مەدەنیيەت
From Wikipedia
مۇرات ناسيروv ھەققىدە سۆيۈملۈك دوستلار! شۇنچە شوھ <ئاتۇش> ناھشىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىنگ قەلبىنى لەرزىگە سەلىپ،ھاياتلىققا رومانتىك مۇھەببەت تۇيغۇسى بىلەن ئۈزۈلمەس شىجائەت بەھش ئېتىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم ! بەلكى،بۇ ناخشىنى بىلمەيدىغان بىرمۇ ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك؟! ئۇيغۇرنىنگ پاك مۇھەببەتكە ،ساداقەتمەنلىككە شۇنداقلا ئەركىن، شاد-خورام ھاياتقا بولغان ئىنتىلىشى بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ ناخشا ئۇيغۇرنىنگ مەنىۋى كۈچ قۇۋۋىتىنىنگ مەنبەسى سۈپىتە،ئۇيغۇرلارنىنگ ئايىقى تەككەن يەرلەرنىنگ ھەممىسىگە يەتىپ بارغان ئىدى. مانا بۈگۈنكى كۈنلەردە بۇ ناخشا موسكۋا سەھنىلىرىنى زىل-زىلىگە سېلىپ، سەنەتخۇمار رۇس تاماشىبىنلىرى نى ئورۇنلىرىدىن تۇرغۇزىۋەتمەكتە. بۇ ناخشا بىپايان رۇسىيىنىنگ ئەنگ چېتىدىكى سوغاق ئىقلىم شەھەرلىرىدە ،ۋولگا -ئۇرال ۋادىلىرىدا ، ئۇكرائىنىيىنىنگ دنەپر دەريالىرى ۋادىلىرىدا ،بەلوروسىيىنىنگ يېشىللىققا پۇركەنگەن تۈزلەنگلىلكلىرىدە، مولداۋىيەنىنگ ئۈزۈمزارلىقلىرىدا يانگراپ،ئۇ يەرلەردىكى كىشىلەرگە ئۇيغۇر مىللىتىنىنگ دوستلۇق تىلەكلىرىنى بىلدۈرمەكتە. ئۆمۈرىدە ئۇيغۇر دىگەن نامنى ئانگلاپ باقمىغان كىشىلەر ئۇيغۇرنىنگ بۇ شوخ ناخشىسىنىنگ كۈچلىك مۇزىكىلىق ئۇدارلىرىغا جۈر بولۇپ ئۇسۇلغا چۈشمەكتە. ئۇنداقتا مەزكۇر ناخشىنى شۇنچە يەقىملىق ئېيتىپ، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقى كىشىلىرىنى ھاياجان’غا سالغان بۇ ناخشىچى كىم؟ ئۇ، بۈگۈنكى كۈندە روسىيە جۈملىدىن پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىدا مەشھۇر بولۇپ تونۇلغان ،ناخشا ھۇمار ياشلارنىنگ چوقۇنۇش ئوبيېكتىغا ئايلانغان، ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروۋتۇر. مۇرات ناسىروۋ بۈگۈنكى رۇس ئەسترادلىق ناخشا -مۇزىكىسىنىنگ ئەنگ مەشھۇر ۋەكىللىرى ئاللا پۇگاچەۋا، فىلىپ كىركوروۋ،ئولەگ گازمانوپ،ۋالەرى لىئەئونتەۋ ۋە باشقىلار غا ئوخشاش شان-شۆھرەتكە ئەرىشكەن بولۇپ، ھازىرقىزامان رۇسىيە سەن`ەت تارىخىدىن پەخىرلىك ئورۇن ئالغان. مۇرات ناسىروۋ 1969-يىلى قازاقىستاننىنگ ئالمۇتا شەھرىدە سەن`ەتكار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئالمۇتىدا تۈگەتكەندىن كەيىن،ئارمىيىگە چاقىرتىلىپ، ئىككى يىل ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەندىن كېيىن، موسكۋاغا بېرىپ، گنèسوپ نامىدىكى مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ،ئۇنى 1996-يىلى پۈتتۈرگەن. مۇرات ناسىروۋ1991-يىلى يالتا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سابىق سوۋەت ئىتتىپاقى بويىچە ياشلار فèستىۋالىغا قاتنىشىپ،پوپ ناخشا تۈرلىرى بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگەللىگەن. ئەنە شۇنىنگدىن كèيىن، ئۇ ئاستا- ئاستا تونۇلۇشقا باشلىغان.