقۇپ ئەسلەپ قالدىمكى، شائىرنىڭ ئاتىسى ئۇنداق مەن يالغان سۆزلەيدىغان ئادەم ئەمەسكەن، بەلكى مەنىۋىيىتى سۇ، زېمىن ۋە قەلبكە سىغماس روھىيەت ئىكەن!
ئاتا سېنى سۇدىن سورىسام،
سۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ:
ماڭا ئوخشاش كۈلەتتى، دېدى.
شۇنداق، بۇ يەردە شائىر ھاياتلىقنىڭ ئاساسى بولغان سۇغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق شەخسىي مۇرەببىيسىنى ئەمەس، بەلكى ھەممىمىزنىڭ غەمگۈزار ئاتا-ئانىسىنى، ئەجدادىنى، ۋىجدانىنى، ئىمانىنى، پىغانلىق پۇشايمانلىرىنى يازغان! دۇنيادا «بالام» دەپ چاقىرىدىغان يېقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ، يېتىملىك دەردىنى تارتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ياشلىق كۆزى بىلەن تەبەسسۇم قىلغان! قەلەم كۈچى بىلەن دەريانى قەترە، سەدەپنى گۆھەر تەرەپكە ئاققۇزغان!
شائىر لىرىكىدا بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ھېچكىم ياراتمىغان يېپ-يېڭى بەدىئىي مۇھىت ياراتقان. ھەتتا مېتافىزىكىغا خاس ئىدراك بىلەن بىر-بىرىدىن يىراق، ھەتتا زىت ئۇقۇم ۋە شەيئىلەرنى مىسرا قاتلىرىغا جۇغلاپ، تەسەۋۋۇرنىڭ كۆزى بىلەن ئۇلار ئارىسىدىن جىلۋىلىك باغلىنىش ۋە غەيرىي تەبىئىي ئوخشاشلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ئارقىلىق ئۈچلۈكتە «ئاتا» دىن ئىبارەت ئىندىۋىدۇئال ئومۇمىيلىقنىڭ مەلۇم پەيتتىكى ئىش-ھەرىكىتى، كەچمىشى، ئىجتىمائىي-ئەخلاقىي روھىنى ئوت، كۆك، تاغ، گۈل قاتارلىق پوئېتىك ئوبرازلارنىڭ خاسىيىتى بىلەن قىياسلاپ ۋە مەنتىقىي ئاساسلاپ، ئۇنىڭدىن پەلسەپىۋى ھاياتىي پىكىر كەلتۈرۈپ چىقارغان:
ئاتا سېنى قۇشتىن سورىسام،
قۇش ھەسرەتتە تولغىنىپ تۇرۇپ:
ئۇ دەرەختەك تۇراتتى، دېدى.
بەدىئىي سۆز ئۇستىسى كۇبلېتتا كۆكىرىپ تۇرغان دەرەخ قۇش ئۇۋىسىنى ئۆز بېشىدا كۆتۈرۈپ ئۇلارغا باشپاناھ بولغان بولسا، ئاتا ئۆز ساخاۋىتى ئارقىلىق «مېنىڭ جەننىتىم ئىدى» دېگەن پىكىرنى ئەنە شۇنداق ئىستىئارىۋى ئىپادىلىگەن.
بىر پارچە ئەسەر مەزمۇن، شەكىل ۋە بەدىئىيلىكتىن تەركىب تاپىدۇ. بەدىئىيلىكنى بولسا بەدىئىيات يارىتىدۇ. ئاۋۋالقى ئىككى ئامىلنىڭ تەبىئىي بىرلىكىگە سۆز سەنئىتى قوشۇلسا، بۇنداق ئەسەر زىننەتلەنگەن قەسىرگە ئايلىنىدۇ. «ئاتامنىڭ شەجەرىسى» كۆپ تەرەپلىمە ئىجادىيلىقنىڭ ھاسىلاتى! ئۇنىڭدا جانلاندۇرۇش قوللىنىلىپ لىرىك قەھرىماننىڭ پەزىلىتى شەيئىنىڭ ھالىتى ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەچكە، شېئىرىي تىل چۆچەكسىمانلىققا ئىگە بولغان. شېئىرىدا شائىر ئەقىلگە، تەسەۋۋۇرغا ۋە ئادەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئەھۋالنىڭ مۇبالىغىلىك تەسۋىرىنى ياراتقاندا، ئوقۇرمەنلەرنى ئۇنىڭغا ئىشەندۈرۈشنى ئەمەس، بەلكى شۇ خىل ھالەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ھەققىدە ئويلاندۇرۇپ، تەسۋىر ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ شۇ قەدەر گۈزەللىكىدىن ئېستېتىك زوقلاندۇرغان. چۈنكى ئېستېتىك تەسىرات — نەپەستىن كۆڭۈلگە، كۆڭۈلدىن روھقا، روھتىن سىرغا، سىردىن مەنا-ماھىيەتكە ئۆتىدىغان نۇراپشان جەريان!
يەنە ۋاھىتجان «ئاتامنىڭ شەجەرىسى» دىن ئىبارەت بۇ «خاسىيەتلىك قۇتا» غا ئىنشا سەنئىتىنىڭ تىلەك، خىتاب ۋە سوراق قاتارلىق شەكىللىرىنى قاچىلىغان. بۇ ئارقىلىق «مەن» گە ۋەكىللىك قىلغۇچى لىرىك قەھرىماننىڭ ئىچكى ئالىمى، قەلبىدە مەۋج ئۇرۇۋاتقان ئاتەشلىك تۇيغۇلىرى ۋە گۈزەل ئارزۇلىرى ھەققىدە يەر-كۆككە مۇراجىئەت قىلىپ، رېتورىك سوئال ۋاسىتىسىدە دىلىنى ئۆرتەۋاتقان ھېس-ھاياجىنىنى ھەم ئاتىغا بولغان قەلب ھەيرانلىقىنى نامايەن قىلغان:
ئاتا سېنى يەردىن سورىسام،
يەر ئاسمانغا تىكىلىپ تۇرۇپ:
بىزگە كۆكلەم چاچاتتى، دېدى.
شائىر ئاتىلارنىڭ دۇنياغا نېئمەت، پاراغەت ۋە بەرىكەت ياغدۇرغۇچى ساخاۋەتچى ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ باھاردىن باشلانغان مېھنىتى ئارقىلىق ئەنە شۇنداق ئېسىمىزگە سالىدۇ. يەنە شېئىرىدا شېئىرىي پىكىر بىلەن ھېسسىيات ھەممە كۇبلېتلاردا ئوخشاشلا چوڭقۇر بىرلىك ۋە ھارارەت ھاسىل قىلغان، بۇ خىل كەيپىيات ئۈچلۈكنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەنكى، سۇسلاشمىغان. ۋاھىتجان «ئاتامنىڭ شەجەرىسى» ئارقىلىق كلاسسىك شەرق شېئىرىيىتىدە «سوئال-جاۋاب»، «دىئالوگ» دەپ ئاتالغان ژانىر ياكى ئۇسلۇبنىڭ زامانىۋىلاشقان يېڭى ۋارىيانتىنى ئىجاد قىلغان.
قىسقىسى، ئىجادكار شېئىرىدىكى تىل ۋە ئوبرازلارنى نەپىسى، قېنى ۋە يۈرىكى بار «تىرىك جان» دەپ بىلگەن، شۇڭا ئۇلار بىلەن ئەركىن دىئالوگلاشقان. مەنزىرە بىلەن مەنانىڭ مەنتىقىي بىرلىكىدىن ھاسىل بولغان ئىدىيەنىڭ پىنھان قاتلاملىرىدىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كىتابخانلارغا شېئىرىي تەپەككۇرنىڭ نازۇك ۋە يوشۇرۇن تەرەپلىرىنى يەتكۈزۈشكە تىرىشقان. شېئىرىدىكى ھەر بىر كۇبلېت لىرىك قەھرىماننىڭ ھاياتى ۋە خاراكتېرىدىكى گەۋدىلىك پەزىلەت، كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھېسسىيات ۋە ھاياجان جەھەتتىكى يېڭى ئۆركىشىنى ياسىغان. نەتىجىدە قەلبىدە مەڭگۈ كۆكىرىپ تۇرىدىغان «ئاتا دەرىخى» نىڭ ھاياتىيلىقى ۋە چىنلىقى ئاشقان. تەبىئەتكە كەڭ قۇچاق ئېچىپ قىلغان خىتاب، جۈملىدىن ئۆزى بىلەن سۆزلىشىش شەكلى ئارقىلىق كۇبلېتلار ئارا سەكرەتمىلىك ياساپ بىر تەرەپتىن شېئىرىي قۇرۇلمىنى پىرىسلىسا، يەنە بىر ياقتىن تەپەككۇر بوشلۇقىنىڭ كېڭىيىشىنى تەمىن ئەتكەن. ئۈچلۈكتىكى ھەممە-ھەممە نەرسە ئاتا فەخرىيەسى ئارقىلىق يۈكسەك ئىنسانىي غايىلەرنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.
خۇلاسە قىلغاندا، شېئىر مىللەت روھى ۋە ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ مەھسۇلى. ئىككىنچى ۋەتەن — ئانا تىل تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى چوققىسى! بۇلارغا سەل قاراش كەلگۈسىنى ئىنكار قىلغانلىق. شۇڭا داغىستانلىقلاردا يامان روھ ۋە دۈشمەنلەرنى: «بالىلىرىڭ بىلەن ئۆز ئانا تىلىڭدا سۆزلىشەلمەيدىغان جىنلارغا ئايلىنىپ كەتكەيسەن» دەپ قاغاش ئادىتى ساقلانغان! بۈگۈنكىدەك ئەدەبىياتتىن زوقلىنىشنىڭ يوللىرى كېڭەيگەن، ماددىي راھەتپەرەسلىككە چوقۇنۇش ئەۋج ئالغان، يەنە كېلىپ كىشىلەرنىڭ رېئاللىق تۇيغۇسى كۈچىيىۋاتقان زاماندا ياخشى شائىر بولماق تەس، ھەممە ئادەمدىن شېئىر ئوقۇشنى تەلەپ قىلىش بىر خام خىيال. پەقەت سېنىڭ توپلىمىڭنى يۈرىكىدە ئوتى بار كىشىلەر يېنىدىن ئايرىماي ئوقۇسا ياكى رومانتىك مۇھەببەت تورىغا چۈشۈپ قالغان قىز ئۇنىڭدىن پارچە ئېلىپ سۆيگۈ مەكتۇبى قىلىپ يوللىسا، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە، بەختلىك شائىرسەن!
ۋاھىتجان ئوسمان يېقىندىن بېرى شېئىرلىرى گويا يۇقۇملۇق زۇكامدەك ئۈندىداردا ئەڭ كۆپ تارقالغان ئامەتلىك شائىر. ئۇ مەزمۇن بىلەن شەكىل، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق، مىللىيلىك بىلەن دۇنياۋىلىق، «يىلتىز روھى» بىلەن رېئال كىرىزىس ئېڭىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئەسەرلىرى ئارقىلىق بۈگۈنكى ئەدەبىياتشۇناسلىقىمىزدىكى مەۋجۇت ئېستېتىكىلىق پرىنسىپلارغا يېڭىلىق ئېلىپ كەلدى. ئۇ دەۋرىمىز كىشىلىرىنىڭ يۈرەك تىۋىشىغا ماس يېڭىچە ئۇسلۇبتا تەرەققىي قىلدۇرغان سەربەستلىرى ئارقىلىق بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتىمىزنىڭ ژانىرلار ئۇپۇقىنى كېڭەيتتى. شېئىرىيەتتە سىلكىنىش پەيدا قىلدى. بىزدە ئانىلارنىڭ قىرىق بىر جېنى بار، بىرىسىنى ئۆزىگە ئېلىپ قېلىپ، قالغىنىنى بالىلىرىغا بېغىشلايدۇ؛ قىرىق بىر تۆگىنىڭ يۈكىنى بىر ئەر يەلكىسىدە كۆتۈرىدۇ، دېگەن ھېكمەت ساقلانغان. شائىرنىڭ دەل مانا شۇنداق پىداكارلىققا ئىشارەت قىلىنغان «قىرىق بىر يۈرەك» توپلىمى «ئاۋازلىق ئوقيا» نىڭ مەنىۋى، شەكلەن ۋە مەنتىقىي داۋامى سۈپىتىدە ئىجاد قىلىنغان. شۇڭا ئاۋۋالقى توپلامدىكى «قىرىق بىر يۈرەك» شېئىرىنىڭ:
ئالتۇن ئوقيانى سانجىپ بېغىشقا،
كۈلۈپ ياتىدۇ قىرىق بىر يۈرەك
دەپ تۈگەللىنىشى تەبىئىي بىر ھال!
«قىرىق بىر يۈرەك» نىڭ بەدىئىي تەپەككۇر تەرەققىياتىمىزنى نامايەن قىلىشتىكى يەنە بىر گەۋدىلىك خاسىيىتى شۇكى، توپلامغا ئۆزبېكىستانلىق مەشھۇر ئۇيغۇر رەسسام، سانكت-پېتېربۇرگ رەسساملار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى (تاشكەنتتىكى ۋاقتىمدا پېقىر بۇ كىشى بىلەن نەچچە قېتىم كۆرۈشكەن) لېكىم ئىبراھىمنىڭ تامامەن يېڭى ئۇسلۇبتىكى، ئاجايىپ نەپىس رەسىملىرى قىستۇرما قىلىنغان. كىتابخانلارنىڭ رەسىملەر ھەققىدىكى پايانسىز ئوي-پىكىرلىرى توپلامدىكى بىر قىسىم شېئىرلارنىڭ ئۇقۇملىشىش، مەنتىقىي ئىزچىلسىزلىق ۋە شېئىرىي بوشلۇق جەھەتتىكى يېتىشسىزلىكىنى تولدۇرغان.
يەنە «ئاۋازلىق ئوقيا» ۋاھىتجاننىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى، يەنى 27 ياش ۋاقتىدىكى ئىجادىيەتلىرى بىلەن باشلانغان. مۇشۇنداق ياشلاردا لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، پۇشكېن، يېسېنىن ۋە بايرونلار ئاللىقاچان شائىر بولۇپ بولغان. ئېنىقكى، ۋاھىتجان بۇنىڭدىن ئاۋۋاللا ياش شائىر سۈپىتىدە ئەلگە تونۇلغان. «ئاۋازلىق ئوقيا» تاللانما توپلام ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭ ياشلىق دەۋرى شېئىرلىرىنىڭ توپلامغا كىرگۈزۈلمەسلىكى شائىرنىڭ ئىجادىي بىئوگرافىيەسىنى ئۆگىنىشتە كەمتۈكلۈك شەكىللەندۈرگەن. نەتىجىدە كىتاب «باشسىز گېنېرالغا» ئوخشاپ قالغىلى تاس قالغان.
«ئاۋازلىق ئوقيا» «قىرىق بىر يۈرەك» كۆزىتىلگەندە، ئىككىلا توپلام ئىسمىنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى ئىنساننىڭ كۆكسىگە ئىشارەت قىلىنغان! ئانىنى، ۋەتەننى، ئانا تىلنى ۋە ئىجتىمائىي ئادالەتنى سۆيۈشكە ئادەتلەنگەن يۈرەك كۆكرەكتە! ئۇ ئىنساننىڭ ۋىجدانى، تەپەككۇرى ۋە ئېڭىنىڭ بۇلىقى! شۇڭا بۇ ئىككى دىۋان شائىرنىڭ باش ۋە كۆكرەك ھەيكىلى بولۇشقا مۇناسىپ!
ساددا قىلىپ ئېيتقاندا، ئالىقاندىكى تەقدىر سىزىقلىرى شېئىر بىلەن تەقرىزنىڭ ئوبرازلىق سىزىلمىسى! ئۇنىڭدا قىسمەن سىزىقلار مەلۇم پەللىلەردە تۇتىشىپ ئورتاق نۇقتا ھاسىل قىلغاندىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆز يۆنىلىشىگە ئىگە. ئەمما بىز بۇ ئاددىي نۇتۇقتا ئوقۇرمەنلەر، جۈملىدىن شائىر دۇنياسىنىڭ ھازىرغىچە بايقالمىغان مەنزىللىرىدە ئۆزىنى قايتىدىن كەشپ قىلىشى ئۈچۈن بوشلۇق ياراتتۇق.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى
2014-يىل، ماي
(«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان)
rx57cb3z2duv9ermui35tk367bfqwka
«تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ كەچۈرمىشلىرى
0
24739
176569
2026-10-07T19:37:29Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''يولۋاس مۇھەممەتئىمىن''' ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن ھەر قايسى تارىخىي زامانلاردا يارىتىلغان قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى يوقىلىپ كەتتى، تالان-تاراجقا ئۇچرىدى، ئېچىنىشلىق ھالدا ۋەيران قىلىۋېتىلدى. نەتىجىدە...'
176569
wikitext
text/x-wiki
'''يولۋاس مۇھەممەتئىمىن'''
ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن ھەر قايسى تارىخىي زامانلاردا يارىتىلغان قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى يوقىلىپ كەتتى، تالان-تاراجقا ئۇچرىدى، ئېچىنىشلىق ھالدا ۋەيران قىلىۋېتىلدى. نەتىجىدە تارىخ ۋە مەدەنىيىتىمىزنى تەتقىق قىلىشتا زور دەرىجىدە ئۈزۈكچىلىك پەيدا بولۇپ، تارىخ كەچمىشلىرىنىڭ يارقىن سىيمالىرى تۇتۇقلىشىپ كەتتى. باشقىلار ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ياراتقان مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ، ئۆزلىرىنى ئىنسانىيەت مەدەنىيەتلىرىنىڭ سەرخىللىرى ھېسابلىشىپ، مەيدىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن خېلى ئۇزاق زامانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى باشقىلار نېمە دېسە شۇ بولۇپ، دۇنيانىڭ نەزىرىدىن يىراقتا قېلىۋەردى. پەقەت تارىخ چاقى چۆرگىلەپ XVIII ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشلىرىگە تەۋە قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلار ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ مەزگىللەردە ئەڭ مۇكەممەل يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن بولغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت ئىككى شاھانە ئەسەرنىڭ تېپىلىشى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىدىكى قارا تۇمانلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى. قىسقىسى، بۇ ئىككى قامۇسنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى خەلقئاراغا تونۇتۇشتا، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.
تۆۋەندە قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئىككى پارچە نامايەندە خاراكتېرلىك شاھانە مىراس — «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت ئۇلۇغ يازما يادىكارلىقلىرىمىزنىڭ يوقىلىپ كەتكەن ۋاقتىدىن تاكى قولىمىزغا قايتىپ كەلگۈچە بولغان توققۇز ئەسىردىن كۆپرەك جەرياندىكى ساقلىنىش، كۆچۈرۈلۈش، تەتقىق قىلىنىش قاتارلىق ئەگرى-توقاي سەرگۈزەشتىلىرى توغرىسىدا كىتابخانلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتىمىز.
ئېنسىكلوپېدىيەلىك ئەسەر: «تۈركىي تىللار دىۋانى»
ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن قەشقەرى XI ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ يازلىق پايتەختى قەشقەردە دۇنياغا كۆز ئاچقان. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خاقانلىرىدىن ئىدى. ئۇ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 11-ئەۋلادى ھېسابلىنىدۇ. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بالىلىق چاغلىرى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى زەئىپلىشىپ، ئوردىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تالىشىش زىددىيەتلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئەللەر بىلەن بولغان نىزالار ئەۋجىگە چىققان مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇھىتقا توغرا كەلگەنىدى. بۇ خىل مۇھىت مەھمۇد قەشقەرىنىڭ گۆدەك قەلبىدە چوڭقۇر جاراھەتلەرنى قالدۇرغان بولسا، ئۇنىڭ خاراكتېرى جەھەتتىن قەيسەر، تىرىشچان، ئىرادىلىك بولۇپ چىقىشى ئۈچۈنمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى. ئۇ قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ئالدىدىكى قاراڭغۇ مەزگىلىدە، يەنى مىلادىيە 1058-يىلى ھۈسەيىننىڭ ئوردىسىدا قانلىق سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ھۈسەيىننىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قىرىپ تاشلاندى. شۇ قېتىملىق ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئامان قالغان مەھمۇد قەشقەرى ئوردىدىن مەخپىي ئايرىلىپ ياقا-يۇرتلاردا بىر مەزگىل پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەھمۇد قەشقەرى بۇ جەرياندا ئىلى دەريا ۋادىسى، سىر دەريا ۋادىسى ۋە ئوغۇز (جەيھۇن دەرياسى) ۋادىلىرىدا ياشايدىغان تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىز قاتارلىق تۈركلەر زېمىنىنى ئايلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇخاراغا بارىدۇ.
مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن قەشقەرى كىچىكىدىن تارتىپلا قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بولغان «مەدرىسەئى ھامىدىيە» ۋە «مەدرىسەئى ساچىيە» لەردە داڭلىق ئۇستازلارنىڭ تەربىيەلىشى بىلەن ھەممىدىن خەۋەردار، ياراملىق تالىپلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىققانلىقى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ كەڭ تۈرك زېمىنلىرىدىكى يىگانە پائالىيەتلىرى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ. ئۇ بارغان ھەر بىر يېرىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ، شۇ جايدا ياشاۋاتقان ئۇلۇسلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ تەرەپلىمىلىك ماتېرىياللارنى توپلايدۇ. 40 ياشقا قەدەم بېسىش ھارپىسىدا سودىگەرلەرگە ئەگىشىپ بۇخارادىن سەلجۇق تۈركلىرى ھامىيلىقىدىكى باغدادقا بارىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا مەشھۇر قامۇس «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى يېزىشقا كىرىشىدۇ.
مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى مىلادىيە 1074-يىلى باغدادتا يېزىپ تاماملايدۇ ھەمدە ئەسەرگە ئۆزىنىڭ قايسى يۇرتقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تەخەللۇسىغا «قەشقەرى» دېگەن نامنى قوللىنىشنى زۆرۈر كۆرىدۇ (ئەسەرنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن يېزىلىشى ئالىمنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىنىڭ نامىنى تەخەللۇس قىلىپ تاللىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن). ئەسەر مىلادىيە 1074-يىل 2-ئايدا يېزىلىپ تاماملانغاندىن كېيىن، دەمەشىقلىق مۇھەممەت ئىبنى ئەبۇ بەكىر ئىبنى ئەبۇلفەتىھ بۇ كىتابنى ئەسلىي نۇسخىسىدىن ھىجرىيە 464-يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 27-كۈنى قايتا كۆچۈرۈپ چىقىدۇ. مەھمۇد قەشقەرى ھىجرىيە 464-يىلىدىن 466-يىلىغىچە (مىلادىيە 1073 – 1074) تەھرىرلەپ قايتا تولۇقلاپ، ھىجرىيە 467-يىلى (مىلادىيە 1075-يىلى) بۇ قىممەتلىك ئەسەرنى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 27-خەلىپىسى، ھاشىمىيلار ئۇرۇقىدىن بولغان خەلىپە مۇھەممەت ئوغلى ئەبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرىللاھ ھەزرەتكە تەقدىم قىلىدۇ.
ئالىمنىڭ ئۆز قەلبىگە پۈككەن ئۇلۇغ ئارزۇ-ئارمانلىرى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئانا يۇرتقا بولغان سېغىنىش ئوتى بارغانسېرى يالقۇنجاپ، ھىجرىيە 472-يىلى (مىلادىيە 1080-يىلى) ئايرىلغىنىغا 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان ئانا يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇپراق ئوپالنىڭ ئازىخ دېگەن يېرىدە «مەدرىسەئى مەھمۇدىيە» ناملىق مەدرىسەنى قۇرۇپ، «ھەزرىتى موللام» (بىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم) دېگەن نامدا ئۆزى مۇدەررىسلىك قىلىدۇ. سەككىز يىل مۇدەررىسلىك قىلغاندىن كېيىن، مىلادىيە 1105-يىللىرى ئەتراپىدا ۋاپات بولىدۇ.
مەھمۇد قەشقەرى باغدادتىن قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەستىن ئەرەب زېمىنلىرىنى ئۇرۇش تۇمانلىرى قاپلاشقا باشلىغانىدى. شۇ يىللاردىكى ئۇرۇشتا خەلىپە مۇقتەدىنىڭ ئوردىسى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىدۇ. ئوردا كۈتۈپخانىسىدىكى نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابلارمۇ كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ، شۇ قېتىم كۈتۈپخانىدا ساقلىنىۋاتقان «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئارىدىن 100 يىل ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ جەرياندا يوقالغان كىتابلارنىڭ بىر قىسمى كىشىلەرنىڭ قوللىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئەمما «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ نەدىلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئەجەبا بۇ قىممەتلىك قامۇس ئەنە شۇنداقلا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنمىدۇ؟ مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قان-تەرى سىڭگەن بۇ ئەسەر شۇنداقلا يوققا چىقارمۇ؟ ئەرەب زېمىنىدا ھېچكىممۇ بۇ قىممەتلىك ئەسەرنىڭ دېرىكىنى قىلىپ باقمايدۇ. ئەمما، ئۇرۇش ئوتلىرى خەلىپىنىڭ ئوردىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالىغىنى بىلەن، بۇ ئېسىل ئەسەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالمىغانىدى. ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ئوردىدىكىلەر ئۆز جانلىرىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئامالىنى قىلىشىۋاتقاندا، مۇقتەدىنىڭ ئوردىسىدا تەلىم ئېلىۋاتقان نامەلۇم بىر تالىپە ۋەيران بولۇپ كېتىۋاتقان ئوردا كۈتۈپخانىسى ئىچىدىن بىرنەچچە پارچە قىممەتلىك كىتابنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ قولىدىكى كىتابلارنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر قامۇس «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدۇ.
تارىخ چاقى مىلادىيە 1200-يىلىنىڭ سۈبھىسىگە قەدەم قويغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە باغداد كوچىسىدا چاچلىرى چۇۋۇلغان، جۇلدۇر كېپەن بىر قېرى تىلەمچى ئايال پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئۇ بىر كۈنى ھېچكىمگە پەرۋا قىلماستىن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شاھ ئوردىسىغا قاراپ ماڭىدۇ. ئازراقمۇ ئەيمەنمەستىن پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا قاراپ كېلىۋاتقان بۇ جۇلدۇر كېپەن تىلەمچىنى كۆرگەن ئىشىك باقارلار ئۇنى قىلىچ-نەيزىلىرى بىلەن توسۇۋېلىپ، نەدىن كەلگەنلىكىنى، پادىشاھقا ئېيتىدىغان قانداق ئەرز-دادىنىڭ بارلىقىنى سورايدۇ. ئۇلار بۇ تىلەمچى ئايالنىڭ شاھ ئالىيلىرىغا ئاتاپ بىر قىممەتلىك سوۋغا ئەكەلگەنلىكىنى، ئۇنى پادىشاھقا ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ بەرمەكتىن باشقا ھېچقانداق ئەرز-دادىنىڭ يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەھۋالنى پادىشاھقا دەرھال مەلۇم قىلىدۇ. پادىشاھ تىلەمچىنىڭ ئوردىغا كىرىشىگە ئىجازەت قىلىدۇ. بۇ جۇلدۇر كېپەن بىچارىنىڭ ئەجەبا ماڭا بەرگۈدەك قىممەتلىك قانداق نەرسىسى باردۇ؟ ياكى ئۇ ماڭا قەست قىلىشقا كىرگەن پىرخونمىدۇ؟ تىلەمچىنىڭ تەقى-تۇرقىنى كۆرگەن پادىشاھ دەمال گاڭگىراپ قالىدۇ. بۇ قېرى تىلەمچى پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، قولىدىكى بوغچىنى ئاۋايلاپ يېشىپ، بوغچىغا ئوراپ نەچچە ئون يىل ساقلاپ يۈرگەن بىر پارچە كىتابنى ئېلىپ پادىشاھقا ئىككى قوللاپ سۇنىدۇ. بۇ چوڭ ھەم نەپىس ئىشلەنگەن كىتابنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن يېزىلغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 34-ۋارىسى خەلىپە ئەن-ناسىر ئىنتايىن رازىمەنلىك بىلەن تىلەمچى ئايالغا كۆپ تارتۇقلارنى بېرىپ يولغا سالىدۇ. بۇ مىلادىيە 1225-يىللىرىغا توغرا كېلەتتى.
خەلىپە ئەن-ناسىر (مىلادىيە 1180 – 1225) بۇ كىتابنىڭ بىباھا، تېپىلغۇسىز كىتاب ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، دەرھال ئوردا پۈتۈكچىلىرىنى تەشكىللەپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا 10 نەچچە پارچە كۆچۈرتكۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى ئوردا كۈتۈپخانىسىدا قەدىرلەپ ساقلاشقا بۇيرۇشتىن سىرت، باغدادتىكى مۇھىم مەكتەپلەردە دەرسلىك سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا ئىجازەت بېرىدۇ. خەلىپە ئەن-ناسىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ بۇ كىتاب بىر نەچچە زامان باغداد شەھىرىدىكى مۇھىم مەدرىسىلەرنىڭ قىممەتلىك ئوقۇشلۇقى سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپ كېلىدۇ. ئەپسۇس، خىرىستىيان قىساسچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئەھلى سەلىپ (كرېست قوشۇنى) ئىككىنچى قېتىم شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ئەرەب زېمىنلىرىنى يەنە بىر قېتىم خانىۋەيرانچىلىققا دۇچار قىلىدۇ. ئاشۇ مالىمانچىلىقتا «تۈركىي تىللار دىۋانى» يەنە بىر قېتىم دېڭىزغا تاش چۆككەندەك يەر يۈزىدىن غايىب بولۇپ كېتىدۇ. ئالتە ئەسىر ئۆتۈپ كەتكۈچە بۇ كىتابنىڭ ئىز-دېرىكىمۇ بولمايدۇ. كىشىلەر قەدىمكى كىتاب خاتىرىلىرىدىن مەھمۇد قەشقەرى ئىسىملىك بىر تۈرك ئالىمنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق بىر مەشھۇر ئەسەر يازغانلىقىنى بىلىشىدۇ. ئەمما، ھېچكىممۇ بۇنداق كىتابنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئارزۇسىغا يېتەلمەيدۇ.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرى ئېغىر بومباردىمانغا ئۇچرايدۇ. بىر پاي زەمبىرەك ئوقى ئاقسۆڭەك دىياربەكرى جەمەتىدىن بولغان بىر كىتابپۇرۇشنىڭ ئۆگزىسىدە پارتلاپ، ئۇلارنىڭ ئەلئەمىر نامىدىكى مەشھۇر كۈتۈپخانىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. كىشىلەر كىتاب دۆۋىلىرى ئارىسىدىن ئۆزلىرى كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدىغان، ئەمما ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەن بىر دىۋاننى بايقاپ قالىدۇ. بۇ ئەسلىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ شۇ كەمگىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر نۇسخىسى بولۇپ، ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن بىرى بولغان ناپىز بەينىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىدىن بولغان بىر ئايال ئائىلىسىدە ئۇزاق يىل تەۋەررۈك سۈپىتىدە ساقلاپ، كېيىنچە تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن دىياربەكرى جەمەتىنىڭ ئەلئەمىر كۈتۈپخانىسىغا رەنىگە قويغان قوليازما نۇسخىسى ئىدى. ئەلئەمىر كۈتۈپخانىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئاڭلىغان مەشھۇر تىلشۇناس كىلىسلىك رىفئەت ئەپەندى دەرھال كۈتۈپخانىغا كېلىپ (ھىجرىيە 1335-يىلى، مىلادىيە 1914-يىلى) بۇ كىتابنى باشقىلاردىن سېتىۋالىدۇ. ئۇ ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ تەڭداشسىز مىراسنى ئۈچ تومغا ئايرىپ، 1917-يىلى ئەسلىي نامى بويىچە ئىستانبۇلدا تاش مەتبەئەدە نەشر قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ كىتاب دۇنيادىكى ھەر مىللەت تۈركولوگلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشقا باشلايدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئالىملار بۇ كىتاب توغرىسىدا تۈركچە، نېمىسچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، ۋېنگر تىللىرىدا كىتاب ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدۇ. گېرمانىيەلىك «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەتقىقاتى بىلەن ئەڭ كۆپ شۇغۇللانغان ئالىم، سام تىللىرى مۇتەخەسسىسى كارل بروكېلمان 1928-يىلى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ نېمىسچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ئىشلەپ چىققان ئىندېكسىنى ئېلان قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بۇ مەشھۇر قامۇسنى چۈشىنىشكە بولغان ئىنتىلىش XX ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئاندىن ھەل قىلىنىدۇ. تۈركىيەلىك داڭلىق تىلشۇناس بەسىم ئاتالاي 21 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كىلىسلىك رىفئەتنىڭ ئىستانبۇل نەشرىگە ئاساسەن 1941-يىلى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئۈچ توملۇق تۈركچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلدۇرغاندىن باشقا، يەنە بۇ كىتابنىڭ فوتوسۈرەت (فاكسىمىل) نۇسخىسىنىمۇ نەشر قىلدۇرىدۇ.
1960-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېك ئالىمى، تىلشۇناس سالىھ مۇتەللىب «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تۈركچىدىن ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرىدۇ. 1955-يىلى قەشقەردە ئاكا-ئۇكا مۇھەممەت پايزى بىلەن مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئەپەندى بىرلىشىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تەرجىمە قىلغان بىرىنچى ئورىگىنالى قولدىن چىققان، ئەمما نەشر قىلىنماسلىقى توغرىسىدىكى سەۋەبلەر تېخى ئېنىق ئەمەس.
1963-1966-يىللىرى ئۇيغۇر سايرانى تەرىپىدىن بۇ كىتابنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىككىنچى تەرجىمىسى ئىشلەنگەن، ئەمما سولچىل خاتا ئىدىيەنىڭ تەسىرىدىن نەشر قىلىنماي نابۇت بولۇپ كەتكەن.
1980-يىلىنىڭ بېشىدا دۆلىتىمىز ھەر مىللەت تىلشۇناس، مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن كۈچ تەشكىللەپ، ئېنسىكلوپېدىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بۇ قىممەتلىك يازما يادىكارلىقنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتىدىكى يۈكسەك ئورنىنى تولۇق ئېتىبارغا ئېلىپ، ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن موللا ئابدۇلھەمىد ھاجى يۈسۈفى، ئابدۇرېھىم تىلەشۈف ئۆتكۈر ئەپەندى، تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتئى ئەپەندى، مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتچىسى مىن تۇرسۇن ئەپەندى، ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندى، تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى، سابىت روزى ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ 1941-يىلى بەسىم ئاتالاي تەرىپىدىن ئەنقەرەدە نەشر قىلدۇرۇلغان فوتوسۈرەت نۇسخىسى ئاساسىدا نەشرگە تەييارلىنىپ، 1981-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە ھەممە قىسمى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلدۇرۇلۇپ، كەڭ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەجدادلىرى ياراتقان قىممەتلىك ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى ئاشكارا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان ۋاقتىدۇر. بۇ كىتاب 2002-يىلى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» مەزمۇن جەھەتتىن تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە فولكلور، مەدەنىيەت، تارىخ، ئارخېئولوگىيە، دىن، توپونىمىيە (يەر-سۇ ناملىرى)، سوتسىئولوگىيە، ئېتنوگرافىيە، پەلسەپە، جۇغراپىيە، تېبابەتچىلىك ۋە ئېكولوگىيە جەھەتلەرگە چېتىلىدىغان قامۇسىي ئەسەر بولۇپ، دۇنيا لۇغەتچىلىك تارىخىدا ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى سەنئەت ماھارىتى بىلەن، سۆزلۈكلەرگە ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى» غا 242 كۇپلېت شېئىر-قوشاق، 300 پارچىدىن ئارتۇق ماقال-تەمسىلنى ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ، تۈرك قەبىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان 7500 دىن ئارتۇق سۆزلەرنى ئىخچام، ئوبرازلىق جۈملىلەر ئارقىلىق فوناتىكىلىق، گرامماتىكىلىق قانۇنىيەتلەر ئاساسىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.
مانا بۇ ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولغان شاھانە قامۇسنىڭ كەچۈرمىشلىرىدۇر.
دىداكتىكىلىق داستان: «قۇتادغۇبىلىك»
ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ قالدۇرۇپ كەتكەن دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە شەرقتىكى ئەبەدىيلىك ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» (بەخت ئاتا قىلغۇچى بىلىم) ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان يەنە بىر قىممەتلىك يازما يادىكارلىقلارنىڭ بىرىدۇر. مۇكەممەل يېزىلغان بۇ شېئىرىي داستاندا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ماددىي، مەنىۋى قىياپىتى ئوبرازلىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن بولۇپ، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت، تارىخ تەتقىقاتىدا تۇتقان ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، دۇنيا شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئورۇننى تۇتۇپ كەلمەكتە.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادىيە 1018-يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قىشلىق پايتەختى بالاساغۇن (قوزئوردا) دا، ئوردىنىڭ تەجرىبىلىك، بىلىملىك پۈتۈكچىلىرىدىن بولغان رەيھانىدىن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەنلىكى مەلۇم (يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دادىسى توغرىسىدىكى قاراشنى ئابدۇرېھىم سابىت ئەپەندى 1998-يىلى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك «قۇتادغۇبىلىك» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇغان ماقالىسىدە بىرىنچى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان). ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدە رەيھانىدىن ئائىلىسى تۆھمەتكە ئۇچراپ ۋەيران بولغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىچىكىدىن باشلاپلا بالاساغۇندىكى مۇھىم مەدرىسىلەردە ئەرەب تىلى، پارس تىلى، سوغدى تىلى قاتارلىقلارنى پىششىق ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇنلىغان تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن. ئۇ مىلادىيە 1075-يىللىرى بالاساغۇندىكى ئوردىدا يۈز بەرگەن قانلىق سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىلىرى تۆھمەتكە ئۇچراپ ئۆلۈپ، ئائىلىسى ۋەيران بولغاندىن كېيىن قەشقەرگە كېلىشكە مەجبۇر بولغان. مىلادىيە 1070-يىلى (ھىجرىيە 462-يىلى) 18 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ 13 مىڭ 290 مىسرالىق دىداكتىكىلىق داستان «قۇتادغۇبىلىك» نى يېزىپ تاماملاپ، بۇ كىتابنى قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمدارى ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمان بۇغراخانغا مىلادىيە 1074-يىلى سوۋغا قىلغان. ھەسەن بۇغراخان ئەسەرنىڭ شەرىپىگە مۇئەللىپكە «خاس ھاجىپ» لىق ئۇنۋانىنى بەرگەن. ئالىم مىلادىيە 1085-يىلى 68 يېشىدا قەشقەردە ئالەمدىن ئۆتكەن.
مەزكۇر داستان مەزمۇنىنىڭ موللىقى، تىلىنىڭ گۈزەللىكى، پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، غايىۋىلىك جەھەتتىكى ئىلغارلىقى، بەدىئىي ئالاھىدىلىك جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئۆز زامانىسىدىن باشلاپلا ھەرقايسى ئەللەرگە تارقىلىپ «ئەدەبۇل مۈلۈك» (شاھلارنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى)، «ئەينۇل مەملىكە» (مەملىكەتنىڭ دەستۇرى)، «زىننەتۇل ئۇمەرا» (ئەمىرلەرنىڭ زىننىتى)، «شاھنامەئى تۈرك» (تۈرك شاھلىرى دەستۇرى)، «پەندنامەئى مۈلۈك» (پادىشاھلارغا نەسىھەت)، «قۇتادغۇبىلىك» (بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم) (بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈركىي تىللىق خەلقلەر زېمىنلىرىدا بېرىلگەن ھەر خىل ناملار) دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ، بىباھا گۆھەر سۈپىتىدە قەدىرلىنىپ كەلگەن. ئالىم ئۆز كىتابى ئۈستىدە توختالغاندا ئىنتايىن زور ئىشەنچ بىلەن يازغان تۆۋەندىكى بېيىتلارمۇ بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىپ بېرەلەيدۇ:
پۈتۈن تۈرك، چىن، شەرق ئېلىدە دېمەك،
بۇنىڭدەك كىتاب يوق جاھاندا بۆلەك.
بۇنىڭدەك كىتابنى كىم ئېيتقان ئاۋۋال،
كېيىن كىممۇ ئېيتار بۇنىڭدەكنى دەل؟
كىم ئولسا بۇنىڭدەكنى يازارمۇ قېنى؟
يازغۇچى بار بولسا، مەن ماختاي ئۇنى.
دېمىسىمۇ، تا بۈگۈنگە قەدەر شۇ دەۋرلەردە مەيلى ئەرەب، مەيلى پارس ياكى ھىندىستان، جۇڭگولاردا بولسۇن، ھېچكىمنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» كە ئوخشاش بۇنداق مەشھۇر ئەسەرنى يېزىپ باققانلىقىدىن خەۋەرسىز تۇرۇپتىمىز ھەم بۇ كىتاب ئالىم ئۆزى ئېيتقاندەك ئۇلۇغ كىتابلاردىن بولمىغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭدىن ئاز كەم 1000 يىلغىچە يوقالماي ساقلىنىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.
تا ھازىرغا قەدەر بۇ ئەسەرنىڭ قايسى يىلى، نېمە سەۋەبلەر بىلەن قەشقەر تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر يوق. بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرغىچە بىزگە ئۈچ خىل نۇسخىسى يېتىپ كەلدى. بىرىنچى خىل نۇسخا، يەنى ۋېنا نۇسخىسى — بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخا بولۇپ، ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋېنادىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. بۇ A نۇسخىدۇر.
ئىككىنچى خىلى قاھىرە نۇسخىسى بولۇپ، 5400 بېيىتتە پۈتۈلگەن مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى «خىدىۋ» (ھازىرقى قىراللىق) كۈتۈپخانىسىدىن بايقالغانلىقىدىن شۇنداق ئاتالغان. بۇ B نۇسخىدۇر. ئۈچىنچى خىلى پەرغانە نۇسخىسى بولۇپ، ھازىرقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەرغانە ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى نەمەنگاندىن (نەمەنگان نۇسخىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تېپىلغانلىقتىن پەرغانە نۇسخىسى دەپ ئاتالغان، 6095 بېيىتتە پۈتۈلگەن. بۇ ئەسەرنىڭ C نۇسخىسىدۇر. ئەسەرنىڭ B، C نۇسخىلىرى تۆمۈرىيلەر دەۋرىدىكى چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان. ئەسەرنىڭ تىل تەۋەلىكى ۋە دەسلەپكى قېتىمقى ئاشكارىلىنىشىدىن قارىغاندا، بۇ ئەسەر تۆمۈرىيلەر دەۋرىدە چەتئەللىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ۋېنا نۇسخىسى مىلادىيە 1439-يىلى ئافغانىستاننىڭ ھېرات شەھىرىدە ھەسەن قارا سايىل شەمسى دېگەن كىشى تەرىپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن. شۇڭا، بۇ نۇسخا يەنە ھېرات نۇسخىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادىيە 1474-يىلى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە كەلتۈرۈلگەن، كېيىن ئاۋسترىيەلىك شەرقشۇناس ھاممېر پورگشتال تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، ئاۋسترىيەنىڭ ۋېنا شەھىرىدىكى ئوردا كۈتۈپخانىسىغا قويۇلغان. مىلادىيە 1796-يىلى ھاممېر پورگشتال تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلانغان.
پەرغانە نۇسخىسىنى تۇنجى قېتىم تاتار ئالىمى زەكى ۋەلىدى مىلادىيە 1914-يىلى پەرغانىنىڭ نەمەنگان شەھىرىدىكى مۇھەممەت ھاجى ئىشان لالەرىش دېگەن كىشىنىڭ شەخسىي كۈتۈپخانىسىدىن بايقاپ، بۇ توغرۇلۇق ئۇچۇر بەرگەن. مىلادىيە 1924-يىلى ئۆزبېك ئالىمى فىترەت بۇ نۇسخىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئەسەر توغرىسىدا ماقالە يازغان.
قاھىرە نۇسخىسىنى تۇنجى بولۇپ مەشھۇر رۇس ئالىمى رادلوف مىلادىيە 1896-يىلى بايقىغان. ئۇ ئەسەرنىڭ ۋېنا نۇسخىسى بىلەن قاھىرە نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ، ئەسەرنىڭ ترانسكرىپسىيەسى بىلەن نېمىسچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلدۇرغان.
«قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار ياۋروپادا XIX ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ قىزىق تېمىغا ئايلانغان. مىلادىيە 1827-يىلى فىرانسىيەلىك ژامبېرت-ئامېدى تۇنجى قېتىم مەتبۇئاتتا «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدىكى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنلىرىدىن قىسمەن بۆلەكلەرنى نەشر قىلدۇرغان. 1870-يىلى ۋېنگىرىيە ئالىمى ھېرمان ۋامبېرى «قۇتادغۇبىلىك» نى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ 1000 بېيىتىنى ترانسكرىپسىيەلەشتۈرۈپ، «ئۇيغۇر ئابىدىلىرى» دېگەن نامدا نېمىسچە نەشر ئىشلىگەن ۋە مەخسۇس لۇغەت تۈزگەن. 1890-يىلى رۇس شەرقشۇناسى رادلوف ۋامبېرى تەتقىقاتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىش نەتىجىسىدە ئەسەرنىڭ ئەرەب يېزىقىدىكى نۇسخىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر يېزىقىدا ترانسكرىپسىيە قىلىپ، ئىككى توملۇق كىتابچە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان. 1928-يىلى ئۆزبېك ئالىمى فىترەت پەرغانە نۇسخىسىنىڭ ئايرىم بۆلەكلىرىنى زۆرۈر ئىزاھاتلىرى بىلەن تاشكەنتتە ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلدۇرغان.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسىنى 1947-يىلى مەشھۇر تۈرك ئالىمى، تىلشۇناس رەشىت رەھمەتى ئارات (1900 – 1964) داستاننىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسىنى ئۈچ يىل سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈپ تولۇقلاپ، 13 مىڭ 290 مىسرالىق تولۇق تېكىستىنى نەشر قىلدۇرۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. 1957-يىلى كىتابنىڭ تۈركچە نۇسخىلىرى ئەنقەرەدە ئىككى قېتىم نەشر قىلدۇرۇلغان. 1972-يىلى ئۆزبېك ئالىمى قەييۇم كەرىموۋ داستاننىڭ پەرغانە نۇسخىسى بويىچە ئۆزبېكچە نەسرىي تەۋسىپىنى تاشكەنتتە نەشر قىلدۇرغان. 1979-يىلى ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر تۈركولوگ ئالىملىرىدىن گېڭ شىمىن ئەپەندى بىلەن ۋېي سۈييى خانىملار بىرلىشىپ داستاننىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇرغان. 1983-يىلى ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناس پىروفېسسورى روبېرت دانكوف داستاننى سۆز بېشى ۋە ئىزاھاتلىرى بىلەن ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. كىتابنىڭ باھاسى ئامېرىكىدا 100 دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. 1980-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىنوف ھامىت مەسئۇللۇقىدا «قۇتادغۇبىلىك» تەرجىمە-تەھرىر ھەيئىتى قۇرۇلۇپ، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسى مەرھۇم ئابدۇرېھىم تىلەشۈف ئۆتكۈر ئەپەندى، مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئەپەندى، مەرھۇم مەمتىمىن يۈسۈپ ئەپەندىلەرنىڭ ئەجىر قىلىشى بىلەن 1985-يىلى 5-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم نەشر قىلىندى. 1986-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن يەنە خاۋ گۇەنجۇڭ، جاڭ خوڭچاۋ ۋە ليۇ بىنلارنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى نەشر قىلىندى. 1991-يىلى ئالىملىرىمىزدىن ئابدۇشۈكۈر تۇردى، قادىر ئەكبەرلەر تەييارلىغان نەسرىي يەشمىسى مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىندى. 1992-يىلى تۇرغۇنباي قىلىچبېك، نۇروز ھۈسەين ئەلىلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسىدىن قىرغىزچە نەسرىي شەكلىگە ئۆرۈگەن تەرجىمە نۇسخىلىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھازىرغا قەدەر ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ھەر قايسى دۆلەت ئالىملىرى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىپ، تەرجىمە قىلىنىپ، تۈركچە، ئۆزبېكچە، قازاقچە، مانجۇچە، قىرغىزچە، رۇسچە، نېمىسچە، ئىنگلىزچە تىللاردىكى تولۇق تەرجىمىلىرى، ئۇكرائىنچە، ياپونچە تولۇق بولمىغان تەرجىمىلىرى ئىشلىنىپ دۇنياغا كەڭ تارقالدى، شۇنىڭدەك بۇ داستان ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى خەلقئارا ئورۇنغا كۆتۈرۈشتە غايەت زور رول ئوينىدى. ھازىرغا قەدەر «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدا بىر قېتىم خەلقئارالىق، ئۈچ قېتىم مەملىكەتلىك مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.
مەشھۇر يازما يادىكارلىق «قۇتادغۇبىلىك» مەزمۇن جەھەتتىن ئىلىمنىڭ ھەممە ساھەسىگىچە چېتىلغان شېئىرىي تىلدىكى داستان بولۇپ، ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئاسترونومىيە، تەبىئەت پەلسەپىسى، ئالگېبرا، گېئومېتىرىيە، قانۇن-سىياسەت، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئەلنى ئىدارە قىلىش، ئەدەبىيات-سەنئەت، پىسخولوگىيە، پېداگوگىكا، ئۇسلۇبشۇناسلىق (ئىستىلىستىكا)، ئائىلە-نىكاھ، ئاممىۋى مۇناسىۋەت، ئەدەپ-ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاق، ھەربىي-سىپاھلىق، تىلشۇناسلىق، سېلىشتۇرما ئەدەبىيات، ئېتىكا، تېبابەت، ئوزۇقلۇق ئىلمى، مەدەنىيەت، تارىخ، مېتودولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە مەخسۇس توختىلىپ ئۆتكەن، ئىدىيە جەھەتتىن دەۋردىن ھالقىغان مەنىۋى مىراستۇر.
XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن XX ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل ناملار بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئەجنەبىيلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى دەۋرلىرىگە تەئەللۇق بولغان نۇرغۇنلىغان بىباھا مىراسلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كەتكەن. گېرمانىيە ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تۈركشۇناس گابائېن خانىمنىڭ (A. von Gabain) مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يەتتە چوڭ ئىشكاپى گېرمانىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان تۆت قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيە ۋە ئارخېئولوگىيە ئەترەتلىرى تەرىپىدىن تېپىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن تولغان. بۇ ئاددىي بىر مىسال. يەنە لوندون، توكيو، ستوكھولم، پارىژ، موسكۋا قاتارلىق شەھەرلەردىكى مەشھۇر كۈتۈپخانا ۋە مۇزېيلاردا قانچىلىك بارلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، دۇنيا خەلقىنىڭ مەڭگۈلۈك تەتقىق قىلىشىغا ئەرزىيدىغان قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئانا تۇپرىقىغا قايتىپ كېلەلىگەنلىكىنىڭ ئۆزى بىر چوڭ غەنىيمەت.
مەنبە: ساھىبقىران بىلوگى
dc1r7dst0os3oitw4hhhbtjxgeaj00m
176570
176569
2026-10-07T19:38:56Z
UyghurArchive
25219
176570
wikitext
text/x-wiki
'''يولۋاس مۇھەممەتئىمىن'''
ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن ھەر قايسى تارىخىي زامانلاردا يارىتىلغان قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى يوقىلىپ كەتتى، تالان-تاراجقا ئۇچرىدى، ئېچىنىشلىق ھالدا ۋەيران قىلىۋېتىلدى. نەتىجىدە تارىخ ۋە مەدەنىيىتىمىزنى تەتقىق قىلىشتا زور دەرىجىدە ئۈزۈكچىلىك پەيدا بولۇپ، تارىخ كەچمىشلىرىنىڭ يارقىن سىيمالىرى تۇتۇقلىشىپ كەتتى. باشقىلار ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ياراتقان مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ، ئۆزلىرىنى ئىنسانىيەت مەدەنىيەتلىرىنىڭ سەرخىللىرى ھېسابلىشىپ، مەيدىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن خېلى ئۇزاق زامانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى باشقىلار نېمە دېسە شۇ بولۇپ، دۇنيانىڭ نەزىرىدىن يىراقتا قېلىۋەردى. پەقەت تارىخ چاقى چۆرگىلەپ XVIII ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشلىرىگە تەۋە قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلار ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ مەزگىللەردە ئەڭ مۇكەممەل يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن بولغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت ئىككى شاھانە ئەسەرنىڭ تېپىلىشى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىدىكى قارا تۇمانلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى. قىسقىسى، بۇ ئىككى قامۇسنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى خەلقئاراغا تونۇتۇشتا، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.
تۆۋەندە قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئىككى پارچە نامايەندە خاراكتېرلىك شاھانە مىراس — «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت ئۇلۇغ يازما يادىكارلىقلىرىمىزنىڭ يوقىلىپ كەتكەن ۋاقتىدىن تاكى قولىمىزغا قايتىپ كەلگۈچە بولغان توققۇز ئەسىردىن كۆپرەك جەرياندىكى ساقلىنىش، كۆچۈرۈلۈش، تەتقىق قىلىنىش قاتارلىق ئەگرى-توقاي سەرگۈزەشتىلىرى توغرىسىدا كىتابخانلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتىمىز.
== ئېنسىكلوپېدىيەلىك ئەسەر: «تۈركىي تىللار دىۋانى» ==
ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن قەشقەرى XI ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ يازلىق پايتەختى قەشقەردە دۇنياغا كۆز ئاچقان. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خاقانلىرىدىن ئىدى. ئۇ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 11-ئەۋلادى ھېسابلىنىدۇ. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بالىلىق چاغلىرى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى زەئىپلىشىپ، ئوردىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تالىشىش زىددىيەتلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئەللەر بىلەن بولغان نىزالار ئەۋجىگە چىققان مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇھىتقا توغرا كەلگەنىدى. بۇ خىل مۇھىت مەھمۇد قەشقەرىنىڭ گۆدەك قەلبىدە چوڭقۇر جاراھەتلەرنى قالدۇرغان بولسا، ئۇنىڭ خاراكتېرى جەھەتتىن قەيسەر، تىرىشچان، ئىرادىلىك بولۇپ چىقىشى ئۈچۈنمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى. ئۇ قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ئالدىدىكى قاراڭغۇ مەزگىلىدە، يەنى مىلادىيە 1058-يىلى ھۈسەيىننىڭ ئوردىسىدا قانلىق سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ھۈسەيىننىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قىرىپ تاشلاندى. شۇ قېتىملىق ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئامان قالغان مەھمۇد قەشقەرى ئوردىدىن مەخپىي ئايرىلىپ ياقا-يۇرتلاردا بىر مەزگىل پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەھمۇد قەشقەرى بۇ جەرياندا ئىلى دەريا ۋادىسى، سىر دەريا ۋادىسى ۋە ئوغۇز (جەيھۇن دەرياسى) ۋادىلىرىدا ياشايدىغان تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىز قاتارلىق تۈركلەر زېمىنىنى ئايلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇخاراغا بارىدۇ.
مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن قەشقەرى كىچىكىدىن تارتىپلا قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بولغان «مەدرىسەئى ھامىدىيە» ۋە «مەدرىسەئى ساچىيە» لەردە داڭلىق ئۇستازلارنىڭ تەربىيەلىشى بىلەن ھەممىدىن خەۋەردار، ياراملىق تالىپلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىققانلىقى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ كەڭ تۈرك زېمىنلىرىدىكى يىگانە پائالىيەتلىرى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ. ئۇ بارغان ھەر بىر يېرىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ، شۇ جايدا ياشاۋاتقان ئۇلۇسلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ تەرەپلىمىلىك ماتېرىياللارنى توپلايدۇ. 40 ياشقا قەدەم بېسىش ھارپىسىدا سودىگەرلەرگە ئەگىشىپ بۇخارادىن سەلجۇق تۈركلىرى ھامىيلىقىدىكى باغدادقا بارىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا مەشھۇر قامۇس «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى يېزىشقا كىرىشىدۇ.
مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى مىلادىيە 1074-يىلى باغدادتا يېزىپ تاماملايدۇ ھەمدە ئەسەرگە ئۆزىنىڭ قايسى يۇرتقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تەخەللۇسىغا «قەشقەرى» دېگەن نامنى قوللىنىشنى زۆرۈر كۆرىدۇ (ئەسەرنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن يېزىلىشى ئالىمنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىنىڭ نامىنى تەخەللۇس قىلىپ تاللىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن). ئەسەر مىلادىيە 1074-يىل 2-ئايدا يېزىلىپ تاماملانغاندىن كېيىن، دەمەشىقلىق مۇھەممەت ئىبنى ئەبۇ بەكىر ئىبنى ئەبۇلفەتىھ بۇ كىتابنى ئەسلىي نۇسخىسىدىن ھىجرىيە 464-يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 27-كۈنى قايتا كۆچۈرۈپ چىقىدۇ. مەھمۇد قەشقەرى ھىجرىيە 464-يىلىدىن 466-يىلىغىچە (مىلادىيە 1073 – 1074) تەھرىرلەپ قايتا تولۇقلاپ، ھىجرىيە 467-يىلى (مىلادىيە 1075-يىلى) بۇ قىممەتلىك ئەسەرنى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 27-خەلىپىسى، ھاشىمىيلار ئۇرۇقىدىن بولغان خەلىپە مۇھەممەت ئوغلى ئەبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرىللاھ ھەزرەتكە تەقدىم قىلىدۇ.
ئالىمنىڭ ئۆز قەلبىگە پۈككەن ئۇلۇغ ئارزۇ-ئارمانلىرى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئانا يۇرتقا بولغان سېغىنىش ئوتى بارغانسېرى يالقۇنجاپ، ھىجرىيە 472-يىلى (مىلادىيە 1080-يىلى) ئايرىلغىنىغا 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان ئانا يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇپراق ئوپالنىڭ ئازىخ دېگەن يېرىدە «مەدرىسەئى مەھمۇدىيە» ناملىق مەدرىسەنى قۇرۇپ، «ھەزرىتى موللام» (بىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم) دېگەن نامدا ئۆزى مۇدەررىسلىك قىلىدۇ. سەككىز يىل مۇدەررىسلىك قىلغاندىن كېيىن، مىلادىيە 1105-يىللىرى ئەتراپىدا ۋاپات بولىدۇ.
مەھمۇد قەشقەرى باغدادتىن قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەستىن ئەرەب زېمىنلىرىنى ئۇرۇش تۇمانلىرى قاپلاشقا باشلىغانىدى. شۇ يىللاردىكى ئۇرۇشتا خەلىپە مۇقتەدىنىڭ ئوردىسى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىدۇ. ئوردا كۈتۈپخانىسىدىكى نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابلارمۇ كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ، شۇ قېتىم كۈتۈپخانىدا ساقلىنىۋاتقان «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئارىدىن 100 يىل ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ جەرياندا يوقالغان كىتابلارنىڭ بىر قىسمى كىشىلەرنىڭ قوللىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئەمما «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ نەدىلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئەجەبا بۇ قىممەتلىك قامۇس ئەنە شۇنداقلا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنمىدۇ؟ مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قان-تەرى سىڭگەن بۇ ئەسەر شۇنداقلا يوققا چىقارمۇ؟ ئەرەب زېمىنىدا ھېچكىممۇ بۇ قىممەتلىك ئەسەرنىڭ دېرىكىنى قىلىپ باقمايدۇ. ئەمما، ئۇرۇش ئوتلىرى خەلىپىنىڭ ئوردىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالىغىنى بىلەن، بۇ ئېسىل ئەسەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالمىغانىدى. ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ئوردىدىكىلەر ئۆز جانلىرىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئامالىنى قىلىشىۋاتقاندا، مۇقتەدىنىڭ ئوردىسىدا تەلىم ئېلىۋاتقان نامەلۇم بىر تالىپە ۋەيران بولۇپ كېتىۋاتقان ئوردا كۈتۈپخانىسى ئىچىدىن بىرنەچچە پارچە قىممەتلىك كىتابنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ قولىدىكى كىتابلارنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر قامۇس «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدۇ.
تارىخ چاقى مىلادىيە 1200-يىلىنىڭ سۈبھىسىگە قەدەم قويغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە باغداد كوچىسىدا چاچلىرى چۇۋۇلغان، جۇلدۇر كېپەن بىر قېرى تىلەمچى ئايال پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئۇ بىر كۈنى ھېچكىمگە پەرۋا قىلماستىن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شاھ ئوردىسىغا قاراپ ماڭىدۇ. ئازراقمۇ ئەيمەنمەستىن پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا قاراپ كېلىۋاتقان بۇ جۇلدۇر كېپەن تىلەمچىنى كۆرگەن ئىشىك باقارلار ئۇنى قىلىچ-نەيزىلىرى بىلەن توسۇۋېلىپ، نەدىن كەلگەنلىكىنى، پادىشاھقا ئېيتىدىغان قانداق ئەرز-دادىنىڭ بارلىقىنى سورايدۇ. ئۇلار بۇ تىلەمچى ئايالنىڭ شاھ ئالىيلىرىغا ئاتاپ بىر قىممەتلىك سوۋغا ئەكەلگەنلىكىنى، ئۇنى پادىشاھقا ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ بەرمەكتىن باشقا ھېچقانداق ئەرز-دادىنىڭ يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەھۋالنى پادىشاھقا دەرھال مەلۇم قىلىدۇ. پادىشاھ تىلەمچىنىڭ ئوردىغا كىرىشىگە ئىجازەت قىلىدۇ. بۇ جۇلدۇر كېپەن بىچارىنىڭ ئەجەبا ماڭا بەرگۈدەك قىممەتلىك قانداق نەرسىسى باردۇ؟ ياكى ئۇ ماڭا قەست قىلىشقا كىرگەن پىرخونمىدۇ؟ تىلەمچىنىڭ تەقى-تۇرقىنى كۆرگەن پادىشاھ دەمال گاڭگىراپ قالىدۇ. بۇ قېرى تىلەمچى پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، قولىدىكى بوغچىنى ئاۋايلاپ يېشىپ، بوغچىغا ئوراپ نەچچە ئون يىل ساقلاپ يۈرگەن بىر پارچە كىتابنى ئېلىپ پادىشاھقا ئىككى قوللاپ سۇنىدۇ. بۇ چوڭ ھەم نەپىس ئىشلەنگەن كىتابنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن يېزىلغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 34-ۋارىسى خەلىپە ئەن-ناسىر ئىنتايىن رازىمەنلىك بىلەن تىلەمچى ئايالغا كۆپ تارتۇقلارنى بېرىپ يولغا سالىدۇ. بۇ مىلادىيە 1225-يىللىرىغا توغرا كېلەتتى.
خەلىپە ئەن-ناسىر (مىلادىيە 1180 – 1225) بۇ كىتابنىڭ بىباھا، تېپىلغۇسىز كىتاب ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، دەرھال ئوردا پۈتۈكچىلىرىنى تەشكىللەپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا 10 نەچچە پارچە كۆچۈرتكۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى ئوردا كۈتۈپخانىسىدا قەدىرلەپ ساقلاشقا بۇيرۇشتىن سىرت، باغدادتىكى مۇھىم مەكتەپلەردە دەرسلىك سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا ئىجازەت بېرىدۇ. خەلىپە ئەن-ناسىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ بۇ كىتاب بىر نەچچە زامان باغداد شەھىرىدىكى مۇھىم مەدرىسىلەرنىڭ قىممەتلىك ئوقۇشلۇقى سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپ كېلىدۇ. ئەپسۇس، خىرىستىيان قىساسچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئەھلى سەلىپ (كرېست قوشۇنى) ئىككىنچى قېتىم شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ئەرەب زېمىنلىرىنى يەنە بىر قېتىم خانىۋەيرانچىلىققا دۇچار قىلىدۇ. ئاشۇ مالىمانچىلىقتا «تۈركىي تىللار دىۋانى» يەنە بىر قېتىم دېڭىزغا تاش چۆككەندەك يەر يۈزىدىن غايىب بولۇپ كېتىدۇ. ئالتە ئەسىر ئۆتۈپ كەتكۈچە بۇ كىتابنىڭ ئىز-دېرىكىمۇ بولمايدۇ. كىشىلەر قەدىمكى كىتاب خاتىرىلىرىدىن مەھمۇد قەشقەرى ئىسىملىك بىر تۈرك ئالىمنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق بىر مەشھۇر ئەسەر يازغانلىقىنى بىلىشىدۇ. ئەمما، ھېچكىممۇ بۇنداق كىتابنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئارزۇسىغا يېتەلمەيدۇ.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرى ئېغىر بومباردىمانغا ئۇچرايدۇ. بىر پاي زەمبىرەك ئوقى ئاقسۆڭەك دىياربەكرى جەمەتىدىن بولغان بىر كىتابپۇرۇشنىڭ ئۆگزىسىدە پارتلاپ، ئۇلارنىڭ ئەلئەمىر نامىدىكى مەشھۇر كۈتۈپخانىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. كىشىلەر كىتاب دۆۋىلىرى ئارىسىدىن ئۆزلىرى كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدىغان، ئەمما ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەن بىر دىۋاننى بايقاپ قالىدۇ. بۇ ئەسلىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ شۇ كەمگىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر نۇسخىسى بولۇپ، ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن بىرى بولغان ناپىز بەينىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىدىن بولغان بىر ئايال ئائىلىسىدە ئۇزاق يىل تەۋەررۈك سۈپىتىدە ساقلاپ، كېيىنچە تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن دىياربەكرى جەمەتىنىڭ ئەلئەمىر كۈتۈپخانىسىغا رەنىگە قويغان قوليازما نۇسخىسى ئىدى. ئەلئەمىر كۈتۈپخانىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئاڭلىغان مەشھۇر تىلشۇناس كىلىسلىك رىفئەت ئەپەندى دەرھال كۈتۈپخانىغا كېلىپ (ھىجرىيە 1335-يىلى، مىلادىيە 1914-يىلى) بۇ كىتابنى باشقىلاردىن سېتىۋالىدۇ. ئۇ ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ تەڭداشسىز مىراسنى ئۈچ تومغا ئايرىپ، 1917-يىلى ئەسلىي نامى بويىچە ئىستانبۇلدا تاش مەتبەئەدە نەشر قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ كىتاب دۇنيادىكى ھەر مىللەت تۈركولوگلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشقا باشلايدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئالىملار بۇ كىتاب توغرىسىدا تۈركچە، نېمىسچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، ۋېنگر تىللىرىدا كىتاب ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدۇ. گېرمانىيەلىك «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەتقىقاتى بىلەن ئەڭ كۆپ شۇغۇللانغان ئالىم، سام تىللىرى مۇتەخەسسىسى كارل بروكېلمان 1928-يىلى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ نېمىسچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ئىشلەپ چىققان ئىندېكسىنى ئېلان قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بۇ مەشھۇر قامۇسنى چۈشىنىشكە بولغان ئىنتىلىش XX ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئاندىن ھەل قىلىنىدۇ. تۈركىيەلىك داڭلىق تىلشۇناس بەسىم ئاتالاي 21 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كىلىسلىك رىفئەتنىڭ ئىستانبۇل نەشرىگە ئاساسەن 1941-يىلى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئۈچ توملۇق تۈركچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلدۇرغاندىن باشقا، يەنە بۇ كىتابنىڭ فوتوسۈرەت (فاكسىمىل) نۇسخىسىنىمۇ نەشر قىلدۇرىدۇ.
1960-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېك ئالىمى، تىلشۇناس سالىھ مۇتەللىب «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تۈركچىدىن ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرىدۇ. 1955-يىلى قەشقەردە ئاكا-ئۇكا مۇھەممەت پايزى بىلەن مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئەپەندى بىرلىشىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تەرجىمە قىلغان بىرىنچى ئورىگىنالى قولدىن چىققان، ئەمما نەشر قىلىنماسلىقى توغرىسىدىكى سەۋەبلەر تېخى ئېنىق ئەمەس.
1963-1966-يىللىرى ئۇيغۇر سايرانى تەرىپىدىن بۇ كىتابنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىككىنچى تەرجىمىسى ئىشلەنگەن، ئەمما سولچىل خاتا ئىدىيەنىڭ تەسىرىدىن نەشر قىلىنماي نابۇت بولۇپ كەتكەن.
1980-يىلىنىڭ بېشىدا دۆلىتىمىز ھەر مىللەت تىلشۇناس، مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن كۈچ تەشكىللەپ، ئېنسىكلوپېدىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بۇ قىممەتلىك يازما يادىكارلىقنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتىدىكى يۈكسەك ئورنىنى تولۇق ئېتىبارغا ئېلىپ، ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن موللا ئابدۇلھەمىد ھاجى يۈسۈفى، ئابدۇرېھىم تىلەشۈف ئۆتكۈر ئەپەندى، تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتئى ئەپەندى، مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتچىسى مىن تۇرسۇن ئەپەندى، ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندى، تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى، سابىت روزى ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ 1941-يىلى بەسىم ئاتالاي تەرىپىدىن ئەنقەرەدە نەشر قىلدۇرۇلغان فوتوسۈرەت نۇسخىسى ئاساسىدا نەشرگە تەييارلىنىپ، 1981-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە ھەممە قىسمى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلدۇرۇلۇپ، كەڭ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەجدادلىرى ياراتقان قىممەتلىك ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى ئاشكارا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان ۋاقتىدۇر. بۇ كىتاب 2002-يىلى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» مەزمۇن جەھەتتىن تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە فولكلور، مەدەنىيەت، تارىخ، ئارخېئولوگىيە، دىن، توپونىمىيە (يەر-سۇ ناملىرى)، سوتسىئولوگىيە، ئېتنوگرافىيە، پەلسەپە، جۇغراپىيە، تېبابەتچىلىك ۋە ئېكولوگىيە جەھەتلەرگە چېتىلىدىغان قامۇسىي ئەسەر بولۇپ، دۇنيا لۇغەتچىلىك تارىخىدا ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى سەنئەت ماھارىتى بىلەن، سۆزلۈكلەرگە ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى» غا 242 كۇپلېت شېئىر-قوشاق، 300 پارچىدىن ئارتۇق ماقال-تەمسىلنى ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ، تۈرك قەبىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان 7500 دىن ئارتۇق سۆزلەرنى ئىخچام، ئوبرازلىق جۈملىلەر ئارقىلىق فوناتىكىلىق، گرامماتىكىلىق قانۇنىيەتلەر ئاساسىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.
مانا بۇ ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولغان شاھانە قامۇسنىڭ كەچۈرمىشلىرىدۇر.
== دىداكتىكىلىق داستان: «قۇتادغۇبىلىك» ==
ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ قالدۇرۇپ كەتكەن دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە شەرقتىكى ئەبەدىيلىك ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» (بەخت ئاتا قىلغۇچى بىلىم) ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان يەنە بىر قىممەتلىك يازما يادىكارلىقلارنىڭ بىرىدۇر. مۇكەممەل يېزىلغان بۇ شېئىرىي داستاندا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ماددىي، مەنىۋى قىياپىتى ئوبرازلىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن بولۇپ، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت، تارىخ تەتقىقاتىدا تۇتقان ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، دۇنيا شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئورۇننى تۇتۇپ كەلمەكتە.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادىيە 1018-يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قىشلىق پايتەختى بالاساغۇن (قوزئوردا) دا، ئوردىنىڭ تەجرىبىلىك، بىلىملىك پۈتۈكچىلىرىدىن بولغان رەيھانىدىن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەنلىكى مەلۇم (يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دادىسى توغرىسىدىكى قاراشنى ئابدۇرېھىم سابىت ئەپەندى 1998-يىلى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك «قۇتادغۇبىلىك» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇغان ماقالىسىدە بىرىنچى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان). ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدە رەيھانىدىن ئائىلىسى تۆھمەتكە ئۇچراپ ۋەيران بولغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىچىكىدىن باشلاپلا بالاساغۇندىكى مۇھىم مەدرىسىلەردە ئەرەب تىلى، پارس تىلى، سوغدى تىلى قاتارلىقلارنى پىششىق ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇنلىغان تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن. ئۇ مىلادىيە 1075-يىللىرى بالاساغۇندىكى ئوردىدا يۈز بەرگەن قانلىق سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىلىرى تۆھمەتكە ئۇچراپ ئۆلۈپ، ئائىلىسى ۋەيران بولغاندىن كېيىن قەشقەرگە كېلىشكە مەجبۇر بولغان. مىلادىيە 1070-يىلى (ھىجرىيە 462-يىلى) 18 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ 13 مىڭ 290 مىسرالىق دىداكتىكىلىق داستان «قۇتادغۇبىلىك» نى يېزىپ تاماملاپ، بۇ كىتابنى قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمدارى ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمان بۇغراخانغا مىلادىيە 1074-يىلى سوۋغا قىلغان. ھەسەن بۇغراخان ئەسەرنىڭ شەرىپىگە مۇئەللىپكە «خاس ھاجىپ» لىق ئۇنۋانىنى بەرگەن. ئالىم مىلادىيە 1085-يىلى 68 يېشىدا قەشقەردە ئالەمدىن ئۆتكەن.
مەزكۇر داستان مەزمۇنىنىڭ موللىقى، تىلىنىڭ گۈزەللىكى، پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، غايىۋىلىك جەھەتتىكى ئىلغارلىقى، بەدىئىي ئالاھىدىلىك جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئۆز زامانىسىدىن باشلاپلا ھەرقايسى ئەللەرگە تارقىلىپ «ئەدەبۇل مۈلۈك» (شاھلارنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى)، «ئەينۇل مەملىكە» (مەملىكەتنىڭ دەستۇرى)، «زىننەتۇل ئۇمەرا» (ئەمىرلەرنىڭ زىننىتى)، «شاھنامەئى تۈرك» (تۈرك شاھلىرى دەستۇرى)، «پەندنامەئى مۈلۈك» (پادىشاھلارغا نەسىھەت)، «قۇتادغۇبىلىك» (بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم) (بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈركىي تىللىق خەلقلەر زېمىنلىرىدا بېرىلگەن ھەر خىل ناملار) دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ، بىباھا گۆھەر سۈپىتىدە قەدىرلىنىپ كەلگەن. ئالىم ئۆز كىتابى ئۈستىدە توختالغاندا ئىنتايىن زور ئىشەنچ بىلەن يازغان تۆۋەندىكى بېيىتلارمۇ بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىپ بېرەلەيدۇ:
پۈتۈن تۈرك، چىن، شەرق ئېلىدە دېمەك،
بۇنىڭدەك كىتاب يوق جاھاندا بۆلەك.
بۇنىڭدەك كىتابنى كىم ئېيتقان ئاۋۋال،
كېيىن كىممۇ ئېيتار بۇنىڭدەكنى دەل؟
كىم ئولسا بۇنىڭدەكنى يازارمۇ قېنى؟
يازغۇچى بار بولسا، مەن ماختاي ئۇنى.
دېمىسىمۇ، تا بۈگۈنگە قەدەر شۇ دەۋرلەردە مەيلى ئەرەب، مەيلى پارس ياكى ھىندىستان، جۇڭگولاردا بولسۇن، ھېچكىمنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» كە ئوخشاش بۇنداق مەشھۇر ئەسەرنى يېزىپ باققانلىقىدىن خەۋەرسىز تۇرۇپتىمىز ھەم بۇ كىتاب ئالىم ئۆزى ئېيتقاندەك ئۇلۇغ كىتابلاردىن بولمىغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭدىن ئاز كەم 1000 يىلغىچە يوقالماي ساقلىنىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.
تا ھازىرغا قەدەر بۇ ئەسەرنىڭ قايسى يىلى، نېمە سەۋەبلەر بىلەن قەشقەر تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر يوق. بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرغىچە بىزگە ئۈچ خىل نۇسخىسى يېتىپ كەلدى. بىرىنچى خىل نۇسخا، يەنى ۋېنا نۇسخىسى — بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخا بولۇپ، ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋېنادىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. بۇ A نۇسخىدۇر.
ئىككىنچى خىلى قاھىرە نۇسخىسى بولۇپ، 5400 بېيىتتە پۈتۈلگەن مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى «خىدىۋ» (ھازىرقى قىراللىق) كۈتۈپخانىسىدىن بايقالغانلىقىدىن شۇنداق ئاتالغان. بۇ B نۇسخىدۇر. ئۈچىنچى خىلى پەرغانە نۇسخىسى بولۇپ، ھازىرقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەرغانە ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى نەمەنگاندىن (نەمەنگان نۇسخىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تېپىلغانلىقتىن پەرغانە نۇسخىسى دەپ ئاتالغان، 6095 بېيىتتە پۈتۈلگەن. بۇ ئەسەرنىڭ C نۇسخىسىدۇر. ئەسەرنىڭ B، C نۇسخىلىرى تۆمۈرىيلەر دەۋرىدىكى چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان. ئەسەرنىڭ تىل تەۋەلىكى ۋە دەسلەپكى قېتىمقى ئاشكارىلىنىشىدىن قارىغاندا، بۇ ئەسەر تۆمۈرىيلەر دەۋرىدە چەتئەللىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ۋېنا نۇسخىسى مىلادىيە 1439-يىلى ئافغانىستاننىڭ ھېرات شەھىرىدە ھەسەن قارا سايىل شەمسى دېگەن كىشى تەرىپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن. شۇڭا، بۇ نۇسخا يەنە ھېرات نۇسخىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادىيە 1474-يىلى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە كەلتۈرۈلگەن، كېيىن ئاۋسترىيەلىك شەرقشۇناس ھاممېر پورگشتال تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، ئاۋسترىيەنىڭ ۋېنا شەھىرىدىكى ئوردا كۈتۈپخانىسىغا قويۇلغان. مىلادىيە 1796-يىلى ھاممېر پورگشتال تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلانغان.
پەرغانە نۇسخىسىنى تۇنجى قېتىم تاتار ئالىمى زەكى ۋەلىدى مىلادىيە 1914-يىلى پەرغانىنىڭ نەمەنگان شەھىرىدىكى مۇھەممەت ھاجى ئىشان لالەرىش دېگەن كىشىنىڭ شەخسىي كۈتۈپخانىسىدىن بايقاپ، بۇ توغرۇلۇق ئۇچۇر بەرگەن. مىلادىيە 1924-يىلى ئۆزبېك ئالىمى فىترەت بۇ نۇسخىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئەسەر توغرىسىدا ماقالە يازغان.
قاھىرە نۇسخىسىنى تۇنجى بولۇپ مەشھۇر رۇس ئالىمى رادلوف مىلادىيە 1896-يىلى بايقىغان. ئۇ ئەسەرنىڭ ۋېنا نۇسخىسى بىلەن قاھىرە نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ، ئەسەرنىڭ ترانسكرىپسىيەسى بىلەن نېمىسچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلدۇرغان.
«قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار ياۋروپادا XIX ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ قىزىق تېمىغا ئايلانغان. مىلادىيە 1827-يىلى فىرانسىيەلىك ژامبېرت-ئامېدى تۇنجى قېتىم مەتبۇئاتتا «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدىكى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنلىرىدىن قىسمەن بۆلەكلەرنى نەشر قىلدۇرغان. 1870-يىلى ۋېنگىرىيە ئالىمى ھېرمان ۋامبېرى «قۇتادغۇبىلىك» نى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ 1000 بېيىتىنى ترانسكرىپسىيەلەشتۈرۈپ، «ئۇيغۇر ئابىدىلىرى» دېگەن نامدا نېمىسچە نەشر ئىشلىگەن ۋە مەخسۇس لۇغەت تۈزگەن. 1890-يىلى رۇس شەرقشۇناسى رادلوف ۋامبېرى تەتقىقاتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىش نەتىجىسىدە ئەسەرنىڭ ئەرەب يېزىقىدىكى نۇسخىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر يېزىقىدا ترانسكرىپسىيە قىلىپ، ئىككى توملۇق كىتابچە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان. 1928-يىلى ئۆزبېك ئالىمى فىترەت پەرغانە نۇسخىسىنىڭ ئايرىم بۆلەكلىرىنى زۆرۈر ئىزاھاتلىرى بىلەن تاشكەنتتە ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلدۇرغان.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسىنى 1947-يىلى مەشھۇر تۈرك ئالىمى، تىلشۇناس رەشىت رەھمەتى ئارات (1900 – 1964) داستاننىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسىنى ئۈچ يىل سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈپ تولۇقلاپ، 13 مىڭ 290 مىسرالىق تولۇق تېكىستىنى نەشر قىلدۇرۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. 1957-يىلى كىتابنىڭ تۈركچە نۇسخىلىرى ئەنقەرەدە ئىككى قېتىم نەشر قىلدۇرۇلغان. 1972-يىلى ئۆزبېك ئالىمى قەييۇم كەرىموۋ داستاننىڭ پەرغانە نۇسخىسى بويىچە ئۆزبېكچە نەسرىي تەۋسىپىنى تاشكەنتتە نەشر قىلدۇرغان. 1979-يىلى ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر تۈركولوگ ئالىملىرىدىن گېڭ شىمىن ئەپەندى بىلەن ۋېي سۈييى خانىملار بىرلىشىپ داستاننىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇرغان. 1983-يىلى ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناس پىروفېسسورى روبېرت دانكوف داستاننى سۆز بېشى ۋە ئىزاھاتلىرى بىلەن ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. كىتابنىڭ باھاسى ئامېرىكىدا 100 دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. 1980-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىنوف ھامىت مەسئۇللۇقىدا «قۇتادغۇبىلىك» تەرجىمە-تەھرىر ھەيئىتى قۇرۇلۇپ، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسى مەرھۇم ئابدۇرېھىم تىلەشۈف ئۆتكۈر ئەپەندى، مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئەپەندى، مەرھۇم مەمتىمىن يۈسۈپ ئەپەندىلەرنىڭ ئەجىر قىلىشى بىلەن 1985-يىلى 5-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم نەشر قىلىندى. 1986-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن يەنە خاۋ گۇەنجۇڭ، جاڭ خوڭچاۋ ۋە ليۇ بىنلارنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى نەشر قىلىندى. 1991-يىلى ئالىملىرىمىزدىن ئابدۇشۈكۈر تۇردى، قادىر ئەكبەرلەر تەييارلىغان نەسرىي يەشمىسى مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىندى. 1992-يىلى تۇرغۇنباي قىلىچبېك، نۇروز ھۈسەين ئەلىلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسىدىن قىرغىزچە نەسرىي شەكلىگە ئۆرۈگەن تەرجىمە نۇسخىلىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھازىرغا قەدەر ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ھەر قايسى دۆلەت ئالىملىرى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىپ، تەرجىمە قىلىنىپ، تۈركچە، ئۆزبېكچە، قازاقچە، مانجۇچە، قىرغىزچە، رۇسچە، نېمىسچە، ئىنگلىزچە تىللاردىكى تولۇق تەرجىمىلىرى، ئۇكرائىنچە، ياپونچە تولۇق بولمىغان تەرجىمىلىرى ئىشلىنىپ دۇنياغا كەڭ تارقالدى، شۇنىڭدەك بۇ داستان ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى خەلقئارا ئورۇنغا كۆتۈرۈشتە غايەت زور رول ئوينىدى. ھازىرغا قەدەر «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدا بىر قېتىم خەلقئارالىق، ئۈچ قېتىم مەملىكەتلىك مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.
مەشھۇر يازما يادىكارلىق «قۇتادغۇبىلىك» مەزمۇن جەھەتتىن ئىلىمنىڭ ھەممە ساھەسىگىچە چېتىلغان شېئىرىي تىلدىكى داستان بولۇپ، ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئاسترونومىيە، تەبىئەت پەلسەپىسى، ئالگېبرا، گېئومېتىرىيە، قانۇن-سىياسەت، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئەلنى ئىدارە قىلىش، ئەدەبىيات-سەنئەت، پىسخولوگىيە، پېداگوگىكا، ئۇسلۇبشۇناسلىق (ئىستىلىستىكا)، ئائىلە-نىكاھ، ئاممىۋى مۇناسىۋەت، ئەدەپ-ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاق، ھەربىي-سىپاھلىق، تىلشۇناسلىق، سېلىشتۇرما ئەدەبىيات، ئېتىكا، تېبابەت، ئوزۇقلۇق ئىلمى، مەدەنىيەت، تارىخ، مېتودولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە مەخسۇس توختىلىپ ئۆتكەن، ئىدىيە جەھەتتىن دەۋردىن ھالقىغان مەنىۋى مىراستۇر.
XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن XX ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل ناملار بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئەجنەبىيلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى دەۋرلىرىگە تەئەللۇق بولغان نۇرغۇنلىغان بىباھا مىراسلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كەتكەن. گېرمانىيە ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تۈركشۇناس گابائېن خانىمنىڭ (A. von Gabain) مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يەتتە چوڭ ئىشكاپى گېرمانىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان تۆت قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيە ۋە ئارخېئولوگىيە ئەترەتلىرى تەرىپىدىن تېپىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن تولغان. بۇ ئاددىي بىر مىسال. يەنە لوندون، توكيو، ستوكھولم، پارىژ، موسكۋا قاتارلىق شەھەرلەردىكى مەشھۇر كۈتۈپخانا ۋە مۇزېيلاردا قانچىلىك بارلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، دۇنيا خەلقىنىڭ مەڭگۈلۈك تەتقىق قىلىشىغا ئەرزىيدىغان قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئانا تۇپرىقىغا قايتىپ كېلەلىگەنلىكىنىڭ ئۆزى بىر چوڭ غەنىيمەت.
مەنبە: ساھىبقىران بىلوگى
f1dy2es6wjbk4aaspjgymsjek9rxon9
ناتىۋان (شېئىر)
0
24740
176572
2026-10-07T20:01:07Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''چىمەنگۈل ئاۋۇت''' زەيتۇن چىشلەپ ئۇچۇپ كەلگەن كۆك كەپتەر، بۇغ-بۇغ قىلىپ چۆرگىلەيدۇ بېشىمدا. بىر بۇردا نان ئۇۋاپ بەرگەچ ئولتۇرۇپ، قانىتىنى يۇيۇپ قويدۇم يېشىمدا. چاچلىرىمنى ئەشتىم ئالتۇن يىپ قىلىپ، يوپۇرماقنى تۇمار قىلدىم بوينىغا. ئىسرىق سالدىم نېمىشق...'
176572
wikitext
text/x-wiki
'''چىمەنگۈل ئاۋۇت'''
زەيتۇن چىشلەپ ئۇچۇپ كەلگەن كۆك كەپتەر،
بۇغ-بۇغ قىلىپ چۆرگىلەيدۇ بېشىمدا.
بىر بۇردا نان ئۇۋاپ بەرگەچ ئولتۇرۇپ،
قانىتىنى يۇيۇپ قويدۇم يېشىمدا.
چاچلىرىمنى ئەشتىم ئالتۇن يىپ قىلىپ،
يوپۇرماقنى تۇمار قىلدىم بوينىغا.
ئىسرىق سالدىم نېمىشقىكىن بىلمەيمەن،
ئارچا بىلەن سۈزۈك ئالما قېقىدا.
ئالقىنىمنى كەڭ ئاچسام ئۇچسۇن دەپ،
ئۇ ناتىۋان بۇغۇلدىدى پىغانلىق.
ئىشىكىنى ئېچىپ بەرسەم قەپەزنىڭ،
كىرىپ كەتتى ئىزدىگەندەك ئاراملىق.
dhny3gef55man2i3y2wcl8od492kwt7
تورغاي (شېئىر)
0
24741
176573
2026-10-07T20:02:39Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''چىمەنگۈل ئاۋۇت''' كۆيۈشكەن تېرەكلەر، قۇرىغان گۈللەر، يۈرەكنى قۇرۇتتەك غاجايدۇ تىنماي. ئەركەكلەر قېنىدىكى خۇمارلىق ئازاب، قەپەزگە سولانغان ناتىۋان تورغاي. تەلۋە بىر ئايالنىڭ پاكىزلىقىدەك، رېئاللىق ۋەسلىدە قاينايدۇ خورلۇق. كىمگىدۇر ئېسىلىپ يىغلىۋا...'
176573
wikitext
text/x-wiki
'''چىمەنگۈل ئاۋۇت'''
كۆيۈشكەن تېرەكلەر، قۇرىغان گۈللەر،
يۈرەكنى قۇرۇتتەك غاجايدۇ تىنماي.
ئەركەكلەر قېنىدىكى خۇمارلىق ئازاب،
قەپەزگە سولانغان ناتىۋان تورغاي.
تەلۋە بىر ئايالنىڭ پاكىزلىقىدەك،
رېئاللىق ۋەسلىدە قاينايدۇ خورلۇق.
كىمگىدۇر ئېسىلىپ يىغلىۋال مەيلى،
شۇنداقتىمۇ بىر تېمىم چىقمايدۇ ھاردۇق.
قاسساپتەك تىغ تۇتۇپ ياشىغۇڭ كېلەر،
سېغىنىپ قالىسەن ئەركىڭنى بەلكىم.
ئادەملەر كۆنۈپ كەتكەن شۇنداق ياشاشقا،
تۇرمۇشنىڭ قەھرىمانى بولالماس ھېچكىم.
26omyi2ilorxhji3kvodgfwblllla7d
يەپتۇدەك (شېئىر)
0
24742
176574
2026-10-07T20:12:20Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت 'مۇھەممەتجان راشىدىن ئۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك، چۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك، تالاي تەنقىد - تەنبىھلەر بېرىلسىمۇ يەپتۇدەك. يەپ ئۆگەنگەن دەيۈزلەر تارتمايدىكەن ئۆزىنى، يېقىنلىرى «يېمە ! » دەپ يېلىنسىمۇ يەپتۇدەك. ئالىدىكەن يالغاندىن قوبۇل قىلىپ پىكىرنى، ئالىدىكەن ئۆزى...'
176574
wikitext
text/x-wiki
مۇھەممەتجان راشىدىن
ئۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك، چۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك،
تالاي تەنقىد - تەنبىھلەر بېرىلسىمۇ يەپتۇدەك.
يەپ ئۆگەنگەن دەيۈزلەر تارتمايدىكەن ئۆزىنى،
يېقىنلىرى «يېمە ! » دەپ يېلىنسىمۇ يەپتۇدەك.
ئالىدىكەن يالغاندىن قوبۇل قىلىپ پىكىرنى،
ئالىدىكەن ئۆزىدەك چاشقانلاردىن ئۇچۇرنى،
ئۆگىنىپتۇ قوشۇپ يەپ قانائەتنى،«شۈكۈر ! »نى،
ھېسابىدا ئارتۇق، كەم كۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك.
شېرىنكانە بىرىدىن، تامغا ھەققى بىرىدىن،
جايلايدىكەن قورقماستىن ئېپى كەلگەن يېرىدىن،
ئۇنداقلارنىڭ خۇش ئىكەن خوتۇنلىرى ئېرىدىن،
خوتۇنلىرى چاندۇرۇپ كېرىلسىمۇ يەپتۇدەك.
يىلدا خوتۇن يەڭگۈشلەپ يۈرگەنلەرمۇ شۇلاركەن،
بايلىق ئۈچۈن، پۇل ئۈچۈن ئۆلگەنلەرمۇ شۇلاركەن،
نەدە تاۋكا؟! شۇ يەردە ئۈنگەنلەرمۇ شۇلاركەن،
نەچچە ئۆلۈپ تاۋكادا، تىرىلسىمۇ يەپتۇدەك.
نەچچە يەردە ئۆيى بار، نەچچە يەردە داچىسى،
بىر ئاشنىسى «سىڭلىسى»، بىرى يالغان ئاچىسى،
خەجلەيدىغان پۇلىنىڭ يۈز كويلۇقتۇر پارچىسى،
تۇغقانلىرى تەشۋىشتە «بەس ! » دېسىمۇ يەپتۇدەك.
ۋىجدان بىلەن ئىنساپ يوق سۈرۈشتۈرسەڭ تېگىنى،
يېگەنلەرنىڭ يالغاندۇر «خۇدا بەردى !» دېگىنى،
يەتمىگەندەك ۋاي تېخى، ياشلىقىدا يېگىنى،
بەزىلىرى ئۇلارنىڭ قېرىسىمۇ يەپتۇدەك.
بىر سەتەڭگە بۇزۇلۇپ ئاخىر رەسۋا بولغاندەك،
كۈندە سۇنماي كوزىمۇ ئاخىر بىر كۈن سۇنغاندەك؛
گاھى چاغدا كۆڭلى غەش خۇددى پوق يەپ قويغاندەك،
تاغدەك تەشۋىش ئۆزىنى قىينىسىمۇ يەپتۇدەك.
ئۆلەمدىكىن ئۇنداقلار زادى پارا يېمىسە،
قىلامدىكىن خىيانەت ئۇلار يولدىن تېنىسە؟
يا بەختلىك بولمامدۇ بىر ئۆزىنى دېمىسە؟
ئۇ ۋە لېكىن، باشقىلار يېمىسىمۇ يەپتۇدەك.
شۇلار بۇزماي كىم بۇزدى بىزدە تۈزۈم، ئەخلاقنى؟
ئېچىپ بەردى شەيتانغا ئىشىك بىلەن قاپقاقنى،
باشلاپ بېرىپ ئاشۇلار باغدىن غورا قاقماقنى ...
ئەل ئۇلارنى ھەر كۈنى تىللىسىمۇ يەپتۇدەك.
ئىچ ئاغرىتماڭ ئۇلارغا، قانۇن سوتقا تارتقانغا،
تۈلكە چۈشەر ئاخىرى قۇۋ بولسىمۇ قاپقانغا،
ھەيران بولماڭ ھەر قېتىم بىر، ئىككىنى ئاتقانغا،
چۈنكى، چىتقا چاۋىسى يېيىلسىمۇ يەپتۇدەك.
bybhm3yy187ov65vusb24vmedky2m20
ئۆزۈڭنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالما (شېئىر)
0
24743
176575
2026-10-07T20:13:31Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''مۇھەممەتجان راشىدىن''' بالام، يالغۇز ئۆزۈڭنى ئويلايدىغان بوپقالما، ئىش - ئوقەتكە مەيلى يوق، ئوينايدىغان بوپقالما. سارايلارغا سازاۋەر بولغاندىمۇ ئۆمۈرلۈك، گەمىلەرنى ياقتۇرماي، قونمايدىغان بوپقالما. پېشايۋاندا كۆك كەپتەر يارىشىقى ھويلاڭنىڭ، دەرگاھ...'
176575
wikitext
text/x-wiki
'''مۇھەممەتجان راشىدىن'''
بالام، يالغۇز ئۆزۈڭنى ئويلايدىغان بوپقالما،
ئىش - ئوقەتكە مەيلى يوق، ئوينايدىغان بوپقالما.
سارايلارغا سازاۋەر بولغاندىمۇ ئۆمۈرلۈك،
گەمىلەرنى ياقتۇرماي، قونمايدىغان بوپقالما.
پېشايۋاندا كۆك كەپتەر يارىشىقى ھويلاڭنىڭ،
دەرگاھىڭدىن ئامەتنى قوغلايدىغان بوپقالما.
ئەقىل دېگەن ئىنساننىڭ ئەزىز جېنى يەنە بىر،
يامانلارنى«ياخشى» دەپ قوغدايدىغان بوپقالما.
بولۇپ چىقتى نائەھلى ئۆگەنگەنلەر نان ئىلغاپ،
دېھقان تۇرۇپ سەنمۇ، نان ئىلغايدىغان بوپقالما.
قوغۇن تەرسەڭ باش - بۇرنى كۆپنىڭ بولسۇن ئەڭ ئاۋۋال،
قوغۇن تېرىپ بىر خەمەك تىلمايدىغان بوپقالما.
چاشقانلىرى نەپسىڭنىڭ پۇل كەينىدىن قۇترىشىپ،
خۇدا بەرگەن رىزقىڭغا تويمايدىغان بوپقالما.
دۇنيا يىغساڭ يىغ مەيلى، تەڭرى بەرسۇن ۋە لېكىن !
ئاتاڭغىمۇ بىر توخلا سويمايدىغان بوپقالما.
تارتىپ كۆرەر تۈنلەردە ئىشىكىڭنى ئېزىتقۇ،
ئىشىكىنى قەلبىڭنىڭ ئىلمايدىغان بوپقالما.
ئەمەل تۇتساڭ ئەل تۇرسۇن ئۆز ئاناڭدەك يادىڭدا،
دەردمەن كەلسە ھال ئېيتىپ، تىللايدىغان بوپقالما.
قېچىپ يۈرەر ياخشىلار ھەر دوقمۇشتا شەيتاندىن،
سەن شەيتاننى، ئەكسىچە چىللايدىغان بوپقالما.
ئۆز بېغىڭدا گۈل تۇرۇپ تۈمەن گۈلگە بەرگۈسىز،
ئۆزگىلەرنىڭ بېغىدىن خىللايدىغان بوپقالما.
ئادالەتنىڭ ناخشىسى ياقمايدىغان يۈرەك يوق،
ياقمايدىغان ناخشىنى تولايدىغان بوپقالما.
ئالقىنىڭنىڭ پاكلىقى دەرگاھىڭغا شەرەپشان،
يانچۇقىنى پۇقرانىڭ كولايدىغان بوپقالما.
يېڭى ئەسىر سېنىڭدىن يېڭى ياشلىق كۈتمەكتە،
ئىختىرا قىل، ئىجاد قىل، دورايدىغان بوپقالما.
ياشانغاندا ياخشى نام ئالالماستىن ئالەمدىن،
بارمىقىڭنى پۇشماندا شورايدىغان بوپقالما.
iqdovrd2y4ckknlw16sxncbhrblcfno
ئىككى نەسر
0
24744
176576
2026-10-07T20:15:40Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار''' == قەلەندەر == تىلىسەڭمۇ تىلەرسەن ناننى، ئالالمايسەن ئەمما جاھاننى. سېنىڭ يۈدۈۋالغىنىڭ خۇرجۇن، كۈتۈرۈۋالغىنىڭ ساپايىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ غېمى. باشقىلارنىڭ ئەمەس ئۆزۈڭنىڭ كىچىككىنە جېنى. شۇڭىمۇ سايەڭدەك يەڭگىل بەخت قوينىدا ئۆ...'
176576
wikitext
text/x-wiki
'''ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار'''
== قەلەندەر ==
تىلىسەڭمۇ تىلەرسەن ناننى،
ئالالمايسەن ئەمما جاھاننى.
سېنىڭ يۈدۈۋالغىنىڭ خۇرجۇن، كۈتۈرۈۋالغىنىڭ ساپايىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ غېمى. باشقىلارنىڭ ئەمەس ئۆزۈڭنىڭ كىچىككىنە جېنى. شۇڭىمۇ سايەڭدەك يەڭگىل بەخت قوينىدا ئۆزۈڭنى قەتلە قىلىپ، ئەڭ ئاجىز بەندىلەر سىياقىدا دۇنياغا يۈكۈنىسەن، تاش ئادەملەرگە قول سۇنىسەن. بىر بۇردا نان، پارچە - پۇرات پۇل - پۇچەك ئۈچۈن سۈبھىدىن شامغىچە غۇرۇرۇڭنى مىڭ مەرتەم پايخان قىلىسەن. ئادەم تۇرۇپ ئادەملەرگە ئېگىلىسەن، پۈكۈلىسەن، تۈگۈلىسەن. گاھىدا تېخى تىل - ھاقارەت، دەشنام ئوقلىرىدىن مىڭ تىرىلىپ، مىڭ ئۆلىسەن.
ئۆلىسەنۇ، ئۆلىسەن، بەزەن - بەزەن كۈلىسەن،
ئېتىقادنى قۇل قىلىپ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن.
شۇنداق، سەن ھەربىر قەدىمىڭدە خۇنۈك تەبەسسۇم جىلۋىسىدىن تاشتەك قېتىپ كەتكەن باغرىڭنى دارغا ئېسىپ، ئىپپەت سارىيىڭنى تەرك ئېتىسەن. شۇڭا ئوق يېسەڭمۇ، پوق يېسەڭمۇ سايەڭگە ئەگىشىپ، چۈشۈڭنىڭ پىشىگە ئېسىلىسەن. ئەمەلىيەتتە چۈشلىرىڭمۇ شۇنچە بىچارە. ئۇنىڭدا قۇياش بولۇپ نۇر چاچىدۇ نان، سېتىلسىمۇ ئىززەت - ئېكرام، شان !شۇڭىمۇ سەن كۈچۈكلىنىسەن، تەلمۈرىسەن، كىشىلەر ئىشىكىدە قار بىلەن يۇيۇنۇپ، ئاپتاپ بىلەن قاقلىنىسەن. ئەمما بىر ئۆمۈر تىلىسەڭمۇ ئادەملىكنى ئىسپاتلىيالمايسەن. چۈنكى خۇرجۇنۇڭدىكى ئېتىقاد ئەمەس نان، تىلىگىنىڭ ھېكمەت ئەمەس نان. چالغىنىڭ ھاياتلىق مارشى ئەمەس، نان تېپىش كۈيى.
ناننى يېسەڭ قۇتقۇزار جاننى،
پاكلالمايسەن ئەمما ۋىجداننى.
تىلەپ باق ! خۇرجۇنىڭ توشسا توشىدۇكى، ئەقلىڭ تولمايدۇ. بىلىشىڭ كېرەككى، سەن تىلەپ جېنىڭنى قۇتقۇزغان بىلەن روھىڭنى ئۆلتۈرىسەن. سېنىڭ قول كۆتۈرۈشلىرىڭ، پىچىرلاشلىرىڭدا بىچارىلىك، ئاجىزلىق ۋە مەغلۇبلۇق تۆكۈلۈپلا تۇرىدۇ. تەڭرى ئەزەلدىن لالما ئىتقا ياخشى كۈننى بەرگەن ئەمەس. ئەمدى سەن ئېتىقادىمنىڭ ئىنئاملىرىغا قۇلاق سال ! ئۆزۈڭنى باشقىلارنىڭ قەلبىدىن ئىزدىمەي، ئۆزۈڭدىن ئىزدە !رېئاللىقىڭنىڭ قۇرۇپ كەتكەن قىسمەتلىرىگە ئوت قوي !مەينەت ئارزۇيۇڭ ۋ سارغايغان بىچارە يۈرىكىڭ كۆيۈپ كۈل بولسۇن !خۇرجۇن ۋە ساپايەڭدىن بىخسىپ، كۆكىرىپ كەتكەن تۇيغۇلىرىڭ ئەمەس، قۇياشنىڭ تال - تال نۇرلىرى چېچىلسۇن !شۇندىلا يوللىرىڭدىن ئۆزۈڭنى تاپالايسەن، ئىزلىرىڭدىن سىياھىڭنى كۆرەلەيسەن. بولمىسا ئۆمۈرۋايەت ئىززەت - ھۆرمەتكە نائىل بولالمايسەن.
== مېنىڭ تىلىم ==
ئانا تىلىم _ ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇرنىڭ قېنى،
قېنى نېمە؟ ھاياتلىقى، بارلىقى جېنى.
مېنڭ تىلىم مېنى تەۋەللۇت قىلغان، تەمتەم قەدەملىرىمدە مۇزىكا كۈيلىرىدەك زۇۋان ۋە ھېس - تۇيغۇ، ئىزگۈ ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلغان خاسىيەتلىك تىل. ئۇ ئانام روھىدەك پاك ۋە غۇبارسىز تىل. ئۇنىڭ مەنە كەڭلىكىدە خۇددى دېڭىزدىكى يەلكەندەك ئەركىن ئۈزگىنىمدە ئۆزۈمنى گويا كۆكتىكى قىران بۈركۈتتەك چەبدەس ۋە غالىب ھېس قىلىمەن. ئۇنىڭ بىلەن نەپەسلىنىمەن، ئوزۇقلىنىمەن. ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ۋە كەڭ دۇنيانى كۆرىمەن. خىيال يىپلىرىمنى كەشتە قىلىپ توقۇيمەن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك تىلىم ۋە دىلىم.
مېنىڭ تىلىم مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ كاپالىتى ۋ ھىمايەتچىسى. ئۇ خۇددى كەلكۈن سۈيىدەك كۆڭۈل ئېتىزىمغا قويۇلۇپ، مېنى قاغجىراق جەزىرىدىن كۆكلەم بەزمىسىگە ئېلىپ كىرىدۇ. مېنىلا ئەمەس قوۋم - قېرىنداشلىرىمنى ئۆزگىچە ئاھاڭى بىلەن بېزەيدۇ. گويا دۇنيا سەھنىسىدىكى مەشھۇر سەنئەتكارلاردەك خەلقى ئالەمگە تونۇتىدۇ. چۈنكى مېنىڭ تىلىم سەنئەتلىك، مۆجىزىلىك تىل. ئۇ بىر قارىسا تاغ سۈيىدەك شوخ ۋە ئويناق تىل. بىر قارىسا تاغ لەيلىسىدەك گۈزەل ۋە سىپايە تىل. بىر قارىسا دالا تورغىيىنىڭ ناۋاسىدەك يېقىملىق ۋە ساددا تىل. شۇڭىمۇ ئۇنىڭسىز بۇ جاھان ماڭا زۇلمەت تۈن. ئۇنىڭسىز مەن پاڭ. ئۇنىڭسىز مەن توكۇر. ئۇنىڭسىز مەن گاچا. ئۇنىڭسىز مەن بىر يېتىم. ئۇنىڭسىز مەن ...
مېنڭ تىلىم مېنىڭ يىلتىزىم. ئۇنىڭدا ئەجدادلىرىمنىڭ تەۋەررۈك روھىي دۇنياسى يىللار پايانىدا ئاقار يۇلتۇزدەك يېيىلىپ، كۆكلەم جىلۋىسىنى كۆرسەتسە، رېئاللىقىمدا خۇددى بۇلبۇل كەبى يېقىملىق ناۋا ۋە ئاھاڭى، چۈچۈك تىللىرى بىلەن قۇشلار دۇنياسىنىڭ نەزمىگاھىغا ھۆسن قوشۇپ، ئالەمچە شۆھرىتى ۋە ھېكمىتىنى نامايان قىلىدۇ. ئەۋلادلارغا تارىخنى، ئاتا - ئانىنى، ئىنساننى ۋە ھەممىنى تونۇتىدۇ. بىلمىگەننى بىلدۈرىدۇ، ئۆگىتىدۇ. ئۇلارغا تۈن قوينىدىكى نۇرلۇق ماياكتەك يول كۆرسىتىدۇ. قەلبلەردىن قەلبلەرگە يول ئېچىپ، رىشتىلەرگە مېھىر سۈيىدىن ئابى زەمزەم ئىچكۈزىدۇ.
مېنىڭ تىلىم شۇنداق قۇدرەتلىك بىر تىلكى، ئۇنىڭدا ئوغۇزخاندىن تارتىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى، ئەلىشىر نەۋائىي، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى ۋە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگىچە ... ھەممە، ھەممە ئەقىل - ھېكمەت نۇرلىرىنى دۇنيا مەدەنىيىتىگە چاچقۇ قىلىدۇ. شۇ تىل بىلەن خىسراۋ دېھلىۋىي، شەيخ سەئىدى .... لەر سېپىدىن ئورۇن ئالىدۇ. شۇ تىل بىلەن تۈندەك دىللارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلسا، كۆڭلى قارىلارنىڭ زۇلمىتىگە تەۋپىق، ھىدايەت نۇرىنى سېپىدۇ. شۇ تىل بىلەن مېھىر - مۇھەببەتنى، دىيانەتنى، ساداقەتنى ۋە ساپ ھېس - تۇيغۇنى كۈيلەيدۇ، ئۇلۇغلايدۇ. رەزىللىك، ئىپلاسلىق ۋە پاسىقلىقنىڭ گۆرىنى قازىدۇ. يىراقنى يېقىن، دۈشمەننى دوست قىلىدۇ. شۇ تىل بىلەن خەلقىم ئانا تۇپراق باغرىدا يىلتىز تارتىپ، كۆككە بوي سوزغان كاتتا قامەتلىك دەرەختەك باراقسانلايدۇ. قۇياشقا يېقىنلىشىدۇ. چۈنكى بۇ مېنىڭ تىلىم، روھىم ۋە دىلىم.
ئۇيغۇر تىلى مەن دېمەك، مەن ئۇيغۇرنىڭ ۋارىسى،
ئۇيغۇر تىلى روھ مۈلكىم، قارىچۇقۇمنىڭ قارىسى.
مېنىڭ تىلىم بالغا ئوخشاش تاتلىق تىل. ئۇنىڭدا بوۋاي، مومايلارمۇ، ئوتتۇرا ياشلىقلارمۇ، بالىلارمۇ، دېھقان - چارۋىچىلار ۋە زىيالىيلارمۇ پىچىرلىشالايدۇ. كۆڭۈللىرىدىكى مەقسەت - مۇددىئالىرىنى بىر - بىرىگە ئىزھار قىلالايدۇ. ئاشىق - مەشۇقلار ئەڭ يوشۇرۇن، پىنھان ئىچكى سىرلىرىنى كۆڭۈل كۆلىگە تۆكەلەيدۇ. دەردمەنلەر تاغدەك دەرد - غېمىنى، ئىزگۈ تىلەكلىرىنى، مۇڭىنى ساتارنىڭ ئاۋازىدا تىڭشىيالايدۇ. مۇشۇ تىلىم يۇمشاق ۋە مېھرىبانلىقى بىلەن، ھۆرپىيىشىپ تۇرغان رەقىبلەرنى پەسكويغا چۈشۈرەلەيدۇ. رەقىبلەرنىڭ قىلىچىنى قىنىغا سولىيالايدۇ. تاشتەك دىللارنىڭ باغرىنى ئېرىتىپ يۇم - يۇم يىغلىتالايدۇ. مۇزلاپ كەتكەن كۆڭۈللەرنى ھارارىتى بىلەن ئىللىتالايدۇ. يېقىشلىقى بىلەن دۇنيانى ئۆزىگە رام قىلالايدۇ. مانا بۇ مېنىڭ تىلىم. شۇڭىمۇ مەن ئانا تىلىم _ ئۇيغۇر تىلى بىلەن پەخىرلىنىمەن، سۆيۈنىمەن. ئۇنى قۇياشتەك بۈيۈك ۋە يۈكسەك ئورۇندا كۆرىمەن. جىمى مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقات ئۆزىنىڭ سۈر، ھەيۋىسى ۋە شۆھرەت، شەرەپلىرى بىلەن ماختانسا، مەن ئانا تىلىم بىلەن ماختىنىمەن. ئۇنى دۇنيادىكى ھەرقانداق نەرسىگە تەڭ قىلمايمەن، ھەتتا بىر تاۋۇشنىمۇ تۇتىيا بىلىپ كۆزۈمگە سۈرىمەن.
مېنىڭ تىلىم بارلىقىم، ھاياتىم ئۇ ماماتىم،
ساما ئارا ئۇچۇشتا گويا ئىككى قاناتىم.
مېنىڭ تىلىم مېنى بۈگۈنگە ئۇلىغان ئۇلۇغ ۋە ھىممەتلىك تىل. ئۇنىڭدا ئۆتمۈشمۇ، بۈگۈنمۇ، كەلگۈسىمۇ بار.
