Wikipedia ugwiki https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA MediaWiki 1.47.0-wmf.24 first-letter ۋاسىتە ئالاھىدە مۇنازىرە ئىشلەتكۈچى ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى Wikipedia Wikipediaمۇنازىرىسى ھۆججەت ھۆججەت مۇنازىرىسى MediaWiki MediaWiki مۇنازىرىسى قېلىپ قېلىپ مۇنازىرىسى ياردەم ياردەم مۇنازىرىسى تۈر تۈر مۇنازىرىسى TimedText TimedText talk Module Module talk Event Event talk لى بەي شېئىرلىرىدىن 0 24000 176646 173951 2026-10-18T21:47:41Z UyghurArchive 25219 176646 wikitext text/x-wiki '''لى بەي شېئىرلىرىدىن''' مەشھۇر شائىر لى بەي مىلادى 701- يىلى دۇنياغا كېلىپ، مىلادى 762- يىلى غۇربەتچىلىكتە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئۆمۈر بويى سۈرگۈنلۈك ۋە سەرگەردانلىق ئىچىدە تۇرمۇش كۆچۈرگەن. لى بەي شېئىرلىرىنى تۇرمۇش پۇرىقى ۋە پاساھەتلىك تىل بىلەن ئورىغان. ئۇنىڭدىكى سەيلە – ساياھەتكە ئامراقلىق، ھۆر – غىلمانلار بىلەن دەرقەم بولۇشقا ئىنتىلىش، مەيخورلۇق، گۈزەل تۇرمۇشقا، خاتىرجەملىككە تىۋىنىش ئۇنى رومانتىزمغا يېقىنلاشتۇردى. لى بەينىڭ «گەر ئۆلۈپ كەتكەندە لى بەي، مەيلىرىڭنى كىم ئىچەر؟» دەپ يازغان مىسرالىرى ھېلىمۇ ئۇنىڭدىكى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان راستچىللىقنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. تېخىمۇ ئېتىبار بىلەن تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى، تىل ئۇنىڭ قەلب دەرۋازىسىدىن ئېتىلىپ چىققان ھامان ئۆزگىچە جەزبىدارلىققا، خاسلىققا، ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە بولدى. ئۇ ئۆز ئىجادىيىتىدە ئىلىمىز شېئىرىيىتىدىكى قېلىپلاشقان ۋەزىننى بۇزۇپ تاشلىدى. جۈملىلەرنىڭ شەكلىگە، مىسرالارنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقىغا تارتىشمىدى. شېئىردىكى ئاھاڭدارلىق ئۇنىڭ ئۆزىگە بويسۇندى ھەمدە ئۇنىڭدىكى ھېچنىمىدىن تارتىنمايدىغان، ھېيىقمايدىغان خاسلىقنى ئىسپاتلىدى. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر، تىلدىكى خاسلىقتا لى بەيگە يېتىدىغان شائىر كۆپ ئەمەس، دەپ قارايدۇ. == '''مۈشكۈل يول''' == كۆرۈنەر بۇ چوڭ كوچا گۇياكى كۆك ئاسمانسىمان، چىققىلى تەنھا ئۆزۈم جۈرئەت قىلالمايمەن ھامان. ماڭا نۇمۇس ئەگىتىش چاڭئەندە بىر توپ كىشىنى، ئىت، تۇخۇ سوقۇشتۇرۇپ، ئويناپ قىمار، ئالماق ھايان. خەنجىرىم چېكىپ تۇرۇپ ھەسرەتتە كۈيمەيلەن بۇدەم، خانغا خۇشامەت قىلىشتىن پايدا يوقتۇر ھېچقاچان. قىلىدۇ خەنشىڭنى زاڭلىق شەھرى خۇۋەييىڭ ئادىمى، خەن سۇلالە بەگلىرى جاشىڭنى بەك كۆرگەن يامان. بارمۇ يادىڭدا كۇگۇينى يەن بېگى ئىززەتلىگەن، كۆرسىتىپ ھۆرمەت ئۇلارغا، قىلمىغان ئەسلا گۇمان. شەپقىتى، مېھرىگە جۇي شىن ھەم لۇيى مەمنۇن بولۇپ، بارچە كۈچ ۋە ئەقلىنى جۇۋۋاڭ ئۈچۈن بېغىشلىغان. بۈككىدە گۈللەر، گىياھلار باستى جۇۋۋاڭ قەبرىنى، ئاشۇ خۇاڭجىنتەينى ئاۋات ئەيلىگەي كىممۇ بۇئان. شۇ قەدەر مۈشكۈل – جاپالىق ماڭغىلى بۇ يول بىلەن، بارىدۇ ئۆتكۈنچىلەر تىنماي ئۆتۈپ ئۇيان – بۇيان. == '''كېمىچىلەر ناخشىسى''' == كېمىچىلار بارىدۇ يۈنياڭدا سۆرەپ كېمىنى، سودىگەرلەر قاپلىغان دەريا بۇيى ھەر يېقىنى. چىدىيالماستىن ئىسسىققا قىينىلار سۇ كالىسى، كېمە سۆرەش بەك ئازابلار كېمىچىلەر جېنىنى. بۇلغىنىپ كەتكەچكە دەريا سۈيى بولماس ئىچكىلى، ئالسا چۆگۈنگە ئىگىلەر توپا – چاي يېرىمىنى. كېمە سۆرەش ناخشىسىنى كېمىچىلەر كۈيلىسە، دىلدا ھەسرەت ئاققۇزار يامغۇرغا ئوخشاش يېشىنى. بۇندا ئون مىڭلاپ كىشى چۇقۇيدۇ تاشلارنى يۇنۇپ، تەس مېڭىشقا، قاپلىغاچقا تاشلار دەريا قېشىنى. كىم ئەگەر بۇ بىپايان تاشلىققا بىر سالسا نەزەر، ياش تۆكەر ئۆرتەپ ئېغىر ھەسرەت – نادامەت دىلىنى. == '''دەيتيەنشەن تېغىدىكى راھىبنى زىيارەت قىلغاندا''' == — بۇ شېئىرنى لى بەي 20 ياشقا كىرمىگەندەك يازغان. دەيتيەنشەن(يەنە بىر ئىسمى داكاڭشەن) تېشى جىڭجۇ چاڭلۇڭ ناھىيەسىنىڭ غەربىدە بولۇپ، لى بەي تاغدىكى دامىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئۇقۇغان. بولسا جۈر بۇلاق ئۈنىگە ھاۋشىغان ئىتنىڭ ئۈنى، بەرگى شاپتۇلدا جۇلا قىلغان قۇيۇق شەبنەم سۈيى. بۈككىدە ئورماندا گاھى كۆرۈنەر بۇغا – مارال، جىلغىدا چېلىنسىمۇ ئاڭلانمىغاي داڭنىڭ ئۈنى. ياۋا بامبۇك شاخلىرى گۇيا يېشىل بۇلۇت – تۇمان، ئاقسا زۇمرەت چۇققىلاردىن چەشمىلەر ئوقيا كەبى. بىلمىگەي كىرگەن كىشى قايغا قەدەم باسماقىنى، دىلدىكى غەم – قايغۇنى كەتكەن ئېلىپ قارىغاي بۇيى. == '''جىنلىڭ مەيخانىسىدا جۇدالىشىش''' == — بۇ شېئىرنى لى بەي جىنلىڭ (ھازىرقى نەنجىڭ)دىن كېتىش ۋاقتىدا ياش دوستلىرىغا بېغىشلاپ يازغان. مەي قاۋاقنى خۇشپۇراق قىلدى سۆگەتتىن گۈل تاراپ، قىزى مېھمانغا سۇندى ئوتتا قاقلانغان شاراپ. كەلدى جىنلىڭ ياشلىرى مېنى ئوزاتماققا بۈگۈن، ئايرىلىش تەس جام تۇتۇپ تۇرغاندا دىلدارلار قاراپ تاشلىسام شەرققە قاراپ ئاققان ئېقىنغا مەن سوئال، بەردى ھىجران سەزگۈسى ھەركىمگە ئوخشاش داپ جاۋاب. == '''دەريادىن ئۆتۈش''' == سۇغا كەلسەم ئۆتكىلى چىقتى كېچىكچى يول توراپ، قىلدى ئىما شەرق دېڭىز بۇلۇت ھاۋاسىغا قاراپ. «نەۋجۇۋان، دەريادىن ئۆتمەككە بۈگۈن ھاجەت نېمە؟ بۇ بوران – دولقۇن ئارا ئۆتمەيلى سۇدىن ئالدىراپ!» == '''تۈندە قۇشنىڭ بالىسى''' == — بۇ شېئىرنى جىڭچۈەنلىك ئايالنىڭ ئۆز يولدىشىنى سېغىنىپ چەككەن دىل ئازابلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يازغان. بۇ لى بەينىڭ چاڭئەندە يېزىلغان شېئىرى ئىدى. خۇاڭيۈن شەھرى سىرتىدا قۇش تەلپۈنەر قونماق بولۇپ، سايرىشار قايتقان بۇ قۇشلار شاخ ئارا خۇشۋاق بولۇپ. كىمخاب دۇكاندا تۇقۇيدۇ رەختنى جىڭچۈەنلىك جۇۋان، توختىدى ئۇرچۇق قولىدا تىترىگەچ ياپراق بولۇپ. خۇشنا پەنجىرنىڭ ساداسى ئەسكە سالغاچ يارىنى، ئاقتى تەنھا ھۇجرىدا كۆزدىن يېشى مۇنچاق بولۇپ. == '''فېي تۇنىيەننى سۇڭشەن تېغىغا ئوزىتىش''' == — بۇ شېئىر مىلاسىيە 744- يىلى يېزىلغان. ئوزىتىپ چىققاندا مەن بولماق ئۈچۈن سىزدىن جۇدا، چىنچىمىن دەرۋازىسىغا ھەم كېلىپ قالدۇق مانا. ئىما قىپ ئۇيغۇر قىزى مەي ئىچكىلى تەكلىپ قىلۇر، جىلۋە  ئەيلەر مەي - شاراپ قولىدىكى زور جامىدا. سىز ئۆزەڭگە دەسسىمەككە شۇنداق تەمشەلگەن چېغى، ھەزرىتىم تەنھا دېيىشتۇق دىل سۆزىنى خالىدا: «سۇندۇرۇپ رەيھان شېخىنى قىلدى  پايمال جۇت – بوران، قاغا – قوزغۇن ھۇۋلىغار ئىشرەتتە تۈن دەرگاھىدا.» قول سۇزۇپ قىلدۇق ئىشارەت كۆكتىكى تورنىغا بىز، دىل پۇغانىن تىلدا ئايان ئەيلىمەك مۈشكۈل يانا. ئاقىۋەت قىسمەت نەسىب، بىزلەرگە بالدۇر ياكى كېيىن، پاكلىنۇر يىڭ شۈي سۈيى يەتكەندە مەنزىل چاغىغا. '''رەخىم قاسىم، ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن تەرجىمىسى''' im467l8yhrp90kp13wl4vp3zl0h555x ئون شېئىر 0 24011 176644 174483 2026-10-18T21:45:23Z UyghurArchive 25219 176644 wikitext text/x-wiki '''<big>ئون شېئىر</big>''' ئالېكساندرې (ئىسپانىيە) ۋىسېنتې ئالېكساندرې مېرلو(1898-1984) ئىسپانىيەنىڭ مەشھۇر شائىرى. 1928- يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «ئىزنا» نەشر قىلىنغان. 1933- يىلى «تارمار ۋە مۇھەببەت» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئىسپانىيە خان جەمەتى ئاكادېمىيەسى تارقاتقان دۆلەتلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى ئۇ مادىرىدتا نېرۇدا بىلەن بىرگە «شېئىر ۋە يېشىل ئات» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلىپ، ئىسپانىيە شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينىغان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، يۇرتىغا قايتىپ داۋالانغانلىقى ئۈچۈن، سىياسىي كۈرەشلەرگە قاتنىشالمىغان. 1950- يىلى ئىسپانىيە خان جەمەتى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ئۇنىڭ 1932- يىلى نەشر قىلىنغان «كالپۇكسىمان خەنجەر» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى شېئىرلار ھالقىما رېئالىزملىق ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا شائىرنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرى ۋە ئۈمىدسىزلىكى لىرىك ھالدا ئىپادىلەنگەن. 1944- يىلى نەشر قىلىنغان «گۈزەللىكنىڭ سايىسى»دا سەھرا مەنزىرىلىرى ۋە ئاپتورنىڭ تىنچلىق، غەمكىنلىك ئىچىدىكى تۇيغۇلىرى تەسۋىرلەنگەن؛ 1954- يىلى «قەلب تارىخى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى رېئاللىققا، تارىخىي تېمىلار ۋە پەلسەپىۋىلىك چوڭقۇرلۇققا يۈزلەنگەن. 1977- يىلى ئۇ «ئەسەرلىرىدە ئىسپانىيە لىرىك شېئىرىيەت ئەنئەنىسى بىلەن مودېرنىزملىق ئىپادىلەش ئۇسلۇبلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئالەم ۋە ھازىرقى جەئىيەتتىكى ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن»لىكى ئۈچۈن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. '''ئالېكساندرېنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن سۆزىدىن پارچىلار''' يالغۇزلۇق— ئىجادىي ئويلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى. يالغۇزلۇق ۋە ئىجادىي ئويلىنىش مېنى يېڭى تۇيغۇ، ئاجايىپ ئىستەك بىلەن تارتۇقلىدى. مېنى ئىنسانىيەتنىڭ يىراق كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۈندىدى. شۇ چاغلاردىن باشلاپ مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ: «شېئىر— تىل ئالاقىسى» دەپ چۇقان سالىدىغان بولدۇم. شېئىر شائىردىن تىنماي ئىزدىنىشنى كۈتىدۇ. ھەربىر شېئىر— بىر تەلەپ، بىر ئىلتىجا ۋە بىر سوراق. بەزىدە ئۇ سۈكۈتتىن ئۆزگە جاۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ. بىراق ئۇ مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ. ئاي – يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىتابخانلار ئۇنىڭ جاۋابىنى تاپالايدۇ. شېئىر— مۇقەددەس دىيالوگ، شائىر— سوئال قويىدۇ، كىتابخان ئۇنىڭغا ئۈن-تىنسىز جاۋاب بېرىدۇ. ھەرقانداق يازغۇچى ئەنئەنە ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. شۆبھىسىزكى، بولۇپمۇ شېئىرىيەت ۋە سەنئەت ئەزەلدىن تارتىپلا ئەنئەنە ئاساسىدا راۋاجىلىنىپ كەلگەن. بۇ خىل ئەنئەنىۋىلىك ئىچىدە ھەربىر يازغۇچى گۈزەللىكنىڭ ئوخشىمىغان ئىپادىلىنىش جەريانلىرىنىڭ بىرەر باسقۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شائىر زور ئىستېدات  بىلەن شېئىرىيەت بوسۇغىسىدىن ئاتلىشى كېرەك. بىراق، ئۇ سەنئەتكە پايدىسىز شارائىتتا ئۆسۈپ – يېتىلسە، شائىرانە تالانتىنى يېتەرلىك نامايان قىلالمايدۇ. ئەمما، ئىشىنىمەنكى، تالانتى يېتەرسىز شائىر تەلىيىگە يارىشا بىر خىل قايناق، ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان مۇھىتتا ئۆسۈپ – يېتىلسە، ئۇ قالتىس رول ئېلىپ چىقالايدۇ. == '''قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز''' == قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ قۇيرۇقى غەمناك، بولسا گەر ئۇنىڭدەك ئويچان يۇلتۇزلار. تېخىمۇ قىسقىدۇر ئۆمرى ئېھتىمال، ئۇ قاچتى، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا ئوخشاش، بەئەينى بالىلىق مەزگىلىدىكى، خاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى تىمسال.[1] بىر بالا تەلمۈرۈپ ئۆتمەكتە، ئىشەن، كۆردى قۇيرۇقلۇقلارنى ئۇزۇندىن - ئۇزۇن. كۆردى ئۇ بىر بالا كۆككە ئۇچۇرغان لەگلەك قۇيرۇقىنى، تەلمۈرۈپ شۇئان. بىراق، چوڭ بولغانلار قىلىدۇ گۇمان. ئۇلارنىڭ كۆزىگە كۆرۈنەر ئاسمان، ھەم قالدۇق نۇرلارمۇ بولغۇسى ئايان. تەبەسسۇم ئەيلەپلا قويىدۇ خالاس. قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا ئىشەنمەس ھامان. كېيىنچە، ئۇ ئاندىن ئىشىنەر پەقەت، كۆزىگە كۆرۈنگەن چاغدا شولىلار، ئاپئاق چاچلىرىدىن زۇلمەتنى بايقار. ئۇ ئاندىن ئىشىنەر، گۇمانلار يوقار. ئەمادۇر بەرىبىر ھەممە ئەمالار، ئۇ ئاندىن ئىشىنەر، ئىزدەنگىنىگە، كېپەنلەر ئىچىدە تاپقاندا قارار. بالىلار ۋە چوڭلار ئۆتۈشەر شۇنداق، چوڭلار گۇمانلىنار. بوۋايلار بىلەر. پەقەت بالىلارغا تونۇش ئۇ ھامان. بىر تىرىك قۇيرۇقنىڭ يۈگرەشلىرىگە، خالايىق تاشلىنىپ يۈرمەكتە نەزەر. ______ [1] خاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى ھەر 76 يىلدا بىر قېتىم كۆرگىلى بولىدۇ. == '''باردۇر سەندە قاپقارا بىر كۆز''' == باردۇر سەندە قاپقارا بىر كۆز، كۆز ئۇ يەردە پىلدىرلاپ چاقناپ. قاراڭغۇنى بىزگە كۆرسىتەر، زۇلمەتلىرىڭ چەكسىز نەقەدەر، گۇمانلىرىم تەمسىز – بىمەززە. ئۆزۈم تەنھا تەلمۈرمەكتىمەن. يورۇقلۇقنىڭ تەكتىگە، ئىشەن. يېگانىسەن، مەۋجۇتسەن چۈنكى. قارىغۇلارچە ئېتىقاد بىلەن، ھايات ئىكەن مەۋجۇتلۇق - بارلىق. كەلمەكتىسەن يېقىنلاپ پىنھان. كۆزلىرىمدە بولىدۇ ئايان. تېخىمۇ كۆپ يورۇقلۇق شۇ ئان، بىھاجەتتۇر قارىماق، ئۇلار— كۆزلىرىدىن نۇر چاچسا ھەر يان. نۇر چاچمايدۇ بىلگەچكە ئۇلار، تونىماقمۇ بىلمەكلىك؟ سېنى— تونىمايمەن، بىلىمەن بىراق. مەن بىلمەن: كۆزلىرىڭ ئوچۇق، نەپەس ئېلىپ تۇرىسەن ھەر ۋاق. گۇمان، گۇمان...؟         گۇمانخۇرلار بار. ھەقراست، ھەقراست ئۆلۈملا زىنھار. == '''خوشلىشش''' == ۋۇجۇدۇڭ تېخىچە تاتلىق رەۋىشتە، بەخىت دېڭىزدا باقمىدى ئېقىپ، ئىشقىڭ— نۇر، سەن ئاڭا بەرمەكچى ئارام، ۋە ئوتلۇق رېشتىمگە قويماقچى چېتىپ. جىلغا ۋە مانان. بار شۇ مۇھەببەت.... جىمجىتلىق ئىچىدە ئاقىدۇ بۇلاق. گۇڭگا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە، ئاستا— نۇ چاچار ئازابلىق سۆيۈشلەر ئۇزاق. ئېھ، بەخت، قارىماققا ئۇزاقسەن— باقى: بىراق روھىم ئۈچۈن، يېڭى بىر زامان تۇيۇقسىز بالقىدى قىرغاقتا شۇئان. ھىس قىلدىم ھەممىنى: يىراقتىكى نۇر، ئايرىلىش ياشلىرى، سوغۇق كېچىلەر... خاپىغان چىرايدىن تاڭلا يوق ئەسەر. == '''ھاياتىنى ئەسلىگەن شائىر''' == ياشاش، ئۇخلاش، ئۆلۈش... ئېھتىمال چۈشتۇر. —«ھامىلىت»تىن ئۇخلاپ قالدىم. ئەپۇ قىل مېنى، ئۆلۈش ئەمەس ياشىماق. كىشلەرگە ئارام بەر، ئارام. سۆزلەش ئەمەس ياشاشتىن مەنا كىشلەرگە ئايان سۆزلەرنى. تىرىكلىك سۆزدىمۇ؟ سۆزلەر يوقىلار. ئېيىتماققا چىرايلىق، ئۆمرى ئاز بىراق. سۈزۈك كېچە دەل مانا شۇنداق. كۈندۈز كەلسە، تاڭ ئاتسا ياكى تىترەتكەنچە تارقىتار ئۆتمۈش ئەڭ ئاخىرقى بىر دەستە نۇرنى، يۈزلىرىڭگە چاچار ئېھتىمال. تال-تال نۇرلار ئىچىدە كۆز يۇم. پات ئۇيقۇغا. كېچىلەر ئۇزاق، ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق. == '''جىمجىتلىق''' == ياش تۆككەنگە نەم بولماس گۈلزار. ئېھ ناخشىلار، قۇشلار ۋە پەيلەر. بۇ بىر چۈشسىز لىرىك يېشىل قول. ئوماققىنا ئويماق ئېغىزلار. ئاڭلىمىدىم كۈيلەرنى زىنھار. مەنزىرىلەر قىلار تەبەسسۇم، لەۋلەر لەۋگە بېرىدۇ سۆيۈم. كۆلەڭگىلەر ئىچىدە ئورمان چېچىۋىتىپ سادانى ھەريان، سۈكۈناتقا چۆمىدۇ شۇئان. تۇمانلارغا نىگاھلار تاشلاپ قېتىپ قالغان ئاق كۈمۈش شۇ تاپ، تەنھا ئاققان لىرىك ئېقىننى، سۆيمەكتە ئۇ لېۋىنى يېقىپ. ئەگىز، دىل يا كۈل بولغان جەسەت، سۆيۈشلەرنىڭ بىشارەتلىرى، ئاھ، قۇپقۇرۇق بوشلۇق بۇ پەقەت! قۇم، نۇر ياكى كۆلەڭگە ئۈزرە تىۋىش بېرىپ ئۆتسە گەر ئاياغ، ئاڭلىيالماس قۇلقىم بىراق. == '''ئۆلۈپ كەتكەن بىر قىزغا''' == ئېيتقىن، ئېيتقىن، ماڭا تۇنجى يۈرەك سىرىڭنى، ئېيتقىن ماڭا يەر يۇتقان شۇ سىرىڭنى قىزچاق. بىلمەكچىمەن، نىچۈن ھازىر بولۇپ قالدىڭ سۇ، بۇژغۇنلاردا يۇيۇنماقتا، ئەي يېڭى قىرغاق، سېنى كەزگەن قانچىلىغان يالاڭ ئاياق. ئېيتقىن، نىچۈن چۇۋۇلغان شۇ سۇمبۇل چېچىڭغا، يېلىنجىغان قۇۋناق قۇياش قونماقتا پەسلەپ؛ ئاڭا قونداق ھەم سۆيۈلگەن خۇش ھىدلىق ئوتلاق، ئۆتەر سېنى قۇياش شۇدەم سىپاپ-پەپىلەپ، شامال سىپار گويا بىر قول، بىر قۇشنى شۇنداق. ئېيتقىن ماڭا، نىچۈن قەلبىڭ كەبى ئورمانچاق يەردە تۇرۇپ كۈتەر شۇئان بىر قۇشنى ئۇزاق، قۇش كېلەلمەس ئورمانچاققا ئۇچۇپمۇ بىراق، كۆز ئالدىڭدىن ئۆتتى كۈيلەر جىمغنىە شۇدەم، بەخش ئەيلەپ، چۈشلىرىڭگە ئۆزگەرگەن سىياق. بېغىشلانغىن ئۆلگەن ياكى تىرىك بىر تەنگە، يەر يۇتقان شۇ پەرىزاتقا بېغىشلاپ كۈيلەر! تاش رەڭگىنى كۈيلە، سۆيگىن لەۋلىرىمگە ھەم. كۈيلە-كۈيلە چاققانلاردەك ئۇيقۇغا پاتقان، ياكى نەپەس ئېلىۋاتقان چاتقاللار سىمان. بۇ زىلۋا بەل، بۇ مىسكىن بىر ئىچى تار كۆڭلەك، بۇ جەۋلانباز ئۆرۈمە چاچ، كۆرمىگەن شامال. بۇ بىر جۈپ كۆز جىمجىتقىنە لۆمۈلدەر شۇئان، پىل چىشىدەك چىشلاردۇر بۇ مەرۋايىتسىمان، بۇ ئوتلارنى تەۋرىتەلمەس مەيىن بىر شامال... بۇلۇتلاردەك تەۋرىنەرسەن شادىمان ئاسمان، قەھ-قەھ ئۇرۇپ كۈلمەكتىسەن، بەختىيار ئەي، قۇش، زىلال بۇلاق ئېقىپ ئۆتەر شىلدىرلاپ شۇئان، قوشۇلۇپ ئۇ ئاي نۇرىغا سېنى چىرمىغان. يۇمشاق ئوتنى دەسسەپ ئۆتەر سۆيۈلگەن تاپان. == '''كۈيلە قۇشلار''' == - مارىيە تىرېسا پېرىۋېتقا بېغىشلايمەن ئەي قۇشلار، پاك پەيلىرىڭ سۆيۈشلىرى پەرىشان خاتىرەمنى سىپىيالماس. كۆكسۈڭدىن تىترەپ چىققان تىۋىشلاردىن، ئاياندۇر پاك ھىسلىرىڭ، ئەييۇھەنناس! مەن ئۈچۈن كۈيلە، كۈيلە، پارقىراق قۇش، يىلىنجاق ئورمانلارغا چىللاپ شادلىق، نۇرلارنىڭ كەيپىنىمۇ قوزغىدىڭلار، سوزۇلۇپ ئاسمانسېرى يالقۇن مىسال. مەن ئۈچۈن كۈيلە، ھەر كۈن تۇغۇلغان قۇش، «كۆڭۈللۈك پانى» دىگەي چىللاشلىرىڭ: بۇلانغان روھىمنى ئال. كۈيلە، كۈيلە، ئۇچە — ئۇچ،            قايتىپ چۈشمە يەرگە يەنە... == '''تىز پۈكمەس قەلئە''' == - ئىسپانىيەتدىكى قەدىمىي قەلئە— نورمانسىيا خارابىسگە بېغىشلايمەن 1 ئۆلگەن قەلئەدە بار تىرىك توزان، يەر يۈزىنى سۈپۈرمەكتە قەھرىتان. 2 ئېھ، قەلئە سۈكۈتكە غەرق بولغان ئەجەپ! بۇلۇتقا تاقاشقان ئۆيلەر ئىگىزلەپ. 3 يوقالغان بەھەيۋەت تۈۋرۈكلەر ئارا ياتماقتا غايىپ، پاك ئاشىق- مەشۇقلار. 4 ئەسكەرلەردىن قىپقالغان پەقەت قىلىچلارنىڭ جاراڭ – جۇرىڭى، ئاق كېچىدە بىر كۈي بار ئەبەت. 5 ئەي قىز، تېخى ئۇخلاۋاتامسەن؟ ياق، يۈتمىدى تېخى ھېچنىمە. ئوي ئويلايسەن پەقەت ۋە پەقەت، كۆكەرمەكتە كۆزلىرىڭ ئەنە. 6 ئاھ، شۇ مۇتلەق ئېغىر دەرت –ئەلەم. مەڭگۈلۈك تاغ ئۆزرە كاتتا بىر قەلئە. 7 پاك تاشلار ئوخشىماس تاشقىمۇ گويا. قارشىلىق كۆرۈسىتىپ، قەد كىرىپ تۇرغان، مەردانە نۇرمانسىيا! == '''سوۋغاتلىق بۆسە''' == بىز شۇنداق جىمغىنە، يەنىلا لەۋلىرىم لېۋىڭگە جۈپلەشكەن، تۇرماقتىمەن يار سېنى سۆيۈپ، ئۆتمەكتىمەن ھاياتنى چىللاپ، شۇ تەرىقە ئېھتىمال بەرگىلى بولار ساڭا تەكرار جان. سىرلىق ھايات دەل شۇ سۆيۈشتە، بۇ سۆيۈشتە جان بار ئۆلمەس نۇر، بۇ سۆيۈشتە بىزلەر يوق بىراق، بۇ سۆيۈشنىڭ كۆلەڭگۈسى بىز ئاخىر، بىز يوقۇلۇپ كەتسەكمۇ ئەگەر ئۇ يەنىلا مۇستەقىل بىر تەن، مەڭگۈ ئۆلمەس سۈرىدۇ دەۋران! == '''تۇرمۇش مەيداندا''' == نۇر ئىچرە قېتىلدىم ئادەملەرگە مەن، نەقەدەر ئۆم ئۇلار، گۈزەل ۋە ھەيۋەت، ئۇرغۇدى قەلبىمدە ئىشەنچ ۋە غەيرەت، كىشىلەر توپىدىن قوشۇنغا كىردىم، بەردى بۇ توپ ماڭا ئىلھام ۋە رىغبەت: ئادەملەر دېڭىزى خوشاللىقىغا— جۆر بولۇپ باستىم مەن ئالغا نەچچە رەت. بىئەپتۇر ساھىلدا قالماقلىق تەنھا، غېرىبسەن، يىگانە توسمىدەك گويا، بوشاشماي تاش قاپچۇق ئىچىگە مۆككەن، تاشلارغا تەققاس قىپ سۈكۈتكە چۆككەن، ئەۋرىشىم قۇرۇتسەن ھەرىكەتسىز ئۆتكەن. جىمغىنە ئۆزۈڭنى تاشلا قوينىغا بەرق ئۇرغان بەختىڭ، غەرق بول غەرق! ئۇ ئىگىز بىنادا تۇرىدۇ گويا ۋە لېكىن بىلمەيدۇ ئۇ قانچە قەۋەت، چۈشەر پەلەمپەيدىن تۇتقۇچنى تۇتۇپ، ئۇ چۈشەر، ئۆزىنى مەردانە سۈپەت كىشلەر توپىغا تاشلايدۇ شۇئان. ئادەملەر ئېقىنى ئۆتمەكتە لەرزان ۋە لېكىن يۈرىكى بولسىمۇ يارا بەرىبىر ھەممىسى ئۇنىڭغا ئايان. ئۇ يەردە كىم بۇنى ئېتىدۇ پەرق؟ يۈرىكى تولغانچە ئۈمىد - ئىشەنچكە. قەتئىيلىك، ساپ نىيەت، ئاق كۆڭۈللۈككە ھەم ئىشەنچكە چۇلغاندى ۋۇجۇدى دائىىم، يەنىلا ئۇ شۇنداق كەمسۆز مۇلايىم. مەيدان كەڭ— پايانسىز، تۇرىدۇ ئۇندا خىلمۇخىل جاندارلار ئالغانچە نەپەس. نەپەسلەر كۈتمەكتە مەشرىقتىن قۇياش، ۋە كۈچلۇك شامالغا ئورالدى تۇتاش. بېشىمنى سىلىدى قولىدا شامال، ئۆتمەكتە ئۇ توپ-توپ ماڭلاينى سىپاپ ۋە ئىلھام بەرمەكتە ھەممىگە شۇتاپ. ئادەملەر قىمىرلار ئىرماش ۋە چىرماش يىغىلار زىچ، گويا بىرلا ئادەمدەك؛ ئېيتقىلى بولماس ئۇ ئاجىزمۇ-قەيسەر؟ ئۇ مەۋجۇت، كۆرۈنەر سەزگۇ كۆزىگە، ئۇ تۇرار ئۆرۈلۈپ، زېمىنغا- يەرگە. ئۆزىنى، توپ ئىچرە تۇرغان ھەر ئادەم، كۆرەلەر،       ياندۇرار           تونۇيالار ھەم. قايناق چۈش، مۆكتۈڭ سەن بالىخانىغا، كۆزۈڭدە ھەيرانلىق گۇمانىي سۇئال- ئېسىلىپ تۇرىدۇ جاۋغايلىرىڭغا، سايەڭگە قارايسەن ئۆزۈڭنى بەزلەپ، شۇ گۈزەل سايەڭنى يۈرەرسەن ئىزلەپ. سايەڭگە كۆز تاشلاپ بەزلىمە زىنھار، ھەرگىز قايتىلانماس ئۆتۈپ كەتكەنلەر، توپقا كىر، چۈشۈپ سەن بالىخاندىن، ئۇ يەردە بار ھەممە، سەنمۇ چۈشسەڭ گەر— سىڭىپلا كېتەرسەن ئۆزدەكلا شۇ دەم، توپ ئىچرە تاۋالانغىن يالىڭاچ سىياق، ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال يېڭى باشتىن ھەم. يېڭىدىن ئۈگەنسەڭ سۇ ئۈزۈشنى گەر، تەمتىرەپ قالارسەن، قىينار تەشۋىشلەر، بىراق ئۈمىدلىنىپ باراسەن سۇغا، پۇتۇڭنى تىقارسەن دولقۇنلىرىغا، سېزەرسەن سۇ بىردىن ئۆرلەپ كەتكەندەك، بىراق، غەيرىتىڭمۇ ئاشىدۇ بىردەك، ئاخىر قەتئىيەت بولىدۇ پەيدا. بەلگىمۇ چىقمايدۇ سۇ تېخى ھازىر، مۇستەھكەم ئەمەستۇر ئىشەنچمۇ تېخى، ياي بىر جۈپ قولۇڭنى، كىرىپ كەت سۇغا، كۆرسىتىپ قەيسەر ۋە باتۇرلۇقۇڭنى، دولقۇنلار چالغىتىپ ئالغا قاراپ ئۈز، ئىشەنج ۋە شادلىققا بولۇپ ھەمنەپەس، سۇلارغا شۇڭغۇپ كىر غەرق بول چۆكۈپ، دولقۇنغا قوشۇلسۇن يۈرەك سوقۇشۇڭ، ھىس قىلىپ ھەسسىلەپ ياشارغىنىڭنى، كۈيلە ئۈز، كۈيلە ئۈز، ئۈزۈپ كەت كۈيلەپ. شۇنداق قىل، يالىڭاچ بىر جۈپ پۇتۇڭنى تىق قايناق تۇرمۇشقا، تاشلا مەيدانغا. ئۇندا چوڭ قەدەملەر چىللايدۇ سېنى شىددەتلىك ئېقىنغا قەدەمداش بول دەپ. زەخىمناك ۋە كىچىك يۈرىكىڭ سېنىڭ ۋە ئۇنىڭ سوقۇشى چىقارغان رېتىم ئۈمىدتە يۈگۈرسۇن تاپماستىن تىنىم. كىشىلەر توپىدا بىرلىكتە سوققان غايەت زور يۈرەككە ئەگەشسۇن يۈگرەپ! (باتۇر روزى تەرجىمىسى) [[تۈر: ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر: باتۇر روزى]] qf3ia6lybky9xdmhq3o4pnre99qo41k پۇشكىن شېئىرلىرىدىن يەتتە پارچە 0 24012 176648 174481 2026-10-18T21:50:33Z UyghurArchive 25219 176648 wikitext text/x-wiki '''<big>پۇشكىن شېئىرلىرىدىن يەتتە پارچە</big>''' == '''مەن سېنى سۆيەتتىم، سۆيەتتىم ئەمما...''' == مەن سېنى سۆيەتتىم، سۆيەتتىم ئەمما، ئاشىقلىق قەلبىمنى قىلمايتتىم ئىزھار. مەن ئۇنىڭ دەردىنى تارتاتتىم تەنھا، ئالدىڭدا تەن ئالغۇم كەلمەيتتى زىنھار... مەن سېنى سۆيەتتىم ئۈنسىز، ئۈمىتسىز، گاھىدا تارتىنىپ، گاھى قىزغىنىپ. خالىسا ئەمدى كىم سۆيسۇن مەن كەبى، سەمىمىي يۈرەكتىن چەكسىز ئىنتىلىپ. == '''گۈل''' == كىتابنى ئاچتىم-دە چۈشتى نەزىرىم، ئۇنتۇلغان پۇراقسىز، قۇرىغان گۈلگە. پەرىشان تەلمۈرۈپ قالدىم بۇ پەيىتتە، غەلىتە خىياللار تولدى كۆڭۈلگە. كىم ئۈزگەن گۈلدۈر بۇ، بولغانمۇ ئۇزاق، ئىچىلغان قەيەردە، قايسى باھاردا. ئۈزگەن قول تونۇشمۇ ياكى ناتونۇش، نىمىشقا قويدىكى ئۇنى بۇ جايدا. ئۇ ئىللىق ۋىسالنىڭ خاتىرىسىمۇ، ياكى يادىكار سوغۇق ھېجراننىڭ؟ يا جىمجىت سەھرادا بولغان بىر سەيلە، ياكى ئەستىلىگى سوغۇق ئورماننىڭ. ھىلىمۇ تىرىكمۇ يىگىت بىلەن قىز، ماكانى بارمىدۇ ياشاپ يۈرگىدەك. شۇ پەيىتتە قەيەردە ياكى سۇلدىمۇ، مانا شۇ بەرگىسىز قورۇلغان گۈلدەك؟!! == '''قىش ئاخشىمى''' == بوران، قارلىق قۇيۇن ئاسماننى تۇمان كەبى قاپلايدۇ پۈتۈن. دەم ھايۋاندەك ھۆركىرەپ ئۆتەر. دەم بۇۋاقتەك يىغلاڭغۇ بىر ئۈن. دەم گۆركىرەپ كونا ئۆگزىدىن، شاراقشىتىپ تارتىدۇ پاخال. دەم كەچ قالغان يولۇچى كەبى دېرىزىنى قاقىدۇ دەرھال. كىچىككىنە كونا ئۆيىمىز، ھەم زۇلمەتتە ھەم سۇغۇق، غەمكىن، دېرىزىنىڭ ئالدىدا مۇما، تۇرۇپسەنغۇ ئۈنسىز ۋە تەمكىن؟ چارچىتىشى تىنماس بۇراننىڭ، كەلتۈردىمۇ سېنى بۇ ھالغا؟ غىچىلدىشى ياكى چاقىنىڭ سېلىپ قويدى سېنى خىيالغا؟ كەل ئىچەيلى قەدىردان مۇما، ياشلىقىمنىڭ دوستى پاناھى. قەدەھ قېنى ئىچەيلى بىللە، تاراپ كەتسۇن يۈرەكنىڭ ئاھى. كۈيلەپ بەرگىن ماڭا تاغ قۇشى، ياشار قانداق دېڭىز كەينىدە؟ كۈيلەپ بەرگىن جانان قىز قانداق سۇغا كېلەر سەھەر پەيتىدە؟ بوران قارلىق قۇيۇن ئاسماننى، تۇمان كەبى قاپلايدۇ پۈتۈن. دەم ھايۋاندەك ھۆركىرەپ ئۆتەر، دەم بۇۋاقتەك يىغلاڭغۇ بىر ئۈن. كەل ئىچەيلى مېھرىبان مۇما، ياشلىقىمنىڭ دوستى پاناھى. قەدەھ قېنى؟ ئىچەيلى بىللە تاراپ كەتسۇن يۈرەكنىڭ ئاھى. (قۇربان بارات تەرجىمىسى) == '''ئاي نۇرى''' == يىگانە ئاي چىقارسەن نىچۈن، بۇلۇتلارنىڭ قېتىدىن ئۈزۈپ. سۇس ۋە سوغۇق نۇرلىرىڭىنى ھەم، دەرىزەمگە تۇرىسەن تۆكۈپ؟ كۆرگىنىمدە مىسكىن چېھرىڭىنى، ئاچچىق چۈشلەر بولىدۇ ئايان. مۇھەببەتنىڭ شىرىن ئازابى، ھەمدە مەغرۇر يەنچىلىگەن ئارمان. ئەسلىمىلەر ئۇچۇپ كەت يىراق، بەخىتسىز سۆيگۈ ئۇخلاپ قال، ئۇخلاپ! ئاھ! بۇ تۈنلەر كەلمەسكە كەتكەن، يانالمايسەن ئاي سىرلىق چاقناپ. چۆمۈلگەندە قاراڭغۇ ئورمان، يارقىن تىنچ نۇرلىرىڭ ئىچرە. يورۇتقانتىڭ كۈچسىز، ئۈمىدسىز، نىگارىمنىڭ قەددىنى خىرە. قەيەردىسەن پاك، سۆيگۈ بەخىت، مۆكۈۋالغان گۈزەل خۇش دەملەر؟ كېلەرمىدۇ شادلىقىم قايتىپ، قەيەردىسەن بەڭباش ھەۋەسلەر؟ ئېھ، شۇ دەملەر نىمىشقا ئۆچۈپ، ئۆتۈپ كەتتىڭ كۆرۈنۈپ غىل - پال؟ تاڭ ئالدىدا قىزىرىپ شەپەق، يوقالغاندا تىزدىن شۇ زاۋال؟ ئاي نېمىشقا كېتەرسەن يوقاپ؟ نۇرلۇق كۆككە چۆككەنچە شۇ تاپ؟ تاڭ ئۇپۇقتا بالقىيدۇ نىچۈك؟ ئايرىلىمىز نىچۈك ئەي نىگار، چېكىپ ھەسرەت، كۆزلەرنى ياشلاپ؟! == '''رەھمىم كەلمەس''' == رەھىمىم كەلمەس ساڭا گۈلگۈن ياشلىقىم، شۇ ئۈمىدسىز ئىشقى ھېسلار ئېپ كەتكەن. رەھىمىم كەلمەس ساڭا سىرلىق تۈنلەر ئاھ، بولساڭمۇ سەن مېنى ھەررەڭ كۈيلەتكەن! كەچۇرمەيمەن سېنى بىئار شاللاق قىز، كۆچمەن قەدەھ بەزمىلەرنىڭ گۈلتاجى. كەچۇرمەيمەن بولۇپ قالدىم سوغۇققان، يوق ئويۇننىڭ شاد ئېتىشكە ئىلاجى! قەيەردىسەن بەڭباشلىقتا ئۆتكەن دەم، ساددا ئىستەك سۈكۈناتى دىللارنىڭ؟ قېنى ئىلھام قىزغىنلىقنىڭ كۆز يېشى، قايتىپ كەلسۇن باھار پەسلى يىللارنىڭ! == '''جىمجىت تۈننىڭ مەيىن شامىلى''' == جىمجىت تۈننىڭ مەيىن شامىلى، دولقۇن ياساپ ئاقار شىددەتتە. چاپ شاۋقۇنلا گىېۋادۇر دەرياسى رەسىم ئىچىدە! ئالتۇنرەڭ ئاي بالقىدى لەرزان، ئاڭلا، بىرسى چالماقتا گىتار. ئەي نەۋقىران ئىسپان گۈزىلى، چىق ئايۋانغا، بولۇپ گۈل-ئىپار! جىمجىت تۈننىڭ مەيىن شامىلى، دولقۇن ياسار گويا شىددەتتە. چاپ! شاۋقۇنلا گېۋادۇر دەرياسى رەسىم ئىچىدە. پارلاق كۈندەك بالقىسۇن چېھرىڭ، ئاچ رومالنى ئۇماق پەرىشتە. رىشاتكىنىڭ سىرتىغا چىقار، گۈزەل، نازۇك قەددىڭنى يەنە! جىمجىت تۈننىڭ مەيىن شامىلى، دولقۇن ياساپ ئاقار شىددەتتە. چاپ! شاۋقۇنلا گېۋادۇر دەرياسى رەسىم ئىچىدە! (تەرجىمە قىلغۇچى: باتۇر روزى) == '''كۆك يۈزىدە غەمگە پاتقان ئاي''' == كۆك يۈزىدە غەمگە پاتقان ئاي، ئۇچراپ قالدى خۇشال شەپەقكە. بىرى كۆيگەن ئوت، بىرى مۇز - سوغۇق، شەپەق ئوخشار كۈلگۈنچەك قىزغا، ئاي ئوخشايدۇ خۇنۇك ئۆلۈككە. كۆرگەن چېغىم سېنى ئېلۋىنا، مەنمۇ شۇنداق ئوخشاش سىياقتا. (مۇھەممەد چاۋار تەرجىمىسى) پۇشكىن ھەققىدە: ﯪﻟﯧﻜﺴﺎﻧﺪﯨﺮ ﺳﯧﺮﮔﯩﻴﯩﯟﯨﭻ ﭘﯘﺷﻜﯩﻦ (1799-1837)ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﯰﻟﯘﻍ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ. «ﺭﯗﺱ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺎﺷﻰ»، ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﯪﺳﺎﺳﭽﯩﺴﻰ، ﺭﯗﺱ ﯬﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﭼﯩﺴﻰ. ﯰ 1799- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻮﺳﻜﻮﺍﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﻮﻣﯩﺸﭽﯩﻚ ﯪﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. 1811- ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯧﺘﯩﺮﺑﯘﺭﮔﺘﯩﻜﻰ ﯪﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﯴﭼﯜﻥ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﻪﻧﺖ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﯮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ھەﻡ ﯬﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. 1831- ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯘﺷﻜﯩﻦ ﮔوﻧﭽﺎﺭﻭﯞﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﭘﯧﺘﯩﺮﺑﯘﺭﮔﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺩﯦﭙﻠﯘﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. 1834- ﻳﯩﻠﻰ ﻓﯩﺮﺍنسىيەلىك ﺑﺎﺭﻭﻥ ﺩﺍﻧﺘﺲ ﭘﯧﺘﯩﺮﺑﯘﺭﮔﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﭼﺎﺭﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﮔﯟﺍﺭﺩﯨﻴﻪ ﯪﺭمىيەسىنىڭ ﯪﺗﻠﯩﻖ ﭘﻮﻟﻜﯩﺪﺍ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﯲﺗﻪﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﭘﯘﺷﻜﯩﻨﻨﯩﯔ ﯪﻳﺎﻟﻰ ﮔوﻧﭽﺎﺭﻭﯞﺍﻧﻰ ﻗﻮﻏﻼﺷﻘﺎﻥ. 