ئۇ بىر ياقتىن ئوقۇپ يەنە بىر ياقتىن <يېنگى پورت >ناملىق ناخشا-مۇزىكا گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، ئۇنىنگغا ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە كونسèرتلار ئۆتكۈزگەن ھەمدە بەزى كىنو ۋە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىنگ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ،ناخشىلىرىنى èيتىپ بەرگەن. مۇرات ناسىروۋ 1997-يىلىغا كەلگەندە <تامبوۋغا بارماقچى بولغان بالا> ناملىق ناخشىسىنى ئېيتىپ، بىردىنلا دانگ چىقارغان .ئۇنىنگ بۇ ناخشىسى رۇسىيە جۈملىدىن پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىدىكى ياشلارنىنگ ئەنگ سويۇپ ئوقۇيدىغان ۋە ئانگلايدىغان ناخشىسىغا ئايلانغان. ئۇنىنگ ناخشا ئېيتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىنىنگ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرى تەرىپىدىن ھەر كۈندىكىدەك نەچچە قېتىملاپ كۆرسىتىلىپ، ئۇنىنگ ئوبرازى ۋە ناخشىلىرى كىشىلەرگە چونگقۇر تەسىراتلار قالدۇرغان ئىدى. مۇرات ناسىروۋ ئارقىدىنلا ئاتاقلىق رۇس ناخشىچىسى ئاپىنا بىلەن بىرگە <ئايدىنگ كèچە> ناملىق ناخشىسىنى èيتىپ،ناخشا ھەۋەسكارلىرىنى يەنە بىر قèتىم زىل-زىلىگە سالدى.ئۇنىنگ بۇ ناخشىسى مەخسۇس كۆرۈنۈشلەر بىلەن كىرۈشتۈرىلىپ،تèلèۋىزىيە ئېكرانلىرىدا كۆرسىتىلدى. مۇرات ناسىروۋ ئۆزىگە شان شەۋكەت ئېلىپ كەلگەن مەزكۇر ناخشىلىرىنىنگ مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىشلىگەن ،سۆز تەكىستىنى ئۆزى يازغان بولۇپ،ئۇ ئۆزىنىنگ ئەنە شۇنداق كوپ تەرەپلىمىلىك تالانتى بىلەن روسىيە ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەربابلارنى قايىل قىلغان ئىدى.مۇراتناسىروۋ ھازىرغىچە :<مېنىنگ تارىخىم> قاتارلىق بەش Hد پلاستىنكىسىمۇ ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ، ئۇنىنگ پلاستىنكىلىرى كەنگ بازار تاپقان. مۇرات ناسىروۋ ھەققىدە رۇسىيىدىكى جۈملىدىن مۇستەقىل دۆلەتەر ھەم دوستلۇقىدىكى تېلېۋىزىيە، رادىئو كومپانىيلىرى مەخسۇس پروگراممىلارنى ئىشلەپ تارقاتقان. گېزىت ۋە زورناللار بولسا تۈرلۈك ماقالىلارنى ۋە باھالارنى èلان قىلغان ئىدى. ئۇنىنگدىن باشقا يەنە ئىنتەرنەت تورلىرىدىمۇ مۇرات ناسىروۋ ئۈچۈن مەخسۇس سەھىپىلەر èچىلغان. موسكۋادىكى ئاتاقلىق ئىنتەرنەت گېزىت لىرىدىن بىرى<لىرىكىس.رۇ>دا < مۇرات ناسىروۋ دۇنيادىكى ئەنگ ئاتاقلىق ئۇيغۇر>دىگەن ماۋزۇدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە مۇرات ناسىروۋنىنگ مۇخبىرگە بەرگەن سۆھبىتى èلان قىلىنغان. ماقالىنىنگ ئاپتورى رۇسىيە مۇزىكا ساھەسىدىكى مۇتەھەسسىسلەرنىنگ مۇرات ناسىروۋقا بەرگەن باھاسى ئۈستىدە توختۇلۇپ،<ئۇنىنگ ئاۋازى جارانگلىق،كىشىگە يېنىك،يèقىملىق تۇيغۇ بèرىدۇ.مۇزىكىلىرى لىرىك ۋە يۇمشاق بولۇپ،كۈچلىك كەسپىي سەۋىيە ئىپادىلەنگەن>دەپ يازغان ئىدى. مۇرات موسكۋادىمۇ بىرلىرىنىنگ سوئاللىرىغا ھەر قاچان ئۆزىنىنگ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىنگ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىدىن ھەۋەر بېرىشنى ئۇنۇتمىغان.ئۇ ھەتتا <ئۆزىنى مەن بىر ۋەتەنپەرۋەر مەن. مەن مىللىتىمنىنگ پارلاق ئۆتمۈش مەدەنىيىتى بىلەن پاجىئەلىك قىسىمىتىنى ناخشام ئارقىلىق كىشىلەرگە بىلدۇرىمەن.