ئېھ جانىجان ئانا تىلىم، پاسىبانىم ئۇيغۇر تىلى. مەن سېنىڭ كېسەلمەن ھالىتىڭنى كۆرگىنىمدە نېمىشقىدۇر پىچاق يېگەن ئۆكۈزدەك، قۇمدا قالغان بېلىقتەك تېپىرلاپ كېتىمەن ۋە سېنى سۆيمىگەن، قەدىرلىمىگەن، ئىززەت - ئېكرامىڭنى قىلمىغان تۇزكورلارنىڭ نادانلىقىغا ئېچىنىمەن. ئۇلارنىڭ دۆتلىكىگە نەپرەتلىنىمەن. چۈنكى ئۇلار ئانىنىڭ قەدرىنى بىلسە ئىدى - ھە، سېنى ھەرگىزمۇ نائۈمىدتە قويمىغان بولاتتى. ئەمەلىيەتتە ئانا تىلنى سۆيۈش ۋە قوغداش ئۆزىنى سۆيگەن، قوغدىغان بىلەن باراۋەر ئەمەسمۇ؟
ئەگەر بىز سەندىن ئايرىلساق نېمىگە ئوخشاپ قالارمىز؟ بىلىمەن: شاتۇت دوراش بىلەن بۇلبۇلنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ. سېنىڭ گۈلىستانلىقىڭدا بۇلبۇللار يەنىلا سەن ئۈچۈن ئۇۋا ياسىماقتا، سەن ئۈچۈن خەندان ئۇرماقتا. ئىپتىخار بىلەن سېنى چاقىرماقتا. مانا بۇ مېنىڭ روھىم، مانا بۇ مېنىڭ تىلىم. مانا بۇ ئۇيغۇر تىلى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرغا ئەڭ قەدىمىي ئانا تىل،
تارىخ بىلەن بۈگۈننى چېتىشتۇرغان، ئۇلىغان.
قەدرىن بىلسەك ئەسلىدە جاھان ئەھلى بىزلەرنى !
شەۋكىتىڭدىن، شانىڭدىن ئۇلۇغلىغان، تونۇغان.
o86ojsbtvq3vdo5sr37vrfh0101p1wy
ئۇيغۇر تېبابىتى (شېئىر)
0
24745
176577
2026-10-07T20:18:15Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت '(مۇخەممەس) '''تۇرغۇن يىلتىز''' پۈتۈن ئالەمدە شۆھرەتلىك، چېۋەر ئۇيغۇر تېبابەتتە، مەئىشەت، ئۇلى سەنئەتلىك، ئىجاد يۈكسەك پاراسەتتە، داۋالاش كۈچى قۇدرەتلىك، سىرى رېتسېپ، كارامەتتە، ئەجىر- تۆھپىدە نۇسرەتلىك، ھامان كاتتا ئىناۋەتتە، ئىگە تارىخقا ھۆججەتلىك،...'
176577
wikitext
text/x-wiki
(مۇخەممەس)
'''تۇرغۇن يىلتىز'''
پۈتۈن ئالەمدە شۆھرەتلىك، چېۋەر ئۇيغۇر تېبابەتتە،
مەئىشەت، ئۇلى سەنئەتلىك، ئىجاد يۈكسەك پاراسەتتە،
داۋالاش كۈچى قۇدرەتلىك، سىرى رېتسېپ، كارامەتتە،
ئەجىر- تۆھپىدە نۇسرەتلىك، ھامان كاتتا ئىناۋەتتە،
ئىگە تارىخقا ھۆججەتلىك، تازا، ئىلمىي لاياقەتتە.
قاچانكى، تەندە ئەجدادلار كېسەللىك ھەم يارا تاپتى،
شۇنىڭدىن سوڭرە، ئىزدەشنى ئامال، چىن مۇددىئا تاپتى،
ھاياتلىق جىسمىنى بايقاپ سۇ، ئوت، تۇپراق، ھاۋا تاپتى،
سوغۇق، ئىسسىق، قۇرۇق، ھۆل ئىلكىدە ھەر كىم شىپا تاپتى،
خالاسكار يۇلتۇزى چاقناپ كۆكى تۈرلۈك تەبىئەتتە.
خىلىتلار تەلىماتى: قانۇ سەپرا، سەۋدا، بەلغەمدۇر،
يەنە مەزمۇنى روھ، قۇۋۋەت، مىزاج، ئەزامۇ ھەمدەمدۇر،
تولا توم-توم دىۋانلاردا داۋا چەشمىسى زەمزەمدۇر،
ساۋاق - تەجرىبە ئوكيانى، رىسالە مىسلى ئەزەمدۇر،
بىشى ئۈچ مىڭغا ئۇلاشقان ئىلىمدۇر بۇ مۇشەققەتتە.
تېۋىپ، ئەمچى، باھادىر ئاتا ساغۇنلارغا تىپ غازباي،
چىۋا، كومراجىۋا، گەنجۇ قاغىن، باشلاقنى كۆر، ئايھاي!
ئەبۇنەسىر فارابى ھەم ئىبىنسىنا، تارىم... نۇر - ئاي،
خوتەنىي، قەشقەرىي، ھاجىپ، مۇرات... يوللىرى ھاڭغىرقاي،
خەزىنە بولدى تەۋەررۈك مىراسلاردىن بالاغەتتە.
«كاتالوگلار»، «مۇجەررەپ نۇسخىلار» قالدى سادىر مىشتىن،
ھەدىيە «دەستۇرۇلئىلاج»، شۇ سۇلتان ئەلى دانىشتىن،
ياراتتى «تەجرىباتى تېببىيە» ئوسمان ئىجاد - ئىشتىن،
تەجەللىي پۈتتى «رېتسېپلار» دېبان توپلام كەچۈرمىشتىن،
مۇھەممەد ئىختىرا ئەتتى «... قۇلۇپ»لارنى جاسارەتتە ...
يېقىن تارىختا ئەجمالخان، يۈسۈپ، تۇردى... ياشاپ ئۆتتى،
باياخۇن، ئەمەت ھاجى، ھەزرىتىم ... ناملىق جاناب ئۆتتى،
ئەزەمخان، ئەمچى سامساقباي... كېسەللەرگە قىماپ ئۆتتى،
مۇتىللا، ئاخۇنۇم، ئىنايىتۇللا... دىن ساۋاب ئۆتتى،
يۈسۈف ئابدۇلھىمىد نادىر ئەسەر يازدى پاساھەتتە...
سىناق- تەجرىبىلەر ئازمۇ زامانى تەيپۇنەملەردىن؟!
نەمۇنە ئۈلگىلەر كەممۇ كلاسسىك، پېشقەدەملەردىن؟!
قۇت ئاتتى كۈنسېرى ئۇشبۇ كەسىپ سانسىز تۆلەملەردىن...
دەرىخ! قانچىسى ئۆتكەندۇ باھادىر مۆھتەرەملەردىن،
بېغىشلاپ ئۆمرىنى ئەل بەختىگە چەكسىز ھېدايەتتە؟!
سوراپ قالساڭ: ئىلىم ئۇيغۇر تېبابەتتە بۆلەك، دەيدۇ،
مۇرەككەپ، يەككە ئەزاغا بۆلۈش تەننى كېرەك، دەيدۇ،
تەئەللۇق يەككىگە مۇسكۇل، تومۇر، پەي، چاچ، سۆڭەك... دەيدۇ،
مۇرەككەپكە مېڭە، ئۆپكە، جىگەر، بۆرەك، يۈرەك... دەيدۇ،
رەئىس ھەم خادىمىي ئەزا تۇتار جاننى نازارەتتە...
تېۋىپلار كۆپ كېسەللىكنى چىرايلاردىن قاراپ بىلگەي،
تومۇر تۇتماق ئاجايىپ سىر، ئاسارەتنى پۇراپ بىلگەي،
بەدەنلەرنى تۇتۇپ- سىيلاپ، يەنە ئەھۋال سوراپ بىلگەي،
ئېدىتلاپ چىقىرىندى ماددىنى، توغرا، روياپ بىلگەي،
ئىلىم ئەھلىگە ئىنساننىڭ جىمىي تۇرقى بىشارەتتە...
داۋالاش ئۆزگىچە: روھىي ئالامەتلەر مىزانغا باش،
ھاۋا يۆتكەش، قۇۋۋەت ساقلاش، قۇياشنىڭ نۇرىغا قاقلاش،
قىلىش ھوقنە، چۈشۈش ئارشاڭۇ قۇمغا، ئۇۋۇلاش، داغلاش،
تېڭىش، دەستكار، ئۇرۇش نەشتەر، قويۇش لوڭقا، بېرىش ئوتياش...
مۇدام بىسيار ئۇسۇل ئۈزرە سالامەتلىك كاپالەتتە.
ئۆسۈملۈك، ھايۋانات، مەدەن تۈمەن خىل دورىغا ئەشيا،
قىيام، شەربەت، ئەرەق، كاشكاپ، سۇاۇپ، سىركەنجىۋىل ئۇختا،
جاۋارىش، ئىترىفىل، مەجۈن، لوئوف، ھەب، قۇرسى... جان گويا،
زىماد، مەتبۇخ، خېمىر، مەلھەم، ئايارەج ھەم مۇھىم تۇتقا،
شىپادۇر ھەممىسى، ئەكس تەسىرى يوقتۇر ئىجابەتتە.
ھاياتلىق بولسا كەڭ ئاسمان، تېبابەت ئۇندىكى چولپان،
نە چولپانكى، جىمىي روھ-جان ياشارغان گۈل، چىمەن، بوستان،
يارالغان مۆجىزە چەندان، يېشىللىققا جاھان ھەيران،
بۈيۈك مەسئۇلىيەت، ۋىجدان يىلىك مەركىزىدە ئىنسان،
ئۇنىڭ يىلتىزى ئۆزلۈك - قان، سۈرە دەۋان كامالەتتە.
25zb80uvqdlrgavaps1l7qeipcvv4n7
ئۇيغۇر دېھقانلىرى (شېئىر)
0
24746
176578
2026-10-07T20:21:04Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت '(مۇسەددەس) '''تۇرغـۇن يىلتىز''' بـۈيـۈك نـامىڭ بـېـتى ئـەركـان ئـارا ئـەڭ كـاتـتا بـىـر ئـۇنـۋان، ۋۇجـۇدۇڭ ھـۈپـپىـدە ۋىجـدان، بىـساتـىـڭـغا جـاھـان مېـھـمان، ئـۆزۈڭ ئىشچان، چېۋەر چەندان، ھـىـدايـەت ۋەسـلىگـە سۇلـتان، دىلىـسـتانىـڭ ئىـمان، گـۈلـخان...'
176578
wikitext
text/x-wiki
(مۇسەددەس)
'''تۇرغـۇن يىلتىز'''
بـۈيـۈك نـامىڭ بـېـتى ئـەركـان ئـارا ئـەڭ كـاتـتا بـىـر ئـۇنـۋان،
ۋۇجـۇدۇڭ ھـۈپـپىـدە ۋىجـدان، بىـساتـىـڭـغا جـاھـان مېـھـمان،
ئـۆزۈڭ ئىشچان، چېۋەر چەندان، ھـىـدايـەت ۋەسـلىگـە سۇلـتان،
دىلىـسـتانىـڭ ئىـمان، گـۈلـخان، ئـەقىـدە، بارلـىـقـىـڭ ئېـھـسان؛
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان!
بـۇ دۇنـيانـىـڭ بـازارىـنى پــاراۋان، مــول، ئـاۋات قـىـلـدىـڭ،
كېـرەكـلـىـك مـال - تـاۋارىـنى ئـۈزۈلـدۈرمەي پـارات قىلدىڭ،
كـەسـىـپ - سـاھـە سۇۋارىنى ھـالال باقـتىڭ، ھىـمات قىـلدىڭ،
ئېسـىـپ تىنـچلىق تـۇمـارىنى، سەپـەرگـە پـۇت، قـانات قىلدىڭ؛
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
ۋاپــادار پــەرى - دىـلـدارىـڭ تــەۋەررۈك ئــاشـىـيان ســەھــرا،
ئـۆمـۈرلـۈك ئەزگـۈ ئـەپـكـارىڭ ئېـتىز - قـىـر ئىـشقىـدا شـەيـدا،
سـەھـەر - ئـاخـشامـدا دىشـۋارىڭ ئـەزەلـدىن توخـتىماس دەريا،
ئېـچىلـغاي رەڭـگى - رۇخـسارىڭ، سائـادەت ئـەيلىـسەڭ بـەرپـا؛
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
باھار، ياز، كۈزدە چىڭ ئىشلەپ: ئالارمىز مول ھوسۇل، دەيسەن،
قـىـشى دۇلـدۇل كەبى كىشـنەپ: بىـنا، دامبىغا ئـۇل... دەيسەن،
ھـاشاردا قـۇم - تـوپا چىشلەپ: قازاي ئـۆستەڭ ئۇدۇل، دەيسەن...
سېـنىڭـچە بارمىدۇر ئـەشـرەپ دېسەم، بۇ سۆز نوقـۇل، دەيسەن...
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
قـاقـاس چـۆلـدىن ئېچـىـپ مـەرئا، كـۆكەرتتىڭ كـەڭ تەبىـئەتنى،
سـەراپ تـەكـلـىـماكـان يـەكـتا بـۈگـۈن كـۆردى كـارامـەتـنى...!
راھـەتـلـەر ئـۆزگىـگـە ئـەسـلا... چېكەرسەن كۆپ مـۇشەققـەتـنى،
ئـۆزۈڭ قـالـدىڭ يـېـرىم - يـارتـا، بـېـرىپ ئـەلـگـە ھـالاۋەتـنى؛
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
ھېـرىش - چـارچاشـنى يـۈز - يـۈزدە بىلەلـمەسلىك لـوگىكاڭدۇر،
قـاراڭـغـۇ يـامـرىـسا كـۆزدە، قـۇرۇش سـۆھـبەت لـىـرىكاڭـدۇر،
ياتـارسـەن ئايـدالا - تـۈزدە، ئـوچـۇق ئـاسـمان يـېـپىـنچـاڭدۇر،
تـېـپـىـلـغاي ھـەممـىـسى ئـۆزدە، ئـانـا تـۇپـراق سېلىنـچاڭدۇر...
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
تـۆكـۈشـنى يـەرگـە دۇر - مېھـنەت ھـۇزۇر بىلـدىڭ كامالىڭدىن،
چىـقاردىڭ ئـاش - ئـوزۇق نېـمەت كۈچۈڭ، ئاددىي قورالىڭـدىن،
بـېـغـىـشلاپ بـارچـىـغا دۆلـەت، خـۇشاللاندىڭ ئـامـالـىـڭـدىن؛
تـەپـەكـكۇر جـەۋھىـرىڭ ھېكـمەت، ئالاي تـەلىم ماقـالىڭـدىن...
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
دېھـقان دەيمەنكى − دان دەيمـەن، زىرائـەتـتىن زېـمىـن ئويـغاق،
دېھـقان دەيمەنكى − نان دەيمـەن، نېـنىمـغا بارچە ئەل مۇشـتاق،
دېھـقان دەيمەنكى − جان دەيمەن، سېنىڭسىز يوق ھايات قايناق،
دېھـقان دەيمەنكى − كان دەيمەن، لەزىز تۇرمۇش، دىيار قۇۋناق؛
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
پـايـانـسـىـز پـاخـتـىـزارىڭـدىن بـەدەنـلـەرگـە كـىـيـىم كـەلـدى،
كـۆلـەمـلىك ئـۈجـمـىـزارىـڭـدىن يىـپەك، دورا، گـىـرىم كـەلـدى؛
بېـغىڭ، تـەك، مىرغىـزارىڭـدىن مـېـۋە، ئوتياش ئـەزىـم كـەلـدى،
شـۇ ئـورمـان - ئـارچـىـزارىـڭـدىن بىـنالارغـا ئـىـرىـم كـەلـدى...
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
كەرەملىك چارۋا، ھويلاڭدىن تۇخۇم، گۆش، سۈت، قېتىق... دەركار،
ھـۈنەرۋەن ئۇسـتا جـوراڭـدىن غـىجىم، كـەشـتە، نـەقىش بىـسيار،
ئېـرەمـلىـك سىـپـتا زىلـچاڭـدىن يـەنـە نـامـىـم ھـامـان داڭـدار،
مەدەن، قاشـتېـشى سـوۋغـاڭـدىن ئـايـان دىدار، كىـشى بىـدار...
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
ئـۇلـۇغـۋار سەنـدىكى ئىـسـتەك، پـىـرى سـەن ئـەنـئەنـە، ئـەردەم،
سېخىي - مەردلىكـكە سەن ئـۆرنەك، بېشى خىسلەت، تىرىك ھاتەم،
جىـمىي جانـغا سېغىن ئـەمـچەك، تـامـام بـولـماس دېـڭىز ئـەزەم،
ئـەجىـر - تـۆھـپىدە سەن يۈكـسەك، قولـۇڭدا چـۆرگىلەر ئـالەم...!
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
سـۆيـۈمـلۈكـتىن سـۆيـۈمـلۈكـسەن، تېـپىلـمايدۇ ساڭا تـەڭـداش،
كـۆيـۈمـلۈكـتىن كـۆيـۈمـلۈكـسەن، دىيانـەتـكە مـۇدام سىرداش،
تـۈزۈملۈكـتىن تـۈزۈملۈكـسەن يېـڭىلـمەس جـەڭـچىگە ئوخـشاش،
ئـۈنـۈملۈكـتىن ئـۈنۈملۈكـسەن، ئىـزىڭـدا گـۈل، دىلىڭ ئوتـقاش؛
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
دېـھـقان بـار ھـەمـمە مىللـەتـتە، لـېكىـن ئوخـشاشـمىـغاي ئۇيغۇر،
يـاشايسەن ساددا خىلـۋەتـتە، قۇرۇپ مـەشرەپ، چېلىپ تـەمبۇر...
قـېـرىپ كـەتسـەڭـمـۇ ئـادەتـتە ئـارامـنى تـەرك ئېـتىـپ مـەغـرۇر،
پـۈتـەر نـەپسـىـڭمـۇ ئەلـۋەتـتە قىلىپ يـۇرتـنى پـۇزۇر، مـەمـۇر...
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
غـۇرۇرۇم، ئىـپـتىخـارىمـسەن، تـېـنىڭ سـاغـلام، ئـامـان بولـسۇن!
قـۇۋانـچىـم، غـەمـگـۇزارىمـسەن، يولـۇڭ داغـدام، راۋان بولـسۇن!
داۋامـەت ئىنـتىزارىمـسەن، كۈنـۈڭ بەخت - قـۇت تامـان بولسۇن!
جېـنىـم ھـەم ئىقـتىدارىمسەن، تـۇتـاش يـىـلـتـىـز پايـان بولـسۇن!
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنـسان،
ئوقـۇيمەن سۆيگـۈدىن داستان، كەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان...!
0ivw79sxqmnmbqdm3yx5gwx9x03u2g1
بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟
0
24747
176579
2026-10-07T20:23:48Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''ئابدۇقادىر جالالىدىن''' «ئانا» — ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئۇقۇم ئەمەس. «ئانا» — ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بارلىق كېلىپ چىقىشنىڭ سىمۋولى. ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئانىدىن ئاپىرىدە بولىدۇ ۋە ئانىغا باغلانغان ھالدا ياشايدۇ، ئاخ...'
176579
wikitext
text/x-wiki
'''ئابدۇقادىر جالالىدىن'''
«ئانا» — ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئۇقۇم ئەمەس. «ئانا» — ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بارلىق كېلىپ چىقىشنىڭ سىمۋولى.
ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئانىدىن ئاپىرىدە بولىدۇ ۋە ئانىغا باغلانغان ھالدا ياشايدۇ، ئاخىرى يەنە ئانىغا قايتىدۇ. دېمەك، مەۋجۇدات ئانىدىن تۇغۇلىدۇ، ئانىدا ياشايدۇ، ئانىغا قايتىدۇ. ئانا — مەنا بۇلىقى، ئۇيغۇرلار دۇنيا ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى «ئانا» ئۇقۇمىدىن خالىي ھالدا ئېلىپ بارالمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئانا — ئالەم، ئانا — بىلىم ۋە تەپەككۇرغا سەلتەنەت بېغىشلايدىغان مۇقەددەس سۇبستانسىيە. مېنىڭچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە تەپەككۇر تارىخىنى «ئانا» ئۇقۇمىدىن مۇستەسنا ھالدا يورۇتقىلى بولمايدۇ ھەم يازغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار «ئانا»نى مەركەز قىلىپ، بىر ئائىلىنىڭ شەجەرىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ھەتتا «ئانا»نى سۈپەت قىلىپ پۈتۈن بىر ۋەتەننىڭ ئوبرازىنى سىزىپ چىقىدۇ. ئانا — ئۇيغۇر پەلسەپىسىنىڭ كىندىكى.
«ئانا» دېگەن ئۇقۇمنىڭ مەنا قاتلىمى مۇنداق بولسا كېرەك: ئانا — ھاياتنىڭ كېيىنكى ھالقىلىرىنى تۇغقۇچى. بۇ جەھەتتە «ئانا» ئۇقۇمى بارچە شەيئىگە ئورتاق بولۇپ، بىر تۈپ ياۋا ئوتمۇ ئانا، ئۇمۇ ئۆز ۋۇجۇدىدا ئۆزىنىڭ كېيىنكى نەسلىنى يېتىلدۈرىدۇ. مېكيانمۇ ئانا، ئۇمۇ چۆجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، تاپقان-تەرگەنلىرىنى شۇلارغا بېرىدۇ. بىزدىمۇ «ئانا» ئۇقۇمىنى پەقەت «تۇغۇپ قويغۇچىدىنلا ئىبارەت» دەپ چۈشىنىدىغانلار تالاي. بۇنى بىز بىئولوگىيەلىك ئانىلىق دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. ۋەھالەنكى، ئىنسان بۇنداق ئانىلىق بىلەن «ئىنسان» بولۇش شەرىپىنى ئۆتىيەلمەيدۇ. «ئانا» يەنە مېھىر-مۇھەببەت تۇپرىقى ياكى ئۈن-تۈنسىز بەدەل، بۇ يەنىلا ھەممە مىللەتتە ئورتاق. ئەگەر تەڭرى ئىنسانلارغا «مېھىر»دىن ئىبارەت بۇ گۈزەل تەبىئەتنى بەرمىگەن بولسا، ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ تۈگىمەس جەبىر-جاپاسى تۈپەيلى ئۇلارنى تۇنجۇقتۇرۇۋەتكەن بولاتتى. ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرى ئالدىدا دەل مۇھەببەت تۈپەيلى ئۆمۈرلۈك مالاي. مۇھەببەت بۇ خىل مالايلىققا شۇنداق قىممەت ئاتا قىلغانكى، ئانا دەل مۇھەببەت ئارقىلىق تۆلىگەن بەدەللىرىنى ئۇلۇغۋار مەنىگە ئېرىشتۈرەلىگەن. ئەگەر دۇنيادا ئانا مېھرىدىن ئىبارەت ئىپتىدائىي مۇھەببەت بولمىسا، دۇنيا قاباھەت بىلەن تولغان كۇھىقاپقا ئايلانغان بولاتتى؛ شۇنىڭدەك ئانا مېھرىدىن بەھرىمەن بولمىغان پەرزەنتمۇ باغرى تاش جىنايەت ماشىنىسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئانا» ئۇقۇمى ئەنە شۇ مۇھەببەت باسقۇچىدا ئەللەيلىنىپ ياشايدۇ: ئۇلار ئانىلارنىڭ مېھىرلىك قىياپەتلىرىنى، ئاق كۆڭۈللۈكلىرىنى، بەرگەن قۇربانلىرىنى، پەرزەنت ئالدىدىكى پەپىلەشلىرىنى، ھازا ئىچىدىكى مىسكىن ئۆلۈمىنى ناخشا-قوشاقلارغا ئايلاندۇرۇپ، تېلېۋىزور ئېكرانلىرىغا ئېلىپ چىقىشتى، VCD قىلىپ ئىشلەپ بازارلارغا سېلىشتى. لېكىن، ئانىلىقنىڭ تېگى-تەكتى ۋە پەرزەنتلىك مەسئۇلىيىتى ھەققىدە كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولغۇدەك پاراسەتلەرنى ئىشلەپ چىقالمىدى. بۈگۈنكى شائىرلار ئانا ھەققىدە ئەڭ كۆپ يازدى، ناخشىچىلارمۇ ئانا ھەققىدە ئەڭ كۆپ كۈيلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە ئانىنىڭ شەپقىتىگە بېقىندى بولۇپ كەتكەن ئىشچان بولمىغان ئەۋلادلارنىڭ قەلب ساداسى. ئۇنداقتا، بۇنداق بېلى بوش ئەۋلادلار نېمىنىڭ مەھسۇلى؟ بۇ يەنىلا مېھىر-شەپقەتتىن باشقىسى قولىدىن كەلمەيدىغان ساددا، ئاق كۆڭۈل ئاتا-ئانىلارنىڭ مەھسۇلى. قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىكى ئانىلار ئەرلىرىنى ۋە ئوغۇللىرىنى جەڭگاھقا ئۇزىتىپ، ئىپتىخار قىلىشاتتى؛ ئۇلار ئەرلىرى ۋە ئوغۇللىرىنىڭ شېھىت بولغىنىنى ئاڭلىغىنىدا كۆزلىرىنى «مىت» قىلمايتتى، بەلكى ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشاتتى. ھازىرقى كۆپىنچە ئانىلار بولسا بالىلىرىنى يىراق بىر شەھەردىكى ئالىي مەكتەپكە ئۇزاتقانلىرىدا، ئۆرتىنىپ يىغلاپ كېتىشىدۇ. قارىغۇلارچە مېھىر-شەپقەت — بولۇمسىز ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرىدىغان بۆشۈك. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قارىشى تەسەۋۋۇپ بىلەن سۇغۇرۇلغان؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيىتىنىڭ چوڭ-كىچىك ساھەلىرىگە نەزەر سالساق، بۇ خەلقنىڭ تەسەۋۋۇپ روھىنى ئاممىۋى مىقياستا كېڭەيتىۋەتكەن خەلق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. جۈملىدىن، ئۇيغۇرلاردىكى «ئانا» ئۇقۇمىمۇ تەسەۋۋۇپ خاھىشىدا رەسسا پىشۇرۇلغان. بۇ ھال مەشرەپ شېئىرلىرىدا بىرقەدەر روشەن ئەكس ئېتىدۇ:
«ئانا رازى — خۇدا رازى، مۇھەممەد مۇستافا رازى».
دىققەت قىلىش كېرەككى، ئاتالمىش ئانىلارنىڭ ھەممىسىنى رازى قىلسىلا خۇدا رازى بولۇپ كەتمەيدۇ؛ بەلكى، خۇدانىڭ بۇيرۇقىنى چۈشەنگەن ۋە ئىجرا قىلغان ئانىلارنى رازى قىلغاندىلا، ئاندىن خۇدا رازى. مەشرەپنىڭ دېمەكچى بولغىنىمۇ ئەنە شۇ ئىدى. ئەمما بۇ پىرىنسىپ شېئىرلاشتۇرۇلۇپ ئېيتىلغاچقا، قويۇق ھېسسىيات تۈسىگە ئىگە. پىرىنسىپلارنى ھېسسىياتلاشتۇرۇش — شېئىرىي مىللەتنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى. تەسەۋۋۇپمۇ ماھىيەتتە شېئىرىي قايناق. كۆيۈم — ئانىلاردىكى ئىنسانىي سۈپەتنىڭ يارقىن بىر ئىپادىسى. ئەمما بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار «ئانا»لىقنىڭ ئۆلچىمىنى «كۆيۈم» بىلەنلا چەكلىگەن ۋە شۇ دائىرىدە تەلقىن قىلغان.
«ئانا» دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئۈچىنچى بىر مەنىسىمۇ بار، بۇنى ئانىلىقنىڭ تاكامۇل ئىپادىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئانىلىق — پەرزەنتكە بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى ئېتىقاد يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرەلىگەندىلا، پېداگوگىكىلىق مەنىگە ئىگە بولىدۇ. ئانا ئۆز پەرزەنتىگە مەلۇم بىر ئېتىقادنى چۈشەندۈرەلىگەندە ۋە قوبۇل قىلدۇرالىغاندا؛ ئۇلارغا كۆيۈنگەندە ئېتىقادنى پىرىنسىپ قىلالىغاندا، ئۇلارنى جازالىغاندىمۇ ئېتىقادنى مىزان قىلالىغاندا، بۇنداق ئانا ئۆزىدىكى ئانىلىق تەبىئەتنى مۇقەددەس پەللىگە يەتكۈزەلەيدۇ. بۇنداق چاغدا ئانا ئۆزىدىكى ئىنسانىي ھېسسىياتنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مۇقەددەسلىكنىڭمۇ ئەلچىسىگە ئايلانغان بولىدۇ.
ھېكايەت: بىر ئايالنىڭ بىر ئوغلى بار ئىكەن، ئۇ يىراق بىر شەھەرگە كېتىپتۇ. بۇ ئارىدا ئۇنىڭ ۋەتىنى ياۋلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپتۇ. ئايال ئۆز ئوغلىنىڭ دېرىكىنى قىلسا، ئوغلىنىڭ سودا قىلىپ يۈرگىنى مەلۇم بوپتۇ. غەزەپلەنگەن ئانا ئوغلىنى ئىزدەپ تېپىپتۇ ۋە ھېچبىر ئىككىلەنمەي ئوغلىنى قەتلى قىپتۇ. كېيىن ئۇقسا، ئوغلى ۋەتەننى قۇتقۇزۇش يولىدا سودا قىلغانىكەن. بۇنىڭدىن ئۆكۈنگەن ئانا ئوغلىنىڭ روھىغا دۇئا قىپتۇ ۋە ئوغلىنىڭ بۇرچىنى ئۆز زىممىسىگە ئاپتۇ. شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» دېگەن ئەسىرىدىمۇ ياۋغا تەسلىم بولۇپ، ئۇلارغا مالايلىق قىلغان ئوغلىنى ئۆز قولى بىلەن قەتلى قىلغان بىر ئانا تەسۋىرلەنگەن. بۇنداق تېما ھەر بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىدىن كۆپلەپ تېپىلىدۇ. ئانا بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز پەرزەنتىنى تولىمۇ سۆيىدۇ، دۇنيادا بالىسىنى سۆيمەيدىغان ئانا بولمىسا كېرەك. لېكىن، بۇ سۆيگۈنى شەخسىيەتتىن ھالقىغان ئالىيجاناب سۆيگۈگە ئايلاندۇرغان ئانىلار ھەممە يەردە ئۇچراۋەرمەيدۇ.
تۇمارىس — ئانىلىق پەزىلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان تارىخىي ئانىلارنىڭ بىرى. كىيىر (كەيخىسراۋ) ماساگېتلارنىڭ ۋەتىنىگە بېسىپ كىرگەندە، تۇمارىس ئوغلىنى جەڭگە ئەۋەتىدۇ؛ ئارقىسىدىن ئۆزى بېرىپ كىيىرنى مەغلۇپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىش بىلەن ئوغلىنىڭ قىساسىنى ئالىدۇ. بۇنداق ھەيۋەتلىك سىمالارنى بۈگۈنكى دەۋر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئانىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك روھنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە قايتا ئويلىنىمىز. ئانىلاردا باتۇرلۇق بولۇش بىلەن بىرگە، زامانغا لايىق پاراسەت، ئەخلاقىي چىركىنلىككە قارشى تەقۋالىق بولۇشى كېرەك بولماقتا.
ئۇيغۇرلاردا «بالاڭنى ئايىساڭ بالاغا قالىسەن» دېگەن گەپ بار. ۋاپاسىز بالىلار — ئانىلىقنى نوقۇل كۆيۈنۈش دەپ چۈشەنگەن ئاتا-ئانىنىڭ قېشىدا ئۈنگەن شۇمبۇيا.
ئاددىي ئانىلار ۋە مەشھۇر ئانىلارنىڭ ھەممىسى ئانا. ئانىنىڭ ئاددىيلىقىدا بەزىدە ئالەمچە ھېكمەت بولىدۇ. ئەسلىدە ئانىلارنىڭ بىر تامچە سۈت ھەققى ئۆمۈرلۈك ۋاپاغا ئەرزىيدۇ، لېكىن، بارلىق سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت ئىنسانلارلا ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئېتىقاد ۋە دۇنيا قاراش بىلەن تەربىيىلەشنى بىلىدۇ. مانا بۇ ئىنساننىڭ جاپاسى ۋە شان-شەرىپى. شۇنداق بولغاچقىلا، ئانىلىق — سۈت بېرىش ۋە مېھىر ئاتا قىلىشلا ئەمەس، بەلكى پەرزەنتلەرنى خاتىرجەمسىز مۇھىتتا تىز پۈكمەي ياشىيالايدىغان قىلىش.
بالىلىرىمىز مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراشلار ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا بىزگە مېھىر-شەپقەتنى غەپلەت بۆشۈكىگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئانىلار كېرەك ئەمەس، بەلكى ئۇنى يۈكسەك ئېتىقاد ئىستراتېگىيەسىگە ئايلاندۇرغان ئانىلار كېرەك.
ئانا، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا مەڭگۈ قەرزدار!
0yonwalqcxsg6y7wjzpckdyx52y9jbl
بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟
0
24748
176580
2026-10-07T20:25:26Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''يالقۇن روزى''' دادىلار قەيسەرلىكتە، چىدام-جاسارەتتە، ئىلىم-ھۈنەردە، ۋاپادارلىقتا، ئەل-يۇرتقا ھېممەت كۆرسىتىشتە... پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىشى كېرەك. «بالىلىرىمىز مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراشلار ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا بى...'
176580
wikitext
text/x-wiki
'''يالقۇن روزى'''
دادىلار قەيسەرلىكتە، چىدام-جاسارەتتە، ئىلىم-ھۈنەردە، ۋاپادارلىقتا، ئەل-يۇرتقا ھېممەت كۆرسىتىشتە... پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىشى كېرەك.
«بالىلىرىمىز مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراشلار ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا بىزگە مېھىر-شەپقەتنى غەپلەت بۆشۈكىگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئانىلار كېرەك ئەمەس، بەلكى ئۇنى يۈكسەك ئېتىقاد ئىستراتېگىيەسىگە ئايلاندۇرغان ئانىلار كېرەك».
بۇ بىر ئابزاس سۆز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 2004-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان «بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟» دېگەن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى كەسكىن خىتابى. مېنىڭچە، سۆيۈملۈك ئانىلىرىمىزغا قىلىنغان بۇ خىتاب يەنە ئۆز نۆۋىتىدە قەدىرلىك دادىلارغىمۇ ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ! مەن ئاشۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن «بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە جىددىي ئويلىنىپ قالدىم.
لۇشۈن ئەپەندى 1920-يىللىرى «بىز ھازىر قانداق دادا بولۇشىمىز كېرەك» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ئەينى يىللاردىكى جۇڭگولۇق دادىلار توغرىسىدا ئۆتكۈر تەنقىدىي مۇلاھىزە يۈرگۈزگەنىكەن. شۇ يىللاردا جۇڭگو زىيالىيلىرى «يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى»نى قوزغاپ، مىللىي ئويغىنىش دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇرغان. مىللىي خورلۇقنى يەتكۈچە تارتقان جۇڭگو زىيالىيلىرى غەزەپ-نەپرەتكە تولغان كۆزىنى ئۆزلىرىنى قاتمۇقات مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان جاھانگىرلارغا، تەسلىمچى ھۆكۈمەتكە، ھوقۇقپەرەس مۇستەبىتلەرگە تىكىش بىلەن بىرگە، مەھكۇملۇققا كۆنۈكۈپ كەتكەن جاسارەتسىز دادىلارغىمۇ تىككەن. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتىكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە دادىلارنىڭ ئوبرازى ئاساسەن دېگۈدەك سەلبىي ئوبراز سۈپىتىدە يارىتىلىپ، ئۆتكۈر ئىبارىلەر بىلەن تەنقىدلەنگەن. ئەدەبىي تەنقىدچىلەر «يوللارغا ئەسكى دادا توشۇپ كەتتى» دەپ ئېيتىشقان. شۇڭىمۇ بەزى ئەربابلار بۇ يىللارنى جۇڭگو تارىخىدىكى «دادىنى دۇمبالاش» يىللىرى دەپ ئاتاشقان.
شۈبھىسىزكى، بىر مىللەت ئۆزىنىڭ كېلەچەك-ئىستىقبالى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلانغاندا، مەۋجۇت ھالىتىدىن ئۆكۈنۈپ قانائەتسىزلىك ھېس قىلغاندا ۋە ئەندىشىگە چۆمگەندە، تەبىئىي ھالدا كىرىزىس ئېڭى كۈچىيىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ قانداق قىلىش كېرەك؟ بىزگە نېمە كېرەك؟ چىقىش يولى — تەرەققىيات يولى زادى قەيەردە؟ دېگەندەك نۇقتىلاردىن چىقىپ تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىدۇ. بايانىمىزدىكى «بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟»، «بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟» دېگەن تېمىلار ئۈستىدىكى ئويلىنىشلارمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
بىلىپ تۇرۇپتىمىز: نۆۋەتتە، خەلقىمىز مەۋجۇت بولۇش، تەرەققىي قىلىش، ئەنئەنە ۋە مىللىي خاسلىقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قاتمۇقات خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدا تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە كۆرۈلۈۋاتقان كەسكىن رىقابەت ۋە خىرىس ھەممە مىللەتكە ئوخشاش بولسىمۇ، ھەربىر مىللەتنىڭ ئەھۋالى مەلۇم جەھەتلەردە يەنىلا پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىر ئەڭ مۇھىمى ۋە خەۋپلىك بولۇۋاتقىنى ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتىكى يىمىرىلىشتۇر. بۇنى «بىز دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق خىرىسلار ئىچىدىكى ئەڭ زور خىرىس» دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر بەلكىم، «ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتىكى چۈشكۈنلىشىش پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلە» دەپ ئويلىشى مۇمكىن. توغرا، ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتە غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىپ، مۆجىزە خاراكتېرلىك پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن ئەللەردىكى كىشىلەردىمۇ ئەخلاقىي چۈشكۈنلىشىش مەسىلىسى مەۋجۇت. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەقىقەتەنمۇ ئەخلاق كىرىزىسى مەسىلىسى تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي تاپمىغان بارلىق ئەل خەلقلىرى ئۈچۈن ئورتاق مەسىلە بولۇپ قالدى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما مەن بىزنىڭ ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە يىمىرىلىشىمىز باشقىلارنىڭكىدىن ئۆزگىچىرەك دەپ قارايمەن. سەۋەبى شۇكى، بىزنىڭ كىشىنىڭ زوقى كېلىدىغان ھەققانىيەت، گۈزەللىك، مەردانىلىك، ئوچۇق-يورۇقلۇق، باتۇرلۇق، مېھرىبانلىق بۈيۈك ھېسابلىنىدىغان نوپۇزلۇق ئەخلاق ئۆلچەملىرىمىز قاياقلاردىندۇر يۇقتۇرۇۋېلىنغان چاكىنا ئەخلاق قاراشلار تەرىپىدىن يەكلەنمەكتە، بىر چەتكە چۆرۈپ تاشلانماقتا. قارايدىغان بولسىڭىز پارىخور ئەمەلدارلارنىڭمۇ، خۇشامەتچى جانباقتىلارنىڭمۇ، نومۇسسىز ئىپپەت سودىگەرلىرىنىڭمۇ، ھارامتاماق ھۇرۇنلارنىڭمۇ، ئەيتاۋۇر، گېروئىن سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭمۇ... ئۆزى ئۈچۈن توغرا ھېسابلىنىدىغان بىر تالاي ئەخلاق سەپسەتىلىرى بار. ئۇلار بۇ خىل بىر تەرەپلىمە، چاكىنا، كۈلكىلىك ئەخلاق سەپسەتىلىرىنى ھېيىقماستىن سۆزلەپ يۈرۈۋېرىدۇ. ئۇنداقلاردا نە گۇناھ تۇيغۇسى، نە ۋىجدانىي ئازاب تۇيغۇسى، نە نومۇس تۇيغۇسى يوق. ئۇلار ئۆز قىلمىش-ئەتمىشلىرىدىن ماختانسا ماختىنىدۇكى، قىلچىمۇ ئۆكۈنمەيدۇ، ئەپسۇسلانمايدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلى ئۇزۇن، گەپ-سۆزى ياڭراق، يۈرۈش-تۇرۇشى شۇنچە كۆرەڭ؟ سەۋەبى، ئۇلار نوپۇزلۇق ئەخلاق-پەزىلەت ئۆلچەملىرىنىڭ چەكلىمىسىنى دېيەرلىك ھېس قىلمىغان، ئالىيجاناب ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ كۈچىنى تولۇق تونۇپ يەتمىگەن. شۇڭا، ئۆزلىرى كېتىۋاتقان يولنىڭ نومۇسسىز يول ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماق تۈگۈل، ئەكسىچە ئۇنى جاھاندارچىلىقنىڭ شەرەپلىك يولى دەپ بىلىدۇ. ئەخلاق ئۆلچەملىرىمىزنىڭ بۇنداق ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتىشىدىكى تۈپ سەۋەب مېنىڭچە، بىزنىڭ ئايرىم ساندىكى دادىلىرىمىزدا. بىزنىڭ ھازىرقى دادىلىرىمىز ئۆتكەن ئەسىردىكى 50-، 60-، 70-يىللاردا ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇ چاغلاردا كىشىلەرنىڭ «ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەردىكى ئىنقىلابىي قىزغىنلىقى» بەكرەك تەكىتلىنىپ، «ھەق-ناھەق تۇيغۇسىغا ئىگە، مۇھەببەت-نەپرەت تۇيغۇسى روشەن، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ھالال بىلەن ھارامغا بولغان مۇئامىلىسى سەزگۈر ئادەملەردىن بولۇشنى تەكىتلەش»كە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. بۇ دادىلار ئارقا-ئارقىدىن تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە ئەخلاق جەھەتتە زۆرۈر بولغان تەلەپلەرنى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ئالىيجاناب پەزىلەت گۈللىرىنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىشقا، ئۇلارنىڭ قەلبىدە نوپۇزلۇق ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرەلمىگەن. پەقەت، قانداق قىلىپ تىرىشىپ ئوقۇپ ياكى تىرىشىپ ئىشلەپ ياخشى كۈن كەچۈرۈش توغرىسىدىلا گەپ-سۆز قىلالىغان. نەتىجىدە ماددىي مەنپەئەتكە سەزگۈر قىلىپ ئادەتلەندۈرۈلگەن بۇ پەرزەنتلەردىن مال-دۇنيانى، ھوقۇق-ئىمتىيازنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، بۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن، ھەرقانداق بولمىغۇر ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشتىن يانمايدىغان بىر تۈركۈم مەخلۇقلارمۇ يېتىشىپ چىقتى. ئۇلار بۇ جەھەتتە ئېرىشكەن نەرسىلىرىدىن ماختاندى، ھۇزۇرلاندى. ۋەھالەنكى، قۇربان قىلىۋەتكەن ئادىمىيلىكلىرىدىن قىلچىمۇ ئەپسۇسلانمىدى، ھەتتا مەھرۇم بولغان ئادىمىيلىكىنى بىلىشكىمۇ قادىر بولالمىدى. ئادىمىيلىكىدىن بارغانسېرى ياتلىشىپ كەتكەن بۇ ئەۋلادتىن ئىلگىرىكىگە تېخىمۇ ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ئەۋلاد بارلىققا كەلدى (بۇ يەردە بىز ھەممىنى قارا-قويۇق بىر تاياقتا ھەيدىمەيمىز. ھەممىلا ئادەمنى ئەخلاقتا يارىماس دېگەننىمۇ تەرغىب قىلمايمىز، ئەلۋەتتە).
ئادەتتە، دادىلار ئائىلىۋى ئەخلاقنىڭ ھامىيلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارغا ئائىلە ئەزالىرىنى ئەخلاق جەھەتتە راۋۇرۇس يېتەكلەش مەجبۇرىيىتى يۈكلەنگەن؛ ئائىلىگە ئۈلگە ۋە نەمۇنە بولۇش ۋەزىپىسى ئەجدادلاردىن مىراس قالغان. دېمىسىمۇ بالىلارنىڭ قەلبىدە ئانىلار كۆيۈمچانلىقى بىلەن ئورۇن ئالسا، دادىلار تەلەپچانلىقى بىلەن ئوبراز تىكلەيدۇ. دادا «ئۆز پادىلىرى»نى ھەر جەھەتتىن ياخشى ھىمايە قىلمىسا، تەبىئىي ھالدا «پادىلىرى» بۆرىگە يەم بولۇپ كېتىدۇ، بۆرىنىڭ ئۆڭكۈرىگە بىلىپ-بىلمەي، ھەتتاكى ئۆزى خالاپ كىرىپ كېتىدۇ. مانا بۇ بارلىق پاجىئەنىڭ باشلىنىشى.
خوش، بىزنىڭ دادىلىرىمىز ئۆز «پادىسى»نى ھەر جەھەتتىن ھىمايىسىگە ئالالايدىغان ئەخلاق ساپاسىغا ئىگىمۇ-يوق؟ مەن ھازىرقى بىر قىسىم دادىلىرىمىزنىڭ ياراملىق ئەۋلاد تەربىيىلەش، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، خەتەر ۋە قىيىنچىلىققا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش، قەيسەر ۋە چىدامچان بولۇش، ھالال مېھنەت بىلەن ياشاش جەھەتتە ئويناۋاتقان رولىغا، پاراسىتى ۋە دىيانىتىگە ئاپىرىن ئېيتىش بىلەن بىر چاغدا، يەنە بىر قىسىم دادىلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ساپاسىدىن گۇمانلىنىمەن. مەرد-مەردانە، جاسارەتلىك، غۇرۇرلۇق، نومۇسچان، چىداملىق، ئەركەكلەرگە خاس دادىلارنىڭ سانى ئازلاپ «نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپى»گە دۇچ كېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. ئەكسىچە، «ئۆيۈڭنىڭ دېرىزە پەردىسى چىرايلىقكەن» دەپ قويسا، ھەپتىلەپ خۇشال يۈرىدىغان خېنىممىجەز دادىلارنى؛ باشلىقى «ئايالىڭ كۆرۈنمەيدىغۇ؟» دەپ سورىسا، «باشلىقىم ماڭا ئامراق» دەپ ماختىنىپ يۈرىدىغان يۇمشاقباش دادىلارنى؛ يېلىنىپ-يالۋۇرۇپ ياشاشقا كۆنۈكۈپ كەتكەن لايغەزەل دادىلارنى؛ ھېممەت-غەيرىتىگە تايانماستىن تەمەخورلۇق بىلەن ياشاشنى ئادەت قىلىۋالغان لالمامىجەز دادىلارنى؛ ئەمەل-مەنسەپنىڭ سايىسىگە ئېرىشىپ قالسا چاي ئويناپ ھارمايدىغان پاخپاق دادىلارنى؛ ئۆزى ئەركەك تۇرۇپ ئەرلەر بىلەن تانسا ئويناشنى نومۇس بىلمەيدىغان زەيپانەمىجەز دادىلارنى؛ بىر بوتۇلكا بەدبۇي ھاراقنىڭ قۇلى بولۇپ، سورۇنمۇسورۇن سوكۇلداپ، تېتىقسىز يۇمۇرلارنى ئېيتىشىپ ھارمايدىغان ھاماقەت دادىلارنى؛ لەۋزىدە تۇرمايدىغان، خىيانەتكارلىق، ساتقىنلىق، ساختىپەزلىك، سۇخەنچىلىكتەك پەسكەشلىكلەرنى جاھاندارچىلىق يولى قىلىۋالغان ئاتالمىش دادىلارنى كۆپلەپ كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا، دادىلىرىمىزنىڭ ساپاسىدىن ئۈمىدۋار بولۇش مۇمكىنمۇ؟ بۇنداق دادىلار ئەۋلادلىرىنىڭ قىسمىتىنى قىيىن كۈنلەرگە قويمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ بۇنداق دادىلار ئۆز ئائىلىسىنى ئالىيجاناب ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن تۇتۇپ تۇرالامدۇ؟
كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇنداق دادىلار بىزنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاقىمىزنى بۇلغاپ، ئەۋلادلىرىنىڭ روھىنى كاردىن چىقىرىپ، ئۇلارنى پاجىئەنىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويىدۇ.
ئەمدى بۇنداق «دادا»لىق ئوبرازىمىزغا ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بېرىدىغان پەيت كەلدى. چۈنكى بىزنى مۆلچەرلىگۈسىز كېلەچەك كۈتۈپ تۇرماقتا. شۇڭا ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلەپ قويۇش كېرەك: دادىلار — مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى، قول-قان DataTypes ئورنىدىكى تۈۋرۈكى. دادىلارنىڭ ۋۇجۇدى ھەققانىيەت بىلەن، باتۇرلۇق بىلەن، چىۋەرلىك بىلەن، ئەقىل ۋە دىيانەت بىلەن تولۇشى كېرەككى، ئۇ يەردە دېلىغۇللۇق، مۈجمەللىك، پەمسىزلىك، بېلى بوشلۇق، ساداقەتسىزلىك، ھاماقەتلىك، ھۇرۇنلۇق ئىللەتلىرى بولماسلىقى كېرەك. دادىلار قەيسەرلىكتە، چىدام-جاسارەتتە، ئىلىم-ھۈنەردە، ۋاپادارلىقتا، ئەل-يۇرتقا ھېممەت كۆرسىتىشتە... پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىشى كېرەك.
مۇشۇلارنى قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دادىلار ئۆزىمىزنى بىر قېتىم دەڭسەپ كۆرۈشىمىز ۋە ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.
dh07hcskv0rk2k8fkf4biw6z9fkxx1o
بىزگە قانداق زىيالىيلار كېرەك؟
0
24749
176581
2026-10-07T20:27:47Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''ئىسلامجان شېرىپ''' مەن «جۇڭگو مىللەتلىرى»نىڭ 2004-، 2005-يىللىق سانلىرىدىكى «بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟»تىن باشلىنىپ «بىزگە قانداق قىزلار كېرەك؟»كۈچە داۋام قىلىۋاتقان يۈرۈشلۈك ماقالىلەرنى ئوقۇپ، ھەربىرىدە مىللىي ھاياتىمىزنىڭ مەلۇم ھالقىسىدا كىرىزىس پە...'
176581
wikitext
text/x-wiki
'''ئىسلامجان شېرىپ'''
مەن «جۇڭگو مىللەتلىرى»نىڭ 2004-، 2005-يىللىق سانلىرىدىكى «بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟»تىن باشلىنىپ «بىزگە قانداق قىزلار كېرەك؟»كۈچە داۋام قىلىۋاتقان يۈرۈشلۈك ماقالىلەرنى ئوقۇپ، ھەربىرىدە مىللىي ھاياتىمىزنىڭ مەلۇم ھالقىسىدا كىرىزىس پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاددىي-ساددا بولسىمۇ بىرقەدەر توغرا پىكىرلەرنىڭ قانات يېيىۋاتقانلىقىغا قايىل بولدۇم-دە، بىزدىكى «زىيالىيلار دېگەن مۇنداق بولمامدۇ» دېدىم. ئەمما، ھەر مىللەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن ھەربىر زىيالىينىڭ ھاياتلىقنىڭ ئوخشاشمىغان تەرەپلىرىدە تۈرلۈكچە ئىجادىيەتتە بولغانلىقى ۋە بولۇۋاتقانلىقى، بىزنىڭ تارىخىمىزدا بارلىققا كەلگەن زىيالىيلار بىلەن بۈگۈنكى زىيالىيلىرىمىزنىڭمۇ خىلمۇخىللىقىدىن «بىزگە مۇنداق زىيالىيلار كېرەك» دېگەن بىرنەچچە ماددا بىلەن تومتاق بىر ئەندىزە بەلگىلەشكە ئامال قىلالمىدىم. چۈنكى، دۇنيادا قانچە ئادەم بولسا، شۇنچە خۇي-پەيىل بولغاندەك، ھەربىر تالانتنىڭ ئۆزگىچىلىكى ئايرىم بولۇپ، شۇ ئايرىملىقنى تەسۋىرلىمىسە، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەت ۋە ئۇسلۇبلىرىنى سۈرەتلەپ بەرگىلى بولمايدىكەن.
بىزنىڭ بۈگۈنكى زىيالىيلىرىمىزنى قاراخانىيلار سۇلالىسى كىرىزىسكە پاتقاندا، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرىدىغان دانا پىكىرلىرى بىلەن ئەلگە ئەمىنلىك ئېلىپ كەلگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپقا تەققاسلاش؛ ئىسلامىي دۇنيا پەلسەپىۋى دانىشمەنلىككە موھتاج بولغاندا، ئادەم بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرىنچى قېتىم توغرا شەرھلىگەن ئۆزگىچە پىكرى بىلەن دۇنيانىڭ ئىككىنچى مۇئەللىمى بولغان فارابىغا تەققاسلاش؛ ئەرەب، پارس تىللىرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيەسى مەدەنىيىتىمىزگە كىرىزىس ئېلىپ كەلگەندە ھەم قوش تىللىق بولغان، ھەم ئانا تىل ئۈستۈنلۈكىنى غەيۇر شىجائەت بىلەن يېتۈك مىللىي مەدەنىيەت پاراسىتىگە كۆتۈرگەن مەھمۇد قەشقەرى، ئەلىشىر نەۋائىيلارغا تەققاسلاش؛ شۇنداقلا شۇ بۈيۈكلىرىمىزنىڭ ئىجادچان تەپەككۇر ئەندىزىسىنى بۈگۈنىمىزگە ئۇلىغان يۈزلەپ پەيلاسوپ، تارىخچى، ئەدىب، تېۋىپ، مۇنەججىملىرىمىزگە سېلىشتۇرۇپ گەپ قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.
ئۇنداقتا «بىزگە كېرەكلىك زىيالىيلارنى تەبىرلىگىلى بولمامدۇ؟» ياندۇرۇپ ئويلىدىمكى، بۇ ماقالىلەرنىڭ ئوخشاشمىغان تېمىلار ئارقىلىق مەندە «زىيالىي دېگەن مۇنداق بولمامدۇ» دېگەن ئوخشاش بىر تەسىراتنى قالدۇرۇشى ئۇلاردىكى كىرىزىس تۇيغۇسى، قەلب كۆزىنى دەۋرىمىزگە ئېچىش روھى ئىكەن. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، بىزدىكى كىرىزىس ئۇقۇمىنىڭ بىرىنچى مەنىسى مەلۇم بىر خىل ئاپەتنىڭ ئادەمنىڭ جىسمى ياكى مەلۇم جامائەت، جەمئىيەتنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ خېيىم-خەتەر ھاسىل قىلىشى بولسا، ئىككىنچى مەنىسى بىر ئادەم ياكى بىرەر جامائەتنىڭ ھايات-ماماتلىق پەيتىدە، ھېچبولمىغاندا ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش پەيتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇنداق كىرىزىس ئېھتىماللىقى ھەربىر ئادەم، قەۋم، دۆلەتنىڭ ھاياتىدا ئەڭ چوڭ تەرەپلەردىن ئەڭ كىچىك تەرەپلەرگىچە ئاللىقانداق سەۋەبلەر بىلەن يۈز بېرىدۇ. بۇ ماقالىلەر بىزدە يۈز بېرىۋاتقان ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان مانا شۇنداق كىرىزىسلەرنى نىشانلاپ، ھەم ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىجادچان تەپەككۇر ئەندىزىسى بىلەن قورقۇمسىز روھىنى مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ ئەۋلادقا يەتكۈزگەن، ھەمدە ئوقۇرمەنلەرگە بۈگۈن بىز پېتىۋاتقان كىرىزىسلەردىن قانداق ئۆتۈپ كېتىش ھەققىدە ئەقىل كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە يوشۇرۇنغان خەۋپنى ئېلىپ تاشلاشقا، دەۋر رىقابەتلىرىدىكى يېڭىلىش گىردابىدىن يېڭىش گىردابىغا ئۆتۈشكە دەۋەت قىلغان. شۇڭا، مەن ئۇلاردىكى بۇ روھ ۋە ئىزدىنىشكە قاراپ، يەنە شۇ «ھازىرقى كۈندە بىزگە مۇشۇنداق زىيالىيلار كېرەك» دېگەن مەۋقەگە قايتىپ كەلدىم.