1837- ﻳﯩﻠﻰ 2- ﯪﻳﻨﯩﯔ 2-ﻛﯜﻧﻰ ﭘﯘﺷﻜﯩﻦ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ - ﯪﺑﺮﻭﻳﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﯴﭼﯜﻥ ﺩﺍﻧﺘﯩﺲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﺋﯧﻠﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ، ﭘﯘﺷﻜﯩﻦ ﺩﯗﺋﯧﻠﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯪﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﯲﺗﻜﻪﻥ. ﭘﯘﺷﻜﯩﻦ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ ھﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ 800 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﯪﺭﺗﯘﻕ ﺷﯧﺌﯩﺮ، 10 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ، ﺭﻭﻣﺎﻥ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺭﻭﻣﺎﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. [[تۈر: ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] i6308urls9wt35169rnlcav7i0vm5sh پاستېرناك شېئىرلىرىدىن 13 پارچە 0 24013 176649 173966 2026-10-18T21:54:07Z UyghurArchive 25219 176649 wikitext text/x-wiki '''<big>پاستېرناك شېئىرلىرىدىن 13 پارچە</big>''' بورىس لېونىدوۋىچ پاستېرناك ھەققىدە: پاستېرناك 1890- يىلى موسكۋادا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى مەشھۇر رەسسام ۋە پەيلاسوپ ئىدى، ئانىسى رويال چېلىشقا ئۇستا ئىدى. 1913ـ يىلى پاستېرناك موسكۋادا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، گېرمانىيەگە بېرىپ پەلسەپە ئوقۇغان. پاستېرناك ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا شېئىر يېزىشنى باشلىغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «بۇلۇتتىكى قوشكېزەك»(1914)، «كوچا قوزغىنىدا»(1916)، «قايتا تىرىلىش»(1932)،  «ئەتىگەنلىك ماشىنىدا»(1932)  قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى بار. 1958ـ يىلى شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى پاستېرناكقا «ھازىرقى زامان لېرىك شېئىرلىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ بۈيۈك ئىپىك شېئىرىي ئەنئەنىسىنى زور جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن» نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىشنى قارار قىلغان. ئەمما رۇسىيەدىكى نۇرغۇنلىغان يازغۇچىلارنىڭ قارشى تۇرۇپ نارازىلىق بىلدۇرۇشى ئارقىسىدا پاستېرناك مۇكاپات ئېلىشنى رەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان. پاستېرناك 1960 ـ يىلى موسكۋادىكى كىچىك داچىسىدا ئۆپكە راكى بىلەن ۋاپات بولغان. == '''فېۋرال، سىياھ تاپساڭ ئۆكسۈسەڭ...''' == '''1''' فېۋرال، سىياھ تاپساڭ ئۆكسۈسەڭ... يازساڭ يىغلاپ فېۋرال كۈيىنى. دەسسەپ يۈرسەڭ تاكى پاتقاقلار كۆرسەتكىچە باھار ھۆسنىنى. پەيتۇن ياللاپ ئاتمىش تىيىنغا، شاۋقۇنلاردىن يىراققا كەتسەڭ. سىياھدىنمۇ، كۆز ياشلاردىنمۇ، يامغۇرى مول جايلارغا يەتسەڭ. ئۇندا كۆيگەن نەشپۈتتەك گويا، توڭ قاغىلار ھەددى – ھىسابسىز. ئۇلار چۈشسە شاختىن كۆلچەككە، مۇڭ قۇيۇلار كۆزۈمگە چەكسىز. قارلار ئېرىپ، قارىيار قىرلار، شاماللاردا دەۋرەيدۇ چۇقان. يىغلىغاندا پۈتۈلگەن قۇرلار يۈرىكىڭدىن چىقىدۇ ھامان. '''2''' مەشھۇر بولۇش ئەدەبتىن ئەمەس، يۈكسەكلىككە كۆتەرمەيدۇ ئۇ. بار بىساتنى جەملەپ لىق، پەۋەس ساقلىماق ھەم شەرت ئەمەس مەڭگۈ. ئىجاد ئەسلى جان پىدا قىلماق، نە سەلتەنەت، نە ئەمەس چۇقان ! ھېچنەرسىگە ئەرزىمەي بىراق، ئەل ئاغزىغا چىقماقلىق يامان. ئاددىي، پەقىر ياشىماق كېرەك، ئۆتۈش كېرەك ئاشۇنداق پەقەت. سۆيگۈنىڭ ئەرشىنى ياراتسۇن يۈرەك، كېلىچەكنى سەزسۇن پاراسەت. ئۆمۈر ئايرىم بابلىرىدىن بەلكىم، ھاشىيەگە يازار ئەلۋەتتە. قالدۇرماقلىق كېرەك پاكىز جاي، قەغەز ئەمەس بەلكى قىسمەتتە. يىراقلارغا سىڭىپ كەتسۇن دىل، راۋان بولغىن تەنھا ماكانغا. گويا تىلسىم زىم-زىيا مەنزىل، چۆمكەلگەندەك قارا بۇلۇتقا. باشقىلار يول قىلىپ ئىزىڭنى، بىر كۈن بېسىپ ئۆتەر ئىكەن، بەس. يېڭىش نىمە، يېڭىلىش نىمە، پەرق قىلىش ساڭا شەرت ئەمەس. ۋاپاسىزلىق چېكىنىش دىمەك، چىرايىڭغا قونمىسۇن ھەسرەت. ھامان خوشال ياشىماق كېرەك، جۇشقۇن روھتا ئەبىدىلئەبەت ! == '''ئاۋغۇسىت''' == ھايال قىلماي دائىمقىدەكلا، كۈلدى ئاپتاپ دەسەلەپكى سەھەر. ۋە تاشلىدى بىر دەستە شولا، دېرىزەمدىن تۆشەككە قەدەر. غەرق قىلدى ئالتۇندەك رەڭگە، چاتلاش ئورمان، قىشلاق، ئۆيلەرنى. تۆشىكىم نەم ياستۇقۇم ھەمدە كىتاب تولغان جاۋەنلىرىمنى. ئەسكە ئالدىم شۇئان نە سەۋەپ، ياستۇقۇمنىڭ بولغىنىنى ھۆل. چۈش كۆردۈمكى، بارار ئۇزۇن سەپ تاۋۇتۇمنى كۆتۈرۈپ ئۇدۇل... يالقۇنى يوق بىغۇبار ياغدۇ، چىقار بۇ تاڭ باقى ماكاندىن. قالتىس ئەزگۈ كارامەت كەبى، كۆزدىن ئۆتۈپ ئالىدۇ جاندىن. سىز ئۆتتىڭىز زىرىقزار ئارا قەبرىستانغا، ئۇندا ھەر ياپراق قىزىراتتى مىسلى تاۋىدا، پىشقان تاتلىق سۇزمىدىن ھالراق. ئۇنىڭ چۆككەن دۆڭلۈكلىرىگە، ئاسمان چۆكسەم دەيدۇ بىراقلا. چارلاپ خوراز چىللىشى بىلەن، بىر –بىرىنى يوقلار، يىراقلار. تەييار ئىدى قەبرىلەر ئارا، ئەجەل خۇددى تاناپچىغا خاس. قاراپ جانسىز يۈزۈمگە گويا، ئۆلچەيدۇ گۆر بوي–بەستىمگە ماس. تارتار ئىدى ئەلنىڭ ھۇشىنى، شۇ ئارىدا بىر ئۈن بەرقارار. ياڭرار ئىدى تاۋۇشۇم مېنىڭ، ئاۋالقىدەك مەيىن، ئۇلۇغۋار. ئەلۋىدا، ئەي قىزغۇچ ۋە نىلرەڭ گۈمبەزلىرى چاقنىغان ئېھرام. روناق تاپقۇز شەپقىتىڭ بىلەن، ماڭا قىسمەت تۇتقىنىدا جام. ئەلۋىدا، ئەي يىللار — ئۆكسۈك، لال، رازى بول، غەم – غۇسسىغا نەق جان – پىدا قىلىپ ياشىغان ئايال ئىدىم ساڭا جەڭگاھ ۋە مەيدان. ئەلۋىدا، ئەي روھىم قىممىتى، پەرۋازدىكى دەملەر ئەلۋىدا. سۆزگە كۆچكەن ئالەم زىننىتى ئىجاد دەردى غەملەر ئەلۋىدا. == '''زېمىستان''' == ئېچىلدى-دە ئىشىك بىردىنلا، ئاشخانىغا ئۇردى سوغ شامال. بالىلىققا قايتتىم شۇ ئەسنا، قىش تۈنلىرىن ئەسلىدىم دەرھال. ئۇپۇق جىمجىت ھاۋا ساپ – تازا، كوچىدا بەش قەدەمچە نېرى تۇراتتى قىش قىمدىنىپ راسا كىرەلمەستىن دادىل ئىچكىرى. قىش، ئاقىرار يەنە دالا – تۈز، كۈز قىرلىرى قىراۋلىق دۇنيا. قارا تاللار يۈرەر ھاسىسىز، تەنھا كوردەك تەمتىرەپ گويا. يوللار قاتقان دەريالارمۇ ھەم ۋە مۇزلارغا دەلمۇ دەل يۈزدە. ئاقار سۆرۈن ئاسمان گۈمبىزى، كۆزگۈ كەبى كۆزگۈلەر ئۆزرە. تۆت كوچىدا ئاڭا چاپمۇچاپ، تۇرار قېيىن مەسۇم، شوخ پەرداز. چاچلىرىدا چاقنايدۇ يۇلتۇز، ئەينەك ئىچرە ئۇ بىر سەرۋىناز. ئىشىنەر ئۇ ئۆزىچە پىنھان، ئىتەكتىكى ئەڭ يوق ئويىچە. قىشتىن قانچە كۆرسىمۇ ئېھسان، بولالمايدۇ ھەيۋەت ئۇنىڭچە. == '''نوبېل مۇكاپاتى''' == پۈتتى كۈنۈم، ئېزىقىپ قالغان يىرتقۇچ كەبى سالىمەن چۇقان. ئۇرە - ئۇر دەپ تىنماي ھەر ياندىن، مېنى ئوراپ كېلەر ئالامان. بىر تەرەپ كۆل، بىر تەرەپ بولسا قارىغايلار يىقىلغان ئورمان. ھايات يولۇم قالمىدى ئەسلا ئەمدى نەئامال، بارىمەن قايان؟ نە يامانلىق قىلدىم، نە خاتا، قانداق رەزىل ئىش قىلدىم دېگىن. يا دۇنيانى يىغلاتتىممۇ مەن ئانا يەرنىڭ نەپاستىدىن. ئەمما تاۋۇت يېنىدا ھەتتا، ئىشىنىمەن شۇنداق پەيت كېلەر. زاۋال تاپماس ئىزگۈ روھ ئەسلا، قەبىھ كۈچلەر جەزمەن يېڭىلەر. == '''مەن بىلدىم ھاياتنىڭ مەنىسى ھۆرمەت''' == مەن بىلدىم ھاياتنىڭ مەنىسى ھۆرمەت، مەنانىڭ مەنىسى بۇ بىر كارامەت. تەن ئالدىم ئۆزۈمنىڭ ئامالسىزلىقىمنى، ئاپرىل پۈتۈنلەي ھىلە –خوشامەت. تەن ئالدىم ۋاقىتنى يول ساندۇقى دەپ، ئۇ ئاققان سۇ كەبى قىيام بولغان كۈن. توختىماي ۋىژىلداپ كىرگىنى پەقەت، چېكى يوق، چېتى يوق شەپەقتىن كەلكۈن. تېرەكتىن تېرەككە، تالدىن تاللارغا، ۋە يەنە قار باسقان ئاپئاق يوللارغا. تۆمۈرچى قولىغا چاچرىغان ئوتتەك، ئاقىدۇ زور بىر باغ ئوڭۇ –سوللارغا. تەن ئالدىم قاراڭغۇ كېلىدۇ ئون پۇت، قوڭغۇراق چالغۇچى كەتتى چىركاۋدىن. تەن ئالدىم ئۇ كەتتى گىرچى بولۇشقا، كۆز ياشلار، ئەگىزلەر، قەدىمىي دۇكان بېشىمىز ئاغرىدى دېيشى مۇمكىن. == '''قەلبنىڭ ئېنىقلىمىسى''' == ئېۋەنسىز، بىجىرىم ئۇ بىر يوپۇرماق، شامالدا، يامغۇردا چۈشكەن نەشپۈتتەك. نەقەدەر سادىق ئۇ، خوش دىدى شاخقا، ساراڭ ئۇ بوغنۇقۇپ ئۆلۈشى كېرەك! شامالنىڭ ئورغىقى چۈشتى نەشپۈتتەك، نەقەدەر سادىق ئۇ دەيدۇ يوق زەخمەت. ئويلىساق نەشپۈتمۇ لېۋەن بوپ بىر چاغ، ياندى ۋە سولاشتى قالدى كۈل پەقەت. يىمىرىپ تاشلىدى تۇپراقنى بوران، بالاپان ئۇگاڭنى تونۇمسەن ئوبدان؟ ياپرىقىم قورقامسەن تۇرنىلاردىنمۇ، نىمىدىن قورقىسەن ئەي سەن ئۇياتچان؟ قورقمىغىن قىسمەتداش، تەقدىرداش ناخشا! بىز نەگەر بارىمىز سەرسان–سەرگەندان؟ ئايرىلماس تىترەكنى كۈتمىگەن ئىدىم، «بۇ يەردە» دىگەن بىر رەۋىشكە بۇئان. == '''شېئىرنىڭ ئېنىقلىمىسى''' == بۇ شادلىق قايغۇنىڭ غالجىر شاۋقۇنى، بېسىلغان مۇزلۇقتىن ياڭرىغان ناخشا. بۇ ياپراق توڭلىغان قىشنىڭ سوغ تۈنى، بۇ ئىككى بۇلبۇلنىڭ بەس كۈيى راسا. بۇ تاقىر قاغجىراق پۇرچاق دالىسى، بۇ دۇنيا كۆزىدە مۆلدۈرلىگەن ياش. فىگارو نېيىنىڭ مۇڭلۇق نالىسى مۆلدۈردەك كۈي تۆككەن يۈرەككە تۇتاش. بۇ، ئۈزۈش كۆلىنىڭ تەكتىدىن تۈندە، ئىزدەلگەن ۋە لېكىن چىقمىغان نەرسە. تۈن تىترەك قولىدا ئوچۇملاپ تورغا، كىرگۈزسەم دېگەن شۇ يۇلتۇز ھەدېسە. سۇدىكى تاختايدىن يېقىمسىز دېمىق، تىترەكتەك ئۆرۈلۈپ چۈشەرمۇ ئاسمان؟ يۇلتۇزلار قارىشىپ كۈيلەر بى تىيىق، ۋە لېكىن كائىنات قاقاس بىر ماكان. == '''تۇتمىغىن تېخىچە قۇرۇمىدى سىر''' == تۇتمىغىن، تېخىچە قۇرۇمىدى سىر، قەلبتە قالمايدۇ ھەرگىزمۇ دىققەت. ئەس دىگەن يوتىنىڭ، قولنىڭ، مەڭىزنىڭ، لەۋلەرنىڭ، كۆزلەرنىڭ ئىزىدۇر پەقەت. بار يېڭىش، ئاپەتنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، مەن سېنى سۆيىمەن، ئۇندىكى سەۋەب: ساماندەك سارغايغان بىزنىڭ بۇ دۇنيا سەن بىلەن بولىدۇ سەدەپ ۋە سەدەپ. ئانت ئىچەي، ئەي دوستۇم مېنىڭ زۇلمىتىم كۆرۈنمەي تۇرۇپلا ئۆزگەرگەن سىياق. بولىدۇ جۆيلۈش ۋە چىراغ قالپىقى، بېشىمغا تېڭىلغان داكىدىن ئاپئاق. == '''ماۋزۇسىز''' == بىر چاغدا تۇغۇچسىز، مۇلايىم ئىدىڭ، ئاتەشتەك يېلىنجاپ تۇرىسەن ھازىر. قۇلۇپلاپ قويايمۇ گۈزەللكىڭنى، بەنت قىلىپ شېئىرغا- پىنھانى نازىر. مەرھەمەت، قاراپ باق بىزنىڭ كۈلبىگە، تاملارغا، بۇلۇڭغا دېرىزىلەرگە. قاراپ باق، شەكلمىز، كۆلەڭگىمىزگە، قاراپ باق، چىراغدا ئۆزگەرگىنىمىزگە. ئولتۇرۇپ ئالدىڭسەن لۆم-لۆم تۆشەكتە، بەدەشقان قۇرغانچە تۈركلەرسىمان. قاراڭغۇ يەردىمۇ، يورۇق يەردىمۇ، سەبىدەك قارايسەن ھەممىگە ھامان. خىيالدەك سەگىپلا ئۈزۈلۈپ كەتكەن- مەرۋايىت يىپنى ئۇلىدىڭ قايتا. چىرايىڭ غەمكىندۇر، مەيۇسسەن ئەجەب، سەمىمى سۆزلىرىڭ بەك رەڭسىز ئەستا. راست دەيسەن بەك چۈچۈك سۆيگۈ دېگەن گەپ، مەن تاپاي ئۇنىڭغا باشقا بىر بەلگە. خالىساڭ سەن ئۈچۈن پۈتۈن ئالەمنى، سۆزلەرنى، تاملارنى ئۆزگەرتەي دەمدە. كۆرسىتىپ بېرەلمەي قالدىمۇ ياكى، مۇڭ باسقان چىرايىڭ سەزگۈڭنى پەقەت. قەلبىڭدە چاقنىغان قورام تاشلارنى، نېمىشقا كۆزۈڭدە ئوينايدۇ ھەسرەت؟ == '''ئىجادىيەت ئېنىقلمىسى''' == ئۇ كېلەر كۆتۈرۈپ كۆڭلەك پۇرمىسىن، بېتخوۋىن تېنىدە ئۈنگەن تۈك مىسال. شاھماتنى ياپقاندەك ياپار ئالقاندا، سۆيگۈ،تۈن،ۋىژدان ۋە چۈشلەرنى مىسال. ئۇ بىر خىل تەلۋىچە دېدىقىش بىلەن، شاھماتتا ئوڭايلا بىر يۈرۈش تېپىپ. گىرۋەككە ئىلىنگەن قارا ئۇرۇقنى، تۇرىدۇ قىيامەت قايىمغا ئېتىپ. گەمىنىڭ مۇزىدا گۈلزارلار ئارا، يۇلتۇزلار ھىد چېچىپ سالىدۇ پەرياد. تىتىرگەن تىرىسدان چىسېنى ئاڭلاپ بۇلبۇلنىڭ كۈيىگە باغلاندى ھەيھات. مەيلى ئۇ گۈلزارلار، بۇلاقلار بولسۇن، ۋە مەيلى ئاق رەڭلىك يىڭلاڭغۇ دۇنيا. ھەممىسى قەلىبكە جۇغلانغان سەزگۈ- ئىپادە ئەيلىگەن ئەلۋان رەڭ دۇنيا. == '''ئاننا ئاخماتوۋاغا''' == ئىشلتىپ قويغاندەك تۇرىمەن گويا، ئىجادىي سۆزلەرنى سىزنىڭدىن كەلگەن. ۋە لېكىن بۇ سەھۋەن بەرىبىر ماڭا، ئىشقىلىپ قالمايدۇ سۇڭۇمدىن سەھۋەن. ئاڭلىدىم نەم ئۆگۈز ئېيتار پىچىرلاپ، يوللاردا ئۇنتۇلغان چوپان كۈيىنى. باشتىكى سەتىردە يۈز ئاچقان شەھەر، ھەر بوغۇم ئىچىگە تىققان بويىنى. ھەممە ياق گۈلباھار، شەھەرگە بەنت بىز، قىل بەرمەس سودىگەر يەنىلا بىباش. مۈكچىيىپ ئۆرتەنگەن تاڭنىڭ شەپىقى، چىراغدا گۈل تىكەر كۆزلىرىدە ياش. لادۇگا كۆلىدىن ئالىدۇ نەپەس، شۇڭغار ئۇ سۇلارغا زېھنىنى ئاياپ. ھېچنىمە چىقمايدۇ بۇنداق سەيلىدىن، خەندەكنىڭ ئىچىگە ياغاچ قۇتىدىن تۇرىدۇ چىرىك بوي ئەتراپقا قاراپ. كۆزلەرنىڭ نۇرلىرى ئوخشىماس دائىم، سىمالار ئۆزئارا زېمىن ۋە ئاسمان. قويۇقلۇق مىقدارى دەھشەت سۇيۇقلۇق، ئاق كېچە كۆزىدە يۈز ئاچقان روشەن، كېچىلىك مەنزىرە يىراقتا قالغان. كۆزىڭىز، يۈزىڭىز، شۇنداق سىزنڭمۇ، ئۇ مېنىڭ ئېڭىمدا تۈز تۈۋرۈك ھەيۋەت. مۇشۇنداق ئىدىڭىز بەش يىل بۇرۇنمۇ، ئورناتقان ئىدىڭىز قاپىيەلەرگە، زەڭ سېلىپ قاراشتىن ۋەھىمە پەقەت. تا سىزدىن توپلاملار چىققاندىن بېرى، نەسىرلەر پۇرىقى چاڭقىدى ھەريان. ئۇ ئىزچىل ئۇچقاندەك سەركەردىلەرگە ۋەقە ۋە بولمىشنى ئەيلەتتى جەۋلان. == '''سىۋىتايىۋاغا''' == ھەقلىقسىز دېيىشكە چۆنتەك ئاغدۇرۇپ، — كەل ئىزدە، ئۆرىگىن، ئاختۇرغىن مېنى. تۇمانغا باقمىسام نېمە نەم دېگەن، ھەرقانداق رىئاللىق ھوتنىڭ زەر تېڭى. يۇمشاق بىر يۇڭ رەختىن يېپىنىشىپ تون، دەرەخلەر يىلتىزى تۇپراقنى كەزگەن. قوتاندا ئۆسكەچكە شاخلىرى ئۇنىڭ، بولىدۇ بىتاقەت، سەۋىرسىز جەزمەن. تىترەتتى شاخلارنى شاخلار تۇمانى، قويلارنىڭ يۇڭىدىن ئاققاندەك گويا. بەئەينى كىرپىدەك يۈگۈرمەكتە ئۇ، بۇرۇندا تىتىرگەن پايە ئۇ بايا. ئوخشاشتۇر مەن ئۈچۈن ھەركىملەر ئېيتقان، ناغايىپ سۆھبەتلەر، گەپ - سۆزلەر پۈتۈن. ھەرقانداق رىئاللىق كۆكلەم كۆرەسى، ئۈستىنى قاپلىغان گىرىمسەن تۈتۈن. مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئۈستىبېشىمغا، ھەرقانداق ئىگىننى كىيگۈزسە قىسمەت. شائىرنى زورمۇ-زور تىقىپ خالايىق، ھەرقانداق پاكىتنى شىرىن چۈشسىمان سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ قىلماستىن شەپقەت. ئۇ تېيىلىپ يۈرۈيدۇ يەڭگىل تۈتۈندەك، ئايلنىپ ھىسابسىز يەڭلەرنى راۋان. خالاسسىز بالالىق دەۋر غارىدىن، باشقا تار كوچىغا كىرىدۇ ھامان. چۇۋاتتەك يانجىلغان يازمىش يادىدا ھەپىسدىن قۇتۇلار ئۇ لەيلەپ لەرزان. ئۇ ھەقتە سۆزلەيدۇ كېيىنكى بوغۇن، لاي - كۆمۈر ھەققىدە سۆزلىگەن كەبى، بىر مەزگىل يېلىنجاپ خوپ سۈرگەن دەۋران. == '''خوراز''' == تۈنبويى تىرمىشار ئۇھ دىيەلمەي سۇ، يامغۇر- باغ يېقىلىپ چېچىلغان تاڭغا. زەنباقى ئۆگزىدىن يامرايدۇ تۇمان، بىر كومزەك شورپىدۇر ھور باسقان دۇنيا. تۆكۈلۈپ قەتىرلەر، چاچرار گىياھلار، خورازلار چىللىغان مەنزىلگە قەدەر. بىر-بىرلەپ يۈز خوراز چىللىغۇچىلىك تاڭدىكى شەبنەمچۈن ھەيرانلىقمنى كىم سۆزلەپ ۋە كىممۇ سۈرەتلەپ بېرەر؟ بىر بىرلەپ ئويلايدۇ يۈتكەن ۋاقىتنى، دەملىشىپ توختىتار تۈننى ۋاقىراپ. بىشارەت بېرىشكە باشلايدۇ ئۇلار يامغۇردىن،زېمىندىن سۆيگۈدىن چىللاپ. ( ئوسمانجان ساۋۇت تەرجىمىسى) gq27trb0oteinspmy16oen2ksruqmka لى چىڭجاۋ شېئىرلىرىدىن 0 24014 176647 173967 2026-10-18T21:48:46Z UyghurArchive 25219 176647 wikitext text/x-wiki '''<big>لى چىڭجاۋ شېئىرلىرىدىن</big>''' '''ئىمىن ئەھمىدى تەرجىمىسى''' لى چىڭجاۋ (1155-1084) سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق شائىرە. جىنەن (بۈگۈنكى شەندۇڭ ئۆلكىسى)گە قاراشلىق جاڭ چيۇ دېگەن جايدا تۇغۇلغان. داڭلىق نەزمىكەش لى گېفېينىڭ قىزى. 18 يېشىدا ئاسار-ئەتىقىلەرنى توپلىغۇچى جاۋ مىڭچېڭ بىلەن توي قىلغان. چىڭجۇ ئايمىقىدا ئۆي تۇتۇپ، ئاسار – ئەتىقىلەرنى توپلاش ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ مەزگىلدە ئاساسلىقى مۇھەببەت، ۋاپادارلىق، دوستلۇق ھەققىدە ناھايىتى كۆپ شېئىرلارنى يازغان. جۇرجىتلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئېرى بىلەن بىرگە جەنۇبىي ئۆلكىلەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان. لى چىڭجاۋنىڭ ئېرى جاۋ مىڭچېڭ مىلادىيە 1129- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، لى چىڭجاۋنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولغان. دۆلەتنىڭ مۇنقەرز بولۇشى، ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇشى، كەڭ ئاۋامنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېچىنىشلىق پاجىئە، شەخسىي ھاياتىدىكى سەرسان – سەرگەردانلىق ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىجادىي ئۇسلۇبىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. نەتىجىدە لى چىڭجاۋ بۇرۇن يازغان يەڭگىل، لەرزان، لېرىك نەزمىلەردىن دۆلەتنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى ئويلىنىشلىرىنى ئىپادىلەيدىغان، مەزمۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر، ۋەزنى تېخىمۇ سالماق، كۆزقاراشلىرى تېخىمۇ روشەن تېمىلارغا كۆچكەن. لى چىڭجاۋنىڭ نەزمىلىرى تىلىنىڭ راۋانلىقى، تەسەۋۋۇر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، ھېسسىي ئوبرازىنىڭ مۇكەممەللىكى، ئىچكى قۇرۇلمىسىدىكى جەزبىدارلىق جەھەتتە نەزمە مۇنبىرىدە جەڭگىۋار مىسرالار بىلەن شۇ دەۋرنى قايىل قىلغان داڭلىق شائىرلارغىمۇ ئۈلگە بولغان. قىسقىچە ئېيتقاندا، لى چىڭجاۋ شىمالىي ۋە جەنۇبى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەڭ پاساھەتلىك شېئىرلارنى ئىجاد قىلغان تۇنجى شائىرە. ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەدەبىي مىراسلىرى جۇڭگونىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى، جۈملىدىن پۈتكۈل سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەدەبىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. == '''رۇمېڭلىڭ''' == سۇ بويى شىپاڭدا ئويناپ قاش قارايدى كۈن كېتىپ، بىلمىدىم مەستلىكتە ئۆيگە يېنىشىمنى يول تېپىپ. ھالسىراپ كەلسەم قېيىققا بوپتۇ كەچ، ئازغىشىپ كىردىم نېلوپەر كۆلىگە، قالدىم پېتىپ. تېز مېڭىش، تېزرەك مېڭىش بولدى خىيال، چايكا بىرلە كۆكقوتاننى چۆچۈتۈپ قويدۇم، ئېسىت. == '''رۇ مېڭلىڭ''' == تۈنۈگۈن ئاخشام بوران چىڭ، ئازلا يامغۇر تامچىسى، ئويغىنالماي ئۇخلىدىم باشىمدا مەينىڭ قامچىسى. سورۇدۇم شۇئان دېدەكتىن: «باغ ئامان؟» ئۇ دېدى: «چۈشمەپتۇ يەرگە ئالمىدىن ھېچقانچىسى.» «بىلمىدىڭكى، ئەي نادان قىز، بىلمىدىڭ، ئېھتىمال ياپراق قېلىپ، بولدىن خازان گۈل بارچىسى.» == '''يۈەن ۋاڭسۈن''' == كۆل يۈزى، سەلكىندە سۇ تەۋرەيدۇ، كۆز تالدى قاراپ، پەسلى كەچكۈز كەلگىنىدە، گۈل شالاڭ، ئاز خۇشپۇراق. تاغ – دالانىڭ ھۆسنى بۇدەم جان ماڭا، سۆز بىلەن ئىزھار قىلىش تەس، ئەمما دىلدا ئىشتىياق. نېلوپەر ئۆسكەن باراقسان، گەرچە لوتۇس بەك زەئىپ، قاشتىكى يۇمران گىياھنى يۇيىدۇ شەبنەم تاراپ. قۇمدا ياتقان كۆكقۇتانلار كۆز قىرىنى سالمىدى، ئاچچىقى باردەك ماڭا،                    كەلدىممىكىن يا ئالدىراپ. == '''دىيەن جياڭچۈن''' == چۈشتۈم گۈلەڭگۈچتىن ئامان، ئۇۋۇلىدىم، ئەيۋەشكە كەلدى قول ئاران. زەپىران گۈل بەرگىدە شەبنەم ئىزى، تەر بىلەن ھۆل بولدى كۆڭلەك شۇ ھامان. ناتونۇش بىرسى كېلىپ قالدى، نېتەي، تارغىقىم يوق، ئايىغىم كەتتى قايان. مىڭ خىجىللىقتا بۇرۇلدۇم يالت ئېتىپ، گۈل ھىدىدىن يۈزلىرىمگە يۈردى قان. == '''جيەنزى مۇلەنخۇا''' == مەن كۆرۈپ ئەپكەش كۆتۈرگەن گۈلچىنى، سېتىۋالدىم بەرگى تال–تال بولمىغان بىر غۇنچىنى. تاڭدىكى شەبنەم ئۇنىڭ شاخىدا ياش، قوندۇرۇپتۇ تامچە ئۈستىگە شەپەقنىڭ رەڭگىنى. قورقىمەنكى، ئامرىقىم ئۆز كۆڭلىدە، رەڭگىرويى گۈلگە يەتمەس دەرمىكىن بۇ دەم مېنى. مەيلىلا قىستىم چېكەمگە شۇ مىنۇت، كىم گۈزەل: گۈل ياكى مەن،  بىلسۇن قېنى. == '''يى جىەنمېي''' == نېلوپەر سۇلدى كېلىپ كۈز، ھالى بامبۇكنىڭ يامان، شايى كوپتامنى قويۇپ بىر يانغا مەن، بىر ئۆزۈم ماڭدىم ياغاچ قۇلۋاق تامان. يازدى كىم يۈنجۇڭ تەرەپتىن خەت ماڭا؟ ھېچ گېپى يوق، تورنىمۇ قايتتى مانا، ئاي راۋاقتا قالدى يالغۇز بىر زامان. سۇ ئېقىپ كەتتى، چېچەكلەر چۈشتى شاختىن بىرمۇ بىر، ئىككى جايدا خۇرسىنىش، ھېجران غېمى. بۇ دەقىق ئوخشاش كۆڭۈلگە جەم ھامان. بۇ مالامەتنى تۈگەتمەككە ئەزەلدىن چارە يوق، گەر چىرايىڭدىن يوقاتساڭ ئۇنى سەن، يۈرىكىڭدە تاڭ ۋە كەچ باردۇر ئامان. == '''زۈي خۇايىن''' == كۈننى كۆرمەك تەس بۇ كۆكتىن، ئورنىدى قەلبىمگە دەرت، كۈجىنى كۆيدۈردى ئىسرىقدان قەۋەت. كەلدى يەنە ئەرشكە ئۆرلەش بايرىمى، ياستۇقۇم تاش، داكىدەك ئۆينىڭ تېمى، بولغىنىدا تۈن يېرىم توڭدۇم ئەجەپ. قاش قارايغان چاغ، قاشانىڭ تۈۋىدە ئالدىم قەدەھ، گۈل ھىدى بەردى ۋۇجۇدۇمغا سۈپەت. دەردى يوق، ئارمانى يوق دەمسەن مېنى، غەرب شامىلى ئوينىماقتا پەردىنى، زەپىران چېھرىم سېرىق گۈلدىن قەۋەت. == '''سۇمۇرۇغ راۋىقىدا چېلىنغان نەينى ئەسلەپ''' == ئۆچتى كۆجە، بولدى ئىسرىقداندا قار، شايى – ئەتلەش يۈتقىنىم ئوڭ – دۈم ياتار، يۈز يۇيۇپ، چاچىم تاراشقا قىلچىلىكمۇ يوق مادار. ئۇپا – ئەڭلىك قۇتىسىنى باستى قۇم، مەن پەرىشان، پەردە ئۈزرە كۈن يانار. بۇ چۇقۇم ھىجران ئازابى مەن ئۈچۈن، قىلمىدىم قىسمەتلىرىمدىن سۆز ئېچىشنى ئىختىيار. نەسەۋەب بولدۇم يېقىندىن داق سۆڭەك، بۇ ماڭا مەيدىن ئەمەس، يا كۈز كېلىپ يېگەن ئازار. تەلىيىم كاج، تاللىغان يول بولدى تار، «قاش قوۋۇق»نى توۋلىدىم كۈرمىڭ قېتىم. سېنى ماڭدۇرماسقا نەدە چارە بار؟ ۋۇلىندىكى تالىپ كەبى كەتتىڭ يىراق، مەن كاتەكچەمدە يولۇڭغا ئىنتىزار. ئۈنچە – مارجان چاچرىتىپ ئاقماقتا سۇ، يۈرىكىمنى بىلگىنىدەك كۈنبويى ھۆسنۈمگە زار. نەقىلاي ئۇشبۇ جاراھەتكە يەنە، يېڭى ھەسرەت بولدى دەرقەم بىقارار! kbd3qtay778dbu3khxchuot5gme943e بۇنىن شېئىرلىرىدىن 0 24052 176645 174006 2026-10-18T21:46:35Z UyghurArchive 25219 176645 wikitext text/x-wiki '''<big>بۇنىن شېئىرلىرىدىن</big>''' جاسارەت تاش تەرجىمىسى '''تەرجىماندىن:''' ''ئىۋان ئالېكسيېۋىچ بۇنىن (1870—1953) رۇسىيىنىڭ 19– ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20–ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن ئاتاقلىق شائىرى ۋە يازغۇچىسى. ئۇ 1870–يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋورونېژ شەھىرىدە سۇنغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئالېكسيې نىكولايېۋىچ بۇنىن تولىمۇ بەتخەج، ھاراقكەش بولغاچقا بارلىق مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چېچىپ تۈگىتىۋەتكەن، ئانىسى ليۇدمىلا ئالېكساندىروۋنا كۈنبويى يىغلاپ-قاخشاپ ئۆتكەن. كېيىن ئۇلار ئائىلە بويىچە بوۋىسى (دادىسىنىڭ دادىسى)نىڭ قورۇقىغا كۈچۈپ كەتكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇنىن چوڭ ئانىسى (ئانىسىنىڭ ئانىسى)نىڭ قورۇقىغا بېرىپ تۇرغان. بۇنىننىڭ بالىلىق دەۋرى ئاشۇ جىمجىت سەھرادا ئۆتكەن. بۇنىن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4–يىللىقىغىچە ئوقۇپ، ئوقۇشتىن توختاپ تىرىكچىلىك قىلغان، كۈتۈپخانا، گېزىتخانىلاردا ئىشچى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىستاتىستىكا خادىمى بولغان، كېيىنچە موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ بىر يىل ئوقۇغان.'' ''بۇنىن 17 يېشىدىن باشلاپلا شېئىر ئېلان قىلىشقا باشلىغان، 1892-يىلى 22 يېىشدا تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ  1901–يىلى ئېلان قىلىنغان «غازاڭ» ناملىق شېئىرلار توپلىمى پۇشكىن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 19–ئەسىرنىڭ 90–يىللىرىدىن كېيىن پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. لېكىن شېئىر ئىجادىيىتى ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدا يەنىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ، 1906–يىلى رۇسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن (1920-يىلى) چەتئەلگە قېچىپ كېتىپ، فرانسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەم نۇرغۇن ماقالە–ئەسەرلەرنى يېزىپ سوۋېت ھاكىمىيىتىگە ھۇجۇم قىلغان. ئۇ باشقا ئەللەرنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ–ئادىتى تەسۋىرلەنگەن «ئىلاھىيەت دېڭىزى»، «ئۆلۈك دېڭىز»، «قۇياش ئىبادەتخانىسى» قاتارلىق شېئىرىي چۆچەكلەرنىمۇ يازغان. ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن باشقا يەنە ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، بايرون، لاڭفېللو قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىنگلىزچىدىن رۇسچىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇ «نەسىرلىرىدە رۇسىيە ئەدەبىياتىنىڭ كلاسسىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، نەپىس سەنئەت ئۇسۇلىنى ئىپادىلىگەن» لىكى ئۈچۈن، 1933–يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. چەت ئەلدە 33 يىل سەرسانلىقتا ئۆتكەن بۇ داڭلىق ئەدىب 1953-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى پارىژدا ھەسرەت-نادامەت ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ئارسېنيېۋنىڭ ئۆمرى»، «مىگانىڭ مۇھەببىتى»، «قىيامەت»، «سان–فرانسىسكودىن كەلگەن مۆتىۋەر» قاتارلىق رومان، پوۋېست، ھېكايىلىرى بار.'' == '''ياز تۈنى''' == — بەر بىر تال يۇلتۇزنى، ئانا،— دەر بالا ئۇيقۇچان ھالەتتە كۆزىنى ئېچىپ. ئانىسى گۈللۈككە تۇتاش پەشتاقتا ئولتۇرار ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ. تاغ ئۈستى — گۈللۈككە سۈكۈت ھۆكۈمران، ياز تۈنى قاراڭغۇ، يۇلتۇزلار غۇۋا. مەشرىقنىڭ كۆكىدە تەنھا بىر يۇلتۇز چاچىدۇ ئەتراپقا قىزغۇچ نۇر–زىيا. —بەرگىنچۇ! ئانىسى يېقىملىق كۈلۈپ: — نېمىنى، ئوغلۇم؟ — دەپ قويىدۇ سوراپ. — ئاۋۇ ئۇز يۇلتۇزنى... — نېمە قىلىسەن؟ — ئوينايمەن...— دەپ بالا بېرىدۇ جاۋاب. پىچىرلار ياپراقلار گۈللۈكتە مەيىن، يايلاقتا تىنىمسىز چىرىلدار سۇغۇر. ئانىنىڭ تىزىغا باش قويۇپ بالا لەززەتلىك ئۇيقۇدىن تاپماقتا ھۇزۇر. ئوغلىنى مېھىرلىك قۇچاقلاپ ئانا، بەختلىك تۇيغۇدا قويىدۇ تىنىپ. يىراق كۆك قەرىدە يانغان يۇلتۇزغا تۇرىدۇ ھەسرەتلىك كۆزىنى تىكىپ. ئەي دەردمەن، جاپاكەش ئىنساننىڭ قەلبى، گۈزەلسەن شۇ قەدەر، زىلال سۇدەك ساپ! بەزىدە پايانسىز تۈن ئاسمىنى ھەم نۇرانە يۇلتۇزغا كېتىسەن ئوخشاپ! == '''كار قىلماس ماڭا ھېچ بورانلىق يامغۇر''' == كار قىلماس ماڭا ھېچ بورانلىق يامغۇر، ئەي باھار گۈلدۈرى، ياڭرىغىن خۇشال! يامغۇردىن كېيىنكى زۇمرەتتەك ھاۋا دىللارنى ئۆزگىچە قىلسۇن جەلب، لال. باغلاردا گۈل–گىياھ يۇيۇنۇپ پاكىز، ئۆزگىچە رۇخساردا كۆرسەتسۇن جامال؛ ئېچىلىپ بەس–بەستە، چېچىپ خۇش پۇراق، تاپسۇن ھەم ئۇزلۇقتا بۆلەكچە كامال! تۇتۇلغان ھاۋادىن قورقىمەن بىراق، ئۇنىڭدا مەنىسىز تۇيۇلار ھايات، كۈنبويى ئازابسىز، بەختسىز بىر خىل ئۆتىدۇ بىھۇدە تۇيدۇرمايلا پات. بولمىسا ئىجتىھات، مېھنەت، جەڭ–چېلىش ھاياتلىق قۇدرىتى ئەيلىنەر بەربات، مىسالى قاتمۇ-قات تۇمانلار ئارا زەر قۇياش بولغاندەك مەڭگۈ تىلسىمات! == '''قەبرە تەركىزىسى''' == '''(سونېت)''' مەن ئىدىم ئۆلگەندە تېخى گۆدەك قىز، ئۇ ئېيتقان ماڭا: «سەن نازىنىن–زىبا.» مۇھەببەت–سۆيگۈگە بېرىلىپ چەكسىز، ئۈمىدتىن بىر ئۆمۈر بولمىدىم جۇدا. تىۋىندىم سۈكۈتكە، كەلگەندە باھار، ئۆلۈمگە ئوۋلاندى بارلىقىم مېنىڭ. لېكىن مەن ھاياتنى ئۆتكۈزمەي بىكار، مۇھەببەت تەختىدە ياشىدىم ئۇنىڭ. سايىۋەن يوللارغا سۈكۈتات خاقان، ئۇيقۇچان شوخ شامال يۈرەر گۈلزاردا. پىچىرلاپ بەختىنى قىلار ئۇ بايان، مۇھەببەت كۈيىنى چېلىپ مازاردا. ئۇنتۇلماس ئەسلىمەم ئاڭلىنار ئاڭا، سايىۋەن يول ئۈستى تىمتاس كۆك–ساما. == '''قاپلىدى ئورماننى كۈز شاماللىرى''' == قاپلىدى ئورماننى كۈز شاماللىرى، دەرەخلەر شاۋقۇنلاپ كۆتەردى غەليان. ياتىدۇ چېچىلىپ شاخلار سۆڭەكتەك، ئۇچماقتا يولدىكى غازاڭلار ھەريان. گاھىدا چىقىدۇ دەھشەتلىك بوران، گاھدا جاھاننى باسار سۈكۈنات. دەلدەرەخ ئاھ ئۇرار ھەسرەت ئىلكىدە، ئالتۇنرەڭ غازاڭلار بولۇشار بەربات. ئاسماننى بۇلۇتلار ئەيلىگەن قامال، جۇدۇندا ھېچنەرسە تاپالماس ئەمىن... ھەممىنى كۈل قىلىپ ئۇچۇرسىمۇ ئۇ، پاكلىقنى يوقاتماس مۇقەددەس زېمىن! قىش كېتەر، ياز كېلەر، لېكىن قارلارنىڭ ساخاۋەت، ھىممىتى يۈكسەكتۇر ھامان. ئەتىياز كەلگۈچە، ئۇنىڭ قوينىدا بوغۇنلار بوۋاقتەك ئۇخلايدۇ ئامان. تارتىلدى ھەر يانغا كەچكۈز پەردىسى، ئالتۇنرەڭ ياپراققا تولدى يەر–زېمىن. غازاڭلار ئاستىدا غۇبارسىز بىخلار چۈشەپ نەۋ باھارنى ياتماقتا لېكىن. تۆرىلەر ھاياتلىق قاراڭغۇلۇقتا، بار ئۇنىڭ خۇشاللىق، قايغۇسى ئەبەد. شۇ شادلىق، قايغۇدىن رىئال تۇرمۇشتا ھەقىقىي گۈزەللىك ئالىدۇ مەدەت! == '''قالدى يۇرتۇم كۆز يەتكۈسىز يىراقتا''' == قالدى يۇرتۇم كۆز يەتكۈسىز يىراقتا، چۈشلىرىمگە ھەمراھ يېزا، باغلىرى، يول بويىدا كۆككە يەتكەن دەلدەرەخ، يېشىللىققا تولغان باھار چاغلىرى. ئاق بۇلۇتلار ئوينار مەيىن داۋالغۇپ، سەھەر پەيتى زۇمرەتتەك كۆك ئاسماندا. شۈدىگەردە ئېڭىزلارنىڭ جىلۋىسى، تەڭكەش بولۇر گويا قۇشلار ساپانغا. بوز تورغاينىڭ مۇڭلۇق، ياڭراق ناۋاسى چۈشەر كۆكتىن يەر —مۇقەددەس ماكانغا. قالدى يۇرتۇم كۆز يەتكۈسىز يىراقتا، چۈشلىرىمدە ئۇ يەردىكى ھۆر نىگار، شەھلا كۆزى ئەسلىتەر كۆك دېڭىزنى، مەجنۇنتالدۇر چېچى، قەددى بىر چىنار. شەيدا قىلغان ئۇنى ئوتلاق، جىمجىتلىق، ئانا يۇرتى ھەمدە نۇرلۇق تاڭ سەھەر. ئالدىدىكى چەكسىز كەتكەن دالىغا تۇرار سېلىپ ھۆرمەت بىلەن كۆز-نەزەر؛ پەرۋاز قىلار خىيالنىڭ كەڭ كۆكىدە، لەۋلىرىدە تەبەسسۇمى شادلىقنىڭ. ئېھ، ئۇنىڭدا ئەكس ئەتكەن دەسلەپكى گۈل باھارى بەخت بىلەن ياشلىقنىڭ. مەنبە: جاسارەت تاش ئەدەبىيات سالونى p8am6i0wdwp1zdgvcxzhljkz377nut7 ئىمىن ئەھمىدى شېئىرلىرىدىن 0 24057 176636 175230 2026-10-18T21:10:43Z UyghurArchive 25219 176636 wikitext text/x-wiki '''<big>ئىمىن ئەھمىدى شېئىرلىرىدىن</big>''' == '''قەھۋە ئىچىش''' == ئىمىن ئەھمىدى قەھۋە يوپۇرمىقىنى يەپ سالغان قويلار، ئۇخلىمىغان ئىكەن قوتاندا بىر كېچە سەكرەپ. مەنمۇ بىر كۈنى سەنيادا بىر قىز بىلەن، قەھۋە ئىچتىم قويلار ھەققىدە ھېكايە سۆزلەپ. ئ‍ۇمۇ شۇ ئاخشىمى ئ‍ۇخلىيالماپتۇ، قويسىمۇ ئانىسى يوتقانغا چۆمكەپ. ئەتىسى كۆرۈشكەندە سۈرەپلا ماڭدى، «خالىي بىر جاي تېپىپ قەھۋە ئىچسەك» دەپ. ئۇ شۇنداق ئۆتكۈزدى تالاي ئاخشامنى، كۆڭلىدىكى قىلىقنى لېۋىگە يۆتكەپ. ياشىسىمۇ بولغىدەك ئادەم ئاشۇنداق، ھەممە قىلغۇلۇقنى قەھۋەگە دۆڭگەپ. (يەنە بىر نۇسخىسى:) == '''قەھۋە''' == ئىمىن ئەھمىدى قەھۋە يوپۇرمىقىنى يەپ سالغان قويلار، ئوخلىمىغان ئىكەنمىش قوتاندا سەكرەپ. بىر كەچ تۈرك قىزى بىلەن قەھۋە ئىچتۇق، خىلۋەت چايخانىدا ھېكايە سۆزلەپ. ھېرىش يوق، گەپ بىلەن تۈگىدى ئاخشام قايتىپ كەتتۇق ئۆيگە ۋاقىتنى خەپلەپ. ئەرتىسى ئۇچراشتۇق، سۆرەپلا ماڭدى يەنە تۈنۈگۈنكىدەك قەھۋە ئىچسەك دەپ. ئۇ شۇنداق ئۆتكۈزدى نەچچە ئاخشامنى جىمى قىلىقنى لېۋىگە يۆتكەپ. ياشىسىمۇ بولغۇدەك ئادەم شۇ يەڭلىغ ئويۇن-چاقچاقنى قەھۋەگە دۆڭگەپ... == '''پامۇك قەلئە''' == ئىمىن ئەھمىدى پامۇك قەلئە، ئۇيغۇرچە پاختا قەلئە، قاردەك ئاقلىقىدىن كەلگەن نام. شۇنچە سۈزۈك، شۇنچە بىغۇبار ھۆسنىگە تەبىئەت ئىبەركەن ئىنئام. قىيالىرى يىپەك ياپقاندەك، كۆلچەكلىرى مەيگە تولغان جام. ئەتراپىدا چېچىلىپ ياتقان تاشلار تىك تۇرغىنى تارىختەك يىمىرىلمەس تام. ۋۇجۇدۇمغا نەرە تارتىپ كىردى ئەسلىمە خىيالىمنى قىلىۋالدى رام. زەيتۇن چىشلەپ ئۆتۈپ كەتتى بىر توپ كەپتەر نوھنىڭ كېمىسىنى قىلغاندەك دام-دام... == '''دېڭىز''' == ئىمىن ئەھمىدى ئۇپۇق كۆرۈنىدۇ، نىشان كۆرۈنمەيدۇ، غۇر - غۇر شامال، تۇمان كۆرۈنمەيدۇ. سۇنغان نۇر سۇ يۈزىدە مارجان ئەينى چايكا كۆزىگە مارجان كۆرۈنمەيدۇ. قۇياشلىق كۆكتە ھايات شەۋقى، يالغۇز يەلكەنگە ئەپغان كۆرۈنمەيدۇ. كىچە پايانسىزلىق جانغا ۋەھىمە، لېكىن ھېچنەرسە سەرسان كۆرۈنمەيدۇ. يىراق - يىراقلاردا مەۋھۇم ئالۋۇن، دولقۇن قوينىدا گۈلخان كۆرۈنمەيدۇ. سەيياھ قانىتىغا ئىشەنچ ھەمراھ، گەرچە يېنىدا كارۋان كۆرۈنمەيدۇ. ئەركىنلىك دېگەن شۇنداقمىكىن تاڭ، نە پادىشاھ، نە خان كۆرۈنمەيدۇ. دېڭىزنىڭ قەلبىدە ئۆھسىنىش چايكىدىن باشقا جەۋلان كۆرۈنمەيدۇ. == '''مەن كۆرگەن خارابىلار''' == ئىمىن ئەھمىدى لام-جىم دېمەي چېچىلىپ ياتقان خىشلار ئۆرۈلگەن سارايلاردا خىيالىم. سۇنغان مەرمەر پارچىسىدا ھىلال ئاي شاھلار تەختى بىلەن بولمىدى كارىم. دىۋارلارنىڭ ئۈزىلا ئۆچمەس يېزىق كۆرۈنمەيدۇ بولغار تاشلىق كىتاب. تۆۋرۈكلەر گىگانت ئادەمنىڭ ئۈزى يىراق ئەسىرلەردىن قالغان ئىزتىراپ. ئىزاھات يوق، چۈشەندۈرۈش يوق ئاڭلانمايدۇ مىڭ سەيياھقا بىر خىل گەپ. كۆرۈۋاتقانلارنىڭ قەلبى قەلبىدە بىرىگە شادلىق بىرىگە ھەسرەت . ياش بىرلىرىگە بىلىنىدۇ سۇ، تۈزلەڭ بىرلىرىنىڭ قارىشىدا تاغ. بىرلىرىدىكى شۆھرەت بىرلىرىگە خەس بىرلىرى ئىزدىگەن شان بىرلىرىگە داغ. يۇمىلاق قۇببىلىق جامەلەر يېنىدا، ھۆرمەت بىلەن تىكلىنىپ تۇرىدۇ چېركاۋ. == '''لىجياڭ دەرياسى''' == ئىمىن ئەھمىدى 1 تاغ ئېگىزمۇ ياكى ئاسمان پەس؟ بىر - بىرىگە تۇتاشقان پەۋەس. چوققىلارنى سۆيگەن ئاق بۇلۇت مانان ئارا ئالىدۇ نەپەس. بامبۇكزاردا ئاياغ تىۋىشى چاتقاللارنى ئەگىپ ئۆتۈش تەس. چاچلىرىڭغا يامىشايمۇ دەپ بانان شېخى ئېگىلىدۇ پەس بۇ مۇھەببەت ئەجەب مۇقەددەس. 2 سۈزۈك سۇلار كۆزۈڭ بەئەينى قارىچۇقىڭ جىمىرلىغان تاش. كۆكسۈڭ كەيى يۇمشاق ئېدىرلار، رومالىڭدۇر ئىككى يېشىل قاش. يالغۇز ئۈزۈپ كەلگەن قومۇش سال، قويدى خىيال قىرغىقىغا باش. ھاياجاندا جىلۋىلىك شەپەق، تۆكتى چەكسىز چىمەنلەرگە ياش. 3 تىلسىم سۈپەت دالالار .قوينى، سۈرەت يەڭلىغ چۈشىدۇ كۆزگە. شىلدىر- شىلدىر ئالتۇن ياپراقلار، باھار ئىزدەپ كۈلىدۇ كۆزگە. غايىبانە مەغرۇر چىرايىڭ، ئۆلۈكنىمۇ ئۈندەيدۇ سۆزگە. تۇيدۇرمايلا باغاشلىۋالدىڭ، يارىڭ يوقمۇ مېنىڭدىن ئۆزگە؟ 4 قەيەردىدۇر نەينىڭ ئاۋازى، كىيىكلەرنى قىلىپ قويدى لال. قىيا باققان بېلىقچى قىزلار نىگاھىمنى ئەيلېدى مالال دولقۇنىڭغا بېشىمنى ئېگىپ قىرغاق ئۈچۈن بولۇپ قالاي تال. ئىشەنچ قىلساڭ غۇبارسىز سۆيگۈ، گۈزەللىكنىڭ چېھرىسىگە خال. 5 كېتىپ قالسام كۆڭلۈم سېنىڭدە، ھەر تىنىقىڭ جىسمىمگە مىڭ جان. تۇرغىن دېسەڭ باغرىڭدا ئويناپ، مىسرالاردىن ياسايمەن خامان. قىسقا ئۆمۈر چۈشۈمدەك تاتلىق، ئۆتەلمەيمەن ئەمدى خىرامان. داۋان ئېشىپ كەلگەن ئەقىدەم، ئاستانەڭگە بولىدۇ مېھمان. 6 شاۋقۇ‌ن سالماي ئاقىسەن جىمجىت، ھە‌ر تامچاڭدا جە‌ننە‌ت مۇ‌جە‌سسە‌م. سىنى كۆرۈپ زە‌مزە‌م بولدۇ زە‌ڭگە‌ر كۆكتىن كە‌لگە‌ن قە‌ترە ھە‌م. ھە‌ممىمىز تە‌ڭ يارالغان تۇرۇ‌پ سىنى باشقا بىلگە‌نمۇ ئىگەم؟ قىز-يىگىتىڭ خىزىرمىكىن تاڭ، قە‌لبىمدە ئوت، كۆزلىرىمدە نە‌م. 7 كۆپ نەرسەمنى ئىلىپلا ئالدىڭ، بەرگىنىڭنى ساناپ چىقماق تە‌س. كىندىك قېنىم قىسمەتلىرىدىن، ئاتا قىلدىڭ يېڭى بىر ھەۋە‌س. نومۇ‌سىمنىڭ بە‌رگىدە شە‌بنە‌م، زۇ‌مرە‌ت يوللار تۈگىگە‌ن ئە‌مە‌س. قانلىرىمدىن ئۇرغۇ‌يدۇ قەسە‌م ئۆرتە‌ندىممۇ شۇ‌نىڭ ئۆزى بە‌س! بۇ مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئە‌جە‌ب مۇ‌قە‌ددە‌س... == گۈيلىن، گۈيلىن! == ئىمىن ئەھمىدى 1 گۈزەللىكىڭ ئالەمدە يەككە، شۇ ۋەج باقماي كەلدىم بۆلەككە. بوسۇغاڭغا پۇتۇمنى قويسام، ئوت كەتكەندەك بولدى يۈرەككە. نە ئايرىلىش ھەتتا بىر زامان سېغىنىشنى ئورىدىڭ دەردكە. بۈگۈن كۆرۈپ چېھرىڭنى جانان، ھۆرمەت ئارا ياندىم ئەدەبكە. ھاياجاندا قەلەم سەۋدايى، چاپىمەن دەپ كىرمەيدۇ گەپكە. قارىغىنا، قانمۇ، سىياھمۇ، تېمىۋاتقان شاھانە بەتكە! سەن جەننەتمۇ ۋە ياكى مەككە؟ 2 تاغلىرىڭنى تەڭرىتاغ دېسەم، تەلەپ قىلدىڭ باشلىرىڭغا قار. بىلمىدىڭمۇ بېغىڭدا بۇ دەم، سەن سۆيۈنگەن قارنىڭ رەڭگى بار. ئىككى پەسىل قەلبىدە بىر ئوت، بىر تۇپراقنىڭ ئىشقىدا ياتار. ئىككى زىننەت باغرىدا بىر يۇرت، بىر يۈرەككە ئەبەد ئىپتىخار. كۈمۈش لىباس دىلنىڭ پاكلىقى، يېشىللىقنىڭ سۆيگۈ بىغۇبار. يېشىل ساقلا بوستانلىرىڭنى، بولۇۋەرسۇن كۆكسۈڭدە باھار. 3 بۇلۇق ئۆسكەن شېكەر قومۇشلۇق، قوناقلىققا، قوناققا رەڭداش. قىر ئارىلاپ كۈلۈشكەن قىزلار، خىيالىمغا تاشلىۋەتتى تاش. ياپراقلاردا ئۇخلايدۇ شەبنەم، مەيىن شامال شاخلارغا مۇڭداش. يىلتىز ئارا گۈپۈلدىگەن نەم، ئارزۇيۇمنى قىلىپ قويدى پاش. بايان قىلغىن، تاتلىقلىقىڭنى، بەرگەن يەرمۇ ۋە ياكى قۇياش. شولىلارنى يامراتقان دىلدا ئاي يۈزۈڭمۇ، سۆزلە قەلەمقاش؟ 4 رەڭ تاغلىرى، «رەڭلەر دۆۋىسى»، ئۆزۈڭمۇ سەن ھەسەن - ھۈسەنگە. گە‌ر ياق دېسەڭ ئالەم ئىگىسى، يان باسقانمۇ رەڭدار چىمەنگە. تۇغ - ئەلەمنىڭ جەۋلانلىرى بار، چۈشكەن كەبى يىگىتلەر جەڭگە، تارقىتامتىڭ ياكى بىر ئۆزۈڭ، گۈزەللىكنى ھەر بىر قەدەمگە. قانداق ئىش بۇ جېمى گۈزەللىك، يىغىلغىنى بىرلا بەدەنگە! يۈرىكىمنى قوشۇپ قويساڭچۇ، كۆكسۈڭدىكى قىپقىزىل رەڭگە؟ 5 قۇچىقىڭدا «قومۇش نەيلىك غار»، بوغۇم-بوغۇم خۇددى قومۇش نەي. تاش ئارىلاپ ئۆسكەن بىر گىياھ، تەمەنناسىز كۆزگە كۆرۈنمەي. نەي ئاۋازى غارنىڭ ئاۋازى، ئايرىماق تەس، چىقار ئۈزۈلمەي. گويا يىلنىڭ قىشى ۋە يازى، ئەتكەن كەبى ئەسرنى ئەللەي. پەرىشتىلەر تۇتقاندەك قەدەھ، دىۋارلاردىن تۆكۈلىدۇ مەي. بىر ئاھاڭغا كۆڭلىنى قوشۇپ، كىم قالدۇرغان ئىچىپ تۈگەتمەي؟! 6 بولدى مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئەركەم، ئاسمىنىڭدا كۈلگەن تولۇن ئاي. شەرەت قىلىپ يۈرگىلى نە كەم... پەرىلىرىڭ تۇتۇپ يېڭى چاي قوينۇڭ كەڭرى قۇچىقىڭ ئاندىن، تۇرۇپ كەتتىم گىرە سالالماي. چىللاپ كەلدىڭ، لېكىن بەرمىدىڭ، مۇڭدىشىشقا بىرەر پاناھ جاي. كەلمىگەندە ھېسلىرىم تەكشى غۇرۇرۇمنى سىنىدىڭ تالاي. بىر گەپ قىلغىن، ۋاپاسى چەكسىز، يارىڭ بولۇپ يېنىڭدا قالاي. 7 چەشمىلىرىڭ ئويقۇسىز دائم، جىرىڭلايدۇ كۈمۈش قوڭغۇراق. بوشلۇق بىلەن سۆزلىشەمدىكىن، شىلدىر - شىلدىر قىلىدۇ ياپراق. تىنىم تاپماس قۇشلار ئاۋازى، لەۋدە مەڭىز، ئېغىزدا قۇلاق. تەبىئەتنىڭ چېھرىدە ياشلىق، غۇنچىلاردا ھەر تاڭ بىر پىراق. تاغلار كېلىپ سۇنى سۆيىدۇ، كىمدە سۆيگۈ، كىمگە ئىشتىياق. ئىزدەپ كۆرسەڭ پىنھان ماكان يوق، ھايات ئويغاق، مۇھەببەت ئويغاق. 1991 - يىل 11 - ئاي، گۈيلىن == '''ئىلتىجا''' == ئىمىن ئەھمىدى چىقار ئانا ھېجىر قاچاڭنى، يەنە بىر رەت ئۇماچ ئېتىپ بەر. بۆشۈكۈمنى تەۋرىتىپ بىردەم، ئەللەي-ئەللەي قوشاق قېتىپ بەر. ساپال چىراغ نەلەردە قالدى، پىلىك سېلىپ قايتا يېقىپ بەر. ئۇنتۇماپتۇ بالام مېنى دەپ، دەريا-دەريا بولۇپ ئېقىپ بەر. مەينەت كەلدىم شاۋ-شۇۋ شەھەردىن، پاكىزلىناي ئېرىق چېپىپ بەر. بىر كەملىك بار مېنىڭ كۆڭلۈمدە، بەختىم ئۈچۈن شۇنى تېپىپ بەر. == '''مەھەللەمگە مۇھەببەت''' == ئىمىن ئەھمىدى مەن بۇ مەھەللىنى ياخشى كۆرىمەن، گەرچە ئۇنىڭدا ئېگىز بىنا يوق. سۈيىدە ئېقىپ،ئوتىدا كۆيىمەن، پاكار ئۆيلەردە تاغدەك ئۇلۇغلۇق. مەن بۇ مەھەللىنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇنىڭ مېھرىگە كۆنۈپ قالغان. ئانامنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن چېلىكىنى، دادام سۈزۈپ بېرىپ كۆيۈپ قالغان. مەن بۇ مەھەللىنى ياخشى كۆرىمەن، قىرلىرىدا كاككۇك قونغان تال. دەل مۇشۇ مەھەللىنىڭ قىزى ئىدى، قىزلىرىمغا ئانا بولغان بىر ئايال… == '''گۈل ئوغرىسى''' == ئىمىن ئەھمىدى باشتا بىر تال گۈلنى ئۈزۈپ كەتتىم، تۆت ئەتراپىمغا قاراپ ئاۋايلاپ. كېيىن تەشتەك بىلەنلا كۆتۈرۈپ كەتتىم، دېرىزەمگە قوندى قۇچقاچلار سايراپ. ئوغرى ئالغان مالنى ئەزەلدىن، مالنىڭ ئىگىسى كېلەتتى ئىزدەپ. ساقلاپ باقتىم ئېرىنمەي نەچچە كۈنگىچە، گۈلنىڭ ئىگىسى كېلىپ تۇتۇۋالسا دەپ. سەۋر دېگەننىڭمۇ چېكى بار ئىكەن، يېرىلغۇدەك بولدۇم ئىچىم پۇشۇپ. ئەمدى گۈلنىڭ ئىگىسى كەلمىسە ئەگەر، ئوغرىلاپ كېلىمەن ئۇنىمۇ قوشۇپ... 2020-يىل 6-ئاي، قەشقەر == '''سەرگەردانلىق''' == ئىمىن ئەھمىدى ھەسرىتىم سەرگەندان بولسا مەيلىتى، كېتەر ئىدى يىراقلارغا ئېلىپ باش. بەختىمنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى، يالغۇز قىلىپ مېنى كۆزلىرىمدە ياش. دەريا سەرگەندان بولسا مەيلىتى، دېڭىزغا  ئاقاتتى يا سىڭەتتى چۆلگە. قىرغاقلىرىنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى، غەشلىك بېرىپ سۇنغان كۆڭۈلگە. دادام سەرگەندان بولسا مەيلىتى، بىلىكىگە تايىنىپ باقاتتى جان. ئانامنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى بالىلىرىدىن تىلەپ يەيدۇ نان. ئۆزۈم سەرگەندان بولسام مەيلى ئىدى، بىلدۈرەتتىم كىملىكىمنى تىلىم بىلەن. تىلىمنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى، مۇڭدىشالـماي يۈرىمەن دىلىم بىلەن... == '''قېرىدىڭمۇ ئانا!''' == ئىمىن ئەھمىدى رومالىڭدا سەلكىن ئەركىلەر، چاچلىرىرىڭدا ئەركىم ئەركىلەر. يۈزۈڭ سۆيۈپ قىزىڭ ئەركىلەر، ئايىغىڭدا ئىزىم ئەركىلەر... تۈڭلۈكۈڭدىن ئۆتكەن تۇلۇن ئاي، چىرايىڭدا تۈنىدى بىر كەچ. بولۇپ قالدى قۇياشمۇ ھەتتا، ئوتلىرىڭنىڭ ئالدىدا پالەچ. ھېلىمۇ ھەم بىرىدە ئەپسۇس، تاغ قېتىدا يۈرىدۇ مۆكۈپ، بىرى شۇندىن بۇيان ياداڭغۇ ئايلىنىدۇ سوغۇق نۇر تۆكۈپ... كىرپىكىڭدە بۇلبۇل ئەركىلەر، زىنىخىڭدا شەبنەم ئەركىلەر. سۇ قويالماي قولۇڭغا ۋىناس، پەقەت ھەيكەل بولۇپ ئەركىلەر... قېرىدىڭمۇ ئېيتقىنا ئانا ياق كۆپ تېخى يارقىن ئەتىلەر... == '''ئاق بۇژغۇن''' == ئىمىن ئەھمىدى خام خىيال چۆلىگە ئۈنگەن سۆكسۆكلەر ئارزۇ سەلكىنىدە سولۇپ تۈگىدى. تەنھالىق ئاختۇرغان بۇ مىسكىن يۈرەك ئەسىر غوۋغاسىدا ئۆلۈپ تۈگىدى. سېنى سۆيمىگەنگە بەرگەن سۆيگۈلەر پۇشايمان ئوتىدا كۆيۈپ تۈگىدى. ۋاپاسىز قوقاستىن تۇتاشقان پىراق ۋاپا مەلھىمىدە سويۇپ تۈگىدى. نادانلىق نۇرىغا قاقلانغان بەدەن ۋاقىتسىز ھەسرەتكە تويۇپ تۈگىدى. يالغان ۋەدىلەرگە چاڭقىغان ۋۇجۇد پۇشايمان شارابىنى قويۇپ تۈگىدى. ھەرنە ۋەسۋەسىلەر كەتتى كەلمەسكە ساقال ئاقاردى چاچ چۈشۈپ تۈگىدى. مېنىڭن تۈگىشىمنى سورىسا كىملەر ئۇ دەيدۇ جاھاندىن كۈلۈپ تۈگىدى. 1995-يىل ئەتىياز == '''توي''' == ئىمىن ئەھمىدى ئەجەب ئاددىي توي قىلغانكەنمىز، ھايات داستىخانىغا سەمىمىيلىك تىزىپ. ئەجەب مۇڭداشقانىكەنمىز نېرى ئولتۇرۇپ، مەڭزىمىزگە ياشتا خەت يېزىپ. سېنى يۆتكەيدىغانغا ماشىنا يوق، تاپالمىغانىدىم ھەتتا ئېشەك ھارۋىسى. جاز، روك مۇزىكا دېگەنلەر نەدە؟! ئەتراپنى چاڭ كەلتۈرگەنىدى سەھرا ناغرىسى. «شېرىن ئاي» دەپ بېقىپتىكەنمىز ئېتىزغا، تاتلىق ئىدى ئاي يورۇقىدىكى ساياھەت. ئالتۇن ئۈزۈك ئالماپتىكەنمەن قولۇڭغا، قىلىپتىكەنسەن مىس ھالقىغىمۇ قانائەت. ئۆيىمىزگە كىرگەنىكەنمىز يانمۇ – يان، يۇرتداشلار ياققان ئوتتىن ئاتلپ. ساپ ھاۋا، سوغۇق سۇ، چاڭ – توزان يولغا سېلىپ قويغانىكەن بىزنى پاكلپ... بىلمەپتىكەنمەن سەن بايمۇ يا كەمبەغەل؟ سورىماپتىكەنسەن بىساتىمدىن سوئال. بەك سەبىي ئىكەنمىز، كۆڭۈلدە يوق غۇم، خۇددى ئېرىق بويىدىكى مەجنۇنتال... بالىلارغا دېگىلى بولارمۇ بۇ توينى، يازغىلى بولارمۇ ئەسلىمە قىلىپ؟ ئېھتىمال قايىل قىلماق تەس ئۇلارنى، يېرىپ بەرگەندىمۇ يۈرەكنى ئېلىپ... == '''قەلەم، قەغەز، خەت...''' == ئىمىن ئەھمىدى يەنىلا سەككىز پۇڭلۇق پوچتا ماركىسى ئېلىپ، ئەرزان لېپاپ بىلەن ئەۋەتكىن خەت. كومپيۇتېردا خەت يازدىم دېدىڭ، خەت كەلدى، لېكىن كەلـمىدى ھەسرەت. تىشىلىپ كەتتى قەغەز نەچچە يەردىن، سانجىلغاندا چېكىت، پەشكە قەلەمنىڭ ئۇچى. بۇ ئەمەس ئىدى قەغەزنىڭ نېپىزلىقىدىن، شۇنداق قىلاتتى سېغىنىش، سۆيگۈنىڭ كۈچى. رەڭ يېيىلاتتى ئۇ يەر بۇ يەرگە، داغ چۈشۈرەتتى قەغەزگە كۆز ياش. سوئال، ئۈندەشلەرنىڭ مايماقلىقى، قىلىپ قوياتتى ماڭا كۆڭلۈڭنى پاش. دەرىخا ! كومپيۇتېر، يانفوندىكى گەپلەر، شۇنداق تۈز، ھېچ نەرسە بولـمىغاندەك. قولۇڭنىڭ تىترىگىنى نامەلۇم، سېمونت ئېرىقتا سۇ ماڭغاندەك. قېنى ئۆز ۋاقىتىدىكى تۈگىمەس گەپلەر، قېنى ۋاراقلارغا سىڭگەن ھاياجان. قەغەزنى مىجىپ مەيدەمگە تاڭاتتىم، كومپيۇتېرغا نەدە مۇنداق ئىمكان؟ يەنىلا سەككىز پۇڭلۇق ماركا ئېلىپ، ئەرزان لېپاپ بىلەن ئەۋەتكىن خەت. كومپيۇتېردا خەت يازدىم دېدىڭ، ئۇنىڭدىن شادلىق ئەمەس، كۆپەيدى ھەسرەت. == '''ئوتقا تۇغۇلغان بالا''' == ئىمىن ئەھمىدى ئوتقا تۇغۇلغانلىقىمنى بىلىسەن ئۆرۈك چىچەكلىگەن بىر كۈنى. ئانام ئوچاققا ئوت قالاۋېتىپ كۇلۇڭغىلا تۇغۇپ قويغان مېنى. ۋاقىتنى ئۇقمايدىغان قانداق ئايال دەپ مومام تىللاپ كەتكەن ئۇنى. دېگەن ھەم: تاس قاپتۇ ئەمەسمۇ تۇنجى نەۋرەم ئوتۇن بىلەن بىللە كۆيۈپ كەتكىلى. ئانامنىڭ مېنى ئوتقا تۇغمىغىنىغا رەھمەت ئانام يۇرتنىڭ ئوتىغا تۇغقان مېنى. شۇ ئوت ھەقىقى، تۆت تام ھەقىقى ئانا يۇرت، ئانا يۇرت سۆيىمەن سېنى. ئوتتىن تۇغۇلغىنىمنى بىلىسەن شۇ چاغ ئوتتىن قىزىق بولغان ئانامنىڭ تېنى. ئالەمگە قۇرۇق قول كەلمەپتىمەن دەپ ئوتتىن بەك لاۋۇلدىغان تومۇردا قېنى. بىر تەرىپىمدە ئانام كۆيگەن ئىنجىقىدىن ئۆرلىگەن سۆيگۈ تۈتۈنى. بىر تەرىپىمدە سەن كۆيگەن تىمسالىڭ سەندە ئۆسكەن جىگدە ئوتۇنى. ئانا يۇرت، مېنى ئوتتىن تۇغقىنىڭغا رەھمەت يۇرتنىڭ ئوتىدىن تۇغدۇڭ مېنى. شۇ يۇرت ھەققى، تۇپرىقىڭ ھەققى ئوتۇڭدا كۆيۈپ تۇرۇپ سۆيىمەن سېنى. سەن قوينۇڭغا ئوت بولۇپ تۇغۇلغانلارنىڭ ئوتۇڭدا كۆيگەنلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى. ھاياتىمنى مۇھەببەت قىلدىڭ، ئوت قىلدىڭ شۇ مۇھەببەت، ئوت ھەققى سۆيىمەن سېنى. == '''ئانام''' == ئىمىن ئەھمىدى بىر كونا سۆيگۈدىن قەلبىمدە باھار، قىلمىساممۇ يېڭى مۇھەببەت بايان. ۋىسالىڭنى ئىزدەپ يېگەچكە ئازار، ھېسلىرىم تۈمەننىڭ سۈيىدە ئايان. ساڭا ۋاپا بىلەن چامدىدىم بۈگۈن، كىندىكىمدىن دەسلەپ تۆكۈلگەچكە قان. ئەمدۈرگەچ ئوغۇز سۈت ماڭا تۈنۈگۈن، سەندە جىمى بەختىم، سېنىڭدىندۇر جان. شۇڭا "كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق، دېگەن سۆز-چۆچەككە ئىشەنمىدىم ھېچ. كىچىك چېغىمدىلا تۇتاشقان پىراق، ئاجىز ۋۇجۇدۇمنى قويمىدى تېنىچ. مەيۈس كۈلكەڭ ماڭا قۇۋۋەت ھەر زامان، ئۆرتىسىمۇ بەزەن دىلىمنى ئاھىڭ. مەيلى قانچە ياشناپ كەتسۇن كەڭ جاھان، ئۆمرۈمگە مۇقەددەس يەككە نىگاھىڭ. چاچ شالاڭ، ساقال ئاق، مېھمانمۇ دېمە، مېھمان ساڭا مەندەك كەلمەيدۇ يىغلاپ. بەڭباش قىلىقىمدىن ھەرگىز غەم يېمە، ئېتىزلىرىڭ ئارا يۈرسەم پېتىقلاپ. ھەممە كەپسىزلىكىم، ھەممە شوخلۇقۇم، نەدە يۈرسەم سېنى سۆيۈشتىن پەيدا. بىر ساڭىلا بولغاچ دەردىم-خوشلۇقۇم، قىلىدۇ ئەقىدەم قىزلارنى شەيدا. دادام ياتقان گۆرنىڭ يېنىدىن بۇ دەم، ماڭىمۇ كۆرسىتىپ بەرگىن بىر يەرلىك. ھاياتتىن مەن ساڭا قەرىزدار ھەردەم، سىنىڭ ھېممىتىڭدىن شۇلار يېتەرلىك. رەنجىمەي قۇچاقلا مەسۇم بالاڭنى، گۇناھ ئۆتكەن بولسا، كەچۈرۈش سەندىن. سەنلا ساقايتىسەن ئىشقىي يارامنى، چىقىدۇ ساڭىمۇ مەلھەملەر مەندىن. پىشانەڭ قورۇقى ساناقسىز دەپتەر، روھىم ئالۇر ئۇنىڭ بېتىدىن غۇرۇر. كۆڭلۈم ھەر ئان ساڭا قاناتسىز كەپتەر، قۇچاقىڭغا قاراپ ئۇچىدۇ مەغرۇر. == '''سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك''' == ئىمىن ئەھمىدى سانجىنىڭ... غۇلجا-كۇچانىڭ... ئۈرۈمچى-قەشقەرنىڭ... ناۋايخانىسى، ئاشپۇزۇللىرى قاتار كەتكەن. بىرىدە لەڭمەن-ئۈگرە، بىرىدە پولۇ-مانتا... دىماقنى غىدىقلايدۇ كاۋاپنىڭ ھىدى بىر يەردە تاتلىق-تۇرۇم، پىشۇرۇق ئەتكەن. پالما دەرەخلىرىنىڭ بويى سۇۋادان تېرەك دېڭىزدىن ئۇرۇۋاتقان غۇر-غۇر شامال قىزلارنىڭ چېچىغا قونغان، مەڭزىگە تەگكەن، يولنىڭ بويىدا قەشقەرلىك ياش بىر چوكان كۆكسىنى بالىسىنىڭ ئاغزىغا كەپلەپ قويۇپ، ئولتۇرىدۇ، بەلكىم ھاردۇق يەتكەن! ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بامبۇك ئورۇندۇق، شىرەدە چىنە-چەينەك، ناۋات سالغان چاي خوتەنلىك ئىككى بوۋاي موخۇركا چەككەن. تۇرپانلىق ئايالنىڭ سومكىسى مەرۋايىتقا لىق كۆتۈرۈپ ماڭالماي بېلىنى ئەگكەن... ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك! ئۈن يېتىم يەردىكى ساھىلدىن شاۋقۇن، بىز تەشتەكتە باقىدىغان رەڭگارەڭ گۈللەر بۇ يەردە بوي تارتىپ ئۆسكەن باراقسان. چۈش مەھەل، ئىسسىق بەلباغدىن كەلگەن يالقۇن ئالۋۇندەك جۇلالايدۇ قوشۇپ جانغا-جان. مەجنۇنتال سايىسىدا غۇژژىدە ئادەم، ئېھتىمال ئىسسىقتىن قېچىپ توپلاشقان. يولنىڭ بۇ چېتىدىكى شىنجاڭلىق لاۋجاڭنىڭ ئۇ تەرەپتىكى مەمەتنى توۋلاشلىرى شۇنچىلىك ئەركىن، ھەر ئىككىسىنىڭ پۇتىدا ساپما كەش، قولىدا بانان. خۇيخۇيسۈن كەنتىدىن يالۇڭۋەنگە سۇ ئۈزۈپ كېلىمىز دەپ ماڭغان يانمۇيان. بۇلغانمىغان ھاۋا تەننىڭ داۋاسى، يۇيغان چىنىدەك پاكىز كۆك ئاسمان. خەنزۇ دەمسەن، ئۇيغۇر دەمسەن، خۇيزۇ دەمسەن...ھەممىسى ئەسلىدىنلا بىر ئائىلە، قېرىنداش-تۇغقان! ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك! بۇ يەر كېلىدىغانلارغا قوغۇنلۇقنىڭ يولى، قارامايدا ھەپتە-ئاي ئۇچراشمىغانلار، ساناتورىيەدە بولۇشىدۇ جەم. ئالتاي يايلاقلىرىدا كۆرۈشەمىگەنلەر، كورلىدا كۆرۈشۈپ سۆزلىشەمىگەنلەر دۇكان-رەستىلەردە تېپىشىپ قېلىپ، بىر-بىرىنىڭ قولىنى سىقىدۇ مەھكەم. بۇ يەر ھەممەيلەنگە ئۆز، ھايات سەھنىسى ئوخشاشمىغان مېۋىلەردە بىرلا تاتلىق تەم. بىنالار بىر قارىساڭ ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى، كىرىپ قالغاندەك بولىسەن كەچلىك بازارغا؛ بىر قارىساڭ چوڭ بازاردىكى قاينام-تاشقىنلىق، ماڭامسەن، تۇرامسەن ئۆزۈڭدىكى پەم! دېڭىزنىڭ كەڭلىكىگە ئاسمان پاتىدۇ؛ يانچۇقتىكى پۇلۇڭغا جاھان پاتىدۇ؛ كۆڭۈلنىڭ كەڭلىكىگە دېڭىز پاتىدۇ؛ سۇدىن چىقىپ قۇمدا ياتقانلار، قۇمدىن چىقىپ سۇدا ياتقانلار، قۇم بىلەن سۇنى مەھەللىسىدىكى ئۆستەڭ چاغلاپ، ئوڭدا-دۈم ئېغىناپ ئەركىن ياتىدۇ. قىلچە يېتىرقاش يوق، ھېيىقىشمۇ ھەم، بولمىسا قۇرۇق پونى قانداق ئاتىدۇ؟ ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك! دادۇڭخەيدىكى ئورمانلىقتا ئۇسسۇل سەيناسى رىتىملىق قەدەملەردە ئەزگۈ ھاياجان، جىلۋىلىك كۈزلەردە ھاياتنىڭ شەۋقى! ئاھاڭلار مىللەتتىن، ئىرقتىن مۇستەسنا، ئوخشاشلا لاۋۇلدايدۇ مۇھەببەت زەۋقى. كىيىملەر گۇگۇمدىكى شەپەققە زىننەت، يىراقتىكى شاۋ-شۇۋ ناخشىغا تەڭكەش، تۈگىگەن كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى. نىيەت-ئىقبالدا ئالەمچە بىرلىك، ،ئاستىڭدىكى تۇپراق شۇنچىلىك ئۇلۇغ بىز ياشاۋاتقان جاھاننىڭ شەرقى. ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك!... == ''‏ئايدىڭدا تەنھا مەي ئىچىش'' == ''[[‏لى بەي]]'' ''‏'' ''‏تۇرىمەن كوزام بىلەن گۈلگە قاراپ'' ''ئۈلپىتىم يوق ئۆتمىدى گالدىن شاراپ'' ''ئايغا مەي تۇتسام يېنىمغا كەلدى ئاي'' ''ياندا سايەم قالمىدىم يالغۇزسىراپ'' ''ۋەلىكىن ئاينىڭ لىۋى مەيدىن نېرى'' ''قويمىدى سايەممۇ ھالىمنى سوراپ'' ''ئىككىسى ھەمراھ دېسەم چاغلىق ئىكەن'' ''ئۆتكىدەك ئۆمرۈم باھارسىز بەك خاراپ'' ''ناخشا ئېيتسام تولغۇنار ئاسماندا ئاي'' ''چېكىدۇ ئۇسسۇلغا سايەم ئىزتىراپ'' ''ساق ۋاقىتتا سىردىشىپ يۈرگەن بىلەن'' ''مەس بولۇپ قالساق كېتەركەنمىز تاراپ'' ''بەخت ئۈچۈن ئاسمانغا چىقسام بولغۇدەك'' ''تارتقۇچە تەنھا يۈرۈپ بۇنچە ئازاپ'' ئىمىن ئەھمىدى تەرجىمىسى == '''كېچىككەن سۆيگۈ''' == مېنى «قايت» بۇ يولدىن دېگەنلەر تولا، قىلچە ھېيىقمىدىم، زىنھار يانمىدىم. لېۋىڭدىن ئەۋەتكەن ۋىسال مەيىگە لېۋىمنى تەككۈزدۈم ئىچىپ قانمىدىم. سەۋەب ئىشىق ھېكايەم باشلاندى بەك كەچ، شۇڭا كېچە-كۈندۈز سۆيگۈ ئىزدەيمەن. ئۆلگەندىن كېيىن ھەم چېكىنمەيمەن ھېچ، كەم قىسمى گۆردە دەپ كۆڭۈل بەزلەيمەن. سۆزۈمنى شەرھلەپ قەبرەم ئۈستىگە ئۈنىدۇ شۇ سۆيگۈ رەڭگىدە گۈللەر. ۋە شۇ چاغ كېلىدۇ مېنى سۆيمەككە سۆيەلمەي قالغان شۇ سانسىز گۈزەللەر. كېچىكىپ تاپقان بەخت ئەجەبمۇ تاتلىق، ئۇ بەخت ئىچىدىكى مۇھەببەت ئاندىن. شۇڭا ئۇ مەن بىلەن بىللە كېتىدۇ، ئايرىلماي جىسمىمدىن، جېنىمدىن-قاندىن. ھەمراھ بول، سۆيگۈ پەرىسى، ماڭا بىر ئۆمۈر، قالسۇن ئىككىمىزدىن ئالەمگە ئەنداز. ئالەم تۈگەپ كېتىدۇ، سۆيگۈ ئۆلمەيدۇ، بىز ئالەمدىن ئۇزۇن قىلايلى پەرۋاز… == '''ئاخىرقى سۆيگۈ''' == كىم مېنى سۆيەر دەپ كۈتۈپ تۇرمايمەن، گۇناھ ئەمەس ئەمدى سۆيگۈ ئاختۇرۇش. خىجىلمۇ بولمايمەن، ئىختىيارىمدا كىمنى ياراتماسلىق، كىمنى ياقتۇرۇش.   ۋاھ دەپ كۆكسۈمگە يېپىشقانلار بار، چۈشەنسەم بوپتىمەن قولىدا قورچاق. داغداما يوللارغا باشلارمۇ دېسەم، چىقتى يولى ئەگرى، ھەتتا قىسىلچاق. «مۇھەببەت ئۆز ئەركىڭ» دېدى بىر مەھەل، ئۇچۇردى، تاشلىدى، ئازدىم ئەقىلدىن. بەرمىدىم ئۆزگىلەر ئۈچۈن قىلچە نەپ، ئۆزۈمگە گۆر قازدىم، ئۆزۈم يىقىلدىم. ساداقەت بابىدىن سۆز ئاچتى بىراق، ئىشقىمنى ئەرزىمەس قىلدى تىيىنغا. يا ئۇنى سۆيدۈرمەي ۋە ياكى بۇنى، ھاياتىم سەپىرى چۈشتە قىينغا. سالمايلا كەپتىمەن ئالەمگە نەزەر، مۇھەببەت يولىنى بىلىپتىمەن تار. بىكار كۈتۈپتىمەن شامۇسەھەرلەر، بارمۇ دەپ دۇنيادا مېنى سۆيەر يار. «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ئولتۇرسا، سۆيگۈلەر ھەر قاچان قاچاركەن يىراق. ھەقىقىي بىر گۈزەل ئىزدىگەنلەرگە، زۆرۈركەن ھەممىدىن بۇرۇن ئىشتىياق. بۇ نۆۋەت مەن ئۈچۈن ئاخىرقى سۆيگۈ، تۇنجى چىن ئاشىققا ئېرىشتىم تەستە. مەن ئەمەس، ئەۋلادىم بەخت قۇچىدۇ، بۇندىن سوڭ بولمايدۇ يۈرىكى خەستە. ئەمدى كىم سۆيەر دەپ كۈتۈپ تۇرمايمەن، گۇناھ ئەمەس ماڭا سۆيگۈ ئاختۇرۇش. خىجىلمۇ بولمايمەن، ئىختىيارىمدا كىملەردىن ۋاز كېچىش، كىمنى ياقتۇرۇش… == '''ئىككىلەنگەن سۆيگۈ''' == شارقىراپ بىردىنلا قويۇلدى يامغۇر، دەرەخنىڭ تۈۋىگە يۈگۈردۈم چاپسان. ماڭا تامچە ئەمەس، تەگدى گويا ئوت، بىر گۈزەل تۇرمامدۇ يېنىمغا باقسام. كۈلدى ماڭا قاراپ، كۈلەلمىدىم مەن، نامەردلىك بولاتتى ھودۇقۇپ قاچسام. ئۈن-تىنسىز بىر ھازا تۇرۇشۇپ كەتتۇق، ئويلىدىم: نە بولار قوينۇمنى ئاچسام. يامغۇرمۇ توختاپتۇ، قاپتىمەن يالغۇز، بىر تاتلىق خىيالدا، ئىسىمنى تاپسام. «ھەي ئىسىت» دېدىم-دە، كۆككە توۋلىدىم: «ساڭا نە خىجىللىق، ياغمامسەن چاپسان!!» == '''سەھرا''' == كەلگەندە قايتىشنى ئۇنۇتتى كۆڭۈل، دېمەككى، رۇخسارىڭ مېنى قىلدى رام. ئارمىنىم تۈگىدى، ئىككى مەڭزىم ھۆل،    ۋىسال مەلھىمىڭگە ئېرىشتى يارام. پاكار ئۆيلىرىڭدە تاغنىڭ قامىتى، يىراقلىق ئارىغا سوقالمىدى تام. ئەپسۇس، ياشلىقنىڭ ئاپپاق ۋارىقى، سەنسىز نەچچە يىللار بولدۇم بىئارام. ئېرىق-ئۆستەڭلەردە زەمزەم تۈگىمەس، يۇلغۇنۇڭ تۈۋىدە ئالىمەن ئارام. سېنى دەپ جان بېرىش ماڭا غەم ئەمەس، شەنىڭگە ھەر جايدا كۆتۈرىمەن جام… == '''كۆڭلۈم''' == سەن مېنى قۇل دېسەڭ مەيلى كېرەك يوق، ھەرنە بالالارنى يەڭدىم سەن ئۈچۈن. چوغ كەبى تەگكەندە كۆكرىكىمگە ئوق، تەلۋە بولغان چېغىم چىقارمىدىم ئۈن. مېنى جەڭچى دېسەڭ ئالدىدا ئۈزۈپ، قارارىم قان بىلەن ئەيلىدىم پۈتۈن. چېلىشسام ئوكياندىن جاۋاھىر سۈزۈپ. ئوتۇمدىن سۇ ئۈزرە ئۆرلىدى تۈتۈن، سەن مېنى دېسەڭ گەر ئاددىي بىر ئىنسان. بولمىدىم سۆيگۈدىن خالىي بىرەر كۈن. ئۇنىڭ ئالدىدا ھەممە يەر بىلەن يەكسان، ياق دېسەڭ نېمىشقا سۆيگەن تۈنۈگۈن؟ 1985-1991-يىللار == '''ھېيتگاھتىكى قۇچاقلىشىش''' == مېنى ئاۋۋال قۇچاقلايدۇ بۇ شەھەر، ئەتتەڭ! دەپ پۇشايماننى قۇچاقلايمەن. سېغىنىش ئۆرتەيدۇ مېنى ساق بىر يىل، تەلمۈرىمەن، ئارماننى قۇچاقلايمەن. ئەمدى چوقۇم ئەل ياتقۇدا تۇيدۇرماي كېلىپ، ئالدى بىلەن ئاسماننى قۇچاقلايمەن. تولون بولسا بىر يولى، ھىلال بولسا ئاۋايلاپ، ئايغا قوشۇپ چولپاننى قۇچاقلايمەن. تۈمەنگە بارىمەن « گۈلئايىم» بىلەن، چېچى ئورنىدا بوستاننى قۇچاقلايمەن. جانان كوچىسىدا بولمىسا جانان، دىۋارلاردىكى نۇرئەفشاننى قۇچاقلايمەن. بونجا تېرەكلەردە سەھەر ئاۋازى، ئويغاق ئۆگزىلەردە تاڭنى قۇچاقلايمەن. تونۇردىن كېلىدۇ ئاق ناننىڭ ھىدى، قەشقەرنىڭ قولى دەپ ناننى قۇچاقلايمەن. كىرىمەن كىچىكلىكتە ئوينىغان باغقا، يا ئەترە، يا رەيھاننى قۇچاقلايمەن. يىراق-يىراقلاردا «تاشۋاي»نىڭ ئۈنى، سېھرى كۈي، ئاھاڭنى قۇچاقلايمەن. يېنىمدىلا سەمەن، تۇنجى مەكتىپىم، ئاتمىش يىللىق جەۋلاننى قۇچاقلايمەن. تۇردى ئاخۇننى ئىزدەپ چايخانىلاردىن، گىگانت ئون ئىككى مۇقامنى قۇچاقلايمەن. خىيالىم كېتىدۇ قەدىم-قەدىمگە، ھۆرمەت ئىچرە ئاماننىساخاننى قۇچاقلايمەن. ئوردا ئالدىغا كېلىمەن، «قۇتادغۇبىلىك»،» بەيگە تۇلپارى «دىۋان» نى قۇچاقلايمەن. نېزارى بابىدا « رابىيە-سەئىدىن»، جىلۋىگەر تارىختىن شەرەپشاننى قۇچاقلايمەن. دەرىخا! ئۆستەڭبويى يەنە بىر دۇنيا، ساناقسىز ئەللامە ئۇستامنى قۇچاقلايمەن. گۈزەردىكى ئالما-ئانار يۈزىدە ساپ تەر، يۈرىكى تونۇش دېھقاننى قۇچاقلايمەن. دەرۋازىلارغا بارىمەن بىر-بىر، سەھرا پۇرىقى بار چاڭنى قۇچاقلايمەن. پاكىز ئۆيلەر ئەينى ئانامدەك قەدىرلىك، زامان ئىزناسى بار ئايۋاننى قۇچاقلايمەن. قۇچىقىڭغا قۇچىقىم يەتمەيدۇ قەشقەر، بېشىم ئىگىپ سەندىكى تاڭنى قۇچاقلايمەن. سەن ئانا يۇرت، ئەقىدەم، تۇرغان پۈتكىنىم، سەن روھى ماكان، روھى ماكاننى قۇچاقلايمەن! == '''گۇگۇم كۈلىدۇ''' == كەچ بولدى، كىشىلەر ئۆيىگە ماڭدى، مەن كىرىپ كەتتىم باغنىڭ ئىچىگە. ئانام ئارقامدىنلا ۋارقىراپ قالدى: — ئاشىق بولدۇڭمۇ، — دەپ، — ئەمدى كېچىگە؟ — نېمىشقا كېچىگە ئاشىق بولىمەن؟! خىيالىم باغدا ئاي يۈزىنى كۆرۈش. — ئوڭايغۇ بىز بىلەن تالادا كۆرسەڭ، نېمە ھال گۇگۇمدا مۈدۈرۈپ يۈرۈش؟ — ۋاي ئانا، ئەل بىلەن ئوچۇقچىلىقتا ئايغا قىيا بېقىپ ئۆتتى نەچچە ياش. ياپراق ئارا كۆرسەڭ ئۆزگە تۇيۇلار، ئۇنىڭدىكى كىرپىك، ئۇنىڭدىكى قاش… — 1987-يىلى ئاۋغۇست، ئاقسۇ. mn9s1auzu6yine9itsn2z1weotzguer 176637 176636 2026-10-18T21:30:56Z UyghurArchive 25219 176637 wikitext text/x-wiki '''<big>ئىمىن ئەھمىدى شېئىرلىرىدىن</big>''' == '''قەھۋە ئىچىش''' == ئىمىن ئەھمىدى قەھۋە يوپۇرمىقىنى يەپ سالغان قويلار، ئۇخلىمىغان ئىكەن قوتاندا بىر كېچە سەكرەپ. مەنمۇ بىر كۈنى سەنيادا بىر قىز بىلەن، قەھۋە ئىچتىم قويلار ھەققىدە ھېكايە سۆزلەپ. ئ‍ۇمۇ شۇ ئاخشىمى ئ‍ۇخلىيالماپتۇ، قويسىمۇ ئانىسى يوتقانغا چۆمكەپ. ئەتىسى كۆرۈشكەندە سۈرەپلا ماڭدى، «خالىي بىر جاي تېپىپ قەھۋە ئىچسەك» دەپ. ئۇ شۇنداق ئۆتكۈزدى تالاي ئاخشامنى، كۆڭلىدىكى قىلىقنى لېۋىگە يۆتكەپ. ياشىسىمۇ بولغىدەك ئادەم ئاشۇنداق، ھەممە قىلغۇلۇقنى قەھۋەگە دۆڭگەپ. (يەنە بىر نۇسخىسى:) == '''قەھۋە''' == ئىمىن ئەھمىدى قەھۋە يوپۇرمىقىنى يەپ سالغان قويلار، ئوخلىمىغان ئىكەنمىش قوتاندا سەكرەپ. بىر كەچ تۈرك قىزى بىلەن قەھۋە ئىچتۇق، خىلۋەت چايخانىدا ھېكايە سۆزلەپ. ھېرىش يوق، گەپ بىلەن تۈگىدى ئاخشام قايتىپ كەتتۇق ئۆيگە ۋاقىتنى خەپلەپ. ئەرتىسى ئۇچراشتۇق، سۆرەپلا ماڭدى يەنە تۈنۈگۈنكىدەك قەھۋە ئىچسەك دەپ. ئۇ شۇنداق ئۆتكۈزدى نەچچە ئاخشامنى جىمى قىلىقنى لېۋىگە يۆتكەپ. ياشىسىمۇ بولغۇدەك ئادەم شۇ يەڭلىغ ئويۇن-چاقچاقنى قەھۋەگە دۆڭگەپ... == '''پامۇك قەلئە''' == ئىمىن ئەھمىدى پامۇك قەلئە، ئۇيغۇرچە پاختا قەلئە، قاردەك ئاقلىقىدىن كەلگەن نام. شۇنچە سۈزۈك، شۇنچە بىغۇبار ھۆسنىگە تەبىئەت ئىبەركەن ئىنئام. قىيالىرى يىپەك ياپقاندەك، كۆلچەكلىرى مەيگە تولغان جام. ئەتراپىدا چېچىلىپ ياتقان تاشلار تىك تۇرغىنى تارىختەك يىمىرىلمەس تام. ۋۇجۇدۇمغا نەرە تارتىپ كىردى ئەسلىمە خىيالىمنى قىلىۋالدى رام. زەيتۇن چىشلەپ ئۆتۈپ كەتتى بىر توپ كەپتەر نوھنىڭ كېمىسىنى قىلغاندەك دام-دام... == '''دېڭىز''' == ئىمىن ئەھمىدى ئۇپۇق كۆرۈنىدۇ، نىشان كۆرۈنمەيدۇ، غۇر - غۇر شامال، تۇمان كۆرۈنمەيدۇ. سۇنغان نۇر سۇ يۈزىدە مارجان ئەينى چايكا كۆزىگە مارجان كۆرۈنمەيدۇ. قۇياشلىق كۆكتە ھايات شەۋقى، يالغۇز يەلكەنگە ئەپغان كۆرۈنمەيدۇ. كىچە پايانسىزلىق جانغا ۋەھىمە، لېكىن ھېچنەرسە سەرسان كۆرۈنمەيدۇ. يىراق - يىراقلاردا مەۋھۇم ئالۋۇن، دولقۇن قوينىدا گۈلخان كۆرۈنمەيدۇ. سەيياھ قانىتىغا ئىشەنچ ھەمراھ، گەرچە يېنىدا كارۋان كۆرۈنمەيدۇ. ئەركىنلىك دېگەن شۇنداقمىكىن تاڭ، نە پادىشاھ، نە خان كۆرۈنمەيدۇ. دېڭىزنىڭ قەلبىدە ئۆھسىنىش چايكىدىن باشقا جەۋلان كۆرۈنمەيدۇ. == '''مەن كۆرگەن خارابىلار''' == ئىمىن ئەھمىدى لام-جىم دېمەي چېچىلىپ ياتقان خىشلار ئۆرۈلگەن سارايلاردا خىيالىم. سۇنغان مەرمەر پارچىسىدا ھىلال ئاي شاھلار تەختى بىلەن بولمىدى كارىم. دىۋارلارنىڭ ئۈزىلا ئۆچمەس يېزىق كۆرۈنمەيدۇ بولغار تاشلىق كىتاب. تۆۋرۈكلەر گىگانت ئادەمنىڭ ئۈزى يىراق ئەسىرلەردىن قالغان ئىزتىراپ. ئىزاھات يوق، چۈشەندۈرۈش يوق ئاڭلانمايدۇ مىڭ سەيياھقا بىر خىل گەپ. كۆرۈۋاتقانلارنىڭ قەلبى قەلبىدە بىرىگە شادلىق بىرىگە ھەسرەت . ياش بىرلىرىگە بىلىنىدۇ سۇ، تۈزلەڭ بىرلىرىنىڭ قارىشىدا تاغ. بىرلىرىدىكى شۆھرەت بىرلىرىگە خەس بىرلىرى ئىزدىگەن شان بىرلىرىگە داغ. يۇمىلاق قۇببىلىق جامەلەر يېنىدا، ھۆرمەت بىلەن تىكلىنىپ تۇرىدۇ چېركاۋ. == '''لىجياڭ دەرياسى''' == ئىمىن ئەھمىدى 1 تاغ ئېگىزمۇ ياكى ئاسمان پەس؟ بىر - بىرىگە تۇتاشقان پەۋەس. چوققىلارنى سۆيگەن ئاق بۇلۇت مانان ئارا ئالىدۇ نەپەس. بامبۇكزاردا ئاياغ تىۋىشى چاتقاللارنى ئەگىپ ئۆتۈش تەس. چاچلىرىڭغا يامىشايمۇ دەپ بانان شېخى ئېگىلىدۇ پەس بۇ مۇھەببەت ئەجەب مۇقەددەس. 2 سۈزۈك سۇلار كۆزۈڭ بەئەينى قارىچۇقىڭ جىمىرلىغان تاش. كۆكسۈڭ كەيى يۇمشاق ئېدىرلار، رومالىڭدۇر ئىككى يېشىل قاش. يالغۇز ئۈزۈپ كەلگەن قومۇش سال، قويدى خىيال قىرغىقىغا باش. ھاياجاندا جىلۋىلىك شەپەق، تۆكتى چەكسىز چىمەنلەرگە ياش. 3 تىلسىم سۈپەت دالالار .قوينى، سۈرەت يەڭلىغ چۈشىدۇ كۆزگە. شىلدىر- شىلدىر ئالتۇن ياپراقلار، باھار ئىزدەپ كۈلىدۇ كۆزگە. غايىبانە مەغرۇر چىرايىڭ، ئۆلۈكنىمۇ ئۈندەيدۇ سۆزگە. تۇيدۇرمايلا باغاشلىۋالدىڭ، يارىڭ يوقمۇ مېنىڭدىن ئۆزگە؟ 4 قەيەردىدۇر نەينىڭ ئاۋازى، كىيىكلەرنى قىلىپ قويدى لال. قىيا باققان بېلىقچى قىزلار نىگاھىمنى ئەيلېدى مالال دولقۇنىڭغا بېشىمنى ئېگىپ قىرغاق ئۈچۈن بولۇپ قالاي تال. ئىشەنچ قىلساڭ غۇبارسىز سۆيگۈ، گۈزەللىكنىڭ چېھرىسىگە خال. 5 كېتىپ قالسام كۆڭلۈم سېنىڭدە، ھەر تىنىقىڭ جىسمىمگە مىڭ جان. تۇرغىن دېسەڭ باغرىڭدا ئويناپ، مىسرالاردىن ياسايمەن خامان. قىسقا ئۆمۈر چۈشۈمدەك تاتلىق، ئۆتەلمەيمەن ئەمدى خىرامان. داۋان ئېشىپ كەلگەن ئەقىدەم، ئاستانەڭگە بولىدۇ مېھمان. 6 شاۋقۇ‌ن سالماي ئاقىسەن جىمجىت، ھە‌ر تامچاڭدا جە‌ننە‌ت مۇ‌جە‌سسە‌م. سىنى كۆرۈپ زە‌مزە‌م بولدۇ زە‌ڭگە‌ر كۆكتىن كە‌لگە‌ن قە‌ترە ھە‌م. ھە‌ممىمىز تە‌ڭ يارالغان تۇرۇ‌پ سىنى باشقا بىلگە‌نمۇ ئىگەم؟ قىز-يىگىتىڭ خىزىرمىكىن تاڭ، قە‌لبىمدە ئوت، كۆزلىرىمدە نە‌م. 7 كۆپ نەرسەمنى ئىلىپلا ئالدىڭ، بەرگىنىڭنى ساناپ چىقماق تە‌س. كىندىك قېنىم قىسمەتلىرىدىن، ئاتا قىلدىڭ يېڭى بىر ھەۋە‌س. نومۇ‌سىمنىڭ بە‌رگىدە شە‌بنە‌م، زۇ‌مرە‌ت يوللار تۈگىگە‌ن ئە‌مە‌س. قانلىرىمدىن ئۇرغۇ‌يدۇ قەسە‌م ئۆرتە‌ندىممۇ شۇ‌نىڭ ئۆزى بە‌س! بۇ مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئە‌جە‌ب مۇ‌قە‌ددە‌س... == گۈيلىن، گۈيلىن! == ئىمىن ئەھمىدى 1 گۈزەللىكىڭ ئالەمدە يەككە، شۇ ۋەج باقماي كەلدىم بۆلەككە. بوسۇغاڭغا پۇتۇمنى قويسام، ئوت كەتكەندەك بولدى يۈرەككە. نە ئايرىلىش ھەتتا بىر زامان سېغىنىشنى ئورىدىڭ دەردكە. بۈگۈن كۆرۈپ چېھرىڭنى جانان، ھۆرمەت ئارا ياندىم ئەدەبكە. ھاياجاندا قەلەم سەۋدايى، چاپىمەن دەپ كىرمەيدۇ گەپكە. قارىغىنا، قانمۇ، سىياھمۇ، تېمىۋاتقان شاھانە بەتكە! سەن جەننەتمۇ ۋە ياكى مەككە؟ 