مەنى بىلسەنگلار ئۇيغۇرنى بىلىسىلەر !> دەپ ئۆزىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن مۇخبىرلارغا بىلدۈرگەن. 1995-يىلى موسكۋادىكى ۋاقتىمدا مۇرات بىلەن تونۇشقان ئىدىم. شۇ چاغدا ئۇ مانگا ئۆزىنىنگ سەن`ەت پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن شۇنداقلا ئۇنىنگ قازاق سپونسورىنىنگ تەلىپى بويىچە ئۆزىنى قازاقىستانلىق دەپ يۈرۈشكە ھەتتا بەزى يەرلەردە قازاق دېيىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.ئۇ چاغدا مۇرات مۇنداق كەنگ تونۇلمىغان بولۇپ،ئىقىتسادىي جەھەتتىن قوللايدىغان كىشىلەرگە مۇھتاج ئىدى.ئۇ، مىنگ تەسلىكتە شۇ قازاق سپونسورنى تاپقان ئىكەن.ئۇنىنگ ئېيتىپ بېرىشىچە؛ ئۇ ئاخشاملىرى موسكۋانىنگ كەچلىك كلۇپلىرىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۆزىنىنگ كلىپلىرىنى ئىشلەش ئۈچۈن پۇل توپلىغان. ئاخىرى 1997-يىلىروسىيىنىنگ ئەنگ ئاتاقلىق ناخشىچىسى ئاللا پۇگاچەئاvا ۋە باشقىلارنىنگ قوللىشى ئارقىلىق، ئۆزىگە شان شەرەپ ۋە دانگ چىقىرىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلگەن <مالچىك ھوچەت تامبوv>(تامبوvقا بارماقچى بولغان بالا) ناملىق ناخشىسىنى تېلېۋىزىيە كۆرۈنىشىلىرى(كلىپ)بىلەن ئىشلەپ چىقىپ،موسكۋا تèلèvىزىيەسىدىن تارقىتىشقا مۇۋەپپەق بولغان. 2 خۇددى ھەر بىر ئادەمنىنگ ئۆسۈپ يèتىلىپ،نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىدە مەلۇم بىر ئاساسى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان سەۋەپ بولغىنىدەك مۇرات ناسىروۋنىنگمۇ مۇنداق مەشھۇر سەنەتكار بولۇپ يèتىلىشىغا تەسىر كورسەتكەن ئامىللارنىنگ بىرى ئەلۋەتتە،ئالدى بىلەن ئۇنىنگ ئاتا-ئانىسىنىنگ تەربىيلىشى، كۆيۈنىشى ۋە قوللىشى بولۇپ ھèساپلىنىدۇ.ئۇ، دەسلەپكى ناھشا- مۇزىكا تەربىيىسىنى دادىسىدىن ئالغان بولۇپ،ئۇنىنگ دادىسى ئىسمائىل ناسىروۋ ئەسلى سەنەتكار ئىدى. ئۇ،1940-يىللاردىن باشلاپ ، ئاقسۇ،قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى سەن`ەت گۇرۇپپىلىرىدا ئىشلىگەن. 1945-يىلى 8-ئايدا شەرقى تۇركىستان مىللى ئارمىيىسى پودپولكوۋنىكى سوپاھۇن باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا مۇزارت داۋىنىئارقىلىق،جەنۇپقا چۈشۈپ ،ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالغاندا، ئىسمائىل ئاكا مىللىي ئارمىيە سèپىگە قوشۇلۇپ، ئاقسۇ ئەتراپىدىكى جەنگلەرگە قاتناشقانىكەن.1945-يىلى 10-ئايدا مىللى ئارمىيە بۇيرۇق بويىچە شىمالغا چېكىنىپ چىققاندا ،ئۇ سوپانھۇن پولكىدا سەنەت كۇرۇجۇكى قۇرغان. كېيىن غۇلجىغا يۆتكىلىپ، ئىلى ھۆكۈمىتىنىنگ دۆلەتلىك سەن`ەت ئۆمىكىدە ۋە مىللى ئارمىيە سەنەت ئۆمىكىدە خىزمەت قىلغان.1949-يىلى مىللى ئارمىيە جۇنگگو ئازادلىق ئارمىيىسىنىنگ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندە، مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوv قوماندانلىقىدىكى 13-دىvىزىيەنىنگ سەن`ەت گۇرۇپپىسى بىلەن جەنۇبقا چۈشۈپ ،قەشقەرگە ئورۇنلۇشۇپ،ئوز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان ھەمدە 1956-يىلى سوvەت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققان ئىكەن. مۇرات مانا شۇ پەشقەدەم سەنەتكارنىنگ تەربىيلىشىدە ئالدى بىلەن سىكىرپكا ۋە ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەنگەن.ئۆسمۈرلىك ۋاقتىدا دادىسى ئۆگەتكەن ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئائىلە سورۇنلىرىدا ۋە مەكتەپلەردە èيتىپ،ئوز تالانتى بىلەن كىشىلەرنى قائىل قىلغان.مۇراتنىنگ ئانىسىھاتىرە خانىممۇ ئوغلىنىنگ بالىلار باغچىسى ،باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاقىتلاردىلا دادىسىدىن كۆپلىگەن ناخشىلارنى ئۆگىنىپ ئېيتقانلىقى ھەتتا ئۆزى سەنەت گۇرۇپپىلارنىنگ قۇرغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتكەن ئىدى. مۇرات 18 يەشىدا ئارمىيە سەپىغا چاقىرتىلىپ، تۈركمەنىستاندا خىزمەت ئۆتىگەن. ئۇنىنگ ئاكىسىمۇ سوvېت ئارمىيىسىنىنگ مايور دەرجىلىك ئوفەتسەرى بولۇپ،ئۇ ئىنىسىنىنگ ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈچۈن كوپ كۈچ چىقارغان ئىكەن.1995-يىلى مۇرات مانگا ئۆزىنىنگ ئارمىيىدىكى ۋاقتىدا سەنەت كۇرۇجۇكى قۇرۇپ چىققانلىقى، موسكۋالىق رۇس بالىلىرىنىنگ ئۇنى موسكۋاغا بېرىشىنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ،بىر قەتىم موسكۋادىن كەلگەن بىر ناخشىچى بىلەن تونۇشۇپ قالغانلىقى ،ئۇ مۇراتنىنگ تالانتىغا ھەيران قېلىپ، ئۇنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلغانلىقى، شۇنىنگ بىلەن ئۇنىنگ مۇزىكا ھاياتى ھەقىقى تەرەققىيات يولىغا مانگغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. مۇرات ناسىروvنىنگ <بۇ مەن ۋە سەن >،<ئايدىنگ كېچە> ،< تامبوvقا بارماقچى بولغان بالا> قاتارلىق ناخشىلىرى پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقى غا كەنگ تونۇلغان.مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرى ئىچىدە مۇراتتەك شۆھرەت قازان’غان ياش ناخشا چولپانلىرى يوق دىيەرلىك بولۇپ، ئۇلارنىنگ كۆپىنچىسى ئوز جۇمھۇرىيەتلىرى دائىرسىدىلا چەكلىنىپ قالغان.مۇرات موسكۋا سەھنىسىنى ئاساس قىلىپ پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقى غا كەنگ تونۇلۇش پۇرسىتىگە èرىشەلىگەن ئىدى.مەلۇماتلارغاقارىغاندا ئۇ ھازىر يېنگى ناخشىلارنى ئىجاد قىلىش ھەمدە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى يېنگىدىن ئاكورتلاشتۇرۇپ،پوپ ناخشا ھالىتىگە لايىقلاشتۇرۇپ،سەھنىگەئەلىپ چىقىش ئۈستىدە ئىشلىمەكتە. مۇرات ناسىروۋ يèقىندا يەنە «قالدىم يالغۇز» ناملىق ئۆزىنىنگ تۇنجى ئۇيغۇرچە ناخشا ئالبومىنى موسكۋا شەھرىدە نەشىر قىلىپ تارقاتتى. بۇ رۇسىيە تارىخىدا تۇنجى قèتىم مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇرچە ئۇن پلاستىنكىسىدۇر،مەزكۇر پلاستەنكا موسكۋا ۋە رۇسىيە بازارلىرىدا تارقىلىشقا باشلىغان. مۇرات ناسىروv مانگا ئۆزىنىنگ قانداق قىلىپ، ئۇيغۇرچە ناخشا ئالبومى چىقارغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بەرىپ، بۇنىنگغا دادىسىنىنگ ۋاپاتىنىنگ سەۋەپ بولغانلىقىنى شۇنىنگ بىلە بىر ۋاقىتتا قانداقتۇر بىر روھى كۇچ ئۇنى ئوز مىللىتىگە قايتىشقا،ئۇنى تېخىمۇ سۆيۈشكە ئۈندەۋاتقانلىقىنى دېدى. ئۇ ھازىر چەت`ەل ۋە رۇسىيە سەھنىلىرىدە داۋاملىق ئۇيغۇرچە ناخشا ئەيتىشنى ئادەت قىلغان، ئۇنىنگ ئايالى لاتىش مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇ دائىم مۇراتقا جۇر بولۇپ، ئۇيغۇرچە ناخشا ئەيتىدىكەن.