توغرا، بىر زىيالىينى ئۇنىڭ بىرەر ماقالىسىگە قاراپ ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ھەمدە ھەرقانداق زىيالىيمۇ بىرلا ئەسەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىنى تولۇق ئېچىپ بېرەلمەيدۇ. راست گەپنى قىلغاندا، بىر مىللەتنىڭ زىيالىيلىرى ھاياتنىڭ بارلىق تەرەپلىرىدە خەلقنى سىرلىق ھاڭلاردىن ئۆتكۈزۈپ كېتىشكە بەل باغلاشقا توغرا كەلسىمۇ، بۈگۈنكىدەك بۇرۇلۇش پەيتىدە ئاشۇنداق كىرىزىس تۇيغۇسى بار زىيالىيلارلا بۇ تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن تېخىمۇ ياخشى چىقالايدۇ. ھەربىر مىللەتنىڭ ھەربىر دەۋردە ئوخشاشمايدىغان زىيالىيلىرى بولىدۇ، بىر دەۋرنىڭ زىيالىيسى يەنە بىر دەۋرنىڭكىگە ئوخشاشمايدۇ. بىزدە 20-ئەسىردىن بۇيان شەكىللەنگەن ياۋروپاچە زىيالىيلار بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر تەسىرىنى ئاساس قىلىدىغان زىيالىيلار ئوخشاشمايدۇ. ئەمما، ھەرقايسىسى ئۆز دەۋرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ؛ ھەتتا نەچچە خىل ۋەزىيەت ھەم دەۋرگە دۇچ كەلگەن بىر زىيالىينىڭ ئوخشاشمىغان ۋەزىيەت ھەم دەۋرلەردىكى ۋەزىپىسىدىمۇ پەرق بولىدۇ. بىز بۇ يەردە ئۇلارنىڭ نەزەرىيىۋى تەبىرىنى شەرھلەشنى ئالىي مەكتەپتىكى ئۇستازلارغا قالدۇرۇپ، ئۇلار قىلغان ئىشنى باھالىساق، ھەربىر دەۋردىكى زىيالىي جەزمەن ئۆزىنى ئەھيا قىلغان ماكاندىكى كىشىلەرنىڭ قەلب كۆزىنى دەۋر روھىغا ئېچىپ، ئۇلاردىكى كىرىزىس پەيدا قىلىدىغان كۆڭلى قارىلىقنى تۈزىتىش ئارقىلىق بۇ توپنىڭ دائىمىي مەۋجۇتلۇقى ۋە مەڭگۈلۈكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. دۇنياۋى نام-شۆھرەت بىلەن ئىنسانىيەت تارىخىدا مەڭگۈ يوقالماس بولۇپ كەتكەن ئۇلۇغ شەخسلەرمۇ شۇنداق بولدىكى: سوقرات يۇناننى، كۇڭزى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى، فارابى ئىسلام دۇنياسىنى، مەھمۇد ۋە يۈسۈپلەر قاراخانىيلارنى شۇ زاماننىڭ كىرىزىسلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈستىدە سۆزلىدى... ئۇلارنىڭ بەزىلىرى گەرچە دىنىي ئەقىدە ۋە ئۆز قەبىلىلىرى تىكلىگەن تۇتېم سىمۋوللىرى تۈپەيلىدىن قانداق تەقى-تۇرۇقتا بولۇش، دىنىي ۋە قەبىلىۋى تونلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئىمان كەلتۈرگەن دىن پەيغەمبەرلىرىنىڭ تىلى ۋە يېزىقىنى ئۆزلۈكتە قوللىنىش شەكلىدە بولسۇن، دىلىدا ۋە يازمىلىرىدا ئانىجان زېمىن ۋە قانداش مىللىتى بىلەن بىردەك بولدىكى، شۇ بىر دەۋردە ئۆز ماكانى، ئۆز قەۋمىگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىنىڭ ھېسسىيات چەمبىرىكىگە ئالدى. قاراڭ، مەھمۇد ۋە يۈسۈپلەرگە: ئۇلار ئىسلامىي ئېتىقاد بىلەن چىن دىلىدىن ئاللاھقا سادىق بولدى، ھەتتا خۇددى ئەرەبلەردەك سەللە ئوراپ، تونلار بىلەن ياساندى. لېكىن، يازمىلىرىدا ئانا يەر بىلەن ئۇلۇغ ئانىسى بولغان مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ يۈرىكىنى توقلىدى. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە يىراق ئۆتمۈشتىكى تەبىئەتچىلىك، شامانلىق، مانىيلىق، بۇددىزملىق ئۇدۇمى مەدەنىيەت ئابىدىلىرىمىزگە قايتا جان كىردى. مانا بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىز شۇلارنىڭ مۇھەببەت ۋە نەپرەت چەمبىرىكىدە تۇرىمىز. بۇنداق ئىكەن، بىزنىڭ بۈگۈنكى زىيالىيلىرىمىزمۇ ئەلۋەتتە بىزگە يوشۇرۇنغان ئاپەتلەرنى، تارىخىمىزدىكى ئاشۇ شانلىق بەتلەرنى ئۇنتۇلدۇرۇپ كېلەچىكىمىزنى غۇۋالاشتۇرۇپ قويىدىغان خېيىم-خەتەرلەرنى چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن ئىزدىنىشى كېرەك. چۈنكى، ئۆزى ياشىغان دەۋرنىڭ تەرەققىيات يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىنتىلگەن ئەخلاقىي بۇرچ ۋە زاماندارلىق قابىلىيىتى ھەربىر ئادامنىڭ ئاخىرقى ياكى مەڭگۈلۈك قابىلىيىتى بولۇپلا قالماي، قەۋم ۋە مىللەتلەرنىڭمۇ نېگىزلىك قابىلىيىتى بولۇپ، ئۇ ھاياتلىقىمىزنىڭ ئۆتكۈر قورالى سۈپىتىدە ھەرقاچان بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۇرۇپ، كۆز ئالدىمىزدىكى توسالغۇلارنى يېڭىشىمىزگە، كەلگۈسى ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشىمىزغا، مۇسابىقىلەرگە چىقىشىمىزغا ھەيدەكچى بولىدۇ. بىز شۇ قابىلىيىتىمىزنىڭ قانداقلىقىغا قاراپ جەمئىيەتتە نەچچە قاتلامغا بۆلۈنۈپ، تېگىشلىك ئورۇنلارغا ئىگە بولۇپلا قالماي، دۇنيانى ئۆز كۆزنىكىمىزگە كىرگۈزۈپ كۆزىتىش بىلەن باشقىلارغا ئۆرنەك بولىدىغان ئۆزگىچە پىكىرلەرنى بېرەلەيمىز. بۈگۈنىمىزدە ئىشلىرىدا غەلىبە قىلدى دەپ قارالغان ئادەملەر ۋە مىللەتلەر ھاياتلىقنىڭ ئەنە شۇنداق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ماھىر، قىيىن ۋە مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى تولۇق ئىشەنچ بىلەن قوبۇل قىلىپ، مۇسابىقە خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە قارىتا ئېنىق تەھلىل يۈرگۈزۈپ، ئۇ مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنىڭ لايىھەسىنى قويالايدىغان ئادەملەر ۋە مىللەتلەردۇر. ئۇلار ۋەزىيەت ئوڭۇشسىز بولۇپ كەتكەن ياكى ئويلىمىغان ئەھۋاللار شەكىللىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئەقىل ئىشلىتىپ توقۇناقلارنى يېشىپ، چارە ئويلاپ توسقۇنلۇقلارنى يېڭىپ كىرىزىستىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.
بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزغا بۇنداق ئېھتىياج يوقمۇ؟ قېنى بىز «بۈگۈن كۈن ئۆتسە، ئەتە خۇدايىم بار»، «ساقلىقتىن باشقا چوڭ ئىش يوق» دەپ ئارقا-ئارقىدىن چاي ئوينايدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك چەمبىرىكىدىن چىقىپ، ئۆزىمىزگە: «بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە قانداق قىلساق مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىياتنىڭ تەبىئىي تەرتىپىگە كىرەلەيمىز؟ دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇن تەرەققىي قىلدۇرۇپ كېتەلەيدىغان مىللەت بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىمىز؟» دېگەندەك سوئاللارنى قويۇپ باقايلى، شۇئان ئۆزىمىزدىلا ئەيىب-نۇقسان بولۇپ ئىپادىلىنىۋاتقان قەلب كورلۇقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە پىسخىكىلىق قۇرۇلمىلىرى كۆز ئالدىمىزغا كېلىشكە باشلايدۇ. بۇنداق پىسخىكىلىق تىندۇرما ۋە ئۇلارنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى باشقا قەۋملەردە بولمىغانلىقتىن، بۇ ئەيىب-نۇقسانلارغا يەرلىك مەنىۋى رېتسېپ يازمىغىچە باشقا جايلارنىڭ بىلىم داھىيلىرى يازغان رېتسېپ (تەرجىمە ئەسەرلەر)لار بىلەن ئۇلارنى داۋالاپ كەتكىلى بولمايدىغانلىقىمۇ ئايان بولىدۇ.
تارىخىمىزدىكى دانىشمەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە مەڭگۈلۈك يادنامە بولىدىغان ئەسەرلىرى ئەنە شۇنداق سوئاللار قويۇپ قوزغالغان ئىجادچان تەپەككۇر ئەندىزىسى ئارقىسىدا مىللەت ۋۇجۇدىدىن ئۇرغۇپ چىققان بولۇپ، ئىلىم-پەندىكى بۇنداق بىلىم پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىلھام ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئۆزىدىكى تەپەككۇر ئەندىزىسىنى دەۋر سەزگۈرلۈكى بىلەن ئۆزگەرتىش ئىنقىلابىدىن ھاسىل بولىدۇكى، بۇنداق ئىلمىي روھنى ھېچقانداق مىللەت ھېچقانداق مىللەتكە سوۋغا قىلىپ بېرەلمەيدۇ. ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى خەزىنىسى — دەۋر تەلىپىدىكى ئىجادچانلىقتىن ئايرىلغان ھەرقانچە دوراش، ھەرقانچە توۋلاش ئۇ مىللەتكە مەڭگۈلۈك ئەسلەشكە بولىدىغان شانلىق ئۈلگە يارىتىپ بېرەلمەيدۇ. بۇ خۇددى كۇڭزى، لاۋزىلارنى ئۇيغۇرلار يارىتالمىغان، يۈسۈپ، مەھمۇد ۋە نەۋائىيلارنى خەنزۇلار يارىتالمىغانغا؛ «12 مۇقام»نى ياۋروپالىقلار يارىتالمىغان، سىمفونىيەلەرنى ئۇيغۇرلار يارىتالمىغانغا ئوخشاش ئىش.
بۇنداق ئىكەن، بىز قەيت قىلىۋاتقان زىيالىيلارنىڭ ماقالىلىرى ھەرقانچە كىچىك، تومتاق، كەم-كۈتە، ھەتتا بەزى سۆزلەر تەكرار ۋە خاتا بولۇپ قېلىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ئۇلارنىڭ خەلقىمىزدە ئۆسۈۋاتقان مانا شۇنداق ئاينىپ كېتىش ئاساسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىقتىدار كىرىزىسىدىن ئۆتۈش غەيرىتى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، دەۋر ئېلان قىلغان مۇسابىقىلەر ئالدىدا بىز جەزمەن ئۇلاردەك ئويلىشىمىز، ئۆزىمىزنى ئۇ پىكىرلەرگە سېلىشتۇرۇشىمىز، يەنى ھەممىمىز ھەرىكەت قىلىپ ئاشۇنداق مۇئەللىپلەرنىڭ پىكرىدىكى كەملىك، گۆدەكلىك تەرەپلەرنى مېھرىبانلىق بىلەن ياردەم بېرىش ئاساسىدا تولۇقلاپ، ئۆزىمىزنىمۇ شۇ سەپكە قويۇشىمىز كېرەك. چۈنكى گەپ ئەمەس، ئىش؛ قاتماللىق ئەمەس، ئىجادچانلىق؛ قۇرۇق دۇئاگۇيلۇق ئەمەس، ھەقىقىي ئىش-ئەمەل — ھەربىر ئادەم ۋە مىللەتنىڭ دۇنيا ئالدىدىكى ھەقىقىي قىممىتىنى يارىتىدۇ. كەمتەر-ئېھتىياتچان بولمىغان، جاپا-مۇشەققەتتىن باش تارتقان، زاماندار ئىقتىدار تۇرغۇزۇپ شانلىق ئەنئەنىلىرىنى زامان تەلىپىدە جارى قىلدۇرالمىغان مىللەتلەر ئۆزىنى تىكلىيەلمەيدۇ. چېكىدىن ئاشقان نەغمە-ناۋا سورۇنلىرىدا ئۈزۈلمەس ناخشا توۋلاش، شۆھرەت ياكى مەزھەپ نەپسى ئۈچۈن ھەمتاۋاق بولۇپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىش ئەمەس، بەلكى ئىزدىنىش، ئىجتىھات، مېھنەت بىلەن ئۆزلۈكنى ئىپادىلەش، مول ماددىي نېئمەتلەرگە ئىگە بولۇپ ئەركىن-ئازادە ياشاش ئىمكانىيىتىنى بېرىدۇ.
مۇشۇنداق ئويلىغاندا، بۈگۈنكى كۈندە مىللىي ھاياتىمىزغا تەھدىت بولۇۋاتقان نەرسە — تەبىئىي ئاپەت ياكى ۋابا-بالا ئەمەس، بەلكى ئۆز ئىچىمىزدىكى تېرىقە ۋە قەلب كۆرلىكىدۇر. قەلب كورلۇقىنىڭ پەندە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلىنىش تارىخىدىن قارىغاندا، ئۇ ھازىرقى زامان پىسخولوگىيە ئىلمىنىڭ ئادەمدىكى بىر تەرەپلىمە كۆنۈككەن ھېسسىياتىنى ئىپادە قىلىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، تىلىمىزدىكى مەنىسى «كۆڭۈل چىگىلىپ قېلىش ياكى مەلۇم جەھەتتە كۆڭلى قارىداپ ھەقىقەتنى كۆرەلمەس بولۇپ قېلىش» دېگەنلىكتۇر. مۇشۇ مەنە بويىچە تازا دىققەت بىلەن ئەقىدە ئىچىدە ياشىغان كۈنلىرىمىز ۋە بۈگۈنىمىزدە شۇنداق ئەقىدە-ئادەت بىلەن ياشاۋاتقان ئادەملىرىمىزنىڭ دۇنياۋىلىق بىلەن مىللىيلىكنى بىرلەشتۈرگەن ھاياتلىق پائالىيەتلىرىگە سېلىشتۇرۇپ قاراپ كۆرىدىغان بولساق، بۈگۈنكى كۈندە بىزدىن جانغا تاقىلىدىغان كىرىزىس ۋە قەلب كۆرلىكىدىن ماڭدامدا بىرنى تاپقىلى بولىدۇ؛ شۇنداقلا ھەربىر خىل قەلب كۆرلىكىنىڭ يا پەن، يا دىن، يا زامان بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بىر تالاي نىقابلار بىلەن مىللىي ھاياتنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىرمۇبىر تىزىپ چىققىلى بولىدۇ. بىز زىيالىيلار قوشۇنىمىزدىكى پەقەت ئەدەبىيات-سەنئەت بىلەن ماختاش، ماختىنىشقا خۇمار بولۇپ باشقا پەنلەر ئالدىدا قەلبىمىزنى كۆر قىلغان مىللىي غېرىبچىلىقلىرىمىزنى قويۇپ تۇرۇپ، ھازىر خەلق ئارىسىدا جامائەت كەيپىياتىغا ئايلىنىۋاتقان ئەجنەبىيلەرنىڭ كۆپۈك مەدەنىيەت ئەندىزىلىرىگە كۆنۈش بىلەن زاماندارلىقنى كېرەك قىلمايدىغان كونىلىققا بېرىلىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرنى مىسال قىلىدىغان بولساق، قەلب كورلۇقىنىڭ بىزنى قەيەرلەرگە ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى پەم قىلالايمىز.
ئەجنەبىيلەرنىڭ كۆپۈك مەدەنىيەت ئەندىزىلىرىگە بېرىلگۈچىلەرنى ئالايلى: ئۇلار جامائىتىمىزنىڭ ئۇيغۇر زاتى بولغانلىقىغا پەخىرلىنىپ، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزدىكى پەخىرلىك ئىزلارنىڭ زاماندار ئىزچىسى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىدىكى ئاشۇنداق قىزىقىش تۈپەيلى ئۆزلۈكنى خورلايدىغان تەتۈر يوللارغا ماڭىدۇ. تەقى-تۇرقىدىن تاكى تۇرمۇش ئادەتلىرىگىچە ئەجنەبىي ھالەتكە كېلىش ئۈچۈن، تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزدىكى ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان ئالىيجانابلىق ۋە شەرمى-ھايانى تەرك ئېتىدۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆركەم كىيىم-كېچەكلىرى بار بىر مىللەتنىڭ پەرزەنتى تۇرۇپ، بىر كۈنلۈك تويىنىمۇ شۇ بېزەكلىرى بىلەن راھەتلىنىپ ئۆتكۈزمەي، ئەجنەبىيلەرنىڭ مەيدىلىرى ئوچۇق ھاياسىز كىيىملىرىنى «توي كىيىمى» قىلىپ كىيىۋالىدۇ. كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشتىمۇ دورامچىلىق قىلىپ، ئۆز تۇپرىقىغا لايىق ئىجادىي ئويلاردا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا بىزدىكى مۇدھىش تارىخىي قىسمەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەيىب-نۇقسانلارنى ئەجدادلىرىمىزدىن كۆرۈپ، بوۋىلارنى يامان ئاتلىق قىلىپ تىللايدۇ؛ «قالاقلىقنى دىنىمىز كەلتۈرۈپ چىقاردى» دەپ چېركاۋلارغا كىرىۋالىدۇ. چەت ئەللەرگە يېڭى بىلىم ئېلىپ كېلىپ يۇرتنى گۈللەندۈرۈش ئويى بىلەن بارماي، شۇ يەرلەردە جان ساقلاشنىڭ كويىغا كىرىپ مىللىي تەرەققىياتتىن ۋاز كېچىدۇ... ۋەھاكازالار. قىسقىسى، بۇ دورامچىلاردا مىللىي ئەقىدە پارچىلىنىپ، دورامچىلىق ۋارىسلىق بىلەن ئىجادچانلىقنىڭ ئورنىنى ئېلىپ كەتكەن، ھاياتىمىزغا تىرەك بولىدىغان مىللىي روھ نىمجان بولۇپ قالغان. شۇڭا، ئۇلار ئاسىي روھلار ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ يۈرۈپ دورايدۇكى، ئىجاد قىلمايدۇ. ئەجنەبىيلەرنىڭ مەبۇدلىرىغا چوقۇنىدۇكى، زاماندار مىللىي ئوبراز تۇرغۇزۇش ئۈچۈن تەر تۆكمەيدۇ-دە، ئاشۇ ھەرىكەتلىرى بىلەن يېڭىلىنىش-زامانىۋىلىشىش دېگەننىڭ دۇنيانىڭ ئىلغار ئىلىم-پېنىنى ئۆگىنىش، زاماننىڭ ئىجادىي پاراسىتىنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئىجادىي تەتبىقلاش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئوبرازىنى ئەسلىيەتتىكى خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە ھازىرقى زاماننىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىكلەش ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ.
كونىلىققا يېپىشىۋالىدىغانلارنى ئالىدىغان بولساق: ئۇلار غەرب دۇنياسىنى ئاساس قىلغان ئەجنەبىيلەرنىڭ قىلتىقىغا چىگىلىپ كەتكەن ياش دورامچىلارنىڭ ئەكسىچە، خەلقىمىزنىڭ قەلبىنى چۇلغاپ ئالغان ئىمان نامى بىلەن ئەرەب مىللەتچىلىكىنىڭ تورىغا چىگىلىپ كەتكەنلەردۇر. شۇڭا، بىز تېز-تېز تەرەققىي قىلىپ زاماندار كۈچلۈكلەرنىڭ سىرىنى بىلىش ۋە ئۇلارغا يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن بۈگۈنكى ئىنسانىيەت ياراتقان پەن-مەدەنىيەت تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يۈكسەك نۇقتىدىن قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرىدىغان يېڭى تىپتىكى زىيالىيلارغا موھتاج بولۇۋاتساق، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ دورامچىلىق خىيالى بويىچە قەلبىنى ئەرەبلەرنىڭ تەقى-تۇرقىنى دوراشقا باغلاپ قويىدۇ-دە، بىلىم ئېلىش ۋە يېڭى تەپەككۇر ئارقىلىق زامانغا يارىشا بىلىم ئىجاد قىلىپ ئۆزلۈكنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىماننى ئەرەبلەردىكى شەكىلۋازلىقلارنى دوراش دەپ چۈشىنىۋالىدۇ؛ ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلىشىش تەشەببۇسى بويىچە ئادەتتىكى پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنىمۇ تىرىشىپ ئۆگەنمەي، زامانىمىز تىرىكچىلىكىدىكى نۇرغۇن كەسىپلەردە كېرەكسىز بولۇپ كېتىدۇ؛ يەنە بەزىلىرى دىنغا بولغان ئىخلاسمەنلىك بىلەن خۇراپاتلىقنى پەرق قىلماي، دىنىمىزنىڭ جاھالەت پىرلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن چاغلىرىدىكى دىن ۋە تىرىكچىلىكنى قانداق قىلىپ گىرەلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ئىزدەنمەيدۇ؛ يەنە بەزىلىرى تېخى زامانىمىزنىڭ ئەڭ ئىلغار ماشىنىلىرىنى ياسايدىغان ۋە قوللىنىدىغان مىللىي مۇتەخەسسىسلەرنى، جاھان بازارلىرىدا پەرۋاز قىلىدىغان ئەزىمەت سودىگەرلەرنى، ئەۋلادلىرىمىزنى ھەم ئەقىدىلىك، ھەم زامانىۋى ياشاش ئۇسۇلىغا ئىگە، ھۆر پىكىرلىك قىلىپ تەربىيىلەيدىغان زاماندار ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنى قانداق قىلىپ مەيدانغا چىقىرىشنىڭ كويىدا بولماي، ئات ھارۋىسىنى ئېغىزدىكى گەپ بىلەن پويىزنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈشكە، لەگلەكلىرىنى ئايروپىلانلارنىڭ ئالدىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنغاندەك گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتلەردە بولىدۇ. بۇنداق خۇراپىي قىلىقلارنى قانداقمۇ مۇسۇلمانچىلىق دېگىلى بولسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار دىنىي ھېسسىياتنى بىر تەرەپلىمە چۈشىنىۋالىدۇ ۋە ئېلىمىزنىڭ شەرت-شارائىتى بويىچە ئۆزگىچە مىللىي تەلىم-تەربىيە ئەندىزىسى تۇرغۇزامدۇق ياكى ئەرەبلەرنى دوراپ، ئۇلار نېمە قىلسا شۇنى قىلامدۇق دېگەننى تەپەككۇرىدىن ئۆتكۈزمەيدۇ. جەدىدچى ئالىملىرىمىزنىڭ نۇرانە قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھەققانىي سۆزلىرىگە قۇلاق سالماستىن، تۇرمۇشتا نەدىكى خۇراپىي ھەشەمەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدۇ. «ئىلىم-پەن» دېگەندىمۇ ئىلىم-پەن ئۆگىنىشنى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ تۇتقان يولى بويىچە ئۆزىنىڭ ئىبادەت تەرتىپىگە، ئائىلىۋى پائالىيەت مەزمۇنىغا كىرگۈزمەي، باشقىلارغا ۋەز قىلىپ سۆزلەش بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلىدۇ... بىزدىكى مۇشۇ ئىككى تۈرلۈك خۇمارۋازلارنىڭ ئەھۋالىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇنداق ھالەتتە بولغانلار ناتوغرا ھېسسىياتلارنى ئۆزىگە جەم قىلىۋالغانلار بولۇپ، ئۇلاردا ئاتا-بوۋىلار ئېتىقادلىرى ئارقىلىق تىكلەنگەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئەندىزىلىرىگە ۋارىسلىق ياكى كۆز ئالدىدىكى بۇرۇلۇشلارغا قارىتا ئىجادىي تەپەككۇر بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇلاردىكى بۇنداق ھېسسىيات خۇددى تۇيۇقسىز يار كەتكەن سۇدەك بىردەم شەخسىي ئېرىكسىزلىك، بىردەم كوللېكتىپ ئېرىكسىزلىك بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. بەزى ھاللاردا، پۈتكۈل جامائەتنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان بىر ھالىتى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. جامائەتچىلىكنىڭ ئېرىكسىزلىكىگە ئايلانغان بۇنداق قەلب كىشىنى بەزىدە شۇ جامائەتتە ئەۋج ئېلىپ، زاماننىڭ ئۆز ئۈستىدىكى ئەقلىي، ئەخلاقىي ۋە جىسمانىي تەلەپلىرىنى نەزەرگە ئالمىغان ھالدا ئۆز خىيالى بويىچە نىجاتلىق تىلەشكە ئايلىنىپ كېتىدۇ-دە، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن چوڭقۇر بىر تەرەپلىمە قاراش بولۇپ شەكىللىنىپ، شۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئەتراپتىن ئۈزىدۇ، قەلبىنى تۇتۇقلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ رېئال تىرىكچىلىكتە غەلىبە قىلىش يوللىرىنى پۈتۈنلەي تاقايدۇ. ئەڭ يامان يېرى، بۇنداق ھالەتتە بولغانلار نىجاتلىقنى ئۆزلىرىدىكى چىگىش ھېسسىياتلار بىلەن ئىزدىگەنلىكتىن، مەقسىتى ئەمەلگە ئاشماي قالغاندا بەڭگىلىكى تۇتۇپ كەتكەن ئادەملەردەك غەزەپكە تولۇپ كېتىدۇ-دە، بەزىدە ھەتتا ھاياتلىقىنى تەمىن ئېتىۋاتقان توغرا ئىشلارنى تاشلاپ تەتۈر يوللارغا مېڭىپ كېتىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ئىزدىنىپ ئۆگىنىش، تىرىشىپ ۋەزىپە ئۆتەش ئارقىلىق بۈيۈك بولۇش يولىدىن يىراقلىشىدۇ؛ يەنى كۆڭۈل تەڭپۇڭ تۇرغان ھالەتتىكى يېتۈك ئادىمىيلىك مەجبۇرىيىتىدىن، يېتۈك ئادەمنىڭ ئۆزى، ئائىلىسى، جامائىتى ئالدىدا ئورۇندايدىغان ۋەزىپىسىدىن، ھەتتا بۈيۈك خەلق بولۇشتىكى ئالىي ئىقتىدار يېتىلدۈرىدىغان كۈرەش مەيدانلىرىدىن قاچىدۇ.
شۇنداق ئىكەن، بۈگۈنكى زىيالىيلىرىمىز ئۈچۈن ئاشۇنداق قەلب كۆرلىكىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاش، چوڭقۇر تەتقىقاتلار ئاساسىدىكى ھەممىباب تىل بىلەن ئەسلىي ماھىيەتكە يات نەرسىلەرگە ئېسىلىپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ئۇلارغا يېڭى مۇقەددەسلىككە يېتىپ بارىدىغان يولنى كۆرسىتىشتىنمۇ مۇھىم ئىش بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ. شۇڭا، تەكرارلايمىزكى، ئىلىم-پەننىڭ بارلىق ساھەلىرى بويىچە بىزنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىجادچان تەپەككۇر ئەندىزىسىگە ئۇلايدىغان، قەلب كۆزىمىزنى ئاينىش ۋە ئىقتىدارسىزلىق كىرىزىسىدىن ئۆتۈپ كېتىش شىجائىتىگە ئاچالايدىغان زىيالىيلار كېرەك.
llhswmqvqkc6g4k79p84d4wc3o5totj
بىزگە قانداق بالىلار كېرەك؟
0
24750
176582
2026-10-07T20:30:05Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''ئىدرىس بارات''' كىشىلەر ئارا بىر-بىرىگە خالىسانە كۆيۈنۈش، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش، ۋاپادارلىق قىلىشلارنىڭ ئورنىنى مەنپەئەتپەرەسلىك، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك ئىگىلەپ، ۋاپاغا جاپا يېنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئەگەر ئاتا-ئانىغا بالىدىن ۋاپا كەلم...'
176582
wikitext
text/x-wiki
'''ئىدرىس بارات'''
كىشىلەر ئارا بىر-بىرىگە خالىسانە كۆيۈنۈش، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش، ۋاپادارلىق قىلىشلارنىڭ ئورنىنى مەنپەئەتپەرەسلىك، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك ئىگىلەپ، ۋاپاغا جاپا يېنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئەگەر ئاتا-ئانىغا بالىدىن ۋاپا كەلمىسە، كىمدىنمۇ ۋاپا كېلەر؟
ئۆزگىچە تەپەككۇرى، ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن ساپالىق ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان ئاپتورلىرىمىزدىن ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى ئەپەندىلەر «بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟»، «بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟» دېگەن رېئال تېمىدا ئەسەر يېزىپ، ژۇرنىلىمىزنىڭ 2- ۋە 4-سانلىرىدا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلىرىمىز قىزغىن، كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى ۋە بىزدىن «بىزگە قانداق بالىلار كېرەك؟»لىكى توغرىسىدىمۇ ئاز-تولا بىرنېمە دېيىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. دەرۋەقە، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تەقەززاسى ئانىلارغا، دادىلارغا زامان تەلىپى قويۇشقا ھەقلىق بولغىنىدەك، بالىلارغىمۇ زامان تەلىپى قويۇشقا ھەقلىقتۇر.
جەمئىيەتنىڭ ئاتا-ئانىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمۇ زامان-ماكاننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرغىنىدەك، بالىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمۇ زامان-ماكاننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ بارىدۇ.
مەن بۇ ماقالەمدە، «بىزگە قانداق بالىلار كېرەك؟» دېگەن تېما ئۈستىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزىمەن.
بىزگە غايىلىك بالىلار كېرەك
غايە — ھەربىر كىشى ئۈچۈن ئىستىقبال مەنزىلىنىڭ دوقمۇش-دوقمۇشلىرىدا يول كۆرسىتىپ تۇرىدىغان نۇرلۇق ماياك. غايىسىز ياشىغان ئادەم قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە ياكى بىپايان چۆل-جەزىرىدە نىشانىنى تاپالماي تېڭىرقاپ يۈرگەن سەيياھقا ئوخشايدۇ. ئاتا-ئانىلار ھاياتىنى غايىسىز ئۆتكۈزۈپ، بالىلىرى ئۈچۈن پارلاق ئۈلگە تىكلەپ بېرەلمىگەن بولسا، بالىلار بۇنىڭدىن تەجرىبە-ساۋاق ئېلىپ، ئاتا-ئانىسى قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ روھىنى خۇش قىلىشى، مىللەتنىڭ، ئۆز جەمەتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى لازىم؛ ئاتا-ئانىلار يۈكسەك غايە بىلەن ياشاپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، بالىلىرى ئۈچۈن پارلاق ئۈلگە ياراتقان بولسا، بالىلار بۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ، تېخىمۇ ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئاتا-ئانىسىنى، مىللەتنى پەخىرلەندۈرگۈدەك ئىشلارنى قىلالىشى كېرەك.
بىزگە بىلىم-قابىلىيەتتە، ساپا-ئىقتىداردا، ئىجادىيەت-كەشپىياتتا ئەجدادلىرىدىن، ئاتا-ئانىسىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان روھقا ئىگە غايىلىك بالىلار كېرەك. چۈنكى زامان-ماكان بىزگە شۇنداق ئىمكانىيەتنى بەردى. بۇنىڭدىن 20 يىللار ئىلگىرى، ھازىرقى زامان ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تارقاتقۇچىسى بولغان كومپيۇتېر بۇ قەدەر ئومۇملاشمىغانىدى. ئىككى تىللىق ۋە ياكى كۆپ تىللىق بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىمۇ ھازىرقىدەك جىددىي ھېس قىلىنمىغانىدى.
بالىلىرىمىز پەن-تېخنىكا كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت، پەن ساپاسىغا قويۇلغان تەلەپ كۈنسايىن يۇقىرىلاۋاتقان زامان ۋە ماكاندا ياشاۋاتقانىكەن، ھەر جەھەتتە ئاتا-ئانىسىدىن ئېشىپ چۈشكۈدەك ئەمەلىي ئىقتىدارنى ئىگىلەپ، ئۆز جەمەتىگە، مىللىتىگە، ۋەتىنىگە ئۇتۇقلىرى بىلەن شان-شەرەپ كەلتۈرۈشى لازىم. «ئاتا-ئانام شۇنچىلىك بولغان يەردە، مەن قانچىلىك بولماقچىدىم» دەيدىغان قاراشنى «مىجىق بالىلار پەلسەپىسى» دەپ قارايمەن.
شۇنداق جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، قايسى زاماندا ئەۋلادلىرى ئەجدادلىرىدىن ئېشىپ چۈشكەن مىللەت، دۆلەت روناق تاپقان، گۈللەنگەن، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن مىللەت، دۆلەت بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، پالاكەت باسقان، خارابلاشقان، دەۋرنىڭ ئارقىسىدا قالغان مىللەت، دۆلەت بولىدۇ؛ بىر ئائىلىمۇ بۇ قائىدىدىن مۇستەسنا ئەمەستۇر. ئەگەر بالىلىرى بىلىم-سەۋىيە، قابىلىيەت-ئىقتىدار، ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە ئاتا-ئانىسىدىن ئېشىپ كېتەلىسە، ئۇ ئائىلە زامانغا لايىق روناق تاپقان ئائىلە جەمەتى بولىدۇ، ئاتا-ئانا، بارلىق ئۇرۇق-تۇغقان، ھەتتا قوشنىلارمۇ ئۇ ئائىلىدىن پەخىرلىنىدۇ. ئەكسىچە، ئەۋلادلىرى ئىقتىدارسىز، ناكەس، نان قېپى، روھى زەئىپ، ئەخلاق-پەزىلەتتە چۈشكۈن، ساختىپەز، يالغانچى، ئالدامچى بولۇپ چىقسا، ئۇ ئائىلىنى خارابلىق باسىدۇ، ئاتا-ئانىنىڭ كۆڭلىنى غەم-قايغۇ، ھەسرەت قىينايدۇ، ئۇنداق ئائىلىنىڭ شەنىگە داغ چۈشىدۇ.
دېمەك، بىر بالىنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ يېتىلىشى يالغۇز شۇ بالىنىڭلا ئىشى ئەمەس، ئۇ — جەمئىيەت ئالدىدىكى بىر خىل مەسئۇلىيەت.
بىزگە مەسئۇلىيەتچان بالىلار كېرەك
مەسئۇلىيەتچان كىشىلەر دۇنيادا ياشاشنى كۈن ئۆتكۈزۈشلا ئەمەس، بەلكى بىر خىل مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش — ياخشى تەربىيە ئېلىپ، پىسخىكا ۋە فىزىئولوگىيە جەھەتتىن ساغلام يېتىلىپ، ئاتا-ئانا ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئورۇنداش؛ جەمئىيەت ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە يارىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئورۇنداش؛ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ، ئۆز جەمەتىنىڭ، ئاتا-ئانىسىنىڭ، مىللىتىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەسلىك مەسئۇلىيىتىنى ئورۇنداش دەپ بىلىدۇ. مەسئۇلىيەتچان بالا — ئۈمىدلىك بالىدۇر، ئۈمىدلىك بالا — ئىستىقباللىق بالىدۇر.
مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ ئەكسى — مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر. مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى — ئىش خوشياقماسلىق، لەقۋالىق، ھېچقانداق ئىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەسلىكتۇر. ئۇنداقلار مەيلى ئوقۇشتا بولسۇن، مەيلى بىرەر ئىش قىلىشتا بولسۇن، ئازراقلا قىيىنچىلىققا ۋە ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىسىلا، يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك بوشىشىپلا كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىشىلەر قىيىنچىلىق ۋە ئاۋارىچىلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، تۇرمۇش مۈشكۈلاتلىرىنىڭ ئەلگىكىدە تاسقالغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تەجرىبە-ساۋاققا، قىممىتى بار تەسىرات، ھاسىلاتلارغا ئېرىشىدۇ.
كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتمەي تۇرۇپلا يېنىكلىك بىلەن ۋاز كېچىش، ئاز-تولا يۈزەكى بىلىمگە ئېرىشىپلا بەكمۇ قانائەتلىنىپ كېتىش، تېخىمۇ يامىنى، ھەمىشە ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ، خىزمەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغان مەسئۇلىيەتچان كىشىلەرنى ئەخمەق، ھاماقەت دەپ بىلىش — مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەرنىڭ يەنە بىر تىپىك بەلگىسى.
مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى تېپىپ قىلالمايدۇ، بىر ئىشقا بۇيرۇساڭ قىلالمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى قىلالمىغان ئىشى ئۈچۈن ھەر خىل سەۋەبلەرنى ئىزدەپ تېپىش.
يۇقىرىقىدەك ئىللەتلەر نادانلىق ئەۋج ئالغان ئىلگىرىكى زامانلاردىكى ئىجتىمائىي قاششاقلىق، لەقۋالىق كېسەللىرىنىڭ قالدۇقلىرىدۇر؛ بۈگۈنكى پەن-تېخنىكا، ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتقان بالىلاردا ئۇنداق ئىللەتلەر بولماسلىقى كېرەك.
بىزگە ۋاپادار بالىلار كېرەك
بالىلار — ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈمىدى، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى؛ بالىلار — ئاتا-ئانىلار مۇۋەپپەقىيىتى ياكى مەغلۇبىيىتىنىڭ نەق شاھىتلىرى ۋە جەمەت شەجەرىسىنى داۋام ئەتكۈچىلەردۇر.
زامانىمىزدىكى بالىلار ئىقتىسادىي باياشاتلىق، بىلىم-ئىقتىدار ئىگىلەش ئىمكانىيىتى كەڭ، ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش سەھنىسى تولۇق بولغان، ئەمما ياشاش رىقابىتى كەسكىن بولغان ئىجتىمائىي مۇھىتتا ياشىماقتا. ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ ياخشىلىنىشى بالىلىرىغا بولغان كۆيۈمچانلىقنى ۋىجدانىي بۇرچ ھېسابلايدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ روھىي بېسىمىنى يەڭگىللەتكىنى يوق. ئاتا-ئانىسىنى روھىي بېسىمدىن، غەم-قايغۇدىن، ئاۋارىچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇش — ئاتا-ئانىسىغا بولغان ۋاپادارلىقنى ۋىجدانىي بۇرچ ھېسابلايدىغان بالىلار ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتتۇر.
ھەرقانداق زاماندا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ۋاپادار بولۇشىنى، ياراملىق ئادەم بولۇپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش يولىنى ئۆزى تېپىشىنى، ئۆز ئاتا-ئانىسىغا، ئۆز جەمەتىگە ئاۋارىچىلىق، ئار-نومۇس ئەمەس، بەلكى ئاسايىشلىق كەلتۈرۈشىنى، شان-شەرەپ كەلتۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنداق ئارزۇ ھەرقانداق مىللەتكە، ھەرقانداق قەۋمگە ئورتاقتۇر.
ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ رېئاللىقىمىزغا نەزەر سالساق، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ جانلىنىشى، رەڭدارلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەركىنجانلار، ھۆرىيەتقىزلار، ئەزىزجانلار، شېرىنجانلار قەۋمى كۆپىيىشكە باشلىدى. بىر قىسىم بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، غەم-قايغۇسى بىلەن كارى بولمايلا، رەڭگارەڭ تۇرمۇش ئېقىمىغا قىزىقىپ، ھەقىقىي ياشاش ماھارىتى ئىگىلەشتىن كۆرە، ئويۇن-تاماشىغا بېرىلدى؛ «مودا» دەپ ئاتالغان شامالغا ئەگىشىپ، كەلسە-كەلمەس پەدىگە ئۇسسۇل ئوينىدى. جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ ھالال ھاياتلىق يولىنى تاپالماي، ئاتا-ئانىسىنى غەم-قايغۇغا سالدى. ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى قەلب تارازىسىنىڭ ئادىللىقىغا شەك چۈشتى. ئىجتىمائىي ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بالىسىدىن ۋاپادارلىق كۈتۈش، ۋىجدان كۈتۈش — ھەرقانداق ئاتا-ئانا قەلب تارازىسىنىڭ ئۆزگەرمەس تېشىدۇر. ھازىر، ئاتا-ئانا قەلب تارازىسىنىڭ بالىسىدىن ۋاپا، ۋىجدان كۈتىدىغان تېشى ئېغىر سالماقنى ئىگىلىسە، ئەمما بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن تېخىمۇ كۆپ ياردەم، مېھىر-شەپقەت كۈتىدىغان قەلب تارازا تېشى تېخىمۇ ئېغىر سالماقنى ئىگىلەپ تۇرماقتا. بۇنداق تەڭپۇڭسىزلىقلار مۇقەررەر ھالدا ئاتا-ئانا بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى نارازىلىق ئۇچقۇنلىرىغا ياغ چېچىپ تۇرىدۇ.
ئاتا-ئانا قەلبى شۇ قەدەر پاك، مىننەتسىزكى، ئۇلار ئەۋلادلىرىدىن — بالىلىرىدىن، نەۋرىلىرىدىن، چەۋرىلىرىدىن جاپا ئەمەس، ۋاپا كۈتىدۇ. ھازىر، بىر قىسىم بالىلار «قوڭامدا ئىشتان يوق، ئېتىم مارجانبۈۋى» دەيدىغان شۆھرەتپەرەسلەر، ھەشەمەتخورلارنىڭ ئىللەتلىرىنى يۇقتۇرۇۋالدى. شۇنداق بالىلار، قېنى ئويلاپ بېقىڭلار: ئاتا-ئاناڭلارنىڭ بىر ئايلىق روزغىرىغا يېتىدىغان ئىقتىساد ئۆزۈڭلارنىڭ بىر قېتىملىق «تۇغۇلغان كۈن چېيى»دا سورۇۋېتىلسە، بۇ، ئاتا-ئاناڭلارغا قىلغان ۋاپايىڭلارمۇ ياكى جاپايىڭلارمۇ؟
ئاتا-ئاناڭلار ئاددىي ئۆيلەردە، تېجەپ-تۆشەپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ، تاپقان-تەرگىنىنى سىلەرنىڭ ھەشەمەتلىك تويلىرىڭلار ئۈچۈن، راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇشۇڭلار ئۈچۈن قۇربان قىلىپ بەرسە، ئويلاپ بېقىڭلار، بۇ سىلەرنىڭ ئاتا-ئاناڭلار ئۈچۈن قىلغان ۋاپايىڭلارمۇ ياكى جاپايىڭلارمۇ؟
ئاتا-ئاناڭلار تاپقان-تەرگىنىنى سەرپ قىلىپ، سىلەرنى ئالىي مەكتەپكە قەدەر ئوقۇتسا، سىلەر تېخىچە ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار قامداش ئىقتىدارىنى ئىگىلىمەي، كىچىك ئىشلارنى ياراتماي، چوڭ ئىشلارنى قىلالماي، ئاتا-ئاناڭلارغا يۈك بولۇۋەرسەڭلار، قېنى ئويلاپ بېقىڭلار، بۇ، ئاتا-ئاناڭلارغا قىلغان ۋاپايىڭلارمۇ ياكى جاپايىڭلارمۇ؟
كىشىلەر ئارا بىر-بىرىگە خالىسانە كۆيۈنۈش، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش، ۋاپادارلىق قىلىشلارنىڭ ئورنىنى مەنپەئەتپەرەسلىك، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك ئىگىلەپ، ۋاپاغا جاپا يېنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئەگەر ئاتا-ئانىغا بالىدىن ۋاپا كەلمىسە، كىمدىنمۇ ۋاپا كېلەر؟
بۇ ھەقتە ھەرقانداق بىر بالا ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈشى لازىم. ئەقەللىي ئىنسانىي ئىنساپ ئۆلچىمى شۇكى، بالىلار ئاتا-ئانىسى ئۆزىگە قانچە كۆيۈنگەنسېرى، ئاتا-ئانىسىغا شۇنچە ۋاپادار بولۇشى، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشى، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاتا-ئانىسىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئېغىرچىلىقىنى يېنىكلىتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم. مانا بۇ، ۋاپادارلىقنىڭ ئەقەللىي ئىپادىلىرىدىندۇر.
مەن باشقا قەلەم ئىگىلىرىنىڭمۇ قەلەم تەۋرىتىپ، «بىزگە قانداق بالىلار كېرەك؟» دېگەن تېما ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ماقالەمنىڭ كەمتۈك جايلىرىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن تولۇقلاپ كېتىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن تەلەپ قىلىمەن.
dcz9zbo7njrwx6elhl4osaj8y3lg5v6
بۆرىلەر ھۇۋلىماقتا
0
24751
176583
2026-10-07T20:37:57Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''ئەخمەت ئىمىن''' == ئورمان == ئورمان. ئايدىڭ كېچە. دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئاندا-ساندا ئەسكەن شامالدىن شىلدىرلاپ قويىدۇ. ئاي نۇرى ئالدىمدىكى بىر پارچە چىملىقنى سۇس يورۇتۇپ تۇرىدۇ. بىر يەرلەردە ئالا سايە، نېرىسى سۇس قاراڭغۇچىلىق؛ بىر يەرلەردە قارا سايە، نېرىسى قا...'
176583
wikitext
text/x-wiki
'''ئەخمەت ئىمىن'''
== ئورمان ==
ئورمان. ئايدىڭ كېچە. دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئاندا-ساندا ئەسكەن شامالدىن شىلدىرلاپ قويىدۇ. ئاي نۇرى ئالدىمدىكى بىر پارچە چىملىقنى سۇس يورۇتۇپ تۇرىدۇ. بىر يەرلەردە ئالا سايە، نېرىسى سۇس قاراڭغۇچىلىق؛ بىر يەرلەردە قارا سايە، نېرىسى قاپقاراڭغۇچىلىق.
«ھۇۋ...» تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
بۇ نېمە ئاۋازدۇ؟
بوراننىڭ ھۇۋۇلدىشىمۇ؟ ياق، ئوخشىمايدۇ! پىلنىڭ ۋارقىرىشىمىدۇ؟ ياق، ئۇنىڭغىمۇ ئوخشىمايدۇ!
«ھۇۋ...»، «ھۇۋ...» ئاۋاز كۈچەيدى.
توۋا، خۇددى جىن-ئالۋاستىلار دەل-دەرەخلەرنىڭ كەينىگە مۆكۈپ تۇرغاندەك، ھېلىلا ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرىدىغاندەك ياكى ئاقۇش بەستى بىلەن سۈرلۈك سايە تاشلاپ يوپۇرۇلۇپ ئۇچىدىغاندەك، بىر بولسا شامالدا قالغان ئىنچىكە شاخلاردەك ئىرغىشىپ، بىر بولسا كارىكاتۇرىلاردىكى مەست بولغان پىل سىياق تولغىنىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدىغاندەك بىر كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدىغۇ؟
مەن بېشىمنى چايقىۋەتتىم، كۈچەپ چايقىدىم، كۆز ئالدىمدىكى خىيالىي مەنزىرە يوقالدى، لېكىن ئەتراپىمدا شىپىرلىغان بىر خىل ئاۋاز پەيدا بولدى. مەن ئەتراپىمغا قارىدىم، دەرەخلەرنىڭ ئۈستىگە قارىدىم، ھېچنېمە يوق؛ كەينىمگە قارىدىم، ئوخشاش، ئالدىمغا قارىدىم، يەنە ھېچنېمە يوق، سول يېنىمدىمۇ شۇ. ئوڭ تەرىپىمگە قارىدىم، چاتقاللىق ئىچىدىن كۆزۈمگە مىلتىلداپ تۇرغان بىر نەرسە كۆرۈندى. مەن ئۇ نەرسىگە تىكىلىپ قارىدىم. ئۇ چوغدەك يېنىپ تۇرغان بىر جۈپ كۆز ئىدى. ئۇنى كۆرۈپ تېنىم تىترەپ كەتتى، تەرلىدىم. مەندە ئۇنىڭ نېمىنىڭ كۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە تىرىشقۇدەك جۈرئەت قالمىغانىدى. دەرھال ئۆزۈمنى چېدىرىمغا ئالدىم، بۇمۇ يەتمىگەندەك ئىشىكنى مەھكەم ئېتىپ، ئىچىدىن تاقاق سېلىپ قويدۇم. نېمىلا دېگەن بىلەن ھوشيار بولغان يەردە بالا يوق-دە!
== چېدىر ئىچىدە ==
چېدىر ئىچى. چاڭغىراققا تىكىلگىنىمچە كۆككە تەلمۈرۈپ ئولتۇرىمەن. كۆكتىكى ئاي پەرىشان ھالىمغا ئىچ ئاغرىتقاندەك، ماڭا مۇڭلۇق قاراپ تۇرىدۇ. يۇڭ-كاشايىپلار چېدىرنىڭ كەرەگە-ئوۋۇقلىرىنى مەھكەم چىرماپ تۇرغاندەك، مېنىڭ كاللامنىمۇ ھەر خىل خىياللار چىرمىۋالغان. قانداق قىلساممۇ ھېلىقى بىر جۈپ كۆز كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى. نېمىدېگەن سۈرلۈك كۆزلەر-ھە! چوغدەك يېنىپ تۇرۇشلىرىچۇ!
كۆزلەر! كۆزلەر!...
تەڭرىم، مەن كۆزلەردىن: سۈر يېغىپ تۇرغان كۆزلەردىن، مەككارلىق، پىتنە-ئىغۋا چاقناپ تۇرغان كۆزلەردىن، نەپسانىيەت، شۇملۇق تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلەردىن، ھەسەت ۋە ۋەھشىيلىك ئويناپ تۇرغان كۆزلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ، بۇ ئادەمسىز دالىدىن ماكان تۇتقان ئەمەسمىدىم؟! راست، مەن بايامقى كۆزدىن سۈردىن بۆلەك نەرسە ھېس قىلمىدىم، لېكىن كۆز — مۇھەببەت ھېس قىلدۇرالمىغان كۆز نەئۈچۈندۇ ساڭا باشقا كۆزلەرنىمۇ ئەسلىتىپ قويىدىكەن.
مەن جىق ئويلىدىم، ئۆزۈم ياشىغان، مەن بىزار بولغان مۇھىتنى ئويلىدىم، ئەمدى مەن ياشايمەن دەپ كەلگەن بۇ مۇھىتنى ئويلىدىم. خىيالىم يەنە بايامقى بىر جۈپ كۆزگە مەركەزلەشتى.
ئۇ ئەتراپىمدا نېمە قىلىدىغاندۇ؟
بۇ سوئالىمغا جاۋاب ئىزدەپ چېدىر ئىچىگە ئەلەڭلەپ قارىدىم، تۈڭلۈككە قارىدىم. ئاي ماڭا يەنە مۇڭلۇق قاراپ تۇرىدۇ. كىچىك يۇلتۇزلار كۆزىنى چىمچىقلىتىپ ھەيران، چوڭ يۇلتۇزلار يەنە ھېلىقى كۆزلەرنى ئەسلەتكەندەك يېنىپ تۇرىدۇ... خىيال دولقۇنلىرىدا تولا لەيلەپ ھارغان بولسام كېرەك، ئاخىر كۆزۈم ئۇيقۇغا كەتتى.
== تاڭ ==
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى بىلمەيمەن، بىر چاغدا ئويغاندىم. تۈڭلۈككە قارىسام، تاڭ رەڭگى سۈزۈلۈپتۇ. سۈبھى چېغى دەپ ئويلاپ تۇرۇۋېدىم، چاڭغىراق چېتىدىن كۈچلۈك بىر نۇر ۋاللىدە چاقنىدى. ھەش-پەش دېگۈچە ئۆينى كۈندۈزدەك يورۇتۇۋەتكەن كۈچلۈك نۇردىن قاماشقان كۆزلىرىم ئىختىيارسىز يۇمۇلدى، كۆزلىرىمنى يۇمۇپ-ئېچىپ زورىغا ئاچتىم. ھوي... كۆزلىرىمنى چەكچەيتىپ ئېچىپ ئورنۇمدىن چاچراپ تۇردۇم. ئالدىمدا — نۇر چەمبىرىكىنىڭ ئىچىدە كۆك ياللىق بىر بۆرە تۇراتتى. قېتىپلا قاپتىمەن، قانچىلىك ۋاقىت قېتىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. بىر ئاۋازدىن ئېسىمگە كەلدىم، بۇ ئاۋاز دەل ئالدىمدىكى بۆرىنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇ ھۇۋلىغانىدى. بۇ ھۇۋلاش ئاخشام يىراقتىن ئاڭلانغان ھېلىقى ھۇۋلاش ئاۋازىنىڭ ئۆزى ئىدى. مەن ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدىم، ئۇنىڭ كۆزى يېنىپ تۇراتتى. بۇ ئاخشام چاتقاللىقتا كۆرۈنگەن ھېلىقى كۆزنىڭ ئۆزى ئىدى، لېكىن سۈرلۈك ئەمەس ئىدى. توۋا، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ۋەھشىيلىك چىقمايدىغۇ؟ مۆلدۈرلەپ تۇرغىنى ئۇنىڭدىكى سەمىمىيلىكمىدۇ؟ كۆزلەرنىڭ دەقىقىلىك ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئۇ كۆزىنى مەندىن ئېلىپ قاچتى، نېمىشقىدۇر، بىلمىدىم، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈندى. توۋا، بۇ «قۇياش بولۇپ كىرگەن، كۆك بۆرە بولۇپ چىققان ئىشق»نىڭ — مۇھەببەتنىڭ كارامىتىمىدۇ؟ مەن يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم، لېكىن ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە قارىمىدى. بۇ ئۇنىڭ «سەمىمىيلىكنى كۆزلىرىمدىن ئەمەس، ھەرىكىتىمدىن كۆر» دېگىنىمىدۇ ياكى ئىنساننىڭ سىنچى كۆزلىرىنى نەزىرىگە ئىلمىغىنىمىدۇ؟!
ئۇ ماڭا ئارقىسىدىن مېڭىشقا ئىشارەت قىلدى. تۈڭلۈكتىن چۈشكەن ھېلىقى نۇرنىڭ خاسىيىتىدىن بولۇۋاتامدۇ ياكى ئۇنىڭ كۆزىدىكى نۇر مېنى سېھىرلەپ قويدىمۇ، بىلمىدىم؛ ئىشقىلىپ، ئىختىيارلىق چۇلۋۇرىنى ئۇ بۆرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم.