2 تاغلىرىڭنى تەڭرىتاغ دېسەم، تەلەپ قىلدىڭ باشلىرىڭغا قار. بىلمىدىڭمۇ بېغىڭدا بۇ دەم، سەن سۆيۈنگەن قارنىڭ رەڭگى بار. ئىككى پەسىل قەلبىدە بىر ئوت، بىر تۇپراقنىڭ ئىشقىدا ياتار. ئىككى زىننەت باغرىدا بىر يۇرت، بىر يۈرەككە ئەبەد ئىپتىخار. كۈمۈش لىباس دىلنىڭ پاكلىقى، يېشىللىقنىڭ سۆيگۈ بىغۇبار. يېشىل ساقلا بوستانلىرىڭنى، بولۇۋەرسۇن كۆكسۈڭدە باھار. 3 بۇلۇق ئۆسكەن شېكەر قومۇشلۇق، قوناقلىققا، قوناققا رەڭداش. قىر ئارىلاپ كۈلۈشكەن قىزلار، خىيالىمغا تاشلىۋەتتى تاش. ياپراقلاردا ئۇخلايدۇ شەبنەم، مەيىن شامال شاخلارغا مۇڭداش. يىلتىز ئارا گۈپۈلدىگەن نەم، ئارزۇيۇمنى قىلىپ قويدى پاش. بايان قىلغىن، تاتلىقلىقىڭنى، بەرگەن يەرمۇ ۋە ياكى قۇياش. شولىلارنى يامراتقان دىلدا ئاي يۈزۈڭمۇ، سۆزلە قەلەمقاش؟ 4 رەڭ تاغلىرى، «رەڭلەر دۆۋىسى»، ئۆزۈڭمۇ سەن ھەسەن - ھۈسەنگە. گە‌ر ياق دېسەڭ ئالەم ئىگىسى، يان باسقانمۇ رەڭدار چىمەنگە. تۇغ - ئەلەمنىڭ جەۋلانلىرى بار، چۈشكەن كەبى يىگىتلەر جەڭگە، تارقىتامتىڭ ياكى بىر ئۆزۈڭ، گۈزەللىكنى ھەر بىر قەدەمگە. قانداق ئىش بۇ جېمى گۈزەللىك، يىغىلغىنى بىرلا بەدەنگە! يۈرىكىمنى قوشۇپ قويساڭچۇ، كۆكسۈڭدىكى قىپقىزىل رەڭگە؟ 5 قۇچىقىڭدا «قومۇش نەيلىك غار»، بوغۇم-بوغۇم خۇددى قومۇش نەي. تاش ئارىلاپ ئۆسكەن بىر گىياھ، تەمەنناسىز كۆزگە كۆرۈنمەي. نەي ئاۋازى غارنىڭ ئاۋازى، ئايرىماق تەس، چىقار ئۈزۈلمەي. گويا يىلنىڭ قىشى ۋە يازى، ئەتكەن كەبى ئەسرنى ئەللەي. پەرىشتىلەر تۇتقاندەك قەدەھ، دىۋارلاردىن تۆكۈلىدۇ مەي. بىر ئاھاڭغا كۆڭلىنى قوشۇپ، كىم قالدۇرغان ئىچىپ تۈگەتمەي؟! 6 بولدى مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئەركەم، ئاسمىنىڭدا كۈلگەن تولۇن ئاي. شەرەت قىلىپ يۈرگىلى نە كەم... پەرىلىرىڭ تۇتۇپ يېڭى چاي قوينۇڭ كەڭرى قۇچىقىڭ ئاندىن، تۇرۇپ كەتتىم گىرە سالالماي. چىللاپ كەلدىڭ، لېكىن بەرمىدىڭ، مۇڭدىشىشقا بىرەر پاناھ جاي. كەلمىگەندە ھېسلىرىم تەكشى غۇرۇرۇمنى سىنىدىڭ تالاي. بىر گەپ قىلغىن، ۋاپاسى چەكسىز، يارىڭ بولۇپ يېنىڭدا قالاي. 7 چەشمىلىرىڭ ئويقۇسىز دائم، جىرىڭلايدۇ كۈمۈش قوڭغۇراق. بوشلۇق بىلەن سۆزلىشەمدىكىن، شىلدىر - شىلدىر قىلىدۇ ياپراق. تىنىم تاپماس قۇشلار ئاۋازى، لەۋدە مەڭىز، ئېغىزدا قۇلاق. تەبىئەتنىڭ چېھرىدە ياشلىق، غۇنچىلاردا ھەر تاڭ بىر پىراق. تاغلار كېلىپ سۇنى سۆيىدۇ، كىمدە سۆيگۈ، كىمگە ئىشتىياق. ئىزدەپ كۆرسەڭ پىنھان ماكان يوق، ھايات ئويغاق، مۇھەببەت ئويغاق. 1991 - يىل 11 - ئاي، گۈيلىن == '''ئىلتىجا''' == ئىمىن ئەھمىدى چىقار ئانا ھېجىر قاچاڭنى، يەنە بىر رەت ئۇماچ ئېتىپ بەر. بۆشۈكۈمنى تەۋرىتىپ بىردەم، ئەللەي-ئەللەي قوشاق قېتىپ بەر. ساپال چىراغ نەلەردە قالدى، پىلىك سېلىپ قايتا يېقىپ بەر. ئۇنتۇماپتۇ بالام مېنى دەپ، دەريا-دەريا بولۇپ ئېقىپ بەر. مەينەت كەلدىم شاۋ-شۇۋ شەھەردىن، پاكىزلىناي ئېرىق چېپىپ بەر. بىر كەملىك بار مېنىڭ كۆڭلۈمدە، بەختىم ئۈچۈن شۇنى تېپىپ بەر. == '''مەھەللەمگە مۇھەببەت''' == ئىمىن ئەھمىدى مەن بۇ مەھەللىنى ياخشى كۆرىمەن، گەرچە ئۇنىڭدا ئېگىز بىنا يوق. سۈيىدە ئېقىپ،ئوتىدا كۆيىمەن، پاكار ئۆيلەردە تاغدەك ئۇلۇغلۇق. مەن بۇ مەھەللىنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇنىڭ مېھرىگە كۆنۈپ قالغان. ئانامنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن چېلىكىنى، دادام سۈزۈپ بېرىپ كۆيۈپ قالغان. مەن بۇ مەھەللىنى ياخشى كۆرىمەن، قىرلىرىدا كاككۇك قونغان تال. دەل مۇشۇ مەھەللىنىڭ قىزى ئىدى، قىزلىرىمغا ئانا بولغان بىر ئايال… == '''گۈل ئوغرىسى''' == ئىمىن ئەھمىدى باشتا بىر تال گۈلنى ئۈزۈپ كەتتىم، تۆت ئەتراپىمغا قاراپ ئاۋايلاپ. كېيىن تەشتەك بىلەنلا كۆتۈرۈپ كەتتىم، دېرىزەمگە قوندى قۇچقاچلار سايراپ. ئوغرى ئالغان مالنى ئەزەلدىن، مالنىڭ ئىگىسى كېلەتتى ئىزدەپ. ساقلاپ باقتىم ئېرىنمەي نەچچە كۈنگىچە، گۈلنىڭ ئىگىسى كېلىپ تۇتۇۋالسا دەپ. سەۋر دېگەننىڭمۇ چېكى بار ئىكەن، يېرىلغۇدەك بولدۇم ئىچىم پۇشۇپ. ئەمدى گۈلنىڭ ئىگىسى كەلمىسە ئەگەر، ئوغرىلاپ كېلىمەن ئۇنىمۇ قوشۇپ... 2020-يىل 6-ئاي، قەشقەر == '''سەرگەردانلىق''' == ئىمىن ئەھمىدى ھەسرىتىم سەرگەندان بولسا مەيلىتى، كېتەر ئىدى يىراقلارغا ئېلىپ باش. بەختىمنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى، يالغۇز قىلىپ مېنى كۆزلىرىمدە ياش. دەريا سەرگەندان بولسا مەيلىتى، دېڭىزغا  ئاقاتتى يا سىڭەتتى چۆلگە. قىرغاقلىرىنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى، غەشلىك بېرىپ سۇنغان كۆڭۈلگە. دادام سەرگەندان بولسا مەيلىتى، بىلىكىگە تايىنىپ باقاتتى جان. ئانامنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى بالىلىرىدىن تىلەپ يەيدۇ نان. ئۆزۈم سەرگەندان بولسام مەيلى ئىدى، بىلدۈرەتتىم كىملىكىمنى تىلىم بىلەن. تىلىمنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى، مۇڭدىشالـماي يۈرىمەن دىلىم بىلەن... == '''قېرىدىڭمۇ ئانا!''' == ئىمىن ئەھمىدى رومالىڭدا سەلكىن ئەركىلەر، چاچلىرىرىڭدا ئەركىم ئەركىلەر. يۈزۈڭ سۆيۈپ قىزىڭ ئەركىلەر، ئايىغىڭدا ئىزىم ئەركىلەر... تۈڭلۈكۈڭدىن ئۆتكەن تۇلۇن ئاي، چىرايىڭدا تۈنىدى بىر كەچ. بولۇپ قالدى قۇياشمۇ ھەتتا، ئوتلىرىڭنىڭ ئالدىدا پالەچ. ھېلىمۇ ھەم بىرىدە ئەپسۇس، تاغ قېتىدا يۈرىدۇ مۆكۈپ، بىرى شۇندىن بۇيان ياداڭغۇ ئايلىنىدۇ سوغۇق نۇر تۆكۈپ... كىرپىكىڭدە بۇلبۇل ئەركىلەر، زىنىخىڭدا شەبنەم ئەركىلەر. سۇ قويالماي قولۇڭغا ۋىناس، پەقەت ھەيكەل بولۇپ ئەركىلەر... قېرىدىڭمۇ ئېيتقىنا ئانا ياق كۆپ تېخى يارقىن ئەتىلەر... == '''ئاق بۇژغۇن''' == ئىمىن ئەھمىدى خام خىيال چۆلىگە ئۈنگەن سۆكسۆكلەر ئارزۇ سەلكىنىدە سولۇپ تۈگىدى. تەنھالىق ئاختۇرغان بۇ مىسكىن يۈرەك ئەسىر غوۋغاسىدا ئۆلۈپ تۈگىدى. سېنى سۆيمىگەنگە بەرگەن سۆيگۈلەر پۇشايمان ئوتىدا كۆيۈپ تۈگىدى. ۋاپاسىز قوقاستىن تۇتاشقان پىراق ۋاپا مەلھىمىدە سويۇپ تۈگىدى. نادانلىق نۇرىغا قاقلانغان بەدەن ۋاقىتسىز ھەسرەتكە تويۇپ تۈگىدى. يالغان ۋەدىلەرگە چاڭقىغان ۋۇجۇد پۇشايمان شارابىنى قويۇپ تۈگىدى. ھەرنە ۋەسۋەسىلەر كەتتى كەلمەسكە ساقال ئاقاردى چاچ چۈشۈپ تۈگىدى. مېنىڭن تۈگىشىمنى سورىسا كىملەر ئۇ دەيدۇ جاھاندىن كۈلۈپ تۈگىدى. 1995-يىل ئەتىياز == '''توي''' == ئىمىن ئەھمىدى ئەجەب ئاددىي توي قىلغانكەنمىز، ھايات داستىخانىغا سەمىمىيلىك تىزىپ. ئەجەب مۇڭداشقانىكەنمىز نېرى ئولتۇرۇپ، مەڭزىمىزگە ياشتا خەت يېزىپ. سېنى يۆتكەيدىغانغا ماشىنا يوق، تاپالمىغانىدىم ھەتتا ئېشەك ھارۋىسى. جاز، روك مۇزىكا دېگەنلەر نەدە؟! ئەتراپنى چاڭ كەلتۈرگەنىدى سەھرا ناغرىسى. «شېرىن ئاي» دەپ بېقىپتىكەنمىز ئېتىزغا، تاتلىق ئىدى ئاي يورۇقىدىكى ساياھەت. ئالتۇن ئۈزۈك ئالماپتىكەنمەن قولۇڭغا، قىلىپتىكەنسەن مىس ھالقىغىمۇ قانائەت. ئۆيىمىزگە كىرگەنىكەنمىز يانمۇ – يان، يۇرتداشلار ياققان ئوتتىن ئاتلپ. ساپ ھاۋا، سوغۇق سۇ، چاڭ – توزان يولغا سېلىپ قويغانىكەن بىزنى پاكلپ... بىلمەپتىكەنمەن سەن بايمۇ يا كەمبەغەل؟ سورىماپتىكەنسەن بىساتىمدىن سوئال. بەك سەبىي ئىكەنمىز، كۆڭۈلدە يوق غۇم، خۇددى ئېرىق بويىدىكى مەجنۇنتال... بالىلارغا دېگىلى بولارمۇ بۇ توينى، يازغىلى بولارمۇ ئەسلىمە قىلىپ؟ ئېھتىمال قايىل قىلماق تەس ئۇلارنى، يېرىپ بەرگەندىمۇ يۈرەكنى ئېلىپ... == '''قەلەم، قەغەز، خەت...''' == ئىمىن ئەھمىدى يەنىلا سەككىز پۇڭلۇق پوچتا ماركىسى ئېلىپ، ئەرزان لېپاپ بىلەن ئەۋەتكىن خەت. كومپيۇتېردا خەت يازدىم دېدىڭ، خەت كەلدى، لېكىن كەلـمىدى ھەسرەت. تىشىلىپ كەتتى قەغەز نەچچە يەردىن، سانجىلغاندا چېكىت، پەشكە قەلەمنىڭ ئۇچى. بۇ ئەمەس ئىدى قەغەزنىڭ نېپىزلىقىدىن، شۇنداق قىلاتتى سېغىنىش، سۆيگۈنىڭ كۈچى. رەڭ يېيىلاتتى ئۇ يەر بۇ يەرگە، داغ چۈشۈرەتتى قەغەزگە كۆز ياش. سوئال، ئۈندەشلەرنىڭ مايماقلىقى، قىلىپ قوياتتى ماڭا كۆڭلۈڭنى پاش. دەرىخا ! كومپيۇتېر، يانفوندىكى گەپلەر، شۇنداق تۈز، ھېچ نەرسە بولـمىغاندەك. قولۇڭنىڭ تىترىگىنى نامەلۇم، سېمونت ئېرىقتا سۇ ماڭغاندەك. قېنى ئۆز ۋاقىتىدىكى تۈگىمەس گەپلەر، قېنى ۋاراقلارغا سىڭگەن ھاياجان. قەغەزنى مىجىپ مەيدەمگە تاڭاتتىم، كومپيۇتېرغا نەدە مۇنداق ئىمكان؟ يەنىلا سەككىز پۇڭلۇق ماركا ئېلىپ، ئەرزان لېپاپ بىلەن ئەۋەتكىن خەت. كومپيۇتېردا خەت يازدىم دېدىڭ، ئۇنىڭدىن شادلىق ئەمەس، كۆپەيدى ھەسرەت. == '''ئوتقا تۇغۇلغان بالا''' == ئىمىن ئەھمىدى ئوتقا تۇغۇلغانلىقىمنى بىلىسەن ئۆرۈك چىچەكلىگەن بىر كۈنى. ئانام ئوچاققا ئوت قالاۋېتىپ كۇلۇڭغىلا تۇغۇپ قويغان مېنى. ۋاقىتنى ئۇقمايدىغان قانداق ئايال دەپ مومام تىللاپ كەتكەن ئۇنى. دېگەن ھەم: تاس قاپتۇ ئەمەسمۇ تۇنجى نەۋرەم ئوتۇن بىلەن بىللە كۆيۈپ كەتكىلى. ئانامنىڭ مېنى ئوتقا تۇغمىغىنىغا رەھمەت ئانام يۇرتنىڭ ئوتىغا تۇغقان مېنى. شۇ ئوت ھەقىقى، تۆت تام ھەقىقى ئانا يۇرت، ئانا يۇرت سۆيىمەن سېنى. ئوتتىن تۇغۇلغىنىمنى بىلىسەن شۇ چاغ ئوتتىن قىزىق بولغان ئانامنىڭ تېنى. ئالەمگە قۇرۇق قول كەلمەپتىمەن دەپ ئوتتىن بەك لاۋۇلدىغان تومۇردا قېنى. بىر تەرىپىمدە ئانام كۆيگەن ئىنجىقىدىن ئۆرلىگەن سۆيگۈ تۈتۈنى. بىر تەرىپىمدە سەن كۆيگەن تىمسالىڭ سەندە ئۆسكەن جىگدە ئوتۇنى. ئانا يۇرت، مېنى ئوتتىن تۇغقىنىڭغا رەھمەت يۇرتنىڭ ئوتىدىن تۇغدۇڭ مېنى. شۇ يۇرت ھەققى، تۇپرىقىڭ ھەققى ئوتۇڭدا كۆيۈپ تۇرۇپ سۆيىمەن سېنى. سەن قوينۇڭغا ئوت بولۇپ تۇغۇلغانلارنىڭ ئوتۇڭدا كۆيگەنلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى. ھاياتىمنى مۇھەببەت قىلدىڭ، ئوت قىلدىڭ شۇ مۇھەببەت، ئوت ھەققى سۆيىمەن سېنى. == '''ئانام''' == ئىمىن ئەھمىدى بىر كونا سۆيگۈدىن قەلبىمدە باھار، قىلمىساممۇ يېڭى مۇھەببەت بايان. ۋىسالىڭنى ئىزدەپ يېگەچكە ئازار، ھېسلىرىم تۈمەننىڭ سۈيىدە ئايان. ساڭا ۋاپا بىلەن چامدىدىم بۈگۈن، كىندىكىمدىن دەسلەپ تۆكۈلگەچكە قان. ئەمدۈرگەچ ئوغۇز سۈت ماڭا تۈنۈگۈن، سەندە جىمى بەختىم، سېنىڭدىندۇر جان. شۇڭا "كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق، دېگەن سۆز-چۆچەككە ئىشەنمىدىم ھېچ. كىچىك چېغىمدىلا تۇتاشقان پىراق، ئاجىز ۋۇجۇدۇمنى قويمىدى تېنىچ. مەيۈس كۈلكەڭ ماڭا قۇۋۋەت ھەر زامان، ئۆرتىسىمۇ بەزەن دىلىمنى ئاھىڭ. مەيلى قانچە ياشناپ كەتسۇن كەڭ جاھان، ئۆمرۈمگە مۇقەددەس يەككە نىگاھىڭ. چاچ شالاڭ، ساقال ئاق، مېھمانمۇ دېمە، مېھمان ساڭا مەندەك كەلمەيدۇ يىغلاپ. بەڭباش قىلىقىمدىن ھەرگىز غەم يېمە، ئېتىزلىرىڭ ئارا يۈرسەم پېتىقلاپ. ھەممە كەپسىزلىكىم، ھەممە شوخلۇقۇم، نەدە يۈرسەم سېنى سۆيۈشتىن پەيدا. بىر ساڭىلا بولغاچ دەردىم-خوشلۇقۇم، قىلىدۇ ئەقىدەم قىزلارنى شەيدا. دادام ياتقان گۆرنىڭ يېنىدىن بۇ دەم، ماڭىمۇ كۆرسىتىپ بەرگىن بىر يەرلىك. ھاياتتىن مەن ساڭا قەرىزدار ھەردەم، سىنىڭ ھېممىتىڭدىن شۇلار يېتەرلىك. رەنجىمەي قۇچاقلا مەسۇم بالاڭنى، گۇناھ ئۆتكەن بولسا، كەچۈرۈش سەندىن. سەنلا ساقايتىسەن ئىشقىي يارامنى، چىقىدۇ ساڭىمۇ مەلھەملەر مەندىن. پىشانەڭ قورۇقى ساناقسىز دەپتەر، روھىم ئالۇر ئۇنىڭ بېتىدىن غۇرۇر. كۆڭلۈم ھەر ئان ساڭا قاناتسىز كەپتەر، قۇچاقىڭغا قاراپ ئۇچىدۇ مەغرۇر. == '''سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك''' == ئىمىن ئەھمىدى سانجىنىڭ... غۇلجا-كۇچانىڭ... ئۈرۈمچى-قەشقەرنىڭ... ناۋايخانىسى، ئاشپۇزۇللىرى قاتار كەتكەن. بىرىدە لەڭمەن-ئۈگرە، بىرىدە پولۇ-مانتا... دىماقنى غىدىقلايدۇ كاۋاپنىڭ ھىدى بىر يەردە تاتلىق-تۇرۇم، پىشۇرۇق ئەتكەن. پالما دەرەخلىرىنىڭ بويى سۇۋادان تېرەك دېڭىزدىن ئۇرۇۋاتقان غۇر-غۇر شامال قىزلارنىڭ چېچىغا قونغان، مەڭزىگە تەگكەن، يولنىڭ بويىدا قەشقەرلىك ياش بىر چوكان كۆكسىنى بالىسىنىڭ ئاغزىغا كەپلەپ قويۇپ، ئولتۇرىدۇ، بەلكىم ھاردۇق يەتكەن! ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بامبۇك ئورۇندۇق، شىرەدە چىنە-چەينەك، ناۋات سالغان چاي خوتەنلىك ئىككى بوۋاي موخۇركا چەككەن. تۇرپانلىق ئايالنىڭ سومكىسى مەرۋايىتقا لىق كۆتۈرۈپ ماڭالماي بېلىنى ئەگكەن... ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك! ئۈن يېتىم يەردىكى ساھىلدىن شاۋقۇن، بىز تەشتەكتە باقىدىغان رەڭگارەڭ گۈللەر بۇ يەردە بوي تارتىپ ئۆسكەن باراقسان. چۈش مەھەل، ئىسسىق بەلباغدىن كەلگەن يالقۇن ئالۋۇندەك جۇلالايدۇ قوشۇپ جانغا-جان. مەجنۇنتال سايىسىدا غۇژژىدە ئادەم، ئېھتىمال ئىسسىقتىن قېچىپ توپلاشقان. يولنىڭ بۇ چېتىدىكى شىنجاڭلىق لاۋجاڭنىڭ ئۇ تەرەپتىكى مەمەتنى توۋلاشلىرى شۇنچىلىك ئەركىن، ھەر ئىككىسىنىڭ پۇتىدا ساپما كەش، قولىدا بانان. خۇيخۇيسۈن كەنتىدىن يالۇڭۋەنگە سۇ ئۈزۈپ كېلىمىز دەپ ماڭغان يانمۇيان. بۇلغانمىغان ھاۋا تەننىڭ داۋاسى، يۇيغان چىنىدەك پاكىز كۆك ئاسمان. خەنزۇ دەمسەن، ئۇيغۇر دەمسەن، خۇيزۇ دەمسەن...ھەممىسى ئەسلىدىنلا بىر ئائىلە، قېرىنداش-تۇغقان! ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك! بۇ يەر كېلىدىغانلارغا قوغۇنلۇقنىڭ يولى، قارامايدا ھەپتە-ئاي ئۇچراشمىغانلار، ساناتورىيەدە بولۇشىدۇ جەم. ئالتاي يايلاقلىرىدا كۆرۈشەمىگەنلەر، كورلىدا كۆرۈشۈپ سۆزلىشەمىگەنلەر دۇكان-رەستىلەردە تېپىشىپ قېلىپ، بىر-بىرىنىڭ قولىنى سىقىدۇ مەھكەم. بۇ يەر ھەممەيلەنگە ئۆز، ھايات سەھنىسى ئوخشاشمىغان مېۋىلەردە بىرلا تاتلىق تەم. بىنالار بىر قارىساڭ ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى، كىرىپ قالغاندەك بولىسەن كەچلىك بازارغا؛ بىر قارىساڭ چوڭ بازاردىكى قاينام-تاشقىنلىق، ماڭامسەن، تۇرامسەن ئۆزۈڭدىكى پەم! دېڭىزنىڭ كەڭلىكىگە ئاسمان پاتىدۇ؛ يانچۇقتىكى پۇلۇڭغا جاھان پاتىدۇ؛ كۆڭۈلنىڭ كەڭلىكىگە دېڭىز پاتىدۇ؛ سۇدىن چىقىپ قۇمدا ياتقانلار، قۇمدىن چىقىپ سۇدا ياتقانلار، قۇم بىلەن سۇنى مەھەللىسىدىكى ئۆستەڭ چاغلاپ، ئوڭدا-دۈم ئېغىناپ ئەركىن ياتىدۇ. قىلچە يېتىرقاش يوق، ھېيىقىشمۇ ھەم، بولمىسا قۇرۇق پونى قانداق ئاتىدۇ؟ ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك! دادۇڭخەيدىكى ئورمانلىقتا ئۇسسۇل سەيناسى رىتىملىق قەدەملەردە ئەزگۈ ھاياجان، جىلۋىلىك كۈزلەردە ھاياتنىڭ شەۋقى! ئاھاڭلار مىللەتتىن، ئىرقتىن مۇستەسنا، ئوخشاشلا لاۋۇلدايدۇ مۇھەببەت زەۋقى. كىيىملەر گۇگۇمدىكى شەپەققە زىننەت، يىراقتىكى شاۋ-شۇۋ ناخشىغا تەڭكەش، تۈگىگەن كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى. نىيەت-ئىقبالدا ئالەمچە بىرلىك، ،ئاستىڭدىكى تۇپراق شۇنچىلىك ئۇلۇغ بىز ياشاۋاتقان جاھاننىڭ شەرقى. ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك!... == ''‏ئايدىڭدا تەنھا مەي ئىچىش'' == ''[[‏لى بەي]]'' ''‏'' ''‏تۇرىمەن كوزام بىلەن گۈلگە قاراپ'' ''ئۈلپىتىم يوق ئۆتمىدى گالدىن شاراپ'' ''ئايغا مەي تۇتسام يېنىمغا كەلدى ئاي'' ''ياندا سايەم قالمىدىم يالغۇزسىراپ'' ''ۋەلىكىن ئاينىڭ لىۋى مەيدىن نېرى'' ''قويمىدى سايەممۇ ھالىمنى سوراپ'' ''ئىككىسى ھەمراھ دېسەم چاغلىق ئىكەن'' ''ئۆتكىدەك ئۆمرۈم باھارسىز بەك خاراپ'' ''ناخشا ئېيتسام تولغۇنار ئاسماندا ئاي'' ''چېكىدۇ ئۇسسۇلغا سايەم ئىزتىراپ'' ''ساق ۋاقىتتا سىردىشىپ يۈرگەن بىلەن'' ''مەس بولۇپ قالساق كېتەركەنمىز تاراپ'' ''بەخت ئۈچۈن ئاسمانغا چىقسام بولغۇدەك'' ''تارتقۇچە تەنھا يۈرۈپ بۇنچە ئازاپ'' ئىمىن ئەھمىدى تەرجىمىسى == '''كېچىككەن سۆيگۈ''' == مېنى «قايت» بۇ يولدىن دېگەنلەر تولا، قىلچە ھېيىقمىدىم، زىنھار يانمىدىم. لېۋىڭدىن ئەۋەتكەن ۋىسال مەيىگە لېۋىمنى تەككۈزدۈم ئىچىپ قانمىدىم. سەۋەب ئىشىق ھېكايەم باشلاندى بەك كەچ، شۇڭا كېچە-كۈندۈز سۆيگۈ ئىزدەيمەن. ئۆلگەندىن كېيىن ھەم چېكىنمەيمەن ھېچ، كەم قىسمى گۆردە دەپ كۆڭۈل بەزلەيمەن. سۆزۈمنى شەرھلەپ قەبرەم ئۈستىگە ئۈنىدۇ شۇ سۆيگۈ رەڭگىدە گۈللەر. ۋە شۇ چاغ كېلىدۇ مېنى سۆيمەككە سۆيەلمەي قالغان شۇ سانسىز گۈزەللەر. كېچىكىپ تاپقان بەخت ئەجەبمۇ تاتلىق، ئۇ بەخت ئىچىدىكى مۇھەببەت ئاندىن. شۇڭا ئۇ مەن بىلەن بىللە كېتىدۇ، ئايرىلماي جىسمىمدىن، جېنىمدىن-قاندىن. ھەمراھ بول، سۆيگۈ پەرىسى، ماڭا بىر ئۆمۈر، قالسۇن ئىككىمىزدىن ئالەمگە ئەنداز. ئالەم تۈگەپ كېتىدۇ، سۆيگۈ ئۆلمەيدۇ، بىز ئالەمدىن ئۇزۇن قىلايلى پەرۋاز… == '''ئاخىرقى سۆيگۈ''' == كىم مېنى سۆيەر دەپ كۈتۈپ تۇرمايمەن، گۇناھ ئەمەس ئەمدى سۆيگۈ ئاختۇرۇش. خىجىلمۇ بولمايمەن، ئىختىيارىمدا كىمنى ياراتماسلىق، كىمنى ياقتۇرۇش.   ۋاھ دەپ كۆكسۈمگە يېپىشقانلار بار، چۈشەنسەم بوپتىمەن قولىدا قورچاق. داغداما يوللارغا باشلارمۇ دېسەم، چىقتى يولى ئەگرى، ھەتتا قىسىلچاق. «مۇھەببەت ئۆز ئەركىڭ» دېدى بىر مەھەل، ئۇچۇردى، تاشلىدى، ئازدىم ئەقىلدىن. بەرمىدىم ئۆزگىلەر ئۈچۈن قىلچە نەپ، ئۆزۈمگە گۆر قازدىم، ئۆزۈم يىقىلدىم. ساداقەت بابىدىن سۆز ئاچتى بىراق، ئىشقىمنى ئەرزىمەس قىلدى تىيىنغا. يا ئۇنى سۆيدۈرمەي ۋە ياكى بۇنى، ھاياتىم سەپىرى چۈشتە قىينغا. سالمايلا كەپتىمەن ئالەمگە نەزەر، مۇھەببەت يولىنى بىلىپتىمەن تار. بىكار كۈتۈپتىمەن شامۇسەھەرلەر، بارمۇ دەپ دۇنيادا مېنى سۆيەر يار. «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ئولتۇرسا، سۆيگۈلەر ھەر قاچان قاچاركەن يىراق. ھەقىقىي بىر گۈزەل ئىزدىگەنلەرگە، زۆرۈركەن ھەممىدىن بۇرۇن ئىشتىياق. بۇ نۆۋەت مەن ئۈچۈن ئاخىرقى سۆيگۈ، تۇنجى چىن ئاشىققا ئېرىشتىم تەستە. مەن ئەمەس، ئەۋلادىم بەخت قۇچىدۇ، بۇندىن سوڭ بولمايدۇ يۈرىكى خەستە. ئەمدى كىم سۆيەر دەپ كۈتۈپ تۇرمايمەن، گۇناھ ئەمەس ماڭا سۆيگۈ ئاختۇرۇش. خىجىلمۇ بولمايمەن، ئىختىيارىمدا كىملەردىن ۋاز كېچىش، كىمنى ياقتۇرۇش… == '''ئىككىلەنگەن سۆيگۈ''' == شارقىراپ بىردىنلا قويۇلدى يامغۇر، دەرەخنىڭ تۈۋىگە يۈگۈردۈم چاپسان. ماڭا تامچە ئەمەس، تەگدى گويا ئوت، بىر گۈزەل تۇرمامدۇ يېنىمغا باقسام. كۈلدى ماڭا قاراپ، كۈلەلمىدىم مەن، نامەردلىك بولاتتى ھودۇقۇپ قاچسام. ئۈن-تىنسىز بىر ھازا تۇرۇشۇپ كەتتۇق، ئويلىدىم: نە بولار قوينۇمنى ئاچسام. يامغۇرمۇ توختاپتۇ، قاپتىمەن يالغۇز، بىر تاتلىق خىيالدا، ئىسىمنى تاپسام. «ھەي ئىسىت» دېدىم-دە، كۆككە توۋلىدىم: «ساڭا نە خىجىللىق، ياغمامسەن چاپسان!!» == '''سەھرا''' == كەلگەندە قايتىشنى ئۇنۇتتى كۆڭۈل، دېمەككى، رۇخسارىڭ مېنى قىلدى رام. ئارمىنىم تۈگىدى، ئىككى مەڭزىم ھۆل،    ۋىسال مەلھىمىڭگە ئېرىشتى يارام. پاكار ئۆيلىرىڭدە تاغنىڭ قامىتى، يىراقلىق ئارىغا سوقالمىدى تام. ئەپسۇس، ياشلىقنىڭ ئاپپاق ۋارىقى، سەنسىز نەچچە يىللار بولدۇم بىئارام. ئېرىق-ئۆستەڭلەردە زەمزەم تۈگىمەس، يۇلغۇنۇڭ تۈۋىدە ئالىمەن ئارام. سېنى دەپ جان بېرىش ماڭا غەم ئەمەس، شەنىڭگە ھەر جايدا كۆتۈرىمەن جام… == '''كۆڭلۈم''' == سەن مېنى قۇل دېسەڭ مەيلى كېرەك يوق، ھەرنە بالالارنى يەڭدىم سەن ئۈچۈن. چوغ كەبى تەگكەندە كۆكرىكىمگە ئوق، تەلۋە بولغان چېغىم چىقارمىدىم ئۈن. مېنى جەڭچى دېسەڭ ئالدىدا ئۈزۈپ، قارارىم قان بىلەن ئەيلىدىم پۈتۈن. چېلىشسام ئوكياندىن جاۋاھىر سۈزۈپ. ئوتۇمدىن سۇ ئۈزرە ئۆرلىدى تۈتۈن، سەن مېنى دېسەڭ گەر ئاددىي بىر ئىنسان. بولمىدىم سۆيگۈدىن خالىي بىرەر كۈن. ئۇنىڭ ئالدىدا ھەممە يەر بىلەن يەكسان، ياق دېسەڭ نېمىشقا سۆيگەن تۈنۈگۈن؟ 1985-1991-يىللار == '''ھېيتگاھتىكى قۇچاقلىشىش''' == مېنى ئاۋۋال قۇچاقلايدۇ بۇ شەھەر، ئەتتەڭ! دەپ پۇشايماننى قۇچاقلايمەن. سېغىنىش ئۆرتەيدۇ مېنى ساق بىر يىل، تەلمۈرىمەن، ئارماننى قۇچاقلايمەن. ئەمدى چوقۇم ئەل ياتقۇدا تۇيدۇرماي كېلىپ، ئالدى بىلەن ئاسماننى قۇچاقلايمەن. تولون بولسا بىر يولى، ھىلال بولسا ئاۋايلاپ، ئايغا قوشۇپ چولپاننى قۇچاقلايمەن. تۈمەنگە بارىمەن « گۈلئايىم» بىلەن، چېچى ئورنىدا بوستاننى قۇچاقلايمەن. جانان كوچىسىدا بولمىسا جانان، دىۋارلاردىكى نۇرئەفشاننى قۇچاقلايمەن. بونجا تېرەكلەردە سەھەر ئاۋازى، ئويغاق ئۆگزىلەردە تاڭنى قۇچاقلايمەن. تونۇردىن كېلىدۇ ئاق ناننىڭ ھىدى، قەشقەرنىڭ قولى دەپ ناننى قۇچاقلايمەن. كىرىمەن كىچىكلىكتە ئوينىغان باغقا، يا ئەترە، يا رەيھاننى قۇچاقلايمەن. يىراق-يىراقلاردا «تاشۋاي»نىڭ ئۈنى، سېھرى كۈي، ئاھاڭنى قۇچاقلايمەن. يېنىمدىلا سەمەن، تۇنجى مەكتىپىم، ئاتمىش يىللىق جەۋلاننى قۇچاقلايمەن. تۇردى ئاخۇننى ئىزدەپ چايخانىلاردىن، گىگانت ئون ئىككى مۇقامنى قۇچاقلايمەن. خىيالىم كېتىدۇ قەدىم-قەدىمگە، ھۆرمەت ئىچرە ئاماننىساخاننى قۇچاقلايمەن. ئوردا ئالدىغا كېلىمەن، «قۇتادغۇبىلىك»،» بەيگە تۇلپارى «دىۋان» نى قۇچاقلايمەن. نېزارى بابىدا « رابىيە-سەئىدىن»، جىلۋىگەر تارىختىن شەرەپشاننى قۇچاقلايمەن. دەرىخا! ئۆستەڭبويى يەنە بىر دۇنيا، ساناقسىز ئەللامە ئۇستامنى قۇچاقلايمەن. گۈزەردىكى ئالما-ئانار يۈزىدە ساپ تەر، يۈرىكى تونۇش دېھقاننى قۇچاقلايمەن. دەرۋازىلارغا بارىمەن بىر-بىر، سەھرا پۇرىقى بار چاڭنى قۇچاقلايمەن. پاكىز ئۆيلەر ئەينى ئانامدەك قەدىرلىك، زامان ئىزناسى بار ئايۋاننى قۇچاقلايمەن. قۇچىقىڭغا قۇچىقىم يەتمەيدۇ قەشقەر، بېشىم ئىگىپ سەندىكى تاڭنى قۇچاقلايمەن. سەن ئانا يۇرت، ئەقىدەم، تۇرغان پۈتكىنىم، سەن روھى ماكان، روھى ماكاننى قۇچاقلايمەن! == '''گۇگۇم كۈلىدۇ''' == كەچ بولدى، كىشىلەر ئۆيىگە ماڭدى، مەن كىرىپ كەتتىم باغنىڭ ئىچىگە. ئانام ئارقامدىنلا ۋارقىراپ قالدى: — ئاشىق بولدۇڭمۇ، — دەپ، — ئەمدى كېچىگە؟ — نېمىشقا كېچىگە ئاشىق بولىمەن؟! خىيالىم باغدا ئاي يۈزىنى كۆرۈش. — ئوڭايغۇ بىز بىلەن تالادا كۆرسەڭ، نېمە ھال گۇگۇمدا مۈدۈرۈپ يۈرۈش؟ — ۋاي ئانا، ئەل بىلەن ئوچۇقچىلىقتا ئايغا قىيا بېقىپ ئۆتتى نەچچە ياش. ياپراق ئارا كۆرسەڭ ئۆزگە تۇيۇلار، ئۇنىڭدىكى كىرپىك، ئۇنىڭدىكى قاش… — 1987-يىلى ئاۋغۇست، ئاقسۇ. == '''دەسلەپكى بۇلاق''' == جەزىرىدىكى تەنھا دۆڭلۈك ئۈستىدە، لۆمۈلدەپ قاپقارا بۇلاق تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىشلىرىدا، ئەسىرلەر تىنچىماس بۇلاق تۇرىدۇ. بۇ زېمىن قوينىدىكى يوشۇرۇن ئېقىن، مۇھەببەتسىزلەردىن يىراق تۇرىدۇ. سېياھ پەردىلەرنىڭ تېگى-تېگىدە، ئەجدادلار ياققان بىر چىراق تۇرىدۇ. ئەي نىگار، تەڭلىمە ئىپار ھىدىڭنى، ئالدىمدا تەڭداشسىز پۇراق تۇرىدۇ. جەزىرىدىكى تەنھا دۆڭلۈك ئۈستىدە، كۆزۈمگە ئوخشاش بىر بۇلاق تۇرىدۇ. — 1987-يىلى ئۆكتەبىر، قاراماي == '''ھەيكەل''' == ئېشەك مىنگەن بوۋاي بولۇپتۇ پەرداز، يۈكسەك ھەيكەللەرنىڭ ھۆسنىگە بۇ دەم. ھېلىمۇ پىيادە قويماپتۇ ئۇنى، چۆل-جەزىرە بولۇپ ئۇنىڭغا ھەمدەم. يېنىغا ئېسىلغان قاپاق ئىچىدە ماي ئەمەس، بىر پۈتۈن تارىخ بارمىكىن؟ ھەيكەلتىراش ئۇنى قويۇپتۇ پەسكە، قەدىم ئەجدادلارغا ئىچى تارمىكىن؟ بوۋاينىڭ ساقىلى ئۈزرە ماي دېغى، جۇل-جۇل چاپىنىغا قالدىم تىكىلىپ. يۈكسەك ھەيكەللەرگە يەتمىدى بويۇم، بوۋايغىلا تەزىم قىلدىم ئىگىلىپ. — 1987-يىلى ئۆكتەبىر، قاراماي == '''باھارنى سېغىنىش''' == '''لى بەي''' '''ئىمىن ئەخمىدى تەرجىمىسى''' سىز تەرەپتە گۈل-گىياھ سۈرگەندۇ بىخ، مەن تەرەپتە ياپيېشىل بەرگى تېرەك. سىز ئۇ ياقتىن ئۆيگە قايتىپ كەلگىچە، ئېزىلىپ تۈگەيدۇ بەلكى بۇ يۈرەك. c9ynprw009ueu71gqb0w9emmj7ax00x 176638 176637 2026-10-18T21:31:22Z UyghurArchive 25219 176638 wikitext text/x-wiki '''<big>ئىمىن ئەھمىدى شېئىرلىرىدىن</big>''' == '''قەھۋە ئىچىش''' == ئىمىن ئەھمىدى قەھۋە يوپۇرمىقىنى يەپ سالغان قويلار، ئۇخلىمىغان ئىكەن قوتاندا بىر كېچە سەكرەپ. مەنمۇ بىر كۈنى سەنيادا بىر قىز بىلەن، قەھۋە ئىچتىم قويلار ھەققىدە ھېكايە سۆزلەپ. ئ‍ۇمۇ شۇ ئاخشىمى ئ‍ۇخلىيالماپتۇ، قويسىمۇ ئانىسى يوتقانغا چۆمكەپ. ئەتىسى كۆرۈشكەندە سۈرەپلا ماڭدى، «خالىي بىر جاي تېپىپ قەھۋە ئىچسەك» دەپ. ئۇ شۇنداق ئۆتكۈزدى تالاي ئاخشامنى، كۆڭلىدىكى قىلىقنى لېۋىگە يۆتكەپ. ياشىسىمۇ بولغىدەك ئادەم ئاشۇنداق، ھەممە قىلغۇلۇقنى قەھۋەگە دۆڭگەپ. (يەنە بىر نۇسخىسى:) == '''قەھۋە''' == ئىمىن ئەھمىدى قەھۋە يوپۇرمىقىنى يەپ سالغان قويلار، ئوخلىمىغان ئىكەنمىش قوتاندا سەكرەپ. بىر كەچ تۈرك قىزى بىلەن قەھۋە ئىچتۇق، خىلۋەت چايخانىدا ھېكايە سۆزلەپ. ھېرىش يوق، گەپ بىلەن تۈگىدى ئاخشام قايتىپ كەتتۇق ئۆيگە ۋاقىتنى خەپلەپ. ئەرتىسى ئۇچراشتۇق، سۆرەپلا ماڭدى يەنە تۈنۈگۈنكىدەك قەھۋە ئىچسەك دەپ. ئۇ شۇنداق ئۆتكۈزدى نەچچە ئاخشامنى جىمى قىلىقنى لېۋىگە يۆتكەپ. ياشىسىمۇ بولغۇدەك ئادەم شۇ يەڭلىغ ئويۇن-چاقچاقنى قەھۋەگە دۆڭگەپ... == '''پامۇك قەلئە''' == ئىمىن ئەھمىدى پامۇك قەلئە، ئۇيغۇرچە پاختا قەلئە، قاردەك ئاقلىقىدىن كەلگەن نام. شۇنچە سۈزۈك، شۇنچە بىغۇبار ھۆسنىگە تەبىئەت ئىبەركەن ئىنئام. قىيالىرى يىپەك ياپقاندەك، كۆلچەكلىرى مەيگە تولغان جام. ئەتراپىدا چېچىلىپ ياتقان تاشلار تىك تۇرغىنى تارىختەك يىمىرىلمەس تام. ۋۇجۇدۇمغا نەرە تارتىپ كىردى ئەسلىمە خىيالىمنى قىلىۋالدى رام. زەيتۇن چىشلەپ ئۆتۈپ كەتتى بىر توپ كەپتەر نوھنىڭ كېمىسىنى قىلغاندەك دام-دام... == '''دېڭىز''' == ئىمىن ئەھمىدى ئۇپۇق كۆرۈنىدۇ، نىشان كۆرۈنمەيدۇ، غۇر - غۇر شامال، تۇمان كۆرۈنمەيدۇ. سۇنغان نۇر سۇ يۈزىدە مارجان ئەينى چايكا كۆزىگە مارجان كۆرۈنمەيدۇ. قۇياشلىق كۆكتە ھايات شەۋقى، يالغۇز يەلكەنگە ئەپغان كۆرۈنمەيدۇ. كىچە پايانسىزلىق جانغا ۋەھىمە، لېكىن ھېچنەرسە سەرسان كۆرۈنمەيدۇ. يىراق - يىراقلاردا مەۋھۇم ئالۋۇن، دولقۇن قوينىدا گۈلخان كۆرۈنمەيدۇ. سەيياھ قانىتىغا ئىشەنچ ھەمراھ، گەرچە يېنىدا كارۋان كۆرۈنمەيدۇ. ئەركىنلىك دېگەن شۇنداقمىكىن تاڭ، نە پادىشاھ، نە خان كۆرۈنمەيدۇ. دېڭىزنىڭ قەلبىدە ئۆھسىنىش چايكىدىن باشقا جەۋلان كۆرۈنمەيدۇ. == '''مەن كۆرگەن خارابىلار''' == ئىمىن ئەھمىدى لام-جىم دېمەي چېچىلىپ ياتقان خىشلار ئۆرۈلگەن سارايلاردا خىيالىم. سۇنغان مەرمەر پارچىسىدا ھىلال ئاي شاھلار تەختى بىلەن بولمىدى كارىم. دىۋارلارنىڭ ئۈزىلا ئۆچمەس يېزىق كۆرۈنمەيدۇ بولغار تاشلىق كىتاب. تۆۋرۈكلەر گىگانت ئادەمنىڭ ئۈزى يىراق ئەسىرلەردىن قالغان ئىزتىراپ. ئىزاھات يوق، چۈشەندۈرۈش يوق ئاڭلانمايدۇ مىڭ سەيياھقا بىر خىل گەپ. كۆرۈۋاتقانلارنىڭ قەلبى قەلبىدە بىرىگە شادلىق بىرىگە ھەسرەت . ياش بىرلىرىگە بىلىنىدۇ سۇ، تۈزلەڭ بىرلىرىنىڭ قارىشىدا تاغ. بىرلىرىدىكى شۆھرەت بىرلىرىگە خەس بىرلىرى ئىزدىگەن شان بىرلىرىگە داغ. يۇمىلاق قۇببىلىق جامەلەر يېنىدا، ھۆرمەت بىلەن تىكلىنىپ تۇرىدۇ چېركاۋ. == '''لىجياڭ دەرياسى''' == ئىمىن ئەھمىدى 1 تاغ ئېگىزمۇ ياكى ئاسمان پەس؟ بىر - بىرىگە تۇتاشقان پەۋەس. چوققىلارنى سۆيگەن ئاق بۇلۇت مانان ئارا ئالىدۇ نەپەس. بامبۇكزاردا ئاياغ تىۋىشى چاتقاللارنى ئەگىپ ئۆتۈش تەس. چاچلىرىڭغا يامىشايمۇ دەپ بانان شېخى ئېگىلىدۇ پەس بۇ مۇھەببەت ئەجەب مۇقەددەس. 2 سۈزۈك سۇلار كۆزۈڭ بەئەينى قارىچۇقىڭ جىمىرلىغان تاش. كۆكسۈڭ كەيى يۇمشاق ئېدىرلار، رومالىڭدۇر ئىككى يېشىل قاش. يالغۇز ئۈزۈپ كەلگەن قومۇش سال، قويدى خىيال قىرغىقىغا باش. ھاياجاندا جىلۋىلىك شەپەق، تۆكتى چەكسىز چىمەنلەرگە ياش. 3 تىلسىم سۈپەت دالالار .قوينى، سۈرەت يەڭلىغ چۈشىدۇ كۆزگە. شىلدىر- شىلدىر ئالتۇن ياپراقلار، باھار ئىزدەپ كۈلىدۇ كۆزگە. غايىبانە مەغرۇر چىرايىڭ، ئۆلۈكنىمۇ ئۈندەيدۇ سۆزگە. تۇيدۇرمايلا باغاشلىۋالدىڭ، يارىڭ يوقمۇ مېنىڭدىن ئۆزگە؟ 4 قەيەردىدۇر نەينىڭ ئاۋازى، كىيىكلەرنى قىلىپ قويدى لال. قىيا باققان بېلىقچى قىزلار نىگاھىمنى ئەيلېدى مالال دولقۇنىڭغا بېشىمنى ئېگىپ قىرغاق ئۈچۈن بولۇپ قالاي تال. ئىشەنچ قىلساڭ غۇبارسىز سۆيگۈ، گۈزەللىكنىڭ چېھرىسىگە خال. 5 كېتىپ قالسام كۆڭلۈم سېنىڭدە، ھەر تىنىقىڭ جىسمىمگە مىڭ جان. تۇرغىن دېسەڭ باغرىڭدا ئويناپ، مىسرالاردىن ياسايمەن خامان. قىسقا ئۆمۈر چۈشۈمدەك تاتلىق، ئۆتەلمەيمەن ئەمدى خىرامان. داۋان ئېشىپ كەلگەن ئەقىدەم، ئاستانەڭگە بولىدۇ مېھمان. 6 شاۋقۇ‌ن سالماي ئاقىسەن جىمجىت، ھە‌ر تامچاڭدا جە‌ننە‌ت مۇ‌جە‌سسە‌م. سىنى كۆرۈپ زە‌مزە‌م بولدۇ زە‌ڭگە‌ر كۆكتىن كە‌لگە‌ن قە‌ترە ھە‌م. ھە‌ممىمىز تە‌ڭ يارالغان تۇرۇ‌پ سىنى باشقا بىلگە‌نمۇ ئىگەم؟ قىز-يىگىتىڭ خىزىرمىكىن تاڭ، قە‌لبىمدە ئوت، كۆزلىرىمدە نە‌م. 7 كۆپ نەرسەمنى ئىلىپلا ئالدىڭ، بەرگىنىڭنى ساناپ چىقماق تە‌س. كىندىك قېنىم قىسمەتلىرىدىن، ئاتا قىلدىڭ يېڭى بىر ھەۋە‌س. نومۇ‌سىمنىڭ بە‌رگىدە شە‌بنە‌م، زۇ‌مرە‌ت يوللار تۈگىگە‌ن ئە‌مە‌س. قانلىرىمدىن ئۇرغۇ‌يدۇ قەسە‌م ئۆرتە‌ندىممۇ شۇ‌نىڭ ئۆزى بە‌س! بۇ مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئە‌جە‌ب مۇ‌قە‌ددە‌س... == گۈيلىن، گۈيلىن! == ئىمىن ئەھمىدى 1 گۈزەللىكىڭ ئالەمدە يەككە، شۇ ۋەج باقماي كەلدىم بۆلەككە. بوسۇغاڭغا پۇتۇمنى قويسام، ئوت كەتكەندەك بولدى يۈرەككە. نە ئايرىلىش ھەتتا بىر زامان سېغىنىشنى ئورىدىڭ دەردكە. بۈگۈن كۆرۈپ چېھرىڭنى جانان، ھۆرمەت ئارا ياندىم ئەدەبكە. ھاياجاندا قەلەم سەۋدايى، چاپىمەن دەپ كىرمەيدۇ گەپكە. قارىغىنا، قانمۇ، سىياھمۇ، تېمىۋاتقان شاھانە بەتكە! سەن جەننەتمۇ ۋە ياكى مەككە؟ 2 تاغلىرىڭنى تەڭرىتاغ دېسەم، تەلەپ قىلدىڭ باشلىرىڭغا قار. بىلمىدىڭمۇ بېغىڭدا بۇ دەم، سەن سۆيۈنگەن قارنىڭ رەڭگى بار. ئىككى پەسىل قەلبىدە بىر ئوت، بىر تۇپراقنىڭ ئىشقىدا ياتار. ئىككى زىننەت باغرىدا بىر يۇرت، بىر يۈرەككە ئەبەد ئىپتىخار. كۈمۈش لىباس دىلنىڭ پاكلىقى، يېشىللىقنىڭ سۆيگۈ بىغۇبار. يېشىل ساقلا بوستانلىرىڭنى، بولۇۋەرسۇن كۆكسۈڭدە باھار. 3 بۇلۇق ئۆسكەن شېكەر قومۇشلۇق، قوناقلىققا، قوناققا رەڭداش. قىر ئارىلاپ كۈلۈشكەن قىزلار، خىيالىمغا تاشلىۋەتتى تاش. ياپراقلاردا ئۇخلايدۇ شەبنەم، مەيىن شامال شاخلارغا مۇڭداش. يىلتىز ئارا گۈپۈلدىگەن نەم، ئارزۇيۇمنى قىلىپ قويدى پاش. بايان قىلغىن، تاتلىقلىقىڭنى، بەرگەن يەرمۇ ۋە ياكى قۇياش. شولىلارنى يامراتقان دىلدا ئاي يۈزۈڭمۇ، سۆزلە قەلەمقاش؟ 4 رەڭ تاغلىرى، «رەڭلەر دۆۋىسى»، ئۆزۈڭمۇ سەن ھەسەن - ھۈسەنگە. گە‌ر ياق دېسەڭ ئالەم ئىگىسى، يان باسقانمۇ رەڭدار چىمەنگە. تۇغ - ئەلەمنىڭ جەۋلانلىرى بار، چۈشكەن كەبى يىگىتلەر جەڭگە، تارقىتامتىڭ ياكى بىر ئۆزۈڭ، گۈزەللىكنى ھەر بىر قەدەمگە. قانداق ئىش بۇ جېمى گۈزەللىك، يىغىلغىنى بىرلا بەدەنگە! يۈرىكىمنى قوشۇپ قويساڭچۇ، كۆكسۈڭدىكى قىپقىزىل رەڭگە؟ 5 قۇچىقىڭدا «قومۇش نەيلىك غار»، بوغۇم-بوغۇم خۇددى قومۇش نەي. تاش ئارىلاپ ئۆسكەن بىر گىياھ، تەمەنناسىز كۆزگە كۆرۈنمەي. نەي ئاۋازى غارنىڭ ئاۋازى، ئايرىماق تەس، چىقار ئۈزۈلمەي. گويا يىلنىڭ قىشى ۋە يازى، ئەتكەن كەبى ئەسرنى ئەللەي. پەرىشتىلەر تۇتقاندەك قەدەھ، دىۋارلاردىن تۆكۈلىدۇ مەي. بىر ئاھاڭغا كۆڭلىنى قوشۇپ، كىم قالدۇرغان ئىچىپ تۈگەتمەي؟! 6 بولدى مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئەركەم، ئاسمىنىڭدا كۈلگەن تولۇن ئاي. شەرەت قىلىپ يۈرگىلى نە كەم... پەرىلىرىڭ تۇتۇپ يېڭى چاي قوينۇڭ كەڭرى قۇچىقىڭ ئاندىن، تۇرۇپ كەتتىم گىرە سالالماي. چىللاپ كەلدىڭ، لېكىن بەرمىدىڭ، مۇڭدىشىشقا بىرەر پاناھ جاي. كەلمىگەندە ھېسلىرىم تەكشى غۇرۇرۇمنى سىنىدىڭ تالاي. بىر گەپ قىلغىن، ۋاپاسى چەكسىز، يارىڭ بولۇپ يېنىڭدا قالاي. 