ئۇمۇ ئۇيغۇرچىنى ئوگۇنىۋەتىپتۇ. مۇرات ھازىر يەنە باشقا ئۇيغۇرچە مۇزىكىلارنى ۋە ناخشىلارنى يېزىش ھەم ئىشلەشكە تەرەددۇت قىلىۋېتىپتۇ.ئۇ باشقا ئاتاقلىق رۇس ناخشىچىلىرىغا دائىم ناخشا يېزىپ بېرىدىكەن، ئۇلارنىنگ ناخشىلىرىغىمۇ ئىمكان قەدەر ئۇيغۇر مۇزىكا پۇراقلىرىنى سىنگدۇرۇش بىلەن ئۇيغۇر سەن`ىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرنىنگ كەنگ ھوزۇرلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىشقا تىرىشىۋەتىپتۇ
Murat Nasyrov Heqqide Söyümlük dostlar! Shunche shoh <Atush> nahshisi uzun yillardin buyan kishilerning qelbini lerzige selip,hayatliqqa romantik muhebbet tuyghusi bilen üzülmes shijaet behsh étip kéliwatqanliqi hemmige melum ! Belki,bu naxshini bilmeydighan birmu Uyghur bolmisa kérek?! Uyghurning pak muhebbetke ,sadaqetmenlikke shundaqla erkin, shad-xoram hayatqa bolghan intilishi bilen yughurulghan bu naxsha Uyghurning meniwi küch quwwitining menbesi süpite,Uyghurlarning ayiqi tekken yerlerning hemmisige yetip barghan idi. Mana bügünki künlerde bu naxsha Moskwa sehnilirini zil-zilige sélip, senetxumar Rus tamashibinliri ni orunliridin turghuziwetmekte. Bu naxsha bipayan Rusiyining eng chétidiki soghaq iqlim sheherliride ,Wolga -Ural wadilirida , Ukrainiyining Dnepr deryaliri wadilirida ,Belorosiyining yéshilliqqa purkengen tüzlenglilkliride, Moldawiyening üzümzarliqlirida yangrap,U yerlerdiki kishilerge Uyghur millitining dostluq tileklirini bildürmekte. Ömüride Uyghur digen namni anglap baqmighan kishiler Uyghurning bu shox naxshisining küchlik muzikiliq udarlirigha jür bolup usulgha chüshmekte. Undaqta mezkur naxshini shunche yeqimliq éytip, Musteqil döletler hem dostluqi kishilirini hayajan’gha salghan bu naxshichi kim? U, bügünki künde Rosiye jümlidin pütün musteqil döletler hem dostluqida meshhur bolup tonulghan ,naxsha humar yashlarning choqunush obyéktigha aylanghan, naxsha cholpini Murat Nasirowtur. Murat Nasirow bügünki Rus estradliq naxsha -muzikisining eng meshhur wekilliri Alla Pugachewa, Filip Kirkorow,Oleg Gazmanop,Waleri Lieontew we bashqilar gha oxshash shan-shöhretke erishken bolup, hazirqizaman Rusiye sen`et tarixidin pexirlik orun alghan. Murat Nasirow 1969-yili Qazaqistanning Almuta shehride sen`etkar ailiside tughulghan. Bashlanghuch we Ottura mekteplerni Almutida tügetkendin keyin,Armiyige chaqirtilip, ikki yil herbiy xizmet ötigendin kéyin, Moskwagha