== بۆرە كەينىدىن ==
كېتىۋاتىمەن، ئۇنىڭ كەينىدىن كېتىۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېتىۋاتىمەن. ئورمانلىقتىن چىققاندىن كېيىن، ئۇ قىرغا قاراپ ماڭدى. مەن ئۆزۈمچە توختاپ قالدىم. كەڭ كەتكەن تۈزلەڭلىك مېنىڭ پىكىر دائىرەمنى ئېچىۋەتكەندەك قىلاتتى. مەن نەگە كېتىۋاتىمەن؟ نېمىنىڭ كەينىدىن كېتىۋاتىمەن؟
مەن ئۇ بۆرىگە كەينىدىن قارىدىم. ئۇنىڭ كۆك تۈسى ئاسمان ئېتىكىدە خۇددى كۆك بايراقتەك كۆزۈمگە تاشلاندى. نېمىلەرنى ئويلىغىنىمنى بىلمەيمەن، تەسەۋۋۇر ئېكرانىمدا ھەر خىل كۆرۈنۈشلەر پات-پات ئالمىشاتتى. يۈزى كۆپكۆك تۇغۇلغان بوۋاق... ئورمانغا چۈشكەن كۆك نۇر — دەرەخ كاۋىكىدا پەيدا بولغان پەرىزات، ئۇنىڭ كۆك كۆزلىرى... كەڭ كەتكەن كۆك چىملىق... كۆك ئاسمان... كۆك تەڭرى... مەن خىيال قۇچىقىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ئالدىمغا قارىغىنىمدا، ھېلىقى «بايراق»نىڭ خېلىلا يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. كۆك تەڭرىنىڭ قۇدرىتىدىنمۇ، بىلمىدىم، دەرھال ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈردۈم. مەن ئۇنىڭغا يېتىشىۋالغىنىمدا، ئۇ بىر بۆرە ئەمەس، بەلكى بىر توپ بۆرە سۈپىتىدە كۆزۈمگە تاشلاندى. چۆچۈپ كەتتىم، كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ، ئاستا ئېچىپ قاراپ باقتىم، ئۇۋۇلاپ تۇرۇپمۇ قاراپ باقتىم، ھەتتا بېشىمنى سىلكىۋېتىپمۇ قاراپ باقتىم. ئالدىمدا ھەقىقەتەن بىر توپ بۆرە تۇراتتى. توۋا، بۇ نېمە ئىش؟ ئادەملەر توپىدىن قېچىپ چىققانىدىم، ئەمدى كېلىپ بۆرە توپىغا كىرىپ قالغىنىم نېمىسى؟
== بۆرىلەر بىلەن ئويناش ==
بىر چاغدا ئۆزۈمنى بىر توپ بۆرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆردۈم. ئۇلار مېنى مەركەز قىلىپ چۆرگىلەيتتى، سەكرەيتتى، بەزىدە تېخى دومىلاپمۇ قوياتتى. مەن بولسام چەمبەرنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىدەك قېتىپلا تۇراتتىم.
ھېلىقى بۆرە ماڭا ئىشارەت قىلدى. مەن ئۇنىڭ قۇدرەتلىك سېھرى بىلەن ئويۇنغا چۈشتۈم: قاتارغا كىرىپ چۆرگىلىدىم، سەكرىدىم، موللاق ئېتىپمۇ قويدۇم، لېكىن ئۇلار مېنى پات-پات مەركىزىي نۇقتىغا چىقىرىپ قوياتتى. مەن جايىمدا پىرقىرىغىنىمچە، بىلەكلىرىمنى ئوينىتىپ ئۇسسۇلغا چۈشتۈم، تۇرۇپ-تۇرۇپ بارماقلىرىمنى چىرتىلدىتىپمۇ قويىمەن... ئويۇننىڭ قىزىقى ئاجايىپ بولىدىكەن. بىرئازدىن كېيىن مەندىكى قورقۇنچمۇ، ئەندىشىمۇ، ئىككىلىنىشمۇ، ياتسىراشمۇ يوقىلىپ، ئۆزۈمنى خۇددى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى بىر ئەزادەكلا ھېس قىلىپ قالدىم.
بىرئازدىن كېيىن مېنى باشلاپ كەلگەن ھېلىقى بۆرە ئوتتۇرىغا چىقتى. باشقا بۆرىلەر بىر سۇر بۆرىنىڭ كەينىگە تىزىلدى. ئىككى بۆرە ئاللىقانداق ئاۋازلارنى چىقىرىپ، ئىككىسى بىر-بىرىگە ئۇدۇل ھالدا بىردەم ئوڭغا، بىردەم سولغا تاشلىنىشتى؛ سۇر بۆرىنىڭ كەينىدىكى بۆرىلەرمۇ ئالدىدىكى بۆرە قاياققا تاشلانسا، شۇ ياققا تاشلىناتتى. بۇ ماڭا «قارا-قارا قۇشلىرىم» ئويۇنىنى ئەسلەتتى. مەنمۇ دەرھال ئۇلارنىڭ كەينىگە قوشۇلۇۋالدىم، مەن ئۇياققا-بۇياققا سەكرەپ تۇرۇپ ئىچىمدە ئوقۇيتتىم:
— ئاللا-ئاللا، قۇشناچىم!
ئارقاڭدىكى نېمىلىرىڭ؟
— قارا-قارا قۇشلىرىم.
— ماڭا بىرنى بەرسەڭچۇ؟
— كۈچۈڭ يەتسە ئالساڭچۇ!
...
قوشاق ئوقۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ، سەپنىڭ سىلجىش دائىرىسىدىن چەتتە قالغىنىمنى سەزمەي قاپتىمەن. مېنى ئەكەلگەن بۆرە ئۇدۇل ماڭا تاشلاندى. «بۆلۈنگەننى بۆرە يەر» دېگەن ماقال گۈپپىدە ئېسىمگە كەلدى. ئەگەر بۇ بۆرىنىڭ ماڭا دوستانىلىقى بولمىغان بولسا، بۇ ماقال مېنىڭ شۇم قىسمىتىمدە ئۆز ئىسپاتىنى تاپقان بولماسمىدى؟ خەيرىيەت، ئۇ بۆرە مېنى يەۋەتمىدى، بەلكى كەينىگە قوشۇۋالدى.
ئويۇن خېلى داۋاملاشتى. سۇر بۆرىنىڭ كەينىدىكى بۆرىلەرنىڭ بىرسىمۇ سەپتىن بۆلۈنۈپ كەتمىدى، مېنىڭ كەينىمگىمۇ يېڭى ئەسىر قوشۇلمىدى. ئويلاپ باقسام، بۇ بۆرىلەرنىڭ ھەرىكەتتە بىردەك بولۇش، بۆلۈنۈپ كەتمەسلىك، ھەرقانداق چاغدا كوللېكتىپنىڭ بىر گەۋدە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان مەشىقى ئىكەن. بۆرىلەر بۇ ئويۇندا ھەرىكەت بىردەكلىكىنى نامايان قىلدى، مەن بولسام ئىنسانلىقىمنى قىلدىم.
== ھۇجۇم ==
مەن بۆرىلەرگە ئەگىشىپ كېتىۋاتىمەن، ھەممىگە، ھەممىگە زەن سېلىپ كېتىۋاتىمەن. بىرئازدىن كېيىن ئۇلار بىر توپ كالىغا ئۇچراشتى. مەن ئۇلارنى «كالىلارغا ھازىرلا ھۇجۇم قىلىدىغان بولدى» دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئۇنداق بولمىدى. ئۇلار پايلاپ يېتىشتى. مەن بىر دەرەخنىڭ دالدىسىدا تاماشا كۆرۈپ ئولتۇردۇم. كالىلار بۆرىنىڭ پۇرىقىنى سەزگەن بولسا كېرەك، دەرھال بىر يەرگە غۇژمەكلەشتى. بۆرىلەر ئۇلارنى قورشاپ كەلدى. كالىلار قېچىپ كېتىشكە كۆزى يەتمىگەنمۇ قانداق، دەرھال بۇ رەھىمسىز رېئاللىققا ئۇدۇل يۈزلەندى: ھەممىسىنىڭ قۇيرۇق تەرىپى بىر يەردە، مۈڭگۈزلىرى بۆرىلەر تەرەپكە نەيزىدەك تەڭلىنىپ تۇراتتى. بۆرىلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىشقا باشلىدى، بىرەرسىمۇ ھۇجۇمغا ئۆتمىدى، ئايلىنىۋەردى. مەن بۆرىلەردىكى سەۋرچانلىققا ھەيران قالدىم. كالىلار بولسا تۇياقلىرى بىلەن يەرنى چاپچىپ، بۆرىلەرگە ھوشيارلىق بىلەن تىكىلەتتى. بۆرىلەرمۇ ئۇلاردىن كۆز ئۈزمەيتتى. ئاخىر بۆرىلەر كالىلارنىڭ ئالدىغا بىر قېتىم ئېتىلىپ باردى، لېكىن كالىلار سېپىنى بۇزمىدى؛ ئىككىنچى قېتىم يەنە ئېتىلىپ باردى، كالىلار يەنىلا غۇژمەك ھالىتىنى ساقلىدى... بۇ خىل ئەھۋال يەتتە-سەككىز قېتىم داۋاملاشتى. بۆرىلەر يەنىلا نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن بۆرىلەر كەينىگە چېكىنىپ ئورماننىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. مەن بۆرىلەرنى «مەغلۇبىيىتىگە تەن بەردى» دەپ ئويلىدىم. كالىلارمۇ شۇنداق ئويلىغان بولسا كېرەك، ئۆزلىرىنىڭ ھالقىسىمان مۇداپىئە ھالىتىنى بۇزۇپ بەھۇزۇر يايلاشقا باشلىدى.
دەل شۇ چاغدا ئىككى بۆرە چېچىلىپ يۈرگەن كالىلارنىڭ ئارىسىغا ئوقتەك ئېتىلىپ كىردى. بۇ تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن كالىلار چۆچۈپ كەتتى. مەنمۇ چۆچۈپ كەتتىم. ئۇلار ئۆز ئالدىغا قېچىشقا باشلىدى، باشقا بۆرىلەرمۇ تەرەپ-تەرەپتىن ئۇلارغا يوپۇرۇلدى. شۇ قالايمىقانچىلىقتا مەن كالىلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرىنىڭ پۇتى ئاقساق ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. بۆرىلەر قېچىۋاتقان باشقا كالىلارغا يول بېرىپ، ھۇجۇم نىشانىنى ھېلىقى ئاقساق كالىغا مەركەزلەشتۈردى. بىر بۆرە ئۇ كالىنى كەينىدىن چىشلىدى، كالا ئېچىنىشلىق مۆرىگىنىچە كەينىگە بۇرۇلۇۋىدى، يەنە بىر بۆرە كېلىپ ئۇنىڭ بوغۇزىنى قايدى؛ كالا بوينىنى ئوڭشاپ بولغۇچە، ئۈچىنچى بۆرە كېلىپ ئۇنى كەينى پۇتىدىن چىشلەپ يىقىتتى، شۇنىڭ بىلەن باشقا بۆرىلەرمۇ بىراقلا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.
مەن بۆرىلەرنى قەيسەر ئىكەن دەپ قارىدىم. يەتتە-سەككىز قېتىملىق ئۇرۇنۇشتىمۇ ئۇتۇقلۇق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندە، مەن قانداق قىلار ئىدىم؟ جەزمەن نىيىتىمدىن يانغان بولاتتىم، لېكىن بۆرىلەر ئۇنداق قىلمىدى، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشمىگۈچە زادى بولدى قىلمىدى؛ ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتىكى، نىيىتىنى ئۆزگەرتمىدى. ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ماسلىشىشىچۇ تېخى، ئۈنسىز-داۋراڭسىز، ھەربىرى بۇ ھۇجۇمدا قانداق رول ئويناشنى، قايسى نۇقتىدىن ئۆز كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشنى بىلدى.
ئۇيۇشقان كۈچ چېچىلاڭغۇ كۈچنى يەڭدى. ھۇجۇمدا بىرەر بۆرىمۇ شەخسىيەتچىلىك قىلمىدى، غەلىبىدىن كېيىن بىرەرسىمۇ شۆھرەت دەۋاسى قىلمىدى، ئۆزىنى چاغلىماي تەمەننا قويمىدى؛ ھەربىرى «مۇشۇنداق قىلىشىم كېرەك» دەپ قارىدى. مەن ئويلىنىپ قالدىم: ئەگەر مەنمۇ ئۆز جامائىتىم ئىچىدە ئاشۇنداق ئۈنسىز ماسلىشىشنى بىلگەن بولسام، باشقىلارمۇ شۇنى بىلگەن بولسا، ئۇ چاغدا ئىنساننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان مەقسىتى بولماس ئىدى چوقۇم!
== پاتقاقلىقتا ==
مەن يەنە بۆرىلەر توپىنىڭ كەينىدىن كېتىۋاتىمەن، ھەممىگە زەن سېلىپ، زەن سېلىپ كېتىۋاتىمەن.
بىر چاغدا بىر پاتقاقلىققا كىرىپ قالدۇق. پاتقاق يولدا مېڭىش ھەقىقەتەن قىيىن، بولۇپمۇ ئالدىدا ماڭغۇچى ئۈچۈن نەقەدەر تەسلىكى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئىش. ئەڭ ئالدىدا بۆرىلەرنىڭ سەردارى يول ئېچىپ ماڭدى، خېلى بىر پەستىن كېيىن ئۇ ھارغان بولسا كېرەك، سەپتىن چەتكە چىقىپ تۇردى. ئۇنىڭ كەينىدىكى بۆرە توپنى باشلاپ كېتىۋەردى. سەردار بۆرە مەن ئۇنىڭ ئالدىغا يېقىنلاشقاندا مېنىڭ كەينىمدىن ماڭدى. ئەمدى ئۇ بىر بۆرىنىڭمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغانىدى. بېشىدا كېتىۋاتقان بۆرە بىر پەستىن كېيىن سەپتىن يانغا چىقىپ، كىچىك بۆرىلەر يېقىنلاشقاندا ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىرىپ ماڭدى. ئەمدى بېشىدا كېتىۋاتقان بۆرە بىر پەستىن كېيىن ئۇنىڭ كەينىگە قوشۇلدى. شۇنداق قىلىپ ھەممىسى نۆۋەت بىلەن يول ئېچىپ ماڭدى، كۈچ كۈچكە ئۇلىنىپ تۇردى، يولمۇ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بېسىلدى. دېمەك، بۆرىلەر توپىدا جاپانى بىرىگىلا ئىتتىرىپ قويىدىغان، ھەممىدە بىرىگىلا ئارتىلىۋالىدىغان ئىش يوق ئىكەن. ئۇلار بىر-بىرىگە تايىنىدىكەن، ماسلىشىدىكەن، ھەمكارلىشىدىكەن. مانا ساداقەت دېگەن! بۆرە بىزچە ئاڭسىز ھايۋان ئىدى، خوش، ئۇنداقتا ئۇلاردىكى بۇ ئاڭ نەدىن كەلدى؟ ئىنسان ئاڭلىق ھايۋان ئىدى، لېكىن ئىنسان كوللېكتىپىنىڭ ھەممە ئەزاسىدىلا ئاشۇ ئاڭ بارمۇ؟
مەن بۆرىلەرنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېتىۋاتىمەن، سەردار بۆرە مېنىڭ ئىزىمنى بېسىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن خۇددى بۆرىدەك، ياكى بولمىسا ئۇلار خۇددى ئادەمدەك تولىمۇ ئىناق كېتىۋاتىمىز. مەن ئۆزۈمنى بۆرىگە ئوخشاتقىنىمدا، بۇ ئىناقلىقنىڭ ئىسپاتىنى مۇشۇ سەپەردىن تاپقىلى بولىدۇ؛ لېكىن ئۇلارنى ئادەمگە ئوخشاتقىنىمدا، ئىناقلىقنىڭ ئىسپاتىنى تولۇق دېگىلى بولارمۇ؟ بۆرىلەرنىڭ بۇ توپىدا سۇر رەڭلىكلىرىمۇ، قوڭۇر رەڭلىكلىرىمۇ، كۈمۈش رەڭلىكلىرىمۇ، ئوچۇق سېرىق، ھەتتا قىزىل رەڭلىكلىرىمۇ بار، لېكىن رەڭلىرىنىڭ ھەر خىل بولۇشى ئۇلارنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزەلمىگەن. ئىنسانلاردىچۇ؟ ئۆڭىنىڭ ئاق، قارا، سېرىق دېگەندەك بىرنەچچە خىلغا بۆلۈنگەنلىكىمۇ خېلى بىر يىللارغىچە ئۇلارنىڭ ئىناقسىزلىقىنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ كەلگەنىدىغۇ؟!
== ۋاي، بۇ نېمە ئىش؟ ==
بۆرىلەرنىڭ ئىچىدە بىر بۆرە خېلىدىن بۇيان مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىپ تۇراتتى. ئۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ توپتىن قېلىپ قالاتتى. باشتىن بۆرىلەر ئۇنى ساقلاپ تۇرۇپ ياكى يېنىغا بېرىپ، ئۇنى تۇمشۇقلىرى بىلەن پۇرايتتى، يالايتتى، پەنجىلىرى بىلەن ئۇنىڭ ياللىرىنى سىلاپ قوياتتى، ئاخىر ئۇنى قاتارغا ئېلىپ ماڭاتتى.
پاتقاقلىقتىن ئۆتۈپ خېلى بىر مۇساپىدىن كېيىن بىر چاتقاللىقتا توختىدۇق. دەل مۇشۇ چاغدا مەن ئۇ بۆرىنىڭ ماڭا تىكىلىپ قالغانلىقىنى سەزدىم. مەن باشقا بۆرىلەرنىڭ ھەتتا مېنى تۇنجى كۆرگەندىمۇ ماڭا بۇنچىلىك تىكىلىپ قارىغانلىقىنى بايقىمىغانىدىم. تۇيۇقسىز ئۇ بۆرە ماڭا قاراپ خىرىلدىدى، يۈرىكىم ئەنسىز قېقىپ كەتتى. ئۇ ماڭا ئۇشتۇمتۇت تاشلاندى، قانداقلارچە ئوڭدۇسۇمغا ئۇچۇپ كەتكەنلىكىمنى سەزمەي قاپتىمەن. كۆز ئالدىمدا ئۇ بۆرىنىڭ ئىرسايغان چىشلىرى، ساڭگىلىغان تىلى، قان تولغان كۆزلىرىدىن بۆلەك ھېچنېمە يوق ئىدى. شۇ ئارىدا يۈز-كۆزلىرىمگە، باش-بوينۇمغا قۇيرۇق، يۇڭ-تۈكلەرنىڭ قالايمىقان تېگىۋاتقانلىقىنى سەزدىم... بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام، بۆرىلەر بىر چەتتە قالايمىقانلىشىپ كېتىپتۇ. زەن سېلىپ قارىسام، ھېلىقى بۆرىگە ھەممە بۆرە تەڭلا تاشلانغانىكەن. بىر چاغدا ھېلىقى بۆرە يارىلانغان ھالدا دالىغا قاراپ قاچتى. ئۇنىڭ يۈگۈرگەن چاغدىكى قىسىلغان قۇيرۇقىلا كۆز ئالدىمدا قاپتۇ. مەن ئورنۇمدىن تۇردۇم. ھېلىقى بۆرە مېنى چىشلەشكە ئۈلگۈرەلمىگەنىدى. مەن ئەمدى باشقا بۆرىلەردىنمۇ ئەنسىرەپ تۇرۇۋېدىم، ئۇلار قۇيرۇقلىرىنى شىپاڭشىتىپ ئەتراپىمدا ئايلانغىلى تۇردى. ئۇلار ماڭا قارىمايتتى، باشلىرىنى يەرگە قاراتقان ھالدا مېنى مەركەز قىلىپ چۆرگىلەيتتى. مەن بۇنى «ئۇلارنىڭ خىجالەت بولۇۋاتقىنى» دەپ ھېسابلاشقا مەجبۇر بولدۇم. ئويلاپ باقسام، ھېلىقى بۆرە ئەسلىدە كېسەل ئىكەن. كېسەل قاتتىق تۇتقاندا، ئۇ تەبىئىتىدىن يىراقلىشىپ ماڭا ھۇجۇم قىلغان. دېمەك، بۆرە ئەسلى تەبىئىتى بويىچە ئادەمگە چېقىلمايدىكەن، چېقىلمىغان ئادەمگە ھەرگىز چېقىلمايدىكەن؛ لېكىن بىزچۇ؟...
== گۈلخان ئەتراپىدا زۇلمەت ==
يىراقتىن گۈلخان يورۇقى كۆرۈندى. قاراڭغۇلۇقتىكى بۇ نۇرلۇق شولا مەندىن شۇنچە يىراق بولسىمۇ، لېكىن ۋۇجۇدۇمنى ئىللىق بىر تۇيغۇغا چۆمدۈردى. مەن گۈلخانغا قاراپ قەدىمىمنى تېزلەتتىم. بۆرىلەرمۇ مېڭىشىنى تېزلىتىپ يەڭگىل يورغىغا چۈشتى. ئەمدى ئۇلارغا يېتىشىپ مېڭىش ئۈچۈن يۈگۈرۈشۈمگە توغرا كەلدى. گۈلخانغا يېقىنلاشقاندا بۆرىلەر يورغىسىنى شاپپىدە توختاتتى. مەنمۇ يۈگۈرۈشتىن توختىدىم. ئۇلار گۈلخانغا چەكچىيىپ قارايتتى، كۆزلىرى ئوت يورۇقىدا خۇددى يېنىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. بۆرىلەر گۈلخاندىن يىگىرمە-ئوتتۇز قەدەمچە نېرىدا يېرىم ھالقىسىمان پىرقىراشقا باشلىدى. شۇ ئەسنادا ئاسماندا ھىلال ئاي پەيدا بولدى. بۆرىلەر كەينىگە داجىغان ھالدا ئايغا قاراپ تەلمۈردى. ئۇلار دەم ئوتقا، دەم ئايغا قارايتتى. بىر بۆرە ھۇۋلىدى، كەينىدىنلا ئۇنىڭغا يەنە بىرى، ئۇلىشىپلا يەنە بىرى، ئارقىدىن ھەممىسى قوشۇلۇپ ھۇۋلاشقا باشلىدى. ھەربىرىدە ئۆزىگە خاس ئاۋاز، لېكىن ھەممىسىلا بىر ئاھاڭدا ھۇۋلايتتى. ئۇلارنىڭ ئاھاڭى ماڭا تولىمۇ مۇڭلۇق بىلىندى. ئۇلار نېمىشقا مۇڭلىنىۋاتقاندۇ؟ ئاينىڭ مۇڭلۇق ھالىتىگە قاراپمۇ؟...
بىرئازدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھۇۋلىشى ماڭا ئەنسىز بىلىندى. ئۇلارغا نېمە ئەنسىز تۇيۇلۇۋاتقاندۇ؟ ئوتمۇ؟ كۆكتىن چۈشكەن چاقماق، كۆيگەن ئورمان، كۈل بولغان ئۇۋا، ئىسراپ بولغان ھايات... ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىۋالغانمىدۇ؟ ياكى...
«پاڭ-پۇڭ...» تۇيۇقسىز ئېتىلغان ئوق ئاۋازلىرى خىيالىمنى تۇيۇقسىز بۆلۈۋەتتى. ئېسىمنى يىغىپ بولغۇچە، يېنىمدىكى بىر بۆرىنىڭ گۈپپىدە يەرگە يىقىلغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئىختىيارسىز كەينىمگە داجىدىم. داجىغاندىمۇ خېلى داجىدىم. كەينىمگە بۇرۇلمىغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغىنىمدا، «داجىدىم» دېگەندىن كۆرە «قاچتىم» دېگىنىم تۈزۈك ئىدى. لېكىن بىر بۆرە ئوقتەك ئېتىلىپ كېلىپ ھېلىقى يىقىلغان بۆرىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئاتتى. «پاڭ-پۇڭ» قىلغان ئوق ئاۋازى بىلەن ئۇ بۆرىمۇ قەددىنى رۇسلىيالماي يېتىپ قالدى. كەينىدىن يەنە بىر بۆرە يىقىلغان بۆرىلەرنىڭ ئالدىغا قاراپ يۈگۈردى. مەن شۇ چاغدىلا چۈشەندىم: بۆرىلەر ئوق تەگكەن قېرىنداشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلۈم گىردابىغا ئاتماقتا ئىدى. مەن كەينىمگە داجىغانلىقىم ئۈچۈن نومۇس قىلدىم-دە، ھېچنېمىگە قارىماي يۈگۈردۈم؛ ئەپسۇس، مەن بېرىپ بولغۇچە ئۈچىنچى بۆرىمۇ ئوق يەپ يىقىلدى. مەن يىقىلغان بۆرىلەر بىلەن يۈگۈرۈپ كەلمەكچى بولغان بۆرىلەرنىڭ ئارىلىقىغا كىرىپ تۇرۇۋالدىم. مەن شۇ تۇرۇشۇمدا تىرىك بۆرىلەرگە گويا: «سىلەر ئۆلۈم ئارقىلىق ئار-نومۇسسىز نائەھلىلەرنى نىيىتىدىن ياندۇرالمايسىلەر. قۇربان بېرىش پەقەت ۋاپا-ساداقەت ئەقىدىسى ئالدىدا تەسىرلىنىشنى بىلىدىغانلارغىلا ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ» دەۋاتاتتىم. مەن شۇ تۇرۇشۇمدا قوراللىقلارغا: «ئاتساڭلار مانا مېنى ئېتىڭلار. نەزىرىڭلاردا مەن بىر ئەرزىمەس ئادەم قاتارىدا ئۆلسەممۇ، لېكىن مەن ئۆزۈمنى بۆرە قاتارىدا ئۆلدۈم دەپ ھېسابلايمەن» دەۋاتاتتىم. قوراللىقلار ماڭا تەھدىت سېلىپ، ئاسمانغا قارىتىپ بىرنەچچە پاي ئوق ئاتتى. مەن جايىمدىن مىدىرلىمىدىم. بۆرىلەر مەقسىتىمنى چۈشەنگەن بولسا كېرەك، كەينىگە داجىپ-داجىپ تۈن قاراڭغۇلۇقىدا غايىب بولدى.
مەن بۆرىلەرنى قاچۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، ھاياجاندا قىزىغان قانلىرىم ئاستا-ئاستا بېسىلدى. قانداقتۇر بىر ئادەملەرنىڭ چۇقانلىرى، دەرەخلەرنىڭ قايرىلىپ سوقۇلۇشلىرىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازلار، يارىلانغان بۆرىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئىڭراشلىرى، گۈلخان ئوتىنىڭ قىسرىلاشلىرى كاللامدا ئەكس ئەتتى. مەن ئېسىمگە كەلگەندە، بىرنەچچە قوراللىق ئادەم يىقىلغان بۆرىلەرنىڭ تېرىلىرىنى تېنىدىن ئايرىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ چىرايىغا قارىغۇممۇ كەلمىدى. كۆزۈم پەقەت ئۇلارنىڭ پاجىئە چاچقان مىلتىقىدا، گۇناھسىز بۆرىلەرنىڭ قېنىغا بويالغان پىچىقىدىلا ئىدى. مىلتىقلىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى ئېتىۋەتكۈم كەلدى؛ پىچاقلىرىنى تارتىۋېلىپ، قانلىرىنى بۆرە قانلىرىغا قوشۇۋەتكۈم كەلدى. لېكىن مەن ئاجىز ئىدىم. ئۇلارنىڭ ماڭا نېمىلەرنى دېگىنىنىمۇ بىلمەيمەن، بىلگۈممۇ كەلمىدى. قاچان كەتتى، قانداق كەتتى، قارىغۇممۇ كەلمىدى. بىر چاغدا قارىسام، گۈلخان ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن. قانداق قىلساممۇ ئىسسىيالمىدىم، مۇزلىغان قەلبنى ھەرقانداق ئوتمۇ ئىسسىتالمايدىكەن. يېنىۋاتقان ئوتقا تىكىلگىنىمچە ئولتۇرۇپتىمەن، ئولتۇرۇپتىمەن، ئاخىر لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتلارمۇ ئۆچتى؛ كۈل ئاستىدا مىلتىلداۋاتقان چوغدىن كۆزۈمنى ئۈزۈپ قارىسام، شەرق تەرەپ قىزىرىپ ئېچىلىپ كېتىپتۇ.
== مۇقەددەس ئەستىلىك ==
ئورنۇمدىن تۇردۇم. تېرىسى سويۇپ تاشلانغان بۆرىلەرنىڭ قىپقىزىل تېنىگە قاراپ، ئۆزۈمنى خۇددى قان ئىچىدە تۇرغاندەك ھېس قىلدىم. گويا پۈتۈن ئەتراپ قىزىللىق ئىچىدە، ھاۋادىنمۇ پەقەت قان ھىدى كېلىۋاتقاندەك. مەن شۇ تاپتا ئاللىقانداق بىرسىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان جەرراھمۇ ياكى گۆشنى ئەپچىللىك بىلەن پارچىلاۋاتقان قاسساپمۇ ۋە ياكى ۋەھشىيلىشىۋاتقان جاللاتمۇ، بىلمىدىم؛ يانچۇقۇمدىن كىچىككىنە كىچىك پىچىقىمنى چىقاردىم. بېرىپ بىر بۆرىنىڭ پېيىدىن ئازراق كېسىۋالدىم، ئوشۇقىنىمۇ چىقىرىپ يىپقا چىگىپ بوينۇمغا ئاستىم؛ ئاندىن نەم تۇپراقنى قوللىرىم بىلەن كولاپ ئورەك ئېچىپ، بۆرىلەرنىڭ جەسىتىنى كۆمدۈم. بۆرىدىن ئالغان مۇقەددەس ئەستىلىكنىڭ ئورنىغا پىچىقىمنى دۆۋىلەنگەن تۇپراقنىڭ ئۈستىگە سانچىپ قويدۇم. مەن ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ كۆككە قاراپ دۇئا قىلدىم؛ كۆزۈمدىن ياش ئاقتى، بۇ ياش بارماقلىرىمدىكى قاننى يۇيۇپ ئاقتى. قان-ياشلىرىم تۇپراققا چۈشتى. مەن كۆك تەڭرىدىن تىلىدىم: «ئەي قۇدرەت ئىگىسى، مېنىڭ مۇشۇ قان-ياشلىرىمدىن گۈل-چېچەكلەر ئۈنسۇن، مۇشۇ ناتىۋان، گۇناھسىز بۆرىلەرنىڭ قەبرىسى مەڭگۈ-مەڭگۈ گۈلگە پۈركەنسۇن!»
== قانغا پاتقان قىشلاق ==
كېتىۋاتىمەن، كېتىۋاتىمەن، سەندىلىپ مېڭىپ كېتىۋاتىمەن. نېمە ئويلاۋاتىمەن، قەيەرنى نىشان قىلىپ كېتىۋاتىمەن، بىلمەيمەن. كەينىمدە يېشىللىقلار قالدى، چۆل-جەزىرىلەرمۇ قالدى، يەنە ئالدىمدا كۆكەرتىلگەن زېمىن... بىر چاغدا «كۆزۈڭنى ئاچ» دېگەندەك بىر سادا ئاڭلاندى. ئوچۇق كۆزلىرىمنى قايتىدىن ئاچتىم. قارىسام، كۆز ئالدىمدا بىر دەھشەتلىك مەنزىرە: كەپىلەر بىلەن چاتقال دەرەخلەر كۆيۈۋاتقان، كالىلار ئېچىنىشلىق مۆرىشىۋاتقان، قويلار تارقىلىپ ئۇياق-بۇياققا قېچىۋاتقان، ئۇ-بۇ ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا ئادەم جەسەتلىرى سۇنايلىشىپ ياتقان... بۇ پاجىئەگە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. ئىس-تۈتەكلەر كۆزلىرىمنى، قان پۇرىقى بۇرنۇمنى ئېچىشتۇردى. كۆزلىرىمنى سۈرتۈپ جەسەتلەرگە يېقىنلاشتىم. ئۇلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغىنى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئەمەس، بەلكى ئادەم ئىكەن. ھەممىسىنىڭلا بەدىنىدە ئوق ئىزلىرى تۇراتتى. مەن جەسەتلەرگە قاراپ پېشانەمنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. ۋەھشىيلىك، ئاھ ۋەھشىيلىك! بۆرىلەر ئىچىدىمۇ مۇنچىلىك ۋەھشىيلىك يوق ئىدىغۇ! ئادەملەرگە نېمە بولغان؟ ئادەملەر، ئەي ئادەملەر! سىلەر ئەسلىنى سۈرۈشتۈرگەندە ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدىڭلار. قابىل بىلەن ھابىلدىن قالغان ئۆچمەنلىك ئۇدۇمى پات-پات سىلەرنى قىرغىنچىلىققا قۇترىتىپ تۇردى. سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئاقلايدىغان باھانە-سەۋەبىڭلار ناھايىتى كۆپ. زېمىن ئەسلىدە ھەممىڭلارنىڭ، ھەممىمىزنىڭ، بارلىق جانلىقلارنىڭ ماكانى ئىدى، لېكىن سىلەر پەقەت ئۆزۈڭلارنىلا ئويلىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن بىر نەچچىڭلار بىرلەشتىڭلار. بۇ جەمئىيەتلەر ۋاقتى كەلگەندە باشقا خەلقلەرنى، بارلىق جانلىقلارنى ئەرزىمەس نەرسە قاتارىدا كۆردى، بەزىلەرنىڭ ھەتتا نەسلىنى قۇرۇتۇۋەتتى...
كېچە ئۆلتۈرۈلگەن بۆرىلەر... ئالدىمدا سۇنايلىشىپ ياتقان جەسەتلەر... قان-ياش ئىچىدە قالغان قىشلاق... كۆز ئالدىمدا پات-پات ئالمىشاتتى. بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆيۈۋاتقان دەل-دەرەخلەردىن پۇرقىراپ چىققان ئىس-تۈتەكلەر ئۈزلۈكسىز كۆمۈپ تۇراتتى.
كۆزلىرىمدىكى ئاچچىق، بوغۇزۇمدىكى ئاچچىق، يۈرىكىمدىكى ئاچچىق ھەممىسى بىرلىشىپ ئۆزىنى كۆرسەتتى. مەن ئۆچ ئالماقچى بولدۇم؛ ئۆز ئەسلىدىن يىراقلاشقان، ئادەملىك تەبىئىتىنى يوقاتقان ئاچكۆزلەردىن ئۆچ ئالماقچى بولدۇم. يانچۇقۇمدىن بۆرىنىڭ سىڭىرىنى ئالدىم-دە، چوغنىڭ ئۈستىگە قويدۇم. سىڭىر چىسىرلاپ سۈيى قېچىپ، ئاندىن تارتىشىپ قورۇلۇشقا باشلىدى. «مەن قەرز قايتۇردۇم، — دېدىم ئىچىمدە، — بۇ شۇملۇقنى قىلغان قوللار چوقۇم مۇشۇ سىڭىردەك كىرىشىپ-تارتىشىپ قالسۇن، كۆڭۈللەر مۇشۇ سۈيى قاچقان سىڭىردەك قۇرۇسۇن، پۈتۈن بويۇنلاردىكى پەي-مۇسكۇللار ئۆز ئېلاستىكلىقىنى يوقاتسۇن!» مەن بۆرىگە تېۋىنىۋاتاتتىم، كۆك بۆرىنىڭ روھىغا تېۋىنىۋاتاتتىم.
== جاھان مەنزىلىدە ==
مەن بىر خىل قەيسەر روھنىڭ مەدىتى بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم. قان-ياش، ئىس-تۈتەك قاپلىغان قىشلاقنى كەينىمدە قالدۇرۇپ، سەپىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم. مەن ھېلىقى بۆرىلەرنى ئىزدەپ تېپىش نىيىتىگە كەلدىم. مەن كونا-يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقلارنىڭ خېلى جايلىرىنى ئايلاندىم، قەدىمكى ئۆڭكۈرلەرگە كىردىم، ئۇلارنىڭ تاشقا ئويۇلغان سۈرەتلىرىنى كۆردۈم ①. توقىسىغا بۆرىنى ئېمىۋاتقان ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى چۈشۈرۈلگەن كەمەرنى ② بېلىمگە باغلىدىم؛ بۇ — ئىرادە كەمىرى ئىدى. دەستىسىگە بۆرە سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قامچىنى ③ قولۇمغا ئالدىم؛ بۇ مېنى ھەرگىز بوشاشتۇرمايدىغان ھەيدەكچى ئىدى. ئېگىرىگە بۆرە سىماسى چۈشۈرۈلگەن ④ كۆك تۇلپارنى مىندىم؛ بۇ — ئەركەكنىڭ قانىتى ئىدى. تىبېر دەرياسىنىڭ تىرېن دېڭىزىغا قۇيۇلىدىغان جايىدا ئىنسان بالىلىرىنى ئېمىتىۋاتقان ئانا بۆرىنىڭ ھەيۋەتلىك ھەيكىلىنى كۆردۈم. بۇ كەمىرىمدىكى ئويمىنىڭ چوڭايتىلغان ھەم مۇكەممەل شەكلى ئىدى.
مەن بۇ ھەيكەل ھەققىدىكى ھېكايىنى ئاڭلىدىم: قەدىمكى زامانلاردا دەل مۇشۇ دەريا بويىدا بىر دۆلەت بار ئىكەن. ئۇكىسى پادىشاھ ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ تەختىنى تارتىۋاپتۇ، ئاندىن ئاكىسىنىڭ ئۇرۇق-جەمەتىنى قىرىپتۇ. پەقەت بىر جىيەن قىزلا ئامان قاپتۇ. جىيەن قىز ئۆمۈر بويى توي قىلمايدىغان روھانىي بولۇشقا مەجبۇر قىلىنىپتۇ. لېكىن، ئويلىمىغان يەردە بۇ قىز قوشكېزەك پەرزەنت كۆرۈپتۇ. غەزەپلەنگەن پادىشاھ قىزنى ئۆلتۈرۈپ، ئىككى بالىنى دەرياغا تاشلىۋېتىپتۇ. بۇ بالىلارنى بىر چىشى بۆرە قۇتقۇزۇۋېلىپ، ئۆز سۈتى بىلەن بېقىپ چوڭ قىپتۇ... بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپتۇ ۋە بۆرە ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇۋالغان جايدا بىر شەھەر بىنا قىپتۇ. كېيىن ئاكا-ئۇكا ئىككىسى بۇ شەھەرنى قايسىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتاش مەسىلىسىدە كېلىشەلمەي قېلىپ، ئاكىسى ئۇكىسىنى ئۆلتۈرۈپتۇ ۋە بۇ شەھەرنى ئۆزىنىڭ نامى بىلەن «رىم» دەپ ئاتاپتۇ. كېيىن ئۇ، ئاياللارنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە قوشنا قەبىلە بىلەن ئۇرۇشۇپ مەغلۇپ بولۇش گىردابىغا كېلىپ قالغاندا، ئارىغا بىرنەچچە ئانا بۆرە كىرىپ ئۇلارنى ياراشتۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شەھەردە تىنچلىق ئورنىتىلىپ، بۇ شەھەر بۆرە شەھىرى دەپ ئاتىلىپتۇ ⑤.
بۇ ھېكايىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەيكەلگە قاراپ خىيالغا چۆمدۈم. «قۇرئان»دىكى ھابىل-قابىل — ئاكا-ئۇكا ھېكايىسى، ئىنسانىيەتتىكى تۇنجى قاتىللىق ۋەقەسىگە سەۋەبچى بولغان نەپسى بالا كاللامدىن يالت قىلىپ ئۆتتى. ھون، ئۇيسۇن، قاڭقىل، تۈركلەر ئېلىدىمۇ، ئەركىنەقوندىمۇ، ئوغۇزخان دەۋرىدىمۇ، موڭغۇل زېمىنىدىمۇ، مىسىر ۋە پارس دىيارىدىمۇ، فىن، گېرمان ۋە سلاۋيان ئەللىرىدىمۇ، ھەتتا ئىندىئانلاردىمۇ ھەر قېتىملىق قېرىنداشلار ئارىسىدىكى پاجىئەلەردە بۆرىنىڭ يا ئانىلىق، يا ئاتىلىق ياكى يولباشچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىنسانغا نىجاتلىق بېغىشلىغانلىقى ماڭا بىر ئۇلۇغ قۇدرەتنى ئەسلەتتى. ئىنسان تەبىئىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇنغان قاتىللىق خاراكتېرى ھەربىر قېتىم قوزغالغاندا، ئۇنى تىزگىنلىگۈچى، ئۇنى تىنچلىققا يېتەكلىگۈچى نېمە ئۈچۈن بۆرە پىچىمىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ۋەھشىيلىكنى چەكلىگۈچى جانلىق، ئىنسان نەزىرىدە ھەم نىجاتكار، ھەم يىرتقۇچ ھېسابلىنىدۇ؟
دەرھەقىقەت، كۈچ-قۇدرەت ئۆزى ئۈچۈنمۇ، قارشى تەرەپ ئۈچۈنمۇ قوش يۈزلۈك بولىدىكەن؛ خۇددى مۇھەببەت بىلەن نەپرەت، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، ئۆزىنى ئويلاش بىلەن ئۆزگىگە بېغىشلاش روھى ھەربىر ئىنسان ۋۇجۇدىدا تەڭ مەۋجۇت بولغانغا ئوخشاش.
مەن جاھان مەنزىلىدە ئۇلارنىڭ ئىز-نىشانلىرىنى تاپتىم. بۆرە بېشىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تۇغ-ئەلەملەر ⑥، ياغاچ ئويمىلار؛ بۆرە سىماسى چۈشۈرۈلگەن قېيىق ۋە تۈۋرۈكلەر، كۆكتىكى يۇلتۇزلار ئارىسىدا يۈرگەن بۆرىنىڭ سۈرىتى كەشتىلەنگەن رەخت ⑦، ئىندىئانلار قالدۇرغان بۆرە رەسىملىرى ⑧، بۆرە بىلەن قۇدرەت نامى تەڭ قوشۇلۇپ ئاتالغان ئىبادەتخانىلار ۋە بايراملار... ⑨ ماڭا ئۇلارنىڭ شانلىق ئۆتمۈشىدىن دېرەك بەردى. مەن يىراق ئۆتمۈشتىكى ئەجدادلىرىمنىڭ ئىزناسىنى تاپقاندەك بولدۇم؛ ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى باتۇرلۇق، قەيسەرلىك، مېھرىبانلىق، ئۆزئارا ياردەم ۋە قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنىڭ ئەسلىي يىلتىزىنى تاپقاندەك بولدۇم. يىلتىزداشلىق، زېمىنداشلىق، تەقدىرداشلىق بۇرچى روھىمنى يۈكسەلدۈردى.
مەن قۇياشقا قارىدىم، بەزى خەلقلەرنىڭ قۇياش تەسەۋۋۇرىنى بۆرە نامى بىلەن قوشۇپ ئاتىغانلىقى ئېسىمگە كېلىپ، قۇياش ماڭا تېخىمۇ ھارارەتلىك بىلىندى. مەن يېيىلىپ ياتقان ئوتلاق، چايقىلىپ تۇرغان ئورمانلارغا قارىدىم؛ تەبىئەت كۈچىنىڭ بۆرە سۈپىتى بىلەن ئۇلۇغلانغانلىقى پىكىر دائىرەمنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. يەنە بەزىلەرنىڭ ئاسمان قۇدرىتىنى كۆك بۆرە بىلەن تەڭلەشتۈرگەنلىكى تەسەۋۋۇرۇمنى تېخىمۇ چەكسىزلىكلەرگە يۈزلەندۈردى. قەدىمكى دەۋرلەردىكى ئەقىل-پاراسەت پەرىشتىلىرى بىلەن ئەسەرلەردە زىكىر قىلىنغان بۆرە يۇلتۇزى ھەققىدىكى ئوخشاشلىق تەپەككۇرۇمنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈردى. ئاجايىپ بىر تۇيغۇ مېنى قاپلىۋالدى. ئىنساننى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، ھالاكەتتىن نىجاتلىققا، ئۈمىدسىزلىكتىن ئۈمىدۋارلىققا، چۈشكۈنلۈكتىن جۇشقۇنلۇققا باشلىغان شۇ ئۇزاق دەۋرلەردىكى قەيسەر روھ — بۆرە روھى مېنى ئاجايىپ ھاياجانغا چۆمدۈردى.
بوينۇمغا ئېسىۋالغان بۆرە ئوشۇقىنى ھۆرمەت بىلەن سۆيدۈم، ماڭا كۈچ كىردى. بۇ ماڭا تەبىئەت روھىدىن كەلگەن چىدامچانلىق ئىدى.
== ئوۋچىنى قاچۇرۇش ==
مەن كېتىۋاتىمەن، بۆرىلەرنى ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن... تۇيۇقسىز ئالدىمغا بىر ئوۋچى ئۇچراشتى. ئۇنىڭ بىر قولىدا مىلتىق، بىر قولىدا بۆرە تېرىسى بار ئىدى. نېرى-بېرىسىنى ئويلىمايلا ئۇنىڭ قولىدىكى بۆرە تېرىسىنى تارتىۋالدىم. ئۇ ماڭا مىلتىقىنى تەڭلىدى، مەن ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي بۆرە تېرىسىنى ياپتىم. مەن شۇ تاپتا بۆرە ھالىتىگە كىرگەنىدىم. ئۇ ماڭا ھۆركىرىدى، مەن ئۇنىڭغا بۆرىلەرچە قارشىلىق كۆرسەتتىم؛ ئۇ مېنى مەنسىتمەي كۈلدى، مەن ئۇنى ئىچىمدە پاجىئەلىك بىچارىگە چىقاردىم. مەن ئۆزۈمنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن ئەلچىدەك ھېس قىلاتتىم. مەن ئۇنىڭغا ۋارقىرىدىم: «سەن... سىلەر ھالاكەت گىردابىدا تۇرۇۋاتىسىلەر!» ئۇ تۇرۇپلا قالدى. ئۇ مېنى چۈشەنمىدىمۇ ياكى بىر خىل ۋەھىمىگە چۆمدىمۇ بىلمىدىم، مىلتىقىنى ماڭا تەڭلىگەن پېتى كەينىگە داجىپ، بىرئاز يىراقلاشقاندىن كېيىن قېچىپ كەتتى.
== ئېگىز چوققىدىكى بۆرە ==
مەن كېتىۋاتىمەن، بۆرە تېرىسىنى يېپىنىپ كېتىۋاتىمەن، بۆرە ئەركىنلىكىنى ھېس قىلىپ بۆرىلەرنى ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنى بايقىسام پۇرىدىم، تىكەنلەرگە ئېلىشىپ قالغان تۈكلىرىنى كۆرسەم كۆزۈمگە سۈرتتۈم. ئۇلارنى سېغىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەۋاتىمەن. ناھايەت بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. گويا بىر چاقىرىق ياڭرىغاندەك ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى. يۈگۈردۈم، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم. چاتقاللار ئېتىكىمگە ئېسىلدى، پەرۋا قىلمىدىم؛ ئۆتكۈر تاشلار تىلىۋەتتى، پىسەنت قىلمىدىم؛ يۈگۈردۈم، قۇلىقىم تۈۋىدە پەقەت بۆرىنىڭ ھۇۋلىشىلا ياڭرايتتى!
ئاخىر مەن ئۇنى كۆردۈم، لېكىن ئۇ ناھايىتى تىك بىر قىيانىڭ ئۈستىدە ئىدى. چوققىغا ياماشتىم، تېيىلدىم، يەنە ياماشتىم، يەنە تېيىلدىم، قانچە قىلساممۇ بولمىدى. ئاياغلىرىم يىرتىلدى، قوللىرىم قانىدى، كىيىملىرىم تىتىلدى، لېكىن مەن ئۇ تۇرغان يۈكسەكلىككە چىقالمىدىم. ئاخىر مەن ئۇ تۇرغان چوققىنى مەركەز قىلىپ پەستە ئايلىنىشقا باشلىدىم؛ خۇددى بۆرىلەر بىر چاغلاردا مېنى مەركەز قىلىپ ئايلانغاندەك ئايلاندىم، كۆزۈم ھامان ئۇ تۇرغان نۇقتىدا ئىدى. مەن چۆرگىلەيتتىم، كاللامدىمۇ تۈمەن خىياللار كېچەتتى.
«ئەي بۆرە، — دەيتتىم ئىچىمدە، — سەن ئاشۇ ئەركىنلىككە، يۈكسەك چوققىلارغا مەنسۇپ. سېنىڭ روھىڭ تاغ-ئورمانلارغا، يۇلتۇزلۇق كېچىلەرگە سىڭگەن. يىراق ئۆتمۈشتە ئەجدادلىرىم سېنى سېغىنغان، مەن ھېلىھەم سېنى ئەسلەيمەن. مەن سەن بىلەن دەردلەشكىلى كەلدىم، ئىچىمدىكى ھەقىقەتنى ئېيتقىلى كەلدىم...»
== ھۇۋلاش ==
تۇيۇقسىز بۆرە ھۇۋلىدى. ئۇنىڭ ھۇۋلىشى تولىمۇ مۇڭلۇق ئىدى. ئۇنىڭ مەن بىلەن ھال-مۇڭ بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم. «سەن مۇڭلىنىشقا ھەقلىق، — دېدىم ئىچىمدە، — دۇنيادا قايسى بىر جان ئىگىسى ساڭا ئوخشاش ئاۋۋال شۇنچە زامان قەدىرلىنىپ، كېيىن مۇشۇنداق رەھىمسىزلەرچە خارلانغان تارىخنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان؟! »
بۆرىنىڭ ھۇۋلىشى تۇيۇقسىز ئۆزگەردى، ئۇنىڭغا يەنە بىرنەچچە بۆرىنىڭ ئاۋازى قوشۇلدى. مەن بۇ نادالاردىن نىدا ۋە پەريادنى ھېس قىلدىم. شۇنداق، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ئادالەتسىزلىكلىرىدىن پەرياد ئۇراتتى. قەدىمدە ئىنسان بىلەن بۇ تەبىئەت قوينىدا تەڭ ياشاپ، ئەركىنلىك ۋە جاسارەت ئۈلگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئەمدىلىكتە قىرغىن قىلىنىش جازاسىغا تارتىلامدۇ؟ مەن ئۇنىڭ نىداسىنىڭ تېگىگە يېتىۋاتىمەن: تەبىئەتتە ئىنسان بىلەن تالاش-تارتىش قىلىدىغان، قورقۇنچ سالىدىغان تەبىئەتنى ئۇنىڭغا يۈكلىگۈچىمۇ ئەسلىدە ئىنسانلارنىڭ ئۆز سۈيئىستېمالى ئىدى.
تۇيۇقسىز بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلىشىدا بىر سۈر ياڭرىدى. مەن بىر خىل ۋەھىمە ئىچىدە قالدىم. ناھەق جازالانغان بۆرىلەر ئەمدى ئىسيان كۆتۈرمەكچىمىدۇ، تەڭپۇڭلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمىدۇ؟... لېكىن بۆرىلەر ماڭا تاشلانمىدى. دېمەك، بۇ قورقۇنچ ئىچىدە قالغان جانلارنىڭ ساداسى ئىدى. ئۇلار ئىنسان يامانلىقىدىن ھەزەر ئەيلەۋاتاتتى.
مەن ئەمدى بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرىدىن ئەنسىزلىك تۇيدۇم. ئۇلار ئۆزىدىن ئەنسىرەۋاتاتتى، ئىنساندىن ئەنسىرەۋاتاتتى. ئۆز تەبىئىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىنسان ئەمدى دۇنيانى نېمە كويغا سالار؟ تەبىئەتنىڭ تەرتىپىنى قەيەرگە ئاپارار؟
بىر چاغدا بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى كۈچەيدى، ئۇلارغا يەنە نۇرغۇن بۆرىلەرنىڭ نالىسى قوشۇلدى. تىلسىز تاشلار خۇددى زۇۋانغا كەلگەندەك ئەكس سادا ياندۇردى، بوران كۆتۈرۈلدى. دەل-دەرەخلەر ئۇلارنىڭ ساداسىنى تەستىقلىغاندەك شاۋقۇنلىدى. تاغ سۇلىرى تاشلارغا ئۇرۇلۇپ ھەقىقەتنى جاكارلىغاندەك ئاقتى. مېنىڭ قېنىممۇ تېشىپ كەتتى. مەنمۇ بۆرە بىلەن، بوران بىلەن، تەبىئەت بىلەن بىرلىشىپ نىدا قىلىشقا باشلىدىم. مېنىڭ خىتابىمدا ھاياجانغا كەلگەن تەبىئەت بىلەن ئويغانغان ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ماسلىقى ئەكس ئېتەتتى. مەن بۇ سادايىمدا دۇنياغا جار سالاتتىم: «بۆرىلەر ھۇۋلاۋاتىدۇ! ئىنسانلار، قۇلاق سېلىڭلار، بۆرىلەر ھۇۋلاۋاتىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەسلىدە بىر مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى، تەبىئەت بىلەن زېمىنداش، بىرلا كائىناتقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى جاكارلاۋاتىدۇ. ئۇ قىرغىن قىلىشمايلى دەۋاتىدۇ، تەڭپۇڭلۇقنى بۇزماڭلار دەۋاتىدۇ؛ بۇ زېمىننى گۈللەندۈرىدىغانمۇ ئىنسان، خاراب قىلىدىغانمۇ ئىنسان دەۋاتىدۇ! مەن بىر زامانلاردا جاسارەتنىڭ سىمۋولى ئىدىم، ئەمدىلىكتە قارا نىيەتنىڭ تامغىسى قىلىپ قويۇلدۇم دەۋاتىدۇ!»
== ئويغىنىش ==
ئويغاندىم. قارىسام، چېدىر ئىچىدە يېتىپتىمەن. مېنى بىرەرسى چېدىرغا ئەكىلىپ قويدىمۇ ياكى ئەسلىدىنلا چېدىردىن چىقماي چۈش كۆردۈممۇ، بىلەلمىدىم. چاڭغىراقتىن كۆككە قارىغىنىمدا چېدىر ماڭا قەدىمىي بىر گۈمبەزدەك بىلىندى. مەن يۈز-كۆزۈمدىكى تەرلەرنى سۈرتۈپ تاشقىرىغا چىقتىم. كۆككە تىكىلدىم، يىراق-يىراقلارغا نەزەر سالدىم. بۇ چاغدا ئاسمان پۈتكۈل زېمىننى قاپلاپ تۇرغان بۈيۈك بىر كۈپەزدەك كۆرۈنەتتى. «مەن چېدىر ئىچىدە ياشاۋاتىمەن... بىز بۈيۈك كائىنات چېدىرى ئىچىدە ياشاۋاتىمىز» دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلاپ. مەن گەپ قىلغاندەك تۇراتتىم، لېكىن ئاۋازىم قۇلىقىمغا ھۇۋلىغاندەك تۇيۇلدى. مەن كىم ئىدىم؟ كىم بولدۇم؟ كىم بولىمەن؟... بىز كىم ئىدۇق؟ كىم بولدۇق؟ كىم بولىمىز؟... قاتمۇقات سوئاللار ئىچىدە كاللام چىگىلىپ كەتتى. مەن بېشىمنى كۈچەپ سىلكىۋەتتىم. ئۆزۈمنى ئازادە تۇتۇش ئۈچۈن قوشاق توۋلاشقا باشلىدىم:
يۇرتۇمنىڭ خەۋىرىنى بىلەمسەن، ئېيتقىن ماڭا،
قارا بېشىم قۇربان بولسۇن، بۆرەم، ساڭا...
...
ناخشام چەكسىزلىكلەردە پەرۋاز قىلدى، تاغ-تاشلار ئۇنىڭغا سادا قايتۇردى...
مەن خىيالدىن ئويغاندىم، مەن ھەقىقەتكە ئويغاندىم، ئەي ئىنسانلار!
ئىزاھات
بۇ مۇھاكىمىلىك نەسرنى يېزىشتا دوكتور ئەسئەت سۇلايماننىڭ «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئامېرىكىلىق تۋېيمەن ل. توۋېرسنىڭ «بۆرىنىڭ پاراسىتى» ناملىق ئەسىرىدىن ئالغان تەسىرات ۋە ئىلھاملىرىم ئاز بولمىدى. تۆۋەندىكى تارىخىي ۋە مىفولوگىيەلىك ئىزاھاتلار ئاساسەن «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى» ناملىق كىتابتىن پايدىلىنىپ ئەسكەرتىلدى:
① فرانسىيەنىڭ دوردون ۋە ئىسپانىيەنىڭ ئالتامىرا ئۆڭكۈر خارابىلىرىدىن تېپىلغان ھايۋانات تاش رەسىملىرى ئىچىدە بۆرە ئوبرازى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ (سېن جياۋۇ: «توتېم سەنئەت تارىخى»، 1987-يىل خەنزۇچە نەشرى، 52-، 53-، 57-بەتلەر). شۇنداقلا «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى» كىتابىنىڭ 210-، 211-بەتلەردە باركۆل قىيا تاش رەسىملىرىدىكى بۆرە ئوبرازلىرى قەيت قىلىنغان.
② سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخېئولوگلىرى موڭغۇلىيە تەۋەسىدىكى بىر قەدىمىي ئورۇندىن قازغان كەمەر توقىسىغا ئانا بۆرىنى ئېمىپ تۇرغان تۈرك بالىلىرىنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن (ئابدۇكېرىم راخمان: «ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»، 462-بەت).
③ ئالتاي رايونىدىن تېپىلغان، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 6-، 7-ئەسىرلەرگە تەئەللۇق قورغاندىن چىققان بىر قامچا ساپىغا بۆرە بېشى ئويۇلغان («مىراس» ژۇرنىلى، 1993-يىللىق 1-سان، 62-بەت).
④ ئالتاي ۋە مىنۇسىنسك ئويمانلىقىدىن تېپىلغان ئات جابدۇقلىرىغا بۆرە بېشى ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن («ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى»، 203-بەت).
⑤ رىم شەھىرىنىڭ ئاساسىي رىۋايىتىگە ئائىت (رومۇلۇس ۋە رېمۇس قېرىنداشلارنى ئانا بۆرە بېقىپ چوڭ قىلغانلىق ئەپسانىسى).
⑥ تۈرك قاغانلىقى دەۋرىدە تۇغ-ئەلەملەرگە ئالتۇن بۆرە بېشى چۈشۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە تارىخىي مەنبەلەر («جۇنامە. تۈركلەر تەزكىرىسى»).
⑦ ھون دەۋرىگە ئائىت، ئاسمان ۋە يۇلتۇزلار ئارىسىدا تەسۋىرلەنگەن بۆرە ئوبرازلىق يىپەك-رەخت پۈتۈكلەر.
⑧ شىمالىي ئامېرىكا ئىندىئان قەبىلىلىرى سەنئىتىدىكى بۆرە توتېمى تەسۋىرلىرى.
⑨، ⑩ قەدىمكى يۇنان ۋە رىم ئەپسانىلىرىدە ئاپوللو، زېۋس قاتارلىق ئىلاھلارنىڭ بۆرە مەپكۇرىسى بىلەن باغلانغان سۈپەتلىرى ھەم قەدىمكى تۈرك-موڭغۇل ئېتىقادىدىكى «كۆك بۆرە» تەسەۋۋۇرى.
«دەدە قورقۇت كىتابى»دىكى بۆرە تەسۋىرلىرىدىن ئېلىندى.
0wpar9o5kn7nljx6t3pdpqmuy7zbqo4
بۇ كىشىلەرنىڭ ئىشى يوقمۇ؟
0
24752
176584
2026-10-07T20:41:08Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران''' == 1 == بىزنىڭ مەھەللىدە، ئىككى بىنا ئارىلىقىدا يىل بويى توپا بېسىپ تۇرىدىغان بىر بوش يەر بار ئىدى. يېقىندىن بېرى بۇ يەر ئىنتايىن قىزىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. قارىسام كىمدۇر بىرى بۇ يەرگە 10 – 20 دەك كىچىك يۇمىلاق ئۈستەل ۋە پاكار ئ...'
176584
wikitext
text/x-wiki
'''ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران'''
== 1 ==
بىزنىڭ مەھەللىدە، ئىككى بىنا ئارىلىقىدا يىل بويى توپا بېسىپ تۇرىدىغان بىر بوش يەر بار ئىدى. يېقىندىن بېرى بۇ يەر ئىنتايىن قىزىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. قارىسام كىمدۇر بىرى بۇ يەرگە 10 – 20 دەك كىچىك يۇمىلاق ئۈستەل ۋە پاكار ئورۇندۇقلارنى قويۇۋاپتۇ. ئۇ يەردە ھەربىر ئۈستەلنى چۆرىدەپ تۆت ئادەم قارتا ئوينايدىكەن. قارتا ئوينىغۇچىلارغا ياكى ئۇ يەرنى چۆرىدەپ ئولتۇرغانلارغا سەپ سالسام، ئىدارە-ئورگانلاردا ئىشلەۋاتقانلارمۇ، ئارامغا چىققانلارمۇ، ئىشسىزلار، ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلارمۇ؛ ياشلارمۇ، قېرىلارمۇ، دۇكىنىنىڭ ئىشىكىگە پات-پات قاراپ قويۇپ، قارتاچىلار توپىغا يېرىم قوشۇلغان سودىگەرلەرمۇ بار ئىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەممە ساھەدىكىلەر بار ئىكەن. كۆزىتىشىمچە، بۇ قارتاچىلارنىڭ تۈنۈگۈنكىلىرى بۈگۈنمۇ بار، بۈگۈنكىلىرى ئەتىمۇ بار بولۇپ، ئويناشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىكەن؛ ھەتتا ئۇخلاشتىن باشقا ھەممە ۋاقىتتا مۇشۇ ئويۇن بىلەن بولىدىغانلارمۇ بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئويناش تەرتىپىدە بىكارچىدىن ياكى ئويناش نۆۋىتى كۈتۈۋاتقانلاردىن 2 – 3 ئادەم ئۇلارنىڭ ئوينىشىغا قاراپ ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرىدىكەن. ئۇتتۇرغانلار ئۈستەل ئىگىلىرىگە پۇل تۆلەيدىكەن. بىر ئادەمنى بىر كۈننىڭ ھەممىسىدە ئوينىمىدى دېگەندىمۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر كۈندە ئاز دېگەندە بەش يۈەنلىك ئوينايدىكەن. مۇشۇنداق ئويناشنى ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرسا، بىر ئايدا نەچچە پۇل بولىدۇ؟ نەق 150 يۈەن! بۇ پۇل بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بىر مەۋسۈملۈك كىتاب، ماتېرىيال ۋە ئوقۇش پۇلى دېگەن گەپ.
مەھەللىمىزدە يەنە گېزىت ساتقۇچى بىرنەچچە مۇساپىر بالا بار. ئۇلار ئەتىگەندىن كەچكىچە بىر تۇتام گېزىت-ژۇرنالنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، سىزنى يېڭى ئۇچۇرلاردىن، يېڭى بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ھېلىقى قارتاچىلارنىڭ قېشىغىمۇ نەچچە رەت كېلىپ، ئۇلارنىڭ: «نېرى بارە، مۇشۇ كۈندە گېزىت ئوقۇش، كىتاب كۆرۈش دېگەنلەرگە كىمنىڭ چولىسى تېگىپتۇ؟» دېگەن رەددىيەسىنى ئاڭلاپ، مەيۈس ھالدا قايتىپ كېتىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئاشۇ گېزىت ساتقۇچى بالىلارنىڭ بىر كۈنلۈك ساپ كىرىمى ئەڭ كېمىدە 15 يۈەندىن چۈشۈپ كەتمەيدىكەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ بىرى ئايدا كەم دېگەندە 450 يۈەن ساپ كىرىم قىلدى دېگەن گەپ! بۇ پۇل بىر ئىشچىنىڭ نورمال ئايلىقى بىلەن تەڭ، ئەلۋەتتە.
سىز بۇ ئىككى خىل كىشىلەر توپىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ: بىر توپ ئادەم كۈنىنى بىكارچىلىقتا ئۆتكۈزگەننى ئاز دەپ، يەنە تېخى 150 يۈەننى ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ. تۇرۇپ ئويلىغۇڭىز كېلىدۇ: «ئۇلارنىڭ باشقا ئىشى يوقمىدۇ؟» يەنە بىر تۈركۈم ئادەم بولسا، تىرىشچانلىق بىلەن 450 يۈەن ساپ كىرىم قىلىدۇ.
كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرلىك بۇ ئويۇننى ئانچە-مۇنچە ئويناپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق، ئەلۋەتتە. لېكىن، بۇ ئويۇنغا بۇنچىۋالا خۇمار بولۇپ قېلىشنىڭ كەينىگە نۇرغۇن پاسسىپ ئاقىبەتلەرنىڭ يوشۇرۇنغان بولۇشى ئېنىق.
مەيلى ئىشلەۋاتقانلار بولسۇن، مەيلى ئارامغا چىققانلار بولسۇن، قارىماققا قانداق ۋاقىتتا نېمە قىلىش ياكى نېمە ئويناش ھەربىر ئادەمنىڭ شەخسىي ئىشىدەك قىلىدۇ. ئەمما ياشاش مۇددىئاسىدىن ئېيتقاندا، ھاياتنى قەدىرلەش، ئەۋلادلارنىڭ كېلەچىكىنى ئويلاش نۇقتىسىدىن ئويلانغاندا، بۇ ئىككى خىل ئادەملەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلى يەنىلا ئىككى خىل قىممەت قارىشىنى ئىپادىلەپ بېرەمدۇ قانداق؟
== 2 ==
يېقىندا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چېتىگە جايلاشقان مەلۇم بىر نامرات ناھىيەدە مۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىپتۇ:
شۇ كۈنلەردە ناھىيەگە ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى داڭلىق بىر ناخشىچىنىڭ كەلگەنلىكى ۋە ناھىيەلىك يازلىق كىنوخانىدا بىر مەيدان تاللانغان نومۇر ئورۇندايدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقىلىپتۇ. ئۇزاقتىن بۇيان ئۇنىڭ يېقىملىق ناخشىلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان يۇرت خەلقى ھېلىقى ناخشىچىنى بىر كۆرۈۋېلىش ئارزۇسىدا يۈرگەن بولغاچقا، يېزىلاردىكى، تاغلىق رايونلاردىكىلەرمۇ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، ھەتتا مەخسۇس تاكسى كىرا قىلىپ ناھىيەلىك كىنوخانىغا كېلىپ، رازىمەنلىك بىلەن بېلەت سېتىۋاپتۇ. ئەپسۇس، ئەتىسى، يەنى ناخشا كېچىلىكى باشلىنىدىغان كۈنى خەلق ئۇ ناخشىچىدىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپتۇ. نېمىشقا دەمسىز؟ ئويۇن باشلىنىشقا 2 – 3 سائەت قالغاندا كىنوخانا دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا بىر ئېلان چاپلىنىپتۇ. ئېلاننىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىكەن: «ھاۋارايىنىڭ ياخشى بولماسلىقى (يامغۇر يېغىش ئېھتىمالى بولغانلىقى) سەۋەبىدىن بۈگۈنكى ئويۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بېلەت ئالغانلارنىڭ بېلىتىنى كۆرسىتىپ پۇلىنى قايتۇرۇۋېلىشىنى سورايمىز...»
قارىماققا بۇ ئىش ئورۇنلۇقتەك كۆرۈنگەچكە، خەلق ئويۇننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى توغرا چۈشىنىپ، ئارمان بىلەن قايتىپ كېتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە شۇ كۈنى يامغۇرمۇ ياغماپتۇ. لېكىن پىلە ئىچىدە ئوت ساقلىغىلى بولمىغاندەك، ئىشنىڭ ئەسلىي سەۋەبى ھېلىقى ناخشىچى يۇرتتىن كېتىپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئاشكارىلىنىپتۇ. ئەسلىدە نادىر ناخشىلىرى ۋە ياڭراق ئاۋازى ئارقىلىق خەلق قەلبىدە مەنىۋى ئوبرازىنى تىكلەپ بولغان ھېلىقى داڭلىق ناخشىچى، ئويۇن قويۇشنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى شۇ يۇرتتىكى قىمارۋازلار بىلەن قىمار ئوينىغان بولۇپ، قىمار ئاخىرىدا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، شۇ ئىزا-ئاھانەت ۋە قەرزدارلىقتا بۇ يۇرتتىن قېچىپ كەتكەنىكەن... قاراڭ بۇ سەتچىلىكنى! قاراڭ، ئارىمىزدىكى خەلق ئىشەنگەن، چىن قەلبىدىن ئۇلۇغلاپ ھۆرمەتلىگەن بىر زاتنىڭ خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە قايتۇرغان جاۋابىنى! ئاشۇ ناخشىچى قانچە قېتىملاپ قىمارۋازلارنى، مىللەتتىكى ئىللەتلەرنى ئەيىبلىگەن ناخشىلارنى ئورۇنلىغان بولغىيدى؟ خەلق ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن قانچە پەخىرلەنگەن، ئۇنىڭغا قانچىلىك ئالقىش-مەدھىيە ياغدۇرغان بولغىيدى؟ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ ناخشىسىنى قانچە قېتىم تەلەپ قىلغان بولغىيدى؟ بۇ يەردىكى مەسىلە يالغۇز قىمار سەۋەبىدىن ئويۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەمەس، بەلكى ناخشىچىنىڭ سەھنىلەردىكى ناخشىلاشقان ۋىجدانى بىلەن ئەمەلىيەتتىكى ئىپادىسى بىردەك بولماسلىق، ئۆزىنىڭ كەسپىي بۇرچىغا بىلىپ تۇرۇپ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ئۆزىنى بېشىدا كۆتۈرۈپ تۇرغان خەلقنى قەستەن كۆزگە ئىلمەسلىك ۋە ئۆز ئىناۋىتىنى ئۆزى تۆكۈشتىن ئىبارەت نازۇك مەسىلىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
خەيرىيەت، بۇ ئىشنىغۇ ئۆتۈپ كەتتى دەيلى، ئەمما ھېلىقى ناخشىچى ھەققىدىكى بۇ گەپلەر قۇلاقتىن-قۇلاققا ئاڭلانماسمۇ؟ ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلايمىز دەپ كەلگەن ئاۋامنىڭ شۇ كۈنلەردە قىلىدىغان باشقا ئىشى يوق بولغىيمىدى؟
== 3 ==
يۇرتىمىز دەرياسىنىڭ بويىغا يېقىندىن بۇيان ھەر ئەتىگەندە بىر توپ ئادەم يىغىلىۋالىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ئادەملەر ئاساسەن شەھەر كەمبەغەللىرىدىن تەركىب تاپقان ئىشسىزلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە يىغىلىپ تۇرۇشتىكى مەقسىتى بىرەرسىنىڭ كېلىپ ئۆزلىرىگە ئىش قىلدۇرۇشىنى كۈتۈش ئىكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىش ئىگىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئىزدەپ كېلىشىنى ئۈمىد بىلەن كۈتۈش ئىكەن. سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك، ھېچقايسىسىنىڭ مۇقىم بىر ھۈنىرى يوق ئىكەن.
يەنە بىر تۆت كوچا دوقمۇشىدا، نۇرغۇنلىغان ياغاچچى، ئۆي ئاقارتقۇچى، ئۆي ئوڭشىغۇچىنىڭ ئالدىغا ھەر خىل ئىش ئېلانلىرى يېزىلغان تاختايلارنى قويۇۋېلىپ تۇرۇشقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
دېمەك، بىر توپ ئادەمنىڭ نېمە ئىش قىلالايدىغانلىقىنى دەرھال بىلىۋالغىلى بولىدۇ. يەنە بىر توپ ئادەمنىڭ بولسا، گەرچە ئەمگەك كۈچى ئىكەنلىكى ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن زادى نېمە ئىش قىلالايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
يېقىندا بىر يېزا باشلىقىنىڭ بىر گېپى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سىرتتىن بىر ئادەم كېلىپ دېھقانلار بىلەن يېزىدىكى پاختىلارنىڭ كىلوسىنى بىر يۈەندىن تېرىشكە كېلىشىپ كېتىپتۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، شۇ رايوننىڭ پاختىسىنى تېرىشنى كۆتۈرە ئېلىۋاپتۇ. ئارقىدىن ئۇ باشقا جايلاردىن ئادەم چاقىرىپ كېلىپ پاختىلارنى تەرگۈزۈپتۇ. تەرگۈزگەندىمۇ كىلوسىنى سەككىز مو، توققۇز مودىن تەرگۈزۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈننىڭ ئىچىدىلا ئارىدىن نۇرغۇن پايدا ئاپتۇ.
بىر ئاغىنەمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆيىنى بېزەپتۇ. بېزەش جەريانىدا ئىشلەۋاتقانلار بىلەن سۆزلىشىپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر خوجايىن بىلەن ئەمەس، ئۆزلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلەشكەن بولسا، ھازىرقى باھادىن بىرەر-ئىككى مىڭ يۈەن ئەرزان بولاتتىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر تۇغقىنىنىڭ ئۆيىنى بېزەش نۆۋىتى كەلگەندە بۇ ئىشنى سىناپ باقماقچى بولۇپ، شۇ يەردىكى «ئۇچۇر مەركىزى» بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇستىكارلار بىلەن كېلىشىپ ئىش باشلاپتىكەن، ھېسابلاپ باقسا ئۆزىنىڭ ئۆيىنى بېزىگۈچىلەرنىڭ گېپىنىڭ راستلىقى ئىسپاتلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆي بېزەتكۈچىلەر ۋە ئۆي بېزىگۈچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ يۈرۈپ، ئارىدىن خېلى پايدا ئاپتۇ.
مۇئەللىپنىڭ يۇقىرىقىلارنى نەقىل كەلتۈرۈشىدە باشقا ئالاھىدە مەقسەت يوق. بۇ يەردىكى گەپ — ئىش كۈتۈشنىڭ ئورنىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئىش ئىزدەش ۋە ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە ئەسكەرتىشتۇر.
«ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ئولتۇرۇش، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، «خۇدا رىزقىمىزنى بېرىدۇ» دەپلا ئولتۇرۇش نۆۋەتتىكى رىقابەت قاينىمىدا غەرق بولۇشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ. ياراتقان ئىگىسى: «يارىتىشنى مەن ياراتتىم، يارىلىشىڭ ئۆزۈڭدىن» دېگەن ئەمەسمىدى؟ ئادەتتە «ھەممە ئادەمنىڭ رىزقىنى خۇدا بېرىدۇ» دېيىلىدۇ. ئەمما تىرىشمىسا «مۈشۈكمۇ بىكارغا ئاپتاپقا چىقمايدىغان» بۇ زاماندا، ھالاكەتتىن باشقا نەرسىنىڭ ئادەمنى ئىزدەپ كەلمەسلىكى دەلىل تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر.
1jx0kqgogpmzstcvpvd1r3t9qk3wzr4
قارچىغا بالىسى (ھېكايە)
0
24753
176585
2026-10-07T20:44:29Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''ئەختەم ئۆمەر''' قىشتىكى سوغۇق ھەم ساپ ھاۋا يۈزگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئالغان نەپەس، شەھەرنىڭ بۇزۇلغان ھاۋاسىدىن زەئىپلەشكەن ئۆپكىنى ئۇيقۇدىن ئويغاتقاندەك بولدى؛ روھلار كۆتۈرۈلۈپ قۇشتەك يەڭگىل، سەگەك بىر راھەتلىك ئېقىم تومۇرلاردا ئۇيۇشقا باشلىغان قانلار...'
176585
wikitext
text/x-wiki
'''ئەختەم ئۆمەر'''
قىشتىكى سوغۇق ھەم ساپ ھاۋا يۈزگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئالغان نەپەس، شەھەرنىڭ بۇزۇلغان ھاۋاسىدىن زەئىپلەشكەن ئۆپكىنى ئۇيقۇدىن ئويغاتقاندەك بولدى؛ روھلار كۆتۈرۈلۈپ قۇشتەك يەڭگىل، سەگەك بىر راھەتلىك ئېقىم تومۇرلاردا ئۇيۇشقا باشلىغان قانلارنى ئۇرغۇتتى. سۈبھى بىلەن تەڭ شايار بازىرىدىن چىقىپ كەتكەن ماشىنىغا، ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئوچاققا ئوت قالاشقا تۇتۇنغان ئاشپەز كۆزىنىڭ چاپىقىنى ئۇۋىلاپ ئەسنىگىنىچە قاراپ قالدى. يولدا مەسچىتكە ئالدىراپ ماڭغان كىشىلەر بىر-ئىككىدىن ئۇچرىدى. قويۇق مەھەللە ئاخىرلىشىپ، چەكسىز دالا، سۆك-سۆك، يۇلغۇنلار ۋە ئۇ يەر-بۇ يەردە موماينىڭ ئاق لېچىكىدەك پارچە قارلار كۆرۈندى. كېچە بولسىمۇ قاراڭغۇ ئەمەستەك زەڭگەر بىلىنىدىغان ئاسمان سەبىينىڭ كۆڭلىدەك سۈزۈك ئىدى. ئۆچۈش ئالدىدىكى خىرەلەشكەن يۇلتۇزلار يىراقلاپ كېتىۋاتقان قىزغا كۆزى قىيماسلىق بىلەن تەلمۈرگەندەك، كۆز قىسقاندەك كۆرۈندى. ئالدىمىزدا قارا كۆرۈنگەن مەھەللىدىن ئاندا-ساندا ۋاقتى قالغان خورازنىڭ چىللىشى ئاڭلاندى. قويۇق يۇلغۇن چاتقاللىرى ئارىسىدىكى يول بالا ۋاقتىمىزدا سامانلىقنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ سامانغا سەكرەپ ئوينىغان چېغىمنى ئەسكە سېلىپ، بىردە ئېگىزگە ئېلىپ چىقىپ، بىردە يەرگە تاشلاپ ئىلگىرىلىدى. تاڭ سۈزۈلدى. پايانسىز دالا چىرايلىق جۇۋاندەك يېقىملىقلاشتى. قويۇق يۇلغۇننىڭ قىش سوغۇقىدىن قاتقان ئىنچىكە قىزىل ياپراقلىرى مەڭزىدىن قان تېمىپ تۇرغان پەردازسىز سەھرا قىزىدەك يېقىملىق ئىدى. ئۇنىڭ ئۇششاق تال چىۋىقلىرى قىرىق كوكىلىلىق قىزنىڭ ئۆرۈمە چېچىغا ئوخشىسا، ئارىلىرىدىن كۆرۈنىدىغان ئاق قارلار قىز ۋىلىقلاپ كۈلسە كۆرۈنىدىغان چىشلىرىدەك ئادەمگە لەززەت بېغىشلىدى. ھۆركىرەپ يۈگۈرۈۋاتقاندەك ماڭغان يوغان ماشىنىدىن ھۈركىگەن چۆل تورغايلىرى چاتقاللار ئارىسىدىن قاڭقىپ، ئېگىز-پەس ئۇچۇپ ئەنسىز سايرىسا، ياۋا توشقانلار ھەر تەرەپكە پاكپېتىڭلاپ قاچتى. يىراقتىن يەنە توغراقلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
— توشقان تولا ئىكەن، مىلتىق بولسا تازا بىر پۇخادىن چىققۇدەك ئوۋ قىلغىلى بولغۇدەك، — دېدى بىرى.
— خەقنىڭ مىلتىقى بولسا، بۇنداق جىق توشقان نېمە قىلىدۇ، ئاكىچا؟ — دېدى بىزنى چۆلگە باشلاپ ماڭغان دوستىمىز ئابلەت.
— نېمە دېدىڭىز؟ يەنە بىر دەڭە!
— ئاكىچا، — دېدىم.
— «ئاچا» دېگەندەك ئاڭلىنىپ كەتتى. «ئاكىچا» دېگەن نېمە دېگىنىڭلار؟
— «ئاغىنە» دەيلى دېسەك، سىلى مەندىن چوڭ؛ «ئاكا» دەي دېسەم، مەنمۇ ئانچە كىچىك ئەمەس؛ «ئادىشوي» دېسەم قوپال ئاڭلىنىدۇ. ھەم ئاغىنىدەك، ھەم ئاكىدەك، ھەم يېقىن تۇغقاندەك ئادەمنى «ئاكىچا» دەيمىز، — دەپ چۈشەندۈردى ئابلەت.
ئۇ يەر-بۇ يەردىكى قېرى توغراقلار قويۇق ياش توغراقلارغا ئارىلىشىپ، كۆز ئالدىمىز بارغانچە قويۇق ئورمانغا ئايلاندى. ھەر خىل سۈرلۈك شەكىلدە تۇرغان قېرى توغراقلار ئادەمنى ئەيمەندۈرسە؛ قويۇق، تۈز ئۆسكەن ياش توغراقلار ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا گويا قېرى سەركەردىنىڭ لەشكەرلىرىدەك ئەتراپىدا سەپ تۈزۈپ تىك تۇرغاندەك كۆرۈندى. بۇغداي ئۇنىدىن يۇمشاق ئاق توپا ماشىنا چاقىدا سۇدەك ئېقىپ، خۇمداننىڭ تۈتۈنىدەك ئاسمانغا كۆتۈرۈلەتتى. تىلسىماتتەك جىمجىت توغراقلىقتا ھۆركىرەپ مېڭىۋاتقان ماشىنا بىلەن توغراقلار ئارىسىغا بىراۋنىڭ ئاي شەكىللىك ئۇزۇن قىلىچىنى تاشلاپ قويغاندەك سوزۇلۇپ، ئاستا ئېقىۋاتقان تارىم دەرياسى بويىدىكى كېچىككە كەلدۇق...
بىنادىن ئىككىنى سالغۇدەك يەرنى ئىگىلەپ، سۇ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرغان كېمە ھازىر تۆمۈر قوزۇققا باغلىنىپ لەيلىمە كۆۋرۈك بولغانىدى. ئىلگىرى تارىم دەرياسىنىڭ ئۇماچتەك لاي سۈيىنى كۆرگەنىدىم. ھازىر بۇ سۈزۈك سۇنى كۆرۈپ، رەھمەتلىك چوڭ ئانام ئېسىمگە كەلدى. چوڭ ئانام مۇشۇنداق سۈزۈك ئېقىن سۇنى كۆرسە «ئەجەب چۆچۈرە سالغۇدەك چىرايلىق سۇكەن» دەپ جېنى سۆيۈنۈپ كېتەتتى. دېمىسىمۇ بۇنداق مۇلايىم سۈزۈك سۇنىڭ ئاققىنىنى كۆرمىگىنىمگە ئۇزاق بولغانىدى. سۇ ناھايىتى ئېغىر سۈكۈنات بىلەن، پاكلىق، ئېغىر-بېسىقلىق ۋە سالماقلىق بىلەن ئاقاتتى. ئېقىپ-ئېقىپ تارىم ۋادىسىدىكى بارلىق جانلىق-جانسىزلارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ، ئاخىرى توغراقلار ئارىسىغا — تەكلىماكان قۇملۇقىغا سىڭەتتى. ئەمەلىيەتتە مۇشۇ ۋادىنىڭ بارلىق خۇشاللىق-خاپىلىقلىرىنى قارنىغا سىغدۇرۇپ سۈكۈت ئىچىدە سىڭىپ ئاققىلى قانچە مىڭ يىللار بولغانىدى...
ساپ ھاۋا، سۈزۈك سۇ، بىپايان قۇملۇق، چەكسىز توغراقلىق روھىمغا سىڭىپ كەتكەن بۇرۇقتۇرمىلىقنى شۈمۈپ كەتتى. بولۇپمۇ تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى ئىچىمدىكى لەختە-لەختە روھىي زەرداپلىرىمنى بىردىنلا تارتىپ كەتكەندەك يېنىكلەپ كەتتىم. ئۇيغۇر خەلقى «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار» دېگەن چۆچەكنى بىكار توقۇماپتىكەن. ئۇ مۇنداق چۆچەك: ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بارلىقىنى سېزىپ، بىرسىگە تىنالماي كۈندىن-كۈنگە قورسىقى ئېسىلىپ ماڭالماي قالغان ساتىراش ئاخىرى چۆلگە چىقىپ، ئىنس-جىن يوق يەردىكى كونا قۇدۇققا دۈم يېتىپ تۇرۇپ «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار!» دەپ ئۈچ مەرتەم ۋارقىرىغاندىن كېيىن قورسىقى بوشاپ كېتىپتۇ. ساتىراش كەتكەندىن كېيىن بۇ كونا قۇدۇقتىن ئاجايىپ چىرايلىق بىر قومۇش ئۈنۈپ چىقىپتۇ. پادىچى مال باققاچ قۇدۇق بېشىغا كەپتۇ ۋە ھېلىقى قومۇش كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭدىن بىر نەي ياساپ چېلىپتۇ. نەينىڭ ئاۋازى خۇددى ئادەم گەپ قىلغاندەك «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار» دەپ چىقىپتۇ. نەيچى بۇ ئىشتىن ھەيران قېلىپ ئەتراپقا قارىسا، ئادەم تۈگۈل ئىنس-جىن يوق. «خاتا ئاڭلىغان ئوخشايمەن» دەپ نەينى يەنە پۈۋلىگەنىكەن، نەيدىن يەنە «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار!» دېگەن كۈي تارقاپتۇ. پادىچى قورقۇپ كېتىپ نەينى يەنە قۇدۇققا تاشلىۋېتىپتۇ. ئەمدى ئۇھ دەپ تۇرسا، نەي ياساش ئۈچۈن كەسكەن قومۇشنىڭ قۇلاقلىرىنى (يوپۇرماقلىرىنى) يەپ قالغان قوي، ئۆچكە، كالا مەرىسە ۋە مۆرىسە «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار!» دەپ مەرىگۈدەك، مۆرىگۈدەك. پادىچى تېخىمۇ قورقۇپ كېتىپتۇ. ئاشۇنداق مەرىگەن، مۆرىگەن قوي، كالىنى تاشلىۋېتەي دېسە كۆپ زىيان بولىدىكەن؛ باقاي دېسە، «سەن كالا، قويلىرىڭغا قانداق مەرەش، مۆرەشنى ئۆگەتتىڭ» دەپ ئەيىبلىنىپ، كاللىسىنىڭ ئېلىنىشىدىن قورقىدىكەن. پادىچى ئاخىرى بىر ئەقىل تېپىپ، ئاشۇنداق مەرەپ، مۆرەيدىغان كالا، قويلىرىنىڭ ئاغزىنى تېڭىپ بازارغا ئەكىرىپ ساتماق بوپتۇ. خېرىدارلارمۇ ئالماق بوپتۇ ۋە «ئاغزىدا كېسەل بارمۇ-يوق كۆرۈپ باقاي» دەپ قوي، كالىنىڭ ئاغزىدىكى بوغقۇچنى يەشكەنىكەن، شۇئان قويمۇ، كالىمۇ ھېلىقى قورقۇنچلۇق گەپنى دەپ مۆرەپ-مەرىشىپ كېتىپتۇ. بازاردىكى خالايىق بۇ سۆزنى ئاڭلاپ بازارنىمۇ، قوي-كالىسىنىمۇ تاشلاپ ئۆلەر-تىرىلىشىگە قارىماي قېچىپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىچىمۇ قوي-كالىسىنى تاشلاپ قېچىپتۇ. لەشكەرلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ بازارغا باستۇرۇپ كىرسە، مال بازىرىدا بىرمۇ ئادەم يوق، مال-چارۋىلار ئىگىسىز قالغۇدەك. بۇنى كۆرگەن زىندان بېگى ئىگىسىز قالغان بارلىق ماللارنى قاسساپقا سېتىپ پۇلىنى يانچۇقىغا سېلىپ بېيىپ كېتىپتۇ. قاسساپ ئەرزان ئالغان مالنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى سېتىپ باي بوپتۇ. ئەمما ھېلىقى مالنىڭ گۆشىنى يېگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار!» دېگەن گەپنى دېگۈسى كېلىپ، ئىچى تىتىلدايدىكەن. دېسىلا ئىچىنىڭ سىقىلىشى بوشايدىكەن. يەنە بىردەمدە دېگۈسى كېلىپ جىم تۇرالمايدىكەن. ئۆزئارا دېيىشسە، «ۋاي، دېمىسەڭمۇ ھەممە ئادەم بىلىدىغان گەپ بۇ» دەپ بىر-بىرىدىن خاپا بولۇشىدىكەنۇ، يەنە ھەممە ئادەم بىلىدىغان شۇ گەپنى يەنە دېيىشمىسە تۇرالمايدىكەن. شۇ گەپنى دېگەنلەرنى دېمىگەنلەر زىندان بېگىگە چېقىپ قويىدىكەن. بۇنى ئاڭلاپ قالغان زىندان بېگى ئۇلارنى ئۇدۇللۇق تۇتۇپ كاللىسىنى ئالدۇرۇپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ كاللا كېسىشتىن زېرىككەن، قىلىچىنىڭ بېسى ئۆتمەس بولۇپ كەتكەن جاللاتلار بەش تەڭگە بەرسە جىنايەتچىنى قويۇۋېتىدىغان بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شۇنداق دېگەنلەردىن زىندان بېگى بىلەن جاللاتلار پۇل ئېلىپ باي بولۇپ ئىشىكلىرى ئالتۇندىن، تاملىرى كۈمۈشتىن، ھەتتا ئىتلىرىنىڭ يالاقلىرىمۇ ئالتۇندىن بوپتۇ. خەقلەر كەمبەغەللىشىپ كەتسىمۇ قورساق كۆپىدىغان كېسەلدىن ساقىيىش ئۈچۈن ئاۋۋال بەش تەڭگە تەييارلاپ قويۇپ، قورساق كۆپۈپ، تىنالماي، ماڭالماي قالغان چاغدا شۇنداق گەپنى دەيدىكەن؛ دەرھال قورسىقى بوشاپ كېسەلدىن خالاس بولىدىكەن... شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر قوغۇنچى قوغۇنلۇققا سۇ قويۇۋېتىپ، قورسىقى كۆپۈپ بولالماي قېلىپ شۇنداق دەپ ساپتىكەن. پىشقان قوغۇنلارنىڭ ھەممىسى ھېلىقى گەپنى تەكرارلاپ يېرىلىپ كېتىپتۇ... قوغۇنچىنىڭ كاللىسىغا بىر ئەقىل كېلىپ، پىشقان قوغۇنلارنى ئۈزۈپ زىندان بېگى ھەم جاللاتلارغا، ئاندىن خان ئوردىسىغا كىرگۈزۈپ بېرىپتۇ. زىندان بېگى قوغۇننى يەپلا «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار!» دەپ قاپتۇ. جاللاتلار زىندان بېگىگە قىلىچلىرىنى تەڭلەپ ھەيۋە بىلەن كېلىپ، ئۆزلىرىمۇ شۇنداق دەپ قاپتۇ. زىندان بېگى جاللاتلارنى ئۆلۈمگە بۇيرۇي دەپ تۇرسا، ياساۋۇل، لەشكەرلەرمۇ ئىختىيارسىز شۇ گەپنى دەپتۇ. «ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟» دەپ تۇرسا، پادىشاھ مەزىلىك پۇرىغان قوغۇننى يەپ بولۇپلا قورسىقى كۆپۈپ كېتىپتۇ ۋە «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار!» دېسە قورسىقى بوشاپتۇ. بۇ ھالنى كۆرۈپ قورسىقى كۆپۈپ ئاران تۇرغان ئوردا ئەھلىمۇ تەڭلا تەكرارلاپتۇ. پادىشاھ ئۆزىدىن باشلاپ ھەممە ئادەمنى ئۆلۈمگە بۇيرۇي دېسە تازا ئەقىلگە سىغماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بېشىدىكى تاجىنى ئېلىپ تاشلاپ مۈڭگۈزىنى ئاشكارىلاپتۇ ھەمدە ئۆلتۈرۈش پەرمانىنى بىكار قىپتۇ...
سۈزۈك سۇغا قاراپ ئېسىمگە كەلگەن، مومام سۆزلەپ بەرگەن بۇ چۆچەك مېنى نەلەرگىدۇر ئەكەتتى. مېنىڭمۇ يەڭگىللەپ كەتكىنىم راست. ئاشۇ چۆچەكتىكىدەك، تارىمنىڭ سۈيى ئىچىمدىكىنى ئەكەتتى. «زۇۋان كىرسە ئۇلار نېمىلەرنى دەر؟» دېگۈم كېلىپ، بالىلارچە خىيالىمدىن كۈلگۈم كەلدى.
— ئۇخلاۋاتامسەن، ئويغاقمۇسەن؟
ئابدۇقېييۇمنىڭ كىشىلەر ئامراق ھېيتلىق ئاۋازى مېنى ئۇيقۇدىن ئەمەس، ساماۋى چۆچەكلەرنىڭ خىيالىدىن ئويغاتتى؛ ھەتتا مەن ماشىنا ماڭالماي پىيادە تىزغىچە توپا كېچىپ، چاتقاللارنى قايرىپ مېڭىۋاتقانلىقىمىزنىمۇ سەزمەي مەستتەك مېڭىپتىمەن. ئاپلا، نېمىشقا توۋلىغاندۇ ماۋۇ بەغەرەز ئاغىنەم؟ ئاشۇ گۈزەل چۆچەك دۇنياسىدا بولغان بولسام، ماۋۇ جاپالىق ھەم سۇر باسىدىغان توغراق، چاتقال ئارىسىدا پىيادە مېڭىۋاتقىنىمنى بىلمەي كېتىۋەرگەن بولاركەنمەن. ئەسلىدە ئاچا يولغا كەلگەندە، يول باشلىغان ئاغىنىمىز ئابلەتمۇ يولنى پەرق ئېتەلمەي «قايسى يولدا ماڭىمىز» دېگەننى دەتالاش قىلىپ مەندىن سورىسا، مەن ئۈندىمەستىن مېڭىۋەرگۈدەكمەن. شۇڭا مېنى توۋلىغانىكەن ئۇلار.
سەپرايىم ئۆرلەپ، تېخىمۇ سۈرلۈك ھەم سىرلىق، ئارىلىرىدىن قۇش ئۆتەلمەس توغراقلار بار ھارۋا يولىغا ماڭدىم.
— ئاھاي، ماڭمامسىلەر؟ يول بولغاندىكىن چوقۇم بىر مەھەللىدىن چىقىمىز. بىرى بارسا كەلمەس يول، بىرى بارسا كېلەر يول بولمىغاندىكىن! — دېدىم تېرىكىپ.
— ياقەي، ئاكىچا. ئۇنداق ماڭغان بىلەن بىزدە يا يەيدىغان نان، يا ئىچىدىغان سۇ يوق. بىر قانچە كۈنلۈك يولغا چۈشۈپ قالساق، سىلىنى جاڭگالدا قويغاننىڭ ھۆددىسىدىن مەن چىقالمايمەن. مايەردە يېڭى ئىز — موتسىكلىتنىڭ ئىزى بارىكەن. مانداق ماڭايلى!
ئابلەت مەن تاللىغان يولنى ئەمەس، باشقا بىر يولنى تاللىدى ۋە ھەممىسى ماڭا قارشى چىقىپ شۇنداق مېڭىشتى. ئامالسىز ئەگەشتىم... ماڭدۇق. «ئەمدى يەنە ماڭىدىغان بولسا مەن ئىزىمغا يىقىلىپ ياتىمەن» دېگەن خىيالغا كەلگەن چېغىمدا، يىراقتىن ئادەمنىڭ ۋارقىرىغان، ئىت قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق كۈچەيدى. شەھەردە بوشاپ كەتكەن بەل، پاچاق بۇ يولغا چىدىمىدى. بىردەم ئولتۇرۇپ بېقىپ، چىدىماي يەنە ماڭدۇق. ئابدۇقېييۇمنىڭ بايا چىرايلىق كۆرۈنگەن رامبوچە دالا كىيىمى ئەمدى كۆزۈمگە سەت كۆرۈندى. «مۇشۇنداقمۇ ماڭدۇرامدۇ ئادەمنى؟ يا بىر توغرام نان، يا بىر قاپاق سۇ يوق، چۆلگە چىققىنىنى كۆر. تاماكا بولسىلا ھەممىگە قانىدىغان ئاداشكەن ئۇ» دەپ ئىچىمدە غوتۇلدىدىم. كۆزۈمگە توغراقسىز دالا كۆرۈندى. بايىقى توغراقلارنى يەر يۇتۇپ كەتكەندەك، كۆز ئالدىمدا كېۋەز ئېتىزلىرى، ئېتىزلاردا ئاسماندىكى بارلىق ئاق بۇلۇتلار كۆچۈپ چۈشكەندەك ئۆچكىلەر پادىسى كۆرۈندى. پۈتكۈل ئۆچكىلەر سۈتتەك ئاق، پاكىز، بىرىسىمۇ باشقا رەڭدە ئەمەس ئىدى. يۈگۈرگەندەك ماڭدىم. قېرى جۇۋاز كالىسىدەك لوپۇلداپ ماڭغان بولۇشۇم چوقۇم، ھەمراھلىرىم كۈلۈشۈپ كەتتى. بىر ئۆستەڭ، ئۆستەڭدە قەدىمكى سېپىل تېمىدەك قېلىن توڭلىغان مۇز. سۇ ئالىدىغان ئۆڭكۈر، مۇز بويىدا ناۋاتتەك مۇز پارچىلىرى تۇرۇپتۇ. كۆزۈمگە جەننەتنىڭ شولىسى كۆرۈنگەندەك بولدى. مۇز پارچىلىرىنى گويا ئايغىر ئات قوناق چاينىغاندەك يەپلا كەتتىم. ئۇسسۇزلۇققا قانمايمەن. كۆۋرۈك بويىدىكى يالغۇز ئۆيدىن نەچچە بالا چىقىپ، بىزنى يىراقتىنلا كۆرۈپ ئۆيىگە قېچىپ كىرىپ كەتكەنىدى؛ ھەمراھلىرىم گەپ سوراپ يالۋۇرسا، ئىشىكىنى تاقىۋېلىپ بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. ئۇلار بىلەن پەرۋايىم پەلەك. مۇز بېشىدا ياتىدىغاندەك ئەلپازدا مۇز چاينايمەن.
— ئۇھ، قوڭالچاق مەھەللىسىگە تۈزۈك كەپتۇق، تاپالاپتۇق؛ ئەسلىدە مەنمۇ كەپ باقمىغان، — دېدى ئابلەت.
— ئۆزىڭىز كېلىپ باقمىغان يەرگە بىزنى باشلاپ كەلگىنىڭىز قىزىق. ھەرھالدا ئادەم بار، سۇ بار مەھەللىگە ئۇلاشتۇق. توغراقلىق يەنە بىردەم داۋام قىلسا «ئاھ خۇدا» دەپلا توغراق تۈۋىدىكى توپا قوينىغا چۆكۈپ ياتاتتىم، — دېدىم مەن مۇز چايناۋېتىپ.
ئۇسسۇزلۇق بېسىلغان بىلەن ئاچلىق بىلەن ھارغىنلىق جاننى قىينايدۇ. كۆزۈم خاتىرجەم ئوتلاۋاتقان بىر-بىرىدىن چىرايلىق، سېمىز ئۆچكە ھەم شوخ ئوغلاقلاردىن ئۈزۈلمەيدۇ. چاققانلا بىرنى تۇتۇپ بوغۇزلاپ، كاۋاپ قىلساق، قورساق تويسا ئاندىن «ئۇھ» دەيتتىم. بالا چاغلىرىمدا قورسىقىم تويمىسا، خەقنىڭ توخۇسى بولامدۇ، تۇخۇمى بولامدۇ، خورىزى بولامدۇ، ئىشقىلىپ يېگىلى بولىدىغانلا نەرسىسى بولسا ئوغرىلاپ يەپ قورسىقىم تويغاندا، قوشۇقتەك يۈزۈمدىكى پىيالىدەك پىلدىرلاپ چەكچىيىپ كەتكەن كۆزلىرىمگە شوخلۇق يامىشاتتى. قورسىقىم ئاچقانچە تەلۋىلىشىپ «مۇشۇ پۈتۈن ئالەم بىر نان ياكى بىر قاچا لەغمەن بولسا...» دەپ ئويلايتتىم.
خۇدا ھەممە جاندارغا نەپسىنى بەرگەن. ھېكايەت: خوراز ئاچلىققا چىدىماي دەريانىڭ ئۇ قىرغىقىدا پارقىراپ تۇرغان بىر باش سېرىق قوناققا قاراپ چىدىيالماي قاپتۇ ۋە غاز بىلەن بىر نەرسىسىنى قوناققا تېگىشىپتۇ. غاز دەريادىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ، سېرىق قوناقنى خورازغا بېرىپتۇ-دە، خوراز پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن قوناق چوقۇلاشقا باشلىغاندا، خورازنىڭ ھېلىقى نەرسىسىنى ئۈزۈۋاپتۇ. خورازنىڭ ئەس-يادى قارنىدا قېلىپ، نېمىسىنى يوقاتقىنىنى بىلمەپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ «غازنىڭ ئەرلىكى بار، خوراز ئەۋرەتسىز» بوپ قاپتۇ. غاز جۈپلەشسە ھۇزۇرلىنىپ، قانات قېقىپ ئەتراپقا شادلىنىپ يۈگۈرەيدىكەن؛ خوراز جۈپلەشسە سۈرۈشتۈرۈپ قېلىپ مېكياننى ئايلىنىپ خۇشامەت قىلىپ، يالۋۇرۇپ، قانىتىنى پۇتلاپ، نېمىشقا شۇنداق «جابدۇقسىز» بوپ قالغىنىنى چۈشەندۈرىمەن دەپ زارلىنىدىكەن... نەپسى ئۈچۈن بىچارە خورازدەك رەسۋا بولۇپ بىراۋ ئالدىدا تىلى قىسىق بوپ قېلىشتىن خۇدا ساقلىغاي! نەپسىمگە سەۋر-تاقەت بەرگەيسەن دەپ ئاللاھتىن تىلەيمەن. «نەپسىنى يېڭەلىگەن ئادەمنىڭ يېڭەلمەيدىغان دۈشمىنى بولمايدۇ» دەيدۇ لوقمان ھەكىم.
بىز ئۆيىگە چۈشمەكچى بولغان، بىزنى كۈتمەكچى بولغان كىشىنىڭ ئىسمىنى ۋە ئۆيىنى سورىدى ئابلەت، ئىشىكى ئالدىدا تۇرغان ياش يىگىتتىن:
— ئۆيى ئاۋۇ. شاياردىن مېھمان كېلىدۇ، ئالدىغا چىقىمەن دەپ سەھەردە كەتكەن، ھازىرغىچە كەلمىدى.
— ھە، بىز شۇ مېھمان!
— ئۇچراشماپسىلەر-ھە؟
— ئۆيدە ئادەم يوقمۇ؟
— خوتۇن-بالىلىرىمۇ تەييارلىق قىلغىلى بازارغا كەتتى، — ئۇ شۇنداق دەپ قويۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتكىلى ماڭدى.
— قانداق قوشنا سەن، ھوي؟ قوشناڭنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلسە، قوشناڭ ئۆيىدە بولمىغاندىكىن، ئۆيۈڭگە باشلاپ بىرەر پىيالە چاي بېرەي دېمەمسەن؟ بۇ يەردە باشقا ئۆي بولمىسا...
— ۋاي، ئۇ دېگەن سىلى ئىزدەپ كەلگەن ئادەمنىڭ ئىنىسى! — دەپ قويدى باغچىدىكى مايمۇننى كۆرۈشكە توپلانغاندەك بىزگە ئەگىشىپ ئولىشىۋالغان بالىلاردىن بىرى.
— ھە، تېخى مانداق گەپمۇ! ئاكاڭ بولمىغاندىكىن، ئاكاڭنىڭ مېھمىنى — سېنىڭ مېھمىنىڭ. ئاچە ئىشىكىڭنى، بىزنى باشلا! كۆرۈڭ بۇ گەپنى، — دېدىم مەن يىگىتنى قايرىپ قويۇپ، ئۆيگە ئاۋۋال كىرىپ. ھەمراھلىرىم كۈلۈشۈپ كېتىشتى.
— مانداق مۇتتەھەم مېھماندىن خۇدا ساقلىسۇن، — دەپ كەينىمدىن كۈلكە قىلدى ئابدۇقېييۇم.
— مۇشۇنداق مۇتتەھەم مېھمان بولمىسا، ئەخلاقلىق مېھمانلار نان، سۇسىز چۆلدە تېنەپ قالىدۇ، — دېدىم مەن ئارقامغا قارىماستىن. لېكىن ئىچىمدە ئۆزۈمنىڭ ھېلىقى خورازغا ئوخشاپ قېلىۋاتقىنىمدىن، ئەخلاقتىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقىنىمدىن نومۇس قىلدىم. ئەمما نەپسىم ئەخلاققا ھېچ يول بېرەر ئەمەس. ئىچكىرىگە كىرىپ ياغاچ سۇپىدىكى قارا كىگىزگە ئۆزۈمنى تاشلىدىم.
— ھە، قېنى، يەيدىغان نەرسەڭنى ئالە. نېمە يېسەڭ شۇنى ئال، بولە چاققان! — دېدىم مەن ئۆينىڭ قەيىرىدىن يەيدىغان نەرسە چىقار دەپ قاراپ.
ئۆي قاراڭغۇ ھەم نەمخۇش ئىدى.
— شۇ... شۇ... خىجىل بوپقالدىم. قېتىپ قالغان نان بار ئىدى... ئايالىم قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە نان ياققىلى كەتكەن، كېلەر چاغ بولدى. ئىسسىق ناندىن ئالاي.
— ئادىشوي، تولا بەغەرەزلىك قىلماي، بارىنى ئال دېگەندىكىن، ئالە. بىز تۈنۈگۈن تاماق يېگەنچە...
شۇنداق قىلىپ بالا سۇلياۋ پەتنۇستا قېتىپ قالغان پارچە نانلاردىن ئەكەلدى. نان كونا خۇمداننىڭ كېسىكىدەك قاتتىق بولسىمۇ، بالا چاغلىرىمدا چوڭ دادام بازاردىن بەلۋېغىغا تۈگۈپ ئەكىلىدىغان گۆش گرادەك تېتىپ كېتىپ، چىشىم ئۆتمىگەنچە غاچىلاپ ھۇزۇرلاندىم. قورساق ئاچماس، كۆڭۈل تارتماس ئۈرۈمچى غۇۋا چۈشتەك ئېسىمگە كەلدى.
بىردەم ئارام تاپقاندىن كېيىن يىگىتتىن سورىدىم:
— ئۇكام، مەنمۇ ئەدەپ-ئەخلاقتىن چىقتىم. ئەمما سەنمۇ مەندىن كەم ئەمەس. سەن نېمىشقا ئىشىكىڭنىڭ ئالدىغا كەلگەن مېھماننى ئۆيگە باشلىمايسەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاكاڭنىڭ مېھمانلىرىكەنمىز. ھېچ بولمىسا «ئۆيگە كىرىڭ» دەپ يالغاندىن بولسىمۇ دەپ قويمىدىڭ-ھە؟
— ئەمدى شۇ، قارىسام ئېسىلزات مېھمانلاركەنسىلەر. ئۆزۈمدىن، ئۆزۈمدىن نومۇس قىلىپ... تېخى سىز زورلاپ كىرىۋالمىغان بولسىڭىز، ئۆيگە كىرىپ بالامنى ئېلىپ ئىشىككە قۇلۇپ سېلىپ قاچماقچىدىم، — دېدى بالا راست گەپنى قىلىپ.
— ئاڭلىدىڭلارمۇ، ئەخلاقلىق مېھمانلار؟ بۇ يەردە مېنىڭ يۈزى قېلىن مۇتتەھەم مېھمانلىقىمنىڭ پايدىسىنى كۆردۇق.
— ھازىرغۇ كىمنىڭ يۈزى قېلىن بولسا راھەت شۇنىڭ، كىم مۇتتەھەم بولسا جاھان شۇنىڭ بوپ كەتتى، — دېدى ھەمراھلىرىمدىن بىرى.
بىر چاغدا يىگىتنىڭ ياش ئايالى ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ كىرىپ، خىجىللىقتىن تەمتىرەپ بىزگە داستىخان سالدى. بار ناننى داستىخانسىز يەپ بولغىنىمىز ئۈچۈن داستىخانغا قۇرۇق مېۋە-چېۋە، خاسىڭ دېگەنلەرنى تىزدى. چوكان پىيالىسىنى يۇيۇپ چاي قويۇپ بولغۇچە داستىخاننى قۇرۇقداپ بولدۇق.
— قېنى بېقىشسىلا، — دەپ چاي تۇتقان چوكان قۇرۇقدىلىپ قالغان داستىخانغا قاراپ قىپقىزىل قىزىرىپ كەتتى. بىز تەڭلا ھىجايدۇق، ئۇ قىزاردى. ئۇ بىزنىڭ نومۇسسىزلىقىمىز ئۈچۈن خىجىللىقتىن قىزارسا، بىز ئاچكۆزلۈكىمىز ئۈچۈن كۈلدۇق. ئۇ قىزارغاندا ئاشۇ ئۆزى ياشىغان ساپ ھاۋالىق توغراقلىق دالىدىكى يۇلغۇن چېچىكىدەك قىزارسا، بىز كىيىمىنى سېلىۋېتىپ كوچىدا يالىڭاچ يۈرگەن بىر توپ ھاياسىزنىڭ كىيىمىنى سالماي يالغۇز ماڭغان يولۇچىغا قاراپ كۈلگىنىدەك كۈلدۇق. شۇ تاپتا گۈزەللىك سەھرادا ئادەملەرنىڭ روھىغا، دەل-دەرەخلەرگە سىڭگەن بولسا؛ شەھەردە تاملاردا، ئادەملەرنىڭ تېرىسىدە، ئاياللارنىڭ پەردازلىرىدىلا قالغاندەك تۇيۇلدى. دېمەك گۈزەللىك سەھرا ئادەملىرىنىڭ روھىدا، شەھەر ئادەملىرىنىڭ سىرتقى بىر قەۋەت تاشقى كۆرۈنۈشىدە جۇلالاپتۇ.
بىزنى كۈتمەكچى بولغان، بىز كۈتكەن ئادەم كۈن چۈشتىن قايرىلغۇچە پەيدا بولمىدى.
— مەقسەت ئوۋ تاماشاسى كۆرۈش بولغاندىكىن، ئوۋچىلارنىڭ ئۆيىنى تاپمامدۇق؟ — دېدىم مەن.
— بىزنىڭ ئۆيگە چۈشۈڭلار.
— بولدى ھېساب، ئاداش. ئۆيۈڭدە ئوغلاق بارمۇ؟
— بار.
— قانچە پۇل ئالساڭ ئېلىپ، دەرھال بىر ئوغلاقنى بوغۇزلاپ پىشۇر، كاۋاپ قىل. ئاندىن ئوۋ تاماشاسى قىلىپ بەر بىزگە، — دېدى ئابلەت.