7 چەشمىلىرىڭ ئويقۇسىز دائم، جىرىڭلايدۇ كۈمۈش قوڭغۇراق. بوشلۇق بىلەن سۆزلىشەمدىكىن، شىلدىر - شىلدىر قىلىدۇ ياپراق. تىنىم تاپماس قۇشلار ئاۋازى، لەۋدە مەڭىز، ئېغىزدا قۇلاق. تەبىئەتنىڭ چېھرىدە ياشلىق، غۇنچىلاردا ھەر تاڭ بىر پىراق. تاغلار كېلىپ سۇنى سۆيىدۇ، كىمدە سۆيگۈ، كىمگە ئىشتىياق. ئىزدەپ كۆرسەڭ پىنھان ماكان يوق، ھايات ئويغاق، مۇھەببەت ئويغاق. 1991 - يىل 11 - ئاي، گۈيلىن == '''ئىلتىجا''' == ئىمىن ئەھمىدى چىقار ئانا ھېجىر قاچاڭنى، يەنە بىر رەت ئۇماچ ئېتىپ بەر. بۆشۈكۈمنى تەۋرىتىپ بىردەم، ئەللەي-ئەللەي قوشاق قېتىپ بەر. ساپال چىراغ نەلەردە قالدى، پىلىك سېلىپ قايتا يېقىپ بەر. ئۇنتۇماپتۇ بالام مېنى دەپ، دەريا-دەريا بولۇپ ئېقىپ بەر. مەينەت كەلدىم شاۋ-شۇۋ شەھەردىن، پاكىزلىناي ئېرىق چېپىپ بەر. بىر كەملىك بار مېنىڭ كۆڭلۈمدە، بەختىم ئۈچۈن شۇنى تېپىپ بەر. == '''مەھەللەمگە مۇھەببەت''' == ئىمىن ئەھمىدى مەن بۇ مەھەللىنى ياخشى كۆرىمەن، گەرچە ئۇنىڭدا ئېگىز بىنا يوق. سۈيىدە ئېقىپ،ئوتىدا كۆيىمەن، پاكار ئۆيلەردە تاغدەك ئۇلۇغلۇق. مەن بۇ مەھەللىنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇنىڭ مېھرىگە كۆنۈپ قالغان. ئانامنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن چېلىكىنى، دادام سۈزۈپ بېرىپ كۆيۈپ قالغان. مەن بۇ مەھەللىنى ياخشى كۆرىمەن، قىرلىرىدا كاككۇك قونغان تال. دەل مۇشۇ مەھەللىنىڭ قىزى ئىدى، قىزلىرىمغا ئانا بولغان بىر ئايال… == '''گۈل ئوغرىسى''' == ئىمىن ئەھمىدى باشتا بىر تال گۈلنى ئۈزۈپ كەتتىم، تۆت ئەتراپىمغا قاراپ ئاۋايلاپ. كېيىن تەشتەك بىلەنلا كۆتۈرۈپ كەتتىم، دېرىزەمگە قوندى قۇچقاچلار سايراپ. ئوغرى ئالغان مالنى ئەزەلدىن، مالنىڭ ئىگىسى كېلەتتى ئىزدەپ. ساقلاپ باقتىم ئېرىنمەي نەچچە كۈنگىچە، گۈلنىڭ ئىگىسى كېلىپ تۇتۇۋالسا دەپ. سەۋر دېگەننىڭمۇ چېكى بار ئىكەن، يېرىلغۇدەك بولدۇم ئىچىم پۇشۇپ. ئەمدى گۈلنىڭ ئىگىسى كەلمىسە ئەگەر، ئوغرىلاپ كېلىمەن ئۇنىمۇ قوشۇپ... 2020-يىل 6-ئاي، قەشقەر == '''سەرگەردانلىق''' == ئىمىن ئەھمىدى ھەسرىتىم سەرگەندان بولسا مەيلىتى، كېتەر ئىدى يىراقلارغا ئېلىپ باش. بەختىمنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى، يالغۇز قىلىپ مېنى كۆزلىرىمدە ياش. دەريا سەرگەندان بولسا مەيلىتى، دېڭىزغا  ئاقاتتى يا سىڭەتتى چۆلگە. قىرغاقلىرىنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى، غەشلىك بېرىپ سۇنغان كۆڭۈلگە. دادام سەرگەندان بولسا مەيلىتى، بىلىكىگە تايىنىپ باقاتتى جان. ئانامنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى بالىلىرىدىن تىلەپ يەيدۇ نان. ئۆزۈم سەرگەندان بولسام مەيلى ئىدى، بىلدۈرەتتىم كىملىكىمنى تىلىم بىلەن. تىلىمنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى، مۇڭدىشالـماي يۈرىمەن دىلىم بىلەن... == '''قېرىدىڭمۇ ئانا!''' == ئىمىن ئەھمىدى رومالىڭدا سەلكىن ئەركىلەر، چاچلىرىرىڭدا ئەركىم ئەركىلەر. يۈزۈڭ سۆيۈپ قىزىڭ ئەركىلەر، ئايىغىڭدا ئىزىم ئەركىلەر... تۈڭلۈكۈڭدىن ئۆتكەن تۇلۇن ئاي، چىرايىڭدا تۈنىدى بىر كەچ. بولۇپ قالدى قۇياشمۇ ھەتتا، ئوتلىرىڭنىڭ ئالدىدا پالەچ. ھېلىمۇ ھەم بىرىدە ئەپسۇس، تاغ قېتىدا يۈرىدۇ مۆكۈپ، بىرى شۇندىن بۇيان ياداڭغۇ ئايلىنىدۇ سوغۇق نۇر تۆكۈپ... كىرپىكىڭدە بۇلبۇل ئەركىلەر، زىنىخىڭدا شەبنەم ئەركىلەر. سۇ قويالماي قولۇڭغا ۋىناس، پەقەت ھەيكەل بولۇپ ئەركىلەر... قېرىدىڭمۇ ئېيتقىنا ئانا ياق كۆپ تېخى يارقىن ئەتىلەر... == '''ئاق بۇژغۇن''' == ئىمىن ئەھمىدى خام خىيال چۆلىگە ئۈنگەن سۆكسۆكلەر ئارزۇ سەلكىنىدە سولۇپ تۈگىدى. تەنھالىق ئاختۇرغان بۇ مىسكىن يۈرەك ئەسىر غوۋغاسىدا ئۆلۈپ تۈگىدى. سېنى سۆيمىگەنگە بەرگەن سۆيگۈلەر پۇشايمان ئوتىدا كۆيۈپ تۈگىدى. ۋاپاسىز قوقاستىن تۇتاشقان پىراق ۋاپا مەلھىمىدە سويۇپ تۈگىدى. نادانلىق نۇرىغا قاقلانغان بەدەن ۋاقىتسىز ھەسرەتكە تويۇپ تۈگىدى. يالغان ۋەدىلەرگە چاڭقىغان ۋۇجۇد پۇشايمان شارابىنى قويۇپ تۈگىدى. ھەرنە ۋەسۋەسىلەر كەتتى كەلمەسكە ساقال ئاقاردى چاچ چۈشۈپ تۈگىدى. مېنىڭن تۈگىشىمنى سورىسا كىملەر ئۇ دەيدۇ جاھاندىن كۈلۈپ تۈگىدى. 1995-يىل ئەتىياز == '''توي''' == ئىمىن ئەھمىدى ئەجەب ئاددىي توي قىلغانكەنمىز، ھايات داستىخانىغا سەمىمىيلىك تىزىپ. ئەجەب مۇڭداشقانىكەنمىز نېرى ئولتۇرۇپ، مەڭزىمىزگە ياشتا خەت يېزىپ. سېنى يۆتكەيدىغانغا ماشىنا يوق، تاپالمىغانىدىم ھەتتا ئېشەك ھارۋىسى. جاز، روك مۇزىكا دېگەنلەر نەدە؟! ئەتراپنى چاڭ كەلتۈرگەنىدى سەھرا ناغرىسى. «شېرىن ئاي» دەپ بېقىپتىكەنمىز ئېتىزغا، تاتلىق ئىدى ئاي يورۇقىدىكى ساياھەت. ئالتۇن ئۈزۈك ئالماپتىكەنمەن قولۇڭغا، قىلىپتىكەنسەن مىس ھالقىغىمۇ قانائەت. ئۆيىمىزگە كىرگەنىكەنمىز يانمۇ – يان، يۇرتداشلار ياققان ئوتتىن ئاتلپ. ساپ ھاۋا، سوغۇق سۇ، چاڭ – توزان يولغا سېلىپ قويغانىكەن بىزنى پاكلپ... بىلمەپتىكەنمەن سەن بايمۇ يا كەمبەغەل؟ سورىماپتىكەنسەن بىساتىمدىن سوئال. بەك سەبىي ئىكەنمىز، كۆڭۈلدە يوق غۇم، خۇددى ئېرىق بويىدىكى مەجنۇنتال... بالىلارغا دېگىلى بولارمۇ بۇ توينى، يازغىلى بولارمۇ ئەسلىمە قىلىپ؟ ئېھتىمال قايىل قىلماق تەس ئۇلارنى، يېرىپ بەرگەندىمۇ يۈرەكنى ئېلىپ... == '''قەلەم، قەغەز، خەت...''' == ئىمىن ئەھمىدى يەنىلا سەككىز پۇڭلۇق پوچتا ماركىسى ئېلىپ، ئەرزان لېپاپ بىلەن ئەۋەتكىن خەت. كومپيۇتېردا خەت يازدىم دېدىڭ، خەت كەلدى، لېكىن كەلـمىدى ھەسرەت. تىشىلىپ كەتتى قەغەز نەچچە يەردىن، سانجىلغاندا چېكىت، پەشكە قەلەمنىڭ ئۇچى. بۇ ئەمەس ئىدى قەغەزنىڭ نېپىزلىقىدىن، شۇنداق قىلاتتى سېغىنىش، سۆيگۈنىڭ كۈچى. رەڭ يېيىلاتتى ئۇ يەر بۇ يەرگە، داغ چۈشۈرەتتى قەغەزگە كۆز ياش. سوئال، ئۈندەشلەرنىڭ مايماقلىقى، قىلىپ قوياتتى ماڭا كۆڭلۈڭنى پاش. دەرىخا ! كومپيۇتېر، يانفوندىكى گەپلەر، شۇنداق تۈز، ھېچ نەرسە بولـمىغاندەك. قولۇڭنىڭ تىترىگىنى نامەلۇم، سېمونت ئېرىقتا سۇ ماڭغاندەك. قېنى ئۆز ۋاقىتىدىكى تۈگىمەس گەپلەر، قېنى ۋاراقلارغا سىڭگەن ھاياجان. قەغەزنى مىجىپ مەيدەمگە تاڭاتتىم، كومپيۇتېرغا نەدە مۇنداق ئىمكان؟ يەنىلا سەككىز پۇڭلۇق ماركا ئېلىپ، ئەرزان لېپاپ بىلەن ئەۋەتكىن خەت. كومپيۇتېردا خەت يازدىم دېدىڭ، ئۇنىڭدىن شادلىق ئەمەس، كۆپەيدى ھەسرەت. == '''ئوتقا تۇغۇلغان بالا''' == ئىمىن ئەھمىدى ئوتقا تۇغۇلغانلىقىمنى بىلىسەن ئۆرۈك چىچەكلىگەن بىر كۈنى. ئانام ئوچاققا ئوت قالاۋېتىپ كۇلۇڭغىلا تۇغۇپ قويغان مېنى. ۋاقىتنى ئۇقمايدىغان قانداق ئايال دەپ مومام تىللاپ كەتكەن ئۇنى. دېگەن ھەم: تاس قاپتۇ ئەمەسمۇ تۇنجى نەۋرەم ئوتۇن بىلەن بىللە كۆيۈپ كەتكىلى. ئانامنىڭ مېنى ئوتقا تۇغمىغىنىغا رەھمەت ئانام يۇرتنىڭ ئوتىغا تۇغقان مېنى. شۇ ئوت ھەقىقى، تۆت تام ھەقىقى ئانا يۇرت، ئانا يۇرت سۆيىمەن سېنى. ئوتتىن تۇغۇلغىنىمنى بىلىسەن شۇ چاغ ئوتتىن قىزىق بولغان ئانامنىڭ تېنى. ئالەمگە قۇرۇق قول كەلمەپتىمەن دەپ ئوتتىن بەك لاۋۇلدىغان تومۇردا قېنى. بىر تەرىپىمدە ئانام كۆيگەن ئىنجىقىدىن ئۆرلىگەن سۆيگۈ تۈتۈنى. بىر تەرىپىمدە سەن كۆيگەن تىمسالىڭ سەندە ئۆسكەن جىگدە ئوتۇنى. ئانا يۇرت، مېنى ئوتتىن تۇغقىنىڭغا رەھمەت يۇرتنىڭ ئوتىدىن تۇغدۇڭ مېنى. شۇ يۇرت ھەققى، تۇپرىقىڭ ھەققى ئوتۇڭدا كۆيۈپ تۇرۇپ سۆيىمەن سېنى. سەن قوينۇڭغا ئوت بولۇپ تۇغۇلغانلارنىڭ ئوتۇڭدا كۆيگەنلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى. ھاياتىمنى مۇھەببەت قىلدىڭ، ئوت قىلدىڭ شۇ مۇھەببەت، ئوت ھەققى سۆيىمەن سېنى. == '''ئانام''' == ئىمىن ئەھمىدى بىر كونا سۆيگۈدىن قەلبىمدە باھار، قىلمىساممۇ يېڭى مۇھەببەت بايان. ۋىسالىڭنى ئىزدەپ يېگەچكە ئازار، ھېسلىرىم تۈمەننىڭ سۈيىدە ئايان. ساڭا ۋاپا بىلەن چامدىدىم بۈگۈن، كىندىكىمدىن دەسلەپ تۆكۈلگەچكە قان. ئەمدۈرگەچ ئوغۇز سۈت ماڭا تۈنۈگۈن، سەندە جىمى بەختىم، سېنىڭدىندۇر جان. شۇڭا "كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق، دېگەن سۆز-چۆچەككە ئىشەنمىدىم ھېچ. كىچىك چېغىمدىلا تۇتاشقان پىراق، ئاجىز ۋۇجۇدۇمنى قويمىدى تېنىچ. مەيۈس كۈلكەڭ ماڭا قۇۋۋەت ھەر زامان، ئۆرتىسىمۇ بەزەن دىلىمنى ئاھىڭ. مەيلى قانچە ياشناپ كەتسۇن كەڭ جاھان، ئۆمرۈمگە مۇقەددەس يەككە نىگاھىڭ. چاچ شالاڭ، ساقال ئاق، مېھمانمۇ دېمە، مېھمان ساڭا مەندەك كەلمەيدۇ يىغلاپ. بەڭباش قىلىقىمدىن ھەرگىز غەم يېمە، ئېتىزلىرىڭ ئارا يۈرسەم پېتىقلاپ. ھەممە كەپسىزلىكىم، ھەممە شوخلۇقۇم، نەدە يۈرسەم سېنى سۆيۈشتىن پەيدا. بىر ساڭىلا بولغاچ دەردىم-خوشلۇقۇم، قىلىدۇ ئەقىدەم قىزلارنى شەيدا. دادام ياتقان گۆرنىڭ يېنىدىن بۇ دەم، ماڭىمۇ كۆرسىتىپ بەرگىن بىر يەرلىك. ھاياتتىن مەن ساڭا قەرىزدار ھەردەم، سىنىڭ ھېممىتىڭدىن شۇلار يېتەرلىك. رەنجىمەي قۇچاقلا مەسۇم بالاڭنى، گۇناھ ئۆتكەن بولسا، كەچۈرۈش سەندىن. سەنلا ساقايتىسەن ئىشقىي يارامنى، چىقىدۇ ساڭىمۇ مەلھەملەر مەندىن. پىشانەڭ قورۇقى ساناقسىز دەپتەر، روھىم ئالۇر ئۇنىڭ بېتىدىن غۇرۇر. كۆڭلۈم ھەر ئان ساڭا قاناتسىز كەپتەر، قۇچاقىڭغا قاراپ ئۇچىدۇ مەغرۇر. == '''سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك''' == ئىمىن ئەھمىدى سانجىنىڭ... غۇلجا-كۇچانىڭ... ئۈرۈمچى-قەشقەرنىڭ... ناۋايخانىسى، ئاشپۇزۇللىرى قاتار كەتكەن. بىرىدە لەڭمەن-ئۈگرە، بىرىدە پولۇ-مانتا... دىماقنى غىدىقلايدۇ كاۋاپنىڭ ھىدى بىر يەردە تاتلىق-تۇرۇم، پىشۇرۇق ئەتكەن. پالما دەرەخلىرىنىڭ بويى سۇۋادان تېرەك دېڭىزدىن ئۇرۇۋاتقان غۇر-غۇر شامال قىزلارنىڭ چېچىغا قونغان، مەڭزىگە تەگكەن، يولنىڭ بويىدا قەشقەرلىك ياش بىر چوكان كۆكسىنى بالىسىنىڭ ئاغزىغا كەپلەپ قويۇپ، ئولتۇرىدۇ، بەلكىم ھاردۇق يەتكەن! ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بامبۇك ئورۇندۇق، شىرەدە چىنە-چەينەك، ناۋات سالغان چاي خوتەنلىك ئىككى بوۋاي موخۇركا چەككەن. تۇرپانلىق ئايالنىڭ سومكىسى مەرۋايىتقا لىق كۆتۈرۈپ ماڭالماي بېلىنى ئەگكەن... ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك! ئۈن يېتىم يەردىكى ساھىلدىن شاۋقۇن، بىز تەشتەكتە باقىدىغان رەڭگارەڭ گۈللەر بۇ يەردە بوي تارتىپ ئۆسكەن باراقسان. چۈش مەھەل، ئىسسىق بەلباغدىن كەلگەن يالقۇن ئالۋۇندەك جۇلالايدۇ قوشۇپ جانغا-جان. مەجنۇنتال سايىسىدا غۇژژىدە ئادەم، ئېھتىمال ئىسسىقتىن قېچىپ توپلاشقان. يولنىڭ بۇ چېتىدىكى شىنجاڭلىق لاۋجاڭنىڭ ئۇ تەرەپتىكى مەمەتنى توۋلاشلىرى شۇنچىلىك ئەركىن، ھەر ئىككىسىنىڭ پۇتىدا ساپما كەش، قولىدا بانان. خۇيخۇيسۈن كەنتىدىن يالۇڭۋەنگە سۇ ئۈزۈپ كېلىمىز دەپ ماڭغان يانمۇيان. بۇلغانمىغان ھاۋا تەننىڭ داۋاسى، يۇيغان چىنىدەك پاكىز كۆك ئاسمان. خەنزۇ دەمسەن، ئۇيغۇر دەمسەن، خۇيزۇ دەمسەن...ھەممىسى ئەسلىدىنلا بىر ئائىلە، قېرىنداش-تۇغقان! ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك! بۇ يەر كېلىدىغانلارغا قوغۇنلۇقنىڭ يولى، قارامايدا ھەپتە-ئاي ئۇچراشمىغانلار، ساناتورىيەدە بولۇشىدۇ جەم. ئالتاي يايلاقلىرىدا كۆرۈشەمىگەنلەر، كورلىدا كۆرۈشۈپ سۆزلىشەمىگەنلەر دۇكان-رەستىلەردە تېپىشىپ قېلىپ، بىر-بىرىنىڭ قولىنى سىقىدۇ مەھكەم. بۇ يەر ھەممەيلەنگە ئۆز، ھايات سەھنىسى ئوخشاشمىغان مېۋىلەردە بىرلا تاتلىق تەم. بىنالار بىر قارىساڭ ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى، كىرىپ قالغاندەك بولىسەن كەچلىك بازارغا؛ بىر قارىساڭ چوڭ بازاردىكى قاينام-تاشقىنلىق، ماڭامسەن، تۇرامسەن ئۆزۈڭدىكى پەم! دېڭىزنىڭ كەڭلىكىگە ئاسمان پاتىدۇ؛ يانچۇقتىكى پۇلۇڭغا جاھان پاتىدۇ؛ كۆڭۈلنىڭ كەڭلىكىگە دېڭىز پاتىدۇ؛ سۇدىن چىقىپ قۇمدا ياتقانلار، قۇمدىن چىقىپ سۇدا ياتقانلار، قۇم بىلەن سۇنى مەھەللىسىدىكى ئۆستەڭ چاغلاپ، ئوڭدا-دۈم ئېغىناپ ئەركىن ياتىدۇ. قىلچە يېتىرقاش يوق، ھېيىقىشمۇ ھەم، بولمىسا قۇرۇق پونى قانداق ئاتىدۇ؟ ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك! دادۇڭخەيدىكى ئورمانلىقتا ئۇسسۇل سەيناسى رىتىملىق قەدەملەردە ئەزگۈ ھاياجان، جىلۋىلىك كۈزلەردە ھاياتنىڭ شەۋقى! ئاھاڭلار مىللەتتىن، ئىرقتىن مۇستەسنا، ئوخشاشلا لاۋۇلدايدۇ مۇھەببەت زەۋقى. كىيىملەر گۇگۇمدىكى شەپەققە زىننەت، يىراقتىكى شاۋ-شۇۋ ناخشىغا تەڭكەش، تۈگىگەن كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى. نىيەت-ئىقبالدا ئالەمچە بىرلىك، ،ئاستىڭدىكى تۇپراق شۇنچىلىك ئۇلۇغ بىز ياشاۋاتقان جاھاننىڭ شەرقى. ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك!... == ''‏ئايدىڭدا تەنھا مەي ئىچىش'' == ''[[‏لى بەي]]'' ''‏'' ''‏تۇرىمەن كوزام بىلەن گۈلگە قاراپ'' ''ئۈلپىتىم يوق ئۆتمىدى گالدىن شاراپ'' ''ئايغا مەي تۇتسام يېنىمغا كەلدى ئاي'' ''ياندا سايەم قالمىدىم يالغۇزسىراپ'' ''ۋەلىكىن ئاينىڭ لىۋى مەيدىن نېرى'' ''قويمىدى سايەممۇ ھالىمنى سوراپ'' ''ئىككىسى ھەمراھ دېسەم چاغلىق ئىكەن'' ''ئۆتكىدەك ئۆمرۈم باھارسىز بەك خاراپ'' ''ناخشا ئېيتسام تولغۇنار ئاسماندا ئاي'' ''چېكىدۇ ئۇسسۇلغا سايەم ئىزتىراپ'' ''ساق ۋاقىتتا سىردىشىپ يۈرگەن بىلەن'' ''مەس بولۇپ قالساق كېتەركەنمىز تاراپ'' ''بەخت ئۈچۈن ئاسمانغا چىقسام بولغۇدەك'' ''تارتقۇچە تەنھا يۈرۈپ بۇنچە ئازاپ'' ئىمىن ئەھمىدى تەرجىمىسى == '''كېچىككەن سۆيگۈ''' == مېنى «قايت» بۇ يولدىن دېگەنلەر تولا، قىلچە ھېيىقمىدىم، زىنھار يانمىدىم. لېۋىڭدىن ئەۋەتكەن ۋىسال مەيىگە لېۋىمنى تەككۈزدۈم ئىچىپ قانمىدىم. سەۋەب ئىشىق ھېكايەم باشلاندى بەك كەچ، شۇڭا كېچە-كۈندۈز سۆيگۈ ئىزدەيمەن. ئۆلگەندىن كېيىن ھەم چېكىنمەيمەن ھېچ، كەم قىسمى گۆردە دەپ كۆڭۈل بەزلەيمەن. سۆزۈمنى شەرھلەپ قەبرەم ئۈستىگە ئۈنىدۇ شۇ سۆيگۈ رەڭگىدە گۈللەر. ۋە شۇ چاغ كېلىدۇ مېنى سۆيمەككە سۆيەلمەي قالغان شۇ سانسىز گۈزەللەر. كېچىكىپ تاپقان بەخت ئەجەبمۇ تاتلىق، ئۇ بەخت ئىچىدىكى مۇھەببەت ئاندىن. شۇڭا ئۇ مەن بىلەن بىللە كېتىدۇ، ئايرىلماي جىسمىمدىن، جېنىمدىن-قاندىن. ھەمراھ بول، سۆيگۈ پەرىسى، ماڭا بىر ئۆمۈر، قالسۇن ئىككىمىزدىن ئالەمگە ئەنداز. ئالەم تۈگەپ كېتىدۇ، سۆيگۈ ئۆلمەيدۇ، بىز ئالەمدىن ئۇزۇن قىلايلى پەرۋاز… == '''ئاخىرقى سۆيگۈ''' == كىم مېنى سۆيەر دەپ كۈتۈپ تۇرمايمەن، گۇناھ ئەمەس ئەمدى سۆيگۈ ئاختۇرۇش. خىجىلمۇ بولمايمەن، ئىختىيارىمدا كىمنى ياراتماسلىق، كىمنى ياقتۇرۇش.   ۋاھ دەپ كۆكسۈمگە يېپىشقانلار بار، چۈشەنسەم بوپتىمەن قولىدا قورچاق. داغداما يوللارغا باشلارمۇ دېسەم، چىقتى يولى ئەگرى، ھەتتا قىسىلچاق. «مۇھەببەت ئۆز ئەركىڭ» دېدى بىر مەھەل، ئۇچۇردى، تاشلىدى، ئازدىم ئەقىلدىن. بەرمىدىم ئۆزگىلەر ئۈچۈن قىلچە نەپ، ئۆزۈمگە گۆر قازدىم، ئۆزۈم يىقىلدىم. ساداقەت بابىدىن سۆز ئاچتى بىراق، ئىشقىمنى ئەرزىمەس قىلدى تىيىنغا. يا ئۇنى سۆيدۈرمەي ۋە ياكى بۇنى، ھاياتىم سەپىرى چۈشتە قىينغا. سالمايلا كەپتىمەن ئالەمگە نەزەر، مۇھەببەت يولىنى بىلىپتىمەن تار. بىكار كۈتۈپتىمەن شامۇسەھەرلەر، بارمۇ دەپ دۇنيادا مېنى سۆيەر يار. «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ئولتۇرسا، سۆيگۈلەر ھەر قاچان قاچاركەن يىراق. ھەقىقىي بىر گۈزەل ئىزدىگەنلەرگە، زۆرۈركەن ھەممىدىن بۇرۇن ئىشتىياق. بۇ نۆۋەت مەن ئۈچۈن ئاخىرقى سۆيگۈ، تۇنجى چىن ئاشىققا ئېرىشتىم تەستە. مەن ئەمەس، ئەۋلادىم بەخت قۇچىدۇ، بۇندىن سوڭ بولمايدۇ يۈرىكى خەستە. ئەمدى كىم سۆيەر دەپ كۈتۈپ تۇرمايمەن، گۇناھ ئەمەس ماڭا سۆيگۈ ئاختۇرۇش. خىجىلمۇ بولمايمەن، ئىختىيارىمدا كىملەردىن ۋاز كېچىش، كىمنى ياقتۇرۇش… == '''ئىككىلەنگەن سۆيگۈ''' == شارقىراپ بىردىنلا قويۇلدى يامغۇر، دەرەخنىڭ تۈۋىگە يۈگۈردۈم چاپسان. ماڭا تامچە ئەمەس، تەگدى گويا ئوت، بىر گۈزەل تۇرمامدۇ يېنىمغا باقسام. كۈلدى ماڭا قاراپ، كۈلەلمىدىم مەن، نامەردلىك بولاتتى ھودۇقۇپ قاچسام. ئۈن-تىنسىز بىر ھازا تۇرۇشۇپ كەتتۇق، ئويلىدىم: نە بولار قوينۇمنى ئاچسام. يامغۇرمۇ توختاپتۇ، قاپتىمەن يالغۇز، بىر تاتلىق خىيالدا، ئىسىمنى تاپسام. «ھەي ئىسىت» دېدىم-دە، كۆككە توۋلىدىم: «ساڭا نە خىجىللىق، ياغمامسەن چاپسان!!» == '''سەھرا''' == كەلگەندە قايتىشنى ئۇنۇتتى كۆڭۈل، دېمەككى، رۇخسارىڭ مېنى قىلدى رام. ئارمىنىم تۈگىدى، ئىككى مەڭزىم ھۆل،    ۋىسال مەلھىمىڭگە ئېرىشتى يارام. پاكار ئۆيلىرىڭدە تاغنىڭ قامىتى، يىراقلىق ئارىغا سوقالمىدى تام. ئەپسۇس، ياشلىقنىڭ ئاپپاق ۋارىقى، سەنسىز نەچچە يىللار بولدۇم بىئارام. ئېرىق-ئۆستەڭلەردە زەمزەم تۈگىمەس، يۇلغۇنۇڭ تۈۋىدە ئالىمەن ئارام. سېنى دەپ جان بېرىش ماڭا غەم ئەمەس، شەنىڭگە ھەر جايدا كۆتۈرىمەن جام… == '''كۆڭلۈم''' == سەن مېنى قۇل دېسەڭ مەيلى كېرەك يوق، ھەرنە بالالارنى يەڭدىم سەن ئۈچۈن. چوغ كەبى تەگكەندە كۆكرىكىمگە ئوق، تەلۋە بولغان چېغىم چىقارمىدىم ئۈن. مېنى جەڭچى دېسەڭ ئالدىدا ئۈزۈپ، قارارىم قان بىلەن ئەيلىدىم پۈتۈن. چېلىشسام ئوكياندىن جاۋاھىر سۈزۈپ. ئوتۇمدىن سۇ ئۈزرە ئۆرلىدى تۈتۈن، سەن مېنى دېسەڭ گەر ئاددىي بىر ئىنسان. بولمىدىم سۆيگۈدىن خالىي بىرەر كۈن. ئۇنىڭ ئالدىدا ھەممە يەر بىلەن يەكسان، ياق دېسەڭ نېمىشقا سۆيگەن تۈنۈگۈن؟ 1985-1991-يىللار == '''ھېيتگاھتىكى قۇچاقلىشىش''' == مېنى ئاۋۋال قۇچاقلايدۇ بۇ شەھەر، ئەتتەڭ! دەپ پۇشايماننى قۇچاقلايمەن. سېغىنىش ئۆرتەيدۇ مېنى ساق بىر يىل، تەلمۈرىمەن، ئارماننى قۇچاقلايمەن. ئەمدى چوقۇم ئەل ياتقۇدا تۇيدۇرماي كېلىپ، ئالدى بىلەن ئاسماننى قۇچاقلايمەن. تولون بولسا بىر يولى، ھىلال بولسا ئاۋايلاپ، ئايغا قوشۇپ چولپاننى قۇچاقلايمەن. تۈمەنگە بارىمەن « گۈلئايىم» بىلەن، چېچى ئورنىدا بوستاننى قۇچاقلايمەن. جانان كوچىسىدا بولمىسا جانان، دىۋارلاردىكى نۇرئەفشاننى قۇچاقلايمەن. بونجا تېرەكلەردە سەھەر ئاۋازى، ئويغاق ئۆگزىلەردە تاڭنى قۇچاقلايمەن. تونۇردىن كېلىدۇ ئاق ناننىڭ ھىدى، قەشقەرنىڭ قولى دەپ ناننى قۇچاقلايمەن. كىرىمەن كىچىكلىكتە ئوينىغان باغقا، يا ئەترە، يا رەيھاننى قۇچاقلايمەن. يىراق-يىراقلاردا «تاشۋاي»نىڭ ئۈنى، سېھرى كۈي، ئاھاڭنى قۇچاقلايمەن. يېنىمدىلا سەمەن، تۇنجى مەكتىپىم، ئاتمىش يىللىق جەۋلاننى قۇچاقلايمەن. تۇردى ئاخۇننى ئىزدەپ چايخانىلاردىن، گىگانت ئون ئىككى مۇقامنى قۇچاقلايمەن. خىيالىم كېتىدۇ قەدىم-قەدىمگە، ھۆرمەت ئىچرە ئاماننىساخاننى قۇچاقلايمەن. ئوردا ئالدىغا كېلىمەن، «قۇتادغۇبىلىك»،» بەيگە تۇلپارى «دىۋان» نى قۇچاقلايمەن. نېزارى بابىدا « رابىيە-سەئىدىن»، جىلۋىگەر تارىختىن شەرەپشاننى قۇچاقلايمەن. دەرىخا! ئۆستەڭبويى يەنە بىر دۇنيا، ساناقسىز ئەللامە ئۇستامنى قۇچاقلايمەن. گۈزەردىكى ئالما-ئانار يۈزىدە ساپ تەر، يۈرىكى تونۇش دېھقاننى قۇچاقلايمەن. دەرۋازىلارغا بارىمەن بىر-بىر، سەھرا پۇرىقى بار چاڭنى قۇچاقلايمەن. پاكىز ئۆيلەر ئەينى ئانامدەك قەدىرلىك، زامان ئىزناسى بار ئايۋاننى قۇچاقلايمەن. قۇچىقىڭغا قۇچىقىم يەتمەيدۇ قەشقەر، بېشىم ئىگىپ سەندىكى تاڭنى قۇچاقلايمەن. سەن ئانا يۇرت، ئەقىدەم، تۇرغان پۈتكىنىم، سەن روھى ماكان، روھى ماكاننى قۇچاقلايمەن! == '''گۇگۇم كۈلىدۇ''' == كەچ بولدى، كىشىلەر ئۆيىگە ماڭدى، مەن كىرىپ كەتتىم باغنىڭ ئىچىگە. ئانام ئارقامدىنلا ۋارقىراپ قالدى: — ئاشىق بولدۇڭمۇ، — دەپ، — ئەمدى كېچىگە؟ — نېمىشقا كېچىگە ئاشىق بولىمەن؟! خىيالىم باغدا ئاي يۈزىنى كۆرۈش. — ئوڭايغۇ بىز بىلەن تالادا كۆرسەڭ، نېمە ھال گۇگۇمدا مۈدۈرۈپ يۈرۈش؟ — ۋاي ئانا، ئەل بىلەن ئوچۇقچىلىقتا ئايغا قىيا بېقىپ ئۆتتى نەچچە ياش. ياپراق ئارا كۆرسەڭ ئۆزگە تۇيۇلار، ئۇنىڭدىكى كىرپىك، ئۇنىڭدىكى قاش… — 1987-يىلى ئاۋغۇست، ئاقسۇ. == '''دەسلەپكى بۇلاق''' == جەزىرىدىكى تەنھا دۆڭلۈك ئۈستىدە، لۆمۈلدەپ قاپقارا بۇلاق تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىشلىرىدا، ئەسىرلەر تىنچىماس بۇلاق تۇرىدۇ. بۇ زېمىن قوينىدىكى يوشۇرۇن ئېقىن، مۇھەببەتسىزلەردىن يىراق تۇرىدۇ. سېياھ پەردىلەرنىڭ تېگى-تېگىدە، ئەجدادلار ياققان بىر چىراق تۇرىدۇ. ئەي نىگار، تەڭلىمە ئىپار ھىدىڭنى، ئالدىمدا تەڭداشسىز پۇراق تۇرىدۇ. جەزىرىدىكى تەنھا دۆڭلۈك ئۈستىدە، كۆزۈمگە ئوخشاش بىر بۇلاق تۇرىدۇ. — 1987-يىلى ئۆكتەبىر، قاراماي == '''ھەيكەل''' == ئېشەك مىنگەن بوۋاي بولۇپتۇ پەرداز، يۈكسەك ھەيكەللەرنىڭ ھۆسنىگە بۇ دەم. ھېلىمۇ پىيادە قويماپتۇ ئۇنى، چۆل-جەزىرە بولۇپ ئۇنىڭغا ھەمدەم. يېنىغا ئېسىلغان قاپاق ئىچىدە ماي ئەمەس، بىر پۈتۈن تارىخ بارمىكىن؟ ھەيكەلتىراش ئۇنى قويۇپتۇ پەسكە، قەدىم ئەجدادلارغا ئىچى تارمىكىن؟ بوۋاينىڭ ساقىلى ئۈزرە ماي دېغى، جۇل-جۇل چاپىنىغا قالدىم تىكىلىپ. يۈكسەك ھەيكەللەرگە يەتمىدى بويۇم، بوۋايغىلا تەزىم قىلدىم ئىگىلىپ. — 1987-يىلى ئۆكتەبىر، قاراماي == '''باھارنى سېغىنىش''' == '''لى بەي''' '''ئىمىن ئەھمىدى تەرجىمىسى''' سىز تەرەپتە گۈل-گىياھ سۈرگەندۇ بىخ، مەن تەرەپتە ياپيېشىل بەرگى تېرەك. سىز ئۇ ياقتىن ئۆيگە قايتىپ كەلگىچە، ئېزىلىپ تۈگەيدۇ بەلكى بۇ يۈرەك. hojer5kobwh7km5i2i2ub6ug7u3wbh0 176639 176638 2026-10-18T21:32:19Z UyghurArchive 25219 176639 wikitext text/x-wiki '''<big>ئىمىن ئەھمىدى شېئىرلىرىدىن</big>''' == '''قەھۋە ئىچىش''' == ئىمىن ئەھمىدى قەھۋە يوپۇرمىقىنى يەپ سالغان قويلار، ئۇخلىمىغان ئىكەن قوتاندا بىر كېچە سەكرەپ. مەنمۇ بىر كۈنى سەنيادا بىر قىز بىلەن، قەھۋە ئىچتىم قويلار ھەققىدە ھېكايە سۆزلەپ. ئ‍ۇمۇ شۇ ئاخشىمى ئ‍ۇخلىيالماپتۇ، قويسىمۇ ئانىسى يوتقانغا چۆمكەپ. ئەتىسى كۆرۈشكەندە سۈرەپلا ماڭدى، «خالىي بىر جاي تېپىپ قەھۋە ئىچسەك» دەپ. ئۇ شۇنداق ئۆتكۈزدى تالاي ئاخشامنى، كۆڭلىدىكى قىلىقنى لېۋىگە يۆتكەپ. ياشىسىمۇ بولغىدەك ئادەم ئاشۇنداق، ھەممە قىلغۇلۇقنى قەھۋەگە دۆڭگەپ. (يەنە بىر نۇسخىسى:) == '''قەھۋە''' == ئىمىن ئەھمىدى قەھۋە يوپۇرمىقىنى يەپ سالغان قويلار، ئوخلىمىغان ئىكەنمىش قوتاندا سەكرەپ. بىر كەچ تۈرك قىزى بىلەن قەھۋە ئىچتۇق، خىلۋەت چايخانىدا ھېكايە سۆزلەپ. ھېرىش يوق، گەپ بىلەن تۈگىدى ئاخشام قايتىپ كەتتۇق ئۆيگە ۋاقىتنى خەپلەپ. ئەرتىسى ئۇچراشتۇق، سۆرەپلا ماڭدى يەنە تۈنۈگۈنكىدەك قەھۋە ئىچسەك دەپ. ئۇ شۇنداق ئۆتكۈزدى نەچچە ئاخشامنى جىمى قىلىقنى لېۋىگە يۆتكەپ. ياشىسىمۇ بولغۇدەك ئادەم شۇ يەڭلىغ ئويۇن-چاقچاقنى قەھۋەگە دۆڭگەپ... == '''پامۇك قەلئە''' == ئىمىن ئەھمىدى پامۇك قەلئە، ئۇيغۇرچە پاختا قەلئە، قاردەك ئاقلىقىدىن كەلگەن نام. شۇنچە سۈزۈك، شۇنچە بىغۇبار ھۆسنىگە تەبىئەت ئىبەركەن ئىنئام. قىيالىرى يىپەك ياپقاندەك، كۆلچەكلىرى مەيگە تولغان جام. ئەتراپىدا چېچىلىپ ياتقان تاشلار تىك تۇرغىنى تارىختەك يىمىرىلمەس تام. ۋۇجۇدۇمغا نەرە تارتىپ كىردى ئەسلىمە خىيالىمنى قىلىۋالدى رام. زەيتۇن چىشلەپ ئۆتۈپ كەتتى بىر توپ كەپتەر نوھنىڭ كېمىسىنى قىلغاندەك دام-دام... == '''دېڭىز''' == ئىمىن ئەھمىدى ئۇپۇق كۆرۈنىدۇ، نىشان كۆرۈنمەيدۇ، غۇر - غۇر شامال، تۇمان كۆرۈنمەيدۇ. سۇنغان نۇر سۇ يۈزىدە مارجان ئەينى چايكا كۆزىگە مارجان كۆرۈنمەيدۇ. قۇياشلىق كۆكتە ھايات شەۋقى، يالغۇز يەلكەنگە ئەپغان كۆرۈنمەيدۇ. كىچە پايانسىزلىق جانغا ۋەھىمە، لېكىن ھېچنەرسە سەرسان كۆرۈنمەيدۇ. يىراق - يىراقلاردا مەۋھۇم ئالۋۇن، دولقۇن قوينىدا گۈلخان كۆرۈنمەيدۇ. سەيياھ قانىتىغا ئىشەنچ ھەمراھ، گەرچە يېنىدا كارۋان كۆرۈنمەيدۇ. ئەركىنلىك دېگەن شۇنداقمىكىن تاڭ، نە پادىشاھ، نە خان كۆرۈنمەيدۇ. دېڭىزنىڭ قەلبىدە ئۆھسىنىش چايكىدىن باشقا جەۋلان كۆرۈنمەيدۇ. == '''مەن كۆرگەن خارابىلار''' == ئىمىن ئەھمىدى لام-جىم دېمەي چېچىلىپ ياتقان خىشلار ئۆرۈلگەن سارايلاردا خىيالىم. سۇنغان مەرمەر پارچىسىدا ھىلال ئاي شاھلار تەختى بىلەن بولمىدى كارىم. دىۋارلارنىڭ ئۈزىلا ئۆچمەس يېزىق كۆرۈنمەيدۇ بولغار تاشلىق كىتاب. تۆۋرۈكلەر گىگانت ئادەمنىڭ ئۈزى يىراق ئەسىرلەردىن قالغان ئىزتىراپ. ئىزاھات يوق، چۈشەندۈرۈش يوق ئاڭلانمايدۇ مىڭ سەيياھقا بىر خىل گەپ. كۆرۈۋاتقانلارنىڭ قەلبى قەلبىدە بىرىگە شادلىق بىرىگە ھەسرەت . ياش بىرلىرىگە بىلىنىدۇ سۇ، تۈزلەڭ بىرلىرىنىڭ قارىشىدا تاغ. بىرلىرىدىكى شۆھرەت بىرلىرىگە خەس بىرلىرى ئىزدىگەن شان بىرلىرىگە داغ. يۇمىلاق قۇببىلىق جامەلەر يېنىدا، ھۆرمەت بىلەن تىكلىنىپ تۇرىدۇ چېركاۋ. == '''لىجياڭ دەرياسى''' == ئىمىن ئەھمىدى 1 تاغ ئېگىزمۇ ياكى ئاسمان پەس؟ بىر - بىرىگە تۇتاشقان پەۋەس. چوققىلارنى سۆيگەن ئاق بۇلۇت مانان ئارا ئالىدۇ نەپەس. بامبۇكزاردا ئاياغ تىۋىشى چاتقاللارنى ئەگىپ ئۆتۈش تەس. چاچلىرىڭغا يامىشايمۇ دەپ بانان شېخى ئېگىلىدۇ پەس بۇ مۇھەببەت ئەجەب مۇقەددەس. 2 سۈزۈك سۇلار كۆزۈڭ بەئەينى قارىچۇقىڭ جىمىرلىغان تاش. كۆكسۈڭ كەيى يۇمشاق ئېدىرلار، رومالىڭدۇر ئىككى يېشىل قاش. يالغۇز ئۈزۈپ كەلگەن قومۇش سال، قويدى خىيال قىرغىقىغا باش. ھاياجاندا جىلۋىلىك شەپەق، تۆكتى چەكسىز چىمەنلەرگە ياش. 3 تىلسىم سۈپەت دالالار .قوينى، سۈرەت يەڭلىغ چۈشىدۇ كۆزگە. شىلدىر- شىلدىر ئالتۇن ياپراقلار، باھار ئىزدەپ كۈلىدۇ كۆزگە. غايىبانە مەغرۇر چىرايىڭ، ئۆلۈكنىمۇ ئۈندەيدۇ سۆزگە. تۇيدۇرمايلا باغاشلىۋالدىڭ، يارىڭ يوقمۇ مېنىڭدىن ئۆزگە؟ 4 قەيەردىدۇر نەينىڭ ئاۋازى، كىيىكلەرنى قىلىپ قويدى لال. قىيا باققان بېلىقچى قىزلار نىگاھىمنى ئەيلېدى مالال دولقۇنىڭغا بېشىمنى ئېگىپ قىرغاق ئۈچۈن بولۇپ قالاي تال. ئىشەنچ قىلساڭ غۇبارسىز سۆيگۈ، گۈزەللىكنىڭ چېھرىسىگە خال. 5 كېتىپ قالسام كۆڭلۈم سېنىڭدە، ھەر تىنىقىڭ جىسمىمگە مىڭ جان. تۇرغىن دېسەڭ باغرىڭدا ئويناپ، مىسرالاردىن ياسايمەن خامان. قىسقا ئۆمۈر چۈشۈمدەك تاتلىق، ئۆتەلمەيمەن ئەمدى خىرامان. داۋان ئېشىپ كەلگەن ئەقىدەم، ئاستانەڭگە بولىدۇ مېھمان. 6 شاۋقۇ‌ن سالماي ئاقىسەن جىمجىت، ھە‌ر تامچاڭدا جە‌ننە‌ت مۇ‌جە‌سسە‌م. سىنى كۆرۈپ زە‌مزە‌م بولدۇ زە‌ڭگە‌ر كۆكتىن كە‌لگە‌ن قە‌ترە ھە‌م. ھە‌ممىمىز تە‌ڭ يارالغان تۇرۇ‌پ سىنى باشقا بىلگە‌نمۇ ئىگەم؟ قىز-يىگىتىڭ خىزىرمىكىن تاڭ، قە‌لبىمدە ئوت، كۆزلىرىمدە نە‌م. 7 كۆپ نەرسەمنى ئىلىپلا ئالدىڭ، بەرگىنىڭنى ساناپ چىقماق تە‌س. كىندىك قېنىم قىسمەتلىرىدىن، ئاتا قىلدىڭ يېڭى بىر ھەۋە‌س. نومۇ‌سىمنىڭ بە‌رگىدە شە‌بنە‌م، زۇ‌مرە‌ت يوللار تۈگىگە‌ن ئە‌مە‌س. قانلىرىمدىن ئۇرغۇ‌يدۇ قەسە‌م ئۆرتە‌ندىممۇ شۇ‌نىڭ ئۆزى بە‌س! بۇ مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئە‌جە‌ب مۇ‌قە‌ددە‌س... == گۈيلىن، گۈيلىن! == ئىمىن ئەھمىدى 1 گۈزەللىكىڭ ئالەمدە يەككە، شۇ ۋەج باقماي كەلدىم بۆلەككە. بوسۇغاڭغا پۇتۇمنى قويسام، ئوت كەتكەندەك بولدى يۈرەككە. نە ئايرىلىش ھەتتا بىر زامان سېغىنىشنى ئورىدىڭ دەردكە. بۈگۈن كۆرۈپ چېھرىڭنى جانان، ھۆرمەت ئارا ياندىم ئەدەبكە. ھاياجاندا قەلەم سەۋدايى، چاپىمەن دەپ كىرمەيدۇ گەپكە. قارىغىنا، قانمۇ، سىياھمۇ، تېمىۋاتقان شاھانە بەتكە! سەن جەننەتمۇ ۋە ياكى مەككە؟ 2 تاغلىرىڭنى تەڭرىتاغ دېسەم، تەلەپ قىلدىڭ باشلىرىڭغا قار. بىلمىدىڭمۇ بېغىڭدا بۇ دەم، سەن سۆيۈنگەن قارنىڭ رەڭگى بار. ئىككى پەسىل قەلبىدە بىر ئوت، بىر تۇپراقنىڭ ئىشقىدا ياتار. ئىككى زىننەت باغرىدا بىر يۇرت، بىر يۈرەككە ئەبەد ئىپتىخار. كۈمۈش لىباس دىلنىڭ پاكلىقى، يېشىللىقنىڭ سۆيگۈ بىغۇبار. يېشىل ساقلا بوستانلىرىڭنى، بولۇۋەرسۇن كۆكسۈڭدە باھار. 3 بۇلۇق ئۆسكەن شېكەر قومۇشلۇق، قوناقلىققا، قوناققا رەڭداش. قىر ئارىلاپ كۈلۈشكەن قىزلار، خىيالىمغا تاشلىۋەتتى تاش. ياپراقلاردا ئۇخلايدۇ شەبنەم، مەيىن شامال شاخلارغا مۇڭداش. يىلتىز ئارا گۈپۈلدىگەن نەم، ئارزۇيۇمنى قىلىپ قويدى پاش. بايان قىلغىن، تاتلىقلىقىڭنى، بەرگەن يەرمۇ ۋە ياكى قۇياش. شولىلارنى يامراتقان دىلدا ئاي يۈزۈڭمۇ، سۆزلە قەلەمقاش؟ 4 رەڭ تاغلىرى، «رەڭلەر دۆۋىسى»، ئۆزۈڭمۇ سەن ھەسەن - ھۈسەنگە. گە‌ر ياق دېسەڭ ئالەم ئىگىسى، يان باسقانمۇ رەڭدار چىمەنگە. تۇغ - ئەلەمنىڭ جەۋلانلىرى بار، چۈشكەن كەبى يىگىتلەر جەڭگە، تارقىتامتىڭ ياكى بىر ئۆزۈڭ، گۈزەللىكنى ھەر بىر قەدەمگە. قانداق ئىش بۇ جېمى گۈزەللىك، يىغىلغىنى بىرلا بەدەنگە! يۈرىكىمنى قوشۇپ قويساڭچۇ، كۆكسۈڭدىكى قىپقىزىل رەڭگە؟ 5 قۇچىقىڭدا «قومۇش نەيلىك غار»، بوغۇم-بوغۇم خۇددى قومۇش نەي. تاش ئارىلاپ ئۆسكەن بىر گىياھ، تەمەنناسىز كۆزگە كۆرۈنمەي. نەي ئاۋازى غارنىڭ ئاۋازى، ئايرىماق تەس، چىقار ئۈزۈلمەي. گويا يىلنىڭ قىشى ۋە يازى، ئەتكەن كەبى ئەسرنى ئەللەي. پەرىشتىلەر تۇتقاندەك قەدەھ، دىۋارلاردىن تۆكۈلىدۇ مەي. بىر ئاھاڭغا كۆڭلىنى قوشۇپ، كىم قالدۇرغان ئىچىپ تۈگەتمەي؟! 6 بولدى مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئەركەم، ئاسمىنىڭدا كۈلگەن تولۇن ئاي. شەرەت قىلىپ يۈرگىلى نە كەم... پەرىلىرىڭ تۇتۇپ يېڭى چاي قوينۇڭ كەڭرى قۇچىقىڭ ئاندىن، تۇرۇپ كەتتىم گىرە سالالماي. چىللاپ كەلدىڭ، لېكىن بەرمىدىڭ، مۇڭدىشىشقا بىرەر پاناھ جاي. كەلمىگەندە ھېسلىرىم تەكشى غۇرۇرۇمنى سىنىدىڭ تالاي. بىر گەپ قىلغىن، ۋاپاسى چەكسىز، يارىڭ بولۇپ يېنىڭدا قالاي. 7 چەشمىلىرىڭ ئويقۇسىز دائم، جىرىڭلايدۇ كۈمۈش قوڭغۇراق. بوشلۇق بىلەن سۆزلىشەمدىكىن، شىلدىر - شىلدىر قىلىدۇ ياپراق. تىنىم تاپماس قۇشلار ئاۋازى، لەۋدە مەڭىز، ئېغىزدا قۇلاق. تەبىئەتنىڭ چېھرىدە ياشلىق، غۇنچىلاردا ھەر تاڭ بىر پىراق. تاغلار كېلىپ سۇنى سۆيىدۇ، كىمدە سۆيگۈ، كىمگە ئىشتىياق. ئىزدەپ كۆرسەڭ پىنھان ماكان يوق، ھايات ئويغاق، مۇھەببەت ئويغاق. 1991 - يىل 11 - ئاي، گۈيلىن == '''ئىلتىجا''' == ئىمىن ئەھمىدى چىقار ئانا ھېجىر قاچاڭنى، يەنە بىر رەت ئۇماچ ئېتىپ بەر. بۆشۈكۈمنى تەۋرىتىپ بىردەم، ئەللەي-ئەللەي قوشاق قېتىپ بەر. ساپال چىراغ نەلەردە قالدى، پىلىك سېلىپ قايتا يېقىپ بەر. ئۇنتۇماپتۇ بالام مېنى دەپ، دەريا-دەريا بولۇپ ئېقىپ بەر. مەينەت كەلدىم شاۋ-شۇۋ شەھەردىن، پاكىزلىناي ئېرىق چېپىپ بەر. بىر كەملىك بار مېنىڭ كۆڭلۈمدە، بەختىم ئۈچۈن شۇنى تېپىپ بەر. == '''مەھەللەمگە مۇھەببەت''' == ئىمىن ئەھمىدى مەن بۇ مەھەللىنى ياخشى كۆرىمەن، گەرچە ئۇنىڭدا ئېگىز بىنا يوق. سۈيىدە ئېقىپ،ئوتىدا كۆيىمەن، پاكار ئۆيلەردە تاغدەك ئۇلۇغلۇق. مەن بۇ مەھەللىنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇنىڭ مېھرىگە كۆنۈپ قالغان. ئانامنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن چېلىكىنى، دادام سۈزۈپ بېرىپ كۆيۈپ قالغان. مەن بۇ مەھەللىنى ياخشى كۆرىمەن، قىرلىرىدا كاككۇك قونغان تال. دەل مۇشۇ مەھەللىنىڭ قىزى ئىدى، قىزلىرىمغا ئانا بولغان بىر ئايال… == '''گۈل ئوغرىسى''' == ئىمىن ئەھمىدى باشتا بىر تال گۈلنى ئۈزۈپ كەتتىم، تۆت ئەتراپىمغا قاراپ ئاۋايلاپ. كېيىن تەشتەك بىلەنلا كۆتۈرۈپ كەتتىم، دېرىزەمگە قوندى قۇچقاچلار سايراپ. ئوغرى ئالغان مالنى ئەزەلدىن، مالنىڭ ئىگىسى كېلەتتى ئىزدەپ. ساقلاپ باقتىم ئېرىنمەي نەچچە كۈنگىچە، گۈلنىڭ ئىگىسى كېلىپ تۇتۇۋالسا دەپ. سەۋر دېگەننىڭمۇ چېكى بار ئىكەن، يېرىلغۇدەك بولدۇم ئىچىم پۇشۇپ. ئەمدى گۈلنىڭ ئىگىسى كەلمىسە ئەگەر، ئوغرىلاپ كېلىمەن ئۇنىمۇ قوشۇپ... 