bérip, Gnèsop namidiki Muzika institutigha oqushqa kirip,uni 1996-yili püttürgen. Murat Nasirow1991-yili Yalta shehride ötküzülgen Sabiq Sowet ittipaqi boyiche yashlar fèstiwaligha qatniship,Pop naxsha türliri boyiche birinchi orunni igelligen. Ene shuningdin kèyin, U asta- asta tonulushqa bashlighan.U bir yaqtin oqup yene bir yaqtin <yéngi port >namliq naxsha-muzika guruppisini qurup, uninggha özi yétekchilik qilish bilen birge konsèrtlar ötküzgen hemde bezi kino we téléwiziye filimlirining muzikisini ishlep,naxshilirini èytip bergen. Murat Nasirow 1997-yiligha kelgende <Tambowgha barmaqchi bolghan Bala> namliq naxshisini éytip, birdinla dang chiqarghan .Uning bu naxshisi Rusiye jümlidin pütün Musteqil döletler hem dostluqidiki yashlarning eng soyup oquydighan we anglaydighan naxshisigha aylanghan. Uning naxsha éytiwatqan körünüshliri musteqil döletler hem dostluqining her qaysi jayliridiki téléwiziye qanalliri teripidin her kündikidek nechche qétimlap körsitilip, uning obrazi we naxshiliri kishilerge chongqur tesiratlar qaldurghan idi. Murat Nasirow arqidinla ataqliq Rus naxshichisi Apina bilen birge <Ayding kèche> namliq naxshisini èytip,naxsha heweskarlirini yene bir qètim zil-zilige saldi.Uning bu naxshisi mexsus körünüshler bilen kirüshtürilip,Tèlèwiziye ékranlirida körsitildi. Murat Nasirow özige shan shewket élip kelgen mezkur naxshilirining muzikisini özi ishligen ,söz tekistini özi yazghan bolup,u özining ene shundaq kop tereplimilik talanti bilen Rosiye naxsha-muzika sahesidiki erbablarni qayil qilghan idi.MuratNasirow hazirghiche :<Méning tarixim> qatarliq besh CD plastinkisimu ishlep chiqarghan bolup, uning plastinkiliri keng bazar tapqan. Murat Nasirow heqqide Rusiyidiki jümlidin Musteqil döleter hem dostluqidiki téléwiziye, radio kompaniyliri mexsus programmilarni ishlep tarqatqan. Gézit we zornallar bolsa türlük maqalilarni we bahalarni èlan qilghan idi. Uningdin bashqa yene Internet torliridimu Murat Nasirow üchün mexsus sehipiler èchilghan. Moskwadiki ataqliq internet gézit liridin biri<Lirikis.ru>da < Murat Nasirow Dunyadiki eng ataqliq Uyghur>digen mawzuda bir parche maqale élan qilinghan bolup, Bu maqalide Murat Nasirowning muxbirge bergen söhbiti èlan qilinghan. Maqalining aptori Rusiye muzika sahesidiki mutehessislerning Murat Nasirowqa bergen bahasi üstide toxtulup,<Uning Awazi jarangliq,kishige yénik,yèqimliq tuyghu bèridu.Muzikiliri lirik we yumshaq bolup,küchlik kespiy sewiye ipadilengen>dep yazghan idi. Murat Moskwadimu birlirining soallirigha her qachan özining Uyghur ikenlikini shundaqla Uyghurlarning qandaq millet ikenlikidin hewer bérishni unutmighan.U hetta <özini men bir wetenperwer men. Men millitimning parlaq ötmüsh medeniyiti bilen pajielik qisimitini naxsham arqiliq kishilerge bildurimen.Meni bilsenglar Uyghurni bilisiler !