شۇنداق قىلىپ ئىسمى ئېسىمدە قالمىغان ئوۋچىنىڭ ئۆيىگە يۆتكەلدۇق. شۇنداق بولدى. قورساقمۇ تويدى. پۇت-قولغا جان كىردى. ئۇ دۆڭدىن، بۇ توغراق ئارىسىدىن، يىراقتىكى مەھەللىدىن ئادەملەر بىردىن-ئىككىدىن پەيدا بولۇپ، مەھەللە بازىرىغا ئايلاندى. بالىلار كاۋاپ قىلىۋاتقان گۈلخان ئەتراپىدا ئايلىنىپ قوغلاشتى. ئوۋچىلار يىغىلىپ ھەر خىل ئوۋ پاراڭلىرىنى قىلىپ بەردى. ئۆزئارا چاقچاقلاشتۇق. ئۆزۈم ئۇلار بىلەن چاقچاقلاشساممۇ، كۆزۈم لەمپە ئاستىدىكى بالداققا قوندۇرۇلۇپ پۇتلىرى تاسمىدا باغلاپ قويۇلغان، بوينىغا چىرايلىق كىچىك قوڭغۇراق ئېسىلغان قارچىغىدا ئىدى. ئۇنىڭ بىزگە تىكىلگەن كۆزلىرىدىن بىر خىل ئەزا تىترىتىدىغان قورقۇنچلۇق نۇر چىقماقتا ئىدى. بوينىدىكى ئالتۇن رەڭ قوڭغۇراقتەك سېرىق كۆزلىرىدە يىرتقۇچلاردا بولىدىغان سۈرلۈك چەكچىيىش بار ئىدى. ئۇنىڭ كۆزىگە ئۇزاق تىكىلىپ قاراپ چىداپ بولغىلى بولمىدى؛ كۆزىنى ئېلىپ قاچقاندا ياكى چىمىلداتقاندا ئۇنىڭ بىلەن «كۆز تىكىشىش» قىلغىلى بولىدىكەن. ئەمما ئۇنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان چەكچىيىپ قاراشلىرىدىن «سەن بىر پارچە گۆش، مەن سېنى قاماللاپلا بېسىپ يەيمەن» دېگەن مەنىدىن باشقىنى ئۆزۈمچە تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. ئۇ بىزگە قاراپ نەچچە قېتىم ئېتىلىپ ئۇچتى. باغلاقلىق تاسما ئۇنى بىزگە، قولىمىزدىكى گۆشكە ئېتىلغىلى قويماي قايتۇرۇپ، بالداققا ساڭگىلىتىپ قويدى. ئۇنىڭ بالداققا ئېسىلىپ تۇرغان ھالىتى بازارغا ساتقىلى ئېلىپ ماڭغان مېكياننىڭ پۇتىدىن تۇتۇپ ساڭگىلىتىپ قويغان ھالىتىگە ئوخشاپ قالدى. ئۇ يەنە پالاقلاپ يۈرۈپ ئۆزىنى باغلاپ تۇرغان قونداققا قايتا قونۇشقا مەجبۇر بولدى. بالداققا قوندى-يۇ، ھېلىقى بىچارە مېكيان قىياپىتىدىن يەنە بايىقى سۈرلۈك، ھەيۋەتلىك قارچىغا قىياپىتىدە ئۆزىنى ئوڭشاپ قاراپ تۇردى. شۇ تاپتا ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. بىردە ئالدىمدا خاتىرجەم دانلاپ يۈرگەن توخۇلارغا قارايمەن، بىردە ئۇنىڭ باغلاقتىكى ھالىتىگە قارايمەن. بىچارە جانىۋار! سەنمۇ توخۇ بولغان بولساڭ، باغلاققا چۈشمەي ئەركىن دانلاپ يۈرگەن بولار ئىدىڭ.
— ئاۋۇ قارچىغا نېمانداق توختىماي پالاقلايدۇ؟ — دەپ سورىۋېدىم، ئوۋچى قارچىغىغا قاراپ پەرۋاسىز جاۋاب بەردى:
— ئۇ گۇينىڭ قورسىقى ئاچتى. ئىككى كۈن بولدى، ھېچنېمە بەرمىدۇق.
— نېمىشقا؟
— قورسىقىنى توق باقساق ئوۋلىمايدۇ.
— ھەممە قارچىغا شۇنداقمۇ؟
— ياق، ماۋۇ بۇ يىلقى بالىسىكەن. قارچىغا بالىسىمۇ ئادەم بالىسىدەك، تەنتەك بولىدىكەن. قورسىقى ئاچ بولسا، ئۆلەر-تىرىلىشىگە قارىماي توشقانغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. توق بولسا خوش ياقماي ئۇچۇپ قويۇپ، ئوۋنى قاچۇرۇپ قويىدۇ.
— ياقەي، بۇ دېگەن كۆندۈرۈشتىكى گەپ. بۇنى كۆندۈرگەنلەر يامان كۆندۈرۈپ قويغان گەپ. ئەگەر چىداپ راۋۇرۇس كۆندۈرىدىغان بولسا، قورسىقى توق بولسىمۇ، ئاچ بولسىمۇ ئوۋنى قاچۇرمايدۇ، — دېدى بىرى.
— سېنىڭ گېپىڭ راست ئوخشايدۇ، ھوي. بۇ ناھايىتى ياش، چىرايلىق قارچىغا بالىسىكەن. پەرۋاسىز بىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، يامان ئۆگىنىپ قاپتۇ. بولمىسا قورسىقى توق بولامدۇ يا ئاچ بولامدۇ، ئوۋغا سالىدىغان بولسا كۆزىگە ئىلىنغانلا جانلىقنى ئوۋلىماي قويمايدۇ.
— توشقان ياكى قىرغاۋۇلنى كۆرسەڭلارلا قولۇڭلاردىكى قارچىغىنى قويۇۋېتىسىلەر، شۇنداقمۇ؟ — دەپ قىزىقىپ سورىدىم.
— ھەئە.
— ئۇ ئۇچۇپ بېرىپ، ئوۋنى تۇتۇپ سىلەرگە ئەكىلىپ بېرەمدۇ؟
— ھا... ھا... ھا، ياقەي... قىزىق گەپ قىلىدىغان ئاكىچىنا! ئوۋنى تۇتۇپ چىڭ قاماللاپ بېسىپ تۇرىدۇ. بىز قوغلاپ بارغۇچە ساقلاپ تۇرىدۇ. بىز بېرىپ ئەپچىللىك بىلەن توشقاننى ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن ئاجرىتىمىز.
— قانداق ئاجرىتىسىلەر؟
— توشقاندىن بىر لوقما گۆشنى ئاۋۋال كېسىپ ئۇنىڭغا بەرگەندىن كېيىن، ئۇمۇ قولىدىكى پۈتۈن توشقاننى بىزگە بېرىدۇ.
— بىر لوقما گۆش بەرمەي ئالساڭلارچۇ؟
— بېسىۋېلىپ، چىڭ باستۇرۇپ بەرگىلى ئۇنىمايدۇ.
— بەرمىسەچۇ؟
— بەرمەي قۇتۇلالامدۇ؟ ئۇ بىزگە باغلانغان تۇرسا!
— ئۇنى سىلەر قويۇۋەتكەندىكىن قېچىپ كەتسە، ھەتتا ئوۋنىمۇ تاشلاپ قېچىپ كەتسە بولمامدۇ؟ سىلەرگە ئوۋ ئوۋلاپ سىلەرگە باغلىنىپ ياشىغۇچە، سىلەرگە باغلاققا چۈشۈشتىن بۇرۇنقىدەك، ئۆزى خالىغانچە قورسىقى ئاچقاندا ئوۋ ئوۋلاپ يەپ، مۇشۇ توغراقلىق ئارىسىدا بۇرۇنقى ئەسلىي ئەركىنلىكىدە ياشىسا بولمامدۇ؟ قانىتى تۇرۇپ، ئۆزى ئوۋچى تۇرۇپ، سىلەر قويۇۋەتسەڭلار ئوۋ ئوۋلاپ يەنە سىلەرگە بېرىدىكەنۇ، ئۆزى ئوۋلىغان بىر توشقاندىن سىلەر ئۇنىڭغا بىر لوقما بەرسەڭلار شۇنىڭغا ماقۇل دەپ سىلەرگە باغلىنىپ، سىلەرگە ئىشلەپ ياشايدىكەن...
— بىر توشقاندىن بىر لوقما گۆش بەرمەي ئوۋنى پۈتۈن ئېلىۋالساق، ئۇمۇ ئاغرىنىپ قالىدۇ. ئوۋغا سالساق ئالماي تۇرۇۋالىدۇ. بىر لوقما بېرىپ ئاجراتساق، شۇنداق خۇشال ئوۋ ئوۋلايدۇ. ئەقىللىق جانىۋار بۇ...
— ياق... ياق... قاتتىق دۆت نەرسىكەن بۇ! سىلەر توشقاننى قوغلاپ مىڭ يىلدىمۇ تۇتالمايسىلەر. قارچىغا بولمىسا ھەرگىز تۇتالمايسىلەر.
— ئۇ راست.
— ئۇ نېمىشقا ئۆزى سىلەرگە تۇتۇپ بېرىپ، يەنە سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن تىلەپ يەيدۇ؟ بەرسەڭلار يەيدۇ، بەرمىسەڭلار مانا مۇشۇنداق باغلاقتا تەلمۈرۈپ تۇرىدۇ؟ نېمىدېگەن نادانلىق بۇ؟
— چۈنكى بىز ئۇنى باغلاققا كۆندۈرۈۋالغان ئەمەسمۇ، ئاكىچا!
— ھەممە قارچىغا شۇنداقمۇ؟ ھەممىنى كۆندۈرۈۋالغىلى بولامدۇ؟
— ياق. ئىككى يىل ئېشىپ قالغان قارچىغىنى تۇتساقمۇ كۆندۈرگىلى بولمايدۇ. بىزنى ئالداپ قويۇپ ئۇچۇپ كېتىدۇ. مانا مۇشۇنداق بالىلىرىنى كۆندۈرۈپ ئۆزىمىزگە باغلىۋالساق، قېرىپ ئۆلگۈچە بىزگە گۆش تېپىپ بېرىپ، بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قىلىپ ئۆلىدۇ.
— ئۇنى قانداق تۇتىسىلەر؟
— تور قويۇپ، تورغا كەپتەر قويۇپ قويساق، چوڭ قارچىغا ئەتراپتا يالغۇز تۇرغان كەپتەرگە تەگمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ. كەپتەر دېگەن قورقماي جىم تۇرسا بىر چاتاق بار دەپ، ئۇنى ئوۋلىماي ئۇچۇپ كېتىدۇ. يېڭىدىن ئۇچۇرما بولغان مانىڭدەك قارچىغا بالىلىرى «تەييار ئولجا ئىكەن» دەپ قاراپ ئۆزىنى ئاتىدۇ-دە، تورغا چۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشىدۇ ۋە ئادەملەر بەرگەن تەييار نەرسىگە كۆنۈپ قالىدۇ.
— ھەي... بىكارلىق نەرسىنىڭ، ئەجىر قىلماي ئېرىشكەن نەرسىنىڭ زادى چاتىقى بار-دە! تەييار ئوۋغا ئۇچرىدىم دەپلا، بىر ئۆمۈر ھاياتىنى باغلاققا تۇتۇپ بېرىدىغان گەپكەن-دە! نەپس دېگەن يامان مەككار نېمە جۇمۇ... ھەي نەپس... ھەي نەپس!
— شۇنداق قىلىپ، تورغا چۈشكەن قارچىغا بالىسىنى قانداق كۆندۈرىسىلەر؟
— بىر ئۆيدە تۆت-بەش ئادەم قارچىغا بالىسىنى توختىماي قۇشلاپ، قولىمىزغا بىر لوقما گۆشنى ئېلىۋېلىپ «گاھ... گاھ... ئالە... كەل» دەيمىز. قورسىقىنى ئاچ قويۇپ، تاكى قولىمىزدىكى گۆشكە ئېتىلمىغۇچە ھېچنېمە بەرمەيمىز. قاراڭغۇ ئۆيدە ئاچلىققا چىدىمىغان قارچىغا بالىسى ئاخىرى قولىمىزغا ئۇچۇپ كېلىپ، بىر لوقما گۆشنى چوقۇلايدۇ. بىر چوقۇغاندىن كېيىن قارچىغا بالىسىنى سىلكىپ چۈشۈرۈۋېتىپ، يەنە چاقىرىمىز؛ قارچىغا چۆچۈپ، ئاچچىقلاپ ئۆيدە بىردەم پالاقلاپ ئۇچقاندىن كېيىن، قورسىقىنىڭ ئاچلىقىغا چىدىماي يەنە قولىمىزغا كېلىدۇ. بىر چوقۇلىشىغىلا يەنە قايرىپ تاشلايمىز... ئاشۇنداق قىلىۋەرسەك، ئاخىرى بىزنىڭ قولىمىزدىن بىر لوقما گۆش بەرمىگۈچە يېمەيدىغان ھالغا كېلىدۇ. ئۆزىگە بىر پارچە گۆش تاشلاپ بەرسەكمۇ، بىز قولىمىزغا ئېلىپ بەرمىگۈچە يېمەي بىزگە قاراپ تۇرىدۇ. بىز بەرگەندە ئاندىن يەيدۇ... مانا شۇ ھالغا كەلگۈچە ئۇنى ئاشۇنداق ئاچ قويۇپ قولغا ئۆگىتىمىز. يەنە بىرى، قىرىق كېچە-كۈندۈز تۆت ئادەم ئۇنى نۆۋەت بىلەن قولدىن-قولغا ئېلىپ، دەم ئالدۇرماي، ئۇخلاتماي، ئۇ قولدىن بۇ قولغا يۆتكەپ ئۇچۇرىمىز. قىرىق كېچە-كۈندۈز ئۇخلىماي، قولدىن-قولغا يۆتكەلسە، ئاندىن بىزگە پۈتۈنلەي كۆنىدۇ.
— ئەگەر ئۇخلاپ قالسىچۇ؟
— ئەگەر بىرەر قېتىم قارچىغا بالىسىنى كۆندۈرۈۋاتقان ئوۋچى مۈگدەپ قېلىپ، قارچىغا بىردەم ئۇخلىۋالسا ياكى بوشىشىپ تىنچلىنىۋالسا، چۈشىدە بۇرۇنقى تۇرمۇشىنى، ئاتا-ئانىسىنى كۆرىدۇ-دە، ئۆلسىمۇ كۆنمەيدۇ. قىرىق كېچە-كۈندۈز ئۇخلاتماي قولدىن-قولغا يۆتكىگەندىن كېيىن، ئۇ بۇرۇنقى تۇرمۇشىنى، ئاتا-ئانىسىنى تولۇق ئۇنتۇپ: «مەن ئەقلىمگە كەلسەم مۇشۇنداق ياشايدىكەنمەن» دەپ، ئادەمنىڭ قولىغا تامامەن بويسۇنىدۇ.
— بۇرۇنقى كۈنلىرى قىرىق كېچە-كۈندۈزلۈك ئۇيقۇسىزلىقتا پۈتۈنلەي ئۇنتۇلامدۇ؟
— ئەمىسە، ئادەمنىڭ قولىغا ئۇنداق ئاسان كۆنەمتى؟
— جاڭگالدا ئۇچۇش جەريانىدا ئەركىن قارچىغىنى ياكى ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈپ قالسا ئېسىگە كەلمەمدۇ؟
— بۇرۇنقى كۈنلىرىنى، ئەسلىي تېگىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن بولغاچقا، ئاتا-ئانىسىنى تونۇيالمايدۇ...
قونداقتا ئولتۇرغان قارچىغا بالىسىغا قاراپ تۇرۇپ، قورقۇنچلۇق بىر تۇيغۇ قۇلىقىمدىن كىرىپ ئىچىمگە شۇڭغۇپ، مېنى قاراڭغۇ بىر ھاڭغا سۆرەپ كېتىۋاتقاندەك بىلىندى.
ئادەملەر نېمانداق رەھىمسىز، ھىيلىگەر بولۇپ كەتكەن-ھە! قارچىغىنىڭ مۇشۇ ئاجىزلىقىنى قانداق بىلىۋالغاندۇ؟ نەپسىگە ئامراقلىق ماۋۇ قارچىغىدىلا ئەمەس، مەندە تېخىمۇ بەكرەك بار ئىكەنغۇ!
ئۆزۈمنى بىردىنلا ئاشۇ قونداققا باغلىنىپ، ئاچلىق ئازابىدىن ئادەملەرنىڭ قولىغا تەلمۈرۈپ تۇرغان قارچىغا بالىسىدەك ھېس قىلىپ قالدىم.
2004-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
pbhwqhju7imesnd48ufg7njbvlb89g1
ئاغىنىدارچىلىقنىڭ ئۆلچىمى
0
24754
176586
2026-10-07T20:45:39Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت 'ئاغىنىدارچىلىق تىرىكچىلىك چوققىسىغا ئۆرلەشتىكى شوتا، ئارمان مەنزىللىرىدىكى ئەڭگۈشتەر. گەپ ئۇنى قايسى تەرىقىدە راۋاجلاندۇرۇش، قانداق داۋاملاشتۇرۇشتا. بىز ئادەتتە: «بۇ ئاداشنىڭ ئاغىنىدارچىلىقى يوق ئىكەن»، «بۇ ئاداش ئاغىنىدارچىلىققا يارىمايدىكەن» دېگ...'
176586
wikitext
text/x-wiki
ئاغىنىدارچىلىق تىرىكچىلىك چوققىسىغا ئۆرلەشتىكى شوتا، ئارمان مەنزىللىرىدىكى ئەڭگۈشتەر. گەپ ئۇنى قايسى تەرىقىدە راۋاجلاندۇرۇش، قانداق داۋاملاشتۇرۇشتا.
بىز ئادەتتە: «بۇ ئاداشنىڭ ئاغىنىدارچىلىقى يوق ئىكەن»، «بۇ ئاداش ئاغىنىدارچىلىققا يارىمايدىكەن» دېگەندەك گەپلەرنى دائىم دەپ تۇرىمىز ۋە ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەمما دەل ئاشۇنداق دەۋاتقان ۋە شۇنداق گەپنى ئاڭلاۋاتقان چېغىمىزدا، تازا ئوبدان ئويلاپ باقىدىغان بولساق، «ئاغىنىدارچىلىق دېگەن نېمە؟ ئاغىنىدارچىلىق زادى قانداق بولىدۇ؟» دېگەن مەسىلىلەرگە بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ يەنىلا ئېنىق ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئوڭايلا بايقىۋالالايمىز. «ئاغا + ئىنى»دىن ئىبارەت ئىككى ئاتالغۇ (ئىسىم)غا «دارچىلىق» قوشۇمچىسىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بۇ سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسىدىنلا مەلۇمكى، ئاكا - ئۇكا قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈش، ئاداش بولۇشتەك دوستانە مۇناسىۋەت مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.
ئۆزئارا پات - پات سىردىشىش، بىر - بىرىگە دائىم يار - يۆلەك بولۇش، قەرەللىك ھالدا ئىزدىشىپ ھال - مۇڭ بولۇشۇپ تۇرۇش ئىنسانچىلىقتا زۆرۈر بولغان مۇناسىۋەتلەر زەنجىرىنىڭ بىر ھالقىسىدۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاغىنىدارچىلىقنىڭ ئەقەللىي ئىپادىلىرىدۇر. شۇنداقلا بۇ خىل مۇناسىۋەت مەيلى خىزمەت ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا بولسۇن، بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، روھىي ھالەت ۋە مىجەزنى تەڭشەپ تۇرۇشتا، يوشۇرۇن ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشتا، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتە كەم بولسا بولمايدىغان پسىخىك مۇۋازىنەت ئامىلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر ئۆزئارا دوست بولۇشىدۇ. ھەتتا قىيامەتلىك ئاغىنىلەردىن بولۇپ ئۆتۈشكە ۋەدىلىشىدۇ ھەم شۇنداق قىلىدۇ.
خوش، ئاغىنىدارچىلىققۇ شۇ تەرىزدە داۋاملىشىپ كېلىۋېتىپتۇ. ئۇنداقتا ئاغىنىدارچىلىقنىڭ ئۆلچىمى قانداق بولىدۇ؟ بۇ سوئالغا بەلكىم كۆپلىگەن كىشىلەر: «كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئۆزئارا سەمىمىي ساداقەت، تەمەسىز ياردەم، غەرەزسىز باراۋەرلىك» دېگەندەك جاۋابلارنى بېرىشى مۇمكىن. بۇ جاۋابلارنىڭ توغرىلىقىغا قىل سىغمايدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن ھازىرقى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاغىنىدارچىلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟
1. مەنپەئەت
ئادەم ئادەم بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا تىرىكچىلىك يولىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇنداق ئاغىنىدارچىلىققا ھېچقانداق غەيرىي نىيەت ئارىلاشمىغان بولغاچقا، شۇنداقلا ئۇ مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلمىغان بولغاچقا ھەم پاك، ھەم ئۆمۈرلۈك بولىدۇ. لېكىن ھازىرقى بىر قىسىم ئاغىنىدارچىلىق دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، كىمنىڭ قولىدىن مەنپەئەت جىقراق كېلىش ئېھتىمالى بولسا شۇنىڭ ئاغىنىسى كۆپ بولىدىغان، كىم جىقراق مەنپەئەت بېرەلىسە شۇنى ئاغىنە ھېسابلايدىغان ئەھۋال ئۇچراپ تۇرماقتا.
پېنسىيىگە چىققان بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ «قولىدىن ئىش كېلىدىغان» ئىدارىدىكى چېغىدا، ئاغىنە بولۇپ ئۆتكەنلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مېھمان بولۇش نۆۋىتى ئۈزۈلمەپتىكەن. ئۇنى يوقلاپ ئۆيىگە كېلىدىغانلارنىڭ جىقلىقىدىن كىم، قاچان، نېمە سەۋەبتىن كەلدى دېگەندەكلەرنىمۇ يادىدا ئېنىق تۇتالمايدىكەن. ھەتتا ئۇنىڭغا ئۇقتۇرۇپ - ئۇقتۇرماي بالىلىرىنى ئوينىتىشقىچە بولغان «ئاغىنىدارچىلىق مېھرى»نىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ باقماپتىكەن. ئۇ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ھېلىقى ئاغىنىلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى كۆرۈنمەپتۇ. ھەتتا بەزەنلىرى ئادەتتىكى سالام - سەھەتكىمۇ يارىماپتۇ. ئۇ ئەمەلدارمۇ ئەمەلدار ۋاقتىدا ئەمەلدار ئەمەس ۋاقتىدىكى بالا چاغلىرىدىن باشلاپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئاغىنىلىرىنى نېمىشقىدۇر ئىزدەپ بولالمىغانىكەن، ئۇ ئاغىنىلىرىنىڭمۇ ئۆزىنى ئىزدىشىگە كۆپ پۇرسەت بەرمىگەنىكەن. «بۇ دۆلەت سەندە تۇرماس، بۇ مەينەت مەندە» دېگەندەك، مانا بۈگۈن ئۇ ئاغىنىلىرىمۇ ئۆتنىسىنى ئالغاندەك ئۇنى ئىزدەپ قويماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېرىغاندا بالىلىرىدىن باشقا ئادەم ئىزدىمىگەچكە، مۇڭداشقۇدەك ئادىمى يوق غېرىبسىنىپ قاپتۇ.
2. شېرىكچىلىك
يېقىندا مەلۇم بىر يۇرتتا مۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىپتۇ:
ياش بىر يىگىت سودا قىلىش ئۈچۈن باشقا بىر يۇرتقا بېرىپ دۇكان ئېچىپتۇ. ئارىلىقتا بىرەر يىلدەك ئۆتۈپ، سودىسىمۇ خېلى يۈرۈشۈپتۇ. ئاغىنىلىرىمۇ كۆپىيىپتۇ. شۇ كۈنلەردە سالامەتلىكى تازا ياخشى بولماي دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپتۇ. ئۇنىڭ كېسىلىگە كۈتۈلمىگەندە ناھايىتى قورقۇنچلۇق دىئاگنوز قويۇلۇپتۇ. كېيىن چوڭراق دوختۇرخانىلاردىمۇ تەكرار تەكشۈرتۈپتۇ، نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش چىقىپتۇ. لېكىن بۇنى ھېچكىمگە تىنماپتۇ. ئىلگىرى ھاراق - شارابنى تاز ئىچەتتىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئىچمەس بوپتۇ. ئاغىنىلىرى سەۋەبىنى سورىسا ھاراق زىيان قىلىدىغان باشقا بىر كېسەلنىڭ ئىسمىنى چىقىرىپتۇ. ئارىلىقتا ئۇ كۆپ قېتىم بىرنەچچە ئاغىنىسىدىن ئازدۇر - كۆپتۇر پۇل قەرز ئېلىپ، دېيىشكەن مۆھلەتتىن بۇرۇن، مەلۇم نىسبەتتە پايدىسى بىلەن قايتۇرۇپتۇ. دېمەك، ئۇ ئاغىنىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپتۇ. ئاغىنىلىرىمۇ نەچچە ۋاقىتتىن بىكار ياتقان پۇللىرىنىڭ ئەمدىلىكتە بانكىغا قويغانغا قارىغاندا ھەم تېز، ھەم جىق «تۇغۇۋاتقان»لىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قەرز بېرىشكە قىزىقىپ قاپتۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۆزئارا شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ئاشۇنداق ئاغىنىلىرىنى بىر سورۇنغا جەم قىلىپ مەبلەغ ئىشىنى ھەل قىلماقچى بوپتۇ: ئىچكىرىدىكى زاۋۇتتىن بىۋاسىتە مال ئەكەلمەكچى بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن كەم دېگەندە 3 - 4 يۈز مىڭ يۈەن كېتىدىغانلىقىنى، لېكىن ھازىر ئۆزىدە بۇنچىلىك كۆپ نەق پۇل بولمىغانلىقتىن ئۇلارنىڭ قولىدا بارىنى بېرىپ تۇرۇشىنى ياكى بانكىغا كاپالەتچى بولۇپ بېرىشىنى، سودا پۈتكەندە قۇرۇق قول قايتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇ كۈنلەردە ھەممە ئادەم دېگۈدەك قەرزگە ئۆي ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ھەممە ئاغىنىلەر يىغىش قىلسىمۇ بۇنچىلىك كۆپ پۇلنىڭ چىقىشى مۇمكىن بولماپتۇ. ئاخىرى مەسلىھەتلىشىپ ھەربىرى ئۆي - مۈلۈك كىنىشكىسىنى رەنىگە قويۇپ كاپالەتچى بولۇشقا كېلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت ئاغىنىسىنىڭ كاپالىتىدە جەمئىي 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراق قەرز ئاپتۇ. ئالىدىغان ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە بىرسىگە چاقىرغۇ، بىرسىگە VCD، بىرسىگە يانفون دېگەندەك نەرسىلەرنى سوۋغا قىپتۇ.
قەرز ئېلىشقا ياردەملەشكۈچىلەر «ئەمدى بۇ قېتىم خېلى خۇش بولغۇدەك پايدا كۆرىدىغان بولدۇق» دەپ ئولتۇرۇشقان ۋاقىتتا ھېلىقى ئاغىنىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى يېتىپ كەپتۇ. بۇ خەۋەردىن قاتتىق گاڭگىراپ، چۆچۈپ تۇرۇشىغا بانكىدىن ئادەم كېلىپ سوتنىڭ ياردىمىدە ئۇلارنىڭ پۇلغا يارىغۇدەك مۈلكىنى ئېلىپ كەتكەندىن سىرت، ۋاكالەتچى بولغانلارنىڭ ئۆزلىرى ۋاكالەتچى بولۇپ ئېلىپ بەرگەن قەرزلەرنى قانۇن بويىچە ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇلار قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈپتۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدى 150 مىڭ يۈەندىن، كەينى 30 مىڭ يۈەنگىچە ۋاكالەتچى بولغانىكەن. بەزەنلىرى ھەتتا بۇ ئىشنى ئائىلىسىدىكىلەرگىمۇ مەسلىھەت سالمىغانىكەن. قانداق قىلغۇلۇق؟ «ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا؟» دېگەندەك ئىش بوپتۇ. ھازىر ئۇلار تاپقان پۇللىرىنى قەرز تۆلەشكە سەرپ قىلىۋېتىپتۇ. يەنە كېلىپ بەزەنلىرىنىڭ ئايلىق مائاشى قەرز ئۆسۈمىگىمۇ يەتمىگەچكە، تۇرمۇشتا قىينىلىپ، ئائىلىسى ۋەيران بولغانلارمۇ بار ئىكەن.
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ھېلىقى سودىگەر بىلەن ئاغىنە بولۇپ، بۇرۇنقى ئاغىنىلىرىدىن يىراقلىشىپ كەتكەچكە، ئەمدىلىكتە كىچىك چېغىدىكى ساۋاقداش - ئاغىنىلىرىمۇ ئۇلارغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئاغىنىلىرى «ۋاكالەتچى ئاغىنىلەر» بىلەن چەكلىنىپ قاپتۇ.
3. سورۇندارچىلىق
جەمئىيىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي تەرتىپىدە سورۇندارچىلىق يەنىلا ئاساسەن ھاراقنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قىزىۋاتقان بولغاچقا، بەزىبىر ئاغىنىدارچىلىقمۇ تەبىئىي ھالدا شۇنىڭغا يانداشماقتا. بىر كۈنى مەن چاقىرسام، يەنە بىر كۈنى يەنە باشقىسى چاقىرىپ، قاتار چايغا ئوخشايدىغان ئايىغى چىقماس ھاراق سورۇنى بىلەن ۋاقىت ئۆتمەكتە. ئەسلىي پات - پات يىغىلىپ تۇرۇش ناھايىتى ياخشى ئىش بولسىمۇ، لېكىن سىردىشىشنى مەقسەت قىلغان سورۇننىڭ مەنىسىنى ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان بۇنداق ھاراقكەشلىك يوق قىلىپ بارماقتا. بۇنداق سورۇن بىرەر يۇرتتىن ئاغىنىمىز كەلگەندە داۋاملاشسا، يەنە كېلىپ ھاراقكەشلىككە ئۆزگىرىپ كەتمىگەن تەرىزدە داۋاملاشسا، ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرساق، تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەھەتلەردە يېڭى ئەقىل تېپىشتا ناھايىتى ياخشى بولاتتى. ئاغىنىلىرىمىزنىڭمۇ ھۆرمىتىنى قىلغان ھېسابلىناتتۇق. لېكىن ئۇ سورۇنلاردىچۇ؟ ھەتتا بىللە ھاراق ئىچكەنلەر بىر - بىرسىنى ھاراققا زورلىشىپ، بەزىدە مۇسابىقىلىشىپ ئىچىپ، ئاقىۋەتتە ئۈلپەتلەرنىڭ ئىچىدىن بىرەرسىنىڭ ئۆيىگە كېتىۋېتىپ كىچىككىنە ئېرىققا يىقىلىپ ياكى قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىشىمۇ ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالماقتا. ۋاقتى كەلگەندە ئەمەلىي ئىشلارغا ئەسقاتىدىغىنى يەنىلا ھاراق ئىچمەيدىغان ۋاقىتلاردىكى خۇمارسىز ئاغىنىلەر بولماقتا.
ئاغىنىدارچىلىق تىرىكچىلىك چوققىسىغا ئۆرلەشتىكى شوتا، ئارمان مەنزىللىرىدىكى ئەڭگۈشتەر. گەپ ئۇنى قايسى تەرىقىدە راۋاجلاندۇرۇش، قانداق داۋاملاشتۇرۇشتا.
94v4x1gzsh6f3uqlkod1n24wpnnhouk
بىزدىكى‹ يانفون ئەخلاقى ›
0
24755
176587
2026-10-07T20:46:13Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت '‹ يانفون ئەخلاقى › دېگەن بۇ ئۇقۇمنى قوللىنىشىمنىڭ مۇۋاپىق بولغان - بولمىغانلىقىغا ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيمەن. ئەمما، بۇ يازمام ئارقىلىق قېرىنداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان مۇددىئايىم نۇقتىسىدىن ئالغاندا، شۇنداق ئاتاش مۇۋاپىق بولسا كېرەك. نۆۋەتت...'
176587
wikitext
text/x-wiki
‹ يانفون ئەخلاقى › دېگەن بۇ ئۇقۇمنى قوللىنىشىمنىڭ مۇۋاپىق بولغان - بولمىغانلىقىغا ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيمەن. ئەمما، بۇ يازمام ئارقىلىق قېرىنداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان مۇددىئايىم نۇقتىسىدىن ئالغاندا، شۇنداق ئاتاش مۇۋاپىق بولسا كېرەك.
نۆۋەتتە، بىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىمىزدا، ياشاش ئۇسۇلىمىز ھەم تۇرمۇش قارىشىمىزدا، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. توغرىدىن توغرا ئېيتقاندا، ماددىي تۇرمۇشىمىزدىكى تەرەققىيات ۋە باياشاتلىشىشنىڭ سۈرئىتى مەنىۋىيىتىمىزدىكى يۈكسىلىشتىن تېز بولماقتا. بۇنىڭ بىلەن نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئىدىيە ھەم ياشاش ئۇسۇلىمىزنى ئۈنۈملۈك تەڭشەپ، «ئۇيغۇر جەمئىيىتى»دىن ئىبارەت مىللىي گەۋدىمىزگە ئاجايىپ سىن ۋە مۇستەھكەم مەۋجۇدىي ئاساس بېرىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى مىللىي ئەخلاقىمىز، ھازىرقى تۇرمۇشىمىزنىڭ بەزى تەرەپلىرى ھەم بەزى قاراشلىرىمىزغا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتەلمەيۋاتىدۇ ياكى ئۇنىڭ تەسىرى تەدرىجىي سۇسلىشىپ قېلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتىكى «يانفون ئەخلاقى»مىز بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى. قارايدىغان بولساق، ھازىر شەھەر - بازارلاردا 5 - 6 ياشلاردىكى بالىلاردىن تارتىپ 60 - 70 ياشلاردىكى خانىم، مويسىپىتلارغىچە ئومۇمەن يانفون ئالاقىسى بىلەن تۇرمۇشىدىكى مەسىلىلەر ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن يانفون ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى چوڭ قۇلايلىق ئېلىپ كېلىپ، تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئالاقە قورالىغا ئايلانغان بولسا، ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن، بولۇپمۇ بەزى ياشلار ئۈچۈن ئاممىۋى سورۇنلاردىمۇ ئەخلاقسىزلىق ۋە تېتىقسىزلىقنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
ئارىمىزدىكى پەزىلەتلىك كىشىلەر ۋە سەرخىل زىيالىيلار تەرىپىدىن بارلىققا كېلىپ، «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» بىلەن قېرىنداشلىق مېھىر ۋە يېقىنلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغان ياش «يانفون ئەخلاقى»مىز، ئاتالمىش «ئەركىنلىك»تىن ئىبارەت ئەبجەش «كۈنلۈك» بىلەن ئۆزىنى قۇياش نۇرىدىن قاچۇرىدىغان بىر قىسىم ئەخلاقسىز ياشلىرىمىزنىڭ سەۋەبىدىن كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان ھەم بىزار قىلىدىغان يامان ئادەتنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالدى.
بىر كۈنى ئەتىگەن كوچا ئاپتوبۇسى بىلەن خىزمەتكە كېتىۋاتاتتىم. ئاپتوبۇستا ياشقا چوڭ مويسىپىت ئەر - ئاياللارمۇ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ سەبىي ئوقۇغۇچىلىرىمۇ؛ ئانا - بالا، ئاچا - سىڭىل، قېرىنداشلارمۇ بار ئىدى. قايسىدۇر بىر بېكەتتىن ساغرىسىغا مۇشتلاپ تۇرىدىغان ئۇزۇن تاسمىلىق سومكا ئېسىۋالغان 20 - 21 ياشلاردىكى بىر قىز چىقتى. ئۇ ئاپتوبۇسقا چىقىشىغىلا ئۇنىڭ يانفونى سايراپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېلېفوندا ئوغۇل دوستى بىلەن (ئۇنىڭ گەپ ئورامىدىن تېلېفون قىلغۇچىنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ) قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. ئاي - ھاي، ھېلىقى قىز شۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا قايسى بىر كۈنىدىكى ئولتۇرۇشنىڭ قىزىقارلىق ئەھۋالىدىن تارتىپ، شۇ كۈنى كېچىسى ئۆيگە قايتالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاتا - ئانىسىدىن ئاڭلىغان تىل - نەسىھەتلىرىگىچە؛ ئامېرىكا فىلىملىرىدىكى كۆرۈنۈشلەردىكىدەك قىلىقلىرىدىن تارتىپ، ئوغۇل دوستىنىڭ ئەرلىك شىجائىتىگىچە ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ۋالاقلاپ كەتتى. گەرچە ئاپتوبۇستا باشقىلار ئانچە تونۇمايدىغان ئەر بولساممۇ، بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك خىجىل ۋە بىئارام بولدۇمكى، شوپۇرنىڭ بەرگەن سىگنال ئاۋازى ھېلىقى قىزنىڭ سۆزىنى بېسىپ چۈشكەندە ئاندىن ئەركىن نەپەس ئالالىدىم ئاپتوبۇستىكى چوڭلار ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ، ئېغىر تىنىشاتتى؛ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىڭ سۆزىگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىپ، بىر - بىرىنى نوقۇپ كۈلۈشەتتى؛ پەرىزىمچە ئۆزئارا تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بار قېرىنداشلارنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ، ئوڭايسىزلىقتىن پارىڭى توختاپ قالاتتى؛ ھېلىقى قىزنىڭ يېنىدا تۇرغانلار بىر - بىرىنى قىستىشىپ باشقا يەرگە سۈرۈلىشەتتى شۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئۇ قىزنىڭ پەرۋايى پەلەك، تېتىقسىز پارىڭىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى. مەن ئاپتوبۇستىن چۈشكىچە 10 نەچچە مىنۇت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ گېپى تۈگىمىدى ياكى باشقا تېمىغا يۆتكەلمىدى
مەن ئاپتوبۇستىن چۈشكەندىن كېيىنلا ئاندىن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالغان ئوڭايسىزلىقتىن، بىئاراملىقتىن قۇتۇلدۇم.
ئەلۋەتتە بۇنداق تېتىقسىز، شەرمەندە يانفون سۆھبىتىنى ئىلگىرى ئاشخانىلاردا، كوچىدا، بېكەتتە نۇرغۇن قېتىم يولۇقتۇرغانىدىم. بۈگۈنكى ئىش مېنى يەنە چوڭقۇر ئويغا سېلىپ قويدى
ئەرلەرنىڭ ئارىسىدىن كېسىپ ئۆتمەي ئەگىپ ماڭىدىغان، ھەتتا توختاپ تۇرىدىغان نومۇسچان قىز - ئاياللىرىمىزنىڭ نىسبىتى ھازىر قانچىلىكتۇ؟! «كەچۈرۈڭ، ھازىر سۆزلىشىش بىئەپ، سەل تۇرۇپ سۆزلىشەيلى» دېيەلەيدىغان ئەقىل ئىگىلىرىچۇ؟!
مەن ئۇ قىزنى سىرتتىن بىلىمەن، ئۇ، بىر دۆلەت خىزمەتچىسى، ئىلگىرى دائىم ئاپتوبۇستا ئىشقا ماڭغىنىنى كۆرەتتىم. تەشكىلنىڭ قوينىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، تەربىيە كۆرگەنلەرنىڭ ئەھۋالى شۇ تۇرسا، قاۋاقخانىلاردا مۇلازىمەت قىلىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى قانداقتۇ؟
ئىشتىن يانغىنىدا ئاتا - ئانىسىغا 3 - 4 زىخ كاۋاپ ئېلىپ كېلىشكە، ھەتتا ئۆزى ئوبدانراق تاماق يېيىشكە چىدىمايدىغانلارنىڭ ئەنە شۇنداق تېتىقسىز، شەرمەندە سۆھبەت ئۈچۈن پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايدىغانلىقى مېنى قاتتىق ئېچىندۈردى.
كۆز ئالدىمغا يەنە يانفوننىڭ نۇرغۇنلىغان ئادىمىي بېزەكلىرى كەلدى
يانفوننى ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالغان ياكى يانفون ئۇنى ئۆزىنىڭ نامايەندە بۇيۇمى قىلىۋالغان كىشىلەر تۇرمۇشتا بىزگە دائىم يولۇقۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، سىز بىرەر توي ياكى مەرىكىدە، يانفونىدا باشقىلار بىلەن ھېچبىر زۆۈرىيىتى بولمىغان پاراڭلارنى سېلىشقاچ، سالاملىشىۋاتقان ئادەمنىڭ چىرايىغىمۇ قارىماي تۇرۇپ مېھمانلار بىلەن (مەيلى ئۇ ئۆزى دېمەتلىك ياكى ئاتا دېمەتلىك بولسۇن، يېقىنلىرى ياكى ناتونۇشلار بولسۇن) قول ئېلىشىۋاتقان كىشىلەرنى ئۇچراتقانسىز؛ ياكى سىز بىرەر تونۇشىڭىز بىلەن كۆرۈشۈشىڭىزگىلا، ئۇ سىز بىلەن مۇنداقلا بىر سالاملىشىۋېتىپ، دەرھال بىرەرسىگە تېلېفون ئۇرۇپ، بىمەززە پاراڭلىرىنى باشلىۋەتكەندۇ؟ سىز بەلكىم بىرسى بىلەن خوشلىشىۋېتىپ: «خۇداغا ئامانەت، يەنە كۆرۈشەرمىز » دېگىنىڭىزدە، ئۇ جاۋاب قايتۇرماي، يانفون بىلەن باشقا بىرسىگە سۆزلىگىنىچە قالغاندۇ؟ سىز بىرەر مۇھىم يىغىندا ئولتۇرغىنىڭىزدا، يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ قايتا - قايتا: «يانفونلىرىڭلارنى ئېتىۋېتىڭلار !» دەپ جېكىلىشىگە پەرۋا قىلماي، يېنىڭىزدىكى بىرسى قۇسۇشقا ئولتۇرغان مەستتەك بېشىنى چاترىقىغا تىقىۋېلىپ، يانفون بىلەن بىر نېمىلەرنى بىلجىرلاپ ئولتۇرغاندۇ؟
بۇنداق كىشىلەر باشقىلارغا ئۆزىنىڭ «ناھايىتى ئالدىراش»، «مۇھىم ئەرباب» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچىمۇ ياكى ئۆزىنى مىللىتىمىزنىڭ خۇشخۇي، مېھماندوست پەزىلىتىدىن ھەم قىزغىن، ئوچۇق - يورۇق خاراكتېرىدىن قاچۇرماقچىمۇ؟!
ئاخىرقى سۆزۈم شۇكى، كىشىلىك قەدىر - قىممەت ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ ئېتىزىدا ھۇسۇلغا كىرىدۇ، سىزنىڭ ئادەملىكىڭىز مىللىي ئۆرپ - ئادىتىمىز ھەم ئەخلاقىمىز بىلەنلا ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولالايدۇ. تۇرمۇشىمىزدىكى گۈزەللىك ۋە كۆڭۈل خاتىرجەملىكىمىز ۋۇجۇدىمىزدىكى ئەدەپ - ئەخلاق بىلەن مەۋجۇت بولىدۇ؛ مىللىي بىرلىكىمىز بولسا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ھەم ئەخلاق - پەزىلىتىمىزگە بولغان سادىقلىق، ۋارىسلىق بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ!
دوستلار، قېرىنداشلار، بىزنىڭ يانفونلىرىمىز بىزدىكى ئۇيغۇرچە پەزىلەت بىلەن قىممەتلەنسۇنكى، بىزدىكى كىشىلىك پەزىلەت ھەرگىزمۇ «يانفون»لار بىلەن پەسلەشمىسۇن!
3yzcv21ybv1o3m7y9eknzo62dpy3h6u
ھۆرمەتنىڭ قىممىتى ۋە ھېكمىتى
0
24756
176588
2026-10-07T20:47:43Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد''' كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، سورۇن - يىغىلىشلاردا دائىم دېگۈدەك چوڭلارنىڭ، ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ ياكى باشقا بىراۋلارنىڭ ئاغزىدىن «كىشىلىك ساپا»، «كىشىلىك قەدىر - قىممەت ۋە ئۆزئارا ئىززەت- ھۆرمەت» ھەققىدە ئېيتىلغان بايانلارنى، شۇ...'
176588
wikitext
text/x-wiki
'''ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد'''
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، سورۇن - يىغىلىشلاردا دائىم دېگۈدەك چوڭلارنىڭ، ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ ياكى باشقا بىراۋلارنىڭ ئاغزىدىن «كىشىلىك ساپا»، «كىشىلىك قەدىر - قىممەت ۋە ئۆزئارا ئىززەت- ھۆرمەت» ھەققىدە ئېيتىلغان بايانلارنى، شۇنىڭدەك ئۇلۇغ ھەم پاساھەتلىك ھېكمەت - دۇردانىلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. مەتبۇئات، تارقىتىش ۋاسىتىلىرىمىزمۇ بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك، پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ماقالە- ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، مىللىتىمىز كىشىلىرىنىڭ روھىيىتى، سۆز - ھەرىكىتىگە مۇناسىپ ھالدا دىئاگنــوز قويۇپ، خىسلەتلەرگە ئىلھام بېرىپ، ئىللەتلەرنى سۆكۈپ، ئەل - ئاۋامنى توغرا يولغا يېتەكلەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللىشىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئىش. ۋەھالەنكى، شۇنچىلىك دۇردانە ھېكمەتلەر، قايىل قىلارلىق ۋە تەسىرلىك ۋەز - نەسىھەتلەر ئايرىم كىشىلەرگە قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەي كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆزىدىن باشقا كىشىلەردىن ئاغرىنىش، نارازى بولۇش پۇرسىتى كۆپ بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ زادى قانداق ئىش؟
كىشىلىك قەدىر- قىممەت ياكى ئەقەللىي «ساپا»نى شەكىللەندۈرگۈچى مۇھىم تەركىبلەرنىڭ بىرى، باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ھېسسىياتى ياكى ئەمەلىيىتىدىن ئىبارەت. مېنىڭچە، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋەياكى ئاللىقانداق ئىشلاردا «باشقىلارنى ھۆرمەتلەش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم مەسىلىگە سەل قاراپ كەلگەن بولۇشىمىز مۇمكىن. چۈنكى، ھۆرمەتلىنىش ۋە ھۆرمەتلەش __ ھەربىر نورمال ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك ئاڭ، مۇقەددەس ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت، بۇ يەردە بىز تىلغا ئېلىۋاتقان «كىشىلىك ساپا»نىڭ مۇھىم بۆلىكى. «ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدە مۇئەييەن دەرىجىدە ھۆرمەتلىنىش، قەدىرلىنىش ئىستىكى بولىدۇ. بۇنىڭدىن قەدىر - قىممەت تەمەسىنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەربىر ئادەمنىڭ بۇ ئىستىكىنى ھەقلىق ۋە قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئىنسانلاردىكى بۇ خىل ئىنتىلىشنى ئىنكار قىلىش ئەڭ چوڭ سەمىمىيەتسىزلىك. چۈنكى، قەدىر - قىممەت ئادەملەرنىڭ بۇ دۇنيادا ئېرىشىشكە تېگىشلىك بەھرىمەنلىك ھەققىنىڭ مۇھىم سالمىقىنى ئىگىلەيدۇ... ئادەملەردىكى مۇشۇنداق نازۇك پسىخىكىلىق تۇيغۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، دۇنيادىكى ئاجايىپ قەھرىمانلىق، قۇربان بېرىش، مۇكاپاتلىنىش، قەبرە قاتۇرۇش... قاتارلىقلار دەل كىشىلەرنىڭ يۇقىرىقى بەھرىمەنلىك تەلىپىگە بېرىلگەن جاۋاب» («ياشاش مەنتىقىسى»دىن.) شۇڭلاشقا، بىلىمى ھەرقانچە يۇقىرى، ئىلمىي ئۇنۋانلىرى ھەممىدىن ئۈستۈن، ئەمەل - مەنسىپى ئاسمانغا تاقاشقان كىشى بولسىمۇ، ياكى پۇل-مېلى ئېشىپ - تېشىپ تۇرغان كىشى بولسىمۇ، ئەگەر ئۇنىڭدا باشقىلارنى ئۆزى بىلەن تەڭ ئورۇندا كۆرۈپ ھۆرمەتلەيدىغان تونۇش، توغرا، ھەققانىي، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان ئىنسانىي پەزىلەت بولمايدىكەن، ئۇنداق ئىنسان ئۇلۇغ بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس؛ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ كاستۇم- بۇرۇلكا بىلەن ياكى كاتتا ئايۋان- ساراي بىلەن ۋەياكى ھېسابسىز پۇل - مال بىلەن نىقابلانغان ساختا ساپالىق، ئاتالمىش داڭلىق شەخستۇر. چەت ئەللەردىن كەلگەن مۇنداق بىر ھېكايە بار:
ئۇتۇق قازانغان بىر داڭلىق سودىگەر بولۇپ، كوچىدا كىيىم-كېچەكلىرى جۇل - جۇل بولۇپ كەتكەن بىر قەلەم ساتقۇچىنى كۆرۈپ، ئىچى ئاغرىپ قاپتۇ. ھېچ ئويلانماستىنلا، يېنىدىن ئون دوللار پۇلنى چىقىرىپ، قەلەم ساتقۇچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپلا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ مېڭىپتۇ. بىر قانچە قەدەم ماڭا - ماڭمايلا، ئۆزىنىڭ بۇ ئىشىنىڭ تازا جايىدا بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال قايتىپ كېلىپ قەلەم ساتقۇچىدىن كەچۈرۈپ سورىغان قىياپەتتە، «پۇلنى بېرىپ قەلەم ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى»نى چۈشەندۈرۈپتۇ. ئايرىلىش ئالدىدا، قەلەم ساتقۇچىغا ئۇ: «كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، ئەپەندى. مەنمۇ سىزگە ئوخشاش سودىگەر ئەمەسمۇ؟» دەپتۇ. بىر يىلدىن كېيىن، سودا ماھىرلىرى توپلاشقان ھەشەمەتلىك سودا يەرمەنكىسىدە، يەرمەنكىگە كەلگەن سودىگەر ۋە خېرىدارلارغا ئۆزىنىڭ ماللىرىنى كۆرسىتىۋاتقان سالاپەتلىك بىر كىشى بۇ داڭلىق سودىگەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، خۇشاللىق بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلاپتۇ: «سىز بەلكىم مېنى ئۇنتۇپ كەتتىڭىز، مەنمۇ سىزنىڭ نام - شەرىپىڭىزنى بىلمەيمەن، لېكىن سىز ماڭا ئۆز ئىززەت - ھۆرمىتىمنى ۋە ئىشەنچىمنى قايتىدىن بەرگەن كىشى. دوقمۇشتا غېرىبسىنىپ ئولتۇرۇپ، مەن سىزنىڭ >مەنمۇ سىزگە ئوخشاش سودىگەر ئەمەسمۇ؟< دېگەن سۆزىڭىزنى ئاڭلىغانغا قەدەر، ئۆزۈمنى بىر >ئادەتتىكى قەلەمپۇرۇش< ھېسابلاپ كەلگەن ئىدىم...»
دەل مۇشۇ «سودىگەر» دېگەن بىر ئېغىز ئاددىي سۆز، چۈشكۈنلىشىپ ئۆزىنى يوقاتقان بىر ئىنسانغا قايتىدىن غۇرۇر ئاتا قىلىپ، ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدىن ئۆز ئىشەنچىنى تېپىشقا ياردەم قىلغان. ئىنسانىي غۇرۇر ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى ئويغانغانلىقى ئۈچۈن، دوقمۇشتا ئولتۇرۇپ جان باقىدىغان قەلەمپۇرۇش ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى قايتىدىن تونۇپ يەتكەن؛ ئىزدىنىش، جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، چوڭ سودىگەرگە ئايلانغان... ئەگەر بىر يىل بۇرۇنقى ھۆرمەت بىلەن ئېيتىلغان شۇ بىر ئېغىز سەمىمىي ئىلھام بولمىغان بولسا، نەچچە مىڭ تىللا پۇل بەرگەن بولسىمۇ، ئۆزىنى نامرات قەلەندەر دەپ تونۇپ يۈرگەن ئادەم قانداقمۇ بۈگۈنكىدەك غايەت زور ئۆزگىرىشنىڭ شاھىدى بولالىسۇن؟ مانا بۇ ھۆرمەتنىڭ كۈچى!
مەلۇمكى، ھۆرمەت − بىر خىل كىشىلىك ساپا، بىر خىل ئىنسانىي ئېسىل خىسلەت، باشقىلار ئالدىدا ئۆزىنى چوڭمۇ تۇتماي، باشقىلارنى پەس كۆرمەي مۇئامىلە قىلىدىغان ئىنسانىي باراۋەرلىك، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ كىشلىك قەدىر- قىممىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش. بۇ ھەقتە پىر - كامىللارنىڭ ھېكمەتلىرىنى نەقىل قىلىش مۇمكىن. گىيوتى مۇنداق دەيدۇ: « ئۆزۈڭنى ئۆز قابىلىيىتىڭدىن ئۈستۈن قويۇشۇڭمۇ، ئۆزۈڭنى كەمسىتىشىڭمۇ توغرا ئەمەس»؛ ب گراسىئەن مۇنداق دەيدۇ: « ئۆزۈڭنى ھۆرمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلساڭ، ئۆزگىنى ھۆرمەت قىل»؛ ئارستوتېل شۇنداق دەيدۇ: « ئىززەت تىلىسەڭ، ئىپپەتلىك بول؛ ئۇلۇغلۇق تىلىسەڭ، مۇلايىم بول؛ زەپەر تىلىسەڭ، ئادالەت يولىنى تۇت؛ قەدىر تىلىسەڭ، راستچىل بول؛ نىجادلىق تىلىسەڭ، سەۋرلىك بول؛ ئىلىم ئۆگەنمەك بولساڭ، تىرىش ۋە تىرماش». بۇ يەردىكى «باشقىلار» ئۆزىمىزدىن باشقا كىشىلەر− قېرىنداشلار، تونۇش، ناتونۇشلار، كەسىپداش ياكى باشقا كەسىپتىكىلەر، ھەتتا باشقا مىللەت كىشىلىرى، باشقا ئەل كىشىلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدە، باشقىلارنىڭ ئىززەت نەپسىنى ساقلىشىغا ھۆرمەت قىلىش، ئۆرپ- ئادىتى، تىلى، ئېتىقادى ۋە ياكى باشقا تاللاشلىرىغا ھۆرمەت قىلىش... قاتارلىقلار دەل مۇشۇ ھۆرمەتنىڭ مەزمۇنلىرىدۇر.
ئادەتتە، دۇنيادا كامالەتكە يەتكەن- نۇقسانسىز ھېچقانداق بىر كىشى بولمايدۇ. نورمال تۇرمۇشتا، بىزنىڭ باشقىلارغا ئۇلۇغ زاتلاردەك نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ھېچقانداق ئاساسىمىز ۋە باھانىمىز يوق، شۇنداقلا باشقىلارنى مازاق قىلىش، پەس كۆرۈش سالاھىيىتىمىزمۇ يوق. چۈنكى، ھەرقانداق ئادەم ياراتقۇچى ئالدىدا ئاددىي بەندە، قانۇن ئالدىدا باراۋەر پۇقرا. شۇنداق ئىكەن، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ بەزى تەرەپلىرى سىزگە يەتمىسە، سىز ھاكاۋۇرلۇق ۋە ھۆرمەتسىزلىكىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلماڭ؛ باشقىلارنىڭ بەزى تەرەپلىرى سىزدىن ئۈستۈن بولسا، سىز ئۆزىڭىزنى تۆۋەن چاغلاپ، ھەسەتخورلۇق قىلىپ ھۆرمەتنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
«ھەقىقىي ھۆرمەت»نى بىلىدىغان بىر كىشىدە، باراۋەر بولغان پوزىتسىيە، نۇرمال پسىخىكىلىق كەيپىيات، تۇراقلىق روھى ھالەت بولىدۇ. ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەرگە يەنى كەسىپتىكى كۈچلۈكلەر ۋە ئاجىزلارغا، باي ياكى نامراتلارغا، بەختلىك ۋە بەختسىزلىككە، ئەر ياكى ئاياللارغا توغرا، ئەقەللىي مۇئاملە قىلىدۇ.
بىز تەكىتلەۋاتقان «ھۆرمەت» ھەرگىزمۇ قارغۇلارچە چوقۇنۇش ياكى ماختاپ ئۇچۇرۇشمۇ ئەمەس، شۇنداقلا ھېچقانداق پرىنسىپى يوق ھەددىدىن زىيادە كەمتەرلىكمۇ ئەمەس. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىۋالغانلىق، ھەرگىزمۇ باشقىلارنى قانداق ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالغانلىققا تەڭ ئەمەس. باشقلارنى ھۆرمەت قىلىش كەڭ دائىرىدىكى ئىلىم بولۇپ، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىۋالغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئىلىمنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى ئەھمىيىتى ناھايتى چوڭ بولىدۇ.