2020-يىل 6-ئاي، قەشقەر == '''سەرگەردانلىق''' == ئىمىن ئەھمىدى ھەسرىتىم سەرگەندان بولسا مەيلىتى، كېتەر ئىدى يىراقلارغا ئېلىپ باش. بەختىمنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى، يالغۇز قىلىپ مېنى كۆزلىرىمدە ياش. دەريا سەرگەندان بولسا مەيلىتى، دېڭىزغا  ئاقاتتى يا سىڭەتتى چۆلگە. قىرغاقلىرىنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى، غەشلىك بېرىپ سۇنغان كۆڭۈلگە. دادام سەرگەندان بولسا مەيلىتى، بىلىكىگە تايىنىپ باقاتتى جان. ئانامنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى بالىلىرىدىن تىلەپ يەيدۇ نان. ئۆزۈم سەرگەندان بولسام مەيلى ئىدى، بىلدۈرەتتىم كىملىكىمنى تىلىم بىلەن. تىلىمنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى، مۇڭدىشالـماي يۈرىمەن دىلىم بىلەن... == '''قېرىدىڭمۇ ئانا!''' == ئىمىن ئەھمىدى رومالىڭدا سەلكىن ئەركىلەر، چاچلىرىرىڭدا ئەركىم ئەركىلەر. يۈزۈڭ سۆيۈپ قىزىڭ ئەركىلەر، ئايىغىڭدا ئىزىم ئەركىلەر... تۈڭلۈكۈڭدىن ئۆتكەن تۇلۇن ئاي، چىرايىڭدا تۈنىدى بىر كەچ. بولۇپ قالدى قۇياشمۇ ھەتتا، ئوتلىرىڭنىڭ ئالدىدا پالەچ. ھېلىمۇ ھەم بىرىدە ئەپسۇس، تاغ قېتىدا يۈرىدۇ مۆكۈپ، بىرى شۇندىن بۇيان ياداڭغۇ ئايلىنىدۇ سوغۇق نۇر تۆكۈپ... كىرپىكىڭدە بۇلبۇل ئەركىلەر، زىنىخىڭدا شەبنەم ئەركىلەر. سۇ قويالماي قولۇڭغا ۋىناس، پەقەت ھەيكەل بولۇپ ئەركىلەر... قېرىدىڭمۇ ئېيتقىنا ئانا ياق كۆپ تېخى يارقىن ئەتىلەر... == '''ئاق بۇژغۇن''' == ئىمىن ئەھمىدى خام خىيال چۆلىگە ئۈنگەن سۆكسۆكلەر ئارزۇ سەلكىنىدە سولۇپ تۈگىدى. تەنھالىق ئاختۇرغان بۇ مىسكىن يۈرەك ئەسىر غوۋغاسىدا ئۆلۈپ تۈگىدى. سېنى سۆيمىگەنگە بەرگەن سۆيگۈلەر پۇشايمان ئوتىدا كۆيۈپ تۈگىدى. ۋاپاسىز قوقاستىن تۇتاشقان پىراق ۋاپا مەلھىمىدە سويۇپ تۈگىدى. نادانلىق نۇرىغا قاقلانغان بەدەن ۋاقىتسىز ھەسرەتكە تويۇپ تۈگىدى. يالغان ۋەدىلەرگە چاڭقىغان ۋۇجۇد پۇشايمان شارابىنى قويۇپ تۈگىدى. ھەرنە ۋەسۋەسىلەر كەتتى كەلمەسكە ساقال ئاقاردى چاچ چۈشۈپ تۈگىدى. مېنىڭن تۈگىشىمنى سورىسا كىملەر ئۇ دەيدۇ جاھاندىن كۈلۈپ تۈگىدى. 1995-يىل ئەتىياز == '''توي''' == ئىمىن ئەھمىدى ئەجەب ئاددىي توي قىلغانكەنمىز، ھايات داستىخانىغا سەمىمىيلىك تىزىپ. ئەجەب مۇڭداشقانىكەنمىز نېرى ئولتۇرۇپ، مەڭزىمىزگە ياشتا خەت يېزىپ. سېنى يۆتكەيدىغانغا ماشىنا يوق، تاپالمىغانىدىم ھەتتا ئېشەك ھارۋىسى. جاز، روك مۇزىكا دېگەنلەر نەدە؟! ئەتراپنى چاڭ كەلتۈرگەنىدى سەھرا ناغرىسى. «شېرىن ئاي» دەپ بېقىپتىكەنمىز ئېتىزغا، تاتلىق ئىدى ئاي يورۇقىدىكى ساياھەت. ئالتۇن ئۈزۈك ئالماپتىكەنمەن قولۇڭغا، قىلىپتىكەنسەن مىس ھالقىغىمۇ قانائەت. ئۆيىمىزگە كىرگەنىكەنمىز يانمۇ – يان، يۇرتداشلار ياققان ئوتتىن ئاتلپ. ساپ ھاۋا، سوغۇق سۇ، چاڭ – توزان يولغا سېلىپ قويغانىكەن بىزنى پاكلپ... بىلمەپتىكەنمەن سەن بايمۇ يا كەمبەغەل؟ سورىماپتىكەنسەن بىساتىمدىن سوئال. بەك سەبىي ئىكەنمىز، كۆڭۈلدە يوق غۇم، خۇددى ئېرىق بويىدىكى مەجنۇنتال... بالىلارغا دېگىلى بولارمۇ بۇ توينى، يازغىلى بولارمۇ ئەسلىمە قىلىپ؟ ئېھتىمال قايىل قىلماق تەس ئۇلارنى، يېرىپ بەرگەندىمۇ يۈرەكنى ئېلىپ... == '''قەلەم، قەغەز، خەت...''' == ئىمىن ئەھمىدى يەنىلا سەككىز پۇڭلۇق پوچتا ماركىسى ئېلىپ، ئەرزان لېپاپ بىلەن ئەۋەتكىن خەت. كومپيۇتېردا خەت يازدىم دېدىڭ، خەت كەلدى، لېكىن كەلـمىدى ھەسرەت. تىشىلىپ كەتتى قەغەز نەچچە يەردىن، سانجىلغاندا چېكىت، پەشكە قەلەمنىڭ ئۇچى. بۇ ئەمەس ئىدى قەغەزنىڭ نېپىزلىقىدىن، شۇنداق قىلاتتى سېغىنىش، سۆيگۈنىڭ كۈچى. رەڭ يېيىلاتتى ئۇ يەر بۇ يەرگە، داغ چۈشۈرەتتى قەغەزگە كۆز ياش. سوئال، ئۈندەشلەرنىڭ مايماقلىقى، قىلىپ قوياتتى ماڭا كۆڭلۈڭنى پاش. دەرىخا ! كومپيۇتېر، يانفوندىكى گەپلەر، شۇنداق تۈز، ھېچ نەرسە بولـمىغاندەك. قولۇڭنىڭ تىترىگىنى نامەلۇم، سېمونت ئېرىقتا سۇ ماڭغاندەك. قېنى ئۆز ۋاقىتىدىكى تۈگىمەس گەپلەر، قېنى ۋاراقلارغا سىڭگەن ھاياجان. قەغەزنى مىجىپ مەيدەمگە تاڭاتتىم، كومپيۇتېرغا نەدە مۇنداق ئىمكان؟ يەنىلا سەككىز پۇڭلۇق ماركا ئېلىپ، ئەرزان لېپاپ بىلەن ئەۋەتكىن خەت. كومپيۇتېردا خەت يازدىم دېدىڭ، ئۇنىڭدىن شادلىق ئەمەس، كۆپەيدى ھەسرەت. == '''ئوتقا تۇغۇلغان بالا''' == ئىمىن ئەھمىدى ئوتقا تۇغۇلغانلىقىمنى بىلىسەن ئۆرۈك چىچەكلىگەن بىر كۈنى. ئانام ئوچاققا ئوت قالاۋېتىپ كۇلۇڭغىلا تۇغۇپ قويغان مېنى. ۋاقىتنى ئۇقمايدىغان قانداق ئايال دەپ مومام تىللاپ كەتكەن ئۇنى. دېگەن ھەم: تاس قاپتۇ ئەمەسمۇ تۇنجى نەۋرەم ئوتۇن بىلەن بىللە كۆيۈپ كەتكىلى. ئانامنىڭ مېنى ئوتقا تۇغمىغىنىغا رەھمەت ئانام يۇرتنىڭ ئوتىغا تۇغقان مېنى. شۇ ئوت ھەقىقى، تۆت تام ھەقىقى ئانا يۇرت، ئانا يۇرت سۆيىمەن سېنى. ئوتتىن تۇغۇلغىنىمنى بىلىسەن شۇ چاغ ئوتتىن قىزىق بولغان ئانامنىڭ تېنى. ئالەمگە قۇرۇق قول كەلمەپتىمەن دەپ ئوتتىن بەك لاۋۇلدىغان تومۇردا قېنى. بىر تەرىپىمدە ئانام كۆيگەن ئىنجىقىدىن ئۆرلىگەن سۆيگۈ تۈتۈنى. بىر تەرىپىمدە سەن كۆيگەن تىمسالىڭ سەندە ئۆسكەن جىگدە ئوتۇنى. ئانا يۇرت، مېنى ئوتتىن تۇغقىنىڭغا رەھمەت يۇرتنىڭ ئوتىدىن تۇغدۇڭ مېنى. شۇ يۇرت ھەققى، تۇپرىقىڭ ھەققى ئوتۇڭدا كۆيۈپ تۇرۇپ سۆيىمەن سېنى. سەن قوينۇڭغا ئوت بولۇپ تۇغۇلغانلارنىڭ ئوتۇڭدا كۆيگەنلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى. ھاياتىمنى مۇھەببەت قىلدىڭ، ئوت قىلدىڭ شۇ مۇھەببەت، ئوت ھەققى سۆيىمەن سېنى. == '''ئانام''' == ئىمىن ئەھمىدى بىر كونا سۆيگۈدىن قەلبىمدە باھار، قىلمىساممۇ يېڭى مۇھەببەت بايان. ۋىسالىڭنى ئىزدەپ يېگەچكە ئازار، ھېسلىرىم تۈمەننىڭ سۈيىدە ئايان. ساڭا ۋاپا بىلەن چامدىدىم بۈگۈن، كىندىكىمدىن دەسلەپ تۆكۈلگەچكە قان. ئەمدۈرگەچ ئوغۇز سۈت ماڭا تۈنۈگۈن، سەندە جىمى بەختىم، سېنىڭدىندۇر جان. شۇڭا "كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق، دېگەن سۆز-چۆچەككە ئىشەنمىدىم ھېچ. كىچىك چېغىمدىلا تۇتاشقان پىراق، ئاجىز ۋۇجۇدۇمنى قويمىدى تېنىچ. مەيۈس كۈلكەڭ ماڭا قۇۋۋەت ھەر زامان، ئۆرتىسىمۇ بەزەن دىلىمنى ئاھىڭ. مەيلى قانچە ياشناپ كەتسۇن كەڭ جاھان، ئۆمرۈمگە مۇقەددەس يەككە نىگاھىڭ. چاچ شالاڭ، ساقال ئاق، مېھمانمۇ دېمە، مېھمان ساڭا مەندەك كەلمەيدۇ يىغلاپ. بەڭباش قىلىقىمدىن ھەرگىز غەم يېمە، ئېتىزلىرىڭ ئارا يۈرسەم پېتىقلاپ. ھەممە كەپسىزلىكىم، ھەممە شوخلۇقۇم، نەدە يۈرسەم سېنى سۆيۈشتىن پەيدا. بىر ساڭىلا بولغاچ دەردىم-خوشلۇقۇم، قىلىدۇ ئەقىدەم قىزلارنى شەيدا. دادام ياتقان گۆرنىڭ يېنىدىن بۇ دەم، ماڭىمۇ كۆرسىتىپ بەرگىن بىر يەرلىك. ھاياتتىن مەن ساڭا قەرىزدار ھەردەم، سىنىڭ ھېممىتىڭدىن شۇلار يېتەرلىك. رەنجىمەي قۇچاقلا مەسۇم بالاڭنى، گۇناھ ئۆتكەن بولسا، كەچۈرۈش سەندىن. سەنلا ساقايتىسەن ئىشقىي يارامنى، چىقىدۇ ساڭىمۇ مەلھەملەر مەندىن. پىشانەڭ قورۇقى ساناقسىز دەپتەر، روھىم ئالۇر ئۇنىڭ بېتىدىن غۇرۇر. كۆڭلۈم ھەر ئان ساڭا قاناتسىز كەپتەر، قۇچاقىڭغا قاراپ ئۇچىدۇ مەغرۇر. == '''سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك''' == ئىمىن ئەھمىدى سانجىنىڭ... غۇلجا-كۇچانىڭ... ئۈرۈمچى-قەشقەرنىڭ... ناۋايخانىسى، ئاشپۇزۇللىرى قاتار كەتكەن. بىرىدە لەڭمەن-ئۈگرە، بىرىدە پولۇ-مانتا... دىماقنى غىدىقلايدۇ كاۋاپنىڭ ھىدى بىر يەردە تاتلىق-تۇرۇم، پىشۇرۇق ئەتكەن. پالما دەرەخلىرىنىڭ بويى سۇۋادان تېرەك دېڭىزدىن ئۇرۇۋاتقان غۇر-غۇر شامال قىزلارنىڭ چېچىغا قونغان، مەڭزىگە تەگكەن، يولنىڭ بويىدا قەشقەرلىك ياش بىر چوكان كۆكسىنى بالىسىنىڭ ئاغزىغا كەپلەپ قويۇپ، ئولتۇرىدۇ، بەلكىم ھاردۇق يەتكەن! ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بامبۇك ئورۇندۇق، شىرەدە چىنە-چەينەك، ناۋات سالغان چاي خوتەنلىك ئىككى بوۋاي موخۇركا چەككەن. تۇرپانلىق ئايالنىڭ سومكىسى مەرۋايىتقا لىق كۆتۈرۈپ ماڭالماي بېلىنى ئەگكەن... ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك! ئۈن يېتىم يەردىكى ساھىلدىن شاۋقۇن، بىز تەشتەكتە باقىدىغان رەڭگارەڭ گۈللەر بۇ يەردە بوي تارتىپ ئۆسكەن باراقسان. چۈش مەھەل، ئىسسىق بەلباغدىن كەلگەن يالقۇن ئالۋۇندەك جۇلالايدۇ قوشۇپ جانغا-جان. مەجنۇنتال سايىسىدا غۇژژىدە ئادەم، ئېھتىمال ئىسسىقتىن قېچىپ توپلاشقان. يولنىڭ بۇ چېتىدىكى شىنجاڭلىق لاۋجاڭنىڭ ئۇ تەرەپتىكى مەمەتنى توۋلاشلىرى شۇنچىلىك ئەركىن، ھەر ئىككىسىنىڭ پۇتىدا ساپما كەش، قولىدا بانان. خۇيخۇيسۈن كەنتىدىن يالۇڭۋەنگە سۇ ئۈزۈپ كېلىمىز دەپ ماڭغان يانمۇيان. بۇلغانمىغان ھاۋا تەننىڭ داۋاسى، يۇيغان چىنىدەك پاكىز كۆك ئاسمان. خەنزۇ دەمسەن، ئۇيغۇر دەمسەن، خۇيزۇ دەمسەن...ھەممىسى ئەسلىدىنلا بىر ئائىلە، قېرىنداش-تۇغقان! ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك! بۇ يەر كېلىدىغانلارغا قوغۇنلۇقنىڭ يولى، قارامايدا ھەپتە-ئاي ئۇچراشمىغانلار، ساناتورىيەدە بولۇشىدۇ جەم. ئالتاي يايلاقلىرىدا كۆرۈشەمىگەنلەر، كورلىدا كۆرۈشۈپ سۆزلىشەمىگەنلەر دۇكان-رەستىلەردە تېپىشىپ قېلىپ، بىر-بىرىنىڭ قولىنى سىقىدۇ مەھكەم. بۇ يەر ھەممەيلەنگە ئۆز، ھايات سەھنىسى ئوخشاشمىغان مېۋىلەردە بىرلا تاتلىق تەم. بىنالار بىر قارىساڭ ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى، كىرىپ قالغاندەك بولىسەن كەچلىك بازارغا؛ بىر قارىساڭ چوڭ بازاردىكى قاينام-تاشقىنلىق، ماڭامسەن، تۇرامسەن ئۆزۈڭدىكى پەم! دېڭىزنىڭ كەڭلىكىگە ئاسمان پاتىدۇ؛ يانچۇقتىكى پۇلۇڭغا جاھان پاتىدۇ؛ كۆڭۈلنىڭ كەڭلىكىگە دېڭىز پاتىدۇ؛ سۇدىن چىقىپ قۇمدا ياتقانلار، قۇمدىن چىقىپ سۇدا ياتقانلار، قۇم بىلەن سۇنى مەھەللىسىدىكى ئۆستەڭ چاغلاپ، ئوڭدا-دۈم ئېغىناپ ئەركىن ياتىدۇ. قىلچە يېتىرقاش يوق، ھېيىقىشمۇ ھەم، بولمىسا قۇرۇق پونى قانداق ئاتىدۇ؟ ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك! دادۇڭخەيدىكى ئورمانلىقتا ئۇسسۇل سەيناسى رىتىملىق قەدەملەردە ئەزگۈ ھاياجان، جىلۋىلىك كۈزلەردە ھاياتنىڭ شەۋقى! ئاھاڭلار مىللەتتىن، ئىرقتىن مۇستەسنا، ئوخشاشلا لاۋۇلدايدۇ مۇھەببەت زەۋقى. كىيىملەر گۇگۇمدىكى شەپەققە زىننەت، يىراقتىكى شاۋ-شۇۋ ناخشىغا تەڭكەش، تۈگىگەن كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى. نىيەت-ئىقبالدا ئالەمچە بىرلىك، ،ئاستىڭدىكى تۇپراق شۇنچىلىك ئۇلۇغ بىز ياشاۋاتقان جاھاننىڭ شەرقى. ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك!... == ''‏ئايدىڭدا تەنھا مەي ئىچىش'' == ''[[‏لى بەي]]'' ''‏'' ''‏تۇرىمەن كوزام بىلەن گۈلگە قاراپ'' ''ئۈلپىتىم يوق ئۆتمىدى گالدىن شاراپ'' ''ئايغا مەي تۇتسام يېنىمغا كەلدى ئاي'' ''ياندا سايەم قالمىدىم يالغۇزسىراپ'' ''ۋەلىكىن ئاينىڭ لىۋى مەيدىن نېرى'' ''قويمىدى سايەممۇ ھالىمنى سوراپ'' ''ئىككىسى ھەمراھ دېسەم چاغلىق ئىكەن'' ''ئۆتكىدەك ئۆمرۈم باھارسىز بەك خاراپ'' ''ناخشا ئېيتسام تولغۇنار ئاسماندا ئاي'' ''چېكىدۇ ئۇسسۇلغا سايەم ئىزتىراپ'' ''ساق ۋاقىتتا سىردىشىپ يۈرگەن بىلەن'' ''مەس بولۇپ قالساق كېتەركەنمىز تاراپ'' ''بەخت ئۈچۈن ئاسمانغا چىقسام بولغۇدەك'' ''تارتقۇچە تەنھا يۈرۈپ بۇنچە ئازاپ'' ئىمىن ئەھمىدى تەرجىمىسى == '''كېچىككەن سۆيگۈ''' == مېنى «قايت» بۇ يولدىن دېگەنلەر تولا، قىلچە ھېيىقمىدىم، زىنھار يانمىدىم. لېۋىڭدىن ئەۋەتكەن ۋىسال مەيىگە لېۋىمنى تەككۈزدۈم ئىچىپ قانمىدىم. سەۋەب ئىشىق ھېكايەم باشلاندى بەك كەچ، شۇڭا كېچە-كۈندۈز سۆيگۈ ئىزدەيمەن. ئۆلگەندىن كېيىن ھەم چېكىنمەيمەن ھېچ، كەم قىسمى گۆردە دەپ كۆڭۈل بەزلەيمەن. سۆزۈمنى شەرھلەپ قەبرەم ئۈستىگە ئۈنىدۇ شۇ سۆيگۈ رەڭگىدە گۈللەر. ۋە شۇ چاغ كېلىدۇ مېنى سۆيمەككە سۆيەلمەي قالغان شۇ سانسىز گۈزەللەر. كېچىكىپ تاپقان بەخت ئەجەبمۇ تاتلىق، ئۇ بەخت ئىچىدىكى مۇھەببەت ئاندىن. شۇڭا ئۇ مەن بىلەن بىللە كېتىدۇ، ئايرىلماي جىسمىمدىن، جېنىمدىن-قاندىن. ھەمراھ بول، سۆيگۈ پەرىسى، ماڭا بىر ئۆمۈر، قالسۇن ئىككىمىزدىن ئالەمگە ئەنداز. ئالەم تۈگەپ كېتىدۇ، سۆيگۈ ئۆلمەيدۇ، بىز ئالەمدىن ئۇزۇن قىلايلى پەرۋاز… == '''ئاخىرقى سۆيگۈ''' == كىم مېنى سۆيەر دەپ كۈتۈپ تۇرمايمەن، گۇناھ ئەمەس ئەمدى سۆيگۈ ئاختۇرۇش. خىجىلمۇ بولمايمەن، ئىختىيارىمدا كىمنى ياراتماسلىق، كىمنى ياقتۇرۇش.   ۋاھ دەپ كۆكسۈمگە يېپىشقانلار بار، چۈشەنسەم بوپتىمەن قولىدا قورچاق. داغداما يوللارغا باشلارمۇ دېسەم، چىقتى يولى ئەگرى، ھەتتا قىسىلچاق. «مۇھەببەت ئۆز ئەركىڭ» دېدى بىر مەھەل، ئۇچۇردى، تاشلىدى، ئازدىم ئەقىلدىن. بەرمىدىم ئۆزگىلەر ئۈچۈن قىلچە نەپ، ئۆزۈمگە گۆر قازدىم، ئۆزۈم يىقىلدىم. ساداقەت بابىدىن سۆز ئاچتى بىراق، ئىشقىمنى ئەرزىمەس قىلدى تىيىنغا. يا ئۇنى سۆيدۈرمەي ۋە ياكى بۇنى، ھاياتىم سەپىرى چۈشتە قىينغا. سالمايلا كەپتىمەن ئالەمگە نەزەر، مۇھەببەت يولىنى بىلىپتىمەن تار. بىكار كۈتۈپتىمەن شامۇسەھەرلەر، بارمۇ دەپ دۇنيادا مېنى سۆيەر يار. «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ئولتۇرسا، سۆيگۈلەر ھەر قاچان قاچاركەن يىراق. ھەقىقىي بىر گۈزەل ئىزدىگەنلەرگە، زۆرۈركەن ھەممىدىن بۇرۇن ئىشتىياق. بۇ نۆۋەت مەن ئۈچۈن ئاخىرقى سۆيگۈ، تۇنجى چىن ئاشىققا ئېرىشتىم تەستە. مەن ئەمەس، ئەۋلادىم بەخت قۇچىدۇ، بۇندىن سوڭ بولمايدۇ يۈرىكى خەستە. ئەمدى كىم سۆيەر دەپ كۈتۈپ تۇرمايمەن، گۇناھ ئەمەس ماڭا سۆيگۈ ئاختۇرۇش. خىجىلمۇ بولمايمەن، ئىختىيارىمدا كىملەردىن ۋاز كېچىش، كىمنى ياقتۇرۇش… == '''ئىككىلەنگەن سۆيگۈ''' == شارقىراپ بىردىنلا قويۇلدى يامغۇر، دەرەخنىڭ تۈۋىگە يۈگۈردۈم چاپسان. ماڭا تامچە ئەمەس، تەگدى گويا ئوت، بىر گۈزەل تۇرمامدۇ يېنىمغا باقسام. كۈلدى ماڭا قاراپ، كۈلەلمىدىم مەن، نامەردلىك بولاتتى ھودۇقۇپ قاچسام. ئۈن-تىنسىز بىر ھازا تۇرۇشۇپ كەتتۇق، ئويلىدىم: نە بولار قوينۇمنى ئاچسام. يامغۇرمۇ توختاپتۇ، قاپتىمەن يالغۇز، بىر تاتلىق خىيالدا، ئىسىمنى تاپسام. «ھەي ئىسىت» دېدىم-دە، كۆككە توۋلىدىم: «ساڭا نە خىجىللىق، ياغمامسەن چاپسان!!» == '''سەھرا''' == كەلگەندە قايتىشنى ئۇنۇتتى كۆڭۈل، دېمەككى، رۇخسارىڭ مېنى قىلدى رام. ئارمىنىم تۈگىدى، ئىككى مەڭزىم ھۆل،    ۋىسال مەلھىمىڭگە ئېرىشتى يارام. پاكار ئۆيلىرىڭدە تاغنىڭ قامىتى، يىراقلىق ئارىغا سوقالمىدى تام. ئەپسۇس، ياشلىقنىڭ ئاپپاق ۋارىقى، سەنسىز نەچچە يىللار بولدۇم بىئارام. ئېرىق-ئۆستەڭلەردە زەمزەم تۈگىمەس، يۇلغۇنۇڭ تۈۋىدە ئالىمەن ئارام. سېنى دەپ جان بېرىش ماڭا غەم ئەمەس، شەنىڭگە ھەر جايدا كۆتۈرىمەن جام… == '''كۆڭلۈم''' == سەن مېنى قۇل دېسەڭ مەيلى كېرەك يوق، ھەرنە بالالارنى يەڭدىم سەن ئۈچۈن. چوغ كەبى تەگكەندە كۆكرىكىمگە ئوق، تەلۋە بولغان چېغىم چىقارمىدىم ئۈن. مېنى جەڭچى دېسەڭ ئالدىدا ئۈزۈپ، قارارىم قان بىلەن ئەيلىدىم پۈتۈن. چېلىشسام ئوكياندىن جاۋاھىر سۈزۈپ. ئوتۇمدىن سۇ ئۈزرە ئۆرلىدى تۈتۈن، سەن مېنى دېسەڭ گەر ئاددىي بىر ئىنسان. بولمىدىم سۆيگۈدىن خالىي بىرەر كۈن. ئۇنىڭ ئالدىدا ھەممە يەر بىلەن يەكسان، ياق دېسەڭ نېمىشقا سۆيگەن تۈنۈگۈن؟ 1985-1991-يىللار == '''ھېيتگاھتىكى قۇچاقلىشىش''' == مېنى ئاۋۋال قۇچاقلايدۇ بۇ شەھەر، ئەتتەڭ! دەپ پۇشايماننى قۇچاقلايمەن. سېغىنىش ئۆرتەيدۇ مېنى ساق بىر يىل، تەلمۈرىمەن، ئارماننى قۇچاقلايمەن. ئەمدى چوقۇم ئەل ياتقۇدا تۇيدۇرماي كېلىپ، ئالدى بىلەن ئاسماننى قۇچاقلايمەن. تولون بولسا بىر يولى، ھىلال بولسا ئاۋايلاپ، ئايغا قوشۇپ چولپاننى قۇچاقلايمەن. تۈمەنگە بارىمەن « گۈلئايىم» بىلەن، چېچى ئورنىدا بوستاننى قۇچاقلايمەن. جانان كوچىسىدا بولمىسا جانان، دىۋارلاردىكى نۇرئەفشاننى قۇچاقلايمەن. بونجا تېرەكلەردە سەھەر ئاۋازى، ئويغاق ئۆگزىلەردە تاڭنى قۇچاقلايمەن. تونۇردىن كېلىدۇ ئاق ناننىڭ ھىدى، قەشقەرنىڭ قولى دەپ ناننى قۇچاقلايمەن. كىرىمەن كىچىكلىكتە ئوينىغان باغقا، يا ئەترە، يا رەيھاننى قۇچاقلايمەن. يىراق-يىراقلاردا «تاشۋاي»نىڭ ئۈنى، سېھرى كۈي، ئاھاڭنى قۇچاقلايمەن. يېنىمدىلا سەمەن، تۇنجى مەكتىپىم، ئاتمىش يىللىق جەۋلاننى قۇچاقلايمەن. تۇردى ئاخۇننى ئىزدەپ چايخانىلاردىن، گىگانت ئون ئىككى مۇقامنى قۇچاقلايمەن. خىيالىم كېتىدۇ قەدىم-قەدىمگە، ھۆرمەت ئىچرە ئاماننىساخاننى قۇچاقلايمەن. ئوردا ئالدىغا كېلىمەن، «قۇتادغۇبىلىك»،» بەيگە تۇلپارى «دىۋان» نى قۇچاقلايمەن. نېزارى بابىدا « رابىيە-سەئىدىن»، جىلۋىگەر تارىختىن شەرەپشاننى قۇچاقلايمەن. دەرىخا! ئۆستەڭبويى يەنە بىر دۇنيا، ساناقسىز ئەللامە ئۇستامنى قۇچاقلايمەن. گۈزەردىكى ئالما-ئانار يۈزىدە ساپ تەر، يۈرىكى تونۇش دېھقاننى قۇچاقلايمەن. دەرۋازىلارغا بارىمەن بىر-بىر، سەھرا پۇرىقى بار چاڭنى قۇچاقلايمەن. پاكىز ئۆيلەر ئەينى ئانامدەك قەدىرلىك، زامان ئىزناسى بار ئايۋاننى قۇچاقلايمەن. قۇچىقىڭغا قۇچىقىم يەتمەيدۇ قەشقەر، بېشىم ئىگىپ سەندىكى تاڭنى قۇچاقلايمەن. سەن ئانا يۇرت، ئەقىدەم، تۇرغان پۈتكىنىم، سەن روھى ماكان، روھى ماكاننى قۇچاقلايمەن! == '''گۇگۇم كۈلىدۇ''' == كەچ بولدى، كىشىلەر ئۆيىگە ماڭدى، مەن كىرىپ كەتتىم باغنىڭ ئىچىگە. ئانام ئارقامدىنلا ۋارقىراپ قالدى: — ئاشىق بولدۇڭمۇ، — دەپ، — ئەمدى كېچىگە؟ — نېمىشقا كېچىگە ئاشىق بولىمەن؟! خىيالىم باغدا ئاي يۈزىنى كۆرۈش. — ئوڭايغۇ بىز بىلەن تالادا كۆرسەڭ، نېمە ھال گۇگۇمدا مۈدۈرۈپ يۈرۈش؟ — ۋاي ئانا، ئەل بىلەن ئوچۇقچىلىقتا ئايغا قىيا بېقىپ ئۆتتى نەچچە ياش. ياپراق ئارا كۆرسەڭ ئۆزگە تۇيۇلار، ئۇنىڭدىكى كىرپىك، ئۇنىڭدىكى قاش… — 1987-يىلى ئاۋغۇست، ئاقسۇ. == '''دەسلەپكى بۇلاق''' == جەزىرىدىكى تەنھا دۆڭلۈك ئۈستىدە، لۆمۈلدەپ قاپقارا بۇلاق تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىشلىرىدا، ئەسىرلەر تىنچىماس بۇلاق تۇرىدۇ. بۇ زېمىن قوينىدىكى يوشۇرۇن ئېقىن، مۇھەببەتسىزلەردىن يىراق تۇرىدۇ. سېياھ پەردىلەرنىڭ تېگى-تېگىدە، ئەجدادلار ياققان بىر چىراق تۇرىدۇ. ئەي نىگار، تەڭلىمە ئىپار ھىدىڭنى، ئالدىمدا تەڭداشسىز پۇراق تۇرىدۇ. جەزىرىدىكى تەنھا دۆڭلۈك ئۈستىدە، كۆزۈمگە ئوخشاش بىر بۇلاق تۇرىدۇ. — 1987-يىلى ئۆكتەبىر، قاراماي == '''ھەيكەل''' == ئېشەك مىنگەن بوۋاي بولۇپتۇ پەرداز، يۈكسەك ھەيكەللەرنىڭ ھۆسنىگە بۇ دەم. ھېلىمۇ پىيادە قويماپتۇ ئۇنى، چۆل-جەزىرە بولۇپ ئۇنىڭغا ھەمدەم. يېنىغا ئېسىلغان قاپاق ئىچىدە ماي ئەمەس، بىر پۈتۈن تارىخ بارمىكىن؟ ھەيكەلتىراش ئۇنى قويۇپتۇ پەسكە، قەدىم ئەجدادلارغا ئىچى تارمىكىن؟ بوۋاينىڭ ساقىلى ئۈزرە ماي دېغى، جۇل-جۇل چاپىنىغا قالدىم تىكىلىپ. يۈكسەك ھەيكەللەرگە يەتمىدى بويۇم، بوۋايغىلا تەزىم قىلدىم ئىگىلىپ. — 1987-يىلى ئۆكتەبىر، قاراماي == '''باھارنى سېغىنىش''' == '''لى بەي''' '''ئىمىن ئەھمىدى تەرجىمىسى''' سىز تەرەپتە گۈل-گىياھ سۈرگەندۇ بىخ، مەن تەرەپتە ياپيېشىل بەرگى تېرەك. سىز ئۇ ياقتىن ئۆيگە قايتىپ كەلگىچە، ئېزىلىپ تۈگەيدۇ بەلكى بۇ يۈرەك. [تۈر:شېئىر] [تۈر:ئۇيغۇر] ik06f2jvi4q6iu9bclfn6qnop65jvan 176640 176639 2026-10-18T21:33:02Z UyghurArchive 25219 176640 wikitext text/x-wiki '''<big>ئىمىن ئەھمىدى شېئىرلىرىدىن</big>''' == '''قەھۋە ئىچىش''' == ئىمىن ئەھمىدى قەھۋە يوپۇرمىقىنى يەپ سالغان قويلار، ئۇخلىمىغان ئىكەن قوتاندا بىر كېچە سەكرەپ. مەنمۇ بىر كۈنى سەنيادا بىر قىز بىلەن، قەھۋە ئىچتىم قويلار ھەققىدە ھېكايە سۆزلەپ. ئ‍ۇمۇ شۇ ئاخشىمى ئ‍ۇخلىيالماپتۇ، قويسىمۇ ئانىسى يوتقانغا چۆمكەپ. ئەتىسى كۆرۈشكەندە سۈرەپلا ماڭدى، «خالىي بىر جاي تېپىپ قەھۋە ئىچسەك» دەپ. ئۇ شۇنداق ئۆتكۈزدى تالاي ئاخشامنى، كۆڭلىدىكى قىلىقنى لېۋىگە يۆتكەپ. ياشىسىمۇ بولغىدەك ئادەم ئاشۇنداق، ھەممە قىلغۇلۇقنى قەھۋەگە دۆڭگەپ. (يەنە بىر نۇسخىسى:) == '''قەھۋە''' == ئىمىن ئەھمىدى قەھۋە يوپۇرمىقىنى يەپ سالغان قويلار، ئوخلىمىغان ئىكەنمىش قوتاندا سەكرەپ. بىر كەچ تۈرك قىزى بىلەن قەھۋە ئىچتۇق، خىلۋەت چايخانىدا ھېكايە سۆزلەپ. ھېرىش يوق، گەپ بىلەن تۈگىدى ئاخشام قايتىپ كەتتۇق ئۆيگە ۋاقىتنى خەپلەپ. ئەرتىسى ئۇچراشتۇق، سۆرەپلا ماڭدى يەنە تۈنۈگۈنكىدەك قەھۋە ئىچسەك دەپ. ئۇ شۇنداق ئۆتكۈزدى نەچچە ئاخشامنى جىمى قىلىقنى لېۋىگە يۆتكەپ. ياشىسىمۇ بولغۇدەك ئادەم شۇ يەڭلىغ ئويۇن-چاقچاقنى قەھۋەگە دۆڭگەپ... == '''پامۇك قەلئە''' == ئىمىن ئەھمىدى پامۇك قەلئە، ئۇيغۇرچە پاختا قەلئە، قاردەك ئاقلىقىدىن كەلگەن نام. شۇنچە سۈزۈك، شۇنچە بىغۇبار ھۆسنىگە تەبىئەت ئىبەركەن ئىنئام. قىيالىرى يىپەك ياپقاندەك، كۆلچەكلىرى مەيگە تولغان جام. ئەتراپىدا چېچىلىپ ياتقان تاشلار تىك تۇرغىنى تارىختەك يىمىرىلمەس تام. ۋۇجۇدۇمغا نەرە تارتىپ كىردى ئەسلىمە خىيالىمنى قىلىۋالدى رام. زەيتۇن چىشلەپ ئۆتۈپ كەتتى بىر توپ كەپتەر نوھنىڭ كېمىسىنى قىلغاندەك دام-دام... == '''دېڭىز''' == ئىمىن ئەھمىدى ئۇپۇق كۆرۈنىدۇ، نىشان كۆرۈنمەيدۇ، غۇر - غۇر شامال، تۇمان كۆرۈنمەيدۇ. سۇنغان نۇر سۇ يۈزىدە مارجان ئەينى چايكا كۆزىگە مارجان كۆرۈنمەيدۇ. قۇياشلىق كۆكتە ھايات شەۋقى، يالغۇز يەلكەنگە ئەپغان كۆرۈنمەيدۇ. كىچە پايانسىزلىق جانغا ۋەھىمە، لېكىن ھېچنەرسە سەرسان كۆرۈنمەيدۇ. يىراق - يىراقلاردا مەۋھۇم ئالۋۇن، دولقۇن قوينىدا گۈلخان كۆرۈنمەيدۇ. سەيياھ قانىتىغا ئىشەنچ ھەمراھ، گەرچە يېنىدا كارۋان كۆرۈنمەيدۇ. ئەركىنلىك دېگەن شۇنداقمىكىن تاڭ، نە پادىشاھ، نە خان كۆرۈنمەيدۇ. دېڭىزنىڭ قەلبىدە ئۆھسىنىش چايكىدىن باشقا جەۋلان كۆرۈنمەيدۇ. == '''مەن كۆرگەن خارابىلار''' == ئىمىن ئەھمىدى لام-جىم دېمەي چېچىلىپ ياتقان خىشلار ئۆرۈلگەن سارايلاردا خىيالىم. سۇنغان مەرمەر پارچىسىدا ھىلال ئاي شاھلار تەختى بىلەن بولمىدى كارىم. دىۋارلارنىڭ ئۈزىلا ئۆچمەس يېزىق كۆرۈنمەيدۇ بولغار تاشلىق كىتاب. تۆۋرۈكلەر گىگانت ئادەمنىڭ ئۈزى يىراق ئەسىرلەردىن قالغان ئىزتىراپ. ئىزاھات يوق، چۈشەندۈرۈش يوق ئاڭلانمايدۇ مىڭ سەيياھقا بىر خىل گەپ. كۆرۈۋاتقانلارنىڭ قەلبى قەلبىدە بىرىگە شادلىق بىرىگە ھەسرەت . ياش بىرلىرىگە بىلىنىدۇ سۇ، تۈزلەڭ بىرلىرىنىڭ قارىشىدا تاغ. بىرلىرىدىكى شۆھرەت بىرلىرىگە خەس بىرلىرى ئىزدىگەن شان بىرلىرىگە داغ. يۇمىلاق قۇببىلىق جامەلەر يېنىدا، ھۆرمەت بىلەن تىكلىنىپ تۇرىدۇ چېركاۋ. == '''لىجياڭ دەرياسى''' == ئىمىن ئەھمىدى 1 تاغ ئېگىزمۇ ياكى ئاسمان پەس؟ بىر - بىرىگە تۇتاشقان پەۋەس. چوققىلارنى سۆيگەن ئاق بۇلۇت مانان ئارا ئالىدۇ نەپەس. بامبۇكزاردا ئاياغ تىۋىشى چاتقاللارنى ئەگىپ ئۆتۈش تەس. چاچلىرىڭغا يامىشايمۇ دەپ بانان شېخى ئېگىلىدۇ پەس بۇ مۇھەببەت ئەجەب مۇقەددەس. 2 سۈزۈك سۇلار كۆزۈڭ بەئەينى قارىچۇقىڭ جىمىرلىغان تاش. كۆكسۈڭ كەيى يۇمشاق ئېدىرلار، رومالىڭدۇر ئىككى يېشىل قاش. يالغۇز ئۈزۈپ كەلگەن قومۇش سال، قويدى خىيال قىرغىقىغا باش. ھاياجاندا جىلۋىلىك شەپەق، تۆكتى چەكسىز چىمەنلەرگە ياش. 3 تىلسىم سۈپەت دالالار .قوينى، سۈرەت يەڭلىغ چۈشىدۇ كۆزگە. شىلدىر- شىلدىر ئالتۇن ياپراقلار، باھار ئىزدەپ كۈلىدۇ كۆزگە. غايىبانە مەغرۇر چىرايىڭ، ئۆلۈكنىمۇ ئۈندەيدۇ سۆزگە. تۇيدۇرمايلا باغاشلىۋالدىڭ، يارىڭ يوقمۇ مېنىڭدىن ئۆزگە؟ 4 قەيەردىدۇر نەينىڭ ئاۋازى، كىيىكلەرنى قىلىپ قويدى لال. قىيا باققان بېلىقچى قىزلار نىگاھىمنى ئەيلېدى مالال دولقۇنىڭغا بېشىمنى ئېگىپ قىرغاق ئۈچۈن بولۇپ قالاي تال. ئىشەنچ قىلساڭ غۇبارسىز سۆيگۈ، گۈزەللىكنىڭ چېھرىسىگە خال. 5 كېتىپ قالسام كۆڭلۈم سېنىڭدە، ھەر تىنىقىڭ جىسمىمگە مىڭ جان. تۇرغىن دېسەڭ باغرىڭدا ئويناپ، مىسرالاردىن ياسايمەن خامان. قىسقا ئۆمۈر چۈشۈمدەك تاتلىق، ئۆتەلمەيمەن ئەمدى خىرامان. داۋان ئېشىپ كەلگەن ئەقىدەم، ئاستانەڭگە بولىدۇ مېھمان. 6 شاۋقۇ‌ن سالماي ئاقىسەن جىمجىت، ھە‌ر تامچاڭدا جە‌ننە‌ت مۇ‌جە‌سسە‌م. سىنى كۆرۈپ زە‌مزە‌م بولدۇ زە‌ڭگە‌ر كۆكتىن كە‌لگە‌ن قە‌ترە ھە‌م. ھە‌ممىمىز تە‌ڭ يارالغان تۇرۇ‌پ سىنى باشقا بىلگە‌نمۇ ئىگەم؟ قىز-يىگىتىڭ خىزىرمىكىن تاڭ، قە‌لبىمدە ئوت، كۆزلىرىمدە نە‌م. 7 كۆپ نەرسەمنى ئىلىپلا ئالدىڭ، بەرگىنىڭنى ساناپ چىقماق تە‌س. كىندىك قېنىم قىسمەتلىرىدىن، ئاتا قىلدىڭ يېڭى بىر ھەۋە‌س. نومۇ‌سىمنىڭ بە‌رگىدە شە‌بنە‌م، زۇ‌مرە‌ت يوللار تۈگىگە‌ن ئە‌مە‌س. قانلىرىمدىن ئۇرغۇ‌يدۇ قەسە‌م ئۆرتە‌ندىممۇ شۇ‌نىڭ ئۆزى بە‌س! بۇ مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئە‌جە‌ب مۇ‌قە‌ددە‌س... == گۈيلىن، گۈيلىن! == ئىمىن ئەھمىدى 1 گۈزەللىكىڭ ئالەمدە يەككە، شۇ ۋەج باقماي كەلدىم بۆلەككە. بوسۇغاڭغا پۇتۇمنى قويسام، ئوت كەتكەندەك بولدى يۈرەككە. نە ئايرىلىش ھەتتا بىر زامان سېغىنىشنى ئورىدىڭ دەردكە. بۈگۈن كۆرۈپ چېھرىڭنى جانان، ھۆرمەت ئارا ياندىم ئەدەبكە. ھاياجاندا قەلەم سەۋدايى، چاپىمەن دەپ كىرمەيدۇ گەپكە. قارىغىنا، قانمۇ، سىياھمۇ، تېمىۋاتقان شاھانە بەتكە! سەن جەننەتمۇ ۋە ياكى مەككە؟ 2 تاغلىرىڭنى تەڭرىتاغ دېسەم، تەلەپ قىلدىڭ باشلىرىڭغا قار. بىلمىدىڭمۇ بېغىڭدا بۇ دەم، سەن سۆيۈنگەن قارنىڭ رەڭگى بار. ئىككى پەسىل قەلبىدە بىر ئوت، بىر تۇپراقنىڭ ئىشقىدا ياتار. ئىككى زىننەت باغرىدا بىر يۇرت، بىر يۈرەككە ئەبەد ئىپتىخار. كۈمۈش لىباس دىلنىڭ پاكلىقى، يېشىللىقنىڭ سۆيگۈ بىغۇبار. يېشىل ساقلا بوستانلىرىڭنى، بولۇۋەرسۇن كۆكسۈڭدە باھار. 3 بۇلۇق ئۆسكەن شېكەر قومۇشلۇق، قوناقلىققا، قوناققا رەڭداش. قىر ئارىلاپ كۈلۈشكەن قىزلار، خىيالىمغا تاشلىۋەتتى تاش. ياپراقلاردا ئۇخلايدۇ شەبنەم، مەيىن شامال شاخلارغا مۇڭداش. يىلتىز ئارا گۈپۈلدىگەن نەم، ئارزۇيۇمنى قىلىپ قويدى پاش. بايان قىلغىن، تاتلىقلىقىڭنى، بەرگەن يەرمۇ ۋە ياكى قۇياش. شولىلارنى يامراتقان دىلدا ئاي يۈزۈڭمۇ، سۆزلە قەلەمقاش؟ 4 رەڭ تاغلىرى، «رەڭلەر دۆۋىسى»، ئۆزۈڭمۇ سەن ھەسەن - ھۈسەنگە. گە‌ر ياق دېسەڭ ئالەم ئىگىسى، يان باسقانمۇ رەڭدار چىمەنگە. تۇغ - ئەلەمنىڭ جەۋلانلىرى بار، چۈشكەن كەبى يىگىتلەر جەڭگە، تارقىتامتىڭ ياكى بىر ئۆزۈڭ، گۈزەللىكنى ھەر بىر قەدەمگە. قانداق ئىش بۇ جېمى گۈزەللىك، يىغىلغىنى بىرلا بەدەنگە! يۈرىكىمنى قوشۇپ قويساڭچۇ، كۆكسۈڭدىكى قىپقىزىل رەڭگە؟ 5 قۇچىقىڭدا «قومۇش نەيلىك غار»، بوغۇم-بوغۇم خۇددى قومۇش نەي. تاش ئارىلاپ ئۆسكەن بىر گىياھ، تەمەنناسىز كۆزگە كۆرۈنمەي. نەي ئاۋازى غارنىڭ ئاۋازى، ئايرىماق تەس، چىقار ئۈزۈلمەي. گويا يىلنىڭ قىشى ۋە يازى، ئەتكەن كەبى ئەسرنى ئەللەي. پەرىشتىلەر تۇتقاندەك قەدەھ، دىۋارلاردىن تۆكۈلىدۇ مەي. بىر ئاھاڭغا كۆڭلىنى قوشۇپ، كىم قالدۇرغان ئىچىپ تۈگەتمەي؟! 6 بولدى مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئەركەم، ئاسمىنىڭدا كۈلگەن تولۇن ئاي. شەرەت قىلىپ يۈرگىلى نە كەم... پەرىلىرىڭ تۇتۇپ يېڭى چاي قوينۇڭ كەڭرى قۇچىقىڭ ئاندىن، تۇرۇپ كەتتىم گىرە سالالماي. چىللاپ كەلدىڭ، لېكىن بەرمىدىڭ، مۇڭدىشىشقا بىرەر پاناھ جاي. كەلمىگەندە ھېسلىرىم تەكشى غۇرۇرۇمنى سىنىدىڭ تالاي. بىر گەپ قىلغىن، ۋاپاسى چەكسىز، يارىڭ بولۇپ يېنىڭدا قالاي. 7 چەشمىلىرىڭ ئويقۇسىز دائم، جىرىڭلايدۇ كۈمۈش قوڭغۇراق. بوشلۇق بىلەن سۆزلىشەمدىكىن، شىلدىر - شىلدىر قىلىدۇ ياپراق. تىنىم تاپماس قۇشلار ئاۋازى، لەۋدە مەڭىز، ئېغىزدا قۇلاق. تەبىئەتنىڭ چېھرىدە ياشلىق، غۇنچىلاردا ھەر تاڭ بىر پىراق. تاغلار كېلىپ سۇنى سۆيىدۇ، كىمدە سۆيگۈ، كىمگە ئىشتىياق. ئىزدەپ كۆرسەڭ پىنھان ماكان يوق، ھايات ئويغاق، مۇھەببەت ئويغاق. 1991 - يىل 11 - ئاي، گۈيلىن == '''ئىلتىجا''' == ئىمىن ئەھمىدى چىقار ئانا ھېجىر قاچاڭنى، يەنە بىر رەت ئۇماچ ئېتىپ بەر. بۆشۈكۈمنى تەۋرىتىپ بىردەم، ئەللەي-ئەللەي قوشاق قېتىپ بەر. ساپال چىراغ نەلەردە قالدى، پىلىك سېلىپ قايتا يېقىپ بەر. ئۇنتۇماپتۇ بالام مېنى دەپ، دەريا-دەريا بولۇپ ئېقىپ بەر. مەينەت كەلدىم شاۋ-شۇۋ شەھەردىن، پاكىزلىناي ئېرىق چېپىپ بەر. بىر كەملىك بار مېنىڭ كۆڭلۈمدە، بەختىم ئۈچۈن شۇنى تېپىپ بەر. == '''مەھەللەمگە مۇھەببەت''' == ئىمىن ئەھمىدى مەن بۇ مەھەللىنى ياخشى كۆرىمەن، گەرچە ئۇنىڭدا ئېگىز بىنا يوق. سۈيىدە ئېقىپ،ئوتىدا كۆيىمەن، پاكار ئۆيلەردە تاغدەك ئۇلۇغلۇق. مەن بۇ مەھەللىنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇنىڭ مېھرىگە كۆنۈپ قالغان. ئانامنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن چېلىكىنى، دادام سۈزۈپ بېرىپ كۆيۈپ قالغان. مەن بۇ مەھەللىنى ياخشى كۆرىمەن، قىرلىرىدا كاككۇك قونغان تال. دەل مۇشۇ مەھەللىنىڭ قىزى ئىدى، قىزلىرىمغا ئانا بولغان بىر ئايال… == '''گۈل ئوغرىسى''' == ئىمىن ئەھمىدى باشتا بىر تال گۈلنى ئۈزۈپ كەتتىم، تۆت ئەتراپىمغا قاراپ ئاۋايلاپ. كېيىن تەشتەك بىلەنلا كۆتۈرۈپ كەتتىم، دېرىزەمگە قوندى قۇچقاچلار سايراپ. ئوغرى ئالغان مالنى ئەزەلدىن، مالنىڭ ئىگىسى كېلەتتى ئىزدەپ. ساقلاپ باقتىم ئېرىنمەي نەچچە كۈنگىچە، گۈلنىڭ ئىگىسى كېلىپ تۇتۇۋالسا دەپ. سەۋر دېگەننىڭمۇ چېكى بار ئىكەن، يېرىلغۇدەك بولدۇم ئىچىم پۇشۇپ. ئەمدى گۈلنىڭ ئىگىسى كەلمىسە ئەگەر، ئوغرىلاپ كېلىمەن ئۇنىمۇ قوشۇپ... 2020-يىل 6-ئاي، قەشقەر == '''سەرگەردانلىق''' == ئىمىن ئەھمىدى ھەسرىتىم سەرگەندان بولسا مەيلىتى، كېتەر ئىدى يىراقلارغا ئېلىپ باش. بەختىمنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى، يالغۇز قىلىپ مېنى كۆزلىرىمدە ياش. دەريا سەرگەندان بولسا مەيلىتى، دېڭىزغا  ئاقاتتى يا سىڭەتتى چۆلگە. قىرغاقلىرىنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى، غەشلىك بېرىپ سۇنغان كۆڭۈلگە. دادام سەرگەندان بولسا مەيلىتى، بىلىكىگە تايىنىپ باقاتتى جان. ئانامنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى بالىلىرىدىن تىلەپ يەيدۇ نان. ئۆزۈم سەرگەندان بولسام مەيلى ئىدى، بىلدۈرەتتىم كىملىكىمنى تىلىم بىلەن. تىلىمنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى، مۇڭدىشالـماي يۈرىمەن دىلىم بىلەن... == '''قېرىدىڭمۇ ئانا!''' == ئىمىن ئەھمىدى رومالىڭدا سەلكىن ئەركىلەر، چاچلىرىرىڭدا ئەركىم ئەركىلەر. يۈزۈڭ سۆيۈپ قىزىڭ ئەركىلەر، ئايىغىڭدا ئىزىم ئەركىلەر... تۈڭلۈكۈڭدىن ئۆتكەن تۇلۇن ئاي، چىرايىڭدا تۈنىدى بىر كەچ. بولۇپ قالدى قۇياشمۇ ھەتتا، ئوتلىرىڭنىڭ ئالدىدا پالەچ. ھېلىمۇ ھەم بىرىدە ئەپسۇس، تاغ قېتىدا يۈرىدۇ مۆكۈپ، بىرى شۇندىن بۇيان ياداڭغۇ ئايلىنىدۇ سوغۇق نۇر تۆكۈپ... كىرپىكىڭدە بۇلبۇل ئەركىلەر، زىنىخىڭدا شەبنەم ئەركىلەر. سۇ قويالماي قولۇڭغا ۋىناس، پەقەت ھەيكەل بولۇپ ئەركىلەر... قېرىدىڭمۇ ئېيتقىنا ئانا ياق كۆپ تېخى يارقىن ئەتىلەر... == '''ئاق بۇژغۇن''' == ئىمىن ئەھمىدى خام خىيال چۆلىگە ئۈنگەن سۆكسۆكلەر ئارزۇ سەلكىنىدە سولۇپ تۈگىدى. تەنھالىق ئاختۇرغان بۇ مىسكىن يۈرەك ئەسىر غوۋغاسىدا ئۆلۈپ تۈگىدى. سېنى سۆيمىگەنگە بەرگەن سۆيگۈلەر پۇشايمان ئوتىدا كۆيۈپ تۈگىدى. ۋاپاسىز قوقاستىن تۇتاشقان پىراق ۋاپا مەلھىمىدە سويۇپ تۈگىدى. نادانلىق نۇرىغا قاقلانغان بەدەن ۋاقىتسىز ھەسرەتكە تويۇپ تۈگىدى. يالغان ۋەدىلەرگە چاڭقىغان ۋۇجۇد پۇشايمان شارابىنى قويۇپ تۈگىدى. ھەرنە ۋەسۋەسىلەر كەتتى كەلمەسكە ساقال ئاقاردى چاچ چۈشۈپ تۈگىدى. مېنىڭن تۈگىشىمنى سورىسا كىملەر ئۇ دەيدۇ جاھاندىن كۈلۈپ تۈگىدى. 