> dep özini ziyaret qilip kelgen muxbirlargha bildürgen. 1995-yili Moskwadiki waqtimda Murat bilen tonushqan idim. Shu chaghda u manga özining sen`et paaliyetliri heqqide sözlep bergen shundaqla uning Qazaq sponsorining telipi boyiche özini Qazaqistanliq dep yürüshke hetta bezi yerlerde Qazaq déyishke mejbur bolghanliqini eskertken idi.U chaghda Murat mundaq keng tonulmighan bolup,iqitsadiy jehettin qollaydighan kishilerge muhtaj idi.U, ming teslikte shu Qazaq sponsorni tapqan iken.Uning éytip bérishiche; U axshamliri Moskwaning kechlik kluplirida naxsha éytip, özining kliplirini ishlesh üchün pul toplighan. Axiri 1997-yiliRosiyining eng ataqliq naxshichisi Alla Pugacheava we bashqilarning qollishi arqiliq, özige shan sherep we dang chiqirish pursiti élip kelgen <Malchik hochet Tambov>(Tambovqa barmaqchi bolghan bala) namliq naxshisini téléwiziye körünishiliri(klip)bilen ishlep chiqip,Moskwa tèlèviziyesidin tarqitishqa muweppeq bolghan. 2 Xuddi her bir ademning ösüp yètilip,netijilerni qolgha keltürishide melum bir asasi hel qilghuch rol oynighan sewep bolghinidek Murat Nasirowningmu mundaq meshhur senetkar bolup yètilishigha tesir korsetken amillarning biri elwette,aldi bilen Uning ata-anisining terbiylishi, köyünishi we qollishi bolup hèsaplinidu.U, deslepki nahsha- muzika terbiyisini dadisidin alghan bolup,Uning dadisi Ismail Nasirow esli senetkar idi. U,1940-yillardin bashlap , Aqsu,Qeshqer qatarliq jaylardiki sen`et guruppilirida ishligen. 1945-yili 8-ayda Sherqi Turkistan milli armiyisi podpolkowniki Sopahun bashchiliqidiki bir guruppa Muzart dawiniarqiliq,jenupqa chüshüp ,Aqsuni qorshawgha alghanda, Ismail aka milliy armiye sèpige qoshulup, Aqsu etrapidiki jenglerge qatnashqaniken.1945-yili 10-ayda milli armiye buyruq boyiche shimalgha chékinip chiqqanda ,u Sopanhun polkida senet kurujuki qurghan. Kéyin Ghuljigha yötkilip, Ili hökümitining döletlik sen`et ömikide we milli armiye senet ömikide xizmet qilghan.1949-yili Milli armiye Junggo azadliq armiyisining 5-korpusi qilip özgertilgende, Muhemmed Imin Iminov qomandanliqidiki 13-diviziyening sen`et guruppisi bilen Jenubqa chüshüp ,Qeshqerge orunlushup,oz paaliyetlirini dawamlashturghan hemde 1956-yili Sovet ittipaqigha köchüp chiqqan iken. Murat mana shu peshqedem senetkarning terbiylishide aldi bilen sikirpka we naxsha éytishni ögengen.