مېنىڭ بىر تولۇق كۇرسنى پۇتتۇرگەن ساۋاقدىشىم بىر نازىر دەرىجىلىك كادىرنىڭ ئىشخانىسىدا كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ كادىرنىڭ نۇرغۇن ئېسىل پەزىلەتلىرى دوستۇمنى قايىل قىپتۇ. راستچىللىقى، ھەقىقانىيەت تۇيغۇسى، خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقى، تۇرمۇشتىكى ئاددىي - ساددىلىقى، كەڭ قورساقلىقى قاتارلىق پەزىلەتلىرى ئىچىدە، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان بۇ ئېسىل ساپاسى دوستۇمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپتۇ. دوستۇم شۇ ئىدارىدا ئىشلىگەندىن بېرى، ھەر قانداق كىشىنى «سىز» دەپ ئاتاپ، ئوچۇق چىراي مۇئامىلە قىلىدىغان بۇ باشلىقنىڭ ئاغزىدىن «سەن» دېگەن بىر ئېغىز گەپنىمۇ ئاڭلىماپتۇ. روھى جەھەتتىكى بۇنداق ئوزۇق دوستۇمنى ئۆزكەسپىگە بولغان ئىشتىياقىنى ئاشۇرۇپ، بىر خىل ياخشى كەيپىيات ئىچىدە كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن خىزمەت قىلىشقا نائىل قىپتۇ...
بىزنىڭ نۇرغۇن زىيالىيلىرىمىز بار، چوڭ - كىچىك ئورۇنلاردا مەنسەپ تۇتقان مەنسەپدارلىرىمىز بار، تۈرلۈك يول، ۋاسىتىلەر بىلەن پۇل تاپقان بايۋەچچىلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدىن كىشىنىڭ دىلى سۇ ئىچىپ، كۆڭلى سۆيۈنىدۇ. ئەمما، بەزىلىرى ئۇنداق ئەمەس: كاستۇم - بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كېيىپ، گالىستۇكنى تاقاپ، ئايىغىنى پارقىرىتىپ يۈرىدۇ ۋە دەماللىققا شۇنداق سالاپەتلىك، « ساپالىق» كۆرۈنىدۇ، لېكىن باشقىلارغا سۆز قىلغاندا، دەستۇر - كالاملاردىن نەقىل كەلتۈرىدۇ، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، كۆرەڭلەپ ئەتراپىدىكىلەرگە كىبىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ دادىسىدەك، ئانىسىدەك ئادەملەرنىمۇ سەنلەپ كېتىدۇ. بەزىلىرى ئېلىم - بېرىمدە لەۋزىدە تۇرمايدۇ، ئەقەللىي ۋاقىت قارىشى يېتىلدۈرمەيدۇ، نورمال ئىشلارغا ساختىلىق ئىشلىتىشنى قولدىن بەرمەيدۇ؛ كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەشنى ئارتۇقچە ئىش ھېسابلايدۇ. سەمىمىي بولۇش، ھەققانىي بولۇش، مېھرىبان بولۇشنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ... ئومۇمەن ئۆزىنى كۆرسىتىشنى، ئۆزىنى مەركەز قىلىشنى ئويلىۋېلىپ، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىشنى بىلمەيدۇ. ئاساسىي قاتلاملاردىكى بىرقىسىم باشقۇرغۇچىلار، ئىش بېجىرگۈچىلەرچۇ؟ قىزىقچىلار ئويلاپ تاپقان «ھوشۇقتىن دېڭ دېڭ يامان، ساقچىدىن مىنبىڭ» دېگەن گەپ بىكار ئېيتىلمىسا كېرەك. بىر كۈنى مەلۇم بىر ئىش بىلەن X بانكىسىنىڭ مەركىزىي شەھەردىكى بىر تارماق بانكىسىغا كىرىپ قالدىم. ئادەتتىكىچە كىيىنگەن، روھىي ھالىتى تۆۋەن بىر كىشى بانكىنىڭ مۇلازىمەت ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ئامانلىق ساقلىغۇچى( باۋ ئەن) دىن تۆۋەنچىلىك بىلەن بىر نەرسىلەرنى سورىماقتا ئىدى، ھېلىقى «باۋ ئەن» شۇنداق كۆرەڭ تۇرۇقتا ھېلىقى بىچارە كىشىنى سەنلەپ، سىلكىشلەپ بىر نېمىلەرنى چۈشەندۈرمەكتە ئىدى. « ھەي، ساپا دېگەن نۆلكەنغۇ بۇ باۋ ئەندە !»دەپ كەتتىم. قېتىرقىنىپ زامانغا لايىق ھۈنەر، بىلىم ئىگىلەش، مىللىي ئەنئەنە، مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي ئەخلاققا ۋارىسلىق قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەقەللىيسى، باشقىلارنىڭ نورمال ئىنسانىي ئىززەت - ھۆرمىتىنى، قەدىر - قىممىتىنى قىلماي تۇرۇپ، قاچانمۇ ساپالىق بولارمىز؟ كېيىنىشتە ئۆزىدىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان، بىرەر ئىشتا ئالدىغا ھاجەتمەن بولۇپ بارغانلا ئادەمنى سەنلەپ كېتىشلەر...ھەي ي، بۇنداق «ساپا» تونىغا ئورۇنىۋالغان ماڭقۇرتلارنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇنداق ئىشلارنى ھەممىلا جايدا- ماگىزىنلاردا، ئورگانلاردا، قاتناش يوللىرىدا، كەسپىي ئورۇنلاردا ۋە ياكى باشقا جايلاردا ئۇچرىتىشىمىز مۇمكىن. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
جەمئىيەت دېگەن مۇرەككەپ قۇرۇلما، ئۇنىڭدا ھەممە تەركىب: باي- كەمبەغەل، ئەمەلدار - پۇقرا، باشقۇرغۇچى - باشقۇرۇلغۇچى، ئىشلەتكۈچى - ئىشلىگۈچى، ئۆگەتكۈچى - ئۆگەنگۈچى، ساتقۇچى- ئالغۇچى، ھاجەتمەن... تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ، پەقەت جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى، تۇرمۇشنىڭ نورمال ئېكولوگىيىسى بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئادەملەردىكى يۇقىرى - تۆۋەنلىكنى، ئېزىز - خارلىقنى ئايرىيدىغان ئامىل ئەمەس. شۇنىڭدەك، بۇ، مۇئەييەن ۋاقىت، مۇئەييەن شارائىتتىلا شۇنداق بولىدۇ، يەنە باشقا سەۋەب - نەتىجىلەر نەتىجىسىدە، ئۇ خىل ھالەتتە تۈپتىن ئۆزگىرىش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى مەڭگۈلۈك بولىدۇ. بۇنى ئۇنتۇپ قالساق ھەرگىز بولمايدۇ.
زىياپەتچىلىككە تولغان جەمىئىيىتىىزدە، دائىم دېگۈدەك توي- تۈكۈن ياكى باشقا ئىشلار سەۋەبلىك سورۇنلارغا يىغىلىپ قالىمىز. بۇ خىل سورۇندا تونۇش - ناتونۇش كىشىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قالىمىز. تاماقلار تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن، سورۇنغا مايمۇنغا ئايلاندۇرۇش دورىسى − مەي - شاراب شەلپەرلىك پەتنۇسلارغا ئولتۇرۇپ، ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بەزىلەر ئىچىدۇ، بەزىلەر ئىچمەيدۇ. ساقى بولغان بىرى سوئال - سوراقنى باشلايدۇ. «ئىچمەيمەن» دېسىڭىز، باشتا ساختا ھۆرمەت بىلەن تەكەللۇپ قىلىدۇ، يەنە چىڭ تۇرسىڭىز قىيداش باسقۇچىغا ئۆتىدۇ... خۇددى سىز ھارىقىنى ئىچمىسىڭىز، شۇ زامات بىر نېمىسى ئۆلۈپ قالىدىغاندەك! ئەتراپتىن سالاچىلار قوپىدۇ، يەنە چىڭ تۇرسىڭىز، گويا سىز كەچۈرگىسىز گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك، تۈرلۈك شەكىلدىكى سېسىق گەپ، تەنىلەر پارتلاپ كېتىدۇ! ئىچمەيدىغان ئىرادىسى بوشراقلار نومۇس كۈچىدىن چىدىماي ئىچىپ كېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن، «مەستلىك − پەسلىك، نەسلىك » دېگەندەك، بىرمۇنچە ئىناقسىزلىق، ئاۋارىچىلىق، بەختسىزلىككە يول ئېچىلىدۇ. تېخى بەزىلەر: «ھاراق ئىچمىسەڭ، ئىستىقبالىڭ بولمايدۇ، كىشىلەر قاتارغا ئالمايدۇ، ئوغۇل بالىغا 72 خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ يەي...» دېگەندەك «ھەقىقەت»لەرنى سۆزلىشىپ ئەزۋەيلىشىپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق سورۇندا ھاراق زورلايدىغانلار يا ئاز - تولا ھوقۇقى بار مەنسەپدارلار، يا ئالىي مەلۇماتلىق زىيالىلىرىمىز، ۋەياكى ئاتالمىش يۈز- ئابرۇيلۇق كىشىلىرىمىزدۇر... ئاشۇنداق بىرقىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ «يۈزى»نى پەش قىلىپ، باشقىلارنى ئىرادىسىگە خىلاپ بولغان گەپنى، ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. لېكىن، يەنە شۇنداق ئېسىل ساپالىق كىشىلەرمۇ بار: كىشىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ھەق - ناھەق مەسىلىلىرىدە دادىل ئارىغا چۈشۈپ، بولمىغۇر ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايدۇ. مانا بۇ نۆۋەتتىكى «ساپالىق» بولۇشنىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىسى.
ئېنىقكى، سىز بىرسىنى قانچىلىك ھۆرمەت قىلسىڭىز، قارشى تەرەپمۇ سىزگە شۇنچىلىك قايىل بولۇپ، سىزنى ھۆرمەت قىلىدۇ، كىشلىك مۇناسىۋەتلەر راۋان، تۇرمۇشىمىز گۈزەل، جەمئىيەت ئىناق بولىدۇ. بۇنى بىز تاغدىكى ئەكس ساداغا ئوخشاتساق بولىدۇ. مىسال: سىز تاغقا قاراپ، قانچىلىك ئاۋازدا، قانداق سۆزنى قىلسىڭىز، قايتىپ كېلىپ قۇلىقىڭىزغا ئاڭلىنىدىغان سادامۇ شۇ بولىدۇ!
مۇنداقچە ئېيتساق، ھوقۇقى تۆۋەنلەرنىڭ شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ ئەمەلدارلارغا، كەمبەغەللەرنىڭ بايلارغا، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتى چۈشكۈچىگە... خۇشامەت قىلىش ۋەزىپىسىمۇ يوق، شۇنداقلا ئەمەلدارلارنىڭ، بايلارنىڭ ئاددىي كىشىلەرگە، ئەل - ئاۋامغا ھۆرمەت قىلماسلىقىنىڭ ئاساسىمۇ يوق. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز-ئارا ئىززەت- ھۆرمەت قىلىش يۇقىرى - تۆۋەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك دورىسى. كىشىلىك تۇرمۇشتا، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە بىر- بىرىمىزنى ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىش ھەرگىزمۇ بىر تەرەپنىڭ يەنە تەرەپتىن قورققانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، بەلكى ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغان ساپالىق كىشى ئىكەنلىكنىڭ بەلگىسى، خالاس.
2utg744y1jywx20tle9pp5sfimfim25
ياشىسۇن ئۇلۇغ «ئەخمەقلىق»
0
24757
176589
2026-10-07T20:49:15Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''ئۆمەرجان سىدىق''' ئۆزۈم دېھقان بالىسى بولغانلىقىم، مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا دېھقانلار بىلەن داۋاملىق ئارىلىشىپ ئۆتكەنلىكىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى، سەمىمىيلىكى، مېھماندوستلۇقى ماڭا ئايان ئىدى. يېقىندا، ماڭا تەسىر قىلغان ئىككى ئىش بۇ قارىشىمنى ي...'
176589
wikitext
text/x-wiki
'''ئۆمەرجان سىدىق'''
ئۆزۈم دېھقان بالىسى بولغانلىقىم، مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا دېھقانلار بىلەن داۋاملىق ئارىلىشىپ ئۆتكەنلىكىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى، سەمىمىيلىكى، مېھماندوستلۇقى ماڭا ئايان ئىدى. يېقىندا، ماڭا تەسىر قىلغان ئىككى ئىش بۇ قارىشىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، دېھقانلارغا بولغان ھۆرمىتىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە ئويلىنىشىمغا سەۋەب بولدى.
يېقىندا ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ، يېزىدىكى بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە دەم ئېلىش ئۈچۈن باردىم. بۇ دەل ئۈرۈك پىشقان مەزگىل بولغاچقا، دوستۇم قوشنا مەھەللىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ بىر ئۈرۈكلۈك بېغى بارلىقىنى ئېيتىپ، بىزنى شۇ يەرگە باشلاپ باردى. 65 ياشلار چامىسىدىكى پاكىز قېرىغان، مېھرىبان ئەر-ئايال ساھىبخان بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۈرۈكلۈك باغنى سەيلە قىلىش بولسىمۇ، ساھىبخانلار ئۇنىمىغىنىمىزغا قويماي ئۆيىگە باشلاپ، چاي تەييارلىدى. بىزنى ئىززەت-ئېكرام بىلەن كۈتۈۋېلىپ، گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭلىشىپ، قەلبىمىزگە بىر خىل مېھىر-مۇھەببەت تۇيغۇسى بەخش ئەتتى. گەپ ئارىلىقىدا ئەر ساھىبخان: «خەلقىمىزدە، ئۆيۈڭگە ئۈچ كۈن مېھمان كىرمىسە، ئۇ يەردىن كۆچۈپ كەت دەيدىغان گەپ بار، سىلەرنىڭ ئۆيىمىزگە مېھمان بولۇپ كىرگەنلىكىڭلاردىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم» دېدى. مەن ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن قاتتىق تەسىرلەندىم. ئۈرۈكلۈك باغدىكى شەربەتلىك ئۈرۈكلەرگە ئېغىز تېگىپ چىققىنىمىزدا، ساھىبخان بىزنى باشلاپ بارغان دوستىمىز بىلەن تالاش-تارتىش قىلغىلى تۇرۇپتۇ. ئەسلىدە ئۇ ئېغىلدىكى پاقلىنىدىن بىرنى سويۇشقا تەرەددۇتلانغان ئىكەن. بىز مىڭ تەستە ساھىبخاننى توسۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا قايتا-قايتا ئۆزرە ئېيتىپ خوشلىشىپ قايتىپ چىقتۇق.
يەنە بىر كۈنى چوڭ شەھەردە ياشايدىغان بىر دوستىمىز ئاپىسىنى ئېلىپ، بىزنىڭ يۇرتقا ساياھەت قىلغىلى كەلدى. بىز دوستىمىزنىڭ بۇ مېھرىبان ئانىسىغا يۇرتىمىزنىڭ يېزىلىرىنى، باغلىرىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن بىر تونۇشىمىزنىڭ يول باشلىشى بىلەن خىلۋەت كەنتتىكى بىر باغقا قاراپ يولغا چىقتۇق. قەدىمكى كارىز بويىغا جايلاشقان كۆجۈم مەھەللىدىكى بىر بۈك-باراقسان ھويلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىغىنىمىزدا، ياش دېھقان ئەر-ئايال ئالدىمىزغا چىقىپ بىزنى تەۋەززۇ بىلەن كۈتۈۋالدى. ئايال ساھىبخان دوستىمىزنىڭ ئاپىسى بىلەن كونا تونۇشلاردەك يۈز يېقىپ كۆرۈشتى ۋە بىزنى ھويلىدىكى سالقىن باراڭ ئاستىغا سېلىنغان كۆرپىلەرگە باشلىدى. ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا، ساھىبخان تۇتقان سوغۇق چاي تەنلىرىمىزگە ئارام بېغىشلاپ، ھاردۇقىمىزنى چىقىرىپلا قويدى. ھويلىنىڭ كەينىدىكى بىر يېرىم مو كۆلەمدىكى ئۈرۈكلۈك باغ بۇ تىرىشچان ياش دېھقاننىڭ ئەجرى بىلەن ئاجايىپ ياشناپ كەتكەن، باغدا 6-7 خىل ئۈرۈك سورتى بار ئىدى. ئۈرۈكلەر مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن، باغنىڭ ئىچىدىن بىر ئېرىقتا سۈزۈك ئۆستەڭ سۈيى ئېقىپ تۇرغان بولۇپ، كىشىگە ھەقىقىي سەھرا لەززىتىنى، جەننەت ھۇزۇرىنى بېغىشلايتتى. بىز خالىغان ئۈرۈكلەردىن ئۈزۈپ يەپ، ساھىبخانلار بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك ئازادە پاراڭلىشىپ، ئىنتايىن خۇشال كەيپىياتقا چۆمۈلدۇق. ماڭار ۋاقتىمىزدا ساھىبخان ئۇنىمىغىنىمىزغا قويماي، بىر يەشىك ئۈرۈكنى ماشىنىمىزغا سېلىپ قويدى. يولدا كېلىۋاتقۇچە قەلبىمنى چوڭقۇر ھاياجان، كاللامنى تۈگىمەس ئوي ئىلكىگە ئالدى. يۇقىرىقى ئىككى ئائىلىگە قىلغان زىيارىتىم چاڭ بېسىپ كەتكەن پاكىز تۇيغۇلىرىمنى دولقۇنلىتىپ، بۇ سۆيۈملۈك دېھقانلارغا بولغان قايىللىقىم، ھۆرمىتىم، سۆيۈنۈشۈمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. مېنى «ئۇلار ئۈچۈن قانداقلا ياخشى ئىش قىلىپ بەرسەم ئەرزىيدىكەن» دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدى.
بىز بۇ كىشىلەر بىلەن ئەزەلدىن تونۇشمايمىز، بۇنىڭدىن كېيىن قايتا ئۇچرىشالماسلىقىمىزمۇ مۇمكىن، ئۇلار بىلەن قىلچە پايدا-مەنپەئەت مۇناسىۋىتىمىزمۇ يوق، ھەتتا ئۇلار بىزنىڭ كىملىكىمىزنى، نېمە مەقسەتتە كەلگەنلىكىمىزنىمۇ بىلمەيدۇ. بىراق، ئۇلار بىزنى بوسۇغىسىدىن «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ ئاتلىغان ھەرقانداق كىشىنى شۇنچە قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ، ئۆيىدە بارىنى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا تۆكىدۇ، شۇنچە ئىززەت-ئېكرام، مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان مېھماننى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنە پارلاپ تۇرىدۇ. «مېھمانلىق ئۆيگە بەرىكەت ياغىدۇ» دەيدىغان قاراش ئۇلارنى مەڭگۈ ئىلھاملاندۇرىدۇ. مانا بۇ ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، جاپاكەش دېھقانلىرىمىزنىڭ ئۆڭمەس خىسلىتى، مەڭگۈ قەدىرلەشكە تېگىشلىك بولغان ئۇلۇغ پەزىلىتى.
بىر قىسىم كىشىلىرىمىز شەخسىيەتچىلىك، مەنپەئەتپەرەسلىكنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بۇ خىل سەمىمىيلىكنى ھەقىقەتەن قەدىرلەشكە، ئۇلۇغلاشقا، مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدۇ. لېكىن، بىر قىسىم قارا كۆڭۈللەر ئاشۇ ئەزىز دېھقانلىرىمىزنى ھاقارەت قىلىشقا، تۈرلۈك ھىيلە-مىكىرلەر ئارقىلىق ئانى تېپىشقا، ئۇلارنىڭ بۇ پەزىلىتىنى «ئەخمەقلىق» دەپ مەسخىرە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇ خىل ئىچى زەھەر كىشىلەرگە لەنەتلەر ياغسۇنكى، تىلى تۇتۇلۇپ قالسۇنكى، مۇشۇ خىل ئېسىل «ئەخمەقلىق» مەڭگۈ ياشنىسۇن! ھازىر پەقەت دېھقانلىرىمىزدىلا ساقلىنىپ قالغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ خىل ئېسىل پەزىلەتلىرى ئەگەر بىزگە ئوخشاش ئەۋلادلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆز سېھرىنى نامايان قىلغان بولسا، جەمئىيىتىمىز ئاجايىپ ئىللىقلىققا، مېھىر-مۇھەببەتكە، ئاسايىشلىققا، ئۆملۈككە تولغان بولاتتى. مىڭ ئەپسۇس، بىز ھازىر بوسۇغىمىزدىن مېھمان كىرىپ بولغۇچە، ئۇنىڭ قايسى مۇددىئا بىلەن كىرگەنلىكى ھەققىدە تەگسىز خىياللارغا پېتىپ كېتىمىز. بۇ خىياللارنىڭ يېشىمگە ماسلىشىپ، چىرايلىرىمىزنى مىڭ خىل ئۆزگەرتىپ، سۈنئىي تەكەللۇپلار بىلەن مېھماننى ئۇزىتىشقا ئالدىرايمىز. ۋادەرىخا، «مېھمان كىرگەن ئۆيگە پەرىشتە كىرىدۇ» دېگەن ئۇدۇمىمىز نەگە كەتتى؟ ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي دېھقانلىرىمىزنىڭ مېھماندوستلۇقىدىن، سەمىمىيلىكىدىن، ئىنسانىي پەزىلىتىدىن ئۈلگە ئالايلى، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ «ئەخمەقلىقى»دىن ئۆگىنەيلى، بۇ خىل«ئەخمەقلىق» مەڭگۈ ياشنىسۇن!
sm4ga3ndxfwhjg8w1ufpece2iwd3i0k
كەپتۇدەك (شېئىر)
0
24758
176590
2026-10-07T20:50:15Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''مۇھەممەتجان راشىدىن''' بىزنى يەنە بىر ئۆمەك گوللىغىلى كەپتۇدەك، پۇل خەجلىسەك «ئىلغار» دەپ يوللىغىلى كەپتۇدەك. پىچىر-پىچىر گەپ تولا: كۈتۈۋالسا كىم ياخشى، ئەڭ ئاۋۋىلى شۇلارنى قوللىغىلى كەپتۇدەك. «مۇپەتتىش»كەن ئاتىقى، مېھمانخانا-ياتىقى، قانمىغۇچە ئوي...'
176590
wikitext
text/x-wiki
'''مۇھەممەتجان راشىدىن'''
بىزنى يەنە بىر ئۆمەك گوللىغىلى كەپتۇدەك،
پۇل خەجلىسەك «ئىلغار» دەپ يوللىغىلى كەپتۇدەك.
پىچىر-پىچىر گەپ تولا: كۈتۈۋالسا كىم ياخشى،
ئەڭ ئاۋۋىلى شۇلارنى قوللىغىلى كەپتۇدەك.
«مۇپەتتىش»كەن ئاتىقى، مېھمانخانا-ياتىقى،
قانمىغۇچە ئويۇنغا ئېچىلمايدۇ قاپىقى،
ئىچىۋالسا ئاز ئەمەس مۇلازىمغا چاتىقى،
ئۇنىمىسا ئۇلارنى زورلىغىلى كەپتۇدەك.
كىمدە بولسا ئەمەل-تاج، شۇنىڭ بىلەن گېپى بىر،
ئوينايدىغان مەشرىپى، چالىدىغان دېپى بىر،
تارتىدىغان ئوغلىقى، مىنىدىغان ئېتى بىر،
شۇلار بىلەن يەپ-ئىچىپ ئوينىغىلى كەپتۇدەك.
بىزنىڭ باشلىق چىڭ چىقتى: باشلىۋېتىپ سەيلىنى -
قوشۇپ بېرىپ قىز-چوكان، تارتىۋالدى مەيلىنى،
(ھاڭرالماسكەن ئېشەكمۇ مايلاپ قويسا كەينىنى)،
ماراپ يۈرۈپ قىز-جۇۋان ئوۋلىغىلى كەپتۇدەك.
شەنبە كۈنى يېشىل باغ ئۇلار ئۈچۈن خىزمەتتە،
قېلىشمايدۇ شەنبىدىن يەكشەنبىمۇ ئەلۋەتتە،
قاتارلىشىپ پىكاپلار تاغقا ماڭدى رەت-رەتتە،
چۈنكى ئۇلار بۆرە بوپ قوي يېگىلى كەپتۇدەك.
تىلى بارۇ، سۆزى يوق پۇقرالارغا ياققۇدەك،
ئۆزى بارۇ، كۆزى يوق نامراتلارغا باققۇدەك،
لازىملىقنى ئۆزىگە ئەمما پۇراپ تاپقۇدەك،
بىزگە ياقماس بىر ناخشا توۋلىغىلى كەپتۇدەك.
قۇلاقلىرى بار، ئەمما ئەرز، ئىنكاس تىڭشىماس،
ئون كەلسىمۇ نامراتنىڭ ھال-كۈنىنى ئوڭشىماس،
تاپىنىدا ئۇلارنىڭ ئەسلا خامان يۇمشىماس،
خۇيى تۇتسا پۇقرانى تىللىغىلى كەپتۇدەك.
يالغان قايسى، راست قايسى؟ بىلىپ تۇرۇپ ئۈنچىقماس،
قۇرۇپ كەتكەن ئېتىزنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۈنچىقماس.
ئەگىز سۇدا كۈندە قول يۇيۇپ تۇرۇپ ئۈنچىقماس،
ئۆزگىنىمۇ ئۆزىدەك بۇلغىغىلى كەپتۇدەك.
ساھىبخاننى قىستاركەن قىشتا قىمىز تاپقىن، دەپ،
بايتاللىرىڭ بولمىسا، ئاتلىرىڭنى ساغقىن، دەپ،
بۇيرۇيدىكەن ئورماندىن قىرغاۋۇللار ئاتقىن، دەپ،
بىزنى سېلىق-ئالۋاڭغا بۇيرۇغىلى كەپتۇدەك.
ياخشىلارنى ماختىماس، يامان بىلەن كارى يوق،
دۇتار ئىكەن گويا بىر، قۇلىقى بار، تارى يوق،
تۈگىتىدۇ «تەكشۈرۈپ»، تەدبىرى يوق، چارە يوق،
بىزنى كالۋا-دۆت كۆرۈپ كوملىغىلى كەپتۇدەك.
كۆپ كۆرگەنمىز بۇ يەڭلىخ تەكشۈرگۈچى ئۆمەكنى،
تەڭلەپ قويۇپ قايتىشار ئاغزىمىزغا جۈمەكنى،
بۆلەپ قويۇپ بۆشۈككە، سېلىپ قويۇپ شۈمەكنى،
چىداملىقنى بىز كەبى خىللىغىلى كەپتۇدەك.
قايتىپ بېرىپ ئاشۇلار باشلىقىغا نېمە دەر؟
بۇ يەردىغۇ كۈندە گۆش، ئۆيلىرىدە نېمە يەر؟
مىڭ پاتمانلىق خىزمەتنى ئاران ئىشلەپ ئالتە سەر،
شەرەپ-شاننى، دەيۈزلەر خورلىغىلى كەپتۇدەك.
3fyfo39gw9w36o419g781mq784pqf4p
مۇدىر، قىزىم تېخى غۇنچە ئىدى...
0
24759
176591
2026-10-07T20:54:36Z
UyghurArchive
25219
قۇرۇلغان بەت ''''مەمتىلى ھېلىم''' بۇ خەتتىكى ئاتا ئوبرازى قانداقتۇر رېئال دۇنيادىكى بىرلا ئاتا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ خىل قىسمەتكە دۇچ كېلىۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ ئاھ-نىدالىرىنى كەڭ جامائەتكە ئاڭلىتالمايۋاتقان نۇرغۇن ئاتىلارنىڭ ئوبرازى. ئاتىنىڭ يازغان مەزكۇر خېتىدىكى مەكتەپ مۇدى...'
176591
wikitext
text/x-wiki
'''مەمتىلى ھېلىم'''
بۇ خەتتىكى ئاتا ئوبرازى قانداقتۇر رېئال دۇنيادىكى بىرلا ئاتا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ خىل قىسمەتكە دۇچ كېلىۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ ئاھ-نىدالىرىنى كەڭ جامائەتكە ئاڭلىتالمايۋاتقان نۇرغۇن ئاتىلارنىڭ ئوبرازى. ئاتىنىڭ يازغان مەزكۇر خېتىدىكى مەكتەپ مۇدىرىمۇ بىرلا مۇدىرنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى ئۇ بىلىم ساپاسى تۆۋەن، ئىستىلى ناچار مۇدىرلارنىڭ ۋەكىلى! شۇڭا ئاتا ۋە مۇدىرنى كىملەرگىدۇر قىياسلاپ پىكىر قىلىش ۋە بۇ ھەقتە ئارتۇقچە گۇمانىي نەزەردە بولۇش ھاجەتسىز. پەقەت بۇ خىل ئىجتىمائىي ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلارنىڭ جىددىي قارىشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈش ئاپتورنىڭ ئاساسىي مەقسىتى. چۈنكى، نۆۋەتتە ئادەمگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئادەمنى ئاساس قىلىش، شۇنداقلا ئادەم تەربىيىلەشتە ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيىلەشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش ئالاھىدە تەكىتلىنىۋاتىدۇ...
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك مۇدىر!
سىز مەندەك ئەرزىمەس بىر ئادەمنىڭ خېتىنى شۇنداقلا كۆرۈپ قويۇپ، تاشلاپ قويۇشىڭىز كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھېس قىلغان پايدىلىق پىكىرنى ئېيتىشنىڭ ئىنساننىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەچكە، يېنىڭىزغا بېرىپ سىز بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ يۈرۈشتىن خەت ئارقىلىق ئېيتىشنى لايىق تاپتىم. مېنىڭ سىزگە دەيدىغانلىرىم شۇنداق كۆپ بولسىمۇ، لېكىن سىزگە نېمە دېيىشىمنى، ئۇنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەيلا قېلىۋاتىمەن. شۇ تاپتا كاللام گاراڭ، ھەممە نەرسە كۆزلىرىمگە بەتبەشىرە ۋە بىمەنە كۆرۈنۈۋاتىدۇ. ئۆلۈپلا كەتكۈم بار، ئەمما ئۆلۈۋېلىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەسكەن. بىر ئاتىنىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر ئائىلە باشلىقىنىڭ ئۆلۈۋېلىش ھەققىدە گەپ قىلىشىمۇ گۇناھ بولسا كېرەك. لېكىن ئادەمنىڭ گۈزەل ئارمانلىرى بەربات بولغاندا، پارلاق ئەتىسىنى كۆرەلمەي، ئەنە شۇنداق «گۇناھ» بولىدىغان گەپلەرنى قىلىپ سالىدىكەن. شۇڭا ئاخىرى ئويلاپ، ئىچىمگە سىغمايۋاتقان دەردلىرىمنى سىزگە خەت ئارقىلىق بايان قىلىۋېلىشنى ئۆلۈم ھەققىدە يوقىلاڭ خىيال سۈرۈشتىن ياخشىمىكىن دەپ قارىدىم.
بىلىملىك، ئەخلاقلىق ئادەم بىلەن بىلىمسىز، ئەخلاقسىز ئادەمنىڭ پەرقى ئاسمان بىلەن زېمىندەكلا... بۇ ھازىرقى دەۋردە تېخىمۇ ئايان بولماقتا. بۇنى سىزگە ئىنچىكىلەپ چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىساممۇ، سىز بۇ مەسىلىنى مەندىن ياخشى بىلىسىز. چۈنكى سىز مىللەتنىڭ ئاڭلىق زىيالىيسى ھەم مائارىپچىسى! مەن ئۆز ئەمەلىيىتىمدە بىلىمسىزلىكنىڭ دەردىنى بەك كۆپ تارتقاچقا، بالىلىرىمنى قېنىمنى سېتىپ بولسىمۇ ئەخلاقلىق، بىلىملىك قىلىش ئۈچۈن نىيەت قىلغانمەن. ھازىرغىچە قېنىمنى بالا ئوقۇتۇش ئۈچۈن ساتمىغان بولساممۇ، لېكىن ھالال تەرىم بىلەن ئەمگەك كۈچۈمنى سېتىپ كەلدىم. مېنىڭ كۈنلىرىمنىڭ قانچىلىك جاپادا ئۆتىدىغانلىقىنى ئېغىزىمنىڭ بىر قەۋەت تېرىسى چۈشۈپ كەتكۈچە چۈشەندۈرسەممۇ، سىز تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. سىز ئەڭ شېرىن ئۇيقۇدىكى ۋاقتىڭىزدا مەن توپ تارقىتىش ئورنىغا ئەسكى ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتىمنى ھەيدەپ بېرىپ بولغان بولىمەن. ئۇ يەردە كىمنىڭ توشۇغۇدەك ماللىرى باركەن دەپ خوجايىنلارنىڭ كۆزلىرىگە بىچارىلەرچە تەلمۈرىمەن؛ ئۇلارنىڭ قوپال سىلكىشلىرىگە، غۇرۇرۇمغا تېگىدىغان سۆزلىرىگە بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇرمەن. چۈنكى، بالامنى ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايەم ئۈچۈن كۈرەش قىلمىسام بولمايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ماڭا ئوخشاش كۈنگە قېلىشىنى، كىملەرنىڭدۇر ئالدىدا بويۇن قىسىپ يۈرۈشىنى ئەسلا-ئەسلا خالىمايمەن. شۇ خورلۇقلار مەن بىلەنلا كەتسۇن؛ مېنىڭ بۈگۈن شېرىن ئۇيقۇنى ئۇخلاپ يېتىشىم ئەتە بالام ئۈچۈن مۇسىبەت بولۇپ قالمىسۇن دەيمەن. شۇڭا، مېنىڭ ۋە ئايالىمنىڭ ئۇچىسىغا يېڭى كىيىملەر ھېيت-ئايرەملەردىمۇ چىقىپ باقمىغىنىغا ئۇزۇن ۋاقىتلار بولۇپ كەتتى. مەن بىر مۇقەددەس بۇرچنى ئۈستىگە ئالغان ئاتا. بالام بولسا مېنىڭ پۇشتۇم! بالامنىڭ تەقدىرى پۈتۈنلەي مېنىڭ ئۈستۈمدە دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆزۈمگە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىشنى نومۇس دەپ بىلىمەن. ئۇ مېنىڭ، شۇنداقلا بىر مىللەتنىڭ بالىسى ئەمەسمۇ؟
بۇنداق دېسەم مېنى «بالىسىنى كادىر قىلىشتىن ئىبارەت يۈكسەك بىر نىشاننى مەقسەت قىلغان دادا ئوخشايدۇ» دېگەن ئويدا بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق خىيالدا زىنھار بولماسلىقىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. مېنىڭ بالامنى كادىر قىلىش ئوي-خىيالىم يوق. پەقەت كەلگۈسىدە ئۆز ۋەتىنى، مىللىتى ئۈچۈن ئاز-تولا بىر ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغان، نېمىنىڭ ھەقىقەت، نېمىنىڭ سەپسەتە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدىغان، ھايا-ئەخلاقلىق بىر «ئانا» بولسىلا شۇ ماڭا كۇپايە. چۈنكى، ساپالىق بىر ئانا روھىي دۇنياسى نامرات بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى تېپىشىدىكى ئەنگۈشتىرى. مەن ئەنە شۇ خىل ئارزۇ-ئىستەكتە بالىلىرىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يېتەكلەپ، مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردىم. ئۇ چاغدىكى ھاياجىنىم ھازىرغىچە ئېسىمدە. قىزىم مەكتەپ قورۇسىغا كىرىپ: «دادا، ئاشۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم بولامدۇ؟» دەپ پېشىمنى تارتىپ، ئوماققىنا سەكرەپ كەتكەنىدى. قىزىمغا مەسلىكىم كېلىپ: «شۇنداق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ساۋاقداشلىرىڭىز ھەم دوستلىرىڭىز بولىدۇ» دېگەنىدىم. مەكتەپ شۇ چاغدا كۆزۈمگە مېھرى ئىسسىق بىر ئانىدەك ھەم سۈپسۈزۈك سۈيى ۋىلىقلاپ تۇرغان قۇرۇماس بۇلاقتەك كۆرۈنۈپ كەتكەنىدى. دېمىسىمۇ مەكتەپ نۇرانە چىراغ، ئۇ قاراڭغۇ دىللارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلىدىغان مەشئەل ئەمەسمۇ؟! مېنىڭ مەكتەپكە بولغان ئىشەنچىم بەكمۇ زور ئىدى...
ھۆرمەتلىك مۇدىر، پارتىيە، ھۆكۈمەت سىزگە ئىشىنىپ ئاشۇ ھوقۇقنى بەردى. ئەسلى ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايدىغان بىر مۇدىر بولسىڭىز، ھەممە سىزدىن رازى بولاتتى. ئاڭلاشلىرىمغا قارىغاندا، خەلقنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچى ئانچە يوقكەن. بۇنداق بولۇشىغا بەلكىم سىزنىڭ ئەخلاقىڭىزدىكى ياكى باشقا بىر ئىشلار سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. مەن سىزنىڭ ئۇنداق ئىشلىرىڭىزنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەچكە، سەۋەبىڭىز تۈپەيلى باشقىلارنىڭ ئۆيى بۇزۇلۇشتەك رېئال ئەھۋاللار پاكىت سۈپىتىدە تۇرسىمۇ، ئىشەنگۈم كەلمىدى. «مائارىپ ئورنىدىكى ئادەم ئۇنداق ئىشنى قىلماس، بىز خەق نېمە گەپنى تاپمايمىز» دېگەن خىيالدا بولۇپ، ئارتۇقچە ئويلاپمۇ كەتمىدىم. پەقەت پارتىيە، ھۆكۈمەت سىزگە شۇ ھوقۇقنى قانداق بەرگەن بولسا، يەنە شۇنداق ئېلىۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنىپلا كەلدىم. چۈنكى، ئەخلاقى ناچار بىر مۇدىرنىڭ باشقىلار ئالدىدا گېپى ئۆتمەيدىغانلىقىنى، ئۇنداق مۇدىرنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەۋلادلارنىڭ بەختىگە زامىن بولىدىغانلىقىنى ئۇلارمۇ چۈشىنىپ يېتىدىغاندۇ؟ شۇڭا ئىستىلىدا مەسىلە بار رەھبەرلەر بارا-بارا شاللىنىپ كېتىپ بارىدۇ. سىز ئۆز ئورنىڭىزدىن چۈشكىچە بۇ گەپلىرىمنى دېۋالمىسام بولمايدۇ.
ھۆرمەتلىك مۇدىر، بۇ گەپلەرنى نېمە ئۈچۈن ئېغىزىمغا ئالغانلىقىمنى چۈشەنمەي، مېنى بەلكىم: «مۇدىرلارنىڭ ئەيىبىنى ئېچىشقا خۇشتار ساراڭ قېتىش بىرىكەن» دەپ ئويلاۋاتقانسىز. بىر ئىنساننىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى كۆپۈكلەنسە، ئۇ ئەنە شۇنداق «نورمالسىزلىشىپ»، ئۆز دەردىنى دېيىشكە جاسارەتلىك بولۇپ كېتىدىكەن... ئاچچىقتا قانچىلىك بوغۇلاي، بولغۇلۇق بولۇپ بولدى... ئۇخلىسام چۈشۈمگىمۇ كىرمەيدىغان ئىشلار ئاخىرى يۈز بەردى. بۇنىڭغا زادى كىم سەۋەبچى؟ بۇلارنى تولا ئويلاپ كاللام گادىرماچ بولۇپ كەتتى، ئاخىرى كونىلارنىڭ: «سۇنىڭ بېشى لاي بولسا، ئاخىرىمۇ لاي بولىدۇ» دېگەن سۆزىگە ئىشىنىپمۇ قالدىم. مەكتەپ ئورنى پاكلىق ئۈستىگە قۇرۇلمىسا، ئەۋلادلارنى نەس باسىدىكەن. چۈنكى ئۇ — ئىنساننى تەربىيىلەيدىغان ئورۇن! ئىنسان تەربىيىلەشتە ھالال نىيەت، ساپ ئەقىدە ۋە يۈكسەك مۇھەببەت بولمىسا، تەربىيىلەشنىڭ ئۈنۈمى بولماسلىقى ئېھتىمالغا يېقىن. شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، ھەممە جاۋابكارلىقنى مەكتەپكە ئارتىپ قويۇشقا يەنە بولمايدۇ، بۇنىڭدا ئائىلىنىڭمۇ باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيىتى بار، ئەلۋەتتە.
مەن گاھى كۈنلىرى (كۆپ ھاللاردا ۋاقتىم يار بەرمەيدۇ) تېلېۋىزور، رادىئودىن پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپقا زور مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىدەك خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ قالىمەن. يۇقىرى ئورگانلار مائارىپقا شۇنداق ئەھمىيەت بېرىۋاتقان يەردە، سىلەرنىڭ نېمىنى ئويلاپ بالىلار تەربىيەسىگە بىپەرۋا قاراۋاتقانلىقىڭلارنى زادى بىلەلمىدىم. چۈنكى مەن كۆپ ئوقۇمىغاچقا، مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلالمايدىكەنمەن. مەكتىپىڭلاردىكى بىر مۇئاۋىن مۇدىرنىڭ يىغىندا بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ: «بالىلارغا ئەخلاقىي تەربىيىنى كۈچەيتەيلى، قىزلارنىڭ قېچىپ كېتىشلىرى ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ» دېگەن گېپىگە جاۋاب تەرىقىسىدە ئېيتقان مۇنداق بىر سۆزى قۇلىقىمغا ناھايىتى ئىشەنچلىك بىر ئادەمدىن يېتىپ كەلدى: «ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدا قېچىپ كەتكەن بەزى قىزلار ھازىر بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى. لېكىن ئالىي مەكتەپنى نۇرغۇن خىراجەت بىلەن ئوقۇپ كەلگەن بەزى قىزلار بولسا، تېخىچە ئۆز بەختىنى تاپالماي يۈرىدۇ...» مىڭ توۋا دېدىم! ئاشۇ سۆزنىڭ بىر رەھبەرنىڭ ئېغىزىدىن چىققانلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدىم. قىزلار تۇرمۇشلۇق بولۇپ، تۆت تامنىڭ ئىچىگە كىرىپ تىنچ تۇرمۇش كەچۈرسىلا بەختلىك بولغان بولامدۇ؟ شۇ گەپنى ئاڭلىغان چېغىمدا ئۇنىڭغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمىگەن بولسام، ئەمدىلىكتە كۆپ نەرسىلەرگە ئىشىنىشكە رېئاللىق مەجبۇرلاپ قويۇۋاتىدۇ.
ھۆرمەتلىك مۇدىر، بۇ تاققا-تۇققا سۆزلىرىمگە قاراپ زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىشكە قىزىقىۋاتقانسىز؟ مەن سىزگە ئىشنىڭ جەريانىنى ئىخچاملا بايان قىلىپ بېرەي:
قىزىم بۇ يىل تولۇق 3-يىللىقتا ئوقۇۋاتاتتى، يەنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇراتتى. بىز بۇنى كۆزدە تۇتۇپ قىزىمىزنى ھېچقانداق ئىشقا سالمىدۇق ھەم ئۇنىڭغا ئايرىم بىر ھۇجرا قىلىپ بەردۇق. چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ بىلىملىك، ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. باشقىلار بىلەن بالا توغرىلىق پاراڭلىشىپ قالسام: «مېنىڭ قىزىم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ» دېسەم، ماڭا — بىر ئاتىغا شەرەپ ئەمەسمۇ؟ ئاشۇ سۆزنى دېگەن ۋاقتىمدىكى پەخىرلىنىش ھېسسىياتىمنى خىيالىي كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، قانچىلىك لەززەتلىنىپ كېتىدىغانلىقىمنى سىز مەڭگۈ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. ئاتا-ئانا دېگەن بالىلىرىنىڭ ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولۇشى بىلەن خۇشاللىق تاپىدۇ؛ ھاياتتىكى تۈرلۈك-تۈمەن مۈشكۈللۈكلەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. مەن شۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان بېرىۋاتىمەنغۇ؟ توپ تارقىتىش بازىرىدا چۈشلۈك غىزانى ئۆيدە تەييارلاپ ئېلىۋالغان مۇزدەك سوغۇق چېيىم بىلەن بىر ناننى يەپلا ئۆتكۈزىمەن. بۇ، قارا ئەمگەك قىلغۇچىغا ئاسان ئىش ئەمەس، پەقەت بۇنى شۇ ئىشنى قىلىپ كۆرگەنلەرلا بىلىدۇ. ھارۋا تارتىش جەريانىدا قورسىقىم ئېچىپ تارتىشىپ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ كەتسىمۇ، بالامنىڭ كەلگۈسىدىكى گۈزەل ئىستىقبالى كۆز ئالدىمغا كېلىپ، جاسارىتىمگە جاسارەت قوشىدۇ-دە، قورسىقىمنىڭ ئاچلىقىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
بىر كۈنى ئىشتىن ھېرىپ-ئېچىپ كەچ كەلسەم، قىزىم تېخىچە مەكتەپتىن قايتىپ كەلمەپتۇ. مەكتەپكە باردۇق، يوق؛ ئۆزىمىز بىلىدىغان ساۋاقداشلىرىنىڭ ۋە تۇغقانلارنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ بېرىپ باقتۇق... ئىزدىمىگەن يەر قالمىدى. ئايالىم، تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ئوغلۇم بىلەن ئىزدەپ يېنىشىمىزدا تاڭ سۈزۈلگەنىدى... بۇ چاغدىكى تۈرلۈك گۇمانلار كاللامدا ئەگىپ، تىت-تىت بولغان روھىي ھالىتىمنى سىزگە تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. ئۆزۈمگە: «بىرەر ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيىدە دەرس تەكرارلاپ شۇ يەردە قونۇپ قالغاندۇ» دەپ تەسەللى بېرەتتىم، خۇدادىن ئۇنىڭغا ئامانلىق تىلەيتتىم. قىزىم ھازىرغىچە سىرتتا قونۇپ قالمىغان قىز بولغاچقا، ئۇ خىيالىمدىن گۇمانلىناتتىم. شۇنداقتىمۇ ئەشۇ سۆزلەر بىلەن قايغۇلۇق كۆڭلۈمنى تەسكىنلەيتتىم.
ئۆي گۆرىستانغا ئايلاندى. ئايالىمغا قارىسام، بىر كېچىدىلا قېرىپ مۈكچىيىپ قالغاندەك كۆرۈندى، بەلكىم مەنمۇ ئۇنىڭغا قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈنگەندىمەن. ئۆيدە پەقەتلا ئولتۇرغۇم كەلمىدى. يەنە مەكتەپكە بېرىپ قىزىمنىڭ سىنىپ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ ساۋاقداشلىرىدىن ئېنىقلاپ كۆرۈپ، ساۋاقداشلىرىنىڭمۇ قىزىمنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى دېدى. مېڭەمدىن كىرگەن ئاچچىق بىر تۈتۈن تاپىنىمدىن چىقىپ كەتتى. قورقۇنچلۇق خىياللار مېنى قىينىغىلى تۇردى. مەن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم. قىزىمنىڭ مۇئەللىمىسى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆز ئىشى بىلەن بولۇۋەردى. ئىشخانىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ: «ئۇنۋاننى ئېلىۋالسام، ئامال قىلىپ دەم ئېلىشقا چىقىۋالاتتىم»، «مۇدىرنىڭ يېقىنلىرىدىن بىزگە ئاشامتى...»، «ھازىر جاننى ئۇپىرىتىدىغان ئىش قالمىدى...» دېگەندەك پاراڭلىرى قۇلىقىمغا ناھايىتى يىراقتىن ئاڭلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى. بىر چاغدا سەل ئۆزۈمگە كەلگىنىمدە، قىزىمنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى قېنىق بويىۋالغان، خېلىلا پارتلاپ كېتىدىغاندەك تار جىن كىيىۋالغان مۇئەللىمىسىنىڭ ھالىتى كۆزۈمگە شۇنچىلىك سەت كۆرۈنۈپ كەتتى-دە، ئارتۇق گەپمۇ قىلماي مەكتەپتىن چىقىپ كەتتىم. ئەمدى قىزىمنى قەيەردىن ئىزدەيمەن؟! «ئۆيگە كېلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن ئوي دەرھال پەيدا بولۇپ، ئاتا-ئانامدىن مىراس قالغان كونا ئۆيۈمگە بار كۈچۈم بىلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر خىل ئۈمىدسىزلىكتىن بوشىشىپلا كەتتىم. ئايالىم مىشىلداپ يىغلاپ ئولتۇراتتى. ئۇ كۆزلىرىمگە مۆلدۈرلەپ قارىدى. يۈرىكىم «ۋىژژىدە» ئېچىشتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن كۆزۈمنى ئېلىپ قاچتىم. ئاتا-ئانا بولماقنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى، بالا مېھرىنىڭ بەكمۇ چوڭقۇرلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتىۋاتاتتىم...
توپ تارقىتىش ئورنىغا ئەسلى بېرىشىم كېرەك ئىدى، لېكىن بارالمىدىم. چۈنكى، قولۇم ھېچ ئىشقا بارمايتتى. پۈتۈن زېھنىم قىزىمدىلا قالغانىدى... چۈشتىن قايرىلغاندا بىرنەچچە كىشى ئۆيگە كىرىپ كەلدى... ئاھ خۇدا، قىزىم «قېچىپ كېتىپتۇ»! بۇنى ئاڭلاپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ، مېڭەم قىزىپ كەتتى، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمايلا قالدىم... بىر چاغدا ئېسىمگە كېلىپ، «مېھمان»لارنى تىللاپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىمنى غۇۋا ئەسلىدىم. ئۇلاردا نېمە گۇناھ؟! قىلغانلىرىم پۈتۈنلەي خاتا ئىدى. ئايالىم كۆزۈمگە شۇنچىلىك سەت كۆرۈنۈپ كەتتى-دە، ئۇنىڭغا: «ھەي ساراڭ خوتۇن! مەن ئىش بىلەن بولۇپ بالىغا قارىيالمىدىم، سەن نېمىشقا قارىمىدىڭ؟!» دەپ ئۇنى توختىماي ئۇرۇپ كېتىپتىمەن. بىر ھازادىن كېيىن ئۆزۈمگە كېلىپ قارىسام، ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرى ئىششىپ، كۆكىرىپ كېتىپتۇ؛ بۇرنىدىن قان توختىماي ئېقىۋاتىدۇ. يەنە ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. ئۇمۇ تۈزۈك ئوقۇمىغان، ياۋاش-يۇمشاق، بىغەمرەك بىر خوتۇن ئىدى. ئوقۇمىغان، ساپاسىز خوتۇننىڭ قولىدا بالا قانچىلىك تەربىيىلەنمەكچى؟! قىزىمنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر ئانا بولۇپ قېلىشىدىن قانچە ئەنسىرىگەن ئىدىم-ھە؟! شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بارلىقىنى ئاتىغان ئەمەسمىدىم؟!
قىزىمنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشى ئۈچۈن تىيىن-تىيىنلاپ يىغىۋاتقان پۇلنى ئەمدى ئۇنىڭ تويىغا ئىشلەتتۇق. توينىمۇ ئەپلەپ-سەپلەپ تۈگەتتۇق، ئەمما قىزىمنىڭ تويى بولۇپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ يەڭگىپ قويۇشى غەزىپىمنى قايتىدىن ئۆرلەتتى (ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قورسىقىنى لاتا بىلەن تېڭىپ يۈرۈپتىكەن).
ھۆرمەتلىك مۇدىر، مەن مەكتەپ تەربىيەسىگە بەك ئىشىنىپ كېتىپتىمەن. لېكىن ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماپتۇ دېگەندەك ئىش بولدى. ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا ۋە قىزىمنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن گاھى كۈنلىرى مەكتەپكە بارغىنىمدا، سىنىپ تەربىيىچىسى «قىزىڭىز ياخشى...» دەيتتى مەن بىلەن خوشلىشىشقا ئالدىرىغاندەك ھالدا. ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قىزىمدىن ھەرھالدا خاتىرجەم بولۇپ قالاتتىم. قىزىمنىڭ ئۆيدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىمۇ بىزگە ئۇنى شۇنداق ئەدەپلىكتەك تۇيغۇ بېرەتتى. ئاقىۋەت ئىشلار بىز ئويلىغاندەك بولماي قالدى. بۇ ئىش بىزگە بەك ئېغىر قىسمەت ئاتا قىلدى. ئارزۇ-ئارمانلىرىمنىڭ چېچەك ئاچالماسلىقى بۇ دۇنيانىڭ قىيامىتىنى ھازىرلاپ قويدى... خەيرىيەت، بەلكىم بۇمۇ بىر تەقدىردۇر، لېكىن ھەممە ئىشنى تەقدىرگە يۈكلىۋېلىشنىڭ ئۆزىمۇ ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى بولسا كېرەك. شۇڭا سىزدىن ئۆتۈنىدىغىنىم: ئەۋلادلارغا كۆپ بولمىسىمۇ ئانچە-مۇنچە ئىگە بولۇپ قويسىڭىز. ئاڭلىسام قىزىمدەك «كېتىپ بارغان» قىزلار خېلىلا باركەن. باشتا دېگىنىمدەك، مەكتەپ ئورنى پاكلىق ئۈستىگە قۇرۇلمىسا ئەۋلادلارنى نەس باسىدۇ. مانا قىزىم بۇنىڭ قۇربانى بولدى. بۇ ھەممىمىزگە بىر ئىبرەت بولسۇن! مەكتىپىڭلاردا ئوقۇۋاتقان ئوغلۇم مەرىپەتنىڭ ساپ، ھالال سۈيىدىن بەھرىلەنسۇن! مەنمۇ ئۇنىڭغا قايتىدىن ئىگە بولاي! سىلەر قىلساڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن كەتسە مەيلى ئىدى، بىراق قىلغانلىرىڭلار ئاشۇ سەبىي بالىلارغا يېنىپ قالىدىكەن.
بىر كۈنى قىزىمنىڭ كىتابىدىن شۇنداق بىر گەپنى ئوقۇغانلىقىم ئېسىمدە: «ئارسلان ئىتلارغا باشلىق بولسا، ئىتلارمۇ ئارسلانغا ئايلىنىدۇ. ئارسلانلارغا ئىت باشلىق بولسا، ئارسلانلار ئىتقا ئايلىنىپ قالىدۇ». شۇڭا، بىر تەربىيىلىگۈچى باشقىلارنى تەربىيىلەشتىن ئاۋۋال ئۆزىنى ھەر تەرەپتىن مۇكەممەل تەربىيىگە ئىگە قىلىشى بەكمۇ زۆرۈركەن. بىلىپ قېلىڭكى، بالىلار بىر مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى، ئۇنىڭسىز بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ھۆرمەتلىك مۇدىر، سىزنىڭمۇ بالىلىرىڭىز باردۇر؟ سىزمۇ بالىلىرىڭىزنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانسىز. مەكتەپتىكى ئاشۇ بالىلارنى ئۆز بالىڭىزدەك كۆرۈشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
خەتنى يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، قىزىمنىڭ بالىلىق دەۋرىدە، چۈچۈك تىلىدا: «دادا، مەن چوڭ بولغاندا دوختۇر بولۇپ كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىمەن» دېگەن سۆزى ئېسىمگە كېلىپ، ئۆپكىدەپ كەتتىم. ئەمدى ئۇ بىر بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا ئېچىنماي تۇرالامدىم؟... قىزىم تېخى غۇنچە ئىدى، مەن قىزىمنى ئەرگە بېرىش ئۈچۈنلا تاپمىغانىدىم. ئۇنىڭغا باغلىغان ئۈمىدىم ھەقىقەتەن زور ئىدى...
خەير، ئامان بولۇڭ.
ھۆرمەتتە: دەردمەن بىر ئاتىدىن.
bjimx9gg1pwym4ev3b8oo142xo08drg