1995-يىل ئەتىياز == '''توي''' == ئىمىن ئەھمىدى ئەجەب ئاددىي توي قىلغانكەنمىز، ھايات داستىخانىغا سەمىمىيلىك تىزىپ. ئەجەب مۇڭداشقانىكەنمىز نېرى ئولتۇرۇپ، مەڭزىمىزگە ياشتا خەت يېزىپ. سېنى يۆتكەيدىغانغا ماشىنا يوق، تاپالمىغانىدىم ھەتتا ئېشەك ھارۋىسى. جاز، روك مۇزىكا دېگەنلەر نەدە؟! ئەتراپنى چاڭ كەلتۈرگەنىدى سەھرا ناغرىسى. «شېرىن ئاي» دەپ بېقىپتىكەنمىز ئېتىزغا، تاتلىق ئىدى ئاي يورۇقىدىكى ساياھەت. ئالتۇن ئۈزۈك ئالماپتىكەنمەن قولۇڭغا، قىلىپتىكەنسەن مىس ھالقىغىمۇ قانائەت. ئۆيىمىزگە كىرگەنىكەنمىز يانمۇ – يان، يۇرتداشلار ياققان ئوتتىن ئاتلپ. ساپ ھاۋا، سوغۇق سۇ، چاڭ – توزان يولغا سېلىپ قويغانىكەن بىزنى پاكلپ... بىلمەپتىكەنمەن سەن بايمۇ يا كەمبەغەل؟ سورىماپتىكەنسەن بىساتىمدىن سوئال. بەك سەبىي ئىكەنمىز، كۆڭۈلدە يوق غۇم، خۇددى ئېرىق بويىدىكى مەجنۇنتال... بالىلارغا دېگىلى بولارمۇ بۇ توينى، يازغىلى بولارمۇ ئەسلىمە قىلىپ؟ ئېھتىمال قايىل قىلماق تەس ئۇلارنى، يېرىپ بەرگەندىمۇ يۈرەكنى ئېلىپ... == '''قەلەم، قەغەز، خەت...''' == ئىمىن ئەھمىدى يەنىلا سەككىز پۇڭلۇق پوچتا ماركىسى ئېلىپ، ئەرزان لېپاپ بىلەن ئەۋەتكىن خەت. كومپيۇتېردا خەت يازدىم دېدىڭ، خەت كەلدى، لېكىن كەلـمىدى ھەسرەت. تىشىلىپ كەتتى قەغەز نەچچە يەردىن، سانجىلغاندا چېكىت، پەشكە قەلەمنىڭ ئۇچى. بۇ ئەمەس ئىدى قەغەزنىڭ نېپىزلىقىدىن، شۇنداق قىلاتتى سېغىنىش، سۆيگۈنىڭ كۈچى. رەڭ يېيىلاتتى ئۇ يەر بۇ يەرگە، داغ چۈشۈرەتتى قەغەزگە كۆز ياش. سوئال، ئۈندەشلەرنىڭ مايماقلىقى، قىلىپ قوياتتى ماڭا كۆڭلۈڭنى پاش. دەرىخا ! كومپيۇتېر، يانفوندىكى گەپلەر، شۇنداق تۈز، ھېچ نەرسە بولـمىغاندەك. قولۇڭنىڭ تىترىگىنى نامەلۇم، سېمونت ئېرىقتا سۇ ماڭغاندەك. قېنى ئۆز ۋاقىتىدىكى تۈگىمەس گەپلەر، قېنى ۋاراقلارغا سىڭگەن ھاياجان. قەغەزنى مىجىپ مەيدەمگە تاڭاتتىم، كومپيۇتېرغا نەدە مۇنداق ئىمكان؟ يەنىلا سەككىز پۇڭلۇق ماركا ئېلىپ، ئەرزان لېپاپ بىلەن ئەۋەتكىن خەت. كومپيۇتېردا خەت يازدىم دېدىڭ، ئۇنىڭدىن شادلىق ئەمەس، كۆپەيدى ھەسرەت. == '''ئوتقا تۇغۇلغان بالا''' == ئىمىن ئەھمىدى ئوتقا تۇغۇلغانلىقىمنى بىلىسەن ئۆرۈك چىچەكلىگەن بىر كۈنى. ئانام ئوچاققا ئوت قالاۋېتىپ كۇلۇڭغىلا تۇغۇپ قويغان مېنى. ۋاقىتنى ئۇقمايدىغان قانداق ئايال دەپ مومام تىللاپ كەتكەن ئۇنى. دېگەن ھەم: تاس قاپتۇ ئەمەسمۇ تۇنجى نەۋرەم ئوتۇن بىلەن بىللە كۆيۈپ كەتكىلى. ئانامنىڭ مېنى ئوتقا تۇغمىغىنىغا رەھمەت ئانام يۇرتنىڭ ئوتىغا تۇغقان مېنى. شۇ ئوت ھەقىقى، تۆت تام ھەقىقى ئانا يۇرت، ئانا يۇرت سۆيىمەن سېنى. ئوتتىن تۇغۇلغىنىمنى بىلىسەن شۇ چاغ ئوتتىن قىزىق بولغان ئانامنىڭ تېنى. ئالەمگە قۇرۇق قول كەلمەپتىمەن دەپ ئوتتىن بەك لاۋۇلدىغان تومۇردا قېنى. بىر تەرىپىمدە ئانام كۆيگەن ئىنجىقىدىن ئۆرلىگەن سۆيگۈ تۈتۈنى. بىر تەرىپىمدە سەن كۆيگەن تىمسالىڭ سەندە ئۆسكەن جىگدە ئوتۇنى. ئانا يۇرت، مېنى ئوتتىن تۇغقىنىڭغا رەھمەت يۇرتنىڭ ئوتىدىن تۇغدۇڭ مېنى. شۇ يۇرت ھەققى، تۇپرىقىڭ ھەققى ئوتۇڭدا كۆيۈپ تۇرۇپ سۆيىمەن سېنى. سەن قوينۇڭغا ئوت بولۇپ تۇغۇلغانلارنىڭ ئوتۇڭدا كۆيگەنلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى. ھاياتىمنى مۇھەببەت قىلدىڭ، ئوت قىلدىڭ شۇ مۇھەببەت، ئوت ھەققى سۆيىمەن سېنى. == '''ئانام''' == ئىمىن ئەھمىدى بىر كونا سۆيگۈدىن قەلبىمدە باھار، قىلمىساممۇ يېڭى مۇھەببەت بايان. ۋىسالىڭنى ئىزدەپ يېگەچكە ئازار، ھېسلىرىم تۈمەننىڭ سۈيىدە ئايان. ساڭا ۋاپا بىلەن چامدىدىم بۈگۈن، كىندىكىمدىن دەسلەپ تۆكۈلگەچكە قان. ئەمدۈرگەچ ئوغۇز سۈت ماڭا تۈنۈگۈن، سەندە جىمى بەختىم، سېنىڭدىندۇر جان. شۇڭا "كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق، دېگەن سۆز-چۆچەككە ئىشەنمىدىم ھېچ. كىچىك چېغىمدىلا تۇتاشقان پىراق، ئاجىز ۋۇجۇدۇمنى قويمىدى تېنىچ. مەيۈس كۈلكەڭ ماڭا قۇۋۋەت ھەر زامان، ئۆرتىسىمۇ بەزەن دىلىمنى ئاھىڭ. مەيلى قانچە ياشناپ كەتسۇن كەڭ جاھان، ئۆمرۈمگە مۇقەددەس يەككە نىگاھىڭ. چاچ شالاڭ، ساقال ئاق، مېھمانمۇ دېمە، مېھمان ساڭا مەندەك كەلمەيدۇ يىغلاپ. بەڭباش قىلىقىمدىن ھەرگىز غەم يېمە، ئېتىزلىرىڭ ئارا يۈرسەم پېتىقلاپ. ھەممە كەپسىزلىكىم، ھەممە شوخلۇقۇم، نەدە يۈرسەم سېنى سۆيۈشتىن پەيدا. بىر ساڭىلا بولغاچ دەردىم-خوشلۇقۇم، قىلىدۇ ئەقىدەم قىزلارنى شەيدا. دادام ياتقان گۆرنىڭ يېنىدىن بۇ دەم، ماڭىمۇ كۆرسىتىپ بەرگىن بىر يەرلىك. ھاياتتىن مەن ساڭا قەرىزدار ھەردەم، سىنىڭ ھېممىتىڭدىن شۇلار يېتەرلىك. رەنجىمەي قۇچاقلا مەسۇم بالاڭنى، گۇناھ ئۆتكەن بولسا، كەچۈرۈش سەندىن. سەنلا ساقايتىسەن ئىشقىي يارامنى، چىقىدۇ ساڭىمۇ مەلھەملەر مەندىن. پىشانەڭ قورۇقى ساناقسىز دەپتەر، روھىم ئالۇر ئۇنىڭ بېتىدىن غۇرۇر. كۆڭلۈم ھەر ئان ساڭا قاناتسىز كەپتەر، قۇچاقىڭغا قاراپ ئۇچىدۇ مەغرۇر. == '''سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك''' == ئىمىن ئەھمىدى سانجىنىڭ... غۇلجا-كۇچانىڭ... ئۈرۈمچى-قەشقەرنىڭ... ناۋايخانىسى، ئاشپۇزۇللىرى قاتار كەتكەن. بىرىدە لەڭمەن-ئۈگرە، بىرىدە پولۇ-مانتا... دىماقنى غىدىقلايدۇ كاۋاپنىڭ ھىدى بىر يەردە تاتلىق-تۇرۇم، پىشۇرۇق ئەتكەن. پالما دەرەخلىرىنىڭ بويى سۇۋادان تېرەك دېڭىزدىن ئۇرۇۋاتقان غۇر-غۇر شامال قىزلارنىڭ چېچىغا قونغان، مەڭزىگە تەگكەن، يولنىڭ بويىدا قەشقەرلىك ياش بىر چوكان كۆكسىنى بالىسىنىڭ ئاغزىغا كەپلەپ قويۇپ، ئولتۇرىدۇ، بەلكىم ھاردۇق يەتكەن! ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بامبۇك ئورۇندۇق، شىرەدە چىنە-چەينەك، ناۋات سالغان چاي خوتەنلىك ئىككى بوۋاي موخۇركا چەككەن. تۇرپانلىق ئايالنىڭ سومكىسى مەرۋايىتقا لىق كۆتۈرۈپ ماڭالماي بېلىنى ئەگكەن... ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك! ئۈن يېتىم يەردىكى ساھىلدىن شاۋقۇن، بىز تەشتەكتە باقىدىغان رەڭگارەڭ گۈللەر بۇ يەردە بوي تارتىپ ئۆسكەن باراقسان. چۈش مەھەل، ئىسسىق بەلباغدىن كەلگەن يالقۇن ئالۋۇندەك جۇلالايدۇ قوشۇپ جانغا-جان. مەجنۇنتال سايىسىدا غۇژژىدە ئادەم، ئېھتىمال ئىسسىقتىن قېچىپ توپلاشقان. يولنىڭ بۇ چېتىدىكى شىنجاڭلىق لاۋجاڭنىڭ ئۇ تەرەپتىكى مەمەتنى توۋلاشلىرى شۇنچىلىك ئەركىن، ھەر ئىككىسىنىڭ پۇتىدا ساپما كەش، قولىدا بانان. خۇيخۇيسۈن كەنتىدىن يالۇڭۋەنگە سۇ ئۈزۈپ كېلىمىز دەپ ماڭغان يانمۇيان. بۇلغانمىغان ھاۋا تەننىڭ داۋاسى، يۇيغان چىنىدەك پاكىز كۆك ئاسمان. خەنزۇ دەمسەن، ئۇيغۇر دەمسەن، خۇيزۇ دەمسەن...ھەممىسى ئەسلىدىنلا بىر ئائىلە، قېرىنداش-تۇغقان! ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك! بۇ يەر كېلىدىغانلارغا قوغۇنلۇقنىڭ يولى، قارامايدا ھەپتە-ئاي ئۇچراشمىغانلار، ساناتورىيەدە بولۇشىدۇ جەم. ئالتاي يايلاقلىرىدا كۆرۈشەمىگەنلەر، كورلىدا كۆرۈشۈپ سۆزلىشەمىگەنلەر دۇكان-رەستىلەردە تېپىشىپ قېلىپ، بىر-بىرىنىڭ قولىنى سىقىدۇ مەھكەم. بۇ يەر ھەممەيلەنگە ئۆز، ھايات سەھنىسى ئوخشاشمىغان مېۋىلەردە بىرلا تاتلىق تەم. بىنالار بىر قارىساڭ ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى، كىرىپ قالغاندەك بولىسەن كەچلىك بازارغا؛ بىر قارىساڭ چوڭ بازاردىكى قاينام-تاشقىنلىق، ماڭامسەن، تۇرامسەن ئۆزۈڭدىكى پەم! دېڭىزنىڭ كەڭلىكىگە ئاسمان پاتىدۇ؛ يانچۇقتىكى پۇلۇڭغا جاھان پاتىدۇ؛ كۆڭۈلنىڭ كەڭلىكىگە دېڭىز پاتىدۇ؛ سۇدىن چىقىپ قۇمدا ياتقانلار، قۇمدىن چىقىپ سۇدا ياتقانلار، قۇم بىلەن سۇنى مەھەللىسىدىكى ئۆستەڭ چاغلاپ، ئوڭدا-دۈم ئېغىناپ ئەركىن ياتىدۇ. قىلچە يېتىرقاش يوق، ھېيىقىشمۇ ھەم، بولمىسا قۇرۇق پونى قانداق ئاتىدۇ؟ ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك! دادۇڭخەيدىكى ئورمانلىقتا ئۇسسۇل سەيناسى رىتىملىق قەدەملەردە ئەزگۈ ھاياجان، جىلۋىلىك كۈزلەردە ھاياتنىڭ شەۋقى! ئاھاڭلار مىللەتتىن، ئىرقتىن مۇستەسنا، ئوخشاشلا لاۋۇلدايدۇ مۇھەببەت زەۋقى. كىيىملەر گۇگۇمدىكى شەپەققە زىننەت، يىراقتىكى شاۋ-شۇۋ ناخشىغا تەڭكەش، تۈگىگەن كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى. نىيەت-ئىقبالدا ئالەمچە بىرلىك، ،ئاستىڭدىكى تۇپراق شۇنچىلىك ئۇلۇغ بىز ياشاۋاتقان جاھاننىڭ شەرقى. ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك!... == ''‏ئايدىڭدا تەنھا مەي ئىچىش'' == ''[[‏لى بەي]]'' ''‏'' ''‏تۇرىمەن كوزام بىلەن گۈلگە قاراپ'' ''ئۈلپىتىم يوق ئۆتمىدى گالدىن شاراپ'' ''ئايغا مەي تۇتسام يېنىمغا كەلدى ئاي'' ''ياندا سايەم قالمىدىم يالغۇزسىراپ'' ''ۋەلىكىن ئاينىڭ لىۋى مەيدىن نېرى'' ''قويمىدى سايەممۇ ھالىمنى سوراپ'' ''ئىككىسى ھەمراھ دېسەم چاغلىق ئىكەن'' ''ئۆتكىدەك ئۆمرۈم باھارسىز بەك خاراپ'' ''ناخشا ئېيتسام تولغۇنار ئاسماندا ئاي'' ''چېكىدۇ ئۇسسۇلغا سايەم ئىزتىراپ'' ''ساق ۋاقىتتا سىردىشىپ يۈرگەن بىلەن'' ''مەس بولۇپ قالساق كېتەركەنمىز تاراپ'' ''بەخت ئۈچۈن ئاسمانغا چىقسام بولغۇدەك'' ''تارتقۇچە تەنھا يۈرۈپ بۇنچە ئازاپ'' ئىمىن ئەھمىدى تەرجىمىسى == '''كېچىككەن سۆيگۈ''' == مېنى «قايت» بۇ يولدىن دېگەنلەر تولا، قىلچە ھېيىقمىدىم، زىنھار يانمىدىم. لېۋىڭدىن ئەۋەتكەن ۋىسال مەيىگە لېۋىمنى تەككۈزدۈم ئىچىپ قانمىدىم. سەۋەب ئىشىق ھېكايەم باشلاندى بەك كەچ، شۇڭا كېچە-كۈندۈز سۆيگۈ ئىزدەيمەن. ئۆلگەندىن كېيىن ھەم چېكىنمەيمەن ھېچ، كەم قىسمى گۆردە دەپ كۆڭۈل بەزلەيمەن. سۆزۈمنى شەرھلەپ قەبرەم ئۈستىگە ئۈنىدۇ شۇ سۆيگۈ رەڭگىدە گۈللەر. ۋە شۇ چاغ كېلىدۇ مېنى سۆيمەككە سۆيەلمەي قالغان شۇ سانسىز گۈزەللەر. كېچىكىپ تاپقان بەخت ئەجەبمۇ تاتلىق، ئۇ بەخت ئىچىدىكى مۇھەببەت ئاندىن. شۇڭا ئۇ مەن بىلەن بىللە كېتىدۇ، ئايرىلماي جىسمىمدىن، جېنىمدىن-قاندىن. ھەمراھ بول، سۆيگۈ پەرىسى، ماڭا بىر ئۆمۈر، قالسۇن ئىككىمىزدىن ئالەمگە ئەنداز. ئالەم تۈگەپ كېتىدۇ، سۆيگۈ ئۆلمەيدۇ، بىز ئالەمدىن ئۇزۇن قىلايلى پەرۋاز… == '''ئاخىرقى سۆيگۈ''' == كىم مېنى سۆيەر دەپ كۈتۈپ تۇرمايمەن، گۇناھ ئەمەس ئەمدى سۆيگۈ ئاختۇرۇش. خىجىلمۇ بولمايمەن، ئىختىيارىمدا كىمنى ياراتماسلىق، كىمنى ياقتۇرۇش.   ۋاھ دەپ كۆكسۈمگە يېپىشقانلار بار، چۈشەنسەم بوپتىمەن قولىدا قورچاق. داغداما يوللارغا باشلارمۇ دېسەم، چىقتى يولى ئەگرى، ھەتتا قىسىلچاق. «مۇھەببەت ئۆز ئەركىڭ» دېدى بىر مەھەل، ئۇچۇردى، تاشلىدى، ئازدىم ئەقىلدىن. بەرمىدىم ئۆزگىلەر ئۈچۈن قىلچە نەپ، ئۆزۈمگە گۆر قازدىم، ئۆزۈم يىقىلدىم. ساداقەت بابىدىن سۆز ئاچتى بىراق، ئىشقىمنى ئەرزىمەس قىلدى تىيىنغا. يا ئۇنى سۆيدۈرمەي ۋە ياكى بۇنى، ھاياتىم سەپىرى چۈشتە قىينغا. سالمايلا كەپتىمەن ئالەمگە نەزەر، مۇھەببەت يولىنى بىلىپتىمەن تار. بىكار كۈتۈپتىمەن شامۇسەھەرلەر، بارمۇ دەپ دۇنيادا مېنى سۆيەر يار. «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ئولتۇرسا، سۆيگۈلەر ھەر قاچان قاچاركەن يىراق. ھەقىقىي بىر گۈزەل ئىزدىگەنلەرگە، زۆرۈركەن ھەممىدىن بۇرۇن ئىشتىياق. بۇ نۆۋەت مەن ئۈچۈن ئاخىرقى سۆيگۈ، تۇنجى چىن ئاشىققا ئېرىشتىم تەستە. مەن ئەمەس، ئەۋلادىم بەخت قۇچىدۇ، بۇندىن سوڭ بولمايدۇ يۈرىكى خەستە. ئەمدى كىم سۆيەر دەپ كۈتۈپ تۇرمايمەن، گۇناھ ئەمەس ماڭا سۆيگۈ ئاختۇرۇش. خىجىلمۇ بولمايمەن، ئىختىيارىمدا كىملەردىن ۋاز كېچىش، كىمنى ياقتۇرۇش… == '''ئىككىلەنگەن سۆيگۈ''' == شارقىراپ بىردىنلا قويۇلدى يامغۇر، دەرەخنىڭ تۈۋىگە يۈگۈردۈم چاپسان. ماڭا تامچە ئەمەس، تەگدى گويا ئوت، بىر گۈزەل تۇرمامدۇ يېنىمغا باقسام. كۈلدى ماڭا قاراپ، كۈلەلمىدىم مەن، نامەردلىك بولاتتى ھودۇقۇپ قاچسام. ئۈن-تىنسىز بىر ھازا تۇرۇشۇپ كەتتۇق، ئويلىدىم: نە بولار قوينۇمنى ئاچسام. يامغۇرمۇ توختاپتۇ، قاپتىمەن يالغۇز، بىر تاتلىق خىيالدا، ئىسىمنى تاپسام. «ھەي ئىسىت» دېدىم-دە، كۆككە توۋلىدىم: «ساڭا نە خىجىللىق، ياغمامسەن چاپسان!!» == '''سەھرا''' == كەلگەندە قايتىشنى ئۇنۇتتى كۆڭۈل، دېمەككى، رۇخسارىڭ مېنى قىلدى رام. ئارمىنىم تۈگىدى، ئىككى مەڭزىم ھۆل،    ۋىسال مەلھىمىڭگە ئېرىشتى يارام. پاكار ئۆيلىرىڭدە تاغنىڭ قامىتى، يىراقلىق ئارىغا سوقالمىدى تام. ئەپسۇس، ياشلىقنىڭ ئاپپاق ۋارىقى، سەنسىز نەچچە يىللار بولدۇم بىئارام. ئېرىق-ئۆستەڭلەردە زەمزەم تۈگىمەس، يۇلغۇنۇڭ تۈۋىدە ئالىمەن ئارام. سېنى دەپ جان بېرىش ماڭا غەم ئەمەس، شەنىڭگە ھەر جايدا كۆتۈرىمەن جام… == '''كۆڭلۈم''' == سەن مېنى قۇل دېسەڭ مەيلى كېرەك يوق، ھەرنە بالالارنى يەڭدىم سەن ئۈچۈن. چوغ كەبى تەگكەندە كۆكرىكىمگە ئوق، تەلۋە بولغان چېغىم چىقارمىدىم ئۈن. مېنى جەڭچى دېسەڭ ئالدىدا ئۈزۈپ، قارارىم قان بىلەن ئەيلىدىم پۈتۈن. چېلىشسام ئوكياندىن جاۋاھىر سۈزۈپ. ئوتۇمدىن سۇ ئۈزرە ئۆرلىدى تۈتۈن، سەن مېنى دېسەڭ گەر ئاددىي بىر ئىنسان. بولمىدىم سۆيگۈدىن خالىي بىرەر كۈن. ئۇنىڭ ئالدىدا ھەممە يەر بىلەن يەكسان، ياق دېسەڭ نېمىشقا سۆيگەن تۈنۈگۈن؟ 1985-1991-يىللار == '''ھېيتگاھتىكى قۇچاقلىشىش''' == مېنى ئاۋۋال قۇچاقلايدۇ بۇ شەھەر، ئەتتەڭ! دەپ پۇشايماننى قۇچاقلايمەن. سېغىنىش ئۆرتەيدۇ مېنى ساق بىر يىل، تەلمۈرىمەن، ئارماننى قۇچاقلايمەن. ئەمدى چوقۇم ئەل ياتقۇدا تۇيدۇرماي كېلىپ، ئالدى بىلەن ئاسماننى قۇچاقلايمەن. تولون بولسا بىر يولى، ھىلال بولسا ئاۋايلاپ، ئايغا قوشۇپ چولپاننى قۇچاقلايمەن. تۈمەنگە بارىمەن « گۈلئايىم» بىلەن، چېچى ئورنىدا بوستاننى قۇچاقلايمەن. جانان كوچىسىدا بولمىسا جانان، دىۋارلاردىكى نۇرئەفشاننى قۇچاقلايمەن. بونجا تېرەكلەردە سەھەر ئاۋازى، ئويغاق ئۆگزىلەردە تاڭنى قۇچاقلايمەن. تونۇردىن كېلىدۇ ئاق ناننىڭ ھىدى، قەشقەرنىڭ قولى دەپ ناننى قۇچاقلايمەن. كىرىمەن كىچىكلىكتە ئوينىغان باغقا، يا ئەترە، يا رەيھاننى قۇچاقلايمەن. يىراق-يىراقلاردا «تاشۋاي»نىڭ ئۈنى، سېھرى كۈي، ئاھاڭنى قۇچاقلايمەن. يېنىمدىلا سەمەن، تۇنجى مەكتىپىم، ئاتمىش يىللىق جەۋلاننى قۇچاقلايمەن. تۇردى ئاخۇننى ئىزدەپ چايخانىلاردىن، گىگانت ئون ئىككى مۇقامنى قۇچاقلايمەن. خىيالىم كېتىدۇ قەدىم-قەدىمگە، ھۆرمەت ئىچرە ئاماننىساخاننى قۇچاقلايمەن. ئوردا ئالدىغا كېلىمەن، «قۇتادغۇبىلىك»،» بەيگە تۇلپارى «دىۋان» نى قۇچاقلايمەن. نېزارى بابىدا « رابىيە-سەئىدىن»، جىلۋىگەر تارىختىن شەرەپشاننى قۇچاقلايمەن. دەرىخا! ئۆستەڭبويى يەنە بىر دۇنيا، ساناقسىز ئەللامە ئۇستامنى قۇچاقلايمەن. گۈزەردىكى ئالما-ئانار يۈزىدە ساپ تەر، يۈرىكى تونۇش دېھقاننى قۇچاقلايمەن. دەرۋازىلارغا بارىمەن بىر-بىر، سەھرا پۇرىقى بار چاڭنى قۇچاقلايمەن. پاكىز ئۆيلەر ئەينى ئانامدەك قەدىرلىك، زامان ئىزناسى بار ئايۋاننى قۇچاقلايمەن. قۇچىقىڭغا قۇچىقىم يەتمەيدۇ قەشقەر، بېشىم ئىگىپ سەندىكى تاڭنى قۇچاقلايمەن. سەن ئانا يۇرت، ئەقىدەم، تۇرغان پۈتكىنىم، سەن روھى ماكان، روھى ماكاننى قۇچاقلايمەن! == '''گۇگۇم كۈلىدۇ''' == كەچ بولدى، كىشىلەر ئۆيىگە ماڭدى، مەن كىرىپ كەتتىم باغنىڭ ئىچىگە. ئانام ئارقامدىنلا ۋارقىراپ قالدى: — ئاشىق بولدۇڭمۇ، — دەپ، — ئەمدى كېچىگە؟ — نېمىشقا كېچىگە ئاشىق بولىمەن؟! خىيالىم باغدا ئاي يۈزىنى كۆرۈش. — ئوڭايغۇ بىز بىلەن تالادا كۆرسەڭ، نېمە ھال گۇگۇمدا مۈدۈرۈپ يۈرۈش؟ — ۋاي ئانا، ئەل بىلەن ئوچۇقچىلىقتا ئايغا قىيا بېقىپ ئۆتتى نەچچە ياش. ياپراق ئارا كۆرسەڭ ئۆزگە تۇيۇلار، ئۇنىڭدىكى كىرپىك، ئۇنىڭدىكى قاش… — 1987-يىلى ئاۋغۇست، ئاقسۇ. == '''دەسلەپكى بۇلاق''' == جەزىرىدىكى تەنھا دۆڭلۈك ئۈستىدە، لۆمۈلدەپ قاپقارا بۇلاق تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىشلىرىدا، ئەسىرلەر تىنچىماس بۇلاق تۇرىدۇ. بۇ زېمىن قوينىدىكى يوشۇرۇن ئېقىن، مۇھەببەتسىزلەردىن يىراق تۇرىدۇ. سېياھ پەردىلەرنىڭ تېگى-تېگىدە، ئەجدادلار ياققان بىر چىراق تۇرىدۇ. ئەي نىگار، تەڭلىمە ئىپار ھىدىڭنى، ئالدىمدا تەڭداشسىز پۇراق تۇرىدۇ. جەزىرىدىكى تەنھا دۆڭلۈك ئۈستىدە، كۆزۈمگە ئوخشاش بىر بۇلاق تۇرىدۇ. — 1987-يىلى ئۆكتەبىر، قاراماي == '''ھەيكەل''' == ئېشەك مىنگەن بوۋاي بولۇپتۇ پەرداز، يۈكسەك ھەيكەللەرنىڭ ھۆسنىگە بۇ دەم. ھېلىمۇ پىيادە قويماپتۇ ئۇنى، چۆل-جەزىرە بولۇپ ئۇنىڭغا ھەمدەم. يېنىغا ئېسىلغان قاپاق ئىچىدە ماي ئەمەس، بىر پۈتۈن تارىخ بارمىكىن؟ ھەيكەلتىراش ئۇنى قويۇپتۇ پەسكە، قەدىم ئەجدادلارغا ئىچى تارمىكىن؟ بوۋاينىڭ ساقىلى ئۈزرە ماي دېغى، جۇل-جۇل چاپىنىغا قالدىم تىكىلىپ. يۈكسەك ھەيكەللەرگە يەتمىدى بويۇم، بوۋايغىلا تەزىم قىلدىم ئىگىلىپ. — 1987-يىلى ئۆكتەبىر، قاراماي == '''باھارنى سېغىنىش''' == '''لى بەي''' '''ئىمىن ئەھمىدى تەرجىمىسى''' سىز تەرەپتە گۈل-گىياھ سۈرگەندۇ بىخ، مەن تەرەپتە ياپيېشىل بەرگى تېرەك. سىز ئۇ ياقتىن ئۆيگە قايتىپ كەلگىچە، ئېزىلىپ تۈگەيدۇ بەلكى بۇ يۈرەك. [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:ئۇيغۇر]] s3rqnfmd15x1vjjrvaaj6ulqvd4wptl تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن ۋىزا تەلەپلىرى 0 24652 176635 176626 2026-10-18T13:21:22Z ~2026-55867-25 26436 /* قازاقىستان */ 176635 wikitext text/x-wiki تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن ۋىزا تەلىپى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەقاملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە پۇقرالىرىغا قويۇلغان مەمۇرىي كىرىش چەكلىمىلىرىدىن ئىبارەت. [[تۈركىيە پاسپورتى]] نىڭ تۆت تۈرى بار: ئادەتتىكى پاسپورت، ئالاھىدە پاسپورت، خىزمەت پاسپورتى ۋە دىپلوماتىك پاسپورت. ==ۋىزا تەلىپى خەرىتىسى== ==ئادەتتىكى پاسپورت ئىگىلىرى ئۈچۈن ۋىزا تەلىپى== ===قازاقىستان=== تۈرك پۇقرالىرى [[قازاقىستان]]غا ۋىزىسىز كىرەلەيدۇ ۋە ئەڭ كۆپ 30 كۈن تۇرالايدۇ. 2026-يىلى 1-نويابىردىن باشلاپ [[ئېلىكترونلۇق ساياھەت رۇخسىتى]] ئۈچۈن QazETA يۇمتالىدىن 3900 تەڭگەگە ساياھەتتىن 72 سائەت بۇرۇن ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ. رۇخسەت ئالسىڭىزمۇ ئالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، رۇخسەتنىڭ يوق بولىشى سىزنىڭ قازاقىستانغا كىرىشىڭىزگە توسالغۇ بولمايدۇ، پەقەت ساقچىلار سىزنىڭ ئاگاھلاندۇرۇپ قويىدۇ. 2027-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ قازاقىستانغا كىرىش ئۈچۈن [[ئېلىكترونلۇق ساياھەت رۇخسىتى]] ساياھەتتىن 72 سائەت بۇرۇن ئېلىنىشى شەرت. رۇخسەتنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 180 كۈن. ===شېنگىن رايونى=== ۋىزا ئىلتىماسىنى ئۆزلىرىنىڭ رەسمىي ھەمكارلاشقۇچى ئورگىنى بولغان VFS Global / Consortium for Italian Visa Services ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئاساسلىق مەركەزلەرنىڭ بىرىگە بېرىپ ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ: رىياد (Riyadh): Localizer Mall, Ground Floor, Gate 2, Al Olaya جىددە (Jeddah): TasHeel Commercial Plaza, Ground Floor, Al Mohammadiyah District 1 داممام (Dammam): LuLu Mall, First Floor, Al-Adhamah District بىر تەرەپ قىلىش باسقۇچلىرى '''1. ئۇچرىشىش ۋاقتى (Appointment) بەلگىلەش''' Consortium for Italian Visa Services / VFS Global KSA نىڭ رەسمىي تور بېكىتىگە كىرىپ ھېسابات ئېچىڭ. ۋىزا تۈرىگە قىسقا مۇددەتلىك ساياھەت ۋىزىسى (Tourist Short-Stay C-Visa) نى تاللاڭ ھەمدە ئۆزىڭىزگە يېقىن مەركەزدىن (رىياد، جىددە ياكى داممام) ئۇچرىشىش ۋاقتى ئېلىڭ. '''2. تەييارلايدىغان ھۆججەتلەر''' پاسپورت: شېنگېن رايونىدىن قايتىدىغان ۋاقتىڭىزدىن كېيىن ئازدىگەندە 3 ئاي كۈچكە ئىگە بولۇشى ھەمدە ئازدىگەندە 2 بوش بەت بولۇشى كېرەك. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىقامىتى: قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتىڭىزدىن كېيىن ئازدىگەندە 3 ئاي كۈچكە ئىگە بولۇشى ھەمدە ئىنگلىزچە تەرجىمىسى بولۇشى كېرەك. قايتىش ۋىزىسى (Exit/Re-Entry Visa): سەئۇدى ئەرەبىستاندىن چىقىپ-كىرىش ۋىزىڭىز ساياھەت ۋاقتىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. شېنگېن ۋىزا ئىلتىماس جەدۋىلى: تولۇق توشقۇزۇلغان ۋە ئىمزالانغان بولۇشى كېرەك. رەسىم: يېقىندا تارتىلغان، ئاق ئارقا كۆرۈنۈشلۈك 2 دانە پاسپورت رەسىمى. خىزمەت ئىسپاتى: سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى شىركىتىڭىزدىن ئېلىنغان، مەنسىپىڭىز، مائاشىڭىز، خىزمەتكە كىرگەن ۋاقتىڭىز ۋە رۇخسەت قىلىنغان تەتىل ۋاقتىڭىز يېزىلغان ھەمدە تامغا باسقان خىزمەت ئىسپاتى (NOC / Salary Letter) (زۆرۈر تېپىلسا سودا-سانائەت ئۆيى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بولۇشى كېرەك). بانكا كۆچۈرمىسى (Bank Statement): ئاخىرقى 3 ئايدىن 6 ئايغىچە بولغان، بانكىنىڭ ئىسپات تامغىسى باسقان، يېتەرلىك پۇل بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئارخىپ. ساياھەت پىلانى: ئايروپىلان بېلىتى زاكاز ئىسپاتى ۋە ئىتالىيەدىكى مېھمانخانا زاكاز نومۇرلىرى. ساياھەت سۇغۇرتىسى: ئازدىگەندە 30,000 ياۋرو كاپالەت مەبلىغى بار، جىددىي داۋالىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شېنگېن ساياھەت سۇغۇرتىسى. '''3. ئۇچرىشىشقا بېرىش''' بەلگىلەنگەن ۋاقتىڭىزدىن 15 مىنۇت بۇرۇن VFS مەركىزىگە بېرىڭ. ئىلتىماس جەدۋىلى ۋە ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇڭ. شېنگېن ۋىزا ئۆلچەملىك ھەققى (چوڭلار ئۈچۈن 90 ياۋرو) ۋە VFS مۇلازىمەت ھەققىنى تۆلەڭ. بايو-مېتىرىك (كۆزى ۋە بارماق ئىزى) ئۇچۇرلىرىڭىزنى بەرسىز. '''4. ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە پاسپورتنى ئېلىش''' بىر تەرەپ قىلىش ۋاقتى ئادەتتە 15 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ (ساياھەت قىزغىن مەزگىللىرىدە سەل ئۇزارغىلى بولىدۇ). ئىلتىماس ئاقىبىتىنى SMS ياكى ئېلېكترونلۇق خەت ئارقىلىق كۆزىتەلەيسىز. تەستىقلانغاندىن كېيىن، پاسپورتنى مەركەزدىن بېرىپ ئالسىڭىز ياكى كۇرىئېر (پوستىخانا) ئارقىلىق ئۆيىڭىزگە ئالدۇرسىڭىز بولىدۇ. ==باشقىلار== ==سىرتقى ئۇلانما== ==مەنبەلەر== oulivy9490ql0en6chkm43af8oe89ym ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرى 0 24663 176642 176357 2026-10-18T21:39:02Z UyghurArchive 25219 176642 wikitext text/x-wiki == '''ماۋزۇسىز شېئىرلار''' == ۋىجدانەن ياشىدىم،بىر نى بىر دېدىم، بېشىمدا ئوينىدى قان چېچىپ تاياق. ئىت بولۇپ ياشىدىم،ھەر نېمە يېدىم، ئالدىمغا قويۇلدى ئالتۇندىن ئاياق! ئۇيۇلۇپ ياشىدىم،ئۇپرىدى خوپ جان، كېمەيدى نېسىۋەم،تارايدى يوللار...! تەلۋىگە ئايلاندىم،كۆتۈردۈم چۇقان، ئاسمانغا ئېتىشتى مېنى كۆپ قوللار... ياخشىلىق تىلىدىم ھەركىمگە ھەر كۈن، ئورۇلدى بۇغدىيىم تېخى پىشماي خام. جىن بولۇپ ياشىدىم،ياتمىدىم ھەر تۈن، نى كۆركەم پەرىلەر ماڭا بولدى رام. مېھرىمنى خەجلىدىم،سۆيگۈ تاراتتىم، نەپرەتلىك نىگاھلار تەشتى قەددىمنى. ئۆكتەمگە ئايلاندىم،كۆپنى قاراتتىم، نازاكەت،جىلۋىلەر ئالدى ھەددىمنى. ئاھ پەلەك نېمەدەي مىجەزىڭ تەتۈر، سەن بىلگەن نە ئوي بار كەلتۈرە،كەلتۈر! == '''تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش''' == '''1''' سىنچىلاپ قاراپ باقتىم تاڭ ۋەسلىگە، بىھېساپ سىرلار ئاڭا ئۈيۈلگەندەك. ئويلىسام ئۇنىڭدىكى سىر ئەسلىدە، ئىش ئىكەن گۇياسۆيگەن،سۆيۈلگەندەك. سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشتە سىر بولمايدۇ، يۈرەكلەر ئېچىۋېتەر مىڭ قېتىنى. ھەر قاتتا تۈمەن زەررە نۇر ئوينايدۇ، شۇڭا قۇت قويغان سۆيگۈ ئۆز ئېتىنى. ياپراقلار،گۈل كاسسىسى،چېچەك شەبنەم، نۇرلاردىن نۇردىن ئۆزگە سىر سەزمەيدۇ. دىلىنى يۇشۇرمايدۇ تىلسىز ئالەم، بەل كېزەر ئۇندا،ئەمما سىر كەزمەيدۇ. ۋاراقلاپ ئوقۇپ چىقتىم تاڭ بىر كىتاب، ھېكمىتى كۆپ،يوق ئەمما چۈمپەردىسى. تاڭ ئەينى دېدى تېڭىم قىلىپ خىتاب، پەردىسىز يۈرەكلەرنىڭ سەھىپىسى. '''2''' تۈگىمەس كۈيدۇر ماڭا پارلاق تاڭلار، تۈگىمەس كۈي ھەققىدە مېنىڭ قىسسەم. تاڭلاردىن تۇغۇلىدۇ تاڭدەك ئاڭلار، تاڭ بىلەن ئېرىپ پۈتەر غەمۇ- غۇسسەم. رەڭلەرنىڭ جىلۋىسىدىن كۆز قامىشار، ئۇپۇققا ئۇيۇپ قالار مۇھەببىتىم. شولىلار چوققىلارغا ئۆز،يامىشار، ئاياغسىز قالار تاڭغا قانائىتىم. تارلارغا قونۇپ قالار شوخ ئاھاڭلار، كۆرسىتىپ يۈرەكلەرگە كارامەتنى. تاڭ سازى جاراڭلايدۇ،دىل جاراڭلار، تۇيغۇلار باشلىۋېتەر پاراغەتنى... ھاياجان پەللىسىدە تۇرۇپ قالدىم، بۇ سېنىڭ خۇمارلىقنى تەرگىنىڭمۇ؟ سېنىڭدە دىلبىرىمنى كۆرۈپ قالدىم، ئاخشام ئاي تىقىۋالغان ئىدى ئۇنى، بۇ سېنىڭ ياندۇرغىنىڭ،بەرگىنىڭمۇ؟ '''3''' سېنىڭدىن يىراقلاردا يۈرگىنىمدە، ساڭا تەن ھېسلىرىمنى بۆلگىنىمدە؛ خۇمارى تۇتۇپ يەنە ئەركىلەشنىڭ، سېغىنىش ھەسرىتىدىن ئۆلگىنىمدە؛ تاڭلارغا تەشنا بولۇپ قاراپ باقتىم، چېچىڭ دەپ شولىلارنى تاراپ باقتىم. مېھرىڭدەك مېھىر ئىزدەپ تاڭ ۋەسلىدىن، خېلى بىر چاغلارغىچە ماراپ باقتىم. جورۇيمەن ياخشىلىققا چۈشلىرىمنى، سەپەرۋەر قىلىپ ھەممە ھوشلىرىمنى. تاڭ بىلەن يېتىپ بار،دەپ سەن تەرەپكە ئۇچۇردۇم خىيالىمنىڭ قۇشلىرىنى. ھومىيىپ قاراپ قويدۇڭ ماڭا ئاخشام، چۈشۈمكەن،تۈمەن شۈكرى،پۈتۈن ئاخشام، ئوغلۇڭنىڭ يۈرىكىدە بىر سېغىنىش، زېمىنمۇ كۆيۈپ كېتەر ئۇنى ياقسام! تاڭلارغا تەشنا بولۇپ قاراپ باقتىم، چېچىڭ دەپ شولىلارنى تاراپ باقتىم. مېھرىڭدەك مېھىر ئىزدەپ تاڭ ۋەسلىدىن، خېلى بىر چاغلارغىچە ماراپ باقتىم. '''4''' تاڭ بىلەن تۆشىكىمدىن تۇرغىنىمدا، سۈبھىگە قوللىرىمنى سۇنغىنىمدا؛ دۇئادا دەپ ئويلايمەن،سېنى،ئانا، ئاۋازىڭ جاراڭلايدۇ قۇلىقىمدا. پىراقىڭ جىغىلدىتار يۈرەكلەرنى، تىكەندىن ئېچىلدۇرار پورەكلەرنى. سەن ئۈچۈن ئىزدىۋېدىم ئېسىل سوۋغات، مەۋجۇدات باشلىۋەتتى كۆرەكلەرنى. تاپمىدىم،تاپالمىدىم لايىقىڭنى، قۇياش،ئاي سۆيسۈن سېنىڭ ئايىغىڭنى. ئۇلۇغلار سېنى سۆيگۈم ھامان،دېمەك، ھېچ كىممۇ تۈگىتەلمەس بايلىقىڭنى. مېھرىڭنىڭ تامچىسىنى تاشقا بەردىم، مۆجىزە-كارامەتنى تاشقا تەردىم. تاشلاردىن ئۈنۈپ چىقتى مېھرىگىياھ، كۆز ئۈزرە پەرۋازلارغا قانات كەردىم. ئەجەپمۇ ئوخشايدىكەن تاڭلار ساڭا، سۆزلەيدۇ سەن توغرۇلۇق قىسسە ماڭا. باردەكلا تۇيۇلىسەن تاڭ قوينىدا، ئىزدەيمەن تاڭدىن سېنى،تاڭدىن ئانا. '''5''' ھېلىمۇ بىكەتلەردە تۇرامسەنكىن؟ ئوغلۇڭنى ئوغۇللاردىن سورامسەنكىن؟ گۈل خۇمار ئىدى ئوغلۇم گۈل كۆرسۇن دەپ، ھويلىنى كۆپ گۈللەرگە ئورامسەنكى؟ ئاجايىپ بىر كۆڭۈلنىڭ ئىگىسى سەن، ھەر كىمنى،ھەر كۆڭۈلنى شاھ بىلىسەن. يۇيىسەن كۆڭۈللەرنى كۆڭلۈڭ بىلەن، ئالەمدە كۆڭۈل ئىزدەپ،ئېھ،كېلىسەن! ئىزىڭدا نۇرلار ئاقار تارام- تارام، ۋالىلداش،يالتىراشلار ساڭا قارام. پۇرايسەن ئالما كەبى ھەردەم- ھەردەم، بېجىرىم ھەر نەپىسىڭ ماڭا ئارام. سېغىندىم،سېغىنىشنى تەگىدىم مەن. (يۈگەنسىز خىياللاردىن سەگىدىم مەن.) ئوخشىتىپ سېنى تاڭغا،تاڭدا تۇرۇپ، ئۆزۈڭدەك شۇ تاڭلارنى ئەگىدىم مەن. '''6''' ئامەت دەيمەن سەن كۆرگەن چۈشنى، ئامەت دەيمەن ئىزلىرىڭنى مەن. ئامان بول دەپ سالىمەن چۇقان، ئىككى ئالەم ھاياتىم ئۇ- سەن. ئامەت دەيمەن سەن چىققان دۆڭنى، ئامەت دەيمەن سەن بارغان چۆلنى. ئامان بول دەپ سالىمەن چۇقان: تىلەك تامچە،بەر،تەڭرىم،كۆلنى! '''7''' باغرىمدا بىر كۆيۈك بار مىسلى گۈلخان، جۇش ئۇرغان نۇر ئېقىنى سەزگۈلىرىم. شۇ تاپتا كېلىپ كەتتى بىردىن پىنھان، قۇياشنىڭ قۇچىقىنى كەزگۈلىرىم. قوللىرىم قاناتلارغا ئۆرۈلگەندەك، كەرسەملا باشلىنىدۇ بۈيۈك پەرۋاز. كۆزۈمگە ئاجايىبات كۆرۈنگەندەك، ئاڭلىدىم،ياڭراپ كەتتى غايىپ ئاۋاز. ئالدىمدا تۇرۇپ قالدى شۇندا دۇنيا، تۆكۈلۈپ قاسراقتەك ئىللەتلىرى. سۈزۈكلۈك ئىلاھىدەك ئۇ بىر گويا، ئاق قۇشتەك جەۋلان قىلار خىسلەتلىرى. ئىككىمىز بولۇپ كەتتۇق ئىرماش-چىرماش، غەمزىلەر قوندى كۈي بوپ قەترىلەرگە. تەۋەررۈك قەدەملەرگە قويۇشۇپ باش، شوخ گۈللەر كۆمۈۋەتتى ئەترىلەرگە. ئاجايىپ سۈرەتلەرنى بەردىڭ ماڭا، ئاجايىپ تۇيغۇلارنى قويدۇڭ قويۇپ. نۇرلارغا ئايلانمىسام ئېلىۋالامسەن، تۇيغۇ ۋە سۈرەتلەرنى دىلدىن ئۇيۇپ؟ '''8''' شېرىن چۈش ئالىمىدە تۇرماقتىمەن، يۇلتۇزلار چاراقلايدۇ زەررىلەردە. ئاجايىپ ئىنشائاتلار قۇرماقتىمەن، تاغلارنى يۈكلەپ گويا زەررىلەرگە! بەرگلەر بەرگلەرگە پىچىرلايدۇ، كۈيلەرگە تىنىپ كەتكەن بوشلۇقىمىز. <> ئۈزۈلمەس دېمەك خوشلۇق،خوشلۇقىمىز... سىرىڭنى سۆزلە،دېدىم تەبىئەتكە، ئېقىندەك ئاقتى گويا ھېكمەت دېگەن. بېشىمچە كىرىپ كەتتىم مۇھەببەتكە، لەززەتلىك،شۇنچە شىرىن،شۇنچە لېۋەن. يۈرەكتىن چۈشسە ئاڭا بىر يۇلتۇز-ئوت، يېنىشنى كۆرۈپ قويسۇن شۇندا يېنىش. چىن سۆيۈش-سۆيۈلۈشتە يۈز ئۆرۈش يوق، يالغانلار ئارىلاشسا بولار چېنىش. ھېسلىرىم چاچراپ تۇرار تۇتۇق بەرمەي، ھەر گۈلنى،ھەر ياپراقنى سۆيۈپ ئۆتەر. ھەر قەترە،ھەر زەررىدىن سۈمۈرۈپ مەي، كۆيدۈرۈپ ھەممىسىنى كۆيۈپ ئۆتەر. ئاز ئەمەس قازغان دۇرلار سەندىن پەۋەس، ئۇنى مەن يالغۇز ئۆزۈم ئالىمەنمۇ؟ ئولجىنى يالغۇز يېگەن يىگىت ئەمەس، ساڭىمۇ يېرىمىنى سالىمەنمۇ؟ '''9''' بالقىيدۇ قىيالاردا شۈمۈلگەن ئاي، ئەنە ئۇ سۈبھى ئۈزرە سىڭىپ كەتتى. تاشلارغا جان كىرگەندۇ بەلكى ئايھاي، پارلىغان يان بېغىرلار يېنىپ كەتتى. دۈرۈلدەپ تۆكۈلىدۇ يامرىغان نۇر، نۇرلارغا تاغۇ تاشلار قېنىپ كەتتى. تاڭ چېغى يارىتىلمىش قانداق مەغرۇر، ئۇ،تۈندىن،تۈن ئۇنىڭدىن تېنىپ كەتتى. ياڭرايدۇ تاش تىلىدا نۇر ناخشىسى، ئوخچۇيدۇ دىلدىن دىلغا شادلىنىشلار. ماختىلار ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى، نۇرلىنىش-نۇردىن نۇرغا ئاتلىنىشلار. ئاي ئۈزرە،نۇرلار ئۈزرە بىر قىياپەت، مەن ئۇندىن مەڭگۈ ھايات كۆرۈپ قالدىم. غۇبارسىز ۋەسىللەردە يوق قىيامەت، سۆزلە،تاڭ،سۆزلىرىڭگە كۆيۈپ قالدىم. '''10''' ئادەمدىن پەرىزاتقا ئايلاندىم مەن، دەسلەپ بىر پەرىزاتنى سۆيگىنىمدە. يوللاردا يولچى بولۇپ سايلاندىم مەن، ئاجايىپ ئوت ئىچىدە كۆيگىنىمدە. بىر قىران بۈركۈتكە نەق ئوخشاپ قالدىم، تور نېمە،تۇمان نېمە،چۈشمەس ئەسكە. ئاجايىپ خىياللارنى ئويلاپ قالدىم، نىگاھلار يۈكسەكلىكتە،چۈشمەس پەسكە. ھەسرەتنى يالغۇز ئۆزۈم ئالغۇم كەلدى، كۈلكىنى بارسۇن دېدىم ئۆزگىلەرگە. جۇت بىلەن يالغۇز ئۆزۈم قالغۇم كەلدى، خىرىس قىپ باغرى مۇزدەك رەزگىلەرگە. ئۆچكەن بىر چىراغلارنى پەرلىمىدىم، يانغاننىڭ بولدۇم شۇئان پەرۋانىسى. تىغ دەسسەپ يۈرگەندىمۇ تەرلىمىدىم، ئاتالدىم مەردانىنىڭ مەردانىسى. چاڭلارنى،توزانلارنى يەلگە بەردىم، ئۆزۈڭنىڭ شورى دېدىم،توزغانلارغا. ئاق يول دەپ،مۇبارەك دەپ بەلگە بەردىم، بەيگىدە مەنزىللەرگە ئوزغانلارغا. شولىدەك پەيدا بولدۇم ھەر كەڭلىكتە، چاقنىدىم،ۋالىلدىدىم،تاراپ كەتتىم. قالمىدىم سىناقلاردا ھېچ تەڭلىكتە، ئىشقىلىپ كارغا كەلدىم،ياراپ كەتتىم. دەۋرىسە دەريا بولۇپ تاغلار راۋان، كۆرۈمەن ئاشۇ ئالتۇن چاغلىرىمنى. ياكى سەن تۇنجى سۆيگۈ يا سۆيگۈ تاڭ، باغرىڭغا تېڭىپ قوياي باغلىرىمنى. بىر قانداق قۇسۇر يوقتۇر سۆزلىرىمدە، يىك بېسىپ تۇرغاندۇر-ھە سۆزلىشىشلەر؟! زور سەنۇ،سىغىپ كەتتىڭ كۆزلىرىمگە، كۆزلەردىن باشلىنىدۇ ئۆزلىشىشلەر. '''11''' شان ئۈچۈن ئاتالغاندۇر ھەيرانلىقىم، تولغاندىم،ھۆسنۈڭنى دەپ ياتالمىدىم. سەن ئۈچۈن بولدى ئۈنچە قازغانلىقىم، ئىزدىدىم،تەرىپىڭنى تاپالمىدىم. سوقۇلدۇم زېمىندىكى ھارارەتكە، سۆيۈمەن مەڭگۈ بۇنداق سوقۇلۇشنى. ئورايمەن سېنى سۆيگۈ-جاسارەتكە، سۆيگۈلەر بىلمەس ھەرگىز سوغۇلۇشنى. شاخارىپ كەتتى يەنە مەغۇرۇرلۇقۇم، ئىگە دەپ مەنمۇ سېنىڭ ھەر قەترەڭگە. بەخشەندە ئىلھاملىرىم ئالەم-ئالەم، مۇقەددەس،تەڭدىشى يوق ھەر زەررەڭگە. '''12''' بىر پورەك ياقا يىرتتى كۆرۈپ قالدىم، ئېڭىمدا جىمى جاھان يورۇپ كەتتى. پەيزىنى تەبىئەتنىڭ سۈرۈپ قالدىم، ئىلھامىم ئاياغلاندى،تۇرۇپ كەتتى. يايرىدى گۈل-گىياھلار سەزمەكتىمەن، ئۆزگىچە ئەمەس خىلى جېنىمىزدىن. قەترىلەر مىسلى دېڭىز كەزمەكتىمەن، ئۇندا قان پەرقسىزدۇر قېنىمىزدىن. زېمىننى ئېمەر پورەك،كۆكنى ئېمەر، ئېسىللىق پۈتۈلگەنكەن يىلتىزلارغا. ھېسابسىز شەربەت ئىچەر،كەۋسەر ئىچەر، چاراقلاپ قارايدۇ ئۇ يۇلتۇزلارغا. ئېچىلدى بىر تال پورەك،بىر تال غۇنچە، لەۋسىمان بەرگىلەردە،كۈلكە،كۈلكە. شادلىققا ئوخشاپ قالدى پورەك شۇنچە، يۈرەكلەر ئوخشاپ قالدى گۈلگە،گۈلگە. گۈللەر ھەم،پورەكلەر ھەم يېيىشتى رەڭ، سۆيۈنۈش،بەخش ئەتتى تاڭدا ھەريان. مىڭ پورەك شادلىقىنى سۆزلەيدۇ كەڭ، بىر پورەك ۋەسلىدىكى ئاشۇ جەريان. پارلاق بىرجىلۋىلەرگە كۆمۈۋەتتىڭ، ئۇنىڭسىز دەمدىن دەمگە ئۆتەلمەيمەن. ھېسابسىز ئىشتىياقنى تۆكۈۋەتتىڭ، ئۇنىڭسىز نەپەس ئېلىپ يۈرەلمەيمەن! '''13''' كۆڭۈلسىز كەچمىشلەرنى ئەسلەتمەيسەن، كۆڭلۈمنى ئۆستۈرىسەن،پەسلەتمەيسەن. چىنلىققا تەڭرى دېسە،سېنى دېسۇن، راستچىلسەن،ھۆل كېسەككە دەسسەتمەيسەن. بارمايمەن ئەمچىلەرگە يارىلانسام، سەن بارسەن شىپا ئىزدەپ دارىلانسام. ۋە ياكى ساڭا ئوخشاش يانغىنىمچۈن، ئىچ-تېشى ئالىلاردىن ئالىلانسام. ئۆسەكلەر قاپلىغاندا گاھى-گاھى، بۇ ئەسلى ئاجىزلىقنىڭ مۇڭلۇق ئاھى. بۇمۇ بىر بەندىلىكتە،بەندىلىكتىن، پاك ئەمەس بەندىلەرنىڭ بۇ دەرگاھى! ھېكمەتلىك سېنىڭ قولۇڭ قۇياش،قۇياش، سىيپىدىڭ بولدى تېنىم ساڭا ئوخشاش. ئىككىمىز سۆزلىشىمىز،بېجىرىممەن، مەن مەڭگۈ قېرىمايمەن،مەن مەڭگۈ ياش. == '''14''' == تاڭ يەنە كۆرگىن دېدى،بۈگۈن سىزنى، ئۇچراشتۇق،نۇر قۇتلىدى ئىككىمىزنى. ئايرىلىش ئۈزۈلمەپتۇ ئارىدىكى، ئۇستازلىق ۋە شاگىرتلىق رىشتىمىزنى. تاڭدەك بوپ كېتىپسىزغۇ،يالتىرايسىز، بىلىمەن،يالتىراشقا ئالدىرايسىز. ئىزگۈلۈك ئىزدەيسىزا،ئىزدەيسىزا، ئىزگۈلۈكتىن ئۆزگىگە قارىمايسىز. ياش تولدى كۆزلىرىمگە،ئېسەدىدىم، يۈرەككە ئەرك بەردىم،تېپە،دېدىم. نېمانچە لەززەتلىكتۇر دىدارلىشىش، كۆڭلۈمگە تاڭ شارابىن ئىچە،دېدىم. ھەممىگە مېھرىڭىزنى تەڭ تۆكتىڭىز، قالتىسسىز،تار يەردىمۇ كەڭ ئۆتتىڭىز. كەستىڭىز ئەتىمىزگە توغرا كېسىم، گۇگۇمدەك قاراشلارنى بەك سۆكتىڭىز. ئاتا بوپ يېتىملەرگە غەم يېدىڭىز، مەن تۇرغاندا يېتىم يوق،كەل دېدىڭىز. ياغدى سىزدىن شاپائەت ئاق يامغۇردەك، ئورمان ئېيىتقان ناخشىلار سىز ئىدىڭىز. بالا-بەخىت،دېگەن بىر سۆزىڭىز بار، بەخىت-قۇتنى قويۇشتا ئۆزىڭىز بار. ئىشەنمىسە قارىسۇن لوقمان ھېكىم، كۆزىمىزدە ھازىرمۇ كۆزىڭىز بار. تۇغۇلۇپسىز بىز ئۈچۈن ئەمدى بىلسەك، قەلبىڭىزنى باغ سۆزلەر باغقا كىرسەك. ئەجرىڭىز بار تۈگىمەس زىممىمىزدە، سىزنى دەيمىز ھەر جايدا ئۇلۇغ دېسەك. تاڭدەك بوپ كېتىپسىزغۇ،يالتىرايسىز، بىلىمەن،يالتىراشقا ئالدىرايسىز. ئىزگۈلۈك ئىزدەيسىزا،ئىزدەيسىزا، ئىزگۈلۈكتىن ئۆزگىگە قارىمايسىز! == '''15''' == ئۇچراشتۇقمۇ؟ئۇچراشتۇق،مەيلى،مەيلى، ئۇپۇق بولار،كۆك بولار قىسمىتىمىز. تۆت يۇمۇم لەۋ گوياكى لەيلى،لەيلى، سۆيۈش بىلەن ئۆلچەنسۇن خىسلىتىمىز. چاقىرماقتا،ئاق يوللار چاقىرماقتا، يېڭى كۈندە يېڭىدىن ئىشىك ئېچىپ. چاقىرماقتا،ئاق يوللار چاقىرماقتا، ئۆزلەشكۈچى ئامەتتىن چاچقۇ چېچىپ. چاقىرماقتا،گۈل باغلار چاقىرماقتا، تەشنا كۈتكەن قىزىل گۈل دەستە-دەستە. چاقىرماقتا،گۈل باغلار چاقىرماقتا، سەپكە تۇرغان چىمەنلەر رەستە،رەستە. تارتىشمايمىز،باقمايمىز،قارىمايمىز، كەينىمىزدە قېپقالغان تۇريغۇلارغا. ئالدىمىزدا بەخت بار،يالتىرايدۇ، ئۈزۈپ گۇيا بەختىيار تۇيغۇلاردا... قېنى چاپسان ماڭايلى تاشلاپ قەدەم، سەزگۈ باشقا،ھېس باشقا،سەپەر باشقا. تىنىقلارغا ئۇرۇلدى ھاياتىي دەم، تۇتاشقاندۇر بىزنىڭ يول دەل قۇياشقا! == '''16''' == ياخشىلىقسىز ياشىماس،ياخشى جانلار، ياخشىلىققا كۆمۈلدۈم،خامان ئالدىم. تومۇرۇمدا جۇش ئۇردى يېڭى قانلار، ئاپەتلەردىن قۇتۇلدۇم،ئامان قالدىم. چۆللەر كەزدىم،ئالۋۇنغا كۆزۈم چۈشتى، چاڭقاپ ئۆلدۈم،قەترە سۇ بولدى ھايات! كارامىتىم پاش بولدى،ئۈنۈم ئۆچتى، قوندى باشقا قۇش بولۇپ قارا مامات! يولچى قۇيغان سۇ تاراپ تەنگە پەقەت، ھاياتىمنى خەتەردىن تارتىۋالدىم. قايتا كىرگەن جان قالتىس،قۇدرەت قالتىس، تاغنى يۈدتۈم،ئۇچامغا ئارتىۋالدىم. شېرىن- شەربەت تاغلاردىن ئۆتكىنىمدە، شېرىن- شەربەت ياشناتتى بويلىرىمنى. شىرنىسى يوق دەرەخنى سۆككىنىمدە، بىلىۋالدى مېۋىلەر ئويلىرىمنى. نۇر ۋەسلىدىن ۋەسلىمگە نۇر يۇققاندەك، ياخشىلاردىن ياخشىلىق يۇقتى ماڭا. ئاشۇلارنى سەن ئۇققىن،مەن ئۇققاندەك، ئاشۇلارنى ئامانەت قوياي ساڭا! == '''17''' == تار تىترەپ،تارلار بويلاپ كۈي ئاققاندا، كۆزۈمگە يار سۈرەتلىك ئاي باققاندا. ئالتۇنغا ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم، جىلۋىلەر چىرىغىغا ئوت ياققاندا... كۆرمىگەن بىر چېچەكنى كۆرگىنىمدە، سۆيمىگەن بىر ياپراقنى سۆيگىنىمدە؛ كۈمۈشكە ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم، كۆيمىگەن ئوت ئىچىدە كۆيگىنىمدە. شاماللار قانىتىدا ئىپار ئاڭقىپ، يېڭى بىر پۇراق بىلەن ئۆتسە چاڭقىپ. ئىپارغا ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم، بارمىغان جايلار قالماي تازا قاڭقىپ. كۆزۈمدە يېڭى ھۆسىن،رەڭ ئوينىسا، پەيزىگە پەيزى خۇمار دىل تويمىسا؛ رەڭلەرگە ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم، كۈلمەيسەن،كۈلەلمەيسەن رەڭ بولمىسا. مەن سۆزلەپ خىياللارنى ساڭا بەردىم، چىلان تۇپراق،مۇنبەت يەر ئۇرۇق تەردىم. بىخ سۆزلەيدۇ بەرگىلەر قىسسىسىنى، گۈزەللىككە جان تەردىم،قويۇق تەردىم. 1988-يىلى ئىيۇن،ئۈرۈمچى == '''ئەقىدە''' == مەن تېخى تاقەتتىن ۋاز كەچكىنىم يوق، سەن دېگەن دوقمۇشتا تۇرىمەن كۈتۈپ. ھەر سۆزۈڭ كىرىچتىن ئۈزۈلگەن بىر ئوق، ماڭلايغا قىسمەتنى قويغان چىڭ پۈتۈپ. بىر دەملىك يادىڭغا ئۆمرۈم تەسەددۇق، سەن ياغقان چىراقلار قالمايدۇ ئۆچۈپ. شۈركۈنلۈك شىۋىرغان دەۋەتلەر گۇيا، تۇرىدۇ قۇلاققا ھەردەم قۇيۇلۇپ: «يىتكەنلەر يوقالدى،ئاشۇنداق دۇنيا، جۇلغۇنۇپ تۇرىدۇ ئۆمۈر سويۇلۇپ. يېڭى بىر كۆرپەزلەر،بىر ئالتۇن قىيا. ئالدىڭدا،يۈرمىگىن ئەمدى ئۇيۇلۇپ...» سەن يۈرگەن يوللاردا كېلىمەن يالغۇز، چىقمايدۇ ئىچىمدىن ئاشۇ بىر سادا. كەچمىشلەر شېرىندۇر بەئەينى بالمۇز، سۆيگۈلەر ئاسماندىن قۇيۇلغان يادا. قىياغا چىقمايمەن،قېشىڭغا ئالغۇز، قىزغىنىش،ھىجراندىن بولايلى ئادا. ھەسرەتلەر قاينايدۇ،چاپچىيدۇ پىغان، ئالەمدە ئەستىلىك تەڭرى نەقەدەر. ئۇ قىلار ھۆسنىڭنى ماڭا ئارمىغان، ئىزلىرىڭ مەھكۇمدۇر،ئىزدەي دەربەدەر. سەرۋىلەر بەرگىدە ئىپار چاڭقىغان، قولۇڭنى ماڭا سۇن!ئەكەل،ماڭا بەر. [[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:رۇبائىي]] [[تۈر:ئوسمانجان ساۋۇت]] lk66vq9zpnjoqn4opv2klgmj93w3upd 176643 176642 2026-10-18T21:43:01Z UyghurArchive 25219 176643 wikitext text/x-wiki == '''ماۋزۇسىز شېئىرلار''' == ۋىجدانەن ياشىدىم،بىر نى بىر دېدىم، بېشىمدا ئوينىدى قان چېچىپ تاياق. ئىت بولۇپ ياشىدىم،ھەر نېمە يېدىم، ئالدىمغا قويۇلدى ئالتۇندىن ئاياق! ئۇيۇلۇپ ياشىدىم،ئۇپرىدى خوپ جان، كېمەيدى نېسىۋەم،تارايدى يوللار...! تەلۋىگە ئايلاندىم،كۆتۈردۈم چۇقان، ئاسمانغا ئېتىشتى مېنى كۆپ قوللار... ياخشىلىق تىلىدىم ھەركىمگە ھەر كۈن، ئورۇلدى بۇغدىيىم تېخى پىشماي خام. جىن بولۇپ ياشىدىم،ياتمىدىم ھەر تۈن، نى كۆركەم پەرىلەر ماڭا بولدى رام. مېھرىمنى خەجلىدىم،سۆيگۈ تاراتتىم، نەپرەتلىك نىگاھلار تەشتى قەددىمنى. ئۆكتەمگە ئايلاندىم،كۆپنى قاراتتىم، نازاكەت،جىلۋىلەر ئالدى ھەددىمنى. ئاھ پەلەك نېمەدەي مىجەزىڭ تەتۈر، سەن بىلگەن نە ئوي بار كەلتۈرە،كەلتۈر! == '''تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش''' == == '''1''' == سىنچىلاپ قاراپ باقتىم تاڭ ۋەسلىگە، بىھېساپ سىرلار ئاڭا ئۈيۈلگەندەك. ئويلىسام ئۇنىڭدىكى سىر ئەسلىدە، ئىش ئىكەن گۇياسۆيگەن،سۆيۈلگەندەك. سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشتە سىر بولمايدۇ، يۈرەكلەر ئېچىۋېتەر مىڭ قېتىنى. ھەر قاتتا تۈمەن زەررە نۇر ئوينايدۇ، شۇڭا قۇت قويغان سۆيگۈ ئۆز ئېتىنى. ياپراقلار،گۈل كاسسىسى،چېچەك شەبنەم، نۇرلاردىن نۇردىن ئۆزگە سىر سەزمەيدۇ. دىلىنى يۇشۇرمايدۇ تىلسىز ئالەم، بەل كېزەر ئۇندا،ئەمما سىر كەزمەيدۇ. ۋاراقلاپ ئوقۇپ چىقتىم تاڭ بىر كىتاب، ھېكمىتى كۆپ،يوق ئەمما چۈمپەردىسى. تاڭ ئەينى دېدى تېڭىم قىلىپ خىتاب، پەردىسىز يۈرەكلەرنىڭ سەھىپىسى. == '''2''' == تۈگىمەس كۈيدۇر ماڭا پارلاق تاڭلار، تۈگىمەس كۈي ھەققىدە مېنىڭ قىسسەم. تاڭلاردىن تۇغۇلىدۇ تاڭدەك ئاڭلار، تاڭ بىلەن ئېرىپ پۈتەر غەمۇ- غۇسسەم. رەڭلەرنىڭ جىلۋىسىدىن كۆز قامىشار، ئۇپۇققا ئۇيۇپ قالار مۇھەببىتىم. شولىلار چوققىلارغا ئۆز،يامىشار، ئاياغسىز قالار تاڭغا قانائىتىم. تارلارغا قونۇپ قالار شوخ ئاھاڭلار، كۆرسىتىپ يۈرەكلەرگە كارامەتنى. تاڭ سازى جاراڭلايدۇ،دىل جاراڭلار، تۇيغۇلار باشلىۋېتەر پاراغەتنى... ھاياجان پەللىسىدە تۇرۇپ قالدىم، بۇ سېنىڭ خۇمارلىقنى تەرگىنىڭمۇ؟ سېنىڭدە دىلبىرىمنى كۆرۈپ قالدىم، ئاخشام ئاي تىقىۋالغان ئىدى ئۇنى، بۇ سېنىڭ ياندۇرغىنىڭ،بەرگىنىڭمۇ؟ == '''3''' == سېنىڭدىن يىراقلاردا يۈرگىنىمدە، ساڭا تەن ھېسلىرىمنى بۆلگىنىمدە؛ خۇمارى تۇتۇپ يەنە ئەركىلەشنىڭ، سېغىنىش ھەسرىتىدىن ئۆلگىنىمدە؛ تاڭلارغا تەشنا بولۇپ قاراپ باقتىم، چېچىڭ دەپ شولىلارنى تاراپ باقتىم. مېھرىڭدەك مېھىر ئىزدەپ تاڭ ۋەسلىدىن، خېلى بىر چاغلارغىچە ماراپ باقتىم. جورۇيمەن ياخشىلىققا چۈشلىرىمنى، سەپەرۋەر قىلىپ ھەممە ھوشلىرىمنى. تاڭ بىلەن يېتىپ بار،دەپ سەن تەرەپكە ئۇچۇردۇم خىيالىمنىڭ قۇشلىرىنى. ھومىيىپ قاراپ قويدۇڭ ماڭا ئاخشام، چۈشۈمكەن،تۈمەن شۈكرى،پۈتۈن ئاخشام، ئوغلۇڭنىڭ يۈرىكىدە بىر سېغىنىش، زېمىنمۇ كۆيۈپ كېتەر ئۇنى ياقسام! تاڭلارغا تەشنا بولۇپ قاراپ باقتىم، چېچىڭ دەپ شولىلارنى تاراپ باقتىم. مېھرىڭدەك مېھىر ئىزدەپ تاڭ ۋەسلىدىن، خېلى بىر چاغلارغىچە ماراپ باقتىم. == '''4''' == تاڭ بىلەن تۆشىكىمدىن تۇرغىنىمدا، سۈبھىگە قوللىرىمنى سۇنغىنىمدا؛ دۇئادا دەپ ئويلايمەن،سېنى،ئانا، ئاۋازىڭ جاراڭلايدۇ قۇلىقىمدا. پىراقىڭ جىغىلدىتار يۈرەكلەرنى، تىكەندىن ئېچىلدۇرار پورەكلەرنى. سەن ئۈچۈن ئىزدىۋېدىم ئېسىل سوۋغات، مەۋجۇدات باشلىۋەتتى كۆرەكلەرنى. تاپمىدىم،تاپالمىدىم لايىقىڭنى، قۇياش،ئاي سۆيسۈن سېنىڭ ئايىغىڭنى. ئۇلۇغلار سېنى سۆيگۈم ھامان،دېمەك، ھېچ كىممۇ تۈگىتەلمەس بايلىقىڭنى. مېھرىڭنىڭ تامچىسىنى تاشقا بەردىم، مۆجىزە-كارامەتنى تاشقا تەردىم. تاشلاردىن ئۈنۈپ چىقتى مېھرىگىياھ، كۆز ئۈزرە پەرۋازلارغا قانات كەردىم. ئەجەپمۇ ئوخشايدىكەن تاڭلار ساڭا، سۆزلەيدۇ سەن توغرۇلۇق قىسسە ماڭا. باردەكلا تۇيۇلىسەن تاڭ قوينىدا، ئىزدەيمەن تاڭدىن سېنى،تاڭدىن ئانا. == '''5''' == ھېلىمۇ بىكەتلەردە تۇرامسەنكىن؟ ئوغلۇڭنى ئوغۇللاردىن سورامسەنكىن؟ گۈل خۇمار ئىدى ئوغلۇم گۈل كۆرسۇن دەپ، ھويلىنى كۆپ گۈللەرگە ئورامسەنكى؟ ئاجايىپ بىر كۆڭۈلنىڭ ئىگىسى سەن، ھەر كىمنى،ھەر كۆڭۈلنى شاھ بىلىسەن. يۇيىسەن كۆڭۈللەرنى كۆڭلۈڭ بىلەن، ئالەمدە كۆڭۈل ئىزدەپ،ئېھ،كېلىسەن! ئىزىڭدا نۇرلار ئاقار تارام- تارام، ۋالىلداش،يالتىراشلار ساڭا قارام. پۇرايسەن ئالما كەبى ھەردەم- ھەردەم، بېجىرىم ھەر نەپىسىڭ ماڭا ئارام. سېغىندىم،سېغىنىشنى تەگىدىم مەن. (يۈگەنسىز خىياللاردىن سەگىدىم مەن.) ئوخشىتىپ سېنى تاڭغا،تاڭدا تۇرۇپ، ئۆزۈڭدەك شۇ تاڭلارنى ئەگىدىم مەن. == '''6''' == ئامەت دەيمەن سەن كۆرگەن چۈشنى، ئامەت دەيمەن ئىزلىرىڭنى مەن. ئامان بول دەپ سالىمەن چۇقان، ئىككى ئالەم ھاياتىم ئۇ- سەن. ئامەت دەيمەن سەن چىققان دۆڭنى، ئامەت دەيمەن سەن بارغان چۆلنى. ئامان بول دەپ سالىمەن چۇقان: تىلەك تامچە،بەر،تەڭرىم،كۆلنى! == '''7''' == باغرىمدا بىر كۆيۈك بار مىسلى گۈلخان، جۇش ئۇرغان نۇر ئېقىنى سەزگۈلىرىم. شۇ تاپتا كېلىپ كەتتى بىردىن پىنھان، قۇياشنىڭ قۇچىقىنى كەزگۈلىرىم. قوللىرىم قاناتلارغا ئۆرۈلگەندەك، كەرسەملا باشلىنىدۇ بۈيۈك پەرۋاز. كۆزۈمگە ئاجايىبات كۆرۈنگەندەك، ئاڭلىدىم،ياڭراپ كەتتى غايىپ ئاۋاز. ئالدىمدا تۇرۇپ قالدى شۇندا دۇنيا، تۆكۈلۈپ قاسراقتەك ئىللەتلىرى. سۈزۈكلۈك ئىلاھىدەك ئۇ بىر گويا، ئاق قۇشتەك جەۋلان قىلار خىسلەتلىرى. ئىككىمىز بولۇپ كەتتۇق ئىرماش-چىرماش، غەمزىلەر قوندى كۈي بوپ قەترىلەرگە. تەۋەررۈك قەدەملەرگە قويۇشۇپ باش، شوخ گۈللەر كۆمۈۋەتتى ئەترىلەرگە. ئاجايىپ سۈرەتلەرنى بەردىڭ ماڭا، ئاجايىپ تۇيغۇلارنى قويدۇڭ قويۇپ. نۇرلارغا ئايلانمىسام ئېلىۋالامسەن، تۇيغۇ ۋە سۈرەتلەرنى دىلدىن ئۇيۇپ؟ == '''8''' == شېرىن چۈش ئالىمىدە تۇرماقتىمەن، يۇلتۇزلار چاراقلايدۇ زەررىلەردە. ئاجايىپ ئىنشائاتلار قۇرماقتىمەن، تاغلارنى يۈكلەپ گويا زەررىلەرگە! بەرگلەر بەرگلەرگە پىچىرلايدۇ، كۈيلەرگە تىنىپ كەتكەن بوشلۇقىمىز. <> ئۈزۈلمەس دېمەك خوشلۇق،خوشلۇقىمىز... سىرىڭنى سۆزلە،دېدىم تەبىئەتكە، ئېقىندەك ئاقتى گويا ھېكمەت دېگەن. بېشىمچە كىرىپ كەتتىم مۇھەببەتكە، لەززەتلىك،شۇنچە شىرىن،شۇنچە لېۋەن. يۈرەكتىن چۈشسە ئاڭا بىر يۇلتۇز-ئوت، يېنىشنى كۆرۈپ قويسۇن شۇندا يېنىش. چىن سۆيۈش-سۆيۈلۈشتە يۈز ئۆرۈش يوق، يالغانلار ئارىلاشسا بولار چېنىش. ھېسلىرىم چاچراپ تۇرار تۇتۇق بەرمەي، ھەر گۈلنى،ھەر ياپراقنى سۆيۈپ ئۆتەر. ھەر قەترە،ھەر زەررىدىن سۈمۈرۈپ مەي، كۆيدۈرۈپ ھەممىسىنى كۆيۈپ ئۆتەر. ئاز ئەمەس قازغان دۇرلار سەندىن پەۋەس، ئۇنى مەن يالغۇز ئۆزۈم ئالىمەنمۇ؟ ئولجىنى يالغۇز يېگەن يىگىت ئەمەس، ساڭىمۇ يېرىمىنى سالىمەنمۇ؟ == '''9''' == بالقىيدۇ قىيالاردا شۈمۈلگەن ئاي، ئەنە ئۇ سۈبھى ئۈزرە سىڭىپ كەتتى. تاشلارغا جان كىرگەندۇ بەلكى ئايھاي، پارلىغان يان بېغىرلار يېنىپ كەتتى. دۈرۈلدەپ تۆكۈلىدۇ يامرىغان نۇر، نۇرلارغا تاغۇ تاشلار قېنىپ كەتتى. تاڭ چېغى يارىتىلمىش قانداق مەغرۇر، ئۇ،تۈندىن،تۈن ئۇنىڭدىن تېنىپ كەتتى. ياڭرايدۇ تاش تىلىدا نۇر ناخشىسى، ئوخچۇيدۇ دىلدىن دىلغا شادلىنىشلار. ماختىلار ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى، نۇرلىنىش-نۇردىن نۇرغا ئاتلىنىشلار. ئاي ئۈزرە،نۇرلار ئۈزرە بىر قىياپەت، مەن ئۇندىن مەڭگۈ ھايات كۆرۈپ قالدىم. غۇبارسىز ۋەسىللەردە يوق قىيامەت، سۆزلە،تاڭ،سۆزلىرىڭگە كۆيۈپ قالدىم. == '''10''' == ئادەمدىن پەرىزاتقا ئايلاندىم مەن، دەسلەپ بىر پەرىزاتنى سۆيگىنىمدە. يوللاردا يولچى بولۇپ سايلاندىم مەن، ئاجايىپ ئوت ئىچىدە كۆيگىنىمدە. بىر قىران بۈركۈتكە نەق ئوخشاپ قالدىم، تور نېمە،تۇمان نېمە،چۈشمەس ئەسكە. ئاجايىپ خىياللارنى ئويلاپ قالدىم، نىگاھلار يۈكسەكلىكتە،چۈشمەس پەسكە. ھەسرەتنى يالغۇز ئۆزۈم ئالغۇم كەلدى، كۈلكىنى بارسۇن دېدىم ئۆزگىلەرگە. جۇت بىلەن يالغۇز ئۆزۈم قالغۇم كەلدى، خىرىس قىپ باغرى مۇزدەك رەزگىلەرگە. ئۆچكەن بىر چىراغلارنى پەرلىمىدىم، يانغاننىڭ بولدۇم شۇئان پەرۋانىسى. تىغ دەسسەپ يۈرگەندىمۇ تەرلىمىدىم، ئاتالدىم مەردانىنىڭ مەردانىسى. چاڭلارنى،توزانلارنى يەلگە بەردىم، ئۆزۈڭنىڭ شورى دېدىم،توزغانلارغا. ئاق يول دەپ،مۇبارەك دەپ بەلگە بەردىم، بەيگىدە مەنزىللەرگە ئوزغانلارغا. شولىدەك پەيدا بولدۇم ھەر كەڭلىكتە، چاقنىدىم،ۋالىلدىدىم،تاراپ كەتتىم. قالمىدىم سىناقلاردا ھېچ تەڭلىكتە، ئىشقىلىپ كارغا كەلدىم،ياراپ كەتتىم. دەۋرىسە دەريا بولۇپ تاغلار راۋان، كۆرۈمەن ئاشۇ ئالتۇن چاغلىرىمنى. ياكى سەن تۇنجى سۆيگۈ يا سۆيگۈ تاڭ، باغرىڭغا تېڭىپ قوياي باغلىرىمنى. بىر قانداق قۇسۇر يوقتۇر سۆزلىرىمدە، يىك بېسىپ تۇرغاندۇر-ھە سۆزلىشىشلەر؟! زور سەنۇ،سىغىپ كەتتىڭ كۆزلىرىمگە، كۆزلەردىن باشلىنىدۇ ئۆزلىشىشلەر. == '''11''' == شان ئۈچۈن ئاتالغاندۇر ھەيرانلىقىم، تولغاندىم،ھۆسنۈڭنى دەپ ياتالمىدىم. سەن ئۈچۈن بولدى ئۈنچە قازغانلىقىم، ئىزدىدىم،تەرىپىڭنى تاپالمىدىم. سوقۇلدۇم زېمىندىكى ھارارەتكە، سۆيۈمەن مەڭگۈ بۇنداق سوقۇلۇشنى. ئورايمەن سېنى سۆيگۈ-جاسارەتكە، سۆيگۈلەر بىلمەس ھەرگىز سوغۇلۇشنى. شاخارىپ كەتتى يەنە مەغۇرۇرلۇقۇم، ئىگە دەپ مەنمۇ سېنىڭ ھەر قەترەڭگە. بەخشەندە ئىلھاملىرىم ئالەم-ئالەم، مۇقەددەس،تەڭدىشى يوق ھەر زەررەڭگە. == '''12''' == بىر پورەك ياقا يىرتتى كۆرۈپ قالدىم، ئېڭىمدا جىمى جاھان يورۇپ كەتتى. پەيزىنى تەبىئەتنىڭ سۈرۈپ قالدىم، ئىلھامىم ئاياغلاندى،تۇرۇپ كەتتى. يايرىدى گۈل-گىياھلار سەزمەكتىمەن، ئۆزگىچە ئەمەس خىلى جېنىمىزدىن. قەترىلەر مىسلى دېڭىز كەزمەكتىمەن، ئۇندا قان پەرقسىزدۇر قېنىمىزدىن. زېمىننى ئېمەر پورەك،كۆكنى ئېمەر، ئېسىللىق پۈتۈلگەنكەن يىلتىزلارغا. ھېسابسىز شەربەت ئىچەر،كەۋسەر ئىچەر، چاراقلاپ قارايدۇ ئۇ يۇلتۇزلارغا. ئېچىلدى بىر تال پورەك،بىر تال غۇنچە، لەۋسىمان بەرگىلەردە،كۈلكە،كۈلكە. شادلىققا ئوخشاپ قالدى پورەك شۇنچە، يۈرەكلەر ئوخشاپ قالدى گۈلگە،گۈلگە. گۈللەر ھەم،پورەكلەر ھەم يېيىشتى رەڭ، سۆيۈنۈش،بەخش ئەتتى تاڭدا ھەريان. مىڭ پورەك شادلىقىنى سۆزلەيدۇ كەڭ، بىر پورەك ۋەسلىدىكى ئاشۇ جەريان. پارلاق بىرجىلۋىلەرگە كۆمۈۋەتتىڭ، ئۇنىڭسىز دەمدىن دەمگە ئۆتەلمەيمەن. ھېسابسىز ئىشتىياقنى تۆكۈۋەتتىڭ، ئۇنىڭسىز نەپەس ئېلىپ يۈرەلمەيمەن! == '''13''' == كۆڭۈلسىز كەچمىشلەرنى ئەسلەتمەيسەن، كۆڭلۈمنى ئۆستۈرىسەن،پەسلەتمەيسەن. چىنلىققا تەڭرى دېسە،سېنى دېسۇن، راستچىلسەن،ھۆل كېسەككە دەسسەتمەيسەن. بارمايمەن ئەمچىلەرگە يارىلانسام، سەن بارسەن شىپا ئىزدەپ دارىلانسام. ۋە ياكى ساڭا ئوخشاش يانغىنىمچۈن، ئىچ-تېشى ئالىلاردىن ئالىلانسام. ئۆسەكلەر قاپلىغاندا گاھى-گاھى، بۇ ئەسلى ئاجىزلىقنىڭ مۇڭلۇق ئاھى. بۇمۇ بىر بەندىلىكتە،بەندىلىكتىن، پاك ئەمەس بەندىلەرنىڭ بۇ دەرگاھى! ھېكمەتلىك سېنىڭ قولۇڭ قۇياش،قۇياش، سىيپىدىڭ بولدى تېنىم ساڭا ئوخشاش. ئىككىمىز سۆزلىشىمىز،بېجىرىممەن، مەن مەڭگۈ قېرىمايمەن،مەن مەڭگۈ ياش. == '''14''' == تاڭ يەنە كۆرگىن دېدى،بۈگۈن سىزنى، ئۇچراشتۇق،نۇر قۇتلىدى ئىككىمىزنى. ئايرىلىش ئۈزۈلمەپتۇ ئارىدىكى، ئۇستازلىق ۋە شاگىرتلىق رىشتىمىزنى. تاڭدەك بوپ كېتىپسىزغۇ،يالتىرايسىز، بىلىمەن،يالتىراشقا ئالدىرايسىز. ئىزگۈلۈك ئىزدەيسىزا،ئىزدەيسىزا، ئىزگۈلۈكتىن ئۆزگىگە قارىمايسىز. ياش تولدى كۆزلىرىمگە،ئېسەدىدىم، يۈرەككە ئەرك بەردىم،تېپە،دېدىم. نېمانچە لەززەتلىكتۇر دىدارلىشىش، كۆڭلۈمگە تاڭ شارابىن ئىچە،دېدىم. ھەممىگە مېھرىڭىزنى تەڭ تۆكتىڭىز، قالتىسسىز،تار يەردىمۇ كەڭ ئۆتتىڭىز. كەستىڭىز ئەتىمىزگە توغرا كېسىم، گۇگۇمدەك قاراشلارنى بەك سۆكتىڭىز. ئاتا بوپ يېتىملەرگە غەم يېدىڭىز، مەن تۇرغاندا يېتىم يوق،كەل دېدىڭىز. ياغدى سىزدىن شاپائەت ئاق يامغۇردەك، ئورمان ئېيىتقان ناخشىلار سىز ئىدىڭىز. بالا-بەخىت،دېگەن بىر سۆزىڭىز بار، بەخىت-قۇتنى قويۇشتا ئۆزىڭىز بار. ئىشەنمىسە قارىسۇن لوقمان ھېكىم، كۆزىمىزدە ھازىرمۇ كۆزىڭىز بار. تۇغۇلۇپسىز بىز ئۈچۈن ئەمدى بىلسەك، قەلبىڭىزنى باغ سۆزلەر باغقا كىرسەك. ئەجرىڭىز بار تۈگىمەس زىممىمىزدە، سىزنى دەيمىز ھەر جايدا ئۇلۇغ دېسەك. تاڭدەك بوپ كېتىپسىزغۇ،يالتىرايسىز، بىلىمەن،يالتىراشقا ئالدىرايسىز. ئىزگۈلۈك ئىزدەيسىزا،ئىزدەيسىزا، ئىزگۈلۈكتىن ئۆزگىگە قارىمايسىز! == '''15''' == ئۇچراشتۇقمۇ؟ئۇچراشتۇق،مەيلى،مەيلى، ئۇپۇق بولار،كۆك بولار قىسمىتىمىز. تۆت يۇمۇم لەۋ گوياكى لەيلى،لەيلى، سۆيۈش بىلەن ئۆلچەنسۇن خىسلىتىمىز. چاقىرماقتا،ئاق يوللار چاقىرماقتا، يېڭى كۈندە يېڭىدىن ئىشىك ئېچىپ. چاقىرماقتا،ئاق يوللار چاقىرماقتا، ئۆزلەشكۈچى ئامەتتىن چاچقۇ چېچىپ. چاقىرماقتا،گۈل باغلار چاقىرماقتا، تەشنا كۈتكەن قىزىل گۈل دەستە-دەستە. چاقىرماقتا،گۈل باغلار چاقىرماقتا، سەپكە تۇرغان چىمەنلەر رەستە،رەستە. تارتىشمايمىز،باقمايمىز،قارىمايمىز، كەينىمىزدە قېپقالغان تۇريغۇلارغا. ئالدىمىزدا بەخت بار،يالتىرايدۇ، ئۈزۈپ گۇيا بەختىيار تۇيغۇلاردا... قېنى چاپسان ماڭايلى تاشلاپ قەدەم، سەزگۈ باشقا،ھېس باشقا،سەپەر باشقا. تىنىقلارغا ئۇرۇلدى ھاياتىي دەم، تۇتاشقاندۇر بىزنىڭ يول دەل قۇياشقا! == '''16''' == ياخشىلىقسىز ياشىماس،ياخشى جانلار، ياخشىلىققا كۆمۈلدۈم،خامان ئالدىم. تومۇرۇمدا جۇش ئۇردى يېڭى قانلار، ئاپەتلەردىن قۇتۇلدۇم،ئامان قالدىم. چۆللەر كەزدىم،ئالۋۇنغا كۆزۈم چۈشتى، چاڭقاپ ئۆلدۈم،قەترە سۇ بولدى ھايات! كارامىتىم پاش بولدى،ئۈنۈم ئۆچتى، قوندى باشقا قۇش بولۇپ قارا مامات! يولچى قۇيغان سۇ تاراپ تەنگە پەقەت، ھاياتىمنى خەتەردىن تارتىۋالدىم. قايتا كىرگەن جان قالتىس،قۇدرەت قالتىس، تاغنى يۈدتۈم،ئۇچامغا ئارتىۋالدىم. شېرىن- شەربەت تاغلاردىن ئۆتكىنىمدە، شېرىن- شەربەت ياشناتتى بويلىرىمنى. شىرنىسى يوق دەرەخنى سۆككىنىمدە، بىلىۋالدى مېۋىلەر ئويلىرىمنى. نۇر ۋەسلىدىن ۋەسلىمگە نۇر يۇققاندەك، ياخشىلاردىن ياخشىلىق يۇقتى ماڭا. ئاشۇلارنى سەن ئۇققىن،مەن ئۇققاندەك، ئاشۇلارنى ئامانەت قوياي ساڭا! == '''17''' == تار تىترەپ،تارلار بويلاپ كۈي ئاققاندا، كۆزۈمگە يار سۈرەتلىك ئاي باققاندا. ئالتۇنغا ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم، جىلۋىلەر چىرىغىغا ئوت ياققاندا... كۆرمىگەن بىر چېچەكنى كۆرگىنىمدە، سۆيمىگەن بىر ياپراقنى سۆيگىنىمدە؛ كۈمۈشكە ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم، كۆيمىگەن ئوت ئىچىدە كۆيگىنىمدە. شاماللار قانىتىدا ئىپار ئاڭقىپ، يېڭى بىر پۇراق بىلەن ئۆتسە چاڭقىپ. ئىپارغا ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم، بارمىغان جايلار قالماي تازا قاڭقىپ. كۆزۈمدە يېڭى ھۆسىن،رەڭ ئوينىسا، پەيزىگە پەيزى خۇمار دىل تويمىسا؛ رەڭلەرگە ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم، كۈلمەيسەن،كۈلەلمەيسەن رەڭ بولمىسا. مەن سۆزلەپ خىياللارنى ساڭا بەردىم، چىلان تۇپراق،مۇنبەت يەر ئۇرۇق تەردىم. بىخ سۆزلەيدۇ بەرگىلەر قىسسىسىنى، گۈزەللىككە جان تەردىم،قويۇق تەردىم. 1988-يىلى ئىيۇن،ئۈرۈمچى == '''ئەقىدە''' == مەن تېخى تاقەتتىن ۋاز كەچكىنىم يوق، سەن دېگەن دوقمۇشتا تۇرىمەن كۈتۈپ. ھەر سۆزۈڭ كىرىچتىن ئۈزۈلگەن بىر ئوق، ماڭلايغا قىسمەتنى قويغان چىڭ پۈتۈپ. بىر دەملىك يادىڭغا ئۆمرۈم تەسەددۇق، سەن ياغقان چىراقلار قالمايدۇ ئۆچۈپ. شۈركۈنلۈك شىۋىرغان دەۋەتلەر گۇيا، تۇرىدۇ قۇلاققا ھەردەم قۇيۇلۇپ: «يىتكەنلەر يوقالدى،ئاشۇنداق دۇنيا، جۇلغۇنۇپ تۇرىدۇ ئۆمۈر سويۇلۇپ. يېڭى بىر كۆرپەزلەر،بىر ئالتۇن قىيا. ئالدىڭدا،يۈرمىگىن ئەمدى ئۇيۇلۇپ...» سەن يۈرگەن يوللاردا كېلىمەن يالغۇز، چىقمايدۇ ئىچىمدىن ئاشۇ بىر سادا. كەچمىشلەر شېرىندۇر بەئەينى بالمۇز، سۆيگۈلەر ئاسماندىن قۇيۇلغان يادا. قىياغا چىقمايمەن،قېشىڭغا ئالغۇز، قىزغىنىش،ھىجراندىن بولايلى ئادا. ھەسرەتلەر قاينايدۇ،چاپچىيدۇ پىغان، ئالەمدە ئەستىلىك تەڭرى نەقەدەر. ئۇ قىلار ھۆسنىڭنى ماڭا ئارمىغان، ئىزلىرىڭ مەھكۇمدۇر،ئىزدەي دەربەدەر. سەرۋىلەر بەرگىدە ئىپار چاڭقىغان، قولۇڭنى ماڭا سۇن!ئەكەل،ماڭا بەر. [[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:رۇبائىي]] [[تۈر:ئوسمانجان ساۋۇت]] j4wpnsc2vadxwegeyebq6kxgrzmv9vi ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلىرى 0 24664 176641 176359 2026-10-18T21:35:06Z UyghurArchive 25219 176641 wikitext text/x-wiki == '''ئىككى قۇياش قەسىدىسى''' == گۈزەللەردىن ئەمەسسەن جېنىم، سەندە يوقتۇر گۈلنىڭ ياشنىشى. ئاهۇ كۆزى ئەمەس كۆزلىرىڭ، ئەمما ئۇندا نۇرنىڭ چاقنىشى. بېزىمەيدۇ سېنى باش باھار، ئۇزاتمايدۇ كەچ كۈز جۇدۇنى، ئىككى قۇياش يانسا يۈزۈڭدە، ئۇنىڭ ئەكسى تۇرسا كۆزۈمدە. == '''سۆيگۈمىزنىڭ نەدىكەن تۈنى؟!''' == كۆزلىرىڭدە بارار يىراقلاپ، ھەسرىتىمنىڭ يېشىل بۇلۇتى. ئىسىڭدىكى تامچە شەبنەمدە يۇيۇنىدۇ سۆيگۈمنىڭ ئوتى. ساھىلىڭدا كونا قولۋىقىم، ھېلىغىچە ئولتۇرار مۈگدەپ. توزان باسقان قوڭغۇراقلىرىم، چېركاۋىڭدا تۇرىدۇ ئۈنلەپ. چۈشلىرىڭنىڭ شىلدىرلىشىغا، قۇلاق سېلىپ ياتار ئورمىنىم. تۈمەن يىللار ساقلىدىم سېنى، تۈن قوينىدىن كەلسەڭچۇ جېنىم. == '''ئاه، ۋەتىنىم، سېنى سورايمەن!''' == ئاخشاملىرى چىقىپ تالاغا، قەلبىمنى پاك ھېسقا ئورايمەن. مەغرىب تامان ئۇچقان شامالنى، ھۇزۇرلىنىپ ئۇزاق پۇرايمەن. شەبنەم تامغان كىرپىكلەر ئارا، مېھرىم بىلەن ئايغا قارايمەن. ئاسمىنىڭنى كەزگەن شۇ ئايدىن، تۇپرىقىڭنى سۆيگەن شامالدىن، ئاه، ۋەتىنىم، سېنى سورايمەن! == '''دولقۇنلايدۇ بىپايان كۆزۈڭ''' == دولقۇنلايدۇ بىپايان كۆزۈڭ، ئېزىپ قالغان يەلكەنمەن ئۇندا. بورانلىرىڭ پەسەيمەس زادى، بىر ۋەھىمە ياڭرار شاۋقۇندا. ئىستىمەيمەن قىرغا بېرىشنى، ھايات-ئۆلۈم ماڭا بېرىبىر. پاچاقلىنىپ دولقۇنلىرىڭدا، ئاڭا چۆكۈپ كېتەرمەن ئاخىر. == '''قاچان سۆيدۈم سېنى''' == جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟ تۇنجى باھار تۇغۇلغاندىمۇ؟ كۆيۈپ كۆكتە ئىلاھىي ھىجران، ئاي ۋە قۇياش ئايرىلغاندىمۇ؟ جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟ كۆزلىرىڭدە يۇيۇنار ۋىناس. كىرپىكىڭدە مۈگىدەر قۇشلار، ئۇخلىغاندا سىرلىرىڭ تىمتاس. جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟ چېچەكلەردىن كېلەر پۇرىقىڭ. يادلىشىدۇ ئىسمىڭنى سۇلار، ئاڭلىنىدۇ يەردىن تىنىقىڭ. جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟ قانداق كىرىپ كەلدىڭ چۈشۈمگە؟ كەتتىڭ تاڭنى مەندىن ئۇزارتىپ، سېھرىي ناخشا بولۇپ كۈيۈمگە. جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟ تۈمەن يىللار ياشىدۇق گويا. شائىرىڭمەن پەقەتلا سېنىڭ، يۈرىكىمدە ئىلاھىي ئوقيا. جانان، قاچان سۆيدۈم مەن سېنى؟ تۆرەلدىممۇ سېنىڭدىن ياكى؟ ئاشىقىڭمەن پىنھان، كائىنات ۋۇجۇدلۇقتىن ئۆچكىچە تاكى. == '''تۈن قۇياشى''' == ''بىر مۇھاجىرنىڭ سالام خېتى'' سەن ئۆلگەندە بولالمىسام قېشىڭدا، ئانا، ئارمانىمنى تۇزلىغايسەن يېشىڭدا، ئانا. قات-قات چېگرا ئارقىسىدا قالدى ئالۋۇندەك، قۇشتەك ئەگىپ يۈرگەن چاغلار پېشىڭدە، ئانا. شۇ چاغلاردا پېشىڭنى چىڭ تۇتقان بۇ قولۇم، كۆك بۆرىنى تۇتتى ئەمدى، ئاغزىمدا گۇگۇم. چۆچەكلىرىڭ مانا بۈگۈن كېچەمگە ئايدىڭ، مەيلى كېلەر، مەيلى كەلمەس، بارماقتا يولۇم. تۆكۈلمەكتە ياپراقلىرىم، پەسلىم كۈز ئەمەس، بوران-چاپقۇن، قاراڭغۇلۇق، يولۇم تۈز ئەمەس. كۈندۈزۈمدە ئاي-يۇلتۇزلار، تۈنۈمدە قۇياش، ۋەتەن، دېسەم ئاغزىم قانار، قان بۇ... سۆز ئەمەس. == '''كىشنەيدۇ يۈرەك''' == ئاشىقىڭمەن ئۈنسىز، ئۈمىدسىز، تونۇمايسەن لېكىن سەن مېنى. چاچلىرىڭنى پۇرايمەن پەقەت، قۇچاقلايمەن چۈشۈمدە سېنى. تەنھا قالدىم ئايدىڭ كېچىدە، سىردىشىم يوق شۇ ئايدىن بۆلەك، يايلىقىدا سۆيگۈڭنىڭ شۇدەم، ئۇزاق-ئۇزاق كىشنەيدۇ يۈرەك. == '''ئەتىلەرنىڭ ئۆتكەن بۈگۈنى''' == تەقدىرىمنىڭ ئۆيى ئەلمىساق، قىيامەتتىن كېلەر ئۆتمۈشۈم. كۈن تۈنىدە ئۇخلايمەن ئويغاق، ھەقىقەتتىن بالقىيدۇ چۈشۈم. زامانسىرار مەن ئۈنگەن تۇپراق، باشلانمىدى تېخى كەچمىشىم. دىلدا يارا، زۇلمەتلىك چىراق، يىغلار كۈلكەم، كۈلەر كۆز يېشىم. بۇلدۇقلايمەن بۇلاقتىن چاڭقاق، كۆكسىرەيمەن كۆكنى قۇچاقلاپ. ئەبەدىيەت — روھىمدا دوزاخ، بارار يوللار مەندە ئۇزاقلاپ... تەبىرلەسمەن ئۆمرۈمنى ئەگەر: ئەتىلەرنىڭ ئۆتكەن بۈگۈنى! ئۆزلۈكۈمنىڭ بارماقلىرىدا، يېشىلمەكتە مانا تۈگۈنى. == '''سۈرگۈن''' == ئۆزلىرىنى ئالار ئولتۇرۇپ، كۆكرىكىڭدە يېشىل دەرەخلەر. چېقىلىدۇ روھۇم ئۈستىدە بارمىقىڭدىن چۈشكەن قەدەھلەر. تېرىپ كېلەر ئىزىڭدىن يوللار، چۈشۈپ قالغان چۆچەكلىرىڭنى. ئۆلۈپ قالار يۇمران چۈشلىرىڭ، چىڭ سىقىملاپ ئەمچەكلىرىڭنى. سۈرگۈنۈڭمەن ئەبەدىلىك جېنىم، ئىسيانىمدا كۈيلەيمەن سېنى. چېچەكلىدى سېپىللىرىڭدا چاچراپ تۇرغان سۆيگۈمنىڭ قېنى. ئۆلۈمۈمدىن تۇرارمەن بەزەن، ھەسرىتىڭنىڭ جىمغۇرلۇقىدىن. چاچلىرىڭدىن سۆرەپ كېلىمەن، زۇلمەتلەرنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن. == '''ئىنتىزار''' == كۆزلىرىڭدە بارار يىراقلاپ، ھەسرىتىمنىڭ يېشىل بۇلۇتى. ئېسىڭدىكى تامچە شەبنەمدە يۇيۇنىدۇ سۆيگۈمنىڭ ئوتى. ساھىلىڭدا كونا قولۋىقىم، ھېلىغىچە ئولتۇرار مۈگدەپ. توزان باسقان قوڭغۇراقلىرىم، چېركاۋىڭدا تۇرىدۇ ئۈنلەپ. چۈشلىرىڭنىڭ شىلدىرلىشىغا، قۇلاق سېلىپ ياتار ئورمىنىم. تۈمەن يىللار ساقلىدىم سېنى، تۈن قوينىدىن كەلسەڭچۇ جېنىم. == '''ئۆمۈرلۈك كېچە''' == كېچە ئىكەن تۇغۇلغاندا مەن، تاڭ ناخشىسى ئېيتاركەن ئانام. ئۇپۇقلارغا باقسام ھەر قېتىم، تاڭ ئاتىدۇ، دەيدىغان ئاتام. قاراڭغۇلۇق ئىزناسىمىكىن، چېچىم قارا، كۆزلىرىم قارا. ۋۇجۇدۇمغا غۇۋا نۇر چاچار، قەلبىمدىكى ساقايماس يارا. ياشاپتىمەن قىرىق ئىككى يىل، تۈگىمىدى بۇ ئۇزۇن كېچە. قانچىلىغان يۇلتۇزلار ئاقار، ئاھ... ئىلاھىم، شۇ تاڭ ئاتقىچە. == '''مىڭ بىر كېچە''' == بەست شەھىرزات، يېتەر چۆچىكىڭ، كېتەي پۈتمەس ۋەھىمە ئىچىدىن. قۇياش يانغان نۇرلۇق بىر كۈندۈز، ئارتۇق ماڭا مىڭ بىر كېچىدىن. مىڭ بىر كېچە، مىڭ بىر كېچە، مىڭ بىر كېچە، مىڭ بىر كېچە. تىلسىم كېچە كۆزدە يوق ئۇيقۇ، ئۆتمۈشۈمنى قالىمەن ئەسلەپ. ئارزۇلايمەن مىڭ بىر كۈندۈزنى، چۆچەكلەردىن تەسەللى ئىزلەپ. مىڭ بىر كېچە، مىڭ بىر كېچە، مىڭ بىر كېچە، مىڭ بىر كېچە. == '''سىلەرگىمۇ دەپ قوياي''' == ئاڭلاپ قالدىم مومامدىن، سىلەرگىمۇ دەپ قوياي. نۇرغۇن چۆچەك بىلەرمىش، ئاسماندىكى تولۇن ئاي. ئۇخلىماڭلار بۇ كېچە، ئۆگزىلەردىن ئېلىپ جاي. ئويغا سېلىپ سىلەرنى، چۆچەك ئېيتىپ بېرەر ئاي. [[تۈر:ئۇيغۇر]] [[تۈر:شېئىر]] [[تۈر:ئەخمەتجان ئوسمان]] df5s1e1kqhqe1iiubdoq85ng09iwj8i