ösmürlik waqtida dadisi ögetken Uyghurche naxshilarni aile sorunlirida we mekteplerde èytip,oz talanti bilen kishilerni qail qilghan.Muratning anisiHatire xanimmu oghlining balilar baghchisi ,bashlanghuch mekteptiki waqitlardila dadisidin köpligen naxshilarni öginip éytqanliqi hetta özi senet guruppilarning qurghanliqini eslep ötken idi. Murat 18 yeshida armiye sepigha chaqirtilip, Türkmenistanda xizmet ötigen. Uning akisimu Sovét armiyisining mayor derjilik ofetseri bolup,u inisining ösüp yétilish üchün kop küch chiqarghan iken.1995-yili Murat manga özining armiyidiki waqtida senet kurujuki qurup chiqqanliqi, Moskwaliq Rus balilirining uni Moskwagha bérishini teshebbus qilghanliqi ,bir qetim Moskwadin kelgen bir naxshichi bilen tonushup qalghanliqi ,U Muratning talantigha heyran qélip, uni Moskwagha teklip qilghanliqi, shuning bilen uning muzika hayati heqiqi tereqqiyat yoligha mangghanliqi heqqide sözlep bergen idi. Murat Nasirovning <Bu men we sen >,<Ayding kéche> ,< Tambovqa barmaqchi bolghan bala> qatarliq naxshiliri pütün musteqil döletler hem dostluqi gha keng tonulghan.Merkizi Asiya xelqliri ichide Murattek shöhret qazan’ghan yash naxsha cholpanliri yoq diyerlik bolup, ularning köpinchisi oz jumhuriyetliri dairsidila cheklinip qalghan.Murat Moskwa sehnisini asas qilip pütün musteqil döletler hem dostluqi gha keng tonulush pursitige èrisheligen idi.Melumatlarghaqarighanda U hazir yéngi naxshilarni ijad qilish hemde Uyghur xelq naxshilirini yéngidin akortlashturup,pop naxsha halitige layiqlashturup,sehnigeelip chiqish üstide ishlimekte. Murat Nasirow yèqinda yene “Qaldim Yalghuz” namliq özining tunji Uyghurche naxsha albomini Moskwa shehride neshir qilip tarqatti. Bu Rusiye tarixida tunji qètim meydangha kelgen Uyghurche un plastinkisidur,Mezkur plastenka Moskwa we Rusiye bazarlirida tarqilishqa bashlighan. Murat Nasirov manga özining qandaq qilip, Uyghurche naxsha albomi chiqarghanliqi heqqide sözlep berip, buninggha dadisining wapatining sewep bolghanliqini shuning bile bir waqitta qandaqtur bir rohi kuch uni oz millitige qaytishqa,uni téximu söyüshke ündewatqanliqini dédi. U hazir chet`el we Rusiye sehniliride dawamliq Uyghurche naxsha eytishni adet qilghan, Uning ayali Latish millitidin bolup, u daim Muratqa jur bolup, Uyghurche naxsha eytidiken.Umu Uyghurchini oguniwetiptu. Murat hazir yene bashqa Uyghurche muzikilarni we naxshilarni yézish hem ishleshke tereddut qiliwétiptu.U bashqa ataqliq Rus naxshichilirigha daim naxsha yézip béridiken, Ularning naxshilirighimu imkan qeder Uyghur muzika puraqlirini singdurush bilen Uyghur sen`itini dunyagha tonushturush we her qaysi milletlerning keng hozurlinishigha imkaniyet yaritishqa tirishiwetiptu